كوسىراپلىقلارنىڭ‹‹مىتەۋىلىشىش››ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد

ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۈگۈنكى زامان شەھەر تۇرمۇشى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىدىن بىر قەدەر يىراقتا. ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى نىسبەتەن تولۇق ساقلانغان تاغلىق يۇرت. بۇ جايدىكى ‹‹مىتەۋىلىشىش›› ئەنە شۇنداق مە دەنىيەت ئىزچىللىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى.

مىتەۋىلىشىش كوسىراپتىكى يەلىك شېۋە. ئۇ لەقەم ئىشلىتىش، لەقەم ئارقىلىق چاقچاققا كەلتۈرۈش، دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. كوسىراپلىقلار چاقچاق خۇمار خەلق، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى گەپ – سۆزلىرىگىمۇ چاقچاق ئارىلاشقان، چاقچاق كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ لەقىمىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ، ئادەتتە، ‹‹مىتەۋە، مىتەۋىلىشىش، مىتەۋە قىلىش، مىتەۋىلەشمەك››، دېگەندەك ناملاردا فولكلور تۈسىگە ئىگە مەدەنىيەت ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

كوسىراپ خەلقىدە ‹‹لەقەم ئەجداد مىراسى››، ‹‹لەقەمسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇن›› دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان بولۇپ، لەقەم ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىپ كەلگەچكە، ھەر قانداق كىشى ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مىتەۋىلىشىشتىكى لەقەملەر جەمەت لەقىمى ۋە شەخسىي لەقەمدىن ئىبارەت.

جەمەت لەقىمى: كوسىراپ خەلقى ئازادلىق دەۋرىگىچە جەمەت تۈزۈمى بويىچە ياشاپ كەلگەن. جەمەت كوسىراپ شېۋىسىدە ‹‹توپ›› دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر جەمەت (توپ)نىڭ ئاقساقاللىرى بولغان، بۇ ئاقساقاللار شۇ جەمەتتىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مويسىپىت، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بەلگىلەنگەن. ئائىلە – نىكاھ، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى، جامائەت سورۇنلىرى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋاڭ – سېلىقلىرىغىچە جەمەت ئاقساقاللىرى يېتەكچىلىك قىلغان. جەمەت ئەزالىرى ئۆز ئەجدادىنى بىر ئاتا، بىر ئانا نەسلىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەچكە، ھەر بىر جەمەتنىڭ نامى شۇ جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق لەقىمىگە ئايلانغان. بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى شۇ جەمەت كىشىلىرىنىڭ كوسىراپ يېزىسى تەۋەسىدە ئولتۇراقلىشىش تارىخى ياكى باشقا ئابستراكت ئالاھىدىلىكى بويىچە قويۇلسا، يەنە بەزىلىرى قەدىمكى ئۇرۇق – قەبىلە نامى بويىچە ئاتالغان.

شەخسىي لەقەم: شەخسىي لەقەملەر ھەر بىر كىشىنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكى بويىچە قويۇلغان. مەسىلەن: مىجەز – خاراكتېرىگە ئاساسەن شەيتان، تۈلكە، يالغۇزەك دېگەندەك. جىسمانىي قۇۋۋىتىگە ئاساسەن شاتۇر، كەپتەر، ھۇقۇش، بۆرە دېگەندەك، فىزىيولوگىيەلىك تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن كاناي، گاسمەت… دېگەندەك لەقەملەر قويۇلغان.

جەمەت لەقەملىرى ياكى شەخسىي لەقەملەرنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن داۋاملىشىپ، خەلقىمىز تۇرمۇشىنىڭ مەنىۋى قاتلىمىغا سىڭىشى ‹‹مىتەۋىلىشىش›› ئادىتىنىڭ ئۆزىگە خاس پەرھىز ۋە خاسىيەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مىتەۋىلىشىش پەرھىزلىرى: مىتەۋىلىشىش جەريانىدا قەستەنلىك، يەنى قارشى تەرەپنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان، ئىززەت – ئابرۇيىغا تېگىدىغان گەپ – سۆزلەر چەكلىنىدۇ. ئەدەپ – ئەخلاق، شەرم – ھايادىن چەتنەيدىغان گەپ – سۆزلەرگە يول قويۇلمايدۇ. مىتەۋىلىشش جەريانىدا بەزى لەقەملەر بىۋاسىتە دېيىلمەستىن، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

مىتەۋىلىشىشنىڭ خاسىيەتلىرى: مىتەۋىلىشىش كىشىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ نەسىل – نەسەب مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، قايسى جەمەت ياكى قوۋمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە ‹‹شەجەرە››لىك رول ئوينىغان، ئۇرۇق – تۇغقانلىق مېھىر – شەپقەتنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشتا ئەھمىيىتى زور بولغان، جەمەتنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان يامان ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشنى ئەقىدە قىلغان. مىتەۋىلىشىشنىڭ چاقچاق ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۇنى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلغان. چۈنكى چاقچاق كۆڭۈلگە ھۇزۇر، شادلىق بېغىشلاش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش، كەيپىياتنى، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، نۇتۇقتىكى ھازىر جاۋابلىقنى كۈچەيتىش رولىغا، جەمەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش، ئۇنىڭ ساپلىقىنى، خاسلىقىنى ساقلاش، ئېغىز ئەدەبىياتىنى بېيىتىشتا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار