روزى ھېيتقا بېغىشلاپ (ئۆرۈكجان)

(بارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! بارچە ئىشلىرىڭىزلار مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھنىڭ خەيرىيەتلىىرى ئىچىدە ئۆتسۇن! ئۇلۇغ ھېيتىمىزدا ھەممىڭىزلارنىڭ تەنلىرىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن! ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ…)

تۈمەن ساۋاپ مېھىردە كەلدى روزى ھېيتىمىز،
ھېيتىمىزغا شۇ سەۋەپ تىزىلىپتۇ بېيتىمىز.
مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر ھېيتنى ئەۋزەل بىلمىكى،
رەببىمىزگە ئەڭ ئاۋال ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز.

داسىتخاندا بەرىكەت ياغى ئەنە مەئىشەت،
بىز كۈلمەمدۇق ئەلۋەتتە مېھمان بولغان چېغىمىز.
يامغۇر ياغسا رەھمەتتىن بىشارەتنى سەزگەندەك؛
پۈركىنىپتۇ قايتىدىن گۈلگە ئۇندا بېغىمىز.

قېرىنداشنى جەم قىلغان خاسىيىتى شۇ ھېيتنىڭ،
جەم بولماققا چېپىپتۇ ئەنە ئايغىر ئېتىمىز.
كۆرۈنگەن تاغ ئانچىكى يىراق ئەمەس دىگەندەك،
ھېيتتا پۈككەن ئارمانغا بىر كۈنلەردە يېتىمىز.

ئۆكۈنمەڭلار ئاتىلار، يىغلىماڭلار ئانىلار…
بارالمىدۇق مىڭ ئەپسۇس، كەتتى غېرىب خېتىمىز.
ئەي قېرىنداش دۇنياسى، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك!
ئۆزگىرىپتۇ دېمەڭلار ، تېخى “ئۇيغۇر” پېتى بىز!

ئۆرۈكجان.

مىسررانىم تورىدىن ئېلىندى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار