قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

قەشقەر -ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى ،ئوتتۇرا ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرلۇق ئابىدە ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 11-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئىككى پارچە دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر « قۇتادغۇبىلىك »بىلەن «تۇركىي تىللار دىۋان»ى قەشقەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .بۇ ئىككى بۇيۇك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر – ئوپال ئازىختا تۇغۇلۇپ، قەشقەردىكى داڭلىق مەدرىس بولغان « مەدرىسەئىي ساچىيە » دە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولسا،بۈيۈك مۇتەپەككۇر، دۆلەت ئەربابى يۇسۇپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن ( بالا سانغۇن ) دا تۇغۇلۇپ، قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغىللانغان. بۇ ئولمەس ئىككى ئەسەرنىڭ بىرى بولغان « تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مەھمۇد قەشقەرى سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى شەھەر باغداتتا 1072 ~ 1076 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىپ، تۈزىتىپ تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئابباسىلار خەلىپىسىنىڭ 27- ۋارىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل بى ئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان، ئۆلمەس ئەسەرنىڭ يەنە بىرى بولغان « قۇتادغۇ بىلىك » تىن ئىبارەت دىداكتىك داستاننى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1068-1069 – يىللىرى ئارلىقىدا قەشقەردە يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن، قاراخانىلارنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق خانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. مۇشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ خاننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ھەر ئىككى ئەدىب، مۇتەپەككۇر ئۇمۇرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قەشقەردە ياشىغان ھەمدە مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان .پەقەت قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتى كوپرەك چۇشەنگەندىلا ، ئاندىن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ پەۋقۇلادە ماھيىتىنى ئاندىن كوپ قاتلاملىق چۇشەنگىلى بولىدۇ .قەشقەر مەدەنىيەتلىك قەدىمكى شەھەر ،ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەرىب تەرپىگە جايلاشقان كىلىماتى مۇتىدىل ،شامال يامغۇرى راۋان ،يېرى مۇنبەت ،سۇيى ئەلۋەك .ھۇسلى مول ،بوك -باراقسان .باغ – باراڭلىق ،تەكلىمىكان قۇملۇقىنىڭ بىر يېقىغا ئۇرۇنلاشقان يېشىل ياقۇت .

قەشقەر رايۇنى قەدىم زامانلاردىن تارتىپلا قاتناشنىڭ مۇھىم تۇگۇنى .چاڭئەندىن باشلانغان يىپەك يۇلى تارىم ئۇيمانلىقىدىن كىرگەندىن كىيىن جەنۇبى ۋە شىمالى يوللارغا بولىنەتتى .جەنۇبى يول لوپنۇر ،مىران،چەرچەن،خۇتەندىن .شىمالى يول ،تۇرپان،قارا شەھەر،كۇچا ،ئاقسۇدىن ئوتەتتى،جەنۇبى ۋە شىمالى يولدىن ئىبارەت يىپەك يولى قەشقەردە قۇشۇلاتتى دە پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۇتۇپ ئايرىم ھالدا ئاففانىستان ،ئىران ،ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە قاراپ ئوتەتتى .

مۇشۇنداق بولاغاچقىلا ئۇ يالغۇز جەنۇبىي ۋە شىمالى يىپەك يولىنىڭ قۇشۇلۇش نوقتىسىدا بولغاچقا ،يالغۇز شەرىق ۋە غەربنىڭ سودا ئىشلىرىدا زورور بولغان مۇھىم جاي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەرىق ۋە غەرىب مەدەنىيتىنىڭ تۇگۇنى ھىسابلىناتتى .دۇنيادىكى ھەر خىل قەدىمكى مەدەنىيەت ،دۇنيادىكى نام -ئاتىقى بار بىر قانچە دىن ئوخشاشلا مۇشۇ يەردىن توپلىشاتتى ،چەتئەللىك بەزى ئالىملار بۇ رايۇننى ناھايىتى كىلىشتۇرۇپ مەدەنيەتنىڭ ئاچىلى دەپ سۇپەتلەيتى .

مىلادىنىڭ 840-يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلىپ زور تۇركۇمدىكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى تۇققانلانى سېغىنىپ بىر قىسمى غەرىبكە كوچتى ،بىر قىسمى قەشقەرگە باردى ،ھەمدە داۋاملىق ئالغا ئىلگەىلەرپ پامىردىن ئوتتى.ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يۇرتلاغا باردى .ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان قاراخانىلار دولىتىنى قۇردى .

قەشقەر رايۇنى ھىندىستان بىلەن قوشنا بولغاچقا ئۇ ئۇتتۇرا تۇزلەڭلىكنىڭ ھىندىستانغا ئۇتۇشىدە ماڭمىسا بولمايدىغان يوللارنىڭ بىرى ئىدى.ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى مىلادى 1-ئەسىردە خۇتەن رايۇنىغا كىرىپ بولغاندى ،ئۇ ئۇزۇن ئوتمەي تىزلىك بلەن قەشقەرگىمۇ تارقالدى .10-ئەسىرنىڭ ئاخرىدا ئىسلام دىنى تارقىلىشتى بۇرۇنقى بىر مەزگىل ئىچىدە قەشقەر ئىزچىل ھالدا بۇددا دىنىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ تۇردى .شىمالى تارىخى تا يېزىلىشچە شىمالى ۋېي ۋېنچڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سۇلى خېنى ساكيامۇنىنىڭ بۇتى بىلەن بىر دانە كاسايانى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە يەتكۇزۇش بىرش ئۇچۇن ئادەم ماڭدۇرغان .بۇ كاسايا سىھرى كۇچكە ئىگە بولۇپ ئوتتا كويمەيدىغان ئىكەن .بۇنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن كاسايانى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلىسىمۇ كويمىگەن .قاراپ تۇرغانلار بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ قالغان (رىۋايەت).

مىلادى 7-ئەسىردە بۇدا نوملىرى ئېلىپ كىلىش ئۇچۇن غەربى ئەللەرگە قاراپ يولغا چىققان شۇەن جۇاڭ قەشقەردىن ئوتكەن چاغدا نەچچە يۇزلۇك ئىبادەتخانا ،نەچچە مىڭلاپ راھىبقا قاراپ بۇددا دىنىنىڭ ھقىقى گۇللەنگەن مەنزىرىسىنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر بولغان .

قەشقەر -ئاتۇش يولىدىكى ئۇچ ئەۋلىيا غارى (پەرىشتە غارى )دىكى بۇددا دىنى رەسىملىرى ۋە قىزىپ چىقىرۋېلىنغان بۇددا خارابىلىرى ،كوپ ساندىكى بۇتلار ،تارىخى ماتىرياللارغا پۇتۇلگەن قەشقەر رايۇنى بىر زامانلاردا بۇددا دىنىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان دىگەن خاتىرلەرنى پۇتۇنلەي ئىسپاتلايدۇ .

بۇددا دىنىق قەشقەردە گۇللەپ ياشناپ مىڭ يىلچە يېقىن ۋاقىتنى بېشىدىن كەچۇردى .بۇددا دىنى مەدەنىيتىنىڭ بۇ رايۇندىكى تەسىرى ناھايىتي چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى ئوزىدىن ئايان .

مىلادى 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كىيىن ئىسلام دىنى ئاتۇش ،قەشقەر رايۇنىغا كىرىشكە باشلىدى ،دەسلىپىدە دىنىڭ تەسىرى ئۇنچە زور بولمىدى ،كىيىنچە ھوكىمىران سىنىپلار كۇچىيىپ ئىسلام دىنى قارخانىلار دولىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارقىلىشقا باشلىدى .قەشقەرمۇ تەدىرىجى يۇسۇندا ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ داڭلىق مەركىزىگە ئايلاندى .بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇتلاق كوپ قىسمى مۇسۇلمان بولدى .پارىس ،ئەرەب مەدەنىيتى ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئاگىشىپ قەشقەرگە بۇسۇپ كىردى .ھىندىستان مەدەنىيتى تۇسىنى ئالغان يەرلىك مەدەنىيەت زور دەرجىدە ئاجىزلىدى .

غەرىب مەدەنىيتى بولۇپمۇ يۇنان مەدەنىيتىنىڭ قەشقەردىكى مەدەنىيەت ئىچىدە تۇتقان ئورنى خېلى چوڭ بولغاچقا ئۇ ئوزىنىڭ مۇئەييەن ئورنىنى نامايان قىلدى ،مىلادىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئالىكساندىر ماكدۇنىسىكنىڭ شەرىققە يۇرۇش قىلىش ،قەشقەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا زور تەسىر پەيدا قىلغاندى .يۇنان مەدەنىيتى تۇسىنى ئالغان جەنتولۇ مەدەنىيتى قەشقەر رايۇنىدا بىر مەھەل تازا رۇناق تاپتى .ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەت ئارسىدا ئىسكەندەر زولقەرنەيىن ھەققىدە ھازىرغىچە ئېقىپ يۇرگەن رىۋايەتلەر ،ئۇنىڭ شەرىققە يۇرۇش قىلىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ .

قەدىمقى يۇنان مەدەنىيتى ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئەرەبلەر قەدىمقى يۇناننى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىگە ئىنتايىن چوقۇنغاندى ،پارىس ۋە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمقى يۇنانغا بولغان چۇقۇنۇش ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگەشكەن ھالدا قەشقەر پىقرالىرى ئارسىغىمۇ يىتىپ كەلدى .11-ئەسىردىكى ئالىملار قەدىمقى يۇنان پەيلاسۇپلىرىدىن بولغان پلاتۇن،ئارىستۇتىل قاتارلىقلارنىڭ نوقتىئىنەزەرلىرى بىلەن خېلى خوپ تۇنۇش ئىدى .

قەشقەر مەدەنىيەت جەھەتتە كوپ خىل مەدەنىيەت مۇجەسسەم بولۇشتەك ئالاھىدىكىنلا ئىپادىلەپ قالمىدى ،بەلكى بۇ رايۇندا دەۋىرلەر بۇيى ياشاپ كىلىۋاتقان ئاۋامنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى .

قەشقەردە ياشاپ ئوتكەن ئەڭ قەدىمقى ئىپتىدائى ئاھالە بولۇپ ياشىغان مىللەت كوك كوزلۇك .قاڭشارلىق ،تىرىسى ئا ق كەلگەن غەربى ئۇيغۇرلار بولۇپ ،ئۇلار ھىندى -ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى ئارئان تىلىغا مەنسۇپ ئىدى . لېكىن تارىخى ئوزگۇرۇشلەر تۇپەيلىدىن زور تۇركۇمدىكى ھونلار ،تۇركى قەبىلىلەر بىلەن ئارلىشىشى نەتىجىسىدە ئېرىق مىللەت قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى زور ئوزگۇرۇش بولدى .840-يىلى زور تۇركۇمدىكى ئۇيغۇرلار غەربكە كوچكەندىن كىيىن يەرلىك ئاھالە بلەن بىرلىشىپ تۇركىلىشىپ كەتتى . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەشەردە بىر تۇتاش قوللىنىدىغان تىل -يېزىق بولۇپ قالدى .ئۇيغۇرلانىڭ يەرلىك ئاھالە بىلەن بولغان ئارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەزەلدىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن بۇ مىللەتنىڭ يۇقۇرى سەۋيەدىكى مەدەنىيتى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن قۇبۇل قىلىندى .

ئۇيغۇرلار تۇركۇملەپ ئوز قېرىنداشلىرى يېنىغا كوچكەندىن كىيىن دەسلەپ بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى ،ئارقىدىنلا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى .لىكىن سەل قاراشقا بولمايدىغان يىرى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىبكە كۇچىشى بىلەن تەڭ شامان مەدەنىيتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ئۇيغۇر يايلاق مەدەنيتتى قەشقەر رايۇنىغا ھەدەپ كىرىشكە باشلىدى .–ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەۋدە قىغان قەشقەر رايۇنى ،تىز ئاردىلا ئۇيغۇر -تورا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى .ئۇيغۇرلارنىڭ كىلشىشى .قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىسدا ناھايىتى زور ئوزگۇرۇش ياسىدى .شامان مەدەنىيتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ئۇيغۇر يايلاق مەدەنىيتى چوڭقۇر يىلتىز تارتىدى.بۇگۇنكى كۇنگىچە قەشقەر رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار گەرچە ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغانغا 1000يىلدەك ۋاقىتى ئوتكەن بولسىمۇ بىراق خىلۋەت يېزىلاردا شامان دىنىنىڭ كوز قاراشلىرى ،قالدۇقلىرى يەنىلا مەۋجۇت .مەسلەن :باقشى دىگەندەك .ۋە ئۇلارنىڭ ئىرىم -چېرىم كىسال داۋالاش ھەركەتلىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا .قۇيۇق شامان مەدەنىيەت تۇسىنى ئالغان بەزى ئەپسانا -رىۋايەتلەر ۋە ئىپوس پارچىلىرى ،ئۇيغۇر خەلىق ئاممىسى ئىچىدە يەنىلە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۇچۇپ كەلمەكتە .قەشقەر ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر قەدىمقى مەدەنىيتىنىڭ بۇشۇكى دىيىشكە بولىدۇ .

يۇقارقى بايانلاردىن كورۋېلىشقا بولىدىكى قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ ھىندى بۇددا مەدەنىيتى ،ئىسلام مەدەنىيتى ،يۇنان مەدەنىيتى ،ئۇيغۇر -تۇرۇك يايلاق مەدەنىيتى قۇشۇلۇش تۇگۇنى .ئۇ 9-ئەسىردە ئۇيغۇرلار غەرىبكە كوچكەندىن كىيىن شەرىق بىلەن غەرىبنىڭ مەدەنىيتىنى ئوزىگە توپلاپ ،يېڭى جانلىق ھاياتى كوچ بىلەن تۇلۇپ تاشقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېڭى مەدەنىيتىنى غەربى يۇرتتىن ئىبارەت بۇ پايانسىز تۇپىراققا تەدىرىجى ۋايىغا يەتكۇزدى ،تەرەققى قىلدۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۇردى .

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى بولغان «تۇركىي تىللار دىۋانى» بىلەن« قۇتادغۇبىلىك » قەشقەردىن ئىبارەت مۇشۇ مۇنبەت تۇپىراقتا مىۋە بەردى .مول كوپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تىندۇرمىسى بولغان قەشقەردىكى مۇستەقىل ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئارقا كورنىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەر شەرق ۋە غەرىب مەدەنىيتنىڭ ماھىتىنى ئوزىگە مۇجەسسەملەشتۇردى .

«قۇتادغۇبىلىك ۋە شەرىق -غەرىب مەدەنىيتى» دېگەن كاتابتىن ئىلىندى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار