مىللىي مائارىپ ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن

«شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى خەنزۇچە 1-سانىدا بېسىلغان، خەن زىيۇڭ، لې لىن ئىسىملىك ئىككى ئاپتۇر يازغان «تەبىئەت، مەدەنىيەت،ئىنسان» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ، غەربى دىياردا ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە مىللى مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم.

ماقالىدە غەربي دىيارنىڭ «تەبىئەت ئانىسى» مۇھىتىدا كۈچلۈك، مىللى ئۇيۇشۇشچانلىق ئاجىز، سودا ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سىياسى ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسسىياتچان ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، يېڭىلىققا قىزىقىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆزىنى بىلىش ئەنئەنىسنى قەدىرلەش ئىقتىدارى ئاجىز ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئائىلىسنىڭ روھې مەدىنىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ماقالە ئاپتۇرلىرى غەربي دىيارلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۇچىنىڭ بىر-بىرنىڭ چەتكە قېقىش كۈچىدىن كۆپ ئاجىزلىقنى، تارىخقا، ئاتا-ئانىغا، پېشىقەدەم نامايەندىلەرگە، ئەنئەنىگە بولغان ھۆرمەت، ۋارىسلىق ۋە قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئۇنتۇلۇش، قەدىرلىمەسلىك، بىپەرۋالىقتىن كۆپ ئاجىزلىقنى تىلغا ئېلىش بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ يادرو ھاسىل قىلالماسلىقى، تۆت ئەتراپىدىكى ئۇيۇشقان، يادرو ھاسىل قىلغان سىياسى ھاكىمىيەت كونتروللۇقنى تەقدىر قىلغانلىقى، سەرگەردان مىللەتتىكى ، مەدىنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ باشقا خەلىقلەر تەزكىرىلىرىگە نامى چۈشۇپ قالغانلىرىدىن باشقىلىرى ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن بىللە چەكسىز قۇم دېڭىزىغا بۇلىدىغانلىقىنى ئوچۇق-يورۇق بايان قىلغان.

ماقالىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قاتار تارىخي ئەنئەنىۋى ئاجىزلىقلىرىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى» قېلىپىدا شۇنداق ئەزەلىلىككە ئىگە بۇلۇپ يارالغان دېگىلى بولمىسىمۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئىجتىما’ي ۋە روھى مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە ساقلانغان ئۈچ مۇھىم ئىللەت ۋە ئاجىزلىقنى قايتا ھېس قىلدىم. بۇ نوقتىدىن يۇقىرقى ئىككى ئاپتۇرنىڭ ئوچۇق-يورۇق ئىلمي پوزىتسيسىگە تەسەننا ئوقۇش كېرەك.

مەن ئىلگىرى يېزىپ ئىلان قىلغان «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدىنىيەت ئۈچ بۈرجىكى»، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» نامىلىق ماقالىلىرىمدە خەلقىمىزنىڭ روھىيەت تۈزىلمىسى، مەدەنىيەت پىسخىكى، تۇرمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى بىر قاتار ئىللەتلەرنى يۈز خاتىرە قىلماي كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ (يۇرتۋازلىق، كەسپىي ھەسەتخورلۇق، پىتنە-ئىغۋاغا ھىرىسمەنلىك، ئۆزىدىن چىققان ياراملىق كىشىلەرنى چۆكۈرۈش، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، قەسىت قىلىش) بىزدىكى ئاساسىي ئىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىدىم.

ھېسسىياتقا بېرىلىش، گاھى قەھرىمان، گاھى غەرىبان، گاھى خوشخۇي، گاھى چۈشكۈن روھىيەتكە ئەسىر بۇلۇش، ئوقتەك قىزىپ نىكاھلىنىپ، تېزدىن سوۋۇپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىش، غەزەپكە پايلىماي پاجىئە ھاسىل قىلىش، بىكار تەلەپ، سۆلەتۋازلىق قاتارلىقلارنى دائىم يۇلۇقتۇرۇپ تۇرىمىز.
مۇھىمى شۇكى، مىللىتىمىز ئۇمۇمەن ئەقلىي، مەنتىقى، نەزەرىيىۋى، ئىلمي تەپەككۇرغا نىسبەتەن ھېسىسىيات ۋە ئۆز ئالدىدىكى روھي كەيپىيات بويچە پىكىر يۈرگۈزىشكە ئېغىر دەرىجىدە مايىل. بىزدە شائىرلىق، يازغۇچىلىق، ئارتىسلىق، سازەندىلىك، ناخشىچىلىق خاھىشى ئىلمي ۋە نەزەرىيۋى جەھەتتىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىدىن كۆپ كۈچلۈك.

بىزدە ئەنئەنىۋى ئاڭ تولىمۇ ئاجىز، ئاتا-ئانىلارنى (؟)، پېشىقەدەم جامائەت ئەربابلىرىنى (؟)، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك (؟)، ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىش (؟)، ئۆز تارىخىنى ئىزچىل-مەنتىقى چۈشىنىشنىڭ يىتەرسىزلىكى، قۇرۇق قايىل چىلىقۋە ئەقىدىۋازلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈكرەك ساقلاپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزمۇ يوق. تارىخىمىزنىڭ خېلى بىر قىسمى گاھىدا ئۇ ئىشان، گاھىدا بۇ خوجىنىڭ ئارقىسىدىن مۇرىت بۇلۇش بىلەن بىللە ئۈتۈپ كەتكەن. بۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا دىققىتىمىز بىردىنلا مىللي مائارىپىمىزغا بۇرالدى. مائارىپ-ئىنساننى تەبىئەت دۇنياسىدىن مەدەنىيەت دۇنياسىغا، جاھىللىق ئالىمىدىن ئارىفلىق ئالىمىغا قايتا تۆرەلدۈردىغان ئۇلۇغ بىنا كارلىق، مىللي مائارىپ نىسپي مەنىدىن ئېيتقاندا شۇ مىللەتنىڭ كونكىرېت تارىخى، ئىجتىمائي، مىللي ۋە روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساس قىلغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدىن ئىبارەت.

ئاپتونوم رايۇنىمىزدا مىللي مائارىپ، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان مىللي مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ ھالقىلىق ئاجىزلىقلىرىنى ئېنىق بايقىغان ۋەقاراتمىلىققا ئىگە تەلىم- تەربىيە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى رۇشەن گەۋدىلەندۈرگەن بۇلۇشى لازىم. مېنىڭچە، ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسسىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۈر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بۇلۇش ھادىسىسنى تەربىيە ئارقىلىق تەدرىجىي تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت. بۇمەسىلنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقى ۋە تارىخى، ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق مەسىلىسنى چۈشەندۈرگىلى، تەدرىجىي ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

مەلۇمكى، «مىللەتنىڭ مۇھىم بايلىقى-خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدىن ئىبارەت» (چېرنېشۋىسكىي). خەلقنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى ئاخىرقى ھېسابتا نەزەرىيۋى تەپەككۈرغا باغلىق. نەزەرىيۋى تەپەككۈر دەل ماركس تەرپىدىن «ئۆز زامانىسنىڭ مەنىۋى تاجى» دەپ ئاتالغان ئىلمي تەپەككۈر ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۈردىن ئىبارت.

مىللى مائارىپ ئۆز ئوبيېكتلىرىنىڭ نەزەرىيۋى تەپەككۈ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېتەرلىك مۆلچەرلىگەن ھالدا تەربىلەنگۈچىلەرگە پەلسەپە، تەبىئەت پەنلىرى، قانۇنشۇناسلىق، جەميەتشۇناسلىق ۋە تارىخى پەنلەردىن نۇقتىلىق تەربىيە بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتكا، لوگىكا ۋە سىياسي-ئىقتىسادقا ئائىت پەنلەرنى ئىگىلىشىگە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرشى كېرەك.

فېيختىۋانگېر «مەنتىقىي تەپەككۈر- ئىنسانىيەت تەڭرىسى» دېسە، ئېنگىلىس «دۇنيادا بىرەر مىللەت ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمەن دېسە، نەزەرىيۋى تەپەككۈردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدىغان بۇلۇشى لازىم» دېگەنىدى. ئەلۋەتتە، بۇ «ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك، ئەدەبىيات-سەنئەتتە نەزەرىيۋى تەپەككۈر يوق دېگەنلىك ئەمەس». بۇ، پەقەت بىزدە ئەدەبىيات-سەنئەتكە نىسبەتەن، ئەدەبىيات-سەنئەت كىتابلىرى، گېزىت-ژورناللارغا نىسبەتەن، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە نىسبەتەن پەلسەپە، تەبىئەت پەنلىرى، ئىقتىساد، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىققا ئوخشاش غوللۇق ئىلمىي، نەزەرىيۋى تەپەككۈر ۋاستىلىرى، ئىجادىيەت خاھىشى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ كەم دېگەنلىك.

بىز ئائىلىلەردىن جەمئىيەتكىچە كىشىلەرنى قائىدە-پىرىنسىپلار بويچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان، سۆزلەيدىغان، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان، مۇستەقىل پىكىر يۈگۈزەلەيدىغان قىلالىساق، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ نەزەرىيۋى تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەپ، تەبىئىي پەن كۇرۇژۇكلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا نەزەرىيۋى تەپەككۈر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلىسەك، بۇ مەقسەتتە بۇشاشماي بىر قانچە يىل قېتىرقىنىپ ئىشلىسەك چۇقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنالايمىز.

نەزەرىيۋى تەپەككۈرنىڭ ئۈستۈن ۋە ئەۋزەل مۇھىتىنى يارىتىش، مىنىڭچە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي يېتەكچى ئېڭى ۋە تارىخىي خىزمىتى بۇلۇپ ھېسابلىنىشى كېرەك.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: مەنىۋىيىتىمىز، مىللىي كىملىك
ئەڭ يېڭى يازمىلار