ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

رﯨﯟاﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن لاﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯩﺰى ﺑﻮﻟﯘپ، دادﯨﺴﻰ ۋە ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺟﻪﯕﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎن ﺋﯚزى ﺗﺎﻟلاپ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮردﯨﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪن. ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﮬﺎﻣﺎن ﺋﯚزى ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺳﻜﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﮕﻪن. ﻳﯘرﺗﯩﻨﻰ زارﯨﻘﯩﭗ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎن؛ ﺧﺎن ﺋﻮردﯨﺴﯩﺪا ﻧﺎزۇﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪر ﺋﯧﺸﯩﭗ-ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﻳﯘرﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﮕﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎن. ﺧﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘرﺗﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﮕﺪە ﺋﻪﻛﻪﻟﺪۈرۈپ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯩﺪﻟﯩﻖ ﺟﯩﮕﺪە ﭼﯧﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﺪا ﺧﺎن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯘرﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن. ﻳﻮل ﺑﻪك ﻳﯩﺮاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎدەم ﺗﻪﺧﺘﯩﺮاۋاﻧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﺋﯜچ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪا ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن (ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻳﻮﻟﺪا ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﺎن). ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚز ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ ﺋﻪۋلادﻗﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رﯨﯟاﻳﻪﺗﺘﯘر.

ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪردە ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﭼﻴﻪﻧﻠﯘڭ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻧﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﭘﯜﻟﺪەپ ﺟﯩﮕﺪە ﮬﯩﺪى ﭘﯘراپ ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ، «ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن»دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪن. ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘڭ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴلاﻣﯩﻴﻪﺗﭽﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯚرپ-ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋە دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﺎﺷﭙﻪز ۋە ﻛﯧﻨﯩﺰەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن، ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﻳﺎﻗﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎزەت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﺧﺎن ﺋﻮردﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮا 28 ﻳﯩﻞ ﮬﺎﻳﺎت ﻛﻪﭼﯜرۈپ ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، زۇﻧﺨﯘادﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻦ دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘر. ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ 1640-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎزﯨﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪرﮔﻪ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘزى ۋە دﯨﻨﯩﻲ ﺋﻮرﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎرا-ﺑﺎرا ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎزﯨﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﭼﯩﯔ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن.

ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪش ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻏﺎن دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻳﯘرﺗﺘﺎ ﺋﯩﺴلام ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەت – ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﻗﻪد ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴلام ﻣﻪﻗﺒﻪرە ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻗﻪﺑﺮە ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﺮﺗﻰ ﭼﺎﺳﺎ، ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯘﻣﯘلاق ﮔﯜﻣﺒﻪز ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﻘﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ-ﺗﺎۋاﺑﯩﺌﺎﺗلار ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪر ﺗﻮﭘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﻰ ﺗﯚت ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﺪە ﮬﯧﻴﺖ ۋە ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﺎزﻟﯩﺮى ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﻮڭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻪدرﯨﺲ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺑﺎر. ﺳﯩﺮﺗﻰ ﭼﺎﺳﺎ، ﺋﯩﭽﻰ ﻳﯘﻣﯘلاق ﺑﯘ ﭼﻮڭ ﮔﯜﻣﺒﻪزﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 40 ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯚت ﺑﯘرﺟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘرۇپ ﻳﯘﻣﯘلاق ﺗﯜۋرۈك ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن. ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﯜۋرۈﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎي ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﭙﺘﺎ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﺋﻪزان ﻣﯘﻧﺎرى ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ دﯨﺌﺎﻣﯧﺘﯩﺮى17 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯚﮔﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﺎرﻧﺎي ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ راۋاق ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪل ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﮬﯩلال ﺋﺎي ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﯩلال ﺋﺎﻳﻐﺎ 50 ﺳﻪر ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﻣﺎﺷﺎۋۋۇ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪر ﮬﯩلال ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻣﯩﺴﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎپ ﻗﻮﻳﻐﺎن.

ﮔﯜﻣﺒﻪزﻧﯩﯔ ﺗﺎم-ﺗﻮرۇﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﺎﻗﭽﯘق ﭼﺎﭘلاﻧﻐﺎن، ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚزﻟﻪر ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪن ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯚك ﻓﺎر-ﻓﯘر ﺧﯩﺸلارﻣﯘ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ، ﮔﯜل-ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎن. ﻳﻮﻏﺎن زاﻟﻐﺎ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﺳﯘﭘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺎق ﺧﻮﺟﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 72 ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﯘرۇﻟﻐﺎن. رﯨﯟاﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺳﯘﭘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎل ﺑﯘرﺟﯩﻜﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﻗﺒﻪرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻣﺎﮬﺎرەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﻤﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﮬﯜﻧﻪر-ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

(ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ »ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﻰ« ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1999-ﻳﯩﻞ 6-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﮬﻪﺳﻪن ﺑﻮزﻗﯩﺮ ﻗﯩﺴﻘﺎرﺗﯩﭗ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪى)

جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004 – يىللىق 1- سانىدىن

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار