نەۋائى ئىجادىيتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئابلاجان ئۈمىديار

نەۋايى ئىجادىيتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلقنىڭ 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىرى نەۋائى ئۆزىنىڭ 60يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىدە ئەدبىياتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۆرنەك بولغىدەك يۈكسەك بەدەئى نەمۇنە ياراتقان. نەۋائى ئەسەرلىرى يۇقۇرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە يۈكسەك ئىستىتىك قىممەتكە، كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىۋى ئاساسقا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنۋىرساللىق ھەم سىترولۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىدە نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ پەلىسەپىۋي ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: نەۋائى ئىجادىيىتى،ئىدىيىۋي مەنبىئى

نەۋائى (1441-1501) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈپەت جەھەتتىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان بۈيۈك نامايەندىدۇر. خۇددى «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ۋە باشقا ئەسەسرلىرىدە دېيىلگىنىدەك بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىمگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغىلىغان شائىر نەۋائى ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىدىن تارتىپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگىچە نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلاردا ياشاپ تۈرلۈك مەدرىسلەردە بىلىم ئېلىپ، جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئاساستا رىئال جەمئىيەت ۋە تۈرلۈك مەنبەلەردىن بىلىم ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ھاياتىدا قەدىمكى گىرىك پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت مۇھىتى ئاستىدىكى ۋارىسلىرى بولغان فارابى، ئىبىن سىنا، ئەبۇ رەيھان بىرونى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە باشقا ئالىملارنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا باشلانغان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ تەسىرىدە گۈللەنگەن ئۇيغۇر ۋە پارىس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ: شۇنداقلا 15-ئەىسر مۇھىتىدا ئومۇملاشقان خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى ۋەكللىك قىلغان سوفىزىم ئىدىيىلىرىنىڭ ئىلغار ئىجتىمائي تەسىرى ئاكىتىپ قوبۇل قىلغان، شۇ ئاساستا ئىنسانى يەتنىڭ قەدىمدىن تاكى 15-ئەسىر باسقۇچىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەڭ ئىلغار پەلسەپىۋى تەپەككۇر سەمەرىلىرىگە ئىجادىي ۋارسلىق قىلىپ قىلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى بىلىشىنىڭ نوقۇل شېئىرى تەسەۋۋۇر ياكى بەدىئى ئوبراز شەكلى ئارقىلىق ئىجتىمائى ھاياتنى ئىپادىلەش دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلمىيلىك، گۇمانتارلىق ۋە كۆپ قىرلىق مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە قىلغان. شۇڭا نەۋائى مىراسلىرى پەلسەپە، تارىخ سەنئەت قانۇنىيتى، تىلشۇناسلىق، دىنىي ئۇتفىيە ئەدەبىياتشۇناسلىق، ئەخلاق، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىلىم تۈرلىرى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان غايەت زور ئىنسىكىلوپى دىيىلىك تۈسكە ئىگە مەنىۋى خەزىنىنى ياراتقان.
نەۋائى ئىجادىيىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى پەلسەپىۋى تېرەنلىككە ئىگە بولغاچقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تۇتىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مۇھىتىدا شېئىرنى ۋاستە قىلغان پەلسەپىۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پۈتكۈل ئالەم ۋە جەمئىيەتنى ئۆز تەپەككۇرىغا ئالغان شائىر ئۆز ئەسەرلىرىدە مەۋجۇدىيەت، ئىلاھىيەت، ئىنسان، ئەقىل-ئىدراك، مەرىپەت ئىرادە ئەركىنلىكى، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائى مەجبۇرىيەت قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزىنىڭ غايەت زور ئىلغار ئىدىيىۋى قاراشلىرىنى ئالغا سۈرگەن. نەۋائى پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە ئالدى بىلەن بىر ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەمنى ياراتقۇچى تەڭرى-ئاللانىڭ مەۋجۇتلىقىنى تونۇيدۇ ۋە ئۆز ئىجادىيىتىنى مۇشۇ خىل مەركىزى دۇنيا قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە روياپقا چىقىرىدۇ. شائىرنىڭ قارىشىچە،ئاللا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئەسلى مەنبىئىدۇر. ئالەمدە ئەسلىدە پەقەت بىرلا تەڭرى يەككە ھالدا مەۋجۇت ئىدى. كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرەت-ئىقتىدارىنى جارى قىلىپ، پۈتۈن كائىناتتىكى ھاياتلىق تۈرلىرىنى جۈملىدىن ئۇنىڭ سەر خىلى بولغان ئىنساننى ياراتقان ھەم ئۇنىڭ بىلىش قابلىيتىنىمۇ بەخىش ئەتكەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ «فانى» تەخەللۇسىدا يازغان «روھۇل-قۇدس» ناملىق 132 بىيىتتىن تەركىپ تاپقان بىر قەسىدىسىدە يەككە مەۋجۇت بولغۇچى «تەۋھەدى بارى تەئالا»(ئاللا) ھەققىدە توختىلىپ: «ئىنسان جىسىمىنى توپىدىن ساز ئەتتىڭ، ئۇنىڭ جىسمىنى ئاسمان گۈمبىزىدىنمۇ يۇقىرى كۆتۈردىڭ. جىسمىغا رەھمەت يامغۇچى ياغدۇرۇپ، تەبىئىتىنى مۇلايىم قىلدىڭ. يەنە ئۇنىڭغا تۆت زىددىيەتلىك تەركىپ (تۇپراق، ئوت، سۇ، ھاۋا)قوشۇپ ۋۇجۇدىنى گۈزەل قىلىپ جان بېغىشلىدىڭ. ھەۋەسلىرىنى راسىت ئەيلەپ مېڭە قەسىرىگە ئەقىل نۇرى بەردىڭ، تەننى ئاجايىپ مەملىكەت قىلىپ، قەلىبنى سۇلتانلىق تەختىگە چىقاردىڭ، كېيىن ئۇنىڭغا ئىلىمنى رەھنەما (يېتەكچى) قىلىپ، بىرىنچى تەلىمىدە ئۆزۈڭنى تۇنۇتتۇڭ. ئۇ (ئىنسان) ئىلىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن مالائىكىلەر قۇللۇق بىلدۈرۈشىپ ئۇنىڭغا سەجىدە قىلدى. بارلىق مەۋجۇدادلار ئىچىدە ئىنساننى ئەڭ ئۇلۇغ قىلدىڭ» دەپ خىتاپ قىلىدۇ. (1) نەۋائىنىڭ قارىشىچە خىلمۇ-خىل شەكىلدە يارىتىلىپ تۈرلۈك مۆجىزىلەر بىلەن تولغان دۇنيا بىر كۆزگۈ (ئەينەك) دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن ۋە ھاياتلىق قىممەتىگە ئىگە بولغان بارلىق شەيئى-ھادىسىلەر (جۈملىدىن ئىنسانىي تۇيغۇلارمۇ) ياراتقۇچىنىڭ مۆجىزە-كارا مىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۆزىنى ھەق يلىغا بېغىشلىغۇچى ئارىف ئىنسان (ئاشىق) مۇشۇ كۆزگۈدىن ئالەمنىڭ مەنبىئىنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىنى تونۇپ يېتەلەيتتى.
نەۋائى ئىجادىيتىدىكى گۇمانىزىملىق ئىدىيە، ئادالەتپەرۋەر ۋە تەرەققىپەرۋەر كۆز-قاراشلارنىڭ مەركىزىدە ئەينى دەۋرگە خاس بولغان ئىسلامىيەت پەلسەپىسى جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىلاھى مەرىپەتنى ئاساس قىلغان ئىنساننى ئۇلۇغلاش ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغاچقا شائىرنىڭ بۇ خىل ئىدىيىۋى قاراشلىرى ئۇنىڭ «مۇناجات» (2) «ھەيراتۇل ئەبرار»، «فەرھاد-شىرىن» «سەبئەئى سەييار» «سەددى ئىسكەندەر» قاتارلىق داستانلىرىدا ئىپادىلەنگەندىن سىرت يەنە باشقا ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسىدىكى داستانلار ۋە لىرىك ئەسەرلىرىدىمۇ ئىزچىل ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن «فەرھات-شىرىن» داستانىدا شائىر ئەسەردىكى تىراگىدىيىلىك سىيۇژىتنىڭ باشلىنىشىنى باش قەھرىمان فەرھادنىڭ جاھاننامە ئەينىكىنى كۆرۈشى بىلەن ئۆز قەلبىدىكى ئىلاھى مەرىپەتنىڭ كۈچىدە سىرلىق ئىشىق دەردىگە مۇپتىلا بولۇشتەك ۋەقەلىككە باغلايدۇ. نەۋائى «ھەيرەتۇل ئەبرار» داستانىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئىسلامىيەت تۈسىە ئىگە بولغان دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازىدۇ:
نە بولۇپ ئەۋۋەلدە بىدايەت ساڭا
نە كېلىپ ئاخىرىدا نىھايەت ساڭا
ئەۋۋەلى ئۆزۈڭ ئاخىرۇ مابەينى ئۆزۈڭ
بارچىگە خالىق، بارچىغا ئەين ئۆزۈڭ(3)
ئىسلامىيەتنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك پەلسەپىسى ۋە گۇمانىزىملىق روھىغا ئىگە بولغان بۈيۈك پەيلاسوپ، ئەدىب نەۋائىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك ۋە باشقا تۈرلىك ئىجتىمائىي قاراشلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت لىرىدە ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە بۇ خىل تېماتىكا ئالەمنىڭ مەنبىئى بولغان ھەقنى بىلىش ۋە مۇشۇ خىل مەرىپەت ئاساسىدا ئىنساننى تونۇش ھەم ئۇنى ئۇلۇغلاشتىن باشلىنىدۇ. ئەلشىر نەۋائى ئىنساننى ماكرولۇق جەھەتتىن ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ سەرخىلى ۋە ئەڭ ئالىي تۈرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ كۆركى دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ «ھەيراتۇل ئەبرار» داستانىدا بۇ ھەقتە مۇنداق مىسرالارنى يازىدۇ:
مۇنچە غەرايىپكى خىيال ئەيلەدىڭ
بارچە مىرادى جەمال ئەيلەدىڭ
گەنجىڭ ئارا نەقد فەراۋان ئىدى
لىك، بارىدىن غەرەرز ئىنسان ئىدى…
…كانىيۇ ھەيۋانى ئەگەر خۇد ئىبان
ھەر بىرى بىر گەۋھەرى ئالى سىفات
بارچە سىنى گەرچە لەتىف ئەيلەدىڭ
بارچەدىن ئىنساننى شەرف ئەيلەدىڭ(4)
ئەلشىر نەۋائى ئىجادىيىتىدە ئىنسان، جەمئىيەت، تىل-تەپەككۇر، ئىجتىمائىي ئەخلاق، مەجبۇرىيەت، سەنئەت، غايە قاتارلىق تېمىلاردىن سىرت يەنە ئالەم ۋە سەييارىلەر يۇلتۇزلار ھەم تۆت پەسىل شۇنداقلا ماددى دۇنيانىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئوبىكىتىپ دۇنيانىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈلىكلىكى ھەققىدە ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئەقلى قابىلىيتى بۇ خىل قانۇنىيەتلەرنىمۇ ئىدراك قىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغان. مەسىلەن: ئۇ «فۇسۇلى ئەرجە» (تۆت پەسىل) ۋە «ھىلالىيە قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەسلىدىن گۈزەل قىلىپ يارىتىلغان ئالەمنىڭ زىددىيەتچان ھەرىكىتى، «سەرەتا» (ياز)، «خازان» (قىش)، «دەي»(كۈز)، «باھار» پەسىللىرى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى تەبىئەتنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئاساسىدا تۈرلىك ئىجتىمائى ئىدىيىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان. نەۋائى «ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇلۇغ قىلىپ يارىتىلغانلىقىدا، ئىنساننىڭ گۈزەللىكى روھىيتىدە ياكى قەلىب گۈزەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. تەڭرى-ئاللا، ئالەم، ئىنسان ئوخشاشلا گۈزەل، كائىنات ۋە ئىنسان قەلبى ھەقىقەت(گۈزەللىك) تەجەللى قىلىنغان ئۇلۇغ ئوبىكىتلاردىن ئىبارەت» دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا نەۋائى ئەسەرلىرىدىكى غايە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ غايىۋى تەلپۈنىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلسا، ئۇنىڭدىكى لىرىك قەھىرىمان مەڭگۈ يىمىرىلمەس سىما سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.
شائىر نەۋائى يەنە ئالەمنىڭ گۈزەللىكى، ئىنسان ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ رىئال ھەم مۇقەرەرلىكى ئەمما فەلەكنىڭ رەھىمىسىزلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئىنساننى پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تونىغان.نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرلىك ۋە گۇمانىزىم قاتارلىق ئىلغار ۋە تەرەققىپەرۋەر قاراشلىرىنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ ئۇلارنى يۈكسەك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالىغان. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى يۈكسەكلىك ئۇنىڭ ئىشىق ۋاستە قىلىنغان لىرىك غەزەللىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «لەيلى-مەجنۇن» داستانىدا قەيىس قەلبىدىكى ئىشىق ئادەتتىكى ھېس-تۇيغۇ بولماستىن بەلكى ئىلاھى مەرىپەت ۋە مۇقەددەس گۈزەللىك بىلەن زىچ بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە ئىستىتىك تۇيغۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ. «فەرھاد-شىرىن» داستانىدىكى فەرھاد مۇپتىلا بولغان ئىشقىمۇ ئىلاھى مەرىپەت، ئالىيجاناپلىق ئىجادكارلىقنىڭ مەنبىئى بولغان ئىشىق سەۋدالىقى بىلەن بىرلەشكەچكە ئۇ ئۆز قەلبىدىكى ئەشۇ تۇيغۇ خىسلەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۆڭلىگە «ئالەمشۇمۇل غايىلەرنى پۈكۈپ، يۇنانىستانغا بارىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۆز ئېلىگە قايتىپ كېلىپ ئىسكەندەر تىلسىمىنى ئاچىدۇ. گۈزەل ئىنسان شىرىننى كۆرىدۇ ۋە كېيىنكى مۇرەككەپ سەرگۈزەشتىلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. داستاندىكى بۇ ۋەقە تەپسىلاتلار نەۋائىنىڭ بىر غەزىلىدىكى:
مېھىر ئاڭلاپ ئاشىق ئولدۇم سۇڭرە يەتسە كۈھى غەم،
نە ئەجەب ئىشق ئىپتىداسى ئەيىن ئېرۇر بايانى قاف(5)
(مېھىر-شەپقەت تىلەپ ئاشىقلىق يولىغا كىردىم كېيىن غەم بېسىۋالسا بۇنىڭغا نېمە دەي؟ چۈنكى ئىشىق سۆزى ئاۋال ئەيىن ھەرپى بىلەن باشلىنىپ جاف-كۇھىقاق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ئەمەسمۇ) دېگەن بىيىتى بىلەن ئورتاق ئىدىيىۋى پىكىرگە ئىگە ئىدى.
نەۋائى ئىجادىيتىنىڭ ئاساس تېمىسى 15-ئەسىر ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى ئىشىق- مۇھەببەتكە مەركەزلىشىدۇ. ئىشىقنى ۋاستە قىلغان ئىجتىمائى ئەخلاقى تېمىلارغا تۇتىشىدۇ. ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تارىخدىن بۇيان، ناھايىتى كەڭ ئىجتىمائى مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىسلامىيەتتىن كېيىن رىئال ئىجتىمائى مەنا ۋەئىلاھى مەرىپەت قارىشى بىلەن زىچ بىرلەشكەن ھالدا قوش قۇنۇپلىق يۆلىنىشتە ئىزچىل تەرەققى قىلىپ خارەزمنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى، ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «دىۋانى ھېكىمەت» توپلىمى، رابغۇزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دىكى يۈسۈپ-زۇلەيخا ھېكايىلىرى، ئاتايى، سەككاكى، لوتفىلارنىڭ لىرىك شېئىر ۋە داستانلىرىدا ئالاھىدە ئىپادىلەنگەن بولسا نەۋائى قەلىمى ئارقىلىق يارىتىلغان داستان ۋە شېئىرلاردا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىلىپ، تىرادىگىلىيلىك يۈكسەكلىكتە ئىپادىلەپ، بۇ تېمىنى نەۋائى ئىجادىيتىگە يۈكسەك قىممەت، مەنىۋى ئېنىرگىيە بېغىشلىغان كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىگە ئىگە ئاكتىۋال ئىجتىمائى تېما دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەسىلەن «فەرھاد-شىرىن» داستانىدا بولسا فەرھات ھەق-ئادالەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن بىۋاستە باغلانغان ئىشىققا مۇپتىلا بولۇپ، ۋىساللىق يولىدا ئىزدىنىپ ئاخىرى ئەرمەن ئېلىگە كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك قىسمەتكە دۇچ كېلىدۇ. بىرى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى گۈزەللىك ئارقىلىق شىرىننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. يەنە بىرى: زامان كۈلپەتلىرى سەۋەپلىك ئادالەتنىڭ كۈشەندىسى بولغان خسراۋنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئاخىرى تىراگىدىيە قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. «لەيلى مەجنۇن» داستانى دىكى قەيىس ۋە لەيلىلەرمۇ ئەنە شۇ خىل تەقدىر-قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ. شەرقچە تۈس ئالغان بۇ خىل تىراگىدىيىلىك يېشىم ماھىيەتتە ئەينى دەۋر ئىجتىمائى ئىدىيىسى ۋە شائىرىنىڭ قارىشى بويىچە چۈشەنگەندە، بۇ چەكسسىز ئالەمدىكى شەخس ھاياتىنىڭ باقاسىزلىقى، تەننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ھامان خاكسارلىققا يۈزلىنىپ خورىشى ۋە ئاخىرى تۇپراققا ئايلىنىشى ئەمما روھنىڭ مەڭگۈ غالىپلىققا سىمۋول قىلىنغان ئىستىتىك غايە ئىدى.
نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە بۈيۈك گۇمانىسىت شائىر سۈپىتىدا ئىشىقنىڭ قۇدىرىتى، ئۇنىڭ خاسىيتى ۋە شىددىتى ھەققىدە كەڭ توختىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن داستانلىرىنى ئىشىق ئىشق-مۇھەببەت تىراگىدىيىسى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. «مەھبۇبۇل قۇلۇب» دا شائىر: «ئىشىق ئەختەرەدۇر دەرەخشەندا ۋە بەشەرىيەت كۆزى نۇر-زىياسى ئاندىن گۆھەرىدۇر رەخشەندە ئىنسانىيەت تاجىنىڭ زىبۇ باھاسى ئاندىن،… بەھرىدۇر ۋەسىئى ھەر ئىگرەمى يۈز ئەقلۇ-ھۇش كېمەسىن چۇمۇرغان ۋە تاغىدۇر رەفى ھەر تېغى مىڭ زۇھدۇ تەقۋا باشنى ئۇچۇرغان» (ئىشق يۇلتۇزدۇركى كىشىنىڭ كۆزىگە نۇر-زىيا شۇنىڭدىن كېلىدۇ. پاقىراق گۆھەردۇركى ئىنسانىيەت تاجىنىڭ زىننەت-باھاسى شۇنىڭدىن كېلىدۇ… كەڭ دېڭىزدۇركى ھەر بىر قاينىمى يۈزلىگەن ئەقىل-ھۇس كېمىسىنى چۆكتۈرىۋەتكەن. ئۇ ئىگىز تاغدۇركى ھەر بىر چوققىسى مىڭلىغان زاھىد-تەقۋانىڭ بېشىنى گاڭگىراتقان) ئىشقىنى ۋاستە قىلغان ھەقنى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى ئىنساننى سۆيگۈچى شائىر نەۋائى ئۆز ئىجا دىيىتىدە مەرتلىكىنى كۈيلەپ، ئۇنىڭ ئەكسىنچە زامننىڭ زۇلىمى زوراۋانلىق قاباھەت ۋە نادانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. «فەرھاد-شىرىن» داستانىدىكى فەرھاد بىلەن خسراۋنىڭ كەسىن بەس-مۇنازىرىسى ۋە فەرھادنىڭ ئۇنى يېڭىپ چىقىشى بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ جانلىق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
شائىر نەۋائى ئۆز ئىجادىيتىدە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ مەنىۋىيتىدە يەنى ئۇنىڭ ئىلاھى مەرىپەت جىلۋىلەنگەن قەلبىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ خىل قەلىبنىڭ پىسخىك ھالىتى ھامان ئۇنىڭ ھەرىكەت پائالىيتى ئارقىلىق رىئاللىققا ئايلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ «لەيلى-مەجنۇن» داستانىدا تىراگىدىيىە قەھرىمانى بولغان قەيىسىنى ئۆزىدىكى ئىشىق ۋە ئەقىدە سەۋەبى بىلەن بىر گىگانىت ئىنسان سۈپىتىدە ياراتسا: ئەكىسىنچە بۇ داستاندىكى ئىبنى سالام؛ «سەبئى سەييارە» داستانىدا شۇ قەدەر چوڭ ۋە باي دۆلەتكە ھۆكۈمدار بولغان پادىشاھ بەھرام قاتارلىقلارنى قەلبىدە ئىشىقتىن قىلچە ئەسەر بولمىغان شەخسىيىتىگە بېرىلىپ ئۆز دۆلىتىدىن كۆرەڭلەپ ئاخىرى ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلغۇچى، زالىم ھۆكۈمران سۈپىتىدە يارىتىدۇ. شائىر نەۋائى خۇددى ئۆزىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» ناملىق ئەسىرىدە ئىنسانغا خاس ئاڭ-تۇيغۇ ھېسابلانغان ئىشقىنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ:«ئىشقىسىز كېسەك، دەدسىز ئېشەك» دەپ خۇلاسىلى گىنىگە ئوخشاش ئىشىقنى ئىنسان ماھىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ يادروسى سۈپىتىدە تونۇيدۇ. شۇڭا «خەمىسە» دىكى داستانلاردا يارىتىلغان ئىجابىي قەھرىمانلارنىڭ ھەر بىرى ئۇلار مەيلى قانداق ئىجتىمائىي ئورۇندىكى كىشى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ قەلبى ىلاھى ئىشىق بىلەن نۇرلانغان. شۇڭا ئۇلار ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مەنىۋىي گۈزەللىكتە ھەرقاچان غالىپ ئىنسانلاردىن ئىبارەت بولسا، ئەكسىنچە ئۇنىڭدىكى سالبىي ئوبرازلارنىڭ شۇ قەدەر رەزىل ۋە خۇنۇك ھالەتتە گەۋدىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىشىقنىڭ ئاجىز ۋە خۇنىكلىكىدىن بولغان ئىدى. شۇڭا نەۋائى ئۆزىنىڭ «خەزائىنۇل مەئانى»دىكى شېئىرلىرىدا لىرىك قەھرىمانىنى ئىشىق يولىدا پەرۋانە، مەرتلىكتە يىگانە ئوبراز سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇلار رەھىمسىز پەلەك ياكى تاشقى قىياپىتى گۈزەل «ۋاپاسىزلار» تەرىپىدىن قەلبى شېكەستىلەنگەندە ئۆز كۆڭلىدىكى رەنجىش ۋە مەنىۋى ئىسيانكارلىقنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ھامان «ۋەھدەت شارابى» ياكى ئىلاھى مەرىپەتتىن ئۆز كۆڭۈللىرىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ.
ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىدە مۇقەررەر ھالدا رومانتىك غايە بىلەن ئىجتىمائىي رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش ئىپادىلىنىدۇ. بۇخىل توقۇنۇش سەنئەتتىكى ھالقىش ئېڭىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. نەۋائى ئىجادىيىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ «ھەيراتۇل ئەبرار» ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ھاياتنى گۈزەل باغ ياكى چىمەنزار سۈپىتىدە كۈيلىگەن بولسا باشقا ئەسەرلىرىدە ئۇنى خاراب قىلغۇچى رەزىل كۈچلەرگە، خۇنۇكلىك، چاكىنىلىق، ۋاپاسىزلىق قاتارلىقلارغا قەتئى قارىشى تۇرىدۇ. نەۋائى نۇرغۇن لىرىك شېئىرىلىدا فەلەكنىڭ كاجلىقى، دەۋر زۇلىمى ۋە تۇرمۇش تەشۋىشلىرى شۇنداقلا زامان ئەھلىنىڭ شەپقەتسىزلىكى ئىنساننىڭ بۇنىڭغا بىقادىرلىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ رەنجىش ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. م:
بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران
قۇيۇندەك ھەر زامان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان
تۈنۈم دەيجۇر ئۆزۈم رەنجۈر ئىچىم غەمناكۇ باغرىم قان
تىلىم لالۇ، تېنىم بىھال ئىشىم ئەفغان سىركىشىم قان.
زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەھىفۇ مېھنەت ئەندىشە
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان، قەتىلى خەنجەرى ھىجران
فىفانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىركىشىمدىن جەھان رەڭگىن
نى دەردىم ئوتىغا تەسكىن نى ھىجىرىم دەردىگە دەرمان…
…كۆزم نەملىك، بويۇم خەملىك، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىك
نى ھەمدەملىك، نى مەھرەملىك تاپىپ بۇ مېھنەتنى پىنھان
فالەك رەھزەن زامان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن ئۆزە رەۋزەن
قالىب جان ھەسرەتىدىن چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان
نەۋائى بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كور جامى ئىشرەت كۆپ
نىچە بولسا سەئۇبەت كۆپ قىلۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان.(6)
دېمەك شېئىرنىڭ ئاخىرقى بىيىتىدا دېيىلگىنىدەك نەۋائىنىڭ قارىشىچە غايىۋى دۇنيا شۇ قەدەر گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن رىئال ھايات زىدىيەتلىك جەريانغا ئىگە. تۈرلۈك رەڭۋازلىق بىلەن تولغان رىئال دۇنيادا ئەشۇ «رەھزان»(قاراقچى ۋە دۈشمەن) لەرنىڭ ياۋۇزلىقى ۋە جاپالىرىدىن لىرىك قەھىرىماننىڭ بەدەنلىرى ئۆتمە- تۆشۈك، ئۇنىڭ كاساپىتىدىن جان ئۆز ئىختىيارىدىن تەن چەتتە قېىلىپ، تەن مۈلىكىنى جان تەرك ئەتكەن يەنى تەندىن جان، جاندىن تەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان يۈيۈك ئىنسانپەرۋەر شائىر نەۋائىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدى رىئالىزملىق روھقا ئىگە بولغان بۇ غەزىلى مەھىيەتتە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت، شان-شەرەف ئەرك–ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارىشى كۈچلۈك نارازىلىقىنىڭ لىرىك شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت ئىدى.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا نەۋائى ئىجادىيتىدە ئىپادىلەنگەن ھايات گۈزەللىكى، ئىنسانپەرۋەلىك، ئادالەتپەر ۋەرلىك قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي قاراشلارنىڭ ھەممىسى شائىر ياشىغان ئەينى دەۋرنىڭ ئومۇمى مەدەنىيەت، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىلوگىيىسى بىلەن چەمبەرچەش باغلانغان ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تىراگىدىيە ۋە تىراگىدىيىلىك ئىستىتىك گۈزەللىك ماھىيەتتە 15-ئاسىر جەمئىيتىنىڭ رىئال ھالەتلىرى ۋە شائىرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بەدىئى ئومۇملاشتۇرۇشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. نەۋائى ئىجادىيتىدىكى ئىجتىمائى ھاياتىنى پەلسەپە، ئەخلاق، ئېتىقاد، غايە، سەنئەت نۇقتىسىدىن قوش يۆنلىشلىك ئىپادىلەشتەك بۇ خىل سىترولۇق ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچە خاسلىق بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نەۋائى مىراسلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەققانىي ۋارسلىق قىلىش مەسىلىسىدە ئىلمىي بولغان دىئالىكتكىلىق تەپەككۇر ۋە تارىخي ماتېرىيالىزملىق پوزىتسىيە قوللىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
(1) ئا، مەمىتىمىن «نەۋائىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىلى نەشىرى 33-بەت.
(2) نەۋائى «غەزەللەر ۋە شەرھى» ئۆزبېكچە تاشكەنىت 1991-يىلى نەشىرى 3-، 4-، 5-6،-بەتلىرى
(3) نەۋائى «ھەيرەتۇل ئەبرار» شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىلى نەشىرى 15-بەت
(4) نەۋائى «ھەيرەتۇل ئەبرار» شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىلى نەشىرى 20-، 28-بەتلەر
(5) ئەلشىر نەۋائى «غەزەللەر» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982-يىلى نەشىرى 99-بەت
(6) ئەلشىر نەۋائى «غەزەللەر» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1982-يىلى نەشىرى 275-بەت
(ئاپتورى: قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى، ماگىستىر)

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ژورنىلى، 2008- يىللىق 2- سان

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەدەبىي تەتقىقات
يېڭى يازمىلار