نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر

ھارۇترەسول قادىرى

ئۆلۈم ھەممىدىن قاتتىق. ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا، ھەزىلكەشلىك ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگە مەقسەتلەرنى يانداشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىۋاسىتە ھازىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىراق، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىق. مەلۇم بىراۋنىڭ ۋاپاتى بىراۋلار ئۈچۈن ئېغىر ئازاب بولسا، يەنە بىراۋلار ئۈچۈن چاقچاق سورۇنى بولماقتا. دېمەك، ھازىدارلىق، نەزىر بېرىشلاردەك ئادەت – يوسۇنلارغا كۆپتۈرمە، ئويدۇرما مەزمۇنلارئارىلىشىپ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئېغىر قايغۇغا ياتلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھازىدارلار تەرىپىدىنمۇ بىر مۇنچە بىمەنىلىكلەر قىستۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنداق بىنورماللىقلار مەنىۋىيەتنىڭ، ئېسىل ئەنئەنىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنداق ئىكەن، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ھەم ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇنلارنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ ئەسلىي شەكلى ۋە قاراتمىلىقىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.

ئەسلىدە ئۆلۈم ئۇزىتىش، نەزىر – ئىسقات بېرىش ئادەتلىرىمىز بىر يۈرۈش ئاددىيلىق ۋە پاكلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئاددىيلىق دېگىنىمىز، ھازىدارلىق ۋە مېيىت ئۇزىتىشتىكى مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ جارىلىقلىرى ‹‹ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ›› مەپكۇرىسى بويىچە، ھاياتلارنى قىيناپ قويماسلىق. ھازا ياكى دەپنە يوسۇنلىرىدىكى بەزى مۇرەككەپلىكلەر ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆپتۈرمىلىكلەر ھازىدارلارنىڭ مەلۇم تۇرمۇش رىتىمىغا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى جاھاندارچىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنداق بىدئەتلىكلەردىن ھېزى بولماق زۆرۈر. خۇددى ئاتىلار سۆزىدە ‹‹ئۆلۈمنى نەگە بارىسەن؟ دەپ سورىسا، باينىڭ پۇلىنى چاچقىلى، نامراتنىڭ كۆتىنى ئاچقىلى›› دەپتۇ دېيىلگىنىدەك، بۇ ھەقتىكى ناتوغرىلىق، بىدئەتلىكلەر تىرىكلىككە بىھۇدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى جامائىتىمىز چۈشىنىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.

يېقىنقى يىللاردا ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجىسىدە، مېيىت ئۇزىتىش، نەزىر – چىراغ ئەمەللىرىمىزگە بىر قىسىم غەيرىي مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، بۇ دائىرىدە يېڭىدىن – يېڭى قائىدىلەر پەيدا بولدى. ھادىسىلەر شۇكى، سەللىنى ‹‹ھازىدارلىق بەلگىسى›› قىلىۋېلىش؛ باي ۋە كاتتىلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش تالاشتا قېلىپ، نامرات – يوقسۇللارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغانغا ئادەم چىقماسلىق؛ سەدىقە – نەزىر بېرىشلەرنى شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹جەم بولۇش شادلىقى››، ‹‹مېھماندارلىق زىياپىتى››گە ئايلاندۇرۇۋېلىش؛ قەبرە بېزەپ، مەرھۇمغا ‹‹شۆھرەت ئاتا›› قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلار ئېتىقاد قالايمىقانچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

نەزىر بېرىش ۋە ئىسقات تارقىتىش ئۆز يولىدا مۇۋاپىق بولغىنى تۈزۈك. ئەگەر بۇلارنىڭ ماھىيەت ۋە تۈسلىرى ئۆزگەرسە، بۇ ئەنئەنىلىرىمىزگە، قائىدىلىرىمىزگە تۈپتىن خىلاپ. يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىدارلار ئانىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنى كاتتا ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەھەللە چوڭلىرى ئۇلارنى ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئادەتلىرىمىزدىن قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىدارلار ئانىسىنىڭ يەتتە، قىرىق نەزىرلىرىگە ئاتالغان مەنقۇلاتلارنى ئاجىزلارغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ ئەمىنلىك، سەبىر ھېس قىلىشتى. بۇنداق تەشەببۇس ھازىر خېلى ئومۇملىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. مېنىڭچە، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش بەكمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزدە قائىدىدە يوق رەسمىيەتلەر تۈپەيلى ئېسىل ئۆرپ – ئادىتىمىز تاپتىن چىققىلى تۇردى. ئېنىقكى، ئەسلى نەزىر ۋە ئىسقات مىسكىنلەرنىڭ رىسقى. ئەپسۇسكى، ھازىر نەزىر داستۇرخىنىغا سالات – قورۇمىلار ھازىرلىنىدىغان، پۇلدار – ھالدارلار تۆردىن ئورۇن ئالىدىغان، ھەتتا بەزىلەر نەزىر ئېشىنى يەپ چىقىپ ‹‹قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش›› باھانىسىدە شاراب سورۇنلىرىغا يىغىلىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدىغان بولدى.

ئومۇمەن، ھازىدارلىق، مېيىت ئۇزىتىشتىكى گاھىبىر قائىدىلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، تەقلىد قىلىش، ساددا چۈشەنچە ياكى باشقا مەقسەتلەردە قائىدە – يوسۇنلار ئىجراسىغا سۇ قوشۇپ كۆپتۈرۈشلەر بىلەن قائىدە – يوسۇنلارنى چوڭايتىش، مۇرەككەپلەشتۈرۈش ۋە ئومۇمىي قائىدىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك ئېتىقاد قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ( 2010-07-23)

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، بايرام-مۇراسىملار، مەنىۋىيىتىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار