ھېرمان ۋامبېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى

خەيرۇللا ئىسمەتۇللايوۋ(ئۆزبېكىستان)

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بەگيار

ھېرمان ۋامبېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى

ئىلاۋە: 2011-يىلى 17-مارت كۈنى كەچتە«شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستا نسىسى» 2-قانىلى«مەدەنىيەت بوستانى»پىروگىراممىسىدا، مەشھۇر رومان «باھادىر نامە»نىڭ ئاپتۇرى، تونۇلغان يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت كۆرسىتىلدى. سۆھبەت جەريانىدا يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ھېرمان ۋامبېرىنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھىرتارىخى»ناملىق ئەسىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.دېمەك، بىز ۋېنگىرىيىلىك يەھۇدىي سەيياھ ھېرمان ۋامبېرىنى«بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 2000- يىللىق 2-سانىدىن 2002-يىللىق1-سانىغىچە ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇ ننەھىرتارىخى»ناملىق ئەسىرى بىلەن تونىيمىز، ھەمدە ئۇنى تۈركىي خەلقلەر ۋە ئىسلام تارىخىغا ئائت 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسەر يازغان غەرپ ئالىمى دەپ بىلىمىز. ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىگى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. شۇڭا مەن ھېرمان ۋامبېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى جەريانىدىكى سەرگۈزە شتلىرى ۋە قىسمەن ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش جەريانى تونۇشتۇرۇلغان بۇ ماقالىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
راشىد ئەپەندى
ۋېنگىرىيەلىك ھېرمان ۋامبرىنىڭ دەرۋىش سىياقىدا راشىدئەپەندى، راشىد ھاجى دېگەن ئىسىملار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى بويلاپ قىلغان سەپىرىگە 125 يىل تولدى.
مانا، ئۆتكەن 125 يىلدىن بېرى ماجارىستانلىق بۇ سەيياھنىڭ نامى جاھان خەلقلىرىگە ياد بولۇپ،ئېنىسكىلوپېدىيە، قامۇسلاردىن چۈشمىدى. ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان كىتاپلىرى ھازىرمۇ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن قىزىقىپ ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئونلىغان كىتاپلار يېزىلىپ، فىلىملەر ئىشلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھېرمان ۋامبېرى كىم؟
ھېرمان ۋامبېرى 1832-يىلى 19-مارت كۈنى دوناي ئاراللىرىدىن بىرىگە جايلاشقان كىچىك ۋېنگىر شەھرى ئەتراپىدىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 12 ياشقىچە يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن ئەۋلىيا گىئورگىي گىمنازىيىسىگە كىرگەن. ئۇ 16 يېشىدىن باشلپلا ماجار (ۋېنگىر)، لاتىن تىللىرىدىن تاشقىرى، فىرانسوز، نېمىس، ئېنگىلىز ۋە سىكاندىنوۋىيە تىللىرىنى ياخشى ئۈگەنگەندىن تاشقىرى، روس ۋە باشقا سىلاۋىيان تىللىر ىدىنمۇ خەۋەردارئىدى. ئاتا-ئانىسى بالدۇرلا ۋاپات بۇلۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا جاپا- مۇشاقەتتىن قاچمايدىغان بولۇپ يىتىلگەن.
ۋامبېرىي تىل ئۈگۈنىشكە خېلى بۇرۇنلا قىزىققان بولۇپ، غەرپ ۋە شەرق تىللىرىنى ئۈگۈنىش ئۇنىڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى، ئۇنىڭ يەنەبىر ئارزۇسى بارئىدى، ئۇ بولسىمۇ ۋېنگىر تىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ شەرق تىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىدى.
شۇ مەزگىللەردە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرقىسىم ئالىملار ۋېنگىر(ماجار) لارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياكى باشقىرت تۈزلەڭلىكىدىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈ شكەن. ھ. ۋامبېرى ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپلا بۇ مۈجمەل مەسىلىگە جاۋاپ ئىزدەپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بىرقېتىم كېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدى. ئۇ شۇنداق دەپ يازىدۇ:« بىز ئاسىيادا قېپ قالغان ئۇرۇقلىرىمىزنى ئىزلەۋاتمىز، دېگەن پىكىر خاتا دۇر… بىز ئۆز تىلىمىزنىڭ ئېتمولوگىيلىك تۈزۈلىشىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز،بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق بولغان مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قېرىنداش تىل ۋە شىۋىلەرگە مۇراجەت قىلىمىز »(ھ.ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى»لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى،1-بەت)
مەلۇمكى، ۋېنگىرتىلى ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھ.ۋامبېرىينىڭ ئارزۇسى ۋېنگىر تىلىنى ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىنىڭ فىن-ئۆگۈر تىللىرى گۇرپىسىغىمۇ ياكى تۈركىي تىللار گۇر پىسىغا تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش ئىدى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە ئازراق مەلۇماتقا ئېگە بولغاندىن كېيىن ،1852-يىلى ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن ئەڭ يېقىن بولغان تۈكىيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئاشۇ يىللاردا كونىستانتىپول دەپ ئاتىلىدىغان ئىستامبۇلغا كۆچۈپ بېرىپ،تۈرك ئائىلىلىرىدە غەرپ تىللىرى، جۈملىدىن فىرانسوز تىلىدىن دەرىس ئۆتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ. ئاۋال پاشا ھۈسەييىن دائىنىڭ قەسىرىدە، كېيىن دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى موللا ئەخمەت ئەپەند ىنىڭ تەسىرىدە تامامەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سىياقىغا كىرىدۇ، ھەمدە فۇئات پاشانىڭ ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. «بىر نەچچە يىل تۈرك قەسىرلىرىدە بولۇشۇم، ئىسلام مەكتە پلىرىگە ۋە كىتاپ دۇكانلىرىغا قاتراپ يۈرۈشۈم»-دەپ ئەسلەيدۇ، ھ.ۋامبېرى،«مېنى ناھايتى تېزلا بىر تۈرككە، ھەتتا ئەپەندىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى ». ھ. ۋامبېرى ئىستامبۇلدا تۈرك تىلى ۋە چاغاتاي (كونا ئۆزبېك تىلى) تىلىدىن تاشقىرى يەنە ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەندى، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-قانۇنلىرى بىلەن مۇكەممەل تونۇشتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئىگەللىگەن بىلىمى بىر موللىنىڭ بىلىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. يەنە تېخى 1858-يىلى چاغاتايچە(كونا ئۆزبېكچە)-نېمىسچە لوغەت(تەخمىنەن 40 مىڭ سۆز لۈك) تۈزۈپ، ئىستامبۇلدىكى نەشىرىياتلاردا نەشىر قىلدۇرىدى.
بۇلار ھ. ۋامبېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت قىلىش پىلانىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى ئىدى.« مېنىڭ تىل ئۈگىنىشتىكى مۇئاپىقىيەتلىرىم»،دەپ خاتىرلەيدۇ. ئۇ،« شەرققە قاراپ قىلىۋاتقان ساياھىتىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم ئۈچۈن مېنى تېخىمۇ روھلاندۇردى، مەن ئوتتۇرا ئاسىياغاكىرىشكە بەل باغلىغانكەنمەن،چوقۇم ھازىرقى ئەپەندى قىياپىتىمنى ساقلاپ قېلىشنى ،شەرققە شۇ مەملىكەتنىڭ تەبىئىي پۇخراسى سۈپىتىدە بېرىشنى توغرا دەپ ھىساپلىدىم».
ھ. ۋامبېرى ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 1863-يىلىنىڭ بېشىدا تېھرانغا كەلدى ۋە بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا بىر دەرۋىش قىياپىتىدە كىرىپ ساياھەت قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى. بۇ پىلان بويىچە، ئۇ مەككىدىن كېلىۋاتقان ھاجىلارنىڭ كارۋىنىغا قوشۇ لۇۋېلىپ، شۇلار بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشى ۋە ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى لازىم ئىدى. شۇنداق قىلىپ تېھراندا ھ.ۋامبېرىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى،ئەمدى ئۇ راشىد ئەپەندى دېگەن نام بىلەن ياشاشقا مەجبۇر ئىدى. كېيىنچە كارۋاندىكىلەر ئۇنى راشىد ھاجى دەپمۇ ئاتىدى.
1863-يىلى 27-مارت كۈنى تۈركىيىنىڭ تېھراندىكى ئەلچىسى راشىدئەپەندىنىڭ ئو تتۇرا ئاسىياغا قىلىدىغان سەپىرىگە ئاق يول تىلەش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۆتكۈزدى…
1863-يىلى 28-مارت كۈنى كەچقۇرۇن راشىد ئەپەندى دەرۋىش قىياپىتىدە مەككىدىن قايتىۋاتقانلار بىلەن بىرگە ھازىرغىچە بىزگە نامەلۇم بولغان مىڭ خىل پىلان، مىڭ خىل ئوي- خىياللىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى.
ۋامبېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا
1863-يىلى 29-ماي كۈنى ھ. ۋامبېرى قوشۇلىۋالغان كارۋان خىۋە خانلىقى تۇپرىقىغا قەدەم قويدى. 30-ماي كۈنى خىۋە شەھرى يېنىدىكى بىر يېزىدا دەم ئالدى. ھ. ۋامبېرى: بىز 30-ماي كۈنى ئۆزبېكلەر يېزىسىغا قەدەم قويدۇق، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى مەن كۆرگەن تۇنجى ئۆزبېكلەرئىدى؛«ئۇلار بەك ئاجايىپ ئىنسانلار ئىكەن»-دەپ يازىدۇ خاترىسىگە. (ھ.ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى،63-بەت).
خىۋەنى كۆرگەن ۋامبېرى ھەيرەتتە قالدى.«مەن دەسلەپتە خىۋەنىڭ شۇنچىلىك گۈزە للىگىنى سەھرا بىلەن سېلىشتۇرغانلىقىمدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. ياق، ياق! خىۋەنىڭ ئەتراپىدىكى ئاسمانغا تاقاشقان تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان كىچىك ھويلىلار، كۆ پكۆك يايلاقلار ۋە پايانسىز دالىلار ھازىرمۇ، ياۋروپانىڭ غايەت گۈزەل يەرلىرىنى قايتا كۆرگىنىمد ىن كېيىنمۇ ھەم مەن ئۈچۈن ئەڭ چىرايلىق بولۇپ تۇيۇلدى»(ھ.ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى، 64-بەت).
ئامۇ دەرياسىنىڭ سۈيى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغانمىز. ھ.ۋامبېرىينىڭ بۇ ھەقتە يازغانلىرى بولسا،يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەقىقى دەلىللەرگە قوشۇلغان بىردەلىلد ۇر:«دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر دەريا يوق، مۇبارەك نىل دەرياسىمۇ بۇ دەرياغا ئو خشىمايدۇ دىيىشىدۇ. مەن بولسام، بۇ دەريانىڭ سۈيىنىڭ تاتلىقلىغى ھەققىدىكى گەپلەرنى سۇسىز چۆلدىن چىقىپ، ئۇنىڭ قىرغاقلىرىدا ئارام ئېلىش نەتىجىسىدە كۆپتۈرۈپ ئېيتىلغان گەپ بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. بىراق كېيىنچە مەن بۇنىڭ كۆپتۈرۈلگەن گەپ ئەمە سلىكىگە ئىشەندىم. شۇنداق دىيەلەيمەنكى، مەن بىلىدىغان دەريالار ئىچىدە سۈيى ئەڭ شېر ىنى مۇشۇ ئامۇ دەرياسىدۇر»( ھ.ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى،78-بەت)، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ ماجار سەيياھ.
ھ.ۋامبېرىنىڭ يېزىشىچە،«خىۋەنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئۇ بۇغداي، شال، يىپەك، پاختا قەغىزى، سۈپەتلىك قىزىل بۇياق چىقىدىغان رويان ناملىق يىلتىزى بىلەن شۆھرەت قازانغان. خىۋەنىڭ مىۋىلىرى شۇنداق ياخشىكى، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان مىۋىلەرنى ئىران ۋە تۈركىيە لەردىنلا ئەمەس،بەلكى ياۋروپانىڭ ئۆزىدىنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. دېمىسىمۇ، ھەزاراسىپنىڭ ئالمىلىرى ۋە خىۋە ئانالىرىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق، تاۋۇز، قوغۇنلىرىنىڭ تەمىمۇ ئاجايىپ ياخشى بولۇپ، قوغۇنلارنىڭ تەمى بېجىڭغىچە مەلۇم. ئېيتىشلىرىچە، ئوسمانيلار سەلتەنە تىنىڭ سۇلتانى پات-پات ئۆرگەنچ قوغۇنلىرىنى سېغىنىپ قالىدىكەن. بۇ قوغۇنلار روسىيىدىمۇ يۇقۇرى باھادا سېتىلىدۇ. بىر ھارۋا قىشلىق قوغۇنغا بىر ھارۋا شېكەر تىگىشكىلى بولىدۇ» (ھ. ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھىتى» لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى، 170-بەت).
ھ. ۋامبېرى ئۆزىنىڭ يەنەبىر كىتابى،-«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»دا خىۋەنىڭ قوغۇ نلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇلارنى ناھايتى يۇقۇرى باھالايدۇ:«سىز خىۋە قوغۇنلىرىغا ئو خشاش قوغۇنلارنى ئاسىيادىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر يۈزىدىن تاپالمايسىز. ئۇلارنىڭ شىرىنلىكىنى ھەتتا ياۋروپالىقلارمۇ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇلار شۇ دەرىجىدە شېرىن ۋە خۇشبۇ يكى،ئېغىزدا ئېرىيدۇ. ئەگەر ئۇلار نان بىلەن يىيىلسە، بىزگە تەبىئەت ئىنئام قىلغان ئەڭ ياخشى تائام شۇ بولۇپ قالىدۇ»( «ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىز چە نەشرى،226-بەت). ھ. ۋامبېرى يەنە، تېز پىشار قوغۇندىن 10 نىڭ، قىشلىق قوغۇندىن بەشنىڭ نامىنى ئاتاپ، ئۇلارنى تولىمۇ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەرىپلەيدۇ.
ھ. ۋامبېرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پاختىسىغا ئالاھىدە قىزىققان. ۋامبېرىينىڭ بۇنىڭدىن 125 يىل ئاۋال چىقارغان خۇلاسىسىگە كۆرە، ئوتتۇرا ئاسىيا پاختىسىنىڭ كېلەچىكى پارلاق. «تۈر كىستان پاختىسى ھىندى، ئىران ۋە مىسىر پاختىسىدىن ياخشى،كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ پىكىر ىچە،ئۇ مەشھۇر ئامېرىكا پاختىسىدىن قېلىشمايدۇ»(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى» لوند ون،1868-يىل ئىنگلىزچەنەشرى،229-بەت). ھ.ۋامبېرىنى تەشۋىشكە سالغان مەسىلە- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پاختىسىنى پەقەت روسىيەنىڭلا يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىشى ئىدى. ۋامبېرى بۇ مەسىلىدىمۇ ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش كۆرگەن. ئۇ 1840- 1860- يىللىرى بۇخارا ئەمىرلىگى ۋە خىۋە خانلىقىدىن روسىيە سېتىۋالغان پاختىنىڭ مىقدارى ۋە نەرخىگە قىزىققان ۋە بۇ سودىنىڭ جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ھ.ۋامبېرى تۈزگەن جەدىۋەلد ىن مەلۇم بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا پاختىسىنىڭ روسىيەگە چىقىرلىشى 1840- 1850-يىللار دىكىگە نىسپەتەن 1853-1860-يىللىرى ئىككى قېتىم ئاشقان. روسىيە 1840-1850- يىللىرى يالغۇز بۇخارا ئەمىرلىگىدىن ئىككى مىليۇن 65 مىڭ 679 فونتسىتىرلىڭلىق پاختا سېتىۋالغان بولسا،1853-1860-يىللىرى 4 مىلليۇن 237 مىڭ 772 فونتسىتىرلىڭلىق پاختا سېتىۋالغان. («ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى، 231 -بەت).
ھ.ۋامبېرى تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى توغرىسىدىمۇ خېلىلا كەڭ ۋە ئەمىلىيەتكە بىرقەدەر يېقىن مەلۇماتلارنى خاتىرلەپ قالدۇرغان.«مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلد ىمكى»،دەپ يازىدۇ ئۇ؛«تۈركىستان بايلىقى ئاز ئۆلكىلەردىن ئەمەس. ئۇنى قۇم گەردىشلىك ئالماس دەپ بىكار ئېتىشمايدۇ. كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ، شەرق مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇننى ئىگەللەيدۇ » («ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى،238 -بەت).
ھ.ۋامبېرىينىڭ يېزىشىچە، يېڭى ئۆرگەنچتە يىتىشتۈرۈلگەن پاختا ئەڭ سۈپەتلىك، ھازارا سىپ پىلىسىدىن ئېلىنىدىغان يىپەك پۈتۈن خىۋە خانلىقىدا ئەڭ قىممەتلىك ھىساپلىنىدۇ. گۈرلاندا ئەڭ ياخشى شال ئۆستۈرلىدۇ،بۇخارا ۋە قوقاندىمۇ شۇنداق.
ھ.ۋامبېرى تۈركىستاننىڭ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنى تەسۋىرلەشكىمۇ ئالاھىدە ئىتىبار بەر گەن.ئۇ ھەر بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ناملىرىنى،قانچىلىكتن ھوسۇل بېرىدىغانلىقىغىچە ئېنىق ھىسا پلاپ كۆرسەتكەن ۋە بۇلارنى ياۋروپادىكى شۇخىل ئۆسۈملۈك بىلەن سېلىشتۇرغان. بۇخارا بۇغد ىيى ئەڭ سۈپەتلىك سانىلىدۇ،ئۇ ئۇزۇن، ئىنچىكە قىزىل رەڭلىك دان تۇتىدۇ. بۇخىل بوغدا ينىڭ ئۇنىدىن بۇخارا شەھرىدە شۆھرەت قازانغان نان يېقىلىدۇ. بۇ بۇغداي ھەممە يەردە شىرمان نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۇ يەرلەردە گۇرۇچمۇ ناھايتى مول، ئۈچىلى خانلىقتا ئۆزئارا ئالماشتۇرلىدۇ. مايلىق زىرائەتلەردىن كۇنجۇت بۇ يەردە ياخشى ئۆسىدۇ ۋە جىق ياغ چىقىدۇ. زىغىردىن چىقىرلىدىغان ياغ تائامغا ئىشلىتىلىدۇ. پاختىنىڭ چىگىتىدىن چىقىرلىد ىغان ياغ تائامغا ئىشلىتىلمەيدۇ، دەپ خاتىرلەيدۇ ھ.ۋامبېرى. («ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى »لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى، 223-بەت).
بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئالدىن ئېيتىپ قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر، شەھەر-يېزىلار ۋە بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ھەممە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات دۇنياسى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ گىئوگىرافىك ۋە سىتراتىگىيلىك ئورنى ھەققىدە ھ.ۋامبېرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىلاجى بار راسىت گەپنى يېزىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گىئوگرافىك، سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىملىقىنى توغرا باھالاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنى ئو تتۇرائاسىياغا ئەۋەتكەنلەرگە شۇلار كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ناھايتى ياخشى ئاداقىلدى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھ.ۋامبېرى يېزىپ قالدۇرغان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت ھەر بىر تارىخىي دەلىل بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.
ھ. ۋامبېرى بۇخارا دۇكانلىرىدا ستىلىېاتقان چاينىڭ 16 خىلىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆز خاتىرىسىگە يېزىۋالغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مانا بۇلار: قىرىقما، ئەخبار، ئاق قۇيرۇق ،قاراچاي، سېپەتچاي،ئىش باغلۇ،گۈلبوي،پاشۇن،مۈشۈك كۆز،لانكا…(«ئوتتۇرائاسىيائوچېر ىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى،94-بەت).
ھ.ۋامبېرىينىڭ ئۆلچىشىچە، ئاشۇ ۋاقىتلاردا سەمەرقەند شەھرى كۆلەم جەھەتتىن تېھرانغا تەڭ بولغان،لېكىن ئۆيلەر بىر-بىرىدىن يىراقراق جايلاشقان،چوڭ بىنالار بولسا،ياخشى يەرلەر گە سېلىنغان.(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى، 112 -بەت).
ھ.ۋامبېرى قارش شەھرىدە ئاران ئۈچ كۈنلا تۇرغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇيەرلەردىنمۇ نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان.«قارش قەدىمكى نەقشەبدۇر» دەپ يازىدۇ ئۇ،ئۆزىنىڭ مەقسىتى ۋە سودا ئەھمىيىتى جەھەتتىن«بۇ شەھەر بۇخارا ئەمىرلىگىدە ئىككىنچى شەھەر ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر سىياسىي تو پىلاڭلار توسقۇنلۇق قىلمىغاندائىدى قارش، بۇخارا، كابۇل ۋە ھىندىستان بىلەن بولىدىغان سودا-سېتىقتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ۋامبېرىنىڭ ھىسابىغا قارىغاندا «ئەينى ۋاقىتتا قارشنىڭ ئاھالىسى 25 مىڭ، بۇشەھەردە ئاساسەن ئۆزبېكلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار يەنە ئەمىر ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.»(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېر ىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى،114-بەت).
ۋامبېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشى
قارش ھ.ۋامبېرى تۇرغان ئاخىرقى شەھەر ئىدى. ئۇ بۇ شەھەردە ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن،ئامۇ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ ھىراتقا يول ئالغان.
ئۇ 1863-يىلى 15-نۇيابىر كۈنى 2000 كىشىلىك كارۋان بىلەن ھىراتتىن مەشھەدكە قاراپ يولغا چىققان ۋە ئون ئىككى كۈن يول يۈرۈپ، 27-نۇيابىر كۈنى مەشھەدكە يىتىپ كەلگەن،ئۇنىڭ بۇ ئىران شەھرىدە قىلغان بىرىنچى ئىشى، بۇ شەھەرنىڭ گوبىرناتورى (ۋالىسى) بولۇپ تۇرىۋاتقان ئېنگىلىز پولكوۋنىكى دولماج بىلەن كۆرۈشۈش بولدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ رەشىد ئەپەندى ئۆزىنىڭ دەرۋىشلىك نىقابىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەسلىدىكى ھېرمان ۋامبېرى قىياپىتىگە قايتىپ كەلدى. ئېنگىلىز پولكوۋنىكى دولماج ئۇنى 1863-يىلى 25-دىكابىر كۈنىگىچە مېھمان قىلدى. ۋامبېرىنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئىقرار قىلىشىچە، يېڭى يىل كۈنىنى (مىلاد بايرىمىنى)مېھماندوست پولكوۋنىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 26- دىكابىر كۈنى تېھرانغا قاراپ ماڭدى. بۇ قېتىم ئۇ كارۋانلارغا قوشۇلماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تېپىۋالغان ياردەمچىسى، ھەمراھى موللا ئىسھاق بىلەن بىللە ئاتقا مىنىپ يولغا چىقتى. ۋامبېرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت دەسلەپكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن ئېنگىلىز پولكوۋنىكى ۋامبېرى ۋە موللا ئىسھاقنى ناھايتى ياخشى بېقىلغان ئىككى ئات، يىتەرلىك يول ئەنجاملىرى ۋە خىرا جەت بىلەن تەمىنلىگەن.
1864-يىلى 10-يانۋار كۈنى ھ.ۋامبېرى ۋە موللا ئىسھاق تېھرانغا يىتىپ كەلدى.«كۆرۈ نۈشۈم كۈلكىلىك ۋە ئايانچلىق بولىشىغا قارىماي، مەن تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىلىرىغا بېرىشقا ئالدىرىدىم. ئېنگىلىز ئەلچىسى مېنى ناھايتى قىزغىنلىق ۋە سەمىيمىي لىك بىلەن كۈتىۋالدى»دەپ يازىدۇ،ھ.ۋامبېرى(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون، 1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى، 146-147-بەتلەر). ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئېرا ندىكى ئەلچىسى ئالىسو ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى تامسون ۋە ۋاتسون ۋامبېرىغا خېلى ئوبدان ئىلتىپات كۆرسەتتى، ئەنگىلىيىگە يىتىپ بېرىشىغىلا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خاتىرىلىر ىنى نەشىر قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يەردە بىر ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك: ھېچقانداق بىر ئەلچىخانىدىكى سۆھبەتلەر ۋە كۆرۈشۈشلەرگە موللا ئىسھاق قاتناشتۇرۇلمىدى. ھ.ۋامبىرىنى ئەلچىلەر، ئېنگىلىز ھەربىيلىرى كۈتىۋېلىۋاتقاندا، موللا ئىسھاق ئۆزىنى مەككىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەمراھىنى كۈتۈپ كارۋان سارايدا ئولتۇردى.
ۋامبېرىينى تېھراندا ئىراننىڭ ياش شاھى نەزرىددىنمۇ كۈتىۋالدى.«ياش نەزرىددىن شاھ مېنى باغدا قۇبۇل قىلدى»،-دەپ ئەسلەيدۇ ۋامبېرى،-«ئۇ مەندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلار، خانلىقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىدى. مەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنىڭ خېلىلا ئاجىز ئىكەنلىگىنى ئېيتتىم. ئۇ ياش شاھ يېنىدا ئولتۇرغان ۋەزىرىگە بىز ئون بەش مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭەلەيمىز»-دېدى.(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى » لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى،147-بەت).
ھ. ۋامبېرى تېھراندا ئىككى ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 1864-يىلى مارتتا ئىستامبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى. ئىستامبۇلدا بار-يوقى ئۈچ سائەتلا تۇردى. بىراق شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئەنگىلىيىلىك دىپلومات فون پىروكاش ئوستېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىگەللىگەن ماتېرىياللارنى قانداق ئىشلەپ چىقىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. ئاندىن ئۆز ۋەتىنى ۋىنگىرىيە پايتەختىگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇچاغدا ۋېنگىرىيە پايتەختى بولغان پېشتتا موللائىسھاقنى دوستلىرى قېشىدا قالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز لوندونغا-ئۇنى ساقلاپ تۇر غان شەھەرگە يول ئالدى. ھ. ۋامبېرى 1864-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى لوندونغا يىتىپ باردى. «مەن ۋەتىنىمدىمۇ ئانچە ئۇزاق تۇرالمىدىم، چۈنكى ئەنگىلىيە پادىشاھلىق گىئوگرافىيە جەمئىيىتىگە ئۆز دوكلاتىمنى ئېلىپ بېرىشقا ئالدىراۋاتاتتىم»،-دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ ھ. ۋامبېرى.(«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى»لوندون،1868-يىل ئىنگلىزچە نەشرى، 148- بەت).
ۋامبېرى«ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرىنىڭ ئەسلى ماھىيتى توغرىسىدا؛ سەپىرىمنىڭ ئەسلى سىرى،ماھىيتى پەقەت ئىككى كىشىگىلا ئايان ئىدى»،دەپ يازىدۇ، لېكىن بۇ سەپەر نىڭ سىرىدىن كىملەرنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىگى ھەققىدە پەقەتلا ئېغىز ئاچمايدۇ.
ۋامبېرىنىڭ«دوكلات»ى
تارىختىن مەلۇمكى،19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېنگىلىزلار ھىندىستاندا ئۆز مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ،ئابغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا خىرىس قىلىۋاتقان بىر دەۋىر ئىدى. بۇ چاغلاردا روس ئارمىيىسىمۇ ئورىنبورىگقا ئورۇنلىشىۋېلىپ، كەلگۈسىدىكى يۈرۈشلىر ىنىڭ نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىشنى پىلانلاۋاتاتتى. ئېنگىلىزلارغا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ئەھۋالى، جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئاھالىسى، ئارمىيىسى ھەققىدىكى ئېنىق مەلۇماتلار ھاۋا بىلەن سۇدەك زۆرۈرئىدى. ئۇلار بۇ توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەن بىر نەچچە سەيياھلار مەقسىتىگە يىتەلمىدى؛ ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆلتۈرۈلدى، چۆللەردە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ تۈگەشتى، بەزىسى چىگىرالاردا تۇتۇپ قېلىندى.پەقەت ھېرمان ۋامبېرى ئېنگىلىزلارنىڭ ئاخىرىقى ئۈمىدى ئىدى،ئۇ بۇ ئۈمىدنى جايىدا ئاقلىدى. ۋامبېرى ئەقىللىق، بىلىملىك، ھىلىگەر ئادەم ئىدى. ئۇ ھەرقانداق قىيىنچىلىققا جىسمانەن چىدايتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقى قاتتىق قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن ئىدى؛ ئۇ ئۆز سەپىرى جەريانىدا سورا لغان ھەرقانداق سۇئالغا ئېنىق، توغرا جاۋاپ بەردى،چۈنكى ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى كەڭ ئىدى.
ھ. ۋامبېرى 1864-يىلى 28-سىنتەبىركۈنى لوندوندا ئۆز دوكلاتىنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ تۈگەتتى.
ئۇ خىۋە، قوقان خانلىقلىرى ۋە بۇخارا ئەمىرلىكىگە ئائىت كۆپلىگەن ماتىرىياللارنى توپلىغان ئىدى.ئۇ، ئۆز دوكلاتىدا سىياسىي جەھەتتىن بىرنەچچە يىل كېيىن يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ئوتتۇرىغا قويالىدى. مانا بەزى دەلىللەر. 1› ھ.ۋامبېرى خىۋە خانلىقىغا قاراشلىق 32 شەھەر ۋە جاينىڭ ئامۇ دەرياسىدىن قانچىلىق يىرا قلىققا جايلاشقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇنىڭ ئېنىقلىشىچە،«بۇخارائەمىرلىكىنىڭ ئارمىيىسى 40مىڭ ئاتلىق، كېرەك بولغاندا 60 مىڭ ئاتلىقتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان يوللىرى؛1›خىۋە-ئاستىراخان- ئورېنبور ىگ. 2› بۇخارا-ئورېنبورگ. 3› تاشكەند-ئورىنبور گ ۋە قىزىليار(پېتروپاۋلوسىك)؛ 4›نەمانگان ۋە ئاقسۇ-پولات(سىمپالاتنىسىك)».
ھ.ۋامبېرى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى ئارىسىدىكى يوللارنى، بۇ يوللارنىڭ قانچە پەرسەخ كېلىدىغانلىقىنىمۇ دوكلاتىغا كىرگۈزگەن.
ئۇ ئەنگىلىيىنى ئوتتۇرا ئاسىيانى روسىيىگە بەرمەسلىككە چاقىرغان، روس ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. «بەزى كىشىلەر لوندوندا، ئوتتۇرا ئاسىيا بىزگە كېرەك ئەمەس،كېرەك بولسا روسلا ئېلىۋەرسۇن، دىيىشىپ يۈرگىدەك »،-يازىدۇ،دوكلاتىدا ۋامبېرى،-ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستانغا روس ئارمىيىسىنىڭ يېقىنلىشىۋا تقانلىقىغا بىپەرۋا قارىشى ئەقلىمگە سىغمايدۇ. روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەددى-ھەركە تلىرىنىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشىدىن گۇمانلانمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن روسىيە پەقەت بۇخارا بىلەنلا بولدى قىلارمۇ؟ ئۆز ئىنتىلىشلىرىنى ئامۇ دەرياسى بىلەن چىگرالاپ توختاپ قالارمۇ؟ مەن روسىيە تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن،بىركۈنلەر كېلىپ ئابغانىستان ياكى شىمالىي ھىند ىستانغا قاراپ كېڭىيىشتىن ئۆزىنى توختىتىۋالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان سىياسەتچى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇ دوكلاتىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرىدۇ:«مېنىڭ كەمتىرانە پىكىرىم شۇ. بېرتانىيە شىرى روس ئېيىقى بىلەن بۇ مەملىكەتتە دۈشمەنلىشەمدۇ ياكى ئولجىلىرىنى ئاكا-ئۇكىلارچە تەڭ بۆلۈشىۋالامدۇ، بۇ شۇنداق مەسىلىيكى، مەن ئۆزىنى فىلولوگىيە تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان بىر دەرۋىش سۈپىتىدە بۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنراق گەپلەرنى قىلالمايمەن». تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىيكى، بۇ مەسىلىگە ئەڭ يېقىن گەپلەرنى قىلالىغان ئادە ملەرنىڭ بىرى دەل مۇشۇ دەرۋىشنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدى. «لوندون كۈندىلىك تىلىگىراف گېز ىتى»نىڭ 1864-يىلى 10-سىنتەبىردىكى سانىدا،بۇ گېزىتنىڭ پېتىربورگدىكى مۇخبىرى روسلارنىڭ تاشكەندنى ئىشخال قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. ھ. ۋامبېرى شۇ كۈندىكى دوكلاتىدا«بۇنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، بىراق روسلارنىڭ ئۇ يەردە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىدا گۇمان يوق» دەپ يازىدۇ. ئۇ، بۇ مەسىلىدىمۇ راسىت گەپ قىلغان بولۇپ چىقتى. راسىت دېگەندەك گېنىرال چېرنىيايېف 1864-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تاشكەند شەھەرىگە يېقىنلاشتى ۋە 2-ئۆكتەبىر كۈنى قوقەند يولىغا چىقىپ، شۇ تەرەپتىن شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. لېكىن بۇ ھۇجۇمدا ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولدى، پودپولكوۋنىك ئوبۇخ ئۆلدى، پودپولكوۋنىك لېرخې ياردار بولدى. بۇ مۇۋاپىقىەتسىز ھۇجۇم تۈپەيلىدىن،گېنىرال چېرنىيايېفنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 18 ئۆلدى(بۇنىڭ ئىككىسى ئوفېتسىر)، 60 كىشى يارىدار بولدى(بۇنىڭمۇ ئىككىسى ئوفېتسېر). بۇ ئەترەت 4-ئۆكتەبىر كۈنى تاشكە ندتىن يىراقلىشىپ، 7-ئۆكتەبىر كۈنى چىمكەنتكە قايتىپ باردى.
روسلار تاشكەندنى 1865-يىلى 14-ئىيۇندىن 15-ئىيۇنغا ئۆتەر كېچىسى قاتتىق ھۇ جۇم بىلەن بېسىۋالدى.
تەبىئىيكى، ۋامبېرى بۇ دوكلاتىدىن كېيىن نېمىگە ئېرىشتى؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. سوۋېت روس يازغۇچىسى ن. تېخىنوۋنىڭ خېلىلا يۈزە يېزىلغان«ۋامبېرى قىسسى»ناملىق ئەسىرىدە (1963-يىل تاشكەند نەشىرى). بۇ سۇئالغا ۋامبېرىنىڭ تىلىدىن مۇنداق جاۋاپ بېر ىدۇ:«تارتقان مۇشاقەتلىرىم، ئاقارغان چاچلىرىم ئۈچۈن ھېچكىم بىر تىيىن بەرمىدى». بۇ ئەلۋەتتە،ھەقىقە تتىن يىراق پىكىر. كېيىنكى يىللاردا تېپىلغان ھۆججەتلەر شۇنى ئىسپاتلىد ىيكى،ۋامبېرى بۇ ئالاھىدە خىزمەتلىرى بەدىلىگە، ئامېرىكىلىق ئالىم ھ. ب پاكسوينىڭ ئېنىقلىشىچە، بېرتانىيە تاشقىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇنتىزىم ئايلىق، كېيىنچە بولسا، پېنسىيە پۇلى بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرغان(بۇ ھەقتە ھ.ب. پاكسوي. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭى داستانلىرى.«سېنتىرال ئېيشەن»ژورنىلى 6-توم،1-سان،1987-يىلى،91-بەتكە قاراڭ). ئەگەر ۋامبېرىنىڭ 1913-يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى ئەسلىسەك، 49 يىل جەريانىدا بېرتانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ماجار سەيياھىغا پۇل بېرىپ تۇرغان بولۇپ چىقىدۇ. ئەمما ئېنگىلىزلارنىڭ بىرسىگە بېكارغا پۇل بەرمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ.
ھ. ۋامبېرى لوندوندا بىر يىل تۇرۇپ، 1864-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ساياھىتىدىن يازغان كىتابىنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپاغا مەشھۇر بولۇپ كەتتى. بىر يىلدىن كېيىن،1865-يىلى پارىژ ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىگە قايتتى ۋە بۇداپېشىت ئونۋېرىستېتىدا شەرق تىللىرى پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى.
ھ. ۋامبېرى 1913-يىلى 15-سىنتەبىر كۈنى بۇداپېشىتتا 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ۋامبېرىنىڭ ئەسەرلىرى
ھېرمان ۋامبېرىغا ئالاھىدە شۆھرەت ئاتا قىلغان ئەسەر، شەكسىزكى، 1864-يىلى لوند وندا ئېنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان«ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»ناملىق كىتابى ھېساپ لىنىدۇ. بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ،1-قىسىمدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ساياھەت خاتىرىلىرى ئورۇن ئالغان. 2-قىسىمدا بولسا، تۈركمەنلەر، خىۋە، قوقان، بۇخارا،جۇڭگو، تۈركىستانلارنىڭ تارىخى، سىياسىي ئەھۋالى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان. بۇ كىتاپنىڭ 23-، 24-باپلىرىدا ۋامبېرىنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن كېرە كلىك بولغان خۇلاسىلىرى يېزىلغان. 23-باپتا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكىي- تاشقىي سىياسىي ئالاقىلىرى تەتقىق قىلىنغان. 24-باب ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادا روسلار نىڭ ئېنگىلىزلار بىلەن بولغان زىددىيەتلىرى. روسىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسپە تەن تۇتقان ئورنى،دەپ ئاتالدى. ھ. ۋامبېرى بۇ باپتا ئاشۇ دەۋىردىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمران دائىرلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان خۇلاسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ كىتاب بىرلا ۋاقىتتا روسىيە ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇ دەرھال رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1865-يىلى سانكىت پېتىربورىگدا نەشىر قىلىندى.
بۇ كىتاپنى غەرپنىڭ بەزى مۇتخەسىسلىرى ناھايتى قىساقا دەپ تەنقىد قىلىشىدۇ. ۋامبېر ىنىڭ ئۆزىمۇ بۇ تەنقىدنى قوبۇل قىلىپ، 1868-يىلى«ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېرىكلىرى» ناملىق كىتاپنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتاب بىرىنچى قېتىم نەشىرقىلىنغان كىتاپنىڭ كەمچىلىكلىر ىنى تولۇقلىغان. بۇ كىتاب 17 باب بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخى ۋە ئاشۇ دەۋر ھاياتىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغان. ئۇنىڭدا خىۋە ئوردىسى، ئۈچ خانلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇران ۋە ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئېتنوگىراپىك خۇسۇسىيەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ كىتاپنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبياتى دېگەن بابىدا ئاللايار، نىزامى، ناۋايى، فۇزۇلى، مەشرەپ غەزەللىرىنىڭ تەرجىمىلىرى، «قىسسەئىي سەيپۇل مۈلۈك»ناملىق ئەسەردىن پارچىلار بېرىلگەن. جۈملىدىن، ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە ۋامبېرى مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:«مەشھۇر كىشىلەر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن پەخىرلىنىشىدۇ…، ناۋايى كەم ئۇچرا يدىغان شېئىرىىيەت داھىيسىدۇر. ئۇ ھەم ناھايتى كۆپ مەھسۇلاتلىق شائىربولغان. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن شېئىرىىيەت، تارىخ، ئېتىكا ۋە مەنتىقىگە دارئىر 32 ئەسەر قالدۇرۇپ كەتكەن…ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي شېئىرىيىتىنى ئۇلۇغلىغانلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي مۇمكىن ئەمەس».بۇ كىتاب يېزىلغان يىللارغىچە ھ.ۋامبېرىنىڭ ناۋايى ئەسەر لىرى بىلەن تولۇق تونۇشۇپ چىقمىغانلىقىنى سېزىۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن،ئۇ«لەيلى ۋە مەجنۇن»ناملىق ئەسەرنى تەتۈرسىچە«مەجنۇن ۋە لەيلى»دەپ ئاتايدۇ.«قىسسەئىي سەيپۇل مۈلۈك»نى ناۋايى يازغان ئەسەر دەپ ھىساپلايدۇ.
1867-يىلى ۋامبېرىنىڭ يەنە بىر كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە قەدرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان«چاغاتاي تىلىدىن قوللانما» ناملىق ئەسەردۇر. بۇ كىتاب لىپزىگ شەھرىدە نېمىس تىلىدا بېسىلغان. ئەسەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات، مەتىنلەر ۋە لوغەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. كىتاپنىڭ بىرىنچى قىسمىدا تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرلۇشىغا ئائىت مەلۇماتلار، ئىككىنچى قىسمىدا تاھىر ۋە زوھرە، يۈسۈپ ۋە ئەخمەت، ھۆرۈلقا ۋە ھەمرا جانغا ئوخشاش ئەسەرلەر بېرىلگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن 112 نى ئەرەب ۋە لاتىن يېزىقلىرىدا تىرانسىكىرپىكسىيە قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە نېمىس تىلىدىكى تەر جىمىسىنىمۇ قوشۇپ بەرگەن. ئاللايار، نەسىمىي، ناۋايى، فۇزۇلى غەزەللىرىدىن نەمۇنىلەرنىمۇ مۇشۇ كىتاپقا كىرگۈزگەن.
ھ.ۋامبېرىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن چوڭ ئەھمىيەتكە سازاۋەر بولغان ئەسەرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ 1873-يىلى يېزىلغان «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھىرتارىخى»ناملىق ئەسىرىدۇر. مۇئە للىپ ماۋەرائۇننەھىر (ئىككى دەريا ئارىلىقى)نى تىرانساكسونىيە ئاتالغۇسى بىلەن ئاتىغان. بۇ كىتاپتا ئۇ بۇخارانىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋىرلىرىدىن تا 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغىچە بولغان تارىخىنى ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان، ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېلىپ كە لكەن قوليازمىلار ئاساسىدا بايان قىلىغان. بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان: بىرىنچى قىسىمى«قەدىمكى ياكى ماۋەرائۇننەھىر تارىخى»،ئىككىنجى قىسمى«يېڭى ياكى بۇ خارا ئەمىرلىكى تارىخى».
ۋامبېرىنىڭ بارچە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان كىشى، ئۇنىڭ بىر خۇسۇسىيىتىگە دىققەت قىلماي قالمايدۇ: ئۇ ئالدىنقى ئەسەرلىرىدە يول قويغان خاتالىقلىرىنى كېيىنكى بۇ كىتا بىدا ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ. غەرب ئالىملىرىدىن بىر قانچىسى ئوتتۇرا ئەسىر ئۆزبېك تىلىنى چاغاتاي تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتاپ كەلگەن ئىدى. ۋامبېرىمۇ ئۆزىنىڭ«چاغاتاي تىلى قوللانمىسى»ناملىق كىتابىدىمۇ شۇنداق ئاتىغان. ئەمما «بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھىر تارىخى»ناملىق كىتاپتا بولسا، بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە تىرىشىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:« مەنمۇ‹چاغاتاي تىلى قوللانمىسى›ناملىق كىتابىمدا نۇرغۇنلىغان ياۋروپا ئالىملىر ىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلغان ئىدىم، ئەمما بۇ پىكىرلەر مۇنداق ئىككى خاتالىققا يول قويغان؛ بىرىنچىدىن؛ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسى ھېچقاچان ئۆز يۇرتىنى،ئۆز تىلىنى چاغاتاي دەپ ئاتىمىغان. بۇ نام ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپى- ئېراندا پارىسلارتەرىپىدىن قوللىنىلغان. بۇ ئۆ لكىنىڭ ئاھالىسى ئۆز يۇرتىنى تۈركىستان، ئۆز تىلىنى تۈركىي تىل دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئىككىنچىدىن؛ چاغاتاي مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن نېمىگە ئېرىشكەن بولسا ئېرىشكەن بولسۇن، لېكىن مۇھەببەتكە، ھۆرمەتكەئېرىشەلمىگەن»(«بۇخارا ياكى ماۋەرا ئۇننەھىر تارىخى»لوند ون،1873-يىل ئېنگىلىزچە نەشىرى، 158-بەت).
ۋامبېرى بۇ كىتابىدا ئەمىرتۆمۈر تۈزۈكلىرى ھەققىدىمۇ قىزىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ: « ئىنگلىز مايورى دېۋىي ياۋروپاغا ھىندىستاندىن ئېلىپ كەلگەن تۈزۈكى تۆمۈر 457 سەھىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى پارس تىلىدا ئىدى. چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەسلى نۇسخىسى يەمەن گۇبىرناتۇرى جەفەر كۈتۈپخانىسىدىن تېپىلغان. ئۇ ئاۋۋال پارس تىلىغا، كېيىن 1830-يىلى مايور ك. سىتۇئارت تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلغا ئۆرۈلگەن»(«بۇخارا ياكى ماۋەرا ئۇننەھىر تارىخى»لوندون،1873-يىل ئېنگىلىزچە نەشىرى،183-بەت).
ھ.ۋامبېرى ئەمىر تۆمۈرنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ھىرات ۋە ھەلەپ ئالىملىرى بىلەن مۇناز ىرلىشىپ،ئۆزىگە ئوخشاش پىكىر قىلمىغانلارنى مۇكاپاتلىغان ئادەمنى ئاچچىغى يامان ۋە ياۋايى دېيىش مۇمكىنمۇ؟ بورسادىن پۈتۈن بىر كۈتۈپخانىنى كارۋان تۆگىلىرىگە ئارتىپ سەمەر قەندگە كۆچۈرۈپ كەلگەن كىشىنى تەرسا ۋە ياۋايى دىيىشكە بولامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۆمۈر نى چىڭگىزبىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغۇچىلارئىككى قېتىم خاتالاشتى»(«بۇخارا ياكى ماۋەرا ئۇننە ھىرتارىخى»لوندون،1873-يىل ئېنگىلىزچەنەشىرى،219-بەت). ۋامبېرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ،تۆمۈرنىڭ ئوردىسىدا چەتئەللىك نۇرغۇن ئالىم ۋە رەسساملار بارئىدى. بىراق مەملىكەتنىڭ رەسمىي تىلى ھەمىيشە تۈركىي تىل بولۇپ كەلگەن. تۆمۈرنىڭ ئۆزىمۇ«تۈرۈكلەر»نى تۈركىي تىلدا راۋان ھەم تەسىرلىك يازغانلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ۋامبېرى يەنە بۇ كىتابىدا ئۇلۇغبەگنى ناھايتى چوڭ بىلىپ ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا توغرا ،خالىس باھا بېرىدۇ: «ئۇلۇغبەگ بىرنەچچە ئەسىركېيىنمۇ غەرب دۇنياسىدا نامى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان، تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىدىن بولغان يېگانە كىشى ئىدى…ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋر تۆمۈرىيلەرنىڭ ئالتۇن دەۋېرى ھىساپلىنىدۇ».
ھ. ۋامبېرى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى ھەققىدىكى پىكىرىنى بابۇرغا بەرگەن باھاسى بىلەن خۇلاسە قىلىدۇ:« بابۇر مىرزا ئۆز ئەسىرىدە(«بابۇرنامە»)دە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىمۇ شائىر، سىياسىئون،ھەم پەيلاسوپ شەكلىدە گەۋدىلىنىدۇ. تۈركىي ۋە پارس خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىيا تىدا ئۆزىدە شۇنچىلىك پايدىلىق پىكىرلەرنى ئاددىي، راۋان تۈركىي تىلدا بايان قىلغان بۇ نىڭغا ئوخشا بىرەر كىتاب يوق».
قوڭغىراتلىق موللا ئىسھاق قايداسەن؟
ۋامبېرىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»ناملىق كىتابىدىن مەلۇمكى، ئۇ خىۋەنىڭ مۇھەممەدىمىن مەدرىسىدە ئەسلى قوڭراتتىن بولغان موللا ئىسھاقنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. موللا ئىسھاق مەككىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن كىشى ئىدى. ئۇ ۋامبېرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىمۇ مەككىگە بارىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان. خىۋەدىن كېيىن بۇخارا، سەمەرقەند ۋە قارىشلاردا بىللە بولۇپ، ۋامبېرى موللا ئىسھاق ۋە يەنە نامەلۇم ئىككى ھاجى بىلەن ھىرات تەرەپكە كېتىشكەن. موللا ئىسھاق سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭغا ھەقىقى دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزدى. ۋامبېرىنىڭ ئىقرار قىلىپ يېزىشىچە، ئۇنى ھەممە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن، باشقا ھەمرالىرىنىڭ ھەممىسى تاشلاپ كەتكەن. لېكىن پۈتۈن سەپەر جەريانىدا بىرلا موللا ئىسھاق ئۇنى يالغۇز قويمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھەمىيشە يېشى ئۆزىدىن چوڭ بولغان راشىد ئەپەندى-ۋامبېرى بىلەن بىر تاۋاقتا تاماق يىمىگەن، ۋامبېرى تاماقتىن ئېلىپ بەر مىگىچە ئۇنىڭغا قول سوزمىغان،ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا،يانمۇ-يان، تەڭ تۇرۇشنىمۇ ئەدە پتىن دەپتىن چىققانلىق دەپ بىلگەن. «ئۇ ئەڭ ھالال، ئاق كۆڭۈل ئىنسانىدى، ئۇنىڭ غەرەزد ىن خالى، پاك مۇناسىۋىتى خەۋپ-خەتەرگە تولغان تەنھا سەپىرىمدە ماڭا دالدا ۋە يۆلەنچۈك بولدى»،دەپ ئەسلە يدۇ سەيياھ.
موللا ئىسھاقنىڭ تەقدىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،بىزدە، ۋامبررى نېمە ئۈچۈن ئۇنى ياۋروپاغا بىللە ئېلىپ كەتتى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. بۇ سۇئالغا «ئوتتۇرا ئاسىيا ئوچېر ىكلىرى»دېگەن كىتاپتا،ۋامبېرىنىڭ ئۆزى جاراپ بېرىدۇ:« بىلىمگە ئىنتىلىش ۋە ماڭا يېقىنلى قى ياش موللىدىن،راستنىلا ئۇنىڭ بىر ئەرزىگۈدەك كىشى بولۇپ چىقىشىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن،شۇچاغدىلا مەن ئۇنى تاشلاپ كەتكەسلىككە ۋە ئىلاجى بولسا،ياۋروپاغا ئېلىپ كېتىشنى قارارقىلدىم. مەن بۇ قارارغا ھىراتقا يىتىلىپ كېلىشنىڭ ئالىدىلا كەلگەنىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ تونۇشقاندىلا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ پاكلىقىنى سەزگەنىدىم. بۇ مەسىلىدە مەن راستىنلا ئاداشمىغان ئىدىم»(ھ.ۋامبېرى«ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»لوندون، 1865- يىل ئېنگىلىزچە نەشرى 143-،145-بەتلەر).
ھ.ۋامبېرى ئىستامبۇلغا يىتىپ كەلگەندە موللا ئىسھاقنىڭ قولىغا پۇل بېرىپ، ئۇنىڭغا مەككىگەبارىدىغان يولنى كۆرسەتتى،لېكىن موللائىسھاق ئۇنىڭغا، ئۆزىنى يالغۇز قالدۇرما سلىقنى، پەرەڭىستاننى(ياۋروپانى) بىر كۆرۈپ، ئاندىن ئىستامبۇلغا قايتىش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋامبېرى موللا ئىسھاقنى ۋېنگىرىيىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى دوسىتلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى لوندونغا كەتتى.
ھ. ۋامبېرىنىڭ دوستى موللائىسھاقنى يېزىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، ۋامبېرى بولسا،بىر يىلدىن كېيىن لوندوندىن قايتىپ كەلدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە موللائىسھاقنىڭ بېشىدىن قانداق كۈنلەر ئۆتتى؟ دەپ ئويلاشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ۋامبېرى مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:« بىر يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيىدىن قايتىپ كەلسەم، قايسى كۆز بىلەن كۆرەيكى، موللام ۋىنگىرلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، بېشىدىكى سەللە ئورنىغا ماتادىن تىكىلگەن شىلەپە كىيىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ۋېنگىرتىلىنىمۇ تېزلا ئۈگىنىۋالغان ئىدى. مېنىڭ بۇ موللامنى شۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ قالغان. بۇ قېتىم ئۇنى مودا كىيىنگەن،قوللىرىدا پەلەي قايسىدۇر بىر خانىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلە لمەيلاقالدىم. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى خىۋە مەدرىسى موللىسىنىڭ ھازىرقى پوزۇر كۆرۈ نىشىنى قاراڭ؟!» (ھ.ۋامبېرى «ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت»لوندون، 1865-يىل ئېنگىلىزچە نەشرى150-بەت).
موللا ئىسھاق راستىنلا ۋېنگىر تىلىدا ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئوبدان ئۈگۈنىۋالغاندىن كېيىن، ھ. ۋامبېرىنىڭ دوستلىرى ئۇنى ۋېنگىرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى كۈتۈپخانىسىنىڭ شەرق قولياز مىلىرى بۆلۈمىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. موللا ئىسھاق كېيىن ۋېنگىرتىلىدىكى بەزى ئەسەرلەرنى تۈركىي تلىغا تەرجىمە قىلغان. ماجار ئالىمى گ.كەرە، ۋېنگىرىيە يازغۇچىسى ياناش ئارېننىڭ «ئاجايىپ ئاھۇ ھەققىدە ئەپسانە»ناملىق ئەسىرىنى موللائىسھاققا قىلدۇرغان. موللائىسھاق ۋېنگىر ئالىملىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي تىلى،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى توغرىسىد ىكى ئەسەرلىرىنى يېزىشىغا ياردەم بەرگەن، ئۇلار ئەسەرلىرىدە كەلتۈرگەن پاكىت دەلىللەرنى موللائىسھاقتىن ئالغان.
بۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، موللائىسھاقنىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ماتېرىيال تېپىلغىنى يوق.
ۋامبېرىنىڭ مۇخلىسى، ۋېنگىرىيىلىك كىنو رېژىسسورى جوزىف كىش ۋامبېرى بىلەن موللا ئىسھاقنىڭ بىللەچۈشكەن سۈرىتىنى تارتىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.بۇ سۈرەت قايسى شەھەردە -تېھراندىمۇ،ئىستامبۇلدىمۇ ياكى پېشىتتىمۇ تارتىلغانلىقى تېخى ئېنىقلانغىنى مەلۇم ئەمەس. سۈرەتتە،موللائىسھاق ئۆز ئۇستازى ئالدىدا ئەدەب بىلەن تىك تۇرغان، ھ. ۋامبېرى شەرقچە ئولتۇرغان.(چازا قۇرۇپ ئولتۇرغان).
ھېرمان ۋامبېرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى موللائىسھاق ھەققىدىكى تارىخ مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت.
بىز ھېرمان ۋامبېرىغا باھا بەرگىنىمىزدە،ئۇنىڭ سەيياھلىقىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىپ، ساياھىتىنىڭ پەقەت سەرگۈزەشتە تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە، ئۇنى دەرۋىش كىيىمىنى كىيىشكە قانداق شارائىت ۋە كىملەرنىڭ مەجبۇر قىلغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

ئۆزبېكىتان پەن نەشرىياتى، 1993-يىلى تاشكەندتە نەشىر قىلغان «فىتنە سەنئىتى» 2-كىتاپتىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلدى.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن

تېلىفۇن:13779291157
2010-يىل 25-دىكابىر

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: ئۇيغۇرشۇناسلار

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 97 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838