راستىنلا «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» مۇ؟

ئەلى غوجاخۇن

«تارىم ژۇرنىلى»نىڭ 2012-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنغان يالقۇن روزى ئاپتورلىقىدىكى «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ، (قىسقارتىپ «ماقالە»دەپ ئېلىنىدۇ)بۇ ھەقتىكى تونۇش- چۈشەنچىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.

«ماقالە»دە ئاپتور ئاۋۋال شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ يامان «تەسىرى»ۋە «زەھىرى» ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئاندىن ئامېرىكىلىق فىراپىسسور ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق» دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ «ھەقىقىي يامان غەرەز»لىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن روسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولويۇف يازغان «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» دېگەن رومان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ قارشى مەيدانغا قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن رەنجىيدۇ. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ «خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان»قىلىپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى توغرا تاپمايدۇ. روماندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ «ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان <نوچى> قىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى»دىن غەزەپلىنىدۇ. ئەقىللىق، يۇمۇرلۇق، ھەققانىيەتچى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ «ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان»لىقىنى، شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە غەلىتە قىياپەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. فىرانسىيەلىك ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنت»ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر قاتار باشقا بايان، مۇھاكىمىلەردىن كېيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابى ھەققىدە تەنقىد يۈرگۈزۈپ، «يازغۇچى شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، مىللىي سىمۋولىمىزنى چاكىنىلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن»دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە مىللىي سىمۋولنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ھەم قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى شەرھىلەيدۇ.

ئالدى بىلەن بىز لۇغەتلەردە «شەرقشۇناس»، «شەرقشۇناسلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قانداق ئىزاھلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى. «ئۇيغۇر تىلىنڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى»دە بۇ ئاتالغۇلارغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن؛«شەرقشۇناس؛ئىسىم(ئە+پ)، شەرقتىكى مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى تىل-يېزىقى، ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس، ئالىم»، «شەرقشۇناسلىق: ئىسىم(ت)، شەرقتىكى(ئاسىيا، شەرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى) ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى، تىل-يېزىقى ۋە ماددىي، مەنىۋىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى. 16-، 17-ئەسىرلەردىكى غەرب كاپىتالىزىمى سىرتقا كېڭەيگەن مەزگىللەردە بارلىققا كېلىپ، 18-، 19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى يېزىقلار تىرانسىكىرىپىسىيەسىدىكى ئۇقۇملارغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ۋە مىسىرشوناسلىق، ئاسسۇرىيەشوناسلىق قاتارلىق تارماق پەنلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان.». خەنزۇچە«ئوكيانۇس»تا «شەرقشۇناسلىق»دېگەن سۆز ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:«شەرقشۇناسلىق يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن. 16ـ­­­18-ئەسىرلەر پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاۋۋال بىر قىسىم ياۋروپالىق سودىگەرلەر، دىن تارقاتقۇچىلار ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەققىدە خاتىرىلەرنى يازغان»①

كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، شەرقشۇناسلىق- ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم. بۇ تەتقىقات قوشونىنىڭ ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ ساندا شەرقنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ بار. ئايان بولىشىچە، بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد، سودا، سىياسىي، دىن، ئىلمىي ئىزدىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.

ئېدۋارد سەئىدنىڭ«شەرقشۇناسلىق»دېگەن كىتابىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ: «شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسى كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇ مەنىلەر بىر بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغىنى شەرقشۇناسلىق ئىلىم تەتقىقاتىدىكى بىر خىل پەن، دېگەندىن ئىبارەت. »، «شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، شەرق دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ھاللاردا غەربكە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. شەرقشوناسلىق تەپەككۇر شەكلى يۇقۇرىدىكى ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى ئونتولوگىيە(پەلسەپىنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى ياكى تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى)بىلەن تونۇش نەزەرىيەسى مەنىسىدىكى پەرقنى ئاساس قىلغان»، «شەرقشوناسلىق مەدەنىيەت، ئىلىم ۋە تەتقىقات تارماقلىرى ئىچىدە پاسسىپ ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغان سىياسىلىققا ئىگە ئوبىكىت ياكى ساھەلا ئەمەس، شەرققە مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەرنىڭ كېلەڭسىز يىغىندىسىمۇ ئەمەس، شەرق دۇنياسىنى گۇمران قىلىدىغان مەلۇم غەرەزدىكى غەرب ئىمپىرىيالىزىم سۈيقەستىنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە ئىپادىسىمۇ ئەمەس. ئۇ رايون سىياسىي ئېڭىنىڭ ئىستىتىكا، ئىقتىسادشۇناسلىق جەمىئەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق ۋە پەلەسەپە تېكىستلىرىدىكى تەقسىملىنىشى. »②

دېمەك، ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن، بىر خىل تەپەككۇر شەكلى، بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي، مەنىۋىي قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. «ماقالە» ئاپتورى ئېدۋارد سەئىدنىڭ كىتابىدىن ئۈزۈندە ئالغاندا بەزىلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ، بەزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. سەئىد«شەرقشۇناسلىق» دېگەن كىتابىدا ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىللىرىنىڭ شەرق ئەللىرىنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرش، شەرقنىڭ مۇستەبىت، نادان، مۇتەئەسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش، مۇستەملىكە ئېھتىياجى ئۈچۈن غەرىبنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسى تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك ساپ ئىلمىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە تەتقىقات مىتودىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. لېكىن دۇنيادا ھېلىمۇ شەرقشۇناسلىقنى تېخىمۇ رادىكال دائىرىدە تەتقىق قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار دىن نۇقتىسىدىن چىقىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ غەربنىڭ ئىمپىرىيالىستىك ھەرىكەتلىرىگە ھەسسە قوشقان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا قارشى كەسكىن تەنقىد سادالىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ.

سەئىدنىڭ«شەرقشۇناسلىق»دېگەن كىتابىدا بۇ پەننىڭ شەرقنىڭ دىنىي-ئېتىقادىنى بۇرمىلاش، سىياسى كېڭىيىش ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەنلىك تەرىپىنى زىيادە كۆپتۈرىۋەتكەنلىكىگە قارىتا 2003-يىلى سەئىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن2007-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا، ئامېرىكا ئىلىم ئەھلىلىرى سالمىقى ئېغىر ئىككى پارچە ئەسەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق»دېگەن ئەسىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى، پىكىردىكى چەكلىمىلىكىنى ۋە بەزى مۇتلەق مەزمۇندا ئىشلىتىلگەن ئۇقۇم –چۈشەنچىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ئىككى كىتاب «غەرب ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش: سەئىدنىڭ <شەرقشوناسلىق> دېگەن ئەسىرىگە تەنقىد»، «<شەرقشۇناسلىق>نى ئوقۇش:دېيىلگەنلەر ۋە دېيىلمىگەنلەر» دېگەندىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى زور بولغىنى ئاۋۋالقىسى بولۇپ، ئاپتورى ئۇزۇن مەزگىل ياۋروپادا ياشىغان سىكولارىزىمچى(دىندىن تاشقىرى يۈرگۈچى)، ئۇ ئىبنى ۋەرراق دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ ئەسەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئىبنى ۋەرراق ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق» دېگەن كىتابىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ بۇرمۇلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىگە، غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمى گەۋدە سۈپىتىدە ئاق بىلەن قارا ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن ھالدا ئىزاھلانغانلىقىغا قارىتا قارشى ساداسىنى ئىپادىلىگەن. ساپ ئىلمىي مەقسەت ۋە ئىلمىي كەيپىيات بىلەن يېزىلغان، تەتقىق قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭىمۇ مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى مەزمۇنى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا كەسكىن تەنقىد يۈرگۈزگەن. غەرىبنىڭ قەدىمكى يونان دەۋرىدىن تارتىپلا شەرقلىقلەرنىڭ ئىدىيە، غايىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ ئىلىمنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا سەئىدنىڭ«شەرقشۇناسلىق»دېگەن ئەسىرىنىڭ ئۇسۇل نەزەرىيەسى، دەلىللەشنىڭ بىردەكلىكى، تارىخىي بىلىم جەھەتتىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكىنى ۋە مۇئەللىپنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈشتە لىللا مەيداندا تۇرماي، خاھىشچانلىق بىلەن چۈشەندۈگەنلىكىدەك بىر تەرەپلىمىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ③يەنە ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى بېرنارد لېۋىس(1916- )«خاتالىق قەيەردە»ناملىق كىتابىدا ۋە ئەرەب مەدەنىيىتى مۇتەخسىسىسى روبىرت ئىرۋىن ئۆزىنىڭ«خەتەرلىك ئىلىم» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىدىمۇ سەئىد تەرىپىدىن«شەرقشۇناسلىق»دېگەن بۇ ئىلمي ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن سەلبي مەنالارنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ④بۇ ئوخشاشمىغان پاكىتلىق قاراشلاردىن سەئىدنىڭ «غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ھەربىي، ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلمىي بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ. بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلەككە چېتىلىدۇ. »دېگەن چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، غەرب ئالىملىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان نۇرغۇن ئىلمي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ياكى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا، ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نىمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا شەرقنىڭ دىنىي ئېتىقادى، دۆلەت تۈزۈلمىسى، كىشىلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئەكىس ئەتتۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈزىتىشىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇستەملىكە قىلىش، سودا-ئىقتىساد، شەرقنىڭ مۇتەئەسىسپ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش، دىن تارقىتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىرقانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم. دىن تارقىتىش ۋە سىياسىي مۇددىئانى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، جۇڭگو، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە شەرھىلەش، غەرىبنىڭ پەن-تېخنىكا، ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمە، كىشىلىك خاراكتېر جەھەتلەردە شەرقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىقلارغا كۈچىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىلىرى دىنىي ۋەز-نەسىھەت قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇڭا ئۇلارنى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان شەرقشوناش دېگىلى بولمايدۇ. بۇ تۈركۈمدىكى ئاتالمىش شەرقشۇناسلار ھۆكىمەت، دىنىي جەمىيەت، ياكى ئىجتىمائىي-سىياسىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەشكىللىك ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگىلىيە سابىق ۋەزىرى بىنجامىن دىسلىر(1804-1881) بەزى غەرب ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن«شەرق-بىر خىل تىرىكچىلىك يولى»⑤دېگەن سۆزنى قىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس.

ۋەھالەنكى، يەنە بىر تۈركۈم كۆپ ساندىكى شەرقشۇناسلار بولسا شەرقنىڭ دىن، مەدەنىيەت ، تىل، ئارخېئولوگىيە، ئىدىيە-چۈشەنچىللىرىنى توغرا بىر ئۇسۇل ۋە تەتقىقات يولى بويىچە تەھلىل قىلىپ شەرق ئەللىرى ئارىسىدا تېگىشلىك ھۆرمەتكە ۋە قەدىرلەشكە ئېرىشكەن. ئۇلار شەرقلىقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇش، مىللىي كۇلتۇرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارلاق مەدەنىيىتىدىن مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغۇتۇش، جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلغان. شەرقنىڭ ماددىي، مەنىۋىي تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي بىر يولغا كىرىشىگە، ئىلمىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولىشىغا تۈرتكىلەش رولىنى ئوينىغان. شەرقنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مىتودى بىلەن تەمىن ئەتكەن. يەنە كېلىپ بۇنداق ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشوناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقۇرى، سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. «شەرقشوناسلىق ئورنى دەسلەپتە 1312-يىلى ۋىينادا يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەزمۇن قىلىپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى زامانىمىزغىچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ نۇرغۇن تەتقىقات تارماقلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىلمىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي سېستىمىلارنى شەكىللەندۈرگەن»⑥شۇڭا غەرب ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھېندىستان، جۇڭگو، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى سېستىمىلىق تۈرگە ئايرىپ، يەرلىكنىڭ دىنىي-ئېتىقادىنى ئۆز خاھىشىغا ماسلاشتۇرۇپ شەرھىلەش ۋە سىياسىي مۇستەملىكە ئېھتىياجى ئۈچۈن مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ناتوغرا ئىزاھلاشقا ئوخشاش تەرەپلىرى بىلەن ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشوناسلىقنىڭ تەتقىقات مەزمۇنلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قارا-قويۇق ھەممىنى دىنىي بۇرمىلاش، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى، سىياسىي زوراۋانلىق نۇقتىسىدىن باھالاش ئىلمىي تەپەككۇر قائىدىسىگە ۋە توغرا تەتقىقات مىتودىغا يات ئەھۋال. لېكىن«ماقالە»ئاپتورى بۇ ئىلىمنىڭ زىيانلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى، شەرقلىقلەرنى ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان قىلىشتا كاتتا روللارنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. گەرچە ئاپتور شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ساپ ئىلىمگە ياتىدىغان«بەزى ئىشلارنى قىلغان»لىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ماقالە»سىگە سىلىق سۇۋاق بەرگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىلمىي ھۆكۈملەرنى چىقارغاندا ئايرىم، يەككە ھادىسىلەنى ئومۇملۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، ئەلۋەتتە. ئايان بولىشىچە، ئېدۋارد سەئىد 1978-يىلى يازغان« شەرقشۇناسلىق»تا تىلغا ئالغان ھەر خىل مەقسەتتىكى«شەرقنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان شەرقشوناسلىق»نىڭ ئوبىكتى ئاساسلىقى ئەرەبلەر، پارىسلار ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مىللىي، دىنىي توپلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ كىتابىدا داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىللىي، دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا پەلەستىندە تۇغۇلۇپ ئامېرىكىدا ياشىغان ئېدۋاد سەئىدنىڭ ئۆزىمۇ پەلەستىننىڭ خەلقئارادىكى«ئاۋازى»بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس، سىياسى زوراۋانلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش، لىۋىيە، سۈرىيە، ئېران، ھېندىستان، ھېندىنوزىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا، غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن«شەرقشۇناسلىق»تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان. چۈنكى شەرق ئەللىرى مۇستەملىكىچىكەرنىڭ يولسىز ھەربىي ھۇجۇم ۋە سىياسىي كېەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقتىكى بىر قىسىم ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئىقتىدارسىز، چىرىك، مۇستەبىت بولۇش سەۋەبىنى غەربتىن كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن شەرقشوناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلىم ساھەسى ئۇلارنىڭ ئاچچىغىنى چىقىرىدىغان بىر ساھە بولۇپ قالغان. بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش، پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ، «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى»دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش» مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭكىدەك ھېس قىلىپ، ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شەرقشوناسلىقنىڭ قىلتىقىغا بىلمەي چۈشۈپ كەتتىڭ، دېگەندىمۇ ئۇنىڭ بىزدىكى تەسىرى، شەرقشۇناسلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئەمىلىي مەقسىدىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ئاندىن پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ «زەھىرى» ۋە «خەتىرى» ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ساپ ئىلمىي روھ بىلەن رايونىمىز مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس ئالىملارغا تۆھمەت قىلىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارا چاپلاش، ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش، جاھانگىرلارنىڭ قول چومىقى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلاش بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاددىيسى«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئىلمىي ھالدا توپلاپ نەشىر قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشلارمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەرب شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن باشلاندى»⑦. شۇڭا شەرقشوناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قىسمەن كۆزقاراش، باھالىرىدىن كەسكىن تۈردە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئاللىقانداق يامان غەرەزدىكى شەرقشۇناسلىقتىن ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان، ئۇچرىسا ئۇنى بايقىيالايدىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ، بۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ، دەپ ئەيىپلەش پاكىتسىز خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ، ياكى«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»چە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قارا چاپلاپ، سىنىپى قالپاق كەيدۈرۈش، جاھانگىرلىككە باغلاپ، سىرتقا باغلانغان ئۇنسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ ئەدىبىنى بېرىشتەك ئاشقۇن ھالەتتىكى ئىنسانغا ۋە ئىلىمگە زىيانلىق ھەركەت ھېساپلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرىۋاتقان مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلىمگە بولغان ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكى، توغرا بىر تەتقىقات يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ. كۈزىتىشىمىزچە، دۇنيانىڭ مەيلى غەربىدە بولسۇن ياكى شەرقىدە بولسۇن، نۇرغۇن داڭلىق ئونېۋىرستېتلاردا شەرقشوناسلىق كەسىپى ئالاھىدە بىر تۈر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. دەل مانا مۇشۇ شەرقشۇناسلىق ئورۇنلىرىدا يېتىشىپ چىققان ئىجدىھاتلىق ئالىملار ھەرقايسى مىللەت، رايون ۋە دىن تۈركۈملىرنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇڭا فرانسىيەلىك مىسىرشوناس جون فرانوس چامپولىون(1790-1832)نىڭ 1822-يىلى قەدىمكى مىسىر يېزىقىنى ئۇزۇن يىل ئىجتىھات قىلىپ ئوقۇپ چىققانلىقى، ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ راۋىلسون(1810-1895)نىڭ 1845-يىلى قەدىمكى ئاسسۇرىيە-بابىلون مىخ يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ چىققانلىقى، دانىيەلىك ئالىم تومسېن(1842-1927)نىڭ مۇشەقەتلىك ئەمگەك قىلىپ 1893-يىلى قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ، ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئەسلىگىنىمىزدە شەرقشۇناسلارغا ھۆرمەت بىلدۈمەي تۇرالمايمىز. روسىيەلىك شەرقشوناس رادولوف(1838-1918)نىڭ غايەت زور مىقداردىكى قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى تېپىش، رەتلەش، تېكىستنى ئېلان قىلىش جەريانىدا چەككەن زەخمەتلىرى، ۋېنگىرىيەلىك شەرقشوناس، تۈركۇلوگ ھېرمان ۋامبىرى(1832-1913)نىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى يېزىش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى، پىروفىسسور ئۆمەلژان پرتساك(1919-2007)نىڭ قاراخانىيلار تارىخىنى يورۇتۇش جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ئەجدادلىرىمىز ۋە رايونىمىز مەدەنىيىتنىڭ پارلاق ئۆتمۈشىنى بىلىۋېلىشىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى قىممىتىمىزنى قايتىدىن تونۇشىمىزدا بۇ شەرقشۇناسلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكتىن باشقا چارە يوقلىقى ئايان بولىدۇ. ئاتاقلىق شەرقشۇناس جوزىف لى يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن«كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان غەربلىكلەر خۇرسىنسا، شەرقلىقلەرنى كۆپ ئويلاندۇرغان»«دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن100كىتاب»نىڭ بىرى بولغان «جۇڭگۇنىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى»دېگەن كىتابىنىڭ شەرقشۇناسلىقتىكى كاتتا بىر ئۇتۇق دەپ قارىلىشىمۇ بۇ پەننىڭ ئىجابىي تەرىپىنى يەنە بىر نۇقتىدىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. (شۇ كىتاب، 773-بەت) دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن روبېرت دانكوف، يانۇس ئىكمان، دېنس سىنور، ل. كرادېر، ئا. تويىنبى، ئى. چاۋاننېس، س. كلاۋسۇن، ر. ن. فراي، بارتولىد، مالوف، پانتوسوف، لىكوك، سىۋېن ھېيدىن، پىللىئوت، گۇننار ياررىڭ، ئۇنىشتايىن، گابائىن خانىم كەبى شەخىسلەرنىڭ ساپ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە مۇھەببەت، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئالىجاناپ ھېسسىيات بىلەن توپلىغان، يېزىپ چىققان ئەسەرلىرى، ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى شەرقنى پەسلەشتۈرۈش، چاكىنىلاشتۇرۇش بولمايلا قالماستىن ، شەرقنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن قايىل بولماي تۇرالمايمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ماقالە يازغاندا بەزىدە شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىشقا ئامراق يالقۇن ئەپەندى تەرىپىدىن بىردىنلا زەھەرلىك ئىلىم دەپ قارالغان شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات ساھەسى بولمايدىكەن، ئاشۇ شەرقشۇناسلار بولمايدىكەن پۈتكۈل شەرقنىڭ پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت تەتقىقاتى ئاق قەغەز پېتى قېلىن بىر قەۋەت تۇمان ئىچىدە قالغان بولاتتى. ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشوناسلىق ئىلمى ھەققىدىكى بايانلىرى بولسا پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ، پەلەستىن ۋە ئەرەبلەر مەسىلىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ چىقارغان ھاسىلاتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرى ھەرگىز پۈتكۈل شەرقشوناسلىق ئىلمىنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ. بۇ پاكىت ۋە مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا يالقۇن ئەپەندىنىڭ تايىنىش نۇقتىسىنى تار ۋە بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالغان، دەپ ئېيتالايمىز. ئېنىقكى، تايىنىش نۇقتىسى كۈچلۈك ئىلمىي خاھىشقا، كەڭ دائىرىلىك ئاساسقا ئىگە بولغاندىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، بولمىسا ئاغدۇرىۋىتىپ، توغرىسىنى ئوتتۇرىسىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يەردە مەيلى مەدەنىيەت ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەققىدە پىكىر قىلىشتا، باھا بېرىشتە بولسۇن، ئېدۋارد سەئىدنىڭ«شەرقشۇناسلىق»ى بىلەن كەڭ مەنىدىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى، شەرقشوناسلىق تەتىقاتى بىلەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى؛ئاز بىر قىسىم دىنىي، سىياسىي، مۇستەملىكە خاھىشىدا يېزىلغان شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقۇرى سۈپەتكە ئىگە ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەرنى ئايرىش كېرەك. بىر بۆلەك روس سىياسى خادىملىرىنىڭ روس ئىمپىرىيالىزىمى، رۇس شوۋىنىزىمى(چوڭ رۇسچىلىق) ۋە بولشىۋىكىزىمنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل غەرەزدىكى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتدىن پايدىلىنىپ، شەرقنى ئەسلى قىياپىتىدىن يىراق قىلىپ ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ شەرققە مۇھەببەت بىلەن قاراپ، قىزغىن ئىزدىنىپ روياپقا چىقارغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر بىرىدىن ئايرىش كېرەك. يەنە ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە بەزى ھەقىقى ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز سەۋەبلىك چىقىرىۋالغان خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە ھۆكۈم، كۆز قاراشلىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ گەرچە قوبۇل قىلىش تەس بولسىمۇ ئەينەن، پاكىتلىق بايانلىرىنى ئايرىشنى بىلىشىمىز، مەسىلىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسى ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بولمىسا ئىلمىي خاتالىق سادىر قىلىپ قويىشىمىز تۇرغانلا گەپ. «ماقالە»مۇئەللىپى دەل مۇشۇ نۇقتىلاردا ئىلمىي بولغان سېستىمىلىق تەپەككۇرغا يات ھالدا ئۇقۇملارنى، ساھەلەرنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ۋە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويغان.

«ماقالە»دە ئاپتور ھىيوگو بىلەن سارتىرېنى« شەرىققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر» دەپ تىلغا ئېلىپ، ھىيوگونىڭ «كاپىتان بۇتلېرغا يېزىلغان خەت» ناملىق ئوچۇق خېتى بىلەن سارتىرېنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىشنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدىغىنىمىز ھىيوگونىڭ ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئەيىپلىگىنى فىرانسىيە، ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ جوڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى، ھەرگىزمۇ ھەر خىل غەرەزدىكى شەرقشوناسلىق تەتقىقات ساھەسى ئەمەس. «ماقالە» ئاپتورى بۇ يەردە بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي پائالىيىتى بىلەن ئىلىم ساھەسىنى، شەرقشوناسلار بىلەن ئەدىپلەرنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. ئەمدى سارتىرېنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىگە كەلسەك، «ماقالە»دە مۇنداق دېيىلگەن:«مەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گوروھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. لېكىن ئۇ دەل شۇنداق مۇكاپات. . . ئوبىكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى. ناۋادا مەن نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام، ئاسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. » ئاپتور بۇ ئۈزۈندىنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتمەيدۇ، پەقەت قوش تىرناق ئىچىدە سارتىرېنىڭ سۆزى تەرىقىسىدە بېرىدۇ . ئەسلىدە فرانسىيە پەيلاسوپى ژان پائول سارتىرى(1905-1980) نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش ھەيئىتىدىكىلەرگە مۇنداق مەزمۇندا خەت يازغان: « نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمدىكى سەۋەب مۇنداق ئىككى تۈرلۈك: بىرى، ئۆز شەخسىيىتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئالدىراپلا چىقارغىنىم يوق، مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكىمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن. . . بۇ خىل پوزىتسىيە يازغۇچىلىققا بولغان كۆز قارىشىمدىن كەلگەن. سىياسەت، جەمىئەت، ئەدەبىياتقا ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان يازغۇچى ئۆزىنىڭ ۋاستىسىگە، يازغان يازمىلىرىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئېرىشكەن بارلىق شەرەپ ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق بېسىمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. مەن‹مەشھۇر ژان پائول سارتىرى›مۇ ياكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ‹ژان پائول سارتىرى›مۇ؟ بۇ ھەرگىز ئوخشاش بىر نەرسە ئەمەس. يەنە بىرى، ئوبىكتىپ سەۋەپ، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت جەڭ فرونتىدا بىردىنبىر مۇمكىن بولىدىغان كۈرەش شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتىن ئىبارەت. مەن ئىككى تەرەپنى ئۆزئارا قۇچاقلىشىشى كېرەك دېمەكچى ئەمەس، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق مۇقەرەر توقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. بىراق بۇنداق توقۇنۇش ئادەم بىلەن ئادەم، مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ھەرگىز ئورگان-ئاپراتلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. . . ». ئۇ يەنە باشقا نۇتۇقلىرىدا«ھۆكىمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن، مەن پەقەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىمەن. »، «نوبىل مۇكاپاتى ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا غەرىبنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شەرقنىڭ ئاسىيلىرىغا بېرىلىدىغان شەرەپتۇر. »⑧دېگەن گەپلەرنى قىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «ماقالە»ئاپتورى بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلىمىيلىككە يات ھالدا قورقماي بىمالال ھالدا ئۆزگەرتىۋەتكەن. دېمەك، ھىيوگو بىلەن سارتىرې ھېچقاچان ئاپتور چۈشەندۈرىۋاتقاندەك مەيداندا تۇرغان ئەمەس. يەنە ئەنگىلىيەنىڭ كېمبىرىچ ئونىۋېرستېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق فىراپىسسور ئەكبەر ئەھمەدنىڭ ئىسمىنى خاتا ھالدا«ئىقبال ئەھمەد»دەپ ئاتاپ، مۇھاكىمە تېخى داۋاملىشىۋاتقان بىر پارچىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا، ئەسەرلىرىدە باشقا پىكىردىكىلەرنىمۇ سىغدۇرىشنى، تەڭپۇڭلۇقنى، تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئالىمنى شەرقنىڭ غەربكە تاقابىل تۇرىدىغان ئادىمىدەك كۆرسىتىپ قويغان. («مىراس»ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق6-سانىغا قارالسۇن)بۇنىمۇ ئىلمىيلىكتىن تولىمۇ يىراق بىر ھادىسە دېمەي بولمايدۇ.

ئاپتور «ماقالە»سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۇيوفنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە»ناملىق روماندىكى ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ قارشى مەيدانغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك. لېئونىد ۋاسىلىۋىچ سولويوۋ(1906-1962)سابىق سوۋىت ئتتىپاقى يازغۇچىسى، «تۈركىيە ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى، ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە «قىزىل فرونت گېزىتى»نىڭ جەڭگاھ مۇخبىرى بولغان، دۆلەت قوغداش ئۇرىشىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ«بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن»دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. تۈرك، پارس، ھېندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسەر بايان قىلىشتىكى كۈزىتىش نۇقتىسى، تىل، ئوبراز يارىتىش، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە باشلاپ كىرىش جەھەتلەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن⑨. ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان.

ئاۋۋال ئەسلى نۇسخىدىكى«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»گە نەزەر سالىدىغان بولساق، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەلنىڭ مەنپەتىنى قوغداش، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش يۈزىسىدىن داۋاملىق تۈردە خان-پادىشاھ، ئەمىر-بەگلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتىدىغانلىقى، مۆرىتى كەلسە ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. لېئوند سولويۇفمۇ، ئېنىقكى، بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»دېگەن كىتابتا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:«خوجا نەسىردىن. . . ئۆز ھاياتىدا كۆپلىگەن جايلارغا بارغان. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكمىرانلارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە، ھۆكمىرانلار ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان»⑩بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يازغۇچى ئەدەبىياتنىڭ رېئاللىقنى چىنلىق ئاساسىدا بەدئىيلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىل سەنئىتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن چىقىپ مۇشۇنداق تەسۋىرلىگەن دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىختىن بۇيانقى بىر قىسىم خان-پادىشاھلار بىر مەزگىللىك سىلىق –سىپايە ئۇسۇلدا تەخىتنى ئۆتكۈزىۋېلىش ياغلىما سۆز دەۋرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكى، سىياسىي زوراۋانلىقى، ئىشرەتۋازلىقى ، ئادلەتسىزلىك قىلىپ ئەل مەنپەئەتى كارى بولمىغانلىقى سەۋەپلىك تەبئىيلا خەلىققە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ قالىدىغانلىقىنى تالاي تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق ئەھۋالدا روسىيەلىك يازغۇچى لېئونىد سولۇيوفلا شەرقنىڭ ئەمىر-پادىشاھىنى پۇقرالارغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلىگەن بولماستىن، بەلكى غەربنىڭ ئۆزىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن مونتىسكىيو، روسسو، دانېل دېفو، شېكىسپېر، ئاندېرسون، قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدىپلەرمۇ شەرقلىقلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي، «ئۆز يېغىرىنى ئۆزى تاتلاپ» غەربنىڭ خان-پادىشاھلىرىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلق بىلەن چىرىك ھوقۇقدارلارنى قارمۇ قارشى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئەلگە قانداق زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان ئاندېرسوننىڭ «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى»دېگەن چۆچىكىگىلا قارىساق، غەربنىڭ يازغۇچىسىمۇ غەربنىڭ پادىشاھىنى ئەخمەق، دۆت، گالۋاڭ قىلىپ، خەلققە قارشى قويۇپ ، غەربنىڭ پادىشاھىنى چۆكۈرۈپ تەسۋىرلەنگەنلىكى، بوكاسىيۇنىڭ«ئون كۈنلۈك سۆھبەت»، سېرۋانتىسنىڭ«دونكىخوت»رومانلىرىدا ۋە ھىيوگونىڭ سىياسىي ساتىرالار توپلىمى«جازا»قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشرەتۋاز، ھاماقەت، زالىم قىلىنىپ، خەلىققە روبىرو مەۋقەدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ئىپادىلەش بىر تەرەپتىن چىنلىقنى ئۆز پېتى يېزىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ھەققەنىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ئەلنىڭ گېپىنى قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن راست سۆزلەيدىغان خاراكتىرىنى ئىپادىلىگەن دېيىش مۇمكىن. بۇ سەۋەپلەرگە قارىغاندا، لېئونىد سولويۇفنى كىتابىدا خەلق بىلەن خان ئەمىرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا يەنىلا بىر ھەققانىيەتچى، ۋىجدانلىق يازارمەننىڭ مەيدانىدا تۇرغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قەدەر ئوچۇق بىر ھەقىقەتنى «ماقالە»مۇئەللىپىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.

«ماقالە»ئاپتورى يەنە لېئونىد سولۇيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا«خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرمان»قىلىپ تەسۋىرلەنگەن نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ خىل تەسۋىرلەش نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلى پىروتىتىپىنى ئىپادىلەش، ساتىرىك ئامىلنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەسەردىكى ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئاپتورنىڭ غايىسى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «لەتىپىلەرنىڭ بەزىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ توغرىسىدىكى بىر مۇنچە ئەھۋاللارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما لەتىپىلەرنى تۈزگىچىلەر ۋەقەلىكنى ئەنە شۇنداق توقۇپ چىقىپ، شەخىسلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي، يوقسۇل كىشىنى دائىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقى- پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ، شۇنچە زوراۋان ئەكسىيەتچى ھۆكمىراننىمۇ قاتتىق مەسخىرە قىلىپ بويسۇندۇرالايدۇ. لېكىن كىشىلەر بۇخىل لەتىپىلەرنى ئاڭلىغاندا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ھېس قىلمايدۇ. »⑾بۇ خىل تەسۋىرلەشنى خەلق ئىرادىسىنىڭ يازغۇچى قەلىمىدە ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق تەسۋىرلەشتە لېئونىد سولۇيوف شەرق ئەللىرىنى چۆكۈرۈش، ئۇلارنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا تېنەپ يۈگەن قىلىپ تەسۋىرلەش، ئۇلارنى نادان جاھىل قىلىپ كۆرسىتىشتەك «يامان غەرەز»گە قارىغاندا رېئاللىقنى چىن ئەكس ئەتتۈرۈش، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەقىللىقلىقى، ئەل ئەرىسىدىكى نوپۇزى قاتارلىقلارنى گەۋىلەندۈرۈش، شەرقلىقلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ زوراۋان مۇستەبىتلىكتىن قورقماي ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەق گەپ قىلالايدىغان كىشىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتەك مەقسەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ھەتتا تەنقىد ماقالىسى ئاپتورى قوغداۋاتقان«شەرقنىڭ نوپۇزى ۋە ھۆرمىتى»گەۋدىلىنىدۇ.

مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا، فرانسىيەلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنت»ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدەك ئەھۋال« شەرقنىڭ مەنپەتى»ئۈچۈن ئۇنچە كۆپۈپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. ئوردا بىلەن تۆۋەن، پادىشاھ بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى بىز يەنىلا يازغۇچىنىڭ ۋىجدانىنىڭ ئىپادىلىنىشى دېگىنىمىز تۈزۈك. بۇنىڭغا قارشى تۇرساق، ئېنىقكى، بىزمۇ خەلىقنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قېلىپ ، كۆپچىلىكنىڭ قارغىشىغا قالىمىز.

«ماقالە»نىڭ ئاخىرىدا ئاپتور نۇقتىلىق تۈردە تىغ ئۇچىنى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى»دېگەن كىتابىغا قارىتىپ، بۇ ئەسەرنى «ئەدەبى ئەخلەتلەر»قاتارىغا ئىرغىتىپ تاشلايدۇ. ئاندىن مىللىي سىمۋولنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. مىللىي سىمۋولنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر چاغلاردا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقنىڭ، ساۋاتسىز ۋە نادان قالسا بولمايدىغانلىقنىڭ مىللىي سىمۋولى بولغان سىيىت نوچىدىن ئىبارەت شەخىسنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان(«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، 1995-يىلى4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى) «ماقالە»مۇئەللىپى نېمە ئۈچۈن مىللي سىمۋولنىڭ بۇ قەدەر مۇھىملىقىنى ئەينى ۋاقىتتا ئويلىمىغان بولغىيتى؟دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىمىز. ئاپتور مىللىي سىمۋول ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، بىردىنلا بارلىق تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە«ئۇيغۇرلاردىن چىققان بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان» ⑿نەسىردىن ئەپەندىنى تۈركىيە تۈركلىرىگە تەۋە قىلىپ قويۇلغان بىر نەقىلنى ئالىدۇ، بىلىش كېرەككى، بارلىق تۈركي قوۋملەرنىڭ ئىچىدە نەسىردىن ئەپەندى، سەلەي چاققان، موللا زەيدىن، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، غوپۇر دىڭخۇلۇ، ياقۇپبەگ پوچى، ئىبراھىم سايىت، ھېسام قۇرباننى لېنىيە قىلغان لەتىپە، يۇمۇر، چاخچاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە شەخىسلەر ئىزچىللىقى ئەڭ كۈچلۈك تۈركۈم ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا خىل ئىلىم ئادەملىرىنىڭ بالدۇرراق يېتىشىپ چىقمىغانلىقى، تەتقىقاتىنى بۇرۇنراق باشلىيالمىغانلىقى، بىخەستىلىكى، ئابىدە تىكلەپ بۇرۇنراق خەلقئاراغا ئېلان قىلىمىغانلىقى سەۋەپلىك، ئەسلىدىنلا ئۆزىمىزگە تەۋە بىر قىسىم مەشھۇر تارىخى شەخىسلەرنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش شەخىسلەرنىڭ كىملىكى، تەۋەلىكى ھەققىدە ئىلمىي ئىزدىنىش، تەھقىقلەش ئاساسىدا ئۇنىڭ ئۆزىمىزگە مەنسۇپلۇقى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرىشىمىز لازىمكى، بەل قويىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، تارىختىكى بىر قىسىم دۇنياۋى شەخىسلىرىمىزنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، بۈيۈك مىللىي ئۈلگىلەردىن مەھرۇم بولىمىز ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىمىزنى نامراتلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان بولۇپ قالىمىز. يالقۇن ئەپەندى بۇ يەردە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىر خىل ئىككىلىنىشىنى، بىپەرۋالىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ پاكىت قىلىپ قويغان پىكىرىگە زىت ھالدا پىكىر ئىزچىللىقىنى يوقاتقان لېكىن بۇنى سەزمىگەن پېتى نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىمۋولى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقا باشلايدۇ ۋە نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانلىقىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەر يازغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىگە قارىتا ئەخلاقىي مۇھاكىمىلەرنى يۈرگۈزىدۇ. «ماقالە» مۇئەللىپى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابىدىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دانىشمەنلىكى، ھەققانىيەتچىلىكى، راست سۆزلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى قاتارلىق ئۆز مىللىي تۈركۈمىگە تەۋە سانسىز پەزىلەتلىرى ئىپادىلەنگەن بايانلارنى قايرىپ قويىدۇ، كەمچىلىكنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەنگەن قىلىپ كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ روھى غالىبىيەتچىلىكى، خوشاماتچىلىكى، تۇزكورلىقى، ھورۇن، نادان، بىلىمسىزلىكى كەبى تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدەك ئۆزگىچە خاراكتىرى گەۋدىلەنگەن ئىچكى مەنىدارلىققا ئىگە تەرەپلەرنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ، پەقەت نەسىردىن ئەپەندىنىڭ كۆرۈنىشتىكى« شاللاقلىقى، خوتۇنپۇرۇشلىقى»تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنىلا مىسالغا ئېلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئەختەم ئۆمەر يامان نىيەتلىك شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە پۈتۈنلەي ئالۋاستى-شەيتانسىمان، ناشايان ئىشلارنىلا قىلىدىغان غەلىتە بىر نەسىردىننى يارىتىپتۇ، ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇرىغا ھىچ مۇناسىپ بولمىغان بىر ئوبراز ئارقىلىق«بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا زىيانكەشلىك»قىپتۇ، دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

ئەسلىدە«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابتىكى مەزمۇنلار خەلقىمىز ئارىسىدا ئاللىقاچان تارقىلىپ يۈرگەن نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى لەتىپە ۋە يۇمۇرلارنى قايتىدىن رەتلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى گۆشى ھەم قېنى بار رىئال ئادەم سۈپىتىدە ئوقۇرمەن ئالدىدا نامايەن قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلغان. ئەسەردىكى نەسىردىن ئەپەندىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار، نەسىردىن ئەپەندى خاراكتىرىگە مەنسۇپ نۇرغۇن دېتاللار ئەسلى نۇسخىدىكى «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» دە شۇ خىل ھالەتتە كۆرۈلگەن. يازغۇچى پەقەت ئۈستىدىن قايتا مۇناسىپ بەددىي جەھەتتە ئىشلىگەن. ئەگەر «ماقالە»ئاپتورى ئەسلى پروتوتۇپ ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھارغىچە «كەمچىلىكى»بار نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىغا لاياقەتسىزلىك تامغىسىنى ئۇرسا، ئۇنداقتا، خەلق ياراتقان «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نىمۇ بىر پارچە«ئەدەبىي ئەخلەت»دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ۋاھالەنكى، «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»دېگەن بۇ ئەسەر «ئەدەبىي ئەخلەت»ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى بىر قىممەتلىك گۆھەر ھېساپلىنىدۇ. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»دېگەن ئەسىرىنى ئىشلەش داۋامىدا ئەدەبىي مۇھىتقا يارىشا پېرسوناژ تىلى بېرىش، ئەسەر كومپوزتسىيەلىك قۇرۇلۇشىنى ھىم، ئىجادىي ئورۇنلاشتۇرۇش، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مۇرەككەپ خاراكتىرىنى ئىپادىلەش، بايان بىلەن دېئالوگلارنىڭ ئەسەردىكى سالمىقىنى مۇۋاپىق بېرىش جەھەتلەردە خېلى زور دەرىجىدە ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن. «نەسىردىن ئەپەندى»دېگەن بۇ كىتاپ تارقاق، قىسقا، بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىللىرىنى مۇئەييەن پۈتۈنلۈككە، ئىزچىللىققا، داۋامچانلىققا ئىگە قىزىقارلىق ۋەقەلىك قىلىپ قۇراشتۇرۇلۇپ بايان قىلىش يولى بىلەن ساترىك تۈسكە ئىگە چاتما چۆچەكلەر شەكلىدە يېزىپ چىقىلغان. ئالايلى، كىتابنىڭ «خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش»دېگەن بۆلىكىدە«شەھەرنىڭ سارىڭى، يېڭى خوتۇن ئالغاندا تەكلىپ قىلىش، گۇناھىنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ، جانۋارنىڭ سىلىچىلىك ئەقلى بولغان بولسا. . . »(شۇ كىتاب، 22-بەت) دېگەندەك تۆت لەتىپىنى چاققانلىق بىلەن كىرىشتۈرۈپ ھەق سۆزلەيدىغان، زالىملىقنى سۆكىدىغان، ئادالەتنى ياقىلايدىغان، قورقماي ھاماقەت ھۆكۈمدارلارنى مەسخىرە قىلالايدىغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى يارىتىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ قەدەر قىسقا، تارقاق ھالەتتىكى لەتىپىلەردىن بىرى يەنە بىرىنىڭ سۇژىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا يارايدىغان لەتىپىلەرنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، لەتىپىلەردىكى ئەسلىدە بار بولغان ساتىرىك، يۇمۇرلۇق، پەلسەپىۋى خۇسۇسىيەتنى يوقاتماسلىق، ھەر بىر چاتما ساتىرىك چۆچەكنى نىسپى مۇستەقىللىققا ئىگە قىلىش بىلەن ئومۇمىي كىتاپنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ئەلۋەتتە، سىنارىيە ئىشلىتىلمىگەندىن كېيىن ئاپتور ئەسەرنى چۆچەكلەشتۈرۈش جەريانىدا پېرسوناژ تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىيەلمەي قالغان تەرەپلىرى يوق ئەمەس. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر« نەسىردىن ئەپەندى» ماۋزۇسىدىكى بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا يەنە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ ئەسلى خاراكتىرىغا سادىق بولغان. نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ساتىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتىرلەنگەن. ئەپەندى ئوبرازى قوش بىسلىق ئوبراز بولۇپ، ئۇ ھەم دانالىق، ئادالەت، ئاقكۆللۈكنى ھەم نادانلىق، پىخسىقلىق، ئەخمەقلىقنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن. «ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىزىقچىلىقلىرىنى، يۇمۇرىستىك ھېكايە-لەتىپىلىرىنى نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئوبراز ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرگەن». ⒀ ئەسلى نۇسخىدىكى«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»دىمۇ، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بەزىدە ھەققانىيەتچىل، خەلقچىل ئوبرازى ئىپادىلەنگەن بولسا، بەزىدە يەنە ئەخمەق، پىخسىق، ئالدامچى، روھى غالىبىيەتچى، ئاچكۆزبولۇشتەك سەلبىي ئوبرازىمۇ ئىپادىلەنگەن. ئاۋۋالقىسىدا ئۇ خەلقنىڭ دەردۇ-ھالىغا يېتىدىغان، ئادالەتچى، زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدىمۇ راست گەپ قىلىدىغان دادىل كىشى سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىقسا، كېيىنكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۈرلۈك روھىي ئىللەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى يامانلىق، ئەخمەقلىق، پىخسىقلىققا ئوخشاش تۈرلۈك مەنىۋى كېسەلىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگۈچى شەخس سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەزىلگە ياتىدىغان مەنفى خاراكتىرى يات تۇيۇلمايدۇ، بەلكى خەلقنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ناچار مىجەز-خاراكتىرى ۋە قىلمىشلىرى ئەپەندىمگە يۈكلىنىپ قامچىلىنىپتۇ، دەپ چۈشىنىلىدۇ. كىشىلەر «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»نى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىجابىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن ھەققانىيەتنى، ئادالەتنى، ۋىجدان ۋە غورورنى ھىس قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېگىشلىك شاتلىققا ۋە دەپمۇ دەل توغرا قىممەت قاراشقا ئېرىشىدۇ. سەلبي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى روھىي نۇقسانلارنى، بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان خاتالىقلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ساددا ئوقۇرمەنمۇ مەسىلىنى نەسىردىن ئەپەندى تەرەپكە قويماستىن، ئۆزىدىن ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئىزدەيدۇ، كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان تەرەپلىرىنى ئويلاپ، تۇرمۇش نىشانى ھەققىدە ئويغا چۈمىدۇ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بەزىدە قېنىپ شادلىق كۈلكىسىگە چۈمىدۇ، بەزىدە خىيال ئىچىدە ئاچچىق كۈلىدۇ. «لەتىپىلەردىكى تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرسى بىۋاستە ھالدا ئاشۇ خىل يارىماس ئادەتلەرنى ھەجۋى قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، يەنە بىرسى ئەپەندىم ئۆزىنى نادان، ئەخمەق ئورۇندا قويۇپ ئۆز ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. »⒁نەسىردىن ئەپەندى چاسا پېرسوناژ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا ھەق-ناھەق، توغرا-خاتا، ياخشىلىق-يامانلىق مەسىلىلىرى كىتابخان ئالدىدا قايناق كۈلكە ئىچىدە ئايان بولسا، يۇمىلاق پېرسوناژ سۈپىتىدە لەتىپىلىرىدە ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندا ئىنسان روھىدىكى تۈرلۈك تۈگۈنلەر، يارىلىش ۋە يارىتىلىش ھەققىدىكى سىرلار، ھاياتتىكى زىددىيەتلىك ئىچكى توقۇنۇشلار ئادەمنى سالماق ھالدا ئويلاندۇرىدىغان كۈلكە ئىچىدە ئايان بولۇشقا باشلايدۇ.

مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ خاراكتىرگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى ، ئەلۋەتتە، بەزى لەتىپىلىرىدە خوتۇن- قىزلارنى كۆرسە، قاش ئېتىپ قويىدىغان، ئاياللارغا چاخچاق قىلىپ قويىدىغان«كەمچىلىك»لەردىن خالى ئەمەس. بۇنداق لەتىپىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى يۇقۇرىدىكى پىكىر يولى بويىچە بولغاندا «خوتۇنپۇرۇش»، «بۇزۇق، شەھۋەتخور»نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى خانىم-قىزلارنى كۆرسە ئانچە-مۇنچە چاخچاق قىلپ قويىدىغان خىلمۇ خىل رىئال شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ماقالە»ئاپتورى مانا مۇشۇنداق ھەرقايسى ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر كىتابلاردا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ساۋات خاراكتىرلىق چۈشەنچىلەرنىمۇ بىلمەسكە سېلىۋالغان ياكى بىلمىگەن. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەسلى نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى پروتوتىپىدىن پۈتۈپ چىققان يالقۇن روزى تەرىپىدىن لەنەتكە قالغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىمۇ ، ئەمەلىيەتتە، ئاللىقانداق «شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»نىڭ نەتىجىسى بولماستىن، نەسىردىن ئەپەندى خاراكتىرىدىكى كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكتىن كەلگەن. ھەجۋى خۇسۇسىيەتلىك ئەسەرلەر كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك سەلبىي ھادىسىلەرنى پاش قىلىدۇ، قامچىلايدۇ، ئاچچىق كۈلكە ئاستىغا ئالىدۇ. ئادەتتە ئوقۇرمەن ئەسەردىكى پېرسوناژ ۋە مۇھىتتىن ئۆز ھاياتىنىڭ قىسمەن رۇجەكلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇرمەننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي، ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى، نومۇسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرىۋالساق، ئۇنداقتا، شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، قىسمەن جايلىرىغا يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ «زەھىرى»سىڭگەن «سېرىق، شەھۋانى تەركىبلىك رومان»، «نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە، مەشھۇر ئەسەر سۈپىتىدە تۇتىيا بىلىپ، باشلىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىشىدۇ. يالقۇن ئەپەندىنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىمىز شۇكى، بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسۇن نېمە تەسۋىرلەنسە، كىشىلەرگە شۇنى قىل دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئىشمۇ بار، دېگەنلىك بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتقانلىق بولىدۇ، كىشىلىك پەلسەپەسىنى بىلدۈرگەنلىك بولىدۇ، ئىستىتىك زوق ئاتا قىلغانلىق بولىدۇ، ھاياتنى كۈزىتىش نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىپادىلەش بولىدۇ ياكى يامان ھەدىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بولسا، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئال، دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ، ئۇنى«ماقالە» ئاپتورى خاتا چۈشىنىۋالغان شەرقشۇناسلىقنىڭ رايونىمىزدىكى مەخپى ھەرىكەت خادىمىنىڭ يوشۇرۇن «تەشەببۇس»ى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. ياكى ئاشۇرۇپ «يىگانە ئارال»، «باياۋاننىڭ سىرى»، «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ»دېگەندەك بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزگە خېلى يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئەدەبي زوق بېغىشلاۋاتقان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنى« غەرب جاھانگىرلىكى» ئارىمىزغا سالغان مىللىتىمىز«كۇلتۇرىنى مەينەت قىلىش»مەخسۇس ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «ئاسىي»غا ئايلاندۇرۇپ قويساق تېخىمۇ بولمايدۇ. ھەممەيلەنگە ئايانكى، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»نى يازغان بىز تونۇيدىغان يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازنى يارىتىشتىكى مەقسىدى ئۇيغۇرلاردىن چىققان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، تۈركىي قەۋملەرگە ئورتاق كۈچ ۋە سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش، ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشنى خالايدىغان ئەۋلادلارنىڭ روھىيەت قاتلىمىغا دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت. ھەرگىزمۇ «ماقالە» ئاپتورى خاتا چۈشىنىۋالغان شەرقشۇناسلىقنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يولى بويىچە مېڭىپ، ئۆز مىللىي قەھرمانلىرىنى ئۆزى كەمسىتىش، بۇرمىلاپ كۆرسىتىش، مەدەنىيەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ئىككىلىنىش ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، «ماقالە» دە تىلغا ئېلىنغاندەك «رەسۋا نەسىردىن ئەپەندى»، «كالۋا نەسىردىن ئەپەندى»ئوبرازىنى يارىتىپ، «ئۇيغۇر بالىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش»، «نەسىردىن ئەپەندىنى دەپسەندە قىلىش»ئەمەس. «ماقالە»ئاپتورى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بېرىشتە ئەسەردىكى ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپنى، ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىكنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ باھالاش كېرەكلىكىدەك نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان. ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان، پۈتكۈل تۈركىي قەۋمىنىڭ بەختىنى ئويلاپ ھالال ئەجر سىڭدۈرىۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىشتە يەڭگىلتەكلىك بىلەن«ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سېنارىيە يېزىش ئىقتىسادى ئاچكۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. »دېگەن قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. روشەنكى، بۇ ئوبزورچىلىق ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىغا تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ‹ماقالە›دە دېيىلگەندەك «ئەزەلدىن ئەقىل-پاراسەتلىك، خەلىقچىل، قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندىنى لېئونىد سولۇيوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇش»بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى بۈگۈنكى دەۋر ياش-ئۆسمۈرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدە قايتىدىن نۇرلاندۇرۇپ، نەسىردىن ئەپەندى ياراتقان مەنىۋى قىممەتنى خەلقىمىز قەلبىدە نۇرلۇق بىر ئاممىۋى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، «ماقالە»مۇئەللىپى پۈتكۈل يازمىسىدا غەربنىڭ سىياسىي مۇستەملىكىچىلىكى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى، ئەدەبىيات پېنى بىلەن شەرقشۇناسلىق پېنىنى ۋە بۇ ئۇقۇملارنى بىربىرىگە ئارلاشتۇرىۋەتكەن. ئەدەبي تەنقىدچى مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرىگە پىششىق بولىشى، تارىختىكى شەخسلەرنىڭ ئورنى، قانداق خاراكتىرگە ئىگە شەخس ياكى ئوبراز ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھازىرقى زامان مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى رېنې ۋېللىك، ئوستىن ۋاررىنلار مۇنداق دەيدۇ:«ئەدەبىيات تارىخى ئەدەبىي تەنقىدتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، چۈنكى ئەدەبىي تەنقىد چوقۇم يالغۇز ئۆز شەخسى خاھىشىغا تايىنىشنىڭ ئەڭ سوبىكتىپ ھۆكمىدىن ھالقىغان بولىشى كېرەك. بىر تەنقىدچى مۇبادا ئەدەبىيات تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا، ھۆكۈم قىلىشتا داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئۇ قايسى ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقنى، قايسىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي قالىدۇ. تارىختىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك، داۋاملىق تۈردە نۇرغۇنلىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرى يېتەرسىز بولسا ياكى پۈتۈنلەي بىلمىسە، چالا-پۇلا قارىغۇلارچە پەرەز قىلىپ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۆزىنى <مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كەچۈرمىشلەر>نى ئۆتكۈزىۋاتقاندەك تەسۋىرلەيدۇ»⒂ دېمەك، چۈشەنچىلەر پاكىتنى، ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلىشى، كۆزقاراش ئىزچىللىققا ئىگە بولىشى كېرەك. بۇ بىر تەرەپ. يەنە بىرسى، نۆۋەتتە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، پىسخىكا، تۇرمۇش شەكلى، ئەخلاق، پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھە دىسە تولىمۇ يىراقتىكى«غەرب مۇستەملىكىچىلىرى»دىن، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىلىملىرىنىڭ «تۇيدۇرماي زەھەرلىشى»دىن كۆرمەي، يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ئوبدان ۋاراقلاپ، ئەتراپىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن كۆرىدىغان تەپەككۇر شەكلىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ خىلمۇ خىل ساھەسى، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرى، ئاددىيسى، قانۇن، كىشىلىك قەدىر-قىممەت تەرەپلىرگىلا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئويلىغىنىمىزغا قارىغاندا زور ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمايمىز. خەلقىمىز ھازىرقى زامان نادانلىقىدىن ۋە زامانىۋى خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشتا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپەقىيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق. بىزدىن ئاۋۋال باسقان ھايات مۇساپىسىدىكى ئىلغار تەجىربىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئېھتىياجلىق. شۇنداق ئىكەن ساپ ئىلىم تۈسىدىكى شەرقشوناسلىق ۋە باشقا ھەر خىل ئىلىملەرنى« غەرب جاھانگىرلىكى»نىڭ سۈيقەستى ۋە باشقا ھەر خىل ناملاردا سەت كۆرسىتىش خەلقىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىنى، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەسلى مەنبەسىدىن ئېلىشقا، ئەسلى مەنبەسىدىن چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشقا توسالغۇ بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز پايدىلىق ھەركەت ئەمەس.

ئىزاھاتلار:

①«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لوغىتى»نىڭ«ش»ھەرپ تۈرىگە ۋە خەنزۇچە«ئوكيانۇس»نىڭ شۇ سۆز ئىزاھلانغان يېرىگە قاراڭ.

②⑤ئېدۋارد سەئىد:«شەرقشوناسلىق»، شىنجى ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى، 1999-يىلى5-ئاي نەشرى، خەنزۇچە،

3-، 7-، 16-بەت

③④⑥⑧⑨ خەنزۇچە«بەيدۇ» ئىزدەش تورىغا ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىزدەش نەتىجىسىگە قاراڭ.

⑦⑩⑾ئوسمان ئىسمائىل:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1994-يىلى5-ئاي نەشرى، 174-، 184-، 446-بەت

⑿⒀كېرىمجان ئابدۇرېھىم:«يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1993-يىلى5-ئاي نەشرى، 164-، 171-بەت

⒁مۇھەممەت زۇنۇن، ئابدۇكېرىم راھمان:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1988-يىلى 5-ئاي نەشرى، 374-بەت

⒂رېنې ۋېللىك، ئوستىن ۋاررېن: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتى، 2010-يىلى 9-ئاي نەشرى، خەنزۇچە، 38-، 39-بەت

(ئاپتۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە) تارىم ژورنىلى 2012-يىللىق4-ساندىن ئېلىندى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەدەبىي تەتقىقات
يېڭى يازمىلار