يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن

1
سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى. قولۇمغا <<جاھاننامە>> ئەينىكىنى ئالدىم. كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈلدى…

<<جاھاننامە>> دىن

1980 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى «ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى» تەسۋىرلەنگەن ئالبومىنى قولۇمدا تۇتۇپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم. تەسەۋۋۇرۇم بوشلۇقىدا ئالتۇن قاناتلىرىنى دالا گۈلخانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئۆركەشلىرىگە ئۇرۇپ قايتا تۇغۇلغان سۇمۇرۇغىنىڭ جەسۇر ئوبرازى چاقناپ، ئۇنىڭ خۇش بېشارەتلىك كۈلكە ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى. بەئەينى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ئەقىل مەنتىقە بىلەن يەكۈنلىيەلمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى قەلبىم مۇھەببەت بىلەن ئالدىن ھېس قىلغۇدەك، بىر ئۈمىدۋار، ئىللىق روھىيەت ۋۇجۇدۇمنى شېرىن لەرزىگە سالدى. كۆز ئالدىمدا بىرەر يېڭى بايقالغان يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىقبال – ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەزگۈ گەۋدىسى ئۈستىگە چۈشكەن ئەنقا قۇشىنىڭ شولىسى جىلۋىلەندى، بىردىنلا ئەقلىمگە كەلدىم: «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!»

مەن شۇ ماۋزۇدىكى ماقالەمنى يېزىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىل 2 – سانىدا ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى «كاساندىرانىڭ جۆيلۈشى (كاساندىرا – رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالدىن بىلگۈچى)» ھېسابلانغان بۇ ھۆكۈم، مانا 1992 – يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقئارا يەرمەنكە يىغىنى ئارقىلىق رېئال تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.

ھەئە، شۇنداق! بىر نەچچە ئەسىر «ئەسھابۇلكەھق»دەك ئۇخلىغان «يىپەك يولى» روھى ئويغاندى. مىلادىدىن ئىلگىرى ياۋروپا – ئاسىيا بوشلۇقىدا جەۋلان قىلغان «يىپەك يولى» سۇمۇرۇغى قايتا قانات قاقتى. تارىخ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئېراسىغا قەدەم قويدى.
جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا چوڭ ئېچىۋېتىش، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى تەخىرسىز يولغا قويۇش سىياسىتىگە ئۇل سالغان ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شەرق – غەرب ئالاقىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىۋەتتى. زامانىۋى تاشيول، ياۋروپا – ئاسىيا ئىككىنچى تۆمۈريولىنىڭ پائالىيەتكە كىرىشى، ھاۋا قاتنىشى كېلىشىملىرى بىلەن تېلېگراف – تېلىكس ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جانلىنىشى قۇم بارخانلىرى ئىچىگە غەرق بولغان قەدىمكى يىپەك يولى خارابىلىرى ئۈستىدە يېڭى يىپەك يولىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى نامايان قىلدى! ئالەم زۆرۈرىيەتلىرى شۇنى تەقەززا قىلدىكى، بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس تارىخىي يۈزلىنىشنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس!

قەدىمكى رىم ئالىمى لۇكرەئوس ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇشىنى تۇنجى قېتىم «كونا تاشقورال دەۋرى» دەپ ئاتىدى. بۇ قاراش 19– ئەسىردە قوبۇل قىلىندى. 1865– يىلى جون. لوبىك «كونا تاشقورال (پالەئولەتىك) دەۋرى»، «يېڭى تاشقورال (نەئولەتىك) دەۋرى» ۋە مىس (برۇنزا)، تۆمۇر قوراللىرى دەۋرى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1877 – يىلى ئامېرىكىلىق قەدىمكى دەۋر تارىخىي تەتقىقاتچىسى مورگان «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىنى «ياۋايىلىق دەۋرى»، «ۋارۋار(نادان) لىق دەۋرى»، «سىۋىلىزاتسىيە(مەدەنىيەت) دەۋرى» دەپ ئۈچكە بۆلگەن، ئالدىنقى ئىككى دەۋرنى جون. لوبىكنىڭ «كونا تاشقورال دەۋرى» بىلەن «يېڭى تاشقورال دەۋرى»گە تەققاس قىلغان، تۆمۇر ۋە دۆلەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى دەۋرنى «سىۋىلىزاتسىيە دەۋرى» دەپ ئاتىغانىدى.

مەن يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئېراسىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارايمەن. بۇ ئاساسسىز ئېيتىلغان ئەمەس، ئەلۋەتتە!

مېنىڭچە، ياۋروپا – ئاسىيا – ئافرىقىدىن ئىبارەت «كونا قۇرۇقلۇق»تا مىلادىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى باشلانغان ۋە يېقىنقى زامان تەسۋىرىي ئىبارىسى بويىچە «ئۇلۇغ يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى كارۋان ئالاقىلىرىدىن بۇرۇن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرق – غەرب يۈرۈشىنى باشلىغان. ھازىرغىچە، قىسمەن ئەپسانە ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ كەتكەن، قىسمەن ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىيا – غار سىزمىلىرى، ئىندىئان ئىمپېرىيىلەردىن قالغان پىرامىدا ۋە قەسىر خارابىلىرى شەكلىدە ئىزاھسىز تىلسىم بولۇپ تۇرۇۋاتقان «غەيرىي رەسمىي تارىخ» ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى شەرق – غەرب مەدەنىيەت قانىلىنىڭ تارىخىي شەھىرى ھېسابلىنىشى لازىم.

قەدىمكى سىبىرىيە كىشىلەر نەزىرىدە ئاللىقانداقتۇر «بوش ماكان»، «ئورمان پادىشاھلىقى» بولۇپ تۇرماقتا. بىز ئەگەر بۇ ماكاننىڭ 10 مىڭ يىل، ھەتتا تېخىمۇ يىراق زامانلاردىكى «غەيرىي رەسمىي تارىخ»ىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ھەرىكەتچان ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ئاللىقاچان شەرق – غەرب سەپىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھازىرقى ئورال – ئالتاي تىللىرى تۈركۈمىدىكى خەلقلەرگە تونۇش ئادىتى، فولكلور – ئەپسانىلىرى، سەنئەت رىتىملىرى ئوخشاپ كېتىدىغان قەدىمكى سىبىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى تەخمىنەن 20 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى تۇمشۇقى – «ئۈزۈلۈش» ۋە «ئۈزۈلدى» ئارىلىدىكى تۇتاش مۇزلۇق ئارقىلىق ئالياسكا ۋە شىمالىي ئامېرىكا، كېيىنچە جەنۇبىي ئامېرىكىغا ئۆتكەن. ئۇلار مايمۇنسىمان ئىنسان ئىزى تېپىلمىغان بۇ زېمىندا ئۇزاققا سوزۇلغان ئىپتىدائىي تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھىندىستانغا بارىمەن دەپ «ئوتلۇق يەر» بوغۇزىدا تۇتقۇن بولغان كولومبو تەرىپىدىن ناتوغرا ھالدا «ئىندىئان»لار دەپ ئاتالغان. ئۇلار غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ قىرغۇچى ۋە قۇللاشتۇرغۇچى ھەربىي يۈرۈشلىرىدە خانىۋەيران بولۇشتىن ئىلگىرى «ئولمىك مەدەنىيىتى»، «تىئوتۋاكان مەدەنىيىتى» قاتارلىق ئاجايىپ مەدەنىيەت تىپلىرىنى ياراتقان. مىسىر پرامىدىلىرى سىياقى ئۇلۇغۋار ھەم سىرلىق «تەڭرى ماكان – تىئوتۋاكان» پىرامىدىسى بىلەن فرانسىيىدىكى مەشھۇر ئالتامىرا غار سىزمىلىرى، ئىسپانىيىدىكى راسكو غار سىزمىلىرى، يېقىندىلا فرانسىيىنىڭ مارسىل شەھىرى يېنىدىكى كىچىك دېڭىز قولتۇقىدىن تېپىلغان سۇ ئاستىدىكى غارغا سىزىلغان رەسىملەر ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى، ئەمما تېخى سىرى يېشىلمىگەن شەرق – غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى پائالىيەتچان مەدەنىيىتى، مېنىڭچە، مۇشۇ قانال ساھىلىغا كۆمۈلگەن. ئۇ مۆجىزە شەكلىدە ئېچىلغۇسى ۋە بىزنىڭ قاتمال تارىخىي قاراشلىرىمىزغا يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئوزۇق بېغىشلىغۇسى.

بۇ بىرىنچى مەدەنىيەت ئېراسىنىڭ كېيىنكى سەھىپىسى سومەر – ئاندىرونوم – ئارى تۈركۈمىنىڭ سىكتاي – ساك قەبىلىلىرىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 – يىللىرىدىن تاكى 1000 – يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە – شەرقتە كۇڭفۇزى، غەربتە سوقرات ئالەمگە كەلگۈچە بولغان دەۋرلەرگىچە داۋاملاشقان. ۋەھالەنكى، چىن – خەن ئىمپېرىيىلىرى، گرېتسىيە، ئاخمانىيلار ئىمپېراتورلىرى غەرب ۋە شەرقكە يۈرۈش قىلىپ، «ئۇلۇغ يىپەك يولى» بەرپا بولغۇچە ئۆتكەن بۇ بەھەيۋەت مەدەنىيەت باسقۇچىمۇ تېخى يورۇتۇلغىنى يوق!
رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 5 – 6 ئەسىر ئىلگىرى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، 15-، 16 – ئەسىرگىچە ئىككى مىڭ يىلدەك داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنى مەن شەرق – غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئىككىنچى تارىخىي ئېراسى دەپ قارايمەن.
ئاتنى «جاھانكەزدى» ۋاسىتە قىلغان، ئەڭ قەدىمكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»نى ياراتقان خەلق ئەڭ دەسلەپكى شەرق – غەرب ئالاقىلەر لىنىيىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، تۆگىنى «جاھانكەزدى» ۋاسىتە قىلغان، قەدىمكى «يىپەك يولى مەدەنىيىتى»نى شەكىللەندۈرگەن يېڭى شەرق – غەرب ئالاقىلىرى باشلاندى. ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بۇ قايناق ئالاقە يولى ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، دېڭىز – ئوكيان قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېڭى قۇرۇقلۇقلارنىڭ بايقىلىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن چۆلدەرەپ قالدى. نەتىجىدە، شەرقتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرى تەدرىجىي سوۋۇپ، ئۇنىڭ موجىزىدار يادىكارلىقلىرى خارابىغا ئايلاندى. ئەينى يىللاردىكى قايناق مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ بارا – بارا تەبىئىي يوسۇندا يىپەك يولىنىڭ سىمۋولى بولغان چۆل كېزەر تۆگىنىڭ خاراكتېرىگە ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشنى ئامان – ئېسەنلىك دەپ بىلىدىغان تۆگىقۇشنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ قالدى.

مانا ئەمدى «قاناتلىق تۆگە» ئوبرازىنى سىمۋول قىلغان شەرق – غەرب ئالاقىلىرىنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي ئېراسى باشلاندى، ھەربىر ئالاقىدار ئېراسىنىڭ ئۆز ئەپسانىلىرى، رىۋايەت – لەگىندىلىرى، ھېكايە – داستانلىرى، ئەقىدە ھېكمەتلىرى بولغىنىدەك، ئۈچىنچى ئىرامۇ ئۆز سەھىپىلىرىنى ئۆز زامانىغا مۇناسىپ لەگىندا ۋە ھېكمەتلەر بىلەن بېزەندۇرگۇسى. «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ئىككىنچى ئىرانىڭ – يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بىنا قىلغان موجىزىدار خەزىنىسىدىكى خۇددى ئەنقا تۇخۇمىنىڭ توققۇز گۆھىرىدىن ئىبارەت.

2
يولدا تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلىگەن مىللەت مەدەنىيەتتە ئىلگىرى كەتكەن مىللەتتۇر.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ بىرىنچىسى يول ۋە سىرتقى تىجارەتتىن ئىبارەت.

يىپەك يولى – ئۆز زامانىسىدىكى سان – ساناقسىز تۇرمۇش رىتىملىرى، ھېسسىيات دولقۇنلىرى، تەپەككۇر ئېقىملىقى، تاغ – جىلغا، يايلاق – بوستان قاتناش ئىزلىرى بىلەن سەپەر مەنزىلگاھلىرى قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان ئەڭ ئۇلۇغ قانات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.
يىپەك يولى قەدىمكى ئاتلىقلار مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى يايلاق – دالا يولىدىن پەرقلىق ھالدا قەدىمكى ئىمپېرىيىلەر، شەھەر – قەلئە مەملىكەتلىرى بويلاپ سوزۇلدى. چۆل – جەزىرە ۋە بوستانلىقلار ئۇنىڭ مېلودىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ خۇددى چالغۇ تارىلىرىغا ئوخشاش، ئىككى مىڭ يىللىق شەرق – غەرب مەدەنىيىتىنىڭ گارمونىك ئاھاڭىنى چېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ قانات ئىدى.

يىپەك يولىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاچقان. ئۇنىڭدا يۈرگەن كارۋانكەش سودىگەرلەرنىڭ تۆھپىسى لەشكەر تارتىپ، جەڭ سۇتۇقلىرىنى ياڭراتقان پادىشاھ – سەركەردىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ھەسەل ھەرىسى بىلەن رەڭدار كېپىنەكلەردەك گۈلدىن گۈلگە قونۇپ بەرگ جامىدا شەبنەم ئىچكەن كارۋان تارتقۇچى سودىگەرلەر شاراپىتىدىن يىپەك يولىدا ماددىي مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرى ئالمىشىپ تۇردى. يىپەك يولىنىڭ ئاۋانگارت كارۋانلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بۇلمىش ۋە خەنزۇ مەنبەلىرىدە «خۇرجا(贿胡)» دەپ ئاتالغان بۇ سودىگەرلەردە ئىككى ئالاھىدىلىك بولغانىدى:

ئۇلار ئۆز ماكانىدا يۆتكەلمەي دۇكان – ساراي ئاچىدىغان ھۆپىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئەكسىچە، يۇرتمۇ– يۇرت، قەلئەمۇ قەلئە، تاغمۇ تاغلاردىن ئېشىپ خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئۇلۇغ توقۇلمىسىغا ئارقاق بىلەن ئورۇش تارتقۇچىلار ئىدى. ئۇلار يىراق ئەجدادلىرى – ئارىيان – سىكتاي – ساكلارنىڭ «جاھانكەزدى» ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقنى غەربكە، غەربنى شەرقكە «يۆتكەپ كېلىش» جەريانىغا ئۆلمەس تۆھپە قوشتى. ئۆز ماكانىدا رەستە قۇرۇپ، دۇكان – ساراي ئاچقان تىجارەتچىلەر بۇ توقۇلمىغا گۈل چەكتى.
ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ئەينى زامان مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادىتىگە تويۇنغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار بولدى. ئۇلار سودىگەر كەلگەندە «قىلنى قىرىق يارغان» بىلەن، دوستلۇق، مېھماندوستلۇق، ساخاۋەتكە كەلگەندە، «ئالتۇن چاچقۇ چاچىدىغان» مەردانىلاردىن ئىدى.

يىپەك يولى تۈپەيلى، قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا ئاددىيغىنا يايلاق ياكى بوستان مەدەنىيىتى رايونى ياكى يېزا ئىگىلىكى رايونى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا سودا – تىجارەتنى تىركەك قىلغان يېزا ئىگىلىكى، ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە چارۋا ئىگىلىكى دىيارى ئىدى. ئاددىي يىپەك – مەشۇتقا سىكتاي – ساك ئالتۇنپەزلىرى ئەنئەنىسى بىلەن ئىش قوشۇپ «زەرھەل»، «كىمخاپ» قىلىپ، يىراق رىم – مىسىر دىيارىدا يۇقىرى باھادا ساتقان «خورجا» كارۋانلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئۇچ ئامەتكە ئىگە بولغانىدى:
ئۇنىڭ بىرى، تەكلىماكان ئەتراپىدا ھەشەمەتلىك ئوردا – شەھەرلەر، خەلقئارا ئالاقە تۈگۈنلىرىنى مەيدانغا كەلدى. ئەينى زاماندا رىم، باغدات، چاڭئەن، لوياڭ شەھەرلىرى ئۇلار بىلەن ھۆسنداش بولدى. ئۇ چاغلاردا ھەرقايسى ئوكيانلار ساھىلىدا «ئايغا تاقاشقان بىنالار» بىلەن بېزەلگەن ھازىرقى پورت – شەھەرلەر بولمىغان.

ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە ئالدىنقى قاتاردا نىسبىي مەنىدە پاراۋان ۋە مەئىشەتلىك تۇرمۇشتا ياشايتتى. بىز تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەلتەنەتلىك پايتەختىدە ھەشەمەتلىك ئوردا بەگزادە، خانزادىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىنىش – تارىنىش (ھەتتا گۈللۈك بۆك كىيىش)، زىبۇ – زىننەت، ئوي – روزىغار، تاماقلىنىش، ئات مىنىش، سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى ھېچقانداق غەربىي نورمال ھادىسە دەپ قارىمايمىز.
ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىدە نەمۇنىلىك مەدەنىيەت مۆجىزىسى ياراتتى. ئەگەر غەربىي يۇرت ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ھېسابلانغان «خۇرجا» سودىگەرلىرىنىڭ خەلقئارالىق سودا كىرىمىگە يۆلەنمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەقلىمىزنى لال قىلىۋاتقان مۇنداق زور ھەجىمدىكى تاشكېمىر سەنئىتى قەسىرلىرى تىزمىسىنى يارىتالمىغان بولاتتى. مەلۇمكى، شىمالىي ۋەي خانلىقى ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن ۋەي خانلىقىنىڭ ئاساسلىق مالىيىسىنى سەرپ قىلىپ بىر قانچىلا تاش كېمىر سەنئەت سارىيىنى سالالىغانىدى. قاراخانىيلار، كېيىنچە تۆمۈرىلەر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ بىناكارلىق مۆجىزىلىرىمۇ (ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپى ساقلانمىغان) خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي جۇغلانمىدىن ئايرىلمىغان. بۇ غەربىي يۇرتنىڭ ئەينى زاماندا خەلقئارا سودىنى باش بۇلاق كۆزى قىلغان ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يىپەك يولى ۋە خەلقئارا سودا – تىجارەت تۈپەيلى پوچتا، بېكەت، قانۇن ۋە پۇل مۇئامىلىسى تارىخقا كىرىپ كەلدى. قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ خەت – ئالاقە كارۋانچىلىقى – پوچتا، «خۇرجا قوناق»– بېكەت – مەنزىلگاھلىرى مەيدانغا چىقتى. يول بىخەتەرلىكى، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۇركۇملىشىشى، قاراقچىسىزلاشتۇرۇش، قورۇل بېجى، قورۇلدىن ئۆتۈش يول ئىگىدارچىلىق مەزمۇن قىلىنغان قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى راۋاجلاندى. يىپەك يىلى ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئاقچا ۋە ئالتۇن – كۆمۈر تەركىبى مەسىلىسىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويدى. يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مېتال پۇللىرىنىڭ يۇرتىمىزدىن كۆپلەپ تېپىلىشى، شىنجاڭدا ئەينى زاماندا قۇيۇلغان مەتال ئاقچىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تارىخىي ئىزلىرىدىن تېپىلىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يىپەك يولىدىكى بىرىنچى ھېكمەت– يول ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن سودىگەرلەر گۇرۇھى، بېكەت – رابات، شەھەر – قەلئە، شەھەر مەدەنىيىتى، قانۇن ۋە پۇل مۇئامىلىسى مەدەنىيىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان كاتتا تېما، شۇنىڭدەك ئۇ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئەتىۋارلاشقا مۇناسىپ جىلۋىدار جاۋاھىرات.

ئىنسان – سەنئەتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن سۈپەتتۇر. ھۈنەر – سەنئەت ئىنساننىڭ ئۆز نۇسخىسىنى تامغا قىلىپ تۇرمۇشنى خاتىرىلەش تارىخىدىن ئىبارەت.
– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئىككىنچىسى ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت.

ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىگە تۇنجى سەنئەت ھوجىرىسى شەكلىدە قىزىقىپ بېرىشىدىن تاكى ئۇنىڭ پۈتۈن ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىغا ھۈنەر– سەنئەت چېچەكلىرى نەقىش قىلىشىغىچە بولغان سىمۋوللۇق نەفاسەت قەسىرىنى ئۆز كۆكسىگە جۇلالاندۇرغانىدى.
مەلۇمكى، ئىنسان كونا تاشقورال دەۋرىدىلا ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە گەۋدە كېرىپ تاشقى ئالەم ئوبيېكتلىرىغا نەزەر تاشلىغان. ئۇلار كېيىنچە ھەتتا يۇلتۇزلار تولغان ئاسمان سەتھىنىمۇ ھەرخىل گېئومېترىك سىزىقلار ياكى شەكلەن ئوخشاتماسلىق بىلەن «چومۇچ»، «تاروزا»، «قوزا»، «چوڭ ئەيىق»، «ئالتۇن قوزۇق» قاتارلىق تەققاس ئىسىملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارغا ھۈنەر – سەنئەت سىمۋولىزم تۈسىنى بەرگەن. قەدىمكى غار سىزمىلىرى ئەنە شۇنداق مەيدانغا كەلگەن.

يېڭى تاشقورال دەۋرى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھۈنەر – سەنئەت بىخ سۈرگەن ۋە باھار چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرغان دەۋر بولدى. بىز قىيا تاش سىزمىلىرىدىن، توتېم قالدۇقلىرىدىن، بولۇپمۇ كۆپلەپ تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇملاردىن يىپەك يولىدىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى ماھىر ھۈنەرۋەنلەردىن بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەشھۇر ئاندورونوپلار مەدەنىيىتى، ئافىناشەفلار مەدەنىيىتى، تاكار مەدەنىيىتى، قاراسۇغ مەدەنىيىتى، ئۈرۈمچى يېنىدىكى ئالغۇي قەدىمكى قەبرىگاھلىقى بىلەن ئالتاي بازىرى، چەرچەن – لوپ زاغۇنلۇق تىپىدىكى قەدىمكى قەبرىگاھلىق قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تېپىلغان ئات– ئەگەر جابدۇقلىرى، تۇرمۇش ۋە زىبۇ– زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن ۋە تۇچقا ئىشلەنگەن ئەۋرىشىم – قاتلىما ھايۋان تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن سەنئەت دۇردانىلىرى، بولۇپمۇ ئالمائاتا يېنىدىكى كونا قورغاندىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 -، 6 – ئەسىرگە تەئەللۇق سىكتاي قەھرىمانىنىڭ ئالتۇن قاسىراق زەنجىردە ياسالغان نەقىشلىك جەڭ كىيىمى، دۇبۇلغا ۋە خەنجىرى سىكتاي – ساك ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتتى.

مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر – سەنئىتى توقۇش ساھەسىدە غايەت زور تارىخىي تۆھپە ياراتقان. بىز ئاددىي يۇڭ رەخت توقۇشتىن (مەسىلەن، بازىرىق قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ئات – تۆگە كارۋانلىرى چۈشۈرۈلگەن گىلەم جىيەكلىرى بىلەن ئاتلىق يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى نامرات كىشى كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار گىلەملەر)، تاۋار – دۇردۇن، ئەتلەس توقۇش ۋە كالۋۇتۇندا گۈل چېكىشكىچە مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر– سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ماھارىتى ۋە ئالەمشۇمۇل داڭقىنى بىلىمىز.

ئەتلەس، جۈملىدىن ھەرخىل گۈل– نەقىشلىك كىيىم نۇسخىلىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن كۆپلەپ تېپىلغان. بىز سەمەرقەنت يېنىدىكى ئەپراسىياپ قەلئە خارابىسىدىن، پەنجىكەنت، باراھشاھ، جۈملىدىن دەندان ئويكۇك، قىزىل، قۇمتۇرا، شورچۇق، بېزەكلىك بۇددا تاشكېمىرلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملىرىدىن ھەرخىل يىپەك ۋە زەرباپ كىيىم نۇسخىلىرىنى كۆرىمىز. بۇلار ئىچىدە ئەتلەس شۇنچە داڭ چىقارغانكى، كەييۇەن يىللىرى (713 – 742) چاڭئەندە «ئەتلەس ئۇسسۇلى» ئوينالغان. لى جۇلىڭ «بەش پارچە شاڭچىڭ نەزمىسى» دېگەن شېئىرىدا ئەتلەس ئۇسسۇلىنى مۇنداق تەرىپلىگەن:

پۈتتى ئەتلەس نەغمىسى ئاسماندا قوزغالدى شامال،
ئون ۋىلايەت ئۈستىنى باستى ئىپار ئۆتمەي ھايال.
شۇي نىڭ «ھۇئاڭچىڭگۇڭ قەسىرىدە دۇشىرىنگە مۇشائىرە» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان:
ئۇچۇرۇپ مامۇق كەمەرنى ياڭرىسا لەرزان سادا،
تاشلابان يەڭگىل قەدەمنى ئەۋرىشىم <<ئەتلەس>> كېلۇر.
مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئەتلىسى ئوتلۇق دەشت – چۆل ۋە يېشىل بوستان مەنزىرىسىنى سىمۋول قىلغان(布元火) بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرغا ئىلھام بولغان.
ئەلىشىر نەۋائى ئەتلەسنى ئاسمان نۇرلىرىغا، شەپەقكە ئوخشاتقان ۋە مۇنداق يازغان:
پەلاسى ھۇزنىمەن، ئەي ئەتلەس چەرھ،
ماڭا لايىق ئەمەس ۋالا قۇماشىڭ.
(مەنىسى: ئەي پەلەك ئەتلەس مەن پالاستەك غەمكىنمەن، ماڭا ئالىي كىيىملەر لايىق ئەمەس).
چۇن تۇشەرلەر ئاقىبەت ئۇستۇڭگە ھارا بىرلە قەرش،
نى ئاسىغ ئاستىڭدا گەر چەرھ ئەتلەسىدىندۇر فىراش.
(مەنىسى: ئۇستىڭگە ئاھىر تاش – تۇپراق چۈشىدىغان تۇرسا، ئەگەر ئاستىڭدا چەرھ ئەتلىسىدىن كۆرپە سېلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟)
ھارا تۈبىگە ياتقۇڭ، يوق سۇد ئەگەر يۈز يىل
كۆك ئەتلەس ئۈستىدە جىسمىڭنى ياتىپ ئاغنات.
(مەنىسى: كۆك (ئاسمان) ئەتلىسى ئۈستىدە يۈز يىل يېتىپ جىسمىڭنى ئورناتقىنىڭ بىلەنمۇ ھېچ پايدىسى يوق، چۈنكى ئاخىر بەرىبىر تاش ئاستىدا ياتىسەن).
بىز يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ھالقىسىدىكى مەتال ۋە توقۇلما ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئاجايىپ جەلپكار پاۋلىئونىغا نەزەر سالساق، ھەرخىل كىيىم – كېچەك، مەتال توقا – تاسما، پىچاق– خەنجەر، ئاپتوۋا – چىلاپچا، باش – ئاياغ كىيىملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، يېمەك – ئىچمەك ئەسۋابلىرى، ياغاچ قىرما ۋە قاشتېشى ئويمىلىرى، بىناكارلىق قۇرۇلما ۋە نەقىش – بېزەك ھۈنەر – سەنئىتى، تېرە – بۇلغارى ھۈنەرۋەنلىكى، مەي، مۇراببا، گۈلقەنت، ئەدرەك، پاتاسى ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۈرۈشلەشكەن ۋە خېرىدارلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەركىزىي ئاسىيانىڭ چالغۇ قوراللارنى ئىشلەش تېخنىكىسى ئەزەلدىن مەشھۇر بولغان.
يىپەك يولى ئىبارىسى كېيىنكى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغان بولۇپ، بۇ يولدا شەرق – غەربنىڭ، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئات، يىپەك گەزلىمە، زەر كىمخاپ، قاشتېشى ۋە ياقۇپ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى، تېرە – يۇڭ، پار – پۇر، چاي، دورا– دەرمەك، ھوش پۇراق ماتېرىياللار، پاختا – چىگىت، گىلەم– كىگىز قاتارلىقلار سودىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، ھۈنەر – سەنئەت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى راسا راۋاجلانغان.
يېغىلىق – جەنگو زامانىدا جاۋ بېگىلىكىنىڭ پادىشاھى جاۋ ئۇلىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 325 – 229 يىللار) قوشۇن توزۇش ئۈچۈن تارىختا مەشھۇر «خۇلاردىن كىيىنىشىنى ئۆگىنىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. ھەن زامانىسىدا كېڭەيمىچى ئىمپېراتور ليۇچى مەركىزىي ئاسىيا مۇزىكىلىرى ۋە شىمالدىكى مىللەتلەر پاسونىدا ھەربىي ئوركېستىر ۋە چەۋەنداز قوشۇن قۇردى. شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي – تاڭ سۇلالىلەر دەۋرىدە، بولۇپمۇ كەييۇئەن (713 – 742) يىللىرى چاڭئەندە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يۇئەن جىڭنىڭ «فاچۇي» ناملىق شېئىرىدا:
بولدى ئۇيغۇرچە ياسانما قىز – ئاياللار مەشغۇلى،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرسىمان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇزىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس – بەستلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
دەپ يازغىنى، خۇئارۇي خانىمنىڭ «قەسىر نەزمىسى» دېگەن شېئىرىدا:
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
جىلۋە قىلدى بۇ لىباستا تال چىۋىقتەك بەللىرى.
– دەپ يازغىنى ئەينى زامان رېئاللىقىنىڭ شېئىر–نەزمىلىرىدە ئەكس ئەتكەن قىسمەن ئۈچۈرى ئىدى.
يىپەك يولىدىكى ئىككىنچى ھېكمەت – ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى يالغۇز ھەرقايسى ئەللەر ئېتنولوگىيە مەزمۇنلىرىغا ھۆسن قوشۇپ قالماي، ھازىرقى ئۇيغۇر قاتارلىق يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى خەلقئارا تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەپتۇنكار ئېستېتىك سېھرىنى نامايان قىلىپ كەلدى. يېڭى يىپەك يولى پۈتۈن دۇنيا بىر – بىرىگە يانداشقان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن كۆپ قاناللىق خەلقئارا ئىقتىساد ۋە بازارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئىشەنچ بىلەن ئېيتىش مۇمكىنكى، ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىشقا سالغۇسى ۋە ھۈنەر – سەنئەتنىڭ يېڭى، ئاۋات مەنزىرىسى بىلەن ئۆز ئەنئەنىلىرىنىڭ يېڭى زامان فورماتسىيىسىنى تۈزگۈسى.
ئىنسانىيەت ئۆز بەخت – سائادىتىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرىنى تېپىش يولىدا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن تونۇشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاسمان يورۇتقۇچىلىرىنى بىلىش ھالىتى ئۆزىنىڭ بەخت – سائادەتكە قانچىلىك ئېرىشكەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپ بولۇپ قالدى.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئۈچىنچىسى تەبىئەتنى بىلىش ھېكمىتىدىن ئىبارەت.

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، جۇغراپىيە ۋە ھېسابلاش قاراشلىرى ئەڭ قەدىمكى ئالەم يارىلىش ئەپسانىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانىدى. قەدىمكى قاراخان تەڭرىم، مەرگەن تەڭرى، قۇياش ئىلاھى مېتىرا توغرىسىدىكى قاراشلار ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى خاراكتېر ئالغانلىقى بىلەن يەنە ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرى ئىپتىدائىي كوسمولوگىيىلىك – ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ بىخى ھەم ئۇرۇقى بولدى. چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان قىسمى ھەر دەرىجىلىك ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا ئاساس سالغاندەك، يەنە ئاسترونومىيىلىك ساددا قاراشلارغىمۇ ئاساس سالدى.

چەكسىز زېمىندىكى سەپەر مۇساپىسىدە قۇياشقا قاراپ تەرەپلەرنى، يۇلتۇزغا قاراپ پەسىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىمال ئىپتىدائىي ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاسترونومىيىلىك ساۋاتى بولسا كېرەك. ئۇلار 12 ئوكەك (بۇرچ) بويىچە دەسلەپكى ئاي ۋە يىلنى بەلگىلىگەن. غارلارغا ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تەكرار سىزىق ياكى چېكىتلەرنى تامغا قىلىش، ھەتتا ئاي، كۈن شەكلىنى چېكىش ئارقىلىق ھەربىر يىلدا بىر قېتىم ئات قۇربانلىق قىلىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەپ دەسلەپكى سالنامە بېكىتكەن. كېيىنچە، 12 يىلنى بىر مۆچەل بىلىدىغان، ھەربىر يىلنىڭ مەلۇم ھايۋان نامىدا ئاتايدىغان ئادەت پەيدا بولدى. بۇنداق مۆچەلدىكى 12 يىلنى 12 ھايۋان نامىدا ئاتاش ئارى – سومەر، سىكتاي – ساك ياكى تۈركىي خەلقلەر زامانىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

شامان باخشىلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇنەججىملىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ھەربىي يۈرۈشلەردە خان مەسلىھەتچىسى بولغان. يۇلتۇز كۆرۈش، چۈش ئۆرۈش، يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش شىمالىي دىغارلار زامانىدىن ياكى يېقىنقى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان. «شەرھى ئاسامۇل مۇسلىمىن» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، «تۈرك پەيغەمبەرلىرى» دېگەن تەرەپتە «ئامان»، «ئەمىق»، «ئۈمىد»، «پۇراھ»، «تاھىن»، «تابۇي»، «كوسان»، «ئەركىل»، «ساۋان»، «سوغۇن»، «دىۋىل»، «سالاق»، «تاپقىر»، «ئانۇق»، «قىتىن»، «نارۇن»، «ھامۇن»، «چىجىل»، «پاسان»، «ياۋۇق»، «ياھۇر» قاتارلىق كىشى ناملىرى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بەلكى قەدىمكى شامان مۇنەججىملەرنىڭ ناملىرى بولسا كېرەك. گابائىن خانىم قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «تۇرپان تېكىستلىرى» ئارىسىدا ئاسترونومىيە، ھاۋارايى ۋە ياداگەرلىك، پالنامىلارغا ئائىت سەھىپىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر مۇنەججىمچىلىكىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.

يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بەلۋېغىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر توپلىغان ئاسترو – ماتېماتىكىلىق بىلىملەر شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۆلچەم–ھېسابلاش بىلىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭى سىنكرتىك قاتلام ھاسىل قىلدى. ئەل خارەزمى، فەرغانى، فارابى، ئىبىن سىنا، بىرۇنى، ئومەر ھەييام، نەسرىدىن تۇسى، ئۇلۇغبەگ قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەللامىلىرى ئۆز پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئاسترو – ماتېماتىكىسىنىڭ ئىلمىي ئۇلىنى قۇردى. بۇ، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئوچىقىدا روياپقا چىققان غايەت كاتتا ئىلمىي ھېكمەت دۇردانىسىدۇر.
ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى، ئاسترو-ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ يىپەك يولىدىكى بۈيۈك ئاساسچىسى مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمى (783 – 850) ئۆزىنىڭ «ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل»، «مۇزىكا توغرىسىدا رىسالە»، «ھىندى رەقەملىرى توغرىسىدا رىسالە»، بولۇپمۇ ئالگېبراغا ئاساس سالغان «ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە» ناملىق ئەسەرلىرى شۇنداقلا خەلىپە مەمۇن دەۋرىدىكى «بەيتۇل ھېكمەت» دەپ ئاتالغان پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان ئەڭ نازۇك ئىلمىي تۆھپىسىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى بولدى.

ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل فەرغانى (؟ – 861) قەشقەرگە يېقىن فەرغانىدە تۇغۇلۇپ، خەلىپە مەمۇن ئاكادېمىيىسىدە (ئىشخانىسىدا)، كېيىنچە مىسىردا ئاسترو – ماتېماتىكا ۋە ئۆلچەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «كىتابەتى ئۇسۇل ئىلمۇل نۇجۇم»، «يەتتە ئىقلىم ھېسابى»، «ئەل فەرغانىنىڭ جەۋەللىرى»، «ئالماگىستاغا بەغىشلايدىغان پەلەكىيات رىسالىسى»، «پەكە چەمبەرلىرى سەۋەبىياتى»، «ئاي يەرنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاستىدا بولغاندا ۋاقىت ئېنىقلاش رىسالىسى»، «ئەلمەجەستى ھەققىدە»، «ئىلمۇل ھەيە (پەلەك ئىلمى)»، «ئۇستۇرلاپ بىلەن ئەمەل قىلىش كىتابى»، «ئۇستۇرلاپ ياساش ھەققىدىكى كىتابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، مىسىر، ھىندىستان، ماراكەش، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردە ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1145-، 1175-، 1193-، 1533-، 1537-، 1590- 1910– يىللىرى ئىئونناسىۋىل، فىرارد كرەمون، گوۋل، رەگومونتان، شيونىر، ھرستىمان، كامپاني، روزەنفلىد، دوربروۋىسكىي، سەرگىيۋە، ۋىدەمان قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئەبۇنەسىر فارابى (870 – 950) «پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى»، «شەرھى ئەل مەجەستى»، «كىتابۇل لەۋھىق»، «ئېۋكلىدنىڭ 1 – ۋە 5– كىتابلىرىدىكى قېيىن مەسىلىلەرگە شەرھى»، «گېئومىتىرىك نازۇك شەكىللەر توغرىسىدىكى كىتاب»، «يۇلتۇز ھەققىدكى سۆھبەتتە توغرا ۋە ناتوغرىلىق ھەققىدە رىسالە»، «ئارىفمېتەكا مۇقەددىمىسى»، «تەسەۋۋۇرلۇق گىئومەتىرىيىگە مۇقەددىمە»، «بوشلۇق ۋە مىقدارى»، «خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا تەبىئەتشۇناس پەيلاسوپلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئەبۇئەلى ئىبن سىنا (980 – 1037) فارابى ناتۇرال پانتېئىزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى، بۈيۈك «شەيھۇل رەئىس»، تىبابەتشۇناس بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ ئەللۇددەۋلەنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بىر مەزگىل ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىبن سىنا ئۆزىنىڭ «كىتابۇششىغا»، «دانىشنامە»، «كۆزىتىش ئەسۋابى ياساشتا ئەۋزەل ئۇسۇل كىتابى»، «يەرنىڭ ئەلەم مەركىزىدىكى ھالىتى»، «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كۆرۈنمە مۇساپىلىرى»، «يورۇتقۇچىلارنىڭ كېچىلىك كۆرۈنۈشى ھەققىدە»، «ئاسمان سىفىراسى ۋە ئادەملەرنىڭ ئوي – ماكانلىرى»، «شەمس ۋە قەمەرى يىل پەسىللىرىنىڭ ھەمدە كېچە ۋە كۈندۈز زامانلىرىڭ قانۇنىيىتى»، «يۇلتۇزلار ھۆكۈمىنىڭ رەددىيىسى»، «جۇرجان شەھىرى ئۇزۇنلۇقىنى تۈزىتىش ھەققىدىكى رىسالە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېخانىكا، مۇزىكا مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.

ئەبۇل ۋاپائەل بۇزجانى (940 – 998) خۇراساندا تۇغۇلۇپ، باغداتتا كاتتا ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم بولۇپ تونۇلدى. ئۇ «ئاسترونومىيىگە مۇقەددىمە كىتاب»، «ئارىفمېتىكىغا مۇقەددىمە»، «ئارىفمېتىكا ھەققىدە رىسالە»، «ئاسمان سىفىراسىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى ئېنىقلاش ھەققىدە كىتاب»، «ئەل مەجەستى»، «دىئوفانت ئەسىرىدىكى جۈملىلەرنى ئىسپاتلاش ھەققىدە كىتاب» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئىبن سىنا ۋە بەرۇنىنىڭ بۇ زاماندىشى بىرونى بىلەن كېلىشىپ باغدات ۋە خارەزىمدە ھىجرىيىنىڭ 387 – (مىلادىيە 997 -) يىلىدىكى ئاي تۇتۇلۇشنى بىللە كۆزەتكەن.

خارەزملىك ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن يۈسۈپ كاتىپ خارەزمى مىلادىيە 990 – يىلى يازغان «مەفاتىھۇل ئولۇم(ئىلىم ئاچقۇچى)» ناملىق ئەسىرىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ھەققىدە توختالغان.

خوجەندلىك ئەبۇمۇھەممەد ھەمىد ئىبن قىدىر ئەل ھۇجەندى ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكى بولغان. ئۇ رەي شەھىرىدە فەھرۇد دەۋلە (977 – 996) سارىيىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئېۋكەلىدنىڭ ئېغىشى ھەققىدە»، «ئاسترونومىيە قانۇنى»، «فەھرى سەكىستانتى(فەھرۇد دەۋلەگە ئاتالغان ئاسترونومىيىلىك ئەسۋاب)»، «ئۇستۇرلاپنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان. ياي شەكىللىك سەكىستانت نۇسخىسى ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىدىمۇ ساقلانغان.

خارەزملىك ئەبۇرەيھان بىرۇنى (973 – 1048) ئەينى زاماندا خارەزمدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئاتايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە «بەرۇنى(سىرتتىن كەلگەن)» نامىدا ئاتىلىپ شۆھرەت قازانغان. ئەبۇرەيھان مۇھەممەد ئىبن بەرۇنى «يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بىلىمگە مۇقەددىمە»، «ھىندىستان»، «فارماكوگىنوزىيە»، «مەنرالوگىيە»، «گەئودىزىيە»، بولۇپمۇ «قانۇن مەسۇدىي» ناملىق قامۇس كەبى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەلسەپە جەھەتتە ئارىستوتېل ۋە فارابىغا ئەگەشكەن. ئەشەرىنىڭ دىموكراتنىڭ ئاتوم تەلىماتىنى روھانىيلەشتۇرۇشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاتومنىڭ ماددىي جىسىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى نوپۇز دېگەن قاراشنى رەت قىلغان ۋە نوپۇز – ئىلىمنىڭ نوپۇزى دەپ قاراشنى پەندە تەجرىبە ۋە مۇھاكىمىنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە قوشقان تۆھپىلىرى يەر مەركەز (گەئوسەنتىر) قاراشلىرىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتكەن.

ئومەر ھەييام (1040 – 1123) نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مەلىك شاھ ھوزۇرىدا، ۋازىر نىزامۇلمۇلىك ھامىيلىقىدا «مەلىك شاھ ئاسترونومىيە جەدۋىلى»نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن ئۇ «ئالگېبرا ۋە ۋەلمۇقەبەلە ۋەزىپىلىرىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە رىسالە»، «ئارىفىمىتكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر»، «ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىلىك كىتابىدىكى قىيىنچىلىقلارغا شەرھى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئومەر ھەييام ئوز رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كوسمۇلوگىيىلىك چۈشەنچىلىرىنى ئىنان تۇرمۇشى قاراشلىرى بىلەن قايتا يۇغۇرۇپ، زامانىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئىدىيىلىرىنى جۇلالاندۇرغان.

چېڭگىزخاننىڭ ئىستېلاچىلىق يۈرۈشلىرى تىنجىغاندىن كېيىن خانبالىقتا (بېيجىڭدا) جامالىدىن ناملىق ئۇيغۇر مۇنەججىمنىڭ شۆھرىتى شەرق ئاسمىنىنى قاپلىغانىدى.

ھىلاكۇخان دەۋرىدە ياشىغان خۇراسانلىق ئالىم ئابدۇجاپپار مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەن نەسىرىددىن تۇسى(1201 – 1274) ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۈرلىرى قەسىرىدە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ «پېتولمىنىڭ ئەلمەجەستىگە شەرھى»، «ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىسىگە شەرھى» قاتارلىق ماتېماتىكىغا دائىر 12 كىتاب يازدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئاسترونومىيىلىك داستان» ناملىق شېئىرىي ئەسىرىمۇ بار. نەسىرىددىن تۇسى «ئىلىھانىيە ئاسترونومىيە جەدۋىلى»نى ئىشلەپ چىققان ۋە مارغى رەسەتگاھىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەسلىددىن، پەھىرىددىن ۋە سەدرىددىن قاتارلىق ئۈچ ئوغلىمۇ مەشھۇر ئاسترونوملاردىن بولغان.

تومۇرىيلەردىن مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ(1394 – 1449) يىپەك يولى ئاسترو – ماتېماتىكا ئىلمىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ تەبىئەتشۇناس سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى – ئەلى قۇشچى، كېيىنكى زامان ئالىملىرىدىن جەمشىد قۇشچى، ئالائىددىن قۇشچى ئۇشبۇ ئىلىمنى ئۇلۇغبەگ يەتكۇزگەن ماقامغا يەتكۈزۈلمىدى.

ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي مەكتىپى «تۆت ئۇلۇس تارىخى»، «ئارىفمېتىكا رىسالىسى»، «ئاسترونومىيىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تەپسىلات»، «ئاساسىي فىگورىلار ھەققىدە تەپسىلات»، «سىنۇس ھەققىدە رىسالە» بولۇپمۇ تۆت قىسىملىق «يېڭى كوراگان ئاسترونومىيە جەدۋىلى(1437 – يىلى تاماملانغان)» ناملىق ئەسەرلىرىنى يازدى. ئۇنىڭدا 1022 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە بىر يىل 365 كۈن 6 سائەت 9 مىنۇت 10 سېكۇنت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇلۇغبەگنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن پەسلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن گەرچە ئەلىشىر ناۋائى، زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر، بايا رەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى ۋە ئابدۇرېھىم نىزارىدەك ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇر شائىرلار مەيدانغا كەلگەن، ئاماننىساخان، قىدىرخان ۋە دەرۋىش ئەلىدەك مۇزىكىشۇناسلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، خاندەمر، مىرزا ھەيدەر، موللا موسا سايرامىدەك تارىخشۇناسلار قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، بۈيۈك تەبىئەت ئىلمى بويىچە، خۇسۇسەن ئالەمشۇمۇل دەستۇر ياراتقۇچى ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى مەيدانغا كەلمىدى. ھۇماقۇشى بۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ تۇخۇمىنى يىپەك يولىغا ئەمەس، بەلكى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىغا كۆمگەنىدى.

ئېلېمېنتار ئارىفمېتىكىغا ئاساس سېلىش؛ نۆل (لاتىنچە، «يوق») ئۇقۇمىنى سان – سېفىرگە ئېلىپ كىرىش؛ ئالگېبرا تەڭلىمىلىرىنى مەيدانغا ئېتىش؛ گىئومېترىيە بولۇپمۇ تېرىگىنومېترىيىنى ئورە تۇرغۇزۇش؛ سان چۈشەنچىلىرىنى ئېنىقلاش؛ سىنۇس ۋە كوسىنوس، ئىنتېگرال ۋە دىففېرېنسىئاللىق كاتېگورىيىلەرنى تۇرغۇزۇش؛ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتېماتىكا لوگىكىسىغا ئاساس سېلىش؛ ئاسترونومىيىلىك ئەينەك ۋە ئەسۋابلار ئىشلەش؛ يۇلتۇزلار (1022 يۇلتۇزلۇق گۈمبەز) جەدۋىلى ئىشلەش؛ كالېندار توزۇش؛ ئېكۋاتورنىڭ قىيپاشلىقىنى ئۆلچەش، يۇقىرىدىن تاشلانغان نەرسىنىڭ شەرقكە يۆتكىلىپ چۈشىشىدىن يەرنىڭ غەربتىن شەرقكە ئايلىنىشىنى گەپوتەزا قىلىش؛ ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، تولۇشى ۋە دېڭىز دولقۇنىنى ئېنىقلاش؛ زېمىننى ئىقلىم (بەلۋاغ ۋە زۇننار)لارغا بۆلۇش؛ ئالخىمىيە ۋە ساختا ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنى تەنقىد قىلىش؛ گرېك ماتېماتىكلىرى ۋە مۇنەججىملىرىنىڭ تار دائىرىلىك قاراشلىرىنى قايتا كۆزىتىپ باھالاش… مانا بۇلار مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمىدىن ئۇلۇغبەككىچە بولغان ئالتە ئەسىر ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئالتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئەمما، بۇ موجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلى ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىيلار ھۇسەمەتھورلۇقىدىن باشقا تەبىئەت ئىلمىدە قايسىبىر نادىر چېچەك ئېچىلدى؟!

يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى. ئېيتىۋاتقانلىرىمىز سالنامە – تارىخلاردا سۆزلەنمىگەن تارىخ پەلسەپىسى ھەقىقەتلىرى.

يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ ئۆزىگە خاس تىلسىم ئامەت ۋە موجىزىدار بەرىكەتلىرى بىلەن خەلقىمىزگە شاراپەت ئېلىپ كەلگۈسى. ئىشىنىمىزكى، ئەگرى – توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ، يوقاتقان ئۇلۇغ ھېكمەت – تەبىئەت ئىلمى جاۋاھىراتلىرىنى خەلقىمىز يەنە ماھىر قوللىرىغا ئالغۇسى.
ئەگەر ئۆز تەشۋىشلىرىڭدىن خالاس بولساڭ، پەلەك تەشۋىشلىرىنىمۇ بەجا قىلالايسەن.
– ئىبن سىنا

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ تۆتىنچىسى تېبابەت ھېكمىتىدىن ئىبارەت.

ئىنساننىڭ تاشقى ئالەم مۆجىزىلىرىگە قىزىقىشىدىن ئۆز روھىيىتى ئىچىگە يوشۇرۇنغان غايىۋى ھەم تەنقىدىي ئىككى قۇتۇپلۇق مەنىۋى دۇنياغا قەدەم قويۇشىدىكى دەسلەپكى ئۆتكەل ئاسترو – ماتېماتىكىلىق ئىزدىنىشلەردىن تېبابەتچىلىك پائالىيىتىگە يۈزلىنىش بولدى. ئەمما، تاكى گۇمانىستىك پىكىر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگىچە ئىنسان ئۆز جىسمىنى تەبىئىي ياكى غەيرىي تەبىئىي – ئىلاھىي ئوبيېكت سۈپىتىدە كۈزىتىشتى.

دەسلەپكى تېبابەتچىلىك ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىشى، بەدەنلىرىگە پۇراقلىق گىياھلار سۈركىشى، ھەرخىل ھاشارات ۋە چاققۇچى ھايۋانلارغا قارشى لاي – لاتقىلار بىلەن بەدەنگە قاتلام ياكى نەقىشلەر چېكىشى، كېيىنچە پېرىخونلۇق – ئوقۇش، داغلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن داۋام قىلدى. ئېھتىمال، بۇ خىل ساددا تېببىي پائالىيەت يىپەك يولىدىن ئىلگىرىكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ دائىمىي ھەمراھى بولسا كېرەك.

ئاتلىقلار مەدەنىيىتى كۆچمەن ھايات ۋە پائالىيەتچان تۇرمۇش رىتىمىنى پەيدا قىلدى. جاراھەت ۋە سۇنۇق، تۇغۇت ۋە ئىچ ئۆتكۈ ئۇ چاغدا ئىپتىدائىي تېبابەتچىلىكنىڭ دائىمىي، ئەمما جىددىي تېمىسى ئىدى. سىكتاي مەتال ئىدىشى سىرتىغا سىزىلغان «سۇنۇق تېڭىش» رەسىمى بىزگە ئارىيلار زامانىدا ئاتلىق مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ مائىر ھەرۇرگلىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خەنزۇلارنىڭ «سېرىق پادىشاھ ناملىق يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى» ناملىق كىتابىدا، مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۇچ مىڭ يىللار ئىلگىرىلا زەھەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى تىلغا ئىلىنغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى يېزىلغان «ئەۋلىيا تەرىقچى نامىغا يېزىلغان شىپالىق گىياھلار» ناملىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان. سۇي – تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە «غەربىي يۇرت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رېتسېپلىرى»، «غەربىي يۇرت مەشھۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆت جىلدلىق مەخپىي رېتسېپلىرى»، چىڭ چەن يازغان «خۇرلارنىڭ شىپالىق گىياھلىرى»، سۇڭ سىماۋ يازغان «بىباھا دورا نۇسخىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۆت زات ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك پەلسەپىسى ۋە شىپاگەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئېيتىش كېرەككى، بۇنداق تۆت زات ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 – 8 – ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكتايلار ئارقىلىق قەدىمكى گرېتسىيە تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھېپوگراتنىڭ «تۆت فىزىس» قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن.
يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا تېبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش؛ جەسەت مومىيالاش؛ تېڭىقچىلىق؛ سامساق – ھاراق – ئاچچىق تاش ئېلىش؛ كۆز ئوپېراتسىيىسى؛ ئىلغا؛ قان ئېلىش؛ ماسساج قىلىش؛ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش؛ ھەرخىل گىياھلىق گۈڭگۈرت كىسلاتاسى (تىزابى)، بروم كىسلاتاسى، كۈمۈشلۈك بروم كىسلاتاسى چىقىرىش؛ چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈش، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولغاق، زۇكام، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا زور نەتىجە قازانغان. 633–يىلى چىمەنقۇلى تاڭ گاۋزۇڭ (لى شىمىن)نى دەۋۋار كېسىلىدىن داۋالاپ ساقايتقان. 1970–يىلى شىئەننىڭ جەنۇبىدىكى تاڭفىن ۋاڭفۇدىن «قۇت(吿利)» تامغىلىق ئىدىقۇت پۇلى ۋە ئىدىقۇتلۇقلار كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن دورا ئىچىش قاچىسى تېپىلغان. شۇ دەۋردە چاڭئەندە «ئىدىقۇت ئۆمۈر بەخت شەربىتى» ناملىق مادداتۇلھايات دورىسى سېتىلغان.

«تۇرپان تېكىستلىرى» قاتارلىق تېبابەتچىلىك رىسالىلىرى پارچىلىرى تېپىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بىر قاتار كېسەللىكلەر، دورا ماتېرىياللىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نامى كۆرسىتىلىشتىن باشقا، تېببىي مەزمۇندىكى ئەقلىيە سۆز ۋە نەزمىلەردىن پارچىلار بېرىلگەن.

1229-يىلى خانبالىق(بېيجىڭ)تا ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسى قۇرۇلدى، مەشھۇر خرۇرگ نەزەر، ھەربىي دوختۇر يەھيا، ئەيشى بۇلمىش قاتارلىقلار خانبالىق ۋە سىچۇەنلەردە خىزمەت ئوتىدى. ئىدىقۇتلۇق ئەنزاڭ «شىپا گىياھلىرى»، «مۈشكۈل ئاغرىقلار» دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. ئېيتىش كېرەككى، بۇ نوقۇل قۇبلايخان زامانىدا ئىچكى ئولكىلەردە يۈز بەرگەن ھادىسە بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن چىنگىزخان قوشۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئايىغى يەتكەن غەربىي ئاسىيادىمۇ بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسە ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 36 جىلدلىق «غۇز دورا نۇسخىلىرى» دېگەن ئەسەر يېزىلدى.

ئىسلامىيەت يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنى چەكلىگىنى يوق، ئەكس ھالدا غەربتە گرېك تېبابەتچىلىكى، شەرقتە جۇڭگونىڭ «جۇڭيى» تېبابەتچىلىكى ئۇتۇقلىرىنى ھىندىستان، ئىران، ئەرەب ۋە ئەنئەنىۋى مەركىزىي ئاسىيا تېبابەتچىلىكى ئاساسىدا تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى.
يىپەك يولى تەپەككۇر گۈلزارلىقىدىكى ئۇغلۇ باغۋەن، جاھان پەلسەپە تارىخىدا ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» ئەبۇ نەسىر فارابى ئەتتۈركىي (870–950) نەزەرىيىۋى تىبابەتچىلىكنى يېڭى ئۇل بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ تۆت زات، ھايات ۋە مۇھىت، جىسىم ۋە روھ، تاشقى ۋە ئىچكى سېزىش ھەم تەپەككۇر ئەزالىرى ئۈستىدە ناتۇرال پەلسەپىلىك قائىدىلەرنى قويۇشتىن تاشقىرى، ئالەم ئاناتومىيىسى، گالەن تېبابەتچىلىكى، تېبابەتچىلىك كلاسسىفىكاتسىيىسى ئۈستىدە خاس ئەسەر ياكى سەھىپە يازدى.

ئىبن سىنا(980–1037) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلىرى ساھىبى بولدى.

ئىبن سىنا بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ يۈرەك – تومۇر تەلىماتىنى تەتقىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئىران ئالىمى ئەبۇلھەسەن تەبۇر (؟ – 923) نىڭ «فىردەۋسول ھېكمەت (ھېكمەت بەغى)»، باغداتلىق مەشھۇر دوختۇر ئەررازى(850–923) نىڭ «كىتابۇلئەسرار»، «ئەلھاۋىي»، «كىتابۇلتىب ئەلمەنسۇرى» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ «كامىلۇل سىنا ئەلتىببىيە (تېبابەتچىلىك تولۇق دەستۇرى)» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئىبن سىنا يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ «ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تېببىي داستان» قاتارلىق ئاجايىپ ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قانچە ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەربتە تېبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكى قىلىندى، «شاھى تېبابەت» دەپ شوھرەتلەندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئىمادىدىن قەشقىرى قاراخانىيلار دەۋرى تېبابەتچىلىك ئاسمىنىنى جىلۋىلەندۈردى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىككە ئائىت سىستېمىلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالدى. ئىمادىدىن قەشقىرى ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇل» ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئىبن سىنا قاراشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھى شەكلىدە راۋاجلاندۇردى ۋە بېيىتتى. ئېيتىلىشىچە، ئىمادىدىن قەشقىرى يەنە «شەرھى ئەششىفاھ»نى يازغان.

كېيىنچە، خىزىر خوجىنىڭ ۋەزىرى قەمەرىددىن، ئەلائىددىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقساراي، مۇرادبەگ قەشقىرى، سەئىد مۇختار بۇلاقبەگ قاتارلىق ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشتى.

بىز يىپەك يولىدىكى بىقىياس قىممەتلىك ھېكمەت بولغان تېبابەتچىلىكنىڭ 10 مىڭ يىللار مابەينىدە تاراملاپ توپلىشىپ، زور ئېقىن ھاسىل قىلغان غايەت زور ئىلمىي خەزىنە ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ يىپەك يولى داۋام قىلغان 2000 يىل ئىچىدە ئىلمىي سىستېمىغا كىرگەنلىكى؛ خارابلىشىشى، غەربىي ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىشى تۈپەيلى، خۇددى چەۋگەن توپىدەك غەربىي ياۋروپالىقلار قولىغا ئۆتۈپ قالغانلىقى؛ نىجادىيەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغانلىقى؛ ھەممىنى ياۋروپادىن ئىزدىگۈچى تەپەككۇر دەلدۈشلىرىنىڭ مىللىي تىبابەتچىلىكنى «ساختا پەن» دەپ يوقىتىشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ «تارىخنى قايتا ئويلاش» ئېلىپ بارساق، قەلبىمىزدە ئالتۇنغا بەرمەس مۇنداق ئۇچ ھۆكۈم ئورۇن ئالىدۇ: شانلىق ئۆتمۈش. پاجىئەلىك چۆكمىش ۋە نۇرانە كەلگۈسى!

يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ، ۋاقىت رىتىملىرى بىلەن زېمىن ۋە تۇرمۇش سەھىپىلىرىگە زەر چېكىدۇ. خۇددى شاكال يىرتىپ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويىدۇ. تېبابەت ئىلمى – نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئىختىرا، ئەمەلىي داۋالاش ۋە تېخنولوگىيە چېچەكلىرى، گەرچە بىردىنلا بولمىسىمۇ تەدرىجىي بۇ ئاۋات ئالاقىلەر قانىلىغا غۇجمەكلىشىدۇ. داۋا ۋە شىپاسىز رەنجى – ئەلەمدە ئۆتكەن خەلقتىن تېبابەت ئاسمىنىنىڭ يېڭى چولپانلىرى ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇ، تارىخنىڭ ئۇلۇغ نۆۋەت ئىلتىپاتى بولۇپ، بۇ مۇمكىنلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئەجىر – ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

نەغمە – ناۋا جانلىق مىللەت، ئوتلۇق قەلبنىڭ مىلودىك تىنىقى. ئۇ، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەپسۇنكار مەدەنىيەت

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ بەشىنچىسى ناخشا – ئۇسسۇل ھېكمىتىدىن ئىبارەت.

ناخشا – ئۇسسۇل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۇنجى، رىتىملىق ئىپادىلەنگەن پوتېنسىئال ئاڭ پارتلىشى، ھېسسىيات ئارقىلىق ھېسسىياتقا تامغا بېسىشى ۋە ھايۋاناتتىن تۈپ پەرقلەنگەن روھىيەت ئۇيغۇنلۇقى بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىلا مەيدانغا كەلگەن. مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى ئاھالىلىرى ئەڭ دەسلەپكى مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد، پەسىل ۋە ئەمگەك، ئىشرەت ۋە مۇھ (مەرسىيە) قوشاقلىرى، ئۇسسۇللىرىنى ياراتقان خەلقلەردىن ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىسى بىلەن ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئورتاقلىقى قەدىمكى بۇغا يولى، ئات يولى ئالاقىلىرى دەۋرىدىلا خېلىلا قېلىپلاشقان ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى دەلىللەيدۇ.

ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ئۇنىڭغا بېقىنغان ئىپتىدائىي چالغۇ قوراللىرى رىتىملىق ئېتنىك مەدەنىيەت ئۈستىدە يېڭى تاشقورال دەۋرىدە گەنىزىسلىق (پەيدا بولۇشلۇق) بالا ياتقۇسىدا ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك قېلىپىنى تۈزدى. زامان قانچە سوزۇلمىسۇن، تەرەققىيات قانچە ئۆزگىچە بولمىسۇن، يېڭى تاشقورال دەۋرى ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۆز قېلىپلىرىنى تۈزگەن دەۋر بولدى. ھەممە نەرسە خاس نۇسخا، قېلىپ، تەرتىپ، ئۆلچەمگە ئېرىشتى. ھەر خىل روشەن گىئومەتىرىك نەقىش نۇسخىلىرى مەيدانغا كەلدى. توتېم ۋە ئۇرۇقداش جامائەدىكى مۇراسىملار، كوللېكتىپ بەزمە – بايرام پائالىيەتلىرى، كېيىنچە شامان، زورو-ئاستىر ئېتىقادى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلھام بېغىشلىدى.

قەدىمكى گرېك تارىخچىسى ھىرىدۇتنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابىدا ماسساگىتلار(ئۇلۇغ ساكلار) گۈلخان يېقىپ، ئوتقا مەۋە تاشلاپ، شىركەيپ بولۇپ ناخشا – ئۇسسۇل ئوينايدۇ، دېگەن تارىخىي ئۈچۈرى؛ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن مەركىزىي ئاسىياغا كەلگەن ئورىئاننىڭ «ئىسكەندەرنىڭ شەرقكە يۈرۈش قىلىشى» دېگەن كىتابىدا يەرلىك خەلقنىڭ خۇددى گرىكلاردىكى دىئونۇس بايراملىرىدەك مەي سەيلىلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئۈچۈرى؛ قەدىمكى خەنزۇ مەنبەلىرىدە سەرىق پادىشاھنىڭ كوئىنلۇن تېغىغا كۈي ئوگىنىشكە كىشى ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار؛ قۇتۇبى قىزىليار، ئالتاي، بارىكۆل قىيالىرىدىكى يالىڭاچ ئۇسسۇللۇق رەسىملەر؛ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ناخشا – ئۇسسۇللۇق قوشاق نەمۇنىلىرى؛ پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادىن تېپىلغان ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلۈك قىيا سىزمىلىرى يىپەك يولىدىن ئىلگىرىلا مەركىزىي ئاسىيانىڭ ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى مەركىزىي ئاسىيا ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ھەم فولكلور، ھەم كلاسسىك شەكىلدە راۋاجلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شەھەر – قەلئە مەملىكەتلىرى ۋە مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلقئارا سودا ۋە كۈتۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل سەنئەتكە تارىخىي قىممەت بېغىشلىدى.

يازما مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىلا خوتەننىڭ «يۇتيەن نەغمىسى» خەن ئوردىسىغا مەلۇم بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا جاڭ چيەن قۇمۇل دىيارىدىن «ماھادۇر» كۈيىنى چاڭئەنگە ئېلىپ بارغان. لى يەننيەن بۇ چوڭ كۈيدىن پايدىلىنىپ 28 نەغمە ئىشلىگەن. كېيىنچە «دۇر» ئىبارىسى گىرېكلاردا «دۇرۇس مېلودىيىسى» نامىدا ئىشلەنگەن.

382- يىلى ھەربىي تەۋەككۈلچى لۇي گۇئاڭ كومىراجىۋانى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۈسەنگە قوشۇن تارتىپ كەلگەندە، بۇ جاينىڭ ئاۋات بۇددا مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ 20 مىڭ تۇياق ئات – قېچىرغا كۈسەننىڭ بايلىقى، زىبۇ – زىننەتلىرى، بۇددا دىنى نەمۇنىلىرى ۋە كۈسەن – چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ لياڭجۇ(جاڭيى) گە قايتقان. نەتىجىدە دەشتئاتا (دۇنخۇئاڭ – ساجۇ) بۇددا تاشكېمىرلىرى، لياڭجۇ نەغمىسى مەيدانغا كەلگەن.

568-يىلى تۈرك قاغانى مۇقانخاننىڭ قىزى ئاسىنا مەلىكە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئىلىمپەز ئىمپېراتورى يۇيۋەنيۇڭغا ياتلىق بولغاندا كۈسەنلىك مەشھۇر مۇزىكا نەزەرىيىچىسى سۇجۇپنى ۋە بىر قاتار مۇزىكا، ئۇسسۇل ماھىرلىرىنى چاڭئەنگە ئېلىپ بارغان. كېيىنچە سۇجۇپنىڭ «12 تېمىفىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى» ئاساسىدا سۇي–تاڭ زامانىدىكى خەنزۇ مۇزىكىچىلىقى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلانغانغان.

كۈسەندە يەنە ۋىدۇساكا ناملىق مۇزىكا ئۇستازى بولۇپ، مەخسۇس چوڭ نەغمىلەر ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم.

تارىخىي مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، يىپەك يولى راسا گۈللەنگەن دەۋرلەردە چاڭئەندە ئۆتكەن ساۋمياۋدا، ساۋگاڭ، بەيمىندا، بەيجەشۇڭ، فەيشىڭفۇ، فەيشىڭلۇ قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىشۇناسلار مەركىزىي ئاسىيالىق ئىدى. ئەينى زامان شائىرلىرىدىن دۇفۇ، لىبەي، بەيجۇيى، ۋاڭۋەي، يۇئەنجىڭ، لىيەنشى قاتارلىق ئەدىبلەر مەركىزىي ئاسىيا مۇزىكا – ئۇسسۇل سەنىتى توغرىسىدا گۈزەل مىسرالار قالدۇرغان.

بىز خوتەندىن، مارالبېشى تۇمشۇقتىن، قىزىل – قۇمتۇرا قاتارلىق جايلاردىن، شورچۇقتىن، ئىدىقۇت شەھەر خارابىسى، تۇيۇق، يارغول ۋە بېزەكلىك تاشكېمىرلىرىدىن ئەينى زامان مۇزىكا – ئۇسسۇل ۋە چوڭ نەغمىلەرگە ئائىت كۆپلىگەن نەپىس كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىمىز.
سۇڭ سۇلالىسى زامانىدا مەركىزىي ئاسىياغا ئەلچىلىككە كەلگەن ۋاڭ يەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئاۋات ئوردىلاردا ئوردا مۇزىكا – ئۇسسۇللىرى بولغان، ئۇ، ئوردىلار خارابلاشقاندا خەلق مەشرەپ-مۇقاملىرى شەكلىدە داۋاملاشقان. بىز «دولان مۇقامى» نىڭ مۇقەددەسلەشكەن ھەرىكەت شەكلى، قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئەركىن-ئازادە ناخشا – ئۇسسۇل شەكلىدىن بۇ مۇقاملارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بىلىمىز.

ئىسلامىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن گەرچە يۈزەكى ھادىسە جەھەتتە ناخشا (مۇزىكا) – ئۇسسۇل سەنىتى نىسبىي چەكلىنىشكە ئۇچرىغاندەك بولسىمۇ، ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى تۈپەيلى مۇزىكا سەنئىتىدە شەرق-غەرب مۇزىكا مەدەنىيەتلىرى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى ئەرەب ۋە غەيرىي ئەرەب مۇزىكىلىرىدىكى راۋاجلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ «كىتابۇلمۇسىقەل كەبىر»، «كىتابۇلمۇسىقەل سەغىر» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە يېڭى مۇزىكا نەزەرىيىسى– غەيرىي پىفاگۇر مۇزىكىلىق ئاۋاز قارىشى، مۇزىكا يۇكشۇناسلىقى نەزەرىيىسى، ئەرەب – تۈرك مۇزىكا – نەغمە تەلىماتى، چالغۇ قوراللار ئىسلاھاتى، ھەرپلىك نوتا قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىبن سىنا فارابى مۇزىكا تەلىماتلىرى ئاساسىدا 12 پەدە ھەققىدە توختالدى.

سالجۇقىيلار پۈتۈن ئىران ئېگىزلىكىنى ئىگىلىگەن مۇھىتتا ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن سەفىئوددىن ئەلمۇمىن ئەلى ئۇرمەۋىي فارابى مۇزىكا نەزەرىيىسى بويىچە ئاۋاز(لار) قاتارىنى 12 پەردە (مۇقام) غا ئايرىشنى، ئەينى زامان كلاسسىك كويلىرىنى 12 مۇقام بويىچە 12 مۇجەسسەم(ئائىلە)گە ئايرىشنى تىلغا ئالدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئەرەبچە «مۇقام» ئىبارىسىنى قوبۇل قىلدى، ئەرەب ۋە پارسلار ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈلگىسىدە فارابى نەزەرىيىلىرى بويىچە ئۆز مۇزىكىلىق مۇجەسسەملىرىنى تۈزەشكە كىرىشتى.

يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىدا قاراخانىيلار، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە مۇقام، ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىرىيەت سەنئىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىلىرى مەيدانغا كەلدى. سەئىدىيە دەۋرىدە ئاماننىساخان ۋە قىدىرخان باشلىغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى تەرتىپكە سېلىشتەك ئۇلۇغ خىزمەت ئىشلەندى. ئۇيغۇر مۇقاملىرى يەنە بىر قېتىم، ئۆز ئىچىگە «مەشرەپ نەغمە»، «داستان نەغمە»، «چوڭ نەغمە» قىسىملىرىنى قوشقان ھالدا چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلەشكەن كلاسسىك مۇقام ھالىتىگە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ، غەربتە ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكا ژانىرى – سىمفونىيىلەر مەيدانغا كەلگەن زاماندا، شەرقتە ئۇيغۇر مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە شېئىرىيىتىنى بىر گەۋدە قىلغان ناخشا – ئۇسسۇل تىپىدىكى كلاسسىك سەنئەت مۇجەسسىمى – مۇقام مەيدانغا كەلدى.

يىپەك يولىدىكى ناخشا – ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەر ئۆزىنىڭ ھەربىر تارىخى قاتلىمىغا ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ يىراق ئەجدادلىرىنىڭ بەدىئىي ئۇتۇقلىرىنى ئۇل ۋە ئوزۇق قىلغان بولۇپ، ئۇ، مەنبەسى يىراق، ئەقلىي قايناق، تۈزۈلمىسى گۈزەل، ئۈنۈمى ئەۋزەل سەنئەت مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن ناخشا – ئۇسسۇلنى، باشقىچە ئېيتقاندا، مۇزىكا، شېئىرىيەت، ئۇسسۇل، تىياتىرنى بىر گەۋدە قىلغان گەنىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ئەزەلدىن ئەلنەغمىلىك – ئومۇمىي خەلق (ئاممىۋىلىق) خاراكتېرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ئەزەلدىن تەپەككۇر تېرەنلىكى بىلەن ھېسسىيات ئۇچقۇرلۇقى؛ ئەدەپ – ئىتىكىلىقى بىلەن ئىشرەت – جۇشقۇنلۇقى؛ ئاڭلاش، كۆرۈش، ھېس قىلىش قاتارلىق ئۆتۈشمە تەسىرچانلىقى؛ ئوردا – كلاسسىك شەكلى بىلەن خەلق مەشرىپى – فولكلور شەكلىنى بىللە ساقلىغانلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامايىش قىلىپ كەلدى.

ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسسۇللىرى ۋە مۇقام مەدەنىيىتى باي ۋە گۈزەل گەۋدىسى بىلەن تارىختا ئىككى چوڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپى – سۇي – تاڭ مەدەنىيەت تىپى ۋە ئەرەب مەدەنىيەت تىپى، ئىككى چوڭ خەلقئارا شەھەر – چاڭئەن ۋە باغداتتا زور شۆھرەت قازانغانىدى. ئۆز دەۋرىدە ئالەمدە يېگانە قەسىرلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ يەردە «ساماۋى نەغمە»دە قارىلىپ، مۇزىكا ئىسلاھاتى پەيدا قىلىپ، شەرقتە كورېيە، ياپونىيە، غەربتە مىسىر، تونىس، سۈرىيىگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىلىشى بۇ موجىزىدار ھېكمەت دۇردانىسىنىڭ ھاياتىي ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت مەپتۇنكارلىقىنىڭ دەلىلى بولدى! ۋەھالەنكى، يىپەك يولى خارابلىشىپ ئەۋزەللىك بۇلاقلىرى قۇرۇغان شۇنداقلا مىسلىسىز تالان – تاراجىغا ۋەخورلۇققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ سەنئەت گۆھىرىنى ئۆزىنىڭ گاداي چاپىنى ۋە جاراھەتلىك قەلبىدە نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان تۇتىيادەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدى.

يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! قەدىمكى شەرق پادىشاھ ھېكايىلىرى بىلەن گرېك ھېكايىلىرىدە بىردەك قەيت قىلىنغان، تۇمشۇقلىرىدىكى تۆشۈكچىلەردىن ھەرخىل ئاۋاز – گامالار ياڭراپ، گۈزەل مېلودىيە كۈيلەيدىغان قەقنۇس قۇشى ئۆز ئۇستىدىكى رىيازەت توزانلىرىنى سىلكىۋېتىپ، قايتا ئەپسۇنكار نەغمە– ناۋا ياڭرىتىدىغان يېڭى ئېرا ئېچىلدى! ئەۋلادلىرىمىزنىڭ نېسىۋىسىدە قانچىلىغان ۋىدۇسكا، سۇجۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ساۋمىياۋدا، بەيمىندا، فىشىڭفۇ، دەرۋىش ئەلى، ئاماننىساخان، قىدىرخان يەركەندى قازانغان ئىپتىخار قىسمەتلىرى بارلىقىغا گۇمانىم يوق! ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ماكىدونىيىدىن چىقىپ، شىمالىي ئەرەبىستان ۋە مىسىرنى، ئىران زېمىنىنى، ھىندىستاننىڭ يېرىمى بىلەن ئالدىنقى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغانىدى. چىنگىزخان رۇس تۇپرىقى، خارەزم دەشتى ۋە باغدات ئەتراپىنى ئالدى. ئاخىرىدا ئۆز قوشۇنلىرى يۈزلىگەن مىللەتلەر تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئېلىمپەزلىكتىن يەتكىنى ئەلەم – ھەسرەت بولدى. ئەكسىچە ھومىر داستانلىرى، «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرى، ئۇيغۇر مۇقاملىرى لەمەپەزلىكتىن نۇر قەدەم بولدى. ئۇ ئۇزاق بولمىغان ئەسىرلەر ئىچىدە باشقا يۇلتۇزلارغا قەدەم قويغان ئىنسان بىلەن بىللە كائىنات رېتىملىرىگە كامالەت قوشقۇسى!

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئالتىنچىسى تەسۋىرىي سەنئەت مۆجىزىسىدىن ئىبارەت.

بۇ ئەلۋەتتە بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، ئويمىچىلىق ساھەلىرىدە غەربىي يۇرتلۇقلار ئېرىشكەن كامالەت كارامىتىگە قارىتىلغان.

يىپەك يولىدىن ئىلگىرى بۇ زېمىندا كۆپلىگەن قىيا رەسىملىرى ۋە قەدىمكى قەبرىگاھلىقلار، شەھەر – قەلئە ئەسلىھەلىرى، جۈملىدىن ھەرخىل ئىلاھلارغا ئائىت لاي ياكى تۇچتا قۇيۇلغان فىگورىلار (ئەكونلار) بولغان.

يىپەك يولى ۋە ئانچە كېچىكمەي مەيدانغا كەلگەن بۇددىزم سەنىتى بۇ دىيارنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت مۇجەسسىمىگە يېڭى كۈچ بېغىشلىدى. خوتەندىن تاكى قۇمۇلغىچە بىر قاتار بۇددا ئىبادەتخانىلىرى، بەكسۇنلار (تالىپلار) ئىستىقامەتگاھلىرى، بۇددا ھېكمەت زاللىرى، جەسەت مۇنارلىرى، بۇددا تاشكېمىر (مىڭئۆي) لىرى مەيدانغا كەلدى.

بۇ بىناكارلىقلار ھەققىدە جۇڭگونىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ غەربىي يۇرتقا كېلىپ – كەتكەن سەيياھلىرى كۆپلىگەن گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك جۈملىلەر قالدۇرۇشقان. ئۇنىڭ مۇھىمى شۈبھىسىزكى، فاشيەن بىلەن تاڭ شۇئەنزاڭنىڭ ساياھەتنامىسىدۇر.
ئىسلامىيەتتىن كېيىن بولسا، مەشھۇر ئەدىب سابىر تىرمىزى (؟ – 1151) بىر قاتار شېئىرلىرىدا ئۆزى كۆرگەن قەندىھار تاشكېمىرلىرىنى مۇنداق تىلغا ئالىدۇ:

باھار پەسلى كەلتۈر، يېڭى تەرىفى باھار ئەيلە،
ئويۇڭنى قەندەھار بۇتخانىسىدەك لالىزار ئەيلە.
ئۇ قەندىھار بۇتخانىسىنى تىلغا ئالغاندا، چىن نەققاشلىرى ۋە قەشقەر گۈزەللىرىنى بۇ سەنئەتنىڭ جېنى دەپ، مۇنداق يازىدۇ:
بولدى باغ بۇتخانا يەڭلىغ لالە گۈللەر ھۆسنىدىن،
راستتىن ئېيتسام چىنۇ قەشقەرلىك سەنەملەر بەرق ئۇرار.
يۈزى نەققاشى چىن سەنئەتلىرىدىن نىشان بەرگەي،
مەگەر بۇ خىل نىشانلاردىن يۈزى ھەربىر زامان بەرگەي.
تۆمۈرىيلەردىن بايسۇنقۇر مىرزا 1419 – يىلى چىنغا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر تەركىبىدىكى غىياسىددىن نەققاش ئۆزىنىڭ «سەپەرنامە»سىدە غەربىي يۇرت تاشكېمىرلىرىدىكى سەنئەتنى «ئاجايىبۇل لەتايىف» دەپ ھەيرەتتە ماختىغان.
غەربىي يۇرت تاشكېمىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئىپادىلەنگەن تەسۋىرىي سەنئەت كامالىتىنى ئىسلام دۇنياسى ئەدىبلىرى چىن سەنىتى، چىن نەققاشى دەپ ئۇنى ماھىر رەسسام بۇلمىش مانى نامىغا باغلاپ ئۆز مىسرالىرىنى بېزەشكەن. ئۇلار ھەتتا گۈزەلنى، گۈزەللىكنى، ئۇستا رەسسامنى باھالىغاندا «چىن سەنىتى»، «مانى نۇسخىسى»دىن ئۈستۈن دېيىش ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرگەن. بايسۇنقۇر مىرزا سارىيىدىكى خەتتات شاھى سەبزە ۋارىنى بىر شائىر ماختاپ مۇنداق دېگەن:
گەر بەچىن نۇشەئى تەسۋىرزى پەشى تۇبەرەند،
تاچىھورۇنى دىھەد دەرفەننى ھۇد مانىيرا.
(مەنىسى: سېنىڭ سىزغان بۇ نۇسخاڭ ئەۋەتىلسە مەگەرچىنگە، بېشىنى كۆتۈرەلمەي مانىمۇ ئەلۋەتتە بۇ پەند)
دېمەك، تەسۋىرىي سەنئەتتە رىم، گرېك، مىسىر، ھىندىستان ئەمەس، بەلكى چىن – ماچىن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەدىمىي يۇرتىمىز ماھارەت پەللىسى ھېسابلىغان. ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۆز غەزەللىرىدە مۇنداق يازغان:
ئۇل سەنەمگە سەجدە قىلسام، زاھىدى ھۇدبىن، نە ئەيىب.
بۇتپەرەس بولماق كۆپ ئارتۇقراقكى بولماق ھۇدپەرەست.
(مەنىسى: ئەي، ھاكاۋۇر زاھىت، ئۇ سەنەمگە سەجدە قىلسام، بۇنىڭ نېمە يامىنى بولسۇن، ئۆز ئۆزىگە مەغرۇرلىنىشتىن بۇتقا سەجدە قىلىش ئەۋزەلرەك ئەمەسمۇ؟)
كۆپ دىل ئارا شەكىللەركىم چەكتى چىن سورەتگەرى،
ئاچمادى بىر چەھرە ھەرگىز سۈرەتنىڭ نەققاشىدەك.
(مەنىسى: چىن رەسساملىرى نۇرغۇن زوقلىنارلىق رەسىملەر سىزغان بولسىمۇ، ئەمما سېنىڭ سۈرەت – قىياپىتىڭدەك بىرسىمۇ تەبەسسۇم قىلغىنى يوق.)
بولماسە ئول بۇت قاشى مېھرابىم ئىچرە جىلدە ساز،
قىبلەگە كاپىرمەن، ئەر باش تىندۇرۇپ قىلسام ناماز.
(مەنىسى: ئەگەر مېھرابىمدا خۇددى بۇتتەك سەنەم قەشى جىلۋە قىلىپ تۇرمىسا، قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇسام كاپىر بولۇپ كېتەي.)
ۋاھ، نە يۈزدۇر بەلكى تەقلىدىن قىلىپ نەققاشى چىن،
چەكسە يۈز سۈرەت، بىردىن يۈزدىن نەمۇدار ئەيلەسەم.
(مەنىسى: پاھ، بۇ نېمىدېگەن گۈزەل يۈز، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ چىن نەققاشى يۈز رەسىم سىزسا، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ يۈزدىن بىرگە نىشانە قىلسام.)
ئۆزلۈكىمنىڭ قەيدىدىن بىر مەي بىلە قىلدىڭ خالاس،
ۋاھ، نەدەي، ئەي مۇغ ساڭا بۇت بىرلە زۇننارىم فىدا.
(مەنىسى:) بىر مەي بىلەن مېنى ئۆزلۈكىمنىڭ ئارغامچىسىدىن قۇتۇلدۇرۋەتتىڭ، نېمە دەيمەن، ئەي مەيخانا، ساڭا جىسمىمنىڭ بۇتى بىلەن زۇننارىم سەدىقە بولسۇن.)
دەۋرىمىزگە كەلگۈچە غەربىي يۇرت بۇددا بىناكارلىقى، ھەيكەلتىراشلىقى ۋە تام – تاھتا رەسسەملىق سەنىتى يادىكارلىقلىرىدە يەرلىك دەرىجىدە، ئەمما خارابە ھالىتىدە ساقلانغانىدى. ئۇنى گرونىۋەدىل، لىكوك، ستەين، پىللىئوت ۋە داگونىڭ ئېكسپېدىتسىيە خادىملىرى پارچىلاپ، بۇزۇپ ئېلىپ تېخىمۇ ۋەيران قىلىشتى. شۇ چاغدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خوتەن، مەلىكىئاباد، كونا نىيە، دەندان ئۆيلۈك، ئۇچما راۋاق، توققۇز ساراي، ئالاقاغا، سىم – سىم، دۇلدۇل ئوقۇر، سۇ بەشى، قىزىل ساراي، قۇمتۇرا، مازارباغ، شورچۇق، مىرەن، كروران، يارغول، تۇيۇق، سىڭگىم ئېغىز، ئىدىقۇت شەھىرى، بېزەكلىك قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان تاشكېمىرلەر، ئىكون – بۇت ۋە قورچاقلار، تام رەسىملىرى، سىزما ۋە ياغاچ ئويمىلار، يىپەككە سىزىلغان رەسىملەر جاھان سەنئەت تارىخىدىمۇ ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىكى، رەڭدارلىقى، كۆركەم – نەپىسلىكى بىلەن يەنىلا تەئەججۈپلىنەرلىك ئىدى. ئۇلار ئارىسىدا دەندان ئۆيلۈكتىن تېپىلغان لاكشىمى (ئۇز تەڭرى) رەسىمى، ئات ۋە تۆگىلىك سەپەرنىڭ تاختىغا سىزىلغان رەسىمى، سۇ بەشىدىن تېپىلغان مۇزىكا – ئۇسسۇل – تىياتىرلىق كۆرۈنۈشى سىزىلغان جەسەت كۈلى قۇتىسى، قىزىل مىڭئۆيىنىڭ 36 – غارىدىكى تام رەسىملەر، قۇمتۇرا يېڭى 1 – غار تورۇسىدىكى كۆركەم لىباسلىق بۇتساتىۋالار تىزمىسى، شورچۇقتىكى ياغاچ ئويما ھەيكەللەر ۋە بىراخماننىڭ لاي ھەيكەللىرى، ئىدىقۇت شەھىرىدىكى مانى ئىبادەتخانىسىغا سىزىلغان مانى ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ تام رەسىمى، بېزەكلىكتىن تېپىلغان ساكيامۇنىنىڭ ھېكمەت سۆزلىشى قاتارلىقلار يۇقىرى كلاسسىك تەسۋىرىي سەنئەت دۇردانىلىرى ئىدى.
ئىسلامىيەتتىن كېيىن بىناكارلىق، بولۇپمۇ ئوردا – قەسىر، ئاتاقلىق شەخسلەرگە ئاتالغان مەقبەرە، مەسچىت – جامە، مەدرىسە، مۇنار، رەسەتگاھ، باغ – سەيلىگاھ، ئولتۇراق جاي بىناكارلىقى ئالاھىدە يەرلىك ۋە غەربىي ئاسىياچە قۇرغاق رايونلارغا خاس «ئىسلام ئۇسلۇبى» بويىچە راۋاجلاندى. بۇنداق بىناكارلىقلار مۇنار، گۈمبەز، دەھلىز، راۋاق، مېھراب، تاكچا(ئويۇق)، ئوچاق – مورا، سۇپا، ياپما ئايۋان، تورۇس، تۈۋرۈك، باسما(پەلەمپەي) قاتارلىقلارنى چىرايلىق لايىھىلەش، ئۇنى رەڭدار خىشلىرىدىن، گەج نەقىشلىق ياكى ياغاچ ئوي ماتېرىياللاردىن ئىشلەش ئومۇملاشتى. قاراخانىيلار زامانىسىدا قەشقەر، بالاساغۇن، ئۆزكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنت، خوتەن قاتارلىق كاتتا شەھەرلەردە بۇنداق ياسىداق ئىمارەتلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى يالغۇز بىناكارلىق موجىزاتلىرىنىلا ئەمەس، يەنە پۈتۈن سۈرۈك شەھەرلەرنى تۇزلىۋەتكەنىدى. تۆمۈرىلەر ۋە سەئىدىيلەر دەۋرىدە «ئەھمەد يەسسەۋى»، «ئائىشە بۈۋى»، «يۈسۈپ ھەمەدانى»، «گورەمىر»، «بۈۋى خانىم»، «ھاشى زىندە» قاتارلىق مەقبەرىلەر، يەكەن «ئالتۇنلۇق» مازىرى، سەمەرقەنت تىگىستان مەدرىسەلىرى، ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى.
يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى تەسۋى سەنئەتكىمۇ قاتتىق زەربە بولدى. يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى، دەل تارىخنىڭ زامانىۋى شەھەر بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەتلىك تۇرار جاي قۇرۇلۇشىنى راسا تەقەززا قىلغان دەۋرگە توغرا كەلدى، ئىشىنىمەنكى، غەربىي يۇرتتا سەنئەت ئىلمىگە لايىق ئەنئەنىۋى بىناكارلىق تارىخىغا ئىگە يەرلىك ئاھالە پات ئارىدا بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، مۇھىت سەنىتى، رەسساملىق، ئويمىكەشلىك، نەققاشلىق سەنئەتلىرى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خەلقلىرىگە يېتىشىۋالىدۇ.
يىپەك يولىدىكى تارىخنىڭ ئۆلگەن ھادىسىلەر قەبرىستانلىقىدىن ئۆلمەس تۆت ماھىيەتلىك مۆجىزە – تارىخ شەھى، سەنئەت يوپۇرمىقى، ئەدەبىيات گۈلى ۋە ھېكمەت ئۇرۇقى ئۈنۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭدا ئۆتمۈش كەلگۈسىگە تارىخىي تەپەككۇر، بەدىئىي تەپەككۇر ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر شەكلىدە ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ يەتتىنچىسى تىل – ئەدەبىيات غەزىنىسىدىن ئىبارەت.

مەلۇمكى، تىل سىستېمىسى ۋە دەسلەپكى ئەپسانە، رىۋايەت ۋە قوشاق فولكلورى يىپەك يولى بەرپا بولۇشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇد ئىدى. ھەرخىل بەلگە ۋە تامغىلار ئىپتىدائىي ئۈچۈر ۋاسىتىسى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇسخىلىرى قىياتاشلار، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن كۆپلەپ تېپىلدى.

يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا تىل – ئەدەبىياتىدا يېڭى ئىپادىلەش ئۇسلۇب – ۋاسىتىلىرى ۋە سەنكرتىك ئالامەتلەر مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.

تارىخى تەتقىقاتچىلىرى غەربىي يۇرت ۋە پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيادا ھەرخىل يېزىقلار قوللىنىلغانلىقىنى، ھەرخىل تىللاردا ئەسەرلەر يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشتى. ھەقىقەت شۇكى، غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ بىراق ئەجدادلىرى – ئارىيلار – سىكتايلار – ساكلار بالقاش – بايقال ۋادىلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا غەربتە قارا دېڭىز، قىزىل دېڭىز ساھىلىنى، جەنۇبتا ھىندىستان ۋە مىسۇپوتامىيىنى، شەرقتە موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىنى، تاكى قەشقەرىيىگىچە ئىگىلىگەن ياكى ئۇ جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نەتىجىدە بۇ كەڭ زېمىندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال ھادىسىسى پەيدا بولغان. غەربىي يۇرتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوللىنىلغان قاراشتى يېزىقى، ئەنەتكەك(سانسكرىت) يېزىقى، رونىك شەكلىدىكى ئورخۇن يېزىقى، سوغدى يېزىقى شەكلىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار تېگى – تەكتىدىن قەدىمكى ئۇچۇرلۇق تامغىلار بىلەن ئارى – سىكتايلار كەزگەن غەربىي ئاسىيا ۋە پامىر – ھىندىستان يېزىقلىرىنى دەۋر قىلىپ، بىرىدىن بىرىگە ئالمىشىپ كەلدى. بۇ يېزىقلارنىڭ يېقىنلىقى خۇددى نوھ ئەپسانىسىدىكى نوھ پەرزەنتلىرى تۇر، كەنان، ياپەستەك شۇنچە تومۇرداش بولغان.

غەربىي يۇرت فولكلورىمۇ ئاللىقاچان مىللىي چېگرىدىن ھالقىغان بولۇپ، «چىستانى ئىلىك بەگ»، «ماناس»، «پەرھاد ۋە شېرىن»، «تومارىس»، «رۇستەم»، «ئوغۇزنامە»، «گىلكامىش»، «دەدەقۇرقۇت»، «ئەپراسىياپ»، «سىياۋۇش» ۋە بۇددىزمغا ئائىت يۈزلىگەن «يارالمىش جاتاكا ھېكمەتلىرى» كۆپ ئېتنىك ۋە كۆپ جۇغراپىيىلىك تەركىبكە ئىگە بولغان.

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئاساسلىق جاۋاھىرات – «ئاۋېستا»، «رىگاۋىدا»، «ئەپراسىياپ» لەگىندىلىرى بىلەن بۇددىزم نوملىرى ھېسابلاندى.

غەربىي يۇرتتا كۆپلىگەن نوم ئەدەبىياتشۇناسلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى كومراجىۋا، فى ھويلان، ئەنزاڭ، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ قاتارلىق تىلشۇناس – تەرجىمىشۇناس ئالىملار بولدى. كومراجىۋانىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبى خەنزۇ نەزمىچىلىكىنى بەش خەتلىك شەكىلدىكى يەتتە خەتلىك شەكىلگە كۆتۈرۈشتە ئىلھام بەخش ئۈلگە بولۇپ قالدى.

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خەلقى تېررىتورىيىسىدىن تېپىلغان «توققۇز ئۇيغۇر خاقان»، «مۇيۇنچۇر»، «بىلگە قاغان»، «تۇنيۇقۇق»، «كۆلتىگىن»، «كۇلچۇر» ئابىدىسى قاتارلىقلار تالاس – يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىي كومپوزىتسىيىسىگە ئىگە كلاسسىك تاش پۈتۈنلۈك خاراكتېرى بىلەن پەرقلەندى.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا قايتا ئىشلەنگەن «ئوغۇزنامە»، «چىستانى ئىلىك بەگ»، «مايتىرى سېمىت»، «ئالتۇن يارۇغ» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ئەينى زامان نەسرىي – نەزم ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلانغانلىقىنى، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. دەرۋەقە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مانىزم بىلەن بۇددىزم (كېيىنچە، بەشبالىقتا يەنە ئىسلام دىنى)، گرېك، پارسى، ھىندى، خەنزۇ، تىبەت، موڭغۇل تىللىرى بويىچە ئىلمىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي تەرجىمە بىللە بولۇش مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى. كۆچۈرۈش بىلەن مىخ مەتبەئە ئۇشبۇ مەدەنىيەت دەرگاھىغا ھوسىن قوشتى. خانبالىق(بەيجىڭ) ئوردىسى ۋە خەنلىن ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىشلىگەن، موڭغۇل ھۆكۈمرانى بىلەن ئىچكى ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىن مەشھۇر شېئىرىيەت ۋە «يۇئەن چۇي» تىياتىر مۇئەللىپلىرى يېتىشكەن مەدەنىي مۇھىت بارلىققا كەلدى. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ باغدات خەلىپىلىكلىرىگە، سالجۇق تۈركلىرى، چىنگىزخان قوشۇنلىرى بىلەن غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا قەلەم ۋە ماھىرلىرى بولۇپ يېتىلىشنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ئىككىنچى ۋارىيانتى ياكى قانىتىنى ھاسىل قىلدى. ماۋەرائۇننەھر، خارەزم ۋە خۇرساننى ئىشغال قىلىشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى چىنگىزخان قوشۇنلىرىغا كۈچلۈك چەۋەنداز ئەترەتلىرىنى قوشقانىدى. مەلۇم مەنىدە، زامانىسىنىڭ ئەقىل چەشمىسى بولغان ئىدىقۇت – بەشىبالىقلىقلار ئۆز جاۋاھىرلىرىنى شەرقىي دېڭىز، كاسپىي دېڭىزى، ئەرەب دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ساھىللىرىغا چاچقانىدى. ئۇ كېيىنچە موڭغۇل ئاتامانلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك ھاكىمىيەت تالىشىش جەڭلىرىدە، سالماقلىق ئاھالىسىنى سېرىق ئۇيغۇرلار زېمىنىغا كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. خىزىر خوجا ئىدىقۇت دىيارىدا ئىسلام ئاچقاندا، بۇ دىيار ئاللىقاچان ھالىدىن كەتكەن ھالەتتە ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۇرپان – قۇمۇل دىيارىنىڭ دەرمەھەل مەدەنىيەت ھەسەن – ھۈسەنلىرىنى جىلۋىلەندۇرەلمىگەنلىكى، مېنىڭچە، ئەنە شۇ ئىچكى خوراشتىن بولغان.
قاراخانىيلارنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى يىپەك يولىدىكى غەربىي يۇرت ئۆتكىلىنىڭ بىر تۇتاش «تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت چەمبىرى» ھاسىل قىلىشىنى تېزلەتتى. تىل – ئەدەبىياتتا يېڭى تارىخىي دەۋر ئۇپۇق ئاچتى. يېزىق شەكلى، ئېتىقاد مەزمۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بەزى تەتقىقاتچىلار ھۆكۈم قىلغاندەك غەربىي يۇرتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ھەرگىزمۇ جىددىي چۈشكۈنلۈك يۈز بەرگىنى يوق. ئەكسىچە، ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيىتى يىپەك يولى ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. تارىخ بۇ ئۇلۇغ قانالدا يېڭى مەدەنىيەت ئۇچرىشىشلىرى ۋە سەنكرتىزمغا مۇمكىنلىك تۇغدۇردى. ئىسلامىيەت شەكلىدىكى گۈمبەزلىك كارۋان سارايلىرى، مەسچىت مۇنارىلىرىدا ئوقۇلغان ئەزان كۈيلىرى يىپەك يولى ئالاقىلىرىغا ھېچقانداق دەخلى – توسقۇنلۇق كەلتۈرگىنى يوق.

ئەل خارەزمى، ئەل پەرغانى، ئەل فارابى، ئەل خوجەندى، ئىبن سىنا ئەسەرلىرى ئەرەب دۇنياسىدا سوقرات، ئەپلاتون، ھىپوگرات، ئارىستوتىل، ئېۋكەلىد، گاللى، پېتولمى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئۆركەشنىڭ شەرقىي پاۋلىئونىنى ھاسىل قىلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىشىنىڭ بالىياتقۇسىغا ئۇرۇق سالدى. بۇ ھەقىقىي تارىخنىڭ تارىخىي ھەقىقىتى سۈپىتىدە بىگۇمان ھەقىقەتتۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنڭ «شاھنامە» سىدىن كېيىن، يەنە بىر شاھ ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى ياراتتى. فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سى يىپەك يولىدا «ئاۋەستا»دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ داستان بولغانىدى. بىز بۇ ئۇچ ئەسەرنى خۇددى ئارىستوتىل، «ئىككىنچى ئۇستاز» ئەلفارابى ۋە ئىككىنچى ئەلفارابى – «شەيھۇل رەئىس» ئىبىن سىنادەك ئوبرازلىق تەپەككۇر تارىخىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۇچ ئەڭگۈشتەر ھېسابلايمىز.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، مۇھەممەد فەزلانىنىڭ «سوراھ»، مۇھەممەد زەمەھشەرىنىڭ «مۇقەددىمۇتۇل ئەدەپ» قاتارلىق ئۇچ چوڭ لۇغىتى قەشقەرلىك فى ھۇيلاننىڭ «نوم مەنىلىرىنىڭ تەپسىلىي تەپسىرى» ناملىق تىلشۇناسلىق دەستۇرىدىن كېيىن يىپەك يولىدا مەيدانغا كەلگەن غەربىي يۇرت تىلشۇناسلىقىنىڭ يېڭى ئۇتۇقى بولدى.

فىردەۋسىنىڭ مەھمۇد غەزنەۋىگە تەقدىم قىلغان «شاھنامە»سىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن نىزامى گەنجەۋى، دېھلىدە ئىستىقامەت قىلغان خۇسراۋ دېھلەۋى، سەدىددىن قەشقىرىنىڭ شاگىرتى ۋە كۈيئوغلى نۇرىددىن ئابدۇراخمان جامى بىلەن ئۇلۇغ مۇرەببىي ئەلىشىر نەۋائى ياراتقان «خەمىسە»چىلىك بەس – بەسى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە قارشى ئىنسان ۋە ئەرك تېمىسىنى خەمىسە شەكلىدە ئىپادىلەشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى. نەسرىددىن رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، ئەبەيدۇللا لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانلىرى ئۇنىڭغا يانداشقانىدى.

ئەلىشىر ناۋائى تەرىپىدىن «تۈرلەرنىڭ پىر ئۇستازى» دەپ ئاتالغان ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق مەشھۇر زىلزىلىگۇي ئەسىرىدىن كېيىن باقىرخانى، باباچىن، بابارەھىم مەشرەپ، خوجا نەزەر ھۇۋەيدا، مۇھەممەد سىددىق زېلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتىنىڭ بىر قاتار گۇمانىستىك – سوپىستىك ئىدىيىدىكى ئەركىن پىكىرلىك پەلسەپىۋى لىرىكىلىرى يىپەك يولىدا مانىزم، زورروئاستېرىزم ۋە بۇددىزم زامانىدا ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلەنگەن، ئىنساننى قاراڭغۇلۇق ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىنتىلىشلىرىنىڭ يېڭى، ئۆزگىچە راۋاجى بولدى.

يىپەك يولى غەربىي يۇرت تىل – ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەجمىچىلىكى ۋە تىماتىك پىكىر ۋە پېرسوناژلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىلەن خاراكتېرلەندى. دىيارىمىزدىن ئىزوپ مەسەللىرى، مانى دەستۇرلىرى، بۇددا نوملىرى، نىستورىئان رىسالىلىرى بىلەن «كەلىلە ۋە دەمنە»، «مىڭ بىر كېچە»، «جاھار دەرۋىش»، «شاھنامە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى تېپىلغانلىقى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. يىپەك يولىدا يارىتىلغان «ئاۋېستا»، «شاھنامە»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «گۈل ۋە نەۋرۇز»، «چاھار دەرۋىش» ۋە ھەرقايسى «خەمسە» تىزمىلىرىدا چىن خاقانى، خوتەن رەستىسى، خارەزم چۆللۈكى، ھىندى راھىبى، ئىران دەرۋىشى، ئەرمەن گۈزىلى، ئەرەب ھەكىمى، ئېفوپىيە زەنگىسى، يۇنان سەركىسى، ساك قەھرىمانى، تۇران مەرگەنلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، دۇنيادا بۇنداق خەلقئارا قىياپەتلىك ئىككىنچى تەسۋىرىي تەپەككۇر موجىزاتىنى يەنە تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

كۆپ قىرلىق ۋە سېھرى بەخش بۇ خىل تىل – ئەدەبىيات يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل كلاسسىك خاراكتېرىدىن قالدى.

يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى بىزگە نوقۇل رۇسىيە ئارقىلىق كىرگەن ياۋروپا ئەدەبىياتى ژانىرىدىكى ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدىن داۋاملىق پايدىلانغاندىن تاشقىرى، بىر زامانلاردا قەلەمكەشلىرىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرگەن يىپەك يولى زامانىدىكى ئەدەبىيات مىراسلىرىمىز بىلەن قايتىدىن تونۇشۇش ۋە يېڭى يىپەك يولىغا خاس يېڭى ئىستىلدىكى ئەدەبىيات گۈلزارى بەرپا قىلىش يولىدا ھېكمەتلىك پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز ۋە ھېكمەتلىك ئىزدىنىشىمىز لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلۇغۋارلىق شەخسنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ياراتقان تارىخنىڭ ئىشى، ئەلۋەتتە.

دۇنيادا ھېچقانداق گۈزەللىك ۋە مۇقەددەسلىك ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ئىنسانىي مۇئامىلىسىدەك چىن ۋە ئالىيجاناب بولغان ۋە بولالىغان ئەمەس.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ سەككىزىنچىسى مېھماندوستلۇق گۈلشىنىدىن ئىبارەت.

مېھماندوستلۇق – بىر خىل مەدەنىيەت، ئۇنى پەقەت جاھان كەزگەن كىشىلا ھېس قىلىشى، چۈشىنىشى ۋە بەجا قىلالىشى مۇمكىن. مېھماندوستلۇق – ئۇ ئاددىيلا ئادەمگەرچىلىك، ئىجتىمائىي ئالاقە، ھېسداشلىق بولماستىن، بەلكى بىرەر خەلقتە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئارقىلىق مىڭلىغان يىللار داۋامىدا ئەنئەنىگە ئايلانغان كىشىلىك مەدەنىيەتنىڭ ساخاۋەتچان گۈلشىنىدۇر. يۇقىرىقى سەككىز ھېكمەت تۈپەيلى ئۇشبۇ ھېكمەت چەشمىسى قايناق ۋە راۋان!

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلار بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ئېرىشكەن.

ئۇلار بۇغا يولى، ئالتۇن يولى، قاشتېشى يولى ۋە يىپەك يولى ئارقىلىق كونا قىتئەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كەزدى، ھەرخىل يايلاق، ئورمان، جەزىرە، قەلئە ۋە ساھىللاردا تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىشتى. ئۇلۇغ ئەمەلىيەت كىتابى – «سەپەر كىتابى» ئۇلارغا مېھماندوستلۇق مەدەنىيىتى ۋە زۆرۈرىيەتلىرىنى ئۆگەتتى. ئۇيغۇرلاردىكى «يازدا يېپىنچا، قىشتا ئوزۇق»، «بۇغداي نەنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن» دېگەندەك مىڭلىغان تەمسىللەر مۇشۇ سەپەر سەرگۈزەشتلىرىدىن مۇجەسسەملەنگەن.

ئۇلار ئەتراپى ئېگىز تاغ، ئوتلۇق چۆل بىلەن قورشالغان زېمىندا ياشىدى. ئۇلار تۆت تەرەپنى بولۇپمۇ شەرق بىلەن غەرب كارۋان يولىنى نىجادىيەت ئېقىنى دەپ بىلدى. تۆگە- ئات كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما– قوڭغۇراقلىرى ئۇلارغا ساخاۋەت ئىپادىلەش ۋە سودا – تىجارەت قىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. مېھماننى سودىگەر ياكى راھىب ئىپتىخارى ۋە يىپەك يولى ئالاقىلىرىدىكى بۇرچى ئىدى. بىز فاشىيەن، شۇئەنزاڭ، گەردىزى، ۋاڭ يەندى، ماركوپولو، ئىبن بەتۇتە خاتىرىلىرىدىن بۇنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز. «غەربكە ساياھەت» ئەپسانىسى قانداق يېزىلغان بولمىسۇن، شۇئەنزاڭ(تاڭ سىڭ) قۇمۇلدىن تاكى مىڭ بۇلاق تۈرك يابغۇلۇقى ئارىسىغىچە بولغان بۇ ۋادىدا بۇ خىل مېھماندوستلۇقنىڭ خاسىيىتىدىن بەھرىمەن بولغان.

ئۇلار يىپەك يولىدىكى خەلقئارا سودىگەر سۈپىتىدە ھېسابلانسىمۇ يېڭىلمەس ئىدى. ئۇلار يەنە، ئەنئەنە بويىچە ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا چارۋىنى چۆللەرگە ھەيدەپ بۆرە ۋە يىرتقۇچلارغا يېگۈزۈشنى ئۇدۇم بىلەتتى. ئۇلار ھاراق ساتقاندا سۈت– قېتىقنى ئاقچىغا سېتىشنى راۋا كۆرمەيتتى. ئۇلار، گاھىدا ئاۋات ھاكىمىيەت مەركەزلىرىگە «ياغما» بولۇپ بېسىپ كىرسىمۇ، تاۋار – دۇردۇنلارنى، ئات، قاشتاش، دورا – دەرمان بەدەلسىز ئېلىپ كەتمەيتتى، ئۇلارنىڭ بەگ ۋە خانلىرى مەلۇم يىلدا باج – سېلىق كەچۈرۈمى ياكى «خەزىنە بولۇش» نامىدا سەدىقە خاراكتېرلىك چاچقۇ چاچاتتى. ئۇلار سودا كارۋانلىرى بىلەن بىللە باشقا يۇرتتىكى بەگ – خان – پادىشاھلارغا سوۋغا – تارتۇق ھەدىيە قىلىپ تۇراتتى. بۇ خۇددى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئارتۇق قاننى ئېلىشقا ئوخشاش ئىقتىسادىي «مۇھىت تەڭپۇڭلۇقى» ئادىتىنى شەكىللەندۇرەتتى. بۇنىڭسىز بالا – قازا ئىلاھلىرى غەزەپلىك قۇترايدۇ، دېگەن ئەقىدە بۇ ئادەت بىلەن بىللە ساقلىنىپ كەلدى. ھارغان ئات – ئۇلاقنى يايلاق ياكى چۆپلۈكلەرگە تاشلاپ قويۇپ، يىللار ئۆتكەندە تېپىپ ئالغىچە ئۇنىڭغا باشقا ھېچ كىشى ئالا نىيەتتە بولماسلىق ئادىتى تاكى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىغىچە ساقلاندى.

غەربىي يۇرت كارۋان سارايلىرى، ئاشپۇزۇل – چايخانىلىرىدا ئۇچ نەرسە – ياخشى تائام، ياخشى سۆھبەت، ياخشى كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى.

چاي، شەربەتلەر بىلەن مەينىڭ تۇرلىرى كۆپ، تەسىرى شىپالىق بولغان. بىز بالبال ۋە تاشكېمىر تام رەسىملىرىدىن قىلىچ – خەنجەر ئاسقان غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ قولىدا مەي جامى تۇتقان مەڭگۈلۈك خاتىرىسىنى كۆرىمىز. غەربىي يۇرت مەي مەدەنىيىتى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا لى بەي باشلىغان مەينامە نەزمىلىرىگە ئىلھام بولغانلىقىنى كىم ئىنكار قىلالىسۇن! گۈلقەنتچىلىك، مۇراببا – قىيام ۋە شەربەت تېخنىكولىگىيىسى غەربىي يۇرت داستىخانلىرىغا تېخىمۇ لەززەت بېغىشلىدى. غەربىي يۇرت ئەسلى شۆھرىتىگە لايىق شەربەت ماكانى ئىدى.

گۆش تائاملىرى – قوي، كىيىك، قۇش، بېلىق، قارامال گۆشلىرىدىن زىخ، تونۇر، گۈلخان، قازان، قاسقاندا تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەر؛ ئۇن، گۈرۈچ، پۇرچاق، كۆكتاتلاردا ھازىرلىنىدىغان يۈزلىگەن تائام تۈرلىرى؛ سۈت بىلەن ياسىلىدىغان ھەرخىل يېمەكلىكلەر غەربىي يۇرت تائام باغچىسىنى يىپەك يولىنىڭ يورۇق دۇنيادىكى «فىردەۋسول ئەلا» بېھىشىگە ئايلاندۇردى. ھەرخىل پېچىنە – پىرەنىكلەر بىلەن نەچچە ئون خىل توقاچ – نانلار يىپەك يولى سەپەرلىك جابدۇنۇشىنى ئاسانلاشتۇردى. تۇرپان ئاستانە قەبرىگاھلىقىدىن ئۇنىڭ بىر قىسىم نەمۇنىلىرى تېپىلدى.
ياخشى سۆھبەت – دۇنيادىن خەۋەر تېپىش ۋە ئىلىم – ھېكمەتتىن ئۈچۈر تېپىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ئىدى. سودا كېلىشىملىرى، ھېكايەت ۋە ھاپىزلىق، ئەقلىيە ۋە نەسىھەت ئاڭلاشمۇ ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ تاكى يېقىنقى قەرنەلەرگىچە يېتىپ كەلگەن. گېزىت – رادىئو – تېلېۋىزور بولمىغان كونا دۇنيانى ياخشى سۆھبەت تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.

ياخشى كەيپىيات – قىزغىن مېھماندوستلۇق، نەغمە – ناۋا ۋە ئويۇن – مەشىرىۋازلىق ئارقىلىق شەكىللىنەتتى. سەيلى – ئايەم، ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى، ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، چەۋگەن ئويناش، سارغادى (چەرھى پەلەك)، چېلىشىش قاتارلىقلار بولۇپ تۇراتتى.

يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى ئۇيغۇر مېھماندوستلۇقى روھىنى بىردىن نابۇت قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتۇپ قويدى، ئىستېلاچى كۈچلەرنىڭ تالان – تاراجلىرى، يەرلىك ھاكىم – بەگلەرنىڭ ئىستىلاچىلارغا يانتاياق بولۇپ ئۆز خەلقىنى قاخشىتىشى بۇ مىللەتنى يىلدىن يىلغا يالاڭ تۆش قىلىپ قويدى. نەتىجىدە، نامراتلىق ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىك، ھارامدىن قورقماسلىق ئىللەتلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىل مېھماندوستلۇق روھى بىلەن تائام مەدەنىيىتى ۋە ماھارىتىنى چوقۇم يېڭى تارىخىي ھالەتكە لايىق گۈللەندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.

كىشىلەر ھۇما قۇشىنى بەخت – سائادەتنىڭ ئەلچىسى دەپ سۆيۈنۈشتىن. دەرۋەقە، ھۇما قۇشىنىڭ قۇتلۇق تۇخۇمى خەلقنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىنى تىركەك قىلغان مەنىۋى قىياپىتى ئىچىدە يېتىلىدۇ ۋە ئېچىلىدۇ.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ توققۇزىنچىسى  يىپەك يولى مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىدىن ئىبارەت ئىدى.

نەزەرىيىۋى تەپەككۇر – پەيلاسوپلار تارىخقا زورلاپ تەقدىم قىلىۋاتقان «مەدرىسە پەلسەپىسى» بولماستىن، بەلكى ئىنسان تارىخىنىڭ ئىنسانىي ئاق تەرىپىدىن ئاڭلىق ئىگىلىنىش سەۋىيىسىدىن ئىبارەت. تارىخ ھازىرغىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن ھەربىر خەلقنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن نوپۇس، قورال كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچ ياكى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنتىقىي پىكىرنىڭ تاجى، روھىيەت دۇنياسىدىكى يېگانە قۇياش – نەزەرىيىۋى تەپەككۇر بىلەن ئالدىنى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

بىر زامانلاردا يىپەك يولى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئۇتۇقلىرىنىڭ ئومۇمىي پاۋلىئونى ياكى كۆرەك مەيدانىغا ئايلانغانىدى! غەربىي يۇرتلۇقلار تەبىئەت، جەمئىيەت، تۇرمۇش ۋە روھىيەت مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن ئۆز زامانىسىنىڭ ئالدىنقى قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشقان.

جاھانساز مەركىزىي ئاسىيالىقلار ئۇچ ماكان، ئۇچ زامان ئالەم قارىشىنى ياراتتى، ئۇلار ئاسمان – ئىلاھىي ماكان، زېمىن – ئىنسانىي ماكان، يەر ئاستى – جىن – ئالۋاستىلار ماكانى، دېيىشتى. ئۇلار ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى ئۇچ ئۆتكۈ(زامان)دە بىلىشتى. ئۇلار ئىنسان بىلەن ھازىرقى زاماننى ئالەمدىكى مەركىزىي پائالىيەتچان ئورۇنغا قويدى.

ئۇلار مەنپىي – مۇسبەت قاراشلىرىنى، يورۇقلۇق – قاراڭغۇلۇق قاراشلىرىنى، بىر قاتار كاتېگورىيىلىك قېلىپلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ئۇلار تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت تادۇ؛ سوغۇق، ئىسسىق، ھۆل، قۇرۇقتىن ئىبارەت تۆت خۇسۇسىيەت؛ قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىلىت قارىشىنى، ئۇلارنىڭ زىددىيىتى ۋە بىرلىكى قارىشىنى يارىتىشتى.
ئۇلار 12 ۋاقىت، 24 سائەت؛ 12 بۇرچ، 4 پەسىل، 12 ئاي؛ 12 يىل بىر مۆچەل قارىشىنى ئۇدۇم قىلدى.

«ئاۋېستا»دا ئولتۇراقلىشىش يورۇقلۇق ئىلاھى ئاھرۇمازدانىڭ چاقىرىقى سۈپىتىدە غايەت زور سۋىلىزاتسىيىلىك تەشەببۇس تۈسىنى ئالدى.

زورۇئاستېر ۋە مانى دىنى تەلىماتلىرى ياخشى – يامانلىق ۋە يورۇقلۇق – قاراڭغۇلۇق كۈرەشلىرىدە ئاقىۋەت ياخشىلىق ۋە يورۇقلۇقنىڭ غەلىبىسى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى ۋە باسقۇچى دەپ قاراشقا ئاساسلاندى.

بۇددىزم روھنىڭ ئۆلمەسلىكى، تەكرار ئايلىنىشى (سانسارا) قاراشلىرى ئارقىلىق كىشىنىڭ كامالەت (بۇددىھا)كە ياكى چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىشى ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق دېگەن قاراش بىلەن تاكى كامالەتكە يەتمىگۈچە قايتا – قايتىلاپ تۇغۇلۇۋېرىپ ئازاب چېكىش مۇقەررەرلىكىنى ئېتىقاد ئۇلى قىلدى.

گۇمانىزم تولا ھاللاردا سوپىزم ۋە پانتەئىزملىق شەكىلدە ئىپادىلەندى. ئىنسان گۈزەللىكى، ئەقىل، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ئەخلاق ئىزچىل مەدھىيىلەندى. ھەرقايسى گۇمانىزم، راتسىئونالىزملىق دۇنيا قاراشتىكى شائىرلار ئىزچىل بۇ ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

«قۇتادغۇبىلىك»، «ئىھسالۇل ئۆلۈم»، «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى»، «بەختكە ئېرىشىش توغرىسىدا»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «مەھبۇبۇلقۇلۇپ» قاتارلىق ئەسەرلەر ئىجتىمائىي پەلسەپە ساھەسىدىكى قاتار مەسىلىلەرگە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر دەستىكى بېغىشلىدى.

«ئەلجەبر ۋەل مۇقابەلە»، «پەتولمىنىڭ ئەلمەجەستى دېگەن ئەسىرىگە تەپسىر»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «مەنرالوگىيە»، «ئاسترونومىيىگە مۇقەددىمە»، «كىتابۇلمۇسىقەل كىبىر»، «يۇلتۇزلار جەدۋىلى» قاتارلىق ئەسەرلەر تەبىئەت ئىلمى بويىچە بىر قاتار نەزەرىيىۋى تەپەككۇر مەسىلىلىرىنى يورۇتتى.

ھەربىر تاشكېمىر، ھەيكەل، رەسىم، مۇزىكا، ئۇسسۇل، چالغۇ قوراللىرى؛ ھەربىر دورا نۇسخىلىرى؛ ھەربىر شەھەر، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس ئېستېتىكىلىق، فورماكولوگىيلىك ۋە بىناكارلىق نەزەرىيىۋى تەپەككۇرسىز مەيدانغا كەلگەن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 12 مۇقامى مۇجەسسەم پەلسەپىۋى ۋە سەنئەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا مىسلىسىز مۆجىزىلىك كامالەتكە ئېرىشكەن.

بىز مائارىپ، ئەخلاق، غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى پۈتۈن ئىجابىي ئەنئەنىلەرگە تېرەم نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئۇ خۇددى ئىلاھىي قۇدرەتتەك كۈچلۈك نەزەرىيىۋى تەپەككۇر رەھنەمالىقىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن بىز مۇنداق ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇق:

بىرىنچىدىن، غەربىي ياۋروپالىقلار ئەلخارەزمى، ئەلپەرغانى، ئەلفارابى، ئىبن سىنا قاتارلىق نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى لاتىن ۋە باشقا تىللارغا بەس – بەستە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتى.

ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ساياھەتچى قىياپىتىدىكى تەتقىقاتچىلىرى دىيارىمىزدا تەكرار ئىلمىي قىدىرىش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن بويۇم ۋە كىتابلارنى ئېلىپ كېتىشتى.

ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ھەممە پەندە نەزەرىيىۋى يېڭىلىقلار يارىتىشىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ پاراۋۇزى بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بەزى نەزەرىيىۋى كەشپىياتلىرى غەربىي يۇرت ئالىملىرىنىڭ ئىشلىرى ئاساسىدا مەيدانغا چىقتى.

دېمەك، ئۇلار نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقان ۋە غەربىي يۇرت ئالىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى ھەزىم قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويالىغان!! دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ھېلىمۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل ئەنە شۇ يەردە.

يىپەك يولى خارابلاشقاندا نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يادىكارلىقلىرى ۋەيران قىلىندى. ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرى ئورنىغا ئىشانلىق خانىقالىرى، مۇدەررىسلەر ئورنىغا ئىشان – مۇرىت پىرلىرى، ئىلىم – پەن ئورنىغا نادانلىق ۋە ئەسەبىيلىك ئالماشتى. خۇددى شەيخ سەئىد ئېيتقاندەك: سۇمۇرۇغ يورۇق دۇنيادىن قېچىپ ئەپسانىۋى جەننەتكە كىرىۋالدى، كىشىلەر خالىسۇن – خالىمىسۇن قاغا قانىتى ئاستىدا سايىداشقا مەجبۇر بولدى.

بۇ دىيارنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى – ئۇنىڭ ئۆرلەش ياكى غەرق بولۇشىنى تىزگىنلەپ تۇرغان تارازا يۇلتۇز. پۈتۈن ئامەت ياكى ئاپەت ئەنە شۇنىڭدا.

– خىيال دەپتىرىمدىن

يېقىنقى يىللاردا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنغان ئىلھامبەخش كىتابلار ئارىسىدا «مۇرۇۋۋەت(كەڭ قورساقلىق، كەڭ نەزەر)» ناملىق بىر كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق بىر ھېكايە بېرىلگەن: تۆت تەرىپى قېلىن تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ماكان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئەمىر – پەرمانى بويىچە سىرت بىلەن ئالاقىلاشمايدىكەن. بىرەر كىشى جىلغا ئارىلاپ سىرتقا چىقىپ كەتسە، دەرھال تاشبوران قىلىپ ئولتۇرۇۋېتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسمى نامەلۇم بىر جەسۇر، تاشقى دۇنيانى كۆرۈپ قايتىپ كېلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ «ئاكاڭ قارىغاي دۇنيادا بىرىنچى» دېگەن بېسىم ۋە روھىيەتتە ئەڭ نادان، ئەڭ كەمبەغەل ياشايدىغانلىقىنى ئېغىزدىن چىقىرىشى بىلەن «ئاسىي – جافىي» دەپ ئۆلتۈرۈلۈپ كۈلى جىلغىغا ئىبرەت ئۈچۈن چېچىلىدىكەن. بىر زاماندا تاغلىق بۇ ماكاندا يەر تەۋرەپ، تاغ ئورۇلۇپ ئاپەت يۈز بېرىپتۇ. كىشىلەر «قاچ – قاچ» دەپ تاشقى دۇنياغا چىقىپ قاپتۇ. قارىسا، ئەھۋال ھېلىقى «ئاسىي-جافىي» دېگەندەك. ئۇلار جاھان تىنچلانغاندا يۇرتلىرىغا قايتىپتۇ، خەلقى «ئاسىي-جافىي»نى روھىي تىرەك بىلىپتۇ. ھەممە ئۇنىڭ خاتىرىسىگە مەڭگۈلۈك تاش قويۇپتۇ. بۇ تاشلار بىر – بىرىگە ئۇلىنىپ، ئۇنىڭ كۈلى سورۇلغان جىلغىدا زامانىغا لايىق تاش يول پەيدا قىپتۇ. نەتىجىدە بۇ قاششاق ماكان تېز گۈللەپتۇ.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە غەربىي يۇرتنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ھېكايىدەك بولۇپ كەلدى! ئالدىن بېشارەت قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى فىرەۋىن زامانىدىكى مۇساغا ئوخشاپ قالدى!

مانا ئەمدى يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! تېخى خېلى كۆپ كىشىلەر ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتى يېڭى يىپەك يولى ئېراسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىسىمۇ، بۇ ماھىيەت ئۇلارنى كۈنلەر ئۆتۈپ ھېس قىلدۇرىدۇ.

قەدىمكى يىپەك يولى ئۈستىگە غەربىي يۇرتلۇق «خورجا»لار، سازەندىلەر ئولتۇرۇشقان تۆگە سىمۋولى ھەيكەللەشتۇرۇلگەنىدى. يېڭى يىپەك يولى ئەمدى قاناتلىق تۆگە سىماسىدا مەجازلاشتۇردى.

ئۇنداقتا، ئىككى تۆگە ئارىسىدا بوش قالغان ئەسىرلەرنى – يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن نەچچە يۈز يىلنى نېمە بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇش لازىم؟ مېنىڭچە، ئۇنىڭ سىمۋولى «تۆگە قۇش»تىن ئىبارەت! قاراڭ، بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپ ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان، قۇرۇق ۋە ئۇنۇمسىز مەغرۇرلىنىپ، دوڭغاقلاپ ئۆز ئىزىدىن يىراق كېتەلمەيدىغان تۆگە قۇشى روھى دەل ئۇنىڭ مۇناسىپ ئوبرازى! دوستۇم، سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئۆتكەن ئەسىرلەر قوينىغا نەزەر تاشلاڭ! ھىدايىتۇللا ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لاما ۋە قونتەيجى ئالدىدىكى ھالەتلىرىنى، ھەنىم پادىشاھ زەھەر قاچىسى تۇتقان، ئىسمائىلخان ۋە مۇھەممەدخان ئەۋلادلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، بابارېھىم مەشرەپ دارغا ئېسىلغان، زېلىلى چۆلدە كۆز يېشىنى سىياھ قىلىپ «خالايىقنىڭ كۆزىدە پەردە غەپلەت نۇر ئايان بولماس» دېگەن مىسرالارنى يازغان، ئەرشى بۇرھانىدىن خوجا قىلىچى ئاستىغا چۈشكەن، جۇڭغار قوشۇنلىرى ئالتە شەھەرگە غالچا چوكان، غالچا يىگىت ۋە كۈمۈش تەڭگە ئالۋىنى سالغان، نوزۇگۈم ئوت كەتكەن قومۇشلۇقتا دەردسەر بولۇپ يۈرگەن، سادىر پالۋاننىڭ بوينىغا تاقاق چۈشكەن، ۋەلىخان تۆرە قەشقەردە كاللا مۇنارى ياسىغان، تومۇر خەلىپە قىلتاققا چۈشكەن، ئابدۇقادىر داموللام قەتلە قىلىنغان، مەمتىلى ئەپەندى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىلىچتا چېقىلغان، ل. مۇتەللىپ جادىدا توغرالغان، سانسىز ئوغلانلار تۈرمىدە چىرىگەن، ۋابا ۋە چۇما كېسىلى يۇرتنى قاپلىغان، ھېكىمبەگلەر ئوتۇغات كىيىپ نەشىگە بېرىلگەن، ئوغرى – قىمارۋازلار چۈسىدەك يامراپ كەتكەن، ئانىلارنىڭ سوڭگىچى، ئاتىلارنىڭ گەجگىسى چىقىپ قالغان، جاھاننى جۇت، زاماننى زۇلمەت، ماكاننى مالامەت قاپلىغان ئەسىرلەرنى قانچە ئويلىغانسېرى شۇنچە ئويلاپ چىقىڭچۇ! ئاندىن كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، مىڭلىغان مەنبەلەردىن سىز ئۈچۈن تاللىغان تۆۋەندىكى فوتو سۈرەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈڭ!

بۇ سۈرەتنىڭ بىرىدە، يىپەك يولى راسا گۈللەنگەن چاغدىكى «مىڭئۆي» تورۇسىغا سىزىلغان كۆرۈنۈش تارتىلغان. غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى، روھىي قىياپىتى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇنىڭدا يارقىن گەۋدىلەنگەن.
بۇ سۈرەتنىڭ يەنە بىرىدە، «مىڭئۆي» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ئەجنەبىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان جۇلدۇر كېپەن ھالەتتىكى غەربىي يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى. ئەزىز ۋەتەننىڭ بۇ پەرزەنتلىرىنى نادانلىق، ھۇرۇنلۇق، سولغۇنلۇق شۇ دەرىجىگە چۈشۈرگەنلىكى، ئۇلار ئازغىنا پۇل ئۈچۈن ئەجدادلىرى بىنا قىلغان سەنئەت قەسىرىنى نابۇت قىلىشقا ياللانغان. مەغرۇر قىياپەتلىك لىكوك، گرونەۋىدىل(ئولتۇرغان) قاتارلىقلار ئۆزلىرى بۇلاپ كېتىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياسالغان زاماندا ئۆز ۋەتىنىدە تېخى شەھەرلەر شەكىللەنمىگەنلىكىنى ياخشى بىلسىمۇ، ئۇلار شەخسەن بۇلاڭچىلىق «تۆھپە»لىرىدىن مەغرۇرلىنىپ تۇرماقتا.

قاراڭ، نېمىس ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ 1905 -يىلى 8 – ئايدا تۇرپاندا مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى بۇلاپ ماڭغاندىكى مەغرۇر تۇرقىغا، بۇ مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ياراتقان خەلقىمىزنىڭ نەس باسقان ئەۋلادلىرىنىڭ بىچارە ھالىتىگە!

مۇشۇ سېلىشتۇرمىدىن يىپەك يولىنىڭ گۈللەش ياكى چۈشكۈنلىشىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەقدىر ھالىتىگە غايەت چوڭ تەسىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ!

يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، مۇھىمى، قەدىمكى يىپەك يولىدا قارار تاپقان توققۇز موجىزىدار ھېكمەتنى قايتا ئويلاش ۋە يېڭى يىپەك يولى جاۋاھىراتلىرىنى بەرپا قىلىشتا. خەير، ئوقۇرمەن، تەپەككۇر كۆكىدە قايتا ئۇچرىشايلى…
1992- يىلى نويابىر، بېيجىڭ – ئۈرۈمچى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار