كورلا نەشپۈتنىڭ ئارخىپى

ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى
ئەل ئىچىدە: «نەشپۈت — تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ بوۋىسى»دېگەن رىۋايەت بار. تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «نەشپۈت ئۆستۈرۈش ماكانى» دەپ نام ئالغان غەربىي دىياردىكى كورلىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخىنى قىسقا دېيىشكە بولمايدۇ. «تارىخنامە»دە: «بىپايان قۇملۇق نەشپۈتى، بىپايان قۇملۇقنىڭ شىمالىدىن چىقىدۇ. سوغۇققا چىداملىق، قورۇلمايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ بىپايان قۇملۇقنىڭ ئۆزى — بۈگۈنكى تارىم بەلۋىغىدۇر. غەربىي دىياردىكى نەشپۈت ماكانى كورلادەل تارىمنىڭ شىمالىي بەلۋېغىدىكى گۈزەل زېمىن بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا مەشھۇر بولغان «كورلا نەشپۈتى»نىڭ ئانا ماكانىدۇر. ھازىرغىچە خەلق ئىچىدە نەشپۈتنىڭ كورلىغا ماكانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى توغرىسىدا تۈرلۈك كونا − يېڭى رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلمەكتە.
كورلا نەشپۈتى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر
نەشپۈتنىڭ ئەڭ قەدىمى رىۋايىتى
1. نەشپۈت دەرىخى ۋە خانىكە قەبرىسى
قەدىمكى زامانلاردا تۆمۈرقوۋۇق(باشئەگىم)دە ئىبراھىمخان ئاتلىق بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا، ئۆز زېمىنىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى پۇقرالىرىنىڭ ياۋاشمۇ ، ئەمەسلىكىنى بىلگۈسى كېلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 500 دانە تۆگىنى يېتىلىتىپ، گۈزەل كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار كۆنچى دەرياسىدىن ئايرىلىپ، بىر قۇملۇقتا كېلىپ قاپتۇ. قارىسا، كۆز يەتكۈسىز قۇم دۆڭلىرىنىڭ چېكىنى كۆرگىلى بولماپتۇ. ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى، تۆگە كولدۇرمىلىرىنىڭ زىل ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانماپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ ئاخىرى پادىشاھ بىلەن نەۋكەرلەر ئالدىدا بىر گۈزەل يېشىل بوستانلىق نامايان بولۇپتۇ. ئالدىغا قارىسا، قامەتلىك توغراقلار قەد كۆتۈرگەن، بۇغا − ماراللار توپ − توپ بىلەن سەكرىشىپ، پۈتۈن دالا چېگە چېچەكلىرى ۋە جىگدە گۈلىنىڭ يېقىملىق پۇراقلىرى بىلەن تولغان، توقايلار خۇددى يېشىل پاياندازلار سېلىنغاندەك گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇلاق سۇلىرى مەرۋايىتتەك يالتىرايدىكەن، يايلاقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا خۇددى كۈمۈش لېنتىدەك پارقىراپ ، شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچسە تەننى يايرىتىپ ئۇدۇل يۈرەككە بارىدىكەن. ئۇنىڭ سۈيىدە ياسىغان ئەتكەن چايلار بەكمۇ تەملىك ئىكەن، ئۇنىڭ سۈيىدە پىشۇرۇلغان قوي گۆشى بەكمۇ مەززىلىك ئىكەن. ناۋادا ئۇ دەريادا يۇيۇنسىڭىز چاچلىرىڭىز پارقىراپ ، تېرىلىرىڭىز ۋالىلداپ كېتىدىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ خۇشاللىقىدىن بۇ دەرياغا «ئەزىم دەريا» دەپ نام قويۇپتۇ. دەريا بويىدا ئۇلار نەغمە قىلىپ ئۇسۇل ئوينىشىۋاتقاندا، كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان سالقىن شامال چىقىپتۇ ۋە شامال بىلەن تەڭ ئەتراپتىن يېقىملىق مۇزىكىدەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئەسلىدە شامالدا شاراقشىغان قوڭغۇراق تىكەننىڭ ئاۋازى ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئايالى خۇشاللىقىدىن «تىكەنلىك!…تىكەنلىك!» دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن كىشىلەر بۇ ئەتراپتىكى جايلارنى «تىكەنلىك» دەپ ئاتاپتۇ. ئىبراھىم خاننىڭ كۆڭلىگە بۇ جايمۇ ياراپ قاپتۇ. ئۇ بۇ ئەزىم دەريا قېشىغا بىر ئوردا سالدۇرۇپ ئۇنىڭ تاملىرىنى كاھىش بىلەن بېزەپتۇ، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئوردا دەرۋازىسىدىن بىرنى ئورنىتىپ دەرۋازا ئۈستىگە چىرايلىق نەقىشلەرنى ئويغۇزۇپتۇ…
بۇ پادىشاھنىڭ قەمبەرخان ئىسىملىك ئامراق بىر سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆسنى − جامالى ئايغا ئوخشاش چىرايلىق، قاشلىرى ئورغاقتەك ئىنچىكە، ئۆرۈۋالغان 10تال چېچى تال چىۋىقتەك يەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتسا بۇلبۇللارمۇ سايراشتىن توختاپ ئۇنى تىڭشايدىكەن. ئۇ ئۇسسۇل ئوينىسا، يايلاقتىكى كىيىكلەرمۇ ئۇنىڭغا جور بولىدىكەن. ئۇ شاتۇتىدەك ئەقىللىق، كىيىكتەك نازاكەتلىك، ئالتۇندەك ئېسىل بولۇپ ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى، ئەمگەك قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈدىكەن . پادىشاھ ئۇنى كۆز قارچۇقىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئۆرۈيدىكەن ، شۇڭا كىشىلەر بۇ قىزنى «خانكەئايىم» دەپ ئاتايدىكەن. قەمبەرخان ھەر كۈنى يۈرەكنى تىترىتىدىغان يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، كېنىزەكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەرخىل ياۋا مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يىغىدىكەن، يىغىلغان بۇ ئۇرۇقلارنى ئاخىرى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئالدى − كەينىدىكى بوش يەرلەرگە تىكىپتۇ. ئۇرۇقلار ئۈنۈپ ئاستا − ئاستا چوڭ بولۇپتۇ، خانكە نەشپۈت چېچىكىگە ۋە ئۇنىڭ شىرىن مېۋىسىگە بەك ئامراق ئىكەن. لېكىن، كۆچەتلەر ئىچىدە شاپتۇل، ئۆرۈك ، ئالما كۆچەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما نەشپۈت كۆچىتى يوق ئىكەن. بۇنى كۆرگەن خانىكەنىڭ باشلىرى چۈشۈپتۇ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپتۇ، كۈندە ئېيتىۋالغان شوخ ناخشىلىرىمۇ توختاپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ گۈزەل ئۇسۇللارنىمۇ كۆرەلمەپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئوردا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دەپتۇ: «سۆيۈملۈك ۋەزىر − ۋۇزرالىرىم ۋە ئوردا مۇلازىملىرىم مەيلى كىملا نەشپۈت دەرىخىنى تاپالىسىلا، ئۇ كىشىنى بەش يۈز تۇياق قوي بىلەن مۇكاپاتلايمەن» دەپ پەرمان قىپتۇ. ئەپسۇسكى، نەشپۈت دەرىخىنى نەدىنمۇ تاپقىلى بولسۇن؟ ۋەزىرلەر غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ، ئەمما ھېچقايسىسى گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كېڭەشكە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇلازىملاردىن بىرى پادىشاھغا تازىم بەجا كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ: «ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، مەن سىلىگە ۋە قەمبەرخان خانىكەگە جېنىم بىلەن خىزمەت قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى خالايمەن» بۇ گەپنى دېگەن مۇلازىم — خۇددى ياۋا ئاتتەك جەسۇر، ئەركەك شىردەك كۈچلۈك بولغان پادىشاھنىڭ مىراخورى ئىمىن ئىكەن. ئۇ، بىر قوينىڭ گۆشىنى كۆرمىدىم دەپ يەپ كېتەلەيدىكەن، بىر كومزەك شارابنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق ئىكەن، پادىشاھ خۇشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا ياخشى ئاتتىن بىرنى تەقدىم قىپتۇ. ئۇ شۇ ھامان سەپەرگە ئاتلىنىپ، چۆل − جەزىلەرنى كېزىپتۇ، دەشتى − باياۋانلاردا نەشپۈت كۆچىتى ئىزدەپ، ئۇسساپتۇ، چارچاپتۇ، ئاچ قاپتۇ، ئاخىرى مىڭ بىر مۇشەققەتتە، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، 50 تال نەشپۈت كۆچىتىنى بىر ئەسكى كىگىزگە يۆگەپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ خۇشاللىقىدىن ساقاللىرى تىترەپ كېتىپتۇ ۋە مىراخورغا قاراپ: «قەھرىمان ئات باقارىم، مەن ھەرگىز ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن، ساڭا بۈگۈنلا 500 تۇياق قوينى تەقدىم قىلدىم» دەپتۇ. ئىمىن، پادىشاھقا تازىم قىلىپ تۇرۇپ: «ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، سىزنىڭ ھىممىتىڭىزگە مىڭ رەھمەت. مەن بۇ قويلارنى ئالالمايمەن» دەپتۇ، پادىشاھ ھەيران بولۇپ: «بىچارە مىراخور، سەن بۇ بەش يۈز قوينى ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ ئۇنداق بولسا، يەنە 100 دانە قوينى قوشۇپ بېرەي، بولامدۇ؟» دەپتۇ. ئىمىن: «يوقسۇ، سۇلتانىم، مەرھەمەتلىك پادىشاھىم، ماڭا قوي لازىم ئەمەس، مېنىڭ ئۆزلىرىگە قويىدىغان كىچىككىنە بىر تەلىپىم بار ئىدى» دەپتۇ. پادىشاھ: «مېنىڭ سادىق مىراخورۇم، ساڭا نېمە كېرەك؟ ئېيتىۋەر، ئاللا سېنى دەرگاھىدا ساقلايدۇ» دەپتۇ.
ئىمىن: «ئۇلۇغ خاقانىم، مېنىڭ تەلىپىم — مەن باققا كىرىپ، ئېلىپ كەلگەن نەشپۈت كۆچەتلىرىنى تىكىپ، ئۇنى چاتاپ، ئاسراپ، بېغىڭىزنىڭ بىر باغۋىنى بولسام دەيمەن. بۇنىڭدىكى مەقسىتىم، نەشپۈتلەر تېزراق پىشىپ ھۆرمەتلىك قەمبەرخان خانكەئايىمنىڭ ئېغىزلىرىغا تېگىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم» دەپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. شۇندىن باشلاپ، باغ ئىچىدە ئىمىن چالغان راۋاب بىلەن قەمبەرخان ئېيتقان شوخ ناخشىلار ياڭراپتۇ. ئۇلار تىككەن، نەشپۈت كۆچەتلىرى باراقسان ئۆسۈپ، ئېچىلىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىمۇ بىخلىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ چېچەكلەشكە باشلاپتۇ. قەمبەرخاننىڭ بېشىدىكى سۇمبۇل چاچلار 16 ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈلۈشكە باشلىغاندا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ئوتلىرى تېخىمۇ يالقۇنجاشقا باشلاپتۇ.
يازنىڭ گۈزەل بىر ئاخشىمى ئىمىن يالغۇز ئولتۇرۇپ راۋابىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ يۈرەك كۈيلىرىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ:
ئاي يورۇقىدا ئېچىلماقتا گۈزەل غۇنچە،
نەشپۈتلەر مېۋە بەردى شۇنچە تاتلىق.
يۈرىكىمگە يوشۇردۇم مۇھەببىتىمنى،
ئەي!………
بۇ مۇھەببەت ناخشام ساڭا تالىق.
خۇددى بۇ ناخشا ئىچىدىن چىققاندەك، قەمبەرخان يەڭگىل قەدەم ئېلىپ ئىمىننىڭ قېشىدا پەيدا بوپتۇ. ئۇلارنىڭ تەنلىرى، خۇددى باغدىكى قوشماق نەشپۈتلەردەك بىر − بىرىگە جۈپلىشىپتۇ. ئۇلار بىر − بىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېيىشىپتۇ: «بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز، خۇددى قىيا تاشتەك يامغۇردا يۇيۇلمايدۇ، شامالدا ئۇچۇپ كەتمەيدۇ»، «بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز خۇددى مۇز تاغدىكى قار لەيلىسىدەك جوت − شىۋىرغانغا بەرداشلىق بېرىدۇ.» ئۇلار خۇدا ئالدىدا مۇنداق قەسەم قىپتۇ: «دېڭىزلار قۇرۇپ، تاغلار كوكوم تالقان بولسىمۇ قەلبىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.» ئۇلار يۈرەك سۆزلىرىنى دېيىشىپ بەخت پەيزىگە چۆمگەندە، تەقدىرنىڭ قارا بۇلۇتلىرى ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئەگىپتۇ…
ئەسلىدە ئۇلارغا قوشنا بولغان بىر ئەلدە ھايۋان تەبىئەتلىك، قەبىھ بىر خان ياشايدىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ، ئۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەردىن قوشنا ئەلدە قەمبەرخان ئاتلىق بىر گۈزەل قىز بار ئىكەن. ئۇ، ئايدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كۆزلىرى بۇلاقتەك، چاچلىرى بوستاندەك ئىكەن دەپ ئاڭلاپتۇ ۋە شۇئان غايىبتىن ئاشىق − بىقارار بوپتۇ. ئۇ، شۇ كۈنلا ئۆز ئوردىسىدىكى تىلى تاتلىق، دىلى زەھەر، گەپكە ئۇستا بىر خوجىنى تىكەنلىككە قىز سوراپ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. «ھۆرمەتلىك پادىشاھىم — ئىبراھىم ھەزرەتلىرى…» دەپ گەپ باشلاپتۇ خوجا: «ئۆزلىرىنى خۇدا پاناھىدا ساقلىسۇن بىزنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھىمىز ئابدۇللاخان، ئۆزلىرى بىلەن تۇغقان بولۇشنى نىيەت قىلدى. مەن پادىشاھقا ئەلچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ساھىبجامال سىڭىللىرىنى خانىشلىققا سوراپ كەلدىم.»
ئىبراھىم خان مۇنداق دەپتۇ: «قەمبەرخاننىڭ دېيىشىپ قويغان يىگىتى بار، ئۇ بولسىمۇ — ئوردېنىڭ باغۋىنى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان خوجا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ: «نەدىمۇ قاغا بىلەن ئاققۇ پەر كەلسۇن؟ بۇ خۇددى ئېشەككە ئالتۇن ئىگەر توقۇغاندەك ئىشقۇ؟ مەرھەمەتلىك ئالىيلىرى، ئابدۇللاخان ئۆزلىرىگە يەنە توققۇزمىڭ توققۇز يۈز قوي، توققۇزمىڭ توققۇز يۈز ئات، توقسان توققۇز پارچە يايلاق، توقسان توققۇز پارچە تېرىلغۇ يەر تەقدىم قىلماقچى دەپتۇ.» «ھۆرمەتلىك ئەلچى، قەمبەرخان بىلەن ئىمىننى ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى ئاي بىلەن يۇلتۇزلاردەك ئايرىلماستۇر» دەپتۇ ئىبراھىم خان. خوجا بۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن مىڭلاپ − مىڭلاپ ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ. ئىبراھىم خانمۇ ئونمىڭلاپ، ئونمىڭلاپ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپتۇ. خوجا ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەپتىبەشرىسىنى ئاشكارىلاپ تەھدىت بىلەن مۇنداق دەپتۇ: «ئۇلۇغ شاھىم، قەمبەرخان بىلەن ئابدۇللاخاننىڭ قوشۇلۇشى — خۇدانىڭ ئىرادىسى، سىز ئەگەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، ئابدۇللاخان غەزەپكە كېلىپ پۈتۈن تىكەنلىكنى تۈزلىۋېتىدۇ. «ئەزىم دەريا» − قان دەرياسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا سىزنىڭ تۇپرىقىڭىزدا ئادەملەرنىڭ ئىزى ئۆچىدۇ» دەپتۇ. ئىبراھىم خان قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن خوجا: «دانا، ئىبراھىم خان، سىزنى خۇدايىم ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، سىز ھازىرلا كىشى قەلبىنى ئەمدىشكە سالىدىغان ئۇ ياۋا توشقان — ئىمىننى كۆزدىن يوق قىلىڭ! سىزگە بەخت تىلەيمەن» ئىبراھىم خان ئاخىرى ماقۇل بولۇپ، ئون نەپەر نەۋكەرنى، ئىمىننى دەرھال ئوردىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئوردىدىكى كېنىزەكلەر بۇ شۇم خەۋەرنى دەرھال قەمبەرخانغا يەتكۈزۈپتۇ. قەمبەرخان شۇئان پادىشاھنىڭ چېۋەر ئېتىنى مىنىپ باققا قاراپ چېپىپتۇ ۋە بۇ خەۋەرنى ئىمىنكە ئېيتىپتۇ. گەپ ئەمدى تۈگىشىگە خوجا 10 نەپەر نەۋكەر بىلەن ئىمىننى تۇتقىنى يېتىپ كەپتۇ. ئىمىن خۇددى بىر ياۋايى شىرگە ئوخشاش غەزەپكە كېلىپ ھېلىقى 10 نەپەر نەۋكەر بىلەن ئىلىشىپ ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن خوجا دەرھال پىنھان بىر جاينى تېپىپ يوشۇرۇپتۇ. ئىمىن دەرھال قەمبەرخاننى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بۇ جايدىن قاچماقچى بولغاندا، دەرەخ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان خوجا، يىلان زەھىرى سۇغۇرۇلغان ئوقيا بىلەن ئىمىننى ئېتىپتۇ. ئىمىن قاتتىق ۋارقىراپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشكىنىچە خوجىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىپتۇ ۋە ئارقىدىن ئۆزىمۇ يەرگە يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن چىققان قىپقىزىل قانلار نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىزلىرىغا سىڭىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەمبەرخان ئۆزىنى ئىمىننىڭ ئۈستىگە تاشلاپ يىغلاپتۇ… پۈتۈن ئالەم قايغۇغا چۆكۈپتۇ. سالقىن شاماللارمۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ توختاپتۇ. قۇياشنى تۇمان قاپلاپ يەر − زېمىننى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. قەمبەرخان ئۈچ كېچە، ئۈچ كۈندۈز يېمەي − ئىچمەي يىغلاپتۇ. ياشلىرى ئۇنىڭ ياستۇقلىرىنى بويلاپ ئېقىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى ئۇنىڭغا: «ئىمىننىڭ جەسىتىنى ھەرەمباغنىڭ ئالدىدىكى ئەزىم دەرياغا تاشلاپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ. قەمبەرخان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرەمباغقا كېلىپ، ھېلىقى نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئاستىدا «ئەزىم دەريا»غا قاراپ، ئېچىنىشلىق مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپتۇ:
ئىمىن جانىم، ئىمىن جانىم،
كۆزدىن ئاقار قانۇ − ياشىم.
ئاھۇ زارىمنى ئاڭلىدىڭمۇ،
كۆڭلۈمدىكى قېرىنداشىم.
ئەي كىيىكلەر نەگە مۆكتۈڭ،
ئەي دەريالار نەگە ئاقتىڭ؟
سۆيۈملۈكۈم ئىمىن جانىم،
مېنى تاشلاپ، نەگە كەتتىڭ؟…
ئۇ، ناخشىنى ئېيتىپتۇ، ئېيتىپتۇ، ئاخىرى ھوشسىزلىنىپ نەشپۈت دەرىخى ئاستىغا يىقىلىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى كېنىزەكلەر ئۇنى كۆتۈرۈپ ئوردىغا ئەكىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئاكىسى ئىبراھىم خان ھېكىملەرنى، داڭدار موللىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنى كۆرسىتىپتۇ. قەمبەرخان نۇرسىز كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ ئاكىسىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ: «بىر تال ئوقيا ئىككى كېيىكنى قارغا ئالالمايدۇ. بىر يۈرەك ئىككى ئادەم ياخشى كۆرەلمەيدۇ. ئاكا! مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنى «ئەزىم دەريا» بويىغا دەپنە قىلىڭ، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭغا قاراپ ياتاي». ئىبراھىم خان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا: «سىڭلىم، ھايات دېگەن ئۇزۇن ھەم قىممەتلىك، سىزنىڭ قىممەتلىك ھاياتىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپتۇ.
قەمبەرخان: «چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ، ئادەمدە بىرلا يۈرەك بولىدۇ. مەن ئۆلگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئىمىن قالدۇرغان نەشپۈت كۆچەتلىرىنى، نەگە بارساڭلار شۇ يەرگىچە تىكىڭلار، ئۇلار ئېچىلىپ مېۋە بەرسۇن مەن ئۇنىڭغا قاراي ياتاي» ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا بۇ ئالەمدىن كېتىپ قاپتۇ. كىشىلەر قايغۇ ھەسرەت بىلەن ئۇنى «ئەزىم دەريا» بويىغا دەپنە قىپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاھىدە قەبرە قا تۇرۇپتۇ. بۇ — ھازىر كىشىلەر ئاغزىدا دېيىلىپ كېلىۋاتقان «خانكە قەبرىسى» شۇ ئىكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىبراھىم خان باشئەگىم (تۆمۈر قوۋۇق)قا قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى قەمبەرخاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە يول بويى، ھەتتا كورلىنىڭ كۆزى بولغان باشئەگىمگە كەلگىچە، ھېلىقى نەشپۈت كۆچەتلىرىنى تىكىپ كەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى گۈزەل يۇرت — تىكەنلىكدىن تاكى كورلا − باشئەگىمگىچە بولغان زېمىنلار − گۈزەل نەشپۈتلۈك باغلارغا ئايلىنىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئاشىق − مەشۇق ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ پاك روھلىرى بۇ باغلارنى ئايلىنىپ يۈرەرمىش…
كورلا نەشپۈتىنىڭ مەڭزىنىڭ قىزىل بولۇشى — ئىمىن ئۆز قان − تەرى بىلەن نەشپۈت كۆچەتلىرىنى سۇغارغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمىش… كورلا نەشپۈتىنىڭ شېرىن − تاتلىق بولۇشى — ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ ساپ مۇھەببىتىنىڭ شېرىن مېۋىسىمىش…»①
دېمەك، باشقا جەھەتتىكى گەپلەرنى دېمەي تۇرايلى، بۇ رىۋايەتتىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى — كورلا نەشپۈتىنىڭ كېلىش مەنبەسى — يەنىلا تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلغان غەربىي يۇرتتۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى چوڭ تارمىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تىكەنلىك رايون − كورلا نەشپۈتىنىڭ مۇھىم بازارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ ئارزۇ − ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.
2. خىزىرغا يولۇققان ئاشىق − مەشۇقلار
كورلا نەشپۈتىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت تارقىلىپ يۈرمەكتە:
«قەدىمكى زاماندا بىر مەھەللىدە بىر يىگىت ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ بالاغەتكە يەتكەندە، شۇ مەھەللىدىكى ئەمدىلا رەسىدە بولغان گۈزەل بىر قىزچاققا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇلار ئۇچرىشىش جەريانىدا يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكى ئوت، قىزنىڭ كۆڭلىگە ئۆتۈپتۇ. بارا − بارا ئۇلار كۆرۈشمىسە چىداشمايدىغان ئاشىق − مەشۇقلاردىن بولۇپ قاپتۇ. ئىككىسى توي قىلماقنى پۈتۈشۈپ يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن قىزنىڭ ئاتا − ئانىسى رەت قىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئۇققان يىگىت بىلەن قىز، بىر كەچلىكى مەسلىھەتلىشىپ يۇرتتىن قېچىپ كەتمەكچى، شۇ ئارقىلىق ئۆز بەختىنى تاپماقچى بوپتۇ. ئۇلار شۇ قاچقانچە ئۇزۇن يوللارنى يۈرۈپ ساينىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان زور بىر ئېقىننىڭ بويىدا ھالسىراپ ئولتۇرۇشقاندا، تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ، ساقاللىرى ئاپئاق ئاقارغان، بېشىغا سەللە ئورىغان سالاپەتلىك بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ:
— بالىلىرىم مەن سىلەرنىڭ سەمىمىي ساداقىتىڭلاردىن، چىن ئەقىدەڭلاردىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم، − بوۋاي بىر كۆچەتنى ئۇلارغا تەڭلەپتۇ، − بۇ بىر نەشپۈت كۆچىتى، ئاتايىن سىلەر ئۈچۈن جەننەتتىن ئالغاچ كەلدىم. بۇ خاسىيەتلىك مېۋە سىلەرگە كۆپ بەرىكەتلەرنى كەلتۈرگەي… − دەپتۇ ۋە كەينىدىنلا چاقماق چېقىلىپ ئۇ بوۋاي غايىب بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشىق − مەشۇقلار بۇ كۆچەتنى تىكىپ باغ − ۋاران قىپتۇ. ئۇلار قىلغان نەشپۈتلۈك باغلار بۇ دىيارغا تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپتۇ.»②
دېمەك، شۇندىن باشلاپ كورلا دىيارىدا نەشپۈتلۈك باغلار بىنا بولۇپ بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئارزۇ − ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپتىمىش.
3. ھېلىمەم ۋە نەشپۈت كۆچىتى
رىۋايەت قىلىنىشىچە قەدىمكى زاماندا كورلا دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھىلمەم دېگەن بىر قىز چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن نەشپۈتلۈك باغلارنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بۇ نەشپۈتلەردىن بىرەر تالنى ئۈزۈپ يەپ باقماقچى بولۇپ قولنى ئۇزاتقان ئىكەن، قولى ھاۋادا لەيلەپ قىلىپ نەشپۈتلەر كۆزدىن غايىب بوپتۇ… ئۇ، ئويغىنىپ بۇ چۈشىدىن بەكمۇ ھەسرەت چېكىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇ، ھويلىسىغا چىرايلىق بىر نەشپۈتلۈك باغ بىنا قىلىشنى ئويلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ، تاغ − داۋانلار ئېشىپ، دەريا − كۆللەرنى كېزىپ، بىر قۇم بارخانلار ئارىسىدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن كوجۇم مەھەللىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ، بۇ مەھەللە ئەتراپىدىكى دەرەخزارلىق ئىچىدىن 99 خىل نەشپۈت كۆچىتىنى تاللاپ، مىڭ بىر جاپادا، ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كەپتۇ ۋە ئۇنى تۈجۈپىلەپ باغلىرىغا تىكىپتۇ. ئەپسۇسكى بۇ كۆچەتلەردىن 98 تۈپ نەشپۈت كۆچىتى ئارقا − ئارقىدىن قورۇپ كېتىپ پەقەت بىر توپلا تۇتۇپ قاپتۇ. ھىلمەم بۇنىڭدىن نوتا ئېلىپ ئۆز يېرىدىكى باشقا ياۋا ئامۇتلارغا ئۇلاپتۇ. ئۇنىڭدىنمۇ بىر توپلا ئەي بوپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كۆچەت چوڭ بولۇپ مېۋە تۇتۇپ پىشىپتۇ. بۇ مېۋىلەر ناھايىتى خۇشپۇراق تەمى تاتلىق ھەم چۈرۈك، سۇلۇق بولۇپ كىشىگە لەززەت بېغىشلايدىكەن. ھىلىمخان ئۇنىڭغا «نەشپۈت» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۇ يۇرتتىكى باي، ھىلمەمگە كىشى ئەۋەتىپ: − «ھىلمەم پەقەت ئۇ نەشپۈت دەرىخىنى ماڭا سېتىپ بەرسىلە، نەشپۈت ئىگىسىنى شان − شۆھرەتلىك ۋە مال دۇنيالىق قىلىمەن» دەپتۇ. ھىلمەم باينىڭ پۇل ۋە مال − دۇنيالىرىغا پىسەنت قىلماي باينىڭ ئادەملىرىگە: «قوي بىلەن بۆرە سودا قىلىشالمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپكە چىداپ تۇرالمىغان باي تۈرلۈك سۈيقەستلەرنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئۇ، نەشپۈت دەرىخىنى قولغا چۈشۈرەلمەي، ئاخىرى يوشۇرۇنچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ نەشپۈت دەرىخىنى كەستۈرۋېتىپتۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ نەشپۈت دەرىخى بىرسى مىڭ بولۇپ كۆكلەپ چىقىپتۇ. ھىلمەم ۋە يۇرتداشلار باينىڭ يەنە ئۇنى ئوغرىلۇقچە كېسىۋېتىشىدىن ئەمدىزە قىلىپ، بۇ كۆچەتلەرنى كۆچۈرۈپ بىر − بىرلەپ ئۆز ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىپ تىكىپتۇ، يۇرتداشلارنىڭ ئەجىرى مېھنىتى بىلەن بۇ كۆچەتلەر چوڭ بولۇپ، كورلا دىيارنى نەشپۈتلۈك باغلارغا ئايلاندۇرۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ ھىلمەمنىڭ نامى تىللاردا داستان بولۇپ قاپتۇ.»③
نەشپۈتنىڭ يېقىنقى زامان رىۋايىتى
خانىغا نەشپۈت تەقدىم قىلىش
تارىخنامىلاردا يېزىلىشىچە، مىلادى 1780 − يىلى خوتەن، قاراقاشلاردا مەنسەپ تۇتقان قارا قاشلىق ھىزىم ئاخۇن بەگنىڭ نەشپۈتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاجايىپ بىر تەزكىرىسىنى ئۇچرىتىمىز. ئۇ تەزكىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بۇ ئادەمنىڭ 1940 − يىللىرىغىچە 6 ئەۋلادى مەنسەپ تۇتقان. يەنى ھېزىم شاھ ئوغلى خوش كېپەك، ئۇنىڭ ئوغلى مۇبارەك شاھ ھېكىم، ئۇنىڭ ئوغلى مەھەممەت ئىلى گۇڭ، ئۇنىڭ ئوغلى موسا گۇڭ، ئۇنىڭ ئوغلى ناسىرگۇڭ، ۋە يەنە ئەپروزگۇڭ، زايىتگۇڭ، ئىمىن ئەلەم، مۇھەممەتجان گۇڭ… بولار ھېزىم شاھ بەگدىن باشلاپ ھاكىم مەنسىپىدە بولۇپ، مەھەممەت گۇڭغا كەلگەندە خوتەن ۋەكىلى بولۇپ بىجىنغا بېرىپ خانىغا سالام بېرىش شەرىپىگە ئېرىشىپتۇ، ئۇ مەخسۇس بىر ھارۋا ياسىتىپ ئۇنىڭغا بىر توپ نەشپۈتنى كۆچۈرۈپ تۇتقۇزۇپ بىجىنغا ئاپىرىپ خانىغا تەقدىم قىلىپتۇ، شېخىنى سۇلاشتۇرماي، مېۋىسىنى تۆكمەي ۋە قورۇتماي مېۋىسى پىشقان ھالەتتە شۇنچە يىراق جايدىن ئېلىپ كېلىنگەن بۇ سوۋغاتنى كۆرگەن بىجىن خان، بەكمۇ رازىمەنلىك بىلەن مەھەممەت ئىلىگە «گۇڭ، ئۇنۋانىنى بېرىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى «گۇڭ خوجا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنسىپى 1780 − يىلىدىن تاكى 1948 − يىلىغىچە 168 يىل داۋام قىلىدۇ…»④
ئىزاھاتلىق چۈشەنچە:
ياقۇپ بەگ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مەنچىڭ خانى، ھىزىم ئاخۇننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن موساگۇڭ، ئىمىن ئەلەم قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇلارنى بىجىنگە ئېلىپ بېرىپ، موساغا يەنە «گۇڭ»لۇق مەنسىپىنى بەرگەن. موساگۇڭنىڭ ئوغلى ناسىر گۇڭغا (1983 − 1903) ئەمەل بېرىپ، ئۇنى چەرچەن، چاقىلىق، كورلا، پوچاڭ، شايار قاتارلىق جايلارنى باشقۇرۇشقا قويغان. ئۇ، دورال (پوچاڭ)دا تۇرۇپ بۇ جايلاردىن يىغىلىدىغان ئولپاڭلارنى پىچان − لۈكچۈن ۋاڭلىرىغا تاپشۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار (تۇڭلىڭ) بولغان. ئۇنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىمۇ 1949 − يىلى ۋاڭ، گۇڭ تۈزۈمى ئەمەلدىن قالغانغا قەدەر غۇلجا، ئاقسۇ، كۇچا، ئۈرۈمچى، يەكەن، خوتەنلەردە مەنسەپ تۇتقان.
دېمەك، ئەينى زاماندا غەربى دىياردىن خانغا سوۋغا قىلىنغان نەشپۈتنىڭ خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلىشى — نەشپۈتنىڭ ئەزەلدىن غەربىي دىيارنىڭ ئېسىل مېۋىسى يەنى «مېۋىلەر شاھى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
نەشپۈتنىڭ ئەڭ يېڭى رىۋايىتى
نەشپۈت ۋە ساچىر خانىم
نەشپۈتنىڭ ئەڭ يېڭى رىۋايىتى توغرىسىدا، دىيارىمىزدا چىقىدىغان مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ سەھىپىسىگە مۇنداق خەۋەرلەر بېرىلدى:
«1986 − يىل 10 − ئاي، جۇڭنەنخەي، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىرخانىم شەرىپىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبىرى خوياۋباڭ زىياپەت بېرىۋاتاتتى. زىياپەت ئۈستىلىگە ھەرخىل قورۇمىلار، نازۇ − نېمەتلەر ۋە يەل − يېمىشلەر تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، كىشىگە بايا شادلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتەتتى. شۇ ئارىدا ساچىرخانىمنىڭ كۆزى ساپ سېرىق پارقىراپ تۇرغان نەشپۈتكە چۈشتى. ئۇ نەشپۈتنى قولغا ئېلىپ بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن چىشلىرى ئارىسىغا سالدى، شۇئان ئۇنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولغان ھۇزۇرلۇق سېزىم پۈتۈن بەدىنىگە تارىدى – دە، ئارقا − ئارقىدىن ئىككى نەشپۈتنى يەۋەتتى. ساچىرخانىمنىڭ ھەرىكەتلىرىگە خوياۋباڭ دىققەت قىلىپ ئولتۇرغانىدى. ساچىر خانىمنىڭ خوياۋباڭغا دېگەن ماختاش سۆزىدىن مەلۇم بولدىكى، مۇشۇ زىياپەتتە ئۇنىڭغا نەشپۈت ھەممىدىن بەك تېتىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ساچىر خانىم ئەنگلىيىگە قايتىدىغان چاغدا خوياۋباڭ ئۇنىڭغا پەخىرلەنگەن ھالدا ئىككى يەشىك نەشپۈت سوۋغا قىلدى. بۇ دەل كورلا نەشپۈتى ئىدى. ئۇ پەقەت ساچىر خانىمنىڭلا تىلغا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ تىلىغا تېتىپ كەتكەچكە «كورلا نەشپۈتى» دېگەن ماركا چاپلانغان يەشىكلەر شياڭگاڭ بازىرىغا بۆسۈپ كىردى. كەينىدىنلا ھەرقايسى قىتئەلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇنى قىلچە ئىككىلەنمەي تالىشىپ سېتىۋېلىشتى. ھەتتا ئۇ چاغدىكى بازار ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن يېتىپ بارغان نەشپۈت تالاشتا قىلىپ بەزىبىر كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولدى…
بۇ ئىشلار دۇنيادىكى بەزى گېزىتلەرنىڭ مۇھىم سىتونلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى… دېمەك، كورلا نەشپۈتى دۆلەت ھالقىدى، قىتئە ھالقىدى…»⑤
شۇنداق، كورلا نەشپۈتى قەدىمدىن ھازىرغىچە قەدىرلىنىپ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يېڭى «رىۋايەت»لەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ پارلاق شان − شەرەپلەرگە ئېرىشىشنى تىلەيمىز. تۆۋەندە ئۇنىڭ تارىخىغا نەزەر سالايلى.
كورلا نەشپۈتى ھەققىدە تارىخلار
ئېلىمىزدە مىلادىدىن خېلى ئىلگىرىلا نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى ئېلىمىزدە تۈزۈلگەن تۇنجى لۇغەت «پاساھەتلىك سۆزلەر ئىزاھاتى» − كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ دەستۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا نەشپۈتكە دائىر مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. ئۇ مەزمۇنلاردا: «ئامۇت، تاغ ئامۇتى: يەنى بۈگۈنكى نەشپۈت دەرىخى، تاغدا ئۆسكىنى تاغ ئامۇتى دەپ ئاتىلىدۇ…كىشىلەر ئۆستۈرگىنى ئامۇت دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن ئېلىمىز ئەمگەكچان خەلقنىڭ ياۋا ئامۇتنى ئائىلىدە ئۆزلەشتۈرۈپ ئامۇت ۋە ھازىرقى نەشپۈتنى ياراتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. قەدىمكى كىتابلاردا يەنە كورلا نەشپۈتى توغرىسىدا خاتىرىلەر بار. ئېلىمىزدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 − ئەسىردە يېزىلغان «غەربىي پايتەخت خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا : «دەشتى ماكان نەشپۈتى − دەشتى ماكاندىن چىقىدۇ. سوغۇققا چىداملىق بولۇپ قورۇلۇپ قالمايدۇ. دەشتى ماكان بۈگۈنكى تارىم، بۇنىڭغا ئاساسەن پەرەز قىلغاندا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرى كورلا نەشپۈت دەرىخى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن»⑥ دەپ قارايدۇ. بۇ ئارقىلىق دەشتى ماكان نەشپۈتى — كورلا نەشپۈتى دېگەننى دەلىللەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتە بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرىمۇ كورلىدا نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بويىچە قارىساق، دەشتى ماكاننى تارىم دەپ چۈشەنگەندە، ئۇنداقتا كورلا دەل دەشتى ماكاننىڭ شىمالغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 − ئەسىردە يېزىلغان «غەربىي پايتەخت خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ تارىخ يىلنامىسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئېلىمىزدە جۈملىدىن غەربىي دىياردا نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخىنى 2500 يىلدىن كەم دېگىنى بولمايدۇ. بۇ مەلۇمات، شىنجاڭنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخى بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. دېمەك خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «غەربىي پايتەخت خاتىرىلىرى»دىكى پۈتۈكلەردىن قارىغاندىمۇ غەربىي دىياردىكى كورلىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ دەستۇردىكى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206 − يىلدىن مىلادى 222 − يىلغىچە) ئەدەبىي ليشىن يازغان «شاڭلىنيۋەندىكى داڭلىق مېۋىلىك دەرەخلەر» دېگەن بابتا ، شاڭلىنيىۋەننى ياسىغاندا، ھەرقايسى جايلاردىكى بەگلىكلەر تەقدىم قىلىپ ئەۋەتكەن داڭلىق مېۋىلىك كۆچەتلەر توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «10خىل نەشپۈت: سوسۇن نەشپۈت، كۆك نەشپۈت (مېۋىسى چوڭ)، خۇشپۇراق نەشپۈت (مېۋىسى كىچىك)، جىلغا نەشپۈت، ئىنچىكە يوپۇرماقلىق نەشپۈت، كۆكۈچ يوپۇرماقلىق نەشپۈت، سېرىق يوپۇرماقلىق نەشپۈت» دەپ ئىزاھلىسا، «تەيپىڭ شىڭگو يىللىرىدا خان يارلىقى بىلەن تۈزۈلگەن كىتابلار قامۇسى» دېگەن دەستۇردا: «كۆكۈش يوپۇرماقلىق نەشپۈت، سېرىق شاخلىق نەشپۈت ( بۇ ھەر ئىككىسى كورلىدىكى ئاساسى نەشپۈت سورتلىرىدىن ئىبارەت − ت)، دەشتى ماكان نەشپۈتى — دەشتى ماكاننىڭ شىمالىدا ئۆسىدۇ، سوغۇققا چىداملىق بولۇپ قورۇلۇپ قالمايدۇ» دەپ يېزىلغان. ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ئەسەر «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»دىن مەلۇم بولۇشىچە، «شاڭلىنيۋەن»نى چىڭ سىغۋاڭ بىنا قىلدۇرغان. بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئافاڭگۇڭ ئوردىسى «شاڭلىنىيۋەن»نىڭ ئالدىدىكى قەسرى ئىدى. بۇ سارايلار — خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ۋەيران بولغانلىقى مەلۇم. كېيىن خەن ۋۇدى پادىشاھ ئۇنى بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان. «شاڭلىنيۋەن»دىكى مېۋىلەر ئىچىدە «دەشتى ماكان نەشپۈتى ۋە غوز شاپتۇلى بار ئىكەن» بۇنىڭدىن قارىغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىلا غەربىي دىياردا ماكانلاشقان «دەشتى ماكان نەشپۈتى غەربى رايونلاردىن ئىچكىرىگە كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، تارىخچى خوباڭجو ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەشپۈت ھەققىدىكى يازمىلىرىدا «دەشتى ماكان»نىڭ ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئايرىم كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن دەشتى ماكان شىمالدا غەربى دىيار غەربتە بولۇپ ئورنى تامامەن ئوخشاش كەلمەيدۇ. خەن، ۋىي، جىن دەۋرىدىكى تارىم قۇملۇقىنى دەشتى ماكان دەپ قاراش − تامامەن خاتا، دەشتى ماكان نەشپۈتى — موڭغۇلىيە تارىم ئويمانلىقىدىن چىقىدىغان نەشپۈت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دەشتى ماكان نەشپۈتى — كورلا نەشپۈتى ئەمەس»⑦ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن دەشتى ماكان نەشپۈتىنىڭ دەشتى ماكاندىن چىقىدىغانلىقىنى ئىزاھلاش بىلەن بىرگە غەربى دىيار ياكى تارىم ئويمانلىقىدىنمۇ نەشپۈت چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. گەرچە خوباڭجو ئەپەندى «دەشتى ماكان» موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا تارىخى يازمىلاردا بۇ مەسىلە رەسمىي بېكىتىلمىگەن. مەسىلەن، مەشھۇر لۇغەت «ئوكيانوس»دا ئىزاھلىنىشىچە، ئىككى خەن، 6 سۇلالە دەۋرىدىكى «دەشتى ماكان»نى شىمالدىكى بىر كۆلنىڭ نامى دەپ ئىزاھات بەرگەن. ئەمەلىيەتتە «دەشتى ماكان»نىڭ مەنىسى دەۋرگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. مەسىلەن، 2 خەن، 6 سۇلالە دەۋرىدە، ئۇ شىمالدىكى بىر كورلىنىڭ نامى دېيىلسە، خەن ۋۇدى دەۋرىدە موڭغۇليىدىكى قالغاي تاغلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى دەپ دەلىللىگەن. «شىمالى سۇلالىلەر تارىخى — جورجانلار ھەققىدە قىسسە» دە «دەشتى ماكان» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنى بىردەك بولمىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي نامى بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئالتاي تاغلىرىنىڭ نامى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گوبى قۇملۇقىنى كۆرسەتكەن. غەربىي دىيار خەلقلىرىنىڭ ئۇقۇمىدا، تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكلىماكاننى كۆرسەتكەن. «دەشتى ماكان» مەنىسى توغرىسىدا، مەيلى تارىختا كىملەر نېمە دەپ يازمىسۇن، لېكىن نەشپۈتنىڭ غەربى دىياردىنمۇ چىقىدىغانلىقىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلمىغان. «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى غەربى دىيار خاتىرىلىرى»دە: «ئاگنى دۆلىتى (بۈگۈنكى قاراشەھەر)نىڭ تۇپرىقى — تېرىق، بوغداي تېرىشقا ۋە جىگدە، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ»⑧ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقتىدا قاراشەھەر تەۋەلىكىدىكى كورلىنىڭ زېمىندا نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدۇ. لېكىن ئۆز ۋاقتىدا كۆلەم جەھەتتە، سېتىپ چىقىرىش جەھەتتە داڭ چىقارمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە خان قورا تېغى ۋە ئاق تاغنىڭ شەرقى شىمالدىكى قاراشەھەر ھاۋا كىلىمات جەھەتتىن كورلىدىن سوغۇق ھەم يەر ئاستى سۈيى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئالما ئۆستۈرۈشكە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولۇپ نەشپۈت ئاساسەن ئۆستۈرۈلمەيدۇ. بۇ ئىككى تاغنىڭ غەربىدىكى كورلىدا بولسا تارىختىن نەشپۈت ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن. باشتا ئېيتقاندەك نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخىمۇ بىرقەدەر ئۇزۇن.
كورلا — «كورلا نەشپۈتى»نىڭ ئانا ماكانىدۇر
كورلا — ئۆزگىچە بولغان جۇغراپىيىلىك تەبىئىي شارائىتقا ئىگە. يەنى كورلا رايونى — تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا، مەشھۇر تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، كورلا ۋادىسى يەر شەكلى جەھەتتىن شەرقى شىمالى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى يانپاش بولغانلىقتىن دەريا ئېقىنلىرى شىمالدىن غەربى جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ ئېقىنلار ئۆز يولىدا نۇرغۇن بۇلاق سۇلىرى ۋە ئەگىز سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، كورلا خان قورا تاغ جىلغىلىرىدىن تاكى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا نۇرغۇن گۈزەل بوستانلىق ۋە يېشىل ئوتلاقلارنى شەكىللەندۈرگەن. كورلا دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىر (ئەڭ ئېگىز يېرى) ئېگىز بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ. ئوت − چوپ مول، سۈيى ئەلۋەك. ئۇندىن باشقا كورلا رايونىدا 3 چوڭ ئورمانلىق بولۇپ، شىمالى تاغدىكى شەمشاد ئورمانلىقى، جەنۇب تەرەپتىكى تارىم توغراق ئورمانلىقى، غەرب ۋە شەرق تەرەپتىكى تۈزلەڭلىك سۈنئىي ئورمانلىقى، كورلا رايونىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بىر خىل نەملىك ۋە سالقىنلىق بېغىشلايدۇ. ئومۇمىي ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، قىروسىز مەزگىلى 228 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، كورلا نەشپۈتىنىڭ قەنت مىقدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان كىلىمات ئەۋزەللىكىگە ئىگە. شۇڭا كورلىنىڭ ئۆزگىچە بولغان جۇغراپىيىلىك تەبىئىي شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن نەشپۈتلەرنىڭ تەمى، پۇرىقى، پوستىنىڭ قېلىن نېپىزلىكى، مېۋە تەركىبىدىكى يىپ تالاسىنىڭ ئاز − كۆپلۈكى، قەنت ماددىسىنىڭ يۇقىرى − تۆۋەنلىكى، چۈرۈك − سولۇقلىقى باشقا جايلاردا يېتىشتۈرۈلگەن نەشپۈتلەردىن كۆپ ئېسىل بولۇپ، بۇنى يەپ كۆرگەن كىشىلەرلا ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسى توڭچىژنىڭ ئاخىرقى يىلى 20 مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ غەربى دىيارغا كېلىپ، جىژلى ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى بولغان شياۋشۇڭ (خۇنەن يىڭياڭلىق تەخەللۇسى خاۋمو) يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ «شىنجاڭ خاتىرىسى شېئىرلىرى» دېگەن كىتابنى يازىدۇ. ئۇ كىتابىدا:
«شاخ − شېخىدا مەي باغلار ئىكەن،
بېشبالىقنىڭ داڭلىق نەشپۈتى.
نەشپۈتزاركەن قاراشەھەرمۇ،
خەلقنىڭ ھەم گۈل ئىكەن قولى»⑨ دەپ يازىدۇ. ھەمدە شېئىر ئاخىرىغا يازغان ئىزاھاتىدا: «ئۇيغۇرلار مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە ماھىر كېلىدۇ… مېۋىلىرى تاتلىق، ئۇ جايدا بىرقانچە خىل نەشپۈت بولۇپ، بىر خىلىنىڭ پوستى كۆرۈمسىز، گۆشى قاتتىق بولۇپ، تەمسىز، قىشتا ساقلاپ ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا توڭلاپ قالغان نەشپۈتنى (كۆك ئامۇت بولسا كېرەك − ت) سوغۇق سۇغا چىلاپ توڭنى چىقىرىۋېتىپ يېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەشپۈت كۆمۈر ئىسىدا ھوشسىزلانغانلارغا بېرىلسە، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. ئۇششاق يايمىچىلار شېكەر قوشۇپ پىشۇرۇپ ساتىدۇ. يەنە بىر خىل نەشپۈت چوڭ ھەم يۇمىلاق بولۇپ، پوستى قېلىن، تەمى تۇزلۇقراق بولىدۇ. (بۇ بىز ئاتاۋاتقان يالىردۇر.) يەنە بىر خىل نەشپۈت سەل كىچىكرەك بولۇپ، ئۇزۇنچاق كېلىدۇ. پوستى نېپىز، گۆشلۈك، تاتلىق، شېرنىلىك بولۇپ ئېغىزغا سالغان ھامان ئېرىيدۇ. (بۇ دەل كورلىدا قەدىمدىن ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن كورلىنىڭ ھەقىقىي نەشپۈت سورتى بولۇپ، ھازىر ئاز قالدى − ت) قاراشەھەردىن چىقىدىغان نەشپۈت باشقا جايلارنىڭكىدىن ياخشى… ئۆمرۈمدە يېگەن نەشپۈتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ جاينىڭ نەشپۈتىدۇر.»10
يۇقىرىقى يازمىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، شياۋشوڭنىڭ «قاراشەھەردىن چىقىدىغان نەشپۈت» دېگىنى ئەسلىدە كورلىدىن چىقىدىغان نەشپۈتنى كۆرسىتىدۇ. ئەينى ۋاقتىدىكى تارىخى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كورلا — قاراشەھەر بەگلىكىنىڭ تەۋەسىدىكى كىچىك بەگلىك بولۇپ، ئۇ چاغدا كورلا نەشپۈتى تېخى كۆلەملەشمىگەن، شۇنداقلا «كورلا نەشپۈتى» دېگەن ئېسىل «تاج»نىمۇ كىيمىگەن لېكىن شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، مىنگونىڭ 6 − يىلى (مىلادى 1918 − يىلى) 9 − ئايدا شائىر سەيياھ شې لىن باشئەگىمگە كەلگەن ۋاقتىدا كورلا نەشپۈتىنىڭ تەمىنى تېتىغان. ئۇ «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدا: «باشئەگىم دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە باراقسان ئۆسكەن نەشپۈتزارلىق بولۇپ مېۋىسى تاتلىق، بۇ نەشپۈت كورلا نەشپۈتى دەپ ئاتىلىدۇ.»11دەپ يازغان. ئەمەلىيەتتىمۇ باشئەگىم ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەل مۇھىتى بىلەن ئەل ئىچىدە مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن بەلكى، كورلا بويىچە تۇنجى نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەن جاي دەپ قارىلىدۇ. باشئەگىمنىڭ نەشپۈتىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈرۈك ھەم خۇشپۇراقلىق بولۇپ، پوستى نېپىز بولسىمۇ سوغۇققا چىداملىق يېسىڭىز ئېغىزدا ئېرىيدۇ. كورلىدا ئۆتكەن مەشھۇر مىچورنىچە باغۋەن تېخنىك ئىمىن قارى، (مەرھۇم 1875 − يىلى كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسىنىڭ تۆۋەن دوغار كەنتى باغۋەن مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1960 − يىلى 85 يېشىدا ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان)مۇنداق دېگەن: «باشئەگىم كورلىدا تۇنجى بولۇپ نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەن جاي، مېنىڭ تەكشۈرۈپ بىلىشىمچە، باشئەگىمدىكى بۇ نەشپۈت سورتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە نەچچە مىڭ يىل بولغان.» ھازىرمۇ باشئەگىم ئىچىدە گۈزەل نەشپۈتزارلىق بولۇپ، ئۇ يەردىكى نەشپۈتنىڭ تەمى، باشقا جايلاردىن چىققان نەشپۈتكە ئوخشىمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە: نەشپۈت كۆچىتى — ئاساسلىقى جىنسىز يول بىلەن يەنى ئۇلاش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلاق ئاستى كۆچىتى — ياۋا ئامۇت (دولى) بولۇپ، دولى كۆچىتى — دولى ئۇرۇقىنى تېرىش ئارقىلىق (جىنسلىق يول بىلەن) ئۆستۈرۈلۈپ بىر ئىككى يىللىق بولغاندا ئەلا سۈپەتلىك نەشپۈت دەرىخى ئۈستىدىكى نوتا ياكى بېخلار ئېلىپ ئۇلىنىدۇ. ئۇلانغان نەشپۈت دەرىخى 3 يىلدا چېچەكلەشكە باشلايدۇ. ياخشى پەرۋىش قىلىنسا 4-5 يىلدا مېۋىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈش ۋاقتىدا مېۋىلىرى كۆك بولۇپ، كۈزدە پىشىدۇ. پىشقاندا مېۋىسى سارغىيىدۇ. كۈن تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ. ھەربىر تال نەشپۈتنىڭ ئېغىرلىقى 06-051 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ چوڭ بولغاندا 170 گرامدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە سېتىپ چىقىرىشتا 100 گرامدىن چوڭ بولغانلىرىنى تاللاپ قاچىلايدۇ. كورلا نەشپۈتىنىڭ ھەر 001gدىكى مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى 01.4%، ئومۇمىي ئىشقارلىق تەركىبى 0.30%، ھاڭ تەركىبى 0-0.21%، ۋىتامىن C تەركىبى 4.53mg، سۇ تەركىبى 68.5%، يېمەكلىك قىسمى 38.6%نى تەشكىل قىلىدۇ. كورلا نەشپۈتىنى 9 − ئايلاردا ئۈزۈپ يەرلىك ئۇسۇلدا ساقلىسا كېلەر يىلنىڭ 4 − ئايلىرىغىچە تۇرىدۇ. ھازىرقى زامانىۋى ئۇسۇللار بىلەن بىرقانچە يىلمۇ ساقلىغىلى بولىدۇ. كورلا نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن. ئادەتتە 100 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن قېرى نەشپۈت دەرەخلىرىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. لېكىن نەشپۈت دەرىخى قېرىغانسېرى مېۋىلىرى ئۇششاقلاپ كېتىدۇ. ھاشاراتلەرنىڭ زىيىنىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ. كورلا نەشپۈت دەرىخى ئېگىز ئۆسكەنلىكتىن شامالنىڭ تەسىرىگە ئوڭاي ئۇچرايدۇ. نەشپۈت دەرىخى چېچەكلىگەندە ياخشى چاڭلاشمىسا مەھسۇلاتى تۆۋەن بولىدۇ.
شۇڭا كورلا نەشپۈتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا، باغ ئەتراپىغا ئىھاتە ئورمانلىرىنى ياخشى تىكىپ ئۇنى شامالدىن ساقلاش بىلەن بىرگە ھەسەل ھەرىسىنى چاڭلاشتۇرۇش ياردەمچىسى قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا نەشپۈت دەرەخلىرىنى چاڭلاشتۇرۇشقا ياۋا چېچىكى كۆپ بولغان يالى ۋە ئامۇت دەرەخلىرىنى باغ ئىچىگە ئاز تولا كىرىشتۈرۈپ تىكىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
نەشپۈت دەرىخىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا، ئەلۋەتتە تەدبىرلەر كۆپ، مۇھىمى تۈپ ئارىلىقىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، شامالنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتە نەشپۈت دەرەخلىرى چېچەكلەشكە باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇنى ھەر يىلى مۇۋاپىق تۈردە شەكىلگە كىرگۈزۈپ قايچىلاپ ئۇنىڭ بەك ئېگىز، قويۇق ئۆسۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىدۇ. بولۇپمۇ نەشپۈت دەرىخى مېۋە بېرىشكە باشلىغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ سۈيى، ئوغۇتى، ھاشاراتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
كورلا خەلقى نەشپۈت ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان نەشپۈت مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى زور ئابرۇيىغا ئىگە بولۇپ كەلدى.
ھازىر كورلا خەلقى نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن بەلكى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر سەنئەتنى قوللىنىپ، نەشپۈتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن نەشپۈت كونسېرۋاسى، نەشپۈت قېقى، نەشپۈت قىيامى، نەشپۈت شىرنىسى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا سېلىپ، ئۇنىڭ تاۋارلىق قىممىتىنى ئاشۇردى. بولۇپمۇ، كورلا نەشپۈتى — 1957 − يىلى، مەملىكەتلىك غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم نەشپۈت سۈپىتى جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ باھالاندى. شۇندىن باشلاپ كورلا نەشپۈتىنىڭ نامى خەلقئاراغا تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن كورلا نەشپۈتىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىققان جاي ۋە ئۇنىڭ ماركسىنى نېمە دەپ ئاتاش توغرىسىدا تۈرلۈك تالاش − تارتىشلار كېلىپ چىقىشقا باشلىدى.
بۇ تالاش − تارتىشلار — «شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى — كورلا نەشپۈتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەل بازارلىرىدا كۆپلەپ ئوبوروت بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. بولۇپمۇ 1974 − يىلى كورلا نەشپۈتى شياڭگاڭ ئارقىلىق چەتئەل بازارلىرىغا كىرگەندىن بۇيان، كورلا نەشپۈتىنىڭ نامى پۇركەتكەنىدى. شۇندىن باشلاپ كورلا نەشپۈتى «مېۋىلەر شاھى» دەپ تەرىپلىنىپ، كورلا شەھىرىدىن باشقا، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا، شايار، توقسۇ، ئاۋات، ئونسۇ ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ بۈگۈر، لوپنۇر قاتارلىق جايلىرىدا، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك 1 −، 2 −، 3 − شېسىنىڭ 30 دىن ئوشۇق تۇەن − مەيدانلىرىدا كۆپلەپ يېتىشتۈرۈلۈپ، كۆلەم ۋە مەھسۇلات مىقدارى يىلدىن − يىلغا ئاشتى ھەمدە دۆلەت ئىچى − سىرتىدا بەلگىلىك بازار ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىدى. نەتىجىدە، يۇقىرىقى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە ۋە تۇەن − مەيدانلار ئارا، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئەسلى چىقىدىغان جاي جەھەتتە كەسكىن تالاش − تارتىش كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن 2001 − يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت − تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى كۆپ تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىردىكى پىكرىنى ئېلىپ، كۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، كورلا نەشپۈتى چىقىدىغان جايلارنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقتى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشىگە سۇندى. يېقىندا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا دەلىللەش، بېكىتىش ئارقىلىق يۇقىرىقى ناھىيە، شەھەرلەرنى كورلا نەشپۈتى چىقىدىغان جاي دەپ ئاخىرقى يەكۈنىنى چىقاردى.»21
2004 -يىل، يىل ئاخىرىدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە كورلا نەشپۈتىنىڭ ئاساسلىق چىقىدىغان جاي بولغان ئوبلاستىمىزدا نەشپۈت كۆلىمى 700مىڭ 500موغا، يىللىق مەھسۇلاتى 190 مىڭ 500 توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە، يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 70 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋار مەھسۇلاتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئومۇمەن يۇقىرىقى تارىخىي يازمىلار ۋە بىرقاتار ئەمەلىي پاكىتلار ئىسپاتلايدۇكى، كورلا — «كورلا نەشپۈتى»نىڭ ئانا ماكانىدۇر.
« كورلا نەشپۈتى»نىڭ ئىستىقبالى
شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مېۋە − چېۋە ماكانى. ئۇنىڭدىكى نەشپۈت سورتلىرىنىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئوشۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كورلا نەشپۈتى ئەڭ داڭلىق. باشتا ئېيتقىنىمىزدەك، كورلا نەشپۈتىنىڭ پوستى نېپىز، گۆشى يۇمران، گۆش تالاسى ئاز، سۇلۇق، چۈرۈك، قەنت ماددىسى كۆپ بولۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىن بۇيان كورلا خەلقى، كورلا نەشپۈتىنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆستۈرۈپ كەلمەكتە. ئازادلىقتىن بۇرۇن كورلىنىڭ نەشپۈتلۈك كۆلىمى ئاران 300 مو ئەتراپىدا بولۇپ كۆلەملەشمىگەن، پەقەتلا ئۆزىنىڭ يەرلىك بازارلىرىنى قامداش ۋە ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامى ھەممە جايغا تارالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ ئېچىلدى. بولۇپمۇ ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كورلىنىڭ نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ھەمدە كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ باغ بىنا قىلىشىغا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقتىدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىپ، كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى باغۋەنچىلىك مەيدانلىرى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىلىق كېڭەيتتى. تېخنىكا جەھەتتە يەرلىك باغۋەنلەرنى يېتەكلىدى. بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى نەشپۈتلۈك باغ تاۋار بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، نەشپۈت بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ 6 −، 7 − بەش يىللىق پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ھەمدە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن «نەشپۈتلۈك تاۋار بازىسى قۇرۇلۇش ئىشخانىسى»نى تەسىس قىلدى. يېزا ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىشنىچىڭ تۇتۇش ئارقىلىق خەلقنى باي قىلىش بارلىق ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېرىشىش نىشانى بولۇپ قالدى، نەشپۈت بازىلىرىنىڭ ئېچىلىشى، نەشپۈت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشپۈتلۈك تاۋار بازىسى قۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلقنىڭ نەشپۈتلۈك باغ قىلىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. «بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق مەركەزلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش» فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەڭ ياخشى يەرلەر ئاجرىتىلىپ نەشپۈت ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن 1988 − يىلىغا كەلگەندە كورلا رايونىدىكى نەشپۈت باغلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 78 مىڭ 300 موغا يېتىپ 1949 − يىلىدىكىدىن 200 ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 16 مىڭ موغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8835 توننىغا يېتىپ 1949 − يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 100 ھەسسىگە باراۋەر كەلدى. بايىنغولىن گېزىتىنىڭ 2005 − يىل 9 − ئاينىڭ 16 − كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورلا نەشپۈتى مەملىكىتىمىزدىكى 20 نەچچە ئۆلكە − شەھەر ۋە سىنگاپور، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتكە سېتىپ چىقىرىلىپ، كورلىنى دۇنيا تونۇتتى. بۇنىڭ بىلەن كورلا شەھىرىلا ئەمەس بايىنغولىن دائىرىسىدىكى بۈگۈر، لوپنۇر، 2 − دىۋىزىيەنىڭ بىر قىسىم تۇەن − مەيدانلىرى نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادى ئۈنۈمنى بارغانسېرى ئاشۇردى. 2066 − يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا كورلا، بۈگۈر، لوپنۇر ناھىيىلىرىنىڭ ئومۇمىي نەشپۈت يەر كۆلىمى 630 مىڭ موغا يەتكەن. 80 مىڭ نەشپۈتچىلىك ئائىلىسىگە چېتىلىدىغان بۇ باغلارنىڭ باغ ئىگىسىگە «كورلا نەشپۈتى نەشپۈتلۈك باغ گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بېرىش خىزمىتى جىددى ئىشلەنگەن. 2006 − يىلى 10 − ئايدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا «بۇ يىل ئوبلاستىمىزنىڭ (يېزا ئىگىلىك 2 − شىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). نەشپۈت مەھسۇلاتى 258 مىڭ 830 توننىغا يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 62 مىڭ 830 توننا ئاشقان»31 2006 − يىلدىن باشلاپ كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئىناۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان، ئوراپ قاچىلاش، ماركا چاپلاش بىردەك بولماسلىقتەك ئەھۋاللارغا جىددى مۇئامىلە قىلىپ ئوبلاستلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ئوبلاستلىق نەشپۈتچىلىك جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئوراپ قاچىلاشنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئوراپ قاچىلاشتا «كورلا نەشپۈتى» دېگەن خەت ئۇيغۇرچە − خەنزۇچە بولۇشى، يەنە ساندۇق ئاستىغا چىققان ئورنى «جۇڭگو − شىنجاڭ − كورلا» دەپ يېزىشنى بىرلىككە كەلتۈردى. يۇقىرىقى ئۆلچەمدە قاچىلانمىغان ماللار بىردەك «ماركا ھوقۇقىغا دەخلى − تەرز يەتكۈزۈش قانۇنى» بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن كورلا نەشپۈتىنىڭ ئابرۇي قوغدىلىپ ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىلدى. مەسىلەن ئالايلى: 1996 − يىلى 1 − ئايدا «كورلا نەشپۈتى»، مەملىكەت بويىچە 1 − ئەسلى مەھسۇلات ئورنى ئىسپات ماركسى قاتارىدا رويخەتكە ئېلىندى. 2002 − يىلى شىنجاڭدىكى داڭلىق ماركا بولۇپ باھالاندى. 2005 − يىلى ئوبلاستىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئوبلاستىمىزدا مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركا بولماسلىق بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كورلا نەشپۈتنى جۇڭگودىكى داڭلىق ماركىغا كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «دۆلەت ماركا ئىدارىسى 2006 − يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 87 داڭلىق ماركىنى ئېتىراپ قىلغاندا، كورلا نەشپۈتىمۇ داڭلىق ماركىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى»41.
يېقىندا مەلۇم بولۇشىچە: «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈمى»، «تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى» ۋە «كورلا نەشپۈتى»دىن ئىبارەت 3 خىل ئالاھىدە مېۋىسى يېقىندا دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇغراپىيىلىك بەلگىسى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلانغان. جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بار مەھسۇلاتلارنى قوغداش خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان بىلىم − مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى — (WTO-TRIPS، يەنى سودىغا ئالاقىدار بىلىم − مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كېلىشىمى) دە بەلگىلەنگەن. جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بار مەھسۇلاتلارنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سەرخىلى بولۇپلا قالماي يەنە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. «تۇرپان ئۈزۈمى»، «تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى» ۋە «كورلا نەشپۈتى» دۆلەت ئىچىدە مەشھۇر بولۇپلا قالماي، خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك داڭقى بار. جۇغراپىيىلىك بەلگە، بىلىم − مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بۇ، «تىلتۇمار»غا ئىگە مەھسۇلاتلار قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ»51.
دېمەك، كورلا نەشپۈتى خەلقئارا بازاردا كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولدى. مانا بۇ كورلا نەشپۈتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە كورلا شەھىرىنىڭ ھەممە جايلىرى نەشپۈتلۈك باغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، باغلاردا نەشپۈتلەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. ھازىر كورلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرىنچىدىن، سىياسەتكە؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئەقىل − پاراسىتىگە ۋە ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ نەشپۈت يۇرتى — كورلىنىڭ بەختىيار ۋە گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.
ئىزاھاتلار:
③① خەلق رىۋايىتى
⑤② دىلىرۇس: «رىۋايەت ۋە رېئاللىق باغرىدىكى ئىرەمباغ — كورلا»
(ئەدەبىي ئاخبارات) «بوستان ژۇرنىلى 1999 − يىل، 3 − سان، 7 −، 8 − بەتلەر
④ ئابدۇۋەلى روزى: «چاقىلىق تارىخىدىن دىرەتلەر»، «بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى» 7 − قىسىم 246 − بەت.
01⑨⑥ شياۋشوڭ: «ئۆتكەن زاماندىكى غەربى دىيار شېئىرلىرىدىن كۆچۈرمىلەر» خەنزۇچە نەشرى 298 − بەت.
⑧⑦ «كورلا تارىخ ماتېرىياللىرى» 1 − توپلام 1997 − يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 54 −، 55 − بەت
11 شى لىن: «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى» كورلا تارىخ ماتېرىياللىرى 1 − توپلام، 161 − بەت.
21 «بايىنغولىن گېزىتى» (ئۇيغۇرچە) 2004 − يىل 12 − ئاينىڭ 31 − كۈنى 3 − بەت خەۋىرى.
31 «بايىنغولىن گېزىتى» (ئۇيغۇرچە) 2006 − يىل 10 − ئاينىڭ 23 − كۈنىدىكى خەۋىرى.
41 «بايىنغولىن گېزىتى» (ئۇيغۇرچە) 2006 − يىل 10 − ئاينىڭ 20 − كۈنىدىكى خەۋىرى.
51 «بايىنغولىن گېزىتى» (ئۇيغۇرچە) 2006 − يىل 9 − ئاينىڭ 24 − كۈنىدىكى خەۋىرى.
(ئاپتور بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئارامغا چىققان)
خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: دىيارىمىز
يېڭى تېمىلار