«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم»

ئاپتۇرنىڭ يېزىۋاتقان « ئۇيغۇر ئۈچۈن بىلىم» ناملىق كىتابىدىن پارچە

يازغۇچىسى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم»-ئابدۇقادىر جالالىدىن

« بىلىم يوق يەردە، نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ.» – بىر ئاقىلنىڭ ئاغزىدىن
بىلىش تارىخى ئىنسانىيەت ئەجدادىنىڭ دەسلەپكى بىلىشلىرىنىڭ ھەيران قېلىش، خام خىيال ۋە تۈرلۈك رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى تۈرلۈك قىسسە ئەپسانىۋى تۈسنىڭ قانچىلىكى قويۇق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپ سانىلىدۇ. بۈگۈن توۋلىنىۋاتقان پەن شوئارلىرى ئۆزىنىڭ ئەۋجىگە چىققان قىقان – سۈرەنلىرىدە يىراق دەۋرلەردىكى ئەپسانىلەرنىڭ دەل پەننىڭ بىخى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تاس قېلىۋاتىدۇ.
مۇقەددەس كىتابلاردىكى يارالمىش قىسسىلىرى بەزى ئىنچىكە چىقىش نۇقتىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىر – بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئكزى بىلەن بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، يارالمىش قىسسى ئەسلىدە بىر بۇلۇپ، ئېتىقاد – ئەقىدە تارىخىدىكى پىرقىۋازلىق ئۇرۇشلىرى يارالمىش قىسسىنى تۈرلەشتۈرۈۋەتكەن.
يارالمىش قىسسىدىن مەلۇمكى، ئىنسان ھەرگىزمۇ يېگانە بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنىڭ يارىلىشى ئىلاھنى، كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى تۈرلۈك – تۈمەن مەۋجۇداتنى شەرت قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىنى بىلىشى، ئىنسان بىلەن ئىلاھ، ئىنسان بىلەن كائىنات، ئىنسان بىلەن ئىنسان ھالقىلىرىدىن تۈزۈلۈپ، ھەر بىر ھالقا ناھايىتى كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ. يارالمىش قىسسىدە بىلىشنىڭ مەزكۇر ھالقىلىرى ئوبراز ۋە ھېكايە ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ.
دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى ئەپسان – رىۋايەتلەر ھەر قايسى ئىقلىمدىكى قەبىلە ۋە مىللەتلەردە ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قاراخان تەڭرى توغرىسىدا ئەپسانىلەر بولغان: بۇرۇن زېمىن ۋە ئاسمان يوق ئىكەن. قاراخان تەڭرى ئۆز كارامىتىنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە «كىشى»نى يارىتىپ، ئۇلۇغ بىر كۆل(دېڭىز)نىڭ ئاستىغا ماكانلاشتۇرغانىكەن. « كىشى» سۇ ئاستىدا بەك ئۇزاق ياشاپ زېرىكىپ كېتىپتۇ ۋە ئازادە بىر جايغا چىقىرىپ قۇيۇشنى قاراخان تەڭرىدىن ئۆتۈنۈپتۇ. قاراخان تەڭرى «كىشى»گە چامىڭنىڭ يېتىشچە تۇپراق ئېلىپ سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىققىن، دەپ ئەمر قىپتۇ. «كىشى» ئېتىكىنى ۋە قوۋۇزىنى تۇپراق بىلەن تولدۇرۇپ، قاراخان تەڭرىنىڭ دېگىنى بويىچە، تۇپراقنى سۇ يۈزىگە قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر – زېمىن ئاپىرىدە بوپتۇ. قوۋزىدىكى تۇپراقنى بوشلۇققا پۈركىگەنىكەن، ئۇنىڭدىن ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار ئاپىرىدە بوپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «كىشى» ئالەمنىڭ ئاقساقىلى بۇپتۇ، ئۇنىڭدىن ئەۋلادلار پەيدا بۇپتۇ، ئۇنىڭ نەسلى يوقىمايدىغان بوپتۇ (ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى) 3 – قىسىم، غەيرەتجان ئوسمان نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1998 – يىل نەشرى، 1 – بەت.) بۇ ئەپسانە مۇقەددەس كىتابلاردىكى يارالمىش قىسسى بىلەن بەزى تەرەپلەردە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ سۇ ۋە تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىلىرىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. «كىشى» تامامەن دېگۈدەك ئىنسانىي خۇي – مىجەزى بىلەن سۇغۇرۇلغان، لېكىن ئۇنىڭ جىسمى كائىناتنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، ھەرىكىتى بولسا تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇشۇلۇپ كەتكەن. «كىشى»نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەرىكىتىدە روھىي ۋە ماددىي بارلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىردەك ئەكىس ئېتىدۇ. ئەپسانە – رىۋايەتنى ئىپتىدائىي ئىلىم – پەن، دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا يىراق ئەجدادلارنىڭ ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇجەسسەم. بۇ قاراشلار خىيالىي تۈسكە باي بولغىنى ئۈچۈن ئوبرازلىق ئەكس ئېتىشكە تەييار. لېكىن خىيالىي ئوبرازلاردا ئۆزىگە لايىق ئەقلىي ئامىللار باركى، بۇ ئامىللار بىلىش جەريانىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى روشەن نامايان قىلىدۇ.
ئىنگلىز پولكوۋنىكى جېمىس چېرچىۋارد: « قەدىمكى قۇرۇقلۇق مۇ » دېگەن ئەسىرىدە، ھىندىستان، مېكسىكا قاتارلىق جايلاردىن تاپقان تاش پۈتۈكلەردىن ھېروگلىفلارنى يېشىش ئارقىلىق 17 مىڭ يىل بۇرۇنقى مۇ قۇرۇقلۇقىدا پۈتۈلگەن يارالمىش قىسسىنىڭ «تەۋرات»تىكى يارالمىش قىسىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشچە، قەدىمكى ھىندىستان، مىسىر ۋە بابىلون مەدەنىيەتلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پارلاق مەدەنىيەتتىن قالغان بىر قانچە تال چوغ بۇلۇپ، مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ چۆكۈشى گويا پارلاق ئانا مەدەنىيەتنىڭ يىتتۈشىدىن ئىبارەت ئىدى. قەدىمكى قۇرۇقلۇق مۇغا ئائىت پۈتۈكچىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، يەتتە باشلىق يىلان ياراتقۇچى، ماھىيەتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەتتە باشلىق يىلان يەتتە ئەقىل – ئىدراكقا ئىگە بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن يەتتە بۇيرۇق بىر پۈتۈن ئالەمنى روياپقا كەلتۈرىدۇ («بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2004 – يىللىق سانلىرى).
ئادەم ئۆز مەۋجۇدىيتىنىڭ سىرلىرىغا يەتكۈسى كېلىدۇ. « مەن كىم؟ مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟….» دېگەندەك سوئاللار ھەر بىر ئىنساننىڭ بىلىش پىلتىسىگە ئوت بوپكەلدى. ھازىرمۇ پەنلەر زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدىمەكتە. مۇ قۇرۇقلۇقىدىن ئېرىشىلگەن يارالمىش قىسىسىدە ئالەمنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىت قانۇنى ئېنىق ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، جېمس چېرچىۋاردنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ يارالمىش قىسسىسىنىڭ ھەقدارى سۈپىتىدە، بىلىش تارىخىدىكى ئادەم – ئالەم مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى ئەپسانىۋى يېشىمدە پېشقەدەملەردىن ھېسابلىنىدۇ.
تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئونتارىئو ئىنىستىتوتى مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىكى كارل بېرېتېر (carl bereiter بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ) دېگەن ئەسىرىدە « ئاۋامىي نەزەرىيە» (ئىنگىلىزچە folk theory دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كارل بېرېتېرنىڭ ئىزاھلىشىچە، ئاۋامىي نەزەرىيە پەننىي نەزەرىيە بولمىغان ئەھۋالدىكى كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بۇلۇپ، ئۇ ئاساسەن ئىپتىدائىي ئىنسانلار ھەم پەننىي مائارىپ تەربىيسى كۆرۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن بالىلاردا بولىدۇ. ئاۋامىي نەزەرىيە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان، سۈزۈلمىگەن ھالدا مەۋجۇد بولىدۇ. ئادەتتە، ساۋات پىسخولوگىيسى (commonsense pyscholog)لا ئىدىيە، خاتىرە، دەلىل، پىلان، مەقسەت ۋە پرىنسىپلارنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاڭ بىلەن ئوبيېكتىپ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا بولسا، بۇنىڭدىن بىلىم، ناتوغرا بولسا ساختا ئەقىدە ھاسىل بولىدۇ. ئاۋامىي نەزەرىيە بولسا ساۋات پىسخولوگىيىسى بىلەن ساۋاتىي بىلىش نەزەرىيسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ (كارل بېرېتېر: « بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ» (ئىنگىلىزچە)، لاۋرىنىس ئېرلىبوم جەمئىيتى نەشر قىلدۇرغان (ئامىرىكا)، 2002 – يىل نەشرى). بىر ساۋاتسىز دېھقان بوتانىكا ئۇقۇملىرىدىن خالىي ھالدا زىرائەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ھوسۇل ئېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالنى تېبابەت، ھۈنەرۋەنچىلىكى ساھەلىرىدىن ئوخشاشلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. يازغۇچى زۇنۇن قادىرىينىڭ «خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرىدە پىرىزىخان ئىسىملىك بىر موماي بار. بۇ موماي زۇنۇن قادىرىينىڭ بالىلىقىدا ئالاھىدە تەسىر قىلدۇرغان شەخىس سۈپىتىدە كۆڭۈل قۇيۇپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىي توڭ ئالمىنى تولا يەپ، يامغۇردا قېلىپ، بېقىنىدا سانجىق تۇرۇپ قالىدۇ، پىرىزىخان موماي ئۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ بىر سىقىم تەرتەزنى يىلىمان سۇغا چېلىپ، ئۇنى ماتا لۆڭگىگە سۇۋاپ، بېقىنىغا تېڭىپ قويسا، سانجىق يوقاپ كېتىدۇ. ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىينىڭ گېلى ئاغرىپ قالسا، موماي بارمىقىنى قازاننىڭ كۈيىسىگە سۇۋاپ، تامىقىنى كۆتۈرۈپ قويسا ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئىش مېنىڭ بالىلىقىمدىمۇ بولغان. گېلىم ئاغرىپ قالسا ھەمىدىخان ئىسىملىك بىر موماينىڭكىگە باراتتىم. ئۇ بەزىدە تامىقىمنى بارمىقى بىلەن كۆتۈرۈپ قوياتتى، بەزىدە مېنى بوسۇغىدا ياتقۇزۇپ، گېلىمغا بوش دەسسەپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن گېلىم ساقىيىپ قالاتتى. ئۆسمۈر نۇزۇن قادىرىي يەنە پىرىزىخان موماينىڭ كاۋا چېچىكىنى ئۈزۈپ، باشقا پىلەكتىكى چېچەككە دۈم كۆمتۈرۈپ، بوغقۇچ بىلەن تېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنىڭ پەننىي جاۋابىنى زۇنۇن قادىرىي گىمنازىيىدە ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بوتانىكا دەرسدىن ئۇنىڭ «ئاتىلىق چېچەكنى ئانىلىق چېچەك بىلەن چاڭلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، زۇنۇن قادىرىي مومايدىن:« بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، موماي:« مۇشۇنداق قىلىپ قويساق ئاكۋا ئوخشايدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن (مۇھەممەت پولاتنىڭ نەشرگە تەييارلىشىدىكى «زۇنۇن قادىرىي ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 – يىل نەشرى، 527 -، 529 – بەتلەر). بۇ مىساللاردىن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئاۋامىي نەزەرىينىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئەملەش (جىسمانىي داۋالاش)، ئىرىم قىلىش ( روھىي داۋالاش)، ئوت كۆچۈرۈش، ئىسرىق سېلىش، دۇتلاش، ھورداش، قان چېكىش، ئىلغا ئېلىش، تېرىگە ئېلىش، تەرلىتىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يىراق ئۆتمۈشتىكى شامان ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ قىلىقلار ئۆزىنىڭ رېئال ئۈنۈمى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىرەر ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقمىدۇق، ئەكسىچە «خۇراپات» دەپ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتتۇق. ماددىي ۋە مەنىۋىي دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسە پەننىڭ ئوبيېكتى بولالايدۇ. ئۇلارنى پەنسىز ھالدا تەتقىق قىلمايلا يوق قىلىۋېتىش نادانلىق ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان ياۋۇزلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى ۋە پەيلاسوپى مايكول پولانىي (michael polanyi ) مۇنداق دېگەنىكەن:« ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى زوئولوگلار (ھايۋانشۇناسلار) بايقىغان ئەمەس. ئۆسۈملۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بوتانىكلار (ئۆسۈملۈكشۇناسلار) بايقىغان ئەمەس. زوئولوگىيە ۋە بوتانىكىنىڭ ئىلمىي قىممىتى پەقەت ئۇنىڭ پەندىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ داۋامى بولغانلىقىدا» (مايكول پولانىي:« خۇسىۇسىي بىلىملەر» (خەنزۇچە)، گۈيجۇ خەلق نەشرىياتى 2000 – يىلى نەشرى، 211 – بەت). بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئانىمىزم (ھەممە نەرسىدە روھ بار دەيدىغان قاراش) تۈسىدىكى دۇنيا قاراش بۈگۈنكى پەن نۇقتىئىينەزەرىدە بىر خىل روھانىيلىق بولسىمۇ، پەن بەرىبىر ئەنە شۇنداق دۇنيا قاراشلارنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاستا – ئاستا يېتىلگەن تۆرەلمە ئىدى. پەن تارىخچىسى ۋ. س. دامپېر» (w. c dfmpier) پەن تەبىئەت ھادىسلىرى توغرىسىدىكى تەرتىپلىك بىلىم بۇلۇپ، ئۇ، تەبىئەت ھادىسلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەقلىي يوسۇندا تەتقىق قىلىدۇ» (ۋ. س. دامپېر:« پەن تارىخى»(خەنزۇچە) «سودا» نەشرىياتى 1994 – يىل نەشرى، 9 – بەت) دېگەنىدى. تەرتىپلىك بىلىم شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى جۈزئىي ئامىللار شەكىللەنگەن بۇلۇشى كېرەك. بۇ ئامىللار ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئادەملەرنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدا، تەبىئەت ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ئىستىخىيىلىك ھالدا سادىر بولىدۇ. دامپېر «پەن تارىخى» دېگەن كىتابىدا پېرىخونلۇق، دىن ۋە پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بەزى ئىنسانشۇناسلارنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇلارچە «پېرىخونلۇق بىر جەھەتتىن دىنغا ئېلىپ بارىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن پەنگە ئېلىپ بارىدۇ» (يۇقىرىقى كىتاب، 27 – ، 28 – بەتلەر). شامانىزم قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر خىل بىلىش شەكلى سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش شەكلىگە ھازىرغا قەدەر ئۆچمىگەن چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئەينى دەۋرلەردىكى شامانلار ۋە باخشىلار ئۆز دەۋرىگە يارىشا بىلىم ئادەملىرى بۇلۇپ، تەبىئەت ۋە ئىلاھ بىر – بىرىدىن بۆلۈنگەن ھالدا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت، روھىيەت ۋە جەمئىيەتكە قارىتا بىلىش شەكىللىرى بارلىق شەرق ئەللىرىدىكىگە ئوخشاشلا ھېكايەت تۈسىگە ئىگە. پىكىرلەر ئارىستوتېلچە مەنتىققە ئىزچىللىقىدا ئوتتۇرىغا چىقماستىن، ھېكايىنىڭ ھەممە بۆلىكىگە قاندەك سىڭىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر دۇنيا قاراشلىرى ئۆزىگە خاس ئېتنىك تەركىبلەردىن تاشقىرى ئەجەم، ئەرەب ئامىللىرى بىلەنمۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «جەمشىدنامە» دە مۇنداق بىر ھېكايەت بار:كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇھ ئەلەيھىسسالام بىر يەردە ياتقانىدى، ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چاغدا ئىشتان كىيىش ئادىتى يوق بۇلۇپ، ئالدىغا لاتا تارتىۋالاتتى. شامالدا لاتا قايرىلىپ قېلىپ، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى يافەس كۆزىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كەتتى، ھەزرىتى سام بىر قولى بىلەن كۆزىنى ئېتىپ، يەنە بىر قولى بىلەن لاتىنى تارتىپ ئەۋرەتنى يېپىپ قۇيۇپ، ئۆتۈپ كەتتى. ھام دېگەن ئوغلى مەسخىرە قىلىپ: « ئوھوي، ئېچىلىپ قاپتۇ» دەپ ئۆتۈپ كەتتى. شۇ چاغدا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىچىدە قاتتىق غەزەبلەندى. ئۇ يافەسكە:« سېنىڭ ئەۋلادىڭ پادىشاھ بولسۇن» دەپتۇ، سامغا:« سېىڭ ئەۋلادىڭ ھەم پادىشاھ، ھەم پەيغەمبەر بولسۇن» دەپتۇ، ھامغا:« سېنىڭ ئەۋلادىڭ قۇل ھەم چۆرە بولسۇن» دەپتۇ.
ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ « تارىخىي ھەمىدىي» (ئەنۋەر بايتۇر نەشرگە تەييارلىغان، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 – يىل نەشرى) دېگەن ئەسىرىدە تارىخنىڭ بېشىنى نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن باشلايدۇ. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنى يافەسكە باغلايدۇ، بابىل، يەمەن، ئوممان، ئىراق، ئىران ئەللىرىنى سامغا باغلايدۇ، ئافرىقا ۋە ھىندىستان ئەللىرىنى ھامغا باغلايدۇ. يازما تارىخلاردىكى ئەھۋاللار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا ئەمەلىيلىشىشىنى ئاساسەن ئىسپاتلىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىز يازما تارىخلاردىكى تارىخىي ھەقىقەتلەرنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكىنى ياكى ئىنسانلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان تارىخنىڭ ئىنسانچە ئاجىزلىق ۋە سەھۋەنلىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، موللا مۇسا سايرامىنىڭ بايانلىرىدا تەجرىبىدىن ھالقىغان ئەپسانىۋى تۈسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى ھېكايەتتىن مۇنداق بىر مەسىلىنى – بىر ئىشقا تۇتۇلغان ئۈچ خىل پوزىتسىيىنى ۋە شۇ پوزىيسىيە تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئوخشىمىغان نەتىجىنى كۆرىمىز: يافەس ھايا بىلەن ئۆيۈپ كەتتى، بۇ ھايا پادىشاھلاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك دىيانەتتىن نىشان ئىدى. سامدا ھايا بولۇش بىلەن بىرگە تەدبىرمۇ بار ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەۋلادىغا پادىشاھلىق سەلتەنىتى بىلەن پەيغەمبەرلىك ھېكمىتى بۇيرۇلدى. ھام ئۆزىنىڭ ھاياسىزلىقىغا يارىشا قۇللۇق تەقدىرىگە بۇيرۇلدى. بىز بۇ ھېكايەتنى تارىخىي رېئاللىقتىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلساق، كىشىلەرنىڭ شەيئىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ تەجرىبە، بىلىم ۋە تەقدىرگە ئېرىشىدۇ، دېگەن ئەقلىي يەكۈنگە ئىگە بولىمىز. بۇ يەكۈن فرانسىيە مۇتەپەككۇرى رېنې دېكارت (rene descartes)ى 1596 – 1560) نىڭ يانداش بىر ھۆكۈمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:« پاراسەت ھەممە ئادەمدە ئوخشاش، شۇڭا، پىكىردىكى ئىختىلاپلار بىراۋنىڭ يەنە بىرسىدىن ئەقىللىق بۇلۇشىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكى پىكىر يولىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى ياكى پىكىرنىڭ ئوخشاش بىر سەۋەبكە قارىتىلمىغانلىقىدىن بولىدۇ» ( ر. دېكارت:« دېكارتنىڭ تەپەككۇر پەلسەپىسى» (خەنزۇچە)، «توققۇز ئايماق» نەشرىياتى 2004 – يىل نەشرى، 1 -، 2 – بەتلەر). نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەتلىرى بىر مەسىلىگە ئوخشىمىغان ئىنكاس شەكىللىرى بىلەن مۇئامىلە قىلدى ھەم شۇ تۈپەيلى ئوخشىمىغان نەتىجە ۋە قىسمەتكە ئىگە بولدى. يۇقىرىقى ھېكايەت بىلەن دېكارتنىڭ سۆزىدە نەتىجە بىلەن سەۋەب ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى ئوبراز شەكىلدە، بىرى ئىدراك شەكلىدە بۇلۇپ، بۇلاردىن شەرق ۋە غەربنىڭ تەپەككۇر ئەنئەنىسى مەلۇم بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى قەلەمدىن ئۆتكەن ۋەقە، يەنە بىرى ۋەقەدىن كەلتۈرۈلگەن يەكۈن. ۋەقەدىن ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالمىغان ئادەملەر يۇقىرىقى ھېكايەتنى قانچە ئۇقۇسا ئىبرەت ئالالمايدۇ. ئەقلىي يەكۈننى تۇرمۇشتىكى ۋەقەگە تەدبىقلىيالمايدىغان ئادەم ئۈچۈن دېكارتنىڭ سۆزى ئەھمىيەتسىزدۇر. نەقىل بىلەن ئەقىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى تاپالىغان ئادەم ئۈچۈن ھايات مەنا ۋە ئىبرەت بىلەن تولغان بولىدۇ. ھېكايەت ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەقە، ھېكمەت بولسا ۋەقەلىكى چىقىرىۋېتىلگەن ھېكايەت. شۇڭلاشقا، شەرق دانىشمەنلىرىگە غەرب پەلسەپە ئەندىزىسى بويىچە باھا بەرگىلى بولمايدۇ، لېكىن سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە بىلىش ئۇسۇللىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بىلگە بىلىمچىلىكى (uyghur epistemology )(
维吾尔认识论)نى تەتقىق قىلماقچى بولىدىكەنمىز، ئۇنداقتا، ئەپسانە – رىۋايەتلىرىمىزگە، دىنىي ئېتىقاد شەكىللىرىمىزگە، ئاغزاكى ۋە يازما ۋەسىقىلىرىمىزگە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك تارىخىمىزغا، قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز ۋە قۇرۇلۇش ئەنئەنىمىزگە مۇراجىئەت قىلماي تۇرالمايمىز. شۈبھىسىزكى، بىز بۇلارسىز ھالدا ئۇيغۇر پەن تارىخىنى ياكى ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا پەن تارىخىنى يېزىپ چىقالايمىز.
دىيارىمىزدىكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا پەن تارىخىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولغۇسى. ۋەھالەنكى، بىز ھەر قايسى تارىخىي دەۋرگە ئائىت ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلار بىلەن تۇلۇق تۇنۇشۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىدۇق. تارىخنى ئىدېئولوگىيلىك ئېھتىياج ئۈچۈنلا ئىزاھلاش، ئارخېئولوگىيدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئۈستقۇرۇلمىلىق تۈسىنى زىيادە قۇيۇقلاشتۇرۇۋەتتى. بىز بىر قىسىم ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلاردىن پەقەت خرونولوگىيلىك تارىخنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى يېشىشتە ئاز – تولا پايدىلاندۇق. بىزدە تېخى پەن تارىخى، ھۈنەر – سەنئەت تارىخى، دېھقانچىلىق تارىخى، باغۋەنچىلىك تارىخى دېگەنلەردەك مەخسۇس ساھەلەر بويىچە يېزىلغان تارىخلار بولغىنى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ئىدېئولوگىيە قاتلىمىنى تارىخىي ئەينەنلىك تەلىپى بويىچە يۇرۇتقىلى بولمايدۇ. دىيارىمىزدىكى ئىلىم مەركەزلىرى بۇنداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ھازىرغىچە يىراق.
پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئاياغلاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئەسىرى «قەدىمكى ئەركىزىي ئاسىيا»دا، ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى ھەمدە، مىس، تۆمۈر دەۋرىدىكى مەدەنىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. «ئانا ساي – يەنسەي ۋە ئەنقار (ئەنگار)ۋادىلىرىدا كونا- يىڭى تاش قۇراللار دەۋرى تۇتاشقان دەۋرگە ئائىت تاش سۆڭەك قوراللار ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئوچاق، كۈل قاتلىمى، جۈملىدىن بۇغا مۈڭگۈزىدىن يېپىلغان كەپە تېپىلغان» دەپ بايان قىلىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئارقىدىنلا بۇ خىل تىپتىكى مەدەنىيەتنىڭ ئالتاي، جەنۇبىي بايقال، ئورخۇن ۋادىلىرىدىنمۇ تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. بۇنداق بايقاشلار خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىلەردىمۇ كۆپ بولغان. ئاپتۇر يەنە ساك – سكىفلار ھەققىدە توختىلىپ:« سىكىفلار مەشھۇر ئالتۇن – مىس ھۈنەرسازلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىزىدىن – جەنۇبىي سىبىرىيە، شىنجاڭ، يەتتىسۇ، ماۋەرائۇننەھىر، ئورال ۋە قارا دېڭىز ساھىلىدىن نۇرغۇنلىغان ھايۋاننىڭ خىرىسچان ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن مىس – ئالتۇن بۇيۇملار تېپىلدى» (2002 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابنىڭ 28 – بېتى) دەپ يازىدۇ. « ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ ساكلار توغرىسىدىكى بايانلىرىدا ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىگە دائىر گەپلەرمۇ بار:« غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان باشاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، برونزىدىن ياسالغان باشاقلارنىڭ ساپ تۆشۈكىگە تۆمۈردىن ياسالغان ھالقا بېكىتىلگەن. بۇ تۆمۈر ھالقا باشاق سېپى بىلەن باشاقنى چىڭ تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئۆتىگەن» (يۇقىرىقى كىتاب 38 – بەت). تارىخچى ئەنۋەر بايتۇرمۇ ھونلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۈگۈنكى كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن تۆمۈر، مىس، كۆمۈش، قوغۇشۇن، قاشتېشى قاتارلىق مەدەنلەرنىڭ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۈزگەن « ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ( ئۇيغۇرچە)، روسچىدىن ئۇيغۇر سايرانىي تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 – يىل نەشرى، 32 – بەت). تارىخچىلار ساكلار مەدەنىيتىنىڭ مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى 5 – 7 – ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ دەۋرلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىمىياگەرلىك بىلىمىنىڭ نامايان بۇلۇپ، تۇرمۇش ۋە جەڭلەردە تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتاللارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرغان دەۋر بولدى. پەن تارىخچىلىرى خىمىيە ئىلمىنىڭ تارىخىنى تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاندى، دەپ جەزملەشتۈرىدۇ ( ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى». بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىل نەشرى). شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تاش ۋە مېتاللارنىڭ خىمىيىلىك، فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يېتىپ، ئوتنىڭ خىمىيىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك قوراللارنى ياساپ، دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇنبىرىدە مۆتىۋەرلەردىن بولغانىدى. ئەجدادلىرىمىز ئەينى دەۋرلەردە كەشپ قىلغان تۇرمۇش قوراللىرى ئۆزلىرى تۇرغان مۇھىتنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ھەمدە ئۆز دەۋرىگە مۇناسىپ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ تەپەككۇر، ئەقىل – پاراسىتى، بىلىمىنى ۋە بۇ بىلىملەرنىڭ قاتلىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەلۇمكى، بىلىم تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، قاتلىمىنى كۆپەيتىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتلەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە بىلىم بايلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا بولۇپ، بىز مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قارىتا بىلىمشۇناسلىق نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتىن بەك يىراقتا تۇرۇپتىمىز. ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەبىئەت ۋە جەمىئيەت ساھەلىرىگە تۇتىشىدىغان ئەمەلىيەتچان بىلىم ئەنئەنىسى بولغانىدى. بىز بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە يۈزلەندۇق. ئەۋلادلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئىلىم – پەن تارىخىدىكى تۆھپىلىرى بىلەن ناتونۇش. ئەگەر بىز ئۇلاردىن بىر قانچە سېيماسى غىل – پال ئەسلەپ ئۆتسەكلا، خىرەلىشىپ كەتكەن ئاشۇ قەىممەتلىك ئەنئەنىنى جىددىي تىرىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى تونۇپ يېتىمىز:
كومراجىۋا (344 – 413) – ئۇيغۇر بۇددىزم دەۋردىكى پېداگوگ، مۇتەپپەككۇر ۋە تەرجىمىشۇناس. ئىنچىكىلەپ كىرگەندە، كومراجىۋا دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەندىزىسى ۋە مەزمۇنىغا دائىر بىلىشلەرگە، نوم تەرجىمىچىلىكىدىكى ئۇسلۇب ھەمدە ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى نەزەرىيسىنىڭ ئەينى دەۋرگە خاس يۆنىلىشىگە دائىر بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. لېكىن بىزدە بۇنداق ئىنچىكە، سىستېمىلىق تەقىقات يوق.
سۇجۇپ – مىلادى 6 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس. ئۇ « 12 تېمپىلىق كۈي قانۇنى» نىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى يارىتىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ كېيىنكى راۋاجىغا، ھەتتا جۇڭگۇ مۇزىكىچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. سۇجۇپ ئەنئەنىسى بىزدە كۈي بولۇپ كۈيشۇناسلىق بولماسلىقتەك سەلبىي ئەنئەنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، شۇنداقلا ھازىرقى زامان يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەنئەنە.
ئەل ئۇقمىش (1314 – ؟) – ئۇيغۇرلاردىن چىققان دېڭىزچى، شۇنداقلا قۇبلەيخان ئوردىسىدا تۇرغان دۆلەت ئەربابى. ئۇ، قۇبلەيخاننىڭ يارلىقى بىلەن سرىلانكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دېڭىز سەپىرى قىلىپ، بۇ سەپەرنى 20 يىل داۋاملاشتۇرغان، بۇ جەرياندا ئۆتكۈر سىياسىي پىكىرلىك دىپلوماتقىمۇ ئايلانغان. ئەل ئۇقمىشنىڭ دېڭىز سەپىرى جېڭ خېنىڭ دېڭىز سەپىرىدىن 100 يىل، ياۋرۇپالىقلارنىڭ دېڭىز سەپىرىدىن 200 يىل بالدۇر بولغان. ئەل ئۇقمىش، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خانبالىق لايىھسىنى تۈزگەن ئەختەرىدىن، بېيجىڭدا تەتقىقات بىلەن ئۆيكەن ئاسترونوم جامالىدىن، دېھقانچىلىق ئالىمى لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك) قاتارلىق ئالىملار، سىياسىئونلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىرگە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر پاراسەت قۇۋۋىتىنىڭ يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك) 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن يېزا ئىگىلىك ئالىمى. ئۇ « يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىدىن ئاسالار» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى دېھقانچىلىق ئەنئەنىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، شۇ دەۋرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلىق نۇرغۇن كۆرسەتمىنى ئۇتتۇرىغا قويغان. كىتابتىكى زىرائەت تۈرلىرى، مېۋە تۈرلىرى، ئوتياش تۈرلىرى، دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ھەسەل ھەرىسى بېقىش، ئۆي ھايۋانلىرى بېقىش، پىلچىلىك، ھاۋارايى، سۇ ئىنشائاتلىرىغا دائىر تېخنىكىلىق مەسلىھەتلەر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغار ئىدى. ئاپتۇر يەنە ئۇيغۇرلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە كىرگەن بېدە، پىياز، سەۋزە، زىغىر، ئانار، ياڭاق، پۇرچاق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر توغرىسىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان.
ئەلخارەزمىي ( مىلادى 780 – 850) – خارازم ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان ئاسترونوم، ماتېماتىك، گېئوگراف. ئۇ ئەرەب، پارس، سانسكرىت، گرېك تىللىرىنى بىلگەچكە گرېك، ھىندى ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن چوڭقۇر تۇنۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئېرىشكەن. ئۇ باغدادتا « بەيتۇل – ھېكمە» (دانالار سارىيى) دە ئىشلەپ، نۇرغۇن ئالىمنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇ « مۇختەسەر سندى ھىد» (ھىندى رەقەملىرى ھەققىدە قىسقىچە كىتاب)، « ئەلجەبىر ۋە مۇقەبەلە» (تەڭلىمە ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش كىتابى – ئالگېبرا)، « ئاسترونومىيلىك جەدۋەل»، « قۇياش سائىتى ھەققىدە رىسالە»، « يەرنىڭ سۈرىتى»، «يەھۇدىيلار تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى بەلگىلەش» قاتارلىق كۆپ قىرلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئەلخارەزمىي تەڭلىمىلەرنى تۈزۈش ۋە يېشىش قائىدىلىرى، مەنپىي ۋە مۇسبەت سانلار، ھىندى رەقەملىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، نۆلنىڭ ماتېماتىكىدىكى رولى قاتارلىق بىر قاتار ئىلىم مەسىلىلىرىنى شەرھلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ « ئاللېگورىزم ئارىفمېتكىسى» دېگەن نامىنى دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىغا نەقىشلىدى.
ئۇلۇغبېك (1394 – 1449) – پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ سۈپەتلىشىچە، ئۇيغۇر «كەنجى ئويغىنىش دەۋرنىڭ مۇتەپەككۇرى، ئاسترونوم ۋە سىياسىئون». ئۇ « تۆت ئۇلۇس تارىخى»، «زىجى جەدىد گۈرە گانى» (يېڭى ئاسترونومىيلىك جەدۋەل) قاتارلىق ئىلمىي كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇلۇغبېك يەنە سەمەرقەندتە ئۆز نامىدا مەدرىسە ۋە رەسەتخانىلارنى بەرپا قىلغان بۇلۇپ، ئۇلۇغبېك شۇ چاغدا شەكىللەنگەن ئىشانىزم گۇماشتىلىرىنىڭ سۇيىقەستى بىلەن ئۆز ئوغلىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇ سالدۇرغان رەسەتخانا بولسا، جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلىدۇ. بۇنى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى، پاكىستانلىق فىزىكا ئالىمى، دوكتۇر ئابدۇسالام ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا خەلقىنىڭ بېشىدىكى بەخت – سائادەت قۇشىنىڭ ئۇچۇپ كېتىپ، زالالەت دەۋرىدىن دېرەك بەرگۈچى پاجىئە، دەپ باھا بەرگەنىدى.
بىز فارابى، مەھمۇد كاشىغەرى، برۇنېي، ئىبىن سىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلارنىڭ ئاۋامغا تونۇش نام – شەرىپىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق. ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى بىلىمشۇناسلىق ياكى پەن نۇقتىسىدىن باھالانمىسمۇ، كىشىلەر ئۇلارنى ئىلىم چولپانلىرى سۈپىتىدە زاتەن ئەمەس، ئاتەن ھالدا تۇنۇيدۇ.
ئەگەر بىز يۇقىرىقى ئالىملارنى ئىنسانپەرۋەرلىك خاھىشلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئەخلاقىي تېمىدىكى ھېكايەتلەر ۋە قىسىسلەرگە، ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ئاھۇ – زارى بىلەن تولغان داستانلارغا، ۋەھدەتكە ئىنتىلگۈچى شېئىرىيەت لاتاپەتلىرىگە تولغان ئەنئەنىمىزگە پاراللېل قويساق، تەبىئەت ۋە ھۈنەر ئىلىملىرىگە مايىل سەمەرىلىك ئەنئەنىمىزنىڭ غايىب بوپكەتكىنىدىن ئۆكۈنمەي تۇرالمايمىز. تەبىئەت، ئىلاھىيەت، سەنئەت، جەمئىيەت ۋە پاساھەت ئىلىملىرى بىر – بىرىگە زىت ئەمەس ئىدى، لېكىن بىز زىت ھالدا چۈشنىپ، ئىلىملەرنى يېتىم قۇيدۇق. ئىلىملەر ئاستا – ئاستا يىگىلەپ، مەنىۋى گادايلىقىمىز مىسلىسىز پاجىئەلىك تارىخنىڭ ھامىيسى بوپقالدى. ئۇلۇغبېكنىڭ پاجىئەسى ھەرگىزمۇ بىر ئالىمنىڭ پاجىئەسى بولماي قالدى، بەلكى ئۇ شۆرەتلىك تارىخلارنى قالدۇرغان ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ گۇمراھلىق دەۋرىگە كىرىپ، كىشىلىك ئىززىتىنىڭ ۋەيران بۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدىغان پاجىئە بوپقالدى.
بىز ئۇلۇغبېكتىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى سۆيۈنگۈدەك تەبىئەت ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىدۇق. بىر بولسا تارىخىمىز ئۇ خىل كىشىلەرگە كورلۇق قىلدى. نەتىجىدە، بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتتۇق؛ بىر بولسا زەئىپ تەپەككۇرىمىز ياراتقان تارىخنىڭ ئەمەلىيتى شۇ. بۇنىڭدا كېيىنكى ئېھتىماللىقىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى يۇقىرى بولسا كېرەك. بۇ ھەقتە ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن: « قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى، فېئوداللىق بېكىنمە ھالەت تۈپەيلى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئەۋزەللىكىنى يوقاتتۇق. ئۇلۇغبېك ۋاپاتىدىن كېيىن ئەدىب – شائىرلىقتىن باشقا بىزدە ئالەمشۇمۇل تەبىئەت ئالىملىرى چىقمىدى. مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى. شۇ زامانلاردىكى ناخشا – غەزەللىرىمىزگە بىر قاراپ كۆرەيلىچۇ، ئاساسلىقى( ۋاھ، دەرىخا) دېگەندەك نالەشتىن يىراقلاشمىدى. بىز (ئېتنولوگىيلىك مىللەت) كاتېگورىيىسىدىكى (ناخشا – ئۇسۇل مىللىتى)، ( شېئىرىيەت مىللىتى) بۇلۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى…. سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت – ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ – تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ – جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن ( ئالىملار مىللىتى)، (قۇدرەتلىك زامانىۋى مىللەت) كالامىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق» دېگەنىدى ئېچىنىش بىلەن.
ئەگەر بىز ئۇيغۇر ھۈنەر – كەسپ رىسالىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ھۈنەر – كەسىپنىڭ قائىدىلىرى تەرەپتىكى ئىلمىي بايانلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇ رىسالىلەر ئايەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئەگەر بىز بۇ ئايەتلەرنى ئىسلامىيەتنىڭ تارىخى ۋە ماھىيىتى بىلەن باغلاپ قارىساق، كۆپ ھالدا ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇنداق يەرلەردە ئىشلىتىلمەسلىكى لازىملىقىنى بىلىپ يېتىمىز. ھۈنەر – كەسىپلەر ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بىلىملەرگە تەۋھىد ئىلمىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ھۈنەر – كەسىپلەرنى مۇكەممەل ئەخلاقىي ئاساسلارغا ئىگە قىلىدۇ. ئەمما ھۈنەر ئىلمى ئۆز ئوبيېكتىنىڭ ماددىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي، نوقۇل روھانىي نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالغاندا، ئاخىرى بېرىپ يەنە شۇ ئۈممەتلەرنىڭ رېئال مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ. ھۈنەر – كەسىپ رىسالىلىرىمىزدە ھۈنەرنىڭ ئۆزىگە ئائىت بىلىم تەركىبلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، تىرىكچىلىك ۋە ئىبادەتتىكى ئەمەلىيەتچان پوزىتسىينىڭ رېئاللىق بىلەن ھېسابلاشمايدىغان روھانىيلىققا ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مىلادى 16 – 17 – ئەسىرلەردە غەرب ۋە شەرق خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدا جىددىي ئالمىشىش يۈز بەرگەن دەۋرلەر بولدى. بۇ دەۋرلەردە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ يۇلتۇزى پارلاپ، مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا – مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يۇلتۇزى ئۆچۈشكە باشلىدى. گەرچە «قۇرئان كەرىم» چۈشەنگىلى بولمايدىغان روھىيەت، ئاخىرەت مەسىلىلىرنى تەكىتلىمەي، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھالال بىلەن ھارام، ياخشى بىلەن يامان، گۈزەل بىلەن رەزىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىشتىن ئىبارەت رېئال، ئخقتىمائىي مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ، پايدىسىز بىلىملەردىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئۆلىمالارنىڭ دىققىتى جەننەتنىڭ دەرىجىسى، پەرىشتە، شەيتان، خۇدانىڭ سۈپەتلىرى دېگەندەك مەۋھۇم مەسىلىلەرنى ئەپلاتونىزم خاھىشلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ تەلقىن قىلىش بىلەن بوپكەتتى ھەم كۆز ئالدىدىكى دۇنيانىڭ كۈچ ۋەزىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزمىدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىنقىرازىدىن كېيىنكى بىزنىڭ زەبۇن ھالىتىمىز ۋە ھىندىستاندىكى بابۇرىيلار سەلتەنىتىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، ماھىيەتتە تەپەككۇر ۋە بىلىم ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان قىسمەتلەردۇر.
كېيىنكى قىسمەتلەرنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر پۈتۈن تارىخنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشىغان ئىقلىم ۋە تارىخىي ۋەزىيەتكە ماس ھالدا مول مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەقىل – پاراسەت جەۋھەرلىرى ۋە بىلىم بايلىقلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى خەزىنىسىگە قوشقان قەدىمىي مىللەتتۇر، بىز ئۇنى تېخى قېزىپ بولالمىدۇق. نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىرا ۋە كەشپىيات ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلاردا بىلىم – مەرىپەت توغرىسىدىكى ئىدېئال ھەم رېئال چۈشەنچىلەرنى، دىداكتىك سۆزلەرنى شەكىللەندۈرگەن، ھەتتا بىلىم توغرىسىدا پادىشاھلار دەستۇرى شەكلىدىكى «قۇتادغۇبىلىك» كەبى يىرىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن.
كۈندىلىك ئالاقىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىمىزگە سەپسالساق، بىلىم مەسىلىسنى تۈرلۈك نوقتىدىن يۇرۇتۇپ بېرىدىغان جەۋھەرلەرنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن:
ئادەم بىلگەننى ئادەم بىلىدۇ،
ئادەم ماڭغان يولدىن ئادەم ماڭىدۇ.
بۇ تەمسىلدە بىلىمنىڭ ئانتروپولوگىيلىك خۇسۇسىيتى گەۋدىلەنگەن بۇلۇپ، ئىنسان تەپەككۇر ئورگانلىرىنىڭ بىلىش قۇۋۋىتىدە ئىرقىي، مىللىي پەرقنىڭ بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئادەمنى بىلىم يورۇتار،
ئالەمنى كۈن يورۇتار.
تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىش ئىنساننى مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئەرتىۋىلىك قىلغان. كىمكى بىلىشتىن ئىبارەت ئەقلىي قۇۋۋىتىنى كۆپ ئىشقا سالسا، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە باشقىلارغا زوق، ھىممەت بېغىشلايدۇ، ئۇ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئاقارتالايدۇ.
بىلگەننىڭ يۈزى يورۇق،
بىلمىگەننىڭ يۈزى چورۇق.
بۇ تەمسىلدە بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي پەللىدىكى ئورنى ئەكس ئەتكەن. بۇ، يۇقىرىقى تەمسىل بىلەن ئىزچىللىققا ئىگە.
بىلىمنىڭ چېكى يوق.
ئالەم ھەرىكەتتە، ئالەمدىنمۇ كەڭ روھىيەتمۇ ھەرىكەتتە. بىلگۈچى بىلەن بىلىنگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىلىم پەقەت مۇئەييەن مۇددەتتە، مۇئەييەن چەكتە تېگىشلىك قىممەتنى نامايان قىلىدۇ – دە، يېڭىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھاياتلىق ھەرىكەتتە تەپەككۇرمۇ ھەرىكەتتە.
تەپەككۇرمۇ ھەرىكەتتە.
پىرىڭ بىلىن ماختانما،
بىلىمىڭ بىلەن ماختان
بىلىمدە نۇپۇز مەۋجۇد ئەمەس. نۇپۇز پەقەت ھەقىقەتكىلا مەنسۇپ. بۇرۇنقىلارنىڭ ئۇقۇم – چۈشەنچىلىرى، تەپەككۇر ئەندىزىلىرى كېيىنكىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى چۈشەپ قويماسلىقى كېرەك. ھازىرقى زامان پەن جەئىيەتشۇناسلىقى ئالىملارنىڭ تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئىلىم – پەندىكى نۇپۇزىنى بويۇنتۇرۇق قىلماسلىقنى تەكىتلىمەكتە.
ئەقىل – بىلىم بۇلىقى،
بىلىم – ھۈنەر چىرىقى.
ئەقىل ئىنساندىكى تۇغما ئىمتىياز، بىلىم ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بىلىمدىن ھۈنەر، تېخنىكا ۋە سانائەت بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭا پەن باشقا، تېخنىكا باشقا، تېخنىكا بولسا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆزىتىشتىن كەلگەن بىلىملەر ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان ۋاستىلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. يۇقىرىقى تەمسىلدە بىلىم، پەن، تېخنىكىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەكس ئەتكەن.
ئالىم بىلەن ئەل ئاقىل،
جاھىل بىلەن ئەل خار.
ناۋادا بىر جەمئىيەتكە ئىلىم ئەھلى ئىلمىي نۇقتىدىن باشقۇرۇش ئېلىپ بارسا، جەئىيەتتە ئىلمىي، مۇقۇم كەيپىيات ئۇمۇملىشىدۇ، باشقۇرۇش ۋە ئىش بېجىرىش ئىستىللىرىدا ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى باراۋەر ھالدا ئەكس ئېتىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت بىلىملىك ئادەملەر بىلەن تولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئەشەددىي ھوقۇقچىلىق، سەپسەتە ئۇيۇنلىرى مودا بولىدۇ.
ئالىم بولماق ئاسان،
ئادەم بولماق تەس.
بۇ تەمسىلدە ئىلىم ئەھلىدە بۇلۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت كۆزدە تۇتۇلغان. ئادىمىيلىككە ياتىدىغان گۈزەل خۇلق، ئىنسان مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن غايىلەردىن مۇستەسنا ئالىم يىرتقۇچ ھايۋاندىنمۇ ۋەھشىي بۇلۇپ، ئۇ باشقىلارغا ئاپەت ئەكېلىدىغان تەۋسىيىلەرنى بېرىدۇ. يەنە بىرى، بىلىمگە ئۆزىنىڭ نورمال ئىنسانىيلىقىنى تېگىشىپ، بىنورمال پىسخىكا ئىگىسى بوپقالىدىغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇد.
دېمەك، ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدە بىلىمنىڭ ئىنسانىي، رېئالنىي، ئىجتىمائىي ئاساسلىرى، بىلىم ئەھلىنىڭ مەسئۇلىيتى قاتارلىق پەلسەپىۋى مەسىلىلەر ئىخچام ئىپادىلەنگەن.
بىلىم تۇغرىسىدىكى ئۈگۈتلەر ۋە پەلسەپىۋى قاراشلار ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەردە ئىزچىل تۈردە مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ كەلدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئىككى نامايەندە – «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ( «ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى»)تا بىلىم ھەققىدىكى قاراشلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.
ئىسلامدا ئاللا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبىئى، شۇنىڭدەك بارلىق بىلىملەرنىڭ مەنبىئى. شەيئىلەر ۋە شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر ئاللانىڭ ئىرادىسىنى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا بىلىشنىڭ ئوبيېكتى بولغان نەرسە دەل ئاللا بىلەن كائىناتنىڭ سەۋەب – نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىدىكى مەلۇم بىر ئامىل بۇلۇپ، بۇ ئامىلنى چوڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىچىگە قويۇپ بىلىش لازىم بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بېشىدىلا ئاللا(تەڭرى)نى ياد ئېتىدۇ:
4ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن،
ئۇ بىرلا دېدى:« بول»، بار ئولدى پۈتۈن.
8ئەي بىر سەن، بىرىكمەس ساڭا باشقا بىر،
بۇرۇن سەن جىمىدىن، جىمىدىن ئاخىر.
19ئورۇن ئول ياراتتى، ئۇرۇن يوق ئاڭا،
ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا.
20ئەي سىرغا يېقىن، ئەي كۆڭۈلگە ئەزىز،
گۇۋاھدۇر ساڭا بارچە سۈرەت ۋە ئىز.
21ياراتتىڭ تۈمەنمىڭ تىرىك، ساناقسىز،
قۇرۇقلۇق، چۇقۇر، تاغ، دالا، دۆڭ، دېڭىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ:« قۇتادغۇبىلىك» (ئۇيغۇرچە)، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 – يىل نەشرى.
بىلىم نوقۇل ھالدا تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ يەنە بىلىمنىڭ ئەخلاقىي قىممىتى ئېستېتىك قىممىتى ھەققىدىكى بىلىشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەبەدىيلىك ۋە چەكسىزلىك بىلىمنىڭ ھايات بوشلۇقى بولۇپ، ئەنە شۇ ئەبەدىيلىك بىلەن چەكسىزلىك بىلىمنىڭ ئىلاھىي تەركىبلىرىنى ئىشارەتلەيدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەقىل بىلەن بىلىمنى بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى كاتېگورىيە سۈپىتىدە تەكىتلەيدۇ. مىسالەن:
301ئەقىل كىمدە بولسا، بولۇر ئۇ ئېسىل،
بىلىم كىمدە بولسا بۇلۇر خان شۇ، بىل.
310بىلىم كىمىيادەك يىغار نەرسىنى،
ئەقىلدۇر سارايى، يىغار ھەممىنى.
ئىسلامدا ئەقىل ئاللانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئىنايىتى دېيىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ تۇغما پەزىلىتى سۈپىتىدە سۆز – ھەرىكەتنىڭ بىرلىكىدە نامايان بولىدۇ. ئىنسان ئۇنى سەرمايە قىلىپ تۇرۇپ بىلىمگە ئېرىشىدۇ. بىلىم بولسا ئەقىلنى توغرا مەقسەت ۋە توغرا ئۇسۇل بىلەن ئىشقا سېلىشتىن كېلىدۇ.
156بىلىم مەنىسىدىن بىل، بىلىم نېمە دەر،
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر.
157بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر،
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر.
ئادەم مەنىۋىيەت بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئادەمنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ئۇنىڭ مەنىۋىيتىنىڭ تاكامۇللىقى بىلەن باغلىنىدۇ. بىلىم ئۆز نۆۋىتىدە ئەقىلنىڭ ئىشلىتىلىش نورمىسىنى ياندىن كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئىنسان مەنىۋىيتىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەزىرىدىكى بىلىم ئادالەت، بەخىت – سائادەت، ئەقىل – پاراسەت ۋە قانائەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن بىلىم بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ بىلىم ئۈچۈنلا بىلىم ئەمەس. ئايتولدى بىلەن ئودغۇرمىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىدە بىلىمنىڭ رېئال دۇنيادىكى رولى بىلەن زاھىدلىق پەلسەپىسى ئۇتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ مۇنازىرىنى بىر ھېسابتا ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدا كۆرۈلگەن رېئال ئىجتىمائىي ھالەتنىڭ بىر تىمسالى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن زاھىدلىقنىڭ كۈرىشىدە گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىككى تەرەپنى مۇرەسسەچىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، كېيىنكى تارىخمىزدا زاھىدلىق باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
ئىدېئولوگىيە تارىخىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن بىلىمنىڭ قىممىتىنى دانە – دانە گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن نەسىھەت قىلغۇچى كىشى ئەھمەد يۈكىنەكىيدۇر.
41سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن،
ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا.
سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،
بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ.
42بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.
بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ،
بىلىملىك ئايال گويا ئەر، نادان ئەر گويا ئايالدۇر.
44ئادەم بىلىمى بىلەن تۇنۇلىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.
ئەدىب ئەھمەد بىننىي مەھمۇد يۈكنەكى: « ئەتەبەتۇل ھەقايىق» (ئۇيغۇرچە)، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىل نەشرى.

داۋامى بار
مەنبە: ئاپتۇرنىڭ يېزىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم» ناملىق كىتابىدىن پارچە

يازغۇچىسى: ئاندۇقادىر جالالىدىن

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، مىللىي كىملىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838