ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى

غالىپ مۇھەممەد قارلۇق

گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. خەلقىمىز تارىختىن بۇيان گۈزەللىككە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. چاچنىڭ باشنى ئىسسىق – سوغۇقتىن ساقلاش رولى بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى خەلقىمىز قەدىمىي ئانىلىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى ئاجايىپ يۈكسەكلىكتە ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈشى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىغاچقا، ئۇنى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، ئاسراش، خاسىيەتلىك دەپ بىلىش ئېڭى ئەجدادلىرىمىزدا شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، ئاياللارغا خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەتلىك ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان، شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن: چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىدىكى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ تۇرۇپ بالا – قازاغا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر – پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچى ئارقىلىق نۇسرەت ئاتا قىلىشى قاتارلىقلار ھەم خەلق ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ چېچىنى كەسسە، دەسسىسە ياكى قالايمىقان تاشلىۋەتسە، چاچ كۆيدۈرسە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر خەلقىمىزدىكى چاچنى ئۇلۇغلاش جۈملىسىدىندۇر.
ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك، ئېتىقاد ئېڭىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقىمۇ سىڭىپ كىرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىكى ئۆڭمەس ۋە ئۆلمەس مەجازغا ئايلانغان. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئەنە شۇ ئوبرازلارنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، خاسىيەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك نەپىس تەسۋىرلەرمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بىز كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقاد ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدىن تۇتقان ئورنىنى كۆرۈۋالالايمىز.
1. چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەلشىر نەۋائىي چاچ ھەققىدە مۇنداق يازغان:
قوينىدا ئەفئى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،
ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.
(مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن).
2. چاچ خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى تەلقىنىگە قاراپ باقايلى:
جىسمىم ئەندۇھ ئىچرە دەرد ئاستىدا قالمىش نى ئەجەب؟
ئەگمە قەد بىرلە ئەگەر زۇلفىڭ غەمىدىن ‹‹دال›› مەن.
(مەنىسى: جىسمىم قايغۇدا قالدى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنمە، چۈنكى چېچىڭنى ئويلاۋېرىپ قەددىم ئېگىلىپ كەتتى).
3. چاچ ئىشىق ئوتىنى تۇتاشتۇرغۇچى، مۇھەببەت رىشتىنى باغلىغۇچىدۇر. مەسىلەن: كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى مۇنداق يازغان:
ئۇل قۇياشقە زەررەدېك ئۇششاق ھەيراندۇر ھەمە،
زۇلف سەۋداسىدا مەجنۇندەك پەرىشاندۇر ھەمە.
4. چاچ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئوتوپىيىلىك تەسەۋۋۇرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: بىز نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى ئىككى مىسراسىغا نەزەر ئاغدۇرايلى:
ئەي ئارەزى نەسرىن، ساچى سۇمبۇل، قەدى شەمشاد،
بۇلبۇل كەبى ھىجرىڭدە ئىشىم نالەۋۇ فەرياد.
(مەنىسى: ئەي يۈزى گۈل، چېچى سۇمبۇل، بويى شەمشاد، مېنىڭ ئىشىم دەردىڭدە خۇددى بۇلبۇلدەك نالە قىلىش بولۇپ قالدى).
5. قارا چاچ بەختنىڭ نىشانى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىي يەنە مۇنداق يازغان:
ئەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ، ئارتار جۇنۇنۇم مۇبەمۇ،
ناگاھ نەسىمى مۇشكىنى يەتكۈرسە زۇلفۇڭ نەكھەتىن.
(مەنىسى: ئىپار پۇراقلىق شامال بىردىنلا چېچىڭ ھىدىنى يەتكۈزسە، مەن ئۇنىڭ زەنجىرىگە باغلىنىش ئارزۇسىدا تېخىمۇ ساراڭ بولىمەن).
دېمەك، كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە تەسۋىرلىنىۋاتقان چاچ ئېتىقاد ئادەتلىرىمىز بىلەن، شۇنداقلا خاسلىق، ئالاھىدىلىك ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن(ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بىز يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك شېئىرىي تەلقىنلەرنى نوقۇل مەنىدە ئىشىق – مۇھەببەت مەكتۇپلىرى دەپ چۈشىنىۋالماسلىقىمىز كېرەك).
دېمەك، چاچ خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇڭا چاچ ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، چاچنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر يەرلىك ئادەتلەر كېلىپ چىققان. مەسىلەن: قىز – ئاياللىرىمىزدا ئۇزۇن چاچ قويۇشتا مۇنداق ئادەتلەر بار: ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15، 17، 21، ھەتتا 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ، ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەم توي قىلمىغان قىزنىڭ پىشانىسىدە كوكۇل چېچى بولىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن كېلىننىڭ چېچى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز تال قىلىپ ئۆرۈۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغانلار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، ئۇنى چاچتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە سۇمبۇل چېچىنىڭ جۈپ ياكى تاق ئۆرۈلگەنلىكىگە قاراپلا ئۇنىڭ قىز، نەۋرىلىك بولغان ئايال، ياشانغان ئايال ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بىراق بۇنداق چاچ مەدەنىيىتىدە بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەلقىمىزدىكى چاچ گۈزەللىكى ئېڭى ئەنئەنىۋى تەركىبلەردىن كۆرە زامانىۋى تەركىبلەرگە بولغان مايىللىقىنى كۆپرەك ئىپادىلەپ، ئەبجەش ھالەتتە بېيىماقتا. شۇڭا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچ ھەققىدىكى بىباھا قاراشلىرىنى، گۈزەللىك ئادەتلىرىنى، چاچ ئاسراش رېتسېپلىرىنى ئاگاھ سۈپىتىدە خوتۇن – قىزلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، كېيىم-گۈزەللىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 98 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838