ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ھەققىدە

ئۆزگۈر ئاي
تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگەن

ئابدۇررېھىم ئۆتكۈر , «ئىز» رومانى , ئۆزگۈر ئاي , ئەدەبىياتتىكى ئىككى خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ماقالىلار يېزىلدى ۋە مەخسۇس دىسسىرتاتسىيەلەر ياقلاندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى 2000- يىلى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىز» ناملىق رومانىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھرىگە جايلاشقان ئەگە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى ئۆزگۈر ئاي تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە تۈركچە – ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا نەشىر قىلىنىدىغان «تۈرك تەتقىقاتلىرى» دېگەن ژورنالنىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ <ئىز> ناملىق رومانى ھەققىدە» دېگەن بۇ ماقالە تۈركىيە ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر مەدەنىيەت كۆۋرۈكى قۇرۇش مەقستىدە يېزىلغان. بۇ ماقالە روماننىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تېخى ئىشلەنمىگەن بىر ۋاقىتتا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتور ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى پاكىت بىلەن دەلىللەش ئۈچۈن ئەسلى روماننىڭ مۇناسىۋەتلىك پارچىلىرىنى ئىستات ئېلىپ كۆرسەتكەن. تۈركچىگە ئۆرىلگەن ئاشۇ پارچىلاردىنمۇ ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى چۈشىنىلگەنلىكىنى ۋە تەرجىمىسىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ماقالە رومان يېزىقچىلىدىكى مىتودلارغا تايىنىش بىلەن بىللە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مىللىي — ئىجتىمائىي غايىسىنى ۋە زىيالىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدا تەھلىل قىلىنغان. لېكىن ماقالە ئاپتورى پەرقلىق بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا يىتىشكەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن روماننىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرى پەرقلىق ماھىيەتنى ئىپادە قىلغان. شۇڭا، بۇ نوقتىلارنى قىسقارتىۋىتىشنى لايىق تاپتۇق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ماقالە بىر ئوبزور بولۇشتىن بەكرەك روماننى تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىلمىي ماقالە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتور ئەسىرىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئەدەبىي تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن يىراق تۇرغان. ھەر ھالدا بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدا قانداق باھالىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك بىر كۆزنەك رولىنى ئوينايدۇ.

— ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا يىتىشكەن ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەسەر يازغان، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات ۋە سەنئەتكە پەلسەپىۋىي مەنىدىمۇ ھەسسە قوشقان كۆپ قىرلىق شائىر، يازغۇچى، تۈركولوگ ۋە مۇنەۋۋەر بىر شەخس. بۇ يولدا 50 يىل كۈرەشكەن ۋە ئىزتىراپ چەككەن ئا. ئۆتكۈرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان ناھايىتى كۆپ ئەسىرى بار. «ئىز» رومانى بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى.
«ئىز» ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۆججەتلىك خاراكتېردىكى تارىخىي رومان بولۇپ، تۇنجى نەشرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985- يىلى 1- ئايدا ئىلان قىلىنغان. 1907- يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغۇلاڭى ۋە 1912- يىلىدىكى تۆمۈر خەلپە ئىسيانىنىڭ ئىلھامى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بىر ئىز قالدۇرۇش مەخسىتىدە يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە زورلۇققا قارشى قىلغان ئىنقىلاپلىرىنىڭ داستانىي بىر ئىپادىسىدۇر. جەمئىي 419 بەتلىك بولغان بۇ رومان 28 باپقا ئايرىلغان ۋە ئەسەرنىڭ بېشىغا يەتتە بەتلىك بىر مۇقەددىمە، ئاخىرىغا ئونبىر بەتلىك بىر خاتىمە قوشۇلغان. ئەسەر ئەرەپ يېزىقىنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بىلەن بېسىلغان.

تۈركىيىدە ئىز رومانىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كەڭ دائىرلىك تەتقىقات دوكتۇر گۈلزادە تەڭرىداغلىگە ئائىت. تەڭرىداغلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رومانچىلىقى» ناملىق نەشىر قىلىنمىغان دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيىسىدە ئۆتكۈردىن باشلاپ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ بۇ تېمىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مىللىي ئىنقىلاپ سېمپوزيۇمى»دىمۇ «ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ئا. ئۆتكۈرنىڭ ئورنى» ناملىق بىر ماقالە ئوقىدى. ئاپتور بۇ ماقالىسدا «ئىز» رومانىنى «ھۆججەتلىك خاراكتېردىكى تارىخىي رومان» دەپ خاراكتېرلەندۈردى. تەڭرىداغلى روماننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە ئۇنىڭ كىرىش سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، «روماننىڭ كىرىش سۆزى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق تۈر بولغان روماننىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دەپ باھالىدى.

تۈركىيىدىكى «ئىز» رومانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ بىرى ئابدۇلھەكىم ئىلتەبىرنىڭ «كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر تۈرك تارىخي رومانلرىدا ئازاتلىق تېمىسى» دېگەن ماقالىسىدۇر. بۇ ماقالىدا «ئىز» رومانى تارىخىي بىر رومان سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ-ت)دىكى تۈرك خەلقىنىڭ چىن(مەنچىڭ ۋە مىللىتارىستلار ھاكىمىيىتى—ت)گە قارشى تۆمۈر خەلىپە رەھبەرلىگىدە قوزغىغان ھۆرلۈك كۈرىشىگە ئائىت رومان ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە بىر چۈشەنچە بىرىلدى.

«ئىز» رومانى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا «ھۆججەتلىك» ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. رومان بىرىنجى شەخسنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى ۋە ھەم زامان، ھەم ماكان، ھەم ۋەقەلەرگە سادىق بولۇش يولى بىلەن يېزىلغان. ئاپتور رومانغا تېما قىلغان ۋەقە ۋە شەخسلەرنى شۇ دەۋردىكى ئاشۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەققىي كىشىلەر ئارقىلىق ياراتقان. ئاپتورنىڭ روماننىڭ كىرىش سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى ئۇنىڭ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ئارخىپ بىلىملىرىدىن، شۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قوشاقلارنىڭ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
«ئىز» رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدە «قەدەم ئىزى — بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئۇچرىتىمىز. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىردىن ئېلىنغان بۇ سۆزنىڭ ئەسلىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ(گەرچە بىر مۇنچە ئېزىش ئەھۋالى بولسىمۇ) پەلسەپىسىنى كۆرسىتىپ بىرىش نوقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئاپتور «ئىز» رومانىنى «ئىز» دېگەن بىر شېئىر بىلەن باشلايدۇ. بۇ شېئىر بىر نوقتىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنى مىسرالاشتۇرسا، يەنە بىر نوقتىدىن بو روماننىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شېئىر رومان يېزىلىشتىن 30 يىل بۇرۇن يېزىلغان ۋە ئاھاڭغا سېلىنغان. خېلىلا مەشھۇر بولغان بۇ شېئىر ۋە ناخشا 1966-1976- يىللاردىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە چەكلەنگەن. ئاپتور بۇ ئىجادىيەت پائالىيىتى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ئىدىيىدە خاتالاشقان» دەپ قارىلىپ ئۇزۇن يىل تۇرمىدا ياتقان.
«ئىز» دېگەن شېئىردىن كېيىن، ئۆتكۈر «ھۆرمەتلىك كىتاپخانلار» دېگەن خىتاپ بىلەن كىرىش سۆز قىسىمىغا ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا روماننىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى، كىمگە بېغىشلانغانلىقىنى، قايسى تېمىنى، قايسى پېرسۇناژلار ئارقىلىق نىمە سەۋەپتىن بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن كىتاپخانلارغا يەتكۈزىدۇ.
ئۆتكۈرنىڭ«شۇنداق غەزەللەرنى ياڭرىتىپ، بىپايان دالىلاردا كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن كارۋانلار يۈرۈش باشلىغان چاغلاردا، بەلكى سىز تېخى تۇغۇلمىغان، ياكى تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ <تالچىۋىقنى ئات ئېتىپ> ئويناپ يۈرگەن بولغىيتىڭىز؛ كىم بىلىدۇ، بەلكى شۇ يۈرۈشلەرنىڭ بىرەرسىدە قارا بوراندەك ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنگەن ئەزىمەتلەر بىلەن بىللە جەڭ مەيدانلىرىدا قىلىچ ئويناتقانسىز، ياكى ئېڭىزلىقلارنى كۆكرىكىڭىز بىلەن تىلغاپ، چۆچەكلەردىكى ئەجدەرھالاردەك ئاغزىدىن ئوت چېچىپ تۇرغان پوتەيلەرگە ئۆزىڭىزنى ئۇرغاندا، بەدىنىڭىزنىڭ بىر يېرى پىژ قىلىپ قالغاندۇ – دە، ئۆزىڭىز شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەندەك بولۇپ قالغانسىز . ئەمدى بولسا بەدىنىڭىزدىكى تاتۇقلارنى ھەر كۆرگەندە، شۇ كۈنلەر يادىڭىزغا كىلىپ، كۈلۈپ قويىدىغانسىز… كىم بىلىدۇ بەلكى، بايىلا سىزنى خۇش چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ ئولتۇرغان سەپدىشىڭىزنى بىردەمدىن كېيىن يۇلغۇن تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، كۆزلىرىڭىزدىن تارام – تارام ياشلار تإكۈلگەندۇ، ياكى قاراڭغۇ كامىرلار يۇتۇپ كەتكەن يولداشلىرىڭىزنى ھەر ئەسلىگەندە ، يۈرەك باغرىڭىز ئىزىلىپ كىتىدىغاندۇ… شۇنداق، شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش، ھەممىسى تارىخ، ھەممىسى يۇرۇق دۇنيا ئۈچۈن بولغان ئىشلار. چۈنكى ئۇ چاغلاردا دۇنيا بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى. بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ، يۇرۇقلۇق يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بەك ئۇزۇن مەنزىللەرنى بېسىپ، ئاسمان پەلەك داۋانلاردىن ئېشىشقا توغرا كىلەتتى ۋە خۇددى ماكسىم گوركى ئېيتقاندەك، دانكوغا ئوخشاش پىداكار يول باشلىغۇچىلار لازىم ئىدى»( ئۆتكۈر،1985، 2 ) دېگەن بايانلىرى بىردەم چۆچەكسىمان، بىر دەم داستانسىمان لەززەت بىرىدىغان بىر خىل ئىپادە بىلەن شۇ دەۋرنى كۆرگەنلەردىن ئاڭلىغانلارغا، شېھىتلەردىن غازىلارغا قەدەر ھەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى چېرمايدىغان ۋە شېئىرىي تەم بىرىدىغان بىر ئۇسلۇپ بىلەن سۇنۇلغان.
ئۆتكۈر بۇ دەۋرنىڭ قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتلىك يىللىرىنى تەسۋىرلىگەندە ماكسىم گوركىنىڭ ئەسىرىدىن پارچا كۆرسەتكەن. گوركىنىڭ «دانكو» ئىسىملىك پىرسۇناژى قاراڭغۇ بىر جاڭگاللىقتا (بېسىم ۋە زۇلۇمغا بولغان قارشىلىققا سىمۋول قىلىنغان) يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ قاراڭغۇنى قاچۇرىدۇ: «جاڭگاللىق شۇنداق قاراڭغۇلاشتىكى، دۇنيا يارالغاندىن بۇيان، قانچە قاراڭغۇ كىچىلەر ئۆتكەن بولسا، گويا شۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك بولۇپ قالدى… دانكو بىردىنلا ئۆزىنىڭ كۆكسىنى قولى بىلەن ياردى – دە، يۈرىگىنى يۇلىۋېلىپ، بېشىدىن ئىگىز كۆتەردى. يۈرەك خۇددى كۈنگە ئوخشاش، ھەتتا كۈندىنمۇ يورۇق لاۋىلدىدى. مانا ئەمدى ئادەملەرگە بولغان ئۇلۇغ مۇھەببەت مەشئىلى بىلەن يورىغان پۈتۈن جاڭگاللىق جىمجىت بولۇپ قالدى. قاراڭغۇ زۇلمەت يورۇقلۇقتىن قېچىپ، جاڭگاللىق ئىچكىرىسىدىكى سېسىق سازلىققا بېرىپ تىقىلدى…» (ئۆتكۈر،1985 ،2-،3، )
ئۆتكۈر ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ دانكوغا ئوخشاش قەھرىمانلىرىنىمۇ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆز رومانىنىڭ باش پىرسۇناژىغا كۆچىدۇ. ئۆتكۈر بۇ كىرىش سۆزدە ئۆز رومانىنىڭ پىرسۇناژى تۆمۈر خەلىپىنى دانكوغا ئوخشىتىدۇ: «قەدىمكى ئىتالىيىدە، قۇللار ئارىسىدىن چىققان سىپارتاك، خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدىن چىققان باھادىر شاھ لى زىچىڭ بىلەن <تەيپىننەم> زامانىسىنىڭ <ساماۋىي شاھى خۇڭ شيۇچۈەن، كونا رۇسىيىدىكى كازاكلاردىن چىققان ستىپان رازىن بىلەن يېمىليان پۇگاچېۋ ، ئۇچتۇرپان شەھرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققان تۆمۈر خەلپىمۇ، ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.» (ئۆتكۈر،1985، 3 )
ئۆتكۈر كىرىش سۆزنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمىدە تۆمۈر خەلىپىنى «بوران قۇشى»غا ئوخشىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېپىك — داستانى تەرەپىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىدىكى ئورنىنى تەسۋىرلەيدۇ:«تۆمۈر خەلىپە جۇڭگودا ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال خانلىققا خاتىمە بىرىپ، ۋەتەن زىمىنىدا تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى تىكلىگەن <شىنخەي ئىنقىلابى>نىڭ ئىلھامى بىلەن تىيانشان ئىتەكلىرىدىمۇ، ئىنقىلاپ بۇرانلىرى باشلانغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ئاجايىپ جەسۇر <بوران قۇشى>ئىدى. ئۇنىڭ پەرۋازى بىلەن قۇمۇل دىيارىدا باشلانغان بوران ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن شۇنداق كۈچەيگەن ئىدىكى، ئۈچيۈز نەچچە يىللىق قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ كۈيىقاپقا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرلۈك ئوردىسى بىلەن ئۈرۈمچى جاڭجۇڭلىرىنىڭ قارا دەرۋازىلىق يامۇللىرى زىلزىلىگە كىلىپ، گۈم بولۇشقا ئاز قالغان ئىدى. تارىختىكى بىر مۇنچە دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ئوخشاش، بۇ قوزغىلاڭ ھەم مۇرادىغا يىتەلمىگەن بولسىمۇ، ۋاڭ ئوردىسى بىلەن جاڭجۇڭ يامۇللىرىنى گۈم قىلىشنىڭ مۈمكىنلىكىگە كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئىشەندۈرۈپ، ئۇلارغا كۈچ ۋە ئۈمىت بەخش ئەتتى، ئاچچىق ساۋاقلارنى بېرىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۆمۈر خەلىپە يەتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان، قۇمۇل خەلقىنىڭ ئاغزىدا داستان بولۇپ كەلمەكتە.»( ئۆتكۈر، 1985، 3- 4)
كلاسسىك رومان ئەنئەنىسى ۋە بىزدىكى رومان ئەنئەنىسىنىڭ دەستلەپكى ئۆرنەكلىرىدە ئادەتلەنگەن ئۇسلۇبنىڭ سىرتىدا ئۆتكۈرنىڭ مۇشۇنداق بىر شەرھىيلىك كىرىش سۆزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىشى ئومۇمەن ئاپتورنىڭ رىئالىزمچى بولۇش ئارزۇسىدىن شەكىللەنگەن. ئۆتكۈر روماندا باشتىن ئاخىر بۇ ئۇسلۇبنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەزىدە ۋەقەلەرنىڭ بايانىنى توختىتىپ، ئىزاھات، چۈشەنچە ۋە شەرھىيلەرنى سۇنىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل مەلۇماتلارنى برىشتىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى، ئەمما مەجبۇرەن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بىزدىكى تانزىمات رومانچىلىقىغا نەزەر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئاھمەد مىتھاتنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئۇسلۇبنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن رومانچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتىن قارىغاندا بۇنىڭ قوبۇل قىلىنغان بىر ئۇسلۇب ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماسلىقىمىز مۇمكىن ئەمەس.
ئۆتكۈر «ئىز» رومانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىلھام بەرگەن ۋەقەلەرنى يەنە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر خاتىرە بىلەن كىتاپخانلارغا بىلدۈرىدۇ. ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ دېيىشىچە، 1936- يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن. بۇ يەردە ئۆزى تۇنۇيدىغان قومۇل دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ يولباشچىسى ۋە قوزغىلاڭدىن كېيىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خوجا نىياز ھاجىنىڭ مېھمانخانىسدا بىر مەزگىل تۇرغان. خوجا نىياز ھاجىنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتناشقان ئۆتكۈر ئۇنىڭدىن تۆمۈر خەلىپە يېغىلىقى ۋە تۆمۈر خەلىپىنىڭ كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى ھىكايىلارنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەنگەن. ئۆتكۈر مۇنداق دەيدۇ:
« — <تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى> توغرىسىدا سىنىڭمۇ ئاڭلىغانلىرىنىڭ بارمۇ ؟- دىدى ئابباسوف، ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا.
مەن بالىلىق چاغلىرىمدا، مارىخان بوۋىمىز بىلەن تۆگىچى بارات بوۋىدىن بىر مۇنچە ھىكايە- چۆچەكلەر قاتارىدا <تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى> ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئىسىمدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئابباسوف قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە خاڭچىڭ قەبرىستانلىقىغا بېرىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلدى.
بىز قەبرىستانلىق يېنىدىكى كىچىككىنە بىر مەسچىت ئالدىدا، بېشىغا سەللە ئورىغان بىر بوۋاينى ئۇچراتتۇق. ئۇ كۆرۈنىشىدىن شۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى ئىدى. سالامدىن كېيىن، تۆمۈر خەلپىنىڭ قەۋرىسىنى سورىدۇق. بوۋاي:<سىلەر تۇغقانلىرى بولامسىلەر؟> دىدى ۋە جاۋابىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى كونا بىر قەۋرە ئالدىغا باشلاپ باردى. <مانا مۇشۇ قەۋرە شۇ. بۇ قەۋرىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن قاتۇرغان> دىدى بوۋاي، ئاندىن،– <قېنى ئولتۇرۇڭلار، بۇ يەرگە كەلگەن بولغاندىن كېيىن، ئايەت ئوقۇپ ئۆتكۈلۈك> دەپ قىرائەت باشلىدى. دۇئادىن كېيىن، بىز يانچۇقلىرىمىزنى كولاپ، بار پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدۇق. بوۋاي بىزگىمۇ دۇئا قىلدى.
— بۇ قەۋرە بەك ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. يېڭىلاپ قويساق بوپتىكەن، يا بولمىسا، بىر گۈمبەز قوپۇرۇپ قويساق ياخشى بولغىدەك،– دىدى ئابباسوف بوۋايغا قاراپ.
— ئوبدان گەپ قىلدىڭىز بالام. گۈمبەز قوپۇرۇپ قويساق ئوبدان بولاتتى. بۇ ئىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمىدى. بۇ ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلار،– دىدى بوۋاي بىزگە قاراپ.
— بۇ كىشى ناھايىتى ھىكمەتلىك گەپ قىلدى. تۆمۈر خەلىپىگە چوقۇم بىر گۈمبەز ياساش لازىم،– دىدى ئابباسوف، قەبرىستانلىقتىن چىقىپ كىلىۋېتىپ.
ئەپسۇسكى، بۇ گۈمبەزنى قوپۇرۇشقا خوجا نىياز ھاجىمنىڭمۇ، ئابباسوفنىڭمۇ ئۆمرى يار بەرمىدى. يىللارنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا، تۆمۈر خەلىپىنىڭ قەۋرىسىمۇ ئىزسىز يوقىلىپ كەتتى. ھېلىقى بوۋاينىڭ ئېيتقىنىدەك تۆمۈر خەلىپە ئۈچۈن بىر گۈمبەز قوپۇرۇش كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىشى ئىدى. تاش – توپا ياكى پولات– بىتوندىن ئەمەس ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بىلەن قوپۇرۇلغان گۈمبەزلا، ھەر قانداق بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بىرىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قالىدىغان گۈمبەز بولالايتتى. مەرھۇم ئابباسوفنىڭ دىگىنىمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك.»( ئۆتكۈر،1985، 4-5)
بۇ پارچىدىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكۈر ماددىي شەكىلدىكى بىر قەۋرە قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا مەڭگۈگە داۋاملىشىدىغان «سىيادىن بىر قەۋرە» قاتۇرۇشنى قارار قىلغان. «ئىز» رومانىنىڭ ئىلھام مەنبەسىمۇ بۇ ھېكايىدىن تۇغۇلغان. لېكىن، ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى ئۈچۈن بۇ ھېكايىنىڭ سۆزلەنگەن ۋاقتىدىن ئۇزۇن بىر زاماننىڭ ئۆتىشىگە، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئون يىللىق تۇرمە ھاياتىنىمۇ باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. ئۆتكۈر مۇنداق يازىدۇ:
«ئۆزۈمنىڭ ناتىۋانلىقىمغا قارىماي، شۇنداق گۈمبەز قوپۇرۇش نىيىتىدە بىر قانچە يىللار ئىزدەندىم، ئۈگەندىم، يىغدىم ۋە يېزىشقا كىرىشتىم. بىراق يازغانلىرىمنى <ئون يىللىق جۇت> شىۋىرغانلىرى ئۇچۇرۇپ كەتتى. قەلىمىم سۇندى.

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،
شامال دارىپ، كىكەچ قىلدى تىلىمنى.
قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس، پالەچ مەن،
نىمەم بىرلە قىلاي رازى ئىلىمنى!

يۈزمىڭ شۈكرىكىم، قايتا باھار باشلاندى. باھار يامغۇرلىرى يېغىپ، سۇلىرى تاشتى. باھار قۇشلىرى سايراپ دىلىمغا ئىلھام ۋە ئۈمىت، قۇلۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەت بەخش قىلدى. دەۋران ماڭا يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق!»( ئۆتكۈر،1985، 6)
ئۆتكۈر روماننىڭ پىرسۇناژى تۆمۈر خەلپىنى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قانلىق سەھىپىلىرىدىكى بىر قەھرىمان شەخس. ئۇ تارىخنىڭ كۆز يېشى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. (ئۆتكۈر،1985، 6) شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ئەسەردە ئۇيغۇر تۈرك ھۆرلۈك كۆرىشىنىڭ ئۇنتۇلماس بىر قەھرىمانى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
ئۆتكۈر رومان ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە بۇ روماننىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىمۇ بەرگەن. بۇ توغرىىسدا ئۇ ماركىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ: «تارىخ – ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئاددىي خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى ماركىس ئېيتقاندەك،<ئۆز مەقسىتىنى ئىزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت> بولغاچقا، تارىخىي تېمىدا يېزىلغان رومان، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم بەدىئىي ئەسەر بولۇشى، يەنى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ قانلىق بىرىكمىسى بولالىشى، ھەممىدىن ئاۋۋال، تارىخىي چىنلىقنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم. مۇنداق بىر ئەسەر مۇئەللىپتىن تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ۋە تارىخ ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىش ماھارىتىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»( ئۆتكۈر، 1985،7) ئۆتكۈر بۇ قاراشنىڭ تامامەن ئۆزىنىڭ رومان چۈشەنچىسىنىمۇ خۇلاسىلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۆتكۈر بۇ بايانلاردىن كېيىن 28 باپتىن تەشكىل تاپقان ئەسلى ۋەقەگە ئۆتكەن. بۇ باپلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خاس ماۋزۇلارنى قويغان، يەنە بۇ باپانلارنىڭ باش قىسمىغا شۇ بابتىكى ۋەقەلەرنى خۇلاسىلايدىغان بىر كۇپلىت شېئىر، ماقال- تەمسىل ۋە ھىكمەتلىك سۆز قىستۇرغان. يەنە ھەر بىر باپ ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن بۆلۈملەرگە ئايرىلغان. روماننىڭ ئاخىرىغا «خاتىمە» دېگەن ماۋزۇ بىلەن يازغۇچىنىڭ ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسىدە نىمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان سۆزى بىر بۆلۈم قىلىپ قوشۇلغان.
ئاپتور بىرىنجى باپنى بىر ياز تەسۋىرى بىلەن باشلايدۇ. تەسۋىر توختىغان يەردە بىردىنلا جانلىق بىر مەزمۇنغا كىرىدۇ. بۇنىڭدا بىر يىگىت ئېيىق قوغلاپ كىلىۋاتقان بىر قىزنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ پىرسۇناژلىرى ۋە باشقا باپانلار ئەسلىدە باش تېمىنى ۋە باش پىرسۇناژنىڭ پائالىيىتىنى يورىتىشنىڭ بىر لاھىيىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. كلاسسىك رومان چۈشەنچىسىدە ۋەقە، زامان ۋە پىرسۇناژلارنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرىلىشى كىتاپخانلارنى دەرھال ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ ئۆتكۈرنىڭ كلاسسىك شەكىلدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ سىرتىدا ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىنىمۇ سىناق قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ باپتىن باشلاپ كىتاپخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل ھاياتنىڭ خېلىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئاپتور ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن نىكاھ تۇرمۇشىغا، ئېتىقاتىدىن قائىدە — يۇسۇنلىرىغا قەدەر ھەر خىل مەلۇماتلارنى بۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ كىتاپخانلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇ باپ فولكلورىك نوقتىدىن خېلىلا مول مەزمۇنغا ئىگە. بۇ باپتا مۇشۇ مەلۇماتلار بىلەن بىرلىكتە لىرىكىزممۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.
ئۆتكۈر ئىككىنجى باپتا قازاق قىزى ئايقىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىتاپخانلارنى ئەسلى ۋەقەگە باشلاپ كىرىپ، خۇسۇسىي ھاياتتىن ئىجتىمائىي ۋەقەگە كۆچىدۇ. روماننىڭ يېزىلىش شەكلى جەھەتتە ۋەقە بىلەن زاماننىڭ تەرەققىياتى سەخستىن جەمئىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ بىر تەرەپتىن بۇ چۈشەنچىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق تارىخىنى خىيالىي قەھرىمانلار ئارقىلىق كىتاپخانلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرىمىز.
بۇ ۋەقەلىكلەر ئىچىدە ئايقىز بىلەن ئامانقۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرى مۇھەببەتكە ئايلىنىشى، مىھمان سۈپىتىدە تۈرىۋاتقان ئايقىزغا شۇ يەرلىك بىر بەگنىڭ كۆز تاشلىشى روماننىڭ ۋەقەلىكىنى بېيىتىپ، قىزىقىشنى كۈچەيتكەن. ئاپتورنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ بايانى داۋامىدا ئىسلامدىكى خاتا پەتىۋالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك نوقتىلار ھەققىدىمۇ ۋەقەلەر ئارقىلىق توختالغانلقىنى كۆرىمىز. بۇ يەردە ھەم ۋەقەلەرنى ئەسلى ئېقىمىغا يۆتكىشى ھەم باش پىرسۇناژنى روماندا ئوتتۇرىغا چىقىرىشى دىققەتنى تارتىدۇ. ئۈچۈنجى بابتا «بوز ئاتلىق» دېگەن ئىسىم قويۇلغان تۆمۈر خەلپە دانالىقى بىلەن ھەم ياخشى بىر چارە تاپىدۇ، ھەم ئىسلامىي نوقتىدىن توغرا بىر پەتىۋا چىقىرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روماننىڭ باش پىرسۇناژى تۆمۈر خەلپە ئەسلى سالاھىيىتىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر قىياپەت بىلەن روماندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
روماننىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى باپانلىرىدىكى قىياپەت تەسۋىرلىرىدە تۆمۈر خەلپە ئەڭ مۇھىم كىشىگە ئايلىنىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ تۆمۈر خەلپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك دېتاللارغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «بۇ بوز ئاتلىق كىشى تۆمۈر خەلپە ئىدى. ئۇ چاغلاردا خەلق ئۇنى كەسپىگە قاراپ تۆمۈر مۇجاڭ(ياغاچچى) دەپ ئاتايتتى. كېيىنچە قوزغىلاڭ جەرىيانىدا خەلق ئۇنىڭغا <خەلپە> دەپ ئۈنۋان بەردى. تۆمۈر خەلىپە تەخمىنەن 1871-يىلى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چەت يېزىلىرىدىن بولغان بوغاز دېگەن يەردە بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۈچ قىز ئىچىدە بىر ئوغۇل ئىدى»(ئۆتكۈر، 1985 ،32) دېگەن بايانلىرى ئۇنىڭ بىئوگرافىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرىنى تۈۋەندىكىدەك بايانلار ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ :«سەپەرقۇل بۇ ئوتتۇرا بوي، كەڭ غوللۇق، كەكە ساقال، قاتۇراڭغۇ كىشى بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى، رەۋىخان موماي<خويمۇ ئوبدان ۋاقىتتا كەپتىلا، ئۇكام> دەپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مىھمان قىزىق پاراڭ بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، بېشىدىن كىگىز قالپىقىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى چىراق شولىسىدا ئوتتەك پاقىرايتتى. كەڭ ماڭلىيىدىكى چوڭقۇر قورۇقلىرى، ئاتتاپتا قارىداپ كەتكەن يۈزلىرى، قول — بىلەكلىرىدىكى كۆپجۈپ چىققان تومۇرلىرى ئۇنىڭ كۆپ جەۋرى– جاپا چەككەنلىكىدىن دىرەك بىرەتتى.» (ئۆتكۈر، 1985 ،31 ) ئۆتكۈر تۆمۈر خەلپىنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىدە بىر سىمۋولغا ئايلىنىشىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزى ھەققىدىمۇ سۆز ئېچىش ئارقىلىق ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا چۈشەندۈرىدۇ. تۆمۈر خەلپىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانىنى، بولۇپمۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ياغاچچى بولۇشىنى، دادىسىنىڭ قەرزى سەۋەبىدىن ئون ئىككى يىل قۇلدەك ئىشلىگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ كىشىلىكىدە كىچىككىنىمۇ بىر ئازغۇنلۇقنىڭ يوقلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ھۆرمىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جەرىياندا ئۆتكۈر تۆمۈر خەلپىنىڭ يىتەكچىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. سەۋرىچان، پاراسەتلىك، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىشى ۋە ئىسلام دىنى بىلىملىرىنىڭ مول ئىكەنلىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەردىن بىر قانچە مىسال ھېساپلىنىدۇ. تۆمۈر خەلپىنىڭ تەمكىن، كىلىشتۈرگۈچى ۋە سەۋرىچان پوزىتسىيىسى يازغۇچى تەرىپىدىن تەكىتلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئاسان ئالدانغانلىقى ياكى ئىتتىكلا تىت — تىت بولۇشى سەۋەبىدىن خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئاخىرى چىن ھإكۈمىتى(مىلىتارىست ياڭ زىڭشىڭ ھإكۈمىتى—ت) تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىمۇ روماندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن. تۆمۈر خەلپىنىڭ تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ خىل ئۈمۈدۋارلىقىدىن بولغان.
بۇلار ئۆتكۈر تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئازاتلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئاستىقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان. رومان تۆمۈر خەلپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خۇسۇسىي ۋەقەلەردىن ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە يۆتكىلىدۇ. ۋەقەلىك بايانى ئاۋۋال ئۇيۇشۇش، تەشكىللىنىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەندە دەۋرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلىرىنىمۇ ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ كىتاپخانلارغا سۇنغانلىقى كۆرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «تورپاق يېغىلىغى» دۇر. ئۆتكۈر چىن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى قانداق ئالدىغانلىقى، كېيىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مۇھىم يول باشچىلىرىنى قانداق ھېيلە مىكىر بىلەن يوقاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
تۆمۈر خەلپە بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ۋە بۇھەقتە ئويلانغان بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. روماننىڭ باش پىرسۇناژىغا ئايلىنىشىمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن بولىدۇ. تۆمۈر خەلپە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشكىللەش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. قارشىلىقنى تاغدا ئىسيان كۆتۈرۈش ئارقىلىق باشلاشقا قارار قىلىشى روماننى تېخىمۇ جانلىق بىر باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ. بۇ مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «يېرىم يىل ئىچىدە، قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچىدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەر، بۇ تۆكۈلىۋاتقان قىپ– قىزىل قانلار تۆمۈر خەلپىنى باشقىچە بىر ئادەم قىلىپ قويدى. ئۇ، نىمىدۇر خىيال قىلاتتى، نىمىنىدۇر ئىستەپ تاپقۇسى كىلەتتى، ئۆز يۈرىگىنىڭ نىمىگىدۇ تەلپىنىۋاتقانلىقىنى سىزەتتى. شۇنداق خىياللار بىلەن يۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ شىمال تەرىپىدە سېلىنىۋاتقان يوغان بىر بۇتخانا قۇرۇلۇشىدا ئىككى يىللىق ئۆمرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئەمما، بۇ بۇتخانا قۇرۇلۇشىدا ئىشلەپ يۈرۈپ، تۇرپانلىق مۆيدىن، ئۈرۈمچىلىك گامازا تۇنگاندەك نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ، جان دوست بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆز ئارىلىرىدا قانداقتۇ بىر ئوخشاشلىق بارلىقىنى سېزەتتى. قاياققىدۇ كېتىۋاتقان بىر كارۋانغا قوشۇلۇپ، ئۈچەيلەن بىللە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. بۇ كارۋاننىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن زادى ئايرىلماسلىقنىڭ لازىملىغىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى »(ئۆتكۈر،1985، 43)
بۇ كۆرەش جەريانىنىڭ باشقا بىر ھالىتى بىزگە ئورخۇن ئابىدىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. چىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىغا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرى ۋە ئۇلارنى پارچىلاش ئۈچۈن قۇرغان تۇزاقلىرىغا ئائىت بابلار كىتاپخانلارغا ئادەتتە تارىختا ھىچنىمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ:«– شۇنىڭ ئۈچۈن،– دەپ داۋام قىلدى ياڭ جاڭجۇڭ،– سىز مۇپەتتىشنى ئىككى كۈن ئىچىدە يولغا چىقىشقا بۇيرۇيمەن. بەي ۋىنچاۋ بىلەن شامەخسۇت ۋاڭغا مېنىڭ گەپلىرىمنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ۋە ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكلەردىن لايىق ئادەملەرنى تېپىپ، يارىشىش توغرىسىدا تۆمۈرگە ئەلچىلىككە چىقىرىڭ. قانچە راسخۇت كەتسە مەيلى، لازىم تېپىلغاندا ئۆزىڭىزمۇ چىقىڭ. گەپ ناھايىتى يۇمشاق بولسۇن. قۇرۇت ئۆزىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن ھەر قانداق قاتتىق ياغاچنى يەۋېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇۋاپىق پەييتە، ھاپىز يىڭجاڭ بىلەن نىياز يىڭجاڭنىڭ چىرىكلىرىنى رەتكە سېلىپ، ئۈچ ئاتلىق باتالېيون ئەۋەتىمەن. بۇ ئۇيغۇر – مۇسۇلمان باتالېيونلىرى تاغقا يېقىنلاشماي، يىراقتا باراڭ كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر تۆمۈر ياخشىلىقچە ئەل بولمىسا، يەنە بىر توپچى ۋە ئىككى پىيادىلەر باتالىيونى يىتىپ بارىدۇ. ئۇ چاغدا قىلىچىمىزنى قانغا قانچە مىلىساق شۇنچە ياخشى… ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلارغا، خەنزۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىپ قويغاندىلا، بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەن خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ قېلىشىدىن ناھايىتى قورقىمەن. مائارىپ بىلەن كۆزى ئېچىلىپ قىلىشتىن تېخىمۇ قورقىمەن. مىللەتلەر ئاڭ–سەۋىيىلىك بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىۋالسا، ئۇلارنى باشقۇرماق تەس، نادان ھالەتتە بۆلۈنۈپ تۇرسا، ئىدارە قىلماق ئاسان. شۇڭا قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، كۈچ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاش مۇۋاپىق. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ چوڭ ئىتتىپاقلىققا ئىگە قىلدۇرماسلىق لازىم. شۇنداق قىلغاندا ھەر قايسى ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىسيان قىلالمايدىغان بولىدۇ. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلاردا <ئۆز گإشىنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن قورۇش> دېگەن گەپنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم. دەرۋەقە، قوينىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن قورىسا، ھەم تاتلىق، ھەم تىجەشلىك بولىدىكەن. ئۇيغۇرلاردا يەنە <سېپى ئۆزىدى> دېگەن گەپمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭ مەنىسى ئادەتتە پالتىنىڭ سېپى ياغاچتىن بولىدۇ، پالتا بېرىپ ياغاچنى كېسىدۇ دېگەن بولىدىكەن. دەرۋەقە، پالتىنىڭ سېپى تۆمۈر ياكى باشقا مېتالدىن بولسا، قولنى قېقىپ ئاغرىتىدۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇيغۇر – مۇسۇلمان پۇقرالار ئىسيان كۆتەرسە، مەسىلەن قۇمۇلدىكى تۆمۈر بىلەن تۇرپاندىكى مۆيدۈنگە ئوخشاش، ئۇلارنى ئۆز كىشىلىرىنىڭ قولى بىلەن باستۇرغاندا، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىسەن، يەنى ئۆلگۈچىمۇ، ئۆلتۈرگۈچىمۇ شۇلارنىڭ ئۆزى بولىدۇ. سېنىڭ قولۇڭغا قان يۇقمايدۇ. بۇ قەدىمكى دانىشمەنلەرنىڭ <ياتنى ياتنىڭ قولى بىلەن ئىدارە قىلىش> دېگەن سۆزنىڭ دەل ئۆزى. دېمەك، ئۇيغۇر– مۇسۇلمانلاردىن پايدىلىنىشنى بىلمىسەم، مىنىڭ شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس… — ياخشى دىدى،– ياڭ جاڭجۇڭ،– ئۇنداق بولسا، بىز قىلىچنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئاندىن پايدىلىنىپ كۆرسەك بولغىدەك. مېنىڭ ئۇقۇشۇمچە، مۇسۇلمانلار قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچكەننى ھەر قانداق ھۆكۈمنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى قىلىدىكەن. بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى ۋاسىتە. ئەمدى مەن شۇنداق بىر ئىش قىلايكى، يا تۆمۈر ماڭا ئەل بولسۇن، ياكى ئۆزىنىڭ جاھىللىغىدا تۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا خۇداسىنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان بولسۇن.»( ئۆتكۈر، 1985، 329، 330،331، 347)
ئۆتكۈر تارىخىي ئارخىپلاردىن ئىلھاملىنىپ بەرگەن مەلۇماتلار ۋە بەتنىڭ ئاستىغا قىستۇرغان ئىزاھاتلار ئارقىلىق روماندىكى ئېنىقلىق ۋە رېئاللىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن: «قوراي– قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى تىيانشان تاغ تىزمىلىرى مەركىزىگە جايلاشقان تاغلىق يېزا. ئۇنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرىپى ئىگىز تاغ تىزمىلىرىدىن، غەرپ ۋە جەنۇپ تەرىپى ئىدىرلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئېرغايتۇ، قىزىليار، قوراي، نېرىن، تۆرۈك، كۆشۈتە دېگەن ئالتە مەھەللە بىر دورغىلىق يەر بولۇپ، ئومۇمىي نامى <قوراي> دەپ ئاتىلاتتى. كۆشۆتۈدىن باشقا مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى تۆمۈرتۈ دېگەن تاغدىن كېلىدىغان ئېقىن بويلاپ، بىر غولغا جايلاشقان ئىدى. بۇ ئىقلىمى مۆتىدىل، ھۆل– يېغىنى كۆپ، يازلىغى قاتتىق ئىسسىقتىن، قىشلىغى ئاچچىق سوغاقتىن خالىراق يەر بولغاچقا، تېرىقچىلىق ۋە مال بېقىشقا ئەپلىك ئىدى. بىراق تېرىلغۇ يەرلەر بىلەن ئۇلاقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شامەخسۇت ۋاڭ بىلەن ئۇنىڭ بەگلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. دېھقانلار ئاساسەن يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىيتتى. ئومۇمىي نۇپۇسى تەخمىنەن بىر مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. ئاھالە ئاتمىش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇمۇل بازىرىغا كۆتەك ھارۋىلاردا ئوتۇن، تەڭنە ئاپىرىپ سېتىپ، بىر قىسىم ئېھتىياجىنى تەمىن قىلاتتى.»( ئۆتكۈر،1985، 48)
يەنە پەرقلىق تۇرمۇشنى بۇ كۈرەشنىڭ پەرقلىق بىر دائىرىسى سۈپىتىدە روماندا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە خىل ۋەقەنى «ئارىلاشما» بىر ئۇسلۇب بىلەن كىتاپخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ. بۇ مەنىدە شامەخسۇت ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش جەرىيانلىرى دىققەتنى تارتىدۇ:«شۇ ئارىدا، مېھرىبانۇنىڭ چوڭ قىزى(چوڭ ئايلا خېنىم) تېخى ياتلىق قىلىنماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز بىر ھادىسىگە ئۇچراپ قازا تاپتى. كىچىك قىزى(كىچىك ئايلا خېنىن)مۇ بويىغا يېتىپ، ھەتتا شۇ زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى قۇمۇل تەۋەسىدە <ئاق سۆڭەك>(ۋاڭ جەمەتى)دىن ئۇنىڭغا لايىق تېپىلمىدى. ئاددىي پۇخرالارنى ئۇلار ئۆزىگە لايىق كۆرمەيتتى. مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بېشىنى قاتۇرۇپ تۇرغاندا، ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد بېشىر ۋاڭنىڭ تەيجىسى ھەم ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغان تاجىددىن تەيجى دېگەن كىشىنىڭ قۇمۇل تاغلىرىنىڭ بىرىدە ئامان ساقلىنىپ قالغان بىر ئوغلى بارلىقىنى ئاڭلاپ قالدى–، دەرھال ئۇنى تېپىشقا شۇمشۇقلۇق تاھىر مىراپنى ئەۋەتتى. تاھىر مىراپ نەرناسۇ دېگەن تاغدا ياشايدىغان بىر موماينىڭ ئۆيىدىن ئىزلىگەن كىشىسىنى تاپتى. بۇ راستىنلا تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شامەخسۇت بولۇپ، يېغىلىق يىللىرى دادىسى قوزغىلاڭچىلاردىن قېچىپ تاغقا چىققاندا، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان ۋە ئاتا – بالا ئىككىسى پۇقراچە ياسىنىپ جان بېقىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا شامەخسۇت ئون نەچچە ياشلىق بالا ئىدى. ئۇ، دادىسىدىن كېيىن، ھېلىقى موماينىڭ قويىنى بېقىپ جان ساقلىغان. موماي باشقىلارغا تۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا گۈڭگۈرت پوقىنى سۈرتۈپ، تازغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ يىگىرمە ئالتە يېشىغىچە ئۈستىدە ياغاق جۇۋا، پۇتىدا چۇرۇق بىلەن شۇ تاغدا ياشىغان. مېھرىبانۇ ئۇنى ئوردىغا كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە ۋاقىت پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن، چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئۆزىگە كۈيوغۇل قىلىپ ئالغان ۋە ئوردىنىڭ مۆھۈردارلىق(تامغىچى) مەنسىۋىنى بەرگەن.
ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ:<نىمىلا دېگەن بىلەن مەن ئايال كىشى، گايى — گايىدا ئۆزەمنى بىر قانىتى يوق قۇشتەك سېزىپ قالىمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۈلۈم دېگەن قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا، مېنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلۇم يوق، شۇڭا، كۈيوغلۇم شامەخسۇت بەگنى ئۆزۈمگە ياردەمچى ۋاڭ قىلىپ بېرىش توغرىسىدا بېيجىڭ خانغا خەت سۇنساممىكىن> دېگەن خىيالغا كېلىپ، بۇنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى نەمىتۇللا قېزىبەككە ئېيتىدۇ.
نەمىتۇللا قېزىبەگ ئاددى خەلق ئىچىدىن چىققان، كۆڭلى تۈز، گېپى ئۇچۇق ساددە ئادەم ئىدى. كۆپىنچە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭغا ياخشى مەسلىھەتلەر بېرەتتى. شۇڭا، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭمۇ ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى ۋە بەزى ئىشلاردا ياردەمچىسى قىلىۋالغان ئىدى. نەمىتۇللا بولسا، ئۆزىنىڭ ساددىلىغىدىن،<كىم بىلىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭنىڭ كۆڭلى ماڭا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۇ نىملا دېگەن بىلەن ئېرى يوق ئايال كىشى ئەمەسمۇ. شۇنداق بولۇپ قالسا، بىرىمىز ۋاڭ، بىرىمىز پۇجۇڭ ئاغىچا بولۇپ ئالەمدىن ئۆتمەيمىزمۇ> دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شامەخسۇتنىڭ پۇقرالارغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈللىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك ئويناپ تۇرىدىغان قوڭۇر كۆزلىرى نەمىتۇللاغا زادى ياقمايتتى. شۇڭا مېھرىبانۇنىڭ بايىقى پىكرىنى قەتئىي رەت قىلدى.
بىراق، مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ ئۆز پىكرىدىن يانماي، يۇقىرىدىكى مەزمۇندا مانجۇ خانغا ئىلتىماس يېزىشنى ئوردىنىڭ خەنزۇ كاتىپلىرىغا تاپشۇردى. شامەخسۇت ئىلتىماسقا تامغا باسىدىغان چاغدا، بۇ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ، مەسئۇل كاتىپنى نۇرغۇن نەق پۇل ۋە كىلىچەككە مەنسۇپ ۋەدە قىلىش بەدىلىگە سېتىۋالىدۇ — دە، بۇ ئىلتىماسنى ئۆز پايدىسىغا يازدۇرۇپ، بېيجىڭغا ماڭدۇرىدۇ. بېيجىڭدىن :<ئىلتىماسىڭلارغا بىنائەن، شامەخسۇت چىڭ ۋاڭ، مېھرىبانۇ ياردەمچى ۋاڭ بولسۇن> دېگەن مەزمۇندا جاۋاپ كىلىدۇ. مېھرىبانۇ ھەيرەت ۋە غەزەپ بىلەن ئالا — توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۇ سۇيىقەستنىڭ سىرىنى ئېچىشقا نەمىتۇللانى بۇيرىدۇ. نەمىتۇللا قاتتىق تەپتىش قىلىپ، شامەخسۇتنىڭ نەيرىڭى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. دەل شۇ چاغدا، شامەخسۇت ئۆز كىشىلىرى ئارقىلىق خەلق ئىچىگە <مېھرىبانۇ خېنىم نەمىتۇللا قېزىبەككە ئۈگىنىپ قاپتۇ، كىچىلىرى بىللە بولىدىكەن> دېگەن ئىغۋانى تارقىتىدۇ — دە، ئۆزى مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭنىڭ قېشىغا كىرىپ، <بۇ نىمە دېگەن سەت گەپ! سۈۈشتۈرۈپ كۆرسەم، نەمىتۇللا دېگەن قارا يۈزنىڭ ماختانچاقىلىق قىلىپ، ئۆزى تارقاتقان گەپلەر ئىكەن> دەپ چاقىدۇ. مېھرىبانۇ نومۇس ۋە غەزىۋىدىن ھۇشىدىن كەتكىدەك دەرىجىگە يىتىپ، <ئۇ قارا يۈزنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ، مېنى بۇ بەدنامدىن قۇتۇلدۇرۇڭ> دەيدۇ. دەل شۇنداق بۇيرۇقنى كۈتۈپ تۇرغان شامەخسۇت نەمىتۇللانى تاياققا بېسىپ، يوتا ئىلىگىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. نەمىتۇللا تاياقنىڭ زەربىسى بىلەن ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كىتىدۇ. شامەخسۇت ئۆز رەقىبىنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلاتلىرىدىنمۇ قىساس ئالىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مانجۇ خاننىڭ قۇمۇلدىكى ھەربىي مەمۇرى ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ باشچىلىغىدا زور داغدۇغا بىلەن ۋاڭ ئوردىسىغا كىرىپ، شامەخسۇتقا چىڭ ۋاڭلىق تاجىنى كىيدۈرىدۇ. مېھرىبانۇ ياردەمچى ۋاڭ نامىدا بىر نەچچە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.»(ئۆتكۈر،1985، 101-104)
بۇ پارچىلاردا پسىخىلوگىيىلىك تەھلىللەر ۋە ئىچكى مونولوگلارمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. بولۇپمۇ شامەخسۇت ۋاڭنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن شۇ بۆلەك بۇنىڭغا ئۆرنەك بولىدۇ. يەنى«بىر كۈنى، شا مەخسۇت پۇجۇڭ ئاغىچىنىڭ يېنىدا قۇنۇپ قالدى. ئاجايىپ چىرايلىق نەقىشلەنگەن مورىدا ئۈرۈك ئوتىنى خۇش پۇراق چېچىپ كۆيۈپ تۇراتتى. بىردەملىك ئۇيقۇغا كەتكەن شامەخسۇت ۋاڭنى يەنە قارا باستى: شەرق تەرەپتىن ھەيۋەتلىك ئاۋاز بىلەن ئۇچۇپ كەلگەن يوغان بىر ئەجدەرھا شىڭشىڭشا تاغلىرىنىڭ بېشىغا قونىۋېلىپ، ئاغزىدىن ئوت چېچىۋاتقۇدەك؛ بىر دەمدە قارا بوران كۆتۈرىلىپ، ئوردىنىڭ ئىگىز راۋىغىنى ئۆرۈپ تاشلىغىدەك. ئەجدىرھا بىر قولىنى سوزۇپ، شامەخسۇتنى گېلىدىن سىققان پېتى ئالدىغا تارتىپ بېرىپ ،<ھە سىنى نىمە قىلسام بولۇر> دېگىدەك. شۇ ئارىدا يەڭلىرىنى جەينىكىگىچە تۈرۈۋالغان بىر قارا ساقاللىق كىشى يەغاچچىلار ئىشلىتىدىغان ئۆتكۈر پالتىنى كۆتۈرۈپ ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا كەپتۇ– دە، <بۇنى ماڭا بىرىڭ، قۇمۇل خەلقىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلاي> دېگىدەك. ئەجدەرھا قاقاقلاپ كۈلۈپ،<خالىغىنىڭنى قىل> دەپ شامەخسۇتنى ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرگىدەك. ھېلىقى كىشى ئوردا قوۋىقىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان قېلىن خەلق توپى ئىچىدە ئۇنى بىر كۆتەككە بېسىپ تۇرۇپ، پالتىسىنى ئىگىز كۆتۈرگىدەك…
شۇ چاغدا شامەخسۇت <ۋاي جان> دەپ قاتتىق چۆچۈپ ئويغاندى. پۇجۇڭ ئاغىچىمۇ ئويغىنىپ كېتىپ، دەرھال يوغان كىرسىن لامپىنى ياقتى– دە، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ قورقۇپ كەتتى ۋە يۈز– كۆزلىرىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈشكە باشلاپ، <تىۋىپ چاقىرايمۇ> دىدى. شامەخسۇت بېشىنى چايقىدى. شۇ ئارىدا ئوردا مەسچىتىنىڭ مەزىنى ناماز بامداتقا ئەزەن ئېيتتى. شامەخسۇت نامازنى ئۆيىدىلا ئوقۇپ، سەۋسەر تۇمىغى بىلەن قاما جۇۋىسىنى ئىلدام كىيدى– دە، بايا چۈشىدە بوران ئۆرىۋەتكەن ئوردا راۋىقى تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ كەينىدىن قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرى ئەگەشتى.
شامەخسۇت راۋاققا چىقىپ دەرھال شەرققە قارىدى. ئۆرلەپ چىقىۋاتقان كۈننىڭ نۇرلىرى قېلىن بۇلۇتلارنى خۇددى نەيزىدەك تېشىپ، تاغ باشلىرىغا سانجاق– سانجاق ئەلەملەرنى سانجىۋاتقىدەك كۆرىنەتتى. بىراق، شامەخسۇتقا كۈن ئەمەس، بايا چۈشىدە كۆرگەن ئەجدەرھانىڭ ئوت چېچىۋاتقان ئاغزى، تاغ ۋە بۇلۇتلار بولسا ئۇنىڭ گەۋدىسى بولۇپ كۆرۈندى. – دە، ئۇ ئالقىنى بىلەن دەرھال كۆزىنى ئىتىۋېلىپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئوردىنىڭ غەرپ ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىنى يېرىم چەمبەرسىمان ئوراپ تۇرغان ساناقسىز پاكار– پاكار ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن چىقىۋاتقان كۆكۈش ئىس ھالقىلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئۆزى تەرەپكە خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان بىر توپ ئەجدەرھادەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوردىغا يېقىنراق جايلاشقان مەسچىتلەردىن ئۆيلىرىگە تارقىلىۋاتقان توپ – توپ جامائەت شامەخسۇت ۋاڭنىڭ راۋاقتا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەر قايسىسى ئورۇنلىرىدا يەرگىچە ئىگىلىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. شامەخسۇت ئۇلارغا قارىدى – دە، ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ بايا چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى قارا ساقاللىق كىشى پالتا تۇتۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. شامەخسۇت:<يا ئاللا، بۇ نىمە كارامەت؟ مەن نىمە بولىۋاتىمەن!> دەپ خىيالغا چإمدى.»( ئۆتكۈر،1985، 106- 108)
روماننىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئايقىز بىلەن ئامانقۇلنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تويى بولغىچە بولغان ئارىلىق روماننىڭ تېمىسىگە ئايلانغان. بۇ باپ ئاساسەن بارلىق رومانلاردىكىگە ئوخشاش ئەسەرنىڭ لىرىكىلىق ۋە مۇھەببەتلىك تەرىپىنى كۈچەيتكەن.«قىزنىڭ چۇگۇلۇپ كەتكەن قاپ– قارا چاچلىرى ئارىسىدا خۇددى بۇلۇتلار ئىچىدىن يېرىم كۆرۈنۈپ تۇرغان تولۇن ئايدەك يومىلاق يۈزى مومدەك ئاقىرىپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى؛ گەز باغلاپ كەتكەن نىپىز لەۋلىرى مەھكەم يۇمۇقلۇق تۇراتتى. يىگىت بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن دەرمانى كەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ، نېرىراقتا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرغان ئېتىنى تۇتۇپ كەلدى — دە، تېرە خۇرجۇندىن چايجۆشنى چىقىرىپ، چاي قاينىتىشقا كىرىشتى. چاي قايناتقاچ، ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، ياغاچ چۆچەكتە چاي ئىچكۈزۈشكە باشلىدى. قېنىق چاي بىلەن بىر پارچە پىشلاق قىزغا دەرمان بولدى چېغى، ئۇ خېلى تىتىكلىشىپ، بوينىغا چۈشۈپ قالغان ھال شايى ياغلىغىنىمۇ بېشىغا چىگىۋالدى. شۇ ئارىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر قۇيىۋەتتى. يىگىت بىلەن قىز بىر قارىغاي تۈۋىگە كېلىپ، يانمۇ — يان ئولتۇرۇشتى. قىز شۇنداق چىرايلىق ئىدىكى، يىگىت ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا بىر– ئىككى قېتىم قارىۋالدى. قىزنىڭ يېشىل مەخمەل كەمزۇلىغا قادالغان ئۇششاق كۆمۈش تەڭگىلەر بىلەن تۇمشۇقلىرى تاشتا تىلىنىپ كەتكەن گۈللۈك ئۆتىگى يىگىتكە غەلىتە كۆرۈندى. <ھەي بۇ قىز بىز خەقتىن ئەمەسقۇ؟ نەدىن كېلىپ بۇ يەردە يالغۇز تىنەپ يۈرگەندۇر !؟> دەپ ئويلايتتى ئۇ، ئەمما گەپ سوراشقا پېتىنالمايتتى. قىز بولسا، ئۆزىنىڭ نىجادچىسى بولغان بۇ يىگىتكە ئاستىرىتتىن قاراپ، نىمىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ، گەپ قىلالماي لەۋلىرى تىترەپ كەتتى.»( ئۆتكۈر، 1985، 10)
روماننىڭ كىرىش سۆزىدە بىلدۈرىلگىنىدەك، ئاپتورنىڭ مەخسىتى يالغۇز تۆمۈر خەلپىنى ياكى ئۇ باشلىغان مىللى ئىنقىلاپ ھەركىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشلا ئەمەس ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ ۋەقەلەر بىلەن بىرلىكتە بىر كۈرەشنىڭ تارىخىي كۆلىمىنىمۇ كۆرسىتىپ بىرىشكە تىرىشقان. ئۆتكۈرنىڭ بۇ دىداكتىك مەۋقەسى روماننىڭ شەكلىنى ئاجىزلاتقاندەك ھېس قىلىنسىمۇ، ئاپتور مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەقىقىي مەلۇماتلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئاڭنى ئويغاق تۇتۇش مەقسىتىمۇ كۆرسەتمەكچى بولغان. ئۆتكۈرنىڭ (ئۆزنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا) بىر تەرەپتىن بىر بەدىئىي ئەسەر يارىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن بىر زىيالىنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئورۇنداش مەخسىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. روماندىكى شەخسلەر، ماكان ۋە زامان قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسۋىرىدە ئاشۇ مەقسەتكە دىققەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈمىز. ھەم بارلىق كىشىلەر، ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، ماكان قاتارلىق ئامىللار تامامەن تارىخىي رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان. ئۆتكۈرنىڭ ئارىلاپ– ئارىلاپ تەپسىلىي يازغان بابلىرىنى بۇ «رىئالىزمچى» مەۋقەنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە چۈشىنىش لازىم.
«ئىز» رومانى باشتىن ئاخىر «قۇمۇل تەلەپپۇزى» بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، ناھايىتى مول بىر فولكورىك قۇرۇلمىغا ئىگە. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روماندا ئىنتايىن راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بىر تىل ئىشلەتكەن ۋە تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشنى كۈچەيتكەن. ئاپتور ئەسەردە ئىشلەتكەن يات سۆزلۈكلەر خەلق تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ئورتاق تۈرك(ئۇيغۇر) ئەدەبىي تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى ئىدى. ئىدىيوملار ، ماقال– تەمسىللەر ۋە قوشاقلار مەۋجۇت تىلنىڭ تەركىپلىرى سۈپىتىدە روماندا ئۇتۇقلۇق ھالدا قوللىنىلغان. ئۆتكۈر ھەر قانداق ۋەقەنى خۇلاسىلاپ، تەسۋىرلەپ ۋە ئارىفانە بىر ئۇسلۇپ بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىدىيوملار، ماقال– تەمسىللەر ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرگە ئورۇن بەرگەن. بۇ ئارقىلىق مەۋجۇت تىلنىڭ بارلىق تەركىپلىرىنى رومانغا ئېلىپ كىرگەن ۋە «تىل»نىڭ مىللىي كۈلتۈرنىڭ داۋاملىشىشىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىتىنى تەدبىقلاپ كۆرسەتكەن. دىققەتنى تارتىدىغان باشقا بىر نوقتا بولسا، بۇ خىل تىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرى، ماقال– تەمسىل، ئىدىيوملار ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ئانادولۇ تەۋەسىدىكى شۇ خىل تەركىپلەر بىلەن بىر مۇنچە تەرەپتىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدىكى، بۇ خۇسۇس ئايرىم بىر ماقالىنىڭ تېمىسى بولغىدەك دەرىجىدە مول ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. مەسىلەن:
ئاق ئىت، كۆك ئىت– ھەممىسى بىر ئىت(ئۆتكۈر، 1985، 36)

قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. (ئۆتكۈر، 1985، 40)

ئاققىنا ياغلىق ئىچىدە،
بىر تۈگۈن گۈل ساقلىدىم.
گۈلنى ئېلىپ بېشىمغا،
تاجى قىلىپ سانجىدىم. (ئۆتكۈر، 1985، 310)

بۇ خىل ئەسەرلەردە شەكىل جەھەتتىكى تەپسىلاتلاردىن بەكرەك دىداكتىك قۇرۇلمىغا دىققەت قىلىشنى تېخىمۇ توغرا دەپ قارايمىز. چۈنكى تۈرك ئەدەبىياتى ئانادولۇ ئەدەبىياتى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىچىگە بالقاندىن كاۋكازغا، جەنۇپتا ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا ۋە ئاسىياغا سوزۇلغان ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك بۆلگە ۋە بىر مۇنچە تۈركىي قەۋملەر، توپلۇقلار ۋە دۆلەتلەر كىرىدۇ. «ئىز» رومانى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر مەۋجۇتلۇق كۆرىشىنىڭ داستانىي ئىپادىسىدۇر. ئۆتكۈر تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆرىشىنىڭ داستانلىرىنى تېما قىلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يەردە «جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت» بىلەن «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» ئوتتۇرسىدىكى مۇنازىرىنىمۇ ئەسكە ئېلىش مۇمكىن. ئۆتكۈرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىدىن ئۇنىڭ «جەمئىيەتچى» تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ھۆرلۈك كۆرىشى ئىچىدە تۇرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى ئومۇمەن ھەر ۋاقىت بۇ خىل مەۋقەنى(قىسمەن ئەھۋاللانى بۇنىڭ سىرتىدا) قوبۇل قىلغان.
ئەدەبىياتنى جەمئىيەتنىڭ ئەينىكى دەيدىغان نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆتكۈرنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى «ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش»، «مىللىي ئاڭنى ئويغاق تۇتۇش» ھەرىكىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەدەبىياتتىكى ھەر بىر يېڭى تۈر ئاۋۋال تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. خۇددى ئانادولۇ ئەدەبىايتىدا تانزىمات ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزغا كىرگەن تۈرلەرگە ئوخشاش، رومان تۈرىنىڭ بىزدىكى ئۆرنەكلىرىمۇ بەزىدە ئۆتكۈرنىڭ رومانىدا ئۇچرايدىغان شەكىل خاتالىقلىرىدىن خالى بولالمىغان ئىدى. لېكىن بۇ خىل ئەسەرلەر پەقەت بىر باسقۇچنى تەشكىل قىلىش ۋە كېيىنكى زىيالىلارغا يول كۆرسىتىش جەھەتتىن ھەر ۋاقىت ئەھمىيەتلىكتۇر.

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: ئەدەبىي تەتقىقات، ھايات ھېكايىلىرى
يېڭى يازمىلار