ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ

ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ

ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ

ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﻜﯩﻨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ « ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯧﻤﻪ »ﺩﻩﻙ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، « ﺋﻪﺳﮭﺎﺑﯘﻟﻜﻪﮬﻒ »ﺩﻩﻙ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﺗﻪﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺳﺘﻪﻙ ﻳﯧﯖﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ» ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﻣﻮﮊﻧﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﺰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻲ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﻟﻪﯞﮬﻪ، ﯞﯨﯟﯨﺴﻜﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ، ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 1000 – ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 2000 – ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، 16 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﺑﻼﺷﻘﺎﻥ.
ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ ﺭﯨﻢ – ﯞﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ « ﺳﯧﺮﯨﺲ » ( ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺋﯧﻠﻰ )ﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﻖ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺟﻪﻳﻴﺎﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﺮﯦﻨﯧﻲ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ « ﺟﻪﺑﻪﻟﺌﻪﻝ ﺗﻪﺭﯨﻖ » ( ﮔﯩﺒﺮﺍﻟﺘﺎﺭ ) ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻏﻮﻝ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﻐﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ – ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ – ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻪﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ « ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ »ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻏﻮﻝ ﻳﻮﻝ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﻟﯟﯦﻐﻰ ﺋﯩﺪﻯ. « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻗﻼ، « ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ » ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ – ﺳﻮﻣﯩﺮ – ﺳﺎﻙ، ﺧﯘﺍﺷﻴﺎ، ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺌﻮﻥ، ﺋﺎﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ؛ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺷﺎﺭﺍﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﺮﯦﻚ – ﺭﯨﻢ، ﻛﯘﺷﺎﻥ – ﻛﯜﺳﻪﻥ، ﺳﯜﻱ – ﺗﺎﯓ، ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺭﻛﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ؛ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ – ﻣﺎﺳﺎﮔﯩﺘﺎﻱ ( ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﺎﻙ ) ﻣﯧﺘﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ، ﮬﯩﻨﺪﻯ ﺭﻩﻗﻪﻣﻠﯩﺮﻯ، ﮔﺮﯦﻚ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ، ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺌﻮﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ – ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ

« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﮬﻮﺳﯘﻟﺪﺍﺭ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯩﺰﻣﺎ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﻮﺩﺍ – ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ – ﺭﺍﮬﯩﺒﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺪﻯ. ﺳﻮﺩﺍ – ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻨﯩﯔ 2 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﯞﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ – ﮬﻪﺗﺘﺎﺭﭼﻰ ﺳﻮﺩﺍ – ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﺎﮬﺎﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ( ﺗﺎﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ) ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﻥ – ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﭽﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ – ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﻥ – ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﭽﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﯧﺰﯨﭗ، ﺗﺎﻍ – ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﺎﻟﻨﻰ ﻗﯩﺶ – ﻳﺎﺯ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » _ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻳﻮﻟﻰ، ﺩﯨﻦ – ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﻮﻟﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻔﺎﮔﻮﺭ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪﭘﻼﺗﻮﻥ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﮬﯧﭙﻮﮔﺮﺍﺕ ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻳﯘﯓ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺑﯩﻠﯩﺌﻮﻧﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺰﻭﭖ ﻣﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﺘﯩﻦ، ﻣﺎﻧﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻟﻮﻳﺎﯕﺪﯨﻦ، ﺋﯩﯟﺭﭘﯧﺪﯨﺲ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﺳﺘﺎﻧﻪﻳﯩﺪﯨﻦ، ﭼﯩﻦ ﻓﺎﺭﻓﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺘﺌﻪﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯧﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ، ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻠﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﺳﺴﻪﺳﻪﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﻰ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﯜﻱ – ﺗﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﻮﯞﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻧﺎﻝ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﺘﻪﻙ ﻳﺎﻳﻐﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻐﯩﻨﺎ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﻰ ﯞﻩ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ – ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﻳﻪﻛﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻛﯜﺳﻪﻥ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ، ﺷﻮﺭﭼﯘﻕ، ﻗﻮﭼﯘ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭘﯘﻟﭙﻪﺯ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﯞﯦﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ، ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯜﻱ ﮔﯘﺍﯓ ﻛﯜﺳﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ 20 ﻣﯩﯔ ﺗﯘﻳﺎﻕ ﺋﺎﺕ – ﺧﯧﭽﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﯞﺍﮬﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﻮﻙ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺑﻮﻳﺎﻗﻼﺭ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯧﺮﻛﺎﯞ ﯞﻩ ﻗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺳﻮﺩﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻙ – ﯞﺍﺯﯨﻨﺘﯩﻴﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺳﻪﻟﺐ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺭﻩﺏ – ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﻝ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺳﺎﻟﺠﯘﻕ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻪﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﮬﺮﺍﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ 1492 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺩﻣﯩﺮﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﮔﯩﺒﺮﺍﻟﺘﺎﺭ ﺑﻮﻏﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﻯ. ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ « ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻏﻮﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﮔﯧﻨﻮﻳﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯘﻧﯩﯔ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﺪﻩﻙ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﻮﺭﺗﯘﮔﺎﻟﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﺑﺎﺭﺟﯩﺌﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺭﯨﻢ ﭘﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﻮﻟﻰ II ﭘﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎﺟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺌﺎﺭﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻭﺑﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﻯ. ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﻯ، ﻟﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﺘﺌﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﻪﺩﯨﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﻼﺭ، ﺋﺎﻧﺴﯧﻜﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ « ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ » ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﻣﯩﻜﺮﯗﯞﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮔﺮﯦﻚ – ﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺩﯦﯖﯩﺰ – ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 4 -5 ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ « ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ »، « ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﻻﻕ »ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﺋﺎﻓﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﺰﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﯓ ﮬﻮﻗﯘﻗﺴﯩﺰ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻗﯧﻨﻰ، ﻛﯩﻤﻤﯘ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻜﯩﻦ ؟ !
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ = ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ _ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ = « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺸﻰ !

ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ

« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ – ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﺘﻰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻤﻪ – ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺗﯚﮔﻪ – ﺋﺎﺕ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺮﻏﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ، ﺋﺎﺭﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪﺵ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺭ ﭘﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﻰ. ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺭﻣﯘ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺪﻯ. « ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭖ »، « ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ » ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﺟﯘﺟﻴﺎﯓ ﯞﻩ ﭼﺎﯕﺠﻴﺎﯓ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ !
ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻥ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﻯ !
« ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯚﮔﻪ » ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺷﺎﮬﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ ! ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ، ﺩﯦﯖﯩﺰ – ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺩﯦﯖﯩﺰ – ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻤﺎﺑﺘﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯘ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ، ﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯧﺮﺍﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺳﻪﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﻩﺕ ( ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ) ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻟﯩﻚ. ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﯦﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼ ﺋﺎﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ، ﺑﯩﺰ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯓ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﻛﯚﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﺪﺍﺭ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﯞﻩﻗﻪ، ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﺩﺍ، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﻦ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﭼﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻻﺱ.
« ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺏ – ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ « ﺋﻪﺩﻩﺏ » ﺋﻪﻣﻪﺱ، « ﭘﯘﻝ »ﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺭﯨﯖﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻳﯧﯖﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺧﺎﺗﺎ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ « ﻗﻪﻟﺐ »ﻟﻪﺭ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﺧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻳﯧﯖﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ » ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ. « ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯚﮔﻪ » ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. « ﺋﺎﻛﯩﻴﻮ » ﺭﻭﮬﯩﻤﯘ، « ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ » ﺭﻭﮬﯩﻤﯘ، « ﺗﯚﮔﻪ ﻗﯘﺷﻰ » ﺭﻭﮬﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ! ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ « ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ »ﺩﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ « ﺋﯚﺯ – ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ ». ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﻳﯧﯖﻰ « ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ »ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﮬﯧﻜﻤﯩﺘﻰ !

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: سودا-سانائەت، مەدەنىي مىراسلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار