يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە «تۆگە قۇشى» روھى

 
 

تۆگە قۇش ۋە تەكلىماكان روھى

تۆگە قۇش

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئويغاتماق – ئەڭ مۈشكۈل ئىش ، چۈنكى ، ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنى بىئارام قىلىدۇ .   – «نىجادىيەتنامە» دىن 

يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى شۆھرەتلىك مەدەنىيەت گۈلزارىنى سۇغۇرۇپ كەلگەن خەلقارا ئالاقە يولى _ « يىپەك يولى » قايتا ئېچىلدى ! مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن تاكى يېقىنقى زامان دېڭىز – ئوكيان قاتنىشىغىچە داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان « تۆگە » يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن « قاناتلىق تۆگە » ئوبرازىدا قايتا نامايان قىلىندى. بۇنى تەقەززا قىلغان كەلگۈسى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان كەلگۈسىگە ئايلانماقتا ! 

« تۆگە » سىمۋول قىلىنغان يىپەك يولى زامانلىرىدا ئەجدادلىرىمىز شەھەر – قەلەلەرنى ھالقا قىلغان ئاۋات بوستان مەدەنىيىتى ياراتقان، ھۈنەرپەز ۋە خەلقارا سودىگەر سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان، پەلسەپە ۋە تەبىەت پەنلىرىدە قامۇسى ئالىملارنى يېتىلدۈرگەن، مۇشۇ ئاساستا سەنەتتە داڭق قازانغانىدى. ئۇ چاغدىكى تەكلىماكان چۆللۈكى دىيارى مەدەنىيەت چۆللۈكى ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولماستىن، ئەكسىچە ساياھەتنامە مۇەللىپلىرىگە ئالتۇن ئىلھام بېغىشلىغان مەدەنىيەت دەھلىزى ئىدى.
« تۆگە » سىمۋول قىلىنغان ئاۋات ئەسىرلەر خارابىلىرىنى ئوغۇت قىلىپمۇ باياشاتلىققا ئىگە بولالمىدۇق. ئەمدى « قاناتلىق تۆگە » سىيما قىلىنغان يېڭى ئەسىرلەر تىزمىسى ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ غايەت كاتتا ھادىسىنى يېتەرلىك مەنىسى بىلەن ھېس قىلىدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ، ئۇنى كەلگۈسى تارىخچىلىرى ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدۇ.
ئويلاپ قالدىم، « تۆگە » بىلەن « قاناتلىق تۆگە » نىشانلانغان تارىخىي دەۋرلەر ئارىسىدا ئۆتكەن زۇلمەتلىك ئەسىرلەرگە نېمىنى سىمۋول قىلىش لازىم ؟ بۇ بىر سىمۋولنىڭ ئىخچاملاش ۋە ھېس قىلدۇرۇو تەربىيىلەش كۈچى ناھايىتى چوڭغۇ ! مېنىڭچە « تۆگە قۇشى »نى سىمۋول قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە !
شۇنداق، بۇ جاھالەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم ۋە ھېكەتتىن ئايرىلىپ، ئىشانلىق ۋە مەزھەپ مۇرىتۋازلىقى لاتقىسىغا پاتتۇق. « ئاق تاغ »، « قارا تاغ » بولۇۋېلىپ، قان تۆكتۇق، ئويغاتقۇچى مەشرەپ، زەلىلى، خاراباتى، ئەزىزى ۋە خالىقلارنى خارلاپ سىرتتىن كەلگەن مەختۇم ئەزەم، يۈسۈپ چاڭموزالارنى ئەۋلىيا قىلىۋېلىپ، ياسالما مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق. قولىمىزدىن كەلگىنى داپ تاراڭشىتىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى ! ئاخىرى بىر تال قەنت، بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالىدىغان كۈنگە قالدۇق !
يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى خەلقارا تارىخىي خاراكتېرلىك ھادىسە ئىدى. بىز بۇ تاشقى مۇھىت ئىچىدە بارغانسېرى بېكىنمىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندۇق. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر قانچە ۋىلايەت – ناھىيىلەر بويىچە قاماپ تاشلاپ بىر – بىرىدىن ئۈركۈيدىغان، بىر – بىرىنى چەتكە قاقىدىغان « يۇرتۋازلىق پسىخولوگىيىسى » تەييارلىۋالدۇق. بىر زامانلاردا ۋاڭ يەندى، يېللۇ چۇسەي، ماركاپولو ۋە بىر توپ ئەرەب ساياھەتچىلىرى قەلىمىدە ئىزچىل « ئۇيغۇر » دەپ تىلغا ئېلىنغان ئىبارە كېيىنچە رادلوۋ، مالۇۋ، روبروۋىسكى، ۋەلىخانوۋ قاتارلىقلار قەلىمىدە « قۇمۇللۇقلار »، « تۇرپانلىقلار »، « تارانچىلار »، « دولانلىقلار »، « قەشقەرلىقلەر »، « ماچىنلىقلار » دەپ يېزىلىدىغان بولدى، ئۇيغۇر ئىبارىسى پەقەت « سېرىق ئۇيغۇر »لارنىڭ نامىدىلا قالدى. گەرچە بۇ ئەسىردە ( 20 – ئەسىرنى كۆرسىتىدۇ ) يېڭى مەدەنىيەت مەشەلچىلىرى تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت – ماارىپىنىڭ ئىلھامىدا « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى ھەممىمىز ئېغىزدا، قەغەزدە، ۋىۋىسكا ۋە تامغىلاردا ئېتىراپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن روھىيەتتە، ئاستىنقى ئاڭدا تېخى قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدۇق. مۇھەببەت – نەپرەت سىزىقىدا، ھالاۋەت تەقسىم قىلىش چۆمۈچىدە، مەسىلە ھەل قىلىش تەستىقىدە، دوستلىشىش ۋە مۇراسىم داستىخانلىرىدا، باھا – تەقرىز زۇۋانلىرىدا، ئۆرلەش – چۆكۈش تاناپلىرىدا، كىرىم – چىقىم سېتكىلىرىدا تېخى « ئۆز يۇرت بالىسى »، « ئۆزگە يۇرت كالىسى » ئالاڭلىقى ئېغىر ! مىللىي مەدەنىيەت ئارغىماقلىرىنىڭ بەيگىسىگە قويۇلغان توساق شادىلىرى ھەر بىر يۇرت بويىچە بىردەك ئەمەس ! بۇ بولمىغۇر، ھالاك قىلغۇچ ئاپەتنى جىن – شەيتانلار ئەمەس، « ئۆز يۇرت » ئەزىمەتلىرى بىجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تاماقخانىلارغا كىرىشتىمۇ « ئۆز يۇرت »، ساداقەت بىلدۈرۈشتىمۇ « ئۆز يۇرت »، ئۆلۈم – يېتىمدىمۇ « ئۆز يۇرت » ! پەقەت « توتېم » يوسۇنىدا بەدەنگە گۈل چېكىش بىلەن « شامان » قىياپىتىدە گىرىم قىلىشلا قالدى !
سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش شامىلىدا ھەر بىر ناھىيىلەرگە كۆپلىگەن كىتاب – ژۇرنال يايمىلىرى كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدىن، ھەتتا تەيۋەن، شياڭگاڭلاردىن كەلتۈرۈلگەن خەنزۇچە كىتاب – ژۇرناللار ئەركىن سېتىلماقتا. مەن پات – پاتلا يىراق ئۆلكە – شەھەرلەردە چىقىدىغان ژۇرناللارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، بۇ گۈللەش مۇھىتى بىلەن گۈللەش روھىيىتى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك بىرلەشكەن مەنزىرىنىڭ ئىپادىسى، بىزدىچۇ ؟ بىر ۋىلايەتنىڭ ژۇرنىلىنى باشقا ۋىلايەتلەردە، ھەتتا ئۈرۈمچىدە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. بىزدە خېلى كۆپ ژۇرنال نەشىر قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ خۇددى مەھبۇس تامىقىدەك ئۆز – ئۆزىنى قامال قىلغان روھىيەت سېپىلى _ ئۆز يۇرت دائىرىسىدىلا ھەزىم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر ۋىلايەت ژۇرناللىرى ئۆز يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز يۇرت كىشىلىرىگىلا ئەۋەتىلىدۇ.
يېقىندىن بېرى، يەرلىك شېۋىلەرنى ئالاھىدە مەھسۇلات سۈپىتىدە ماختاپ كېڭەيتىدىغان، يەنە ئىسىم – فامىلىلەر ئاخىرىغا « ئارتۇشى »، « كەلپىنى »، « دولانى »، « لەمجىنى » دېگەنلەرنى، ھەتتا تېخىمۇ كىچىك كەنت ناملىرىنى قوشۇپ ئاتايدىغان باشلامچىلار چىقىپ قالدى ! يىراق ئەللەردە مۇساپىرەتتە قوللىنىلغان بۇ يۇرت ناملىرى ئۆز يۇرتىدا « توتېم » ئۇرۇقداشلىق تامغىسى قىلىۋېلىش قايسى روھىيەتتىن ئېتىلىپ چىققاندۇر – ھە ؟ ! يېڭى يىپەك يولى ئېچىلدى ! ئەمما مەھەللىۋى مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىقىنىڭ پېچىتى بۇزۇلغىنى يوق ! « قاناتلىق تۆگە » پاالىيەتكە كىرىشتى ! ئەمما « تۆگە قۇشى » بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشتىن خالاس بولغىنى يوق ! بۇ ھال داۋاملىشىدىكەن، قەدىمكى يىپەك يولى ئەزىمەتلىرى بولغان ئۇيغۇرلار خۇددى كۇكۇم – تالقان بولغان بوتۇلكا سۇنۇقلىرىدەك بىر زاماندىكى شېشىلىك ھالىدىن قالغان كىرىستاللىرىنى ئاپتاپ نۇرىدا يالتىرىتىپ ماختىنىشتىن باشقا، يېڭى شەربەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. بۇ يېڭى يىپەك يولى ھېكمەتلىرىدىن داۋاملىق چەتتە قېلىشقا ئېلىپ بارماسلىق مۇمكىن ئەمەس.
ھەي، ئەتتەڭ ! لۇشۈن ئەپەندى « ئاكىيو » روھىنى سىزىپ بەرگەندەك، « تۆگە قۇشى » ئەرۋاھىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان ئەقىل ۋە قول قاچان قەلەم تۇتاركى.
مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «يېپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكمەت» ناملىق كىتاب
خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار