ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى

ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسىئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى ۋە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قىز- ئايللىرىمىزدا چاچلىرىنى تارىغان چاغدا چۈشكەن چاچلارنى بۈك- باراخسان، ئېگىز ئۆسكەن دەل- دەرەخلەرنىڭ ئاستىغان كۆمىدىغان ئادەت بار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق چاچلىرىنىڭ ئاشۇ دەرەخ شاخلىرىدەك بولۇپ، ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىزنىڭ يەنە ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىنى دەريا- ئۆستەڭ بويىدىكى مەجنۇن تالغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەش- تەرىپلەش ئادىتىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېېيتقاندا بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.

تارىختا ئەجداتلىرىمىز يەنە چاچنى ئۇلۇغلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاخىرەتلىك بۇيۇم قىلىشقان. بۇ نۇقتىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىلغان قەدىمكى قەبرىلەردىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. ئارخىئولوگلار قۇمۇل رايونىدىكى بۇنىڭدىن 3200 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغان «قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقى» دىكى قەبرىلەرنى قازغاندا بەزى ئايال مېيىتلارنىڭ بېلىگىگىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭدەك لوپنۇر رايونىدىكى بۇنىڭدىن 2000- 3000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ قەبرىلەردىن ھەم دەپنە بويۇملار ئارىسىدىن نۇرغۇن ئۆرۈمە چاچ ۋە ياسالما ئۆرۈمە چاچلارنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قايچىلاپ ئېلىنغان چاچلار بىلەن ئەرۋاھلار روھىغا نەزىر- چىراغ قىلىش، چاچنى ھەم دەپنە بويۇمى قاتارىدا مىيىتنىڭ يېنىغا قويۇش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل ئادەت ئىكەن.

گەرچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقىمىز ھەر خىل دىن ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئادىتى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ھېلىھەم ئارىمىزدا بوۋاقنىڭ «قىرقى چېچى»نى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنى ئاۋايلاپ تولۇق يىغىۋېلىپ شۇ چاچ بىلەن بوۋاقنى ئىسرىقلاش، يالغۇز ئەتىۋارلىق ئوغۇل بالىلارغا «نىياز چېچى» قويۇش ئادەتلىرى مەۋجۇت. تىلىمىزدا بولسا «چاچقا دەسسىسە يامان بولىدۇ»، «چاچنى كۆرگەنلا يەرگە تاشلىسا يامان بولىدۇ»، «چاچنى كەسسە يامان بولىدۇ»، دېگەندەك ئىبارىلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىشلىتىپ تۇرىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز.

ئىسلاھات- ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ مەنىۋى تۇرمۇشىمىز كۇنسېرى بېيىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىز ئارىسىدا بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرمۇ باش كۆتۈرۈپ، قارغۇلارچە مودا قوغلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، جۈملىدىن بۇ خىل خاھىش يۈرۈش- تۇرۇش، ياسىنىش جەھەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بەزىلەرنىڭ سىياقىغا قارايدىغان بولساق دەماللىققە ئۇ كىشىنىڭ قايسى مىللەت، قايسى رايون خەلقلىرىنىڭ چاچ پاسونى ئىكەنلىكىنى زادىلا ئايرىۋالغلى بولمايدىغان ئاجايىپ- غارايىپ رەڭ پاسۇندىكى چاچلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. خەلقىمىز ئەزەلدىن سۆيۈپ- سۆيۈنۈپ كېلىۋاتقان قۇندۇزدەك قارا چاچلارنىڭ ئورنىنى بوۋايلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زادى سىغمايدىغان، بالىلارنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان، ياشلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ئالا- بۇلىماچ چاچلار ئىگىلەپ كەتتى. ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق بەزى قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ چېچىدا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە رەڭ ياكى بولمىسا ھەپتىدە نەچچە خىل رەڭ ئايان بولىدۇ. كىچىكىمىزدە ئاتىلىرىمىز چاچلىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالدۇرۇپ، يارىشىملىق بۇرۇت قويۇپ دوپپا كىيىپ يۈرەتتى، ئانىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىزنىڭ بولسا بىلگىچە، گاھىلىرىنىڭ ئوشۇقلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆرۈم – ئۆرۈم چاچلىرى بار ئىدى. بۇنداق دېيىش ئارقىلىق خانىم- قىزلارنىڭ ھەممىسى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەسمىز. بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلىدىكى بېسىمى ھەقىقەتەن ئېغىر، بەزىدە ئۇزۇن چاچلارنى ياساپ يۈرۈشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. بىراق خانىم- قىزلار چېچىنى بەك ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالمىسىمۇ، ھېچ بولمىدى دېگەندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا خاس سالاپىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.

گەرچە زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى ئەنئەنە- ئادەتلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ياكى بەزىلىرىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى مۇقەرەر بولسىمۇ، لېكىن قايسى خىل ئۆرپ- ئادەت قالىدۇ ياكى قايسى خىل ئۆرپ- ئادەت راۋاجلىنىپ بارىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ دەۋردە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى زۆرۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى يەنىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى بولماقتا. مەدەنىيىتىمىزدىكى ئۆزگىچە، ئىسىل تەرەپلەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يولىنى تۇتساق، ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايمىز. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ ۋە تاكاممۇللىشىپ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئەنئەنە- ئادەتلەر بىزنىڭ خاس مىللىي بەلگىمىزنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلالىق سۇمبۇل چاچلىرى يوقالمىسا، بوۋايلارغا ئۈمىد- خوشاللىق، ياشلىرىمىزغا ئىشەنچ- ئىپتىخارلىق ئېلىپ كەلگەن، بالىلىرىمىزغا تەربىيە بولغان بولاتتى.

خەتكۈچلەر: ، ، ، ، ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، كېيىم-گۈزەللىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 8192 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838