ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى

ئۇيغۇرلاردىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەبى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن«يامان بولىدۇ»لارنى ئاپىرىدە قىلغان.خەلقىمىز ئارىسىدىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ شەكىللىنىشى ،بىر تەرەپتىن روھى قاتلىمىمىزدا يۇغۇرۇلغان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدە -يوسۇنلىرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.بالىلىرىمىز چوڭ بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ،چوڭلارنىڭ «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمىسەكمۇ ، قانداقتۇر «يامانلىق»نىڭ پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇخىل سۆز -ھەرىكەتلەرنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىدىغان بىر خىل روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىمىز.

ئەمەلىيەتتە «يامان بولىدۇ»لار بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس . پەقەت ئۇنىڭ بەزىلىرى دىنىي تۈستە ئىپادىلەنسە بەزىلىرى خۇراپاتلىق ، يەنە بەزىلىرى تۇرمۇش ئادەتلىرى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:بىزدە چاچنى تۈگسە يامان بولىدۇ (بەختى تۈگۈلۈپ قالىدۇ) دەيدىغان گەپ بار.چاچنى تۈگسە راستىنىلا يامان بولامدۇ؟

بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزدا چاچ ئەزەلدىن تارتىپلا گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىپ كەلگەن. قىزلارنىڭ گۈزەللىكمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلگەن. چاچ گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلانغانىكەن،چاچنى تۈگۈپ قويۇش، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر تەرىپىنى يوشۇرۇپ قويغانلىقتۇر. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يىگىتلەر قىزلارنىڭ چېچىغا قاراپمۇ كۆيۈپ قالىدىغان ئىشلارمۇ ناھايىتى نۇرغۇن.شۇڭا چاچنىڭ تۈگۈپ قويۇلۇشى قىز بەختىنىڭ تۈگۈپ قويۇلغىنىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،چاچنى تۈگۈپ قويسا راستىنىلا «يامان بولىدۇ» دېگەن مەنە چىقىدۇ.

داستىخاندا،پەرتۇققا قول سۈرتسە يامان بولىدۇ(كىشىلەر ئالدىدا ئەيىبى ئاشكارا بولىدۇ ) دېيىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللارنىڭ چېۋەرلىكى ئۆي تۇتۇشتىكى پاكىزلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭغا «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ تۇتقان ئۆيىدىن كۆرۈنىدۇ»دېگەن سۆزمۇ دەلىل بولالايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت خەلقىمىز ئارىسىدا پاكىزلىق ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىدۇ.مانا شۇنداق ئەھۋالدا ،داستىخان ياكى پەرتۇققا قول سۈرتۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئەلۋەتتە، شۇ ئايالنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى بىسەرەمجانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، چۈنكى داستىخان مېھمان ئالدىدا سېلىنىدۇ.پەرتۇقمۇ تاماق ئېتىشتە ئىشلىتىدىغان خاس نەرسە. شۇنداق ئىكەن داستىخان ۋە پەرتۇقلارغا قول سۈرتۈپ كىر قىلىۋېتىش باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟

ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ(ۋەيرانچىلىققا قالىدۇ). ھەممىگە مەلۇمكى، ئاچقۇچ ھەرقانداق كىشىنىڭ مال-دۇنيالىرىنىڭ ساقلىغۇچىسى. ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس نەسىللەرگە قۇلۇپ سېلىپ ساقلىمايدۇ.ناۋادا بالىلار ئاچقۇچ ئويناپ تاسادىپىي ئۇنى يىتتۈرۈپ قويسا ئەنە شۇ مال دۇنيالار كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،«ئاچقۇچ ئوينىسا يامان بولىدۇ » نىڭ مەنىسى، ئاچقۇچنىڭ يېتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مال-دۇنيا ياكى ئۆي جايلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

كىچىك بالا تولا يىغلىسا يامان بولىدۇ( ئاتا-ئانىسى) ئاجرىشىپ كېتىدۇ.كىچىك بالا تولا يىغلىسا ئائىلىدە ھەقىقەتەن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.چۈنكى يىغا ئاۋازى ئاتا-ئانىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.ئۇلارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ.بۇنىڭ بىلەن «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇ توقۇمىنى»دېگىنىدەك ، بالىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىدىن ئېلىشىدۇ.نەتىجىدە بۇ خىل كۆڭۈلسىزلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر -بىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ

سۇ چېچىپ چاقچاق قىلسا يامان بولىدۇ.(ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالىدۇ). سۇ سوغۇق بولغاچقا، كىشىنى ئاسانلا ئەندىكتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ چېچىشىپ چاقچاق قىلىشقانلار ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

نان دەسسىسە يامان بولىدۇ (قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ). نان دەسسىگەنگە قارىغۇ بولۇپ قېلىشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.لېكىن « نان دەسسىسە يامان بولىدۇ » دېيىش كىشىلەردە ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئاشلىقنى ئۇلۇغلاش ئېڭىمىزنىڭ مەھسۇلى.

يۇقىرىلاردىن باشقا ، ئارىمىزدىكى يەنە نۇرغۇن «يامان بولىدۇ »لار ئېتىقاد تۈسىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە، مەسىلەن ، قوشۇن تاۋۇز شاپىقىغا سىيسە يامان بولىدۇ ( مەرەز چىقىپ قالىدۇ ). قوغۇن تاۋۇز ئىنسانلارغا ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ شاپىقى قوي كالىلارنىڭمۇ ياخشى ئوزۇقىدۇر. مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ شاپاققا سىيسە ئۇنى بىزنىڭ گۆش مەنبەيىمىز بولغان قوي كالىلار يېسە ئەلۋەتتە « يامان بولىدۇ» دە.يەنە بىر تەرەپتىن ، كىشىلەر ئەخلەت تۆكىدىغان جايلارنى يامان روھلارنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ. شۇڭا، قوغۇن تاۋۇز شاپىقىنى تۆككەن يەرگە سىيىشنى يامان ئىش دەپ قارايدۇ .

زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك .يەنى شام نامىزى دەل زاۋال ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ،بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىغان كىشى نامازنى تەرك ئەتكەن ھېسابلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

سۇغا سىيسە يا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . سۇغا سىيگەنلىك ياكى تۈكۈرگەنلىك سۇنىڭ پاكىزلىقنى بۇلغىغانلىقتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل قاراش ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇغا ئېتىقاد قىلىش ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىختا ئۆتكەن خاقانلارنىڭ «كۆل» نامىدا نام بېرىدىغان ( كۆلتېكىن،كۆلئېركىن دېگەنگە ئوخشاش ) ئەنئەنىلىرى بار. تارىخى داستانىمىز «ئوغۇزنامە »دە ، ئوغۇزخاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغلىغا دېڭىز دەپ ئات قويغانلىقى ،خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت چۆچەكلەردە «سىرلىق»،«شىپالىق» سۇ بۇلاقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قالغانلىقتىن تىپىك ئىپادىسى. ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ « سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە غەم غۇسىدىن خالى بولىدۇ»، « سۇ يەتتە يۇمۇلسا ھالال»دېگەنگە ئوخشاش ئادەت چۈشەنچىلەر بىر .مانا بۇلارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ ئىزناسى.

ئوتقا تۈكۈرسە يامان بولىدۇ . بۇ خىل قاراش ئوت ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ يىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ شامان دىنىغا سىڭىپ ،شامان دىنى ئارقىلىق يېڭى ئىسلامىيەتكە ماسلىشىپ تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .خەلقىمىزدە تويدا قىز كۆچۈرگەندە ئۆتتى ئاتلىتىدۇ.ئاغرىپ قالغاندا تەمەچ تىرىپ كېلىپ ئۆت كۆچۈرىدۇ.ئۆينىڭ چوڭلىرى جان ئۈزگەن ئۆيدە بىرنەچچە كۈن (بەزىدە قېرىق كۈن) چىراغ ئۆچۈرمەيدۇ.مانا بۇخىل ئادەتلەر ، جۈملىدىن ئوتقا تۈكۈرۈشنى يامان ئېلىشتىن ئىبارەت بۇخىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى شامان دىنى ئېتىقادىدىن قالغان ئادەتلەردۇر.بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزدە ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسە يامان بولىدۇ(ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆنى ئۇلۇغلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك )،ياغلىق چەگمىسە يامان بولىدۇ(ئىسلام دىنىدىكى «نامەھرەم بولىدۇ» قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) .كۈلگە سۇ تۆكسە يامان بولىدۇ ، ئۆيگە ئەخلەت قوندۇرۇپ قويسا يامان بولىدۇ … قاتارلىق نۇرغۇن «يامان بولىدۇ» لار بار.بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىزدىكى « يامان بولىدۇ» لار ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى خۇراپاتلىق قارىشى ئەمەس قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. خەلقىمىز « يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بەزى بىر ناچار قىلىقلارغا ۋەھىمىلىك تۈس بېرىپ، كىشىلەرنى شۇخىل ئىش -ھەركەتلەردىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، ئىتىقاد-ئەخلاق

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 841