توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى .

توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

جۈملىدىن توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ ئارخىئولوگ سىۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ ئارخىئولوگىيىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسىرى -ئاسىيا باغرىغا ساياھەت -تە : خوتەن ئەتراپىدا توخۇلا دېگەن بىر يېزا بار ، بۇ توخارلاردىن قالغان ئىسىم -دەپ مەلۇمات بەرگەن .جۇڭگو ئالىمى ۋاڭ زۇڭۋىمۇ : دۇنخۇۋاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى -ناملىق ماقالىسىدە سىۋىن ھېدىننىڭ ئەسىرىدىن يۇقىرىقى قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، بەلگىلىك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما بۇ قاراشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن .

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق قىلىپ : دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە توخارلارنىڭ جۇڭگو يازما مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيىتى ئۈستىدىلا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ، ئەمما نەزىرىنى كەڭرەك دائىرىگە قويمىغان .
توخۇلا-قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ ، شەرقتە بۇ ناھىيىنىڭ جاھانباغ ، جەنۇبتا ئاقساراي ، كۇيا ، غەربتە ماڭلاي يېزىلىرى بىلەن ، شىمالدا قاراقاش بازىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . بۇ يېزىدا ( 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ) 11 مەمۇرىي كەنت ، 42 مەھەللە ، 15مىڭ 507 نوپۇس ، 15 مىڭ 704 مو تېرىلغۇ يەر بار .

توخۇلا -دېگەن بۇ يۇرت نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان توخارلار توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپ قالدۇرۇلغان ئىشەنچلىك خاتىرە مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياشىغان يۇنان تارىخشۇناسى سىترابون نىڭ -جۇغراپىيە -ناملىق ئەسىرىدۇر . بۇ ئەسەردە توخارلار ئىسكىت(ساك ) قەبىلىلىرىنىڭ بىرسى دەپ مەلۇمات بېرىلگەن . ئىسكىتلەر ، يەنى ساكلار ئەڭ دەسلەپ مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ، كىيىنھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىغا ،تارمەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان . ھىندىستانغا كۈچۈپ بارغان قەبىلىلەر تەركىبىدىكى توخارلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 -يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان گرېك-باكتىرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، مەشھۇر كۇشان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقى كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى . بۇددىزىم تارىخى تەتقىقاتچىسى لۈي جىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ -ھىندىستان بۇددىزىمىنىڭ مەنبە-ئېقىملىرى -ناملىق كىتابىدا بۇددىزىمنى ياراتقان ساكيامونىنىڭ ( ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى ) دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ، بۇددىزىمنى سەنئەتلەشتۈرۈشنى ۋە ماھايانا بۇددا مەزھىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مەشھۇر كۇشان پادىشاھى كانىشكا نىڭ خوتەنلىك ساك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان .

توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۇشان ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلەردە يالغۇز ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرۈپ قالماستىن ، بەلكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن .
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ب . ئا . لىتۋىنىسكىيىنىڭ پىكرىچە – ئەڭ دەسلەپكى توخار ئېتنىك دولقۇنى شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى ، مۇشۇ دولقۇندا كەلگەن قەدىمكى توخارلار شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يېيىلغان . بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خوتەندە توخارلاردىن خېلى كۆپ خەلقنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .
كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي تەسىرى ھونلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ، بۇ رايوندىمۇ توخارلار تەدرېجى ھالدا تۈركلىشىشكە باشلىغان .
ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيمۇ -تۈركىي تىللار دىۋانى دا خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار ، ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق . بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ ….دەپ يېزىش ئارقىلىق خوتەن رايونىنىڭ كېيىنچىرەك تۈركلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

توخار-دېگەن بۇ مىللەت (قوۋم ) نامىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ساكلار ، يەنى توخارلار تۈركلەرگە ئاسسىملىياتسىيە بۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ( تەخمىنەن 5-ئەسىرلەردە ) كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلغان نام سۈپىتىدە كەلمەي يەنىلا قوۋمنىڭ ( توخارلارنىڭ ) نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . پەقەت تۈركلىشىش بىر قەدەر تولۇق تاماملانغاندىن كىيىنلا ، ئەينى ۋاقىتتا توخارلار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان ياكى تولۇق تۈركلىشىپ ( ئۇيغۇرلىشىپ ) كىتەلمىگەن توخارلار ئولتۇراقلاشقان كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلىپ ھەم يۇرت نامىنى ، ھەم شۇ جايدىكى خەلق نامىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم . ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەتتا -تەكلىماكان -دېگەن بۇ نامنىڭمۇ توخارلار ماكانى دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . خوتەن رايونىدا توخارلار دېگەن ئىسىم ئەڭ ئاخىرقى توخارلار ئۇيغۇرلارغا تەلتۆكۈس ئاسسىملىياتىسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كونكرېت بىرەر قوۋمنى كۆرسىتىشتىن قېلىپ ، يۇرت نامىدىلا ساقلىنىپ قالغان . ئۇ ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەلەپپۇزدا -ر – تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن توخارلا -توخالا غا ئۆزگەرگەن . ئاندىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش -ئا- نىڭ نۇتۇقتا ماسلىشالماي -ئۇ-غا ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك -توخۇلا – دېگەن ھالەتكە كەلگەن .

ئىزاھات :
1) ۋاڭ زۇڭۋىي -دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1987-يىللىق 4-سان ، 163-164-بەتلەر )
2) قاراقاشنى چۈشىنەيلى -78-بەت (1997-يىل خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ، قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تۈزۈپ باستۇرغان )
3) يۈي تىيەنخېڭ ( خانېدا تورۇ ) :-غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى -شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 35-بەت .
4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن – ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى -دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل . شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1997-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى ،41-بەت .
5) ب . ئا . لىتۋىنىسكىي : غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى تەقدىرى ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى -مەدەنىي باغلىنىشلار موسكۋا 1984-يىلى
6) مەھمۇد كاشغەرىي : تۈركى تىللاردىۋانى 1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى ،10-،39-،40-بەتلەر .
7) پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، گۈلنار ئىسمايىل : تەكلىماكان نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش -شىنجاڭ ئۇۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى -2000-يىللىق 4-سان 57-بەت

مەنبەسى:قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-ئاي 1-نەشىرى )
مەمتىمىن قۇربان ، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار