تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

دوكتور ئەسئەت سۇلايمان

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پىسخىكىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپاد چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بېسىلغان:

مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ فرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قولى بىلەن يەرنى بىر _ ئىككى قېتىم سىلاپ قويغانيۇ، يىڭنىنى تېپىۋېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن، پەقەت ئىزدەپ كۆردۈم، دېگەن روھى تەسەللى بىلەنلا بولدى قىلغان؛ گېرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك-كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان، ئاندىن ھەربىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھېلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددى بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، گېزىتكە بېسىلغان بۇ كىچىككىنە مىسسال ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىپادىسىگە، تېخىمۇ توغرىراقى، بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دەرۋەقە، دۇنيا تارىخى سەھىپىلىرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىتالىيە جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ياكى دۇنيا تارىخىدىكى سىياسى ئورنى جەھەتتە ياۋروپادىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «بىر پاي ئۆتۈك» ئىدى. قەدىمكى رىملىقلار بىر مەزگىل زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، يېقىن قوشنىسى _ يۇنانلىقلارنىڭ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغانىدى، خالاس. ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىن كېيىن، ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى گەرچە ئىتالىيىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقى زىلزىلىسى غەربى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنىدى. شۇڭا ئىتالىيانلار ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چېچىلاڭغۇ، بوشاڭ، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز مىللەت ئىدى؛ فرانسۇزلار ھېسسىياتچان، ئۆزگىرىشچان، ئۈززۈل-كېسىللىكى ئاجىز مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناپولىئونغا مىسلىسىز دەرىجىدە چوقۇنۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. فرانسۇز مەدەنىيىتىنىڭ نازاكىتى ۋە مىللى خاراكتېرىنىڭ لاتاپىتى ئۇلاردا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە سەۋەپ بولغانىدى. گېرمانلار گېگىلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئىنسانىيەتنىڭ پىشقان دەۋرى» دىكى ئەقلى تەمكىنلىككە يەتكەن، پەلسەپىۋى كاللىغا ئىگە، سوغۇققان، ئەمەلىيەتچىل مىللەت ئىدى. بىز دۇنيا پەلسەپىسىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنىڭ گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە خارابىسى ئىچىدىكى گېرمانلارنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈپ ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە مىللەتكە ئايلانغانلىقىدىن بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.

خوش، يىڭنە تىمسالىدىن قوزغالغان ئۇلانما تەسەۋۋۇرىمىز بىزنى مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە قىستايدۇ: يىڭنە چۈشۈپ قالغان ئاشۇ سورۇندا بىر ئۇيغۇر بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى؟ ئۇ قولىغا لوپا ئەينەك ئېلىپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سەۋر-تاقەت بىلەن ئەستايىدىل ئىزدەپ كۆرەرمۇ ياكى ئاشۇ ئۆيدە بىر ئۆمۈر يىڭنىگە پۇتلىشىپ بىللە ياشارمۇ!؟….

دەرۋەقە، بۇ بىر ناھايىتى ئاددى مىسال، خالاس. بۇ خىل تەھلىلنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە توغرا خاتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ئوپىراتسىيە قىلىشتا ھامان مۇشۇ تۈردىكى ماھىيەتلىك مىساللارنىڭ ئىلھامىغا موھتاج بولىمىز، ئەلۋەتتە.

شۈبھىسىزكى، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئەمما شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائىي روھى مەدەنىيىتىگە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان پىسخىك جۇغلانما خۇددى پاختا ئىچىدىكى چوغدەك ھامان ساقلىنىپ كېلىدۇ. تۆت مىڭ يىللىق قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يۈز نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە <غەرىپلىشىش> دولقۇنىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى شەرقچە سۈكۈناتقا باي ئاياللىق نازاكىتى ۋە غايىۋى پىنھانلىققا تەشنا ھۆل خاراكتېرى ئۆزگەرگىنى يوق. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، نەچچە مىڭ يىللىق سەرسانلىق-سەرگەردانلىق ۋە ھالاكەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقى زامانغا كەلگەندە مىللى تىرىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى دەل ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى مىللى قېنى بىلەن روھى قاتلىمىدىكى ماھىيەتلىك جۇغلانمىنىڭ ھەر ۋاقت كۇۋەجەپ تۇرغانلىقىدىن بولغان.

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىقىنىڭ گۈللىنىشى بىزنى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن پىسخىك ماھىيىتىنى تولۇق ئوپېراتسىيە قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ماددى دۇنيادىن روھى دۇنياغا _ ئادەمنىڭ ئۆزىگە مەركەزلىشىشى بىزگە كەلگۈسىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاجايىپ ئازاپلىق دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

دەرۋەقە، بىز بۇ يەردە سۆزلەۋاتقان مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا، مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى، ئوتتۇرا قاتلىمى ۋە ئىچكى قاتلىمى دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى_ ماددى مەدەنىيەتنى، ئوتتۇرا قاتلىمى _ ئاددىيلاشقان پىسخىكا بىلەن ئاڭلاشقان ماددىنى، يەنى ھەرىكەت، نەزەرىيە، تۈزۈملەرنى، ئىچكى قاتلىمى_ تاشقى قاتلام بىلەن ئوتتۇرا قاتلام نىڭ جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە شەكىللەڭەن پىسخىك تىندۇرمىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز دەل مىللىتىمىزنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخى شارائىتى دە شەكىللەڭەن مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئىچكى قاتلىمى، يەنى تەكلىماكان غا دۈملەنگەن روھى تىندۇرمىسىددۇر.

ياۋرۇپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت بۇ كونا قۇرۇقلۇقتا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەت لىرى ئاپىرىدە قىلىنغانىدى. تاكى ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنەت ئويغىنىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلار يەلكەنلىك كېمىلىرىگە تايىنىپ يېڭى دېڭىز يوللىرىنى ئاچقان غا قەدەر، قەدىمكى دۇنيانىڭ چەكسىز ئۇزاق تارىخى مۇشۇ كونا قۇرۇقلۇقتا يارىتىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ، بۇ تارىخ ئۆز مەنىسى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق ناز-كەرەشمىسىدە، دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرىدا، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسىدە ئۆز مەزمۇنىنى تولۇقلىغان ئىدى. بىزنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىقىدىكى چەكسىز ئۇزاق بەل باغدا ئوت، سۇ مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ، ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىرىنچى بېتىنى، مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئىپتىدائىي خېمىر تۇرۇچىنى ھازىرلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرىدىكى ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى بىلەن خاراكتىرلىنىدىغان ياۋايى جەسۇرلۇق، قىزىق قانلىق، قاراملىق ۋە ئاسان غىدىقلىنىشچانلىق دەل تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللىق نازاكىتى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تەۋەككۈلانە جاسارىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا شەكىللەڭەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، پۈتكۈل كونا قۇرۇقلۇقنىڭ مەدەنىيەت تارىخى گويا ئۈچ پۇتلۇق داڭقان غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاشۇ سەھنىدە ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تارتىشىپ، تىركىشىپ تۇرۇشتەك تىنىمسىز ۋەزىيەت داۋامىدا روياپقا چىققان ئىدى.

دەرۋەقە، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ پىسخىك جەريان ھامان ئۆزىگە نىسبەتەن مۇقىم ۋە ئۇزاق بولغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى تەلەپ قىلاتتى. مەلۇم بىر مەدەنىيەت مۇھىتى گەرچە سىرتقى يات مىللەتلەرنىڭ تىنىمسىز غىدىقلىشىغا ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان روھى ئەندىزىنى ياكى پىسخىك تىندۇرمىنى ساقلاپ قىلالىسا، شۇ خىل مەدەنىيەت چەمبىرىكى دىكى مىللەتلەر ئۆز خاراكتېرىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كونتىروللىقى بىلەن تۇتۇپ تۇرالايدۇ. يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ تاكى ئەسىردىكى ئەدەبىيات-سەنەت ئويغىنىش دەۋرىگىچە بولغان ئۇزاق تارىخى جەريان دەل مۇشۇ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئۆز ئارا كۈچ سىنىشىش، ئۈستۈنلۈك تالىشىش جەريانىدۇر. خەيرىيەت، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى زىلزىلىسى قانچىلىك كۈچۈك ، ۋەھىمىسى قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولىشىدىن قەتىي نەزەر، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۈنسىز جىلۋىسى ۋە ناز كەرەشمىسىگە تولغان غىدىقلاش لىرى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى تارىخ سەھنىسىدىن سىقىپ چىقاردى. لېكىن، مەيلى تېرىم مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى دېڭىز مەدەنىيىتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ غالىبانە ئەسلىمىلىرىدە يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ سەلتەنەتى ئاخىرلاشقان ئۇزاق يىللارغىچە ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى دە ئەكس ئېتىدىغان ۋەھىمىلىك تۇيغۇلار ئاداققىچە ساقلىنىپ قالدى. شەرقى تېرىمچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان <ھون لار يوقالمىغىچە جاھان تىنجىماس > دېگەن ماقالە بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ <يۇنان ياسايدۇ، تۈرك بۇزىدۇ > دېگەن ماقالە دەل ئاشۇ ۋەھىمىلىك ئەسلى مىنىڭ يالدامىسى دۇر.

شەرقتە چوڭ-كىچىك ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ غەربتە قارا دېڭىزغىچە بولغان چەكسىز ئۇزاق دالىدا_ ئىچكى ۋە شىمالى ئاسىيانىڭ شىۋاق ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان بىپايان يايلاقلىرىدا ھەم شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتىگىمۇ، ھەم غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىگىمۇ ئوخشىمايدىغان كۆچمەنچى مىللەتلەرنىڭ ئاتلىقلار مەدەنىيىتى يارىتىلغان ئىدى. بۇ خىل مەدەنىيەت مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز، جاھىلانە داۋاملاشتۇرىشىدا ئەمەس، بەلكى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۈچىيىپ، شاللىنىپ تۇرىدىغان يايلاق مىللەتلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاش شەكلىدىكى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان سەلتەنىتىدە ھاسىل بولغان ئىدى. شۇڭا، شىمالدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارىخ سەھنىسىگە چىققان ھون لار، رۆرەنلەر، سىيانپىلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، كىدان لار، موڭغۇللار ۋە مانجۇ لارنىڭ ھېچ قايسىسى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تەنھا ياراتقۇچىسى بولالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسى سىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۈلۈشى بار ئىدى. شۇڭا، بۇ خىل مەدەنىيەت ھەر قايسى كۆچمەنچى مىللەتلەرنىڭ زەنجىرسىمان ھالەتتىكى ئۇلىنىشى ۋە ئاڭسىز رەۋىشتىكى داۋاملاشتۇرىشى جەريانىدا بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغانىدى. لېكىن، تارىختا شۇنىسى ئېنىقكى، شىمالى ۋە ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى بۇ بەلباغ نۇرغۇنلىغان كۆچمەنچى مىللەتلەرنى پەيدا قىلغان، ئاۋۇندۇرغان ۋە تارىخ سەھنىسىگە چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇزاققىچە كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان جۇغراپىيەئى زونا ئەمەس ئىدى. بىر مەزگىللىك قىزىققان لىق ئارىلاشقان سەلتەنەتتىن كېيىن يا كۆچۈشكە مەجبۇرى بولۇش، يا تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق قوينىغا سىڭىپ كېتىش ئۇلارنىڭ ئورتاق قىسمىتى ئىدى. شىمالىي ئاسىيانىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۇزۇن مەزگىل سەلتەنەت سۈرگەن ھون لارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۆزى ئاۋۇغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالماي، ئاستا-ئاستا غەربكە سۈرۈلۈپ ياۋروپادىكى دو ناي دەرياسى ۋادىسىغا سىڭىپ كېتىشى؛ ئۆتۈكەن تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ شىمالى ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرگەن كۆكتۈركلەنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇزاق كۆچۈشلەرنى بەشىدىن كەچۈرۈپ كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىغا ماكانلىشىشى؛ ئورخۇن دەرياسى بويىدا باش كۆتۈرۈپ شىمال نى بىر مەھەل ئىدارە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 840-يىلىغا كەلگەندە غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇرى بولۇپ، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىغا يەرلىشىشى؛ يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا كۈچەيگەن قىرغىز لارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىسسىق كۆل بويىغا قايتىپ كېلىشى؛ سەددىچىن نىڭ شىمالىدا كۈچىيىپ، غەربىي شىمال نى بىر مەھەل پاراكەندە قىلغان كىدانلارنىڭ كېيىنچە تارىخ يۈزىدىن ئىز-تىز سىز غايىپ بولىشى؛ ئەسىردىن كېيىن، ياۋرۇپا-ئاسىيا دالىلىرىنى تىترەتكەن موڭغۇللارنىڭ ئاستا-ئاسرا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قېلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟…..ئۇلار نېمە ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاشۇ سىرلىق زونىدا پەيدا بولۇپ ۋە گۈللىنىپ، يەنە ئاشۇ سىرلىق زونىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ!؟

ئەمەلىيەتتە، كۆچمەنچى ئاتلىق قوۋملەرنىڭ چاقماقتەك تېز سۈرەت بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، يەنە شۇنداق سۈرەت بىلەن غايىپ بولىشىنى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقى پوستى كۈچتۈڭگۈرلۈك كە ۋە ياۋايى جەسۇرلۇق قا تولغان، ئەمما ئىچكى قاتلىمى ئاددى، پىسخىك جۇغلانمىسى ئاجىز خاراك تىرى بەلگىلىگەن. چۈنكى، شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى شەھەر-قەلە ۋە دېڭىز مەدەنىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، يەرلەشمە ھايات جەريانىدا ئۆز ۋۇجۇدىدا توپلىغان پىسخىك ئېنىرگىيىنى، يايلاق مەدەنىيىتىنى ھېچقاچان ھازىرلىيالمايتتى. يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىيات تارىخى تۈپ نېگىزى دىن ئېيتقاندا، ئۇچقۇر ئاتلىرىنىڭ ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەرلىك قەھرى نى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللىق زىباسى ۋە سىرلىق جۇلاسىن تەرىپىدىن تىنىمسىز غىدىقلىنىدىغان، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كونتروللىقى بىلەن ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالمايدىغان، پەقەت قۇيۇندەك تېزلىك بىلەن ھەرىكەتچان ياشاش، تىنىمسىز كۆچۈش، شارائىتقا ماسلىشىش ئارقىلىقلا ئۆزىگە ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ كەلگەن تارىخ ئىدى. ئۇلارنىڭ سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا بولغان ئىچكى قارشىلىق كۈچى ۋە روھى جۇغلانمىسى خېلىلا ئاجىز بولۇپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق مۇداپىئە شارائىتى ھازىرلىيالمىغان، ھامان گويا ماگنىت قۇتۇبىغا ئاققان تۆمۈر ئۇۋاقلىرىدەك تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكار قوينىغا ئەسىر بولاتتى. ئاسىيا-ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىستىلا قىلغان چىڭگىز قۇشۇنى نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى دە يۈز تىلمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمىدى؟ يۈئەن سۇلالىسى نامى ئاستىدا جۇڭگو نى بىرلىككە كەلتۈرگەن قۇبلايخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ ئاستانە (ھازىرقى بېيجىڭ ) نىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا قەسىرلىرى دە شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ تۇتقان نازىنىنلار نىڭ قولىدىن پار-پۇر قاچىلار دىكى خۇشپۇراق جىياڭنەن چېيىنى ئىچىۋېتىپ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، ھارماس ئات تۇياقلىرى غا تايىنىپ تېرىمچىلار ماكانىدا تىكلىگەن سەلتەنەت ئۇزاققا بارمايدۇ، ئۇلار يا ئېكىن مەدەنىيىتىنىڭ قوينىغا ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كېتىشى كېرەك، ياكى شىپاڭلىق قەسىرلەردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ شىمالدىكى چېدىرلىرىغا قايتىشى كېرەك. خەيرىيەت، موڭغۇللار كېيىنكى يولنى تاللىدى، يۈز يىلغا يەتمەيلا چوڭ ئاستانىنى تاشلاپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ چىقتى. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر يول ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتتى، شەرقنىڭ تارىخىدىكى بىر خىللىق تەكرار داۋاملاشتى. سەددىچىن نىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا كۈچەيگەن مانجۇلار سەردارى نۇرخاج زور ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى گە، ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچەيگەن بابۇر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ھىندىستانغا بېسىپ كىردى. مانجۇلار بېيجىڭدا چىڭ خاندانلىقىنى، بابۇر دېھلىدا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. ئۇلار شەرقتىكى قەدىمى مەدەنىيەتلىك بۇ تېرىم خەلقلىرىنىڭ رەڭگارەڭ جۇلاسىغا، ھۆل، يېپىشاڭغۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان روھى جۇغلانمىسىغا، ھەننىۋا مىللى پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلىۋېتىدىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىسىغا ئۆزلىرىنىڭ قوپال، كۇچتۇڭگۇر، قىزىققان جىسمى بىلەن رام بولدى. نىھايەت، بىر قانچە ئەسىر ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يايلاق مەدەنىيىتى مۇھىتىدا يېتىلدۈرگەن ئەرلىك ھەيۋىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ھىندى تۇپرىقى نىڭ ئاياللىق جەزبىگە باي قوينىدا تولۇق كۆندۈرۈلۈپ تاشلاندى. چۈنكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشىدىكى پىسخىك ھالەت ھامان ھېسسىيات جەھەتتىن ئۆزىگە قارشى جىنسلىق خاراكتېرنى تەلەپ قىلاتتى .قوڭى دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلىپ مۇقىم، ئولتۇراق تۇرمۇش كۆتۈرىدىغان، ئەنئەنىۋى ، جاھىل لېكىن مەدەنىيىتى ماھىيىتىدە روھى جۇغلانمىسى پىشىپ يېتىلگەن ، تەمكىن، ھۆل خاراكتېرگە ئىگە تارىم مىللەتلىرىنىڭ يۇمشاق مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ياياق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىچكى قارشلىق كۈچى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل ئىدى. شۇڭلاشقا، شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ تىنىمسىز قىستىشى، غىدىقلىشى، سۈركىلىشى ۋە زەرەتلىشى نەتىجىسىدە، ئۇزۇن مەزگىللىك تىركىشىش تىن كېيىن، ئەسىرگە كەلگەندە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ سەلتەنىتى ۋە ئات ئۈستىدىكى يېڭىدىن تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ كۆكۈش دولقۇنلىرى ئۈستىدە لەيلەپ ئۈزۈۋاتقان يەلكەنلىك كېمىلىرىگە ئورۇن بەردى.

دېمەك، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كونا قۇرۇقلۇقنىڭ يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن ئاۋالقى ئۇزاق تارىخى شەرق تېرىمچىلىرى، يايلاق چەۋەندازلىرى ۋە غەرب دېگنىزچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنىمسىز مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا دەۋر قىلدى. شۇڭا، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ساپان، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئات ۋە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان يەلكەنلىك كېمە پار ماشىنىسى كەشىپ قىلىنغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخقا ۋەكىللىك قىلاتتى. ساپانى ئۆزىگە سىمۋول قولغان تېرىم مەدەنىيىتى جاھىل، ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان، ئەنئەنىۋى ئاڭغا باي، سىرتقى يات مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئىچكى قارشىلىق كۈچى كۈچۈك مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆز زېمىنىنىڭ نېسىۋىلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان، سىرتقى مەدەنىيەتنى ھامان ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش نى ئىستەيدىغان، فىئودال لىق ئەخلاق، ئائىلە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر گە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان، گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋىنى ئەمەس، بەلكى پىنھان سۈكۈتنى ۋە غايىۋى ئوي پىكىرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، باش-ئاخىرى يوق ئاسىياچە ھۆل ئازاپقا خۇشتار مەدەنىيەت، تىپى ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئىستىكى ۋە ئېستېتىك خاھىشى تارىخى شەكىلدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. شۇڭا، ئۇلاردا يىلنامە-تەزكىرىچىلىك تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۇنى مىللى مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى شەكلى دەپ قارايتتى.

يەلكەنلىك كېمىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان دېڭىز مەدەنىيىتى قەدىمكى يۇنان رىم مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان، تىنىمسىز دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن ئارال، تاقىم ئارال ۋە يېرىم ئارال لارنىڭ ئەبەدىي سۆيۈشۈپ تۇرۇشىدىن ھاياتى كۈچ ئالغان، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىمى ئىزلىنىشلىرىنىڭ مەركىزى قىلغان، ئۇ رىقابەت ئېڭىغا، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ۋە ئېچىۋېتىش پىسخىكىسىغا ئىگە؛ ھۆل، پىنھان، يېپىشاڭغۇ ئاسىياچە ئازاپ تىن كۆرە يۈرەكنى تىترىتىدىغان، كىشىنىڭ روھى دۇنياسىنى لەختە-لەختە قىلىۋېتىدىغان ئودىپوسچە كۆيۈش مە ئازاپ قا خۇشتار مەدەنىيەت تىپى ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشلىرى شەخسنىڭ قەدىر-قىممىتىدە ئىپادە قىلىناتتى. ئۇلار ئىجتىمايى توپقا قارىغاندا شەخسنىڭ ئورنى، رولى، قىممىتى ۋە ئەركىنلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرەتتى. گۈزەل خانىش ھەلىننىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان شەخسى خورلۇق سەۋەبى گە پارتلىغان ئون يىللىق دەھشەتلىك يۇنان-تىرويا ئۇرۇشى شەرق تېرىمچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق ھېسابلىناتتى. قەدىمكى يۇنان سەنىتىدە يالىڭاچ ھەيكەلتىراشلىنىڭ ئاجايىپ تەرەققى قىلىشى، ئەپسانىلەردە ئۇششاق ئىلاھلار دىن باشقا ھەتتا تەڭرىلەر نىڭ تەڭرىسى زېۋىسنىڭمۇ يېرىم ئىلاھ، يېرىم ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى، داۋىنچىنىڭ <ئىنجىل> قىسسىلىرى دىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ رەسىمىنى سىز ماي، بەلكى ئىنساننىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكى مۇجەسسەملەشكەن ئاددى شەھەر پۇقراسى مۇنالىزانىڭ سۈرىتىنى سىزىشى دەل ئۇلارنىڭ شەخسنىڭ قىممىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى نامايەن قىلغان.

ئاتنى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان يايلاق مەدەنىيىتى ئوتتۇرا، مەركىزى ئاسىيانىڭ كۆپ قىرلىق، ئۆزگىرىشچان ھاۋا كىلىماتىدا ئوت، سۇ مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ، قۇيۇندەك ئۇچقۇر ئاتلىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرىگە زۆرۈر بولغان ھاياتلىق شارائىتى ئىزدەش جەريانىدا، قىزىققان، تېز ھاياجانلىنىپ تېز سوۋۇيدىغان، قارام، جەسۇر خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەنئەنە ۋە تارىخقا بولغان قارىشى تېرىم مىللەتلىرى دەك جاھىلانە تۈس ئالمىغان؛ ئۇلار ھەم شەرق تېرىمچىلىرىدەك ئاسىياچە ھۆل ئازابقا، ھەم غەربتىكى دېڭىز مىللەتلىرىدەك ئودىپوسچە كۆيۈش مە ئازاب غا ياقمايدىغان؛ پەقەت يايلاق مىللەتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك يا قەھرىمانلارغا ياشايدىغان، يا قەھرىمانلارغا ئۆلىدىغان، قىلچە ئارىلىق قالدۇرمايدىغان ئازاپ ئېڭىگە ئىگە ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ يوقىرى پەللىسى قەھرىمانلىق ئېڭىدا ئىپادە قىلىناتتى. ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىنىڭ پەقەت يايلاق خەلقلىرىنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى شۇ سەۋەبتىندۇر. ئېپوس_ يايلاق مىللەتلىرى ئەدەبىيات-سەنىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى شەكلى بولالايتتى. گېگىلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، قەھرىمانلىق ئېپوس لىرى <قەھرىمانلىق دەۋرىدە تۇرغان مىللەتنىڭ ساپ ئىپتىدائىي ھاياتى كۈچىنى ۋە مىللى روھىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەلەيتتى >. شۇنداقلا بىر مۇنەۋۋەر مىللى ئېپوس <بىر مىللەت روھى ماھىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسى > بولالايتتى. شەرقتە ئۇلۇغ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە ئېدىل (ۋولگا) دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئىچىدە ئېپوس بولمىغان مىللەتلەر يوق دىيەرلىك. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە <كۈچلۈك تارىخ ئېڭىغا ئىگە خەنزۇ مىللىتى دۇنيادا ئەڭ باي تارىخنامە لارنى يېزىپ قالدۇرغان يۇ، لېكىن بىر مۇ قەھرىمانلىق ئەپوسى قالدۇرمىغان.

يايلاق مەدەنىيىتى شەرقتىكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن غەربتىكى دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ ئارىلىقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ھەمدە ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاشمىغان تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان. چۈنكى تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھېچقانداق جۇغراپىيىۋى ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، پەقەت ئارىدىكى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىقلا بىر-بىرى بىلەن ئاز-تولا ئۈچۈر ئالماشتۇرالايتتى. يايلاق مىللەتلىرىنىڭ شەرقتىكى تېرىم خەلقلىرى بىلەن غەربتىكى دېڭىز ئەللىرىگە قىلغان شىددەتلىك يۈرۈشلىرى نۇرغۇ ۋەيرانچىلىق لارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز بولمىغان ئىجابىي تەسىرلەر نىمۇ پەيدا قىلدى. تۈرك-موڭغۇللارنىڭ ياۋروپاغا قوزغىغان ئۇرۇشى ياۋرو پادا فىئودال لىق تۈزۈمنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ، كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرىنى تېزلەتتى. خۇددى تارىخشۇناس ماكېندې ئېيتقاندەك: <ياۋروپا مەدەنىيىتى ياۋروپالىقلارنىڭ ئاسىيادىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرىشى نەتىجىسىدە شەكىللەڭەن>. ھەتتا ياۋروپانىڭ نۇرغۇن ئېپوسلىرى ئاسىيا يايلاق قوۋملىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇشلارنى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. “ھونلارنىڭ قاخشاتقۇچ ھۇجۇملىرى داۋامىدا گىمان مىللىتىنىڭ <نېپولوڭگېن ناخشىسى> ناملىق ئېپوسىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى مەيدانغا كەلگەن. ئالتاي تاغلىرى ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەرپكە سۈرۈلگەن تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قارا دېڭىز بويلىرىنى بازا قىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي ياۋروپا ئارقىلىق ئىسپانىيە، فرانسىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە فرانسۇزلارنىڭ <روللاند ناخشىسى>، ئىسپانلارنىڭ <كېد ناخشىسى> ناملىق قەھرىمانلىق ئېپوسلىرى شەكىللەڭەن. تۈركىي قوۋملەرنىڭ ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەرقىي ياۋروپاغا كىرىشى نەتىجىسىدە رۇس ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان <ئىگورنىڭ يىراققا يۈرۈشى> ناملىق قەھرىمانلىق ئەپوسى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا تۈركىي قوۋملەرنىڭ <ئوغۇزنامە> قاتارلىق ئېپوسلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن.

بىر مىللەتنىڭ بۈيۈك تاللاشقا دۇچ كەلگەن دەقىقىلىرى ھامان شۇ مىللەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق دەۋرلەر مابەينىدە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى ئىچىگە ئاستا-ئاستا توپلانغان ، ئىچكى مەنىۋى قۇرۇلمىنى سۇغىرىلىپ كەلگەن يوشۇرۇن پىسخىك جۇغلانما دەل ئاشۇ بۈيۈك تاللاشقا دۇچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە گويا يەر تېگىدە مىليون يىللار ئۇخلاپ ياتقان ماگمىدەك بىراقلا پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن.. يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبرايلارنىڭ مىسىر فىرەۋىنىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق قۇل قىلىشىدىن كېيىن، مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئانا ۋەتىنى-كەنان چۆللۈكلىرىگە قايتىپ كېلىشى ئۇلارنىڭ تارىخىغا قانچىلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمىدى؟ غەربى ھونلارنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، ئېدىل سۈيىنى كېچىپ، شەرقى ياۋروپا سازلىقلىرى ئارقىلىق دوناي ۋادىسىغا كىرىشى ياۋروپانىڭ قەدىمكى ۋەزىيىتىدە قانچىلىك زور داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلىندى!؟

تارىختا شۇنىسى ئېنىقكى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ بىر ئۇلۇغۋار تاللاشقا دۇچ كېلىشى، تارىخى خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈش كە مەجبۇر بولىشى ۋە ياكى مەلۇم بىر سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى ھامان ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى ۋە پىسخىك قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن يېڭىلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ .دەرۋەقە، چوڭ كۆچۈش ۋە تاللاش لارنىڭ ھەممىلا مىللەتنىڭ تارىخىغا بۈيۈك پروگرېسسىيىلەرنى ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. سىرتقى غىدىقلاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئۇلۇغۋار پروگرەسسىۋە ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ مىللەت ۋۇجۇدىدىكى م ئىللى گىن بىلەن پىسخىك ئېنېرگىيىنىڭ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

مىلادىيە 840- يىلىدىكى چوڭ كۆچۈش مىللىتىمىز تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە بولدى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش ئۇيغۇر تارىخى نىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى نىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى.

شىمالى ئاسىيانىڭ شاۋقۇن- سەرەڭە تولغان دالىلىرىدا، ئانا تەبىئەتنىڭ پايانسىز قوينىدا، ئۇچقۇر ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى دە ،ئوقيا نىڭ كۈرەشلىرىدە يېتىلگەن بۇ روھ قانداق قىلىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئانا بالىياتقۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىنھان چوڭقۇرلۇقىغا جەلپ قىلىندى؟ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ھالاكەتلىك سىن ئاققا دۇچ كەلگەن بۇ خەلقى پەقەت تارىم ۋادىسىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ قوينىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئەبەدىيلىك ئىمكانىيىتىنى بايقىغانىدى. ئارىدىن مىغ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز تارىم دىكى ئاشۇ قېتىملىق زور قوشۇلۇش نىڭ نەقەدەر توغرا تاللاش بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇق. ئورخۇن ۋادىسىدىن جەنۇبقا -سەددىچىن نىڭ ئىچىگە كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز قانداق قىلىپ ئىز-تىلسىز غايىپ بولدى؟ خوشى كارىدورغا كۆچۈپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزلىرى ئۇچراشقان يەرلىك تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ تۈگمىنىگە سىڭىپ كېتىشتى؟ ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان جىلۋىسى بىلەن شەرقچە سەۋر-تاقەتكە ۋە ئىچكى سۈكۈناتقا باي خاراكتېرىنىڭ ئۈزلۈكسىز، تىنىمسىز غىدىقلىشى قىزىققان، تەنتەك خاراكتېرىغا ئىگە «گرانت كاللىلىق» بۇ ئاتلىقلارغا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ روھى ئېنىرگىيىسى بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇدەك ئىمكانىيەت بەرمىگەنىدى. ھالبۇكى، بۇخىل ئىمكانىيەتنى مىللىتىمىزنىڭ غەربكە كۆچكەن زور بىر قىسمى تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ ياشاشقا باشلىغان دەقىقىلەردىن باشلاپ رەسمى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەتراپنى ھەيۋەتلىك تەڭرى تېغى بىلەن قۇرۇم تاغلىرى ئوراپ تۇرغان، دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق، ئىقلىمى قۇرغاق، ھۆل يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغان ئاسىيا رايونىدىكى پىنھان چوڭقۇرلۇق_ تارىم ئويمانلىقى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر بالياتقۇغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىللار مۇقەددەم ياۋروپا-ئاسىيا يايلاقلىرى دىنتانغا سۈرۈلگەن ئېگىز بوي، كۆك كۆز، قاڭشارلىق ۋە بۇرۇت ساقاللىق كەلگەن ئارىيانلار تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بىر قىسىم كۆچمەنچى قوۋملەر تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن ئۆز ئارا قوشۇلۇپ نىسبەتەن مۇرەككەپرەك بولغان ئىرقى تەركىبىنى، تېرىم ئىگىلىكىگە مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. مىلادىيە ئىخ ئەسىردىكى بۈيۈك ئۇچرىشىش تىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا تارىم ئويمانلىقىدىكى شەرق بۇددىزم روھىدىن تويۇنغان، ئاياللىق خاراكتېرگە ئىگە يەرلىك مەدەنىيەت خېلى دەرىجىدە يۈكسەلگەن ئىدى. يەنە كېلىپ، مەزكۇر مەدەنىيەت نىسبەتەن مۇقىم بولغان بوستانلىق ھاياتى داۋامىدا ئۆزىدە يۇمشاق، خۇشخۇي، زىلۋا خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئەرلىك خاراكتېرگە ئىگە كۇچتۇڭگۇر بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇلۇشى ئىستەپ كەلگەنىدىم. نەتىجىدە مىلادىيە 840 – يىلدىن كېيىنكى بۈيۈك قوشۇلۇش بۇ غايەت زور بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۆرەلمىنى يېپيېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلدى. موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن غەربكە داۋاملاشقان بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچۈش جەريانىدا، ساقال-بۇرۇتلىرىنى قويۇق چاڭ-توزان باسقان، ئاتلىرى ھارغان، قاتتىق ھاردۇق يەتكەن ئەجدادلىرىمىز تارىم ئويمانلىقىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ سىرلىق بالىياتقۇنىڭ قوينىدا قانغۇچە ئۇخلىۋېلىشقا، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ھالسىراپ قالغان پىسخىك ئېنىرگىيىنى قايتا تولۇقلىۋېلىشقا ئىمكانىيەت تاپتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ روھى چوڭقۇرلۇقىدىكى ئىچكى پىسخىك جۇغلانما يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ سۈركىلىشى بىلەن رادىئاتسىيىلىنىپ، تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ سىرلىق بالىياتقۇ ئىچكى ئاسىيادىكى بىر پىنھان زونا بولۇشىغا قارىماي، شەرقتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، جەنۇبقا ھىندى مەدەنىيىتى، غەربتە ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتى ۋە يۇنان مەدەنىيىتى، شىمالدا يايلاق مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىغا، ئۆتۈشىشىگە، سۈركىلىشىگە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم تۈگۈن ئىدى. شۇڭا، قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ كېلىشى، ئىخ ئەسىردىن كېيىن تامامەن ئۇيغۇنلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتىنى يوشۇرۇن ئېنرتسىيە بىلەن تەمىن ئەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى بۈيۈك قوشۇلۇشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ھەر قايسى ئۇرۇق قوۋملەرنىڭ ئوموميۈزلۈك يۇغۇرلۇشى ۋە ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئۇيۇشىشى بىلەن خاراكتېرلەندى. نەتىجىدە بۇ بۈيۈك قوشۇلۇش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى. خۇددى ياپونىيە ئالىمى خانىدا تورو ئېيتقاندەك: «بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئۇچراشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك». كولومبو ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقاندىن كېيىنكى 300 يىل مابەينىدە ئەنئەنىۋى ئاساسى بولمىغان ئامرىكا مەدەنىيىتى نېمىشقا كىشى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تېز تەرەققى قىلدى؟ تەرەپ-تەرەپتىن بۇ يېڭى قۇرۇقلۇققا ئاققان تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ياۋروپا كۆچمەنلىرى قانداق قىلىپ يېڭى دۇنيادىكى«مەدەنىيەت ۋاكۇئۇمى»نى بۇزۇپ تاشلىدى؟ بىر قېتىملىق خەلقئارالىق چوڭ زىياپەت سورۇنىدا يۈز بەرگەن مۇنداق قىزىقارلىق ۋەقە بىزگە يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات تىلسىمىنى كۆرسىتىپ بەردى: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاشۇ قېتىملىق زىياپەتتە جۇڭگولۇقلار، رۇسلار، فرانسۇزلار، گېرمانلار ۋە ئىتالىيانلار بەس-بەس بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماختىنىپتۇ. پەقەت ئامېرىكىلىقلارلا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ئېغىز ئاچماپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ ئىپادىلەش ئۈچۈن مىللى ئالاھىدىلىكىنى، مىللىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان داڭلىق ھاراقلىرىنى چىقىرىپ بىر-بىرىگە قەدەھ تۇتۇپتۇ: جۇڭگولۇقلار پۇرىقى دىماقنى غىدىقلاپ تۇرىدىغان ماۋتەي ھارىقىنى، رۇسلار ۋودكىسىنى، فرانسۇزلار شامپان ھارىقىنى، ئىتالىيانلار ۋىنوسىنى، گېرمانلار ۋېسكىسىنى رومكىلىرىغا قۇيۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈشۈپتۇ. نۆۋەت ئامېرىكىلىقلارغا كەلگەندە، ھەرخىل ھاراقلاردىن ئاز-ئازدىن قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈپتۇ _ دە، «مانا بۇ ئەبجەش كوكتېيل ھارىقى. بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ «ئۇنۋېرساللىق _ ئىجادىيەت دېمەكتۇر» دېگەن مىللى روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپتۇ.

دېمەك، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، تارىخى 300 يىلغا يەتمەيدىغان ياش ئامېرىكا مەدەنىيىتى _ يېڭى قۇرۇقلۇق بايقالغاندىن كېيىنكى مىللەتلەرنىڭ چىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەڭەن ئارىلاشما مەدەنىيەتتۇر. ئۇلارنىڭ مىللى مەدەنىيىتىنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ تۇرغان پىسخىك تىندۇرمىسىدا تەۋەككۈلانە روھقا باي ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ، ياۋايى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قىزىل ئەتلىك ئىندىئانلارنىڭ، دېڭىز ئوكيانلارنى كېچىپ، يېڭى قۇرۇقلۇققا قۇللۇققا ئېلىپ كېلىڭەن ئافرىقا نېگىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت گېنلىرى مەۋجۇت. شۇڭلاشقا، كۆپ خىل ئېرىق ۋە مىللەتلەرنىڭ چىڭ قوشۇلۇشىدىن يوشۇرۇن ئېنېرگىيىگە ئېرىشكەن ئامېرىكا مەدەنىيىتى پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.

مىلادىيە IX ئەسىردىكى تارىم ۋادىسىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشى مۇ ئۆزىگە دەل شۇنداق يوشۇرۇن ئېنىرگىيىنى ئۇچرىغانىدى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىسىگە تارىم ۋادىسىدىن ساك، تۈرى قاتارلىق ياۋروپا ئارقىغا مەنسۇپ قەدىمقى مىللەتلەر، چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىپ، كۆچمەن تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان موڭغۇل ئارقىغا تەۋە قوۋم لار ، خېلى بالدۇرلا تۈركلەشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا توپىغا مەنسۇپ يەرلىك خەلقلەر زىچ يىغلاشقانىدى .نەتىجىدە، تارىم دىكى بۇ بۈيۈك ئۇچرىشىشى يېڭىدىن ھاياتى كۈچكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئىچكى ماھىيەتلىك قۇرۇلما ۋە پىسخىك جۇغلانما تەگدىم قىلدى. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك قوشۇلۇشىدىن شەكىللەڭەن پىسخىك ئەندىزە ھامان سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن يەكلەش پوزىتسىيىسىنى ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىش، مايىل بولۇش خاھىشىنى ئىپادە قىلىدۇ. شامان دىنى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قانداقلارچە شامان دۇنياسى ئىچىدە تۇرۇپ مەنىي دىننى قوبۇل قىلالىدى؟ مىڭ يىللاردىن ئارتۇق ۋاقتى شەرقى بۇددىزم روھى بىلەن تويۇنۇپ كەلگەن تارىم ۋادىسىدا ئىسلام دىنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تىز ئومۇملاشقانلىرى؟ بىزنىڭ قارىشىمىزغا، بۇددىزمى مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىم ۋادىسىدا ئىسلامىيەتنىڭ تىز سۈرەت بىلەن كېڭىيىشىنى ئەرەب خەلىپىسى مىڭ ۋالىلداپ تۇرغان شەمشەرنى ئەمەس، بەلكى بۈيۈك قوشۇلۇش تىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى تاش مايىللىقى ئەندىزە بەلگىلەڭەن. چۈنكى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر-بىرىگە باغلىغان يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن ئالەمشۇمۇل جۇغراپىيىسى ئەۋزەللىك IX – VIII ئەسىرلەردىكى تارىم ئورمانلىقىنى، تۆت تەرەپكە قارىتىپ دەرىزىسى ئېچىۋېتىلگەن ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ – پۇرىقىغا قارىماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئايلاندۇرغانىدى. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئىمكانىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى. ئىسلام تۈسى قويۇق بولغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بۇددىزمى روھىدىن تويۇنغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۈيۈك قوشۇلۇشىدىن كېيىنكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان روھى تىندۇرىمى ئىچىدە ئاجايىپ گۈللىنىش مەنزىرىسىگە ئېرىشتى. ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردە شەكىللەڭەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى خېمىرتۇرۇچىنى ۋە غول تومۇرىنى دەل ئاشۇ بۈيۈك قوشۇلۇش تىن كېيىنكى جۇشقۇن روھى تىندۇرىمىز ھاسىل قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئىچكى تەركىبى بىلەن ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى – ئەرلىك دىن بىلەن ئاياللىق دىننىڭ، ياۋايى جەسۇرلۇق بىلەن خۇشخۇي تەمكىن لىكنىڭ، شىۋاق ھىدى بىلەن بازار كۈيىنىڭ ،ساددا شېئىرىيەت بىلەن سوغۇققان پەلسەپە نىڭ، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن نازاكەتنىڭ، ھېسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدا مەزمۇن تاپقان ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت گېنلىرىدىن رەڭ ئالغان؛ گاھ ھاياجانلىنىپ، گاھ پەسكويغا چۈشۈپ تۇرىدىغان؛ قۇرغاق ئەمما ئۆزىنى ھەر ۋاقت سۇغىرىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان؛ ئىچكى پىنھان ئازابلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۆتۈشتىن كۆرە سىرتقى، يىراقتىكى غايىۋى مەنزىرىلەرگە تەلپۈنىدىغان تۆرەلمىلىرى ئاستا-ئاستا يېتىلمەكتە ئىدى.

تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. شاۋقۇن سۈرەڭە تولغان قانچىلىك شەھەر-بازارلار تەكلىماكان باغرىغا غەرق بولدى. يىپەك يولىنى بويلاپ تىنىمسىز ئۆتۈپ تۇرىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرى قايتا ئاڭلانمايدىغان بولدى. تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلاردىكى بىر مەھەل گۈللەنگەن قارا خانىلار مەدەنىيىتى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىدىقۇت مەدەنىيىتى تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ پىنھان سۈكۈتلىرىمگە دەپنە قىلىۋېتىلدى. چىڭگىز قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسى بىلەن قارا قوتانلارنىڭ شەپقەتسىز ھۇجۇملىرى بىر مەھەل تىنچ، مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتىغا كۆنۈككەن مىللىتىمىزنىڭ پىسخىك جۇغلانمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. غەربتە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئىچكى ئاسىيا رايونىنىڭ پاجىئەلىك تەغدىرىنى بەلگىلەپ قويدى. مەركىزى ئاسىيا چۆللۈكلىرىدە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياشنى قوغلىشىپ، ئۇپۇق چەمبىرىكىگە قاراپ تىنىمسىز ئۇزاپ تۇرىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئىزلىرى ئەمدى قايتا كۆرۈنمەيدىغان بولدى. خۋ-خىۋ ئەسىرلەردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى باش-ئاخىرى يوق ئىچكى تەپرىقىچىلىك ۋە سىياسى مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئەرەپ چۆللۈكلىرىدىن خەلىپىنىڭ قىلىچى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇچقۇر ئارغىماقلىرىغا تايىنىپ ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ئەھلى سەلب يۈرۈشلىرىدىن كېيىن، زەئىپلىككە يۈز تۇتقان تەقدىردىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان باغداد خەلىپىلىرى بىر زامانلاردا ئۆزلىرىنىڭ ۋىزانتىيىنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردا قەسىرلىرىدىكى مەخمەل دىۋانلىرىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ، شەھلا كۆزلۈك رەققاسلارنىڭ ناز- كەرەشمىلىك تولغىما ئۇسۇللىرىنى تاماشا قىلغان چاغلىرىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالماي ئاتقان بولۇپ كەلدى. پۈتكۈل شەرقى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ قالدى. پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەنىۋى چۈشكۈنلۈك تارىم ۋادىسىنىڭ روھى تەنھالىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھەربى كۈچىگە تايىنىپ سەئىدىيە خانلىقىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئاتالمىش <خوجا ئىشانلىق>، <سوپىلىق> تەرغىباتلىرى ئارقىلىق مىللىتىمىز ئىدېئولوگىيىسىنى مەنىۋى مەھكۇملۇققا ئەسىر قىلدى. شۇندىن باشلاپ تارىم ۋادىسىدا گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان قاباھەتلىك ئۇزۇن دەۋر ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.

رىم پاپاسى بىلەن فىئودال كىنەزلىرىنىڭ مۇدھىش ھۆكۈمرانلىقىنى سىلكىپ تاشلاپ، چېركاۋ پەلسەپىسىنىڭ سىرلىق سىرتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ياۋروپا يەلكەنلىك كېمىلىرى ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان چاغدا، ئاسىيا تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، ئۇزاق زامانلار مابەينىدە جىمجىت بىر خىل، شاۋقۇن-سۈرەنسىز ئاققان نېل، دەجلە-ئېفرات، ھىندى-گاڭ ۋە خۇئاڭ خې _ چاڭجىياڭ دەريالىرى ئۆز ھاۋزىسىدىكى تېرىم مەدەنىيىتىنى قاتمۇقات لاتقا بىلەن تىندۇرۇپ تاشلىغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۈنسېرى ئالغا قاراپ كىتىۋاتقان ياۋروپانىڭ ئەكسىچە، ئاسىيا بارغانسېرى كەينىدە قالدى.

شۇنىسى قىزىقارلىقكى، ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ دەريالار ئوتتۇرا قىسمىدىكى قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىپ تۆت ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىكلەرگە قاراپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى پايانسىز دېڭىز- ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى تارىم ئويمانلىقىدا بولسا، دەريا- ئېقىنلار تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغلاردىن باشلىنىپ، مەركەزگە قاراپ ئېقىپ ئەڭ ئاخىرى تەكلىماكان قوينىغا سىڭىپ كېتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر جاينىڭ جۇغراپىيىۋى جايلىشىش غا ئوخشىمايدىغان بۇ خىل تەتۈر تاناسىپلىق مۇھىت بۇ ماكاندا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە ھەر ۋاقت سۇغىرىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان قۇرغاق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ بۇ رايوننى شەرق بىلەن غەربنىڭ يېنى ئۈچۈرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كىيىن، ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان، كىشىنى بىزار قىلىدىغان سىرلىق سۈكۈنات باستى. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ، چۆل جىمجىتلىقىغا ئەسىر بولۇپ تېنىچقىنە ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئۆز ھەۋىسىنى چوڭقۇر لاتقىلارغا كۆمۈپ تاشلىدى. دەريا لاتقىلىرى ۋە چىرىندىلەرنى شەكىللەڭەن بوستانلىقلاردا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ھۇجۇمى بىلەن ئېلىشىپ، بۇرۇقتۇم ھاياتقا ئۆگەڭەن بۇ تارىملىق تېرىمچىلار قۇرغاق، ئۆلۈك توپىدا چاك_چاك يېرىلغان پۇتلىرىنى تاتىلاپ، مەدداھلارنىڭ شاللىرىنى چاچرىتىپ بىر جەڭنامىنى تەكرار- تەكرار ئېيتىشىغا كۆنۈككەنىدى. ناۋائىيدىن كېيىنكى 500 يىل مابەينىدە، ئىچكى ئاسىيادىكى بۇ سىرلىق بالىياتقۇدا ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تۆرەلمىلىرى بىخلىيالمىدى. بۇيەردە شەرق تېرىمچىلىرىدەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى چىگىش ئېتىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئائىلە، نەسەپ ئەھكاملىرى مۇھاكىمە قىلىنمىدى؛ ھىندىستانلىقلاردەك مېتافىزىكىغا باي، پانى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە مەھلىيا بولىدىھگان ئوي-خىياللار بولۇنمىدى؛ غەربلىكلەردەك شەخسنىڭ قەدەر-قىممىتىنى، ئەقلى يۈكسەكلىكىنى، كەسكىن ئەمەلىيەتچانلىقىنى ئۆز ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مىزانى قىلىدىغان پەلسەپە تېخىمۇ ۋۇجۇتقا كەلمىدى. بۇ يەردە پەقەت قۇم بارخانلىرىنىڭ سۈررەڭ، زېرىكەرلىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش چىدىغۇسىز سۈكۈنات؛ پىنھان، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان غۇۋا ھاياجان؛ قۇرغاق، چاڭقاق ئىستەك؛ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىشنى ئويلىمايدىغان سەۋرسىزلىك ھۆكۈم سۈردى. تېخىمۇ توغرىسى، يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا، تەۋەككۈلانە قەدەملىرى بىلەن شامال يۆلىنىشىگە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلىرىنىڭ ئاپاق يەلكەنلىرىگە يېڭى دۇنيانىڭ تارىخىنى يېزىشقا باشلىغان چاغدا، تارىم ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ <ۋاكۇئۇم بەلبىغى>غا، كونا قۇرۇقلۇقتىكى «تەنھا ئارال» غا، يېقىنقى زامان تارىخىدىكى <ئۇنتۇلغان زونا> ئايلىنىپ قالغان ئىدى. گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان بۇ خىل مۇدھىش دەۋر تاكى خخ ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى يېتىپ كەلگۈچە داۋاملاشتى.

دەرۋەقە، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان نەزەرىيە مۇتلەق ئىلمى نەزەرىيە ئەمەس، لېكىن جۇغراپىيىلىك جايلىشىشنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. چوڭ دەريا ۋادىلىرىدىكى لاتقىلاردىن شەكىللەنگەن تۈزلەڭلىكلەردە ياشاپ كەلگەن ھىندىلار بىلەن شىمالى ئاسىيانىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان پايانسىز يايلاقلىرىدا ئات ئۈستىدە ياشاپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت بەلگىلىگەن. ياۋروپا مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە ئۆتكەن فرانسىيە پەيلاسوپى مۇنتېسكىيۇ گەرچە ئۆز تەلىماتلىرىدا جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. قەدىمكى يۇناندا نېمە ئۈچۈن ئالەمگە مەشھۇر ئەپسانە_رىۋايەتلەر، ئادەم بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ھەيكەلتىراشلىق شۇنچە تېز تەرەققى قىلدى؟ ماركس بۇنى گرېتسىيىنىڭ گۈزەل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا باغلىدى: «يۇنانلىقلارنىڭ گۈزەل تەبىئىي شارائىتى -ئۇنىڭ بۇلۇتسىز كۆك ئاسمىنى ، ئۇننى ئوراپ تۇرغان چەكسىز يېشىل زۈمرەت دېڭىزى ئۇلارنى گۈزەللىككە ئۈندىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىنىمۇ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئالى كىشى سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى. گرېتسىيىنى قاپلاپ تۇرغان گۈزەل، زەڭگەررەڭ ئاسماننى ئادەم قىياپىتىدىكى <بۈيۈك ئاتا>، دېڭىزىدا لەھەڭگە مىنىپ، شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا يۈرىدىغان زور بىر كىشى قىلىپ تەسۋىرلىسە ، قۇياشنى ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچىدىغان بىر ئاقساق تۆمۈرچى قىلىپ تەسۋىرلىدى…»

مەدداھ -ۋائىزلىق ئەرەب سەھرالىرىدىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگىچە بولغان قۇرغاق، ھۆل-يېغىن سىز، چۆل_جەزىرىلەر بىلەن ئاندا-ساندا ئۇچ راپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىچكى ئاسىيادا تەرەققى قىلغانىدى. بۇ يەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ تونۇردەك قىزدۇرۇشى بىلەن سۇسىز چۆللەرنىڭ ئالتۇندەك يالىلدىشىدىن شەكىللەڭەن قۇرغاق، زېرىكەرلىك ھايات ئۇلارنى شېئىرىي تۇيغۇغا باي، ھىسىياتچان، تىل سەنىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان روھى دۇنياسىغا تەسەللى تېپىشىغا ئۆگەتكەن. ئېھتىمال ،دۇنيادا باشقا ھېچقانداق بىر مىللەت ناتىقلىقتا ئەرەبلەردەك ئۇنچىلىك چىۋەر بولمىسا كېرەك. باشقا گەر قانداق بىر تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارى، قاپىيە ۋە شېئىرى تۇيغۇ جەھەتتە ئەرەپ تىلىدەك كۈچۈك بولمىسا كېرەك. ئەرەپ تارىخىنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان فىللىپ ھىتتى بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان ئىدى: «دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تىل مىللى روھنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئىپادە قىلىشتا ئەرەپ تىلىدەك كۈچلۈك بولمىسا كېرەك. شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى ئەرەبلەرنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارى پەقەت شېئىرىيەت ئارقىلىقلا ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى. ئىسلام دىنى ئەرەب تىلىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئەرەب مىللىتىنىڭ بۇ خىل پىسخىك ئۆزگىچىلىكىنى ئۆزىدە تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبىسى مەلۇم مەنىدە بىر تىلنىڭ غەلىبىسى، بولۇپمۇ بىر كلاسسىك دەستۇرىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.»

شۇڭا ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ماقالىدا: «ئەقىل ئۈچ نەرسىگە _ پەرەڭلەر (ياۋروپالىقلار)نىڭ كاللىسىغا. چىن (جۇڭگو) لۇقلارنىڭ قولىغا، ئەرەبلەرنىڭ تىلىغا مۇجەسسەملەشكەن» دەيدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئەمەلىيەتتە، ئەرەب تىلىنىڭ ئىپادە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن شېئىرىي پەلسەپە ئىدى. گېگىل: «شېئىرىيەت ئېلىنى ئىزدىسەڭ ئىرانغا بار» دەپ تەرىپلىگەن ئوتتۇرا ئەسىر پارىس شېئىرىيىتىمۇ مۇسۇلمان شەرقىنىڭ شېئىرىي تۇيغۇسىدا يۈكسەك پەللە ياراتقان ئىدى. بۈيۈك قوشۇلۇشتىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەمەلىيەتتە، ساپ شېئىرىيەت بىلەن خاراكتىرلىنىدىھگان ئەدەبىيات ئىدى. ئەرەب سەھرالىرىنىڭ زېرىكەرلىك تۈنلىرىدە توقۇلۇپ، پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ بىر كېچە» رىۋايەتلىرىنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ گۈزەل بابلىرى نېمە ئۈچۈن ئىشرەت ۋەسۋەسىلىرى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان بايانلار بىلەن شەھلا كۆزلۈك ھۆر پەرىلەرنىڭ ناز-زىبا بىلەن تولغان تەسۋىرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ؟ تارىم ۋادىسىدىن تاكى نېل دەرياسىغىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر شېئىرىيىتىدە نېمە ئۈچۈن «يار»، «مەي»، «جانان» ۋە «گۈل» ۋەسلىگە تەشنا ئىشقىي شېئىرىيەت شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ؟…

شەك – شۈبھىسىزكى، ئاسىيا چۆللۈكلىرىنىڭ تونۇردەك قىزىيدىغان تومۇز كۈنلىرى بىلەن زېرىكەرلىك تۈنلىرى بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاي يۈزلۈك ھۆر-پەرىيلەرنىڭ ئىشق مۇھەببىتى بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۈندىدى؛ قۇرغاق ئاسمىنىدا بىر قەۋەت نېپىز چاڭ-توزان ئېسىلىپ تۇرغان قايناق بازار-رەستىلەردە غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان چۈمبەللىك قىز چوكانلارنىڭ يوشۇرۇن رۇخسارى سۆز سەنىتىدە چىۋەر بۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غىدىقلىدى؛ ھەيۋەتلىك سېپىل_قەسىرلەرنىڭ ھىمايىسى بىلەن سۇلتانلارنىڭ پىنھان ھەرەمخانىلىرىغا بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن ياش كېنىزەكلەر تۇلپارغا مىنگەن سۇباتلىق شاھزادىلەر ھەققىدە تاتلىق خىياللارغا رام بولدى.

ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چۈشكۈنلۈكە يۈزلىنىشىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخى دەۋردە پۈتكۈل ئەرەب سەھرالىرى، ئىران چۆللۈكلىرى ، ماۋارائۇننەھر ۋە تارىم ۋادىسى يېڭىلانماي تەكرار-تەكرار ئېيتىلىپ تۇرىدىغان ئىشق_مۇھەببەت داستانلىرىنىڭ مەست قىلىشى بىلەن چاڭقاق_قۇرغاق ۋۇجۇدىغا تەسەللى تېپىپ كەلدى. تەپەككۈر ئۇسۇلىدىكى بىر خىللىق، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدىكى قېلىپبازلىق، مەزمۇنىدىكى قۇرغاقلىق ۋە يېما-موتېفلاردىكى تەكرارلىق مۇسۇلمان شەرقىي نىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئەقلى تەپەككۈرىدىكى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ نەتىجىدىدە ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن پەلسەپىدە يېڭى تەپەككۈرغا، تەبىئىي پەنلەردە پارتىلاش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەكسىچە، ئىچكى ئاسىيا دەۋرىدىن ئاستا_ئاستا كەينىدە قالدى.

ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ، تارىم ۋادىسىدا مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەريان مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق دەۋر ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ جەرياندا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىلدۇر. ھالبۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت مۇھىتىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانمىسى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى، باشقا قوشۇمچە ئامىللارنىڭ مۇئەييەن تۈرتكىسى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار نېمە؟ ئۇلار قانداق رول ئوينىغان؟

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر قانچە قايناق بازارنىڭ شەنبىلىك ھاياتىنى تاماشا قىلىۋاتقان بۇر ياپونىيىلىك سەيياھ ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېگەنىكەن:<شەرقى ئاسىيانىڭ ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلار بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىنىدا، ئۈستىدە ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان گىرىمسەن تاغ دەريالىرى غا قاراپ مۇقىم، پىنھان تېرىم ھاياتى كەچۈرۈپ كەلگەن خەلقلەر ئۆزلىرىدە مۇلايىم، سەۋرچانلىق، ئاياللىق نازاكەتكە باي ھۆل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن؛ لېكىن ئىچكى ئاسىيانىڭ تەبىئىي مۇھىتى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز بولۇپ، بۇ ھال يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوچۇق-يورۇق، قىزىققان، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرغاق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولىشى مۇمكىن.

بىزنىڭچە، ياپونىيىلىك بۇ سەيياھنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى ئاددى بىر سېلىشتۇرما بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا_بوۋىلىرىمىز تەكلىماكان چۆللۈكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇنى قۇچاقلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق بالىياتقۇغا مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تالاي سەرگۈزەشتىلەر _ خۇشاللىققىمۇ، ئازابمۇ، ۋەھىمىمۇ، گۈزەللىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن بىر <مېھرىبان ئانا ئىدى>، ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇ توغرىلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيتتى. ئۇنىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن قەدىمى شەھەرلەردىن بەزى-بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىرىدىن، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قەلبىدە مۇھەببەت ئويغانغان يىگىت قىزلار گويا ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق_سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، تولۇن ئاينىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى. . . . دەرۋەقە، «چۆل _ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كۆڭۈل خۇشى ئىدى. شۇڭا چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتلىرىلا بىلىدۇ…» يەنە بىر تەرەپتىن، تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق سىر ئىدى. ئۇنىڭ گويا ئۇخلاپ ياتقان زور شىردەك ھەيۋەتلىك جىسمىغا جىمىكى رەھىمسىزلىك، ۋەھىمە، مەڭگۈ تويمايدىغان ئاچكۆزلۈك يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ قورقۇنۇچلۇق گۈركىرەپ نەرە تارتسا، بىر كېچىدىلا قايناق شەھەرلەرنى، كىمخاپتەك بوستانلىقلارنى يۇتۇپ كېتەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكان بىلەن بولغان نەچچە نىڭ يىللىق جاپالىق كۆرەش جەريانىدا شەكىللەڭەن ئىدى. ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. راھەتلىك باغلار، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان؛ قۇياشنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتى، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق، قوپاللىق، مەردانىلىك، سادىقلىقتەك خىيالەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان_قېنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن.

شۇنداق، بۇ يەردە تەبىئەت ھېچ بىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ؛ ھەممە نىمە ئۆزىنىڭ قايتماس، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ!….> شۇڭلاشقا ئۇيغۇر روھى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەڭەن. بىز بۇ خىل روھى باغلىنىشنى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، مۇھەممەت باغراشنىڭ «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مىللىتىمىز خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىسىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى بادھلىنىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىنىڭ مەقسىتى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئۆز ئىزلىرىنى چوڭقۇر قالدۇرغان.

ئىككىنچى، دېھقان مىللەتكە خاس مەنىۋى تىندۇرما

قايسىدۇر بىر پەيلاسوپ: «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ» دەپتىكەن. دەرۋەقە، نىسبەتەن مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتى داۋامىدا دېھقانلار شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلىغۇچى ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغۇچى گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆز نىسىۋىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ھوسۇلىدىن ئېلىپ، <يەر_ ئالتۇن قوزۇق> دېگەن ئەقىدىگە قاتتىق ئېسىلىپ ياشايدىغان دېھقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا سۇ، ئوت مەنبەلىرىنى قوغلىشىپ، تىنىمسىز كۆچۈپ يۈرىدىغان چارۋىچىلارغا قارىغاندا جاھىل، مۇقىم، ئېغىر_بېسىق، ئەنئەنە ئۇدۇملىرىنى ئۈزۈپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان خاراكتېر ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيتتى. بىز تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىقلاردا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ يېقىنقى بەش ئەسىر دىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچلىك ۋە ئۇششاق تىجارەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىك مۇھىتىدا بىر خىلدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. سۈيى ئىنتايىن كەمچىل، ئىقلىمى قۇرغاق، ھەر ۋاقت قۇم بورانلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ جەزىرىدە پەقەت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمگەكچان قولى ئارقىلىقلا ھاياتلىق ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېشىل بوستانلىقلار ھاسىل بولغانىدى. پەقەت دەھقانلار بۇ ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىپ ئۈن تىنسىز ياشاشقا ئادەتلەنگەنىدى. شۇڭا، ئۆلۈك توپىلىق يولدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ، چاك-چاك يېرىلغان پۇتلىرىدا توپا توزىتىپ كېتىۋاتقان تارىملىق بوۋاينىڭ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرى بىلەن چاڭگا ساقاللىرىدا ۋۇجۇدىغا تىنىپ كەتكەن بىر چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە تۇتىشىپ كەتكەن بىر كەيپىيات ئەكس ئېتىدۇ. دېمەك، قۇرۇم ۋە تەڭرى تاغلىرىدىن تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ ئاققان نۇرغۇنلىغان دەريا – تارماقلىرىنىڭ لاتقىلىرىدىن شەكىللەڭەن بوستانلىقلاردا مىللىتىمىزنىڭ مۇقىم تېرىم ھاياتىغا كۆچكەندىن بۇيانقى دېھقان مىللەتكە خاس روھى تىندۇرمىسى يوشۇرۇنغان ئىدى. بۇ تىندۇرمىدا جاھاندىن خالى بېكىنمە كەيپىيات، قېرىلىققا خاس ئېھتىياتچان ، ئۇزۇن مەزگىللىك بىر خىللىقتىن شەكىللەڭەن بۇرۇختۇملۇق، سۈررەڭ قۇملۇقلارغا ئەسىر بولغان سۈكۈنات بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىلدا بەزىرىپ ياتىدىغان تەكلىماكان چۆلىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇ قاغجىرايتتى، ئەمما ئىندىمەيتتى؛ يىراقلارغا تەلپۈنەتتى، ئەمما ئۆزگەرمەيتتى.

مىللىتىمىز تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئۇزۇن ھەم زېرىكەرلىك تۈنلىرى بىلەن ئاتەش ئاپتاپلىرىنى دېھقانغا خاس سەۋرچان جىسمىغا سىڭدۈرۈپ، يىراق تارىخنى بۈگۈڭە ئۇلىدى. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى تىندۇرمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئېنېرگىيە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ دېھقانلىرى سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى رادىئاتسىيىلىشىگە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جاھىللىقى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىقنى تىنىچلاندۇرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى ئۆزبېكلەر سىر ۋە ئامۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى بوستانلىقلار بىلەن پەرغانە ئويمانلىقىدىكى مۇنبەت ۋادىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاپ كەلگەن تېرىمچى خەلق ئىدى. قازاق قىرغىزلار بولسا دەشتى قىپچاق دالىلىرى بىلەن ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈز تۇتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ رۇس مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ خىل مۇرەسسەسىز مەدەنىيەت رادىئاتسىيىسى تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان غا قەدەر 70يىل داۋاملاشتى، نەتىجىدە يايلاق ھاياتىدىن بىۋاستە شەھەرلەشكەن قازاق – قىرغىزلار ئۆزلىرىدىن كۆپ دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان رۇس مەدەنىيىتىنىڭ رادىئاتسىيىدىگە بەرداشلىق بېرەلمەي «ئىمپورت-ئېكىسپورت» تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن 80 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مىللى جىددى كرىزىسقا ئۇچراپ، مەدەنىيەتتە كەڭ كۆلەمدە رۇسلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى، ھەتتە رۇس تىلىنى ئانا تىل ھېسابلايدىغانلارنىڭ سانى كۈن سناپ كۆپەيدى. مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ئىلگىركى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك (فرونزى) تە قىرغىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوتتۇرا مەكتەپمۇ تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى…

لېكىن، ئۆزبېكىستاننىڭ ئەھۋالى باشقىچە ئىدى. ئۆزبېكلەرمۇ ئوخشاشلا رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا مۇئەييەن ئەنئەنىۋى ئاساسقا ئىگە شەھەر ۋە تېرىم مەدەنىيىتى بولغاچقا، رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرالىدى، شۇنداقلا سىرتقى مەدەنىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ قويمىدى. . .بۇنىڭدىكى سىر دەل ئۆزبېكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەھەر مەدەنىيىتى ۋە مىللى پىسخىك جۇغلانمىغا باي تېرىم مىللىتى بولغانلىقىدىندۇر. تېخىمۇ توغرىسى ئۆزىگە جاھىل، قېرىلارچە ئېغىر بېسىق خاراكتېر يېتىلدۈرگەن، كولخوز-قىشلاقلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى پاختا بىلەن تەمىنلىگەن ئۆزبېك دېھقانلىرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر مىللەتكە خاس ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان، جاھىل، سىغدۇرۇشچان روھى تىندۇرما مىللىتىمىز مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

ئۈچىنچى، كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد كىرزىسىدىن كېلىپ چىققان «قايتىدىن قۇرۇش» پىسخىكىسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەللەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە يوشۇرۇنچە چېركاۋلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان، مىلاد بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلىقىدىن ھاياجانغا چۆمىدىغان، <ئىنجىل تەرجىمىلىرىنى تارقىتىشقا ئۇرىنىۋاتقان، بوينىغا <كىرىست>شەكىللىك ئالتۇن رەڭ مىدالىئون ئېسىۋالىدىغان بىر قىسىم ياشلار پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھال كىشىگە مىللىتىمىز يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ-قانداق؟ دېگەن ۋەھىمىنى سېلىپ، ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. شۇنداق، توۋا دەيمىز، ئەمدى بولدى، بەس! مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئېتىقاد كررزىسى بىزگە ئاز بولمىغان ساۋاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

مىلادىيە ۋىئىئى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا لوياڭدىن چىققان تۆت نەپەر مانى دىنى راھىبى يوقىرى قاتلام ئىچىدە ھەدەپ دىن تارقاتتى، نەتىجىدە ئۇزاق ئۆتمەيلا خانلىق تەۋەسىدە مانى دىنى ئەۋج ئېلىپ، شىمالى ئاسىيانىڭ جەڭگىۋار يايلاق ھاياتىغا ماسلاشقان شامان دىنى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. شامانىزم ئېتىقادىدىن مانى دىنىغا كۆچۈش پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىلگىركى ھەممە نەرسىنى ئىنكار قىلىپ، قايتىدىن قۇرۇشتەك مەنىۋى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق كرىزىسنى پەيدا قىلدى.<مانى دىنى ئۆز تەلىماتلىرىدا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى قەتىي مەنىي قىلاتتى. بۇھال يايلاق مۇھىتىدا ئۆزىدە ياۋايى جەسۇرلۇق ۋە كۈچتۈڭگۈرلۈك يېتىلدۈرگەن مىللى روھ بىلەن سىغىشالمايتتى>، ئەمىلىيەتتە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 840-يىلىدىكى زور ھالاكىتىدە ئاشۇ قېتىملىق كرزىسنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىر لىرى بار ئىدى.

ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە غەربكە كۆچكەندىن كېيىن، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئالغاچ كەلگەن شامان ۋە مانى دىنلىرىنى تاشلاپ، تارىم ۋادىسىدا زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بۇددىزم ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، نەتىجىدە يەنە بىر قېتىملىق ئېتىقاد كرزىسى يۈز بېرىپ، مىللەتنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا <قايتا قۇرۇش>يەنە باشلاندى. چۈنكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن مەزگىللەردە تارىم ۋادىسىدا بۇددىزم ئاللىقاچان مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. تارىم ۋادىسىدا چوڭ قوشۇلۇشتىن كېيىنكى<قايتا قۇرۇش>تاكى خ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر نۇرلۇق سەھەردە ئاتۇش دىيارىدىكى بىر جىلغىدا تۇنجى ئەزان ئاۋازى ياڭرىغانغا قەدەر داۋاملاشتى. مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان، مىللىتىمىز روھى ماھىيىتىنى سۇغىرىپ كەلگەن بۇددىزم ئەقىدىسى ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى بىر دىننىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇددىزم ئەقىدىسىدىن ئىسلامىيەتكە كۆچۈش مىللىتىمىز تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، پوزىتسىيىسى ئەڭ كەسكىن ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق <قايتا قۇرۇش> ھەركىتى بولدى. ئىسلام دىنى بىر خۇدالىق دىن بولغاچقا، ئەقىدىدىكى مۇتلەق كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق ئېتىقادنى ئىنكار قىلاتتى. قاراخانىلار تېررىتورىيىسىنىڭ ئىسلاملىشىشى تارىم ۋادىسىدىكى بۇددىزم مەدەنىيىتىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. بۇ قېتىمقى «قايتا قۇرۇش» تاكى خۋى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇمۇل رايونى تامامەن ئىسلاملاشقانغا قەدەر، بەش ئەسىردىن ئۇزاقراق ۋاقت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسە مۇرەسسەسىز رەۋىشتە ئىنكار قىلىپ، خارابىگە ئايلانغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىڭ ئۈستىگە يېپيېڭى ئىسلام مەدەنىيىتى تىكلەپ چىقىلدى. دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر دىن ئۆزىدىن ئاۋالقى دىنلارنىڭ تەسىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەس، بەلكى ئىلگىركى دىنلارنىڭ بىرقىسىم مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ تاشلايدۇ. بىن بىر خىل ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان ئاڭ فورماتسىيىسىگە مەنسۇپ نەرسە بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخىمىزدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئېتىقاد كرىزىسى ۋە «قايتا قۇرۇش» ھەركىتى ئەمەلىيەتتە مەلۇم جەھەتتىن بىر خىل مەدەنىيەت كرىزىسى ۋە مەدەنىيەتتىكى «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللىتىمىز ھەر قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەندە، ئىلگىرىكى ھەممە سەرگۈزەشتىلىرىنى ، ئۆتمۈشىنى، مەدەنىيىتىنى، تەجرىبە ساۋاقلىرىنى بىراقلا ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، نۆلدىن باشلىنىدىغان يېڭى دۇنيانى تىكلەشكە ئۇرۇنىدىھگان «قايتا قۇرۇش» پىسخىكىسىنى تەكرارلاپ تۇردى. شۇڭا، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بۇخىل ھالەتنى گويا تەكلىماكان باغرىدىكى بىر كېچىدە قۇم ئاستىغا غايىپ بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر يېڭى بوستانلىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا باشلايدىغان «قايتا قۇرۇش» روھىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.

ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى قىسمەتلىرىنى سېلىشتۇرساق نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. ھەر ئىككى مىللەت ئوخشاشلا چۆل-جەزىرىدە بوستانلىق يارىتىپ ئاۋۇغان، تارىخى خاراكتېرلىك چوڭ كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن (ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغا كۆچكەن بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى مىسىردىن كەنانغا، قەدىمكى بابىلدىن ئېروسالىمغا كۆچكەن)؛ھەر ئىككى مىللەت تارىختىن بۇيان تىجارەتنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ بىرى قىلغان، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردە كەم ئۇچرايدىغان سودا ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلار قانداق قىلىپ ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؟ ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىبراي تىلىنى، قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتىنى نېمە ئۈچۈن تىرىلدۈرەلىدى؟

ئەمەلىيەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تالاي قېتىملىق ھايات-ماماتلىق تارىخى قىسمەتلەر بىزنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولغانىدى. ئۇلار ۋەتەنسىزلىك، خورلۇق ۋە ھالاكەت تەقدىر ئىچىدە ياشاۋېتىپ: <مەن مەندۈرمەن، مەندىن ئاۋۋال يەھۇدىيمەن> دېگەن ماقالىنىڭ مەنىسىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدى كۆچمەنلىرى ھەرخىل دىن، ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا يەھۇدى دىنىنىڭ روھى ئارقىلىق جۇغلىغان مىللى مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ئارقىلىق تاقابىل تۇردى. سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىجابىي تەسىرلىرىنى يەھۇدىي دىنى ئارقىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاساسىغا قوبۇل قىلدى. ئېھتىمال، دۇنيادا تارىختىن بۇيان، دىنى ئېتىقادىنى ئىزچىل ئۆزگەرتمەي كەلگەن مىللەت پەقەت يەھۇدىيلار بولسا كېرەك. ناتسىسىتلارنىڭ جازا لاگېرىدا، ياۋروپادىكى ئوخشىمايدىغان ئەللەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆسكەن يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە كۈرەش قىلالىشى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇستەھكەم مىللى روھىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان.

لېكىن، بىزدىكى كۆپ قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشلاردىن كېلىپ چىققان«قايتا قۇرۇش». «تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ بۈگۈنى يارىتىش» پىسخىكىسى مىللىتىمىزنىڭ ئاسان قىزىپ تېز سوۋۇيدىغان، ئۈزۈكلۈك ئىچىدە چاقناشنى ئىستەيدىغان، تىنىمسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىنى بەلگىلەپ قويدى. مىللىتىمىزنىڭ شامان، مانى، بۇددىزم، زورۇئاستېر، نېستورى ۋە ئىسلام قاتارلق دىنلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن ئېتىقاد قىلىپ باققانلىقى، تالاي قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغانلىقى، ئۆز تىلىدا نۇرغۇن تىللارنىڭ ئېلىمىنتلىرىنى ساقلىغاندەك تارىخى پاكىتلار ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۆتىنچى، ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە غىدىقلىنىشنى شەرت قىلىدىغان روھى قۇرۇلما

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى تارىم ئويمانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە تۇرپان قومۇل ئويمانلىقلىرىدىكى يېشىل بوستانلىقلارنى مەركەز قىلغان تېرىم مەدەنىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مەدەنىيەت شەرقنىڭ چوڭ دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلغان، ئەنئەنىگە ھېرىسمەن، ئىچكى مايىللىقى كۈچلۈك، بېكىنمە ھالەتتىكى تېرىم مەدەنىيىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى. تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى تىندۇرمىسىدا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ جاسارىتى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ جاھىللىقىدىن يۇغۇرۇلغان، يىپەك يولى ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىدىن ھەر خىل رەڭ-پۇراق ئالغان ئارىلاشما ئەندىزە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان ئىدى. بوستانلىقلارنى ياراتقۇچى دېھقانلار مۆتىدىل بەلباغنىڭ تېرىمچىلىرىدەك ھۆل-يېغىن مول، ئىقلىمى ئىللىق، تەبىئەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان مۇقىم، زىل زىلىلەردىن خالى شارائىتقا ئىگە ئەمەس ئىدى، تەبىئەت ئۇلارنى پەپىلىمەيتتى، بەلكى ئۇلار تەبىئەتنى _ پايانسىز قۇملۇقلارنى، سۇسىز چۆللەرنى، قۇرغاق ئىقلىمنى پەپىلەيتتى. شۇڭا ، بۇ يەردىكى تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دېھقان مىللەتنىڭ قۇرغاق روھى ئاسىيانىڭ مۆتىدىل رايونلىرىدىكى تېرىمچلىلارنىڭ ھۆل، يېپىشاڭغۇ خاراكتېرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، تارىم ئويمانلىقى ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى بىر چوڭقۇر بالىياتقۇ بولىشىغا قارىماي، يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆز ۋۇجۇدىنى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ خۇرۇچلىرى بىلەن تىندۇرغان ئىدى. شۇڭا، مىللىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى ئىچى يېپىشاڭغۇلۇقتىن كۆرە سىرتقى غىدىقلىنىشىنى ئۆز گۈللىنىشىنىڭ پىلتىسى ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلغان. خۋ ئەسىرگە كەلگەلدە، كونا قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ ئالتۇن دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە پار ماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى قېرىپ، تىنىپ كەتكەن ئاسىيانى دەۋرنىڭ كەينىگە تاشلاپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان 500 يىل داۋامىدا <ئۇنتۇلغان زونا>غا ئايلانغان تارىم ۋادىسى ھېچقانداق بىر يېڭى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشىغا، ھېچقانداق بىر تاشقى تەسىر نىڭ زەرەتلىشىگە ئۇچرىمىدى. ھەرخىل گۈللەرنىڭ رەڭ-پۇراقلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كۆنگەن ۋە ئۆز كۆڭلىنى ياشارتىپ ئۆگەنگەن بۇ «بۈيۈك ئاتا» ئاستا-ئاستا بەللىرى مۇكچەيگەن، ساقاللىرى چاڭگىلاشقان، ۋۇجۇدى قېرىغان بىر بوۋايغا ئايلاندى. . .ناۋائىيدىن كېيىن، 500 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مەدەنىيىتىمىزدىكى«ۋاكۇئۇملۇق» ئەمەلىيەتتە ئىچكى جەھەتتىكى روھى مەھكۇملۇق بىلەن تاشقى جەھەتتىكى تەنھا-يىتىملىكنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

دېمەك بىر مەھەل گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرىلىشىدىن كۆزلەرنى قاماشتۇرغان، تارىمدىكى ئارىلاشما مەدەنىيەت ئەندىزىسى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بېكىك، تەنھا مۇھىتقا قاغجىرىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ سۈكۈتلىرىدەك چوڭقۇر لاتقىلارغا تىنىپ كەتكەنىدى. مەشھۇر تارىخچى ھىتتى ئۆزىنىڭ «ئەرەبلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا: «پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش قۇملۇق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىللىق ئىچكى مەنىۋى جۇغلانمىسى مۇئەييەن غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ھامان، گويا تۇيۇقسىزلا ئويغانغاندەك ھەممە يەرنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ تاشلايدۇ…» دەپ يازغان ئىدى.

دەرۋەقە، تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ قۇم تېگىدە ئۇزاققىچە بېسىلىپ ياتتى، ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن تاڭلايلىرى چاك-چاك يېرىلدى، تىندۇرمىدىكى لاتقىلار چىرىدى.

پەقەت خخ ئەسەرنىڭ تاڭ نۇرى مۇدھىش تۈنلەرنىڭ پەردىسىنى قايرىغان چاغدىلا، بالىياتقۇدا تولىمۇ ئۇزاق يېتىپ تۇنجۇقۇپ قالاي دەپ قالغان بۇ تورالمە يېڭى ھاۋادىن ئاز-تولا نەپەس ئېلىشقا باشلىدى…..

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار