يىپەك يۇلىدىكى بىر چوڭ ئىللەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

«يىپەك يۇلىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» خۇددى ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» داستانىدا ئېيتىلغاندەك «شەيتان» غا ئوخشاش بۇلۇپ، ئۇ خۇددى خۇجا نەزەر ھۇۋەيدا ئېيتقاندەك؛ تەڭرى سۇپەتلىك ئىنسانغا مىنىۋىلىپ، ئۇنى خار- زارلىق ھەلقۇمىدا ئېڭراۋاتقان ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىللەت. بۇنى بىز بىرلىكتە كۈزۈتۇپ چىقايلى. يىراقلىرىنى قۇيۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن تاكى ھازىرقى كۈنلەرگىچە تارىخمىز ۋە تۇرمۇشىمىزدا يۇز بەرگەن بەزى تىپىك مەسللەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۇرۇپ چىقايلى:

بىرىنچى ھېكايەت

مەخدوم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلېرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقى زېمىنىگە كىرىشى بىلەن يۇز بەرگەن پاجىئەلەر

ئېككىنچى ھېكايەت

بۇرھانىدىن خۇجا يەنە بىر قېتىم قەشقەرگە كىرگەندە لىرىك شائىېر ۋە سۇلتان ئەرشى ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلېرىنى قەتىل قىلىپ، تېرورلۇق يۇرگۈزگەنلىكى تۇغرىسىدىكى ۋەقەلەردۇر.

ئۇچىنچى ھېكايەت

ۋەلىخان تۆرىنىڭ قەشقەر قىزىل دەريا ساھىلىگە بىر قانچە «كاللا مۇنارى» ياسىغانلىقى، تۆمۇرچى تەقدىم قىلغان قېلىچنى ئۇنىڭ سەبي ئوغلىنى چاناپ سىناپ كۆرگەنلىكى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىمۇ ھاكىميەت مەجنونلىقىدا ساراڭلىققا گىرىپتار بولغانلىقى تۇغرىسىدىكى پاجىئەنىڭ روھى دۇلقۇنلېرىدىن ئىبارەت.

تۆتىنچى ھېكايەت

بىلال نازىمنىڭ «چاڭموزا يۇسۇپخان» داستانىدىن ئېلىنغان.

بەشىنچى ھېكايەت

يەنە بىلال نازىمنىڭ «غازات دەر مۇلكى چىن» داستانىدا گەۋدىلەندۇرۇلگەن مەھمۇد پوچى ئوبرازىدىكى مەنىۋى ئىللەتتتىن ئىبارەت.

ئالتىنچى ھېكايەت

ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ پاجىئەلىك قەتىل قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت.

يەتتىنچى ھېكايەت

جاھالەتكە، قۇللۇققا قارشى ئىسيانكار شائىېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىدىن ئىبارەت.

سەككىزىنچى ھېكايەت

تەرىقىسىدە سىزگە لېكوك ۋە سىتەيىن قاتارلىق ئەجنەبىي قىدىرغۇچىلارغا ياللانغان ئىسلام ئاخۇن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز مومكىن.
خوش،روھى ئىللەتلەر تارىخى فورماتسىيەنىڭ يىپەك يۇلى سۇ ۋە ھاۋاغا يۇتكەلگەندىن كېيىنكى «قارا سېكىل» نىڭ ئوق مەركىزىنى كۆرۇۋالدۇق. ئۇنىڭ ئەتراپىدا پىرقىرايدىغان «سەييارە» لەرگە نەزەر ئاغدىرغاندەك بولدۇق.

ئالدى بىلەن كۆزىمىزنى ئالا تاشلاپ، تۇرمۇش رەستىلېرىدە ئۇچىرايدىغان سەلبى قىياپەتلەرگە قارىۋالايلى، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا زېھىن بىلەن كۆز تىكىپ مۇلاھىزە يۇرگۇزىمىز.

«ياغاچ ئاياق قاداپ گەۋدە كۆرسىتىش»، «ئۆزىنى رامكىغا ئىلىپ كۆتۇرۇپ يۇرۇش»، «ئۆزىنى كۇپتۇرۇپ، ئۆزگىنى چۇكۆۈرۇش» ، «سۇر كۆرسىتىپ سېيرىۋىتىش»، «ئېتتىك قىلىچتا ئۇنى چاناپ سىناپ بېقىش»، «ياڭاق شاكىلىغا قۇڭغۇز سىلىپ، ئەپسۇن بىلەن قىمىرلىتىپ ئەۋلىيا بۇلىۋىلىش»، «ئارىنى بۇزۇپ سۇلتان بۇلۇش»، «كېچىسى بۇغۇزلىۋىتىپ، كۇندۇزى ھازىدار بۇلىۋىلىش» ، «بالخانىغا چىقىرىپ، شۇتىنى تارتىۋىتىش»، «ئوڭ قۇۋۇرغۇسىنى سۇغۇرۋىلىپ، سول بېقىنىغا سانچىش»، «قۇلۇقىغا كۇسۇلداپ، غەزەپ قىلچىنى قىنىدىن سۇغۇرتۇپ ئالدۇرۇش»، «باشقا ئادەم قۇلىدا قەتلى قىلىپ، بىگۇناھقا ئارتىپ قۇيۇش»، «خانقا ئىشىدا مورت بېقىپ سېخى ساخاۋەتچى بۇلىۋىلىش»، «گۈل ئارسىغا زەھەر يۇشۇرۇش»، «سەتەڭ- سەنەم كۇزىرى ئىشلىتىش»، «خۇجا كۆردى بۇلىۋىلىش»، «تاش ئېتىپ چىراق چېقىش، چالما ئېتىپ مىۋە قېقىش»، «يۇلۋاسنى كۆرسە مۇشۇك، مۇشۇكنى كۆرسە يولۋاس بۇلىۋىلىش»، «قارغۇنى كۆۋرۇكتە قىستاپ، قوينۇدىكى گۇھۇرىنى ئىلىۋىلىش»، «يۇزى قېلىن بۇلىۋىلىش»، «ھاماقەتلەرنى توپلاپ قاھارەتلىتىش»، «قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەش»، «يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۇش»، «بىر كىيىم بىلەن بىر قانچە خۇتۇن ئىلىش»، «قايتا تويلۇق ئۇچۇن قايتا ئەرگە تىگىۋېرىش»، «ھارامدىن ھامىلە پەيدا قىلىش»، «غەيۋەت بىلەن كۈڭۈل ئىچىش»، «تۈز يەردىن قۇيۇن چىقىرىش»، «گال مايلاپ گېلىنى بۇغۇش»، «قۇرئان بىتىگە ساختا خەت يېزىش»، «ھۆل قىشقا دەسسىتىپ لەت قىلىش»، «سەيلىگە ئىلىپ چىقىپ خۇپيانە سېتىۋىتىش»، «ھەر ئىككى تەرەپكە يامان قىلىۋىتىش»، «ياغاچ قازان قىلىش»، «ماختاپ كۆپتۇرۇپ پۇپۇك، تىللاپ چۆكۈرۈپ كۆپۇك چىقىرىش»، «كۇسۇلدىشىپ دوست بۇلۇش، سۇكۇلدىشىپ شېرىك» ، «ئوقۇتلۇچىلىقنى خار بىلىش»، «خۇتۇنى قىيدىغانغا ئېرى قىيداش»، «ئاغزىدىن بەدىۋى سۆز، ھەركىتىدىن بەدىۋى قىلىق چىقىرىش» ، «كۆچلۈكنى يۇلەپ، ئاجىزنى شۇلۈش»، «ھەسەتخورلۇق قىلىش»، «ئۆتكەنگە سالاۋات دىگەننى ئوتتۇز قىتىم تەگەش» ، «نامەردلىك» ۋەھاكازالار.

«تۇخۇمغا تاشنى تۇغىرلاپ تۇخۇم چېقىش» بىلەن «شاختىن- شاخقا يۆتكىلۋىلىش» ئۇنىڭ ئىلاجىسىزلىقتا ئىپادىلىگەن شەكلى بۇلۇپ، خەنزۇ تۇراقلىق سۆزلەردىكى «پەشنى قېقىپ كېتىپ قىلىش» كە قارغاندا، رۇدۇپايدەك ناھايىتى قىلىن!
قەدىرلىك قېرىندىشىم! باشقىلارنىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي، ئۆزىڭىزنىمۇ كۈزەتچى قىلىۋالماي يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان بىر قاتار سەلبىي ھالەت «قىلىپلېرى» نى بىر- بىرلەپ كونكېرىت تارىخى ياكى رىئال ئېپىزوتلار بىلەن تۇشقۇزۇپ كۆرۇڭچۇ! بۇلار «قىمىرلىسۇن» -چىنلىق ئېقتىدارىنى كۆرسەتسۇن. ياپىرەي! قانداق بۇلغىنىش ئىچىدە ياشاپ كەلگەندىمىز- ھە! شۇنداق مەن تىخى تۇلۇق «تەنزە» يايالمىدىم.

«يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكىمەت» دىن

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: مەنىۋىيىتىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار