قەدىمقى قۇرۇقلۇق مۇ

ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى

كىرىش سۆز

<<مېكسىكا تابلىچكىلىرى>> نىڭ قەيەردە ئىجاد قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئۇلار شىمال ياكى ئۇيغۇرچە سىمۋول ۋە بەلگىلەر بىلەن يېزىلغان. بىراق، ھەر ئىككىلا تابلىچكىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋەتىنى مۇ نىڭ مۇقەددەس ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىلغان. ئۇلار مېكسىكىدا ئىجاد قىلنغانمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ۋەتىنىدە ئىجاد قىلىنغانمۇ (ئاندىن مېكسىكىغا يۆتكەپ ئاپىرىلغانمۇ) بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما ئايرىم تابلىچكىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇلاردىن يېزىلغانلىقىغا 12 مىڭ يىلدىن ئارتۇق بولغان، بەزى مېكسىكا تابلىچكىلىرىدا مۇ ھەققىدە يېزىلغان بىر نەچچە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى بايقىدىم.
كىتابىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار تەجرىبە- تەتقىقات ئېلىپ باردىم. بۇ ئەسەر مېنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقت تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلىشىمنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ئۇنىڭدا ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ قىزىقارلىق ناكال تابلىچكىلىرىدا بايقىغان نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىسى تولۇق بايان قىلىنغان. مەن تېخى ھازىرغىچە ئۇلاردا بىرەر خاتالىقنىڭ بارلىقىنى تاپالمىدىم.
خۇددى ناكال تابلىچكىلىرىغا ئوخشاشلا، مېكسىكا تابلىچكىلىرىمۇ قانداقتۇر بىر زامانلاردا يەر شارىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىزدىن ئۈستۈن قويىدىغان قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا گۇمانلىنىشىم ئۈچۈن ئاساس قالدۇرمىدى. باشقا قەدىمكى يېزىقلار بىلەن بىرلەشتۇرۇپ قارىغاندا، بۇ تابلىچكىلار ھىندىستان، بابىلۇن، پېرىسسىيە، مىسىر ۋە يۇكاتان مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆتكەن زاماندىكى بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ پەقەت بىر پارچە ئۇچقۇنىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

يوقالغان قۇرۇقلۇق

ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ۋەتىنى-مۇ نىڭ ھالاكەت تارىخى ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە بىر ۋەقە. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئون يىل بۇرۇن، ئالىملار بۇرۇن تىنچ ئوكياندا بىر چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى، كېيىنچە ئىسسىز غايىب بولغانلىقىغا گۇمان قىلىشقانىدى. بىراق، يېقىندا ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر زېمىننىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مەلۇم ئىسپاتلار تېپىلدى. بۇ ئىسپاتلار بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچىدىن، باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ھىندىستاننىڭ بىر ئىبادەتخانىسىدا مۇقەددەس تابلىچكىلىرىمۇ تاپقاندىن كېيىن راھىب ئالىمنىڭ ياردىمى بىلەن مەنىسىنى يەشكەنىدىم. بۇ تابلىچكىلار مۇ نىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەسلەپكى ئىسپاتلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېنىڭ پۈتۈن يەر شارىنى ئايلىنىپ يەنە باشقا ئىسپاتلارنى ئىزدىشىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولدى. تابلىچكىلاردا ناكاللارنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولغان تېنىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان زېمىندىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلاردا يەنە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ زېمىندا پەيدا بولۇشى تەسۋىرلەڭەن. كېيىنچىرەك مىسىر، ھىندىستان ۋە مايا دۆلىتىدە يېزىلغان ئىسپاتلاردا مۇ دۆلىتىنىڭ يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئوت دېڭىزىغا غەرق بولغانلىقى تەسۋىرلەڭەن. بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى تىنچ ئوكيان ئاستىغا غايىب بولغان بولۇپ، بۇرۇن قۇدرەتلىك، مەدەنىيەت گۈللەنگەن يەردە ھازىر دېڭىز دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا .
ئىككىنچىدىن ، مۇ نىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر ھىندى ئەپوسى <<رامايانا>> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزىچىگە ئالغان قەدىمكى تېكىستلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. رامايانا ئېپوسنى ئايودفى ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى نارادىنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ دانىشمىنى ۋە تارىخچىسى ۋالىمىكى ئېزىپ قالدۇرغان. ئېپوسنىڭ بىر جايىدا ۋالىمىكى ناكاللارنى(پولكوۋنىك چىرچىۋارد<<چىرما>>دەپ پۈتكۈل ھىندى- چىنىنى كۆزدە تۇتقان ) <<بېرمىغا شەرقتىكى ئۆلىرى تۇغۇلغان مەملىكەتتىن كەلگەن>>، يەنى تېنىچ ئوكيان تەرەپتىن كەلگەن دېيىلگەن. ھازىر بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان <<تىروئان قەدىمقى قوليازمىسى> مۇقەددەس تابلىچكىلار ۋە ۋالىمىكى ئىپوسلار (رىۋايەتلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرى.) بۇ قەدىمكى مايا كىتابى يركاتاندا يېزىلغان. ئۇنىڭدا <<مۇ مەملىكىتى>> تىلغا ئېلىنغان. بەلگە ئورنىدا بىز ھىندىستان، بېرما ۋە مىسىردا بايقىغان سىمۋوللار ئىشلىتىلگەن. دەلىللەرنىڭ يەنە بىر مەنبەسى <<كورتىسا قانۇنلار توپلىمى>> ناملىق مايا كىتابى بولۇپ، ئۇ<<تىروئان قەدىمقى قوليازمىسى>> بىلەن بىر دەۋردە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، <<لىخاسا قوليازمىلىرى>> ۋە مىسىر، گرېتسىيە مەركىزى، ئامېرىكا، مېكسىكىلاردىن تېپىلغان يۈزلىگەن ھۆجەتلەر ۋە ئا ق ش نىڭ غەربىي شتاتلىرىدىكى قىيا تاش يېزىقلىرىمۇ بار.

ئۈچىنچىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋەتىنى غايىب بولغان چوڭ قۇرۇقلۇق مۇ غا ئىسپات بولالايدىغان ئىبادەتخانىلار ۋە مەنزىرىلەرنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى مەۋجۇت.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى بەزى ئاراللاردا، بولۇپمۇ، پاسخا، ماڭائىنا، توڭا تاچۇ، پوناپې ۋە مارىئان ئاراللىرىدا مۇ دەۋرىدىن قېپقالغان تاشتىن ياسالغان قەدىمكى ئىبادەتخانىلارنىڭ خارابىيلىرى تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا. يوكاتاندىكى ئۇشىمال شەھىرىدە يېرىم ۋەيران بولغان بىر ئىبادەتخانا بار. ئۇنىڭدا <<غەربتىكى بىز كەلگەن زېمىن>>نى ياد ئېيتىپ ئويۇپ يېزىلغان خەتلەر بار. مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مېكسىكا پىرامىداسى ئويۇپ يېزىلغان يېزىقلىرى بىلەن كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇمۇ << غەربىدىكى يەر>>نىڭ ھالاكىتىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تىكلەڭەن.

تۆتىنچىدىن، مىسىر، بېرما، ھىندىستان، ياپونىيە، جۇڭگو، جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرى، مەركىزىي ئامېنىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىر مۇنچە قەبىلىلەر ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان باشقا جايلاردىن تېپىلغان بەزى سىمۋولىكلار (مەنە بەلگىلىرى) ۋە رىۋايەتلەرنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ناھايىتى ئاسانلا بايقاش مۇمكىن. بۇ سىمۋولىكلار ۋە رىۋايەتلەر شۇنچىلىك ئوخشىشىپ كېتىدۇكى، بۇلارنىڭ بىر ئورتاق مەنبە- مۇ دىن كەلگەنلىكىدە شۈبھى قالمايدۇ. مانا شۇلارغا ئاساسەن مۇ نىڭ ھالاكەت تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.
بۇ قۇرۇقلۇق بىپايان ئېدۇرلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالدا گاۋايدىن، جەنۇبتا تاكى تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى پاسخا ئارىلى بىلەن فىجى ئاراللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىزىق بويىچە بەلگىلەڭەن. مۇ نىڭ زېمىنى شەرقتىن غەربكە 5000 مىل، شىمالدىن جەنۇبقا 3000 مىل بولغان. چوڭ قۇرۇقلۇق ئۈچ كىچىك قۇرۇقلۇقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى تار بوغۇزلار ياكى دېڭىز ئايرىپ تۇرغان.
مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ خەرىتىسى

بۇ<<بىپايان تۈزلەڭلىكلەرگە ئىگە>> (پاسخا ئارىلى تابلىچكىلىرى – ئاپتور ئىزاھاتى) ئىسسىق بەلۋاغ مەملىكىتى ئىدى. ئۇنىڭ ۋادىلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلىرى گۈزەل يايلاق ۋە مۇنبەت ‘ئېتىزلار بىلەن تولغانىدى. <<ئانچە ئېگىز بولمىغان ئەدىرلىق يەرلىرى>> (<<تروئان قەدىمكى قوليازمىسى>> ئاپتور ئىزاھاتى) بولسا بۈك -باراقسان ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغانىدى. يەر يۈزىدىكى بۇ جەننەتنىڭ ئۇپۇقلىرى تۈپتۈز بولۇپ، ھېچقانداق ئېگىزلىكى ياكى تاغ تىزمىلىرى كۆرۈنمەيتتى. يەر قاتلىمىدىن تاغلار تېخى ئېتىلىپ چىقمىغانىدى.
بۇ بىپايان ۋە مۇنبەت زېمىننى سانسىزلىغان دەريا -ئۆستەڭلەرنىڭ كەڭ ۋە تىنچ ئېقىنلىرى كېسىپ ئۆتەتتى. ئۇلار ئورمان بىلەن قاپلانغان دۆڭلەر ۋە تۈزلەڭلىكلەر ئەتراپىدىن ئەگرى – بۈگرى ئىز قالدۇرۇپ ۋە ئاجايىپ فانتازىيىلىك ئەگمىلەرنى ھاسىل قىلىپ ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەممىلا يەر قويۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭغا دەرەخلەر ۋە چاتقاللىقلاردىكى ئېچىلغان رەڭگارەڭ ، خۇش پۇراق گۈللەر قوشۇلۇپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلاتتى. ئوكيان ۋە دەريالارنىڭ قىرغاقلىرى نەچچە ئون مىڭ (بىر مىل – 1609.35 مېتىرغا باراۋەر )كەڭلىكتە قويۇق پالمىزارلىقلار بىلەن قاپلانغان. ھەيۋەتلىك پاپوروتنىكلارنىڭ يوغان يوپۇرماقلىرى دەريا قىرغاقلىرىغا سايە چۈشۈرۈپ تۇراتتى. تۈزلەڭلىكلەردە دەريا ئېقىنلىرى كېڭىيىشىدىن ئۇششاق كۆللەر ھاسىل بولۇپ، قىرغاق بويلاپ سۇ يۈزىدىن سانسىزلىغان نىلۇپەر گۈللىرى چۆرىسىگە يېشىل زۈمرەت تۇتۇلغان ئۈنچە _مەرۋايىتلاردەك ئېچىلىپ تۇراتتى.
دەريا بويىدىكى دەرەخ سايىلىرىنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئۈستىدە، خۇددى تەبىئەت ئەينىكىدە ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلغاندەك خىلمۇ خىل كېپىنەكلەر ئۇچۇشاتتى. ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ يۈرگەن كولىبىرلار (كولىبىر-ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ياشاۋاتقان بىر خىل كىچىك قۇش) قۇياش نۇرىدا خۇددى جانلىق ياقۇتلاردەك چاقنايتتى.

دەرەخ ئۈستى ۋە چاتقاللىقلاردا قۇشلار بەس-بەستە سايرىشاتتى ئاسمان پۈتۈن دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ سايراۋاتقان چېكەتكە ۋە سەرەتالارنىڭ چىرىلداشلىرى بىلەن تولغانىدى.
ئىپتىدائىي ئورمانلاردا <<بۇدۇشقاق ھاشارەتلەرنى ھەيدەش ئۈچۈن يوغان قۇلاقلىرىنى توختىماسنىن پۇلاڭشىتىپ يۈرگەن ھەيۋەتلىك پىللار>> پادىسى كېزىشەتتى.
بۇ پايانسىز چوڭ قۇرۇقلۇقتا “64 مىليون كىشى” (كروئان قەدىمكى قوليازمىسى ئە. ئى.) ئالىي دەرىجىلىك پارلاق تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

كەڭ، “تۈپتۈز يوللار” خۇددى ئۆمچۈك تورىدەك ھەممە تەرەپكە تۇتاشقانىدى. يوللىرىغا سىلىق تاشلار ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلار شۇنچىلىك جىپىس كەلتۈرۈلگەنكى، “ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئوتلارمۇ ئۈنۈپ چاقالمايتتى” (پاسخا ئارىلى تابلىچكىلىرى ئا.ئى) شۇ زاماندا تىلغا ئېلىنغان 64 مىليون كىشى بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان “ئون قەبىلە” ياكى “خەلق”كە بۆلۈنگەن بولسىمۇ “ھەممىسى بىر ھۆكۈمەتكە بويسۇناتتى” (كروئان قەدىمكى قوليازمىسى. ئا.ئى).
شۇ دەۋردىن نەچچە ئەۋلاد بۇرۇنقى كىشىلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ سايلاپ، ئۇنى را دەپ ئاتاشقان. ئۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي راھىبى ۋە ئىمپراتورى بولۇپ “را- مۇ” (لاسا يىلنامىلىرى ۋە باشقا مەنبەلەر ئا.ئى) دەپ ئاتالغان. ئىمپېرىيىنىڭ ئۆزى بولسا “قۇياش ئىمپېرىيىسى” دەپ ئاتالغان.
چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىرلا دىن بولۇپ، كىشىلەر سىمۋوللا (مەنە بەلگىلەر) ئارقىلىق خۇداغا چوقۇنۇشاتتى، بارلىق كىشىلەر روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ “پەيدا بولغان مۇقەددەس جايى” غا قايتىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
خۇداغا بولغان ئېتىقاد شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، كىشىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاشقا جۈرەت قېلىشمايتتى. ئىبادەت قىلغاندا ۋە تىلەك تىلىگەن چاغلىرىدا ئۇنىڭغا پەقەت سىمۋولىكلار ئارقىلىق ئىلتىجا قىلىشاتتى. ئۇنى “را- قۇياش” (مايا ۋە تېكىستلەر. ئا.ئى.) دەپ ئۇلۇغلىشاتتى.
بۇ دەۋرىدىكى مۇ نىڭ خەلقى يۇقىرى دەرىجىدە مەدەنىيەتلىك ۋە بىلىملىك ئىدى. بارلىق خەلقلەر مۇ نىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلىناتتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بوي سۇنۇشاتتى.
مۇ نىڭ زېمىندا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئاق تەنلىكلەر ئىدى. ئۇلار ھەيران قالغۇدەك چىرايلىق بولۇپ، بەدەنلىرى ئاپپاق ياكى سارغۇچ، كۆزلىرى يوغان، مۇلايىم، قارا، يەنە سېرىق تەنلىك، قوڭۇر تەنلىك ۋە قارا تەنلىكلەرمۇ بار ئىدى (“تروئان قەدىمكى قول يازمىسى”، “كورنىكا قانۇنلىرى” ۋە باشقا مەنبەلەر. ئا.ئى)، قەدىمكى مۇ خەلقى ئاجايىپ ئۇستا دېڭىز سەيياھلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ كېمىلىرى پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ “غەربىي ئوكياندىن شەرقى ئوكيانغىچە، شىمالىي دېڭىزدىن جەنۇبىي دېڭىزغىچە ئۈزۈشەتتى… ئۇلار بىناكارلىققا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، تاشتىن ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە سارايلارنى قۇرۇشاتتى” (ۋالمىكى. ئا.ئى)، ھەيۋەتلىك ھەيكەللەرنى ياسىشاتتى.
مۇ دۆلىتىدە دىن، ئىلىم-پەن مەركىزىي بولغان يەتتە ئاساسلىق شەھەر بار ئىدى. (“لىخاسا يىلناملىرى” ئا.ئى) ئۈچ زېمىننىڭ ھەممىلا يېرىدە يەنە نۇرغۇنلىغان شەھەر، يېزىلار بار ئىدى. مۇ دۆلىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئىلىم-پېنى ۋە سودا سېتىق ئىشلىرىنىڭ مەركىزى ۋە بۆشۈكى ئىدى، يەر-زېمىندىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭغا قارام ئىدى.
شەھەرلەردە، كېسىلگەن تاشلاردىن ياسالغان ئىبادەتخانىلار قەد كۆتۈرگەنىدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولۇپ، ئۇنى “يورۇق” ئىبادەتخانا دەپ ئاتىشاتتى. ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۈستىنىڭ ئوچۇق بولۇشى، خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىنىڭ سىمۋولى بولغان را نۇرلىرىنىڭ ئىبادەتخانىغا توسالغۇسىز چۈشۈپ، ئىبادەت ۋە سەجدە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ باشلىرىنى يورۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. “بايلارنىڭ كىيىملىرى نېپىز رەختلەردىن تىكىلگەن. ئاجايىپ قىممەت باھا تاشلار بىلەن بېزەلگەن بولاتتى، ئۇلار ھەشەمەتلىك سارايلاردا ياشايتتى. خىزمەتكارلىرى كۆپ بولاتتى” (“لىخاسا يىلناملىرى” ئا.ئى).

مۇ نىڭ كېمىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قارام ئەللەر ئوتتۇرىسىدا توختىماستىن يولۇچىلار ۋە يۈك توشۇيتتى. بۇ ئۇلۇغ دۆلەت تازا گۈللىنىپ، پۈتكۈل زېمىننىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە سودا مەركىزىگە ئايلانغان. تاشتىن ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلارنى ياساپ، گىگانت ھەيكەللەرنى تۇرغۇزغان ۋاختىدا تۇيۇقسىز دەھشەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى. مۇ دۆلىتىنىڭ جەنۇبىي رايونى يەرنىڭ چوڭقۇر ئاستىدىن كەلگەن قاتتىق گۈمبۈرلىگەن ئاۋازدىن تىترەپ كەتتى. ئارقىدىن يەر تەۋرەپ ۋولقان ئېتىلدى.
چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى شىددەتلىك دېڭىز دولقۇنى ئاستىدا قېلىپ، نۇرغۇن شەھەرلەر ۋەيران بولدى. ۋولقان ئوت- تۈتەك ۋە لاۋا پۈركەيتتى. مەملىكەت زېمىنى تۈزلەڭ بولغانلىقتىن لاۋا ئېقىپ كېتەلمەي، جايىدا يىغىلىپ قېلىپ كونۇس شەكىلنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭدىن تاغلار ھاسىل بولدى. بۇنداق تاغلارنى ھازىرمۇ جەنۇبىي ئاراللاردا ئۇچرىتىش مۇمكىن (پاسخا ئارىلى ۋە باشقا ئاراللا. ئا.ئى). ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋولقانلار ھەرىكىتى توختاپ ۋولقانلار بېسىقتى.

ۋولقانلارنىڭ ئېتىلىشى توختىغاندىن كېيىن، مۇ دۆلىتىنىڭ خەلقى ۋەھىمىدىن ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كەلدى. ۋەيران بولغان شەھەرلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. سودا-سېتىق ئىشلىرى قايتىدىن باشلاندى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ يۈز بەرگەن ۋەقە قەدىمكى تارىخقا ئايلانغان چاغدا مۇ يەنە قايتىدىن يەر تەۋرەشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. “پۈتكۈل چوڭ قۇرۇقلۇق خۇددى ئوكيان دولقۇنىنىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەك كۆتۈرلۇپ چايقالدى، يەر خۇددى بوراندا قالغان يوپۇرماق كەبى تىترەپ لەرزىگە كەلدى. ئىبادەتخانىلار، سارايلار ئابىدە ۋە ھەيكەللەر ئۆرۈلدى، شەھەرلەر خارابىيلىققا ئايلاندى”. “كروگان قەدىمكى قوليازمىسى”، “كورتىسا قانۇنلىرى” ۋە “لىخاسا يىلنامىلىرى ئا.ھې”
يەر بىردە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە پەسلەيتتى، تەۋرىنەتتى، تىتىرەيتتى. يەر ئاستىدىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن ئېتىلىپ چىقىپ، بۇلۇتلارنى يېرىپ چىقىپ، بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتكەن ئوت يالقۇنىنىڭ دىئامېتىرى ئۈچ مىلغا يېتەتتى. كۆكتە ئۇلار ئاسماننى قاپلاپ چېقىۋاتقان چاقماق ئۇچقۇنلىرى بىلەن تېگىشەتتى. پۈتكۈل يەر-جاھاننى قاپقارا قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى. ھەيۋەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرى قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۈزلەڭلىكنى بېسىپ كەتكەنىدى. گېرىك تېكىستلىرى ئا.ئې كىشىلەر قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدىغان ھالاكەتكە مەھكۇم بولغانىدى. “مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ نالە_پەريادى زېمىننى قاپلىغانىدى. كىشىلەر ئوت دېڭىزى ۋە ئىس_تۈتەكتىن پاناھلىنىپ ئىبادەتخانىلار ۋە قەلئەلەرگە قېچىپ بېرىۋالغانىدى. ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، قىممەت باھالىق ئۈنچە_ياقۇتلارنى تاقىغان ئەر_ئاياللار “مۇ. بىزنى قۇتقۇز!” دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. لىخاسا يىلنامىلىرى ئا.ئى

پۈتكۈل ئاسماننى قاپلىغان ئىس_تۈتەكلەرنىڭ سەل ئاستىدىكى ئۇپۇقتا پېتىۋاتقان قۇياش كۆرۈنگەندە، ئۇ خۇددى قىپقىزىل ئوت شارىغا ئوخشاپ قالغانىدى. قۇياش ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەتراپنى مۇدھىش قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. قاراڭغۇلۇقنى بەزى_بەزىدە چاققان چاقماقنىڭ ئۇچقۇنلىرىلا بۇزۇپ تۇراتتى.
“بىر كېچە ئىچىدە” “كۆتىكى قانۇنى” ۋە “تروئان قەدىمكى قوليازمىسى” ئا.ئې پۈتكۈل قۇرۇقلۇق پارچە-پارچە بولۇپ كەتتى. ھالاكەتكە مەھكۇم بولغان چوڭ قۇرۇقلۇق گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز چىقىرىپ ئوكيانغا چۆكۈشكە باشلىدى. ئوت دېڭىزىغا ئۇرۇلغان ھالدا ئۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ دوزاخ ئاغزىغا يېقىنلاپ باردى. پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن بۇ زېمىنوت دېڭىزىغا پۇركەڭەن پايانسىز چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەندە “ئۇنى ئوت يالقۇنى قوينىغا ئالغانىدى” مىبىر تېكىستلىرى ئا.ئې يالقۇن ھەممە نەرسىنى يۇتۇپ كەتتى. “مۇ ۋە ئۇنىڭ 64 مىليون ئاھالىسى قۇربانلىق بولغانىدى”. روئان قەدىمكى قوليازمىسى ئا.ئې

مۇ ئوت قاينىمىغا غەرق بولغاندىن كېيىن قۇدرەتلىك بىر يېڭى كۈچ__50 مىليون كۋادرات مىل سۇ بېسىپ كەلدى. ھەممە تەرەپتىن گىگانت دولقۇنلار، سۇدىن ھاسىل بولغان تاملار ئېتىلىپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يۈرىكى بولغان جايدا دوقۇرۇشۇپ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ قاينايتتى.
ئىنسانىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان بەختسىز مۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى، ئىبادەتخانىلىرى، سارايلىرى بىلەن؛ ئۆزىنىڭ سەنئىتى ئىلىم_پېنى بىلەن بىللە ئۆتمۈشنىڭ چۈشىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئوكيان سۇلىرى ئۇنىڭغا كېپەنلىك بولدى. چوڭ قۇرۇپلۇق مۇ مانا شۇنداق ھالاك بولدى.

بۇ ھالاكەت، يەر شارىدىكى تۇنجى قەدىمى بولدى. بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىڭ ھالاكىتى 13 مىڭ يىل مابەينىدە پۈتكۈل يەر شارىنى تۈن ئىلكىدە قالدۇردى. بىز بۇ تۈن پەردىسىنى قىسمەن ئاچتۇق. لېكىن يەنە نۇرغۇن مەدەنىيەت مەركەزلىرى تېخىچە سىر ھالىتىدە تۇرماقتا.
چوڭ قۇرۇقلۇق پارچىلارغا بۆلۈنۈپ چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە، سۇ ئۈستىدە ئانچە چوڭ بولمىغان قۇرۇقلۇقلار ساقلىنىپ قالدى. بۇ جۇغراپىيەلىك سەۋەپلەردىن بولغان. بۇ ھەقتە كېيىنچىرەك توختىلىپ ئۆتىمىز.
دېڭىز سۈيى چوڭ قۇرۇقلۇقنى، ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن، خۇددى بۇ تىنچ ئوكيان ئىدى. يەر شارىدا بۇنىڭدىنمۇ مەسخىرىلىك جۇغراپىيە ئاتالغۇسى بولمىسا كېرەك!
قالغان بارلىق ئاراللار ۋە مارجان ئاراللار، ئەمدى بۇلدۇقلاپ قايناۋاتقان لاي سۇنىڭ ئاستىدا ياتقان-ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋەتىنى بولغان چۆكۈپ كەتكەن مۇ دۆلىتىنىڭ تەقدىرىدىن ئامان قالغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. بۇ كىشىلەر ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم بولۇشقان. ئۇلارنىڭ نە قورال-نە سايمانلىرى نە كىيىمى، نە بىر پاناھلانغىدەك جاي ۋە نە يېمەك_ئىچمىكى قالمىغان، پەقەت ئالىقاندەك يەرلا قالغانىدى. بۇنداق ھالدا قانداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپىنىڭ كىشىنىڭ تېنى جۇغۇلدايدىغان ۋەقەدىن ئېسىگە كېلەلمەي ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقى تۇرغانلا گەپ؛ قالغانلىرى بۇنداق ئازابتىن تېرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن خۇدادىن ئەجەل تىلەپ ئىلتىجا قىلىشقانىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن ھايات قېلىش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ياۋايى ھالەتكە چۈشۈپ، ھېچبولمىغاندا مەلۇم مەزگىلگىچە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىشتىن باشقا يول قالمىغانىدى.
ئۇلارغا كىيىم بولالايدىغىنى پەقەت ھايۋان تېرىسى-ئارالدا قالغان ناھايىتى ئاز ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر يوپۇرماقلىرى ئىدى. ئۆزىنى قوغداش ۋە ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى پەقەتلا تاش، نەيزە ئوقيا ئىدى. سايمانلارنى چاقماق تاش ۋە قۇلۇلە قاپلىرىدىن ياساشقا توغرا كېلەتتى. شۇنى قەيت قىلىشقا بولۇدىكى، نۇرغۇن ئادەملەر ۋەھىمە، سوغۇق ۋە ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ تېنى بولسا ھايات قالغانلارغا ئوزۇق بولغان. شۇنىڭ بىلەن كاننىبالىزم كاننىبالىزم – ئادەمخورلۇق، ئادەم گۆشىنى يەيدىغان ۋەھشىيلىك پەيدا بولغان. بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسخورلىرى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ياۋايىلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشقان. بۇ ئەھۋال تا يېقىنقى زامانغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ مەسىلىدە ئۇلارنى ئەيىبلەشكە بولامدۇ؟ بۇنىڭغا كىتابخان ئۆزى بىر نېمە دېسۇن. بۇ ئالىي مەدەنىيەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئوزۇقىغا بولغان نەپرەت ۋە يىرگىنىشنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. بىزنى پەقەت، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى بۇنداق ۋەھشىيلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن دېگەن قاراش خاتىرجەم قىلالىشى مۇمكىن، خالاس. بىراق، نۇرغۇن ئەسىرلەر ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ بەختسىز ئارال خەلقى بارغانسەرى چۈشكۈنلىشىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدىكى ئەۋلادتىن_ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرى تەدرىجى خىرەلىشىشكە يۈزلەندى ۋە ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ۋەتىنىنى يەر يۈزىدىن يۇيۇپ تاشلىغاندەك، قەدىمكى سەلتەنەت ئۇلارنىڭ خاتىرىسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاندى.
مۇ غا بېقىندى دۆلەتلەر ئۆز مېتروپولىيىسىنىڭ مېتروپولىيە- باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان چوڭ دۆلەت. مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى مەلۇم ۋاقىتلارگىچە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لەكىن ئۆزى ئايرىلغاندىن كېيىن تەدرىجىي چېكىنىپ ئاخىر خاراپ بولدى. ئۇلارنىڭ خارابىيلىكلىرىنىڭ ئۇستىدە بولسا يېڭى مەدەنىيەت پەيدا بولدى.

ئۇيغۇر ئېمپېرىيىسى

ئۇيغۇر ئېمپېرىيىسى مۇ غا قارام ئاساسلىق دۆلەت ئىدى. جۇڭگو رىۋايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن 17000 يىل بۇرۇنلا يۈكسەك مەدەنىيەت پەللىسىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ زېمىنى تېنچ ئوكياندىن باشلىنىپ، پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كاسپى دېڭىزىدىن ئۇزاققا ياكى غەربىي ياۋروپاغىچە سوزۇلغانىدى. بۇ بېرىتانىيە ئاراللىرى تېخى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلمىغان چاغ ئىدى.
ئۇيغۇر دۆلىتى جەنۇبىي چېگرىسى كوخىنخىن، بېرما، ھىندىستان ۋە پېرسىتىنىڭ شىمالىي چېگرىسى بىلەن تۇتىشاتتى. بۇ چاغدا تېخى ھىمالايا ۋە ئاسىيادىكى باشقا تاغلار پەيدا بولمىغانىدى.
بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى سىبىريىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ نەگىچە سوزۇلغانلىقىنى ئېنىق قىياس قىلىشقا ئاساس تېپىلغىنى يوق. سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىيلىرى تېپىلدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ياۋروپاغا يەتكەن. خۇددى ئەڭ قەدىمكى ھىندى تېكىستلىرىدە ئىسپاتلاپ ئۆتكەندەك، ئۇلار كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىرغاقلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇ يەردىن داۋاملىق مەركىزىي ياۋروپاغا ئىلگىرىلەپ تاكى ئۇنىڭ غەربىي چېگرىسى ئىرلاندىيىغىچە يېتىپ بارغان.
ئۇلار ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمى ھەمدە پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆزلەشتۈرگەن. ئىنسانلارنىڭ ئاسىيادا پەيدا بولغانلىقىنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا قاراپ ئىلگىرلىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدىنلا ئىبارەت، خالاس.
ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى گوبى چۆللۈكىنىڭ ھازىرقى خاراخوتو دېگەن جايىغا جايلاشقان. ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدە گوبى چۆللۈكى ئىنتايىن مۇنبەت زېمىن بولغان. ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەنىدى، ئۇلار ئاسترولوگىيە، ئىلمىي نۇجۇم كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، ماتېماتىكا، يېزا ئىگىلىك، خەتتاتلىق ۋە باشقا ئىلىملەردىن خەۋەردار ئىدى. ئالتۇن، كۈمۈش، برونزا (تۇچ) ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسىشاتتى. بۇ مىسىر سۋىلىزاتىسىيىسى پەيدا بولۇشتىن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇنقى دەۋردىكى ئىشلاردۇر.
ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى مۇ نىڭ ئوكيانغا چۆكۈپ كېتىشىدىن بۇرۇن يوقالغان. قالغان قىسمى مۇ نىڭ ھالاكىتىدىن كېيىن يوقالغان.
پروفېسسور كوزلوۋ خاراخوتادا 10 فۇت چوڭقۇرلۇقتىكى قەبرىنى قېزىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ ئاجايىپ قىممەتلىك نەرسىلەرنى بايقىغان. ئۇ ئۇلارنى رەسىمگە تارتىۋالغان، چۈنكى ئۇلارنى ئېلىشقا، ھەتتا تۇتۇپ بېقىشقا رۇخسەت قىلىشمىغان. مەن بۇ فوتو سۈرەتلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ ئىككى پارچە فوتو سۈرەت چوڭقۇر سىمۋولغا ئىگە بولغانلىقتىن، مەن بۇ يەردە ئۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. مەن بۇ سۈرەتتىكى نەرسىلەرنىڭ بۇندىن 160… يىل بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن. بىرىنچى سۈرەتتىكى يىپەك رەختكە سىزىلغان رەسىمدە ئولتۇرغان ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنى كۆرىمىز. ئالدى بىلەن ئايال پادىشاھنىڭ سىمۋولىكلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇنىڭ بېشىدا ئۈچ چىشلىق تاج بولۇپ، تاجنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ دانە دەستىسى چۈشۈرۈلگەن دېسكىنى (چەمبەر) كۆرگىلى بولىدۇ. ئايال پادىشاھنىڭ ئارقىسىدا چوڭ چەمبەر بولۇپ، بۇ “كىچىك قۇياش”، چوڭ چەمبەر مۇ نىڭ، كىچىك چەمبەر بولسا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىمۋولى. بېشىدىكى تاج پەقەت بىر تەرەپكە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، بۇ ئىمپېرىيە قارام دۆلەتنىڭ توتون قالقىنىدىن ئىبارەت. ئايال پادىشاھ سول قولىدا سىكىپېتىر تۇتقان، سىكىپېتىرنىڭ ئۇچى ئۈچ قىرلىق كەلگەن. ئۈچ قىر ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ۋەتىنىنىڭ سانىنىڭ سىمۋولى.

ئايال پادىشاھ ئېچىلىپ تۇرغان مۇقەددەس نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان. نېلۇپەر ئىنسانىيەت ۋەتىنىنىڭ سىمۋول گۈلى: مۇنداقچە ئېيتقاندا ئايال پادىشاھ مۇ نىڭ ھىمايىسىدە تەختتە ئولتۇرماقتا.
ئايال پادىشاھنىڭ ھەمراھىنىڭ رەسىمىدە نە سىكىپېتىر، نە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش يوق، قۇياشنىڭ ئورنىدا چەمبەر بار. ئۇنىڭ تاجىسىدىمۇ ئىنسانىيەت قەدىمكى ۋەتىنىنىڭ سانى ئىپادىلەڭەن.
كوزلوۋ سىكىپېتىر ھەر خىل شەكلىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن سىكىپېتىر ئايال پادىشاھنىڭ قولىدىكى سىكىپېتىرغا ئوخشىمايدۇ. بۇ سىكىپېتىرنىڭ كېيىنكى ۋارىيانتى بولسىمۇ لېكىن سىمۋولىكلار ئوخشاش بولۇپ سىكىپېتىرنىڭ ئۇچى ئۈچ بۇرجەك كەلگەن. بۇ ئىنسانىيەت قەدىمكى ۋەتىنىنىڭ سانى.
شۇنداق قىلىپ، ئاسىيا، ئامېرىكا، جەنۇبىي دېڭىزلار ۋە يېڭى زىللاندىيە ئاراللىرىنىڭ سىمۋوللىرى بۇ يەردىكى خەلقلەر ئارسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتلەر بىلەن توغرا كەلمەكتە. بۇنىڭدىنمۇ روشەن ۋە قايىل قىلارلىق دەلىل_ئىسپات تېپىش مۇمكىنمۇ؟ بىزنىڭ ئۆز ئەجداتلىرىمىزنى قەبرىسىدىن چىقىپ ئۆز دۆلىتى ۋە باشلىرىغا كەلگەن پاجىئەنى سۆزلەپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە.

يەر شارىدا ئىنسانلار پەيدا بولغان جاي

پولكوۋنىك چېرچۋارد تەتقىقات ئارقىلىق ئىنسانلار يەر شارىدا دەل مۇ نىڭ زېمىنىدا پەيدا بولغان دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. بۇنى، رىۋايەتلەر، يازما مەنبەلەر، قەدىمكى يېزىقتىكى ئابىدىلەر ۋە ئېتنوگرافىيىلىك ماتېرىيال ئۈستىدىكى تەھلىل_تەتقىقاتلار ئىسپاتلانغان. مۇ زېمىننىڭ جايلاشقان ئورنىغا كەلسەك بارلىق مەنبەلەر بىرلا “ئادرېس” نى – ئامېرىكىنىڭ غەربىنى، ئاسىيانىڭ شەرقىنى، يەنى تىنچ ئوكياننى كۆرسەتمەكتە.
“مۇ نىڭ مەنىۋى ئەنئەنىلىرىنىڭ ئىزلىرى ۋە ماددىي قالدۇقلار تېپىلغان ئاراللارنى خەرىتىدە بەلگىلەپ چىققاندىن كېيىن، مەن شۇ ئاساستا مۇ نىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئورنى ۋە شەكلىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشتىم.
ھازىرقى پاسخا ئارىلىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئۇچى قىلىپ، توڭاتاپونى غەربىي جەنۇبى، مارجان ئاراللىرىنى غەربىي شىمالى، گاۋاينى بولسا شىمالى قىلىپ بېكىتتىم. غەربىي شىمال لىنىيىسى بولسا بەلگىلەنمىدى. قۇرۇقلۇق مۇ نىڭ ئۈچ قۇرۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ قۇرۇقلۇقلارنىڭ تار دېڭىزلار ۋە بوغازلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقى ھەر خىل تېكستلەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. لېكىن بۇ دېڭىز ۋە بوغازلارنىڭ ئورنى ئېنىق ئەمەس. بۇنىڭ بىردىنبىر ئاچقۇچى مىسىردىن تېپىلغان قەدىمكى رەسىم بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۈچ تار ئارال سىزىلغان.

جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرى ھەققىدىكى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى فرېدېدىك ئوبرايىن مۇنداق دەيدۇ: “دارۋىن نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئاراللارنى چۆكۈپ كېتىپ، شىكەستىلەنگەن گەۋدىسى تىنچ ئوكيان ئاستىدا مىڭ چاقىرىملاپ سوزۇلۇپ ياتقان چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ چوققىلىرى دېيىشكە بولىدۇ. غايىپ بولغان زېمىن بۇ-ئۆزىنىڭ كوچىسىنى ساقلاۋاتقان ئىپوس، شۇنداقلا ئۇ بەلكىم مەڭگۈ يەشكىلى بولمايدىغان سىردۇر.”
ھەشەمەتلىك ھەيكەل_ئابىدىلەر، تاشلارغا ئويۇلغان شەكىل ۋە ئېروگلېفلار، ئۆرپ_ئادەت ۋە تىل ساقلىنىپ قالغان: ئاجايىپ رىۋايەتلىرى بىلەن بىللە ئارال خەلقى ساقلىنىپ قالغان. ئۇلار بەلكىم، نەچچە يۈز مىڭ يىل بۇرۇن ئاسىيا ياكى ئافرىقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

بۇندىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن ئۇلارنى چوڭ دۇنيانىڭ ئادەملىرى تېپىشقانىدى. مانا ئەمدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يات بولغان مەدەنىيەت بىلەن پاجىئەلىك دوقۇرۇشۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ھالاك بولماقتا. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى جانلىق ئالاقىمىز يوقالماقتا. مەن ئۇلار مەڭگۈ يوقىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى خارابىيلىقلار بىلەن رىۋايەتلەر بۇ ئاراللاردىكى خەلقلەرنىڭ ھازىرقى ياۋايى ۋە يېرىم ياۋايى ھالىتىگە قارىماستىن، ئۇلارنىڭ بۇرۇن_بۇرۇنسىدىن تارتىپلا ئۇنداق بولماي، بەلكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان ۋە گۈللەنگەن خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تارىختىن بۇرۇنقى قەدىمكى بىر زامانلاردا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق زور بەختسىزلىككە يولۇققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئالىملار ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاسىيادا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، گەرچە بۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي دەلىل_ئىسپاتى يوق بولسىمۇ، بۇ كىتابىمدا مەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ زادى قەيەردە پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا قانداق بېرىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كۆرمەكچىمەن.
فرېدېرىك ئوبرايېنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ پولنىزىيە گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاراللاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققانلىقىدۇر.
ئۇندىن باشقا، مېكسىكا بىلەن مەركىزىي ئامېرىكىنىڭ مۇ نىڭ مۇستەملىكلىرى ئىكەنلىكى ۋە شۇ يەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى رىۋايەتلەرمۇ ئىسپاتلايدۇ. مۇ دىن كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى مۇستەملىكچىلەر سېرىق چاچلىق، ئاق تەنلىك كىشىلەر بولغان. بۇ كىشىلەر كېيىنچىرەك باشقا ئىرق ئاق تەنلىك قارا چاچلىق كىشىلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغان. سېرىق چاچلىق كىشىلەر ئۆز كېمىلىرىدە كۈن چىقىش، يەنى شەرق تەرەپتىكى يىراق يەرگە ئاتلانغان ھەم ياۋروپانىڭ شىمالى ھازىرقى سكاندىناۋىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مايا رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي ياۋروپا، كىچىك ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىلار مۇستەملىكە قىلىنغان ۋە ئۇ يەرلەرگە خۇددى، مايا، مەركىزى ئامېرىكا ۋە ئاتلانتىداغا ئوخشاشلا قارا چاچلىق ئىرق ئولتۇراقلاشقان. ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەن فرېدېرىك ئوبرايېنىڭ “جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاق كۆلەڭگىلەر” ناملىق قىزىقارلىق كىتابىدىن بىر نەچچە پارچىنى نەقىل كەلتۈرىمەن. مانا بۇ پارچىلار:
“بۇ زېمىنگە ئاق تەنلىك كىشىلەر (ھازىرقى بولىنىزىيەدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىرق) كەلگەن، چوڭ قۇرۇقلۇق قۇياش ۋە يۇلتۇزلار دىدارىدىن ئايرىلغان چاغدا، تايىتى ۋە ماركىز ئاراللىرىغا ئوخشاش ئاراللارغا ئايلىنىپ قالغان بۇرۇنقى تاغ چوققىلىرى ۋە ھايات قالغان كىشىلەر ھېسابسىز ئۇزاق يىللار مابەينىدە باشقا دۇنيادىن ئايرىلغانىدى.
بۇ ئاراللار ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىدىن ئايرىلغان ھالدا، تاش قوراللار دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ياشىغان ۋە كۆپەيگەن. ئۇلار بۇ يەردە بىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئادەتلىرىنى- ئىپتىدائىي دەۋرگە مۇناسىپ بولغان ياۋايى ۋارۋارلارچە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە”.

ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار

ھونلار مىلادى 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5-ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئېمپېرىيىسى (مىلادى 46-216 يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئېمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئېمپېرىيىسىنى قۇرۇپ ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
تۈركىي خەلقلەر ئەجداتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئۇرقۇن دەرياسى بويلىرىدا، چۇغاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا ۋە جەنۇبىدا ياشىغان.
ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە “ھون” سۆزى “كۈن” سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.
قەدىمكى چاغلاردا ھونلارمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا قامان (شامان) دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك قامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، قامان دىنى بويىچە “كۈن تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىش” مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا، قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى “كۈنلەر” دەپ ئاتاشقانىكەن. “كۈن” سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ “ھون” سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
تۈركىيەلىك پروفېسسور ئا.زەكى ۋەلىد توغانمۇ “ھون” ئاتالغۇسىنى “كۈن” دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ “ھون” سۆزىنىڭ ئورقۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ.
قەدىمكى چاغدا ئورقۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن “ھون” سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنىكەن.
مىلادى 5-ئەسىرنىڭ بېشىدا (420-يىلى) ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىن كەلگەن ئاق ھونلار باكتىرىيىنى بېسىۋېلىپ ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ كۇشانلارنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. ئاق ھونلار ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن روما تارىخچىسى فروكوفىيس ئۇلارنى “ئاق ھونلار” دەپ يازغان. 5-ئەسىردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىلىرى كۇشانلار بىلەن ئىپتالىتلارنى (ئاق ھونلار) “بىر_بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ” دېگەن. چۈنكى، كۇشانلار بىلەن ئىپتالىتىلار (ئاق ھونلار) ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن ئىدى. بۇنى “تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى. ئىپتالىتىلار ھەققىدە قىسسە” دىكى مەلۇماتمۇ ئىسپاتلايدۇ. يىلنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: “ئىپتالىتىلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن كېلىپ چىققان” تارىختا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەنلا ئەمەس. بەلكى توخارىستان، كۇشان ئىمپېرىيىسى، ئاق ھونلار (ئىپتالىتىلار) ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى يۈكسەك، باي مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.
تۈركىي خەلقلەر قەدىمكى چاغلاردا دۈشمەننى (بۇ سۆز پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن) “ياۋ” دەپ ئاتايتتى. “ياۋچى” دېگەن ئىسىم ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئۇرۇشقاق، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدىغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىقىغا قاراپ قويۇلغانىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا “ئاخۇن” قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى تاسادىبىي ھادىسە بولماستىن بەلكى “ئاق ھون” سۆزىنىڭ “ئاخۇن” سۆزىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئاق ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس بۈيۈك نەسەبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى لايىق كۆرگەن. مەسىلەن: مەمەت ئاخۇن، ساۋۇت ئاخۇن، دەپ قوللانغان. ئەسلىي بۇ ئىسىملار مەمەت ئاق ھون، ساۋۇت ئاق ھون بولۇپ “ئاق ھون” سۆزى “ئاخۇن” غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى “ئاخۇنجان ئاكا” دەپ ئاتىشىمۇ ئەسلىي “ئاق ھون جان ئاكا” سۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ئېيتىلىشىدۇر.
ئەمدى بىز ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان “ياپون” سۆزى ئەسلىي “ياۋا ھون” سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇش مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ياپون تىلىدا (日本 نىپپون) بولۇپ سۆزىنىڭ ئوقۇلىشى ئادەتتە ئېغىز تىلىدا “نىپون” ئەدەبىي يېزىقتا “نىخون” دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى “كۈن كۆتۈرۈلگەن جاي” دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن “كۈن” دەل بىز يوقىرى ئېيتقان “ھون” سۆزىنىڭ ئەسلىي مەنىسى بولۇپ بۇ يەردىكى “ھون” ئورخون دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. ياپون تىلىدىكى ئۈچ چوڭ شىۋىنىڭ بىرسى يەنى خوككايدۇ شىۋىسى ئالتاي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋە بولۇپ ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق فۇرمىسىدا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان ئوخشاشلىق بار. مەسىلەن، جۈملىدىكى ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كېلىش قوشۇمچىلىرىدا مەلۇم ئورتاقلىق بار. ياپونلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىدا ياشاۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىللىتى شۇنداقلا ياپون مىللىتىنىڭ يىلتىزى بولغان ئەينۇ (ئائىنۇ) لار بولۇپ ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھازىرقى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنى موڭغولىيە دالاسىدىن كەلگەن دىسە، بەزىلەر ئۇلارنى ئوكياندىن كەلگەن دەيدۇ يەنە بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، كىيىم_كېچىكى، مۇقەددەس ئۇسۇللىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە دالاسىدىن بولسۇن ياكى ئوكيان ئادىمى بولسۇن بىردەكلا ھونلار بىلەن باغلىنىشى بارلىغىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى، ياپونلار تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا “كۈن” نى چۈشۈرۈپ ئالغان بۇ نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلار “مۇ” قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇيغۇر ئېمپېرىيىسى يەنى “قۇياش ئېمپېرىيىسى” بىلەن موڭغۇلىيە دالىسىدىكى قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلساق خاتا بولماس. چۈنكى، قۇياشقا ئېتىقاد قىلىدىغان “مۇ” قۇرۇقلۇقىدىكى قۇياش ئېمپېرىيىسى ۋولقان پارتىلاش ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن گۇمران ھالاكەتكە ئۇچىرىغاندا 64 مىليون ئاھالە قۇربان بولغانىدى. ھايات قالغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىگە نىجاتلىق ئىزدەپ ئەتراپتىكى باشقا ئاراللارغا ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان، ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ قىياسىچە تىنچ ئوكياندىكى بۇ يوقالغان قۇرۇقلۇق 2050-يىلى يەنە قايتىدىن بارلىققا كېلىش مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. يەنە بۇ يەردە شۇنى يۈرەكلىك ھالدا قەيت قىلىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى پۈتكۈل دۇنياسىنىڭ تىل تەتقىقاتى كىتابى دەستۇر بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” دا ياپونىيە خەرىتىسىنىڭ سىزىلىشى ۋە يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرۈلۇپ “جابىرقا” دەپ ئىسىم قويىلىشىمۇ مېنىڭچە تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.
مەھمۇت قەشقىرى سىزغان خەرىتە

ياپونلار خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىپەك يولى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە كىيوتو ئۇنۋېرستېتى، توكيو ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستېتلەردە شۇنداقلا ياپونىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغۇلۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان بۇنداق قىزغىنلىقلار مېنىڭچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
قان تىپى جەھەتتىمۇ تەتقىق قىلغاندا ئارىيانلار شۇنداقلا نېمىسلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئا قان تىپىغا كىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان ئارىيانشۇناس ئالىملار ئارىيانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ئورتاق بولغان مۇنداق بىر پىكىرگە كەلدى. يەنى “ئارىيانلار ھونلار بىلەن بىردۇر. تۈركلەر ھونلارنىڭ قېرىندىشىدۇر” دېگەن يەكۈننى فورمىلالاشتۇرۇپ مۇنداق تەڭلىمە چىقاردى.

ئارىيان=ھون=تۈرك=ئۇيغۇر=

ئەمدى مەن ئۆزۈمنىڭ يۇقىرىقى بىر قاتار ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ تەڭلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان ئورۇنغا ياپونلارنى قويۇپ يەنە بىر بوشلۇق قويۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنى:

ئارىيان=ھون=تۈرك=ئۇيغۇر=ياپون=

ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ يۇقىرىقى تەڭلىمىنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار