مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى

تۇرغۇن يىلتىز

ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮدﯨﻦ :

ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺋﯧﺴﯩﻠﺰادﯨﻠﻪرﭼﻪ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرﺗﻰ، ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق ﻣﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠلاردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ:

ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ، ۋاﻗﯩﺘﭽﺎﻧﻠﯩﻖ (ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘش ) ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻟﻪۋزﯨﺪە ﺗﯘرۇش، ﺳﺎداﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ، ﺋﺎﻗﯩلاﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﺶ، ﻣﻪردﻟﯩﻚ – ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻖ، ﺳﯚﻳﮕﯜ – ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﺎپ دﯨﻠﻠﯩﻖ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ( ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺶ) ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻣﯘلاﻳﯩﻤﻠﯩﻖ، راﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻛﻪﻣﺘﻪرﻟﯩﻚ، ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ، ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪارﻟﯩﻖ ( ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜر ﺑﯩﻠﺪۈرۈش )، ﺧﯘش ﭘﯧﺌﯩﻠﻠﯩﻖ ( ﻳﯘﻣﯘرﻟﯘق ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪت )، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻟﻪۋزﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ۋاﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻧﺎداﻧﻠﯩﻖ، ﺋﺎﭼﻜﯚزﻟﯜك، ﻧﺎﻣﻪردﻟﯩﻚ – ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻟﻪﻧﻪت – ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﯩﻚ، ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪرﻟﯩﻚ، زاﻟﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎرﻟﯩﻖ – ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﮬﺎﻛﺎۋۇرﻟﯘق، ﻧﺎﭘﺎﻛﻠﯩﻖ، ﺋﺎداﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺗﻮڭ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار رەزﯨﻠﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﺎﻟﻤﺎق ﺗﯘﺗﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺳﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪردە ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺷلار، ﺗﻮﻧﯘﺷلار ۋە ﻳﯧﻘﯩﻦ – ﻳﻮرۇﻗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻮرۇﻧلاردا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺴﯩﺰ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸلاردا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﻣﺪە ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚز ﺋﻮﺑﺮازﯨﯖﯩﺰﻏﺎ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪۇ. داﺋﯩﻢ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯩﭙﺎدﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮازﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازى ﭼﻪﻣﺒﻪرﭼﺎس ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﻮﺑﺮازﻧﻰ رەﺳﺴﺎﻣلار رەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﻏﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪر ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎس ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﺑﺮاز – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺨلاﺳﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻗلاﻳﺴﯩﺰ، ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺴﯩﺰ ۋە ﻳﺎرﯨﺘﯩﺴﯩﺰ.

ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪزﻣﯘن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚرۈۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪرﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ دەرﯨﺠﯩﺴﯩﺪە ﻣﻪﻟﯘم ﭘﻪرﻗﻠﻪر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﺪاق ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك دۇچ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﯩﺪﯨﻦ، ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎرەت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺟﯘلاﻟﯩﺮى ﺳﯚز – ﮬﻪرﯨﻜﻪت، ﭼﯩﺮاي ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ زۆرۈر.

1 . ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ – ﻛﯚرۈﺷﯜش ۋە ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش – ﻗﻮﭘﯘش، ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺸﺘﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر

1 ) ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮﯕلارﻏﺎ، ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧلار ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلارﻏﺎ، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻘلار ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻘلارﻏﺎ، ﺋﯘلاﻏﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﯩﻴﺎدﯨﻠﻪرﮔﻪ، ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪر ﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ ﺋﻪۋزەﻟﺪۇر. ﺳﺎلام ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪر «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم» دەپ ﺋﻪﮬﯟال ﺳﻮرﯨﺸﻰ، ﺳﺎلاﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩلار «ۋەﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم ﺋﻪﺳﺴﺎلام» دﯦﻴﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ – ﻛﯚرۈﺷﯜش ۋە ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸلاردا ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەش، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاﻗﺘﯘر. ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﭼﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﻗﻮل ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎراش، ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ۋە ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪارﯨﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﮬﯟال ﺳﻮرﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪپ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪۇر. ﺳﺎلام ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە، ﺋﻮڭ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﯖﯩﺰﮔﻪ (ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪس)! ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪل ﺋﯧﮕﯩﯔ.

2 ) ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش – ﻗﻮﭘﯘش ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰ دۇرۇس ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺋﺎدەم ﺑﺎرﻟﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳلاردا، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ دۇرۇس ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺑﻪك ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯘدۇﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈش، ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻟﯩﻜﯩﻠﺪﯨﺘﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﭼﯧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﭘﯘت ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﻧﺎﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﺎدەم ﺑﺎر ﻳﻪردە ﻗﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﯜﻛﯜرۈش، ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇپ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ – ﭼﯜﺷﻜﯜرۈش، ﻛﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﻗﯘلاق – ﺑﯘرﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮلاش، ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎزﯨلاش، ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘۋاﻟﻤﺎي ﺋﻪﺳﻨﻪش، ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻘﯩﺸﺘﯘرۇش، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪددﯨﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎدە ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜش، ۋارﻗﯩﺮاش – ﺟﺎرﻗﯩﺮاش، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ – رﯦﺴﺘﻮراﻧلارﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮاۋﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮي – ﺗﯚﻛﯜن، ﻧﻪزﯨﺮ – ﭼﯩﺮاغ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪت ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺘلارﻧﻰ ۋە ﭼﻮﯕلارﻧﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻢ – زﯨﻴﺎﻟﯩﻴلارﻧﻰ ﺗﯚرﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﯚر ﺗﺎلاﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻢ. ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﯩﻠﻪر ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلارﻏﺎ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻤﻜﺎن ﻗﻪدەر ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلارﻧﻰ ﻗﻮزﻏﯩﯟەﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﻮرۇن ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ، ﻧﺎۋادا ﺋﯘلار ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﻮرۇﻧﺪا ﻛﯚرۈﺷﯜش زۆرۈر ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ ﺋﯘدۇل ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﯘرﺳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺸﯩﺶ لازﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش، ﻗﯩﺴﺘﺎش، دﯨﯟاﻧﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﺳﻮﻧﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯘﺧلاش، ﺑﯩﺮاۋ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﯕﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ، ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺑﯩﺮاۋ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ۋالاﻗلاپ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜش، ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪۇر.

داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﺋﺎۋۋال ﭼﻮﯕلار ﻣﻪزەﮔﻪ ﻗﻮل ﺋﯘزاﺗﺴﯘن. ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻗﻮرۇﻣﯩلارﻧﻰ ﭼﻮﻛﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ – ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺋﯚرۈﻣﻪڭ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻠﻐﯩﻤﺎڭ. ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﺎﭼﯩﺪا ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﻏﯩﺰاﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻤﺎڭ، ﻳﻪپ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪي ﺗﯘرۇپ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﯔ. ﻏﯩﺰا – ﺗﺎﺋﺎﻣلارﻏﺎ ۋە ﮔﯧﺰەك، ﻳﻪل – ﻳﯧﻤﯩﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎچ ﻛﯚزﻟﻪرﭼﻪ ﺗﯧﮕﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ – ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﯖﯩﺰلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.

ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، روﮬﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ، ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮلا ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ،ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯘك، ﺗﻮﺧﯘ – ﺋﯚردەﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ – ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ زورلاش، ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪا ﺳﯩﻠﻜﯩﺶ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯧﭽﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻪر – ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺷلاش، ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﯩﺰا ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎلاش، داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ دەﺳﺴﻪش، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻏﯩﺰادﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻤﺎﺳﺘﯩﻨلا ﻗﻮل ﺳﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪدەپ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻏﯩﺰادﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎۋۋال ﭼﻮﯕلار دۇﺋﺎﻏﺎ ﻗﻮل ﻛﯚﺗﯜرﺳﯘن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜڭ؛ ﺋﺎۋۋال ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلار، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚردە ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧلار ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ.

ﭘﯘت ۋە ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯘت ۋە ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺴﯩلا ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮔﯩﻠﻪم ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺳﻮرۇﻧلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰدە ۋەﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚرﭘﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺟﻪزﻣﻪن ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﭘﺎﻳﭙﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﭘﯘراق ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺑﯩﺰار – ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯚي ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ – دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﯩﻠﻪر ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺋﻮزﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺳﺎل ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭘﯘت ﭘﯘراش ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘت ﺗﻪرﻟﻪش ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈﻟﺴﻪ، ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﭘﯘت ۋە ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﻳﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﭘﯘت ۋە ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻳﺎﻏﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮔﯩﻠﻪم، ﻛﯚرﭘﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎت ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪردۇر.

ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯔ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪا، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلار ﻗﯧﺸﯩﺪا، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار، ﺑﺎﻟﯩلار – ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺖ – ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚرﻧﻪك ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ. ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮ – ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ: ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚي- ﺧﺎﻧﯩﻠﻪردﯨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى، ﺑﺎﻏﭽﯩلاردا، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﭼﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘلاردﯨﻤﯘ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺮاﮬﯩﺪﯨﻦ: «ﻳﯧﻨﯩﯖﯩﺰدا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﺴﻪم ﺑﻮلاﻣﺪۇ؟» دەپ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺳﻮراﻳﺪۇ. ﺑﯘ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺋﯚز ﻣﻪﻳﻠﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﯚرﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰزەت – ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻚ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﻠﯩﻚ، دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯩﺰدە ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧلاردا، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﯕﮕﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﻣﻪﻳﻠﯩﭽﻪ ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﻪرﻟﻪردە ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﻳﯜرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﺎﺷلاپ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮاش ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﯖﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯚز ﺧﯘﻣﺎرﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﺷﻘﺎ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎن – زەﺧﻤﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ زﯨﻨﮭﺎر ﮬﻪﻗﻘﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮق.

3 ) ﺳﯚزﻟﻪش ۋە ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺸﺘﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪۇر. داﻧﯩﺸﻤﻪن ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ «ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺋﻮﻳلاپ ﺳﯚزﻟﻪ» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯚزﻟﻪش ۋە ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪدەر ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇن ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺳﯚز ﺧﯘددى ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘ ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﺳﯚز ﺧﯘددى ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮۋاﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘش – ﺗﯘﻏﺪۇرۇش ﺋﻪﺳلا ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس؛ ﺳﯚز ﺧﯘددى ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺗﯩﻐﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﻳﺎﻣﺎن ﺳﯚز ﻗﻪﻟﺒﻨﻰ ﺟﺎراﮬﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ، ﺗﻪن ﺟﺎراﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﻟﺐ ﺟﺎراﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻤﺎق ﺗﻪﺳﺘﯘر. دﯦﻤﻪﻛﻜﻰ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪردﯨﻦ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻗﯘﻟﯘﭘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎراﺳﻪت ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭼﻤﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪۇر.

«ﻳﻮﻟﯟاس ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎس، ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﺪﯨﻜﻰ «ﻳﯩﮕﯩﺖ» ﺳﯚزى ﺋﻪرﻟﻪر ﺗﺎﺋﯩﭙﯩﺴﯩﮕﯩلا ﻗﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ «ﻟﻪۋزﯨﺪە ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭼﯩﻦ ﺋﺎدەم» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎل ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎل ﺟﯩﻨﺲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪا ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ «ﻳﯩﮕﯩﺖ» ﺳﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺑﻮﻟﯘپ، راﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ۋە ﺋﯚزى ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺳﯚزﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاﺷﻨﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟلاﺷﺘﯘرۇپ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪم ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاﺷﻨﻰ، ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻧﯘرلاﻧﺪۇرۇﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ «ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪپ ﺑﯩﺮ ﻛﻪس» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜل ﺗﺎرازﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ، راﺳﺖ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪە ﻏﯘم ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺳﯚزﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت. ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻟﻪۋزﯨﺪە ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜزﻟﯩﻤﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻳﺨﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪرﮔﻪ ﺋﯘرﯨﺪۇ.

ﺳﯚزﻟﻪش – ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺸﺘﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺑﺎر. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﻪك ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘرۇۋاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﯩﻨﯩﻖ ﺋﯘرۇﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺗﯜﻛﯜرۈك ﭼﺎﭼﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ زۆرۈر. ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻗﻮل ﭘﯘلاﯕﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻗﻮل ﺷﯩﻠﺘﯩﻴﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﻧﻮﻗﯘپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﺷﺘلاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯔ. ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭘلا ﺳﯚزﻟﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﯚزﻟﯩﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚز ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘراش، ﺳﯚزﻟﯩﮕﯜﭼﯩﮕﻪ دﯨﻘﻘﻪت – ﻧﻪزەرﻧﻰ ﺑﻪرﻣﻪي ﺋﯘﻳﺎق – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎراش ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪۇ. ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﻗﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﺎﯕلاڭ. ﺋﯜچ ﺋﺎدەم ﺑﺎر ﻳﻪردە ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯘﺳﯘرﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﯚزﻟﻪﺷﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺳﯚزﻟﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯕلاﺷﻘﺎ زورﻟﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك. ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﻮرۇﻧﺪا ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯘزﯨﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸﺘﺎ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﻰ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮلا ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻢ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ۋە ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ، ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺮاۋ «ﺗﯘﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻤﺎق ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك» ﺳﯚزﻟﻪپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪس ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ دﯦﺴﻪ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە – ﻣﺎزاق ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﺎدان ﺑﯩﻠﻪن ﮔﻪپ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺑﯩﺮاۋﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩلاڭ ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪش ﺟﯩﻢ ﺗﯘرﻏﺎن ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯜﺳﯜﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەر. ﺑﯩﺰدە: «ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘرﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﭘﺘﯘ، ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺗﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎق ﺗﯧﮕﯩﭙﺘﯘ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺑﺎر، «ﭘﯘت ﻳﯜﮔﯜرۈﻛﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎ، ﺗﯩﻞ ﻳﯜﮔﯜرۈﻛﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺑﺎر. ﮔﻪپ – ﺳﯚزدە ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻗﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮔﯧﭙﯩﻢ ﺑﺎر دەپ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮاﻗلا ﺗﯧﺮە ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻛﯜۋﯦﺘﯩﺶ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﺎﭘﯩلا – ﺷﺎﭘﯩلا ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪۈرۈۋﯦﺘﯩﺶ، ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﮕﻪ رەددﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺑﯩﺮاۋ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺋﺎﻟﺪﯨﭙﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎدەﻣﮕﻪ زﯨﻴﺎن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﭘﺎﻟﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﯩﯖﻨﻪ، ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻳﺎرﯨﺸﺎ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﻪﻳﺪەﺷﻜﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﻛﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪا ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇۋﯦﺘﯩﺶ، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﻏﻪﻳﯟەﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻛﺎززاﭘﻠﯩﻖ، ﭘﯩﺘﻨﻪ – ﭘﺎﺳﺎت ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺑﻮﮬﺘﺎن ﭼﺎﭘلاش، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻗﯧﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻧﺎﺋﻪﮬﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪن ۋاﺑﺎ، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﻮﻏﯘﻧﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯜﻧﮕﻪن ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.

ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮاۋﻏﺎ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرﻣﻪڭ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪت ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﺪا ﺟﯩﻢ ﺗﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ﮔﻪپ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﻤﺎڭ، ﺑﯩﺮاۋﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاق ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرۈش، ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻳﯩﺐ – ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨلاش، ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘرۇش، ﺧﻪت – ﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈش، ﻧﺎم – ﺷﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ، ﻏﯘرۇرﯨﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻗﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕلارﻏﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎق ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ دەپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻣلاﺷﻤﯩﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻣﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﺋﯘﭼﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﻣﯩﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪۇر. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ دەپ ﻳﯜرۈش ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚزﻟﻪش، ﮔﻪپ – ﺳﯚزدە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮬﻪم ﺳﯩﻠﯩﻖ – ﺳﯩﭙﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﯘش، ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻣﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺨﭽﺎم ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﻪت، ﺑﻪدەۋى ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮔﻪپ – ﺳﯚزدە ﻗﻮﭘﺎل ﺑﻮﻟﯘش، ﺋﺎدەم ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﭙﻴﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ، ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلارﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎش، ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﻪردﯨﻦ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪزﻣﯩﻠﯩﻚ، ﺗﻪﻧﻪ – ﻳﺎﭘﺘﺎ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﮔﯚﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ زاﻣﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﻣﯘﻧﺪاق ﭼﯜش ﻛﯚرۈﭘﺘﯘ: ﭼﯜﺷﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭼﯩﺸﻰ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﯜدەﻛﻤﯩﺶ، ﭘﻪﻗﻪﺗلا ﺑﯩﺮ ﺗﺎل ﭼﯩﺸﻰ ﻗﺎﻟﻐﯘدەﻛﻤﯩﺶ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎن ﭼﯜش ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﯩﺴﻰ: «ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﯩﻢ، ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ» دەﭘﺘﯘ. ﭘﺎدﯨﺸﺎھ دەرﮬﺎل ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯜش ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ: «ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻰ ﺋﺎﻟﻪم، ﺑﯘ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘزاق ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎرەﺗﺘﯘر» دﯦﮕﻪﻧﯩﻜﻪن، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﻣﻪﻣﻨﯘن ﺑﻮﭘﺘﯘ ۋە ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯘﻗلاﭘﺘﯘ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺮﭼﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﺗﻪﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﺷﺘﻪ، ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪا ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﭘﻪرق ﺑﺎر. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ — ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﭘﺎل ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟال. ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘﻛﻰ، ﺳﯚزﻧﻰ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل ﺗﯩﻞ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﺷﻜﻪ، ﺳﯚزﻧﻰ ﻣﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﻪم ﺋﺎددﯨﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪرداﺋﯩﻢ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺑﯘﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪۋﺳﻪر ﺳﯜﻣﯜرﯨﺪۇ، ﮔﯜزەل ﺳﯚزﻟﻪر ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺳﺮەت ﺗﺎﭘﯩﺪۇ.

ﻳﺎﻧﻔﻮن، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ۋە ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪا ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﺎ ﺋﺎدەم ﺑﺎر – ﻳﻮق دﯦﻤﻪي، ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﺳﯚز – ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎن ﺗﯩﻨﭻ ﺳﻮرۇﻧلاردا ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ – ﺋﯘرۇش، ۋارﻗﯩﺮاپ – ﺟﺎرﻗﯩﺮاپ ﺳﯚزﻟﻪش، ﺋﯚزى ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎﺑﺮۇﻳﻠﯘق ﺋﻪرﺑﺎﺑلارﻏﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚز – ﻛﯚز ﻗﯩﻠﯩﺶ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلار ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺑﺎﺑﯩﻐﺎ زﯨﺖ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﺎ، دەرﺳﺨﺎﻧﺎ، ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﺨﺎﻧﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻮرۇﻧلاردا ﻳﺎﻧﻔﻮن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﻟﯜك ﺋﻪﻣﻪس. ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﺮاﻧﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮوﻧﻠﯘق ﻳﻮﻟلاﻧﻤﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ – ﻳﻮﻟلاش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎۋازﺳﯩﺰلاﻧﺪۇرۇش، ﺗﯩﺘﺮﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ روﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. ﺑﯘلار ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻳﺎﻧﻔﻮن ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜك ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رۇﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ۋە ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩلاردﯨﻜﻰ ﺧﺎس ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧلارﻣﯘ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪدەپ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ. دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻨﻰ ﻧﺎزارەت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرﻟﯩﺮى ﮬﻪﻣﺪە ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ﻗﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎس ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺳﻮرﯨﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە، ﺋﯚي ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ دۇرۇﺳﺘﯘر.

ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮرﯨﺪا ﺋﻪدەﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ۋە ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮرﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﻪزى ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ، ﻧﺎﭼﺎر ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮرﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪﮬﯟاﻧﯩﻲ، ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺳﺎﻏلام ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈش، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﻳﻮﻟلاﻧﻤﯩلارﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ، ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚز ﻗﺎﻟﺪۇرۇش ﻣﯘﻧﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻣلاﺷﻤﯩﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺴﯩﺰ، روﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪن ﺑﯩﻨﻮرﻣﺎل ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪۇر. ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ» ۋە QQ لاردا ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺷلار ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪۇ، ﺗﻮرداﺷلار ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺪۇ، ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺘلار ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺶ – ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺶ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩلاردا، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﯨﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﺘﺎ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش، ﮔﯜزەل ﺳﯚز – ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﮬﯚرﻣﻪت – ﺋﯩﺰزەﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش لازﯨﻢ. ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻏﯘرۇرﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺶ، ﻳﻮﻗﯩلاڭ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪرﻧﻰ دەپ ﻗﻮﭘﺎل، ﺳﻪت ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺶ، ﮬﺎﻗﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ.

2 . ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﺘﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر

دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ، ﺋﯚرپ – ﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﭘﻪرﻗﻠﻪر ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪم ﺋﻪﺧلاﻗﯩﺪا ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘلار، ﺋﻮرﺗﺎق ﺗﻪرەﭘﻠﻪر ﮬﺎﻣﺎن ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﮔﯜل ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ۋە ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﺎدەم ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﻗﻪددى – ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﺎلاﭘﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺋﺎدەم ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﻰ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزﯨﺸﻰ ۋە ﮬﺎﻳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺟﻪﻟﭙﻜﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﮬﻪم ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪۇر. ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﯟاﻧﺎﺗﺘﯩﻦ روﺷﻪن ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرۇﺷﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﻳﺪﯨﻐﺎن «ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎت» ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﮬﻪرﻗﺎﭼﺎن – ﮬﻪرزاﻣﺎن ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﻰ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪك ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻳﯚﮔﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪپ، «ﺋﺎدەم»ﻧﻰ ﺋﺎدەم ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﮬﯚﺳﻨﯩﮕﻪ ﮬﯚﺳﻦ ﻗﻮﺷﯩﺪۇ، ﻗﺎﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﯚﻟﻪت، ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﺑﻪرﻧﺎﻟﯩﻖ ۋە زﯨﺒﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ.ﺋﯜﺳﺘﯟاﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟلاردا ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ، ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘق، ﺋﺎﭘﺘﺎپ، ﺷﺎﻣﺎل ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ زەرﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗلاپ، ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻧﺘﻪﻗﻪ، ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ۋە ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻮرۇن – ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸلارﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘن، ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎش ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻪدەن ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ ۋە ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك زاﻣﺎن، ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻘلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪن ﺋﺎدەم ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋادﯨﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺑﻪدﯨﻨﯩﯖﯩﺰ زﯨﻠﯟا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪك ﻛﻪڭ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﻪك ﺗﺎر ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﻤﯩﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك. ﻳﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕلار ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺷلار – ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﮔﻪ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﻳﺎﺷﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. رەﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺴﻜﻪﺗﯩﻨﻰ ﺗﯜزەپ ﻳﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ۋە ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ رەﯕﮕﻰ، ﭘﺎﺳﻮﻧﻰ، رەﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ رەﯕﮕﻰ، ﻗﺎﻣﯩﺘﻰ، ﻳﯧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻗﺎراش، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ، ﺑﻪدەن ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﺴﺎﺑلاﺷﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻳﺎراﺷﻘﺎن – ﻳﺎراﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻗﯩلاﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﭘﯘﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﻣﻮدا ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﻳﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ – دە، ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻳﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺮاﭘﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗلاﻧﻤﺎق ﺗﻪس. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﻣﻮدا ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪر ﮬﻪرﻛﯩﻤﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﯟەرﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﻮدا ﻗﻮﻏلاﺷﻘﯘﭼﯩلار ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﭘﯩﭽﯩﺮ – ﭘﯩﭽﯩﺮ» ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ، ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﮬﯘزۇرﻟﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ۋە ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﺷﻘﺎن ﺗﯜزۈﻛﺘﯘر.

ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺗﺎﻟلاپ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ ۋە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻴﯩﺸﺘﻪ، ﭘﻪﺳﯩﻞ، ﺳﻮرۇن، ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯘراﺳﯩﻢ – ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸلارﻏﺎ دۇرۇس ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﺧﺎس ﭘﺎﺳﻮن، رەڭ ﺗﺎﻟلاش ۋە ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻴﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﻟﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﻪددى – ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺟﻪﺳﯘر، ﻟﻪۋەن، ﮔﯜزەل ۋە ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرەﻧﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﻤﯩﺴﯘن. ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﯖﯩﺰ داﺋﯩﻢ ﭘﺎﻛﯩﺰ – رەﺗﻠﯩﻚ، ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺋﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ رەﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻪرەت ﻛﻪﺷﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪن ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس (ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﮔﯩﻠﻪم ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﯟال).

ﭘﯘﻟﯘم ﺑﺎر دەپ ، ﮬﻪددﯨﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎدە ﺳﯚﻟﻪﺗﯟازﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻗﻮﻟﯘم ﻗﯩﺴﻘﺎ دەپ ﺑﻪك ﺋﺎددﯨﻲ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭼﯧﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺑﻪزى ﺳﻮرۇﻧلاردا ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎراپ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻧﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺑﺎر: ﻧﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ، ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪن ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯧﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪپ، ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﺋﻮردﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎﺳﺎۋۇﻟلار ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﺎداي ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎدەم دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ – دە، دەرۋازﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜزﻣﻪﻳﺪۇ. ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﻧﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ ۋە ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮن – ﺳﻪرﭘﺎﻳﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎل ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻨلا ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺳﺎۋۇﻟلار ﻧﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪزﯨﻢ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﺪۇ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﮬﯘزۇرﯨﻐﺎ ﻣﻪرﮬﻪﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ… ﺑﯘ ﮔﻪرﭼﻪ ﻛﻮﻧﺎ زاﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ ﮬﻪر زاﻣﺎن، ﮬﻪر ﻣﺎﻛﺎﻧﺪا ﺋﯚز ﺗﯩﻨﺪﯨﻨﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇن ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ دەرس ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازﯨﯖﯩﺰ، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮔﯧﺰى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇﻛﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ دۇﻧﻴﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﮬﺎزﯨﺮ ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸلاﻗلاردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯩﺴلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﺪﯨلا ﻛﯚرۈۋاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە، ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎراﭘلا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚز ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺗلاﺷﻘﺎن روﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺗﻮﻧﯘپ، ﺋﯚزﻟﯜك ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎدﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ، ﭘﻪرۋﯨﺸﻜﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘر.

ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎر، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎن روﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯟﯦﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻲ، ﺋﺎددﯨﻲ – ﺳﺎددا، ﭘﺎﻛﯩﺰ، رەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻛﯚپ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪم ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ، ﮬﻪم ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ زور، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﮕﯩﺪۇر. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ دوراﻳﺪۇ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪر، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ – ﻏﺎراﻳﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎپ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻴﯧﺸﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ دەرﺳﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ لازﯨﻢ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺧﯩلاپ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ – ﻏﺎراﻳﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ دەرس ﺋﯚﺗﺴﻪ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻏﺎ ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﭗ، دەرس ﺋﯚزﻟﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻛﯩﻴﯩﻨﺴﻪ، ﺋﺎﻟﺘﯘن زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﺎﻗﯩﺴﺎ، ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردا ﺑﯩﻨﻮرﻣﺎل ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰلار ﻳﺎﺳﺎﻧﭽﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك دﯦﺴﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯩﺠﻪز ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈۋاﻟﯩﺪۇ، ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪۈرۈۋاﻟﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﻣﺎن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻜﻪ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪر داﺋﯩﻢ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺸﻰ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺑﯘزۇﺷﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺳﻪﺗﺮﯨﺪە ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟلا ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ:«ﺑﻮﻳﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯧﺸﯩﯖﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﯖﻨﻰ» دەپ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻮﻏﺮا ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن. ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘرﻟﯘﻗﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻪﻟﺐ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﯩﺮەﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلاردا ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺗﯜرﻟﯜك ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪر ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈۋاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮى رەﺗﺴﯩﺰ، ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮى ﺗﻮﭘﺎ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ دەرﺳﺨﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ لازﯨﻢ. ﺋﺎﻳﺎل ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪك ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﺎر ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك. دﯦﻤﻪك، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺧلاﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﻰ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﯩﻴﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، زﯨﺒﯘزﯨﻨﻨﻪت – زۇﻧﻨﺎرلارﻧﻰ ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ،ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮى ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻳﯚﮔﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻣﯘ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻳﺎت ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ.

ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە، ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ دوراش، ﺑﻪدەن ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻪر – ﺑﯘﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜز – ﻛﯚزﯨﮕﻪ، ﻗﺎش – ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎل ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺧﻪت ۋە رەﺳﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلارﻧﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﭘﻪن – ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻳﺎﺳﺎﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎس، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ.

ﺋﯧﺴﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، داغ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، ﭘﯜرﻟﻪش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜزۈﻟﮕﻪن، ﺳﯩﻴﺮﯨﺘﻤﯩﻠﯩﺮى ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜرۈش ﺋﯚز – ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘزﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰدە: «دوﺳﺘﯘڭ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرار، رەﻗﯩﺒﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﻐﺎ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺑﺎر. ﺑﯘ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دەﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻏلارﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ – ﻳﯘ، ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰدە ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩلا، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﯜچ ﺳﺎﻟﻤﺎق ﺗﯘﺗﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭘﯘﺗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا، ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ – ﭘﺎرﻗﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﻣﺎﻳلاپ، ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﺶ، ﮬﻪرﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﻮﻏﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﭼﯩﮕﯩﺶ، ﺋﺎﻳﺎغ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺘﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﻳﺎر ﺑﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻴﯩﺶ، ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋەدۇر.

ﺋﻪرﻟﻪر ﭼﺎچ ۋە ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺸﻘﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﺴﯘن. ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇت ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﺎﻗﺎل – ﺑﯘرۇﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯩﯖﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرۈﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﯘن. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﭼﻪ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﻪرەﻧﭽﻪ ﭼﺎچ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﻠﯩﺸﻠﯩﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎت، ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺴﻘﺎ ﺧﺎس ﭼﺎچ ﭘﺎﺳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇۋەﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﻰ ۋە ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ، ﺋﺎﻟﯩﻴﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﻳﯩﯟاﻟﻐﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺗﺎرازﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﻪپ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰراق ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚزﻟﯜك ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﻪرﭼﻪ ﭼﺎچ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎرلاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯘﺷلار ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪي – ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﮔﯜزەل ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻟﺪەك ﺋﯘزۇن ﭼﺎﭼﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻣﺎق – ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﺘﯘر، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺳﺘﯘر ﮬﻪم ﺟﻪزﺑﺪاردۇر.

ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﻪﻣﺪە دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎر. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﻗﺎراﻳﺪۇ. «ﺑﯘ دﯦﮕﻪن ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜﻣﻐﯘ … ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﻴﯩﻨﺴﻪم ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮﻏﯘ…» دەپ ﺋﻮﻳلاپ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻪﻳﻨﻪت – ﻛﯩﺮ، ﭘﯜرﻟﻪش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺟﯘﻟﯘﻗﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرەت ﻛﻪﺷﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎرﯨﻤﺎﻳﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرﻣﻪي، ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ۋە ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺧﯘددى ﮬﺎزﯨﺮلا ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك ﻳﯜرۈۋﯦﺮﯨﺪۇ… ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ۋە ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪزﺑﺪارﻟﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺎﻟﺴﯩﺰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯧﻨﯩﻘﺮاﻗﻰ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. «ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﯩﺪۇر» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎن. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ:«ﺧﻮﺗﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎلاﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎرۇ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮق» دﯦﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎس. ﺑﯘ ﮔﻪپ ﮔﻪرﭼﻪ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرۈپ ﻳﯜرۈﺷﻜﻪ ﺳﻪل ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلار:«ﺑﯜﮔﯜن ﻣﻪن ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ… زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻘﯘ…» دﯦﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ «ﺋﯚز» ﻛﯚرۈپ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ، دەرﮬﺎل ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﮬﻪم ﺋﻮﺳﺎل ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺰدە ﻳﻪﻧﻪ:«ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ داداﯕﻐﺎ ﭘﻪردازﺳﯩﺰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺑﺎر. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ۋە ﺟﻪزﺑﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪا ﻛﻪم ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ زۆرۈر ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.

3. ﻳﻮﻟﺪا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر

ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزار ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﻗﺎﺗﻨﺎش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯜرۈش، ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯩﻴﺎدﯨﻠﻪر ﻣﺎﺗﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ۋە ۋﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭘﯩﻴﺎدﯨﻠﻪر ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺋﻮڭ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﻣﺎﺗﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮى ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﻳﻪرﻟﻪردﯨﻦ، ﻳﻪر ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺳﻤﺎ ﻛﯚۋرۈﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم دﯦﮕﯜدەك ﺑﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋاﺗلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎراﻣﻠﯩﻖ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯩﺰ ﭘﯩﻴﺎدە ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﯘلاﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎزراق ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﯧﺠﻪﻳﻤﻪن دەپ، ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪزەردﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ.

ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎلاﻛﻪﺗﻜﻪ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ۋە ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ:«ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻛﺎﺟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺧﯘﻳﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﯚر» دﯦﮕﻪن. ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻣﺎﯕﻐﺎچ ﺋﯘﻳﺎق – ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎراپ ﮬﺎﯕﯟاﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘش ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪۇ. ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯚﻟﯜﻧﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﻪل – ﭘﻪﻟلا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯚزﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘپ – ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺗﯘرﻏﺎﻧلا ﮔﻪپ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﯘرۇۋﯦﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﺷﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﯜﺳﯜۋﯦﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻗﻪررەر ﺋﻪﮬﯟال. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﺎۋادا ﭼﻮﯕﺮاق ﺑﯩﺮەر ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﭼﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋﯨﯟﯨﺴﻜﺎ، ﺋﯧلاﻧلارﻧﻰ ﻛﯚرﻣﻪﻛﭽﻰ، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﮬﯘزۇرلاﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﻛﯚرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎڭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ﮬﻪم ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﮬﻪم ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺑﻮۋاي – ﻣﻮﻣﺎﻳلارﻏﺎ، ﺋﺎﺟﯩﺰ – ﻣﯧﻴﯩﭙلارﻏﺎ، ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰلارﻏﺎ ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر – ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻘﺎت ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﻳﻮل ﺑﻪرﮔﯜﻟﯜك. ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﯜﻟﯜك. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎراﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﻟﯜك ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻪك ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراش، ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎت ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚز ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜش، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘرلاپ ﭘﺎراڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺋﯘزاق ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﮔﻪﭘﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﻪش، ۋارﻗﯩﺮاش – ﺟﺎرﻗﯩﺮاش، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜش ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐلاش، ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮا ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻮي – ﻛﺎلا، ﺋﯩﺖ – ﻣﯜﺷﯜك، ﺗﻮﺧﯘ – ﺋﯚردەك، ﻛﻪﭘﺘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮى ۋە ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜرﻛﯜﺗﯜۋﯦﺘﯩﺶ، ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻳﯧﺘﯩﺶ، ﺋﯘﺧلاش، ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﻪ ﺗﺎﺷلاش، ﺗﯜﻛﯜرۈش، ﻣﯩﺸﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺗﻮﻣﭙﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﺎرەت ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ – ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻳﻮق:«ﻧﻪﮔﻪ؟»، «ﻧﻪدﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺴﯩﺰ؟»، «ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯖﯩﺰ؟» «ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺴﯩﺰ؟»، «ﺑﯜﮔﯜن ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ؟»، «ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﻰ ﺳﻮراﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ۋە ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ – ﺑﯩﻜﺎر ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻣﯘ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪۇر. ﺋﻪﮔﻪر ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮاۋدا ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺗﯘﺗﯘرۇﻗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮراپ ﻳﯜرﻣﻪڭ. ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰلا ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﭽﻪ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻧﻰ ﺳﻮراپ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﯕﻘﯩﺴﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ… ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎن ﺗﻮﻧﯘش – ﺑﯩﻠﯩﺶ، دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﮭﯘدە ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﻤﺎڭ. ﻳﻮﻟﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﻮﻟﺪا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮاۋلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﭘﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯧﯖﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﻪﻣﺮاﮬﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗلاﺗﻤﺎڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ زورﻟﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاﻗﺘﯘر.

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﺮﯨﻖ – ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪردە، ﻛﯚﻟﻠﻪردە ﭼﯚﻣﯜﻟﻤﻪڭ، ﺋﯘ ﻳﻪرﻟﻪردە ﻗﻮل – ﭘﯘت، ﺑﺎش – ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﻤﺎڭ. ﺋﺎدەم ﺳﺎﻗلاﺷﻘﺎ ۋە ﺋﯚﭼﯩﺮەﺗﻠﻪردە ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺟﻪزﻣﻪن ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرۇش، ﺟﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﺎر ﻳﻪردە ﻗﯩﺴﺘﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا، ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪردە، ﻟﯩﻔﺘلاردا، ﺗﺎر – ﻗﯩﺴﯩﻠﭽﺎﻗلاردا ﺑﻮۋاي – ﻣﻮﻣﺎﻳلارﻏﺎ، ﭼﻮﯕلارﻏﺎ، ﺋﺎﺟﯩﺰ – ﻣﯧﻴﯩﭙلارﻏﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪر – ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﻮرۇن ﺑﯧﺮﯨﺶ لازﯨﻢ؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪپ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮاۋﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﺮاق، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﺮاق ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪۇر. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﯘرۇﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﯧﺰى ﺑﻮﻟﯘڭ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ، ﭘﻮﻳﯩﺰدا ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩلان، ﭘﺎراﺧﻮﺗلاردا ﻗﯧﺸﯩﯖﯩﺰدا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎڭ، ﻳﺎت ﺟﯩﻨﺴﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺳﻪﭘﻪردﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﯔ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋاﻟﻤﺎڭ، ﻳﯧﺘﯩﯟاﻟﻤﺎڭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ۋە ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻗﻮﻳﯘڭ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩلارﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗلاڭ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﻗﯩﺴﺘﺎپ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

ﻳﻮﻟﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﮔﺎل ﻗﯩﺮﯨﺶ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﻳﻮل – ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺑﻮﻟﯘﻧﯘۋاﺗﻘﺎن ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﺎرﯨﯖﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎڭ. زۆرۈر ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮاﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯚز ﻳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﺎ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﺴﯘن – ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، دوﻗﻤﯘﺷلارﻏﺎ، ﺑﯘﻟﯘڭ – ﭘﯘﭼﻘﺎﻗلارﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ داﻟﺪا ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯔ. ﻳﯧﺰا ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە زﯨﺮاﺋﻪت ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪڭ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎل – ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻮل ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟە – ﭼﯧﯟﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮل ﺋﯘزﯨﺘﯩﺶ، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺴﻘﯩﺮﺗﯩﺶ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻣﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭙلا ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺑﯩﮭﯘدە ﭘﺎراڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﯩﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪۇر.

ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﯜرۈش – ﺗﯘرۇﺷﺘﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺳﯚزﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

4 . ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش __ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرﺗﻰ

ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ؟ ﮬﺎﻳﺎت، ﺗﯘرﻣﯘش، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺠﺎد – ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺧﯩﺰﻣﻪت، دوﺳﺘﻠﯘق، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت، ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋەت، ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﻪت، ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪت، ۋﯨﺠﺪان – ﻏﯘرۇر، ۋاﭘﺎ – ﺳﺎداﻗﻪت، ﭘﯘل، ﻣﺎل – دۇﻧﻴﺎ … ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺗﯧﮕﻰ – ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ، ﺗﻮﻏﺮا ﮬﻪم ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪل ﺟﺎۋاﺑﻰ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت – ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﺗﻮﻏﺮا دۇﻧﻴﺎﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻤﯩﺰدە ﺗﯘرۇپ ﻣﯘﻧﺪاق ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ: ﺋﺎدەم ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺖ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. دۇﻧﻴﺎ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ __ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﮬﺎﻳﺎت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺗﯘرﻣﯘش، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪم ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯩﺠﺎد – ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ۋاﻗﯩﺖ __ ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺧﯩﺰﻣﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ دوﺳﺘﻠﯘق، ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋەت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ۋﯨﺠﺪان – ﻏﯘرۇر، ۋاﻗﯩﺖ __ ۋاﭘﺎ – ﺳﺎداﻗﻪت، ۋاﻗﯩﺖ __ ﭘﯘل ﮬﻪم ﻣﺎل – دۇﻧﻴﺎ، ۋاﻗﯩﺖ __ ﻣﯚﺟﯩﺰە …

ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە دﯦﻴﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ __ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺑﯩﻠﯩﻢ – ﺳﺎۋاﺗلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ – ﺳﺎۋاﺗلار ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟى ۋە ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﺋﺎدەم ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﺧﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇش، ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ﺋﯚز ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮەر ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧلاش ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت. ۋاﻗﯩﺖ __ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ۋاﻗﺘﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ، ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚز ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە «ۋاﻗﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ __ ﺑﻪﺧﺘﯩﯔ ﻛﻪﺗﺘﻰ» دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜزەل ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗلاپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاق ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك ﻳﺎﻣﺎن ﺋﺎدەت داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﺎلاﻳﻠﯘق، ﺑﯩﺰدە ﺗﻮي ﺑﺎﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ» دەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلار ﺳﺎﺋﻪت ﺗﯚﺗﻜﻪ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻮرۇﻧلارﻏﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەر ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺳﺎﺋﻪت ﻣﺎﻧﭽﯩﺪە ﻛﯚرۈﺷﻪﻳﻠﻰ…» دەپ ۋەدﯨﻠﻪﺷﻜﻪن ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺷﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈرﻛﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش __ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﺘﯘر؛ ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ __ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮔﯚﮬﻪردەك ﻗﻪدﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘر؛ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ __ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻗﺎن ﺗﯚﻛﻜﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەردۇر.

ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪت ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرﯨﻤﯩﺰ دەﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪرت. ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸلاردا ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯚز ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘش ﮬﻪﻣﺪە ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻟﯘم ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎدەم دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯩﺸﻰ.

ۋاﻗﯩﺖ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈش ﮬﻪﻣﺪە ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﭘﯩلاﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩلاﻧﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ، ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ، ﻛﯜﻧﻠﯜك، ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ دەپ ﺗﯜزۈۋﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ – ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺋﯩﺴﺮاپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗلاﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﺎڭ ﻳﻮرۇش ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰدە ﻛﯜن ﻗﯩﺰﯨﻠﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻪﺑﯩﮫ ﺋﯩﻠﻠﻪت، ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﯩﺰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ۋاﻗﯩﺖ ﻗﯩﺴﺘﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮬﺎﭘﯩلا – ﺷﺎﭘﯩلا ﺋﻮرﻧﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺗﯘرۇپ، ﻳﯜز – ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎلا – ﺑﯘلا ﻳﯘﻳﯘﭘلا ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﯖﯩﺰدا ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ دەرﮬﺎل ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯔ. ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮى ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺑﻪك ﻛﻪچ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﯔ.

ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﻮرۇﻧلارﻏﺎ دەل ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻟﯘم ﺟﺎﻳﺪا ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ دەل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘڭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻗلاﺗﻤﺎڭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ زاﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ.

ﺑﯩﺮاۋ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺑﯩﺮاۋﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ، ﻛﯧﺴﻪل ﻳﻮﻗلاپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺑﺎر – ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﻮراڭ ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﻛﯚرۈﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﻪرﻧﻰ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﮬﻪم ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﮭﯘدە ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎلاﻳﺴﯩﺰ.

ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻮرۇﻧلاردا، ﺳﻮرۇﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﺎش، ﻗﯘرۇق ﮔﻪپ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ زورلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸلار ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس.

5. ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ

«ﺋﯚﻣﯜر __ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق». ﺧﯘددى ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ زﯨﻨﮭﺎر ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ 70 ﻳﯩﻞ دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﻣﯘﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﺧلاش ۋە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎران 15 __ 20 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ… ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ، ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪڭ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﺋﯩﺸلارﻏﺎ زﯦﮭﯩﻨﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ، ﭘﯩلاﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﮬﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪۈز ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚرۈش زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪش ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩلا ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﮔﻪر ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ 40 ﺳﺎﺋﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﻧﻪﺷﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘر ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن 48 ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻟﻮﻧﺪوﻧﺪا «دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺌﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 754 ﺗﻮﻣﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﺟﻤﻰ 52 ﻣﯩﻠﻴﻮن 72 ﻣﯩﯔ ﺑﻪت ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪن… ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﻪڭ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

ﮬﻪرداﺋﯩﻢ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ __ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜم دەرۋازﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەم ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ، ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﺎز ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﯚﻣﯜر دﯦﻤﻪك __ ۋاﻗﯩﺖ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ دەﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

6 . ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺪۇر، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴـﻪت ﺋﻪﺧلاﻗـﯩـﻨـﯩـﯔ ﺳـﺎﻏلام ﺑﻮﻟﯘش – ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﯩـﻨـﯩـﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘدﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜـﯩـﻨـﯩـﮕـﻪ ﺋﻮﺧـﺸـﺎش، ﺑـﯩـﺮ ﭘـﯜﺗـﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘـﻪزﯨـﻠـﯩـﺘـﯩـﺪﯨـﻦ، ﺟـﯜﻣـﻠـﯩـﺪﯨـﻦ ﺷـﯘ ﺋﺎﺋﯩـﻠـﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨـﯩـﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﺎﺋﯩـﻠـﻪ ﺋﻪﺧلاﻗـﯩـﻨـﯩـﯔ ﻗـﺎﻧـﺪاق ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ۋۇﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗـﻨـﯩـﯔ ﺋﯩـﺠـﺘـﯩـﻤـﺎﺋﯩـﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮرﻧﻰ ۋە روﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟـﯘﺷـﯩـﻨـﻰ ﮬـﻪﻣـﺪە ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. دۇﻧﻴﺎدا ﻳﺎﻟﻐﯘز دەرەخ ﺋﻮرﻣﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣـﯘﺳـﺘـﻪﺳـﻨـﺎ ﺋﻪﻣـﻪس. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗـﻘـﯩـﻴـﺎﺗلارﻏـﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻧـﯘرﻏـﯘن ﻗـﺎﺋﯩـﺪە – ﻳـﻮﺳـﯘﻧـﻠـﯩـﺮﯨـﻨـﻰ ﺷـﻪﻛـﯩـﻠـﻠـﻪﻧـﺪۈرﮔـﻪن ۋە ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯚرپ – ﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑـﺎر. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، زاﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸلاﻗلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪپ، ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻪك ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩـﮕـﻪ ۋارﯨـﺴـﻠـﯩـﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪر، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزارلاردﯨﻜـﻰ ﺑـﻪزى ﺋﺎﺋﯩـﻠـﯩـﻠـﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﻗـﻮﻟـﯘم – ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺋﻪپ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪم زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﺘﻪك ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻧﺎزۇك ﻣﯘﻧﺎﺳﯩـﯟەﺗـﻠـﻪردﯨـﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎددﯨﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩـﺸلاردا ﻳﺎ ﺋﯘﻧﺪاق، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻮﻟﯘم – ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳـﯩـﺘـﻪ ﺗـﻪﺳـﯩـﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪزى ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗـﺎﺋﯩـﺪە – ﻳـﻮﺳـﯘﻧلارﻧـﻰ داﺋﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﺗﯘرۇش زۆرۈر.

ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺗﯘرﻣﯘش رﯨﺘﯩﻤﯩﻤـﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪەك ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺑﻪزى ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻧﯘرﻏﯘن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧـﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺳلاﺷﺘﯘرۇۋەﺗﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪر – ﺑﺎزارلاردا ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﻧـﺪﯨـﻦ – ﻛـﯜﻧـﮕـﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﻪۋﯨﻴﯩـﺴـﯩـﺪە ﺑﯘرۇﻟﯘش ﺑـﻮﻟـﻐـﺎﻧـﺴـﯧـﺮى، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺳﺎلام – ﺳـﻪﮬـﻪﺗـﻜـﻪ ﺳـﻪل ﻗـﺎراش، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ۋە ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚز ﻗﻮﺷﻨـﯩـﻠـﯩـﺮﯨـﻨـﯩـﻤـﯘ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﻐﯩﻨـﯩـﺪەك، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﻰ «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم»دﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻠـﯩـﻨـﯩـﺪۇ. ﺑـﯩـﺰ ﺑـﯘ ﻳـﻪردە ﺗـﻪﻛـﯩـﺘـﻠـﻪۋاﺗـﻘـﺎن ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎلام – ﺳﻪﮬﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩـﺪۇ. ﺷـﯘﯕـﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪردە ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣـﯘﺋﻪﻟـﻪﻳـﻜـﯘم، ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﮬﻪر!»، «ﺗﯩﻨﭻ – ﺋﺎﻣﺎن ﺗﯘرۇﭘﺴﯩﺰﻣﯘ؟»، «ﺋﻮﺑﺪان ﻗﻮﭘﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯚزﻟﻪر ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺗﯩﻨﭻ – ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮرﯨﺸﻰ، ﻛﻪﭼﻠﻪردە ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا «ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﻪچ»، «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜش ﻛﯚرۈڭ»، «ﺋﺎﻣـﺎن ﺑﻮﻟﯘڭ…» دەپ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى زۆرۈر. ﮬﺎزﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋاﺗﻨﯩﻤﯘ ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ (ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻳﻤﯩﺰ.) ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺳﺎلاﻣﻠﯩـﺸـﯩـﺶ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺶ دەپ ﻗﺎراﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠـﯩـﻖ ﺳـﻮراش ﺳـﯚزﻟـﯩـﺮﯨـﻨـﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﮕﻪ «ﻣﯚرﯨﻤﻪس» ﺋﺎدەﺗﻨﻰ ﻳﯘﻗـﺘـﯘرۇۋاﻟـﻐـﺎﻧـﻜـﻰ، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﻠـﯩـﺮى ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮق. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩـﻦ، ﺧـﯘﺷـﺎل – ﺧﯘرام، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﻪت ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﻠﯩﻨﻪر – ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪس ﺑﺎش ﻟﯩـﯖـﺸـﯩـﺘـﯩـﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎلاﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.

ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠـﯩـﻨـﯩـﺸـﻰ ﻛـﯧـﺮەك. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﻪﮬـﻪر ﺗـﯘرﻣـﺎﻳـﺪﯨـﻐـﺎن ﻳـﺎﻛـﻰ ﺗـﺎڭ ﻳﻮرۇﻣﺎﺳﺘﯩلا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳـﻪﺗـﻜـﯜزﯨـﺪۇ. ﺋﺎﺧـﺸـﺎﻣـﻠـﯩـﺮى ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﭘﺎراڭ، ﺗﯧﻠﯧـﯟﯨـﺰور، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟـﻐـﯘلارﻧـﯩـﯔ ﺋﺎۋازى ۋە ﺗﯜرﻟﯜك ﺗﺎراق – ﺗﯘرۇﻗلار ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ – دە، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩـﺸـﯩـﻐـﺎ دەﺧـﻠـﻰ ﻗـﯩـﻠـﯩـﺴـﯩـﺰ. ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺑﺎﻟﺪۇر ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻏﺎن – ﺗﯘرﻣـﯩـﻐـﯩـﻨـﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪرۋاﻳﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪك ﮬﺎﻟﺪا ۋاراڭ – ﭼﯘرۇڭ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳـﺎﻛـﻰ رادﯨﺌﻮ، ﺋﯜﻧﺌﺎﻟـﻐـﯘﻟـﯩـﺮﯨـﯖـﯩـﺰﻧـﻰ ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩـﻐـﺎ ﻳﺎﯕﺮاﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘﻣﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎز ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﭼﯜﺷﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠـﻪر ﻣﻪﻟﯘم ۋاﻗﯩﺖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘش، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘـﻨـﻰ ﺳﺎﻗلاش ﻛﯧﺮەك. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ زاۋۇت، ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﻳـﺪﯨـﻐـﺎن ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺑﻪزﯨﺪە ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ﻛﯜﻧﺪۈزﻟﯩﺮى ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼـﻘـﺎ، ﺋﯘلارﻧـﯩـﯔ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜزﻣﻪﺳﻠﯩﻚ لازﯨﻢ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﺋﯚي ﺋﻪﺗﺮاﭘﻰ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ – ﻛﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎس ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ.

ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﺎرا ﮔﻪپ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺗﻪﮔﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻪك ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا، ﻳﻪﻧﯩلا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎي، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ۋارﻗﯩﺮاپ – ﺟﺎرﻗﯩﺮاﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮدەﻣﻠﯩﻚ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﺎۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﭼﯩﺘﻘﺎ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺎق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن، ﺋﯚﻛﺘﻪم – ﺋﯘرۇﺷﻘﺎق ﺧﻪﻗﻜﻪن، دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎلاﻳﺴﯩﺰ.

ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩـﯖـﯩـﺰدا، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎڭ؛ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﺷﻨﯩلاردﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎن – ﺋﯧﺴﻪﻧﻠـﯩـﻚ ﺳﻮراش ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻳﻪرﮔﻪ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ۋە ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚز – ﻗﯘلاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻮﻳﯘڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈﺷﯜش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩـﻐـﺎﻧـﺪﯨـﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا، «ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟»، «ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺴـﯩـﺰﻏـﯘ؟»، «ﺑـﯩـﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘپ – ﺗﯜزۈت ﺳـﯚزﻟـﯩـﺮى ﺑـﯩـﻠـﻪن ﺋﻪﮬـﯟاﻟـﻠـﯩـﺸـﯩـﺸـﻨـﻰ ﺋﯘﻧـﺘـﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﺎر – ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﻪر – ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴـﺎ، ﺑـﯘﻣـﯘ ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎت ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر.

ﺗﻮي – ﺗﯚﻛﯜن، ﻧﻪزﯨﺮ – ﭼﯩﺮاغ، ﻣﯧﮭﻤﺎن ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘش ﻗـﯩـﻠـﻐـﺎﻧـﺪا، ﺋﺎﻟـﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرۈڭ. ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ دەپ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩـﺮى ﺗـﻮﻏـﺮﯨـﻠـﯩـﻖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺳﺎﻟﺴﺎ، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺳـﯩـﺰﮔـﻪ دﯦـﻤـﯩـﮕـﻪن ﺋﯩﺸلار ﻳﺎﻛﻰ دﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎن، دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻏـﺎ ﺋﺎرﺗـﯘﻗـﭽـﻪ ﻛـﯚﯕـﯜل ﺑـﯚﻟـﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪڭ، ﮔﻪپ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎڭ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﺋﻪﻳﯩﺐ – ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ۋە ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﮔﻪپ ﺗـﻮﺷـﯘﻣـﺎڭ، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺪﯨﻦ ﮔـﻪپ ﺋﯚﺗﻜﯜزﻣﻪڭ، ﮔﻪپ ﻳﻮرﻏﯩلاﺗﻤﺎڭ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺶ، ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش، ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﮔﻪ دادلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪﺧلاق ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎراﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮔﻪپ – ﺳﯚز، ﺋﯩﺶ – ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﻘﯘﻟﯘق ﺋﻪﻣﻪس.

ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮي – ﺗﯚﻛﯜن، ﭼﻮﯕﺮاق ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯚﻟﯜم – ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟـﻐـﺎﻧـﺪا، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘپ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨـﻐـﺎ ﮬـﯩـﻤـﻤـﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﻳﯩﺰدۇر. ﮬﯧﻴﺖ – ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﻪردە، ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﭘـﻪﺗـﯩـﮕـﻪ ﻛﯩﺮﯨﯔ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻳﺎﻛﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺋﻮرۇن ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻛﻪﻳـﻨـﯩـﮕـﻪ ﺳﻮزﻣﺎي ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﻮﻗلاپ ﺗﯘرۇش، ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﺷﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪۇر.

ﺑﻪزى ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩـﻖ ﻳـﺎﻛـﻰ ﻳـﯧـﻘـﯩـﻦ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪﺷﻜﯩﻨﻰ ﺗﯜزۈك. ﻳﯧﺰا – ﻗﯩـﺸلاﻗلاردا زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩـﻘـﻰ، ﺳـﯘ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﻧﯚۋەت ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى، ﺳﯘ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮى ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎت، ﻳﺎﻣﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﺋﯚي ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩـﻐـﺎ ﺗﺎم ﺳﻮﻗﯘش، ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭼﻪﻟﻠﻪ – ﺑﺎراڭ ﻳﺎﺳﺎش، ﻛﯚل ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﭼﯧﭙﯩﺶ، ﻛﯚﭼﻪت ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟـﯩـﻖ ﺋﯩـﺸلارﻧـﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن، «ﻣﻪن ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩلاي دەپ ﺋﻮﻳـﻠـﯩـﻐـﺎن…» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك ﺗـﯜزۈت ﺳﯚزﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎﺷلاپ، ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭـﻪت ﺋﺎﻟـﻐـﺎن ﻳـﺎﺧـﺸـﻰ. ﮔﻪرﭼﻪ، ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﮬﻪم ﻳﻮﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑـﯩـﻠـﻪن، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرا ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗـﺘـﺎ ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮاﻏﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮى ﻣﻪۋﺟﯘت. ﮬﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﻨﯩﯔ ﮬﺎۋاﺳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ﻗﻪرەﻟﯩﺪە ﺗﺎزﯨلاپ، دﯦﺰﯨﻨﻔﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك، ﺑﯘﻣﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﺑﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪر ۋە ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎن ﮬﺎۋا ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻟﻪﻧﻪت ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮلالاﻳﺴﯩﺰ. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﯩﻤﯘ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ: ﺑﻪزى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراﻗلار دﯨﻤﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘرۇﻟﯩﺪۇ – دە، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯘراق ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺷﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯘراﻗﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﮬﯧﺲ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎزۇك ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰدە داﺋﯩﻢ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﭘﯘراق ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯧﻤﻪك – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮔﯚش ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘزاق ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ لازﯨﻢ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﻪرﮬﯩﺰ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇپ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯚي ﺋﯩﭽﻰ، ﻛﺎرﯨﺪور، ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎرام، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯜرۈپ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﻪزى ﭼﺎﻏلاردا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘم ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰدا ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘﯕﻜﻰ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩلا ﺗﺎزﯨلاپ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﯩﯔ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﺎزﯨلاپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎزﯨلاپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ «ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻛﯚرۈۋاﺗﺎﻣﺴﻪن؟ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎي دەۋاﺗﺎﻣﺴﻪن؟» دەپ ﺋﻮﻳلاپ ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. دۇﻧﻴﺎدا ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘز ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯘﻟﻖ – ﻣﯩﺠﻪز، ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﻳﻮق. ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە، ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺪەم ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﺎرﯨﺪور، ﻛﻮﭼﺎ – ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮرﺗﺎق ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜن ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺧﻪﻳﺮﺧﺎﮬﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪا ﺷﻪك ﻳﻮق.

ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺳﯘ ﭼﺎﭼﻤﺎڭ، دﯦﺮﯨﺰﯨﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﺎﻟﺪۇﻗﻰ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﺎﺗﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺋﯩـﺸـﯩـﻜـﻰ ﺋﺎﻟـﺪﯨـﻐـﺎ ﻳـﯘﻧـﺪا ﺗﯚﻛﻤﻪڭ، ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎڭ، ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ – ﺳﯜﭘﯜرۈپ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ دۆۋﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. ﺑﯩﻨﺎدﯨﻦ ﻳﻮﻟلارﻏﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ، ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩـﺮﻧـﻪرﺳـﯩـﻠـﻪرﻧـﻰ ﺗﺎﺷلاﺷﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪڭ. ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯚﻳﻠـﻪردە ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﻜﻮﻧلاردﯨﻜﻰ ﮔﯜل ﺗﻪﺷﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧﺪا دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﯖﻜﻰ، ﺳﯘ ﺗﯚۋەﻧﮕﻪ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯚﮔﺰﯨﺪە ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرى ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘن.

ﺋﻮﭼﯘق ﮬﺎۋاﻧﯩﯔ ﺟﯘدۇﻧﻰ، ﺗﻮﻟﯘن ﺋﺎﻳﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯜزﯨﺪە داغ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، دۇﻧﻴﺎدا ﺋﻪﻳﯩﺐ -ﻧﯘﻗـﺴـﺎﻧـﺴـﯩـﺰ ﺋﺎدەم ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ رەﻧﺠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩـﻦ، ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎق ﺗﻪس. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﯘرﺳﻪت ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﺷﻨﯩـﯖـﯩـﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻟﻤﺎق، ﺋﯧﻐﯩﺮ – ﺑﯧﺴﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺳﯩﺮداﺷﻘﯩﻨﯩﯖﯩـﺰ ﺋﻪۋزەﻟـﻜـﻰ، ﻗـﺎﺗـﻤـﺎل ۋەزﯨـﻴـﻪﺗـﻨـﻰ ﺋﺎرﻗـﯩـﻐـﺎ ﺳﻮزۇش، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻏﺎ دەرد ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ، ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﻏﻪﻳﯟەت – ﺷـﯩـﻜـﺎﻳـﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯚز – ﭼﯚﭼﻪك ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس.

ﻣﯘﺑﺎدا، ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﺪەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗـﺎﻟـﺴـﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻛـﯩـﻤـﻨـﯩـﯔ ﮔـﯘﻧـﺎﮬـﻜـﺎر ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﻳﻪﻧﯩلا ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﮬﺎي ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ – ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩـﺰ ﻛـﯧـﺮەﻛـﻜـﻰ، ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨـﯖـﯩـﺰﻧـﻰ ﺗـﺎرﺗـﯩـﺸﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺷﯘﻧـﯩـﻤـﯘ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش زۆرۈرﻛﻰ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎلا ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟـﯘم – ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﻠـﯩـﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﺪەﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﻮﻏﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﺎلا ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﺎداﻧﻠﯩـﻘـﺘـﯩـﻦ ﺑـﺎﺷـﻘـﺎ ﻧـﻪرﺳـﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزار ﻳﯧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﺘـﯩـﻦ، ﺋﯘرۇش ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩـﺴـﯩـﻨـﻰ ﺋﯘرﻏـﺎن ﺑـﻮﻟـﺴـﺎ ﻳـﺎﻛـﻰ ﺳﻪۋەﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، دەرﮬﺎل ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺋﻪﭘﯘ ﺳﻮرﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﯩﻤﻪڭ، ﺳﯩﻠﻜﯩﻤﻪڭ. ﺋﺎﻧﭽﻪ – ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪر ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە، ﭼﻮﯕلار ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ، ﺋﻪرﻟﻪر ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ، ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﯘن.

ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﯜرﻟﯜك ﮬﺎﻳﯟاﻧلارﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎر ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﮬﺎﻳﯟان ﺑـﺎﻗـﻘـﺎﻧـﺪا، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلارﻧـﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪش لازﯨﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻛﺎلا، ﻗﻮي، ﺗﻮﺧﯘ – ﺋﯚردەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧـﯩـﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ، ﮬﻮﻳﻠﯩﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﺋﯩـﺖ ﺑﺎﻏلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪر ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯩﺖ ﺑﺎﻗﻘـﯘﭼـﯩلار ﺋﯩـﺘـﻨـﻰ ﺋﺎرﻗـﺎ ﮬﻮﻳلا، ﺑﺎغ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎﻏلاپ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا، ﺋﯚي ﮬـﺎﻳـﯟاﻧـﻠـﯩـﺮى، ﺋﯚي ﻗﯘﺷﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯜرﻟﯜك ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯩـﻠـﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﻠﻠﯩﻤﺎڭ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧـﯘ، ﺗـﻮﺷـﻘـﺎن، ﺋﯩـﺖ، ﻣـﯜﺷـﯜك، ﻗـﻮي، ﺋﯚﭼـﻜـﻪ ﻗـﺎﺗـﺎرﻟـﯩـﻖ ﺋﯚي ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮى ﮬﻮﻳﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﺳﯜپ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯜل – ﮔﯩﻴﺎھ، زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖـﯩـﺰﮔـﻪ زﯨـﻴـﺎن ﻳـﻪﺗـﻜـﯜزﺳـﻪ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯘرۇپ، ﺗﯩﻠلاپ ﻏﻮۋﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜرﻣﻪي، ﭘﻪم ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻳﺪەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻏـﺎ ﺗـﺎﭘـﺸـﯘرۇپ ﺑﻪرﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜزۈك.

ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ – ﺑﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ – ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﻳـﯧـﻘـﯩـﻦ ﻳﻮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑـﯩـﻠـﻤـﻪﺳـﻠـﻪر ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﺎۋاﺗلاردﯨﻦ ﺧـﻪۋەرﺳـﯩـﺰ ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰلاردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎش ﺋﺎرﺗﯘﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻤﺎس. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋاﻟـﻐـﺎن ﻛـﯩـﺸـﯩـﻠـﻪرﻧـﯩـﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺳﯘس ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘۋاﭘـﯩـﻖ ۋاﻗـﯩـﺖ ﭼـﯩـﻘـﯩـﺮﯨـﭗ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛﯩﺮﯨﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﺋﻪۋزەﻟﺪۇر. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺗلا ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻏـﺎ ﺧﯘددى: «ﻣﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩـﺮﻣـﻪ» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك ﺋﯩـﭙـﺎدە ﺑﯩﻠﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎرﯨلاپ ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻏﯩﺰا – ﺗـﺎﺋﺎﻣلارﻏـﺎ ﺗـﻪﻛـﻠـﯩـﭗ ﻗـﯩـﻠـﯩـﺶ، ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻏﺎ ﺑﯩﺮەر ﻗﺎﭼﺎ ﻧﯧﺴﯩﯟە ﺳﯘﻧﯘۋﯦﺘﯩﺶ، ۋاﻗـﺘـﻰ – ﻗـﻪرەﻟـﺪە ﻗـﻮﺷـﻨـﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺶ، ﮬﺎل – ﻣﯘڭ ﺑـﻮﻟـﯘش، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘلارﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻗـﻮﺷـﻨـﯩـﺪارﭼـﯩـﻠـﯩـﻘـﻨـﯩـﯔ ﻣـﯘﮬـﯩـﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪۇر. «ﻗﻮل ﻗﻮﻟﻨﻰ ﻳﯘﺳﺎ، ﻗﻮل ﻗﻮﭘﯘپ ﻳﯜزﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﭘـﺘـﯘ» دﯦـﮕـﻪﻧـﺪەك، ﻧـﻮرﻣـﺎل ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﺋﺎرا ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪۇ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﯨﺪۇ. ﮬـﺎﻟـﺒـﯘﻛـﻰ، ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗـﻪن، ﺳـﯩـﺰ ﮬـﻪرﻗـﺎﻧـﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺴﯩﺰ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩـﯟەﺗـﺘـﻪ ﺑـﻮﻟـﯘﺷـﯩـﯖـﯩـﺰدﯨـﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩـﯔ ﺋﯚﻳـﯩـﮕـﻪ ﺋﺎﻟـﺪﯨـﻦ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻪدەم ﺗﻪﺷﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺸﯩﻚ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳلا ﺋﯜﺳﯜپ ﻛﯩﺮﯨﺶ، ﮬـﻪر ﻛـﯜﻧـﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺷﻨﯩلار ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯜﺗﯜۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﭼﺎﻗﯩـﺮﯨـﻠـﻤـﯩـﻐـﺎن ﻣـﯧـﮭـﻤـﺎن ﺑـﻮﻟـﯘپ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇﻟﯘۋﯦﻠﯩﺶ، ﺋﻪر ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻳﺎل ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛـﯩـﺮﯨـﭗ ﺋﻮﻟـﺘـﯘرۇش، ﺋﺎﻳـﺎل ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪر ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩـﺴـﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐـﺎﻧـﭽـﻪ ﻗﻮل ﺗﻪﮔﻜﯜزۈش، ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻤﺎﻳلا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.

ﺋﺎدەم __ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎدەﻣﺪۇر. ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﺎر – ﻳﯚﻟﻪك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﺸلاردا ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ۋە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺧﯩﺴﻠﻪت. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻗﻮﺷﻨـﯩـﯖـﯩـﺰﻧـﯩـﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ – ﺷﺎدﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮرﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎﻳﻐﯘ ۋە دەرد – ﺋﻪﻟﻪﻣـﻠـﻪردﯨـﻤـﯘ ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﺎردەﻣﺪە ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ ﮬـﺎﻟـﺪا ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎﺳلاردﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎش ﻛﯧﺮەك. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜن ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘرﺑﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮەﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪرد ﮬﻪم ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮەر ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟـﯩـﻜـﻜـﻪ ﻳـﻮﻟـﯘﻗـﻘـﺎﻧـﺪا، ﺑﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜرﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖـﯩـﺰدﯨـﻦ ﺑـﺎﺷـﻘـﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.

ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪڭ ﺑـﻮﻟـﯘپ، دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ. ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨـﻰ ﺋﻪﻗـﯩـﻠـﻠـﯩـﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ ۋە ﺋﻮﻳلاپ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻳﯩـﺮاﻗـﺘـﯩـﻜـﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗلاپ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﯘرﯨﻤﻪن.

7. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا

ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇش، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮔﯜزەل ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﻪﺳﯩﭗ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ راۋاج ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ، ﺑﻪﺧﺖ – ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ، ﻗﯘت – ﺋﺎﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎن؛ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ، ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﻳﯜﻛﺴﻪك دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﮬﻪم ﻧﺎزۇك ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺰاﻧلاﺷﺘﯘرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪۋلادﻣﯘﺋﻪۋلاد داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﮬﻪم ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، دۇﻧﻴﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪردەك ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯘر.

ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﭗ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯘرۇﭘلا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈﺷﻰ، ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺑﻪزى ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺴﻪك ﺋﺎرﺗﯘﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻤﺎس.

ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش __ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﭘﻪرزەﻧﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎس ﺷﻪرەﭘﻠﯩﻚ ﺑﯘرﭼﯩﺪۇر. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻘﯩﺪا ﻛﯚﻳﯩﺪۇ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻗﺎﺗﺎرﻏﺎ ﻗﻮﺷﯩﺪۇ. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﯚﻣﯜر ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﻳﭙﯧﺘﻪك ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ زﯨﻨﮭﺎر ﻗﺎﻳﺘﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش – ﺋﺎﺳﺮاﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯘﻟﯘغ ﻣﯧﮭﻨﻪﺗﻜﻪﺷﻠﻪردۇر. ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎش ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪدەر ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯘرچ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻦ دﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪن، ﺑﺎﻗﺎﻟﯩﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﺎﺳﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﯧﻴﻨﺎﺗﺎ – ﻗﯧﻴﻨﺎﻧﯩلارﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﺋﻪﺧلاق ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪۇر.

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاﻗلارﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ: «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻏﺎن ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘر» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن. ﺑﯩﺰدە ﻳﻪﻧﻪ: «ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺳﻪﮬﻪردﯨﻦ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ»، «ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ ﺋﯘزارﺗﯩﺪۇ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر. ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻳﯘﻳﯘﻧﯘش – ﺗﺎرﯨﻨﯩﺶ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚز ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪك لازﯨﻤﺪۇر. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە «ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟالاي» دەپ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ۋاﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ۋاﺧﭽﻪ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ دۇرۇس ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﯧﻨﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟاﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺋﺎدەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ رﯨﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﯘﻳﯘﻧﯘپ – ﺗﺎرﯨﻨﯩﭗ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻛﯜن ﻗﯩﺰارﻏﯩﭽﻪ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎش ﭘﯩﺸﯩﻢ ۋاﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪن ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن: «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺳﯩﺪۇ»، «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯧﺴﻪل ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪۇ»، «ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ﻳﺎﻟﺠﯩﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى راۋاج ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﺪۇ…» دﯦﮕﻪن ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن. ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪن ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎدەم ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺑﻪدەﻧﺪە ﻧﯘرﻏﯘن زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ۋە ﺗﺎڭ ﺳﯜزۈﻟﯜﺷﻜﯩﭽﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﭼﻪﻛﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯘ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﺋﺎدەم ﻛﯜن ﻗﯩﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮬﺎﻣﺎن ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﺎدەم ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘرﻣﯩﺴﺎ، زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨلار ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﺗﺎراپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن – دە، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ ۋە ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﺎدەت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪن ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎن ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﺎزادە، رەﺗﻠﯩﻚ، ﻛﯚرﻛﻪم ۋە ﺋﺎددﯨﻲ – ﺳﺎددا ﺑﯧﺰەش، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪۇر. ﺋﯚي ﺑﯧﺰەﺷﺘﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻛﯧﻠﯩﭗ – ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﺎراﻣﺒﻪﺧﺸﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸلاﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺶ دۇرۇﺳﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﺎﭘلاپ داﻏﯟازﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، «ﺗﯧﺸﻰ ﭘﺎل – ﭘﺎل، ﺋﯩﭽﻰ ﻏﺎل – ﻏﺎل» ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ لازﯨﻢ. ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﺎدەم ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚﻳﻨﻰ رەﺗﻠﯩﻚ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘش ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺟﺎي، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺶ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﻐﯩﻐﯘﭼﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﺎددﯨلار ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﯩﻚ – دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺗﯜرﻟﯜك ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى دورﯨلار ﮬﻪم ﺋﻪﺗﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯘش ﭘﯘراﻗﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ، ﺋﺎﺳﺎن ﺑﯘزۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺳﺎﻗلاﻳﺪۇ. ﺑﻪزى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚي ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪە ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ زﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﺰەك ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﺪە، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳلاردا ﻛﺎﻣﺎر – ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﻪر ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﯩﺪۇ – دە، ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﺎﺷﻘﺎن، ﻗﯘرت – ﻗﻮﯕﻐﯘز ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ… ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯚي ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯜرﻟﯜك ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﭘﯘراﻗلار ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا، ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺶ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ دەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ. ﺑﻪزى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎزﯨلاﻧﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎم – ﺗﻮرۇﺳلارﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎن ﺗﻮرلار، دﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ داﻏلار، دﯦﺮﯨﺰە ﭘﻪردﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﻛﺎرۋات – ﺳﺎﻓﺎلارﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯚﻳﻨﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘرۇش، ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ – ﺳﯜﭘﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯚﻳﺪە ﮬﻪر ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﭼﻮڭ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ لازﯨﻢ. ﺋﯚي ﮬﺎۋاﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﮕﯩﺰ – ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﻪرﻧﻰ ۋاﻗﺘﻰ – ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﺎزﯨﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﻮﺗﻘﺎن – ﻛﯚرﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯘرۇق ﻳﯘﻳﺪۇرﻏﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯨﺘﯩﺶ، ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎس ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ رەﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘش، ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﮬﻪم ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻨﻰ ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ، 2 __ 3 ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ، ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﺗﻜﯩلاﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮى: «ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘدا ﭘﯘﺗﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺋﯘﺧلاش ﻗﯘۋۋەت دورﯨﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎراۋەر» دەﻳﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدەت ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺗﯘرﻣﯘش رﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﺋﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎش – ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩلاردا ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎت ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪﮬﯟال ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﻛﯜﻧﺪە ﻣﻮرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺗﯜن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ» دەﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرۇﺷﻰ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ۋاخ داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﻳﺪە ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ زۆرۈر. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚز ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ، ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺗﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﻘﺎ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ لازﯨﻢ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺳﯩﺰ ﺋﺎش -ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﭽﻪك ﺋﺎﻳﺎل ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﺷﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪڭ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﻪﭼﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺗﯚﺷﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺗﺎرﺗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، دۇرۇس ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻏﯩﺰا – ﺗﺎﺋﺎﻣلارﻏﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﺶ، ﭼﯜﺷﻜﯜرۈش، ﺋﯘ ﻳﻪر – ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺷلاش، ﺗﻮلا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﮬﺎراق – ﺷﺎراب ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﻏﯩﺰا – ﺗﺎﺋﺎﻣلاردﯨﻦ ﺋﯩﯟەن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎت ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﺋﺎم ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ رەﮬﻤﻪت – ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜر ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻤﻜﻰ، «ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺶ دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻐﯘ، رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ؟» دەپ ﻗﺎرﯨﻤﺎڭ. ﭼﺎي ﺋﯩﭽﻜﻪن ﭼﯩﻨﻪ – ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﻠﻪر ۋە ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﻜﻪن، ﻏﯩﺰالاﻧﻐﺎن ﻗﺎزان – ﻗﻮﻣﯘﭼلار ﺋﯚز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﯘﻳﯘۋﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚي ﺗﺎزﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪت ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك.

ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺳﯧﻨﯩﯔ – ﻣﯧﻨﯩﯔ» دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﺸﯩﻢ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻜﺎر ﻳﯜرﺳﻪ ﻳﯜرﯨﺪۇﻛﻰ، ﺋﯚي ﺗﺎزﯨلاش، ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﺳﯘ ﺟﯜﻣﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕلاش، ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎن دﯦﺮﯨﺰە ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺋﯩﺸلارﻧﻰ «ﺧﻮﺗﯘن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەپ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮى ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﻪزى ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪ – ﻛﯧﺮەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﻮدا – ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚي ﭼﺎرۋﯨﻠﯩﺮى، ﺋﯚي ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراﺷﺘﻪك ﺋﯩﺸلارﻧﻰ «ﺋﻪر ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟلار ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪردە ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﻪس ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﯚزى ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﮬﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ «ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻰ دﯦﮕﻪن ﺧﻮﺗﯘن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻗﺎراﺷلاردا ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق. ﺑﻪزى ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭙلا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ، ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﺎﭼﺎر ﻗﯩﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ – دە، ﺑﺎﺷﻘﯩلاردا ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺰارﻟﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯘﻏﺪۇرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪاش، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻘﻪدەر ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋاﭘﺎدار ﺧﻮﺗﯘن، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘش ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧلاﻗﺘﯘر. ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈﺷﻰ، ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯚﻳﺪۈرۈپ ﭘﺎﻳﭙﯧﺘﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ – ﻳﯘ، ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮدۇراﻳﺪۇ، ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻳﯜرۈﺷﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪت ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﺎﺷﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺷﯘﻛﻰ، ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎراۋەر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺧﺎلاس. ﺋﯚﻳﺪە ﭼﯩﻨﻪ – ﻗﺎﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺸلار داﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﻪۋﯨﺮﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘش لازﯨﻢ. ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻐﺎن، ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎن، ﺗﺎﭘﺎ – ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇﻛﻰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘر، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯘر.

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯩﺶ – ﮬﻪرﯨﻜﻪت دۇرۇس، ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ،ﮔﻪپ – ﺳﯚز ﺳﯩﻴﻠﯩﻖ، ﮔﯜزەل ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ راﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎراﻣﮕﺎﮬﻰ، ﻳﻪپ – ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎس ﺟﺎﻳﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪڭ ﺋﻪرﻛﯩﻦ، ﺑﯩﻤﺎلال ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮرۇﻧﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜم دەپ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘۋﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﻛﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس. دۆﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﯘن ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﯩﺸﭽﻰ – ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋاﻗﺘﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ دەرﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋاﻗﺘﻰ ۋە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﺎن ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪڭ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘن ﺋﯩﻜﻜﯩلا ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرﻣﻪﻳلا ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺗﯜرﻟﯜك ﭼﺎﻳلارﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎن، دوﺳﺘلارﻧﻰ ﻳﻮﻗلاش، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﯘراﺳﯩﻢ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ رۇﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎزﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗلاردا ﻳﯜرﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

«ﺋﯚز ﺋﯚﻳﯜﻣﻨﯩﯔ ﺧﻮﺷﻠﯘﻗﻰ، ﭘﯘت – ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ» دەپ، ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﮬﻪرەڭ – ﺳﻪرەڭ ﻗﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚي ﺋﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ دەپ، رەﺗﺴﯩﺰ، ﻛﯚرۈﻣﺴﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚز ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ، ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ – ﺗﺎرﯨﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪددﯨﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎدە ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎس ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ – ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﯩﮕﻪ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪۋزەﻟﺪۇر. ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش، ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، دەرﮬﺎل ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎزارەت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮔﯧﺰى ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﮬﯚﻛﯜم ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚي ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻪدەپ – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮﻳﯘن – ﭼﺎﻗﭽﺎﻗلار ﭘﻪردﯨﺸﻪپ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﺎي ﻛﯚرەﯕﻠﻪش، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ زەﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜرﻛﯜش، ﺑﯧﺸﻪﻣﻠﯩﻚ، ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮرﻟﯘق، ﻛﯜﻧﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯟازﻟﯩﻖ، ﻏﻪﻳﯟەت – ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮادەم ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك، دەپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺗﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘش ﺋﺎﻗﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯚزﻗﺎراﺷﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸلاردا ﺋﯚزﺋﺎرا ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈرﻛﻰ، ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪردە، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩلاپ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە، ﺳﻪۋرﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺗﯜزۈك. ﺋﯚﻳﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻣلاﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻜﻰ، ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﯚۋەن ﮬﻪم ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻣﯘ ﺋﯚﻳﺪە ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮔﻪپ – ﺳﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.

ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﯜرﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ زۆرۈر. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎ ﺋﯘﻧﺪاق، ﻳﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘش، ﺋﯚزﺋﺎرا رەﻧﺠﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﻣﺮاق ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻣﯘ ﮔﻪپ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﻪزﯨﺪە ﺟﯧﺪەل – ﻣﺎﺟﯩﺮادﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻳﻮﻗﯩلاڭ ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪش، ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻣﯘ ﺳﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏلاردا، ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎق ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﻮل ﻗﻮﻳﯘش، ﺗﻪﮔﯩﻤﻪي ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﮬﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪە، ﮔﯘﻧﺎﮬﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇپ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘرۇرﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺰزەت – ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺗﺎﻛﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ، ۋارﻗﯩﺮاپ – ﺟﺎرﻗﯩﺮاش، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎزار ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎق، ﺋﯧﺠﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜش – ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘم – ﻗﻮﺷﻨﯩلار، ﺋﻪل – ﻳﯘرت، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى – ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﻴﯩﺪاپ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﮔﻪپ – ﺳﯚز ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎرﯨﻤﺎس ﺋﯩﻠﻠﻪت، ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯩﺠﻪز ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎراﺷﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻪﭘﯘﭼﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺴﻪ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺧﯘددى ﻳﺎﻣﻐﯘردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨلا ﺋﺎﭘﺘﺎپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﺑﻪزى ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎت ﻛﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺘﺎر؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺋﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﯘﺗﺎق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق. ﺋﯘلار ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﯚﺷﯜك ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪا دﯦﯟەﻳﻠﻪپ، ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎي ﺋﯩﯟەن ﺋﯩﺰدەﻳﺪۇ، ﻗﺎزاﻧﻐﺎ ﻗﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎغ، ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯚش، ﭼﯚپ، ﮔﯜرۈچ ۋە ﺋﻮﺗﻴﺎﺷلارﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯚز ﺋﺎﺑﺮۇﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺰزەت – ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﻛﻪﻟﺴﻪ – ﻛﻪﻟﻤﻪس ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻣﺎﺧﺘﺎش، ﺋﻪﻳﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪش ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﻏﺪاﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ زۆرۈر.

ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﯚﻳﺪە ﻳﺎﻟﻐﯘز ﭼﺎﻏﺪا، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ – ﻳﻮرۇﻗﻠﯩﺮى ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ دوﺳﺖ – ﻳﺎرەﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷلاپ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ دۇرۇس ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎت ﺟﯩﻨﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻗﯩﻐﺎ، ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﺴﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراش، ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩلاﺷﻤﯘ ﺋﻪدەپ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪۇ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى __ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯘش ﮔﯩﺮداﺑﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻐﺎ ﺗﻪڭ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺑﯘرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇش، ﺟﻮرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﭽﻪ ﭘﯘل ﺗﻮﭘلاش، ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺑﻪﺗﺨﻪﺟﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘزۇپ – ﭼﯧﭽﯩﺸﺘﻪك ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟى ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ زﯨﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﺘﯘر. ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯚزى ﻗﯩﻴﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻧﻪدﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮا ﻳﻮﻟلارﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯘزۇپ ﭼﺎﭼﯩﺪۇ؛ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘلار ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﻣﻮدا ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ، داﺋﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪك ﻏﻪﻟﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺑﻪس ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻮرۇﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﻪك ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﺪا ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﯘزۇش ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻛﻰ، ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯚﻧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺧﻪﺟﻠﻪش ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﻮق. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﺎ، ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ﺑﺎﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻮرﺗﺎق ﭘﯩلان ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚز ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚزى ﺋﻮﻏﺮﯨلاﺷﺘﯩﻦ زﯨﻨﮭﺎر ﮬﻪزەر ﺋﻪﻳﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻨﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮل ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺷﻪرت. ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘن ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩلاﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺠﻪﺷﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﯩﻦ ﺳﯚز ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ – دە، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﯘددى ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻮق ﻗﯘدۇﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺷلار ﺑﺎلاﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن، ﺋﯚﻳﻠﯜك – ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻣﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻦ، ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ __ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎۋۇﻧﺪۇرۇش، ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯜچ ﺗﻮﭘلاش ﻗﻮرﻏﯩﻨﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ دەﺧﻠﯩﺴﯩﺰ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﯘزۇرﻟﯘق، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇش، ﺷﺎد – ﺧﯘراﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﺪۈرۈش __ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬلارﻏﺎ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ – ﺑﯩﻜﺎر ﻛﺎﻳﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘش ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ داﺋﯩﻢ ﺧﯘﺷﺨﯘي ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرۇﺷﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ داﺋﯩﻢ ﺧﯘﺷﺎل ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ، ﺋﯚﻳﺪە ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺧﯘﺷﺨﯘي ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇﺷﯩﯖﯩﺰ لازﯨﻢ. ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەﺷﻜﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺖ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻘﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﺟﻮرﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلار ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭘﺎت – ﭘﺎت ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﭗ – ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘرلاﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ – ﺳﺎدﯨﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە ﺋﯚزﺋﺎرا ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش زۆرۈرﻛﻰ، ﺋﺎدەم ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺧﻠﯘق. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪار، ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ رازى ﺑﻮﻟﯘش، ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺶ – ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﻪر – ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎﮬﺎردەك ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺧﺖ – ﻧﯘﺳﺮەت ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻟﻪپ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺧﺎم ﺧﯩﻴﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﻣﯘﺑﺎدا، ﺳﯩﺰ دﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺗﯘرۇپ، ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎراپ: «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﭘﺮەك ﻧﯘرۇﯕﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜر! ﻧﯘرﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﻪﻣﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜر!» دەپ ۋارﻗﯩﺮﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ «ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻨﻔﯩﺮا ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﯘرۇﯕﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﭼﺎچ!» دەپ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ، ﺧﺎلاس. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎش ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ – ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﮬﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى ﺋﻮﻳلاپ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﯘرلاﻧﺪۇراﻟﯩﺴﺎ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻧﺎزۇﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮى ﻣﻮل ﺑﻪﺧﺖ – ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

( ﺋﺎﭘﺘﻮر: «ﺟﯘﯕﮕـﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﺪا)

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، ئىتىقاد-ئەخلاق
ئەڭ يېڭى يازمىلار