ئاقسۇ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى تۇغرىسىدا

ئاقسۇ نامصنصڭ كصلصپ چصقصشص توغرصسدا

ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ.

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ: ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ 1763- ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯧﯔ ﭼﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ « ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ 3- ﺟﯩﻠﺪ 1- ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ « ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯜﺯﻯ ﺋﺎﻕ (ﺳﯜﺯﯛﻙ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ، ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯘ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺳﯧﭙﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﯜ ﺳﯘﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ » ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺳﯘ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ: « ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺳﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻟﻴﯘ ﻳﯩﺘﺎﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «‹ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ› ﮔﻪ ﺋﯩﺰﺍﮬ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ « ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ < ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﺎﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ»① ﺩﻩﭖ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ «ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻞ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ « ﺋﺎﻗﺴﯘ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ، ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ « ﺋﺎﻗﺴﯘ» ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﺎﺯﺍ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﯩﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ « ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ. ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1234- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ « ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﻩﺗﯘﺭ ﺭﯨﺸﺎﺩ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ « ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ» ﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ « ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 764- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﻜﻨﻰ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﺘﻰ، ﻗﯘﻡ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺭﻛﯩﻢ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﻚ ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭ ……. ﻗﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮬﯘﺩﯗﺩﻯ ﺋﺎﻳﻜﯚﻝ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ……. ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺧﺎﻻﻳﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻳﻜﯚﻝ ﯞﻩ ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻠﺪﻩ ﻗﻪﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻﺳﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ …….. ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﯩﻠﻪﺭ، ﻛﯚﺭﯛﺭﻛﯩﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﺵ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﺭﻳﺎﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻞ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻗﺘﻰ ………… ﺳﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﯟﺍﺳﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ‹ ﯞﺍﻱ ﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ› ﺩﯨﺪﻯ.› ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺕ ‹ ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ‹ ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ› ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ‹ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻞ› ﺩﻩﺭ ﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ < su > ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، « ﺋﺎﻗﺴﯘ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ « ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ < su-sun >، < zu-zun > ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ < sun > ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻼ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﻼﺭ < zu-zun > ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : «ﺗﯜﺭﻙ ﺑﯘﺩﯗﻥ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺯﯗﻥ ﺗﯩﻴﯩﻦ» («ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ.») (ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ، ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﯜﺯﻯ 13- ﻗﯘﺭ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻘﺎﺯﯗ ؛ ﻛﯚﻝ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﯜﺯﻯ 23- ﻗﯘﺭ)

ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ < su- sun > ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: «ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﺰﯗﻥ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻐﯩﻞ ﺋﯘﺭﺍﻥ» (ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ، 95 – ﻗﯘﺭ)
«ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﺎﺗﻰ ﺋﯘﺭﺩﯗﻡ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ،
ﻗﯘﺗﺎﺩﺳﯘ ﺋﻮﻗﯩﻐﻠﯩﻘﺎ ﺗﯘﺗﺴﯘ ﺋﯩﻠﯩﮓ» (ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ، 350 – ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺗﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﯩﺴﻰ)

ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷﯧﺮﺑﺎﻙ « ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻰ (ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ) ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻤﯘ su-sun ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ «ﻛﻪﻟﺴﯘ (ﻛﻪﻟﺴﯘﻥ)، ﻳﻪﺗﺴﯘ (ﻳﻪﺗﺴﯘﻥ)، ﺑﻮﻟﺴﯘ (ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ)» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻗﯘﻡ، ﺑﺎﻟﯘﻛﺎ، ﺑﺎﺭﺧﺎﻥ، ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻞ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 12- ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ « ﻗﯘﻡ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 13- 14- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ «ﺋﻪﺭﺩﻩﯞﯨﻞ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، « ﺋﺎﻗﺴﯘ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﻣﯩﻼﺩﻯ 15- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻼ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، « ﺋﺎﻗﺴﯘ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﺎﻕ (ﺳﯜﺯﯛﻙ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻗﺴﯘﻥ» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﺰﺍﮬ:① ﻟﻴﯘ ﻳﯩﺘﺎﯓ [ < ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ >ﮔﻪ ﺋﯩﺰﺍﮬ ] ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﺷﺎﯕﯟﯗ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ 1984- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 48- ﺑﻪﺕ

ئەسەر ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس

ئەسەر يوللىغۇچى: كۆكتۇغ

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار