ياپۇنىيە،ئۈرۈمچى ۋە كۇچار

ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى»دىن ئۆزىمىزگىچە

(رۇقىيە ئابلا، پاتىگۈل نىياز)

شائىر، پەيلاسوپ، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن <<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا>>دېگەن كىتابى بىلەن تىرىكچىلىك غېمىدە قارا قويۇق ھەممىنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن نېرىپلىرىمىزنى غىدىقلاپ ماددىي ئالىمىمىزدىن روھىي ئالىمىمىزگە، شەكىلسىز بوسۇغىدىن سىرلىق قەلئەلەرگە قايتىپ، ئۆزلۈك قەسىرىمىزدىن «كىملىك» ىمىزگە دىئاگنوز قويۇپ كۆرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى.

«كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر،كىملىك»بىلەن باشلانغان بۇ قۇرلار ئاشۇ كىملىككە ئېرىشەلمەي قەدەمدە بىر پېشكەلچىلىككا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەملەرنى ئېسىگە ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەمگە (ئۇ ئادەم بولسىلا) تەسىر قىلماي قالماديۇ. بىز چوڭقۇر پىكىرلىك تەمكىن ھەم كەسكىن، ۋاقىتنى جان دەپ بىلىدىغان ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئالدىدا (405 نومۇرلۇق سىنىپتا) ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە، تالاي ھەسرەتلىك دەردلەرنى يۈكلىۋالغان نۇرلۇق چېھرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ: «… مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم. <<ئۇيغۇر>>دېگەن ئىبارىنى يەتتە سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ. تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. چىۋىن، چاشقان، قۇرت قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن دېگەن بايانلىرىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك، تۇيغۇ دۇنياسىغا بىللە غەرق بولۇپ، تەكلىماكاننىڭ خىلۋەت جاڭگاللىرىدا يېگانە قالغاندەك ئۆزىمىزنى تولىمۇ غېرىب، بىچارە ھېس قىلدۇق، كۆزلىرىمىزگە ياش ئەگىدى………. )

دېمىسىمۇ «بىز كىم؟»

بىز (رۇقىيە بىلەن پاتىگۈل) ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى. لېكىن، بۇ ئادىللىق ئىچىدە مائارىپىمىز ئۈچۈن كېچە كۈندۈز كۆيۈپ، پىشىۋاتقان روھىي تىرەن، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش ئارمان بىلەن سوقىدىغان يۈرەك بار. تۇرمۇشنىڭ ئېگىز پەس داۋانلىرىدا قاپىرىپ، ئىششىپ كەتكەن پۇتلىرىنى قانداق يۆتكەش ئۈچۈن تولا باش قاتۇرۇپ، ھاردۇق يەتكەن بىر باش بار. ماھىر دىپلوماتلار»، نەزىرىدە ئۇنداق ياكى مۇنداق باھا ۋە ئۆلچەملەرگە سېلىنىپ، تاشقىلىپ ناھايىتى تەستە قولغا كېلىدىغان جىمجىتلىق. يېگانىلىك ئىچىدە «ئۆز» لۈك، ئاياللىق، ئانىلىق، ئۇستازلىق ھەققىدىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇچە سانسىز قېتىم پايخان بولىدىغان سۇلغۇن ئەمما ئېەىلمەس روھ بار. بىز ئەنە شۇ ئادىللىق ئىچىدىن تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ قالىدىغان كىملىكىمىزنى بايقاپ، ئۆزىمىزنى روھىيەت ئالىمىمىزدىكى بەختىيارلاردىن سەزدۇق. لېكىن بۇ تۇيغۇ قاچانلاردا چەكسىز چەمبىرەكلەر دۇنياسىدىكى مۇڭداشلىرى بىلەن بىرلىشەلەيدۇ؟! مانا بۇ نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدىغان رېئال مەسىلە.

نەچچە مىڭ ئىرا بۇرۇنقى دىنازاۋۇرلارنى تەتقىق قىلىپ، قايتا تىرىلدۈرۈش ئارزۇسىدا ھېسابسىز مەبلەغ بىلەن بۇ تەتقىقاتنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرغان تەرەققىي تاپقان ئەللەر ئوغۇز، تۇمارس، ئاتېللا، ساتۇق… تەڭ جاھاننى تاڭ قالدۇرغان زەبەردەست سىياسىئونلارنىڭ فارابى، ئىبن سىنا، ئىبنى رۇشىد، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋائى، ئاماننىسا… دەك مەدەنىيەت يۇلتۇزلىرىنىڭ ۋارىسى بولمىش بىزنى بىلمەسلىكى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىن تولىمۇ يىراقتا قالغانلىقىمىزدىن ئىبارەت بۇ پاكىت مىللىي كىملىكىمىزنىڭ تەخىرسىز كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئەينى يىللاردىكى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف باشچىلىقىدىكى مىللىي كىملىكنى ئىزدەش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشچىلىقىدىكى ئىمانى كامىللارنىڭ «ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاق»، قارا»ئاتاقلارنىڭ ئىستېمالىغا يەمچۈك بولۇشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتىن باشلانغان ئىككىنچى قېتىملىق ئىزلىنىش باسقۇچىنى ئالدىمىزغا قويۇپ، يەنە بىر قېتىملىق ئىزدىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېڭىمىزغا يۈكلەيدۇ.

«يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»دىن باشلانغان ئەختەم ئۆمەر، نىزامىدىن ھۈسەيىنلەر ئېچىپ بەرگەن ئۆزىمىزنى تونۇش يولىمىزدا مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۆتىۋەرلىرىمىز ئۆزى بىلگەننى بىزگىمۇ بىلدۈرۈش، ئۆزى تونۇغاننى بىزگىمۇ تونۇتۇشنى تەۋپىق بىلىپ، ساياھەتنامىلەر ئارقىلىق يات ئەللەر بىلەن ئۆزىمىزدىكى سېلىشتۇرمىلارنى ئەقىل نەزىرىمىزگە سۇندى.

بىز گەرچە بۇ خىلدىكى خاتىرىلەرنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى بولساقمۇ، لېكىن، نۇرغۇن كىتابخانلارغا ئوخشاش غەرب بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا 80 ~ 90 يىللىق، دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى 50 ~ 60 يىللىق، ئۈرۈمچى بىلەن كۇچانىڭ تەرەققىياتىدا 20 ~ 30 يىللىق مەدەنىيەت، كىشىلىك ساپا پەرقى بار دېگەندەك دەسلەپكى يەكۈندىلا تۇرۇپ قېلىپ، بۇ پەرقلەر ھەققىدە ئەقلىي نەزەر بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشتىن تولىمۇ يىراقتا قالغان ئىكەنمىز، مۆھتەرەم ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن سوۋغا قىلغان بۇ بوسۇغا بىزنى بۇ تەپەككۇر سەيناسىغا سۆرەپ كىردى…

2002- يىلى ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن نامىنى، داڭقىنى تولا ئاڭلىغان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا قەدەم قويۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. ئىجتىمائىي مۇھىتى بىلەن يۈزەلا تونۇش بولغان بۇ دىيار بىزدەك روھى نامرات، زامانىسى يۈكلىگەن «زىيالىيلىق» يېرىم تونى بىلەن ئىككى تاش ئارىلىقىدا تولا قىسىلىپ، مەنىۋىيىتى تۇرمۇشنىڭ رەڭدار مەزمۇنلىرى بىلەن تويۇنغان ئاياللار ئۈچۈن بوسۇغىسىنى كەڭ ئاچتى… شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ سىرلىق كوچا، تار ئېقىنلىرى، ئاۋات رەستە ئايۋانلىرى، مول مەدەنىيەت بازارلىرى… 24 سائەتلىك ئازابتىن خالىي شادلىق «باغچىلىرى»… ھەقسىز ھەدىيە قىلىنىپ تۇرىدىغان، باشتىن ئۆتكۈزمەيمۇ سېنى ئازاب قايناملىرىغا غەرق قىلىپ، پىكىرلەر ئالىمىگە كۆمىۋېتىدىغان قاراڭغۇ تەڭسىزلىكلىرى… قەدەمدە بىر ئۆز بوسۇغىلىرىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرۈپ تۇردى. لېكىن ھېچقايسىسى بىزنى مەجبۇرلاپ، سۆرەپ قوينىغا تارتالمىدى. بىراۋلارمۇ مەيلىمىزسىز بۇ ئوت گۈلخانغا ئىتتەرمىدى. ئۆزىمىز خالىغاننى، ئۆزلۈكىمىز تاللىغاننى ئىختىرا قىلىپ، ئۆز ئۆزىمىزگە ۋە بىر بىرىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، كىرگىمىز كەلگەندە ئىشىكنى قېقىپ، ساقلاپ تۇرۇپ كىرىپ، ئۆزگىچە مەنا ۋە زوق ئالغان بوسۇغىلارمۇ، رەڭدارلىقى بىلەن قاناتلىرىنى كەڭ ئېچىپ تۇرسىمۇ، نەزەر كۆزىمىزنى سالماي ئاتلاپ كەتكەن بوسۇغىلارمۇ بولدى…`

ئابدۇل ئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ تەشكىللىشى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق… لارنىڭ دەرس بېرىشىدىكى تۇنجى قارارلىق «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» كەچكۇرسى، «قۇتادغۇ بىلىك ئىلمىي تەتقىقاتچىلىقى»، >«ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلەر توپلىمى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى<، «كىتاب مۇنبىرى سۆھبىتى»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پروگراممىسىدىكى «ستۇدېنتلار نەزىرىدىكى ئۈرۈمچى»… قاتارلىق ئەھمىيەتلىك تېمىلار ھەققىدىكى قىممەتلىك لېكسىيىلەر، يىغىلىشلار، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقېييۇم ئىمىن، يالقۇن روزى، مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىلىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرى ۋە ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى… «مەڭگۈ تاش قىرائەتخانىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا»، «ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»… رەيھان قاسىم يېتەكچىلىكىدىكى «30 مېھرىبان ئانىلار ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەمەلىي پائالىيىتى» (38 ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان)، قار لەيلىسى، سۈزۈك سۇ»باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى يېتىم يېسىرلار ئۈچۈن ھەقسىز، مىننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇربان بېرىش روھى… گۈلساي قەبرىستانلىقى، ئۇلانباي قەبرىستانلىقى ۋە خوجا نىياز ھاجى قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر… دېگەندەك ئەھمىيەتلىك تېما. مۇھاكىمە، سورۇن ۋە سۆھبەتلەر، قىممەتلىك پۇرسەتلەر بىزگە نېسىپ بولدى. بىزمۇ شۇ سورۇنغا ياراشتۇق. شۇ مۇھىتتىكى ئادەملەرمۇ بىزگە كۆڭۈل كەڭلىكىدىن ئورۇن بەردى. بۇ تەرىپىدىن ئالغاندا، ئۈرۈمچى بىز ئۈچۈن قىيالمايدىغان، مېھرى تولىمۇ ئىسسىق بىر ماكان ئىدى. بەزىدە بۇ جايدىن شۇنچىلىك بىزار بولاتتۇقكى، ھەممە ئادەم «تاۋۇس ئەللەيىن» دەك كۆرۈنۈپ، گۇمانخورلۇقىمىز چېكىگە يېتەتتى دە. يىراق يېزىمىزدىكى پاتمىچۇقلار سەكرىشىپ ئوينايدىغان بارخانلىرىمىزنى، تال سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلىرىمىزنى، يېشىل دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان ئېتىز قىرلىرىمىزنى جىگدە چېچەكلىرىنىڭ ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان ئىللىق پۇراقلىرىنى بەكمۇ سېغىناتتۇق. بۇنداق چاغدا بىر بىرىمىزگە تەسەللىي بېرىشىپ، ئۈرۈمچى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلەرنى تۆكۈشەتتۇق.

ئۈرۈمچىنىڭ يامغۇرلۇق ئاخشاملىرىدىكى رومانتىك سۆيگۈلەر، كۇلۇب، قاۋاقلاردىكى «مەڭگۈلۈك» ۋەدىلەرگە كۆمۈلگەن سۆيۈش سۆيۈلۈشلەر، كىرپىك قېقىپ بولغۇچە ئۆزىنى ئېتىپ ئالدىڭىزغا ئۈنۈپ بولىدىغان پەسكەش، ئىشقىۋاز مەستانىلەر، كېچە كۈندۈز دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، پۇل ئۈچۈن «ئىشرەت كوچىلىرىنى» كەڭ ئېچىۋەتكەن يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمان سارايلار، قانۇنىي كاپالەتلىك «ھال سورىغۇچى» خانىملارنىڭ تۆۋەندىكى يېزا قىشلاق، ناھىيە شەھەرلەردىن ئالاھىدە كېلىپ قالغان پۇرسەت، يىغىنلار باھانىسىدە بېرىپ قالغان «ئەركەك» لىرىمىزنىڭ بىر ئىككى يىللىق ھاردۇقىنى بىراقلا چىقىرىپ، ئۇلارغا «جەننەت ھۇزۇرى» ئۆزىگە پۇل ھۇزۇرى تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشلىرى، قاس چىقارغۇچە پاس چىقىرىپ بولىدىغان «كىچىكلىتىلگەن پارىژ» كوچىلىرىدىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىچارىلىك… بىزنى تېخىمۇ جىمغۇر ھەم سوغۇققان قان قىلىپ قويۇۋاتاتتى. ئادەمنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بولمىش بىزنىڭ مەكتىپىمىز بولمىش شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىدى. «بىز ئوقۇشقا بارىمىز» دېگەننى ئاڭلىغان خىزمەتداشلىرىمىز، مەھەللىداشلىرىمىز: «ئۇ مەكتەپ سىلەر بارىدىغان يەر ئەمەس، ئۇ جاي تامام بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇۋىسى»دېيىشتى. بىزگە ئىشەنگەن ئەرلىرىمىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدە گالۋاڭ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلانغىلى تاس قالدى. لېكىن تىرىشقانغا لايىقىدا ئەجرى بېرىلىدىكەن. بىز كېلىپلا بۇ مەرىپەت كانىغا سىڭىپ كەتتۇق. كۆزىتىشتىن بىر دەقىقە توختاپ قالمايتتۇق. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇششاق ھەرىكەتلىرىدىن تارتىپ كۇرسانتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگىچە بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىزدە ئىدى. چۈنكى كاللىمىزدا ئەگىپ يۈرگەن «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى» ھەققىدىكى مۇدھىش خىياللار ھېلىھەم روھىمىزنى قىسىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئاستا ئاستا چۈشىنىپ يەتتۇقكى، بۇ مەكتەپ تۈرلۈك مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنلەرنىڭ رىقابەت سورۇنى ئىكەن. 20% ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ئوقۇيدىكەن. 20% ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئوقۇيدىكەن. 30% ئوقۇغۇچىلار بولسا نان تەقەززاسى، زىقابەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئوقۇيدىكەن. يەنە 30% ئوقۇغۇچىلار بولسا، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ئېگىز پەسلىكلىرىدە چارچىغان نېرۋىلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىكەن. شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بەھرىلەنگەندەكلا نەرسە بولسا ھالال ھارام دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن مەيلىنى ئەركىن قويۇۋېتىدىكەن.

مەكتەپكە ھەر كۈنى كەچتە ۋە شەنبە، يەكشەنبىلەردە ناھايىتى جىددىي ھالدا ماتېرىيال سومكىلىرىنى قولتۇقىغا قىسىپ كىرىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، بۇ مەكتەپتە يەنە ئاللىقانداق بىلىم تولۇقلاش كۇرسلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئىلىم رىقابىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. گاھىدا بىز ئەنە شۇنداق رىقابەت قايناملىرىدا تىرىشىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر بىلەن ئەتراپىمىزدىكى غايىسىز، مەقسەتسىز، نىشانسىز ھالدا لەيلەپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم ھەمراھلىرىمىزغا سېلىشتۇرۇپ، ئىچىمىز ئاچچىق بولاتتى. ئەلەم چېكەتتۇق. خالاس ئۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتتۇق.

كۈندە مەكتەپ ئالدىدا توختاپ كېتىدىغان ئاللىقانداق ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ تاقەتسىز كۈتۈشلىرى، ياتاق ياتاقلارغا يوللىنىۋاتقان ئوتلۇق سالاملار، قول تېلېفونلارنىڭ ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن ئوينايدىغان كومىدىيىلىرى، ئاممىۋى تېلېفونلاردا ئۆچرەت بىلەن نالە قىلىپ «سىلەرنى بەك سېغىندىم، بالىلىرىم كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتتى…»، «مۇزاكىرىدىن يېنىپ ئۆزۈم تېلېفون قىلىمەن ياكى ئەتە تېلېفون قىلاي، دەرسلىرىمىز بەك ئېغىر، ۋاقىت بەك زىچ…»، ھازىرلا بارىمەن، ئۆيۈمگە تېلېفون قىلىۋەتتىم. ئىشلىرىمنى توغرىلاپ قويدۇم… بىردەم تاقەت قىلىڭ…»دېيىشلەر بىلەن ئاللىقانداق نىشانلارغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان «تىرىشچان» سىتۇدېنلار، ئايلىق پۇل چىققان ھامان ئەڭ مودا كىيىمدىن ئۈستىباش يېڭىلاپ، قورساقنى باشقىلارغا ئامانەت قويۇپ، بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈنمۇ بىر ئاخشاملىق مەيلىنى، ئۆزىنى، تەن ئۆزلۈكىنى ئۆزگىلەرگە ئارىيەت بېرىۋېتىدىغان قىلمىشلار كۆزىمىزدە، ئالدىمىزدا، ياتىقىمىزدا، سىنىپىمىزدا، بىر يۇرتلۇقلىرىمىز ئارىسىدا قەدەمدە بىر كۆرۈلۈپ تۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان. مانا بۇ كىشى بىلەن كىشى كارى بولمايدىغان، خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نەسىھەت قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى.

ئىلگىرى، ئۈرۈمچى كىم نېمە كىيىشنى خالىسا شۇنى كىيەلەيدىغان قانداق يۈرۈشنى ئىستىسە شۇنداق يۈرەلەيدىغان، ھەتتا كوچىدا بىر ئادەم يىقىلىپ كەتسىمۇ «مەدەنىيەتسىزلىك بولىدۇ» دەپ نېمە بولغانلىقىغا قاراپ قويمايدىغان شەھەر ئىكەن دەپ ئاڭلىغاندا، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىسا نېمىدېگەن ياخشى دەپ بۇ شەھەر ھەققىدە گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرۈپتىكەنمىز. مانا ھازىر ئۈرۈمچى ئەمەس كۇچاردىمۇ يانچۇقىغا قول سېلىنىۋاتقان بىر مەزلۇم ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىش ئەمەس، شەرەت قىلىپ قويۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي تۆگە كۆردۈڭمۇ؟ ياق»دەپ كېتىۋاتقان، ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ، بىرى قاتتىق ئۇۋالچىلىق تارتىۋاتسىمۇ چاتىقىغا ئالماسلىق ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەندە، قانداقتۇر بىر يەرلەرگە قېچىپ كەتكۈمىز، نېمىلەرنىدۇر ئىزدىگۈمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۇچاردا كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان، قىزىل شارپا، يېشىل گاڭسەر ئۈرۈمچىدىن دەقىقە كېيىن قالماي ئومۇملىشۇدىكى، كۇچاردا سېتىۋالغان كىيىملىرىڭىز ئۈرۈمچىدە مودىلىققا يارايدۇ. ئۈرۈمچى بېكىتىدە، يىغلاپ تۇرۇپ خۇشلاشقان سۆيگۈنڭىزنى ئاپتوبۇستىكى قاسماق يوتقانغا پۈركىنىپ، بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىز، قەلب تۇمانلىرىڭىزنى خىرە قىلغان ئازغۇن چۈشلىرىڭىزدىنمۇ ھەيدەپ چىقىرىپ، كۇچا بېكىتىدە، يولىڭىزغا تۆت كۆزى بىلەن ئەمەس، پۈتۈن جىسمى تېنى»بىلەن كۈتۈپ تۇرغان سۆيگىنىڭىزنىڭ قۇچىقىغا «بالىچىلاپ» ئۆزىڭىزنى ئاتىسىز. مانا بۇ «مەدەنىيەت» ئوخشاشلىقى. بىز بۇ جەھەتتىكى پەرقنى قىسقارتىشقا شۇنچىلىك ماھىرسىزكى، ھەتتا تاس قالىدۇ ھوللىۋود بىلەنمۇ بۇ جەھەتتىكى پەرقىمىز قىسقىراپ، يوقاپ كەتكىلى. لېكىن، كىيىم كېچەك شەكلەن نەرسە، ئەسلىدە ئۇ بىر مىللەتنىڭ خاراكتېر ماھىيىتىنىڭ تاشقى ئىپادىسى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر ماھىيىتىنى يوقاتقان جىسمىغا ئارتىلغان لاتا پۈتىلەرمۇ ئۇ خىل رولىنى يوقاتقان بولسا كېرەك.

ئۈرۈمچى بىلەن كۇچاردا بىنا ئوىشاش، شەھەر قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئارامگاھلارنىڭ ياسىلىشىدىن تارتىپ، توي چايلارنىڭ تۈرىگىچە ئوخشاش. لېكىن ئادەملەرنىڭ قىممەت قارشى، روھىي دۇنياسى، خاراكتېر ساپاسى ئوخشاش ئەمەس، ئىلمىي ھاۋاسى بىلەن نوپۇز قارشى ئوخشاش ئەمەس. 30 يىللىق مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق مانا مۇشۇ تەرەپلەردە ئىپادىلەنسە كېرەك.

ئابدۇقادىر جالالىدىن پايونىيىدىكى ئىلىم پەن خادىملىرىنىڭ مىللەت، تەۋەلىك ئايرىمايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىكى، ئىلىمگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئۆز روھىغا بولغان سادىقلىقى، ھەربىر ئىش ھەرىكىتىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ غۇرۇرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان روھىي تىرەنلىكى، تىنىمسىز ئىزلىنىشى ۋە ئۆزىنى بېشىشلاش روھىدىكى بىھېساب ئالىيجانابلىقىنى… ئەمەلىي مىساللار بىلەن يېزىپتۇ.

ياپونىيىدىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قانۇن تۈزۈم ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقى، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى مەنىۋى توقچىلىقى، ئادەمگەرچىلىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ھەتتا ھايۋانلارغا ھايۋانلىق نۇقتىسىدىن قاراپلا قالماي، يەنە سېزىمى، ھېسسىياتىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئادىمىي پەزىلەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشلىرىنى… يېشىپ مەي باغلىغان مېۋىلەرنى (ئاپېلسىننى) يېيىش ئۈچۈن ئەمەس تەبىئەت گۈزەللىكى، تەبىئىيلىككە ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئۈچۈن شېخىدىن ئۈزمەي ساقلايدىغانلىقىنى، ئېستېتىك زوق ئېلىشنىڭ نەقەدەر چەكسىزلىكىنى… يېزىپتۇ. ئاددىي رېستوران، كۇتۇپخانا ۋە سودا سارايلىرىدىكى كۈتكۈچىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى توقلۇقىنى، سەمىمىيلىكىنى، ئېسىللىكىنى، تەبىئىيلىكىنى… يېزىپتۇ؛ دېھقانلاردىكى باياشاتچىلىق، خاتىرجەملىك، ئاياللاردىكى پىلانچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقنى، ئىشچانلىقنى، قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ راۋانلىقى، شوپۇرلارنىڭ تولىمۇ سىپايە، ئەدەپلىكلىكىنى… يېزىپتۇ؟ قانۇن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ئىش بېجىرىشنىڭ ئاسانلىقى، خادىملارنىڭ كەمتەر، كىچىك پېئىللىقىنى، ئادەملەرنىڭ ۋاقىت، مەنپەئەتى، ھېسسىياتى بىلەن خالىغانچا ئوينىشىدىغان ئىللەتلەردىن خالىي پەزىلەتلىرىنى يېزىپتۇ؛ ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئالاھىدە ئېتىبارغا سازاۋەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ھەربىر ئاممىۋى سورۇن ۋە ئورۇنلاردىكى ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەنگەن قۇلايلىقلارنى ھاجەتخانىلاردىكى بالىلار ئۈچۈن، بالىلىق ئاياللار ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس خانىلارنىڭ تەييارلىنىشى، ئاممىۋى تېلېاون، قاتناش ۋە تىجارەت سورۇنلىرىدىكى ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئالاھىدە شارائىتلارنى… يېزىپتۇ.

بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، چەت يېزىنىڭ كىچىككىنە ماگىزىنلىرىغىمۇ كىتاب ژۇرناللار سېلىنىدىكەن. بىر چەتتە 18 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى ئادەملەر كۆرۈشكە بولمايدىغان ژۇرناللار قويۇلىدىكەن، ئۇ يەرگە18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار كۆرۈشكە بولمايدۇ» دەپ ئوچۇق يېزىپ قويۇلىدىكەن. 20 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بالىلارغا ھاراق، تاماكا سېتىلمايدىكەن. ئاپتوماتىك سېتىۋېلىش قۇرۇلمىسىغىمۇ يېشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كارتىنى سالمىغۇچە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئالغىلى بولمايدىكەن… تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى ھەتتا بالىلار باغچىلىرىدىكى كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئاددىي سىزمىلىرىنىمۇ توپلام قىلىپ ئىشلەپ، مەخسۇس مۇقاۋىلاپ تارقىتىپ بېرىدىكەن، ساقلايدىكەن…

بىزنىڭ بۇ يەردە چەت يېزىنىڭ چوڭ كىچىك دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى قاۋاقخانىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. كىتاب بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشىدىغان، كۆپرەك پىكىر قايناملىرىدا ئۈزۈپ يۈرىدىغان ئادەملەر بىنورمال ھېسابلىنىدۇكى، مەستلىكىدىن خۇددىنى بىلەلمەي كوچىلاردا يىقىلىپ قالغان، ئاپئاق ساقىلىغا تۈكۈرۈپ ئالىچوقا سۆزلەپ يۈرگەن، بىر بىرىگە پىچاق ئېتىشىۋاتقان ئادەملەر ئەجەبلىنەرلىك، نومۇسلۇق تۇيۇلمايدۇ. بىزدە يەنە ئانىسى ئوغۇل»دەپ تۇغقاچقىلا ئۆزىنى ئوغۇل بالا ئاتىۋالغان غايىسىز، ئەقىدىسىز، مەسئۇلىيەتسىز شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، يېشىغا، ئورنىغا باقماي، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى ھەتتا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى شەھۋانىي ئۈن سىن بۇيۇملىرىنى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ قالتىسلىقىنى كۆز كۆز قىلىدۇ. تاۋكادىكى نوچىلىقىنى ئەتەي پەش قىلىپ، بالىلارنى قاراڭغۇ يوللارغا باشلايدۇ. مائارىپ سېپىمىزدىمۇ ئوقۇتقۇچى دېگەن نامغا تۇزكورلۇق قىلىدىغان مۇشۇنداق نائەھلى ئەبگالار يوق ئەمەس.

ئادەتتە، مەكتەپلىرىمىزدىكى ئىجارىگە بېرىلگەن مىلىچماللار دۇكىنىدىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز يۈگۈرۈپ چىقىپ، خالىغان ۋاقىتتا پۈتۈن ياكى پارچە تاماك سېتىۋالالايدۇ. بىچارە سىنىپ مەسئۇللىرى تولا قاقشاپ، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەڭ تۈگەشسە تۈگىشىدۇكى، دۇكان ئىگىسىنىڭ مويىمۇ تەۋرەپ قويمايدۇ. چۈنكى «مۇناسىۋەت تورى» ئۇنىڭغا ئاشۇنچىلىك نوپۇز»بېرەلىگەن. مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا قاراپ باقساق، ماركىسى»بار شىفىڭ دۇكانلار ئورۇنلىشىپ قالغان. ئۇ يەردىكى سەتچىلىكلەردىن بىرەرىنى كۆرۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆككەن تەرى بىر تىيىن… بىزدە مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مائارىپ ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا مەسئۇلىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى بەكمۇ تەس بولىدىكەن.

بىزنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش، شۇ بولدىكى، ياپونىيىدە شەھەر قۇرۇلۇشى تەبىئەتنىڭ تۈزۈلمىسىگە زىت رەۋىشتە ئەمەس بەلكى تەبىئەتنىڭ تۈزۈلمىسى بىلەن مۇرەسسە قىلغان ھالەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى، يەنى، شەھەرلەر بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە ئوخشاش ئېتىزلارنىڭ، باغ ۋارانلارنىڭ، ئورمانلارنىڭ ئورنىغا پىلانلانماستىن بەلكى، ئەسلىدىكى يەر شەكلى قۇرۇلمىسىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا بىنا قىلىنىش، JAISI قا ئوخشاش مەكتەپلەرنىڭمۇ تاغنىڭ ئورمانلىق يېرىگە ئەمەس، دەرەخسىز تاقىر يەرلىرىگە پىلانلانغانلىقى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمىي مەھەللىلەر ئۆيلەر، قەبرىستانلار ئەجدادلارنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قوغدىلىدىكەن. بىزدە مەھەللە تۈگۈل بىرەر قۇرۇلۇش پىلانىغا تاقىشىپ قالغان خېلى چوڭ قەبرىستانلىقمۇ ئالاھىدە پەتىۋالار بىلەن كۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ.

يېقىنقى بىر ئىككى يىل مابەينىدە كۇچارغا كەلگەن دوستلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، كۇچارنىڭ خاسلىقى قالماپتىمىش، پەقەت كونا شەھەردىكى رەستە ۋە چوڭ خانىقا ئەتراپى كۇچار ھەققىدىكى چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغاندىن سىرت، قەدىمىي كۈسەن»دەپ سۆيۈنگىدەك ئالاھىدىلىكى يوقمىش، باشقىلار بىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ شۇنداق دەۋاتقان يەردە، بىز ئۆزىمىزدە بار ئۆزلۈكىمىزنى قەدىرلىمەك تۈگۈل، ھەيۋەتلىك بىنا ئىمارەتلەرنى، ئازادە يوللىرىمىزنىمۇ ياخشى كۆرۈۋەر، دېيىشكە نېمە ھەققىمىز.

يېقىندا، قەشقەرگە بېرىپ كەلگەن تونۇشىمىزدىن قەشقەردە زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كۆپەيمەي، ئەكسىچە ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، سەۋەبى، قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ يوقاپ قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى خاسلىقى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كونا ئۆي، قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوغداش ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئاقىللارنىڭ ھەر قانداق نەرسە ئۆزى مەنسۇپ بولغان خاسلىقتىن ئايرىلسا، گۇمراھلىققا يۈز تۇتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېيتقىنى دەرھەقىقەت بولسا كېرەك.

ئابدۇقادىر جالالىدىن ئازغىنە ياپونىيە سەپىرىدە كۆپ نەرسىلەرنى مۇھىمى بىزنى، جەمئىيىتىمىزنى، روھىمىزنى، خاراكتېرىمىزنى تۈزۈلمىمىزنى ھەتتا ھېسسىياتىمىزدىكى كەمتۈكلۈك، نېرىپلىق «ئادىمىيلىك»دەپ جار سېلىپ، ئادىمىيلىكنى تونۇپ بولالمىغان ئۆزلۈكىمىزنى سېلىشتۇرما تەتقىقات بىلەن ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىپ كۆرۈپتۇ.

گۇ پروفېسسور ئېيتقاندەك، ياپونىيە گەرچە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ياپونلار ياپون پېتى تۇتۇۋەرگەن. بىر قىسىم مىللەتلەر بولسا بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىمەن دەپ ئۆزى يوقاپ كەتكەن. شۇڭا مەدەنىيەتنىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە سوغۇققان تۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تومۇرىنى ئوبدان تۇتۇپ، ئۆزىگە پات پات دىئاگنوز قويۇپ تۇرۇش لازىمكەن. ياپونلار بۇنداق دىئاگنوزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا لۇشۈننىڭ دىئاگنوزى ۋە ئوپېراتسىيەسىمۇ دەل ۋاقتىدا ھەم ياخشى بولغاچقا، جۇڭگو ئىنقىلابى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق يولغا كىرگەن ئەمەسمۇ؟

بىز يەنىلا «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى» دىن چەتتە قېلىپ، ئۆزىمىزگە قايتالمىساق، ئۆزۈم، مەن كىم؟» دېگەن سوئاللارنى قويالماي، روھ چۆلىدىكى ئالۋۇندەك تېنەپ يۈرسەك، ئابدۇقادىر جالالىدىن كىرىپ كەتكەن بوسۇغىدىن قەدەم ئېلىپ، ئۇيغۇر، مىللىي ئۆزلۈك، ئۆزلۈك مەن لىكى ئۈستىدە ئىزدەنمىسەك، خەق بىزگە ماۋۇ بوسۇغا، بۇياققا ماڭساڭ دوزاخقا، ئۇياققا ماڭساڭ جەننەتكە…»دەپ كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. كونىلاردا: «ئۆلگەندە تەڭرى شە كۆردۈڭمۇ؟ شەدە ئۆزۈڭنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورايمىش دېگەن گەپ بار ئىكەن. بۇ گەپ ھەققىدە، ئازراق پىكىر يۈرگۈزسەك، پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان بۇ خاسىيەتلىك قۇرلىرىدا، ئۆز قىممەت تارازاڭنى ئۆزۈڭ بىلگەن سەنەمگە توغرىلاپ يۈرمەي، شەھەر ئاتلاپ، شەھەر شەھەردىن ئۆزۈڭنى، ئۆزلۈكۈڭنى كۆرۈپ باق، سېنى كىم، قانداق تونۇيدىكەن؟ سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى نېمە بىلەن تونۇتتۇڭ؟ سېنىڭ تونۇش، كۆرۈش ھوقۇقۇڭ بولۇپلا قالماي، تونۇش، كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىڭمۇ بار…..دېگەندەك مەنالارنىڭ يارقىن ئىپادىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ئوخشاش لىباس، ئوخشاش قېلىپ ئىچىدىكى ئىككى تەن ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى بىلەن كۇچانىڭ ئارىلىقىدىكى مەدەنىيەت پەرقى بىر يۆنىلىشتە ئىككىگە ئايرىلىپ، بىرى ئىنتايىن قىسقىراپ كەتكەندەك، بىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خۇددى كۇچادا بىر پادىچى ئىشتىنى دېھقان قىزىنىڭمۇ، شەھەردىكى مودا قىزنىڭمۇ تاللاش ئوبيېكتى بولغىنىدەك، شەھەرلىكلەر ئىچەلىگەن ھاراقنى چەت يېزىدىكى نامرات دېھقانمۇ ئوخشاشلا كۆتۈرەلىگەندەك، ئەمما، يېزىلاردا، شەھەرلەردىكى تۆۋەن قاتلام ئامما ئارىسىدا مەكتەپلەردىن بىزار بولۇش بارغانسېرى ئېغىرلاپ، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى ساپا پەرقى ئارىسىدا بىر ھاڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاۋاتقاندەك ھالەتكە ئوخشىشىدۇ.

مەدەنىيەت، ساپا جەھەتتىكى پەرق قەدەمدە بىر كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىدە، ئىش ھەرىكىتىدە، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا، خىزمەت پوزىتسىيىسىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ئىنسان ئۈچۈن ئەخلاق پەزىلەت، ئىلىم مەرىپەتنىڭ نەقەدەر مۇھىلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ.

ناھىيىمىزدە بانكا، دوختۇرخانا ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىش بېجىرگىلى كىرگەنلەرنىڭ «بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ گېپىنىڭ قوپاللىقى…….ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا يەنىلا خەنزۇلارنىڭ مۇئامىلىسى سىلىق ئىكەن…..، مۇزاكىرە قىلىپ بولالمىدۇق. ئەتە كېلىڭ، دەيدىكەن. نەدىمۇ كۈندە بىكار ئادەم بولسۇن……دېگەندەك شىكايەتلىرى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالدىۇ. بەزىدە مائاش ئېلىش ئۈچۈن بانكىنىڭ كانترىدا ئۆچرەت تۇرۇپ ئاڭلىغان گەپنىڭ سېسىقلىقىدىن شۇ ئىشلەپ تاپقان پۇلدىنمۇ كېچىپ كەتكۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ لېكىن ئۇ خادىملارمۇ ناھايىتى ئەقىللىق، ھوقۇقدارلارغا، توقماق توقماق پۇل قويىدىغانلارغا ھامان جۇدۇن ئىچىدىكى ئىللىقلىقىنى كۆرسىتىشنى بىلىدۇ.

دوختۇرخانىلارمۇ ھاياتلىق بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە. ئەزرائىل قولىدا جان تالىشىۋاتقان بىمارنىڭمۇ بىر قېتىم دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ باققۇسى كېلىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى سوغۇق مۇئامىلە، مۇزدەك چىراي، قوپال سىلكىشلەر ئامالسىز كەلگەن ھاجەتمەننى دات دېگۈزىدۇ. خورلۇققا پاتقۇزىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئەمەس، بەش قولنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇنداقتىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ كەلگەن بىمارلارنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ: «ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالانسا بولىدىكەن. دوختۇر، سىستېرالارنىڭ مۇئامىلىسى بەك ياخشى، ئىللىق ئىكەن دېگەن گېپىنى پات پات ئاڭلاپ تۇرىمىز. مانا بۇ يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەن ساپادىكى پەرق.

تۆۋەندىن يۇقىرىغا بارنچە، بىلىم ساپاسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بيۇرۇكراتلىق ئاستا ئاستا يۇمشاشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن. بۇ ھالەت مائارىپ تارماقلىرىمىزدا تېخىمۇ ئېغىر سانسىز ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشتە مۇنبەردە تىلى قىسىلمايدىغان نى ئوقۇتقۇچىلار باشلىقنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا تەرلەيدۇ. نان ئۈچۈن، ھاياتلىق ئۈچۈن نى ئېگىلمەس گەۋدىلەر ھوقۇق ئالدىدا ئېگىلىدۇ، سۇنىدۇ. بۇ ھەرگىز بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەم ئالدىدىكى ئاجىزلىقى بولماستىن، مائارىپىمىزنىڭ جەمئىيەت، دەۋر ئالدىدىكى ئاجىزلىقى بۇنداق مىساللارنى بىز شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىمۇ تالاي ئۇچراتتۇق. بىر قېتىم ناھىيىمىزدىن بىر ئايلىق مۇدىرلار كۇرسىغا تەربىيىلىنىشكە بارغان مەلۇم بىر مۇدىر بىزگە مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئۆزلىرىگە مەسئۇل بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر قېتىملىق زىياپەت ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋۋال ئۇلارغا: مەكتىپىمىزدە نى قىزلار بار تومۇچۇقتەك، تېلېفون قىلساملا ئۇچۇپ كېلىدۇ. بۈگۈن قانغۇدەك بىر ئوينىۋېلىڭلار»دېگىنىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇندىن بۇيان نومۇس، غۇرۇرنى تەرك ئەتكەن، ياتخۇي بۇ ئاتالمىش»ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ كۆزىمىزگە خۇمسى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇقساق، ئۇنداق ئادەم ئۇ مەكتەپتە شۇ بىرلا ئەمەسكەن. بۇ خۇددى تۆۋەندىكى بىرەر مەكتەپتە يۇقىرىدىن تەكشۈرۈشكە كەلەەنلەرگە زىياپەت بېرىپ، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى مېھمانلارنى تانسىغا تارتىشقا زورلاش بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن بىر ئەمەسمۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ روھىمىزدا كۈنسېرى چوغراپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش مەدەنىيەت پەرقىمىزنىڭ قىسقىرىشى.

«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى» دىن كىرىپ روھىي دالالىرىمىزنى قايتا قېزىش، قېدىرىش سەپىرىمىزدە بىز ئۈچۈن پىكىر بوستانىنى كەڭ ئېچىپ نۇرانە چېھرى، خۇش تەبىئىتى بىلەن تەمتىرەۋاتقان قەدەملىرىمىزگە مەدەت، روھىمىزغا تىرەنلىك ئاتا قىلغان مىجىت ناسىر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق، ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي… رەيھان قاسىم باشچىلىقىدىكى 30 مېھرىبان ئانا… قاتارلىق مۆتىۋەرلەر، ئۇستازلار ئادەم، تەبىئەت، ئىنسانىيلىق، مىللىيلىك، ئۆزلۈك ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنىڭ نېمىلىكىنى، ئادەم»بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ھۆرمەت تەختىمىزدە ئۆچمەس سىمالاردىن بولۇپ قالدى. بۇ سىمالار ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوتتۇرىغا تاشلىغان،بىز نېمە ئۈچۈن ھە دېسە چەت ئەل ئەدىبلىرى، ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى زورۇقۇپ يۈرۈپ ئۆگىنىمىزۇ، ئۆزىمىزنىڭ پېشۋالىرى ھەققىدە توختالمايمىز. ئالەمدىن ئۆتكەن كلاسسىكلىرىمىزنىڭ زىيارەتلىك كۈنلىرىگە ئېچىنىمىزۇ، ئەتراپىمىزدىكى بارلىقىنى ئىجاد، مېھنەتكە سەرپ ئېتىۋاتقان باھادىر ئۇستازلارنىڭ قەدىرگە يەتمەيمىز؟…» دېگەندەك سوئاللار بىلەن تېخىمۇ يارقىنلاشماقتا. دۇنيادىكى مەشھۇر تاغ تىزمىلىرىنى خەرىتىدىن دەرھال كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ، ئالتاي تېغى، تەڭرىتېغى، كوئىنلون تېغىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغا، يالوجىياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، جۇجياڭ دەرياسى… دەپ ساناپ بېرەلىسىمۇ يۇرۇڭقاش دەرياسى، زەرەپشان دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، كۆنچى دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى… ھەققىدە تولىمۇ غۇۋا تونۇشتا چوڭ بولغان بۇ بالىلىرىمىزنى بۇ سوئالىڭ ئورۇنسىز دېيىشكە نېمە ھەققىمىز بولسۇن؟! ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، زۇنۇن قادىرى، تىيىپجان ئېلىيوف… قاتارلىق ئالىم، ئەدىبلىرىمىز ئۆلمەس روھىنى قالدۇرۇپ ساقىغان يۇلتۇزدەك بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى. بىز ئەمدى ئۇلارنى ھەرقانچە مەدھىيىلەپ، سەن مەڭگۈ ھايات دەپ توۋلىساقمۇ، ئەقىلسىزلىكىمىز تۈپەيلى ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن ھەسرەتلىك تۈنلەر يۇيۇلۇپ كېتەرمۇ؟! ئۇلارنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، كىچىككىنە سەۋەنلىكنى ئەپۇ قىلالماي، كوچىمۇ-كوچا جار سېلىپ يۈرىدىغان خۇيىمىز يەنە كىملەرنىدۇر ئېچىندۇرۇپ، كىملەرگىدۇ تالاپەتلىك كۈنلەرنى ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ.

ئۆزىگە ھەم ئۆزگىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پىشقان ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى ئادەمنى، جەمئىيەتنى دۇنيانى ئەقلىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە يېتەكلەپ كېتىۋاتقان، روھىنى بەشكېرەمنىڭ توپىلىق مەھەللىسىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قۇچىقىدىن بىردەممۇ نېرى قىلماي، مېھىربان ئانىسىنىڭ غايىۋى ئۆگۈتلىرى بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق قەلەم ئىگىسى، تەلەپچان ئۇستاز، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»تۇرۇپ، يات مىللەتلەرنىڭ روھىيىتى بىلەن مەنىۋىيىتىمىزنى ئەقلىي نۇقتىدىن كۆزىتىپ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، «ھەركىم پەقەت ئۆزىگە ئۆزىلا ھەقىقىي ياردەم قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت يولنى كۆرسىتىپ بەردى. بوسۇغا» نىڭ خاسىيىتىنى ئاتىلارچە، ئاكىلارچە، ئۇستازلارچە، قېرىنداشلارچە سايە قىلدى. بۇ سايە ئارقىلىق بىر بىرىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى تونۇشقا تىرىشىش تىرىشماسلىق ئىمان ئېتىقادىمىزغا باغلىق، قېنى، ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى دىن دەقىقە بولسىمۇ بۇرۇن كىرىشكە ئالدىرايلى!!

مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار