ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى

ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى  ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 – 844 – يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 – 1250 – يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 – 992 – يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 – 1211 – يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور شوھرەت قازانغانىدى.

يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن باشقا دىنىي ئېتىقادلار تارىم ۋادىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئىسلامىيەت مائارىپى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى ۋە ئىنتايىن تېز راۋاجلاندى.

ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بىلىم – مەرىپەت ئىشلىرى تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە بىرلا باغدات شەھىرىدە 30 ئالىي بىلىم يۇرتى، 36 ھۆكۈمەت كۈتۈپخانىسى بار ئىدى. مىلادىنىڭ 830 – يىلى بۇ يەردە چوڭ كۆلەمدىكى ئىلمىي ھېكىمەت مۇزېيى (بېيت ئال ھىكمە) تەسىس قىلىندى. ئۇ ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىدى. بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىرىنچى باشلىقى ھۇنەيبى ئىشاق (809 – 837 – يىللىرى باغدات ئاكادېمىيىسىگە رەئىسلىك قىلغان) ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىرلىكتە يۇناننىڭ قەدىمقى كلاسسىك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىگە 500 دىناردىن ئالتۇن بېرىلگەن؛ كېيىن ئۇلارغا يەنە تەرجىمە ئورگىنالى قېلىنلىقىدا ساپ ئالتۇن مۇكاپات قىلىنغان. بۇ دەۋر ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇتەپەككۇر ۋە داڭلىق ئالىملاردىن مەدر ئىمىن مۇسا خارەزمى (750 – 847)، ئەبۇنەسىر فارابى (870 – 950)، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا (980 – 1037) ۋە ئەبۇرەيھان بىرونى (972 – 1049) قاتارلىق ئالىملار ئەنە شۇ دەۋر مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

مىلادىنىڭ 950 – يىلى ئۇبۇلھەسەن سەيىد خاتەم، سەيىد جالالىدىن باغدادى ئىسىملىك ئىككى چوڭ ئالىم ئوردۇكەنت (قەشقەر) كە كېلىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مائارىپىغا ئاساس سالدى. مەزكۇر ئىككى ئولىمانىڭ دالالىتى بىلەن مىلادىنىڭ 953 – يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىرىنچى بولۇپ ئىسلام ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ئاھالىسىمۇ كەينى – كەينىدىن ئىسلام ئىديىسىنى قوبۇل قىلدى. 24 يىللىق سوقۇش (997 – 1021 – يىللار) نەتىجىسىدە بۇددىزمنىڭ جاھىل قورغىنى بولغان خوتەن خانى ياغلىقار يېڭىلىپ، پۈتۈن خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ يەرلەردە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساس قىلىنغان يېڭى يېزىق يۈرگۈزۈلدى.

«دىن – ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى…»(1)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىني ئېتىقادى ۋە مائارىپ ئىدىئولوگىيىسىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارمۇ دەل دۇنيانى تونۇش ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش پائالىيەت جەريانى بولدى.
ماۋزېدۇڭ: «… بىز تارىخنى ئۈزۈۋېتەلمەيمىز، بىز كۇڭفۇزىدىن تا سۇن جۇڭشەنگىچە بولغان پۈتۈن ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، قىممەتلىك مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك…» دېگەنىدى.
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپ مىراسلىرىغىمۇ ئەنە شۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئەنە شۇ پارلاق مىراسلىرىمىزنىڭ مۇھىم نامەيەندىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

قاراخانىلار دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى – «مەدرىسەئى ساجىئە» تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەخىدە ئىبىن ئېلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. «ساجىئە» بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر – يازغۇچىلار توپلىنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى.

«ساجىئە» بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى. تۈرلۈك كاتېگورىيىلەر بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن يېزىلاتتى (3 – جەدۋەلگە قاراڭ).
بىز تۆۋەندە قاراخانىلار مائارىپىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بولغان بىر قانچە ئالىملارنىڭ پېداگوگىكىلىق ئىدىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

1. ئېنسىكلوپېدىست ئالىم – ئەبۇنەسىر فارابى
ئىلىم – پەن دۇنياسىدا ئارىستوتېلدىن كېيىن ئىككىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەبۇنەسىر فارابى ھىجرىيىنىڭ 295 – يىلى (مىلادى 870 – يىلى) قاراخانىلارنىڭ يازلىق پايتەختى بالاساغۇن رايونىنىڭ گۈزەل شەھىرى فاراب (ئوترار) دا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەدر شۇ جايدا ئەڭ ئابرويلۇق ۋە مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. ئالىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى فاراب شەھىرىدە ئۆتتى ۋە بۇ يەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتتى. كىچىكىدىنلا بىلىم خۇمار، تالانتلىق فارابى ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشقا ئىنتىلەتتى. لېكىن ئۇ چاغدا فاراب شەھىرىدە ھەتتا بالاساغۇن رايونىدا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلار يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. قەشقەردى «مەدرىسەئى ساجىئە»ئالىي مەكتىپى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاشۇ دەۋردىكى ئىسلامىيەت مائارىپىنىڭ ئاتاقلىق مەركىزى – باغدات شەھىرىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇردى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشتى. باغداتتىكى ئالىي مەرىپەت مۇھىتى بۇ تالانتلىق ياش ئالىمنىڭ بىلىم چوققىسىغا چىقىش ئارزۇسىغا كەڭ ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئەبۇنەسىر فارابى ئالدى بىلەن تىرىشىپ – تىرمىشىپ پارس تىلى، ئەرەب تىلى، گرېك ۋە لاتىن تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان، گرېك تىلىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ئىلمىي ئەسەرلەرنى بىمالال چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. فارابى باغداتتا 40 يىلچە ئىلىم – پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ئۇ بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتېلنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا ئىجادىي تەپسىر (ئىزاھ) يازدى.
فارابى باغدات، ھىرات، ھەرران، مىسىر ۋە شام شەھەرلىرىدىكى ھېسابسىز مۇنبەرلەردە ئىلمىي لېكسىيە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ ئۇستۇنلۇككە ئېرىشتى. ئەرەب ئالىمى ئەبۇبەكرى بەيھاق (994 – 1065 – يىللار) فارابى 20 خىلدىن ئارتۇق تىل بىلەتتى، دەپ يازغانىدى. فارابى ئىلىم – پەننىڭ تۈرلۈك كاتېگورىيىلىرى بويىچە 200 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇ ئەسەرلەر پەلسەپە، لوگىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك، مۇزىكا، سىياسىي تۈزۈم، پەزىلەت ۋە بەدىئىي ئەسەر نەزەرىيىلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان فارابى ئەسەرلىرىنىڭ 119 خىل بەبلوگرافىيىسى (ئىسىملىكى) ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئېنسىكلوپېدىست ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

كېيىنكى زامانلاردا ياۋروپالىقلار فارابى ئەسەرلىرىنى «ئەل فارابۇس» تەخەللۇسىدا گرېك ۋە لاتىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدى ۋە فارابىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ھەللىكان فارابىنى «ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدىغان ھېچكىم يوق» دەپ باھالىغانىدى. سامانىلار شاھى ناسىر سامانى فارابىنى «ئىككىنچى ئۇستاز» (ئارىستوتېلدىن كېيىن) دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىدى ۋە فارابى ئەسەرلىرىنى ئاشۇ تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇردى.

مەشھۇر قانۇنشۇناس ۋە مەنتىقشۇناس ئەل ئامادى (1156 – 1233) فارابىغا باھا بېرىپ مۇنداق يازغان: “فارابى ئەڭ كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل زات ئىدى. مەنسەپ ۋە مال – دۇنيانى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ئۇ دەمەشىقتە بىر چوڭ باغقا قاراۋۇلچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن. كېچىلىرى قاراۋۇل پانۇسلىرىنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنىپ كىتاب كۆرەتتى ۋە يازاتتى. ئەنە شۇنداق ئىجتىھات قىلىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى مۇقامىغا يەتكەن. فارابى پەلسەپە ئىلمى توغرىسىدا ئەڭ مۇكەممەل تېرىپ بەرگەن. ئۇ شۇنچە تولغان ئىلمىي ھېكمەت ئىگىسى بولسىمۇ يەنىلا مەغرۇرلۇقتىن خالى ئىدى. بىر كىشى ئۇنىڭدىن:
– بىلىم جەھەتتە سىز چوڭمۇ، ئارىستوتېلمۇ؟ – دەپ سورىغاندا ئۇ جاۋابەن:
– « ئەگەر مەن شۇ زاماندا ياشىغان بولسام ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بولار ئىدىم، – دېگەن. فارابى ئارىستوتېلنىڭ (ئەس ساما) ناملىق فىزىكا كىتابىنى ئاز دېگەندە قىرىق قېتىمچە ئوقۇغانىكەن ».
بەھرىل جاۋاھىرە (« دېڭىز ئۈنچىلىرى ») ناملىق كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، فارابى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
« بىلىم ئىزدىگەن ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىدا بولغان ھەرقانداق كىشى ياش، تېمەن، زەھنى ئوچۇق، ساغلام ۋە چىداملىق بولۇشى؛ خۇش پېئىل، راستچىل ۋە ئىخلاسچان كېلىشى؛ رىياكارلىقتىن ۋە پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەردىن خالى بولۇشى؛ پۈتۈن زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىلىمغا بېغىشلىشى زۆرۆر. چۈنكى، بىلىم ئەھلى باشقا ھەرقانداق مەنپەئەتنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ…».
فارابى ئىنساننىڭ بۇرچى توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

يىراق يۇر بولسا باتىل، سۆزى يالغان،
ھەقىقەت تارقىتىپ كەت بولسا ئىمكان؛
بىزگە دۇنيا بولمىدى ئابادىي ئوي،
كەلمىگەچ تەڭ بۇ ئۆلۈمچە ھېچبىر ئىنسان.

فارابى ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان (2) بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى ئۆلىما – مۇدەررىسلىرىمىز ئەرەبچىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە فارابى ئىدىيىسىنى دەرس شەكلىدە تونۇشتۇراتتى.
فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىسىم تەرجىمە تىزىملىكى توۋەندىكىچە:

پىلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپە ئاساسلىرى
ئۇلۇغ ئەخلاق – پەزىلەت
” گىئومېترىيە ۋە ئاسترونومىيە ” ھەققىدە ئىزاھ
ئارىستوتېلنىڭ ” پەلسەپىدىكى ئېنىقسىزلىقلار ” ناملىق كىتابىغا ئىزاھ
پەلسەپىدىكى ئىخچاملىق – لوگىكا
پەلسەپەدىكى چوڭ لوگىكا
قىياس ھەققىدە
لوگىكا چۈشكۈنلۈكى
قىياس شەرتلىرى ھەققىدە
پەلسەپە دەلىللىرى توغرىسىدا
پەلسەپە مۇنازىرلىرى ھەققىدە
مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى ھەققىدە
ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدا
ئەفرۇدنىڭ ” جان ” ناملىق ئەسىرىگە ئىزاھ
ئىلىم – پەننىڭ چېكى ۋە تەرتىپى توغرىسىدا
پىلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ ئىككى پەلسەپىسى ھەققىدە
مەدەنىيەت توغرىسىدا
ئۇلۇغ تەپەككۇرنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا
سۆز ۋە يېزىق توغرىسىدا
بۈيۈك مۇزىكا دەستۇرى
ئۇرۇشنىڭ چېكى توغرىسىدا
ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان سۆز نەفلى توغرىسىدا
ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا
ئەدەبىيات مۇنازىرىسى ھەققىدە بىننى راۋەندىگە رەددىيە
تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئېتىقاد توغرىسىدا
ئۇپۇق، ئوربىتا ۋە ئالەمنىڭ مىقدارى ھەققىدە
تەبىئىي ۋۇجۇدنى ئوزگەرتكۈچى مەۋجۇدىيەتلەر ھەققىدە
بەقرات ۋە پىلاتون تەپەككۇرىدىكى بىردەكلىك
بەختنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا
بولۇنىدىغان ۋە بولۇنمەيدىغان شەيئىلەر توغرىسىدا
جىن – شەيتانلار ھەققىدە
مەدەنىي سىياسەتلەر توغرىسىدا
مەۋجۇدىيەتنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى
مىللەت ۋە مەدەنىي – مائارىپ توغرىسىدا
پەلسەپىدىكى ئېنىقلىما (20 توملۇق يىرىك ئەسەر)
ھەربىي قوماندانلار توغرىسىدا
تۇرمۇش ۋە ئۇرۇش توغرىسىدا
يۇقىرى ئالەم تەسىرلىرى توغرىسىدا
ئاسترونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە
ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا
چۈش توغرىسىدا
يېزىقچىلىق سەنئىتى توغرىسدا
ھايۋانلارنىڭ ئەزا تۈزۈلۈشى توغرىسىدا
شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا
مەدەنىي جەمئىيەت توغرىسىدا
ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى
ئىلىم – پەن ئەھلىنىڭ خورلىنىشى توغرىسىدا
ئاسمان (مۇئەللەق) ۋە ھاۋانىڭ رەڭلىكى توغرىسىدا
خىمىيە سانائىتىنىڭ زۆرۆرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە
ئارىستوتېلنىڭ ” مېتافىزىكا ” ناملىق كىتابىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلار توغرىسىدا
ئارىستوتېلنىڭ لوگىكىسىغا ھاخىيە
مۇقەررەرلىكنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا
روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا
شەيئىلەر ھەققىدە تەبىئەت ماھىيىتىدىن ئاڭلاش مۇمكىن بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا

يۇقىرىقىلار فارابى ئەسەرلىرى تىزىملىكىنىڭ ئازلا بىر قىسمى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي، پەلسەپە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇستىدىلا تەتقىقات يۇرگۇزۇپ قالماي، بەلكى كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ” مىللەت ۋە مائارىپ ” سەرلەۋھىلىك ئەسىرى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق ھەمدە شېئىرىيەت سەنئىتى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە تەلىم – تەربىيىنىڭ ئىنسان ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى توغرىسىدا قىممەتلىك تەپەككۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ.

2. ئاتاقلىق ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى

مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلار مائارىپى تازا گۈللەنگەن چاغدا گۈزەل ئوپال كەنتىدە (3) مىلادىنىڭ 1028 – يىللىرى ئەتراپىدا مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. قەشقەرنىڭ ئوپال كەنتى ئەينى زاماندا كەڭ باغۇ بوستانلىق، ساپ ھاۋالىق جاي ئىدى.

مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئانىسى پاراسەتلىك ۋە بىلىملىك ئايال (4) بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرى ئوزىنىڭ مەرىپەتلىك ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا تۈگەتتى. كېيىن قەشقەردىكى خانلىق مەدرىس (مەدرىسى ساجىئە) گە كېلىپ چوڭ ئالىم ۋە مەشھۇر پېداگوگ ھۇسەيىن خەلەپ ئاتلىق ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇدى. ئۇ بۇ يەردە پارس، ئەرب تىلى گرامماتىكىسىنى، لوگىكا ۋە پەلسەپە ئىلىمىنى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيىنى، تىببىي ئىلىمنى ھەم ئەدەبىيات تارىخىنى پىششىق ئۆگەندى (5). كېيىن ئۇ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىنى كېزىپ يۈرۈپ، نۇرغۇن يىللار ئەمەلىي ئىلمىي تەكشۈرۈخ ئېلىپ باردى. ئۇ مۇشۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن ” يىرىك قامۇس ” دەپ ئېتىراپ قىلىنغان مەشھۇر « تۇركىي تىللار دىۋانى » ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل ئابروي قازانغان كاتتا ئەمگىكى ئۇنىڭ 10 يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ساياھىتى ۋە ئىككى يىللىق (1072 – 1074) پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمگىكىنىڭ شانلىق مېۋىسى بولدى.
تۇركىيىلىك تۈركلوگ ۋە داڭلىق ئالىم بىسىم ئاتالاي « تۈركىي تىللار دىۋانى» غا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: « ھازىرغىچە تۇركىي تىللاردا بۇنىڭدىن ئۇستۇن تۇرىدىغان بىرەرمۇ ئەسەر كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ ئەسەر يىگانىدۇر…».

« تۇركىي تىللار دىۋانى » دەك نادىر ئەسەرنى يېزىش يولىدا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۈرك، تۈركمە، ئوغۇز، چىڭگىل، باسمىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق بارلىق تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ مىڭلىغان كەنت، ئاۋۇل ۋە مەھەلىلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، ئېتنوگرافىيىسى (كېلىپ چىقىشى مەنبەسى) نى، تارىخىنى، جۇغراپىيىۋى جايلىشىشىنى، مەدەنىيىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققانلىقى – ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ئىجتىھادىي، ئۇنىڭ مۈلكى سەردار ياكى ھەربىي سەركەردە بولۇشقا ھەۋەس قىلماي، ئىلىم – مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ئۆزىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغ مەرىپەتچى ۋە خەلقپەرۋەر ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاپتور ئۆز ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «… ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۇتمەس – تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ… بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم…» دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇلۇغ كىتاب ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان پۇتمەس – تۇگىمەس بايلىق. ئۇ شۇنداقلا مىليونلىغان ئەۋلادلارنىڭ ئىپتىخارى.

مەھمۇت قەشقەرى تىلشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ئۇستازى، جاھان تۈركلوگىيە پەنىگە ئاساس سالغۇچى بۇيۇك ئۇستازدۇر. ” تۇركىي تىللار دىۋانى ” دىن ئىبارەت بۇ كاتتا قامۇس ئىنتايىن كەڭ ساھەنى ئوز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تۇرمۇش، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، قورال – سايمان، ھايۋانات، تاش – مەدەن، تاغ – دەريا، قاتناش ساۋاتلىرى، ماقال – تەمسىللەر، تارىخىي رىۋايەتلەر، كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى قاتارلىقلارغىچە كەڭ مەلۇمات بېرىلگەن. بىز يەنە « دىۋان » غا كىرگۈزۈلگەن ئەقلىيە سۆزلەر، شېئىر – قوشاق، تەمسىللەر ئارقىلىق بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى، دېداكتىك كۆز قارىشىنىمۇ ئوچۇق كورۇۋالالايمىز. بۇ ھەقتە بىز ” دىۋان ” دىن بىرنەچچە نەمۇنە كۆرسەتسەك كۇپايە:

قۇت بەلگىسى بىلىك.
(بەخت – سائادەت بەلگىسى بىلىمدۇر).
ئەرمۇگە بولۇت يۇك بولۇر.
(ھورۇنغا بولۇتمۇ يۇك بولۇر).
مەرىپەتلىك قوشاقلار ۋە پەندى – نەسىھەتلەر:
ئوغلۇم ساڭا نەسىھەت:
پەزىلەتنى مىراس قىل؛
بىلىملىككە يېقىنلاش،
دائىم ئۇنى ئۇستاز قىل.
مەندىن نەسىھەت ئوغلۇم پەزىلەت يارات،
ئەلدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئىلمىڭنى تارات.

كۆپلىگەن پەزىلەت ئىگىلىرى ۋە بىلىمى تاغدەك دانالار ئالەمدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بىباھا سۆز – ھېكمەتلىرى ھېلىمۇ دىلىمنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.
بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلە، سۆزىگە ئاشىق بول، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆگەن، ئەمەلىيىتىڭدىمۇ شۇنداق بول.
ئىلىم – ھېكمەت ئىزدە؛ لېكىن مەغرۇرلانما، نادانلار ماختىنار، سىناقلاردا مات بولار.
مەرىپەت سۆيگۈچى ھەرگىز مال – دۇنياغا ھېرىسلىق قىلمايدۇ.

« تۈركىي تىللار دىۋانى » دا پەزىلەتلىك بولۇش، ئەمگەك سويۇش، ۋاپالىق بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم – تەربىيە ئىدىيىلىرىمۇ قەدىمقى ماقال – تەمسىللەر، قەدىمقى قوشاقلار ئارقىلىق نۇرغۇن سىڭدۈرۈلگەن.
مەسىلەن:

ئەمگەك ئەكىندە قالماس (ئەمگەك بوشقا كەتمەيدۇ).
ئارپىسىز ئات قىر ئاشالماس، ياردەمچىسىز پالۋان سەپ يارالماس.
كېڭەشلىك ئىش ئوڭشىلار، كېڭەشسىز ئىش بۇزۇلار.
تۈگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان ھاۋانىڭ گۈلدۈرىدىن قورقماس.
ياقىسىدىكىنى يالايمەن دەپ، قولىدىكى تاۋىقىدىن ئايرىلىپتۇ.
كۆسەن ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس.
ئۇي بولىدىغان كالا موزاي چېغىدا بىلىنىدۇ.
ھاجەتمەن مېھمان ئالدىڭغا كەلسە، سەن ئۇنى كۈتكۈزمە، تەييار ئېشىڭنى ئالدىغا كەلتۈر.
مېھماننى ئىززەتلە، داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن.
بېخىل – پەسكەش، يارىماس ئادەم – مال – دۇنيانىڭ ساقچىسى، ئۇ يېمەي – ئىچمەي يىغىدۇ، ئاخىر ئۆزگىگە قالىدۇ.

3. ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى – « قۇتادغۇبىلىك » داستانى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۇسۇپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار مائارىپىنىڭ تازا گۈللەنگەن ۋە ئۆزى ئوردىدا خاس ھاجىپلىق (ئوردا ۋەزىرلىك) ۋەزىپىسىگە تېخى قويۇلمىغان مەزگىللەر (1609 – 1070 – يىللار) دە مەشھۇر ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانىنى يازغان ۋە ئۇنى بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. بۇ كاتتا ئەسەرنى يازغان چاغدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى. داستانغا قىستۇرۇپ كەتكەن تۆۋەندىكى ئىزاھلاردىن بۇ نۇقتا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ:

«… نۇرلۇق باھار پەسلىدەك چېچەكلىك ئىدىم، غازاڭلارمۇ چۇشتى، ھەممە قۇرۇدى. قېيىندەك مۇستەھكەم، ئوقتەك تۈز ئىدىم، يادەك ئەگرى بولۇپ، مۇكچىيىپ قالدى…».
قۇتادغۇبىلىك 82 باب، 6444 بېيىت، 13 مىڭ 288 مىسرادىن قۇرۇلغان چوڭ ھەجىملىك دېداكتىك داستان. بۇ كاتتا ئەسەر پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق، دۆلەت – قانۇن، (ھوقۇقشۇناسلىق)، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ، تىبابەت، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، دىپلوماتىيە، تىل – ئەدەبىيات ۋە ھەربىي ئىلىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەرنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىغا ئىلىم – مەرىپەت مەدھىيىسى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ نۇقتا ئەسەرنىڭ نامىدىنلا ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ” قۇتادغۇبىلىك ” – بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.

« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ شۆھرىتى ئۆز زامانىسىدا ھەر تەرەپكە داڭ كەتكەن. ھەرقايسى ئەل كىشىلىرى ئۇنى ئۇلۇغلاپ ھەرخىل ناملارنى بەرگەن. بەزى شەرق ئەللىرى ئۇنىڭغا « زىنەتۇل ئۇمىرا » (ئەمىرلەر زىننىتى) دەپ نام بەرسە، ئىرانلىقلار « شاھنامەئى تۈرك » (تۈركلەر شاھنامىسى) ياكى بەزىلەر « پەندىنامەئى تۈرك » (تۈركلەر نەسىھەتنامىسى) دەپ نام بەرگەن.»

« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ پۈتۈن مەزمۇنى تۆت مۇھىم شەخسنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى كۇنتۇغدى (پادىشاھ – ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى)؛ ئىككىنچىسى ئايتولدى (ۋەزىر – بەخت – سائادەت سىمۋولى)، ئۈچىنچىسى ئوگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى – ئەقىل – ئىدراك سىمۋولى)؛ تۆتىنچىسى ئودغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى – قانائەتنىڭ سىمۋولى) بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن ماھىيىتى مۇشۇ تۆت شەخسنىڭ مۇنازىرە كۈرەشلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ. بىلىم، ئادالەت، پەزىلەت ۋە چىدام – غەيرەت خىسلەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل غايىسى ھېسابلىنىدۇ. تەلىم – تەربىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئادەملەرنى ئاشۇ غايە بىلەن يېتىلدۈرۈپ بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:

بىلىمنى ئۇلۇغ، ئەقىل – ئىدراكنى بۈيۈك بىل، بۇ ئىككىسى ئىنسان مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
بىلىمنى نېمىشقا بىلىم دېگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل. چۈنكى، بىلىم ئىگىسىدىن كېسەل يىراقلىشىدۇ؛ بىلىم – مەشئەلدۇر، مەشئەل يورۇسا كىشى كېچىدىمۇ يولدىن ئازمايدۇ.
ئىشىڭنى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئىشلە؛ زامانەڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە.
بىلىم ئال، ئۆزۈڭگە توردىن ئورۇن ھازىرلا، ھەرقانچە بىلسەڭمۇ يەنە ئۆگەن، يەنە ئىزدەن؛ قارىغىنكى، بىلىملىك كىشىلەر سورا، سورا، ئۆز تىلەكلىرىگە يېتىشكەن.
ئادەم بەرىبىر ئۆلىدۇ؛ بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزى ئۆلمەيدۇ.
ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ: بىرى بىلىم، بىرى پەزىلەتلىك سۆز.
ئەي ئوغۇل، مەندىن ساڭا ئالتۇن، كۈمۈش قالسىمۇ، سەن ئۇنى مەندىن ساڭا قالغان مەرىپەتكە تەڭ كۆرمە.
كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆپ، ئەڭ چوڭ پەرق بىلىمدە.
ئالەمدىكى ھەممە ياخشىلىق بىلىمدىن كېلىدۇ، بىلىم بىلەن كىشىلەر ئاسمانغا يول ئاچالايدۇ.
بىلىم ئەھلى ئۆز بىلىمى بىلەن كىشىلەرگە مەرىپەت چاچمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى نۇرسىز قالىدۇ.
جاھان تۇتقۇچى ئەر پاراسەتلىك بولسا جاھان مۇستەھكەم بولىدۇ؛ بىلىملىك بولسا، مەملىكىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇ ئىككىسى بىرلەشكەن كىشى كامالەت تاپىدۇ. كامىل كىشى ھەممە نېمەتكە ئىگە بولىدۇ.
پەزىلەت توغرىسىدا:
سەمىمىيەت ئىنساننى يۈكسەلدۇرىدۇ، ئىنسان ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
كىشىگە ئادىل بول، ئادىل كىشىنىڭ ھەر بىر پەيتى بەختلىك بولالايدۇ.
نەپسانىيەت ئۇچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما، ھاۋايى – ھەۋەستىن بولغانما.
ئاچكۆز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرما، ۋاپاسىز كىشىلەرگە ئاش – تاماق بەرمە.
دۇنيا بىر تېرىلغۇ ئېتىزدۇر. ئەمگەك بىلەن دان تېرىساڭ، ھايان ئۇرۇغى ئالىسەن.
قوپال سۆزنى تىلىڭدىن چىقارما، قوپال تىل يالقۇنجىغان ئوت.
ھارامغا ئارىلاشما، ئۆكتەم بولما، ئۆچ ئالما.
ھاراق ئىچمە، پىتنە – پاساتتىن نېرى قاچ!
مەنسەپ ئىگىسى بىلىملىك، دانا، كۆزى توق، كۆڭلى كۆكسى كەڭ بولۇشى لازىم.
ئاچكۆز تويمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسىگە دۇنيانىڭ ئاش – تامىقى يېتىشمەيدۇ.
يالغانچى ۋاپاسىز كېلىدۇ، ۋاپاسىز كىشى خەلققە بەخت كەلتۈرمەيدۇ.
مەنسەپدارنىڭ مىجەزى تەرسا بولسا، ئىش تەتۈرگە ماڭىدۇ، خۇشاللىقى قايغۇغا ئايلىنىدۇ.
« قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدىن بىرى بولغان ھاراق – شاراپنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرىدۇ:

… ئۈچىنچى، ھاراققا بولۇش مۇپتىلا،
بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا.
ھاراق ئىچسە ئالىم ئىلىمسىز بولۇر،
ئىلىمىسز مەست بولسا نېمىلەر قىلۇر؟

بىز بۇ يەردە ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىزكى، ” قۇتادغۇبىلىك ” ئىچىدە باشتىن – ئاياغ ئىزچىل سىڭدۇرۇلگەن ” بىلىم – كۇچ؛ بىلىم – بەخت قورالى؛ بىلىم – ئىنسان قەدىر – قىممىتىنىڭ ئۇلى…” دىن ئىبارەت خىتابلار مەڭگۈ ئۆلمەس ھەقىقەتتۇر. مۇئەللىپ ئۆز ئەسىرىدە كىشىلەرگە بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئەقلىي تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، ھۈنەر – ماھارەت تەربىيىسى، گۈزەللىك تەربىيىسى قاتارلىق ئەتراپلىق تەلىم – تەربىيە بېرىشنىڭ زۆرۆرلۈكىنى تەكرار تەۋسىيە قىلىدۇ. مانا بۇلار ئەسەردە باشتىن – ئاخىرغىچە چاقناپ تۇرىدىغان پارلاق ئىدىيىدۇر. ئەسەردە يەنە دۆلەتنى ئىلىم – پەن بىلەن باشقۇرۇش، دۆلەت ۋە جامائەت ئىشلىرىغا قابىل، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى قويۇش، بىلىم ئەھلىنى سۈيۇش، ئىلمىي ئىجادىيەتكە كەڭ مەدەت بېرىشنى تەكرار جېكىلەيدۇ، مەرىپەتشۇناسلىققا ئائىت بۇ ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلار ھازىرمۇ رېئال قىممەتكە ئىگە. ” قۇتادغۇبىلىك ” داستانىدا مۇئەللىپ يەنە ئىجتىمائىي تەبىقىلەر، ئىجتىمائىي ھايات، مالىيە – ئىقتىساد، ھارجى ئىشلار، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي خىزمەت، قەھرىمانلىق جاسارىتى، ” مۇكاپات ۋە جازا ” ھەمدە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق كەڭ مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەرنىڭ نەزمە يېشمىسى ئاساسىدا يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى:

ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك توغرىسىدا:

ھەۋەسنى ئەقىل بىرلە باسقىن ئۇتۇپ،
بىلىم بىرلە يانچىغىن نەپسىڭنى تۇتۇپ.
تۇزۇلمەس تىلېسەك، ھەۋەس بوينىن كەس،
تۇزۇلۇر ئەگرىلىك گەر ئۆلسە ھەۋەس.

ئۆزۈمچىلىك – مەنمەنچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا:

ئېغىر يۇك كىشىگە ئۆزەمچىل قىلىق،
ئۆزەمچىل قىلىققا ئوق ئات، قارشى چىق.
يەغى قىلمىغاننى شۇ قىلىق قىلار،
يەغىدىن بۇ يەغى نەچۇك پەرقلىق؟

ئەقىل – ئىدراك، پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا:

بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان،
قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.
ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي،
ئەقىلسىز ئادەم ئۇ، بىر ئوچۇملا لاي.
ئەقىل كىمدە بولسا بولۇر ئۇ ئېسىل،
بىلىم كىمدە بولسا بولۇر خان ئۇ، بىل.
ئەقىل بىر چىراغدۇر، كۆزى يوققا كوز،
ئۆلۈك تەنگە جان ئول، گاچا تىلغا سۆز.

كىچىك پېئىللىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا:

كىچىك پېئىل ئۇلۇغلۇق – سۈرەر كۆپ زامان،
تەكەببۇرغا تەگمەس ئۇلۇغلۇق ھامان.
سويۇك ئەل ئىچرە كىچىك دىل كىشى،
سويۇلمەس تەكەببۇر، يىرىك دىل كىشى.
مەنسەپدارلارنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
كۆزى توق، ھايالىق، نازۇكلۇق كېرەك،
تۇمەن خىل بىلىم ۋە زېرەكلىك كېرەك.
دىلى بولسۇن ھەممە كىشىگە كىچىك،
تىلى بولسۇن يۇمشاق، شېكەردەك چۈچىك.
ئەگەر بولسا بەگلەر زالىم ھەم يامان،
چىقار ئىشلار تۇز يولدىن ھامان.

بىلىمنى ۋە بىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش توغرىسىدا:

يوق بولسا جاھاندا ھېكىم – ئىلىملىك،
تەرىپ، ئۇنمەس ئەردى يەردە يېگۇلۇك.
ئۇلار ئىلمى بولسا جاھاندا چىراغ،
يول ئازماس كېچىدە يورۇسا چىراغ.
قاتتىق سوي ئۇلارنى قەدىرلە سۆزىن،
تولا ياكى ئازدۇر ئۆگەن ئۇلار بىلگىنىن.
ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر،
ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۇز يولغا يۇرۇر.

پەرزەنتلەرگە تەلىم – تەربىيە بېرىشتە ئاتا ئانىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا:

تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز – ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۇڭلا بول.
ئوغۇل – قىز خۇي – پەيلى بولسا يامان،
يامان قىلغان ئاتا – ئانا ئۇلارنى ھامان.
ئۇياتلىق ۋە نومۇس پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
كىشىنىڭ سەرخىلى ئۇياتلىق كىشى،
ئۇياتلىق كىشىدۇر كىشىلەر بېشى.
ئۇياتلىق كىشىگە پۈتۈن ئىشنى بەر،
ئۇياتلىق جاھالەت ئىشىگىن ئېتەر.

ئۇياتسىز – نومۇسسىز كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا:

ئۇياتسىز كىشىدۇر كىشى رەزلى،
دۇرۇست سۆز سۆزلىمەس ئۇياتسىز تىلى.
بىر گۆشسىز سۆڭەكتۇر ئۇياتسىز يۇزى،
ئېتىلمەس توشۇكتۇر ئۇياتىسز كۆزى.
تىل – سۆزنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا
ئوزۇڭنى كۆزەت بەك، ياخشى سۆزلىگىل،
سورالغاندا سۆزلە، يەنە قىسقا قىل.
كۆپ ئاڭلا بۇ سۆزنى تولا سۆزلىمە،
بىلىم بىرلە سۆز تۈز، ئىشلەتكىن ئەقىل.
كويەر ئوتقا ئوخشار كېرەكسىز سۆزۈڭ.
ئېغىزدىن چىقارما كۆيەرسەن ئۆزۈڭ.
ئاچكۆز – خىيانەتچىلەر توغرىسىدا
خىيانەت قەيەرگە گەر باسسا ئاياغ،
قاچار پايدىلىق ئىش ھەممىسى يىراق.
خىيانەتچى نەگە قول سۇنسا ئەگەر،
دېڭىزمۇ سۇسىزلار، قۇرۇپ كېتەر يەر.

شەخسىيەتچى، چېقىمچى ۋە پىتنە – پاساتچىلارنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا:

قېتىلما ئىككى خىل ئەرگە، يىراق تۇر،
قېتىلساڭ كۆرەرسەن چاتاق چىقىرۇر.
بېرىدۇ چېقىمچى، پىتنە – پاساتچى،
بىرى ئىككى يۇزلۇك شەخسىيەتچى.
ئادىل قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئادالەتلىكى توغرىسىدا
ئادىل قانۇن كۆكتە – بىر تۈۋرۈك ئىرۇر،
ئۇ قانۇن بۇزۇلسا، ئاسمان يىقىلۇر.
يوق ئەرسە قانۇنلۇق بەگلەر مۇبادا،
يەتتە قات ئاسماننى بۇزاتتى خۇدا.
قىلىپ ئادالەت بىلەن ھەر ئىشتىن،
ئايرىماي بەگ يا قۇل دەپ ھېچكىشىن.
ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا،
بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.
زالىم بەگ سۆرەلمەس بەگلىك دەۋرىنى،
كۆتۈرمەيدۇ خەلق ئۇنىڭ زۇلمىنى.
ئەل ئارتار، قانۇن بىرلە تۈزۈلۈر جاھان،
زۇلۇم بىرلە شوراپ ئەل، بۇزۇلۇر زامان.

4. ئەدىب ئەھمەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى

ئەدىب ئەھمەت قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇنىڭ « ئەتەبەتۇل ھەقايىق » (ھەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) ناملىق دېداكتىك ئەسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
« ئەتەبەتۇل ھەقايىق » – جەمئىي 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان، باي پېداگوگىكىلىق مەزمۇنغا ئىگە داستان، ئەسەرنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى توۋەندىكى قىسقا مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:

بىلىم – مەرىپەت توغرىسدا:

بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار (ئالتۇن – تىللا)؛ بىلىمسىز نادان – قىممىتى يوق ياماق، پاخال.
ئىنساننىڭ زىننىتى – ئەقىل.
بىر بىلىملىك مىڭ نادانغا تەڭ.
تۈرلۈك – تۈمەن ئىشلاردا ناداننىڭ كۆرگۈلۈكى پۇشايمان؛ ئۇنىڭغا پۇشايماندىن ئۆزگە قىسمەت يوق.

پەزىلەت توغرىسىدا:

ئەدەب – ئەخلاقنىڭ بېشى – تىل.
كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، بىلگىنكى، تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
كىشىگە ھەر ئىش كەلسە تىلدىن كېلىدۇ، ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ تىلدىن ئايان بولىدۇ.

قاراخانىلار دەۋرىدە يەنە رەشىد بىننى قەشقەرى (1083 – يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئىمامدىن قەشقەرى (11 – ئەسىر) قاتارلىق مەشھۇر تىببىي ئۇستازلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئىمامىدىن قەشقەرى يازغان « شەرھى ئەلقانۇن » ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى ئىدى.

1216 – يىلللىرى چىڭگىزخاننىڭ بېسىمىدىن غەربكە قاچقان قىتانلارنىڭ سەركەردىسى كۈچلۈك نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن قاراخانىلار زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. نۇرغۇن ئالىملار دارغا ئېسىلدى. مەكتەپ، مەدرسلەر كۆيدۈرۈۋېتىلدى. كىتاب ۋە قوليازمىلارنى يىغىپ گۇلخان ياقتى. داڭلىق ئالىم ۋە مەرىپەتچى ئىللامى ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى 3000 ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە ھازىرقى يۇرتخان كەنتى (6) دە تىرىك كۆمۈۋېتىلگەنىدى، خوتەننى « شەھىدانى خوتەن » دەپ ئاتاش ئەنە شۇ قانلىق تارىخنىڭ بىۋاستە يادنامىسى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:

(1) « خەلق گېزىتى » 1983 – يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى سانى 7 – بەت.
(2) ئەينى زاماندا ئەرەب ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ھېسابلىناتتى.
(3) ئوپال قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 45 كىلومېتر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان ۋە پامىر ئېتىكىدىن ئورۇن ئالغان، ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بىر جاي.
(4) ئالىمنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئۆز زامانىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يېتىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئاتىسى ھۇسەيىن بىننى مۇھەممەت ۋە بوۋىسى مۇھەممەت بىننى يۇسۇپمۇ زامانىسىدا ئاتاقلىق كىشىلەر ئىدى. ئانا تەرەپ بوۋىسى سەيپىدىن تېخىمۇ بىلىملىك كىشى ئىدى.
(5) مەھمۇت قەشقەرى مىلادىنىڭ 1118 – يىلى ئوپالدا « مەدرىسەئى مەھمۇدىيە » ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاكى ۋاپات بولغۇچە داۋاملاشتۇرغان. مەھمۇت قەشقەرى 1126 – يىلى 97 يېشىدا ئانا يۇرتى ئوپالدا ۋاپات بولغان.
(6) بۇ جايدا ھازىرمۇ « ئەللامە شېھىتلىكى » دېگەن مازار بار. ئۇ قەدىمقى شەھەر خارابىسى « يۇرتخان» بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: تەلىم-تەربىيە

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838