ئۇيغۇرلاردا مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇنى تەقسىملەش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئۇيغۇرلاردا مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇنى تەقسىملەش ئادىتى ، ئابدۇقەييۇم مىجىت«مىراس-ئۆلگەنلەردىن قالغان مال ـ مۈلۈك » ياكى « ئۆلگەنلەردىن كېيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپىي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە » ① بولۇپ، مىراسقا ئىگە بولۇش « مۈلۈك ۋارىسلىقى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىراس قالدۇرۇش ۋە مۈلۈك ۋارىسلىقى ئىنسانلاردا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ناتۇرال ( ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ) ئىگلىك شەكلىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئېشىنچا مەھسۇلاتلارغا ئىگە بولغان. ئائىلە شەكىللىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئىپتىدائىي ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك شەكلىدىن تەدرىجىي ھالدا پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش يۈزىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك شەكلىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىچىدە بىرەر كىشى ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئۇنىڭ بىرەر پەرزەنتى ياكى بىرەر يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش زۆرۈرىيتى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈچى قالدۇرغان مال ـ مۈلۈكلەرنى باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنى قانداق تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەل ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن مۇئەييەن ئورتاق تونۇش، چۈشەنچىلەر ، قائىدە ـ يۇسۇن ۋە ئادەت ـ ئۇدۇملار شەكىللىنىشكە باشلىغان. « ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولغان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدە: « ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنغان. ئۆلگەندىن كېيىنكى مىراس ئۇرۇق ئىچىدە قالغان. ئۇنىڭغا شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلغان. » ئىنسانلار ھەر خىل شەكىلدىكى ۋارىسلىق تۈزۈملىرىنى بېشىدىن كەچۈردى . ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە ئەنئەنىسىدىكى مەنپەئەت چۈشەنچىسى ۋە قىممە ئېڭى ( تۇيغۇسى ) ئوخشاش بولمىغاچقا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مىراس تەقسىملەشتە مىراسقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر بىر شەخىسنىڭ مەنپەئەتىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغان ئاساستا مۇۋاپىق تەقسىملەش ئۈچۈن بارا ـ بارا مۇناسىپ قائىدە ـ تۈزۈملەر شەكىللەنگەن. مىراس مەسىلىسى ھەممە كىشىنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ پايدا ـ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش بولغاچقا ناھايىتى تىزلا جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇيغۇرلاردىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكىگە ۋە ئۇلار ھايات ۋاقتىدا شۇغۇللانغان ھۈنەر ـ كەسىپلىرىگە مىراس سۈپىتىدە قاراپ ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقى ئادەت ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز يېزىق ئىشلىتىشكە باشلىغان مەزگىللەردىن تارتىپ ئۆزىنىڭ يازما خاتىرلىرىدە مىراس ھەققىدە بەزى بايانلارنى قالدۇرۇشقان ۋە يېزىقتىن پايدىلىنىپ ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان مىراسنى ئۆزىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ قانداق تەقسىملىشى زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بەزى تەۋسىيە ۋە ۋەسىيەتنامىلەرنى قالدۇرۇشقان. ئۇيغۇرلار سۈنئىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن مۈلۈك ۋارىسلىقى مەسىلىلىرىنى ئادەت قانۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىپ كەلگەن. بىر خۇدالىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن بولسا، ئۆزىنىڭ مىراس ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە ئادەت ـ ئۇدۇملىرىنى شۇ دىنىنىڭ مۈلۈك ۋارىسلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىملىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتقان. قۇللۇق ۋە فېئۇداللىق جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىن قالغان بىر قىسىم مۈلۈك ۋارىسلىقى تۈزۈملىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن بىكار قىلغان. مەسىلەن، « ‹ شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى تۈركلەر تەزكىرىسى › دە ئېيتىلىشىچە، تۈرك ئائىلىلىرىدە ئاتا، تاغا، ئاكا بولغانلار ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئوغۇل، جىيەن، ئىنى بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەي ئانىسى، يەڭگىسى، ھاممىسىنى نىكاھىغا ئېلىش ئادىتى بولغان . » ② ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ، « قۇرئان كەرىم » دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ خىل « ۋارىسلىق نىكاھ » تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن تارتىپ تاكى ئېلىمىزدە يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغىچە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئېلىمىزدە 1985 ـ يىلى « ۋارىسلىق قانۇنى » چىقىرىلىپ يولغا قويۇلغىچە بولغان ئارلىقتا خەلقىمىز مىراس تەقسىملەش ۋە مۈلۈك ۋارىسلىقى مەسىلىلىرىدە يەنىلا ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە ـ پرىنسىپلىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى. ۋەھالەنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقىمىزنىڭ مىراس ئىشلىرىغا ئائىت ئادەتلىرى، بۇ ھەقتىكى دىنىي ئەھكاملار ۋە ئېلىمىزنىڭ « مۈلۈك ۋارىسلىقى قانۇنى » ئوتتۇرسىدا ئۆز ـ ئارا تەسىر قىلىش، ئۆتۈشۈش، بىر ـ بىرىگە ئۇيغۇنلىشىش، بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش ۋە بىر ـ بىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر جەمئىيتىدە مۈلۈك ۋارىسلىقى مەسىلىلىرى يەنى مىراسقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كۈنسىرى گەۋدىلەنمەكتە. شۇڭا خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھەر خىل ئىگىلىك شەكلى ۋە ھەر خىل دىنىي ـ ئېتىقادلارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەندۈرگەن مىراس ھەققىدىكى ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىسى، ئادەت ـ ئۇدۇملىرى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى فولكلور ۋە مەدەنىيەت ئىلمى نوقتىسىدىن چىقىپ تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ ئەھمىيتى بار. مىراسلارنى شەكلىگە قاراپ ماددىي مىراس ۋە غەيرىي ماددىي مىراس دەپ ئىككىگە ئۆيىرىش مۇمكىن. بىز بۇ ماقالىدە پەقەت ماددىي مىراس ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدىلا توختىلىمىز.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۈلۈك ۋارىسلىقى مەسىلىسىگە ناھايىتى بۇرۇنلا دىققەت قىلغانلىقىنى قەدىمكى ۋەسىقىلەر ۋە يازما يادىكارلىقلارغا قاراپ جەزىملەشتۈرەلەيمىز. تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىيەتنامە ۋە مىراس بۆلۈشۈش ھەققدىكى ۋەسىقىلەردىن قارىغاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋردىن باشلاپلا ئۇيغۇرلاردا مۇكەممەل بولغان مۈلۈك ۋارىسلىقى تۈزۈمى ۋە كىشىلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆز مال ـ مۈلكىنى قانداق تەقسىملەش ھەققىدە ۋەسىيەتنامىلەرنى قالدۇرۇش ئادىتى بولغانلقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق ئەسىرىدىنمۇ مىراس ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇچرىتىمىز . « دىۋان » دا : « خۇمارۇ ــ مىراس . بۇنى ئاتامدىن خۇمارۇ بۇلدىم . ــ بۇنى ئاتامدىن مىراس قىلىپ ئالدىم . »③ دېيىلگەن. « دىۋان » دا يەنە « خۇمارۇ » سۆزىنىڭ يەنە بىر خىل مەنىسى چۈشەندۈرۈلۈپ مۇنداق دېيلىدۇ : « خۇمارۇ ــ يادىكار. ئەستلىك ئۈچۈن بېرىلگەن مال ياكى نەرسە. چوڭلاردىن بىرى ئۆلگەندە ، تۈركلەرنىڭ ئادىتى بۇيىچە، ئۇنىڭ مېلىدىن ئەڭ ئېسىل بولغان بىرەر نەرسە خاقانغا تەقدىم قىلنىدۇ. شۇ نەرسە ‹ خۇمارۇ › دېيلىدۇ . » ④ بۇنىڭدىن قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا بىرەر كىشى ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قېلىپ قالغان مىراسىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئۆز خاقانىغا تەقدىم قىلىدىغان مىراس بېرىش ئادىتى بولغانلىقى بىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا « قۇتاغۇ بىلىك » تىمۇ « ‹ قۇمارۇ › سۆزى ‹ مىراس، ۋەسىيەت، تەۋەرۈك، يادىكار › مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن .» ⑤ بۇ ئىككى كىتابتىكى « مىراس » مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنىڭ بىر ھەرپىلا ئوخشىمايدۇ . « دىۋان » دا: « خۇمارۇ » دېيلسە، « قۇتاغۇبىلىك » تە « قۇمارۇ » دېيلىدۇ. ئىشقىلىپ ئاتالغۇنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ مەزگىللەردە مىراس قالدۇرۇش ۋە مۈلۈك ۋارىسلىقىنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللىگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئۆلگۈچىنىڭ قىرق نەزىرسىنى بېرىپ بولغۇچە بالىلارنىڭ مىراس بۆلۈشىشى باشقىلار تەرپىدىن قاتتىق ئەيىپلىنىدىغان ئىش، دەپ قارىلىدۇ. قانۇندا ‹ ئۆلگۈچىنىڭ مال ـ مۈلكى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىنلا تەقسىملەنسە بولىدۇ › دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىدا بۇنداق قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئەگەر بالىلار ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ قىرىق نەزىرسى بېرىلىپ بولغىچە مىراس بۆلۈشۈشكە چۈشۈپ كەتسە جامائەت تەرپىدىن « ئارانلار تۇرۇپتىكەن. ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشى يەرگە تېگىپ بولغىچە تالاشقا چۈشتى. » دەپ ئەيىپلىنىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھەتتا بالىلار ‹ ئاتا ـ ئانىمىزنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيمىز › دەپ شۇ ئۆيدە ئوغۇلنىڭ كىچىكىنى ئولتۇرغۇزىدۇ. بەزى بالىلار ئاتا ـ ئانىسىدىن قالغان مىراسنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ كىچىك ئىنىسىغا بېرىدۇ.

مىراس ۋارىسلىرى ئۆزىگە تېگىدىغان مىراسنىڭ ھالال بولىشغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . شۇڭا ئەگەر مىراس قالغان مال ـ مۈلۈككە زاكات بېرىش زۆرۈر بولسا ئاۋۋال زاكىتىنى ئۆيرىۋېتىپ ئاندىن تەقىسىملەيدۇ. يەنە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ بىرەرسىگە بېرىدىغان قەرىزى بولسا مىراسىنى تەقسىملەشتىن بۇرۇن مال ـ مۈلۈكتىن پۇل قىلىپ قەرىزنى بېرىۋېتىدۇ . ئۆلگۈچىنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇلىدىغاندا مېيىت نامىزىنى ئوقۇيدىغان ئىمام جامائەتنىڭ ئالدىدا : ‹ مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىلىپ ـ بىلمەي بىرەرسىڭلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويغان ياكى نەرسە كېرەكلىرىڭلارنى ئېلىپ قويغان ئىشلىرى بولسا رازى بولۇڭلار! ناۋادا مەرھۇمنىڭ بىرەر قەرىزى بولسا ئۇنىڭ مىراسىدىن پۇل قىلىپ تۆلەپ بېرىلىدۇ ياكى مەرھۇمنىڭ بالىلىرى رازى قىلىدۇ ! › دەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ئەگەر قەرىزى قەرىز ھۆججىتى بولمىسا بىر تەرەپنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن قارىشى تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئاممىۋىي تونۇش ۋە ئەخلاق جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغانلقىنىڭ بىر ئىپادىسدۇر.

مىراسخورلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى بولىشى ناتايىن. ئەگەر ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ بالىلىرى ( مىراسخورلىرى ) تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا شۇ ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ بىرەر ئۇرۇق ـ تۇغقىنى، خوشنىسى ياكى خالىغان بىرەرسى بۇنداق يېتىم بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ۋە ئۇلارغا مىراس قالغان مال ـ مۈلۈككە قاراپ تۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، بالىلار ئۆزىنىڭ مىراسىغا ئىگە بۇلالىغۇدەك بولغاندا ئاندىن ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنداق يېتىم بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ۋە ئۇلارغا مىراس قالغان مال ـ مۈلۈككە قاراپ تۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان كىشى ‹ ۋەسى › دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى كىشىلەر قاتتىق كېسەل تارتىپ قېلىپ ئۆزىنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىدى ئۆزۈلگەن بولسا، ئەگەر بالىلىرى كىچىك بولسا ئۆزىنىڭ بىرەر تۇغقىنىغا بالىلىرىغا ئاتىدارچىلىق قىلىشنى ھەمدە ۋەسىيلىك مەجبۇرىيتىنى ئۆتەپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ئادەتمۇ بار.

ئۇيغۇرلاردا بالىلار ئۆز ئاتا ـ ئانىسىدىن قالغان نەرسىنىڭ قىممىتى بولۇش ـ بولماسلىقى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك ماددىي ئۆلۈشنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئاز كۆرمەي ، مىراس قالغان نەرسىنى « ئاتا ـ ئانامدىن قالغان ! » دەپ ناھايىتى قەدىرلەپ، ئۆز ئۆيىنىڭ تەۋرۈك نەرسىسى سۈپىتىدە تولىمۇ ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ ۋە ئاسراپ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا « مىراستىن مۇشتەك تەگسىمۇ ئال » دېگەن ماقال كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر ـ كەسىپ ئەخلاقىدا ئەگەر بىرەر ئائىلىدە شۇ ئۆينىڭ بېشى ( ئاتىسى ) ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرەرسى ئاتىسىنىڭ كەسپىنى بىر مىراس سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ ئۇنى ئۆزۈلدۈرۈپ قويماي، داۋاملاشتۇرۇپ ئكتىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن. بالىلار ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قالغان مال ـ دۇنياسىغىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھۈنەر ـ كەسىپلىرىگىمۇ ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە ئۇلار شۇ ھۈنەر ـ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئىشلەتكەن رىسالىلەرنى ئەتىۋارلاپ ساقلاشقا ۋە ئۆزىدىن كېيىن بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭا « ئاتا كەسپى بالىغا مىراس » دېگەن ماقالمۇ كەڭ تارقالغان. شۇنداقلا خەلقىمىزدە ئاتا كەسپنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي راۋاجلاندۇرغانلار، ياخشى ئۆگەنگەنلەر روناق تاپىدۇ، ئاتا كەسپىنى ئۆگەنمەستىن تاشلىۋەتكەنلەر ياكى بۇزغانلارنىڭ ھال ـ كۈنى ياخشى بولماي ئۆمرى خارۇ ـ زارلىقتا ئۆتىدۇ، دېگەن كۈإچلۈك ئىشەنچ بار. ئاتا ـ بوۋىلاردىن قالغان تەۋەرۈك بۇيۇملاردا باشقىچە بىر خىل خاسىيەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئاتا ـ ئانىسى ئىشلەتكەن شۇ نەرسىلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتسە ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئۆزىنى يۆلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشىنىش تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن مىراس بۇيۇملارنى ئەتىۋارلاش، ئۇنى ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئەقىدە قىلىش ئېڭى ئۇيغۇرلارنىڭ مۈلۈك ۋارىسلىقى چۈشەنچىلىرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان .

ئۇيغۇر جەمئىيتىدە مىراس ۋەسىيەت قالدۇرۇش شەكلى بىلەن ياكى ۋەسىيەت قالدۇرۇلمىغان بولسا ئەل ـ يۇرت ، قۇلۇم ـ خوشنلارنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە ئۆيرىپ قويۇشى بىلەن تەقسىملىنىدۇ. مىراس ئۆيرىيدىغاندا مەھەللە ئاقساقاللىرى شۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ بالىلرىدىن ‹ مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىپ قويغان ۋەسىيەتنامىسى ياكى بىرەرسىگە تاپىلاپ قويغان ئاغزاكى ۋەسىيتى بارمىدى ؟ » دەپ سورايدۇ . ئەگەر بولسا ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ۋەسىيتىگە ئاساسەن مىراس تەقسىملەيدۇ. ئەگەر ھېچقانداق ۋەسىيتى بولمىسا ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى بۇيىچە ئايرىپ قويىدۇ . ئەگەر مىراس لىللا، ئەدلى ـ ئادالەت بىلەن ئۆيرىلمىسا مىراسنى كۆپ ئېلىۋالغۇچى ياكى مىراسنى ناھەق ئايرىغۇچى « يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋالغان » دەپ دىن ۋە ئەخلاق تەرپىدىن قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ. ئاتا بىلەن ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرىدىغان مىراسى ئوخشاش بولمايدۇ. بىر ئۆيدە ئەر ـ ئۆيال ئورتاق ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر بالىلارغا ئورتاق تەقسىملەنسىمۇ، ئورتاق ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسىلەرنى تەقسىملەشتە ئەرلەر ( ئاتىلار ) ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئوغۇللار، ئاياللار ( ئانىلار ) ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى قىزلار ئالىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن ، ئانىلار كۆپىنچە ئۆزىنىڭ تويلۇق ئۈزۈك ، ئالتۇن زېرە … قاتارلىق نەرسىلىرىنى قىزلىرىغا مىراس قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسا، ئەرلەر ئۆزىنىڭ يېنىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن پىچاق، تۇمار … دېگەندەك نەرسىلەرنى ۋە ھۈنەر ـ كەسىپتە ئىشلىتىدىغان سايمانلىرىنى ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرىدۇ. ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بالىلىرى ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مىراسىدىن، بولۇپمۇ كىيىم ـ كېچەك دېگەندەك نەرسىلىرىدىن مەلۇم نىسبەتتە ئۆز مەھەللىسىدىكى يېتىم ـ يېسىر، ئاجىز ـ ئۇرۇق كىشىلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ ئازىيىشى، ياكى شۇ سەدىقىنىڭ ساۋابىنىڭ ئۇلارنىڭ روھىغا يېتىپ تۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ .

مىراسنى ئەمەلىي تەقسىملىگەندە « ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئوغۇل، قىز، ئۆيال ھەممىسى مۈلۈك ۋارىسلىق ( مىراسخورلۇق ) ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما ئەمەلىي تەقسىماتتا ئوغۇلغا قارىغاندا قىزغا ئىككىدىن بىر ئۆلۈش، ئايالغا تۆتتىن ياكى سەككىزدىن بىر ئۆلۈش تەقسىم قىلنىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى يوق بولغان تەقدىردە مۈلۈك قىزلار ئوتتۇرسىدا تەڭ تەقسىم قىلنىدۇ. ھېچقانداق پەرزەنتى يوق، ئەمما قانداش تۇغقان ۋە ئايالى بولغان تەقدىردە شۇلار ئوتتۇرسىدا بىر ئۆلۈشتىن تەقسىم قىلنىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ باشقا ھېچقانداق يېقىنلىرى بولماي، پەقەت ئۆگەي ئاكىسى، ئاسراندى پەرزەنتى بولسا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقى شۇنىڭغا مەنسۈپ بولىدۇ. مۇنداق پەرزەنتلەردىن بىردىن ئۇشۇق بولغان تەقدىردە ئۇلارغا تەڭ تەقسىم قىلنىدۇ. ئۆلگۈچى يەككە ـ يىگانە بولسا، ئۇنىڭ مۈلكى جامائەتنىڭ كېڭىشىشى بىلەن جامائەت خەيرى ـ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا مال ـ مۈلۈكنىڭ مەلۇم قىسمىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بىرەرىگە ياكى ئايالىغا ( ئۆگەي ۋە ئاسراندى پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) بەخشەندە قىلىپ بەرگەن ياكى شۇنداق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، مۈلۈكنىڭ شۇ قىسمى تەقسىماتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ … تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئۇغۇل، قىزلارغا مۈلۈك تەقسىماتىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە توي ئىشلىرىنىڭ خىراجىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېگىشلىك نىسبەتتىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق مۈلۈك قالدۇرۇلىدۇ . »⑥ ئاتىسى ئۆلۈپ قالغاندا، تېخى تۇغۇلمىغان قورساقتىكى بالىغىمۇ مال ـ مۈلۈك تەقسىملىگەندە مىراس بېرىلىدۇ . ئەگەر بالا ھايات تۇغۇلسا ئۇنىڭغا تېگىشلىك بولغان مىراس بېرىلىدۇ ھەمدە بىرەرسى بۇ بالا ئۈچۈن ۋەسىي بولىدۇ.

ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا يەرمۇ ئاتىدىن بالىغا مىراس قالدىغان نەرسە ھېسابلىناتتى، لېكىن بۇ ئادەت ئېلىمىزنىڭ يەر قانۇنى ۋە ۋارىسلىق قانۇنى تەرپىدىن بىكار قىلىنىدى. قەدىمكى فېئۇداللىق جەمئىيەتتە خان ـ پادىشاھ ۋە بەگ ـ ئەمەلدارلارنىڭ ئىدارە قىلغان زېمىنلىرى ۋە تەخىت ئەمەللىرىمۇ بىر خىل مىراس سۈپىتىدە قالدۇرىلاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھايات ۋاقتىدا كېيىن بالىلىرىنىڭ ئۆزىدىن قالغان مال ـ مۈلۈك ۋە ھوقۇقنى تالىشىپ جىدەل ـ ماجرا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زېمىن ۋە مال ـ مۈلۈكلىرىنى پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەرگەن. مەسىلەن ، « ئوغۇزنامە » ئىپوسىدىكى ئوغۇز خاقاننىڭ ئولۇغ تۈركنىڭ چۈشى ۋە دەۋىتىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ زېمىنلىرىنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىشى ــ فېئۇداللىق جەمئىيەتتىكى ئىپتىدائىي مۈلۈك ۋارىسلىقى ۋە مىراس تەقسىملەش ئادىتىنىڭ بىر روشەن ئىپادسىدۇر. قالدۇرۇلىدىغان مىراسنىڭ قانداق بولىشى ئىگىلىك شەكلىنىڭ قانداق بولىشىغا باغلىق. ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە ئاساسەن مال ـ چارۋىلار، يايلاق … قاتارلىقلارنى مىراس سۈپىتىدە قالدۇراتتى، لېكىن دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن بولسا ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئۇلارنىڭ مىراس قالىدىغان مال ـ مۈلۈكلىرى بولغان.

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئوغۇللار ئاتا ـ ئانىسىدىن يېتىم قالغاندىن كېيىن، ھۇرۇن، نىيتى يامان ۋە ئاچكۆز ئاكىسىنىڭ، ئەمگەكچان، ساددا، قانائەتچان كىچىك ئىنىسىغا ( كەنجى بالىنىڭ ) تىگىدىغان مىراستىن تېگىشلىك نېسىۋېسىنى بەرمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ھەمدە كەنجى ئوغۇلنىڭ بىر كۈنى خېزىرغا ئۇچراپ قىلىپ ناھايىتى زور بايلىققا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلەر كۆپىنچە چۆچەكلەرنىڭ ئاساسىي سىيۇژىتى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۈلۈك ۋارىسلىقى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەكىس ئېتىشى بولۇپ، بۇ چۆچەكلەردە كىشىلەرنىڭ مىراس تەقسىملەشتە ئادىل بولۇش، نەپسىنىڭ كەينىگە كېرىپ باشقىلارنىڭ نېسىۋىسىنى يەۋالماسلىققا ئۈندەلگەن .

ماددىي مراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، غەيرى ماددىي مىراسلارنىمۇ ئەقلىي يۇسۇندا قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، كېينكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش زۆرۈر. مىراس مەسىلىسى ھەق ـ تەلەپ، ۋاراىسلىق، گۇۋاھلىق، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى، ئۆرپ ـ ئادەت ، ئەخلاق، دىنىي ـ ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ مەسىلە بولغاچقا، بۇنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش زۆرۈر.

__________________________________
ئىزاھاتلار:

① « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى » ( قىسقارتىلمىسى )، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1994- يىل، 9- ئاي نەشرى ، 1080- بەت .
② دىلمۇرات مەھمۇت:« قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ ۋارىسلىق نىكاھ › ئادىتى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » ، 2005 ـ يىل 2 ـ سان ، 85 ـ بەت .
③،④ مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981- يىل 8- ئاي 1-نەشرى ، 1-توم 581 ـ بەت .
⑤ يۈسۈپ خاس ھاجىپ: « قۇتادغۇ بىلىك »، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984 ـ يىل 1 ـ نەشرى، 190، 6322 ، 6324 ـ بېيىتلار.
⑥ ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا: « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 ـ يىل 4 ـ ئاي 2- نەشرى، 233-، 234 ـ بەتلەر .

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

① مۇھەممەد فۇئاد ئابدۇلباقى [ مىسىر ]: « ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە-مارجانلار » ( ئۇيغۇرچە )، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2003-يىل 12- ئاي نەشرى .
② جۇ شىنچى، لى ۋەن تۈگەن ( راخمان نىياز، ئايشەم نىياز، رەيھان راخمانلار تەرجىمە قىلغان ) : « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ يېشىمى » ( ئۇيغۇرچە )، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى ، 2002 ـ يىل 10 ـ ئاي 1- نەشرى.

بۇ ماقالە «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2007 ـ يىللىق 1ـ سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە « 16 قېتىملىق خانتەڭرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 98 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838