«ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ تولۇق تېكىستى

ئاپتورى: ئەدىب ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى
نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار: خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ .

نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ، مەزكۇر زور ھەجىملىك شېئىرىي ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەت ئىشىكى) ئەدىب ئەخمەت يۇكنەكى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ، ئۇنى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، يەنى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېزىلغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ .
ئەسەر 14 باپ، 484 مىسرادىن تەركىپ تاپقان . ئۇنىڭغا كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىرنى قوشقاندا، ھەممىسى بولۇپ 512 مىسرا بولىدۇ . ئەسەر ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يۈكسەك ماھارەت بىلەن يېزىلغان .
ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى «ئەدىب ئەخمەت» دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ . ئەسەرگە ئىلاۋە قىلىنغان پارچىلاردا ئاپتور «ئەدىب» نامى بىلەن ئاتالغاندىن باشقا، بىر پارچىدا ئەدىپنىڭ يۇرتى «يۈكنەك» ئىكەنلىكى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى «مەخمۇت يۈكنەكى» ئىكەنلىكى ئېتىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورنىڭ تولۇق نامېنى «ئەدىب ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى » دەپ ئاتاشقا بولىدۇ .
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» دىداكتىك داستان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەخلاقى، پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ . ئاپتور ئىلىم – مەرىپەتكە، بىلىم ئىلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە، مەرتلىك، ئادىللىق، كەمتەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، خەسىسلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . ئاپتورنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئېيتقاندا زور ئىلغارلىققا ئىگە . لېكىن دەۋر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئاپتور بىر مۇنچە پاسسىپ قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان . بىز بۇ ئەسەرنىڭ مۇنداق پاسسىپ تەرەپلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە .
بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئېگەرلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان بىر شېئىرىدا ئەسەر «قەشقەر تىلى» بىلەن يېزىلغان دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن . بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان قەشقەر تىلى بىلەن مەھمۇد قەشقىرى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»تە تىلغا ئالغان «خاقانى تۈرك تىلى» ئەمەلىيەتتە بىر تىل بولۇپ، ھەر ئىككىسى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . ئەسەردە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئامىللىرى بىلەن چاغاتاي تىلى (14 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى) ئامىللىرىنىڭ ئارىلاش قوللىنىلغان لىقىنى، ئەسەر تىلىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى تىلنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز . بۇ ھال ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركى تىللار ئىچىدىكى تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا بىز نى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بار: بىرى قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ( ئا نۇسخا) بولۇپ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىددىن، سۇلتان بەخت، ھۆسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن . ھازىر بۇ نۇسخا ئىستانبۇل دىكى ئايا سوفىيا (ئاياسوفيا) كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا؛ ئىككىنچىسى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يىزىقىدا قۇرمۇ – قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبولدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبولدىكى ئايا سوفىيا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا؛ ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەب يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ك نۇسخا) بولۇپ بۇمۇ ئىستامبولدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس، بۇ نۇسخا ھازىر ئىستامبولدىكى توپكاپى – سارىيى (توپكاپى-سارىيى) كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا .
بۇ ئەسەر بەزىدە «ھەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نام بىلەنمۇ تىلغا ئىلىنىدۇ . بۇ نام ئەسەرنىڭ ب،ك نۇسخىلىرىغا بېرىلگەن نامىدىن كېلىپ چىققان . ئەسەرنىڭ ئا نۇسخىسى نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن كونا ھەم تولۇق بولۇپ، شۇنۇسخىدا ئەسەرنىڭ نامى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» دېيىلگەنلىكى ھەم بۇنام ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئەسەر ئومۇمەن شۇ نام بىلەن ئاتالماقتا .
بىز كەڭ ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىنىڭ بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى تۈركىيە تۈركولوگى رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ تەييارلىشى بىلەن تۈركىيە ئاتەش نەشرىياتى تەرىپىدىن 1951 – يىلى ئىستامبولدا نەشىر قىلىنغان نەشىردىكى قوليازما نۇسخىلىرىغا ئاساسەن ۋە رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ 3 خىل نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش ئاساسىدا بېكىتكەن تېكىستى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ كونا ئۇيغۇر يىزىقىدا تىرانسكىرىپىسىيىلەشتۈرۈپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق . سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقتىن كەمچىلىك خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىي . بۇ جەھەتتە بېرىلگەن تەنقىدلەرنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز .

تۆۋەندىكىسى تېكىست تەرجىمىسى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

1 ئاللانىڭ مەدھىيىسى ھەققىدە

1 . خۇدا ساڭا كۆپلەپ مەدھىيە ئوقۇيمەن،
(دائىم) سىنىڭ رەھمىتىڭدىن ياخشىلىق كۈتىمەن .
2 . (سىنى) لايىغىڭدا مەدھىيىلەشكە مېنىڭ بۇ تىلىم يارارمۇ،
ئىقتىدارىمنىڭ بارىچە سۆزلەي، ماڭا يارى بەر .
3 . جانلىق، جانسىز، ئۇچقان، يۈگۈرگەن(ھەممە)نەرسىلەر،
سىنىڭ بارلىغىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ .
4 . سىنىڭ بىر لىكىڭگە دەلىل ئىزدىگەنلەر،
بىر ئىشتىن مىڭلارچە دەلىلگە ئىگە بولىدۇ .
5 . يوق ئىدىم، ياراتتىڭ، يەنە يوق قىلىپ،
ئىككىنچىلەپ بار قىلىسەن، مەن بۇنىڭغا .ئىقرار مەن .
6 . ئەي، شەك يولىدا يۈرگەنلەر، ئويغىنىڭلار،
كېلىڭلار، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇڭلار .
7 . قادىر(ئاللا)تۈننى ۋە كۈندۈزنى ياراتتى،
(ئۇلار)بىر بىرىگە ماسلىشىپ ئالدىن – كىيىن ماڭىدۇ .
8 . (ئۇ)كۈننى كەتكۈزۈپ تۈننى كەلتۈرىدۇ .
تۈننى ھەم كەتكۈزۈپ قايتىدىن تاڭنى يارىتىدۇ .
9 . (ئۇ)ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ھەم تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ ،
كۆرىسەن ،بۇنى ياخشى بىل .
10 . بۇ قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بىر تەڭرىدۇر،
ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش – ئۇنىڭغا ئاساندۇر .

2 پەيغەمبەر مەدھىيىسى ھەققىدە

11. ئەمدى پەيغەمبەر پەزلىدىن بىر ئاز سۆز ئىشتىڭلار،
سۆزۈمنى ئەقىل – ھۇشۇڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار .
12 . ئۇ خەلق سەردارى، ئىنسانلارنىڭ قۇتلۇغىدۇر،
(شۇنى)بىلىڭكى، يارىتىلغانلارنىڭ(ئىچىدە) ئۇنىڭ تەڭ – تۇشى يوقتۇر،
13 . رەسۇللار ئاق يۈز(كېلىدۇ). ئۇ بولسا بۇ يۈزنىڭ كۆزىدۇر،
ياكى ئۇلار قىزىل مەڭىزلىكتۇر، ئۇ بولسا شۇ مەڭىز دىكى مەڭدۇر .
14 . (مەن) ئۇنى مەدھىيىلىسەم تىلىم تاتلىق بولىدۇ ،
(چۈنكى)ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەن ئۈچۈن شەھدۇ – شىكەردۇر .
15 . ئەتە نۇرغا چۆمۈلسەم، قولۇمدىن تۇتقۇچى بولىدىغان،
ئۇ(رەسۇلغا)بۈگۈن مەندىن سالات ۋە سالام تەگسۇن .

3 تۆت ساھابە مەدھىيىسى ھەققىدە

16 . يەنە چارىيارلارغا سالام يوللايمەن،
مەن ئۇلاردىن ھېچقاچان تانمايمەن .
17 . بىرى ئەتىق، (بىرى)فارۇق، ئۈچىنچىسى زىننۇرەيىندۇر،
تۆتىنچىسى ئەلى – قەھرىمان يىگىتتۇر .
18 . كىمكى بۇ تۆت يارەنگە بەد ئېتىقادلىق قىلسا،
مەن ئۇنىڭغا مىڭ لەنەت ئوقۇيمەن .
19 . ئىلاھى، كەچۈرگۈچى رەببىمسەن؛ مەن سىنىڭ ئالدىڭدا
قانچىلىك گۇناھكار قۇل بولساممۇ مېنى كەچۈرگىن .
20 . ھىممىتىڭگە ئىرىشسەم قۇتۇلىمەن،
ئەگەر ئادالىتىڭنى قوللانساڭ، بۇ مەن ئۈچۈن پالاكەت بولىدۇ .

4 بۈيۈك ئەمىر مۇھەممەد دات ئىسپەھسالار بەگ مەدھىيىسى

21 . ئەي، تىل، مەدھىيىلەر ياراتقىن ۋە سۇنغىن، قىنى،
مەن ئۇنى شاھىمغا سوغا قىلاي .
22 . (مەن)شاھىم مەدھىيىسى بىلەن كىتابنى بىزەي،
ئوقۇغان كىشىنىڭ جىنى سۆيۈنسۇن .
23 . ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى، مەردلىكى ۋە مىسلىسىز ئىھسانى،
مەدھىيىلەشنى بىلمىگەن كىشىگە مەدھىيە ئۆگىتىدۇ .
24 . ئۇ ئەقىل – ھۇش ۋە پەم – پاراسەت ماكانى،
بىلىم ئوچىقى ۋە پەزىلەت كانىدۇر .
25 . ئۇ (ئۆز) ھىممىتىنى سىماك(يۇلتۇزى) دىن يۈكسەك تۇتىدۇ ،
مەردلىك بىلەن كەڭ قورساقلىق(ئۇنىڭ)ئىككى دەرمانىدۇر .
26 . ئۇ رەئىيەگە قارىتا شەپقەتچان، لىللا ۋە يۇمشاق تىلدۇر،
لېكىن غەزەپلەنگەندە شەرا ئارىسلانىدۇر .
27 . (ئۇ)غەيرەت – شىجائەتتە خۇددى ئۆمەرگە ئوخشايدۇ،
مەردلىك ۋە ئالىيجاناپلىقتا (بولسا) ئوسمانغا جۆر بولىدۇ .
28 . ئۇ زىرەكلىكتە ئاياسنى بېسىپ چۈشىدۇ،
ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئانوشىرۋاننىڭ ئۆزىدۇر .
29 . ئۇنىڭ ئىھسانى ئالدىدا بۇلۇت خىجىل بولىدۇ ،
بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ .
30 . ئەي شاھىمنىڭ ياخشىلىقلىرىنى سانىغان (كىشى)،
چۆلدىكى قۇم ۋە شىغىلنىڭ سانى (ئۇنىڭغا)تەڭ كىلەلمەيدىكەن .
31 . سىياسەت، رىياسەت، قىياسەت ۋە كەڭ قورساقلىق،
(بۇلارغا) ئادالەتنى قوش: بۇلارنى ئاڭلا ۋە چۈشەن .
32 . يەنە شەرەپ، ئىنسانىيەتچىلىك ۋە مەردلىك – ھەممىسىنى
قادىر (ئاللا) شاھىمغا ئاتا قىلدى .
33 . بۇلۇت ئۇششاق قەترىنى ھەدىيە قىلسا،
دېڭىز(ئۇنى) ئاز – كۆپ دېمەي قۇبۇل قىلىدۇ .
34 . شاھىمنىڭ كۆكسى – قارنى دېڭىزدىن مىڭ ھەسسە كەڭدۇر،
بۇ ئەرزىمەس ھەدىيىنى قۇبۇل قىلسا، ئەجەپ ئەمەستۇر .
5
كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە
35 . بۇ كىتابنى داد ئىسپەھسالار بەگ ئۈچۈن يازدىم،
ئۇنىڭ نامى دۇنيادا قالسۇن دەپ .
36 . كىتابىمنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان كىشى،
شاھىمنى دۇئا بىلەن ياد ئەتسۇن دەپ .
37 . كۆڭۈللەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولۇپ،
جاھان ئۇنىڭ يادى بىلەن تولسۇن دەپ .
38 . كىيىن دۇنياغا كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدا،
ئۇنىڭ خاتىرىسى مىسلىسىز يۈكسەك بولسۇن دەپ .
39 . بۇ كىتابنى ئەڭ ئېسىل سۆزلەر بىلەن بىزىدىم،
(ئۇنى)كۆرگەن، ئوقۇغانلار بەھىر ئالسۇن دەپ .
40 . مەن بۇكىتابنى شاھىمغا سوغا قىلىپ ئەۋەتتىم،
ھاۋادار لىغىمنى تۈگەل بىلسۇن دەپ .

6-بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە

41 . سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن،
ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا .
سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،
بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ .
42 . بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر .
بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ .
بىلىملىك ئايال گويا ئەر، نادان ئەر گويا ئايالدۇر .
43 . ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ،
ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .
بىلىمسىز(كىشى) ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ،
(ھالبۇكى) ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ .
44 . ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .
بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ، نامى تىرىك قالىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ .
45 . بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كېلىدۇ،
تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ .
ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن،
بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار .
46 . ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ،
بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى .
بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە، شۇنى بىلگىنكى،
ھەق رەسۇل: «بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭلار» دېگەن .
47 . بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ،
بىلىم تەمېنى ئەي دوست، بىلىملىك بىلىدۇ .
بىلىڭكى، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۈرىدۇ ،
بىلىمسىز ئەخمەق بىلىمنى نېمە قىلىدۇ؟
48 . بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ،
ئۇنىڭغا پەند – نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ .
ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ،
(لېكىن)نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر .
49 . قارا، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ،
ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ، كىيىن ئۆكۈنمەيدۇ .
بىلىمسىز ھەممە ئىشقا ئۆكۈنىدۇ .
ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق .
50 . بىلىملىكلەر كېرەكلىك سۆزنى قىلىدۇ،
كېرەكسىز سۆزلەرنى كۆمۈپ تاشلايدۇ .
بىلىمسىزلەر دائىم بىلمەستىن سۆزلە ۋىرىدۇ .
ئۇنىڭ ئۆز تىلى ئۆز بېشىنى يەيدۇ .
51 . ياراتقۇچى ئىگە بىلىم بىلەن تونۇلىدۇ،
بىلىمسىزلىكتىن ياخشىلىق كۆرگەن(كىشى)بارمۇ؟.
بىلىمسىزلىكتىن بىرمۇنچە خەلق،
ئۆز قولى بىلەن بۇت ياساپ، شۇنى ئىگەم دېدى .
52 . بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند – نەسىھەت ۋە ئەدەبتۇر،
بىلىملىكنى ئەجەممۇ، ئەرەبمۇ ماختىدى .
مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگىمەس مۈلۈك،
نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەب .

7 -تىلنى تىزگىنلەش ھەققىدە

53. بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن،
(ئۇلار)ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ .
تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن،
ئەگەر(ئۇ) قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ .
54 . ئويلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى سۆز جەۋھىرىدۇر،
كۆپ مەمەدانلىق قىلغان تىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەندۇر .
ئاغزىڭغا كەلگىنىنى سۆزلە سۆزلەۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇت ،
ئېغىز بوشلۇقى ئاخىر بېشىڭغا چىقىدۇ .
55 . ئاغزى بوش كىشىنى ئەقىللىق دېگىلى بولمايدۇ ،
ئېغىز بوشلۇقى نۇرغۇن باشنى يېدى .
كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، شۇنى بىلگىنكى،
ئوق يارىسى ساقىيىدۇ، (لېكىن) تىل يارىسى ساقايمايدۇ .
56 . تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر،
ئۆز تىلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىنى تۆكۈلدى .
كۆپ سۆزلىگەنلەردىن ئۆكۈنگەنلەر كۆپ،
تىلنى تىزگىنلىگەنلەردىن ئۆكۈنگىنى قىنى؟ .
57 . كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ،
كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ئەسكىلىكى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ .
بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنكى،
تەن ھەرتاڭدا تۇرۇپ تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ .
58 . ئەگەر بىر كىشىدە (مۇنۇ)ئىككى نەرسە بىرىكسە،
ئۇ كىشىگە ئادەمگەرچىلىك يولى ئېتىلىدۇ:
(ئۇنىڭ)بىرى قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش بولسا،
ئىككىنچى يالغان سۆزلەشتۇر .
59 . يالغانچىدىن يىراق تۇرغىن ۋە تەزگىن،
ئۆمرۈڭنى راستچىللىق بىلەن ئۆتكۈزگىن .
راست گەن ئېغىز ۋە تىلنىڭ بىزىكىدۇر،
راست گەپ قىلىپ تىلىڭنى بىزە .
60 . تىلىڭنى تىزگىنلە، ئاز سۆزلىگىن،
تىلىڭنى تىزگىنلىسەڭ، ئۆزەڭ قوغدىلىسەن .
رەسۇلىللا :«كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر»دېدى،
تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن ئۆزۈڭنى قۇتقاز .
61 . راست گەپ ھەسەلدەك، يالغىنى پىياز،
ھەسەل يىگىن، پىياز يەپ ئاغزىڭنى ئاچچىق قىلمىغىن.
يالغان سۆز گويا كېسەل، راست سۆز شىپادۇر،
بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دېيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر .
62 . راستچىل بول، راستچىللىق قىل، راستچىل ئاتال،
كىشىلەر سىنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن .
ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىل تونىنى كىيگىن،
كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راستچىللىق تونىدۇر .
63 . چىڭ ساقلا سىرىڭنى كىشىلەر بىلمىسۇن،
سۆزۈڭدىن ئۆزەڭگە تۈگۈنچ كەلمىسۇن .
بارلىق يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭ ئاشكارا بولۇپ،
(بۇنى)كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلار ساڭا كۈلمىسۇن .
64 . دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيتما، ھەزەرقىل،
ھەرقانچە ئىشەنچلىك يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ .
سىرىڭنى ئۆزەڭ ساقلىيالمىساڭ ،
دوستۇڭ ساقلىيالارمۇ، بۇنى ياخشى ئويلان .

8-دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە

65 . بۇدۇنيا(يولۇچىلار)چۈشۈپ ئۆتىدىغان سارايدۇر،
سارايغا چۈشكۈچىلەر مېڭىش ئۈچۈن چۈشىدۇ .
كارۋاننىڭ ئالدى قوزغىلىپ ئۇزاپ كەتتى،
ئالدى بىلەن قوزغالغان كارۋان قانداقمۇ كېچىكىپ قالسۇن ؟!
66 . نېمىشقا بۇ دۇنيانىڭ كەينىدىن يۈرگۈلۈك؟
خەسىسلىكتىن ساقلىنىشقا ئۆزەڭ كۈچە .
نېمىشقا مال – دۇنياغا مۇنچىلا كۆڭۈل بېرىسەن؟
بۇ مال – دۇنيا ئەتتىگەندە كەلسە كەچتە يەنە كېتىدۇ .
67 . مۈلۈك پەرەسلىكنى كۆڭۈلدىن چىقارغىن،
ئەڭلىق پۈتۈن، قوسۇغۇڭ توق بولسا شۇنىڭغا قانائەت قىلغىن .
ئەتىگە ئوزۇقۇڭ بولمىسا، بۇ يوقسۇللۇقتۇر،
مۈلۈك يوقلۇقىنى يوقسۇللۇق دېمە.
68 . بۇ دۇنيا نەرسىلىرىدىن يەيدىغان بىلەن كېيىدىغاننىلا ئال،
ئارتۇق تىلىمە، گۇناھ يۈكلىنىدۇ .
رەسۇل بۇ دۇنيانى ئېتىزلىق دەپ ئاتىغان ،
بۇ ئېتىزلىقتا ئىشلە، ياخشىلىق تىرى .
69 . بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى باقىي ئەمەس،
مەززە مۇددىتى خۇددى ئۆتكۈنچى شامال.
يىگىت قىرىيدۇ، يىڭى كونىرايدۇ ،
قاۋۇللار كۈچىدىن قىلىپ ئاجىزلىشىدۇ .
70 . بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرى بۈگۈن بار، ئەتە يوق،
مېنىڭ دېگەن نەرسەڭ باشقىلارنىڭ قىسمىتى .
ھەممە كۆپ(نەرسە) ئازىيىدۇ،تەل (نەرسە)كىمىيىدۇ،
بارلىق ئاۋاتلىقنىڭ ئاخىرى خارابلىق بولىدۇ .
71 . (ئادەملىرى)سىغىشمايدىغان بىرمۇنچە يەرلەر بار ئىدى،
(ھازىر)ئادەملىرى كېتىپ، يېرى بوش دېگۈدەك قالدى .
قانچىلىك ئالىم ۋە پەيلاسوپلار بار ئىدى،
قىنى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مىڭدىن بىرى؟
72 . دۇنيا كۈلۈمسىرەيدۇ ۋە قاپىقىنى تۈرىدۇ،
بىر قولىدا ھەسەل تۇتۇپ، بىرقولىدا زەھەر ساقلار .
ئاۋال ھەسەل بېرىپ، ئاغزىڭنى تاتلىق قىلىپ قويۇپ،
كىيىن زەھەر قىتىلغان قەدەھنى سۇنار .
73 . تاتلىقنى تېتىغان بولساڭ، ئاچچىقنى تېتىشقا تەييارلان،
راھەت بىرلەپ كەلسە، زەخمەت ئونلاپ كېلىدۇ .
ئاھ، غەم ئۈمىدكە قوشۇلماي ئىقىۋىرىدۇ،
بۇدۇنيا قاچان ئۈمىد ئورنى بولغان؟
74 . بۇ دۇنيا گويا يىلاندۇر، يىلاننى ئۇرۇش كېرەك،
(ئۇ)قول بىلەن يوقاتماققا يۇمشاق،(لېكىن ئۇنىڭ) ئىچى زەھەر بىلەن تولغان .
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن ياۋۇزلۇق قىلىدۇ،
(شۇڭا ئۇنىڭدىن)يىراق تۇرغۇلۇق، يۇمشاق دەپ ئازمىغۇلۇق.
75 . بۇ دۇنيامۇ سىرتتىن قارىماققا گۈزەلدۇر،
لېكىن(ئۇنىڭ)ئىچىدە تۈمەنلىگەن ناخۇشلۇقلار بار.
سەن ئۇنىڭ تاشقى بىزىكىنى كۆرۈپلا،
(ئۇنىڭغا)كۆڭۈل بەرسەڭ، بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىق بولىدۇ.
76 . دۇنيا بەزىدە نىقابىنى قايرىپ يۈزىنى ئاچىدۇ،
(ئۇ)قۇچاقلىماقچى بولغاندەك قولىنى يايىدۇ ، (لېكىن)يەنە تىز قاچىدۇ .
بەخت گويا ياز بۇلۇتى ياكى بىر چۈشتۇر،
تۇرماستىن كىتەر ياكى قۇشتەك ئۇچار.

9 -مەرتلىك ۋە بېخىللىق ھەققىدە

77 . ئەي دوست، بىلىملىكنىڭ ئىزىدىن ماڭغىن،
ئەگەر سۆزلىمەكچى بولساڭ بىلىپ سۆزلىگىن .
ماختىساڭ مەرتنى ماختىغىن،
بىخىلغا چىڭ يا ئوقىنى بەتلىگىن .
78 . ھەممە تىل مەرتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ،
مەرتلىك بارلىق ئەيىپلەرنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ .
مەرت بول، ساڭا تىل – ئاھانەت كەلمىسۇن،
(چۈنكى)ئۇ تىل – ئاھانەت يولىنى ئېتىدۇ .
79 . ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەرتلەر ئىگىدۇ،
يەتكىلى بولمايدىغان مۇراتقا مەرتلەر يېتىدۇ .
بىخىللىقنى ماختىغان تىل قىنى، قەيەردە،
مەردلىكنى ئاددىي ۋە خاس – پۈتۈن خەلق ماختايدۇ .
80 . قارا، مەرتلەر چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدۇ،
مال – دۇنيانى شۇنىڭغا ساتتى ۋە مەدھىيە ئالدى .
(ئۇلار)مىسكىنلەرگە تىلەكداش بولۇپ ياشىدى،
(بۇ)دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتتى .
81 . بېخىل ھارامدىن كۆپلەپ ئالتۇن – كۈمۈش يىغدى،
(ئۆزىگە) گۇناھ ۋە قارغىش يۈكلەپ كەتتى .
(ئۇنىڭ) مال – دۇنياسى كىشىلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلىندى ،
بۇنىڭدىن بىخىلغا تەككىنى پۇشايماندىن ئىبارەت بولدى .
82 . ئەي، مال ئىگىسى – مەرت، ياخشى ئادەم،
تەڭرى ساڭا بەرگەندىكىن، سەنمۇ بەرگىن .
ئەيىبلەنگەن ۋە قارغىشقا قالغانلار يىغىشنى بىلىپ، بېرىشنى بىلمىگەنلەردۇر،
(ئەگەر) بېرىشنىمۇ بىلسەڭ، قانچىلىك يىغساڭ يىغ .
83 . ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ۋە ئادەتلەرنىڭ ئەيىپسىزى مەردلىكتۇر،
بىلگىنكى ، بېخىللىق (ئۇلارنىڭ ئەڭ) چىركىنىدۇر.
قوللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قۇتلۇق قول – بەرگۈچى قولدۇر،
ئىلىپ بېرىشنى بىلمەيدىغىنى قوللارنىڭ قۇتسىزىدۇر .
84 . بېخىللىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كىسەلدۇر،
بېرىشكە كەلگەندە بىخىلنىڭ قولى ئىنتايىن چىڭدۇر .
يىغىش بىلەن ئاچكۆز بىخىلنىڭ كۆڭلى تويمايدۇ .
ئۇ مال – دۇنياغا قۇلدۇر، مال – دۇنيا ئۇنىڭغا ھاكىمدۇر .
85 . خەلق ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئادەم – مەرت ئادەمدۇر،
مەرتلىك شەرەپ، ئىقبال ۋە جامالنى ئاشۇرىدۇ .
كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەتكە ئېرىشمەكچى بولساڭ،
مەرت بول، مەرتلىك سىنى ئىززەتكە ئىرىشتۈرىدۇ .
86 . بېخىل – ناكەس، ئەخمەق، مۈلۈك ساقچىسىدۇر،
يېمەي – ئىچمەي يىغىدۇ ۋە ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ .
ھايات ۋاقتىدا دوستقا تۇزىنىمۇ تىتىتمايدۇ،
ئۇ ئۆلىدۇ، (مىلى) قالىدۇ،(ئاخىردا)مىلىنى دۈشمېنى يەيدۇ.

مەنبە: ئوكيان قامۇسى تورىدىن ئېلىندى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەدەبىي تەتقىقات
يېڭى يازمىلار