نۇزۇگۇم

بىرىنچى باب

تۈمەن سۈيى قان بولۇپ ئاقتى، تۈمەن دەريا نەرە تارتتى، سۇ ئورنىدا قانلار ئاقتى.

 شاھىت بولۇپ تارىخقا، مىڭلاپ نوزۇڭ نەزمە قاتتى.

— خەلق داستانى «نۇزۇگۇم» دىن

مىلادى 1927 – يىلى  چىڭ لەشكەرلىرى تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرى تەرىپىدىكى قىرغىقىنى خان بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن زەمبىرەكلەر بىلەن ئۈچ كۈندىن بېرى قاتتىق توپقا تۇتماقتا ئىدى.

بۈگۈن كېچە تۈن يېرىمىدىن باشلاپ چىققان بوران، قۇم – توپىلارنى ئۇچرىتىپ كېلىپ كۆز ئاچقۇزمىدى. تاڭ يورۇشى بىلەن چىڭ لەشكەرلىرى دەريادىن ناھايىتى ئوڭۇشلۇقلا ئۆتۈپ كەتتى. غوجىلار بۇ كېچىدىكى بورانلىق تۈن
قاراڭغۇسىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئارىدىن قاچقانىدى، دەريانىڭ بۇ قىرغىقىدا پەقەت ئۆي – ماكانلىرىنى ياۋدىن قوغداش ئۈچۈن ئاتلىنىپ چىققان خەلق — سۇچىلار، ئوتۇنچىلار، كاسىپلار، كىچىك ئېلىپساتارلار، قەشقەر مەدرىسىنىڭ ياش تالىپلىرى، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن يىغىلغان دېھقانلارلا قېپقالغانىدى. قولىدا تاش – توقماق، ئارا – گۈرجەكتىن باشقا ھېچنېمە بولمىغان بۇ پۇقرالار بىلەن تولۇق قوراللانغان چىڭ لەشكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ باشلاندى.

چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۈچ تەرەپتىن شىددەتلىك باستۇرۇپ كەلدى. خەلق دەريا بىلەن شەھەر جايلاشقان ئېگىز يار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇققا قىسىلىپ قالدى. ھېچكىمگە قېچىپ قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىك كۆلەڭگىسى ھەممىنىڭ ئۈستىگە يېيىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ شۇنداق جەڭ بولدىكى، ئادەملەر: بەرىبىر ئۆلۈم، بىر دۈشمەننى بولسىمۇ ئوشۇقراق ئۆلتۈرۈپ، مەردانە يىقىلىش كېرەك، دېگەن قارارغا كېلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى قەھرى بىلەن تاشلاندى… دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ ئاچچىق كىشنەشلىرى، ھاۋانى كېسىپ ئۆتكەن قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، تاش تېگىپ، ئاتتىن غۇلاپ چۈشۈۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ پەريادى، قىلىچ تەگكەن دېھقاننىڭ ياۋغا قادالغان كۆزى، «يا خۇدا، مەدەت قىل!» دەپ توپ ئىچىدە ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇپ ئالغا كېتىۋاتقان ئاقساقال ئادەمنىڭ رۇسلانغان گەۋدىسى، يىقىلغان دۈشمەننىڭ قولىدىكى قىلىچنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئېتىغا ئىرغىپ مىنىۋاتقان ياش يىگىتنىڭ نۇرلۇق چىرايى، توپ ئىچىدىن چۇلۋۇرىنى سۆرەپ چىقىپ قېچىۋاتقان ئىگىسىز ئاتلار… بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ كۆز ئالدىدىن دەممۇدەم ئۆتۈپ تۇراتتى…

بۇ ئاجايىپ جەڭ مەنزىرىسىنى تولۇق تەسۋىرلەشكە مېنىڭ قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. كىمىكى ھەقىقىي رەسسام بولسا، قەھرىمانلارنىڭ ئەندىزىسىنى مانا مۇشۇ يەردىن ئالسۇن؛ كىمىكى چىن شائىر بولسا، كۈچلۈكلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلغان ئاشۇ كۈچسىزلەر شەنىگە داستان پۈتسۇن؛ كىمىكى ھەقىقىي قەلەمكەش بولسا، قوراللانغان ياۋغا قارشى شىردەك ئېتىلغان بۇ ئاددىي خەلقنىڭ جاسارىتىنى يېزىپ قالدۇرسۇن…

چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانى قارشى قىرغاققا ئۆتكەن لەشكەرلەرنىڭ يېقىلىشىغا قاراپ كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئېلىشىۋاتىمەن، دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئۆز قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى ئارقا – ئارقىدىن دەريادىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ جەڭگە تاشلىدى، بىر ئازدىن كېيىن بۇ قوماندان مەسلىھەتچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، نېرىراقتىكى دۆڭلۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇزۇن دۇربۇن بىلەن جەڭ مەيدانىنى كۆزەتكەندە، باشقىچە ئەھۋالنى بايقاپ قالدى: مىڭلىغان ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قورشىلىپ تۇرغانلار — ئۇ ئويلىغاندەك مۇنتىزىم قوراللانغان قوشۇن بولماستىن، قوللىرىغا تاياق – توقماق تۇتقان ئاددىي پۇقرالار ئىدى. قوماندان ئاچچىق كۈلدى – دە، لەشكەر باشلىقلىرىغا، قارشىلىق قىلغانلىرىنى رەھىم قىلماي قىرىپ تاشلاش، كۆپلىرىنى تىرىك ئەسىر ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

ئاھ، تۈمەن دەرياسى! شۇ كۈنى سەندە سۇ ئەمەس، قىپقىزىل قان ئاقتى، شۇ كۈنى سەن كىملەرنىڭ ئەل ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەردانە بارغانلىقىنى؛ كىملەرنىڭ خەلقنى يىرتقۇچلار چاڭگىلىغا تاشلاپ، خاتىرجەملىك ئىزدەپ، خائىنلارچە قاچقانلىقىنى كۆردۈڭ. ئاخىرقى مىنۇتتا تۈمەن بويىدا قىلغانلار — گەپنى چوڭ قىلغان غوجاملار، ساختا نىقابتىكى ھەر خىل «زات»لار ئەمەس، ئاددىي خەلق بولدى. چىن قەھرىمان پەقەت ھەقىقىي جەڭ كۈنىلا سىنىلىدۇ. تارىخنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى، كەلگۈسىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

ئىككىنچى باب

چىن لەشكەرلىرى شەھەردە

سەن يىلانمۇ كىمنى كۆرسەڭ

چاقىسەن ئەيلەپ ئازاب،

يا ھوقۇشمۇ نەگە قونساڭ

ئۇشبۇ جاي بولغاي خاراب،

— سەئىدى

چىڭ لەشكەرلىرى چۈشكە يېقىن قەشقەر شەھىرى ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى، قارىقى دەرۋازا تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن ئوت قىزىل تىلى بىلەن ئاسماننى يالايتتى. لەشكەرلەر كوچىدا ئۇچرىغان ھەرقانداق جاننى ئاتقا چەيلىتىپ، قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى، پۈتۈن شەھەرنى نارەسىدىلەرنىڭ يىغا – زارى، ساراسىمىگە چۈشكەن خالايىقنىڭ قالايمىقان قېچىشلىرى، غالجىرلاشقان لەشكەرلەرنىڭ قىيقاس – چۇقانلىرى قاپلىدى. مازارلارنىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبەزلىرى پاچاقلىنىپ، مەسچىت – مەدرىسىلەرنىڭ ئاسمانغا سوزۇلغان مۇنارلىرى غۇلاپ چۈشتى. شەھەرنىڭ ئىس – تۈتەككە قاپلانغان ئاسمىنىدا، يۈزلىگەن كەپتەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تىنچ ماكانىنى ئىزدەپ، سەرسان بولۇپ ئەگىشەتتى… قاتار – قاتار كەتكەن رەستىلەر، بايلارنىڭ سودا – سارايلىرى تالان – تاراج قىلىندى. بۇ دەھشەتلىك بۇلاڭ – تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىق ئۈچ كۈن داۋام قىلدى.

چىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆز لەشكەرلىرىنى قەشقەر شەھىرىدىكى مەشھۇر چوڭ باغلاردىن بىرى بولغان گۈلباغقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە بۇ باغنىڭ ھەشەمەتلىك چوڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ئالدى بىلەن ئىككىدىن سەپ تۈزۈشكەن 12 رەت دۇمباقچىلار داقا – دۇمباق چېلىپ چىقىشتى. ئۇلاردىن 20 قەدەم ئارقىسىدا چىڭ خانىدانلىقىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئاتلىق لەشكەرلەر كۆرۈندى، بايراقتىن يەنە 20 قەدەمچە نېرىدا بەشتىن سەپ بولۇپ تىزىلغان قوشۇن چىقىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئېلىنغانلىقى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلىدىغان «غەلىبە نامايىشى»نىڭ باشلىنىشى ئىدى.

قوشۇننىڭ ئالدى تەرىپىدە بېيجىڭ خانلىقى ئەۋەتكەن سېرىق كىيىملىك ئاتلىق لەشكەرلەر ماڭغان بولۇپ، ئەڭ ئالدىدىكى ئېگىز تورۇق ئات ئۈستىدە ئاق ساقاللىق قېرى گېنېرال كېلەتتى. ئۇنى لەشكەرلەر «بەيخۇزا ياڭ دارېن» دېيىشەتتى. قەشقەر قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلى جياڭجۈنى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن لەشكەرلەر بولسا، ئاددىي كۆك ماتادىن كىيىم كىيگەن بولۇپ، خانلىق لەشكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى توزۇتقان توپا – چاڭلارغا كۆمۈلۈپ، پىيادە، تەرتىپسىز سۆرىلىپ كېلەتتى. ئېلى لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانى چىنگو تۈمەن بويىدىكى جەڭدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى . قوشۇن دەرۋازا ئالدىدا توختاپ ، ئۆلگەن بۇ لەشكەر بېشىنىڭ قارىلىقى ئۈچۈن توققۇز پاي پو ئاتقاندىن كېيىن شەھەر ئىچىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى .

چىڭ قوشۇنى شۇ تەرىقىدە مېڭىپ ، شەھەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىشقا باشلىدى . ئاھالىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە بېكىنگەنىدى . بەزىدە ئىگىسىز ئىتلار كوچىنى توغرا كېسىپ ئۆتۈپ قالاتتى . يول ئۈستىلىرىدە بۇزۇلغان ئىمارەتلەرنىڭ ياغاچ – تاشلىرى چېچىلىپ ياتاتتى . يول ياقىلىرىدا سۇندۇرۇلغان ئىشىكلەر ، بۇلاپ قۇرۇقداپ قويۇلغان دۇكانلار ، كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان رەستىلەر ، تاشلىنىپ قالغان دېھقان ھارۋىلىرى ، ئۆلگەن ئاتلارنىڭ ئىت يەپ يالىڭاچلىنىپ قالغان سۆڭەكلىرى كۆزگە چېلىقاتتى .

ياڭ دارېن ئات ئۈستىدە خىيالغا پېتىپ كېتىپ باراتتى . ئۇزۇن چۆل يوللىرىنى بېسىپ كېلىپ قىلغان بۇ ئۇرۇش ئۇنى خوپ چارچاتقانىدى . ياك دارېننىڭ پۈتۈن ئۆمرى دېگۈدەك چىن خاندانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى «توپىلاڭ» لارنى تىنچىتىپ بېرىش بىلەن ئۆتتى . ئۇنىڭ ئۇزۇن ساقاللىرى ئەنە شۇ يۈرۈشلەر جەريانىدا ئاقاردى . ئۇ ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن جەنۇبىي جۇڭگودىكى بامبۇكزارلىقلاردا بولدى . قانچە يىللاپ گەنسۇنىڭ سېرىق توپىلىق ئېدىرلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ يۈردى . نەچچە يىل توپ – توپ قوتازلار يايلايدىغان تىبەت تاغلىرىدا تەمتىرەپ يۈردى . بۇ يۈرۈشلەردە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئات قانچە قېتىم يەڭگۈشلەندى ، ئەجەل قانچە قېتىملاپ ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئالدىغا كېلىپ ، يەنە قايتىپ كەتتى . . . شۇ ئىشلارنى ئويلىسا ياڭ دارېن ئۆزىنى بىر – ئىككى ئەسىر ئۆمۈر كۆرگەندەك ھېس قىلاتتى . ئۇ ئاخىرقى يىللاردا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى ، پۇقرانىڭ خاندانلىققا قارشى قوزغىلىشلىرىنى باستۇرۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن ، بۇ غوۋغالار ئۆچمەس ئۇچقۇندەك ھېلى بۇ يەردە يانسا ، ھېلى ئۇ يەردە يالقۇنجايتتى .

ياڭ دارېن بۇ قېتىمقى جازا يۈرۈشىنىڭ ئاخىرقى يۈرۈش بولۇپ قېلىشىنى خالايتتى . ئۇ قېرىغان ، ھارغان ، زېرىككەنىدى ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى پىلانى — قەشقەر «توپىلاڭ» چىلىرىنىڭ باشلىقىنى تىرىك تۇتۇپ بېيجىڭغا ئاپىرىپ ، خاندىن چوڭراق ئىنئام ئېلىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى پايتەختتىكى ھەشەمەتلىك باغلاردا ھۇزۇر – ھالاۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئىدى .

ئەپسۇسكى ، تۈمەن بويىدىكى جەڭدە ئۇ «توپىلاڭ» چىلار باشلىقىنى قاچۇرۇپ قويدى .

ياڭ دارېن ئىلى لەشكەرلىرىنىڭ باشلىقى چىنگونىڭ «ئەگەر بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى ئىچىگە كىرىۋالسام ، ئادەملىرىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلايمەن!» دېگەن سۆزىنى ئەسلىدى ، چىنگو بۇ ئۇرۇشتا تارتقان زىيانلىرىغا چىدىماي ، ئەلەمدە شۇنداق دېگەنىدى . خانلىقنىڭ «شەھەر ئېلىنسا لەشكەرلەرنىڭ يېرىمى شۇ جايدا قالدۇرۇلسۇن!» دېگەن بۇيرۇقى بار . ئەخمەق چىنگو ! ئەگەر شەھەردىكى پۈتۈن ئادەم قىرىپ تاشلانسا ، نەچچە مىڭلىغان لەشكەرلەرنى كىم باقىدۇ ؟ . . . چىنگو ئۆزىمۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قەدەم بېسىشقا ئۈلگۈرەلمىدى . تۈمەن بويىدىكى جەڭدە قاۋۇل تۆمۈرچى ئۇنى ئاتتىن سۆرەپ چۈشۈپ ، چويۇن توقماق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى يانجىپ تاشلىدى .

ياڭ دارېن ھېيتگاھ مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشتى . بۇ يەردە ئۇنى شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن ئىككى كىشى باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ، قول قوشتۇرۇپ كۈتۈپ تۇراتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پاكار بويلۇق ، قارا ساقاللىق كەلگەن كىشى سىدىق غوجا بولۇپ ، ئۇ بۇ قېتىم چىڭ لەشكەرلىرىگە يول باشلاپ كەلگەنىدى . ئېگىز بويلۇق ، ئاق يۈزلۈك ، قېرىراق كەلگەن ئىككىنچى كىشى ئابدۇرېشىت داموللا دەپ ئاتىلاتتى . ئۇ قەشقەر خەلقى ئىچىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە بىر زات بولۇپ ، بايلار ، غوجىلار ، مۆتىۋەرلەر ئۆز جېنىنى دالدىغا ئېلىپ ، ھەر تەرەپكە پىتىراپ كېتىشكەن شۇ كۈنلەردە ، ئۇ خەلق ئىچىدە قالغانىدى . ئۇ كىشىنى لەشكەرلەر بۇيرۇققا بىنائەن تۈنۈگۈن كېچىدىن بېرى ئىزدەپ ، ئاران تېپىپ كېلىشكەنىدى .

ياڭ دارېن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى ئېگىز سۇپىغا چىقتى ، جامانىڭ ئىچىگە ئىسىلغان يوغان قازانلاردا پۇرۇقلاپ گۆش قايناۋاتاتتى . چارسىلداپ قۇرۇق ئوتۇن كۆيۈۋاتقان ئوچاقلارنىڭ ئالدىدا ئاشپەزلەر ئالدىراش ئىدى ، ھاۋانى پىشقان گۆش ۋە داغلانغان ماي پۇرىقى قاپلىغان بولۇپ ، بۇ يەردە ياڭ دارېنغا ئالاھىدە زىياپەت تەييارلانماقتا ئىدى .

— ھوي ، قېنى ھېلىقى ئادەملەرنى بۇياققا كەلتۈرۈڭلار !

تۆۋەندە تۇرغان ھېلىقى ئىككى كىشى دارېننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى ، ئۇلار قورقۇنچ بىلەن بىر – بىرىگە قاراپ قويدى – دە ، دارېن تۇرغان سۇپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاغزىدىن قانداق دەھشەتلىك گەپ چىقاركىن ، دەپ باشلىرىنى ئېگىپ ، قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى .

— ئىككىڭلاردىن قايسىڭنىڭ مەرتىۋىسى چوڭ ؟ – دەپ سورىدى ياڭ دارېن .

سىدىق غوجا ئابدۇرېشىت داموللامنى نوقۇپ ئالدىغا چىقىشقا شەرەت قىلدى ، ئابدۇرېشىت داموللام ئۈنچىقماي ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چىقتى .

— شەھەر خەلقىگە مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى يەتكۈز ! ئۇلار ئۆيلىرىدىن چىقىپ ، ئىش – ئوقەتلىرىنى قىلىشسۇن ، كىمىكى بۇزۇقلارغا ئەگىشىپ ، خانغا قارشى تۇرىدىكەن ، كاللىسى ئېلىنىپ ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىلىدۇ .

— خوپ ! – دەپ باش لىڭشىتتى داموللام .

— ئۇلارغا ئېيت ! ئۇلار ھەر ئايدا ئۆزىگە چۈشكەن ئالۋان – سېلىقنى تولۇق بەجا قىلىپ ، لەشكەرلەرنى باقىدۇ .

— خوپ !

— ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قوي ! بىزنىڭ لەشكەر باشلىقلىرىمىز خوتۇن ، بالا – چاقىلىرىنى يىراق يەرلەردە تاشلاپ ، سىلەرنىڭ ئامانلىقىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى ، كۆپىنچىسى ئۇزاق يىللارغىچە بۇ يەردە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ قايسىبىرى ئۆيلىنىشنى خالىسا ، پۇقرالار ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىنى بەرسۇن .

— مۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ، – دېدى داموللام تاتىرىپ .

— نېمىشقا بولمايدۇ ؟!

— بولمايدۇ ، دېگەندىن كېيىن بولمايدۇ ، مەن مۇنداق بۇيرۇقنى خەلققە يەتكۈزەلمەيمەن !

ياڭ دارېن غەزەپتىن تىترەپ كەتتى . شۇ تاپتا يېڭىلگەن خەلقنىڭ بىر ۋەكىلى ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىۋاتاتتى . دارېن قولىنى ئارقىسىغا سۇنۇۋىدى ، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان ئون نەچچە مۇھاپىزەتچى لەشكەر قىلىچلىرىنى تەڭلا سۇغۇرۇۋېلىشتى . بىر لەشكەر ئۆز قىلىچىنى ئىككى قوللاپ دارېننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . دارېن قولىدىكى پارقىراپ تۇرغان پولات قىلىچىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى :

— بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز سىلەردىن قىز ئالسا زادى نېمە بولماقچى ؟!

— مانا مۇنداق بولماقچى !

ئابدۇرېشىت داموللام قوينىدىن ئۆتكۈر خەنجەرنى سۇغۇرۇۋېلىپ ياڭ دارېنغا ئاتتى . دارېننىڭ ئارقىسىدىكى بىر مۇھاپىزەتچى ئۇنى توسۇپ ئۈلگۈرگەنىدى ، خەنجەر ھېلىقى لەشكەرنىڭ نەق پېشانىسىگە سانجىلىپ ، ئۇنى ئارقىغا ئۆرۈۋەتتى . ئابدۇرېشىت داموللام لەشكەرنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن قىلىچنى شاپ قىلىپ ئالدى – دە ، ئۆزىنىڭ قارنىنى يېرىپ تاشلىدى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا بولۇپ ئۆتتى . ياڭ دارېن قورققىنىدىن ئارقىغا بىرنەچچە قەدەم داجىپ كەتتى . ئابدۇرېشىت داموللام ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سۇپىلىرىنى قانغا بوياپ ، شۇ يەردىلا جان ئۈزدى .

— بۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىڭلار ! – دېدى قوماندان .

بىر جاللات قىلىچىنى يالىڭاچلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىپ ، داموللامنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى – دە ، شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ يۈگۈردى .

باياتىن ئابدۇرېشىت داموللامنىڭ يېنىدا تۇرغان سىدىق غوجا ئەمدى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلەلمەي غال – غال تىترەپ تۇراتتى . ياڭ دارېن ئۇنىڭغا كۆز تىكىشى بىلەنلا ئۇ ئۆزىنى دارېننىڭ ئايىغىغا تاشلىدى .

— بۇيرۇقلىرىنى مەن ئۆزۈم يەتكۈزەي ، پەرماننى ئىجرا قىلماي ، پۇقرانىڭ ھەددى يوق .

— ھاي ! ماۋۇنىڭغا بىر جارچى بىلەن بىرنەچچە مۇھاپىزەتچى قوشۇپ بېرىڭلار . ئۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى قويماي ئايلىنىپ ، بۇيرۇقنى يۈتكۈزسۇن !

سىدىق غوجا يېنىڭ بىر تىندى – دە ، ئۆمىلەپ قويۇپ ، ياڭ دارېنغا تەزىم قىلدى . ئاندىن ئارقىسىغا بىرنەچچە لەشكەرنى ئەگەشتۈرۈپ ، ھېيتگاھ مەيدانىدىن تەرەپ – تەرەپكە قاراپ سوزۇلۇپ كەتكەن كوچىلارنىڭ بىرىگە قاراپ چاپتى .

ئۈچىنچى باب

دەرۋىش

دۇنيادىن سەن مۇساپىردەك

ياكى يولۇچىدەك ئۆتكىن .

— مۇھەممەت

ئۈستىگە قوپال توقۇلغان كاناپ رەختتىن ئۇزۇن جەندە كىيگەن ، پاخپايغان چاچلىرى بېشىدىكى يىرتىق كۇلاسىدىن چىقىپ ، يەلكىلىرىگە چۈشۈپ تۇرغان دىۋانە سۈپەت بىر كىشى بىرىنچى بولۇپ ، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە پەيدا بولدى . قۇياش پۈتۈن ئەتراپقا ئىللىق نۇر تۆكۈپ تۇراتتى . ھېلىقى كىشى كۆزلىرىنى قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرىدىن قاچۇرۇپ بىرئاز قىستى – دە ، ئۆگزىدىكى غەمسىز ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەرگە دان چاچتى .

— ئال جانىۋارلار ! يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ پەيلىدىن سىلەرمۇ ئاچ قالدىڭلار .

بۇ كىشىنىڭ نامرات كۈلبىسى يار ئۈستىدىكى ئېگىزلىكتە بولۇپ ، ئۆگزىگە چىقىپ قارىغاندا ، پۈتۈن قەشقەر شەھىرى دېگۈدەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، ئۇ كەپتەرلەرگە دان تاشلاپ بولۇپ ، خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرگە ئېچىنىش بىلەن كۆز يۈگۈرتتى . شەرقنىڭ گۈل تاجىسى بولغان بۇ قاينام – تاشقىنلىق شەھەر ھازىر سۈكۈتكە چۆككەن بولۇپ ، پەقەت ھېيتگاھ مەيدانى تەرەپتىن چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشقان ئاۋازى كېلەتتى . مەسچىت — مەدرىسلەرنىڭ كۆكتە ئېسىلىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك گۈمبەزلىرى ، سەلتەنەتلىك مۇنارلار يىقىلغان بولۇپ ، بۇ ئېسىل ئىمارەتلەرنىڭ ئىشىك – دېرىزە ، تۈۋرۈكلىرىگە ئويۇلغان ھەرخىل نەقىشلەر ، تام – تورۇسلارغا چېكىلگەن نەپىس گۈللەر ، ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان كاھىشلار — شەرق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالەمگە داڭلىق بۇ نادىر ئۈلگىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانىدى . . . تۆۋەندىكى تار ، ئۇزۇن كوچىلار ، قاتار كەتكەن رەستىلەر ئادەمسىز ، چۆلدەرەپ تۇراتتى . قېنى بۇ كوچىلاردىكى قاينىغان ھايات ، ئېلىپساتارلارنىڭ قىزغىن ۋارقىراشلىرى ، مىسكەرچىلەر بازىرىدىكى داراڭلىغان بولقا ئاۋازلىرى ، دوغاپچىلارنىڭ «ھەم تاتلىق ھەم سوغۇق!» دەپ خېرىدار چاقىرىشلىرى ، چايخانىلاردىكى شاۋقۇنلۇق سۆھبەتلەر ، تۈن يېرىمىدىكى راۋاب ئاۋازى . . . بۇلارنىڭ ھەممىسى قەيەرگە ئۇچتىكىن ؟! . . .

— جاڭ ! . . . جاڭ ! . . . جاڭ ! . . . ھاي خالايىق ! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار ، يېڭى دارېننىڭ بۇيرۇقى ! . . .

جاكارچىنىڭ كوچىدىن ئاڭلانغان بۇ ئاۋازى ئۆگزىدىكى كىشىنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى .

— جاڭ ! . . . جاڭ ! . . . جاڭ ! . . . خالايىق ! يېڭى دارېن پۇقرانى كەچۈرۈم قىلدى ، سىلەرنى ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىپ ئىش – ئوقەت قىلىشقا بۇيرۇدى ! . . .

ھېلىقى كىشى يىراقلاپ كېتىۋاتقان جاكارچىنىڭ ئاۋازىغا دىققەت بىلەن قۇلاق سالدى – دە ، بېلىنى بىر تال چىگە بىلەن باغلاپ ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتتى . بىر ھازادىن كېيىن ، ئۇ دۈمبىسىگە خالتا تاشلاپ ، قوللىرىغا ساپايى بىلەن تاياق تۇتقىنىچە شەھەر كوچىلىرىدا پەيدا بولدى :

— ئېھ خۇدانىڭ مۆمىنلىرى ! ئى ، قورقۇنچاق بەندىلەر ، ئىشىكىڭلارنى ئېچىڭلار ، ماڭا نان بېرىڭلار ، نان ! . . .

سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا مۇھتاج بەزى نامراتلارنىڭ ئىشىك ئېچىپ چىققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كۆپىنچە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى تېخى ئىچىدىن مەھكەم تاقاقلىق ئىدى . چاچلىرى گەجگىسىگە يېيىلىپ چۈشكەن ھېلىقى كىشى ئۆيممۇ ئۆي يۈرۈپ ئىشىكلەرنى قېقىپ ۋارقىرايتتى : — ئى ، قورقۇنچاق بەندىلەر ، ئىشىكىڭلارنى ئېچىڭلار ، ماڭا نان بېرىڭلار ، نان ! . .

— ھەسەن دەرۋىش ، مانا ساڭا نان ، بۇ يەرگە كەلگىنە !

كىچىككىنە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دېرىزىسى ئېچىلىپ ، ساقاللىق بىر كىشىنىڭ تاتارغان چىرايى پەيدا بولدى . ئۇ كىشى يۇقىرىدا تۇرۇپلا دەرۋىشنىڭ خالتىسىغا نان تاشلىدى .

— دەرۋىش ، ئېيتقىنا ، لەشكەرلەر يەنە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتامدۇ ؟ سەن نېمىشقا قورقماي ، كوچىغا چىقىپ ۋارقىراپ يۈرىسەن ؟

— چىۋىن قورىغان يەرگە قونىدۇ ، ئۆلۈم قورققانغا يېپىشىدۇ . ساتىراش ئۇستا ، قورقماي ئۆيۈڭدىن چىقىپ دۇكىنىڭنى ئاچ ، خاننىڭ لەشكەرلىرى ھەممە ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتسە ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى كىم باقىدۇ ؟!

دەرۋىش ساپايىسىنى شاراقلىتىپ ، يەنە ئىلگىرىلەپ كەتتى .

— ئەي ، خۇدانىڭ يۈرەكسىز بەندىلىرى ، ئىشىكىڭلارنى ئېچىڭلار . . .

يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاتلىق ئىككى لەشكەر دەرۋىشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ھەيران بولۇشۇپ توختاپ قالدى .

«ئۇ نېمىدەپ ۋارقىراۋاتىدۇ ؟ – دەپ سورىدى بىرى يەنە بىرىدىن» .

— مەن نەدىن بىلەي ئۇ نېمىلەرنىڭ تىلىنى .

— مەن ئۇنى چېپىپ تاشلايمەن !

مەست لەشكەر قولىنى قىلىچقا ئۇزاتقانىدى ، يېنىدىكى بۇرادىرى ئۇنى توسۇدى .

— قوي ، ئۇ يەنە بىزنىڭ ياڭ دارېننىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ يۈرگەن ئادەم بولۇپ قالمىسۇن . يۈر ، ئىتتىكرەك بېرىپ ھاراق تاپايلى .

دەرۋىش ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىپ ، قايتىپ كەتكەن ئەجەلدىن خەۋەرسىز ، ساپايىسىنى چېلىپ كېتىپ باراتتى . ئۇ بۇلاقبېشىغا چۈشۈپ كېتىدىغان تار كوچىلارنىڭ بىرىگە ئەگىگەندە ، ئالدىغا بىر تالىپ بالا چىقتى .

— ھەسەن دەرۋىش ، سېنى ئۇستاز چاقىرىۋاتىدۇ .

بالا دەرۋىشنى كەڭ بىر ھويلىغا باشلاپ كىردى . ھويلىنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ سېلىنغان تۈۋرۈكلۈك پېشايۋانلار ئاستىدا قاتار كەتكەن ھۇجرىلار بار ئىدى . بۇ — مەھەللە ئىچىدىكى كىچىك مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىلگىرى بۇ يەر تالىپ بالىلارنىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازلىرى بىلەن تولغان بولاتتى . ھازىر ھويلا جىمجىتلىققا چۆكۈپ ، ئىشىكلىرى ئوچۇق قالغان ھۇجرىلار غېرىبسىنىپ تۇراتتى .

بالا بىلەن دەرۋىش ھويلىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ، كىچىك بىر ئىشىك ئارقىلىق ئارقىدىكى باغقا چىقتى .

تام ياقىلىرىغا ئانار كۆچىتى تىكىلگەن بۇ گۈللۈك باغنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى چوڭ ئۈجمە دەرىخى ئەتراپىغا قويۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى . ئۈجمە ئاستىدىكى سۇپا ئۈستىگە كۆرپە بىلەن ياستۇق تاشلانغان بولۇپ ، كۆرپىدە ساقاللىرىنى ئاق ئارىلىغان بىر كىشى ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى .

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ھەسەن ، ئەبۇ قىلغىن ، ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم .

ئولتۇرغان كىشى ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ ، دەرۋىشنىڭ ئولتۇرۇشىغا جاي كۆرسەتتى . دەرۋىش خالتىسى بىلەن قولىدىكى ساپايىنى ئۈجمە يېنىغا قويۇپ ، سۇپىنىڭ بىر بۇرجىكىگە كېلىپ ئولتۇردى .

— ساقلىقىڭ يوقمۇ ، قانداق ؟ كۆزلىرىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ يۈسۈپ .

— قەشقەر خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشتى . مانا ، ماڭا بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيقۇ يوق . مەن سېنىڭ ئاۋازىڭنى بۇ يەردە تۇرۇپ ئاڭلىدىم . سەن سالامەت ئىكەنسەن . ھەسەن ، مېنىڭ قىزىمدىن خەۋىرىڭ بارمۇ ؟

— قىزىق نوزۇك بۇ جەڭدە ئايال ئەمەس ، ئەر بولدى . مەن ئۇنى تۈمەن بويىدا ئات ئۈستىدە كۆردۈم ، شۇنداق بىر مەردانە پەرزەنت تەربىيىلىگىنىڭگە ئاپىرىن !

— ئۇ تىرىكمۇ ؟

— تىرىك ، ئەپسۇس ، ئۇ ھازىر دۈشمەن قولىدا . لەشكەرلەر تۈمەن بويىغا چىققان مىڭلاپ كىشىلەرنى قىرىپ تاشلىدى . ئاللا ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن ! لەشكەرلەر يەنە نەچچە يۈز كىشىنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ ، ھازىر كونا گۈلباغدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يەنە قانچىلىرىنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ، شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويدى . پاراڭلارغا قارىغاندا ، قالغانلىرىنى ئىلى تەرەپكە ئېلىپ ماڭار ئىمىش .

يۈسۈپ ئۇستازنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى .

— كۆڭلۈھنى بۇزما يۈسۈپ ، بۇ يالغۇز نوزۇگۇمغىلا كەلگەن بالا ئەمەس ، بۇ ئېغىر كۈن پۈتۈن قەشقەر خەلقى ئۈستىگە چۈشتى . سەن ھۆرمەتكە لايىق ئاتا ، ئۆز نامىڭغا مۇناسىپ ئۇستازسەن ، سېنىڭ تەربىيىلىگەن پەرزەنتىڭ ، يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرىڭ ئەلنىڭ بېشىغا ئاپەت كەلگەندە ، ئۆزلىرىنىڭ ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك ھەققىنى ئادا قىلدى .

— سەن ئۇلارنى قاچان ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟

— مەن ساڭا خەۋىرىنى بېرىمەن .

— ھەسەن ، مەن ساڭا كۆڭلۈمدىكى گېپىمنى ئېيتىپ قالاي ، بەلكىم ، مەن ئۆلۈپ كېتەرمەن . قىزىم نوزۇكتىن ئايرىلدىم . سەن مەن بېقىپ چوڭ قىلغان يېتىم ئوغۇل باقىنى بىلىسەن .

— باقى چۆل يوللىرىدا چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بېشىغا ئاپەت سېلىپ يۈرۈپتۇ . خۇدا ئۇنىڭغا مەدەت قىلسۇن ، يۈسۈپ .

—نوزۇگۇم بىلەن ئىككىسىنى بىللە ئوقۇتۇپ ، بىللە تەربىيىلىگەنىدىم . بالىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر – بىرىگە ئامراق بولۇپ ئۆسكەنىدى . مېنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇش نىيىتىم بار ئىدى .

— ئاللا سېنى ياخشى نىيىتىڭگە يەتكۈزسۇن !

— ھەسەن ، سەن خۇدانىڭ ئەركىن بەندىسى . سېنىڭ قەدىمىڭ يەتمەيدىغان يەر يوق . سەن بۇ سۆزلىرىمنى كۆڭلۈڭدە ساقلاپ قال . قىزىم خەلققە ، ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولسۇن ، سەن ئۇنىڭغا ئېيت ، قىز ئۈچۈن ئۆز نومۇسىنى ، پاكلىقىنى ساقلاش ھەممىدىن ئەلا ، مانا بۇ خەنجەرنى بىر ئامال قىلىپ نوزۇگۇمغا يەتكۈزۈپ بېرەرسەن .

يۈسۈپ ئۇستاز يالتىراپ تۇرغان قارا ساپلىق خەنجەرنى ياستۇق ئاستىدىن ئېلىپ دەرۋىش قولىغا ئۇزاتتى .

— خوش . مەن بۇ خەنجەرنى ، قىلغان ئامانەت سۆزلىرىڭنى بىر ئامال قىلىپ نوزۇگۇمغا يەتكۈزىمەن . سۆزلىرىڭنىڭ مەنىسىگە چۈشەندىم . ياخشى ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە ياخشى تەربىيە بىلەن ياخشى سۆز قالدۇرىدۇ . قېنى يۈسۈپ ، ماڭىمۇ ئاتىغىنىڭنى بەر ، مەنم يولۇمغا ماڭاي .

— ساڭا نېمە كېرەك ھەسەن ؟

— ماڭا نان بەر ، نان !

— خالتاڭدا بىرنەچچە كۈن يەتكۈدەك نان تۇرۇپتۇ . بىر كۈن يەتكۈدەك ئوزۇقى تۇرۇپ تىلەشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلىسەنغۇ ، ھەسەن ؟

— مەن غېرىپ كۈلبەمگە كوچىدا قالغان يېتىم بالىلاردىن ئون نەچچىنى يىغدىم . ئۇلارغا نان توشۇپ يۈرىمەن . قېنى ئالدىڭدىكى ناندىن ئىككىلەنمەي بىرنى ماڭا سۇنغىن ، ئۆزۈممۇ كۈن بويى ئاغزىمغا ھېچنېمە سالمىدىم . ماڭىمۇ ھاياتلىق كېرەك . كىم بىلىدۇ ، مەنمۇ نوزۇگۇم بىلەن بىللە ئوۋەيىس 1 «ئۇۋەيىس — چىغاتاينىڭ كېيىنكى خانلىقلىرىدىن بىرى ، ئۇنىڭ مازىرى ئىلىدا ، خەلق ئۇنى «سۇلتانى ئوۋەيىس مازىرى» دەپ ئاتايدۇ . » مازارلىرى تەرەپكە بارارمەن .

دەرۋىش يۈسۈپ ئۇستاز بەرگەن ناندىن بىر بۇردا ئوشتۇپ ئاغزىغا سالدى – دە ، ئورنىدىن قوزغالدى . ئۇ ئۈجمە يېنىدىكى خالتىسى بىلەن ساپايىسىنى قولىغا ئېلىپ يەنە سۆزلەپ كەتتى :

— ئېسىڭدىدۇر يۈسۈپ ، ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، بىللە ئوقۇدۇق . كېيىن ، ھاياتتا ئىككىمىز تاللىغان يول بىر بولمىدى . سەن بۇخارا ، ئىران ، مەدىنىلەردە بولدۇڭ ، ئىلىم تەھسىل قىلدىڭ ، قايتىپ كېلىپ مەكتەپ ئاچتىڭ . ئىلىم – مەرىپەت بىلەن نادان خەلقنى تەربىيىلىمەك بولدۇڭ ، لېكىن بىلىمسىز يۇرت چوڭلىرى ، ياقا يۇرتلاردىن مەنسەپ ، مەرتىۋە ، بايلىق ئىزدەپ كەلگەن غوجا — ئىشانلار سېنى چەتكە قاقتى ، سېنىڭ ئارقاڭدىن پىتنە – پاسات تېرىدى . ساڭا «بىدئەت» دەپ يالا چاپلىدى . سەن ئازار يېدىڭ ، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىڭ ، مەن بولسام نادانلىق ، قورقۇنچاقلىق ، ۋىجدانسىزلىق ، كاززاپلىق ، بىر چىشلەم لوقما ، بىر بالداق مەنسەپ — مەۋتىۋە ئۈچۈن بىر – بىرىنى سېتىش ۋە ئالدامچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دۇنيادىن بىزار بولۇپ ، ئادەملەردىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم . سەن بىلىسەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۈرىسدىن سىلكىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا : «دۇنيادىن سەن مۇساپىردەك ياكى يولۇچىدەك ئۆتكىن» دېگەنىدى . مەن ئاشۇ يولنى تاللىدىم . مال – مۈلۈك ، بارلىق دۇنيادىن ۋاز كېچىپ ، سەپەر خالتامنى مۈرەمگە تاشلاپ ، تاغۇ دەشتلەرنى كەزدىم . ياراتقان ئىگەم مېنى كەچ قويسا قويدى ، ئاچ قويمىدى . ھەربىر مازار ، ھەربىر خانىقا ، ھەربىر ئۆتەڭدىكى قايناۋاتقان قازاندا مېنىڭمۇ بىر چىشلەم رىزقىم بار ، ماڭا ئۇنىڭدىن زىيادە نەرسىمۇ كېرەك ئەمەس . . .

— بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە بىر كىشى بار ئىدى ، ھەسەن .

— توغرا ، مەن ساڭا ھازىر شۇنى ئەسلەتمەكچىدىم . بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە بىر كىشى بار ئىدى ، ئۇ غوجاملار ئەۋلادىدىن بولغان سىدىق غوجا ئىدى ، ئۇ مەنسەپ ۋە بايلىق تېپىش يولىدا جان كۆيدۈردى ، كېيىن ئۇ چوڭ مەنسەپدارمۇ بولدى . ھەددى – ھېسابسىز بايلىققا ئېرىشتى . ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئامەتلىك كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىدى . غوجىلارنىڭ بۇ قېتىمقى تالىشىشىدا ئۇ يېڭىلىپ قاچتى ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە قانلىق قىلىچ تۇتقان لەشكەرلەرنى باشلاپ كەلدى . يېقىندا ئۇ يەنە پۇت – قوللىرى باغلانغان قۇللار ۋە بايلىق ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ ماڭىدىغان لەشكەرلەرگە يول باشلاپ ئىلىغا بېرىپ ، ئۇ يەردىن چوڭ مەنسەپ ئېلىپ قايتىپ كەلمەكچى ، ئۇ ياش ۋاقتىدا بىز بىلەن ھەقىقەت ، ۋىجدان ، ھۆرلۈك ھەققىدە قېزىشىپ تالاش – تارتىش قىلىدىغانىدىغۇ ؟َ كۆردۈڭمۇ ، كىمىكى ھارامدىن بايلىققا ئېرىشىپ ، نەپسىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتسە ، ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت ئۈچۈن بولىدىغان قىزغىنلىق ئۆچىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ قارىسام ، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى كەمبەغەللەر ئىكەن . بايلار بولسا ، ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توسۇلۇپ قاپتۇ» دېگەنىدى . بايلىق ۋە مەنسەپكە بولغان ھېرىس ، ئىنساندىكى ھەممە ياخشى خىسلەتلەرنى يۈتۈپ كەتكۈچى ئەجدىھادۇر . مەن سىدىق غوجىنىڭ پېيىگە چۈشىمەن ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە قويمايمەن . بەلكىم ، بۇ يولدا ئۆزۈممۇ ئۆلۈپ كېتەرمەن ، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن خۇشاللىق . ئادەملەر پۈتۈن ھاياتىي بويى بەختىنى ئىزدەيدۇ . ئەمما ئۆلۈمنىڭ ئۆزى بەخت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي ، بۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتىن ئەخمەقلەرچە قاچىدۇ . كىشىنى جاھاننىڭ غەم – غۇسسىسىدىن ، جاھاندارچىلىقنىڭ ھىيلە – مىكىرسىدىن خالاس قىلىدىغان ئۆلۈمنىڭ ئۆزى خاتىرجەملىك ، ئۇنىڭ ئۆزى بەخت . خەير ، كۆرۈشكىچە ئامان بول ، يۈسۈپ !

تۆتىنچى باب

خەير ، ئەزىزانە قەشقەر

خەير قىزىم نوزۇگۇم ،

ئەقلى تازا يۇلتۇزۇم .

كۈلپەت چۈشتى بېشىڭغا ،

تۇتقۇن بولدۇڭ قۇندۇزۇم .

— خەلق داستانى «نوزۇگۇم» دىن .

تۇتقۇنلارنى ئىلىغا ئېلىپ ماڭىدىغان كۈنى چىڭ لەشكەرلىرى پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يارباغ دەرۋازىسى ئالدىغا ھەيدەپ چىقتى . ئۇلار خانغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ، پۇقرالارنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق بىر مۇجىماقچىدى . دەرۋازا ئالدىدىكى يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئېگىز داردا نەچچە ئونلىغان ئادەم باشلىرى پۇلاڭلاپ تۇراتتى . لەشكەرلەر تۈمەن بويىدىكى جەڭدە تىرىك قولغا چۈشكەنلەر ئىچىدىن ئىشقا يارايدۇ ، دەپ قارىغانلىرىنى تاللىۋېلىپ ، قېرى – چۈرى ، بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ بۇ يەرگە ئاسقانىدى . دەرۋازا ئالدىغا يىغىلغان ئادەملەر ئىچىدە يەكتەك كىيگەن ئاقساقال بوۋايلار ، كۆزلىرى ياشاڭغىرىغان مومايلار ، توپ ئىچىدە قىستىلىشىپ يۈرگەن يالىڭاچ بالىلار ، قوللىرى قاداقلاشقان كاسىپلار ، ئاپتاپتا قارايغان دېھقانلار كۆزگە كۆپرەك چېلىقاتتى . چىڭ ئەمەلدارلىرى شەھەر خەلقىگە : «بىرمۇ جان قالماي يارباغ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقسۇن !» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ ، بۇ ئادەملەر ئىچىدە ياشلار كۆرۈنمەيتتى . يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن بولغان يېغىلىقلار تۈپەيلى ، ياشلار ئۆلۈپ تۈگىگەن ، ئاز قالغان بىر قىسىم ئوغۇل – قىزلارنى خەلق چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇپ يوشۇرۇشقانىدى .

«كەلدى ! كەلدى !» دېگەن ئاۋازلار بىلەن تەڭ ئادەملەر توپى تەۋرىنىپ ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدىكى يولغا ئاقتى . يىراقتىن قويۇق چاڭ كۆتۈرۈلۈپ ، ئاتلىق لەشكەرلەر چېپىپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇلار يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەر توپىنى رەھىمسىز قامچىلاپ ، ئاتقا دەسسىتىپ ، ئىككى تەرەپكە سۈرۈپ يول ئاچاتتى . ئارقىدىن قاتارلىشىپ كېلىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈندى . بۇ تۆگىلەرگە يولدا لازىمەتلىك نەرسىلەردىن باشقا ، قىممەت باھالىق ھەرخىل ماللار – بايلارنىڭ دۇكانلىرىدىن بۇلۇۋېلىشقان توپ – توپ يىپەك رەختلەر ، ھىندى ، ئىران سودىگەرلىرىنىڭ سودا سارايلىرىدىن مۇسادىرە قىلىنغان تۈرلۈك بوياق ، ئىپار ۋە باشقا پۇراقلىق دورا – دەرمانلار ، خانغا سوۋغا قىلىنغان ئالتۇن – كۈمۈش ، گىلەم ، ئېسىل مىس جابدۇقلار ، مەرۋايىت ۋە باشقا قىممەت باھالىق تاشلار قاچىلارنغان ساندۇقلار ئارتىلغانىدى . بۇ ماللارنى يۈزلەپ لەشكەر قۇرۇقداپ كەلمەكتە ئىدى .

تۆگە كارۋىنىنىڭ ئارقىسىدىن بىر – بىرىگە چېتىپ باغلانغان نەچچە يۈز تۇتقۇن سۆرىلىپ كېلەتتى . بۇ سۈرگۈنلەرنىڭ ئەتراپىنى ئاتلىق لەشكەرلەر قورشىغان بولۇپ ، ئۇلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ، ئۆزلىرىگە سۈرلۈك تۈس بېرىشكە تىرىشىپ گىدىيىپ مېڭىشاتتى .

— ھەي خالايىق ، يول بېرىڭلار ! بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىڭلار ! خانغا قارشى قول كۆتۈرۈش چوڭ گۇناھ ! . . .»

سۈرگۈنلەر توپى ئالدىدا پالاقلاپ كېلىۋاتقان پاكار بويلۇق ، ساقاللىق كەلگەن ئادەم كانىيىنى كېرىپ ، ئەنە شۇنداق ۋارقىراپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ ئۇزۇن پەرىجە چاپىنى ئايىغىغا يۆگىشىپ ، ئىتتىك مېڭىشىغا كاشىلا قىلاتتى . ئارقىدىكى ئاتلىق لەشكەر ئات ئۈستىدىن ئېڭىشىپ ، ئۇنى قامچە بىلەن پات – پات نوقۇپ ، چاپسان مېڭىشقا ئۈندەيتتى .

— سىدىق غوجا ! — دەپ غەزەپكە كەلدى يول چېتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تۇرغان ھەسەن دەرۋىش ۋە ، – تۈفى ، مۇناپىق ! — دەپ يەرگە تۈكۈردى .

تۇتقۇنلار شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان خالايىق ئارىسىدىن ئۆتكەندە ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل – قىزلىرىنى تونۇغان ئادەملەر قول سۇنۇپ قېرىنداشلىرىغا ئېسىلدى ، چىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى ئاتلارنىڭ كۆكسى بىلەن ئۇرۇپ يىقىتىپ ، ئاتقا چەيلىتىپ ئۆتۈشكە باشلىدى ، ئاياغ ئاستىدىكى توپىلىق يول بىردەمدىلا قىپقىزىل قانغا بويالدى . ھەسەن دەرۋىش بۇ خورلۇقلارنى كۆرۈشكە چىدىماي كۆزىنى مەھكەم يۇمدى . . . شۇ چاغ سۈرگۈنلەر ئىچىدىن بىر قىزنىڭ ياڭراق ئاۋازدا ئېيتقان ناخشىسى كۆتۈرۈلدى :

نى يىگىتلەر ، سۇلۇن قىزلار ،

ئەرك يولىدا قانغا پاتتى .

زالىم جاللات ، مەسۈملەرنىڭ ،

باشلىرىغا قىلىچ چاپتى .

. . . . . . .

دەرۋىش ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندەك بولۇپ كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى . قەشقەر خەلقى ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتىنى تونۇدى . نوزۇگۇمنىڭ ئۈستىدىكى ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەكنىڭ رەڭگى كۈن نۇرىدا ئۆڭگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ، قارا چاچلىرى ساغرىسىدىن ئېشىپ تاشلىنىپ تۇراتتى . چېكە چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىققان قىزىل قان ، سول پېشانىسىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشۈپ ، قاپقارا قاشلىرى ئۈستىدە ئۇيۇپ قالغانىدى . قىز ئەتراپتىكى قېرىنداشلىرىغا تويماي قارايتتى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرى توپ ئىچىدىن كىملەرنىدۇ ئىزدەيتتى .

خەير – خوش ، دەردمەن دادا ،

غەمگۈزارىم ياخشى قال .

كۆزلىرىم ئاقۇ قارىسى ،

تەندە جانىم ياخشى قال .

بىللە ئويناپ بىللە ئۆسكەن ،

يارۇ دوستلار ياخشى قال .

كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ،

قەشقەر شەھىرىم ياخشى قال .

. . . . .

— جېنىم قىزىم ، سېنى خۇدانىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم . خۇدا سېنىڭ جىمى مۈشكۈلۈڭنى ئاسان قىلسۇن !

توپ ئىچىدە تۇرغان يۈسۈپ ئۇستاز قىزىغا تەلمۈرۈپ ئەنە شۇنداق پىچىرلىدى . ئۇ مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە تېخىمۇ جۈدەپ كەتكەنىدى . يۈسۈپ قىزىنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن توپ ئالدىغا ئۆتمىدى . ئۆزىنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھاسا تايىقىنى مەھكەم تۇتقىنىچە ، ئادەملەر ئارقىسىدا تۇرۇپ ، قىزىغا بېغىشلىغان ئەڭ ياخشى دۇئالىرىنى ، يۈرەك سۆزلىرىنى ، توقۇغان نەزمىلىرىنى پىچىرلاپ ئېيتىپ قالدى . . .

سۈرگۈنلەر يىراقلاشقانسېرى قوۋم – قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان خەلقنىڭ يىغا – زارى ئەۋج ئالدى . ئۇزاپ كېتىۋاتقان سۈرگۈنلەر دەممۇدەم ئارقىسىغا قاراپ ، ئەل – ماكانىدىن كۆز ئۈزەلمەيتتى . . . باشلىرىنى يالىڭاچلانغان قىلىچ ئاستىغا تۇتۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ تەقدىرى نېمە بولار ؟ ئۇلارغا يەنە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىپ ، تۈمەن دەرياسىنىڭ لەززەتلىك سۇلىرىدىن ئوچۇملاپ ئېچىشكە نېسىپ بولارمۇ ؟ . . .

— خەير ، ئەزىزانە قەشقەر !

— خەير ئىلىم – مەرىپەت ، ھۈنەر – سەنئەت ماكانى !

بەشىنچى باب

چايخانىدىكى ئۇچرىشىش

ئاتلارنى توقۇپ قويدۇم ،

پۇرسەت كۈتۈپ ياتارمەن .

يارغا بەرگەن ئەھدەم بار ،

ئۇنى چوقۇم تاپارمەن .

— خەل داستانى «نوزۇگۇم» دىن

بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتىشقا باشلىغان بىر يىگىت توپىلىق ھارۋا يولىدا ئاتلىق كېلىۋاتاتتى . ئەتراپىدىكى دالالاردا چۆل تورغىيى چۇرۇقلىشاتتى . يىراقتىكى توغراقلىقلاردىن كاككۇك ئاۋازى كېلەتتى . يوغان چاقلىق يار – يار ھارۋىنى ھەيدەپ كېتىپ بارغان دېھقان سوزۇپ ناخشا ئېيتاتتى . ئۇنىڭ ناخشىسى مايسىرىغان چاقلارنىڭ غىچىرلىشى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئاچچىق بىر پەريادقا ئوچشىشىپ كېتەتتى . ئاتلىق يىگىتنىڭ خىيالى قەشقەردە ئۇچۇپ يۈرەتتى . بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ شۇ يەردىن يارى بىلەن خوشلىشىپ چىققانىدى . زىلۋا بويلۇق قىز شۇ چاغدا ، نەقىشلىك دەرۋازىنىڭ قانىتىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ، يوغان شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قالغانىدى .

— خەير ، نوزۇگۇم ! دۈشمەن بوسۇغىدا تۇرغان چاغدا ئۆيدە كىتاب ۋاراقلاپ ئولتۇرۇش يىگىتنىڭ ئىشى ئەمەس ، مەن كەتتىم ، ئامان بولۇڭ ! – دېگەنىدى يىگىت شۇ چاغدا :

— مەن سىزنى توسمايمەن . چوقۇم قايتىپ كېلىڭ ! – دېگەنىدى قىز .

مانا ئارىدىن ئىككى يىلچە ئۆتتى . شۇ يىللاردا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپى تىنجىمىدى ، يىگىتمۇ ۋەدە قىلغان يارىنىڭ قېشىغا قايتىپ بارالمىدى . ئۇنىڭ كۈنى تەكلىماكاننى ياقىلاپ كەتكەن چۆل يوللىرىدا ، چىڭ لەشكەرلىرىگە ئاپەت سېلىش بىلەن ئۆتتى . ئۇ بازارلىرى ئادەملەر بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان شاۋقۇنلۇق قەدىمىي شەھىرىنى ، قىرغاقلىرى بۈككىدە تاللىقلار بىلەن قاپلانغان تۈمەن دەرياسىنى ، ئارقىسىدا ئانارلىق بېغى بار ھويلىنى ، كىچىكىدىن بېشىنى سىلاپ ئۆستۈرگەن ئۇستازىنى ، ئەپچىل قوشاقلارنى قوشۇپ ، ناخشا قىلىپ ئېيتىدىغان قەدىردان قىزنى بەكمۇ سېغىنغانىدى . چۆللەردە ئېچىلغان دالا گۈللىرى ، يېگانە ئاڭلىنىدىغان كاككۇك ئاۋازى ، باھاردىكى يېشىل مايسىلار ، جەنۇبتىن قاتارلىشىپ كېلىۋاتقان قۇشلار . . . بۇلارنىڭ ھەممىسى يىگىتكە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىتىپ ، ئۇنىڭ سېغىنىشىنى كۈچەيتتى . چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى باستۇرۇشى يىگىتنىڭ قەشقەرگە قايتىش ئۈمىدىنى بىراقلا يوققا چىقاردى . . .

يىگىت شۇنداق خىياللار بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئىچىگە يېتىپ كەلدى . شەھەر نامراتلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى . قول سۇنۇپ تۇرغان جۇل – جۇل كىيىملىك تىلەمچىلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايتتى . چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى سەينادا بىر قېرى مەدداھ ئەتراپىغا ئادەم يىغالماي كۈچىنىپ ۋارقىرايتتى . ئادەملەر كوچىلارنىڭ دوقمۇشلىرىغا ، چايخانىلارغا توپلىشىۋالغان بولۇپ ، چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ۋەھىمىلەر ئۈستىدە قورقۇنچقا چۈشۈپ پاراڭ قىلىشاتتى . ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ گەپلەر جەڭنامىلەردىكى ھەرقانداق رىۋايەتلەردىن قىزىق ۋە دەھشەتلىك تۇيۇلاتتى . ھەممە جاينى ئەنسىزچىلىك باسقانىدى . يوغان سۆگەتنىڭ سايىسىدە چاچ ئېلىۋاتقان «ئۇزۇن قۇلاق» ساتىراش ئەتراپىدىكىلەرگە قەشقەر شەھىرىدىن ھەيدەپ كېلىۋاتقان سۈرگۈنلەرنىڭ بۈگۈن – ئەتىنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ئەتراپىدىن ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى سۆزلەپ ، ئەتراپىغا ئولىشىپ گەپ ئاڭلاۋاتقانلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ، ھۇزۇرلانماقتا ئىدى . بازار رەستىلىرىدىكى ئىشىكلىرى قارا سىرلانغان دۇكانلاردا ئولتۇرغان سودىگەرلەر تەشۋىشكە چۈشۈپ ، پوكەينىڭ ئارقىسىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇپ ، ئۆتكەن – كەچكەنلەردىن نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشەتتى .

يىگىت ئېتىنى يېتىلەپ ، ئادەملەر توپىنى ئارىلىماقتا ئىدى . ئۇ بۇ يەردىن ھەسەن دەرۋىشنى ئىزدەپ يۈرەتتى . ئۇ دەرۋىشنىڭ ئاقسۇغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانىدى . قەشقەردىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا ئەڭ ئىشەنچلىك خەۋەرنى پەقەت ھەسەن دەرۋىشلار سۆزلەپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى . يىگىت بېشىغا كۇلاھ ، ئۈستىگە ئۇزۇن چاپان كىيگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قارايتتى . ئادەملەر توپلانغان بارلىق سورۇن ، ھەممە چايخانىلارغا بىر – بىرلەپ كىرىپ ئۆتەتتى .

ئاتلىق يىگىت ئاقسۇ شەھىرى ئىچىنى ئەنە شۇنداق قېدىرىپ يۈرگەندە ، ھەسەن دەرۋىش شەھەر چېتىدىكى خىلۋەت بىر چايخانىغا كىرىپ كەلدى . ئۇ چايخانىچىدىن بىر چەينەك چاي سورىدى . چايچىنىڭ ئۆزىنى دىۋانە دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، داستىخانغا ئالدىن بىرنەچچە يارماق تاشلىدى . چايچى چاي كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇ قوينىدىن بىر پارچە قاتتىق نان بىلەن بىر سىقىم ئۆرۈك مېغىزىنى ئېلىپ ، پەتنۇسقا تۆكتى – دە ، مۇستەھكەم چىشلىرى بىلەن قاتتىق ناننى كۇرسۇلدىتىپ چايناپ ۋە ھەر قېتىمدا بىرنەچچە تال مېغىزنى قوشۇپ كاپ ئېتىپ ، ئىشتىھا بىلەن ئوزۇقلىنىشقا باشلىدى . يىللار بويى ئوتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قارىداپ كەتكەن پۇچۇق چەينەكنىڭ چېيى پۇراقلىق ھەم لەززەتلىك ئىدى . ئىسسىق چاي دەرۋىشنىڭ بەدىنىنى قىزىتىپ ، ھاردۇقىنى ئالغاندەك بولدى . دەل شۇ چاغدا ، چايخانا ئالدىغا ئاتلىق بىر كىشى كېلىپ توختىدى .

— ھەي ، چايچى ئۇستام ! بۇ يەرگە دەرۋىش سۈپەت بىر مېھمان كەلگەندەك بولدىمۇ ؟

— قېنى ، ئاتتىن چۈش ئىنىم . شۇ تاپتا سەن ئېيتقاندەك بىر كىشى چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ .

يىگىت ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ، ئاتنى ئېرىق بويىدىكى سۆگەتكە باغلىدى – دە ، ئاتقا بىر ئاز يەم بېرىپ قويۇشىنى تاپىلاپ ، چايچىنىڭ قولىغا پۇل تۇتقۇزدى .

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەسەن تاغا ! – يىگىت چايخانىنىڭ قىيسىيىپ كەتكەن پاكار ئىشىكىدىن ئېڭىشىپ كىرىپ ، دەرۋىشنىڭ قېلىن چاڭ باسقان چاپىنىنىڭ پېشىدىن سۆيدى .

— سالىمىڭ خۇداغا قوبۇل بولسۇن ، ئوغلۇم باقى .

دەرۋىش ، يىگىتنىڭ پېشانىسىدىن سۆيۈپ ، ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى .

— سىلىنىڭ ئاقسۇغا كەلگەنلىرىدىن خەۋەر تېپىپ ، خۇشال بولۇپ ، پۈتۈن شەھەرنى ئىزدەپ چىقتىم .

دەرۋىش باقىغا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ سۆزلىدى :

— ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆپ جايدا پىكىر چېچىلىدۇ . بىكارچى تولا ئورۇندا پىتنە – پاسات كۆپ بولىدۇ . تاغاڭ خالىراق جاينى ئىزدەپ ، بۇ يەرگە كېلىپ قالدى . قېنى ، نانغا ئېغىز تەگكىن !

دەرۋىش بىلەن باقى چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى . دەرۋىش قەشقەردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى .

— چىڭ لەشكەرلىرى نوزۇگۇمنى سۈرگۈنلەر بىلەن بىللە ئەكېلىۋاتىدۇ . مەن ئۇلارنى شېكەركۆل 1 «شېكەركۆل — مارالبېشىنىڭ ئۈستىدىكى بىر كۆل .» بويىدىكى يولدا يانداپ ئۆتۈپ كەتتىم . ئۇلارنى ئاتلىق 500 لەشكەر قورۇقداپ كەلمەكتە ، سېنىڭ ئىشلىرىڭ قانداق ؟ – دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى دەرۋىش .

— مېنىڭ ئەتراپىمدا ئون نەچچە كىشى بار ، ھەممىسى قورقۇمسىز يىگىتلەر . بىز بۇ ئەتراپتىكى چۆللەردىن ئۆتكەن ھەربىر لەشكەرنىڭ جېنىغا خەۋپ سېلىپ يۈرۈپتىمىز . مەن نوزۇگۇمنى ئۇلارنىڭ قولىدىن چوقۇم ئاجرىتىۋالىمەن ، تاغا ! بۇ يولدا ياكى مەن ئۆلىمەن ، ياكى مەقسىتىمگە يېتىمەن . سىلى قەيەرگە قاراپ سەپەر قىلدىلىكىن ، بىلىشكە بولارمۇ ؟

— مەن سىلەرنى ئىزدەپ تاپماقچىدىم ، نىشانەمگە يەتتىم . مېنىڭ مەقسىتىم — خائىن سىدىق غوجىنى جازالاش ، ئۇنىڭ خەلق ئالدىدىكى جىنايىتى چېكىدىن ئاشتى ، ئۇ يەنە بۇ قېتىم ئىلىغا ماڭغان لەشكەرلەرگە يول باشلاپ كېتىپ بارىدۇ . ئۇ ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىدىن چوڭ مەنسەپ ئېلىپ قايتماقچى ، مەن ئۇنىڭ ئىپلاس ھاياتىنى ئۆز قولۇم بىلەن بۇرۇنراق تاماملاشنى خالايمەن .

— ھەببەللى ! – باقى تۈگۈلگەن مۇشتىنى داستىخان ئۈستىگە قويدى ، – بۇ خائىنغا جازا بېرىشنى بىزمۇ خېلى بۇرۇنلا ئويلىشىپ قويغان .

— شۇنداقمۇ ؟

— ئەلۋەتتە ، بىز ئۇنى بۇ قېتىم ئامان قويمايمىز .

— خوش ، ئۇنداقتا سېنىڭ ئالدىڭدا ئىككى چوڭ ئىش تۇرۇپتۇ . بىرى ، ئاشىقىڭنى ياۋنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ؛ يەنە بىرى ، خائىننىڭ ئەدىبىنى بېرىش . سەن بۇ ئىككى چوڭ ئىشنىڭ قايسىسىنى ئالدى بىلەن ئورۇنلىماقچى ؟

دەرۋىش ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئاستىدىكى ئۆتكۈر كۆزلىرىنى باقىغا تىكتى .

— لەشكەرلەر ئاقسۇدىن ئۆتۈپ ، ئالدىمىزدىكى ئۇزۇن چۆل يوللىرىغا چۈشكەندە ، خۇدا نېسىپ قىلسا ، ئادەملىرىم بىلەن ئۇلارغا قاپلاندەك تاشلىنىپ ، ھەم خائىننى جازالايمەن ، ھەم نوزۇگۇمنى قۇتۇلدۇرۇۋالىمەن .

ھاھ ! ھاھ ! ھاھ ! . . . – دەرۋىش ساقاللىرىنى تىترىتىپ كۈلۈپ كەتتى ، – خۇدا ياخشى نىيىتىڭگە يەتكۈزسۇن ئوغلۇم . سەن تېخى يەنىلا بالا . ئون نەچچە ئادەم بىلەن 500 كىشىلىك چوڭ قوشۇنغا چېقىلىش — تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان بىلەن باراۋەر . بىلىپ قوي ، ياخشى يول باشچى ئۆز ئادەملىرىنى خەتەرگە باشلىمايدۇ !

باقى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ، دەرۋىشنىڭ قولىنى تۇتتى .

— تاغا ، ئوغۇللىرى تېخى گۆدەك ، ئېيتسىلا ، سىلىچە قانداق قىلغىنىمىز تۈزۈك ؟

دەرۋىش ئۆز پىلانىنى باقىغا سۆزلىدى . ئۇلارنىڭ سۆھبىتى شۇ تەرىقىدە يەنە يېرىم سائەتچە داۋاملاشقاندىن كېيىن ، ئۇلار چايچى بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتى .

— قېنى ئوغلۇم ، سەن ئېتىڭغا مىن ، مەن پىيادە ماڭىمەن ، خەير ، خۇدا سالامەت قىلسا ، سۈرگۈنلەردىن بىر كۈن ئىلگىرى سىلەر تۇرغان يەرگە يېتىپ بارىمەن .

باقى ئېتىغا مېنىپ يولغا چۈشتى . دەرۋىش ئارقىسىدىن ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ قالدى .

ئېھ ، ياشلىق ! سەن تەۋەككۈلچىلىك ، نادانلىق ، ئالدىراقسانلىققا ئوخشاش ھەرخىل ئىللەتلەرگە كۆمۈلگەن بولساڭمۇ ، يەنىلا گۈزەلسەن ! . . . دەرۋىش شۇ تاپتا ئۆزىنىڭمۇ ياشلىق كۈنلىرىنى ئەسلىدى . بىر چاغلاردا ئۇ قەشقەر كوچىلىرىنىڭ بىرىدىكى ئېگىز سۇۋادان تېرەككە يۆلىنىپ كېچە – كېچىلەپ تۇرغانىدى . تولۇن ئاي ئاسماندىن ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكەتتى . يىراقلاردىن يولۇچىنىڭ سوزۇپ ئېيتقان ناخشىسى ئاڭلىناتتى . ياش ھەسەن ئۇدۇلىدىكى بالىخانىلىق ئۆينىڭ پەنجىرىسىگە كۆز ئۈزمەي قارايتتى . بەزىدە ئۇ كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ يۈرگەن جاناننىڭ جامالى پەنجىرىدىن لىپ ئېتىپ كۆرۈنۈپ قالاتتى – دە ، يوقىلىپ كېتەتتى . بىچارە ھەسەن شۇنىڭغا بولسىمۇ قانائەت ھاسىل قىلىپ ، خۇشال بولۇپ قايتاتتى . بۇ ئۇنىڭ مەدرىستە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى . سىنچى موللا بالا تالىپتىكى بۇ ئۆزگىرىشنى بايقاپ قالدى . بىر كۈنى ئۇ ھەسەننىڭ قىزغا بېغىشلاپ يازغان شېئىرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋېلىپ ، ئۇنىڭغا 30 دەررە ئۇرغۇزدى . ھەسەن مۇھەببەتنىڭ بۇ دەسلەپكى ئاچچىق سوۋغىسىنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى . بىر يىلدىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاشىق بولغان قىزى ئۆلۈپ كەتتى . لېكىن ، بۇ قىز دەرۋىشنىڭ كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىپ قالدى . ياشلىق نېمىدېگەن ياخشى ، بىرىنچى مۇھەببەتنىڭ ئوتى قانچىلىك ئۆچمەس – ھە ! . . . ھەسەن دەرۋىشنىڭ ئېسىگە شۇ تاپتا قايسىبىر شائىرنىڭ مۇنۇ شېئىرى كېلىپ چۈشتى :

ئەپسۇسكى ، يىگىتلىك مەۋسۇمى ئۆتتى ،

كۆكلەم ئۇزاپ كەتتى ، قىش پەسلى يەتتى .

ياشلىق دەپ ئاتالغان ئۇ شادلىق قۇشى ،

بىلمىدىم ، قاچاندۇر كەلدى ۋە كەتتى . . .

«ھە ، دۇنياغا كېلىپ ، كەتمەيدىغان نېمە بار ؟» دەرۋىش ئاچچىق بىر كۈلدى – دە ، ساپايىسىنى چېلىپ يولغا چۈشتى .

دېمەك قاي سارى ئەزىم ئەتكۈڭ ، ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر ،

قازا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانۇ ئىختىيارىمنى .

تۈگەندى ئەشىك كۈلگۈن ئەمدى قالمىش زەرپىرانە يۈز ،

پەلەك زۇلمى بەدەل قىلدى خازان بىرلە باھارىمنى . 1 «نەگە ماڭدىڭ دەپ سورىما ، ئىختىيار ئۆزۈمدە ئەمەس ئىختىيار تىزگىنىمنى تەقدىرنىڭ ئىلكىگە بەرگەنمەن . قىزىلگۈلدەك ياشلىقىم تۈگەپ ، زەپىران چىرايىم قالدى ، پەلەك زۇلۇمى باھارىمنى خازانغا ئايلاندۇرۇۋەتتى . »

ئالتىنچى باب

قونالغۇدا

مۇز داۋاننىڭ يولىدىن ،

ئۆتمەسكە ئامال بارمۇ ؟

ئىلىخوغا بارغۇچە ،

جېنىمىز ئامان بارمۇ ؟

—خەلق داستانى «نوزۇگۇم» دىن .

چىڭ لەشكەرلىرى سۈرگۈنلەرنى قانچىلىك قامچىلىمىسۇن ، يول يەنىلا ئاۋۇمىدى . كۈندۈزلىرى چۆل قاتتىق ئىسسىپ ، قۇملۇقتا ئاياغ يۆتكەپ مېڭىش ئازاب بولاتتى . ماڭالماي سۆرىلىپ قالغانلارنى لەشكەرلەر رەھىمسىز ھالدا چېپىپ تاشلىشاتتى . بەزىدە ئۆلگەن ئات ۋە تۆگىلەرنىڭ يۈكلىرىنىمۇ سۈرگۈنلەرگە ئارتىپ قويۇشاتتى . چۆل يولىدا ئارغامچىدەك سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەر ئۈستىدە قۇزغۇنلار ئەگىپ ئۇچۇشاتتى . ئات – تۆگىلەردىن چىقىۋاتقان ئىسسىق تىنىق ، ئادەملەرنىڭ بەدىنىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاچچىق تەر پۇرىقى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتقۇدەك سېسىقچىلىق پەيدا قىلاتتى . پەقەت كۆيدۈرۈپ تۇرغان قۇياش ئولتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىنلا سالقىن چۆل شامىلى پەيدا بولۇپ ، ئادەملەر قېنىپ نەپەس ئېلىشىپ ، يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتى .

يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە «قەشقەر توپىلىڭى»نى بىسىقتۇرۇپ قايتقان لەشكەرلەرنى ياخشى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرۈلگەنىدى . سۈرگۈنلەر بىلەن ئولجا ماللارنى ئەكېلىۋاتقان بۇ چوڭ — قوشۇن چوڭ – كىچىك بازارلارغا يېقىنلاشقاندا ، يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقاتتى ، ھەربىر ئۆتەڭ ۋە قونالغۇلاردا كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئالدىن قازان ئېسىلىپ تۇراتتى . ئالدى بىلەن چىڭ لەشكەرلىرى غىزالىنىپ ، ئاندىن ئاشقان – تاشقان نەرسىلەر سۈرگۈنلەرگە ئۈلەشتۈرۈلۈپ بېرىلەتتى . بۈگۈن ئۇلار ئالدىدىكى ئۆتەڭگە يېتىپ بارالماي ، چۆلدىلا توختاپ قوندى .

لەشكەرلەر ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئالدىراپ – تېنەپ بىرقانچە كىگىز ئۆي تىكىشتى . تۈگىلەر ئوچۇق دالىغا دائىرە قىلىپ چۆكتۈرۈلۈپ ، سۈرگۈنلەر كېچىسى قېچىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن پۇتىدىن زەنجىرلەر بىلەن بىر – بىرىگە چېتىپ باغلىنىپ ، تۆگىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئەتراپتا لەشكەرلەر گۈلخان يېقىپ يېتىشتى .

شۇ تاپتا ، نېرىراقتىكى چوڭ گۈلخاننىڭ ئەتراپىغا بىرمۇنچە لەشكەرلەر ئولىشىۋالغان بولۇپ ، ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان قېرىراق لەشكەر نېمە توغرىسىدىدۇر قىزىشىپ ھېكايە قىلىپ بېرىۋاتاتتى .

— ھە ، شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ يىقىلدىمۇ ؟ – دەپ سوئال قويۇپ ئالدىراتتى سۆزلىگۈچىنى بىر لەشكەر .

— پاھ ، ئۈچىنچى ئادىمىمىزمۇ قىلىچ يەپ يىقىلدى . بىز بىرقانچىمىز ھېلىقى توپىلاڭچىنى قىستاپ كەلدۇق . يېقىنلاپ بېرىپ قارىسام ، ۋاھ ، تېخى ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن بىر شۇمتەك ئىكەن . مەن ئارقىسىدىن كېلىپ دەل ئۇنىڭ بوينىغا قارىتىپ قىلىچ ئۇردۇم ، پاھ ، قانداق بولدى ، بىلمىدىم ، قىلىچ ئۇنىڭ بېشىغا سەل – پەل تېگىپلا ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنىڭ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان تۇمىقى بېشىدىن ئۇچۇپ كەتتى – دە ، ئۇزۇن چېچى چۇۋۇلۇپ ئارقىغا چۈشتى . باشتا مەن «ھوي ، بۇ بىزنىڭ تۆرىلىرىمىزدىن بىرەرىمۇ ، قانداق ؟!» دەپ چۆچۈپ كەتتىم . ئوبدان سەپسالسام ، ئالدىمدا تۇرغىنى بىر قىز ئىكەن . مەن «ۋاھ» دەۋەتتىم . يېنىمدا تۇرغان بىرنەچچەيلەنمۇ تەڭلا «ۋاھ» دەۋېتىشتى . ئۇنىڭ چېچىغا قاراپ تېڭىرقاپ قالغان لەشكەرلەرنىڭ بىرى شۇ زامانلا قىلىچ يەپ يىقىلدى . شۇ ئەسنادا ، ئۇ ئېتىنى دېۋىتىپ ، بىزنىڭ قورشاۋىمىزنى يېرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغانىدى ، بىز ئۇنىڭغا بىراقلا يوپۇرۇلۇپ بېرىپ باغلىۋالدۇق . پاھ ، تازىمۇ يامان نېمىكەن ، مەن شۇ يېشىمغا كېلىپ ، مۇنداق سوقۇشقان ئايالنى كۆرمىگەنىدىم .

— نېمىشقا ئۇنى شۇ يەردىلا چېپىپ تاشلىمىدىڭلار ؟

— چېپىپ تاشلىماقچىدۇق ، لېكىن لەشكەر باشلىقى ئۇنى كۆرۈپ «پاھ ، نېمىدېگەن گۈزەل نېمە بۇ ! ئۇنى ئىلىغا ئاپىرىپ ، جياڭجۈننىڭ ئۆزىگىلا سوۋغا قىلىپ ، ئىنئام ئالىمىز» دەپ قالدى . سۇقۇشتا ئاياللارنىڭ چىرايى ئۆز جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى كۆرگەنىدىم . بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئامان قالدى .

— يول بويى ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتقان ھېلىقى قىز شۇمۇ ؟

— ھە ، ئۆزى شۇ !

لەشكەرلەر نوزۇگۇمنىڭ تۈمەن بويىدىكى جەڭدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىشىۋاتقان چاغدا ، ئۇ سۈرگۈنلەر ئارىسىدا ، قوڭۇر چۆل ئاسمىنىغا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى . شۇ تاپتا ، ئۇنىڭ ئاغرىقچان ئاتىسى نېمە قىلىۋاتىدىكىن ؟ نوزۇگۇمنىڭ ئانىسى كىچىك چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى . بۇ مېھرىبان كىشى ئۇنىڭغا ھەم ئاتا ، ھەم ئانا بولدى ، ھازىر ئۇنىڭ ھالىدىن كىملەر خەۋەر ئېلىۋاتقاندۇ ؟ باقىچۇ ، ئۇ قەيەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىدىغاندۇ ؟ . . .

نوزۇگۇم يول بويى قېچىش خىيالىنى ئۆزىدىن نېرى قىلالمىدى . لېكىن ، لەشكەرلەرنىڭ نازارىتى ناھايىتى قاتتىق ئىدى . نوزۇگۇم پۈتۈن مۇڭىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ كەلدى ، ئۇ لەشكەرلەر تىللىسىمۇ ، ئۇرسىمۇ ئېيتىۋەردى . ئاخىر لەشكەرلەرمۇ ئۇرۇپ – تىللاپ زېرىكىپ ، ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ بەردى .

نوزۇگۇم خىيال بىلەن ئۇياق – بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدى . چۆل ئاسمىنىدا سانسىز يۇلتۇزلار جىمىرلايتتى . ئەتراپتىن تۆگىلەرنىڭ پۇشۇلداشلىرى ، ئاتلارنىڭ ئوت يېيىشلىرى ، سۈرگۈنلەرنىڭ ئۇلۇغ — كىچىك تىنغان ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى . پات – پات ، پانۇس كۆتۈرگەن قورۇقچىلار ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈپ قالاتتى . تۈتەپ كۆيۈۋاتقان گۈلخانلاردىن چۆل ئۆسۈملۈكلىرى يىلتىزىنىڭ پۇراقلىق ئىسى كېلىپ دىماغقا ئۇرۇلاتتى . كىگىز ئۆيلەردىن مەست بولۇپ قالغان لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىناتتى . «ھەي ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ياشلىقىم تۈگىگەنمىدۇ ؟ ئىلىغا بارغاندا ئاجىز بېشىمغا نېمە كۈنلەر چۈشەر ؟ . . .» نوزۇگۇم شۇنداق ھەسرەتلىك خىياللار بىلەن ئۇيقۇغا كەتتى . ئۇ چۈشىدە ئاتىسىنى كۆردى . ئاتا ئانارلىق باغدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ نوزۇگۇمنى چاقىراتتى .

— نوزۇگۇم !

نوزۇگۇم بۇ ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتى .

— نوزۇگۇم قىزىم ، بۇ سىزمۇ ؟

ئۇنى راستتىنلا بىرى چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇ ئوڭ يېنىغا ئۆرۈلۈپ ، قېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ساقاللىق كىشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى .

— نوزۇگۇم ، قورقما قىزىم ! بۇ مەن — ھەسەن دەرۋىش .

— ھەسەن تاغا !

ھەسەن دەرۋىش قىزنىڭ يېنىغا قىيسايدى – دە ، ئۇنىڭ ئاغزىنى ئالىقىنى بىلەن توسۇدى .

— ئاستىراق .

— تاغا ، بۇ چۈشۈممۇ ، ئوڭۇممۇ ؟ سىلى بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىلا ؟

— چۈشۈڭ ئەمەس ، ئوڭۇڭ قىزىم . چۆل شاماللىرى ماڭا سىلەرنىڭ پۇرىقىڭلارنى يەتكۈزدى . قىزىم ، ماڭا ئەگىشىپ قېچىپ چىقىپ كېتەلەمسەن ؟

— تاغا ، بىزنىڭ پۇتلىرىمىز بىر – بىرىمىزگە چېتىپ كىشەنلەنگەن .

ھەسەن دەرۋىش نوزۇگۇمنىڭ ئايىغىنى سىلىدى . مۇستەھكەم تۆمۈر زەنجىر ئۇنىڭ قولىغا ئۇرۇلدى .

— خەيرىيەت ! – دېدى دەرۋىش ، – غەيرەتلىك بول ، خۇدا ساڭا ئازادلىق نېسىپ قىلغۇچە بوشاشما . مەن بۇ تەرەپكە ماڭغاندا ئاتاڭ ساڭا سالام ئېيتتى . سېنى پاك بولسۇن ، خەلقىگە ، مۇھەببىتىگە سادىق بولسۇن ، دېدى . بۇ ئاتاڭنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن سوۋغىسى .

نوزۇگۇم دەرۋىشنىڭ قولىدىن ئېغىر پولات خەنجەرنى ئالدى – دە ، يوشۇردى .

— قىزىم ، ئېيتقىنا ، سىدىق غوجا قەيەردە ؟!

— سىدىق غوجا ؟! – نوزۇگۇم سەسكىنىپ كەتتى ، – ئۇ يۈزسىز ھېچكىمنىڭ چىرايىغا تىك تۇرۇپ قارىيالمايدۇ . لەشكەرلەرمۇ ئۇنى ئارىغا ئالمايدۇ . ئۇ ئالدى تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرغان كىگىز ئۆيلەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكىدە يالغۇز تۇرىدۇ .

— خەير قىزىم ، ئامان بول !

دەرۋىش قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يەنە شۇنداق تېز غايىب بولدى . نوزۇگۇم ئۇنىڭدىن ئاتىسى ، باقى ۋە يەنە نېمىلەر توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى سورىماقچىدى ، ئەمما ئۈلگۈرەلمىدى . نوزۇگۇمغا بۇنىڭ ھەممىسى بىر تىنىق ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن چۈشتەك بىلىندى . لېكىن ، بۇ چۈش ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ قولىدا ئاتىسىنىڭ ئۆتكۈر خەنجىرى يالتىراپ تۇراتتى .

× × × ×

چىڭ لەشكەرلىرى سىدىق غوجىنىڭ يوقالغانلىقىنى تاڭ يورۇغاندىن كېيىنلا سەزدى . ئۇلار سىدىق غوجىنىڭ ئۆزى قېچىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۇنى باشقىلار ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئېنىقلىيالمىدى . سىدىق غوجىنىڭ يولدا مىنىدىغان ئاق قاشقىلىق ئېتى كىگىز ئۆي يېنىدا باغلاقلىق تۇراتتى . غوجىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ئالتۇن – كۈمۈشلىرىمۇ ئۆز جايىدىلا قالغانىدى . لەشكەرلەر ئەتراپقا ئات سېلىپ ، خېلى يىراقلارغىچە ئىزدەپ بېرىپمۇ قۇرۇق قايتىشتى . كېچىدىن بىرى چىققان چۆل شامىلى قۇملارنى ھەر تەرەپكە ئېقىتىپ ، ھەممە ئىزلارنى كۆمۈپ تاشلىغانىدى . . .

يەتتىنچى باب

خائىنغا ئۆلۈم

ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە

دوست تۇتما .

— خەلق ماقالى

ئېگىز قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان بۇ خارابە گۈمبەز يىراقتىن قارىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقمايتتى . قاچاندۇر بىر چاغلاردا بۇ يەر ھەشەمەتلىك خانىقا ، مەسچىت ۋە تۈنەكخانىلار بىلەن ئاۋات ئىدى . مازارگۈي ئاشىقلار ئۈچۈن يوغان داش قازانلار توختىماي قايناپ تۇراتتى . ھازىر ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە قۇم ئاستىدا قالغان بولۇپ ، قايسىبىر ئەۋلىياغا ئاتاپ سېلىنغان مۇشۇ ئېگىز گۈمبەزلا چوقچىيىپ چىقىپ قالغانىدى . گۈمبەزنىڭ ئىچى – سىرتىغا ئاق گەج بىلەن سۇۋاپ چېكىلگەن گۈللەر ئۆچكەن ، ئۇنىڭ ئەگمە قىلىپ ياسالغان تورۇسلىرىدىكى ئاجايىپ نەقىشلەر خىرەلەشكەنىدى . گۈمبەزنىڭ شەرققە قارىغان كىچىك ئىشىكىنىڭ ياغاچلىرى ھەر تەرەپكە قىيشىيىپ تۇراتتى . باقىنىڭ ئادەملىرى سىدىق غوجىنى مانا مۇشۇ گۈمبەز ئالدىغا ئەكېلىپ تاشلىغانىدى .

قولى ئارقىسىغا باغلانغان سىدىق غوجا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، ئالدىدىكى كىشىلەرگە يالۋۇرماقتا ئىدى . چىرايلىرى ئاپتاپتا قارايغان ئون نەچچە يىگىت ئۇنى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتى .

— رەھىم قىلىڭلار ئوغۇللىرىم ، خۇدا رەھىمدىل بولغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ . مەندەك بىر ئاسىي بەندىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىڭلار ! . . .

— تۇر ئورنۇڭدىن ! – دەپ ۋارقىرىدى باقى ، — سېنىڭ ھاياتىڭ ئۆزۈڭنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەشتىن نېرى بارمىدى . شۇ بىر قوشۇق قېنىڭ ئۈچۈن تالاي بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى سەل قىلىپ ئاققۇزدۇڭ .

— خۇدا ئازماس ، بىز خۇدانىڭ ئازغۇچى بەندىلىرىمىز ، مەن ئازدىم ، مېنى كەچۈرۈڭلار .

— سېنى ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللانىڭ ئۆزى كەچۈرسۇن ، بىزدە ساڭا رەھىم قىلىش ھوقۇقى يوق ، خەلق سېنى ئاللىبۇرۇنلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان . بىز ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچىلارمىز .

سىدىق غوجا «ۋاي – داد» سېلىپ ، چۆلنى بېشىغا كىيدى . گۈمبەز ئىشىكىگە يۆلىنىپ تۇرغان ھەسەن دەرۋىش شۇ تاپتا چوڭقۇر خىيالىغا چۆككەنىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن تۈمەن بويىدا تۆكۈلگەن قانلار ، قىرىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئاھۇ زارى ، قەشقەر شەھىرى دەرۋازىلىرىغا ئېسىلغان باشلار ، چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ قانلىق قامچىسى ئاستىدا سۆرىلىپ كېلىۋاتقان سۈرگۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى . سىدىق غوجىنىڭ يالۋۇرۇپ بىلجىرلاشلىرى دەرۋىشنىڭ جەھلىنى قوزغىدى . قىزىق قان ئۇنىڭ تومۇرلىرىغا تېپىپ ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى . ئۇ يېنىدا تۇرغان يىگىتنىڭ غىلىپىدىن ئۆتكۈر قىلىچنى سۇغۇرۇۋالدى – دە ، گۈرسۈلدەپ دەسسەپ ئوتتۇرىغا كەلدى .

— قېنى يىگىتلەر ، ئۇنىڭ قولىنى يېشىۋېتىڭلار . ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ، بىر مۇسۇلماننىڭ بالىسى ، ئۆلۈش ئالدىدىن تاھارەت ئېلىۋالسۇن .

يىگىتلەردىن بىرى كېلىپ ، سىدىق غوجىنىڭ قولىنى يېشىۋەتتى ، يەنە بىر يىگىت ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قاپاق سۇ كەلتۈردى . لېكىن سىدىق غوجا قولى بوشىشى بىلەنلا ھېچنېمىگە قارىماي ھەسەن دەرۋىشنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ پۇتىنى قۇچاقلىدى .

— ھەسەن ، سېنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قانداق قولۇڭ بارىدۇ . خۇدادىن قورقمامسەن ! ؟

— ئاللانىڭ مۇبارەك نامىنى ھەممە تەڭ ئېغىزغا ئالىدۇ ، لېكىن كىمنىڭ خۇدادىن ھەقىقىي قورقۇپ پاك ياشىغانلىقى پەقەت مەھشەر كۈنىلا ئايرىلىدۇ . سېنى ئۆلتۈرۈش گۇناھ بولسا ، مەيلى ، ئاللا بۇ گۇناھنى مېنىڭ زىممەمگە يازسۇن !

— ئېيتقىنا ، مېنىڭ نېمە جىنايىتىم بار ؟ خەلققە يامانلىق قىلىش نىيىتىم يوق ئىدى . لەشكەرلەر مېنى قىلىچ ئاستىغا ئېلىپ زورلىدى .

— ئابدۇرېشىت داموللاممۇ ساڭا ئوخشاش زورلانغانىدى . ئۇ دۈشمەننىڭ ئايىغىدا ئۆمىلەشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلدى .

— شۇنداق ، مەن قورقۇنچاق ، مەن جىنايىتىمنى يۇيىمەن .

— ئىپلاس ! سېنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭ جىنايەت بىلەن تىنىپ كەتكەن . سەن ئۇنى ئۆز قېنىڭ بىلەن يۇمىغۇچە يۇيۇپ تۈگىتەلمەيسەن . بىر كۈن ئوشۇق ئۆمۈر كۆرسەڭ زىممەڭدىكى جىنايەت بىر ئۈلۈش ئاشىدۇ . مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن تاماملاش ئۈچۈن سېنى چۆل بويى قوغلاپ كەلدىم ، قوپ ئورنۇڭدىن ! تاھارەت ئېلىپ ، ئىمان ئېيتىۋال . ئۆلۈش ۋاقتىدا بولسىمۇ ئادەمدەك ئۆل !

سىدىق غوجا قۇم ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ، ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى . ئۇ يوغان كۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ ، جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان باشقا بىرەر نەرسە يوقمىدۇ ؟! دەپ ئالاق – جالاق قارايتتى . ئاۋازىنىڭ بارىچە پەرياد سالاتتى . كىتابخان ، چوشقىنى ئۆلتۈرسەڭ چىرقىراپ جان بېرىدۇ ، ھەيۋەتلىك قارىغاينى كەسسەڭ ، ئۇ ئۈنچىقماي ئۆرۈلىدۇ . . . تاقەت قىلالمىغان دەرۋىش سىدىق غوجىنى يەردىن يۇلۇۋېلىپ ، قىلىچ بىلەن بىر ئۇرۇپلا كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن پەرياد ئاۋازى ئۆچۈپ ، گويا گۈركىرەپ چىقىۋاتقان بوران بىردىنلا تىنچىپ قالغاندەك ئەتراپنى ئېغىر جىمجىتلىق باستى . خائىننىڭ كېسىلگەن بېشى گۈمبەز ئىشىكى يېنىغا قاڭقىپ چۈشۈپ ، قومغا دۈم بولۇپ پېتىپ قالغانىدى .

دەرۋىش قولىدىكى قىلىچنى يەرگە تاشلىدى .

— ھاي ، يىگىتلەر ! كېلىڭلار ، بۇ جەسەتنى ۋاقتىدا كۆمۈۋېتەيلى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ھەممىگە ئىبرەت بولغۇدەك بىر سۆز يېزىپ قالدۇرايلى . . .

ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، كېيىن بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار بۇ خارابە گۈمبەزنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغان يېڭى بىر قەبرىنى كۆرگەن . قەبرە يېنىغا قويۇلغان تاشقا ئېنىق قىلىپ ، «كىمىكى بۇ يەردىن ئۆتسە ، خائىنغا لەنەت ئوقۇغاي» دېگەن سۆزلەر ئويۇلغانىكەن .

× × ×

شۇ ئىشتىن كېيىن ، سۈرگۈنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قارىسىنى يىتتۈرمەي ئەگىشىپ كېلىۋاتقان باقىنىڭ يىگىتلىرى تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ ، چىڭ لەشكەرلىرىگە بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى . ئەمما ، لەشكەرلەر سان جەھەتتىن ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى . يىگىتلەر ھەر قېتىمدا ئون نەچچە دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ ، چېكىنىپ غايىپ بولۇشقا مەجبۇر بولاتتى .

چۆل قاپلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئارامسىزلانغان لەشكەر باشلىقلىرى ئاخىر كېڭىشىپ ، يۈزدىن ئوشۇق لەشكەرنى «قاراقچىلار»نى قوغلاپ يوقىتىشقا ئاجراتتى . قالغان لەشكەرلەر سۈرگۈنلەرنىڭ مېڭىشىنى ئىتتىكلىتىش ئۈچۈن يول ئۈستىدىكى مەھەللىلەردىن دېھقانلارنىڭ ئېشەكلىرىنى بۇلاپ كېلىپ ، ھەربىر ئېشەككە ئىككىدىن تۇتقۇننى — ئەرنى ئالدىغا قارىتىپ ، ئايالنى ئارقىغا قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ باغلاپ ، ئۇلارنى جېدەللەپ ھەيدىدى . . . بارا – بارا ھاۋا سالقىنلىشىپ ، تاقىر تاغ ، قۇملۇقلار ئاخىرلىشىپ ، پايانسىز ئوتلاقلار ، قارىغايلىق تاغلار ئۇچراشقا باشلىدى . سۈرگۈنلەر ئىلى ۋادىسىغا يېقىنلاشماقتا ئىدى .

«قاراقچىلار»نى قوغلاشقا ئاجرىتىلغان لەشكەرلەر باقىنىڭ يىگىتلىرى بىلەن كىچىك بىر تاغ ئىچىدە دوقۇرۇشۇپ قالدى . جاللاتلارنىڭ قىقاس چۇقىنى ، تۆمۈر قوراللارنىڭ بىر – بىرىگە تېگىپ جاراڭلىشىدىن تاغ قۇشلىرى ئۈركۈپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى . بۇ قاتتىق جەڭدە باقى ئېغىر يارىدار بولدى . كۆڭلىگە بىر ھىيلىنى پۈككەن ھەسەن دەرۋىش يىگىتلەرنى چېكىنىشكە بۇيرۇدى .

چۆل يىگىتلىرى ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان چىڭ لەشكەرلىرىنى بىر كۆرۈنۈپ ، بىر كۆرۈنمەي توپتوغرا ئۈچ كۈن ئەگەشتۈرۈپ يۈردى – دە ، ئاندىن غايىب بولۇشتى . چىڭ لەشكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى چۈشەنگەندە ، تەكلىماكاننىڭ بارسا كەلمەس قۇملۇقلىرىغا ئاللىبۇرۇن ئىچكىرىلەپ بولغانىدى . بۇ يەردە نە سۇ ، نە گىياھ ، نە ھاياتلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى . كۈندۈزلىرى قىزىق قۇياش باش ئۈستىدىن نېرى كەتمەي ، مېڭىلەرنى قاينىتىۋېتەتتى . كېچىلىرى دەھشەتلىك بوران كۆتۈرۈلۈپ ، ئات – ئۇلاغ ، ئادەملەرنى قۇمغا كۆمەتتى . يىگىتلەر چىڭ لەشكەرلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئەنە شۇنداق تىرىكلا دوزاخقا تاشلىدى . بۇ يەردىن بىرمۇ لەشكەر يول تېپىپ قايتىپ چىقالمىدى .

بىر مەزگىل بۇ چۆل ئاسمىنىنى قۇزغۇنلار قاپلىدى . ئۇزۇن يىللارغىچە بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا قىلىچ ، قالقانلار ، قاغجىراپ ئاپئاق ياغاچقا ئوخشىشىپ قالغان ئۇستىخانلار ئۇچراپ تۇردى .

سەككىزىنچى باب

قۇل سودىسى

زالىم دوۋاڭ 1 «دۇۋاڭ — چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى پادىشاھى داۋگۇاڭ . » زار يىغلايتتى .

يوقسۇللارنى كۆپ قاقشاتتى .

ياش دېمىدى ياكى قېرى ،

دارغا ئاستى ، پۇلغا ساتتى .

— خەلق داستانى «نوزۇگۇم» دىن .

ئىلىغا ھەيدەپ كېلىنگەن سۈرگۈنلەر غۇلجا شەھىرى يېنىدىكى شەرقى يامۇلغا قامالغانىدى . ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بارلىق گۇندىخانىلارنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ، سۈرگۈنلەر يامۇل ئىچىدىكى كەڭ بىر مەيدانغا ئېلىپ چىقىلدى . بۇ يەر ھەر قېتىم ئالتە شەھەر دىن كەلتۈرۈلگەن تۇتقۇنلارنى ساتىدىغان رەسمىي بازار بولۇپ قالغانىدى . بۈگۈن بۇ يەردە ئىلىنىڭ كەڭ ، مۇنبەت يەر – سۈيىنى بۆلۈشۈۋالغان زېمىندارلار ، ئۇزۇن چاچلىق تۆرىلەر ، باشلىرىغا ئېگىز موزا كىيىپ ، قوللىرىغا يەلپۈگۈچ تۇتۇپ ، تاۋار چاپانلىرىنىڭ پەشلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەمەلدارلار ئىغاڭشىپ يۈرەتتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈچۈن دېھقان ، بەزىلىرى ئۈچۈن مالچى ، بەزىلىرىگە كۆمۈر قازغۇچى ، بەزىسىگە ئۆي چاكىرى ۋە بەزىلىرىگە بولسا چىرايلىق قىزلار لازىم ئىدى . سۈرگۈنلەر چىقىشى بىلەن ھېلىقى ئادەم بېدىكلىرى ھەر تەرەپتىن كېلىپ ئولاشتى . ئۇلار سۈرگۈنلەرنىڭ ئىچىنى ئارىلاپ ، خۇددى مال بازىرىدا مال كۆرگەندەك قاراشتۇرۇشقا باشلىدى . بەزىلىرى ئالماقچى بولغان ئادىمىنى ئۇياق – بۇياققا ئۆرۈپ . بۇلجۇڭ گۆشلىرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ باقاتتى . ئۆزلىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان سۈرگۈنلەر بۇ چىدىغۇسىز خورلۇقنى ئىچىگە يۇتۇپ ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلەرگە ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن لەنەت ياغدۇراتتى . سودىسى پۈتكەن بايلار ئالغان ئادەملىرىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ، چەتتە تۇرغان چاپارمەنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى خۇددى قاسساپلار مال بازىرىدىن ماللارنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشقا باشلىدى .

ئىلىدىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولغان شىسەن دالويى خوتۇنپەرەس ئادەم ئىدى . ئۇ قەشقەردىن چىرايلىق قىزلار كەلتۈرۈلۈپتۇ ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ، بۇ يەرگە ئۆزىنىڭ مال ئالغۇچىسىنى ئەۋەتكەنىدى . شىسەن دالويى ئەۋەتكەن ئادەم — جۇ فامىلىلىك پاكار ، سېمىز نېمە بولۇپ ، باشقىلار ئۇنى «جۇ پاڭزا» دەيتتى ، جۇ پاڭزا سۈرگۈنلەر ئىچىدىكى ئاياللارغا بىر – بىرلەپ قاراپ چىققاندىن كېيىن ، نوزۇگۇمنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى – دە ، «پاھ ، ئادەم بالىسىمۇ مۇنداق قاملاشقان بولىدىكەن – ھە !» دەۋەتتى . بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ۋە ئۇزۇن يول ئازابى نوزۇگۇمنىڭ چىرايىنى سارغايتقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پۈتۈن سىياقىدىن يەنىلا ياشلىق ۋە گۈزەللىك ئۇرغۇپ تۇراتتى . نوزۇگۇمنىڭ قويۇق قارا چاچلىرى چىگىشلىنىپ ، كۆڭلەكلىرى يىرتىلغانىدى ، ئۇ نازۇك قوللىرى بىلەن كۆكسىنىڭ ئوچۇق قالغان قىسمىنى جۇ پاڭزىنىڭ ھاياسىز تىكىلگەن كۆزلىرىدىن دالدا قىلدى .

— ھى ! . . . ھى ! . . . ھى ! . . . — جۇ پاڭزا ھىجايغىنىچە ، سۈرگۈنلەرنى سېتىش ئىشىنى باشقۇرۇۋاتقان ئەمەلدارنىڭ يېنىغا ئىغاڭلاپ كەلدى ، – بىزنىڭ دالويىغا ئاشۇ قىزچاقنى ئالساق بولارمىكىن باھاسى قانچىدۇ ؟

— دالويىغا بىرەر چەنتۇ قىزىنى تارتۇق قىلدىغانمۇ يولىمىز بار ئىدى ، لېكىن يولدا كۆپ چىقىمدار بولدۇق ، بولمىسا . . .

— بولدى ، بولدى ، پۇلى قانچە ؟

— دالويىدىن كۆپ سورىمايمىز ، تاپان ھەققىمىز ئۈچۈن مانا مۇشۇنچىلىكلا بىرنەرسە بەرسەڭلا بولىدۇ .

ئەمەلدار قول ئىشارىسى بىلەن نوزۇگۇمنىڭ باھاسىنى ئوقتۇردى .

— ۋاھ ، بۇ بەك ئۆرە بولۇپ كەتتى . بۇنچىلىك پۇلغا شۇنداق چەنتۇدىن بەشنى سېتىۋالغىلى بولمامدۇ ؟!

— ئۆزلىرى مال تونۇيدىغان ئادەم ، كۆرۈپ تۇرۇپلا ، بۇ چەنتۇ قىزى مۇشۇ ماللارنىڭ ئالدى . باھاسىغا چىقسا ساتىمىز . بولمىسا ، جياڭجۈننىڭ ئۆزىگىلا سۇنساقمۇ خېلى ئىنئامغا ئىگە بولالايمىز .

— بولدى ، گەپنى ئۇزارتمايلى ، مۇنچىلىك ئالتۇن – كۈمۈش تۆلىسەك قانداق ؟

ئەمەلدار جۇپاڭزا ئېيتقان باھاغا كۆنمىدى . ئۇ ئۇزۇن قوللىرىنى جۇپاڭزىنىڭ بۇرنىغىچە سۇنۇپ ، نوزۇگۇمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساناپ كۆرسەتتى .

— بىرىنچىدىن ، ئۆزى گۈزەل ، ئىككىنچىدىن ، ئىشقا چېۋەر ، ئۈچىنچىدىن ، قاملاشتۇرۇپ ناخشا ئېيتالايدۇ .

جۇ پاڭزا نوزۇگۇمغا يەنە بىر قېتىم لاپ قىلىپ قارىدى – دە :

— ھى . . . ھى . . . ھى ! بوپتۇ ، ئۇنداق بولسا ، مانا مۇنچىلىك ساپ ئالتۇن تۆلەي ، – دەپ باھانى يەنە ئۆرلەتكىنىنى ئىشارەت قىلدى .

ئۇزاق تالىشىشتىن كېيىن ، ئەمەلدار بىلەن جۇ پاڭزا نوزۇگۇمنىڭ باھاسىنى پۈتۈشتى . پارقىراپ تۇرغان تىللالار ئەمەلدارنىڭ ئالىقىنىغا تۆكۈلۈشى بىلەنلا ئىككى چاپارمەن كېلىپ ، نوزۇگۇمنى سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى . نوزۇگۇمنىڭ ئايلاپ بىللە بولغان جاپاكەش سەپەرداشلىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى . سۈرگۈنلەر ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنى ئۇزاتماقتا ئىدى .

— خەير ، سالامەت بولۇڭ نوزۇگۇم !

— جاھان زالىملارنىڭلا بولۇپ كەتمەس ؟!

— خەير ، ئامان بولساق يەنە كۆرۈشەرمىز !

نوزۇگۇم كۆز چاناقلىرىدىكى ياشنى تۇتۇپ قالالمىدى . ئۇ ئىختىيارسىز دەرد – ئەلەملىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتتى :

ئاينى بۇلۇت توسۇپتۇ ،

يولتۇزلارمۇ ئۆچۈپتۇ .

گۆر ئازابى ئۆلۈكتىن ،

تىرىكلەرگە كۆچۈپتۇ .

بېشىمىزدا جاللاتلار ،

قىلىچىنى ئوينىتار .

بۇ دوزاختىن نوزۇكنى ،

قانداق بىر جان ئاجرىتار ؟!

— ھوي ، ھوي ! – دەپ سىلكىشتۈردى نوزۇگۇمنى ئەكىتىپ بارغان چاپارمەنلەر ، – نېمانچىلا كاكىرايسەن ؟ ئالدىرىما تېخى ، دالويىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ناخشىنى تازا ئېيتىۋالىسەن .

توققۇزىنچى باب

توي

ئەي زالىم ، يېتەر خەلققە ئازارىڭ ،

قاچانغىچە قاينار بۇ بازارىڭ ؟

سەلتەنەت سۈرمەك نەكېرەك ساڭا ؟

خەلقنى ئەزگەندىن ئۆلگىنىڭ ئەلا !

— سەئىدى

شىسەن دالويىنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى نوزۇگۇمنى يۇيۇندۇرۇپ ، ئۇنىڭغا بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيدۈرگەندىن كېيىن ، جۇ پاڭزا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم قىلغان سودىسىغا بەكمۇ مەمنۇن بولدى . نوزۇگۇمنىڭ توپا – چاڭ ئىچىدە قالغان چىرايى پاكىزلىنىپ ، ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قېتىلغانىدى . نوزۇگۇمنى دالويىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن دالويىنىڭ ياسىداق ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بىلەن ئېلىپ ماڭغاندا ئۇنىڭ چوڭ – كىچىك خوتۇنلىرى ئۆز ھۇجرىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ ، ھەسەت بىلەن قاراشتى .

نوزۇگۇمنى ئەكىرگەندە شىسەن دالويى ئۆينىڭ تۆرىدىكى كاڭدا ، قارا تاۋار كۆرپە ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىپ ئەپيۈن چېكىۋاتاتتى . شىسەن دالويى گۆشلۈك ، كەڭ يۈزىنى چېچەك ئىزى قاپلىغان چوقۇر ئىدى . ئۆمرى كەڭ جۇڭغار دالالىرىدا زوراۋانلىق قىلىپ ، قان كېچىش بىلەن ئۆتكەن بۇ زالىمنى كىشىلەر ئارقىسىدىن شىسەن مازا 1 «شىسەن مازا — شىسەن چوقۇر . » دەپ ئاتىشاتتى . ئۇ ئېغىر گەۋدىسىنى تەسلىكتە قىمىرلىتىپ ، قىيسىق كۆزلىرى بىلەن نوزۇگۇمغا سىنچىلاپ قارىدى . نوزۇگۇمنىڭ ئۇزۇن ، قارا چېچى غۇنچە بويى بىلەن بويلىشىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ ئالدى – كەينى ۋە نازۇك بويۇنلىرىدا بالىلارنىڭكىدەك مەيىن تۈكلەر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . قىزنىڭ چىرايى خۇنۇك ئاق چىرايلاردىن بولماي ، يېقىملىق ، قاراقۇمچاق چىرايلاردىن ئىدى ، ئۇنىڭ پۈتۈن سىياقى نۇرلىنىپ تۇرغان قىزىل ياقۇتقا ئوخشىشاتتى .

— ھە ، يارايدۇ ، بۇ تازا مەن ئويلىغىنىمدىن ئىكەن ، – دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى شىسەن مازا .

جۇ پاڭزا يورغىلىغىنىچە دالويىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، سۈرگۈنلەرنى ساتقان ئەمەلداردىن ئاڭلىۋالغان گەپلەرنى تەكرارلاپ ، نوزۇگۇمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساناشقا باشلىدى .

— ھى . . . ھى . . . ھى ! مۇنداق چەنتۇ قىزى كەم تېپىلىدۇ ، ئانىسى سىلىدەك غوجاملار ئۈچۈنلا تۇغقان – دە ، بۇ قېتىم كەلگەن قىزلارنىڭ ئىچىدە ئالدى مۇشۇ ئىكەن ، شۇڭا باھاسىمۇ ئۆرىرەك بولدى .

— بولدى ، بولدى . كېرەك يوق !

— شۇنداق ، مال ياخشى ، ئۆزى گۈزەل ، ئىشقا چېۋەر ، يەنە ناھايىتى ناخشىچى ئىكەن ، مەن ئۇنى ناخشا ئېيتقۇزۇپ كۆرۈپ ئالدىم .

— ناخشىچى ؟! ھا . . . ھا . . . ھا ! قېنى ، ئۇنىڭغا ئېيىت ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى مەن بىر ئاڭلاپ باقاي .

جۇ پاڭزا شىسەن مازىنىڭ تەلىپىنى نوزۇگۇمغا تەرجىمە قىلىپ بەردى . نوزۇگۇم ھېچقانداق تارتىشىپ تۇرمايلا ناخشىسىنى باشلىۋەتتى .

يۇرتۇمنى مەن سېغىندىم ،

ئاتامنى مەن سېغىندىم .

تىرىكمىكىن جان باقەم ؟

خەۋىرىنى بىلمىدىم .

يۇرتۇمغا يېتەلمەسمەن ،

ئاتامنى كۆرەلمەسمەن .

باقەمنى كۆرۈپ ئۆلسەم ،

ھەرگىز ئارمان قىلماسمەن .

ئالتە ئايدىن يالغۇزمەن ،

قەشقەر يولىنى بىلمەسمەن .

خۇدا مېنى ساقلىسا ،

سەن زالىمغا تەگمەسمەن .

— ھا ! ھا ! ھا . . . ئۇ نېمىدەپ ناخشا ئېيتتى ؟

— ئۇ بۇرۇن بۇنداق ھەشىمەتلىك ئۆيلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى ، مۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى كىيمىگەنلىكىنى قوشاق قىلىپ ئېيتتى . سىلىنى ماختىدى ، – دېدى جۇ پاڭزا .

— ھە ، ياخشى . ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ساز ئىكەن ، ماڭا زېرىككەندە ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن ، ئۇنىڭغا ئېيت ، ئۇ يول يۈرۈپ ھاردى . بىر – ئىككى كۈن ئوبدان دەم ئالسۇن ، ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن . ئۇ بۇنىڭدىنمۇ پۇزۇر ئۆيلەردە تۇرىدۇ ، تېخىمۇ ئېسىل كىيىملەرنى كىيىدۇ .

شىسەن مازا خىزمەتكارىنى چاقىردى – دە ، تاپان ھەققى ئۈچۈن جۇ پاڭزىغا بىر توپ گۈللۈك تاۋار بېرىشكە بۇيرۇدى .

× × ×

شىسەن مازا نوزۇگۇمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولغانىدى . ئۇ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر چىرايلىق ، ياش خوتۇنغا ئېرىشىشنى ئويلاپ يۈرەتتى . ئەمدى ئۇ بۇ گۈزەل قىزنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ باشقا ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىشنى ئويلىغاندا ، خۇشاللىقى چېكىگە يەتتى . ئۇ نوزۇگۇمنى رەسمىي توي قىلىپ ئېلىش قارارىغا كەلدى . ئالمان – تالمان تەييارلىق قىلىپ ، ئۈچىنچى كۈنى توي باشلىۋەتتى .

تويغا يىراق – يېقىندىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چاقىرىلدى . ئىلى جياڭجۈنى ئۆزى كېلەلمىگەن بولسىمۇ جياڭجۈن مەھكىمىسىدىن ئالاھىدە سوۋغاتلارنى ئەۋەتىپ ، شىسەن دالويىنىڭ تويىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

توي كۈنى ئىچكىرى – تاشقىرى ھويلىدىكى ھۇجرىلارنىڭ ھەممىسىگە جوزا راسلاندى . ئارقىدىكى كىچىك ئۆيلەرگە ئالاھىدە مېھمانلار ئۈچۈن ئەپيۈن جابدۇقلىرى بىلەن ماجاڭلارنى راسلاپ قويۇشمۇ ئۇنتۇلۇپ قېلىنمىدى . ھويلىلارنىڭ ئىچىگە ئايلاندۇرۇپ گۈللۈك پانۇسلار ئېسىلدى . مۇھاپىزەتچى چېرىكلەرگىمۇ «ئادەمگەرچىلىك» يۈزىسىدىن بۈگۈن يېتەرلىك ھاراق تارقىتىپ بېرىلدى . كەچكە يېقىن قورۇنىڭ يوغان پانۇسلار ئاستىدا يورۇپ تۇرغان قارا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چوڭ – كىچىك مەپىلەر تىقىلىشىپ قالدى . توي ناھايىتىمۇ قىزىپ ، ئىچىشىۋازلىق تاڭ يورۇغۇچە داۋاملاشتى . . .

شىسەن مازا «يىگىت» ئۈچۈن تەييارلانغان خاس ھۇجرىغا تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا كىرىپ كەلدى . بۇ چاغدا ئۇ دېگۈدەك مەست بولۇپ ، ئۆرە دەسسەپ تۇرالمايتتى . نوزۇگۇم ئۆينىڭ تۆرىدىكى چىمىلدىق ئىچىدە ، ئاتىسى ھەسەن دەرۋىش ئارقىلىق ئەۋەتكەن خەنجەرنىڭ سېپىنى مەھكەم تۇتقىنىچە ، مىڭبىر خىياللار بىلەن ئولتۇراتتى . ئۇ ئاتىسى ئېيتقان «پاكلىقىنى ساقلاش ، مۇھەببىتىگە سادىق بولۇش» دېگەن ۋەسىيەتلەرنىڭ ئەھدىسىدىن چىقارلارمۇ ؟ !

شىسەن مازا ئىشىك ئېچىپ كىرىشى بىلەن نوزۇگۇمنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز قاتتىق سېلىپ كەتتى . خىزمەتچىلەر شىسەن مازىنىڭ سىرتقى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن بىر – بىرلەپ چىقىپ كېتىشتى . شىسەن مازا ھىجايغىنىچە چىمىلدىق تەرەپكە قاراپ ماڭدى .

— ھى . . . ھى . . . ھى ! قىز ، سەن تارتىنما ، — شىسەن مازا چىمىلدىقنى قايرىدى ، – قىز ، سەن يېقىن كەل . يۈرىكىڭ نېمانچە دۈپۈلدەيدۇ ؟ قورقۇۋاتامسەن ؟

شىسەن مازىنىڭ چوقۇر يۈزلىرى مەستلىكتىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئېسىلغان بولۇپ ، ئاغزىدىن ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى بۇقسۇپ تۇراتتى . ئۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى ۋە شۇ ھامان ئاچچىق بىر ئاغزىقنى ھېس قىلدى – دە ، «ۋايجان!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى . نوزۇگۇمنىڭ كۈچ بىلەن ئۇرغان خەنجىرى ئۇنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى . نوزۇگۇم ئىككىنچى قېتىم خەنجەر ئۇرۇپ ، شىسەن مازىنىڭ كۆكرىكىنى بۆسۈۋەتتى . ئۇ خۇددى ئوت ئۈستىدىكى ھۆل قوۋزاقتەك تولغىنىپ ، چىمىلدىق يېنىغا گۈپ قىلىپ چۈشتى . بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىسسىق قان دالويىنىڭ ئوچۇق قالغان ئاغزىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى . ئۆمۈر بويى قان ئىچىپ تويمىغان بۇ جاللات بۈگۈن ئۆزىنىڭ تويىدا تويدى . . .

ئونىنچى باب

قاچقۇن

يايى چىقتى تۇتقىلى ،

ئەجدىھا بولۇپ يوتقىلى .

ئونلاپ يايى كېلىپتۇ ،

مەن نوزۇكنى يۇتقىلى .

— نوزۇگۇم قوشاقلىرىدىن

نوزۇگۇم شىسەن مازىنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ ، تۈن قاراڭغۇسىدا ئۆزىنىڭ قاياققا قاراپ كېتىپ بارغانلىقىنى بىلەلمەي مېڭىۋەردى . ئۈستىدىكى ئېغىر تويلۇق كىيىملەر ئۇنىڭ ئىتتىك مېڭىشىغا كاشىلا قىلىپ ، ھەر قەدەمدە ئۇ نېمىلەرگىدۇ پۇتلىشاتتى . بارا – بارا ئۆيلەر شالاڭلىشىپ ، نوزۇگۇم بىر ئۇچۇقچىلىققا چىقىپ قالدى . ئېھتىمال ، بۇ ئەتراپ تېرىلغۇ يەر بولسا كېرەك ، يىراقلاردىن ئىتلارنىڭ ئەنسىز ھاۋشىغان ئاۋازلىرى كېلەتتى . نوزۇگۇم توختاپ ، ئۈستىدىكى قان يۇقى توي كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلىدى – دە ، قولىدىكى بوپىسىنى يېشىپ ، ئۆزىنىڭ كونا كىيىملىرىنى كىيدى .

قەيەرلەردىندۇر بۇلبۇل ئاۋازى كېلەتتى ، ئالدى تەرەپتىن سالقىن شامال ئۇرۇلاتتى . كۈن چىقىش تەرەپ بىلىنەر – بىلىنمەس ئاقىرىپ ، يېڭى بىر تاڭدىن بەلگە بەرمەكتە ئىدى . نوزۇگۇم سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرۈپ ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى – دە ، غەيرەتلىنىپ يەنە مېڭىپ كەتتى . ئۇ ئەركىنلىك ماڭا راستىنلا قايتىپ كەلگەنمىدۇ ؟! دەپ ھاياجانلىناتتى .

ئەركىنلىك ! سەن ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈكسەن ، تۆمۈر قەپەسكە سولانغان ساڭا تەشنا قۇش بۈگۈن قەپەسنى بۇزۇپ چىقتى ، لېكىن ئۇ ھازىر قاياققا ئۇچۇشىنى ، قەيەرگە قونۇشىنى بىلمەيدۇ . بۇ يات يۇرتنىڭ ئورممانلىرى ، كەڭ ئېتىزلىرى ، ھەر تەرەپكە قاراپ كەتكەن يالغۇز ئاياغ يوللىرى ئۇنىڭغا ناتونۇش ، ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قىزىق توپىلىق يېزا يوللىرىنى ، لايقىپ ئاقىدىغان تۈمەن دەرياسىنى ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋاڭ – چۇڭلۇق كوچىلىرىنى تولىمۇ سېغىنغان . ئۇ شۇ مەنزىللەرگە يېتىپ بارالارمۇ ؟ . . . نوزۇگۇم بېشى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشلارغا تەلمۈرۈپ قارىدى . ئۇنىڭمۇ شۇ تاپتا ئاشۇنداق بىر جۈپ قانىتى بولسا ، ئۇ بۇلۇتلارغىچە كۆتۈرۈلۈپ ، قەشقەر تەرەپكە قاراپ بىراقلا ئۇچۇپ كەتسە . . .

نوزۇگۇم ئۇچۇپ ئەمەس ، يەنىلا مېڭىپ كېتىپ باراتتى . ئۇ شىۋاقلىق كەڭ بوزنى كېسىپ ئۆتكەن يالغۇز ئاياغ يول بىلەن تۆۋەنلەپ چۈشۈپ ، تۇيۇقسىز دەريا بويىدىن چىقىپ قالدى . بۇ چاغدا ئەتراپ يورۇپ كەتكەنىدى . نوزۇگۇم قىرغاقلىرىغىچە سۇ بىلەن تولۇپ ئېقىۋاتقان دەرياغا قاراپ ھەيران بولدى . ئۆز ئۆمرىدە ئۇ مۇنداق مول سۇلۇق ئېقىننى كۆرمىگەنىدى . دەريا ئوتتۇرىسىدىكى چاتقاللاردىن بىر توپ سۇ قۇشلىرى پالاقشىپ كۆتۈرۈلدى – دە ، كۆزدىن غايىب بولدى . نېرىراقتىكى قىرغاقتا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي سۇغا تاشلانغان قارماق يىپلىرىغا قارىغىنىچە ، خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئارقىدىن كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈردى . نوزۇگۇممۇ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بۇ ئادەمنى كۆرۈپ ، چۆچۈپ توختىدى .

— ئەسسالام ، ئاتا !

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، قىزىم ، بۇ قاق سەھەردە سەن قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالدىڭ ؟ چىرايىڭ بىر قىسما كۆرۈنىدۇ . بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ ، ئۆزۈڭنى دەرياغا تاشلاشقا چىققان ئوخشىمامسەن ؟

بوۋاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ قىرغاقلاردا بېلىقچىلىق قىلاتتى . دەرد – ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى دەرياغا ئېتىۋالىدىغانلار ئۇنىڭغا كۆپ ئۇچراپ تۇراتتى . بەزىدە ئۇنىڭ تاشلىغان تورىغا بېلىق ئەمەس ، دەردمەنلەرنىڭ جەسىتى ئېلىنىپ چىقاتتى . شۇڭا ، ئۇ بۈگۈن سەھەردە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان بۇ قىزنى چوقۇم ، ئۆزىنى دەرياغا تاشلىغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلاپ قالدى .

— قوي قىزىم ، پەيلىڭدىن يان ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنى ئاللامۇ ياخشى كۆرمەيدۇ . ئۆزۈڭگۈ سەۋرى بەر .

نوزۇگۇم نېمە دېيىشىنى بىلمەي يەرگە قاراپ تۇراتتى .

— نېمىشقا ئۈنچىقمايسەن ؟ قانداق ئىشلار سېنى بۇ يەرگە سۆرەپ چىقتى . ماڭا سۆزلەپ بەرگىنە ؟

نوزۇگۇم بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ قايسىبىرىنى ئېيتىپ تۈگىتەلىسۇن ، ئۇ سۆزىنى تۈمەن بويىدىكى جەڭدىن باشلىسۇنمۇ ياكى چۆل يوللىرىدىكى ئازابتىنمۇ ؟ ياكى ئۆز نومۇسىنى بۇلغىماقچى بولغان ياۋۇزنى بۈگۈن كېچە قانداق ئۇجۇقتۇرغىنىنى ئېيتسۇنمۇ ؟ . . .

نوزۇگۇم بېشىنى كۆتۈرۈپ بوۋايغا قارىدى . مۇشەققەتلىك يىللار بوۋاينىڭ ئېگىز قەددىنى پۈككەن بولۇپ ، دەريادىن ئۇرغان يېنىك شامال ئۇنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق ساقاللىرىنى يەلپۈپ تۇراتتى . كىم بىلىدۇ ، كۆز ئالدىدا تۇرغان ئاپئاق ساقاللىق بۇ بوۋاي سەھەردە ئۇچرىغان خىزىرنىڭ ئۆزىمۇ ؟ . . . نوزۇگۇم بىردىنلا ئۆزىنى توختىتالماي يىغلاپ كەتتى – دە ، بوۋاينىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنىڭغا بىرمۇبىر سۆزلىدى . . .

× × ×

چىڭ لەشكەرلىرى شىسەن مازىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگەن چاغدىلا بىلدى . دەسلەپتە ، دالويى تازا مەززە قىلىپ ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ ، دەپ ھېچكىم كىرىپ ئويغىتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ، لېكىن كۈن ئوبدانلا ئۆرلەپ كەتكەندە ، ئۇنى ئويغاتمايمۇ بولمىدى . ئاخشام كېتەلمەي قونۇپ قالغان يۈزلۈك مېھمانلارنىڭ بەزىلىرىنى قائىدە بويىچە شىسەن دالويىنىڭ ئۆزى ئۇزىتىپ قويۇشى لازىم ئىدى . دالويى چىقمىغاندىن كېيىن ، ئۇلارنى دالويىنىڭ ئابرويلۇق خوتۇنى لىن تەتەي ئۇزاتتى . خوشلىشىۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ بەزىلىرى مەنىلىك ھىجىيىشىپ :

— ھىچ ۋەقەسى يوق . دالويى بۈگۈن ئوبدانراق ئۇخلىۋالسۇن ! – دېيىشتى . بەزىلىرى :

— تەتەي ! كىرىپ ئاجرىتىپ قويمىسىڭىز ، دالويى ياش خوتۇنغا چاپلىشىپ قالمىسۇن يەنە ، ھا ! ھا ! ھا ! . . . – دەپ ئوچۇق زاڭلىق قىلىشتى .

بۇ گەپلەر لىن تەتەينىڭ سەپراسىنى ئۆرلەتتى . ئۇ :

— ئوھۇش ، بۇ قېرى يۈزىنى داپتەك قىلىپ ، نېمانچە چىقالمايدۇ ؟! دېدى – دە ، بېرىپ ئىشىكنى قاقتى . ئىچىدىن ھېچقانداق شەپە بولمىغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاچچىق بىلەن ئىشىكنى بىر ئىتتىرگەنىدى ، ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى . لىن تەتەي مىلەڭزىنى قايرىپ ئۆيگە كىرىپلا دەھشەتلىك چىرقىرىۋەتتى . شىسەن مازا چىمىلدىقنىڭ يېنىدا قاندا چىلىشىپ ياتاتتى .

بۇ خەۋەر جياڭجۈن مەھكىمىسىدىكىلەرنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى . شىسەن دالويىنىڭ ئەمەلدارلىق دەرىجىسىنى ھېسابقا ئالغاندا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى بېيجىڭدىكى خانلىق مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش لازىم ئىدى . ئېلى جياڭجۈننى نوزۇگۇمنى تىرىك تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن تۆت ئەتراپقا چېرىك چىقاردى .

نوزۇگۇمنى ئىزدەپ چىققان چېرىكلەرنىڭ بىر قىسمى دەريا بويىغا يېتىپ كەلگەندە ، بېلىقچى بوۋاي نوزۇگۇمنى كونا قولۋىقى بىلەن ئاللىقاچان يولغا سېلىۋەتكەنىدى . بوۋايدىن نوزۇگۇمنى سوراپ ، ئۇچۇرىنى ئالالمىغان چېرىكلەر ئۇنىڭ يىكەنلەر بىلەن يېپىلغان كەپىسىنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتىشتى .

دەريانىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىتتىك كېتىپ بارغان قولۋاقنى چېرىكلەر كەچكە يېقىن بايقاپ قالدى . ئەللىككە يېقىن ئاتلىق چېرىكلەر كەچكە يېقىن ئات سالدۇرۇپ قوغلاپ كەلگەندە ، نوزۇگۇم دەريا بويىدىكى قېلىن قۇمۇشلۇققا مۈكۈنۈپ ئۈلگۈرگەنىدى . چېرىكلەر باش – ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان بۇ قەدىمكى قومۇشلۇقنى قانچە قېدىرىپمۇ نوزۇگۇمنى تاپالمىدى . كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشماقتا ئىدى . چېرىكلەر نوزۇگۇمنى قومۇشلۇق ئىچىدىن چىقىرىش ئۈچۈن قومۇشقا ئوت قويۇۋەتتى . ئوت بىردەمدىلا ئولغۇيۇپ ، گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى . قىپقىزىل يالقۇن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئەتراپنى يورۇتۇۋەتتى . دەريانىڭ سۈيى قىزىل قاندەك تاۋلىناتتى . قىرغاققا توپلانغان چېرىكلەر ھەر تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ ، قالايمىقان چۇقان سېلىشاتتى . . .

نوزۇگۇم تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ قومۇشلۇقتىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپ ، يەنە تۆۋەنگە يول سالدى . ئۇ دولقۇنلارغا ئۇرۇلۇپ تولۇق بىر كېچە ئاقتى . يەنە بىر يېڭى تاڭ ئاتتى . نوزۇگۇم قوغلاپ كېلىۋاتقان چېرىكلەرنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەندىن كېيىن ، قولۋاقنى قىرغاققا تارتتى . دەريا بويىدىن باشلانغان يانتۇلۇق يۇقىرىلاپ بېرىپ يىراقتىكى قارىغايلىق تاغقا ئۇلىشاتتى . قارىغايلىق تاغ چوققىلىرى كۆكۈچ رەڭ ئالغان بولۇپ ، تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى . نوزۇگۇم قىرغاققا چىقىپ يۈز – كۆزىنى يۇدى . ئۇ ئەپلىك بىر جاينى تېپىپ ، ئازراق سۇ قاينىتىپ ئىچىپ ، ئىسىنىشنى ئىزدەيتتى . نوزۇگۇم قولۋاقتىن بېلىقچى بوۋاي بەرگەن مىس كورا بىلەن بىرنەچچە پارچە قاتتىق ناننى ئالدى – دە ، كورىغا سۇ ئېلىپ ، يۇقىرىلاپ مېڭىپ كەتتى .

نوزۇگۇم قارىغايلىق تاغ ئىچىگە كىرىپ ، ئۆزىگە پاناھلىق جاي ئىزدىدى . قېلىن قارىغايلىق ئىچى تېخى قاراڭغۇلىشىپ تۇراتتى . دىماغقا چىرىگەن ، نەمخۇش تۇپراقنىڭ ھىدى ئۇرۇلاتتى . قۇرۇپ يىقىلىپ ، بىر – بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن قەدىمكى ياغاچلار يولنى توسۇپ تۇراتتى . تىنچ ياتقان ساي – جىرالار ، سىرغىپ ئېقىۋاتقان تاغ سۇلىرى كىشىگە تولىمۇ سىرلىق سېزىملەرنى بېغىشلايتتى . نوزۇگۇم يوغان بىر قورام تاشنىڭ ئارقىسىدا قارىيىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان تۆشۈكنى كۆردى . ئۇ سىلىق تاشلار ئۈستىدىن ئاۋايلاپ دەسسەپ ئۆتۈپ ، ھېلىقى كامار ئىچىگە كىردى . 1 «شۇڭقار تېغىنىڭ ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدە بىر غار بولۇپ ، ئۇنى ھازىرمۇ كىشىلەر «نوزۇگۇم» غارى دەيدىكەن .» بۇ ئىچى خېلىلا كەڭ قاراڭغۇ غار ئىدى . ھەر ھالدا ، كۈندۈزلىرى ئادەم كۆزىدىن ، كېچىلىرى بوران – چاپقۇندىن دالدا بولغۇدەك يەر تاپتىم ، دەپ خوشال بولدى نوزۇگۇم .

نوزۇگۇم ئەتراپتىكى قۇرۇق ئوتۇنلارنى يىغىپ ، غار ئاغزىدىكى قورام تاشنىڭ ئالدىغا گۈلخان يېقىپ ، مىس كورىنى قويدى . ئۇ ئىككى كۈندىن بېرى ئۇخلىمىغان ۋە ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى . لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتنىڭ تەپتى قىزنىڭ بەدىنىگە راھەت بېغىشلىدى . . . مۇشۇنداق چاغدا بىرەر تونۇش ئۇچرىسا – ھە ! ئاغرىقچان ئاتىسى ھازىر نېمە قىلىۋاتىدىكىن ؟ باقەم قەيەرلەردە يۈرىدىغاندۇ ؟ ئۇ چۆل يوللىرىدا قالغانمىدۇ ياكى بۇ ناتونۇش يۇرتقا يېتىپ كېلەلىگەنمىدۇ ؟ . . . نوزۇگۇم ئۆزىگە قاتتىق ھارغىنلىق يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان «دۈشمەن» ئۇيقۇ بولدى . ئۇ قورام تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، خىيال بىلەن ئۆزىنىڭ قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى . . .

تاغ ئىچىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەن چېرىكلەر قارىغايلىق ئىچىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسنى كۆرگەندە ، بۇ يەردە بىرەر مالچىنىڭ قارا ئۆيى بولسا كېرەك ، دەپ ئويلاپ ، گۆش ، قىمىز تەمە قىلىپ ، ئاتلىرىنىڭ باشلىرىنى ئىس چىقىۋاتقان تەرەپكە بۇرىدى .

نوزۇگۇم ئات تۇياقلىرىنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن ئەندىكىپ ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچقاندا ، يىگىرمىگە يېقىن ئاتلىق چېرىك ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ چىقىپ بولغانىدى . نوزۇگۇم بىرىنچى بولۇپ كەلگەن چېرىككە قايناۋاتقان مىس كورىنى ئېلىپ ئاتتى – دە ، توشقاندەك بىر ئىرغىپلا غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى .

چېرىكلەر ۋارقىرىشىپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئاتتىن چۈشتى . بۇ غارنىڭ ئاغزى تار ئىدى . نوزۇگۇم غار ئىچىگە كىرىپ ، ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزى يېنىدا تاشقا چاپلىشىپ تۇرۇۋالغانىدى . ئۇنىڭ قولىدا يەنە قارا ساپلىق «ئاتا خەنجىرى» پارقىراپ تۇراتتى . ئېڭىشىپ كىرگەن بىرىنچى دۈشمەن نەق غولىدىن خەنجەر يېدى ، چېرىكنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن قىلىچ تاشقا ئۇرۇلۇپ جاراڭلاپ كەتتى . نوزۇگۇم چېرىكنىڭ بەدىنىگە چوڭقۇر پاتقان خەنجەرنى سۇغۇرۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمىدى . بۇ سېمىز چېرىك ئۆزىنىڭ ئېغىر گەۋدىسى بىلەن خەنجەرنى بىللە ئېلىپ يىقىلدى ۋە ئۆزىنىڭ دەرمانسىز قوللىرىنى سۇنۇپ ، نوزۇگۇمنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى ، نوزۇگۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يەرگە چۈشكەن قىلىچنى سىيپاشتۇرۇپ دەرھال تاپتى – دە ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ، چېرىكنىڭ كۆڭلەكلىرىنىڭ ئېتىكىگە يېپىشقان قوللىرىنى بىر ئۇرۇپ ئۈزۈپ تاشلىدى .

ئۆلگەن چېرىكنىڭ ئىككى پۇتى تېخى غارنىڭ سىرتىدا تۇراتتى . قالغان چېرىكلەر ئۇنى پۇتىدىن تارتىپ سىرتقا چىقىرىۋالدى . بۇ چېرىكنىڭ بىر قولى بىلەن بېشىنىڭ يېرىم قىسمى غار ئىچىدە ئۈزۈلۈپ قالغانىدى . دۈمبىسىدە سېپىغىچە پېتىپ كەتكەن خەنجەر تۇراتتى . بۇ دەھشەتلىك ھالەتنى كۆرۈپ ، ھېچكىم غار ئىچىگە قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىدى . چېرىكلەر باشلىقى چېرىكلەرگە ۋارقىرىسا ، چېرىكلەر بىر – بىرىنى ئالىدىغا ئىتتىرەتتى . چېرىكلەر باشلىقى قانچە زورلاپمۇ ئۆز ئادەملىرىنى غارنىڭ ئېغىزىغا ئاپىرالمىدى . ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ تۇرغان بۇ غار ھەممىنىڭ كۆزىگە ئەجەل ئېغىزى بولۇپ كۆرۈنەتتى . شۇ تاپتا ، غارنىڭ ئىچىگە كىرىش ئەمەس ، ئۇنىڭ ئالدىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ بېقىش ئۈچۈنمۇ چوڭ قەھرىمانلىق كېرەك ئىدى .

نوزۇگۇمنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر جياڭجۈن مەھكىمىسىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن جياڭجۈن يەنە ئىككى يۈزچە چېرىكنى تاغقا چىقىشقا بۇيرۇدى . چۈشكە يېقىن تاغ ئىچىنى ئاتلىق چېرىكلەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭى ، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى قاپلىدى . ئۈركۈگەن تاغ قۇشلىرى ئېگىز ئۆرلەپ ، بۇ تىنچ ماكاندا پەيدا بولۇپ قالغان يېڭى «مېھمان» لار ئۈستىدە ھەيران بولۇپ ئەگىشەتتى .

نوزۇگۇمنى تىرىك تۇتۇش جېڭىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ھەربىي ئەمەلدار ئاتتىن چۈشۈپ ، ھېلىقى دەھشەتلىك غارغا يىراقتىن ئېڭىشىپ قاراپ ، ۋەزىيەتنى كۆزەتتى .

— ئۇنىڭ قولىدا قانداق قورال بار ؟ – دەپ سورىدى ھەربىي ئەمەلدار .

— دۈشمەننىڭ خەنجىرى ئولجا ئېلىندى . قۇربان بولغان ئادىمىمىزنىڭ قىلىچى غارنىڭ ئىچىدە قالدى ، – دەپ جاۋاب بەردى چېرىك باشلىقى .

— ھوي ئەقىلسىزلەر ، بۇ كىچىككىنە تۆشۈكتىن بىر – بىرلەپ كىرىشىدىغان بولساڭ ، ئۇ ھەممىڭنى قىرىپ تاشلىمايدۇ ؟! ئۆڭگۈرنىڭ ئاغزىنى بۇزۇڭلار !

چېرىكلەر لوم تۆمۈرلەرنى تېپىپ كېلىشىپ ، غارنىڭ ئاغزىنى بۇزۇشقا باشلىدى . بىرەر سائەت ھەپىلەشكەندىن كېيىن ، غار ئاغزى ئۆيدەك ئېچىلدى . غار ئىچىنى يورۇتۇش ئۈچۈن چېرىكلەر قارىغاي شاخلىرىنى قارىمايغا چىلاپ ، مەشئەللەرنى يېقىشتى . ھەربىي ئەمەلدار مەشئەل تۇتقان چېرىكلەرنى ئالدىغا ، قالغانلارنى ئارقىغا تىزىپ ، غار ئىچىدىكى «دۈشمەن» گە قارشى قىقاس – چۇقان بىلەن ھەيۋەتلىك ھۇجۇم باشلىۋەتتى . بۇ يەردە خۇددى ئەرەبلەر ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندەك ، چىڭگىزخاننىڭ ئادەملىرى سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتكەندەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش شەكىللەندى . بىر ئاجىز قىزغا قارشى ئىككى يۈزدىن ئوشۇق قوراللىق ئەسكەر سەپ تۈزۈپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان مۇنداق «ئاجايىپ» ئۇرۇش تارىختىمۇ كەم ئۇچرىسا كېرەك .

ھەرھالدا ئۇلار «غەلىبە» قىلدى . چېرىكلەر غار ئىچىدىن نوزۇگۇمنى باغلاپ ئېلىپ چىققاندا ، يەنە بىر قانچە چېرىكنىڭ ئۆلۈكىمۇ بىللە چىقتى . نوزۇگۇم غار ئىچىدە ھەربىر ئەگىلىشلەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ، ئۇلارنى بىر – بىرلەپ يىقىتقانىدى .

ئون بىرىنچى باب

مويتۇڭزىدا

ئىنىڭدەك بولسا خوتۇن سالىمى پاك ،

بۇ مانجۇلار زۇلۇمى ئاڭا نېدۇر باك .

بۇنىڭدەك بولسا خۇاتۇنلارچە ئالىي ،

تاپار جەننەت بۇزەنلەردە كامالى .

نوزۇگۇم روھىغا ھەق رەھمەت ئېيتسۇن ،

شېھىت ئالىي مۇقامى ئۆزرە يەتسۇن .

— موللا بىلال ، «نوزۇگۇم» دىن .

نوزۇگۇم كۈرەدىكى غەربىي يامۇلغا قامالغانىدى . خاننىڭ نوزۇگۇم توغرىسىدىكى بۇيرۇقى 40 نەچچە كۈندە ئاران يېتىپ كېلەلىدى . خانلىق مۆھۈر بېسىلغان بۇ ھۆكۈمنامىگە «بۇ خەت كېچىدە يېتىپ بارسا ، كۈندۈزگە قالدۇرۇلماي ئۆلتۈرۈلسۇن ؛ كۈندۈزى يېتىپ بارسا كېچىگە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن!» دەپ يېزىلغانىدى .

جياڭجۈن مەھكىمىسى نوزۇگۇمنى غۇلجا شەھىرى يېنىدىكى مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈپ ، كاللىسىنى شەھەرگە ئېسىپ ، خەلققە ئىبرەت قىلىشنى جاكارلىدى .

مويتۇڭزا شەھەرنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى دۆڭ ئۈستىدە ئىدى . بۇ كۈنى مويتۇڭزىغا بارىدىغان چوڭ يولدا ئادەملەر سەل بولۇپ ئاقتى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى كۇسىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن موزدۇزلار ، شەھەرنىڭ ساتىراشلىرى ، تۆمۈرچىلەر ، قوللىرى سارغىيىپ كەتكەن كۆنچىلەر ، ئەتراپتىكى سەھرالاردىن كىرگەن ئاق مالىخايلىق دېھقانلار ۋە باشقا ھەممە كەسىپتىكى ئادەملەر تېپىلاتتى .

نوزۇگۇمنىڭ پۇتىغا ئېغىر كىشەن ، بوينىغا ياغاچ تاقاق سېلىنغان بولۇپ ، ئۇنى ئۈچ ئات قېتىلغان قەپەسلىك ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئەكېلىشتى . چېرىكلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان خالايىقنى رەھىمسىز قامچىلاپ ، ئىككى تەرەپكە سۈرۈپ يول ئاچاتتى . خەلق بۇ باتۇر قىزنى ياخشىراق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن توپ ئىچىدىن باشلىرىنى سوزۇشاتتى . ئۇنى خەيرخاھلىق تۇيغۇلىرىغا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئۇزىتىشاتتى . چىڭ ئەمەلدارلىرى نوزۇگۇمنىڭ پۇت – قوللىرىنى مەھكەم باغلىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئاغزىنى توسۇپ قالالمىدى . قىز ئارزۇ – ئۈمىد ۋە قايغۇلىرىنى ناخشا بىلەن ئېيتىپ ، خەلققە ئۆز مۇڭىنى تۆكۈپ كېلەتتى :

مانجۇلارنىڭ ياڭزىسى ،

غۇلاچچە بار غاڭزىسى .

چاقاي دېسەم چېقىلماس ،

قولۇمدىكى كويزىسى .

مويتۇڭزىدا چاپقاندا ،

مەن ئۇ يەردە ئۆلەرمەن .

موللىلارنىڭ سۆزىچە ،

ئالىي شېھىت بولۇرمەن .

. . . . .

ئادەملەر جىمجىتلىققا چۆكۈپ ، ئەگىشىپ ماڭاتتى . ناخشىنىڭ ھەربىر سۆزى ، ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنىڭ ھەربىر تىنىقى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئېقىپ كىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى ، ھەممە بۇ ئىپپەتلىك قىزنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىشاتتى . ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشاتتى .

دۆڭ ئۈستىدىكى كەڭ مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ، چېرىكلەر دۈپدۈگىلەك دائىرە بولۇپ كىشىلەرنى توسۇدى . نوزۇگۇمنى بۇ دائىرە ئوتتۇرىسىغا ئەكىرىپ ، ھارۋىدىن چۈشۈردى ، جاللات باشلىقى ئۇنى تىزلىنىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندا ، قىز يۈزىنى قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇردى . پۈتۈن مەيدان چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆكتى . شۇ تاپتا ھەممىنىڭ يۈرىكىنى غەزەپ ئۆرتەيتتى . ھەركىم بۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئىزدەيتتى . ھەركىم ئۆز ئىچىدە : «بۇ خورلۇق ۋە زۇلۇمنىڭ چېكى بارمۇ ؟» دەپ مۇشتۇمىنى تۈگەتتى . لېكىن ، ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىدىكى بۇ غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، گۈلدۈرلەپ يانغان يالقۇنغا ئايلاندۇرىدىغان يول باشچى تېخى بۇ مەيداندا يوق ئىدى .

بىر جاللات نوزۇگۇمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، قىلىچىنى شارتىلدىتىپ بىلەشكە باشلىدى ، پۈتۈن مەيداننى ئۆلۈم ۋەھىمىسى باستى . لېكىن ، بۇ ئۆلۈمنىڭ نوزۇگۇم ئۈچۈن ھېچقانچە دەھشىتى يوق ئىدى . ئۇ تويلۇق چىمىلدىق ئىچىدە شىسەن مازىنى پارە – پارە قىلىپ تاشلىغان چېغىدىلا ئۆزىنى بۇ ئۆلۈمگە ئاتاپ قويغانىدى . شۇ مىنۇتلاردا ئۇ مەن ئاتا ۋەسىيىتىنى ئورۇندىيالىدىممۇ – يوق ؟ دېگەننى ئويلايتتى . ئۆزىنىڭ پاكلىقى ، زوراۋان كۈچلەرگە باش ئەگمىگىنىنى ئويلىغىنىدا ، ئۇ دۇنيادا ھەرقانداق قېرىندىشىمغا يورۇق يۈزۈم بىلەن قارىيالايمەن ، دەپ ھۇزۇرلىناتتى . نوزۇگۇم ئاپئاق بۇلۇتلار بىلەن بېزەلگەن كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى . شۇ چاغدا ، ئارقىدىن جاللات باشلىقىنىڭ ئۆزى كېلىپ ، قىزغا تۇيۇقسىز قىلىچ ئۇردى . نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى . جاللات باشلىقى قان تېمىپ تۇرغان قىلىچنى يالاپ ، غىلىپىغا سالدى – دە ، ئىغاڭلاپ بېرىپ ، قىزنىڭ كېسىلگەن بېشىنى ئېلىپ خالتىغا تاشلىدى .

نوزۇگۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئەتراپقا ئۇچقاندەك تارقالدى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كوزىچىنىڭ قولىدىن كوزىسى چۈشۈپ چېقىلدى ، چاچ ئېلىۋاتقان ساتىراشنىڭ قوللىرى توختاپ قالدى ، مومايلار كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى . بوۋايلار قولىنى دۇئاغا كۆتۈردى ، تۆمۈرچى بولقىسىنىڭ سېپىغا ئېڭىكىنى تىرەپ خىيالغا پاتتى . ئارا تۇتقان دېھقان ئاق مالىخىيىنى بېشىدىن ئېلىپ غەزەپتە مىجىپ تاشلىدى . . .

ئون ئىككىنچى باب

قىساس كېچىكمەيدۇ

پەلەككە تەڭرىدەك بولسام ھۆكۈمران ،

پەلەكنى تامامەن قىلاتتىم گۇمران .

ياسايتتىم يېڭىدىن شۇنداق بىر پەلەك ،

يېتەتتى مەقسەتكە ياخشىلار شۇئان .

— ئۆمەر ھەييام

نوزۇگۇم مويتۇڭزىدا چېپىلغان كۈنى چۈشتىن كېيىن ، سېپىل ياقىسى 1 «غۇلجا شەھىرىنىڭ «سېپىل ياقىسى» يېنىدىكى ھازىرقى تېرەك مازار مەھەللىسى ئورنىدا ئۆز ۋاقتىدا تەبىئىي تېرەكلىكلەر بولۇپ ، شەھەرنىڭ ئادەملىرى بۇ يەرگە ئارام ئالغىلى چىقاتتىكەن .» يېنىدىكى چايخانا ئالدىغا بىر توپ ئاتلىقلار كېلىپ چۈشتى . بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىۋېشىنى باسقان قېلىن چاڭغا قاراپ ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى . بۇلار ھەسەن دەرۋىش بىلەن باقى باشلىغان يىگىتلەر ئىدى . ئۇلار ئازادىرەك ئولتۇرۇپ چاي ئىچىش ئۈچۈن چايخانىنىڭ ئارقىسىدىكى تاللىققا چىقىشتى . تاللىققا شەھەرنىڭ بىر مۇنچە بىكارچى ئادەملىرى يىغىلغانىدى . سۇ بويىدىكى كىچىككىنە سۇپا ئۈستىدە بىر قېرى سازەندە ئولتۇرۇپ ، ساتار بىلەن نەغمە قىلىۋاتاتتى . باقىنىڭ ئادەملىرى ، بۇ يەردە نوزۇگۇمنىڭ بۈگۈن چۈشتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ھېچكىمنىڭ گېلىدىن بىر چىشلەم نەرسە ئۆتمىدى ، ھەممىسىنى ئېغىر سۈكۈت باستى . . .

قېرى سازەندە مۇقام ئېيتماقتا ئىدى . ساتارنىڭ تارىلىرىدىن چىقىۋاتقان نالە مۇقامچىنىڭ مىسكىن ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئاڭلىغۇچىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتەتتى . كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىقنىڭ ، بالىلىرى ئاچ – يالىڭاچ قالغان يوقسۇلنىڭ ، جۇدۇنلۇق كۈنلەردە كەچ قالغان يولۇچىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالى كېلىپ ، كۆز ياش تۆكۈۋاتقان ئانىنىڭ پەريادى ئاڭلانغاندەك بولاتتى . كۆزلىرى يۇمۇلغان مۇقامچىنىڭ ھەربىر تىنىقىدا مىڭبىر ھەسرەت ئىپادىلىنىپ ، مۇقامنىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنى چىداملىق ، سەۋرلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى ، ئېغىر كۈلپەتلەرگە تاقەت قىلىشقا چاقىراتتى . ئاڭلىغۇچىلارنى غېرىبلىق بېسىپ ، ئۇلارنىڭ باشلىرى بارغانسېرى تۆۋەن چۈشمەكتە ئىدى .

مۇقام توختىشى بىلەن ھەسەن دەرۋىش ئورنىدىن دەس تۇردى – دە ، سورۇننى يېرىپ ئۆتۈپ ، مۇقامچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ئۇنىڭ قولىدىن ساتارنى ئالدى .

— بۇ نەرسە بۈگۈنگىچە بىزگە پەقەت تەسەللىلا بېرىپ كەلدى ، بىرەر قېتىممۇ كۈرەشكە چاقىرىپ باقمىدى !

دەرۋىش شۇنداق دېدى – دە ، قولىدىكى ساتارنى سېپىدىن تۇتۇپ ، يېنىدىكى تېرەك كۆتىكىگە بىر ئۇرۇپ پېقىش – پېقىش قىلىۋەتتى .

— خالايىق ! – دەپ ئورنىدىن تۇردى باقى ، – بىز نوزۇگۇمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەنىدۇق ، كېچىكىپتۇق ، ئەمما قىساس كېچىكمەيدۇ . بىز بىلەن بىللە ئىنتىقام ئېلىشقا بارالايدىغانلار يۈرۈڭلار !

ئادەملەر دۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا قاراپ ماڭدى . قېرى سازەندە خۇددى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ ، كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى .

يىگىتلەر چايخانا ئالدىغا چىقىپ ئاتلىنىشتى – دە ، نوزۇگۇمنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ ، كۈرەگە قايتقان جاللاتلارنىڭ ئارقىسىدىن شىددەت بىلەن ئات سالدى .

× × ×

كۈرەگە قايتقان چېرىكلەر بايانداي سېپىلىغا يېتىپ كېلىپ ، قەلئە ئىچىدە مېھمان بولدى . ئۇلار ھاراق – شارابقا يېتەرلىك تويغاندىن كېيىن ، جياڭجۈنگە ھۆكۈمنىڭ ئىجرا بولغانلىق خەۋىرىنى بۈگۈندىن قالدۇرماي يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، يەنە كېچىلەپ يولغا چىقتى .

مەست چېرىكلەر ئات ئۈستىدە ئىغاڭلاپ كېتىپ بېرىشاتتى . قايسىبىرلىرى مۈگدەيتتى . جاللات باشلىقىنىڭ كەيپى چاغ بولۇپ ، قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا غىڭشىپ كېتىپ باراتتى . ئۇلار بايانداي بىلەن كۈرە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چىغلىق دالا يولىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كەلگەندە ، باقەمنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يىگىتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى . بۇ ئىش شۇنچىلىك تۇيۇقسىز يۈز بەردىكى ، چېرىكلەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىپ ، ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغۇچە تامامەن قىرىلىپ بولدى . . . بىرقانچە مىنۇتقا بارمىغان بۇ ئوپۇر – توپۇرچىلىق جىمىپ ، ئىگىسىز قالغان ئاتلار ھەر تەرەپكە پىتىراپ كەتكەندە ، باقەم ئېتىدىن چۈشۈپ ، چېرىكلەرنىڭ ئۆلۈكىنى ئارىلىدى . ئاي نۇرى ھەرتەرەپكە قىيسايغان چىرايلارنى ، بېشى قاتلىشىپ يىقىلغان ئاتنىڭ ساغرىسىنى ، تېخى غىلىپىدىن چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن قىلىچلارنىڭ نەقىشلىك دەستىلىرىنى ئېنىق يورۇتۇپ تۇراتتى . باقەم جاللات باشلىقىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەپ تاپتى – دە ، قىلىچ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ ئاتقا غانجۇغىلىدى .

باقەمنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردىن قايتقىنىچە كېچىلەپ توپتوغرا شەھەرگە كىرىپ ، شەھەر يېنىدىكى دۆڭگە ئورنىتىلغان دارغا ئېسىپ قويۇلغان نوزۇگۇمنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈۋېلىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاللات باشلىقىنىڭ بېشىنى ئېسىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشتى .

تاڭ يورۇغاندا ، باقەم ئۆز يىگىتلىرى بىلەن قارىغايلىق تاغ باغرىدىكى كەڭ بىر چىمەنلىككە كېلىپ توختىدى . ئۇلار نوزۇگۇمنىڭ مۇبارەك بېشىنى دالا گۈللىرى بىلەن قاپلانغان مۇشۇ ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلماقچى بولۇشتى . باقەم ئۆز يارىنىڭ بېشىدىكى قان داغلىرىنى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇپ تازىلىغانىدى . قىزنىڭ چىرايى يەنىلا نورلىنىپ ، قاپقارا كۆزلىرى كۈلۈپ تۇراتتى . ئۇلار قەھرىماننىڭ بېشىنى كۆمۈپ ، قەبرە يېنىغا يوغان بىر تاشنى بەلگە قىلىپ قويۇشتى .

قەبرە يېنىدا تۇرغان ھەسەن دەرۋىشنىڭ كۆزلىرى يىراققا بېقىپ قىسىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ياكى خىيال سۈرۈۋاتقانلىقىنى ، ياكى يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى .

— بۇ قىزىمنىڭ ھاياتى پۈتۈن بىر داستان . خەلقىمىز ئۆز قەھرىمانىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۇنتۇمايدۇ ، – دېدى دەرۋىش ئاخىر جىمجىتلىقنى بۇزۇپ .

— خەير ، ساداقەتلىك يارىم ! – دېدى باقەم ۋە قىلىچىنى سۇغۇرۇۋېلىپ ، يېنىدىكى تاغ تېرىكىنىڭ ئېگىلىپ چۈشكەن چوڭ بىر شېخىنى بىر چېپىپ ، شىرتتىدە ئۈزۈۋەتتى – دە ، ئېتىغا ئىرغىپ مىندى .

بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاتلىنىشتى .

— خۇش ، ھەسەن تاغا ! ئەمدى قاياققا تارتىمىز ؟

— قولىمىزدىكى قىلىچنى مەھكەم تۇتايلى . «كىمىكى قىلىچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىسا ، ئۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىدۇ» . 1 «ۋ . گ . يان : «چىڭگىزخان» ئاتلارنىڭ بېشىنى تاغ تەرەپكە بۇراڭلار ، بۇ تاغلار ئىچىدە چىڭ خاندانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئەزىمەتلەر گۈلخان يېقىپ تۇرۇپتۇ ، بىز ئۇلارنى تاپايلى . بۇ تېخى قىساس ئېلىشنىڭ باشلىنىشى ، – دېدى دەرۋىش .

خاتىمە

ئېھتىمال ، كىتابخانلار ھەسەن دەرۋىش بىلەن باقىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ قانداق بولغىنىغا قىزىقسا كېرەك ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ھاياتى بىر كىتاب بولىدۇ . لېكىن ، مەن بۇ يەردە قىسقىچىلا سۆزلەپ ئۆتەي .

ھەسەن دەرۋىش ئۇزۇن تايىقىنى قولىغا تۇتۇپ ، سەپەر خالتىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ ، كىشىلەر ئارىسىنى ئارىلاپ ، ئۇلارنى قوزغىلىشقا ، زالىملار تەختىنى گۇمران قىلىشقا چاقىرىپ ، يەنە بىرقانچە يىللاردىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى . باقەم بۇ ئاجايىپ ئادەمنى نوزۇگۇم قەبرىسىگە يانداشتۇرۇپ دەپنە قىلدى .

ئارىدىن يەنە 30 يىلچە ئۆتتى . ئۇلۇغ تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدا چىڭ خاندانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى بۈيۈك قوزغىلاڭ پارتلىدى . كىشىلەرنىڭ ئىچىگە تىنىپ كەتكەن دەرد – ئەلىمى غەزەپ – نەپرەتكە ئايلىنىپ ، بىراقلا ئېتىلىپ چىقتى . دېھقان ئارىسىنى ، ياغاچچى پالتىسىنى ، تۆمۈرچى بازغىنىنى — ھەركىم قولىغا چىققان قورالنى ئېلىپ مەيدانغا يۈگۈردى . . . شۇ كۈنلەردە ، كىشىلەر بېشىغا يىرتىق كۇلا ، ئۇچىسىغا كونىراپ كەتكەن ئۇزۇن جەندە كىيگە بىر كىشىنىڭ ئات ئۈستىدە باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈشتى . خۇددى ۋاپات بولغان ھەسەن دەرۋىش بۇ ئۇلۇغ ئىشلاردىن تەسىرلىنىپ ، يەنە ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ كەلگەندەك ئىدى . قويۇق قارا ساقاللىق بۇ قورقۇمسىز كىشى ، ئەڭ خەتەرلىك جايلارغا ئۆزىنى ئۇراتتى ، دۈشمەن لەشكەرلىرىنى رەھىمسىز قىلىچلايتتى . بۇ ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىكى ياش باقەم ئىكەنلىكى ھېچكىمنىڭمۇ ئېسىگە كەلمەيتتى . باقەم بۇ جەڭ كۈنلىرىدە ، ھەسەن دەرۋىشنىڭ تەۋەررۈك كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئاتلىنىپ چىققانىدى .

كۈرە يېنىدا بولغان بىر قېتىملىق قاتتىق جەڭدىن كېيىن ، كىشىلەر بۇ ئادەمنى يىقىلغان ھالدا كۆرۈشتى . ئۇنىڭ ئەتراپى چېرىكلەرنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولغان بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ قانچىلىك قايتماسلىق بىلەن ، مەردانە جەڭ قىلغانلىقىنىڭ نىشانى ئىدى . ئۇ قان ئىچىدە ياتقان ئېتىغا يۆلىنىپ قالغان بولۇپ ، قوللىرى قىلىچنىڭ دەستىسىنى مەھكەم تۇتقۇنىچە قېتىپ قالغانىدى . شۇ چاغدا ، بۇ يەرگە ئولاشقان ئادەملەر يېنىغا ئاتلىق بىر كىشى كېلىپ توختاپ ، ئاتتىن چۈشتى . كىشىلەر توپى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، ئاق مالىخاي كىيگەن ، بەستلىك بۇ ئادەمگە يول ئاچتى . بۇ كىشى ئاجايىپ سەركەردە سادىر پالۋان ئىدى . سادىر قەھرىماننىڭ جەسىتى يېنىغا كېلىپ ، ئۇنىڭغا ھۈرمەت بىلەن ئېڭىشىپ ، ئۇنىڭ دۈشمەنگە قادالغان پېتى ئوچۇق قالغان كۆزلىرىنى ئالىقىنى بىلەن سىيلاپ يۇمغۇزدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن قىلىچىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ، توپ ئىچىدە تۇرغان بىر يىگىتكە سۇندى :

— بۇنى تۇت يىگىت . قەھرىماننىڭ قىلىچى بىلەن دۈشمەننى ئاداققىچە سۈر !

كىشىلەر بۇ جەسەتنى ھۆرمەت بىلەن قولدىن – قولغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ كېتىشتى . بۇ شېھىتنى يەرلىككە قويىدىغان چاغدا ئۇنىڭ قوينىدىن بىر پارچە خەت چىقتى . خەتكە : «مۇبادا مەن ئۆلۈپ كەتسەم ، جەسىتىمنى شىمالىي تاغ ئېتىكىدىكى بىر جۈپ قەبرە يېنىغا قويۇڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلىنغانىدى .

كىتابخان ! سىز مەندىن : ئۇلارنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بارمۇ ؟ دەپ سورارسىز . يىللارنىڭ شاماللىرى بۇ قەبرىلەرنىڭ توپىسىنى ئۇچۇرتۇپ كەتتى . ئۇ يەردە ھازىر رەڭمۇرەڭ تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ تۇرۇپتۇ . ئەمما ، ئۇ ئۈچ كىشى تېخى ھايات ، قەھرىمان تۇپراققا كۆمۈلمەيدۇ ، خەلقنىڭ قەلبىدە ياشايدۇ !

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: شەخس-ئوبرازلار
يېڭى يازمىلار