مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى

ئابدۇللا مەتقۇربان

20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ، بولۇپمۇ ئەدەبىي تەنقىد ساھەسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىشچان باغۋىنى مۇھەممەت پولاتنىڭ نامى بىلەن باغلىنىدۇ . مۇھەممەت پولات ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مۇھەببەت ۋە ھارارىتىنى ، ئىجادىي مېھنەت ۋە ئىزدىنىشلىرىنى ، مول بىلىم ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە بېغىشلىدى . بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئىلمىي نەتىجىگە ئېرىشىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى . يەكۈنلەشكە ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بەزى تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلدى . مەن بۇ ماقالىدە مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن.
كۈچلۈك نەزەرىيىۋىلىك مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىشقا مۇناسىپ بولغان روشەن ئالاھىدىلىكى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەزەلدىن ئاجىز ساھە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائەت ئېتىراپ قىلىۋاتقان بىر رېئاللىق . لېكىن شۇ نۇقتا ئېنىقكى ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاجىزلىقى ھەرگىزمۇ بىزدە ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يوق ياكى ئازلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . مۇھەممەت پولاتنىڭ ئۆز ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، بىزدە ھازىر ئەدەبىي تەنقىد يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا يېتەرسىز بولۇۋاتقىنى ئىلمىي ، يېڭى ۋە چوڭقۇر بولغان نەزەرىيە . خېلىلا كۆپ سانلىق ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ تەسىرات ماقالىلىرى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەب ، مېنىڭچە ئۇ ماقالىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى قۇۋۋىتىنىڭ كەملىكى ، ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى سەۋىيىسىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكىدە . بىز بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلمىغىنىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ سەۋىيىسىنى مەڭگۈ يۇقىرى كۆتۈرەلمەيمىز . مۇھەممەت پولاتنىڭ ماقالە ، ئەسەرلىرى باشتىن-ئاخىر دېگۈدەك ئىلمىي نەزەرىيىلەر بىلەن تويۇنغان . مۇھەممەت پولات ئىجتىمائىي پەنلەر ، بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئەتشۇناسلىق بويىچە سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق تەربىيىلەنگەن ، ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى پۇختا ۋە ئەتراپلىق . مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا بولغان ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سەمىمىي مۇھەببەت ئۇنىڭدا توختاۋسىز ئىزدىنىش ، قېتىرقىنىپ كىتاب كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . بۇنداق روھ ۋە ئادەت ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۈچلۈك ۋە ئىلمىي نەزەرىيىۋىلىككە ئىگە قىلغان . مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى قاراشلىرى 19-ئەسىردىكى رۇس ئىنقىلابى دېموكراتلىرىدىن چېرنىشېۋىسكىي (1828 — 1889) ، دوبروليوبوف (1836 — 1861) ، بولۇپمۇ بېلنىسكىي (1811 — 18488)نى ئۆرنەك قىلغان . ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدىن ھەتتا ماكسىم گوركىي (1868 — 1936) ، شۇنىڭدەك لوناچارىسكىي (1875 — 1933)لارنىڭ تەسىرىنىمۇ بايقاش مۇمكىن . لېكىن مۇھەممەت پولات ئۇ ئۆرنەكلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي پسىخىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەبىئىي بىرلەشتۈرگەن . بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى ، سەنئەت ، جۈملىدىن ئەدەبىيات نۇرغۇن جەھەتتىن مىللىيلىككە ئىگە بولغاندىن سىرت ، ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا مەنىۋى ياقتىن ياندىشىش ، ئىنسان مەنىۋىيىتىنى قېزىش ۋە ئىنسانغا مەنىۋى ياقتىن يېتەكچىلىك قىلىش نۇقتىسىدىن ئۇ يەنە دۇنياۋى ئورتاقلىققىمۇ ئىگە . بۇ نۇقتىدىن سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ نەزەرىيىسى ھېچقاچان مىللىي تەركىب بىلەن ئايرىلمايدۇ . مەسىلە ئۇنى مىللىي سەنئەت بىلەن مىللىي ئەدەبىياتقا قانداق تەتبىق قىلىشتا . يەنە بىر جەھەتتىن ، مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى قاراشلىرى ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى تۇپراق قىلغان . ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتنىڭ 20-ئەسىردىكى پۈتكۈل تەرەققىيات مۇساپىسى ، ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى بارلىق ئۇتۇق ۋە يېتەرسىزلىكلىرى ، توپلىغان تەجرىبە ۋە ساۋاقلىرى مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىنى ئىنتايىن كەڭرى مەيدان بىلەن تەمىنلىگەن . قىسقىسى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردىكى تارىخىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى مۇھەممەت پولات ئەدەبىيات نەزەرىيىسى كۆزقاراشلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسى . مۇھەممەت پولات يۇقىرىقى ئۆرنەك ، بولۇپمۇ مەنبە ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ماقالە ، ئەسەرلىرىدە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن جىددىي ۋە خاراكتېرلىك بولغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ، تۇرمۇش چىنلىقى ۋە بەدىئىي چىنلىق ، بەدىئىي ئەسەرلەردىكى ئوبراز ۋە خاھىش ، زامانىۋىلىق ۋە دەۋر روھى ، مىللىيلىك ، ئىجادىيلىك ۋە يېڭىلىق ، بەدىئىي ئۇسلۇب قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق يورۇتقان . ئۇ مۇھاكىمە قىلغان نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈر ۋە ژانىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ ھەرقايسى جەريان ۋە ھالقىلىرىغا چېتىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەسەرلىرى تەبىئىي ھالدا ناھايىتى كۈچلۈك نەزەرىيىۋى قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان . مۇھەممەت پولاتنىڭ بۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان نەزەرىيىۋى قاراشلىرى ئىلمىي ، سىستېمىلىق ۋە يېڭى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ۋە سالماقلىق ئورۇن تۇتىدۇ . مۇھەممەت پولاتنىڭ «ياخشىراق يازايلى ، قىسقىراق يازايلى» توپلىمىدىكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزىنىڭ تەرەققىياتى» ، «شېئىرىيىتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا بەزى مۇلاھىزىلەر» ، «كىتابخانلىق تەسىراتلىرى» توپلىمىدىكى «شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە تېما ۋە مەزمۇن» ، «ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا بىر نەزەر» ، «ئەدەبىيات ۋە دەۋر» توپلىمىدىكى «ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى» ، «سەنئەت كۈچى بىلەن جانلاندۇرۇلغان خاراكتېرلار چىنلىقى»دىن باشقا ماقالىلەر ، «ئەدەبىيات چىنلىق ۋە گۈزەللىك زېمىنى» توپلىمىدىكى «ئەدەبىياتىمىزنىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىغا بىر نەزەر» ، «ساغلام ، ئىلمىي ئەدەبىي تەنقىد يېڭى ، ئىجادىي ئەدەبىياتنى يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى» ، «يېڭى دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز» ، «رېئاللىقنىڭ كىچىكلىتىلگەن بەدىئىي سۈرىتى» توپلىمىدىكى «ئەدەبىياتىمىزغا لازىمى ھەقىقىي ئىلمىي ئەدەبىي تەنقىد» قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدە ، شۇنداقلا مۇھەممەت پولات ئىلمىي ئىجادىيىتىدە بىردىنبىر مەخسۇس تېمىدىكى چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدىغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا» ناملىق كىتابىدا ئوبيېكت قىلىنغان تۈرلۈك ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېتەكچى خاراكتېرىدىكى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يورۇتۇلغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۇقىرى ئىلمىيلىككە ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ، ئۇنىڭ ھەرقايسى ژانىرلار بويىچە قولغا كەلتۈرگەن مول مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەلۇم مەنىدە مۇھەممەت پولاتنىڭ نەزىرى جەھەتتىكى يۇقىرىقى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
كۈچلۈك ئىلمىيلىك ، بەدىئىي ھەقىقەتنى بەدىئىي ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ، مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى . ئەدەبىي تەنقىد بۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىدىن باشقا سۈپەت ۋە ئۆلچەملەر بىلەن بىرگە يەنە يۈكسەك ئىلمىيلىكنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەسلىدىلا ئىلمىي پائالىيەت ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن . چۈنكى ئەدەبىي تەنقىدتىكى «تەنقىد» سۆزى نوقۇل ھالدا ئوبيېكتنى پرىنسىپسىز ماختاپ ئۇچۇرۇش ياكى غەرەزلىك ھالدا كالتەكلەپ ئوجۇقتۇرۇش مەنىسى بولماستىن ، باشتىن-ئاخىر ئاشۇ ئوبيېكتنى كۆزىتىش ، مۇلاھىزە قىلىش ، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا ، بەدىئىي ھەقىقەتنى بەدىئىي ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھا بېرىش مەنىسىگە ئىگە . بىز مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەسەرلىرىدىن پرىنسىپسىزلىق ۋە قوپاللىقنى بايقىمايمىز ، ئەكسىچە ئىزچىللىققا ئىگە سەمىمىيلىك ۋە ئىلمىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمىز . بۇ جەھەتتىن ئالغاندا مۇھەممەت پولات ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا قولىغا قەلەم ئالغان ھەرقانداق بىر كىشىگە سەمىمىي باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇنىڭ قەلەم ئىگىلىرىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۆلچىمى قانداقتۇر نوپۇز ياكى سالاھىيىتىگە قاراش بولماستىن ، بەلكى ئۇ ئۆزى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن «يېڭىلىق» ۋە «ئىجادىيلىق» تارازىسىدا ئۆلچەشتۇر . مۇھەممەت پولات ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك يازغۇچى ، شائىرلار ۋە كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئىزچىل ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسى ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەل شۇ يەردە . مۇھەممەت پولات يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىقتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مىزاننى چىقىش قىلىپ ، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ھادىسىلەر ، جۈملىدىن كونكرېت ئەسەرلەر ھەققىدىلا تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ . زۇنۇن قادىر ، تېيىپجان ئېلىيوپ ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، قېيۇم تۇردى ، ئوسمانجان ساۋۇت ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ، ئەھەت تۇردى ، مىجىت ناسىر ، مەمتىمىن ھوشۇر ، مۇھەممەت باغراش ، خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق شەخسلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردىمۇ يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ نوپۇزى ، سالاھىيىتى ياكى شەخسىيىتىنى قىلچە تىلغا ئالماي ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ، ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىنىلا باھالايدۇ . يېتەرسىزلىك كۆپرەك ساقلانغان ئەدەبىي تەنقىد ساھەسى ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ ، بۇنداق يېتەرسىزلىككە سەۋەبچى بولغان ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاش خاراكتېرىدىكى قوپاللىقتىن ساقلىنىدۇ . پاكىتنىڭ ئۆزىنى سۆزلىتىش ، مىسال قىلىپ ، ئۇنى ئىلمىي يوسۇندا مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئاپتور ۋە كىتابخاننى قايىل قىلىش مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىنىڭ بىر خىل ئېسىل ئىلمىي ئىستىلى.
ئىزچىللىق: سوتسىئولوگىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدتىن ئېستېتىك-پسىخىك تەنقىدكە يۈزلىنىش ، مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئۈچىنچى ئالاھىدىلىكى . مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەدەبىي تەنقىد مېتودى ئېستېتىك — پسىخىك تەنقىدنى نىشان قىلىپ ، ئۇنىڭغا يانداشقان ، لېكىن سوتسىئولوگىيىلىك تەنقىدنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مۇھەممەت پولات بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پروزىسى ۋە شېئىرىيەت ھادىسىلىرىگە ، شۇنداقلا «ماغدۇر كەتكەندە» ، «چېنىقىش» ، «تاڭ ئالدىدا» ، «ئىز» ، «ئىزدىنىش» ، «تۈندىكى چاقماق» ، «داغ» ، «مەھمۇت قەشقەرى» ، «باھار غۇنچىلىرى» ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى ، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرلىرى قاتارلىق كونكرېت ئەسەرلەرگە سوتسىئولوگىيىلىك مېتود بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ خاھىشى ، ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئاشۇ مېتود بىلەن باھالىدى . بۇنىڭدىن مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى بولغان سوتسىئولوگىيىلىك ئىزچىللىق شەكىللەندى . كىتابخان مۇھەممەت پولاتنىڭ يۇقىرىقى ئەدەبىي ھادىسىلەر ، جۈملىدىن كونكرېت ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدىكى تەھلىل ۋە بايانلىرىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭلا ئەمەس ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭمۇ ئەسىرلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى بىلەلەيدۇ . بۇ نۇقتىدىن مۇھەممەت پولاتنىڭ ئەسەرلىرى بەلگىلىك ئىجتىمائىي تونۇش قىممىتىگە ئىگە . ئەمما مۇھەممەت پولات «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ئەسەردىكى باقى ، «چېنىقىش» ناملىق ئەسەردىكى مەتنىياز ، «دولان ياشلىرى» ناملىق ئەسەردىكى كەنجى ، «سۈبھى» ناملىق ئەسەردىكى ئەسئەت ، «قېرى يېتىم» ناملىق ئەسەردىكى رەخىمجان ، «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ئەسەردىكى توختى قاتارلىق بەدىئىي ئوبرازلارغا پسىخىك نۇقتىدىن ياىدىشىپ ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ تراگېدىيىلىك تەقدىرىنىڭ پسىخىك ئاساسىنى قېزىپ چىقتى . «ساتىرامىزنىڭ ياخشى نەمۇنىسى» ، «ئىككى ساتېرا ھەققىدە ئىككى مۇھاكىمە» قاتارلىق ماقالىلەردە بولسا ئوبيېكت قىلىنغان ئەسەرلەردىكى كومېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان تەركىبلەر ھەققىدە ئېستېتىك تەھلىللەرنى ئېلىپ باردى . بۇ جەھەتتىن مۇھەممەت پولاتنى ئەدەبىي تەنقىدتە سوتسىئولوگىيىلىك تەنقىد ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئاساسىدا ئېستېتىك-پسىخىك تەنقىدنى نىشان قىلغان ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ . ئەسىر ئالمىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بەزى ئەدەبىي ھادىسىلەر بىزدىن ئەدەبىي تەنقىدتە سوتسىئولوگىيىلىك مېتودتىن باشقا ئېستېتىك پسىخىك تەنقىد مېتودىنى يېتەكچى قىلىپ ، بەدىئىي ئەسەرلەردىكى قۇرۇلما تەتقىقاتى ، پروزىدىكى بايان تەتقىقاتى ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات مېتودلىرىنىمۇ قوللىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
جۈرئەتلىك بولۇش: ئوبيېكت قىلىنغان ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ دەل ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش ، مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تۆتىنچى ئالاھىدىلىكى . مىللىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان خاھىشنىڭ بىرى بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، بۇ بەزى تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ئوبيېكت قىلىنغان ئەسەرلەرنى ياكى باشتىن-ئاخىر ماختاش ، ياكى باشتىن-ئاخىر ئىنكار قىلىشىدا كۆرۈلىدۇ . ئەمما مۇھەممەت پولات بۇ خاھىشتىن خالى . ئۇ كونكرېت بىرەر ئەدەبىي ھادىسىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ، بىر تەرەپتىن ئۇنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويۇپ ئاندىن مۇھاكىمە قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ۋە ئىلمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، يەنە ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكى ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ، ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇل-چارىلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، ئۇنىڭ «شېئىرىيىتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا بەزى مۇلاھىزىلەر» ، «پروزىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بەزى مەسىلىلىرى» ، «يېڭى دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز» ، «يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش رومانچىلىقىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى» قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوبيېكت قىلىنغان ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن سىرت ، شۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرمۇ سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىلگەن . ئاخىرىدا «ئىزدىنىش» ۋە «ئىز» رومانلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، ئۇلاردىكى روشەن يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرسەتكەن . «ئىزدىنىش» رومانى پۈتكۈل ياشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ، «ئىز» رومانىمۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بىردەك ماختىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە مۇھەممەت پولاتنىڭ بۇ رومانلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان ، سەزگۈر ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ . بۇ خىل قىممەتلىك تەنقىد ئىستىلى باشقا ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ مۇھەممەت پولاتتىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئالاھىدىلىكى.
ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى ، ياش كۈچلەرنى بايقاش ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، ياشلارغا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىش قاتارلىقلارنىمۇ مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى دېيىش مۇمكىن . ئۇنىڭ «ياخشىراق يازايلى ، قىسقىراق يازايلى» توپلىمىدىكى «باھار غۇنچىلىرى توغرىسىدا» ، «ئۈچ غەزەلنى ئوقۇپ ھېس قىلغانلىرىم» ، «ئەدەبىيات ۋە دەۋر» توپلىمىدىكى «سەنئەت كۈچى بىلەن جانلاندۇرۇلغان خاراكتېرلار چىنلىقى» ، «كىتابخانلىق تەسىراتلىرى» توپلىمىدىكى «ساۋاپ-يېڭىلىق ۋە ئىجادىيلىققا ئىنتىلىشنىڭ بەدىئىي مېۋىسى» ، «رېئاللىقنىڭ كىچىكلىتىلگەن بەدىئىي سۈرىتى» توپلىمىدىكى «خاتىرە ئەدەبىياتىدىكى يېڭى بۆسۈش» قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا ، مۇھەمەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئۇ شۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى بىر ئەدەبىي تەنقىدچى سۈپىتىدىلا ئەمەس ، يېتىشكەن ئەدەبىياتشۇناس ئالىم سۈپىتىدىمۇ گەۋدىلىنىدۇ . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ، جۈملىدىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇھەممەت پولاتنىڭ نامى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىدىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەدەبىي تەتقىقات
يېڭى يازمىلار