ئۈرۈمچىلىكتىن رەنجىمەڭ…

ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز، بىرەرسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز ۋە ئۇچرىتالايسىز، ھالال مېھنىتى ۋە ئاددى ساددا، قىزغىنلىقى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار، بىر كويغا ئۈچ،بەش كويغا ئۈچ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلارنى پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۈرۈشىڭىز مۇمكىن….

بۇ -ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كارتىنىسى….يۇقۇرى تەرەققىيات رايۇنىدا ياشايدىغان ،بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ باقمىغان 10 ياشتىن تۆۋەن باشقىلار كېلىپ قالسا، بۇلار چەتئەللىكمۇ دەپ سورايدىغان بىر ئاجايىپ ماكان. مەن ئۈرۈمچىنى ياخشى كۈرۈمەن، ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ جايلىرىنى ياخشى كۈرۈمەن، قاچانلا قارىسا مەيلى قېلىن قار ياغقان كۈنلىرى بولسۇن، ياكى ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى بولسۇن، مۇشۇ جايلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا،مۇشۇ جايلاردىكى بىر كويلۇق ماتاڭ، ياكى پاخپاقلارنى سېتىپ ھالال پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا دىلىمدا ئاجايىپ بىر قايىللىق ۋە خۇشاللىق ھىس قىلىمەن، مىللىتىمگە بولغان مېھرى-مۇھەببەت، قايىللىق ھەسسلەپ ئاشىدۇ…

ئۈرۈمچىدە، باشقا شەھەر،ناھىيە،جايلاردىن كەلگەن، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلار سەۋەبلىك ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئاز ئەمەس، جۈملىدىن مەنمۇ جەنۇپتىن، ئايالىممۇ شۇنداق، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ يەردە خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇپ، ئۆي ئېلىپ، توي قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئۈرۈمچىدە خىزمەت بېسىمى، ئۆي بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، شۇنداقلا، ھاياتنىڭ رېتىمى باشقا ناھىيىلەرگە، شەھەرلەرگە قارىغاندا (شىنجاڭ ئىچىدىكى) بىر قەدەر يۇقۇرى، ئىستىمال سەۋىيەسى مائاشقا تەتۈر تاناسىپ ھالدا يۇقۇرى….ئەمما ئەرزان نەرسىلەرمۇ تېپىلىدۇ، ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياكى قىممەت ياكى ئەرزان، ياكى باھاسى چۈشۈرۈلگەن مال-تاۋارلارنى سېتىۋالالايدۇ، بىرەر كىتاپقا ئېھتىياجلىقلارمۇ كىتاپخانا ياكى شەخسى كىتاپخانىلاردىن خالىغان،ئۆزىگە لازىملىق بولغان كىتاپلارنى سېتىۋالالايدۇ، جەنۇپتا خاتا دىئاگنوز قۇيۇلغان نۇرغۇن كىسەللەر ئۈرۈمچىدىكى تىببى داشۆ ياكى 2-دوختۇرخانىغا كەلسە ، كىسەل دىئاگنوزلىرى ئېنىقلىشىپ، كىسەللىرى شىپا تېىپىپ، قايتا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ،( تېخى 25كۈننىڭ ئالدىدا ، ئاپىسىغا ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىر ساۋاقدىشىم ئۈرۈمچىگە ئاپىسىنى داۋالاتقىلى قېلىپ، قايتا- قايتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆپكە راكى ئەمەس، ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، كىسىلى ساقىيىپ يۇرتىغا كەتتى، قەشقەردە ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندا، بۇلار شۇنداق ئازاپلىنىپ، بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ، ئاپىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپتىكەن.) ئۈرۈمچى نۇرغۇن بىمار ياكى كىسەللەرنىڭ نىجاتلىق جايى دىسەكمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن پۇلى يوق ياكى پۇلى يىتەرلىك بولمىغان كىسەللەر بۇ جايغا كىلىپ، مېھرىبان ئانا ۋە مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى چۈشىنىدۇ…نۇرغۇن تور بەتلەرنىڭ ۋە ياكى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى باش بۇلۇپ، شۇنداق كىشىلەرگە ياردەم بىرىدۇ، دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يوقلايدۇ….

ھەر قېتىملىق رامىزاندا، سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، زوھورلۇققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، قارشى تەرەپ ياكى يان تەرەپتىكى بىنالاردىمۇ نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرىنىڭمۇ ئاللىقاچان يېنىپ بولغانلىقىنى ،بەزى ئۆيلەردە مۇڭلۇق قىرائەتنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئىفتار ۋاقىتلىرىدا كىشىلەرنىڭ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاشخانىلاردا ئىفتار ۋاقتىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز، ئاشخانىلاردا،يول يوللاردا كىشىلەرنىڭ ئىفتار قىلىۋېلىڭلار دەپ ، تاۋۇز،قوغۇن،نان،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى يول يوللارغا تىزىپ قويغانلىقىنى كۈرۈسىز، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىراش يوللاردىن ئۈتۈپ كېتىپ بېرىپ، ئەزان چىققان ھامان ياكى سائىتىگە قاراپ ۋاقىت توشقان ھامان قولىنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىپ،بىسمىللاھ دەپ شۇ تىزىپ قويغان نىمەتلەردىن بىر ئىككىنى رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاغزىغا سالغانلىقىنى بايقايسىز، بۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سۇدەك ئىرىتىدىغان ، بىرى بىرىنىڭ ھەقىقى مېھرى-مۇھەببىتىنى ھىس قىلىدىغان ، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھىمدىلىك ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ تېخىچە بار ئىكەنلىكىدىن ھۇزۇر ھىس قىلىدىغان ئاجايىپ بىر دەقىقىلەردۇر. ھەتتا،بىزنىڭ قورودا شۇ رامىزان ۋاقىتلىرى خوشنىلار ئۆز ئارا ھويلىدا چوڭ داشقازانلاردا ئىفتارلىق تەييارلاپ، خوشنىلار نۆۋەت بىلەن بىر بىرىنى ئىفتارلىققا چاقىرىشىدۇ، كۈندە كەچلىرى ھويلىنىڭ شۇنداق بىر مېھرىبانلىققا تولغانلىقىنى ھىس قىلىمەن. چۈنكى، خوشنىلار بۇرۇن بىر بىرىنى تۇنۇشمىسىمۇ، قايسى بىنادا ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن، كىملا بولسۇن، بۇ ئىفتارلىقتىن يىسە، ئادەملەر جىق بولسا، خوشنىلار شۇنچە خۇشال بولىشىدۇ، سۈيۈنىشىدۇ، ئىناقلىق ، ئىناق جەميەت، ئىناق خوشنىدارچىلىق دەپ مۇشۇنى دىمەي نىمىنى دەيمىز؟!

ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر، بىر دوست بىلەن يەنە بىر دوستنىڭ ئۆيىگە بېرىشتا ماشىنىغا چىقماي ياكى تاكسىغا چىقماي ئامال يوق، ئارىلىق ئۇزۇن، ماشىنىلار جىق، قاتناش قىستاڭچىلىقى دائىملىق ئىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ياكى قار ياغقان كۈنلىرى ماشىنا ماڭالماي، ئۆز ئارا سۇقۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىك خىزمەتكە كېچىكىش ئەھۋاللىرى دائىم بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىش….

ئۈرۈمچىلىكلەر ئانچە باي ئەمەس، بۇلۇپمۇ 1998-يىلىدىن كېىيىن خىزمەتكە چىققانلار،باشقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىشى بىلەن ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، ئىدارىنىڭ قوروسىدا ئولتۇرىدىغانلارغا ئۆي بېسىمى ۋە تۇرمۇش بېسىمى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن،بىراق، ئىدارىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرماي تاۋار ئۆي سېتۋېلىپ، ئولتۇرغانلار بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ قەرزىنى(تەخمىنەن 800 يۈئەندىن مىڭ يۈئەنگىچە،ھازىر تېخىمۇ يۇقۇرى) ھەر ئايدا ۋاقتى ۋاقتىدا بانكىغا تۆلەپ مېڭىشى كېرەك،تەخمىنەن 15 يىل، ياكى 20 يىل، ياكى 30 يىل دىگەندەك. ئۇندىن باشقا بارغۇچە كەلگۈچە كوچا ئاپتوۋۇزى ياكى بەزىدە تاكسىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، تاۋار ئۆي ئالغانلار ئاساسەن 10 يىلدىن 30 يىللىق ئارىلىقىدىكى قەرزگە بۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدە مائاش يۇقۇرى ئەمەس، مەسىلەن: مىنىڭ قۇلۇمغا ساق تىگىدىغان مائاش 1129.يۈئەن، بۇ تېخى 5 ئايدىن بىرى مۇشۇنداق ئېلىۋاتىمەن، يېڭى خىزمەتكە چىققاندا قۇلۇمغا ئاران 670 يۈئەن مائاش تىگەتتى. ئەگەر ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئىشلمىسە، خىزمەت قىلمىسا، بىر ئۆينىڭ قەرزى ۋە چىقىمىنى كۈتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ئىدارىدىن بىرىدىغان ئانچە مۇنچە مۇكاپاتلار بىلەن تويدا ئالغان قەرزنى قايتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، ياكى ئۆي سايمانلىرىنى يېڭىلاشقا توغرا كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قولدا ياكى بانكىدا ئاساسەن ئارتۇق پۇل يوق. چۈنكى، خىزمەتكە چۈشۈپ، توي قىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن، چىقىملارمۇ تەدرىجى ھالدا كۆپىيىپ بارىدۇ. ئىدارىلەردە ئادەتتە مائاش يۇقارقىدەك بەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ، ئەمما سىز بىر قېتىم كېچىكىپ قالسىڭىز، 100 يۈئەن جەرىمانە تۆلەيسىز، خىزمەتكە ساختىلىق ئىشلىتىش ۋە ياكى بارىمەن ياكى كەلمەيمەن دەپ ساختىلىق ئىشلىتىش، بالدۇر قايتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، ئىشقا بارغان،ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا بىرسى سىزنى يوقلىما قىلمايدۇ،پەقەت، ئىدارە بىناسنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىشىكتىن كىرىشىڭىزگىلا بىر ئۈسكىنە بار، ئىشقا كەلگەن، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا بارمىقىڭىزنى شۇنىڭغا باسىسىز، ئاپتۇماتىك ھالدا، سائەت نەچچىدە ، نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە ئىدارىغا كەلگەنلىكىڭىز ياكى قايتقنىڭىز ھەممىسى خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، كۈنىگە نورمال بولغاندا چۇقۇم 4 قېتىم بارمىقىڭىزنى بېسىشىڭىز كېرەك، ھەتتا بىزنىڭ ئىدارىدە ئۇندىن باشقا كۈزىتىش كامىراسى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، سىز بارمىقىڭىزنى بېسىپ قويۇپ، باشقا ئىشلىرىم بارتى دەپ بالدۇر قايتىپ، ياكى ئىشخانىغا كىرمەي قىلسىڭىز، بىردەمدىلا پاش بۇلۇپ قالىسىز، رۇخسەت ئالسا، دوختۇرخانىدا ياتسا، ھەممىسى ئىختىسادقا بېرىپ تاقىلىدۇ،پۇل تۇتىدۇ. بارماق سىزىقچىسى بىرئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ئوخشىمايدۇ، بۇ ئەمەلىيەت ۋە پاكىت.ساختىلىق قىلىشقا ئىمكانىيەت يوق.

ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ۋە ئۇرۇق-تۇققانلرىڭىزدىن بەك رەنجىپ كەتمەڭ، سىز يىراق جايدىن كەلدىڭىز، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم،بىراق، ئەنە شۇنداق يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزىدە سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ۋاقتىدا چىقالماسلىقى مۇمكىن، ياكى ئۆيىدە قوندۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن، ياكى سىزنىڭ ھاۋالە قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ۋاقتىدا ياردەم قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، سىز بىر ئىشنى ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز، ئادەتتىكى چاغلادا رۇخسەت ئالمىغۇچە ئۇ ئىشلارغا چاپقىلى بولمايدۇ، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن ئارام ئېلىش ياكى ئۆيدىكىلىرى بىلەن جەم بۇلۇپ ، بالىلىرىنى بىر يەرگە ئاچىقىپ ئوينىتىپ كىرىشكە ئاران پۇرسەت بولىدۇ.

1.ئەگەر بىر ئىشنى ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قۇشۇپلا تاكسى پۇلىنىمۇ ئەۋەتىۋېتىڭ،چۈنكى، ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرسا بىر ئىككى سائەتتە ئاران بېرىش مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، ۋاقىتمۇ،زېھىنمۇ سەرب بولىدۇ، شۇنىڭغا تاكسى قولايلىق. ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

2 . ھەي ساۋاقداش،دوست، سىز ئۈرۈمچىگە كەلدىڭىز، خىزمەت ئىشى بىلەن ياكى بىرەر تۇققىنىڭىزنى كىسەل كۆرسەتكىلى دىگەندەك، شۇنداق ۋاقىتتا، ساۋاقداشلىرىڭىز ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ،سىزنى ياكى دوختۇرخانىدىكى ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلايدۇ، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، ياكى ئۆيىگە بىرەر ۋاق تاماققا چاقىرىدۇ…بەزى ساۋاقداشلار، شۇ ئىشلىرى تۈگەپ، يۇرتقا كەتكەندىن كېيىن، ھەتتا ماڭىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەتتا« خوش» دىگەن گىپىمۇ يوق ياكى يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن،« مەن ساق سالامەت كەلدىم ، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا سىلەرنى جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم» دىگەن بىرەر ئېغىز گېپى يوق، بۇنداق چاغدا، بىز ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ساۋاقداشلىرىڭىز ئەپسۇسلىنىپ قالىدىكەنمىز، «ھەي، بىر تېلفۇن قىلىۋەتكەن بولسا ھە»- دەپ!، شۇنىڭغا ئۈزىڭىزگە بىر يول قالدۇرۇڭ، شۇ ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرىغا ئانچە مۇنچە تەشەككۈر ، رەھمەت ئېيتىشنى ھەم ئۇنتۇپ قالماڭ…چۈنكى، بىزدە قول قولنى يۇسا، قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ دىگەن گەپ بار. ساۋاقداشلىق مېھرى ئۈزۈلمىسۇن، ئۇنداق بىر ئىككى يۈئەننىڭ مېھرىدىن كىېچەلمەيدىغان ، باشقىلارغا رەھمەت، تەشەككۈر دىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۆرب ئادەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ….قىسقىسى ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

3. بۇرۇن بىر كىنو كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا باش رولچى بىر ھەپتە بۇرۇن «شەنبە، يەكشەنبە ۋاقتىم تۇشۇپ كېتىپتۇ،يەنە بىر ھەپتە كۈرۈشەيلى»دىسە، «ئۇلار شۇنداق ئالدىراشمىدۇ» دەپ قالاتتىم، ھازىر بىزمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالدۇق، بەزىدە ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن ،دوستلار بىلەن نەچچە ئايلاپ كۈرۈشۈپ بولغىلى بولمايدىكەن. ئۆيىمىز بەك يىراق بولمىسىمۇ، بەزىدە بىز ۋاقىت چىقارغاندا،ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق، ئۇلار ۋاقىت چىقارغاندا بىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق بۇلۇپ دىگەندەك، بەزىدە ھېيت بايراملاردىمۇ كۈرۈشۈپ بولالماي قالىمىز، ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالماي، بەزىدە شەنبە يەكشەنبە كۈنى« شۇ دوستلىرىمىز بىلەن كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،يوقلاپ كىلەيلى» دەپ ئويلايمىز يۇ،يەنە،« بولدىلا، دۇشەنبىدىن جۈمەگىچە ئىشلەپ ھېرىپ كەتتى، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيدىكىلرى، بالىلىرى بىلەن جەم بۇلۇپ، بالىلىرىنى ئويناتسۇن» دەپ، ئۆيىگىمۇ شۇنداق بارغۇمىز، يوقلىغىمىز كەلسىمۇ، بارمايمىز. چۈنكى، ئەنە شۇنداق سەۋەبى ياكى باناسى بار….ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

4. مۇشۇ ھېيت بايراملاردا، بىزنىڭ قورو شۇنداق قاينام تاشقىنلىققا چۈكىدۇ،بۇلۇپمۇ، قۇربان ھېىيتتا، ھەممە قۇربان ھېيت نامىزىدىن يېنىپ، قوي سېتىۋالىدۇ، ئاندىن قورودا قۇربانلىق قىلىشقا باشلايدۇ، قىشتا، قارلار قىپ-قىزىل قانلار بىلەن بويىلىدۇ، ھەممە چىرايدا خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ئەكس ئېتىدۇ، پۈتۈن ھويلىدا تەرەپ تەرەپتىن قويلار بۇغۇزلىنىدۇ، كانارغا گۆشلەر ئېسىلىپ، ئۆيدە گۆش پۇشۇرۇلۇپ، ھېيتلىق نەغمە-ناۋانى كۆرگەچ ئائىلەردە ھېيت تەبرىكلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ تېرىلىرى مەسجىتلەرگە ئىئانە قىلىنىدۇ، ھەر قېتىم مەسجىتلەرگە ئىئانە قىلىنماقچى بولغان تېرىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن چاغدا ئادەملەردىكى ئىنساپ ئىماننىڭ يەنىلا بار ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولماي قالمايسىز ئەلۋەتتە..ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

5. سىز يىراقتىن كەلدىڭىز، باشقا شەھەردىن ئوينىغىلى ،ساياھەت قىلغىلى ۋە ياكى خىزمەت ئىشى،بىلىم ئاشۇرغىلى دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، ئۈۈرۈمچىدىكى دوستىڭىز سىزنى بىر قېتىم مېھمان قىلغان بولسا، لېكىن،سىز ئۈرۈمچىدە يەنە داۋاملىق تۇرۇپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا،« مىنى يەنە ئىزدىمىدى ياكى مىنى يەنە مېھمان قىلمىدى» دەپ ئۇ دوستىڭىزدىن ئاغرىنماڭ، ئۇنىڭمۇ ئۈزىگە چۇشلۇق ئىشى بولىدۇ، ئىختىسادى سىزنى دائىم مېھمان قىلىشقا يار بەرمەيدۇ، چۈنكى، بىر ئايلىق مائاشنىڭ ئۈستىدە ئوت كۈيىدۇ، ئۆينىڭ قەرزى، كۈندە ئىشقا بارغۇچە كەلگۈچە ئولتۇرىغان ئاپتۇۋۇزنىڭ ،كىرانىڭ چىقىمى، ئىدارە يىراق بولسا،چۈشتە تاماقنى سىرتتا يەيدىغان گەپ، تاماقنىڭ چىقىمى، ئىشقىلىپ، جاپا بىلەن تاپقان شۇ بىر ئايلىق مائاشنىڭ بېشىدا ئوت بار، ھېلىمۇ جاپا تارتقاچ شۇبىر ئايلىق مائاشنىڭ، پۇلنىڭ بەرىكىتى بار، شۇنىڭغا ئايدىن ئايغا ئۇلۇشۇپ كېتىدىغان گەپ، بەزىلەر ھەتتا مائاشنى يىتىشتۇرۈپ بولالماي، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن ئالدىن خىراجەت قىلىپ تۇرىدۇ، مائاش چىققاندا تۇلۇقلاپ قويىدۇ، ئاندىن يەنە داۋاملىق ئىشلىتىدۇ.تاكى ئىدارىدىن بىرەر ئارتۇق پۇل تارقاتمىغۇچىلىك شۇ خىل ھالدا كىتىۋېرىدىغان گەپ، قاچان ئىدارىدىن پۇل تارقاتسىلا، ئاۋال ئويلىشىغىنىمىز، ئىناۋەتلىك كارتىدىكى كام قالغان پۇلنى تۇلۇقلاپ قويۇش. شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

6. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جەنۇپ-شىمالدىكى شەھەرلەردە ناھىيلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ مائاشى ئۈرۈمچىدىكىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى،مىنىڭ خېلى جىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ مائاشى يۇقۇرى ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ،خوتەن،قەشقەر،كورلا قاتارلىق جايلاردا ئىشلەيدۇ، بىز ئۇلارغا مائاشىمىز مۇنچىلىك دىسەك،« نىمانداق تۆۋەن، راستمۇ يا؟»،سوراپ قويىدۇ،ياكى ئىشەنمەي قالىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئىدارىسىگە يېقىن، يىراق دىگەندىمۇ 10 مىنۇت ياكى 15 مىنۇتتا ئۆيىگە بېرىپ بۇلالايدۇ، ئارتۇق كىراغا پۇل خەشلىمەيدۇ، چۈشلۈك تاماقنى ئاساسەن ئۆيىدە يىيەلەيدۇ، بىراق، ئۈرۈمچىدە مۇمكىن ئەمەس، كىراغا پۇل خەشلەچكە توغرا كىلىدۇ، نۇرغۇن ئىدارە ئورگانلار ئائىلىدىن يىراق بولغاچقا، چۈشلۈك تاماقنى سىرتتا يىيىشكە توغرا كىلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا خىراجەت كىتىدۇ، لېكىن، جەنۇپ شىمالدىكىلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئارتۇقچە چىقىم بولمايدۇ. تاماق ئاساسەن ئۆيدە، كىراغا پۇل خەشلەش كەتمەيدۇ ياكى ئۈرۈمچىدىكىگە قارىغاندا ئۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت قىستا قىستاڭ ۋاقىت سەرب قىلمايدۇ، مائاشمۇ ئۈرۈمچىدىكىلەرگە قارىغاندا جىقراق، شۇنداقلا، ئۇلار تاۋار ئۆي سېتىۋالغان تەغدىردىمۇ، ئۆينىڭ باھاسى ئۈرۈمچىدىكىدەك قىممەت ئەمەس، شۇنىڭغا خېلى جىقلا تېجىلىپ قالىدۇ،تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا باشقا شەھەردىكىلەر ئۈرۈمچىدىكىگە قارىغاندا ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرەر ئەللىك مىڭ يۈئەندىن تارتىپ نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنگىچە ئەرزان بولىدۇ، بانكىدىن ئالىدىغان قەرزمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۈرۈمچىدىكىلەردىن ئاز بولىدۇ، تۆلەيدىغان ۋاقتىمۇ ئۈرۈمچىدىكىلەردىن ئاز بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەپ ئۈتۈپ كېتىش مۇمكىن، بىراق، باشقا شەھەردە ئون، ئونبەش يىلغا قالماي ئۆينىڭ قەرزلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە كەلسىڭىز، ئۈرۈمچىلىك دوستلرىڭىزدىن، «مىنى رېستۇرانغا باشلىمىدى، ئالدىمغا چىقمىدى، مىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى، ئۆيىدە بىر قېتىم تاماق بىرىپلا، قايتا مىنى مېھمان قىلمىدى» دەپ ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ، بولسا، ئۆزىڭىز ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ، ئۇلارنى بىرەر قېتىم مېھمان قىلىپ قويۇڭ. چۈنكى، سىز ياكى سىزگە ئوخشاش باشقا شەھەر،ناھىيىدىكى ساۋاقداش،دوست بۇرادەرلەر ئۈرۈمچىگە كېلىش پۇرستى ناھايىتى جىق،بىراق، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوستىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىزنىڭ سىز تۇرغان شەھەرگە بېرىش پۇرسىتى بەك ئاز، ناھايىتى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، نەچچە يىلدا ئاران بىر پۇرسەت كىلىشى مۇمكىن، لېكىن،سىزگە دائىم پۇرسەت بۇلۇشى مۇمكىن، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوست ياكى ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ھەممە شەھەردە بىر ساۋاقدىشى ياكى دوستى بولسا، ھەممىسى مەلۇم ئىش ياكى ئۇ ئىش سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى شۇ ساۋاقداش ياكى دوستىنى ئىزدىسە، بىر قېتىملىققا ئەڭ ئاز بولغاندا 40 يۈئەن چىقىم قىلدى دىسەك، 10 قېتىملىققا 400 يۈئەن چىقىم دىگەن گەپ، يىلدا شۇنداق ھىسابلىساق، نەچچە يىلدا بىر نەچچە مىڭ يۈەنگە يىتىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ساۋاقدىشى ياكى دوستى، ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ياكى تورداشلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈنلا، ئاز بولمىغان خىراجەتنى قىلىشىغا توغرا كىلىدۇ، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ، ئۇلارنى ئانچە مۇنچە سىزمۇ مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، سەن قىلىسەن دىمەي، ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قويۇڭ،بالىسىغا 10-20 يۈئەنلىك نەرسە بىلەن بولسىمۇ سوۋغا ئېلىپ بېرىڭ،ياكى قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇڭ، مىسال: بىر دوست، ئۇ بۇ ئىش بىلەن جەنۇپتىكى بىر شەھەردىن ئۈرۈمچىگە 3 يىلدا 5 قېتىم كەلدى، لېكىن، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوستىنىڭ شۇ باشقا شەھەر، ناھىيىگە 3 يىلدا ئەمەس، 10 يىلدىمۇ بىرەر قېتىم بېرىشىغا پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن، توي قىلغاندىن كېيىن، 3 يىل ياكى 4 يىلدا بىر تۇققان يوقلاش پۇرسىتى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەر ئاۋال ئۆز يۇرتىنى ، ئاتا- ئانىسىنى يوقلاشنى ئويلايدۇ، شۇنداق بولغاندا،باشقا شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ، ئۈرۈمچىگە دائىم بېرىپ تۇرىدىغان دوست ياكى ساۋاقدىشىنىڭ يۇرتىغا بېرىشىغا تامامەن مۇمكىنچىلىك يوق،ياكى پۇرسەت يوق، ئىشقىلىپ، يىلدا 10 قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ساۋاقداش،دوستىنىڭ يۇرتى بولسۇن،ياكى نەچچە يىلدا بىر كېلىدىغان ساۋاقداش ياكى دوستىنىڭ يۇرتى بولسۇن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان، ھەر قېتىم كەلسە، ساۋاقداشلىرى ئىزدەپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى ئۈرۈمچىلىكنىڭ تۇغۇلغان جايى بىلەن باشقا يۇرتتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ يۇرتى، بىر بولمىغاندىكىن،ئۇنىڭ يۇرتىغا بىېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ياكى بەك ئاز. ھەم شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئاممىۋى تېلفۇندا تېلفۇن قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ۋاراڭ چۇرۇڭ جىق بولغاچقا، ياكى قارشى تەرەپ، ماشىنىدا بۇلۇپ قالسىمۇ ئاۋاز ئېنىق ئاڭلانمايدۇ، يىغىن بۇلۇپ قالسا، تېلفۇن ئىتىك ياكى تىترەك ھالەتتە بولىدۇ، ياكى ئىدارىدىن بىرەر پائالىيەت بۇلۇپ قالسا، تېلفۇن ئېلىش قولايسىز بولىدۇ، شۇنىڭغا يەنە يېرىم سائەت ياكى كەچتە، ياكى ئەتە تېلفۇن قىلىڭ دىسە، خاتا چۈشەنمەي ،دەل دىگەن ۋاقتىدا تېلفۇن قىلىڭ،( ئەگەر كۈرۈشكىڭىز بولسا،) چوڭ بازاردا ئادەم جىق بولغاچقا،ۋاراڭ چۇرۇڭدا،ئاۋاز ئېنىق بولمىسا، كۆپىنچە ھاللاردا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى دەماللىققا ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ، ياكى، نەچچە يىلدا تېلفۇن قىلماي، ئۈرۈمچىگە كېلىپلا تېلفۇن قىلغاندىكىن، بىرەر يىل ئاڭلىمىسا، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى بىلىشمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاندا، مەن پۇستانى، مۇنداق ساۋاقدىشىڭ ياكى دوستۇك، ياكى توردىكى ئىسمىم مۇنداق، مۇنداق دەپ كۈرۈشكەن دەپ ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىڭ، بولمىسا، ھەممىنى ئەستە ساقلاش مۇمكىن ئەمەس، ياكى دەماللىققا ئەسكە ئېلىش، مىڭىدە ساقلاش ئاسان ئەمەس، شۇڭا،مەن كىمۇ؟ دەپ سوئال سورىماڭ، جاۋاب بىرەلمىسە، بۇتناپ قالماڭ،چۈنكى، بىرەر يىل كۈرۈشمەي، ئالاقىلاشمىسىڭىز، سىزنى تۇنۇش ئاسان ئەمەس، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

7.ئۈرۈمچى ئىسىل يۇرت، ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىن ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر جىق، يامان نىيەتلىك ئادەملەر ئاز ، بۇ يەردە رامىزاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىمالال رامىزان تۇتقانلىقىنى كۆرىسىز، ھېيت بايراملاردا قائىدىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى،كىچىكلەرنىڭ ، بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلارنى يوقلاپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈسىز، قۇربان ھېىيت مەزگىلىدە ھويلا ھويلىلاردا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنى كۆرىسىز،مەسجىتكە ئىئانە قىلماقچى بولغان تېرىلەرنىڭ دۆۋىلەنگەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسجىتلەردە نۇرغۇن ياشلارنىڭ، مويسىپىتلارنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ يەردە ئىمانمۇ بار، ئىنساپمۇ بار، تەقۋامۇ بار، رېستۇرانلاردا شاراپسىز تويلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۇمۇملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇ ھاراققا خەجلەنمەكچى بولغان پۇللارنىڭ ئوقۇشسىز قالغانلارغا، نامراتلارغا، كىسىلىنى داۋالىتىشقا ئامالسىز قالغانلارغا ياردەم قىلىنغانلىقىنى ،ئىئانە قىلىنغانلىقىنى بايقايسىز، مەسجىتلەرنىڭ نەزىر -چىراق زالىدا ئاددى، ئەمما مەنىلىك قىلىپ توي ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، نەزىر چىراقلارغا يەنىلا ئادەملەرنىڭ شۇنداق جىق كېلىدىغانلىقىنى،بىرەرسى ۋاپات بوپتۇ دىسە، ئارىلىق يىراق، قىش سوغاق بولسىمۇ، ئەھۋال سوراپ،تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بارىدىغان نۇرغۇن تۇنۇش-بىلىشلەرنى بايقايسىز، ھەر قېتىملىق جۈمە نامازلىرىدا ئىمامنىڭ پالانى يۇرتتىكى مۇنداق كىشىنىڭ بالىسىنى ياكى دادىسى،ئاپىسى ياكى قېرىندىشىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك جامائەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى سوراپ،ئىماملار باش بۇلۇپ، ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، جامائەتنىڭ ئاز -كۆپ دىمەي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، باشقىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ ، ئاتا ئانىسىنىڭ ،ئايالى ياكى يولدىشىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ،ساقىيىشى ئۈچۈن، جامائەتنىڭ خالىس دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تىلەپ، پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى بايقايسىز،بەش قول ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەر خىل ئادەم بولغاندەك بەزىدە ناچار ئادەم ياكى ناچار ھادىسىلەرنىمۇ، ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىسىز، بۇنىڭغا سىز ئارتۇقچە ۋايساپ كەتمەڭ، بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك دىگەندەك، ھەر خىل ئادەملەرنىڭ، ئىشلارنىڭ بۇلۇشى بۇمۇ نورمال ئىش. لېكىن، ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى، ئۆزىنىڭ نىيىتىگە باغلىق، ئوقۇي دىسە ئوبدان شارائىتمۇ بار، ئويناپ كۈلەي ،خالىغانچە ياشاي دىسە، ئۇنىڭمۇ شارائىت بار، ئۈرۈمچى-بىر بىلىم يۇرتى، ئۈرۈمچى-بىر مودا شەھەر، ئۈرۈمچى-بىر قىشى سوغوق، قىشتىكى ھاۋاسى مەينەترەك شەھەر، لېكىن، ھەممە يەردە پار بولغاچقا،سىزگە ئۇنچە سوغاق بىلىنمەيدۇ، ئۈرۈمچى- بىر ئۆزىنى تاپىدىغان شەھەر، بىلىملىك كىشىلەر ھەم جەملەشكەن جاي، پاكىز،زاھىت،تەقۋادار ،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ھەم توپلاشقان شەھەر، شۇڭا بۇ جايدا يەر تەۋرەش بولمايدۇ، قىسقىسى ئۈرۈمچىلىكلەردىن ئارتۇقچە ئاغرىنماڭ، ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم، تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە ئۆزى مەسئۇل، ئۆزى جاۋابكار.

مەنبە: «شەبنەم» مۇنبىرى

 

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: مەنىۋىيىتىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار