ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بېرىش ئادىتى

ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بېرىش ئادىتى

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئادەم بىلەن ئادەم ۋە شەخىس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە خاس ئەخلاق نۇرمىلىرىنى ۋە قاىىدە – يۇسۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن سوۋغات بىرىش ئادىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. « سوۋغات ــ باشقىلارغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش، كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن بېرىلىدىغان نەرسە » ① بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئۆمۈر مۇراسىملىرى ۋە ئادەمىگەرچىلىك ئىشلىرىدا سوۋغات ئېلىش ۋە قايتۇرۇش ئادەتلىرىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا « ھەدىيە، تارتۇق، ئىنئام، يادىكار، تەقدىم، سۈيۈنچە » قاتارلىق سۆزلەر « سوۋغات » سۆزى بىلەن مەنا جەھەتتىن ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئەجدادلىرىمىز بىر ـ بىرىگە بولغان ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە ئىھتىرامىنى سوۋغاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. سوۋغا بېرىش ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغان بولغاچقا قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە بەزى بايانلار بار. مەسىلەن ، « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىمۇ سوۋغا بىرىش ئادىتى ھەققىدىكى بايانلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، شۇنداقلا بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇرلاردىكى سوۋغا بېرىش ئادىتىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا شەكىللەنگەنلىلكىنى بىلەلەيمىز. « دىۋان » دىكى سوۋغا بېرىش ئادىتى ھەققىدىكى بايانلار بەزى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش ئېھتىياجى بىلەن مىسال كەلتۈرۈلگەن بولسمۇ، بىزنى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ سوۋغا بېرىش ۋە قايتۇرۇش ئادەتلىرى، چۈشەنچىلىرى ۋە قائىدە ـ يۇسۇنلىرى ھەققىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن ، « دىۋان » دا: « بەلەك-بولەك، سوۋغات، تارتۇق . »② دېيىلگەن بولۇپ، بىز ئەجدادلىرىمىزدا بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم سوۋغات بېرىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلالايمىز . يەنە « دىۋان » دا مۇنداق شېىئرىي پارچىمۇ بار:

« مۇز دانچىسىنى ئۈنچە ھېسابلىماڭ،
سوۋغاتنى مانچا دەپ سەزمەڭ.
ئىرىشمىگەن نەرسىگە سۆيۈنمەڭ ،
بىلىملىك كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمايدۇ .

سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ئۇششاق مۇز دانچىلىرىنى ئۈنچە ـ مەرۋايىت دەپ يۈرمە، سوۋغات قىلىنغان يىمەكنى ئىش ھەققىى دەپ سانىما؛ تاپالمىغان نەرسىگە سۆيۈنۈپ يۈرمە، مۇنداق قىلىشنى دانىشمەنلەر ياقتۇرمايدۇ.»③ بۇ پارچىدا باشقىلار سوۋغا قىلغان نەرسىنى ئىش ھەققى دەپ ئويلاپ قىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى، باشقىلارنىڭ سوۋغىسىنى لايىقىدا قۇبۇل قىلىش ۋە ياخشى مۇىامىلىدە بولۇشنىڭ زۈرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇرلار يەنە بىرەر ۋەقە ياكى شەخىسنى ئەسلىتىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن باشقىلارغا خاتىرە بولسۇن ئۈچۈن بەزى نەرسىلەرنى يادىكار قىلىدۇ. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل سوۋغات بولۇپ، كۆپىنچە يېقىن كىشىلەر ئارىسدا بىرىلىدۇ. « دىۋان » دا : « خۇمارۇ ــ يادىكار، ئەستىلىك ئۈچۈن بېرىلگەن مال ياكى نەرسە. چوڭلاردىن بىرى ئۆلگەندە، تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئۇنىڭ مېلىدىن ئەڭ ئېسىل بولغان بىرەر نەرسە خاقانغا تەقدىم قىلىنىدۇ. شۇ نەرسە « خۇمارۇ» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەر ۋە ئاياللارغا ئىسىم بولۇپمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن كىشى قېرىنداش ۋە تۇغقانلىرىغا يادىكارلىققا قالدۇرغان نەرسىمۇ « خۇمارۇ» دېيىلىدۇ. » ④ دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا بىرەر كىشى ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قىلىپ قالغان مىراسىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئۆز خاقانىغا تەقدىم قىلىدىغان ۋە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلار ئۆزىنىڭ يىقىن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا يادىكار سۈپىتىدە بىر نەرسە قالدۇرىدىغان ئادەت بولغانلىقى مەلۇم. سەپەرگە ماڭغۇچى ياكى بىرەرسىنى سەپەرگە ئۇزاتقۇچى ئۆزىنىڭ يىقىن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا يادىكار، ئەستلىك سۈپىتىدە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلىدىغان ئادەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋغا بىرىش ئادىتىدە كەڭ ئۇچرايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئېلىگە ئەلچىلىككە كەلگەنلەرگىمۇ سوۋغا بىرىدىغان ئادەت بار بولۇپ، « دىۋان » دا: « بوشۇغ – رۇخسەت. خان تەرپىدىن ئەلچىنىڭ قايتىپ كىتىشىگە بىرىلگەن رۇخسەت ( قەغىزى ). ئەلچىگە بىرىلگەن سوۋغىغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ … شۇنىڭدەك ئۆز قىرىنداشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن يىراقتىن كەلگەن ئادەم قايتىپ كېتىدىغان چاغدا ھەممە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى زىياپەتكە چاقىرىدۇ، ئاندىن بىر مۇنچە سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ كىتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ، ئەنە شۇ زىياپەتمۇ ‹ بوشۇغ ئاشى › – ‹ رۇخسەت ئېشى › دېيلىدۇ. » ⑤ دېيىلگەن بولۇپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئادەتتىكى كىشىلەر ئوتتۇرسىدا بېرىلىدىغان سوۋغاتلار « بەلەك » سۆزى بىلەن، ئەلچىلىككە كەلگەنلەرگە بېرلىدىغان سوۋغاتلارنىڭ « بوشۇغ » دېگەن سۆز بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. تۈركىي تىللاردا ‹ سوۋغات › سۆزىنىڭ باشقا ۋاريانتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئالىم « دىۋان » دا يەنە: « ئارماغان – سەپەردىن قايتقان كىشىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىسى. ئوغۇزچە. بۇ سۆزنى باشقىلار ‹ يارماقان › دەيدۇ. بۇ ‹ ئامۇچ – سوۋغا › دېمەكتۇر . »⑥ دەيدۇ. باشىقىلاردىن سوۋغا ئېلىشنى بىلىپ، سوۋغا بېرىشنى بىلمەسلىك ئادەمىگەرچىلىك ئەخلاقىغا يات ئىش. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا « بەرگەن خۇداغا يېقىن، بەرمىگەن گۇناغا » دېگەن ماقال كەڭ ئومۇملاشقان. « دۋان » دا يەنە: « ئەزگۈ » سۆزى چۈشەندۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: « ئەزگۈ -ياخشى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:

خۇلۇم- خوشنا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا
ھۆرمەت قىلغىن ،
سوۋغات ئالساڭ ( جاۋابەن ) ،
ۋاقتىدا قىممەتلىك مال تەييارلىغىن .

ئۇرۇق – تۇغقان، خۇلۇم – خوشنىلارغا ياخشىلىق قىل، ئۇلارنى ھۆرمەتلە؛ ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ، تېخىمۇ قىممەتلىك سوۋغا تەييارلا. » ⑦« دىۋان » دىكى سوۋغا ئېلىش ۋە قايتۇرۇش ھەققىدىكى بايانلاردىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدا قانداق سوۋغات بېرىش ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئادەتلەرنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە قانداق ئۆزگەرگەنلىكى، قانداق شەكىللەرگە لايىقلاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ سوۋغا بېرىش ئادەتلىرىدىكى ئېسىل، ياخشى تەرەپلەرنى ھېس قىلىپ ۋە قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئىلمىي ۋە ئەقلىي يۇسۇندا ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بىز ئۈچۈن ناھايىتى زۈرۈر .

سوۋغا بېرىش ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرغىلى ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. سوۋغا بېرىش ئادىتى ھەممە مىللەتتە بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دىنىي ـ ئىتىقادى، مەدەنىيەت ئەنىەنىسى، قىممەت قارىشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيسى، ئادەت ـ ئۇدۇملىرى ۋە ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بېرىدىغان سوۋغاتلىرى ۋە سوۋغا بېرىش ئادەتلىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر ۋە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇد. ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بېرىش ئادىتىنىڭ سەۋەبلىرى، بېرىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى ۋە سىموۋۇللۇق مەنىلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن بىز بۇ ھەقتە ئايرىم ـ ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز:

⑴ خوش خەۋەر يەتكۈزگۈچىگە سوۋغا بېرىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا مەلۇم بىر خوشخەۋەرنى يەتكۈزگۈچىگە ئازدۇر ـ كۆپتۇر سوۋغىلارنى بېرىش ئارقىلىق شۇ خوش خەۋەردىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەش ئادىتى بار. مەسىلەن، ئايال كىشى قورساق كۆتۈرۈپ تۇغىتى يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بىلەن يولدىشىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ‹ بىزنىڭ ئۆيدە يەڭگىسۇن ! › دەپ تالىشىدۇ. قايسى ئۆيدە تۇرۇش بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ يەڭگىگەندە ئۆزىنىڭ قۇدىسىغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىرەرسىنى ئەۋەتىدۇ. قۇدىلار كېلىنىنىڭ ( ياكى قىزىنىڭ ) يەڭگىگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلاپ « مۇبارەك بولسۇن! » دەپ قۇتلۇقلىغاندىن كېيىن، شۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزگۈچىدىن سۆيۈنۈپ ھەمدە ساق ـ سالامەت يەڭگىگەنلىكىنى تەبرىكلەپ خەۋەر يەتكۈزگۈچىگە پۇل، قەنت ـ كىزەك، ناۋات … قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. بۇ ئادەت خوتەننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھېلىھەم ساقلانغان .

⑵ توغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن سوۋغا بېرىش ئادىتى

يېقىنقى يىللاردىن بىرى غەرب ۋە ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ، بولۇپمۇ خرىستىيان مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئادىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، تۇغۇلغان كۈندە سوۋغا بېرىش ئادىتىمۇ ناھايىتى ئەۋج ئالدى. تۇغۇلغان كۈندە شۇ كىشىنىڭ دوستلىرى ۋە تۇنۇش بىلىشلىرى ھەر خىل خاتىرە بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىغان، ئالاھىدە سوۋغاتلارنى بېرىپ ياكى ئەۋەتىپ ئۇنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئېسىدىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە خۇشال قىلىشقا تىرىشىدىغان ئادەت ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشتى. لېكىن يېزىلاردا بۇ ئادەت ئانچە ئومۇملاشقىنى يوق.

⑶ ھەر خىل مۇراسىملاردا سوۋغا بېرىش ئادىتى

ھەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى ۋە ئادەت شەكلى بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسان ئۆمرىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ خۇشاللىق ئىشلارنى بىر خىل رەسمىي شەكىل بىلەن خاتىرلەش ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەنىۋىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۆمۈر مۇراسىمى ھەممە كىشنىڭ ھاياتىدا چۇقۇم بولىدىغان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئۆمۈر مۇراسىملىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن كىشىلەر شۇ مۇراسىم ئىگىسىگە مەلۇم سوۋغىلارنى بېرىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەش، تەبرىكلەش ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئادەتكە ئايلانغان .

بۆشۈك تويىدا بېرىلىدىغان سوۋغاتلارمۇ خۇددى نىكاھ توي مۇراسىمىدىكى سوۋغات بېرىش ئادتىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈننەت تويدا سوۋغات بېرىش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇرۇن يېزىلاردا خەتنە قىلىنىدىغان بالا ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەھەللە ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلرىنىڭ ئۆيلرىنى ئارىلاپ ماڭىدىغان، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بالا ئۈچۈن تەييارلىغان تون ياكى بىرەر قۇر كىيىملىك رەخت قاتارلىق سوۋغاتلىرىنى بېرىدىغان ھەمدە بالىنىڭ دوستلىرىغىمۇ بىر تالدىن قولياغلىق سوۋغا قىلىدىغان ئادەتلەر بار ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇ ئادەت تەدرىجىي يوقاپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە خەتنە قىلىنغان بالىلارغا تۇخۇم، پۇل … دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. ئەگەر يېقىن تۇغقىنى بولسا قىممەترەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدۇ ھەمدە خەتنە قىلىنغان ئوغۇلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ تەڭتۈشلىرى بىلەن قاتارغا قوشۇلۇپ قىيغىتىپ ئوينىشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردا نىكاھ تويىدا سوۋغا بېرىش ئادىتى ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇلاردا ئۆيلەنمەكچى بولغان ئوغۇل قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا مەلۇم نىسبەتتە قىز مىلى بېرىش ئارقىلىق ئۇ قىزنى ئەدەپ ـ قائىدە ۋە ھۆرمەت بىلەن ئۆز ئەمرىگە ئالىدىغان ئادەت ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن كېيىن، « قۇرئان كەرىم » دىكى :« ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. »⑧دېگەن ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنى بىر خىل سودا شەكلىدىكى نىكاھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا بېرىلىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا سۈپىتىدە بېرىش ئارقىلىق ئەمرىگە ئېلىش ھەققىدىكى ئەھكاملار ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقى دىنىي ئەخلاق بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ ئىزچىللاشتى ۋە كەڭ ئومۇملاشتى. بىز « دىۋان » دىكى مۇنۇ باياندىن بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ شۇ دەۋىرلەردىمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. « دىۋان » دا: « يۇفۇش ـــــ يېقىن كىشىلەرگە مال ۋە كىيىم ــ كېچەك بىلەن ياردەم بىرىش. بۇ ئىش كۆپىنچە كېلىن يۆتكەلگەندە بولىدۇ. يەنى كېلىننى جابدۇپ ئۇزىتىدىغان چاغدا ئۇنىڭ يېقىنلىرى كېلىننىڭ ھۆرمىتى يۈزىسىدىن ئۆزلىرىگە چۈشكەن سوۋغىلارنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تارتۇقلانغان كېلىن يۇۋاش كۈيەۋ تاپار. ئۆز يېقىنلىرىنىڭ بەرگەن سوۋغىلىرى بىلەن ئىززەتلەنگەن كېلىن خۇشخۇي ۋە ئېغىر ــ بېسىق كۇيەۋگە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مالدار كېلىننى تاپقانلىقتىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ . »⑨

« توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنداق توي سوۋغىتى ئاياللار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. توي سوۋغىتى بەزى جايلاردا ‹ بۇسۇت ›، ‹ شاۋكۇن ›، ‹ مەزە › دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا توي سوۋغىتى ئۈچۈن بىر ـ ئىككى مېتېر رەخت ۋە بىر تاختا چاي، ئىككى ئۈچ بولاق قەنت، چىنە ـ قاچا، ھەتتا لۈڭگە قاتارلىق نەرسىلەر ئېلىپ كىلىنەتتى. ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە توي سوۋغىسى ئۈچۈن بىرەر تىرىك قوي ياكى بىر پۈتۈن قوي گۆشى ئېلىپ كېلىدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان »⑩. بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، بەزى جايلاردا بۇسۇت ئۈچۈن نانمۇ ئەكىلىدىغان ئادەت بار بولۇپ، بىر خون ناننى بىر لىگەنگە تىزىپ ئېلىپ بېرىپ، داستىخاننى ئاچقاندا ناننىڭ ئۈستىگە پۇل قويىلاتتى. گەرچە توي ـ مەرىكە ئىگىسىنىڭ بۇ نانلارغا ھېچقانداق ئېھتىياجى بولمىسىمۇ نان ئېلىپ بېرىش بىر قائىدە ئىدى. تويلارغا ئېلىپ بېرىلغان نانلارمۇ ئەمەلىيەتتە توي ئىگىسىگە بېرىلگەن سوۋغاتتۇر. بۇ ئادەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنىلا ساقلانماقتا. لېكىن شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ سۈننەت توي ۋە نىكاھ تويلارنى رىستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىشى بىلەن تويغا نان ئېلىپ بارىدىغان ئادەتمۇ تەدرىجىي يوقۇلۇشقا باشلىدى. « ئۇيغۇرلاردا يەنە توي كۈنىنىڭ ئەتىسى قىز يىگىتنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرگەندە، ئاتا ـ ئانىسى قىزنى بىر ئالتۇن ياكى كۆمۈش ئۈزۈك بىلەن ياكى ئۇبدان بىر كىيىملىك رەخت بىلەن تەبرىكلەيدۇ ھەمدە قىزنىڭ قولدىشى ۋە يەڭگىسىگىمۇ ئۆز لايىقىدا سوۋغات بېرىدۇ. يىگىتمۇ قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا بارغاندا قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسى يىگىتكە تون ياپىدۇ ھەمدە يىگىت قولدىشى ۋە يىگىت بىلەن بىللە كەلگەنلەرگە ئۆزى ئاتىغان سوۋغاتلارنى بېرىدۇ » .⑾ قىسقىسى، نىكاھ توي مۇراسىمىدا بېرىلىدىغان سوۋغاتلار باشقا مۇراسىملاردىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. كېرىيە ناھىيسىدە قىزلار توي قىلىپ ئىككىنچى تۇغۇتىدىن بۇرۇن جۇۋان توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئادەت بار بولۇپ، جۇۋان تويى بولغۇچىنىڭ ئېرى ئايالىغا جۇۋان تويى ئۈچۈن جۇۋانچە كۆڭلەك، جۇۋانچە پەرىجە، ئىراقى، چۈمبەل، غىجىم رومال، جۇۋانچە تەلپەك قاتارلىق كىيىملەرنى ۋە چاچتەڭگە، ئەتمە چاچ، خېنە قاتارلىق زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىغان، ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىراق بولسا ئالتۇن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىغان ۋە جۇۋان تويىغا چاقىرىلغانلارمۇ سوۋغات ئېلىپ كېلىدىغان ئادەت بار. بۇ شۇ يۇرتنىڭ سوۋغات بېرىش ئادىتىدىكى ئالاھىدە ئۆزگىچىلىك بولۇپ، بۇ ئادەتتىن سوۋغا بېرىشتىكى يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ناھايىتى روشەن ئەكىس ئېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئىستىمال سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تويلۇق سوۋغاتلار ئاساسەن پۇلغا مەركەزلەشتى.

ئۇيغۇرلاردا نەزىر – چىراغ مۇناسىۋىتى بىلەن سوۋغا بىرىش ئادىتىمۇ بار بولۇپ ، بۇ بىرەر كىشى ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان ۋە ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا چاي ئىچۈرۈپ، مەلۇم سوۋغاتلار بېرش ئارقىلىق ئۇلارنى بالا ـ قازاغا سەۋر قىلىشقا ئۈندەش ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ .

⑷ ھېيت ـ ئايەم ۋە ھەر خىل بايراملاردا سوۋغا بېرىش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنىەنىۋىي دىنىي بايراملىرى بولغان قۇربان ھېيت ۋە رۇزى ھېيتلاردا چوڭلار كىچىكلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا ھەر خىل ھېيتلىقلارنى ( مەسىلەن، پۇل ياكى ھېيتلىق كىيىم ـ كېچەكلەرنى ) بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇ بېرىلگەن ھېيتلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەپ بېرىلگەن سوۋغىلار بولۇپ، بۇ ئادەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ـ ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەزى ھاللىق ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ قۇربانلىق ماللىرىنىڭ گۆشلىرىدىن ئاجىز ، پىقىر، مىسكىن قۇلۇم ـ خوشنىلىرىغا مەلۇم نىسبەتتە سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. رۇزا ھىيت بىلەن قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرى ـ ئېھساننى كۆپ قىلىشىدىغان ۋە بىر ـ بىرىگە كۆپ سوۋغات بېرىشىدىغان ياخشى ۋاقىتلار ھېسابلىنىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا، ياشلار يېڭى يىلدا ھەر خىل ئاتكرتكىلارنى سوۋغا قىلىشىپ بىر ـ بىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇنداق ئاتكرتكىلارغا كۆڭۈل ئىزھارى ئۈچۈن دوستلۇقنى قەدىرلەش، ساۋاقداشلىق ۋە مىھرى ـ مۇھەببەت مەزمۇنىدىكى بېيىت ـ قوشاقلار، تەبرىك سۆزلىرى يېزىلغان بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئادەت ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولغان نەۋرۇز كۈنى بولماستىن، كۆپىنچە مىلادىيە كالېندارىدا يېڭى يىل ھېسابلانغان بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بولىۋاتىدۇ. ئاتكرتكا سوۋغا قىلىش ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بىر ئادەت بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا خېلى ئەۋجىگە چىققان.

كىشىلەر بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى كىشىلەر يىلدىن ـ يىلغا « سەككىزىنچى مارت ئاياللار بايرىمى » غا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بايرام كۈنى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا سوۋغا بېرىشى، بولۇپمۇ گۈللەرنى سوۋغا قىلىشى بىر ئادەتكە ئايلاندى. يەنە « ئانىلار بايرىمى »، « ئاتىلار بايرىمى »، « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى » قاتارلىق بايراملاردا پەرزەنىتلەر ئاتا ـ ئانىلىرىغا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىغا ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى، ئۆزلرىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سوۋغا بېرىدىغان ئادەتلەرمۇ بار.

⑸ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن سوۋغا بېرىش ئادىتى

كىشى ھاياتىدا ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ئىشلار بولغاندا تەبىئىيكى ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقان، يېقىن ـ يۇرۇقلىرى خۇشال بولىدۇ. بۇ خۇشاللىقنى ئىپادىلەش، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەلۇم سوۋغاتلارنى بېرىش ئۇيغۇرلاردا گۈزەل ئەخلاق سانىلىدۇ .

⑹كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن سوۋغا بېرىش ئادىتى

مەھەببەتلەشمەكچى بولغان ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلار كۆپىنچە مەلۇم بىر سىموۋۇللۇق مەنىسى بار سوۋغىلارنى بېرىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ ياكى مەيلى بارلىقىدىن بىشارەت بىرىدۇ. بۇرۇن ئۇيغۇر قىزلىرى بىر جۈپ قۇش ياكى گۈلنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن قولياغلىق، ئۆزى كەشتىلىگەن دوپپا، كانىۋاي كۆڭلەك، پوتا ( بەلباغ )، تاماكا خالتىسى … قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىسە ، ئوغۇللار ياغلىق، گۈل، ئۈزۈك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ ئادەتلەنگەن. كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئەركىن مۇھەببەتلىشىشنىڭ بىر ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، قىزلار ئوغۇللارغا كەمەر، شارپا، گىلاستۇك، ئەتىر، كىتاب، پورتمال، كىيىم ـ كېچەك، چاقماق، پىچاق ۋە تېلېفۇنغا ئاسىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشىدىغان، ئوغۇللار قىزلارغا گۈل، ئەلبۇم، كىچىك مۇزىكا قۇتىلىرى، قونچاق، سائەت، زەنجىر، ئۈزۈك، ھالقا، بولاپكا قاتارلىق زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپرەك سوغا قلىدىغان بولدى .

قىز ـ ئوغۇللار بىر ـ بىرىگە سوۋغا بەرگەندە سوۋغات بۇيۇمىنى چىرايلىق ئوراپ بىرىشكە ىادەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ سوۋغات بۇيۇمى ئورالغان قاپلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆپىنچە قوش يۈرەك شەكىللىك بەلگىلەر بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر يۈرەكنى سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ كەلگەن بولغاچقا، بىر ـ بىرىگە سوۋغا قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئورىغاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك شەكىللىك گۈللەرنى چىقىرىش ياكى بەزى زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىنى ياسىغاندا يۈرەك شەكىللىك سېخىمىلارنى ئويۇش بىر ئادەتكە ئايلانغان. شۇڭا بېرىلگەن سوۋغاتنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇيغۇرلاردا بىر ـ بىرىنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ، يامانلىشىپ قالغاندا، مەلۇم سوۋغىلارنى ئېلىپ بېرىپ كۆڭۈل قويۇپ، چاي قۇيۇپ، كەچۈرۈم سوراپ يارىشىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن، بىر ئەر ئايالى بىلەن يامانلىشىپ قالغان بولسا، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن لايىقىدا سوۋغىلارنى ئېلىپ بېرىپ ئايالىنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە كۆڭلىنى ئېلىش، باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراپ بېرىلىدىغان سوۋغا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

⑺ سەپەرگە ماڭدىغانلارغا سوۋغا بىرىش ىادىتى

ئۇيغۇرلاردا بىرەرسى سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا ئۇنىڭ خۇلۇم ـ خوشنا، يېقىن ـ يۇرۇق، ئۇرۇق ـ تۇغقان ۋە دوست بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ۋە شۇ سەپەردىن ئامان ـ ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يوللۇق ( سوۋغات ) تۇتىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلماندارچىلىقتىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج قىلىش پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەج سەپىرىگە ماڭغانلارغا سوۋغا بېرىش ناھايىتى كەڭ ئۇچرايدۇ. ھەجىگە بارغانلار ھەج سەپىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۆزىگە يوللۇق تۇتقانلارغا تەسۋىي، جايناماز، زەمزەم سۈيى، خورما … قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە ئالغاچ كېلىدۇ . كىشىلەر بۇ سوغىلارنى « پالانىچى ھاجىم ھەرەمدىن ئالغاچ كەپتۇ ! » دەپ ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ .

سوۋغا بىرىشتە بېرىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرىمۇ ھەر قايسى يۇرتلاردا ئوخشاش بولماستىن، بەلكى بەزى يەرلىك پەرقلەرمۇ بولىدۇ . مەسىلەن، قاشتىشى ـــ خوتەننىڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتى بولغانلىقتىن، باشقا جايلارغا قارىغاندا خوتەندە قاشتىشى بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىش بەكرەك ئومۇملاشقان. خوتەندە قىز ـ يىگىتلەر بىر ـ بىرىگە قاشتىشى بولاپكا، قاشتىشى ئۈزۈك، قولىغا ئېسىۋالىدىغان قاشتىشى ۋە باشقا قاشتىشىدىن ياسالغان زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپرەك سوۋغا قىلىشىدۇ. خوتەندە يەنە توي سوۋغىسى ۋە ئۆي مۇبارەكلەش ئۈچۈن گىلەم ، بىرەر جۈپ كىگىز … قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىش ئادەتلىرىمۇ بار . ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلاردىكى كىشىلەر بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ سوۋغا بىرىش ئادەتلىرىدىمۇ قىسمەن پەرقلەر بولىدۇ .

ئۇيغۇرلاردا يەنە سوۋغا بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى ئادەت ۋە يۇسۇنلار شەكىللەنگەن بولۇپ، كىشىلەر بۇ ئادەتلەرنى دائىم تىلغا ئېلىپ يۈرمىسىمۇ، لېكىن سوۋغا بەرگەندە ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ. مەسىلەن، باشقىلار سوۋغا بەرگەندە، « قانچە پۇلغا ئالدىڭىز ؟ نەدىن ئالدىڭىز ؟ » دېگەندەك سۇئاللارنى سوراشقا قەتئىي بولمايدۇ. باشقىلار سوۋغا بەرگەندە ـــ سوۋغا قىلىنغان نەرسىنى ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ-« سوۋغىتىڭىزغا رەخمەت ! »، « مەن ناھايىتى ياقتۇردۇم. »، « بۇ مەن ئۈچۈن بەڭ ياخشى سوۋغات بولدى. » دېگەندەك مىننەتدارلىق سۆزلىرى بىلەن قۇبۇل قىلىش ياخشى ئەخلاق جۈملىسىدىن. چۈنكى، « رەت قىلىش ئەدەبتىن ئەمەس ».

سوۋغا بەرگەندە چۇقۇم ياخشى كۈن، ياخشى سائەت ۋە ياخشى پەيتلەرنى تاللاپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. سوۋغا بەرگۈچى چۇقۇم سوۋغاتنى ئالغۇچىنىڭ كەسپى، قىزىقىشى، ياقتۇرۇشى، يېشى ۋە جىنسىي پەرقىگە، ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سوۋغىلارنى تاللىشى ۋە سوۋغىنىڭ سىموۋۇللۇق بەلگىسى ۋە مەنىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن، باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىلغاندا گۈل رەڭگىنىڭ قانداق بولىشى ۋە سانىنىڭ جۈپ ـ تاقلىقى قاتارلىق ئىشلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يۈرىۋاتقان قىز ـ يىگىتلەر ئوتتۇرسدا سوۋغا قىلىنغان ئاق ياكى سېرىق گۈل ــ ئايرىلىشنىڭ، قىزىلگۈل ــ مېھرى ـ مۇھەببەتنىڭ سىموۋۇلى. گۈللەرنىڭ سانىمۇ مەلۇم بىر مەنىنى ئىپادە قىلىدۇ. مەسىلەن، بىر تال قىزىلگۈل _ـــ پەقەت بىر سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن، دېگەن مەنىنى، بىر جإپ قىزىلگۈل ـــ_ بىز خۇددى مۇشۇ ئىككى تال قىزىلگۈلگە ئوخشايمىز، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بەرگەن سوۋغاتنىڭ بىلدۈرۈدىغان سىموۋۇللۇق مەنىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، بولۇپمۇ كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان سوۋغاتلارغا تېخىمۇ شۇنداق. يەنە سوۋغا بەرگەندە سوۋغا ئالغۇچىنىڭ يېشىغا ماس ھالدىكى سوۋغىلارنى تاللاش زۆرۈر. مەسىلەن، كىچىك بالىلارغا ئويۇنچۇق، قونچاق، پارچە پۇل … دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىش مۇۋاپىق، لېكىن بۇنداق نەرسىلەرنى چوڭلارغا سوۋغا قىلغىلى بولمايدۇ.

قىسقىسى، سوۋغا بېرىش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىدە مۇھىم روللارنى ئوينىماقتا. بەلكىم بىزنىڭ بۇ ماقالىمىزدە خەلقىمىز ئارىسىدىكى سوۋغا بېرىش ۋە قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەت ـ ئۇدۇملار ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بەزىسى تىلغا ئېلىنماي قالغان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز، باشقىلارنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ تۇرىشىمىز ناھايىتى زۈرۈر، دەپ ئويلايمەن .

____________________

ئىزاھاتلار :

① « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 638- بەت.
②،③،④،⑤،⑥،⑦،⑨ مەھمۇد قەشقىرى: « تۈركىي تىللار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىل 8- ئاي 1-نەشرى، 1-توم ، 531- ، 547- ، 581 ـ ، 482 ـ ۋە 3 – توم 13-، 1- توم ، 189-، 154- ، 155-بەتلەر.
⑧« قۇرئان كەرىم »، سۈرە نىسا، 4 ـ ئايەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 ـ يىلى نەشرى.
⑾⑩ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا : « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 ـ يىل 4 ـ ئاي 2-نەشرى، 263- ، 264- ، 268ـ بەتلەر .

مەنبەسى: « مىراس » ژۇرنىلى 2006 ـ يىللىق 6 ـ سانىدا ئېلان قىلىنغان .

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838