تەكلىماكان ،خوراز ،ئۇرۇمچى

ھەبىبۇللا توختى

چەكسىزلىك چەكسىز
چېچىلغان ماكان ،
ئاڭا تۇتاشقان ـ
ئاخىرقى زامان .
ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان .
بۇ تەكلىماكان –
ئۇيقۇغا چۆمگەن
ئۇيقۇسىز شەھەر .
جۇشقۇن جەسەتتەك
تۇيغۇسىز شەھەر ؛
ياتار پەرۋاسىز ،
تالايدۇ بوران ،
ھۇۋلار شىۋىرغان . . .

بۇ تەكلىماكان-
كۆز ياشقا يېقىن ،!
دېڭىزدىن يىراق ؛
مەرمەر دېڭىزى ، ؛
ئاتلانتىك ئوكيان ،
بەكمۇ يىراقتا .
نەمخۇش ساھىللار ،
دالا تامىقى ،
بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى ،
غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار ،
يوقتۇر بۇ يەردە .
چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق ،
سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق .
توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن –
پادىشا تۈلكە ، مەدىكار ئېيىق ،
بوۋام ئېيتقاندەك . –

بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە .
پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز .
جاڭگالغا ماڭار
پادىچى بالا ، بىر توپ مۆڭ كالا .
ناخشا توۋلىغاچ –
غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا! :
‹‹ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ ،
تۇزچى ، ئوتۇنچى قىلمىغىن .
ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ ،
چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن››.
پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق ،
بىلىكى ياستۇق ئاڭا .
دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك ،
چىقسا ئاي – نۇرلۇق چىراق !
خوراز چىللايدۇ . . .

قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت ،
بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ ،
ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغرا خان –
گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا .
ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم ،
بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا .
تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر ،
كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان –
ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت .
بۇ قانداق جەسەت ؟
ئۇ قانداق جەسەت ؟
بولدى قويغىنا ،
جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت .

ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ ،
سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ .
ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى ،
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى .

بوۋاينىڭ سۆزى :
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام:
قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا ،
سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار ،
مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز-
چىللاپتۇ ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ.
موماينىڭ سۆزى :
خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا ،
ئەتراپىدا چىلبۆرى ھۇۋلار .
ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن
يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار .
ئاڭلىغىن بالام ،
چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا
توغراقلىق ئارا جىن – شاياتۇن بار .
يالماۋۇزمۇ بار –
چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە ،
ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان .
نەۋرىسى ئېيتار :
ئېيتقىنا موما
شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا
بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز ؟!
موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان :
كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ-
خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مېكىيان .
ئاتقان چېغى تاڭ
ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا ،
تاش ئاتقاچ ئاڭا ،
يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە ، !
موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا .

لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ ،
مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس .
نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە .
بىراق ئۇ جايدا
دىللار چاڭقاق ، نىلمۇ توختىماس .
پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك
ئوخشىماس ھەرگىز –
ئالانىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا ،
( سالام ئۇ زاتقا)
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە ،
ماماتقا باي قايناق سەپەردە ،
ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز –
قىزىل دېڭىزغا .
قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز ،
دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك ،
سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك .
قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا ،
پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا
تەلۋە پىرئەۋىن
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا .
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا –
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا .
ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن .
بىراق بۇ جايدا ،
لاي سۇلۇق ئۆستەڭ-
كۈتەر شاۋقۇنسىز ،
خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان –
ئورۇق ئۆكۈزنى ، غەمكىن قوشچىنى ، :
چاڭقاق پادىنى ، ؛
دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى .
توغراق چىراي ، قويدەك مۆڭ بالا ،
قۇلاق سال ماڭا !
سەندەك چاغدا – گۆدەكلىكىدە
بەكمۇ جەسۇر ، شوخ ئىدى مۇسا
جاۋاب :
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ ،
مەلۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا-
باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ ،
جەسۇر ، زىرەك بىرەر مەرد بالا .
خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش ،
قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى .
مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ ،
‹‹ قېرى ئەپەندى›› ھالسىراپ كېلىپ –
ئۆينى سورايدۇ .
قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا ،
كۈتەر ئېتىزدا ئاتا ، قوش ، كالا .
خوراز چىللايدۇ ،
ئۆتەر يىللار
ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى .
گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر ،
مۇزدەك باغرىڭغا
ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن
غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ .
تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر .
ئوخشايمىز شۇ چاغ
ئۆزىمىزگە ، بىر – بىرىمىزگە ؛
ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل ،
چىرايىمىز پار – پۇر بىنايىڭ ،
نېرۋىمىزدۇر نەغمە – نەۋايىڭ! .
جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە –
ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان
تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ
روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب ،
بايلار كىرمەس ، مۇساپىر تولا
بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ

سورىساڭ گەر مېنى ، مەن پەقەت ـ
قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا .
قاراپ باق ماڭا :
ئارمان قاچىلاپ خۇرجۇنلىرىمغا ،
كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم .
ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام
سىيلاپ بېشىمنى –
تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا .
ئۇزاتتى ئانام ،
سۇ ۋە دۇئا ، سۈتتە يۇغۇرۇپ ،
مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا –
تاۋلاپ توقاچنى .
مۇز رەڭ شەنبە ، مۇز رەڭ ياتاقتا
بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە
ساندۇق ئۇپۇقۇم ، شۇ توقاش – قۇياش .
قالدى قەشقەردە
مەغرۇر ھېيتگاھ ،
لاي ئاققان تۈمەن ،
تەمكىن ‹‹ئوردا ئالدى››
ياسانچۇق سەمەن .
ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ
مىسكىن مەدىكار ، ئۆكتەم تىلەمچى ،
نوچى تۇماقچى ،
چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي ،
ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي .

خىلۋەت يېزامدا
ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ ،
كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ ،
قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا .
مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان-
قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا .

يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە
قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا –
بەدبۇي سانائەت ،
ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن ،
ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام .
دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر ،
ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر ،
ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ ،
خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر .

گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس ،
ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە .
مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر –
خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە .
گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت ،
بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ .
تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار ، !
قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ.. .
ھەشىمەتلىك قان رەڭ قەپەستە ،
مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە ؛
توك چۆجىسى – ئاتىسىز خورازلار !
چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ ،
توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق – غاق .
چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق ؟ !
ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار –
چىللىيالماي ، دان يەپ ، غاقىلداپ! –
ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق .

1999-يىل ئاپرېل -ماي ، ئۈرۈمچى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار