نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرىگە زىيارەت

ﺗﯘﺧﺘﻰ ﮬﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ

2006 – ﻳﯩﻠﻰ 18-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﺎﻟﻤﺎ – ﺋﺎﺗﺎ ﺷﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
_ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯘﺯﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ،- ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮ ﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺯﻭﻗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،_ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﮬﺎﯞﺍ ﺳﺎﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ … ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺳﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ …
ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﻯ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺑﺎﺯﺍﺭ ،ﻣﺎﮔﺰﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ، ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻣﯩﺪﯨﺌﻮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﻍ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ.
22- ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﻛﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ:
_ ﭼﯘﺷﻜﯩﭽﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻳﯩﺴﭙﯩﺖ ﭼﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ.
_ ﻣﻮﻳﯩﺴﭙﯩﺖ؟ ﻛﯩﻢ ﺋﯘ؟
ﻣﯩﺮ ﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﻛﯘﻟﯘﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ:
_ ﺋﯘ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻜﻰ ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﻪﺭ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ، _ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﮬﺎﯕﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ، ﮬﻪﻡ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ :
_ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻨﻪ ؟
_ ﻗﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯗﻡ ﺑﺎﺭﺍﻱ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯘﮔﯘﻥ ﭼﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ .
_ ﮬﻪﺗﺘﻪﯓ ! ﺑﯘ ﻣﻮﻳﯩﺴﭙﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻧﺪﻩ ،_ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ .
ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻮﻱ ،75-76ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯗﺷﺘﯘﻕ. ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﯘﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺩﯗﺋﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ _ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﮬﺎﻝ_ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﯘﻕ .ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯘﺷﭽﺎﺧﭽﺎﺧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺘﻰ :
_ ﺋﻮﻏﻠﯘﯕﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘﻏﯘ ، ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،_ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ ﻛﯘﻟﯘﺷﯘﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯘﻟﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ ، ﺋﯘ ﻛﯘﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﺩﻯ :
— ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 10ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ <<ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ، ﺑﻮﯞﺍ!>> ﺩﻩﭖ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ <<ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﻪﻥ ، ﺑﺎﻻﻡ!>>ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯚﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﻏﯩﺘﯩﭙﺘﯘ .ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ <<ﮬﯘﻱ ، ﺩﯙﺕ!>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭘﺘﯘ . ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ <<ﭘﺎﭘﺎ ، ﻣﺎﻣﺎ! ﺷﯩﺘﯘ ﺗﺎﻛﯘﻱ <ﺩﯙﺕ>؟ (ﺩﺍﺩﺍ ، ﺋﺎﻧﺎ <ﺩﯙﺕ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ؟)>> ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . << ﻛﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ ؟>> ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ،ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ_ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ :<<ﺭﯗﺳﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﯦﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ >> ﺩﯦﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ . ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻐﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ…..
_ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺑﻠﯩﻨﻰ << ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ >>ﻗﯩﺰﯨﯖﻼﺭﭼﯘ ؟_ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺍﯕﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .
_ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﻤﺮﻩﻧﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، _ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ ،_ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ 15 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﻪ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻳﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﻕ .ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﻰ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﮬﻪﻳﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺋﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ << ﺩﺍﺩﺍ ، ﭘﺎﭘﺎ،ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺑﻠﻰ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘ ﭘﯩﻜﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺑﻠﻰ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ << ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ >> ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ << ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ .
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ . ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯘﻧﯩﺴﺎ ﮬﻪﺩﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺘﻰ :
_ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﯗﺳﭽﯩﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺑﻠﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻼ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ، ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻨﮕﻠﯧﺰ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ .
ﺳﻪﺯﺩﯨﻤﻜﻰ ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭘﺎﺭﺍﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯗﻧﯘﺷﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎ – ﺋﺎﺗﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ .
_ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، _ ﺩﯦﺪﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﻏﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﺳﺘﺎ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ، _ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯩﺮﯨﺲ ﯞﻩ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﯞﺭ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺷﺎﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ . ﺗﯩﻞ _ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ،ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﯞﺍﺕ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﯞﺍﺗﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ _ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮ _ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﭘﻪﻥ _ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ….
ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﻪﻱ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ . ﺋﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﯦﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.
_ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯘﮔﯘﻧﯘﭘﺴﯩﺰ ، ﻳﯧﺸﯩﯖﯩﺰ 50ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯘﻧﯘﭘﺴﯩﺰ،ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺭﻭﮬ _ﮬﻪ!؟ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ _ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﯨﭗ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯘﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ <ﺗﺎﺭﯨﻢ>ﻧﯩﯔ 1984-ﻳﯩﻞ6-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ >ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﻮﻏﺎﻥ .ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎ _ﺋﺎﺗﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﭖ،ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺯ_ ﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ،_ ﺋﯘ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﺳﺎﻥ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯘﻧﺪﻯ .ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﺭﺗﺎ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﺎﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯚﻟﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ <ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻧﻤﯘ ؟>ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯘﻟﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﺩﻯ:
– ﺗﺎﺭﯨﻤﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﯧﺰﯨﺖ،ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻤﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﭺ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ،ﭘﯩﺴﺨﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻪﯓ _ﻛﯘﺷﺎﺩﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﻕ. ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯘﻟﯘﻣﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﭖ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ 1950- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﻣﻮﻗﺎﻧﻮﻑ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺭﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ(ﻧﺎﺯﯨﻢ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ،1881- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ1883- ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ <ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭺ> ﯞﻩ ﻧﺎﺯﯨﻢ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ >ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻣﻮﻝ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ :
– ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻣﯘﺭ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ،_ ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ،_ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﭽﻪ _ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺧﻮﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮ ،ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ.ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯ _ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ،_ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﻛﯘﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ،_ ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﻮﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯗﻣﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﮬﺎﻻﭖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ . ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻮﺋﯧﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﺘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭙﺴﯩﺰ ،ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯩﻞ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ، ﺋﻪﭘﯩﺘﯩﻦ…ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺯﻭﻕ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺯﻣﻮﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ،1826_ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ،ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯚﺭﻩﺷﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻨﻰ ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻟﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﻮﺭﯨﻲ ﺑﯧﺮﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ _ ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﯧﮕﯩﻠﻤﻪﺱ _ ﺳﯘﻧﻤﺎﺱ ﺭﻭﮬﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯧﭽﯩﭗ ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺗﺎﻍ _ ﺋﯧﺪﯨﺮﻻﺭﺩﺍ ، ﺋﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ،_ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺪﻯ .
_ ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯩﺪﻯ ،_ ﺩﯨﺪﯨﻢ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻛﯚﯕﯘﻟﻠﯘﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ .
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﺘﻰ :
_ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻯ>ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﯔ .ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺟﺎﻱ ﺋﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﭙﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺳﯘﻳﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺮﺍ ﺑﺎﺭ . ﺟﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻖ_ﺩﯙﯕﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﯘ ﺩﯙﯕﻠﯘﻛﻜﻪ ﺑﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ< ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻯ> ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺵ _ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯘﻟﻤﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.
_ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯘﻟﻤﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﻏﺎﻟﺠﺎﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎ _ ﺋﺎﺗﺎﻏﯩﭽﻪ،ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﻪﺭ ﻛﻪﻧﯩﺘﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،_ ﺩﯨﺪﻯ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ . ﻣﻪﻥ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻯ> ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺯﻩﻛﯩﻼ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﯩﺮﺗﯩﭗ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ.
ﺑﯩﺰ ﭼﯘﺷﻠﯘﻙ ﻏﯩﺰﺍﻏﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ .ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯘﻑ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ .
_ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ؟
_ﻳﺎﻕ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻤﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
_ ﺳﯩﺰ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ؟
_1967- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﯧﭙﯩﺰﯨﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﯩﯟﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﯦﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺯﺍﺗﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺯﯨﻴﺎﺋﻰ ،ﺋﯩﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 16-17ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯘﭖ ،ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﻏﺪﯨﺸﻰ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯦﻴﯩﻢ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻑ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.
_ ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ، ﺋﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ، ﺋﯚﺯ ﺳﯚﻳﮕﯘﺳﯩﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭘﺎﻙ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺩﻩﯓ! ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻩﭖ ،_ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﯜﻥ _ ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ،_ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ؟
_ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺳﺎﺯﺍﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻧﻪﻗﻘﺎﺵ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮬﯧﻴﺘﯩﮕﺎﮬ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯘﻧﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ .
_ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯓ ، ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﻩ .
ﺑﯩﺰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮ _ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ،ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﯧﮕﯩﺘﻰ ﺑﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﭼﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ . ﭼﯘﺷﻠﯘﻙ ﻏﯩﺰﺍ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ 24-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﻏﯩﺰﺍ ﻳﯩﻴﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﻭﺋﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﭼﯘﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﺑﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ:
ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯦﻴﯩﻢ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻑ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺩﯗﺳﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ،_ ﺋﯘ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯘﻟﺪﻯ ،_ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ ، ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .
ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﯞﻩ ﺋﺎ.ﺕ.ﺋﯚﺗﻜﯘﺭﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯘﻓﻘﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ.1988-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ ﮬﻪﺩﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻻﭖ – ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ،ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﺪﻯ .
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ
ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯦﮭﯩﻢ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻑ، ﺭﻭﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻼﺭ 1938-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ، ﻛﯚﯕﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﻮﻱ -ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ،ﺩﻭﺳﯘﺗﻼﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﭼﯘﺷﯘﭖ ، ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ،ﺑﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪﺍ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯧﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ …ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﮔﯘﻥ -ﺑﯘ 1940-ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ -ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﻮﺗﯩﺪﯨﻦ 500ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻐﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ .ﺑﯘ ﺋﺎ.ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻓﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ، ﺳﺎﺩﯨﻖ ﮬﻪﻣﺮﺍﻳﻰ ، ﺯﯨﻠﯟﺍ ﺑﻮﻱ ،ﺋﺎﻕ ﻳﯘﺯﻟﯘﻙ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻗﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ ﺩﺍﻻﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺋﯜﭺ ﺩﻭﺳﯩﺘﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﻮﻧﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ، ﭘﻮﺋﯧﺰﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﺯﺍ….
– ﺩﻭﺳﯩﺘﻼﺭ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺑﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺭﻭﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ،-ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﺟﻪﻳﻨﻪﻛﻠﻪﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻓﺌﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯘﺭﻟﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ،-ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ، ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ،ﺑﯘﮔﯘﻥ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﻮﺳﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﻗﯧﻨﻰ ، ﺳﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﻣﺴﻪﻥ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ،-ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻑ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯞﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺱ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،-ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﻰ !
ﻝ. ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ – ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﺱ ﻗﯩﺴﯩﻠﺪﻯ.ﺭﻭﺯﻯ ﮬﺎﺟﻰ :
-ﭘﺎﮬ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ، ﻛﺎﻟﻼﯓ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ !-ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﺎﻟﺪﻯ .ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ ﻛﯘﻟﯘﻣﺴﯩﺮﺩﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﯨﺰﺩﻩ ﻗﺎﺭﯨﯟﯦﺘﯩﭗ :
-ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ،-ﺩﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﺭﯦﺰﻯ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻓﻘﺎ <ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ> ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻗﺎﺭﯦﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯘﺭﺩﻯ ،-ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ !
ﺋﯜﭺ ﺩﯗﺳﺖ ﺗﻪﯕﻼ ﭼﺎﯞﺍﻙ ﭼﺎﻟﺪﻯ .ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ <ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟>ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﻭﺳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ .ﺭﻭﺯﻯ ﮬﺎﺟﻰ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ :
-ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ -ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﻰ !ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯦﻴﯩﻢ ﺗﯩﻠﻪﺷﻮﻑ-ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ!ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﯘﻟﺴﯘﻥ !ﻗﯧﻨﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ !
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻐﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﻗﯩﺴﯩﺸﺘﻰ.
-ﻣﻪﻥ ﮔﯘﯞﺍﮬ !-ﺭﻭﺯﻯ ﮬﺎﺟﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ .
– ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮔﯘﯞﺍﮬ !-ﺩﯨﺪﻯ ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ .
-ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯘﻓﻤﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ،-ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍﮬ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ ؟
-ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ <ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮔﯘﯞﺍﮬ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺧﻪﻟﭽﻪﻡ ﮬﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ .
-ﻝ.ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ،ﺋﺎ.ﺕ.ﺋﯚﺗﻜﯘﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭ .ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ،ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻛﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﯘﻕ .ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ .ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯘﺗﯘﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﭘﯜﺗﯩﺪﯗ .
ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯧﮭﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﻤﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﺪﻯ :
-ﮬﻪ ،ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎ< ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻯ> ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺯﻩﻛﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ،ﺩﯦﯟﯨﺪﯨﯖﯩﺰ ،ﺑﯘ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻤﯘ -ﻳﺎﻛﻰ؟
-ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،-ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ :
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ
1954-ﻳﯩﻠﻼﺭ .ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ ﭘﯩﻜﺎﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ (ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ)ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ، ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺑﯚﻟﯘﻡ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﺋﯘ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ -ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻓﺎﻏﺎ ﺗﺎﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ،ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺟﻪﺩﯨﯟﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ،ﭘﯩﺴﺨﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ …8،16ﺳﺎﺋﻪﺕ ،ﺋﯩﻜﻮﻧﻮﻣﯩﻜﺎ …ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻥ ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﭖ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ -ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺕ -ﭘﺎﺕ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﮔﻮﯕﮕﺎ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ .ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 10ﻳﺎﺷﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ،ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 3- ﻳﯩﻠﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ،ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺲ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺋﯩﺪﯨﻢ .
ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻗﻮﻝ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﯗﻣﻨﻰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺩﯗﻡ.
-3-ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ -ﺩﻩ ؟
ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ <ﮬﻪ> ﺩﯨﺪﯨﻢ .
ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ .
– ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗۇسىڭىز ، ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺴﯩﺰ .
-ﺳﻪﯞﯨﺘﻜﻪ ؟-ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ .
-ﮬﻪﺋﻪ ،ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎﻏﺎ !ﺋﯘ ﻗﻪﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ﺋﯘ ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﺘﯘﻣﺴﯘﻻﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﭼﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ ؟
ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯘﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯚﻳﯘﺩﻩ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﻛﺎﭖ -ﻛﺎﭖ ﻛﯘﭼﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﻣﯩﺴﺮﺍﻥ ﻗﯧﻠﯩﭽﻰ ﻗﯘﺯﯗﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﺋﯘﭼﻘﯘﺭ ﺩﯗﻟﺪﯗﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﻠﺪﺍ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟
ﺋﯘ ﭼﯚﭼﻪﻙ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ.ﺑﯘ ﭼﯚﭼﻪﻛﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﻪﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭺ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮔﯘﺩﻩﻙ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﻪﺧﺘﯘﻣﺴﯘﻻﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﮔﯘﺗﯘﭖ ، ﻣﯚﺭﻩﻣﻨﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ :
-ﺭﻭﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻴﻮﻑ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﻮ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ -ﺩﯨﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯚﺭﻩﻣﮕﻪ ﻳﯩﻨﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،- ﺋﺎﻟﻤﺎ – ﺋﺎﺗﺎﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ -ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ،-ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
ﺳﯚﺯﯗﻣﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ .ﺋﯘ <ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺴﯩﭽﯘ؟>ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
-<ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻯ >ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﻰ 1988-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯ.ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺋﺎ.ﺕ.ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ -ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﺩﻩﭘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ .ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ>ﺩﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻘﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻯ>ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،<ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻧﻰ> ﻛﯚﺭﯗﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯚﺭﯗﺷﻨﻰ ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻗﻼﺵ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯓ ،-ﺩﯨﺪﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯘﻑ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﭗ ،-ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻏﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ <ﺋﯚﯕﻜﯘﺭ >ﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯗﺷﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﺭﯨﺰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
24-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺳﻪﮬﻪﺭ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﯗﻕ.ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻤﺎ – ﺋﺎﺗﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ .
-ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ -ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ،-ﺩﯨﺪﻯ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺋﻮﺗﻼﻗﻠﯩﻖ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺳﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻭﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﺎﺳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﯟﺍﺭﺍﻧﻠﯩﻖ ﮬﻮﻳﻼ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯘﺗﯘﭖ ،- ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﯗﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﺎ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﻮﺭﻭ ﺟﺎﻳﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ .
ﭘﯩﻜﺎﭖ ﺗﯧﺰ ﺳﯘﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ .ﺑﯩﺰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﻮﻧﭽﻪ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ .ﺑﯘ ﻛﻪﻧﯩﺖ -ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﺘﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ 1950-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﯩﺖ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﺎﻛﻰ 1990-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﮔﺮﺍﻧﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﯩﺘﺘﯩﻦ ﭼﯘﻧﺠﯩﮕﯩﭽﻪ ، ﭼﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﻏﯩﭽﻪ ،ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﯞﻩ ﻏﺎﻟﺠﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ،ﻏﺎﻟﺠﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺰ -ﺋﯧﺮﯨﻖ ، ﺗﺎﻍ – ﺋﯧﺪﯨﺮ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎ -ﺋﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻐﻰ 250ﻛﯩﻠﻮ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ .
-ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ، ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯘﻛﺎﻡ !
ﮬﻮﻱ، ﻣﯘﻧﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﻘﯘ !؟
-ﭘﺎﮬ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﮔﺮﺍﻧﯘﻣﯩمىزﻏﯘ!
ﺗﻪﺭﻩﭖ -ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﺘﻰ .ﮬﺎﻝ – ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﺶ،ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﺎﻻ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﯘﺭﯗﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻠﻪﺭ ،ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯗﺷﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯩﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ .
ﺟﻪﻟﯩﻠﻮﻑ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﯩﺖ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻣﻪﺩﻩﻧﻰ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﺎﺭﺩﯗﻕ ﭼﯧﻴﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﻣﯘ ﺷﯘ ﻛﻪﻧﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺸﻰ ﭼﻮﯓ ، ﻛﯚﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ،ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪﻣﻮﻳﯩﺴﭙﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.ﺟﻪﻟﯩﻠﻮﻑ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭ ،ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯦﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﭼﻪ ﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯘﻟﻤﻪﺕ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﻴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ،ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯘﻟﮕﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻳﺪﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ (ﺟﻪﻟﯩﻠﯘﻓﻨﯩﯔ ﻛﯘﻳﻮﻏﻠﻰ)ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ-ﺩﻩ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:
-ﺋﺎﺗﺎ ،ﺋﺎﭼﺎﻧﻮﻗﺎﺩﯨﻦ ﺗﻮﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ،-ﺩﯨﺪﻯ.
ﻣﻪﻥ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ.ﺋﯘ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯘﻟﺪﻯ ﯞﻩ:
-ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺳﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ ﺋﯘﭼﯘﻕ ،ﻳﻮﻟﯘﯓ ﮔﯘﻝ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﺪﯨﯔ ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﮔﯘﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،-ﺩﯨﺪﻯ.
-ﭘﺎﮬ ﭘﺎﮬ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﮬﻪ،-ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،-ﺋﺎﭼﺎﻧﻮﻗﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﻧﯩﺖ.ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﺴﯩﺪﺍﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﭘﭽﺎﻟﻐﺎ40ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻻ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻟﺠﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﺎﺭ.ﻗﺎﻟﺠﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﮕﯩﭽﻪ120ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮﭼﻪ ﻳﻮﻝ.
-ﺑﺎﻏﻜﻪﺗﻤﻪﻥ ،ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻐﯩﺪﺍ ،-ﺟﻪﻟﯩﻠﻮﻑ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺩﻯ ،- ﮬﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﺰ، ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺳﯘﻳﻰ ﺟﯩﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﻯ> ﺑﺎﺭ .
– ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ ﻣﯩﺮﺯﺍﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ <ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﯨﻨﻰ >ﻛﯚﺭﯗﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﯞﻩ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺩﯗﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻛﯘﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﯩﺰ ﺟﻪﻟﯩﻠﻮﻑ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﭘﺎﺗﯩﮭﻪ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ.
-ﮬﻮﻱ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯘﻛﺎ ، ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯔ <ﺋﯚﯕﻜﯘﺭﺩﯨﻦ >ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ،ﻛﻪﻣﭙﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﭘﭙﺎﻡ ﺋﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﻛﻜﯘﺯﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﮬﯩﺴﺎﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،-ﺑﻮﯞﺍﻱ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ .ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،ﺗﻪﺭﻩﭖ -ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ :
-ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
-ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﭽﯘ؟
-ﺋﺎﺗﯘﺷﻼﺭﭼﯘ؟
-ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﺎﻧﻜﯘﻥ (ﺷﯩﻴﺎﯕﮕﺎﯓ)ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻐﯘ ؟
ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯘﺭﯗﺷﻠﻪﺭ ، ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ،ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﻴﺎﺕ،ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭ …ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ،ﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ.
ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺩﺍﻗﻘﺎ -ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ، ﻛﺎﻧﺎﻱ -ﺳﯘﻧﺎﻳﻼﺭ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ،ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻮﺥ – ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺴﻘﯩﺮﺗﯩﺸﻼﺭ ،ﮬﻪﺭ -ﺧﯩﻞ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﯘﺑﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
-ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻛﻪﻟﺪﻯ!…ﺗﻮﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ !…
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻳﭽﯩﻼﺭ ﻛﯧﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺪﯗﻕ .ﮔﯘﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﭘﯩﻜﺎﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺋﯩﻜﻜ

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: شەخس-ئوبرازلار
يېڭى يازمىلار