ئۇيغۇردا ئەبگالىق

ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى 1950 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ 1966 ـ يىلى قەشقەر ئۇيغۇر تولۈق ئوتتۈرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972 ـ يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1975 ـ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۈچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 1978 ـ يىلدىن 1982 ـ يىلغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1986 ـ يىلدىن 1988 ـ يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ھازىر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر شۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۈئاۋىن باشلىقى، پروفېسسور.
ئابدۇرەئۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھەر قايسى نەشرىياتلاردا، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «ئەلىشىر ناۋائى ــ ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە» قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى، «كور خېرىدار»، «تەكلىماكاندىن كەلگەن نىدا»، قاتارلىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى، شۇنداقلا «بەيتۈللاھنىڭ تارىخى»، «ئەنگۈشتەر»، «مەخدۈم قۈلى شېئرلىرى توپلىمى»، «ئەممە پارە تەپسىرى»، «ياشلار يېتەكچىسى»، «مېۋە رىسالىسى»، «يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر بىلىم ئادىمىدۇر، ۋەسسالام.
6 ـ مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىكسائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ، بىلىم ئال، سائادەت يولىنى تاپ!ــ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى.بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەر جەھەتتە ئالدىن مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەر مەرىپەت بىلەن پەزىلەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەكلىك ئاسمىنىدا مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك پەرۋاز قىلدۇرىدىغان تەڭداشسىز ئىككى قانات دەپ بىلمەكتە. چۈنكى، مەرىپەت ھازىرقى زامان سائادەت خەزىنىسى دەرۋازىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولسا، پەزىلەت بۈگۈنكى دەۋر مەدەنىيەت يولىنىڭ يورۇتقۇچىسى ۋە نۇر چاچقۇچىسى بولماقتا.بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەرىپەت (ياكى مەرىپەتلىك بولۇش) ئاددىي ھالدىكى مائارىپ كۆرۈش ۋە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ شاھادەتنامە ئېلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ تېگى ــ تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانغا مائارىپ ئارقىلىق، مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئارقىلىق، شۇنداقلا رېئال ھايات پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مەدەنىي يېتىكلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى، پەزىلەتكە كەلسەك، ئۇ ئىنسانغا ئۆزلەشكەن مەرىپەتتىن تۆرىلىدىغان، مەرىپەت ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدىغان يۈكسەك ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىكى، شۇنداقلا مەرىپەت كۆزلىگەن غايىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان، مەرىپەت ئىگىسىنى ئۇتۇق ــ نۈسرەتكە يېتەكلەيدىغان كاپالەت مىزانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مۇناسىۋەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت پەزىلەتنىڭ ئاساسى. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتنىڭ ساپا تارازىسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم قازاندۇرغۇچىسىدۇر. بىر مەدەنىي ئىنساندا مەرىپەت بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى يەنە ئاشۇ مەرىپەتكە مۇناسىپ بولغان پەزىلەتمۇ بولۇشى شەرت. پەزىلەت پەقەت مەرىپەتلىك ئىنساندىلا بولىدۇ. مەرىپەتسىز ئادەمدە بولسا، پەزىلەت بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدا پەقەت ئادەتلا بولىدۇ. ۋاھالەنكى ئادەت چاھارپاي ھايۋاندىمۇ بولىدىغان تۇغما خۇسۇسىيەتتۇر. پەزىلەت بولسا، مەرىپەتتىن تۇغۇلىدىغان مەدەنىي ئىنسانلىق شەرەپ بەلگىسىدۇر. ئىستېمال قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەرىپەت كۆمۈكلۈك خەزىنىگە ئەمەس، بەلكى ئىجتىھات سۈيى بىلەن كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى مەرىپەتنى ئۆز مەۋسۇمىدا بىخلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى بەرق ئۇرغۇزۇپ كۆكلىتىپ تۇرىدىغان نەرسە دەل پەزىلەتتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت پەزىلەتلىك ئىنسانلا ئۆز ئېڭىدىكى مەرىپەتنى ئەمەلىيەت مەيدانىدا راۋۇرۇس گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللىتىگە، ئۆز خەلقىگە، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چەندىكىدەك بەھرە يەتكۈزەلەيدۇ. ئى ئەزىز قېرىندىشىم، ھازىرقى زامان ئىلغار مىللەتلىرىنىڭ بەس ـ بەستە مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ، مۇناسىپ ھالدىكى پەزىلەتكە ئىگە مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇنتىزىم زىيالىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە!لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ئۆز پەيتىدە يۇزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغان مىللەت ياكى مائارىپ ئىنقىلابى قوزغاپ ئۆز ئېلىدە مەرىپەت ئېكىنزارلىقىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان مىللەتمۇ ئەمەس. مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 ـ يىللىرىدىكى «مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى» ئەمەلىيەتتىكى مائارىپ ئىنقىلابى بولۇپ، شۇ مەزگىلدە، ئابدۇقادىر داموللا، مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق، مەسئۇد سەبرى، مەھمۇد مۇھىتىدەك ئۆزى مەكتەپ ئېچىپ، ئۆزى بالا يىغىپ، ئۆزى دەرس سۆزلەيدىغان مائارىپ گېنېراللىرى مەيدانغا چىققان. مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى باش بولۇپ ئوقۇغان مائارىپ مارشى ـــ «ئىزچىلار ناخشىسى»نىڭ ساداسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتكۈل يېزا ـ قىشلاقلىرىنى قاپلىغان. گەرچە شۇ چاغلاردا، ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئۇيغۇرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى قاتارلىق مەرىپەت جەڭچىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ تەشۋىق قىلغان، ھەممە ئامال چارىلەر بىلەن، ھەتتا ئەزىز جېنى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق پەزىلەت يوقىلىپ ئادەتلا قالغان زىيالىيلار ئاممىسى ئويغانمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا ئەسەبىي جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىۋېتىلگەن.جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇسۇسەن شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا زامانىۋى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار كۆپەيدى. ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پېنى بويىچە بىلىم ئېلىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. بۇ ــ ئەمەلىيەت. بىراق سان ـ سىپىرنىلا كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتمەي، سۈپەت ــ ساپا ئۆلچىكىنى تارازا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى ئومۇمىيەت جەھەتتىنمۇ، خاسلىق تەرەپتىنمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تارازىلاپ كۆرىدىغان بولساق، مائارىپ كۆرۈپ، شۇ مائارىپنى ئۆزلەشتۈرگەن، ئىلىم قۇرۇلمىسى مەھكەم، ئەخلاق تۈزۈلمىسى مۇستەھكەم بولغان زىيالىيلارنىڭ بىز بىلەن زامانداش ياشاۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ شۇ ئۆلچەكتىكى زىيالىيلىرىغا قارىغاندا، ئاسمان ـ زېمىن پەرقلىق دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى، ئەدناسى ئۇيغۇردا تېخى مۇناسىپ پەزىلەتكە ئىگە ھەقىقىي مەرىپەتلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ زامانغا لايىق كۆلەمدە شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھېس قىلىمىز.دەرۋەقە بىر قەۋمدە مۇئەييەن بىر خىل ئىلىم بويىچە بىلىملىك بولغان ئالىملارنىڭ جىق ياكى ئاز بولۇشى ھېچقانچە گەپ ئەمەس. بىراق بىر مىللەتتە، ئىلىم ئالدىدا ھەممە ئادەمنى باب ـ باراۋەر كۆرىدىغان، ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايە نوقتىسىدا تۇرۇپ بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىغان مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك ئالىملار قوشۇنىنىڭ بولۇش ـ بولماسلىقى بولسا، شۇ مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ساپاسىغا تالىق بولغان بىر مۇھىم ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، ئەلۋەتتە. ھېكايە، جۇڭگودا نۆۋەتتىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ـ پەن بويىچە مەزمۇت قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيانى ھەيران ـ ھەسلەكتە قالدۇرىۋاتقان «863 پىلانى» دەيدىغان بىر پىلان بار. بۇ پىلان ئەسلىدە، جۇڭگودىكى نەچچە ئون ئاتاقلىق ئالىمنىڭ بىرلىشىپ دېڭ شىياۋپىڭغا خەت يېزىشى ۋە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ 1986 ـ يىلى 3 ـ ئايدا «بۇ پىلان تەخىرسىز ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ تەستىق سېلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ يەردىكى ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدىغان بىباھالىق شۇكى، نەچچە ئون ئالىم بىر مۇددىئا، بىر غەرەز ۋە بىر ئارمان ئاساسىدا، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر يۇمىلاق شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرالىغان؛ بىر بۈيۈك ئىستەك ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۆڭلىدىكى ئوخشاش ئارزۇ ھەققىدە كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىشەلىگەن؛ بىر ئۇلۇق مەقسەت ئاساسىدا بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئوتتۇراق پىكىرلىرىنى بىر قەغەز ئۈستىگە بىرلىكتە يازالىغان. مانا بۇ ــ مەرىپەتنىڭ گۆھەر مىسال سەمەرىسى! مانا بۇ ــ پەزىلەتنىڭ ئالماس تىمسال نەتىجىسى!ئەبگا ئۇيغۇردىكى ئەھۋال گويا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئالدى بىلەن مەيلى خاس ئىلىم بويىچە بولسۇن ۋە مەيلى ئومۇمىي بىلىملەر بويىچە بولسۇن، زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، قورسىقىدا ھەقىقىي ئۇمىچى بار، تۈزۈكرەك بىر نېمە بىلىدىغان ئالىملار سان ـ سالماق جەھەتتىن بەكلا ئاز. ئالىم ئاز بولغىنىغا باقماي، بارلىرى بىر ــ بىرىدىن داغۋاز. ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭ ئالدىغا بارساڭ، گېپىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ، «باشقىلارنىڭ ھەممىسى سامان قورساق، مەنلا يالغۇز بىلىمەن» دېگەن پىكىرنى ئىما بىلەن ساڭا بىلدۈرىدۇ. قانداقلىكى بىر ئۆلىمانىڭ ھۇزۇرىدا بولساڭ، گەپ ئايلاندۇرۇپ كېلىپ، «باشقىلارنىڭ ھەممىسى باتىلغا شېرىك، ئاللاھ تەلىماتىنى مەنلا پىششىق بىلىمەن» دېگەن يەكۈنگە سېنى ئىزاھات بىلەن كۆندۈرىدۇ. بويداش ئالىملار خۇددى يەككە دېھقانغا ئوخشاش ھەر قايسىسى ئۆز ئېتىزلىرىدا يېگانە ئىشلىگىنى ئىشلىگەن، ئىلىم يولىدا بىر ــ بىرىنى قوللاشمايدۇ. قوللاشمايدۇلا ئەمەس، ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ بىر ئىلىم سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ئوبدانراق گەپلەشمەيدۇ. ياش ئالىملار پېشقەدەم ئالىملاردىن سايىۋەن تاللايدۇ. پېشقەدەم ئالىملار بولسا، ياش ئالىملار ئىچىدىن يانتاياق خىللايدۇ. ئۇ يەردە ئىككى توك ــ توك، بۇ يەردە تۆت سوك ــ سوك مەزھەپ بولىشىۋالغان. بىرلىرىنىڭ ئىش ــ ئەمگىكىنى ئىككىنچى بىرلىرى قەستەن ۋە قەتئىي ياراتمايدۇ. تەتقىقات دېسە، كونا كىتابلارنى ئېزىپ ئىچىش دەپ بىلىدۇ. ھەممەيلەن «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» نى سۆزلەشكە ئامراق. ئۆتمۇش، ئۆتۈپ كەتكەن رەھمەتلىكلەر ھەققىدە، ئەجدادلارنىڭ بۈيۈكلۈكى توغرىسىدا سۆز بولسا، گەپ تالىشىپ ھاياجاندىن يىغلىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. رېئاللىق ھەققىدە، ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئىستىقبالى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا بولسا، ئېھتىياتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تىكىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. بەش ـ ئون ئالىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ، قانلىق كۈرەشلەر بەدىلىگە كەلگەن مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كوللېكتىپ پىكىر لايىھەسى تۈزۈپ، ئۇنى يۇقىرىدىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىيلەرگە يەتكۈزۈش دېگەنلەر بولسا، ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.ئاندىن زالىم ئالىملار كۆپ. خاتالىقنى، تەتۈرلۈكنى ئۇنىڭ خاتالىق ۋە تەتۈرلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى «زالىم ئالىم» دەيمىز. مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تەپرىقىچىلىق بىزدەك ساندا ئاز، قېرىنداشلىق ئورۇندا ياشاۋاتقان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بەجايىكى مەرەزنىڭ ئۆزى. بۇنى ئالدى بىلەن ئوقۇغانلار، مائارىپ كۆرگەنلەر، ئالىملار ئەڭ بىلىدۇ. بىراق ئالىملار ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مەھەللىۋازلىقنى باشلاپ قىلىدۇ: ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ستۇدېنت خىزمەت ئىزدەپ كەلسە، ئالدى بىلەن «سىز قەيەرلىك؟» دەپ سورايدۇ. يۇرتداش بولسا، تىكىلىپ قارايدۇ؛ يۇرتداش بولمىسا، دەرھال بېشىنى بۇرايدۇ. مەنمەنلىك، يېگانىلىقنى قوغلىشىش مەرىپەت بىلەن ئۇيۇشقان مەدەنىي بىر گەۋدە ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى. بۇنى ئالىملار بەك بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەمىشە «يېگانىلىق بىر ئاللاھقا خاستۇر» دەپ باشقىلارغا تەنبىھ بېرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقان ئىشى «مەنلا ئالىم بولسام باشقىلار ماڭا ئەبەدىي تالىپ بولسا» دېگەننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ھېكايە، بىر پېشقەدەم ئالىم بىمار بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. مەزكۇر ئالىمغا بۇرۇندىنلا چوقۇنىدىغان ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان بىر ياش زىيالىي ئېھتىرام بىلەن ئالىمنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەپتۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوقلاپ كەلگۈچىنىڭ «ئەسسالام!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان كېسەل ئالىم دەرھال يۈزىنى تام تەرەپكە ئۆرۈپ يېتىۋاپتۇ. يوقلاپ كەلگۈچى قانچە ئىززەت ۋە قانچە ئىكرام كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئالىم بىر نەزەرمۇ ئىلتىپات قىلماپتۇ. ئاخىرىدا كېسەل ئالىمنى بېقىۋاتقان ھەمراھ كىشى ئۆزرە بىلەن، يوقلاپ كەلگۈچىنى كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىپتۇ ۋە ئۇنى ئىشىكنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقىپ: «سىز يازغان ھېلىقى پالانى ئادەممۇ ئۇيغۇردىن چىققان بۈيۈك ئالىم، دېگەن ماقالىڭىزنى ئالىم تۈنۈگۈن كۆردى» دەپتۇ. ئاللاھۇ ئەكبەر! مەسىلە ئايدىڭ بولدىكى، مەزكۇر مۆتىۋەر ئالىم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ماختاشقا ئۆلسىمۇ رازى بولمايدىكەن. ۋاھالەنكى، بۇ جاھان ئىشلىرىنىڭ بىرلا ئەمەس، بەلكى بىر تۈركۈم داھىيلارنىڭ شەخسىيەتسىز ھەمكارلىقى بولغاندىلا ۋە بىرلا ئەمەس، بەلكى توپ ــ توپ ئالىملارنىڭ «مەن» دېگەن ئۇقۇمنى ئۇنۇتقان ھالدا، بىر گەۋدىگە «بىز» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئوتتۇراق كۈرەش قىلىشى بولغاندىلا، ئاندىن ئۇتۇقلۇق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بىلمىسە ئىدى، كاشكى!يەنە دېسەك، پالەچ ئالىملار تولا. ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان، «ئۇنداق قىلىش كېرەك، مۇنداق قىلىش لازىم» دەپ ئېغىزىدا قۇرۇق داۋراڭلا سالىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزى پائالىيەت قىلمايدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مىسال كەلتۇرەلمەيدىغان ئالىمنى «پالەچ ئالىم» دەيمىز. پالەچ ئالىملار ئەڭ ھەسەتخور ۋە چايان مىجەز كېلىدۇ. كىم ئەمەلىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلا باش كۆرسەتسە، ئۇلار مەزكۇرنى تونۇمىسىمۇ، قالايمىقان سۆزلەپ، زىيىنىغا باھالاپ، دەرھال تۇنجۇقتۇرىۋېتىشكە ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە ئورۇنىدۇ. ئۇلار بىر نەرسە بىلمەيدۇمۇ ئەمەس، ئانچە ــ مۇنچە بىلىدۇ. ئۇلار ئاز ــ تولا بىر نېمە بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا، سورۇن تاپسىلا كاسىلداپ، تۆت ئادەمنى ئېغىزىغا قارىتالايدۇ. بىراق، يېرىم چېلەك سۇ بەكرەك شالاخشىغاندەك، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى گېپى ھەممىدىن چوڭ، چەكلىك بىلىمى بىلەن چەكسىز لاپ ئاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈدىغىنى ئېغىزىدا دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچى ئالىملار. ئۇلار پەزىلەتسىزلىكتە زالىم ئالىملار بىلەن دوست تارتىشىپ، پىتنە ــ پاسات ئارقىلىق، ئەمەلىيەتچى، پائالىيەتچى ئالىملارنىڭ ئالدىنى ئويۇپ، كەينىنى كولاپ تۇرغاچ، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە تا شۇ كۈنگىچە ئەجدادلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغىدەك، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىنتىلدۈرگىدەك سەر خىل ئالىملار قوشۇنى شەكىللىنەلمەيۋاتىدۇ.ئىلىم ئەھلى ئىچىدىكى بۇ خىل ئەمەلىيەتتىكى مەرىپەتسىزلىك ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى پەزىلەتسىزلىك ئىللىتىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانغا ماس قەدەمدىكى مەدەنىيەت ساپاسى ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋىجدانغا ئۈندەش يولى بىلەن ئالىملىرىمىز ئىچىدىكى جىددى نۇقسانلارنى ئىمكان بار تېز پۇرسەتتە تۈزىتىش لازىم.ئىجىل ــ ئىناق بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشۇپ، بىر دىل، بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ھەر قانداق بىر ئالىم ئۈچۈن باش پەزىلەت. ئىناقسىزلىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى خاراكتېرى ئەمەس، ئۇ پەقەت ئەبگالىقنىڭ مەھسۇلى. ئەسلىدە ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر ئەجدادتىن تۆرەلگەن تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇرۇشقاق ئويغۇر ( oyqur) ئەۋلاد بولۇپ ياشاش نومۇس. بۇ زاكوننىڭ ھەقىقىتىگە چوڭقۇر چۆككەن ۋە ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئالىملار بىزدە يوق ئەمەس. ئالايلۇق، تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئابدۇكېرىم خوجايوپنى. ھېكايە، ئەقىدىلىك خەلق شائىرى، پەزىلەتلىك جامائەت ئەربابى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوپ قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرى ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئىدى. ئەل سۆيەر شائىر، تالانتلىق تەرجىمىشۇناس ئالىم مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ئىدى. تېيىپجان ئېلىيوپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ ئوڭ بولغان، باشتىن ـ ئاياغ ئۇيغۇر مۇھىتىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان زات ئىدى. ئابدۇكېرىم خوجايوپ بولسا، لەنجۇ شەھىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، دەسلەپكى شېئىر ـ قوشاقلىرىنى خەنزۇچە توقۇپ چوڭ بولغان كىشى ئىدى. تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇلار پەقەت مەرىپەتلىك ۋە پەزىلەتلىك زاتلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئوتتۇراق ئىستەك بىلەن ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمىشۇناسلىقى ساھەسىدە، ئۆمۈر بويى ئەقىدىداش سەپداش، ھەمنەپەس يولداش ۋە ئارزۇلۇق قولداش بولۇپ ئۆتكەن. ئۆز زامانىدا تېيىپجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئابدۇكېرىم خوجايوپقا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنى تونۇتقان ۋە ئۇنى دوستانە يېتەكلەپ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا ئۆگەتكەن بولسا، ئابدۇكېرىم خوجايوپ تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى «خەلق گېزىتى» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق گېزىتلىرىدە ئېلان قىلدۇرۇپ، تېيىپجاننى جۇڭگوغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان. شۇنداق قىلىپ، تېيىپجان تونۇلدى. ئابدۇكېرىم ئۇنتۇلدىمۇ؟ ياق! ئۇنىڭ مۇنداق ئەقىدىۋازلىقى ۋە مۇنداق ئالىيجاناپلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىشغال قىلدى. شۇندىن بۇيانەت ئۇيغۇر خەلقى تېيىپجان ئېلىيوپنى ئابدۇكېرىم خوجايوپ دېگەن مۇبارەك نام بىلەن بىللە زىكرى قىلىدىغان بولدىكى، مانا بۇ ـــ نەق پەزىلەتنىڭ نەتىجىسى.خەلق ئۆز ناخشىلىرىدا: «ئالىملار ئالەمنىڭ، ئىنساننىڭ جېنى، ئالىمنىڭ يەيدىغىنى خەلقنىڭ غېمى» دەپ تەرىپلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خەلقنىڭ ئالىملارنى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا شۇنداقلا بىر ماختاپ قويغىنى ئەمەس. بەلكى ئۇ چىن قەلبىدىن ئالىملارغا بەرگەن تەبىرى ۋە باھاسى. ئالىمى يوق مىللەت مىللەت ئەمەس. خەلقنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان ئالىم ئالىم ئەمەس. بىراق خەلقنىڭ غېمى ئۇنداق بىرلا ئالىم يەپ تۈگىتەلەيدىغان غەممۇ ئەمەس. شۇڭا خەلقنىڭ ئۆز ئالىمىدىن ئېھتىرام بىلەن ئالىدىغان بىرىنچى ئىمتىھانى «ئىناقلىق پەزىلىتى بارمۇ ـ يوق؟» دېگەندىن ئىبارەت. خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش يولىدا، ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بىر ـ بىرىنى قوللىشىپ، بىرسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىككىنچىسى تولۇقلاپ، ئىككىنچىسىنىڭ خاتاسىنى ئۈچىنچىسى توغرىلاپ ماڭىدىغان پەزىلەتلىك ئالىملارنى خەلق بەك تونۇيدۇ ۋە ئۇلارنى ئەۋلىيا كەبى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەبەدىي سۆيىدۇ! ئېغىزىدا دېگەننى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان ئەمەلىيەتچان، ئىش ـ ھەرىكەتتە باشچى، پائالىيەتچان ۋەكۈرەشچان بولۇش بىر ئالىم ئۈچۈن بۇرچ پەزىلەت. ئالىمنىڭ قىممىتى ئاداققىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قانداق دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھېكايە، بۈيۈك بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائى ئىبنى غىياسىدىن بەش ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنى سۆيۈندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىم. ئۇ ھېلىقىدەك ھايات ۋاقتىدا ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ كىتابلا يېزىپ، ۋاپاتىدىن كېيىن ئاندىن خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان زات ئەمەس. بەلكى ئاشۇ ئەقىل يېشىغا يېتىپ، ئىلمىي ئەمگەك ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئىشتىراك قىلغىنىدىن باشلاپلا خەلقنىڭ ئاپىرىنلىق قايىللىقى، سۆيۈنگەن كۆڭۈللەرنىڭ بىردەكلا مايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئەجداد ئىدى. ھىرات ئۇيغۇرلىرى، شۇنداقلا پۈتكۈل خۈراسان خەلقى ئالىم نەۋائىغا شۈ دەرىجىدە ئىخلاس قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر ھەرىكىتىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى شۈ دەرىجىدە شەرەپ بىلەتتىكى، بىر نۆۋەت نەۋائىنىڭ چىشى ئاغرىپ قېلىپ، بوغىزى بىلەن قوشۇپ ئىششىپ كەتكەنلىكتىن، كوچىغا چىققاندا، ئالىم بىر ياغلىق بىلەن بويۈن ـ بوغۈزىنى تېپىۋالسا، ئەتىسىدىن باشلاپ ھىرات ئاياللىرى شۇ تەرىقىدە بوينىغا ياغلىق چىگىۋېلىشنى مودا قىلىۋالغان. نېمە ئۈچۈن خەلق نەۋائىنى دوراشقا ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا شۇ دەرىجىدە ئامراق؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ زاتنىڭ ئەزەلدىن ئەبەتكە تىلى بىلەن دىلى ماس، گېپىدىن ھەرىكىتى ئايرىلماس بولۇپ، ئىلمىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرى بويىچە ئوخشاشلا ئەمەلىيەتچان ۋە پائالىيەتچان بولغانلىقىدا. خەلق بىلىدۇ، نەۋائى ئۆز زامانىسىدا ئادەتتىكى ھەرقانداق بىر پۇقراغا ئوخشاشلا قولىغا قورال ئېلىپ، ھىراتنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان. ئۇ ئاستىراباتقا ھاكىم بولغاندىمۇ، ئوردىدا ئەمىر بولغاندىمۇ، ئوخشاشلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھاكىميەتنى ئادىل سورىغان. كۇتۇپخانا قاتارلىق مەرىپەت ئەسلىھەلىرىنى بىنا قىلغاندىمۇ، ئالىملارنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ ئەنجۇمەن تۈزگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەمىشە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىگەن، ھامان ئۆزى پائالىيەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغان. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر پائالىيىتى ھۆرمەت بىلەن «ھايات بېغى» دەپ تەرىپلەنگەن. يەكۈن شۇكى، ئەمەلىيەتچانلىق مەرىپەت ئەھلىنى قىممەتلىك ۋە ئەزىز قىلىدۇ. پائالىيەتچانلىق ۋە كۈرەشچانلىق ئالىمنى خەلق قەلبىدە مۆھتەرەم ۋە ئۇنتۇلغۇسىز قىلىدۇ! ئەلۋەتتە بىز چوڭلار، دادا ۋە ئانا زىيالىلار ئۆزلىرىمىزدىكى پەزىلەتسىزلىكنى تۈگەتكەندە، ئاندىن گېلىمىزنى قىرىپ تۇرۇپ، بالا زىيالىلارغا، خۇسۇسەن مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئىز باسارلارغا تەربىيە قىلساق ئۈنۈمى بولىدۇ.پىشقەدەملەرنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكى ئاشۇ مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەكىلەلمەي ۋە ئۇلارنى مەكتەپتە تۇرغۇزالماي، بالىلارنىڭ قاششاقلىقىدىن غەزەپ پەيمانىسى تولغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بەزەن بالىلارنى مەكتەپكە باغلاپ ئەكىلىپ، سىنىپقا سولاپ قويۇپمۇ باققانىكەن. زامان ئېلېكتېرون دەۋرىگە كىرگەن 90 ـ يللارنىڭ ئاخىرى بولمىش مۇشۇ چاغلاردا، توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جېڭىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ بالا يىغىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا ـ ئېشەكلىرىنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق نېمە ؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سورىغىمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ مەرىپەت ئوچىغى بولغان ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئەھۋاللار ئادەمنى تېخىمۇ چۇچىتىدۇ: «قانداق قىلارمىز؟» دەپ يازىدۇ ئەلەم بىلەن بىر ئاقكۆڭۈل ستۇدېنت ـ «ئادەمدە قىزىقىش بولىدۇ. مەنمۇ چەتئەل تىلىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم. شۇڭا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن يىلىلا ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم. كۇرسانتلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ئىدى. «نەقەدەر تىرىشچان ستۇدېنتلار بۇ ــ ھە!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئوقۇتقۇچىمىز ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، دەرسنى ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەيتتى. ھەر قېتىم كۇرستىن تولىمۇ خوشال چىقاتتىم. ئەگەر مۇشۇنداق ماڭىدىغان بولساق، ئىككى يىلدىلا ئىنگلىز تىلىدا ئوبدانلا سەۋىيەگە يېتىپ قالاتتۇق. بىراق كۇرستىكى قىزغىنلىق كەيپىياتى ئۇزاققا بارمىدى. دەرس باشلىنىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، سىنىپتا بەشلا كۇرسانت قالدى….. شۇنداق قىلىپ كۇرس تاقىلىپ قالدى. ئەمدىلا ئېچىلغان كىتاب يەنە يېپىلدى. توۋا دەيمەن، بۇ دۇنيادا يەنە بىزدەك دۆت ئادەم بارمىدۇ؟ كىتاب ئوقۇ دېسە، بېشىمىز ئاغرىيدۇ. ئويۇن دېسە دىلىمىز يايرايدۇ. تېخى بەزىلىرىمىز «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس!» دەپتىكەن دەپ، ياشلىقىمىزدا ئوينىۋالايلى، دەيمىز. ئاتا ـ ئانىمىز بىزنى ئۇنىۋېرسىتېتقا مەرىپەتتىن گۈل قىسىشقا ئەۋەتكەنمۇ ياكى ئويۇندىن گۈل قىسىشقىمۇ؟ مەن تەييار تارقاتقان كىتابنى سېتىپ كىيىم ئالغانلارنى كۆردۇم ــ يۇ، كىيىم سېتىپ كىتاب ئالغانلارنى تېخىچە ئۇچراتمىدىم…… ئۆتمىشنى ئاران تولدۇرۇپ ئالغان باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بىلەن مۇكەممەل ئىگىلەنمىگەن بىرلا كەسىپ بىزگە قانچىلىك ئەسقاتار؟» («مايبۇلاق» ژۇرنىلى 96 ـ يىللىق 3 ـ سان 83 ـ بەت.)ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، ھەر يىلى يۈزمىڭدىن ئارتۇق پەرزەنت ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدىغىنى ئون نەچچە مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرغا نېسىپ بولىدىغىنى پەقەت بىر نەچچە مىڭلا. ئەسلىدە شۇ بىرنەچچە مىڭ پەرزەنت بىر قانچە ئون مىڭغا تېتىغىدەك ئوقۇغاندا، ئاندىن ئۇلارنى ئۈمىدلىك ئەۋلاد دېسەك، سۆيۈنسەك بولاتتى. مىڭ ئەپسۇس، كۆپ تەرەپلىمىلىك گىرەلەشكەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بۇ ئەۋلادنىڭ خېلى بىر قىسىمىدا مەۋجۇد مەرىپەتسىزلىك ئادەمنى ھەسرەتتە تىتىرىگەن لەۋنى تەئەججۇب چىشى بىلەن چىشلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ستۇدېنتنىڭ يازغىنى راست. ئۇلار ئاشۇنداق «ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىرت قىس» دەمدۇ، «تۇرمۇش دېگەن ئەل ئاجايىپ بىر ژۇرنال، بۇ ژۇرنالدا باش ماقالا پۇل ۋە مال» دەمدۇ، ئەيتاۋۇر بۇ چاغقىچە نەشىر قىلىنغان لۇغەتلىرىمىزدىن تاپقىلى بولمايدىغان غەلىتە ماقال ـ تەمسىللەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئوينىۋېلىشقا، خەجلىۋېلىشكە رىغبەتلەندۈرىشىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىشتە ئەمەس، كۆپىنچە كىيىم كىيىشتە، مودا قوغلىشىشتا بەسلىشىدۇ. چەت ئەل تىلى كۇرسلىرىغىمۇ مودا قوغلىشىپ بىر نەچچە ھەپتىلىك كىرىپ قويۇشىدۇ، خالاس. كىچىك ئۇنئالغۇنى يانچۇققا سېلىپ، ئاڭلىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ قويۇپ، ئېغىزىدا ماغزاپ قەنت چايناپ تۇرۇپ، ئايانچلىق قەدەم بىلەن يۇرۇشلىرى ئەمەلىيەتتە ستۈدېنتلىق ئوبراز مودىسى. شۇ قىياپەتتە كۆپلىرىنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى چەتئەل تىلى ئەمەس، بەلكى بەل تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىسى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ تىلىنى، ئۆزىنىڭ تارىخىنى، ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ تۇرۇقتا ئۆگىنىۋاتقان كەسپىنى بىرىنچىدىن بىلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن مۇتلەق سۆيمەيدۇ. ئەدەبىيات دېسە، مۇپاسساندىن گەپ باشلايدۇ؛ تارىخ دېسە، ئەرەبلەرگە نەزەر تاشلايدۇ؛ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق دەۋر قايسى دېسە، بېشىنى قاشلايدۇ. ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىدىكى غەلىتىلىككە نورمال ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى مىسال كاللامدىن زادى كەتمەيدۇ. ھېكايە، 1995 ـ يىلى ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە، بىر نەچچە قېتىم بالىلار بىلەن مۇشتلىشىپ قەستەن جېدەل چىقارغان، قايتا ـ قايتا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر نەچچە ئاي قالغاندا، مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىۋېتىدۇ. غەلىتىلىك شۇكى، ئاشۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇغان پۈتۈن بىر سىنىپ جەمئىي ئوتتۇز نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇدا ئۈچ كېچە تاڭ ئاتار ئولتۇرۇشى قىلىپ، مەزكۇر قوغلاندى بالىنى خۇددى غالىپ گېنېرالنى پېنسىيىگە ئۇزاتقاندەك داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا مىللەت مەكتەپداشلار: «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىسا، ئۇلار خاتىرجەم ھالدا: «ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىق دېگەن ئەل ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى مۇشۇنداق قەدىرلەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ يىلى بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب تىلى پاگۇلتېتىدا ئوقىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەتئي توسۇپ، قايتا ـ قايتا تەربىيە بەرگىنىگە پىسەنت قىلماي، «ئەرەب تىلى ئوقۇغاننىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوقكەن. بىز قايتىپ كېتىپ، ئۇيغۇرنىڭ سەككىز مىڭ يىللىق تارىخىنى ئون بەش توملۇق كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىمىز» دەپ، مەكتەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا كەتكەن. ئۇلار يۇرتىغا قايتىش ئالدىدا، پايتەختتە ئوقۇۋاتقان يۇرتداشلىرىنىڭ بىر مۇنچە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرىشىغا ۋە كاتتا رېستۇراندا ئولتۇرۇش ياساپ، قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.» خۇدا، بەندەڭنى ئوڭ قىل! ئۇنداق ئىلىم شارابىنى تۈزۈك ئىچمەي، پىيۋە ئىچىپ زابوي بولۇپ قالغان ئادەملەر ئون بەش توملۇق تارىخ ئەمەس، ئون بەش بەتلىك چۆچەكمۇ يازالمايدۇ. بۇ گەپنى قىلغان ئادەم مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھېلىقى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى تاشلاپ كەتكەن ئىككى بالا ئۇنىڭ يۇرتدىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى ھازىر كالا ئېلىپ بورداپ سېتىپ، بورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. يەنە بىرسى بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان زاسۈيپەز ئاغىنىسىگە ياللىنىپ، «كېلىڭلار، مېھمانلار كېلىڭلار، يېڭى كاللىنىڭ شورپىسى چىقتى، كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىراپ پورداقچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ.بىلىشىمزچە، زاڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئوتتۇز نەچچە يېرىدە ئېچىلغان مەخسۇس مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنىۋاتىدۇ. زاڭ مىللىتى پەرزەنتلىرى ئىلىمغا زوقمەن، مەرىپەتكە ھېرىسمەن، تۇرمۇشتا رەتلىك، مۇناسىۋەتكە ئەپلىك بولغاچ، ئۇلارنى تەربىيلەشكە ئامراق مەكتەپلەر يىلسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز بولسا، بارغانلا يېرىدە «پولو ئېتىپ بېرىسەن. گىردە يېپىپ بېرىسەن» دەپ، مەكتەپ ئاش ـ تاماق بۆلۈمىنى تەڭقىسلىقتا قويغاچ؛ 9 ـ ئاي كەلسىلا، «ئوقۇشقا كىرىش تەلىم ـ تەربىيىسى قىلدۇق» دەپ، كونا بالىلار يېڭى بالىلارنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ، ئۆزىگە ئالدۇرغان ھاراقنى ئىچمەيمەن دېسە ئۇنىماي كانىيىغا زورلاپ قويغاچ؛ ھېيت ـ بايرام بولسىلا، ئاشۇ يات دىيار، ياقا يۇرتلاردىمۇ، سەن شىماللىق، مەن جەنۇبلۇق، ئۇ غەربلىك، بۇ شەرقلىق دەپ بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا مۇشتلىشىپ، بىر ـ بىرىنىڭ باشلىرىنى يېرىشىڭ، مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىنىڭ بايراملىق ئارامىنى بۇزغاچ، خېلى ساندىكى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار «ئۇيغۇردىن دات، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىنىپى ئاچقاندىن پەندىيات!» دەۋېتىپتۇ. دەرىخا! ئاڭلىسام، مۇشۇنداق تۆقى ـ لەنەتلىك ئەھۋالىمىزنى كۆرگەنلەر بىر ـ بىرىدىن: «ھوي، بۇلار راستىنلا ئاشۇ تارىختىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياكى شۇ نامنى سۇيئىستېمال قىلىۋالغان يارىماسلارنىڭ يارىماسلىرىمۇ؟!» دەپ سوراۋېتىپتۇ!ئۇيغۇردا: «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دەيدىغان ماقال بار. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سەردارلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئىگىلىرى. ئۇلارنىڭ يۈرىكى ھېچنەرسىنى تۇيمايۋاتامدىغاندۇ، ئەجەبا! بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن، ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتىك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخى بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق. ھېكايە، مەن پۇرسەت بولۇپ، 96 ـ يىل 10 ـ ئايدىن 97 ـ يىل 6 ـ ئايغىچە، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋئرسىتېتىدە زىيارەتچى ئالىم سۈپىتى بىلەن «كلاسسك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى» (ئۇسۇلۇددىن) قاتارلىق دەرسلەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم، ئەلھەمدۇ لىللاھ. تەكشۈرۈپ بىلگىنىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم شۇ بولدىكى، شۇ تاپتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىسلام دىنى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات مەركىزى بولغان بۇ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئاتمىش نەپەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بارىكەن. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇڭگان مىللىتىدىن بولۇپ، سەككىز مىليونلۇق جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىن بىرسىگىمۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە ئىجازىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇش نېسىپ بولماپتۇ!؟دىن دېمەك ئىلىم دېمەكتۇر. شۇڭا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرى مەخسۇس دىن تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، خاس ئالىملارنى ئاجرىتىپ، تۈرلۈك دىنلار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى مۇكەممەل ئىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە دىندۇر. ھالبۇكى تەتقىقات نۇقتىسىدىن بولسىمۇ مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئىسلام دىنى نەزەرىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئاڭ ـ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تۇتىۋاتقان ئورنىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئوبدان بىلىش كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئىلىم بىلەن زامانىۋى پەن ئىلىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلمىي ھالدا چۈشىنىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ئاڭلىق قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى مەرىپەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان زۆرۈر ئىش!ۋاھالەنكى ئۇيغۇردا ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى نەزەرىيىسىنى پىششىق بىلىدىغان مەرىپەتلىك ھەم پەزىلەتلىك ئۆلىما كۆپ بولمىغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم ـ پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلەرنى پەننى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا. ئاتالمىش دىنىي زاتلار باش بولغان ھالدىكى، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشسىز قېلىۋاتقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ئىلىمسىز قېلىۋاتقىنى بىلەن كارى بولماي، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىنى سەرپ قىلىپ ئىككى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىش مۇسابىقىسى خەلق ئىقتىسادىنى ھالسىراتماقتا. قېنى قايسى ئۆلىما چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ: قايسى ئىسلام تەلىماتىدا، نەدىكى كلاسسك ئىسلام كىتابلىرىدا، ئۆزى ئىلىمسىز كۆزى ئوچۇق قارىغۇ ياشاپ ئۆتكەننى ئاز دەپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتماي، شۇ پۇلنى خەجلەپ مەككىنى ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆت قېتىم ھەجلىسۇن دەپتۇ؟! ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى كەم دېگەندىمۇ ئون مىليون يۇەن پۇلنى بايلىقىدىن ئالتۇننى سىغدۇرىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەزىنىسىگە بىھۇدە تاپشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئۇنىڭ بەدىلىگە يىلىغا نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنت پۇل بولمىغانلىقتىن مەكتەپتىن قېلىۋاتىدۇ؛ مەكتەپتىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنت بولسا، پۇلسىزلىقتىن يىرتىق ئىشتان كىيگەن كۆتىنى خام كېسەككە قويۇپ ئولتۇرۇپ، دوسكىغا چالما بىلەن خەت يىزىۋاتىدۇ. مانا بۇ ـــ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇز بېرىۋاتقان ئەنئەنىۋى تراگېدىيە!مەرىپەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك ئۇيغۇرنى يېڭى قالاقلىق گىردابىغا سژرەۋاتىدۇ، ئى ئالىملار!قاششاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك ئۇيغۇرنى ئەمەلىي گادايلىق تېمىغا يۆلەۋاتىدۇ، ئى ھاجىملار!ھەممە بىلىدۇ، ئۇيغۇردا پۇل بار، مال بار، بايلىق زاپاس ـ زاپىسى بىلەن بار. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، راستچىللىق بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باي مىللەت قاتارىغا كىرىدۇ.ئۇيغۇردا ئەقىل بار، پەم ـ پاراسەت بار، زېھنى ـ زۇكاۋەت بار. تەڭرى تېغى گۇۋاھ بولۇپ، تارىخ داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېگەن تۆھمەت ئۇيغۇرغا ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئەمەس يار.بىراق بىلمەك كېرەككى، مەرىپەتسىزلىك ھەرقانداق باي مىللەتنىمۇ ئاخىرىقى ھېسابتا قول ـ ئىلكىدە يوق قىلىپ قويىدۇ. پەزىلەتسىزلىك ھەر قانداق ئەقىللىق مىللەتنىمۇ ھامان بىر كۈنى دەلتە، كاللىسى قۇرۇق قىلىپ قويىدۇ!سەن بىلمىگۈچى ئەمەس. قەدىمىي تارىم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر بىلەن بىللە گۇللەنگەن. شۇڭا، تارىم دەرياسىنىڭ ئول زاماندىكى نامى «ئۇغۇرداش» يەنى «ئۇيغۇر ئېقىنى، ئۇيغۇر دەرياسى» ئىدى. (ئالىم ئىمىن تۈرسۈن ئەپەندىم يازغان «تارىمدىن تامچە» گە قاراپ) سەن كۆرەلمىگۈچىمۇ ئەمەس. بۈگۈن يېڭى تارىم مەدەنىيىتى چېچەك ئېچىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. شۇڭا پۈتكۈل تارىم ۋادىسى ساڭىمۇ ئۈمىدلىك ۋە تەلەپچان كۆزلىرىنى بېقىپ يېتىپتۇ. ھالبۇكى سەنمۇ ئويغىنىپ، ئەجدادىڭدىن ئۇدۇم جاسارىتىڭنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، سۆيۈملۈك ئانا يەر تارىمنىڭ چېكىسىگە مەرىپەتتىن گۈل تاقامسەن ياكى ئەزىم دەريا تارىمنىڭ سۈيىگە غەرق بولۇپ مۇڭلۇق ئاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!

1 ـ ئەقىدىسىزلىك

ھەركىم بىلىدۇكى، ئىنسان ― تەن (بەدەن) بىلەن روھ (جان) دىن تۈزۈلگەن مەخلۇق. روھ بولمىغان بەدەن بەجايىكى بىر قۇرۇق جاھازدۇر. ئەمدى ئەقىدە بولسا، ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئەقىدىلىك ئىنسانلا، ئاندىن يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقى ئىنسان سانىلىدۇ.
ئەقىدە يەككىلىك دۇنياسىنىڭ ھاسىلى ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇق ئالەمىنىڭ مۇبارەك مەھسۇلاتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىدە ھېچقانداق بىر شەخسكە تەئەللۇق خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئومۇمغا، كوللىكتىپقا ئورتاق بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇنى كۈندۈزدىكى پارلاق قۇياشقا، كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشاتسا بولىدۇكى، ئەقىدىلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇ قۇياش ۋە ئاشۇ ئاينىڭ سېخى نۇرى بىلەن ھەمىشە يورۇق تۇرىدۇ. ئەقىدەنى پەقەت كۆپۇل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان خاسىيەتلىك رىشتە دېسە بولىدۇكى، ئەقىدىلىك مىللەتنىڭ قەلبى ئاشۇ خاسىيەتلىك رىشتە شاراپىتىدىن بىر ـ بىرىگە ھەر دايىم چىڭ باغلانغان بولىدۇ.
ئەقىدە ― سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئۆز ئارا بىر ـ بىرىمىزگە ئىشىنىشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزگە چىنپۈتۈشىمىزنى، بىر ـ بىرىمىزنى ئۆز ئارا قوللىشىمىزنى مىزان يادروسى قىلىدۇ. ئۇ ـ سەن، مەن، ئۇ، يەنى بىزنىڭ ئوتتۇراق ئىستەك، ئوتتۇراق غايىمىزنى كۈرەش نىشانىسى ۋە مەقسەت مەنزىلى قىلىدۇ. ئەگەر سەن ماڭا ئىشەنمىسەڭ، مەن قوپۇپ سەندىنمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ گۈمانلانسام، بىز ئۇچىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تەئەللۇق ئىشتا، ئۇچىمىز ئىشنى ئۇچ تەرەپكە تارتساق، تەبىئىيكى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەجەللىك يېرى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سەن بىزگە تەئەللۇق مەنپەئەت باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، سەن بىز بولساق، ھەقلىق نېسىۋىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ روۋۇك پېتى قېلىۋېرىمىز.
ئەڭ مۇھىمى، ئەقىدە ئىنسانىيەت مۇئەييەن توپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈن بىر خىل يۈكسەك ئەقىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز زامانىسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەب مىللىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ماركسىزم بولسا، پرولىتارلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ئۇل قىلىپ بەرپا قىلىنغان. دەرۋەقە كېيىنچە، مىللەت ئايرىمىسى خىلمۇ خىل بولغان قەۋملەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبلەرنىڭ توغرا يولغا يۈزلىنىشى ۋە ئىسلاھاتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بەزىلىرى قىلىچتىن قورقۇپ، بەزىلىرى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئەرەبلەرگە ئەقىدىداش مۇسۇلمان (ئىسلامغا ئەقىدە قىلغۇچى) لاردىن بولغان. ئۇيغۇرلارمۇ شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ.
بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ» دېگەن زامانلاردا، مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى ـ تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرىمۇ كاززاپلىق. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەزان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ قۇلىقىغا مۇشتلاپ، ھاياتىي كۈچى بار ئۆمرىنى ئاۋام خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرگىنى، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئاۋامنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ يۈرۈپ توپلىغان پۇل بىلەن مەككە ـ مەدىنەنى تاۋاپ قىلىپ «ھاجى ھەرەم» بولىۋاتقانلىقى شاھىت. ئۇلارنىڭ «مەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كادىرمەن» دېگىنى ئالدامچىلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆز خەلقى ئۈچۈن يورۇيدىغان ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم. ئۇيغۇرلار قەلبى ئەقىدە چىرىغىدىن مەھرۇم ئادەمنى «كۆڭلى قارا ئادەم» دەيدۇكى، قارا كۆڭۇل ئادەملەرنىڭ دىلىدا زۇلمەتكە غەرق بولغان يېگانە «مەن» دىن ئۆزگە ھېچكىم بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈنى ئەمەتنى قانداق يىقىتىش، سەمەتنى قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ـــ ئۇيغۇرغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ. مانا بۇ ــ 21 ـ ئەسىرگە كىرىش ئىشىكىدە تۇرغان بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولىۋاتقان ئەھۋال!
دەرىخا! پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، ئەقىدىسىز ئەلدە شەخسىيەتچىلىك يامراپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلدە، گۇمانخورلۇق، ساتقىنلىق قايناپ كېتىدۇ. ئەقىدىسىز ئەلنىڭ شانلىق تارىخىمۇ، پارلاق ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ.
كېلەچەكشۇناس ئالىملارنىڭ گويا بىردەك قارىشى شۇكى، 21 ـ ئەسىر پەن ـ تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان، مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققى قىلغان، دېموكراتىيە يۈكسەك تەرەققى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پەن ـ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىقابەتمۇڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئەسىر بولىدۇ. 21 ـ ئەسىردە كىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىسى ئۇستۈن، كىمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ كۈچلۈك بولىدۇ. كىم ئۆز مىللىتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئىلغار ئەقىدىگە ئىگە بولسا، شۇ مۆھتەرەم، شۇ ئېتىبارلىق بولىدۇ.
سەنمۇ ئادەم ئاتامنىڭ ئەۋلادى، سەنمۇ ھاۋا ئانامنىڭ يۈرەك باغرى، ھالبۇكى سەنمۇ ئۆزەڭنى قەدىرلە، ئۆزەڭنى سۆي، ئۆزەڭگە ئىشەنچ قىل. بىلگىنكى، ھەرقانداق مەۋجۇدات مۇئەييەن قىممەت بىلەن قەدىرلىك. ئىنسانمۇ شۇنىڭغا تەئەللۇق. سېنىڭ قىممىتىڭ بولسا قەدىرلىك يارسەن، ئەگەر قىممىتىڭ بولمىسا، قەدىرسىز خارسەن. قەدىرسىزلىك، خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس! شۇنداق ئىكەن، قەددىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق، قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق! مانا بۇ ـــ نۈسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى، غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى.

دوپپاڭنى ئالدىڭغا ئەپقويۇپ تۇرۇپ، ئوبدان ئويلان، ئەبگا!

2 ـ ئىناقسىزلىق ۋە ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىق

ئادەمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى،
ئانىكىم خەلق غەمىدىن يوقتۇر غەمى.

― ئەلىشىر نەۋائى

ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنچە ياۋاش ۋە مۇنچە ساددا بولۇشى ئۇلارنىڭ ھەمىشە قوي گۆشى يەيدىغان ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يەر شارىدا ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۇنىڭدىكى سۇ، ھاۋا ۋە كۈن نۇرى قاتارلىق تەبىئى مۇھىت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تەبىئى مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكانلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇد. مەسىلەن، تاغلىقلاردا تاغ پىسخىكىسى، چۆل ـ باياۋانلاردا ياشايدىغانلاردا چۆل پىسخىكىسى، دەريا ـ دېڭىز بويلىرى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنى ماكان قىلغانلاردا بولسا، شۇ كونكرېت مۇھىت شەكىللەندۈرگەن خاس پىسخىكا بولىدۇ. ئەمدى كۈندە ئۇچ ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىكى پەرقلەرمۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئىزلارنى قالدۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجازەت بەرگەن ئاچا تياق جانۋار كالىنىڭ گۆشىنىمۇ «تەبىئىتى سوغۇق، ئادەمگە سوغۇق كېلىدۇ» دەپ يەكلەپ تۈزۈك يېمەيدىغان، يىل ئون ئىككى ئاي ئاساسەن قوي گۆشى بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ئۇيغۇرغا قوي مىجەزىنىڭ سىپىپ قېلىشىمۇ ئابايقى گەپ. بىراق خۇدا بىلىدۇ، ئەبگا ئۇيغۇرغا ئاشۇ جانۋار قوينىڭ ئەڭ مۇبارەك خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدىغان ئۆملۈك، ئىناقلىق خىسلىتىنىڭ مۇتلەق سىڭمىگەنلىكى ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئالايلۇق، تۆت توڭگۈزنى باققىلى ئېلىپ چىقسا، ئېغىلدىن چىقىپلا تۆتى تۆت تەرەپكە پىتىراپ كېتىدۇ. بىراق ئوتتۇز قوينى بىر كىچىك بالا دەلنەزى باقالايدۇ. چۈنكى قوي دېگەن بىر ـ بىرىگە ئەگىشىدۇ، توپ ئوتلايدۇ. ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، نىسبەتەن چېچىلىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ئەگەر بۆرىنىڭ ۋەھىمىسىنى سەزسە، دەرھال «دۈررىدە» كېلىپ، بىر جايغا مەھكەم توپلىشىۋالىدۇ ــــ شۇ يۇۋاش، ساددا قويمۇ ئۆم بولۇپ، ئۇيۇشۇپ تۇرۇپ، بۆرىنىڭ ھۇجۇمىنى تار ـ مار قىلىدۇ! بىراق ئەبگا ئۇيغۇردا ئۆملۈك، ئىناقلىق ھۇجەيرىسى كەم ياكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچ، ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆملۈكتە ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە خۇددى توپتىن ئايرىلغان قوي بۆرىگە يەم بولغاندەك تەقدىرگە ئۇچراڭلا تۇرىدۇ.
تارىخ كىتابلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك ئالغا كېتىۋاتقان ئات ئۈستىدە مەزمۇت ئولتۇرۇپ، گاھى ئاتنىڭ قورسىقىغا شۇڭغۇپ تۇرۇپ، ئوقيانى ئالدى تەرەپتىكى نىشانغا قانداق دەل تەككۈزسە، بەل ئۈستىنى «شاپپىدە» كەينىگە بۇراپلا ئوق ئۈزۈپ، ئارقا تەرەپتىكى دۈشمەننىمۇ تىك موللاق چۈشۈرىدىغان جەڭگىۋار مىللەت ئىدى دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆم ـ ئىناقلىقى ھەققىدىمۇ مۇنداق بىر يارقىن رىۋايەت ئەلمىساقتىن بۇيان، ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا، كىتابتىن ـ كىتابقا كۆچۈپ، داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ: «ئۇيغۇرنىڭ مەئناسى بارچەغە مەلۇم ياپۇشقۇچى مەئناسىدادۇر. مەسىلەن، ئايتەلەر سۈت ئۇيۇدى دېپ. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىندىن ئايرىلە ئىدى. قاتىق بولغاندان سوڭ بىرى بىرىنە ياپۇشدى ۋە دەخى ئايتەلەركى ئىمامغە ئۇيۇدى. ئىمام ئوتۇرسا ئوتۇرار، تۇرسا تۇرادۇر بەس، ياپۇشقانى بولماي مى؟ ئانلار كەلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتەكىنە قوللارى ئىلەن مۇھكەم ياپۇشقاچ، خان ئانلارغە «ئۇيغۇر» دەدى، ياپۇشقۇچى دېگەن سۆزدۇر» («ئۇيغۇر» نىڭ مەنىسى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، «يېپىشقۇچى» دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، سۇت ئۇيۇدى دېگەنگە ئوخشاش. سۇيۇق ھالدا بىرسى بىرسىگە ھىملەشمەي تۇرغان نەرسە، قاتقاندىن كېيىن بىر ـ بىرىگە يېپىشىدۇ. يەنە تېخى «ئىمامغە ئۇيۇدى» دېگەن گەپمۇ بار. ئىمام ئولتۇرسا ئولتۇرىدۇ. تۇرسا تۇرىدۇ، بەس. مانا بۇ يېپىشقىنى بولماي نېمە؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشقاچ، خان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن. بۇ «يېپىشقۇچى» دېگەن سۆزدۇر.) [ قاراڭ: ئەبۇلغازى بەھادىرخان يازغان «شەجەرەئى تۈرك» (تۈركىي خەلقلەر شەجەرىسى) 11 ـ بەت، قازان ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى 1891 ـ يىل نەشرى ]. دېمەككى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۆم ـ ئىناق بولغاچ، «بىر ـ برىگە يېپىشىپ ئۇيۇيدىغان»، «ئۇيۇشقاق خەلق» مەنىسىدە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئام ـ ئىناقلىق ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پەزىلىتى ۋە يۈكسەك خىسلىتى ئىدى. ئۇزاق قەدىمدىكى ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆم ـ ئىناق ۋە ئۇيۇشقاق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق جەڭگىۋار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇيۈك قاراخانىيلار زامانىسىدىكىدەك شانلىق مەدەنىيەت دەۋرىنى بەرپا قىلالىغان.
ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، خېلى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتلىرىنى ئوراپ تۇرغان تەكلىماكاندىكى قۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى سىڭىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۆملۈك، ئىناقلىق ئەنگۈشتىرىنى يوقىتىپ قويغان. نەتىجىدە تەدرىجى ئەبگالىشىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆزئارا ئۆم ـ ئىناقلىقتا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ــ بىرىنى قوللىشىش بىلەن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزئارا ھەسەتخولۇق قىلىش، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش، بىر ـ بىرىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش، كادىرى پۇقراسىنى ئالداش، شەھەرلىكلىرى يېزا ـ سەھرالىقلىرىنى گوللاش، مەست بولغاندا ھال ئوقۇپ دەرتلىشىش، يېشىلگەندە بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەستلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.
يەككە ـ يەككە ئىناقسىزلىقنى ئازدەپ، توپلىشىپ ئىناقسىزلىق قىلىشنىڭ مودا بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! ئالايلۇق، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىي قىلىپ تازا قىيامىغا يەتكەن بىر جاھىل ئىللەت. ئۇنى «ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز ئارا قوللىشىش» دەپ پەدەزلەۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت!
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان مىللەتلىرى تېخى رەسمىي مىللەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن چاغلاردىكى ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنىڭ قالدۇقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىق ۋە قاششاقلىق ھارۋىسىنىڭ ئەبجەق جابدۇقى. ئىپتىدائى مەھەللىۋازلىقنى دۇنيا مىللەتلىرى ئۆز ئېڭىدىن چىقىرىپ تاشلىۋەتكىنى نەۋاخ؛ بىز ئۇيغۇرلار ئۇنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىمىز تىخى باشتىن ئاياغ. يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدا، «شىماللىق» ۋە «جەنۇبلۇق» دەپ ئىككىگىلا ئايرىش بار ئىدى. ھازىر جەنۇبلۇقلار يەنە ئاقسۇلۇق، كاشغەرلىك ۋە خوتەنلىك دەپ ئايرىلىدىغان، كاشغەرلىكلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن قاغىلىقلىق، پوسكاملىق ۋە يېڭىسارلىق دەپ تۈرلىنىدىغان بولىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش بۇرۇن ئاۋاملار ئارىسىدا كۆپرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭغا باھانە كۆرسىتىپ: «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئاڭ ــ سەۋىيىسى تۆۋەن» دەيتتۇق. ھازىر بولسا، بۇ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ دەۋران سۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى، بۇنىڭغا نېمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمىزكىن؟ بولدى، باھانە كۆرسەتمەيلى، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېچىپلا دەيلى ــ بۇ دەل قىسمەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ئەبگالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى!
زىيالىلار قوشۇنى ئىچىدىكى مەھەللىۋازلىق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ، قۇسقۇسىنى كەلتۇرىدۇ. ھېكايەت، مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىر بۆلۈمىگە يۇقىرىدىن بەش شىتات بېرىلگەن بولۇپ، ھايت ــ ھۇيت دەپ بولغىچە، بۆلۈم باشلىقى ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان ئۇچ ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان. نەتىجىدە ئاممىنىڭ بۇنىڭغا پىكرى چىققان، چوڭ باشلىقنىڭمۇ سەل خۇيى تۇتقان. شۇڭا بەشىنچى شىتات ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇ بۆلۈم خىزمىتىگە تازا باب كېلىدىغان، بىراق بۆلۈم باشلىقى بىلەن يۇرتداش بولمىغان بىر ياشنى بەرگەن. ئۆز كەسپىگە ماس خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بۇ ياش بۆلۈمگە ئەتىگەن كېلىپ، كەچ قايتىپ، خىزمەتلەرنى شۇنچە جانپىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، بۆلۈم باشلىقى تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۈرۈپ، ئۇنى سېسىق گەپلەر بىلەن ئەيىبلەپ خاپا قىلغان. بۇنى ئاز دەپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدېدىلا بۆلۈمنىڭ بۇلۇڭىدىكى تۈكۈرۈك قاچىسىنىڭ لېۋىگە قوندۇرۇپ ساپ ـ سېرىق خەپرۈك تۈكۈرۈپ، ھېلىقى غەيرى يۇرتداش ياش بالىنى «تۈكۈرۈك قاچىسىنى يۇيۇپ كىر» دەپ بۇيرىغان. ياش بالا ئۇن ـ تىنسىز ئۇنى يۇيۇپ كىرگەن. يەنە بەش ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۆلۈم باشلىقى ئۇ ئىپلاس قىلىقىنى يەنە تەكرارلىغان. غەيرى يۇرتداش ئۇيغۇر ئاشۇنداق خارلانسا، يۇرتداشلار بىر تەرەپتە «خىر ـ خىر» كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۆلۈم باشلىقى مەزكۇر غەيرى يۇرتداش بالىنى دوكلات يېزىپ، باشقا بۆلۈمگە يۆتكېلىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن باشقىلار ئۇ بۆلۈم باشلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، جانابى بۆلۈم باشلىقى ھېچبىر خىجىل بولماستىن: «نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈمگە باشقا يۇرتلۇقلار زادىلا سىغمايدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بىر ئۇرۈمچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئىككى يىل ئوقۇب بولغاندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسېرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بىر ماۋزۇنى سۇنغان. ئۇستازى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە يازىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «خەقلەر، مەھمۇد كاشغەرى، مەھمۇد كاشغەرى، دېسە، قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى كاشغەرلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇرۈمچىلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭسىزمۇ شىماللىق ئۇيغۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ نامايەندە شېئىرى «تۈگىمەس ناخشا» نى جەنۇبلۇق شائىرلار «ئۇ شېئىر ئەمەس، بەلكى ئىككى ئېغىزلا گەپ» دەپ قەستەن چۈشۈرۈپ ماقالە يازىدىغان، جەنۇبلۇق ئالىم موللا مۇسا سايرامى ۋە نىم شەھىد ئارمىيە ئېلىلەرنىڭ تۇپراق بېشىغا بولسا، شىماللىق ئەدىبلەر يولاپمۇ قويمايدىغان ئەھۋال بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا غەيرى ھال ھېسابلانمايدىغۇ؟!
دەرۋەقە، يۇرتداشلار بىر يەرگە كەلسە، ھېلىقى تونۇش تار كوچىنىڭ دوقمۇشى ۋە ھېلىقى دوڭغاق سۆگەتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنىڭ سۈيى ھەققىدە مەھەللىۋى تەلەپپۇز بىلەن بىردەم ـ يېرىمدەم كاسىلدىشىۋالسا، ئادەم خېلى پۇخادىن چىقىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئىزدىشىشى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ ـ قوپۇش قىلىشىنى ئاداققى ئەيىبلىك ئىش دېگىلىمۈ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق يۇتداشلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى سىياسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خىزمەت مەيدانىدا ھېچقانداق بىر ئىقتىدار ئۆلچىكى يوق مەھەللىۋى مەزھەب بولۇپ ئۇيۇشۇۋالسا، ئۇ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىللەت تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە يۇرتۋازلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسى گەۋدىسىگە چىققان بىر خىل ئۆسمە. ھالبۇكى ئۇنى پەقەت ئۆز ۋاقتىدا كېسىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
خوش، ئەبگالىق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىناقلىشالمايدۇ؟ نېمىشقا بىر ـ بىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تونۇش جەھەتتە، ئەجدادلىرىمىز ئەسىرلەر مابەينىدە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن تەۋەررۇك ئاڭ ــ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىغا ئۇزۈل ـ كېسىل خىيانەت قىلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچار بولۇشى ئۇلاردا ئوتتۇراق مەنپەئەت ئېڭى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدىيىسىنىڭ يوقلۇقىدىن بولىۋاتىدۇ.
روناق تېپىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان پاكىتلىق ساۋاق شۇكى، مەيلى قانداق قەۋم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مەنمۇ گۇللىنەي، تەرەققى قىلىپ باشقا ئەللەر قاتارىدا يۈكسەك مەدەنىي ھايات باياشاتلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەي دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئېڭىدا، ئۆز قەۋمى، ئۆز مىللىتىنىڭ جامائىتى ئۈچۈنلا تەئەللۇق بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە قارىشىنى ئەبەدىيلىك قىلىپ تۇرغۇزۇشى لازىم. ھېكايەت، گېرمانىيىدە ئەخلەت تۆكىدىغان جاي ئاھالىلار ئولتۇراقلاشقان بىنالاردىن خېلىلا يىراقتا بولىدىكەن. ئاھالىلار ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىدىغان كۈندىلىك ئەخلەتنى ئاشۇ خېلى يىراق جايدىكى ئەخلەتخانىغا ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويىدىكەن. كىشىگە تەنبىھ بولىدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار ئەخلەتنى قارا ـ قويۇق پوملاپلا تاشلاپ قويماستىن، ئۆزلىرى ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، مەسىلەن، سەي ـ كۆكتات ئېشىندىلىرى ۋە مېۋە ـ چىۋە شۆپەكلىرىنى ئايرىم، قەغەزلەرنى ئايرىم، تۆمۈر بوتۇلكىلارنى ئايرىم ۋە ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئايرىم قىلىپ، خاس خالتىغا چىرايلىق قاچىلاپ، ئاندىن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن زىيارەتچى ئۇلاردىن: «ئەخلەتخاناڭلارنىڭ يېنىدا، ھەممىنى پوملاپلا تاشلىدىڭ، دەپ تۇتىۋالىدىغان ساقچىلارغۇ كۆرۈنمەيدۇ. ھالبۇكى مۇنچىۋالا زىللىق قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار تولىمۇ تەبىئى قىياپەتتە: «بۇ ئەخلەتلەر ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بارغاندا، ھامىنى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھالبۇكى ئەگەر بىز تۈرلەرگە ئايرىپ بەرسەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان سەرپىيات ۋە ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى تىجەپ قالىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز ئۈچۈن پايدا. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ پايدا، ئاشۇ مەنپەئەتتە بىزنىڭمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ھېكايەت، ياۋرۇپادا ئىشلەمچى بولۇپ يۈرگەن تۈركلەر يىلدا بىر قېتىم تۈركىيىگە قايتىپ، ھۆكۈمەتكە شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى لازىمكەن. ھەۋەس قىلىشقا تېگىشلىك ئاڭ شۇكى، ئۇلاردىن ھېچكىم بۇ باجدىن قېچىپ چەتئەللىك بولىۋالمايدىكەن. ھەر يىلى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنىڭ دەل ئۆزىدە، كېلىشلىك باجنى ئاشۇرۇپ تاپشۇرسا تاڭشۇرىدىكەنكى، ھەرگىزمۇ كەم تاپشۇرمايدىكەن، باج ئوغۇرلىمايدىكەن، ھۆكۈمەتنى ئالدىمايدىكەن. نېمىشقا؟ ھۆكۈمەتنى ئالدىساق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ئالدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئېشىمىزغا ئۆزىمىز توپا سالغان بولىمىز دېگەن تونۇش ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خۇددى ئوچۇق ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەنىكەن. مانا بۇ ــــ ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تەبىئىي ئىنكاسى!
دۇرۇس، سەن قانۇن جەھەتتە، مۇستەقىل بىر ئىنسانسەن. شۇڭا، قانداق ياشاش سەندىكى دەخلى تەئەررۇزسىز ھوقۇق. بىراق سېنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ شەنىنى بۇلغاشقا مۇتلەق ھەققىڭ يوق. چۈنكى سەن ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇرسەن، ھازىرقى جۈڭگو نوپۇس دەپتىرىدە، يەتتە مىليون ئىككى يۈز ئون تۆت مىڭ تۆت يۈز ئوتتۇز سەككىز سانىلىۋاتقان (1990 ـ يىلىدىكى سان) ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرىسەن. دېمەككى، سەن ئۇنداق يەككە ــ يېگانە، يېتىم ــ يېسىر بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، «ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ بىر ھۇجەيرىسىسەن. ھالبۇكى، سەن ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مەۋجۇت. ئۇيغۇر گەۋدىسى نابۇت بولسا، سەنمۇ بولىسەن نابۇت. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى كۈچلۈك بولسا، سەنمۇ كۈچلۈك، ئۇيغۇر گەۋدىسى ئاجىز بولسا، سەنمۇ ئاجىز روۋۇك. بۇ يەردىكى كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقنى بەلگىلەيدىغان نەرسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى ۋە جان تومۇرى بولغان ئوتتۇراق مەنپەئەت، ئەلۋەتتە!
سەندە ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن ئوتلىغان ئېشەكتەك ئۆزەڭنىڭ گېلى ۋە ئۆزەڭنىڭ ئەمىلىنىڭ كويىدىلا سوكۇلداپ يۈرىدىغان بىچارە ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيسەن؛ ئورتاق مەنپەئەت ئېڭى بولغاندىلا، ئاندىن شەخسى مەنپەئەتتىن كېچەلەيدىغان، ئۆز نەپسىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقا قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭنى ۋە زېھنىڭنى بېغىشلىيالايدىغان بولىسەن. سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن ئەمەتنىڭ ئەمىلى سەندىن يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان، سەمەتنىڭ سىيىرى سېنىڭكىدىن ئوشۇق موزايلىسىمۇ خۇيۇڭ تۇتۇپ قالماي خوشال يۈرەلەيدىغان بولىسەن. ئەڭ مۇھىمى، سەندە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى تۇرغۇزۇلغاندىلا، ئاندىن مەيلى گۇاڭجۇ، مەيلى شاڭخەي ۋە مەيلى ئىستانبۇل ياكى بېرلىندە بولساڭمۇ، يۈرىكىڭ سېلىپ كەتمەي، «مەن ئۇيغۇرمەن» دېيەلەيدىغان، ئۆز ۋەتىنىڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ غېمىنى ئۆز غېمىڭ بىلىپ يېيەلەيدىغان بولىسەن.
يەكۈن شۇكى، ئورتاق مەنپەئەت ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە ئېڭى يوق ئەلدە، ئۆملۈك، ئىناقلىق بولمايدۇ. ئۆملۈك، ئىناقلىق يوق يەردە، بىچارىلىكتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.

بىچارىلىك ساڭا باقىمەندىمۇ، ئويلان،

3 ـ ساتقىنلىق ۋە مۇناپىقلىق

يولۇڭنى تۈزەتكىن، خۇي پەيلىڭ تۈزەت،
بول ئىككى جاھاندا تۆردە ئولتۇرا.

(يۇسۇپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» 6641 ـ بېيت)

ساتقىنلىق ــ ئەبگالىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى روناق تاپقۇزمايۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى. ھېكايە، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، غۇرۇرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئۆزى بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان، ئۆزى بىلەن بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان روزى موللىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەپسىگە ئېلىنىپ، 1933 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ تېخى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن بىر ياش ئەزىمەت ئىدى.
بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ــ ئۇيغۇر، روزى موللىمۇ ئۇيغۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، زادى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر روزى موللا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە روھ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتا. يەنى بۇ ئىككەيلەن گەرچە دىنداش ۋە مىللەتداش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھ بىر ـ بىرسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پۈتكۈل خەلقىم، پۈتكۈل مىللىتىمنىڭ ئوتتۇراق مەنپەئەتى مېنىڭ مەنپەئەتىم؛ مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم دەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئىگىسى ئىدى؛ روزى موللا بولسا، مېنىڭ گېلىم ــ مېنىڭ بارلىقىم؛ ھاكىم گېلىمغا نان بەرسىلا ئۆز مىللىتىمنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى بەش پۇلغا سېتىۋەتسەممۇ شۇركەنمەس تېنىم دەيدىغان ساتقىنلىق روھىنىڭ بەندىسى ئىدى.
سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۈستەھكەم ئۇلى ۋە تەۋرىمەس ئاساسى. ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم تەبىئىي ھالدىلا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىمۈ سۆيمەيدۇ. ئەمدى، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى چىندىن سۆيۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاداققى نىشان قىلىنغان مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس تۈرلۈك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە باراۋەرلىك ۋە خوجايىنلىق تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار، ئەلۋەتتە. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا، مىللي ساتقىنلىق ۋە مىللي مۇناپىقلىق تىتاڭ تومۇرىغا تەككۈزۈپ ئەيىبلىنىشى ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىنىپ، ئادەمي ئەخلاق بابىدىن ۋە ئىنساني پەزىلەت مەيدانىدىن ئەبەدىيلىك قىلىپ قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىم.
ئوچۇق كۆپۇللۈك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ئىچكى تارىخىدا، ھامان زور ــ زور پاجىئەلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كۈرەش بار. ئۇ بولسىمۇ، مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر. 30 ـ ۋە 40 ـ يىللاردىكى ئويغىنىش دەۋرىدە بىھۈدە قەتلى قىلىنىپ كەتكەن ئاتاقلىق تەرەققىيپەرۋەر دىني زات ئابدۈقادىر داموللام، مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى مۇھەممەد ئەلى تەۋفىق ئەپەندى ۋە ئوتيۈرەك شائىر، تاغ يۈرەك تالانت لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن مىللي ساتقىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ غوللۇق قۇربانلىرى. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن يەكۈنلەپ ئېيتقاندىمۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە، روزى موللىلارنىڭ كۆپلۈكىنىڭ قانلىق نەتىجىسى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئارىدىن ئاتمىش ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلارمۇ، ساتقىن روزى موللىنىڭ ئىپلاس جەندىسىگە مىراسخورلۇق قىلغانلارمۇ بار. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپمۇ ياكى روزى موللىنىڭ ئەۋلادى كۆپمۇ؟ ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار!
بىز «ئۇ مىللەتمۇ بولمايدۇ، بۇ مىللەتمۇ يارىمايدۇ. دۇنيادا مەن ئاكاڭ بىرىنچى» دەيدىغان تار مىللەتچىلىككە ئىنتايىن ئۆچمىز. بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆز قارچۇقىمىزدىن بەكرەك ئەزىزلەيمىز ۋە ئاسرايمىز. چۈنكى، بۇ يۇمۇلاق يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىنى پەقەت يۇمۇلاق شىرە ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ، ھەممە تەرەپلەرنى ئوخشاش كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئەستايىدىل سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە سىردىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز «مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش» دېگەن ئەسلىدىن توغرا ۋە ھەقلىق شوئارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇرمىلاپ، «ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش، ئۆز خەلقىنىڭ ھەقلىق نېسىۋىسىنىمۈ قالدۇرماي سېتىۋېتىش» قىلىپ چۈشىنىۋاتقان ۋە چۈشىەندۈرىۋاتقان ئەبگالارغا لەنەت ئوقۇيمىز!
سەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت مەركىزىي تۈۋرۈك قىلىنغان ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر كادىرسەن. ئەڭ ئەقەللىي ساۋات شۇكى، سەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇر مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلىسەن. چۈنكى ئەگەر سەن ئىسسىق قانلار بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق بىر ئۇيغۇر بولمىغان بولساڭ، ساڭا ئۇ ھوقۇق، ئۇ ئورۇندۇق مۇتلەق يوق ئىدى. شۇڭا، سەن ھەر خىل مەجلىسلەردە، تۈرلۈك قانۇني سورۇنلاردا ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىڭنىڭ يىغىسى ئۈچۈن يىغلىشىڭ، ئۆز مىللىتىڭنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلىشىڭ كېرەك. ئەگەر سېنىڭ پىكرىڭ، سېنىڭ بايانىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، راست بولىدىغانلا بولسا، يىغىن رىياسىتى، قانۇن ــ تۈزۈم مەمۇرىيىتى سېنىڭ پىكرىڭنى قوبۇل قىلىدۇكى، پەقەت شۇ چاغدىلا سەن ھەقىقىي ئۇيغۇر كادىرى بولغان بولىسەن. ئەكسىچە سەن «مەن ئۇيغۇر كادىرمەن، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلسام، شەخسىيەتچىلىك قىلغان، مىللەتچىلىك قىلغان بولىمەن. بۇ ھالدا يولداشلارنىڭ ماڭا پىكرى چىقىپ قالىدۇ» دەپ، ھەقىقەتكە چاپان ياپساڭ، ئۆز خەلقىڭنىڭ تۇرمۇشىدىكى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك دەرد ـ ئەھۋالىنى راستى بىلەن دوكلات قىلمىساڭ، ئۇنى ئاز دەپ باشلىقنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش تەمەسىدە پاكىت ئويدۇرۇپ يالغان گەپ قىلساڭ، بۇ ھالدا سەن ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان ئەبگا كادىر بولغان بولىسەن، خالاس.
بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، مەلۇم ساندىكى ساتقىنلارنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەجەبلىنەرلىكى ۋە خەۋپلىنەرلىكى، ساتقىنلىق ئىللىتىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۈچۈن جاھاندارچىلىق ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى. ساتقىنلىق بىر مەرەز ئىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى تۆرىلىش ۋە يامراش سەۋەبلىرىگىمۇ ئىگە.
نەپسانىيەتچىلىك ــــ ساتقىنلىق تۆرەلمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدىغان پارنىك. «كۆڭلى تىلەركى دەھردە بار پۇلنى ئالسا ئول، بولسا ئاڭا نەسىب بۇ ئالەمدە بارچە ھەرام» ( كۆڭلى بۇ دەۋردىكى ھەممە پۇلنى مەنلا ئالسام، ھەتتا بۇ ئالەمدىكى بارلىق ھارام نەرسىلەرمۇ ماڭا نېسىب بولسا، دەپ تىلەيدۇ) مانا بۇ 18 ـ ئەسىر ئۇيغۇر شائىرى ئەمىر ھۈسەين سەبۇرى قەلىمى سىزغان نەپسانىيەتچىنىڭ ئوبرازى. نەپسانىيەتچى ئادەمنىڭ ئولتۇرسا ـــ قوپسا ئويلايدىغىنى شەخسى ئۆزىنىڭ نەپسى، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى، ئۆزىنىڭ تويماس گېلى. ئۇنىڭ تونۇشىدا يا ھالال ـ ھارام ئېڭى، يا ھەق ـ ناھەق قارىشى مەۋجۇد بولمايدۇ. ئۇنىڭغا پۇل بەرسىلا، گېلىغا ھەلەڭنىڭ ئورنىدا بىر يېگۈلۈك بەرسىلا، ئاشۇ پۇل بەرگۈچى ۋە ئۇنى باققۇچى ئۈچۈن ئېشەككە ئوخشاش ئىشلەۋېرىدۇ. مۇنداق ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل ئۈچۈن، ھارام تاماق گال ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىز مەنپەئىتىنى سېتىۋېتىش يېڭىغا قونۇپ قالغان توپىنى قېقىۋەتكەنچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان ئىش. ھالبۇكى قەيەردە نەپسانىيەتچى كۆپ، شۇ يەردە ساتقىن كۆپ؛ قەيەردە ساتقىن كۆپ، شۇ يەردە بۇرۇختۇملۇق، ئاھ ئۇرۇش ۋە روھى ۋەيرانىلىق كۆپ.
بىپەرۋالىق بىلەن رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ـــــ ساتقىنلىقنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى. ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە مەرد ئوغۇل ئىدى؛ روزى موللا بولسا، روھىي دۇنياسى ئەڭ پاسكىنا، ئىنسانىيەت ئىللەت بابىدىكى پەسنىڭ پېسى سانىلىدىغان ساتقىنلىقتىن ئىبارەت مەخلۇق روھىغا قۇل ئىدى. ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر ھەتتا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئەيمىنىدىغان، دوستلىرى، قېرىنداشلىرى بولسا، سۆيۈنۈپ تەلپۈنىدىغان سەردار ئۇيغۇر ئىدى؛ روزى موللا بولسا، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرىدىغان سېپى ئۆزىدىن بولغان ئەبگا ئۇيغۇر ئىدى. يەنە ھەممە ئادەم بىلىدۇكى، بۈيۈك ئىنسان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ھايۋان تەبىئەت روزى موللا ساتقىنلىق قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنۇ، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن روزى موللا بولسا، يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەخىرامان يۈرىۋەرگەن. ھېچقانداق بىر تارىختا، ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇ ساتقىننىڭ ھەتتا بىر تال مويىغىمۇ چېقىلغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. بۇ نېمە؟ بۇ ــــ رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش! ئۇ ئالىممۇ ياكى زالىم، ئۇ قەھرىمانمۇ ياكى خائىن، ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىمۇ، نەپرەتنىمۇ ئوخشاشلا بىر قەبرىستانلىققا كۆمىۋېرىدۇ. بەك ئاچچىغى كېلىپ كەتسە، «خۇدايىم جازاڭنى بېرەر، ئىلاھىم»، «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» (قىساسنى ئاللاھ ئېلىپ بېرىدۇ) دەپ قارغاپ قويۇپ، يەنىلا مىسكىن يولىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ. لەنىتى ساتقىن تېگىشلىك جازاسىنى يېمىگەنلىكى، ھەتتا مۇۋاپىق سورۇندا، ھەقلىق تۈردىكى ئەيىبلەشكىمۇ ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، خورىكى ئۆسۈپ، سېتىش تىجارىتىنى داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ.
كۆتۈرمىچىلىك ــــ ساتقىنلىقنى خېرىدار بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار. ئىلىمدارنى پەگاھتا قويۇپ، ئەمەلدارنى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئۇمىچىغا قارىماي ھامان تۆرنىڭ كاللىسىغا مىندۈرۈپ قويۇش، ئىلىمداردىن ئەيمىنمەي، ئەمەلداردىن قورقۇش، ئۇ ئەمەلنىڭ نېمە بەدىلىگە كەلگەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئەمەلدار بولسىلا چوقۇنۇش، ئەمەلدار بولسىلا چاپىنىنى كۆتۈرۈش ـــ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى زامانلاردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يامان ئىللەت. ياڭ زىڭشىڭ، شېڭ شىسەيلەر ئۆز زامانىسىدا، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن مىللىي ساتقىنلىققا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. كىم زالىم ھۆكۈمەتكە قولچوماق بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ساتسا، شۇنىڭغا ئەمەل بەرگەن؛ كىم ئۇيغۇر ئاممىسىنى نادانلىق، قاششاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك يولىغا بەكرەك باشلىيالىسا، شۇنىڭغا ئىمتىياز بەرگەن. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ 30 ـ يىللاردا، بىچارە نادان خەلق «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەندىن كېيىن ئەمدى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ دەۋەتكەنىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرى پەيغەمبەر بولغان بولاتتى ُ دېگەن ئەبلەخنىمۈ قولىدا ئەمەل ۋە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كاتتا دىنىي ئۆلىما بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىخلاس نامىزىنى ئوقۇپ يۈرگەن. يامانغا يانتاياق بولۇپ، ئاۋام خەلقنى قىيناپ جېنىنى جاڭگالدا قويىۋاتقان بەگ، قازى، موللىلارنىڭ ئالدېدىمۇ، داۋانچىڭنىڭ دەرەخلىرىدەك تەكشى ئىگىلىپ تۇرۇپ كۆنۈپ كەتكەن.
جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى زاماننى خەلقىمىز بەجايىكى يېڭى ئېرا بىلىپ، ئادەتتە «ئازاتلىقتىن كېيىن» دەپ ئاتايدۇ. «ئازات زامان» ناخشىسىنى ھەممە ئادەم روھلىنىپ ئېيتىشنى بىلىدۇ. ھالبۇكى ئازات زاماننىڭ خەلقىدە، زامانغا خاس بولغان ئازات ئاڭ، ئازات ئىدىيە ۋە ئازات تونۇش بولۇش كېرەككى، ھەممەيلەن ساتقىنلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغان نەپسانىيەتچىلىك، رەزىللىككە سۇكۇت قىلىش ۋە كۆتۈرمىچىلىك ئىللەتلىرىنىڭ يىلتىزىغا قەتئىي پالتا چېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەتىنى ئۆزلىرى قوغدىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن روزى موللىلارنى لەنەت ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋەتكىلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى، شۇنداقلا لوتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ياش غۇنچە گۈلىنىمۇ راسا ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ.
مۇناپىق ــــ ئۇيغۇر تىلىغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، ئۇ «ئېغىزىدا دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتىدە قىلغىنى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ. مۇناپىقلىق ساتقىنلىقنىڭ ھامىيسى. ساتقىنلىق ھامان مۇناپىقلىق ئارقىلىق پەدەزلىنىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ياۋۇز غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرىدۈ. ھىكايەت، 20 ـ يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى تۆمۈر خەلىپەنى بىر مۇسۇلمان قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز مېنىڭ ئامانلىقىم» دەپ قەسەم قىلىپ، ئالداپ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بېرىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن.
سەن نارەسىدە قىز ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغۇلغا ئاتا ـ ئانىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «بالىلارنى ئەدەبلىك، غايىلىك قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دېگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئەستايىدىل ياخشى تەربىيىلىمەي، ئوبدان يېتەكلىمەي، ئاقىۋەتتە بۇرچۇڭنى ئادا قىلالمىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جىنايەت سادىر قىلىدىغان جەمئىيەت داشقاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويساڭ، بۇ ئەمەلىيىتىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن ***ڭ ئاق سۇتى، داداڭنىڭ يۈمشاق نېنىنى يەپ چوڭ بولغان بىر بالىسەن. ھالبۇكى سەن ٌ ئاتا ـ ئانىنىڭ نەسىھەتىنى قۈلاقتا تۇتۇش پەرزەنت ئۈچۈن پەرز ُ دەپ نەچچە رەت ئېيتقان تۈرۈقلۈق، ئەمەلدە خىروئىن تۇتۇنىگە ئەسىر بولۇپ، پاسكىنىلىق كوچىسىدا لاغايلاڭ يۇرسەڭ، بۇ قىلمىشىڭ بىلەن سەن مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ھالبۇكى خىزمەتكە كىرگەن چاغدا «دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەييارلاپ بالىلارغا ياخشى بىلىم بېرىمەن. گەپ ـ سۆزدە، يۈرۈش ـ تۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە، ئەدەب ـ ئەخلاقتا، مەدەنىي تۇرمۇشتا ساۋاقداشلارغا ئۆرنەك بولىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە ھەم ئىچىپ ھەم چېكىپ، بەزىدە تېخى تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەپ، بۇ ھال بىلەن سەن تەھقىق مۇناپىقلىق قىلغان بولىسەن.
سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ھالبۇكى ئېغىزىڭدا «خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىش» نى تەكەللۈمىسىنى كەلتۈرۈپ دەپ يۈرۈپ، ئەمەلىيىتىڭدە، خەلقنىڭ ئاھ ـ دادىغا يەتمىسەڭ، ئاممىنىڭ ئادەتتىكى ھاجىتى ئۈچۈنمۇ سوۋغا ـ سالامسىز ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىساڭ، ئەمەلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، شەخسى مۇرادىڭ، خۇسۇسىي مەنپەئىتىڭ ئۈچۈنلا كەتمەن چاپساڭ، بۇ ھالىتىڭ بىلەن سەن سۆزسىز بىر مۇناپىق كادىرسەن. بىلگىنكى، خەلق ئۆزلىرىگە سادىق كادىرغا ئاشنا؛ مىللەت ئۆزلىرىگە ئىخلاسمەن كادىرغا تەشنا. ئەكسىچە خەلق مۇناپىق كادىردىن بىزار، كىمدەكىم بولسۇن، مۇناپىقلىقى ئۈچۈن خەلق ئالدىدا ھامان تارتقاي ئىزا!
جۇڭگودا ئەللىك ئالتە مىللەت بار. ئەللىك ئالتە مىللەت بەجايىكى ئەللىك ئالتە تال گۈل. بىز بىلىمىز، ئۇيغۇر ــ جۇڭخۇا رەيھانزارىدىكى بىر سەرخىل گۈل؛ ئۇيغۇر ـــ جاھان مەدەنىيەت گۈلىستانىدىكى بىر خۇشناۋا بۇلبۇل. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ گۈلنىڭ سولىشىپ قېلىشىنى، قۇرۇپ نابۇت بولۇپ كېتىشىنى ھېچكىم خاھلىمايدۇ، بۇنىسى روشەن. بىراق شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ خۇشناۋا بۇلبۇلنىڭ ئەبەدىلئەبەد خەندان ئۇرۇپ سايرىشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلار ئاخىرقى ھېسابتا، دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزى! شۇنداقىكەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى بوز يېرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئومۇمىي گۈللىنىش دولقۇنىغا پائال ماسلىشىش ـــ بۇ دەۋرنىڭ جىددىي تەلىپى!

پەقەت مۇشۇ تەلەپنى چىقىش قىلىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئىللەت يېغىرىڭنى ئېچىپ ئۆزەڭگە كۆرسەتتىم. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مېنىمۇ ساتامسەن، مېنىمۇ چاقامسەن، ئويلان، ئەبگا!

4 ـ ھۇرۇنلۇق ۋە شۇكرىۋازلىق
ھۇرۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.

ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۈگۈنكى دۇنيادا مۆھتەرەم سانىلىۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەردە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىئى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر بۈيۈك ئوتتۇراقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىشچانلىق، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئادەتتىكى ئىش ـ ھەرىكەتلىرىدىنمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمگەكچانلىق ۋە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئەپتىدىن تۆكۈلۈپ تۈرىدىغان بىر ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ قىلماسلىق، ئۆزى كاللا قاتۇرۇپ ئىزدەنمەسلىك، ئۆزى ئىشلىمەي تۇرۇپ، ئىشلىگەننى تېخى كۆرەلمەسلىك، ئىزدەنگەنگە ھەسەت قىلىش، ئۆگىتىپ قوياي دېسىمۇ ئۆگەنمەسلىك، ئەۋزەل شارائىت ۋە قانۇنىي ئىمتىيازلاردىن پايدىلانماي ياكى پايدىلىنالماي، ھامان پاسسىپ ئورۇندا قېلىش، چىدامسىزلىق، ئىرادىسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھۇرۇنلۇق ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن يېغىپ تۇرىدىغان تەييارتاپلىق كىشىنى «ئەستاغپىرۇللاھ» دېگۈزىدۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ مىلادى 20 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا، ھەر يىلنىڭ بېشىدا، ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىدىكى ئادەم تېرىسىمۇ ھايال بولماي ئۈنگىدەك قارا چىلان توپىلىق ئۈنۈمۈۇك زېمىننىڭ تېرىقچىلىقىنى ئۆزى گۈل چىقىرىپ قىلماي ياكى قىلالماي، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بېرىۋېتىپ، ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئالغان پۇلنى يېرىم يىلدىلا خەجلەپ ئۈكلەپ بولۇپ، يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئاشۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە مەدىكار بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەلەملىك ئاقىۋىتى مىسال بولالايدۇ.
تارىخىي پاكىتلار تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرۇپتىكى، ھۇرۇنلۇق ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرىدىكى تۇغما ئىللەت ئەمەس. چۈنكى ئۆز زامانىسىدا، قەلئە سوقۇپ، شەھەر بىنا قىلىپ، جاھان سورىغان ئۇيغۇر ئەسلىدە ھۇرۇن مىللەت ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلىدە ئىشچان، تىرىشچان ۋە ئەمگەكچان مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ تارىختا شانلىق ئۇيغۇر خانلىقىنى، ئىدىقۇت خانلىقىنى ۋە بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەرپا قىلالىغان. شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى زامان بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى شۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى ھۇرۇنلۇق ئىللىتى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىللەتنىڭ تۈگۈن يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىز لازىم.
مېنىڭچە بۈگۈنكى خېلى بىر بۆلەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىدە چۈشەنچىسىدىكى زەئىپلىك بىلەن تۇرمۇش پەلسەپەسىدىكى نامراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەلۇمكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئومۇمىيەت جەھەتتىن مۇسۇلمان مىللەت سانىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈپ ئەقىدىسى يەنىلا ئىسلام ئەقىدىسىنى يادرو قىلىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئالەم ۋە ئادەم، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قارىشىنى ئومۇمەن ئىسلام تەلىماتلىرى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى كېيىنكى چاغلاردا، ئىسلام ئەقىدىلىرى سىياسەتۋاز ئۆلىمالار تەرىپىدىن زور دەرىجىدە پۈچەكلەشتۈرىۋېتىلگەنلىكتىن، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا يارالمىش بىر ئىنسان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ئىرادىسى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىنغان؛ خەلقنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزلىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجادىي ياشاش روھى بوغۇپ قويۇلغان. ھەممىمىز بىلىمىز «ئىسلام» نىڭ تۈپكى مەنىسى «بويسۇنۇش» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۆز ئېتىقادىدىكى ئىلاھ ـــ ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تۈپ مىزان قىلىدۇ. دۇرۇس، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىدىكى «بويسۇنۇش» ھېچقانداق بىر يارالمىش بەندىگە بويسۇنۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇش سورۇنىدا، ھېلىقى ئۆز ئىمتىيازى ئۈچۈنلا ئويلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى نەپسىنىلا كۆزلەيدىغان بىر قىسىم ئاتالمىش ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت، ئەمرۇمەرۇپلىرىدىكى «بەندىنىڭ رىزقىنى ئاللاھ بېرىدۇ»، «ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ئاچ قويمايدۇ»، «كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىكنىمۇ ئاللاھ مېنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرسۇن دەپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىگە بېرىدۇ»، «ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن» دېگەنگە ئوخشاش بولمىغۇر ۋە ھېچقانداق بىر كلاسسىك ئىسلام دەستۇرلىرىدىن ئېنىق شاھادەت كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بىمەنە تەرغىباتلار ئاخىرىقى ھېسابتا، خەلقنىڭ تۇغما ئېڭىدىكى يېڭىدىن يېڭى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچانلىق، ھەمىشە ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز كۈنىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولىدىغان تىرىشچانلىق روھىنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇساپىسىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، بۇ ئالەمدىكى كونكرېت ھالاۋەت ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىش پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى دەپ بىلمەيدىغان، ئەكسىچە، ھەممىدە «ئىلاھ» قا يۆلىنىۋېلىپ، «خۇدايىم بېرىدۇ» دەپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغان. ئاپتورنىڭ سەمىمىي قارىشىچە، ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان ساختىپەزلىكلەرنى ئۆزلىرى توغرىدىن توغرا ئەيىبلىشى، كومپارتىيە دىنىي سىياسىتى يول قويغان دائىرىدە ئادىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتىنى كەپ پۇقرالارغا ئەينى بىلەن چۈشەندۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېڭىدا، كۈچلۈك ۋە بېجىرىم بولغان پاك ئەقىدە قارىشىنى تىكلەشكە تۆھپە قوشۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى ياتىدىغان گۆرنىمۇ پۇل بېرىپ يات دىندىكىلەرگە كولىتىدىغان ھۇرۇنلارنىڭ تەييارتاپلىق ۋە زەئىپ ئەقىدە ئىدىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەبگالىق كېسىلىنى ئاداققىي شىپاغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
«بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەتىگە خۇدايىم بار» ـــ بۇ ھۇرۇنلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەبجەق ۋە نامرات جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى.
بۇ ئالەمنىڭ زامان كاتىگورىيىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى يادرو قىلغان ۋاقىت ئوربىتىسىنى دەۋرقىلىش بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا تۈنۈگۈندىن كەلگەن، يەنى تۈنۈگۈن بۈگۈننى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۈگۈننى تۇغقان ئانا بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تولىمۇ قەدىرلىك. تۈنۈگۈن دېمەك ۋاقىت ئېتىبارىدىن ئۆتمۈشتۇر. ئىشچان ئۇيغۇردا: «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇما، شور چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دەيدىغان ماقال بار. بۇ ــ بۈگۈنكى پاراۋانلىقنى يارىتىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەكلەرنى، بۈگۈنكى پاراغەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تەر تۆككەن ئەمگەكچىلەرنى ئۇنتۇماسلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ھۇرۇنلار ئۇنتۇغاق كېلىدۇ. ئۇلار تۈنۈگۈننىڭ قۇياشى تاغنىڭ كەينىگە چۆكۈشى بىلەن تەڭلا، ئاشۇ تۈنۈگۈنكى جاپالىق ئەمگەكلەرنى، تۈنۈگۈنكى كۈرەشچان ئەجدادلارنى ئۇنتۇپلا كېتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شۇ دەرىجىدە ھۇرۇن بولۇشى ۋە ھۇرۇنلۇقنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋېلىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈننى، تارىخنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن بولغان.
بۈگۈن يېڭى، بۈگۈن رېئال، بۈگۈن نەق. شۇڭا، ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك. بۈگۈن ــ تۈنۈگۈن يوق ئىدى. ئۇ ئەتە مەۋجۇد بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈننى تولىمۇ قەدىرلەش كېرەك. دەرۋەقە ھۇرۇنلار بۈگۈننى قەدىرلىمەيدۇ ئەمەس، بەلكى تازا قەدىرلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىسى بويىچە باشقىچە بولۇپ، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. يەنى ئىشچان ئادەملەر بۈگۈننى تۈنۈگۈنكى ئەمگەكنىڭ ھاسىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەتىكى تۇرمۇش بىناسىنىڭ ئۇل ــ ئاساسى يۈكسەكلىكىدە تونۇپ قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۈگۈنكى نېمەتكە قول ئۇزىتىشتىن بۇرۇن شۈ نېمەت قىممىتىگە باراۋەر ئەمگەكنى ئاڭلىق قىلغاندىن باشقا، ئەتىكى كۈننىمۈ كۆزدە تۇتۇپ، ئەتىكى تۇرمۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەمگەكلەرنى تەر ئاققۇزۇپ قىلىدۇ. ھۇرۇن ئادەملەر بولسا، «تۈنۈگۈننى كىم كۆرۇپتۇ»، «ئەتە بىز بارمۇ ــ يوق، خۇدا بىلىدۇ» دېيىشىپ، ھامان تەييارغا ھەييار بولىدۇ. بۈگۈنكى نېمەتنى بۇزۇپ ــ چېچىپ، قوينۇم ئوغرى ــ قونجۇم ئوغرى قىلىپ قارنىغا تىقىشنىلا بىلىدۇ، ئەتە ئۈچۈن بولسا، ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
ئىشچان، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەتە ئۇمىد، ئىشەنچ ۋە ئارزۈ ــ ئارمانلارنى ئۆزىگە مۈجەسسەم قىلغان تەپداشسىز گۇزەل ۋە مىسلىسىز جازىبىلىك كۈن. ئەتە دېمەك ئىستىقبال دېمەك، غايە دېمەكتۈر. ئەتىنى كۆزلەش، غايىلىك بولۇش بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ئادەملىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىدىن بىرى. بىراق ھۇرۇن ئادەملەردە غايە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپى ناماز شام قارىغۈسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلب كۆزى ئەتىنىڭ پارلاق قۈياشىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەتە ئۈچۈن ئىشلەش، كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھۇرۇنلار ئۈچۈن بەجايىكى ٌ بىكاردىن بىكار ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زۇلۇم سېلىش ُ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق ئەمەلىيەت شۇكى، سەن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى بۇ يۇقىرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتتە، بۈگۈن سەن بەھرىلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر نېمەت تېگى ــ تەكتىدىن ئېيتقاندا، سېنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەجدادلار ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتى. دېمەككى، سەن بۈگۈن يەۋاتقان نان ئاددىي ھالدىكى ئىككى تەڭگە پۇلنى تۆلەش بىلەنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ سەن بىلەن ھاياتلىقتا مۇساپىداش بولغان باشقا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سېنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا، تەر تۆكۈپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ سەمەرەسى. ھالبۇكى، سەن بۈگۈننىڭ ھالاۋەت قوينىدا ئۈزۈپ، بۈگۈننىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن قورسىقىڭنى تويغۇزۇپ كېكىرىپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا، ئەتىنى ئويلىشىپ، ئەتە ئۈچۈن خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمگەك قىلىشىپ لازىم. ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىساڭ، ئەتە ئۈچۈن ئەمگەك قىلساڭ، ئەتىنىڭ قۇياشى كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ھەممە ئادەم ئالدىدا سېنىڭمۇ يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىمىساڭ، ئەتە ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ ئەمگەك قىلمىساڭ، ئەتىنىڭ نېمەت داستىخىنى سېلىنغان چاغدا، سېنىڭ يۈزۈڭ تەھقىق چورۇق بولىدۇ.
دەرىخا! زاكۇنغۇ شۇنداق. بىراق ھۇرۇن ئادەملەر تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت مۇشۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تەبىئى ۋاقىت لېنىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەقىدە، ئىخلاس ۋە «ئەمگەك» ماركىلىق خاسىيەتلىك زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا ھۇرۇنلۇقىدىن ئۇنى چۈشىنىشنىمۇ خاھلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بۈگۈن پەيزىنى سۈرىۋاتقان مەئىشەتنى غايىبانە ئامەتتىن دەپ بىلىدۇ. ئەتىكى كۈننى تەقدىرگە ياكى قىسمەتكە ئامانەت قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. ئەتە نېمە كۈننى كۆرسە پەرۋايى پەلەك. ھەتتا بۈگۈنكى ھالاۋەتنىڭ ئەكسىچە، ئەتە ئۇ ئەڭ نەس كۈن ــ جاھالەتنى كۆرسىمۇ، «شۈكرە دېدىم، شۈكرە!» دەپ قويۇپ يۈرىۋېرىدۇ.
شۈكرىۋازلىق ـــ ھۇرۇنلۇقنىڭ ھىمايە سايىۋىنى. ھۇرۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ لەنىتى ھۇرۇنلۇقىنى مەزكۇر سايىۋەننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، «شۈكرە قانائەت قىلىش، سەۋرىچانلىق» دەپ پەدەزلەيدۇ. دۇرۇس، ئىسلام تەلىماتلىرى ئىچىدە، «ئىنسان شۈكرە ـ قانائەت قىلىشى، سەۋرىچان بولۇشى لازىم» دەيدىغان بىر ماددىمۇ بار. بىراق ئەسلىدە، ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ ئىمكانىيەت چېكىدىن ھالقىغان ھالدىكى خىيالىي دۇنيانى قوغلىشىدىغان ئەسەبىي قارانىيەتچىلىككە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان توغرا تەلىمات «شۈكرىچان، سەۋر ـ قانائەتچان بولۇش» كېيىنكى چاغلاردا پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ، نورمال ئۆلچەكتىن نەچچە غۇلاچ تۆۋەن بولغان ئەڭ مىسكىن ھالەتكىمۇ باش ئىگىپ تازىم بىلەن تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان شۈكرىۋازلىق ئىللىتى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. نەتىجىدە ئەبگا ئۇيغۇر بۇ ئىللەتنى تېرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇق تۇمىقىغا تۇمار قىلىپ تىكىۋالغان ۋە ئۇنى تەييارتاپ گەۋدىسىگە زۇننار قىلىپ ئېسىۋالغان.
ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر مىللەتنى بىھۇدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدۇرىۋېتىدىغان ۋە ۋاقىتسىز پاجىئەلىك ھالدا يوقىتىۋېتىدىغان بىر ئەجەللىك ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل ھۇرۇنلۇق ئىللىتىدۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر ئادەمنى نورمال ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ۋە ئۇنى ئىنسانىي خوجايىنلىق سالاپىتىدىن قىلچە ئىز ـ ئەسەر يوق، ھەمىشە ئۇرۇلۇپ ــ سوقۇلۇپلا يۈرىيدىغان پاسسىپ مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۇپ قويىدىغان بىر ئوسال ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل تەييارتاپلىق ئىللىتىدۇر. ھالبۇكى پەقەت ھۇرۇنلۇقتىن قول ئۈزگەن، ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە ئەمگەكچانلىق بىلەن ئۆزىگە تۈرمۈش يولىنى تۈزگەن ئادەملا بۇ ئالەمنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ مىسلىسىز لەززەت ھالاۋىتىنى كۆرەلەيدۇ. قاراپ باق، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن رەڭدار، نېمە دېگەن قوۋناق. ئىنسان تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئاداققىي مەقسەت قىلىنغان يېڭىلىقلار، ئىجادىيەتلەر، مۆجىزىلەر ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر ماكان، ھەر جايدا، ھەتتا سېنىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئاستىدىلا تۈشمۇ تۈشتىن بارلىققا كەلمەكتە. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھەر يىلى مىليونلاپ ئىشلەمچىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىككى قولىنى سېلىپلا كېلىپ، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە، يەر تېرىشتىن تارتىپ يەر سۈپۈرۈشكىچە بولغان خىلمۇ خىل ئەمگەك، تۈرلۈك تۈمەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، چاغان ئەرپىسىدە ھەميانلىرى توم ـ توم ھالدا قايتىشماقتا. بۇ ئالتۇن دىيارغا ئۇسقىنى چۈشۈپ قالغانلىرى بىر ئىككى يىلدىلا تۆت قاتلاپ بېيىپ، يېڭى كەلگەن چېغىدىكى ساياقلىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئەمدىكى قوللىرىدا «داگادا» تۇتقان، يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ سۆزلىشىپ يۈرگەن يېڭى قىياپىتى بىلەن كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىپ يۈرىدۇ. بۇ نېمە؟! مانا بۇ ــ ئەمگەك، مېھنەت ۋە تىرىشچانلىق سېنىڭ ئالدىڭغا تىكلەپ بەرگەن ئۆرنەك. مانا بۇ ـــ ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ساڭا كۆرسىتىۋاتقان نامايىش ۋە كۆرەك!
ھۇرۇنلۇق بىر قورقۇنچلۇق ئىللەت. بىلگەن ئادەمگە ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ھۇرۇنلۇقى شۇ تاپتا، پۈتكۈل مىللەتكە كېيىن تولدۇرىۋېلىش قىيىن بولغان ئېغىر زىيان كەلتۈرمەكتە. ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە قاقشاتقۇچ تەسىرى ئۇيغۇرنىڭ ئالغا كەتكەن باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى بارغانسېرى زورايتىۋەتمەكتە. ھالبۇكى شۈكرىۋازلىق پەرەنجىسى بىلەن نىقاپلانغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلاش سېنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ ـــ بىز ھەممىمىزنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ھۇرۇنلۇقنى ئۈزۈل ـ كېسىل يوقىتىش بىز ھەممىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى جىددىي مەسئۇلىيىتىمىز بولۇپ قالدى!
سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان ئەبگا بولمىساڭ، ئىشخاناڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، نەزىرە يەپ، ئولتۇرۇش كېزىپ يۈرىۋەرمەي، خەلقىڭ ھاجەتمەن ئەڭ جاپالىق ئەمگەك مەيدانىغا بېرىپ ئۇلارغا ھەمدەم بولىسەن. خەلقنىڭ ئېڭى، ئويلايدىغىنى ۋە غېمى نەدە يۈرىۋاتىدۇ، زاماننىڭ تەرەققىيات رىتىمى، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى نەگە يۈرىۋاتىدۇ بۇنى سېلىشتۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى تاپىسەن. ئاندىن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي ئورگانلاردىكى يولباشچىلارغا، داھىيلارغا ئەينەن دوكلات قىلىپ، چارە ئويلاپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي دەردىگە داۋا، مەۋجۇد كېسىلىگە شىڭا تاپىسەن.
سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ئەگەر ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغان ئەبگا ئەپەندى بولمىساڭ، باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن ئوقۇپ بېرىشنىلا بىلىدىغان تەييارتاپ بولۇپ ئولتۇرمايسەن، بەلكى سەن ئۆزەڭمۇ يازىسەن، ئىجاد قىلىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تەييارغا ھەييار بولىدىغان، جان باقارمەن پاسسىپ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ئەبەدىيلىك چۆرۈپ تاشلايسەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىق قىلىشنى، ئوقۇتۇش بىلەن بوشاشماي ئىزدىنىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك تەپەككۇر قىلىدىغان جانلىق ۋە مەنىلىك ھايات يولىغا دادىل باشلايسەن.
سەن بىر ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە گىرىپتار ئەبگا ئەۋلاد بولمىساڭ، سىنىپىڭنىڭ قارا دوسكىسىغا بەندە، ئۆتمىش نومۇرغا قۇل داپەندە بولۇپ ئولتۇرىۋەرمەيسەن. كۇتۇبخانىلارغا بېرىپ كىتابلارنى يار تۇتىسەن. ئەقىل دەپتىرىڭگە ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش غايىسىنى پۈتىسەن. ئۇندىن باشقا، جەمئىيەتكە چىقىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىسەن. سەن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن زادى قانچىلىك كېلىدۇ، تارىمنىڭ سۈيى قەيەردىن باشلىنىدۇ، زەرەپشاننىڭ سۈيى نەگە قۇيۇلىدۇ، ئۆزەپ كۆرۈپ باقىسەن. ئىلى دەرياسىدا ئۆزەڭ ئۈزۈپ كۆرىسەن، يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئۆزەڭ گۆھەر سۈزۈپ كۆرىسەن. بىلگىنكى، كىچىكىدىنلا ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش ئىنساندا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئادەمنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قېنىنى جۇش ئۇرغۇزىدۇ!
ھۇرۇنلۇق كالۋالىقنىڭ ھامىلىسى ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كالۋالىق ھۇرۇنلۇقنىڭ تەبىئى تۆرەلمىسى. بۇ ئالەمدە ھېچقانداق بىر مىللەت تۇغۇلۇشىدىنلا تەبىئىي ئەقىللىق يارالغان ئەمەس، بەلكى ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئۇنى ئەقىللىق قىلغان. ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق تىگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان كاللىسىدىكى پىكىرچانلىق، مۇلاھىزىچانلىقتىن كېلىدۇ. كىمنىڭ كاللىسىدا يېڭى ـ يېڭى پىكىرلەر كۆپ بولسا، شۇنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭىدىن يېڭى پائالىيەتلەر، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر جىق بولىدۇ. كىم پىكىرچان، تەپەككۇرچان بولسا، شۇنىڭ قەدىمى ئىتتىك، قولى ئەپچىل، ھەرىكىتى چاققان، ۋۇجۇدى كۈرەشچان بولىدۇ. بۇ دۇنيا پەقەت ئىش ـ ئەمگەك بىلەن گۈللىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ كۆركەم ۋە قايناق ھالغا كەلگەن. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭلا مۆتىۋەرلىك تاجىنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن كىيىپ چۇشكەن ئەمەس. شۇنداقلا ھە دېگەندىلا ھەممە تەلپۈنىدىغان مەدەنىي مىللەت تەختىگە ئولتۇرغانمۈ ئەمەس. ھازىرقى دۇنيادا، «سەن ئەمەس مەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن خېلى خېلى مىللەتلەرنىڭمۈ ئۆز زامانىسىدا، ئۆز ئەھلىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۇپەيلىدىن ئەبگالىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغان. ئۇلار پەقەت ۋاقتىدىلا ئويغىنىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق خىسلىتىنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىنلا، ئەقلى ئېچىلىپ، پەم ـ پاراسىتى بېيىغان ۋە ئاخىرىدا، كۈرەش ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇشۇ ئەقىللىق، پەن ـ تېخنىكىدا ئىلغار، مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغان.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى تەدبىقلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتنىشىش. ئەگەر سەن ئۆگىنىشنى خاھلىساڭ، ئالدى بىلەن شۈكرىۋازلىق ئىللىتى بىلەن بېكىك پىكرىڭنى، سەۋر ـ قانائەت قۇلۇڭى بىلەن ئېتىك تەپەككۇرىڭنى ئاچ! قەدىناس مەھەللەڭنى، كونا ئورۇندۇقۇڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، ئويان ـ بۇيانغا بېرىپ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمگەكلىرىنى كۆر. باشقىلار بىلەن ئۆزەڭنى سېلىشتۇرۇپ كۆپرەك مۇلاھىزە قىل. ئاندىن سېنىڭمۈ قولۇڭنىڭ پەنجىسى بەش بولغاندىكىن، يەپ شىمايلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتناش. ناۋادا مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىپ مەغلۈب بولساڭ، بەلگىلىك بىر ئەمگەكنى ئىشلەپ يېڭىلىشىپ قالساڭ، بۇنى ئالدىراپ ئۆزەڭنىڭ ئەقلىڭنىڭ كەملىكىدىن كۆرمە. ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئەگەر سېنىڭ بىرەر ئىشىڭدىكى ئوڭۇشسىزلىقنى كۆرۈپ، باشقىلار سېنى «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېسە، ھەرگىز ئىشەنمە. بىلگىنكى، ھەرقانداق بىلىك تەكرار ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. كىمدە كىم ئەمەلىيەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانسا، ئەمگەك بىلەن تەكرار مەشغۇل بولسا، ئۇنىڭ بىلىك خەزىنىسى تەدرىجى موللىشىدۇ، كاللىسى ئەقىل ھۇجەيرىلىرى بىلەن تولۇپ غوللىشىدۇ.
ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىماسلىق جەمئىيەت سۆيىدىغان، ۋەتەن ـ خەلق كۆيىدىغان ۋە ئاتا ـ ئانا رازىمەن بولىدىغان بىر ھەقىقىي ئىنسان بولۇشنى خاھلىماسلىق بىلەن باراۋەردۇر. ھۇرۇنلۇق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيىبلەرنىڭ ئەيىبى. ھالبۇكى ھۇرۇنلۇقنى تاشلاش جەمئىيەتنىڭ، زاماننىڭ، شۇنداقلا سەن ياشاۋاتقان مۇشۇ بوز زېمىننىڭ جىددى تەلىپى!
سېخى تەبىئەت ئاتا قىلغان شۈنچە كەڭ ۋە شۈنچە باي زېمىن ساڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرۇپتۇ. پۈتكۈل ئەقىل ـ ئىدرىكىڭنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئىقتىدارىڭنى نامايەن قىلىپ، غۇلىچىڭنى كەڭ يېيىپ ئىشلىسەڭ، ئىشلىگەننى كۆتۈرىدىغان تېپىلماس پۇرسەت ساڭا كۆكسىنى يېقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى، بۇ ھالدىمۇ كۆز ئېچىپ ئويغانمىساڭ، ئىشچانلار سېپىگە قېتىلىپ، سېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئالتۇن زېمىننىڭ ئەتىسى، كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئۇلۇش ئەمگەك قىلمىساڭ، تاڭلا مەھشەر كۈنى يۈزۈڭ قىزارماسمۇ، ئويلان، ئەبگا!

5 ـ ۋەتەن قەدرىگە يەتمەسلىك ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەسلىك

ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،
رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس.

― ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۈگۈنكى بۇ يەر شارىدا، پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بار. ئۇ بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر. يەر مەيدانى بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، ئەلمىساقتىن تارتىپ «ئالتۇن تاۋاق» دەپ پەخىر نامى بار بۇ مىسلىسىز باي زېمىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاتا مىراس دىيارى، ئومۇمىي ئۇيغۇر گەۋدىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق مەنبەسى، شۇنداقلا جاھان ئۇيغۇرلىرىنىڭ زاكا يۇرتى، يىلتىزگاھى ۋە سېغىنىش قىبلىگاھىدۇر.
جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، «شىيۇ» (غەربى دىيار)، «شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ زېمىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۇنداق ئۆزلىكىدىن، ئاسانلىقچە روياپقا چىقىپ قالغان ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ پىداكار ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ شانلىق نەتىجىسى، شۇنداقلا ياراملىق ئەۋلادلار چېلىشلىرىنىڭ ئۆلمەس سەمەرىسى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ھەممە ئەقىل ـ پاراسەتنى قاناتلاندۇرۇپ، بارلىق كۈچ ـ قۇدرەتنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرىنچى بۇرچى ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. بىراق ئەبگالىق ئىللىتى بىلەن زەئىپلەشكەن ئۇيغۇردا بۇ خىل تونۇش، بۇ خىل ئاڭ ۋە بۇ خىل زۆرۈر تۇيغۇ تولىمۇ كەمچىل. سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋەتەن دېگەن نېمە، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن نېمە بىلمەيدۇ. ئاپتونومىيە دېگەن نېمە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم رايونى زادى نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغان چۈشەنمەيدۇ. مېنىڭچە، قانۇن ئومۇمەن ئادىل. بىراق ئەبگا ئۇيغۇر نادان ۋە جاھىل؛ قانۇنشۇناسلار ھەقىقەتەنمۇ ئالىم، بىراق ئەبگا ئۇيغۇر ئۆزىگە ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەكمۇ زالىم!
بىلىش كېرەككى، بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتەن دېمەك ئەمەلىيەتتە ئاداققىي مەۋجۇدلۇق دېمەكتۇر. ھېكايە، يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئۇزاق قەدىم زاماندىلا يەھۇدى دىنىنى ئىجاد قىلىپ، دۇنياغا مۇئەييەن ئەقىدە ئاساسىدا ئۆملۈشۈپ، ئومۇملىشىپ ياشاشنىڭ نەمۇنىسىنى يارىتىپ بەرگەن ئۇيۇشقاق مىللەت بولۇپمۇ سانىلىدۇ. بىراق كېيىنچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبگالىق ئىللىتى يامراپ كېتىپ، بۇ ئىللەتكە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆتە شەخسىيەتچىلىكى، ئۆتە بېكىنمىچىلىكى ۋە بەرەھىملىكى كاساپىتىدىن، شۇنداقلا يەنە باشقا بەزەن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار مۇندىن تەخمىنەن مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆز يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، يۇرت ـ ماكانسىز قارا سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، قارا سەرگەردانغا ئايلانغان يەھۇدىيلار يەر شارىدا، بېشى قايغان، پۇتى تايغان بويىچە ئېقىپ يۈرۈپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىدىن ئۆزلىرىنى تىرىكچىلىك، جاھاندارچىلىق ۋە كۈن كەچۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئەمىن جاي ئىزلىدى. دۇرۇس دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سودا ـ تىجارەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن بەزەن دۆلەتلەردە خېلى ياخشى كۈن كۆردى. ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئىلىم ـ پەندىكى ئىجادچانلىقى بىلەن ھەر قايسى ئەل زىيالىلىرىنىڭ سېپىدە بىر مەھەل تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغانمۇ بولدى. كىم بىلىدۇ، ئۇلار بەلكىم ئۆز ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ سەرگەردانلارغا ئايلىنىپ قالغان دەسلەپكى چاغلاردا: «بىزنىڭ مۇشۇ ئىشچان قولىمىز بىلەن پىكىرچان بېشىمىزلا بولىدىكەن، جاھاننىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن نان تېپىپ يېيەلەيمىز ۋە دۇنيادىكى ھەر قانداق ھالاۋەتتىن بەخىرامان بەھرىمەن بولالايمىز» دەپ ئويلىغان بولغىيدى. بىراق، رەھىمسىز رېئاللىق، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئىشچان، ئەمگەكچانلىقىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلىشىملىك، چىرايلىقلىقىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ زېھنى ــ زۇكاۋەتلىك، ئەقىللىقلىقىمۇ ھېچقانداق بىر يات ئەلدە ئۇلارغا ئاداققىي ئارامچىلىق ۋە ئەبەدىي پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك يارىتىپ بېرەلمىدى. ۋەتەنسىز يەھۇدىيلار «دۇنيادا ئەڭ مەدەنىي مىللەتبىز» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلايدىغان ياۋرۇپالىقلار ئالدىدىمۇ، ئەڭ ئاق كۆڭۈل، يۇۋاش سانىلىدىغان ئاسىيالىقلار ئالدىدىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا، ئوخشاشلا ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇقى يوق خار ــ زارلىقتىن باشقا ھېچبىر خوۋلۇق كۆرمىدى. ئاخىرىدا، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئالتە مىليۇن يەھۇدى «جاھاندا ھەممىدىن ئۈستۈنبىز» دەپ مارش ئوقۇيدىغان نېمىسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، خۇددى ياۋايى ئېشەكنى سويغاندەك سويۇلدى ۋە تېرىسى تۇلۇم قىلىنىپ، يېغىدا سوپۇن قۇيۇلدى. تەخمىنەن مىڭ يىللىق كەچۈرمىش سەرگۈزەشتە ۋە ئەمەلىي پاكىت ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بەردىكى، ۋەتىنى بار مىللەت دېگەن شۇ دەرىجىدىكى كەڭ ئىختىيارلىققا ۋە شۇ دەرىجىدە چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولىدۇكى، ئۇلار مۇھاجىر مىللەتنى خاھلىسا، زېمىنىدە تۇرغۇزىدۇ؛ خاھلىسا، بىر بولمىغۇر بەدنام بىلەن ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە سولايدۇ؛ خاھلىسا، بىر يوقىلاڭ بۆھتان بىلەن ئۇنى دامغا چۈشۈرۈپ، قۇش قىلىپ ئوۋلايدۇ. شۇنداق، رەھىمسىز پاكىتلار بىلەن تولغان ئۇزاق ئەسىرلىك ۋەتەنسىزلىك، يۇرت ــ ماكانسىزلىق ئاخىرىدا، يەھۇدىيلارنى جېنىدىن جاق تويغۇزغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئويغىتىپ دىلىغا ۋەتەن ئۇقۇمىنى چوڭقۇر قىلىپ ئويغۇزغان!
مىڭ شۈكرەكى، سېخى تەبىئەت ئۇيغۇرغا دۇنيادىكى ھەر قانداق قەۋمنىڭ زەۋقىنى كەلتۈرگىدەك مىسلىسىز گۈزەل بىر زېمىننى ئاتا قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتىلىدىغان بۇ زېمىندا، مەيلى ئىلى بوستانلىقى، مەيلى تۇرپان ئۇزۇمزارلىقى، مەيلى قاراماي نېفىتزارلىقى، مەيلى كورلا نەشپۈتزارلىقى، مەيلى ئاقسۇ ئالمىزارلىقى، مەيلى كاشغەر ئانار ـ ئەنجۇرزارلىقى، مەيلى ياركەند ياڭاقزارلىقى ۋە مەيلى خوتەن ئۈجمەزارلىقى بولسۇن، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇ كەڭ دىياردا زۈمرەتتەك جۇلالاپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۆت پەسلى ئېنىق: خۇش ئىللىق باھارىدا، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈل ــ چېچەكلەر زېمىننى ئوراپ تۇرىدۇ؛ پاراۋان ياز ناھارىدا، پارلاق قۇياش يېتىك نۇرى بىلەن زېمىننى تاۋلاپ تۇرىدۇ؛ بەرىكەت كۈز پەسلىدە، سەلكىن شاماللار زېمىنغا ھەمىشە باياشاتلىق تۆكۈپ تۇرىدۇ؛ ئاراملىق قىش پەسلىدە، كۈمۈش قار زېمىننى رەھمەت يوپۇقى بىلەن پۈركۈپ تۇرىدۇ. بۇ دىياردا، تەكلىماكان، تارىم، جۇڭغار ئاتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى زور خەزىنە ئامبارلىرى بار. بۇ زېمىننىڭ بايلىقتا تەڭداشسىزلىقىغا پۈتۈن دۇنيا ھەيرەتتە، بەلكى جىمى ئالەم ئاڭا زوقمەندە!
جاھان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مەئىشەتلىك، ئەڭ خاتىرجەم، ئەڭ مەزمۇنلۇق ۋە ئەڭ مەنىلىك تۇرمۇش ئاخىرقى ھېساپتا مۇشۇ مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. چۈنكى، بۇ زېمىننىڭ چۆلىمۇ، كۆلىمۇ ئۇيغۇرغا ئۆز. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت ــ قولۇمنىڭ خوشلۇقى» دەپ، ئۇيغۇر پەقەت مۇشۇ زېمىندىلا ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ، ئۇيغۇرچە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە قوپۇپ يۈرەلەيدۇ. پەقەت مۇشۇ دىياردىلا قىلچىمۇ قىسىلماي، ئازراقمۇ يېتىرقىماي، ئۇيغۇرچە ئويناپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كۈلەلەيدۇ. بۇ زېمىننىڭ تاغۇ تاشلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن سېنىڭ» دەپ ئىللىق باقىدۇ. بۇ دىيارنىڭ دەريا ــ ئېقىنلىرىمۇ ئۇيغۇرغا «مەن ساڭىلا خاس» دەپ جىلۋىلىك ئاقىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر بۇ زېمىننى تولىمۇ ئەتىۋارلىشى، بۇ دىيارنى بەكمۇ ئەزىزلىشى، «ئانا ۋەتەننىڭ ئۆز بالىسى» تۇيغۇسى بىلەن ۋەتەننىڭ قەدرىگە ھەقىقىي يۇسۇندا يېتىشى لازىم. ئەگەر كىمكى بۇ زېمىننىڭ قەدرىگە يەتمىسە، تۇز كورلۇق تۆقى ــ لەنىتى بىلەن شەرمەندە بولغاي ئاقىۋەتتە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بارلىقىغا ــــ تاغ ــ دالالىرىغا، ئېقىن ــ دەريالىرىغا، يۇرت ــ قىرلىرىغا ۋە مەھەللە ــ كويلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىگىدارچىلىق قىلىشنى باش بەلگە قىلىدۇ. ۋەتەن سېنىڭ ئىكەن، زېمىن سېنىڭ ئىكەن، بۇ ھالدا، ئۇنىڭغا تىكىلگەن ھەر بىر تال كۆچەت، ئۇنىڭغا ئۈندۈرۈلگەن ھەر تال گۈل ــ گىياھتىمۇ سېنىڭ خوجايىنلىقىڭ گەۋدىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. «دۆڭكۆۋرۈك» ئەسلىدە سېنىڭ ئەجدادىڭ بىنا قىلغان كوچا ئىكەن، ئۇ ھالدا، ئۇنى سېنى تۇغقان ***ڭ تىلى بىلەن ھەمىشە «دۆڭكۆۋرۈك» دەپ ئاتىغىنكى، ئەكسىچە، ھەرگىزمۇ ئەبجەشلەشتۈرۈپ «ئەردوچو» دېمە! «نۇرباغ» سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاتالغان شۇنداق گۈزەل نام. ھالبۇكى، ئۇنى «مىڭيۇەن» دېۋالدىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە، ھەم تىلىڭنى ھەم دىلىڭنى يوقاتتىڭ. بىخەستىلىكىڭ ۋە ھاماقەتلىكىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى «بىيمىڭ»، «نەنمىڭ» لەشتۈرۈپ بولدى. ئەمدى، بۇ ئىللەتنى بۈيۈك بوۋاڭ مەھمۇد ياشىغان، ئۇيغۇرنىڭ بۆشۈك شەھەرلىرىدىن بولغان كاشغەرگە سۆرەپ بېرىپ، ئەلمىساقتىن تارتىپ «يار باغ» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن كۆۋرۈكنى «بېيداچياۋ» ، «تۆشۈك دەرۋازا» ئاتىلىپ كەلگەن قەدىمى قەلئە دەرۋازىسىنى «دۇڭمېن» ئاتاشقا رايىڭ بېرىۋاتىدۇ. بىر ئوبدان «تۆمەنكۆل» دېگەن نامنى تاشلاپ «دۇڭخۇ» ئاتاشقا تىلىڭ كېلىۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن «ئۇيغۇر» نى چىقىرىپ تاشلاپ «ئاپتونوم رايون» ئاتاشقا دىلىڭ يول بېرىۋاتىدۇ ــــ بۇ ئەبگالىقىڭ بولماي زادى نېمە؟! بىلگىنكى، بىر يۇرت ــ ماكاننىڭ ئىسىم ـ نامى شۇ جاينىڭ خوجىدارلىق تارىخىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان مەڭگۈ يىقىلماس ئابىدە. ئۇنى قانداق ئىشلىتىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىكىلا ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا مىراس قالىدىغان ئامانەت نامايەندە!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش ۋەتەننى قۇرۇش، ۋەتەننىڭ ئەتىسى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان تەرەققىيات بىناسىغا ئۆز قولى بىلەن خىش قويۇشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىدۇ. «بىز مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بۇ بىزنىڭ ئاتا مىراس دىيارىمىز» دەپ ھۆكۈرەپ قويۇپ، ئىچىپ، چىچىپلا يۈرسەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلغان، ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتكەن بولمايسەن. ۋەتىنىڭنىڭ قەدرىگە يەتسەڭ، ئۆزەڭنىڭ گېلى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ۋەتىنىڭ ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلقىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەيسەن. يۇرتۇڭ ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىسەن. ئۆز ئەمگىكىڭ بىلەن ياراتقان نەتىجەڭنى بۇ زېمىن ئۈستىگە ئۆزەڭ بىرمۇ بىر تىزىسەن ۋە ئۇنى جاھان ئەھلىگە نامايىش قىلىپ كۆرسىتىسەن. كۆرسىتىپ باقە قېنى، يۇرتۇڭدىكى قايسى زامانىۋى قۇرۇلۇش، قايسى ئىگىز بىنانى سەن لايىھىلىدىڭ، قايسى ماشىنا، قايسى ئايرۇپىلاننى سەن ياسىدىڭ. سەندىن قانچە ئۇچقۇچى، نەچچە نېفىت چارلىغۇچى، قانچە ئالتۇن كانلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى بار؟ ئەگەر سەن ئۆزەڭنى، ئۆز مىللىتىڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكىڭنى سەزسەڭ، مۇھىمى كەمچىلىكىڭنى ئېتىراپ قىلساڭ، بۇ ھالدا مائارىپقا بولغان، ئادەم تەربىيىلەشكە بولغان تونۇشۇڭ ئۆسىدۇ. پەرزەنتلەرنى تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەسى بويىچە، يالغۇز ئىجتىمائىي پەندىلا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچىمۇ زور تۈركۈملەپ تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان كۆز قارىشىڭ گرانىت كاللاڭنى بۆسىدۇ.
ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەپ خەلقى ـ ئالەم قايىل بولغىدەك نەتىجە يارىتىش ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىدىن كېلىدۇ. ئىلىم ـ پەن ئىقتىدارىنى بولسا، پەقەت مەكتەپ، خۇسۇسەن ئالىي پەن ـ تېخنىكا مەكتەپلىرىلا يېتىشتۈرەلەيدۇ. سەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىسەن، ئەگەر ئۆيۈڭدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ بولمىسا، بۇ چوڭ نومۇسلۇق ئىش. ھالبۇكى ئۆزەڭ ئاز يېسەڭمۇ، كەم كىيسەڭمۇ، جاپا تارتساڭمۇ، رىيازەت چەكسەڭمۇ پەرزەنتىڭنى مەكتەپكە بەر، بالاڭنى ئوقۇت. «ماڭا باشقىلار ئادەم تەربىيلەپ بەرمىدى» دەپ ھېچكىمدىن ئاغرىنما. «بالامنى ئوقۇتۇپ قويمىدى» دەپ ھېچكىمدىن زارلانما. بادام دوپپاڭغا تايانغىچە، شۇ بادام دوپپاڭنىڭ ئاستىدىكى ساغلام كاللاڭغا تايان. ئۆزەڭ ئامال قىل، ئامال قىلساڭ، ئىلىمنىڭ داغدام يولى ئالدىڭدا جەزمەن بولۇر ئايان. ئىلىم بولمىسا پەلەككە تاقاشقان ئىگىز بىنالارنى خوجايىنلىق ۋە مېمار ــ مۇھەندىسلىك سالاھىيەت بىلەن سالالمايسەن. بىلىم بولمىسا، مەدەنىي ئىنسان بولۇپ، مەدەنىي ھاياتتىن بەھرە ئالالمايسەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىلىم بولمىسا، گەرچە ئۆزەڭنىڭ ۋەتىنىدە ياشاۋاتساڭمۇ، ۋەتەن لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىيالمايسەن.
ۋەتەننىڭ قەدىرىگە يېتىش ئەمگەك ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ئورۇننى تېپىشنى ئاداققىي مەقسەت قىلىدۇ. ۋەتەن بىر ئىنسان ئۈچۈن تەڭدىشى يوق، تۈگىمەس بايلىق. بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە بولمىسا بولىدۇكى، ۋەتەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. ۋەتەنسىز ئادەم بەجايىكى ئىگىسىز ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئىگىسى يوق ئېشەكنى كىم كۆرسە، شۇ مىنىدۇ، خاھلىغىنىچە ئىشلىتىپ كۆتلىرىگە تېپىدۇ. ۋەتىنى يوق ئادەمنى باشقىلار ئېشەكتىنمۇ بەتتەر خارلايدۇ. بىراق، ۋەتەن دېگەن ئۇنداق غايىبتىن مىراس قالغان، ھېلىقىدەك بانكىغا سېلىپ قويۇپ، پايدا ـ ئۆسىمىنى ئېلىپ خەجلەپ، ئاپتاپتا سۇنايلىنىپ يېتىپ كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىغان ئۆلۈك بايلىق ئەمەس. بەلكى ئۇ پەقەت ئۆزلۈكسىز ھالدىكى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە ئىزچىل ھالدىكى مەنىۋى كۈرەشلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا موھتاج جانلىق بايلىقتۇر. سەن بىر ۋەتىنى بار، دىيارى بار، خاس زېمىنى بار ئادەم ئىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۆزەڭنى ۋەتەن بىلەن بىر جان، بىر تەن قىلىپ، گەرچە سېنىڭ ھازىرلىق تۈرمۇشۇڭ ئۈچۈن ئانچە لازىملىق بولمىسىمۇ، بىراق ۋەتەنگە كېرەكلىك، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەمگەكلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى كۈرەشلەرگە تولۇق ئىشتىراك قىلىشىڭ لازىم. ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەكلەرگە قاتناشمايدىغان ياكى ئاز قاتنىشىدىغان، يۇرت ـ دىيارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان مەنىۋى كۈرەشلەردىن ئۆزىنى ھەمىشە قاچۇرىدىغان ئادەمنىڭ ۋەتەنداشلىق سورۇنىدىكى ئورنى ئاقىۋەت پەگاھقا چۈشۈپ قالىدۇ. چۈنكى ۋەتەن دېگەن ئەمەلىيەتتە، ۋەتەن ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئادەم ئاڭلىق ھالدا ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ. پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جان پىدا قىلىپ ئىشلىگەن ئادەملا ۋەتەنداشلىق سورۇنىدا ھەقلىق ھالدىكى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
بىلگەن ئادەمگە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت سورۇنىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، تۈرلۈك مىللەتكە تەۋە ئىنسانلار ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆز قەلبىگە مەھكەم پۈككەن ھالدا، ئىلمىي رىقابەت قىلىپ، ھەرقايسەيلەن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەسىردىكى مەۋجۇدلۇق ئورنىنى چەنلەشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ئۇيغۇرلارمۇ پەقەت ئەمەلىي ئەمگىكىمىز ئارقىلىق، كۈرەش ئارقىلىق مۇبارەك دىيارىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانلا بولساق، جاھاندىكى تۈرلۈك مىللەتلەر قاتارىدا بىزنىڭمۇ بېشىمىز ئىگىز، سۆزىمىز بىگىز بولىدۇ. كېيىنكى ئەسىرنىڭ مەدەنىي ھالاۋەت ۋە ماددىي دارامەت داستىخانىدا بولسا، ئىگىلىگەن ئورنىمىز ئۆزىمىزگە يەتكىدەك كەڭ، ئېرىشكەن نېسىۋىمىزمۇ ھېچبولمىغاندا باشقىلار بىلەن تەڭ بولىدۇ!
ۋەتەننىڭ قەدرىگە يېتىش دېگەنلىك قەدىناس بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، قەدىم جاينى بېسىپ بىر ئۆمۈر يېتىش دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇيغۇردا: «مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەن ئۇدۇم ماقال بار. بۇ «ئادەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن، يۇرت كېزىپ، جاھان كۆرۈپ سەپەر قىلىشى، مۇساپىر (سەپەر قىلغان ئادەم) بولۇشى شەرت» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسى ۋە مىللەتكە كۆيۈش مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ، ئىلغار ئەل ۋە ئالغا كەتكەن خەلقلەردىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقا يۇرت، چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش، ھەتتا شۇ يەرلەرگە ماكانلىشىپ ئىككىنچى يۇرت ئېچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى باشقا يۇرت، چەتئەللەردە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان خىزمەتلەرنى قىلغىلى، بەلكى ئالاھىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان خەنزۇلار ئىچىدىكى بايلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ۋە سىياسىئونلارنىڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈشمۇ تۈشتىن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىت بولالايدۇ. بىراق ئۆز دىيارىدىكى قىسمەن ناچار مۇھىت ۋە ئۆز يۇرتىدىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ۋەتەننى تەرك قىلىپ، ياقا يۇرت، چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش، كەتكەندىمۇ شۇ كەتكەنچە خۇددى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن تاشتەك ئىز ـ دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىش، ئۆزىنى تۇغقان، ئەجدادىنى باققان ۋەتىنىنى ھېچقانداق بىر ئەمەلىي پائالىيىتى بىلەن ياد ئەتمەي، چەتئەلدە بىر ئۆمۈر كاندىدات گراژدان بولۇپ ئۆتۈش ـــ بۇ كەم دېگەندىمۇ ئۆز يۇرت، ئۆز ۋەتىنىگە يۈز كېلەلمىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە دېسەك، چەتئەللەردىكى ھەرقانداق مۇھاجىرنىڭ تۇرمۇشى، كۈنى شۇ ئادەمنىڭ مۇئەييەن كونكرېت ئىشتىكى شەخسى ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈن ياكى تۆۋەن بولۇشىغا باغلىق بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىنىڭ كۈچى، ئانا يۇرتىنىڭ يۈزى ۋە ئۆز دىيار خەلقىنىڭ خەلقئارادا تۇتقان ئورنىغا بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر ۋەتىنىڭ كۈچلۈك، خەلقىڭ يۈزلۈك، دىيارىڭ خەلقئارادىمۇ ھۆرمەت ـ ئېتىبارلىق بولسا، ئۇ ھالدا مۇھاجىر بولساڭمۇ چەت ئەل، ياقا يۇرتلاردا قەددىڭنى رۇس قىلىپ، «گۈس، گۈس» دەسسەڭ يۈرەلەيسەن. ئەكسىچە بولسا، ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوق خارلىنىسەن، بىھۇدە بوزەك ئېتىلىپ ئارلىنىسەن. بۇنىڭغا شۇ كۈنلەردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىز بىلەن ھەم دىنداش ھەم تىلداش ئاتىلىدىغان بەزىلەرنىڭ زېرىكىپ قالسا، «ئاخۇن ئاكىلارنى ئۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، سودىگەر ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ـ مۇشتلاپ يۈرگەنلىرى شاھىد بولالايدۇ! يەكۈن شۇكى، ئۆز زېمىنىڭنى ئەزىزلە، ئۆز ۋەتىنىڭنى قەدىرلە. چۈنكى سېنىڭ ئىززىتىڭ ئۆز ۋەتىنىڭ بىلەن تومۇرداش ؛ سېنىڭ قەدىر ــ قىممىتىڭ ئۆز دىيارىڭ بىلەن ئۆمۈرداشتۇر!
ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋەتەننى قەدىرلىمەسلىك ئىللىتى بىلەن قوشكېزەك مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسە، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى بىلەلمەسلىك نۇقسانىدۇر.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىنىدا ئالاھىدە ئىمتىيازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ نامى بىلەن مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. بۇ ـــ قانۇنىي ئاساسى بار پاكىت. ئۇيغۇر بۇ زېمىنغا مىھمان ئاھالە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئاھالە؛ ئۇيغۇر بۇ زېمىندا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس، بەلكى كۆپ سانلىق مىللەت، تۈۋرۈك مىللەت، خوجايىن مىللەتتۇر. پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا بۇ زېمىندا رەئىس ئۇيغۇردىن چىقىدۇ، ۋالىي ئۇيغۇردىن بولىدۇ، ھاكىم ئۇيغۇردىن سايلىنىدۇ. بۇمۇ ھېچكىم كۆز يۇمالمايدىغان رېئاللىق.
دۇنيادا ھېچبىر ئىنسان «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېيەلمەيدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر قىممەتلىك، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى قىممەتلىك. شۇڭا جاھاندا نى ـ نى ئالىملار ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر ئەقىللىق. مەھمۇد كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامىلاردىن كېيىن، ئۇيغۇردا ئالىم تۈگەپ قالغىنى يوق، خالمۇرات غوپۇردەك نەۋقىران ئالىملار ئونلاپ چىقىپ، يۈزلەپ يېتىشىپ، ئىلىم ـ پەن مەيدانىدا بۈيۈك نەتىجىلەر قازىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىك. ئۇيغۇرنىڭ ئون ئىككى مۇقامى دۇنيادا تەڭدىشى يوق مەدەنىي مىراس بولۇپ، قىتئەلەر ئارا ياڭراۋاتىدۇ. دېمەككى، ئۇيغۇرنىڭ ھېچبىر مىللەتتىن قالغۇچىلىكى يوق!
ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى چاغلىماي لاپ ئۇرۇش قانچىلىك ئەيىب ۋە قانچىلىك نۇقسان ئىش بولسا، ئۆزىنى خالىس تونۇپ، ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش، لىللاھ باھا بىلەن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشمۇ شۇنچىلىك ياخشى ۋە شۇنچىلىك ئوبدان ئىش. چۈنكى ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق نەتىجە ۋە غەلىبە يېتىك ئىشەنچنى ئۆزىگە مۇستەھكەم ئۇل قىلىدۇ؛ ھەرقانداق زەپەر ۋە نۈسرەت كامىل ئىماننى ئۆزىگە مەزمۇت يول قىلىدۇ!
شۇ تاپتا ئىدراك بىلەن زەڭ سالساڭ، رېئاللىقتىن نىدا شۇنداق: سەن ئۇيغۇر ئۆزەڭنىڭ قىممىتىنى ئۆزەڭ تولۇق بىلىشىڭ كېرەك. ئۆزەڭنىڭ يۈكسەك باھالىق قىممىتىڭگە ئۆزەپ جەزمەن ئىشىنىشىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزەڭنى ھامان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقىلا لايىق چاغلايدىغان، ئۆزەڭنى ھەمىشە باشقىلار بۇرنۇڭدىن يېتىلەپ يۈرۈشكە مۇناسىپ ھېسابلايدىغان مەھكۇم مىجەزلىكىڭنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىپ لازىم. بىلمەك كېرەككى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدا جاسارەت بولىدۇ؛ ئادەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ياشىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي مەززە ۋە چىن ھالاۋەت بولىدۇ!
ئىگىز بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرۇپ ئويلان، ئەبگا!

7 ـ تۈنۈگۈن بىلەن كارى بولماسلىق ۋە ئەتىگە ئوبدان نەزەر سالماسلىقتەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.― ئۇيغۇر خەلق ماقالىبۈگۈننىلا بىلىش، كۆز ئالدىدىكىنىلا كۆرۈش يا ئۆتكەندىن ساۋاق ئالماسلىق، يا كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزمەسلىك، تەدبىرسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان تۈنۈگۈن بىلەن مۇتلەق كارى بولماسلىق، ئەتىگە بولسا، ياخشىلاپ نەزەر سالماسلىق، ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاش يەنى جاھاندارچىلىق كېسىلى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدېدىكى يەنە بىر ئەجەللىك ئىللەت. بۈگۈن رېئال، بۈگۈن نەق، بۈگۈننىڭ قىممىتى مۇتلەق. شۇڭا بۈگۈننى تولىمۇ قەدىرلەش، بۈگۈننىڭ مىنۇت ـ سېكونتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياشاش، بۈگۈنكى ھاياتنى جەزمەن ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك. بىراق بۈگۈنكى ھاياتنىڭ مەنىلىك ئۆتكەنلىكىنى ياكى مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشۇ تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىدىغان ئەڭ ئىناۋەتلىك نەرسە نېمە؟ شەكسىزكى ئۇ ــ تۈنۈگۈندۇر. تۈنۈگۈن مەيلى ئۇ ئۆتكەن تارىخنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۈگۈن بولسا، يېڭى بىر ئىرانىڭ باشلانما كۈنى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈننىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان، بۈگۈنكى كۈننىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان ۋە بۈگۈنكى كۈننىڭ مەنىلىك دەرىجىسىنى خالىس باھالىيالايدىغان نەرسە پەقەت ۋە پەقەتلا تۈنۈگۈندۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈنۈگۈننىڭ قىممىتى بۈگۈننىڭ قىممىتىدىن قىلچىمۇ تۆۋەن ئەمەس. تۈنۈگۈننىڭ ئەھمىيىتى بۈگۈننىڭ ئەھمىيىتىدىن ئازراقمۇ كەم ئەمەس. شۇڭا ئىنسان ئاڭلىق ۋە ئىدراكلىق مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈننى ئوبدان قەدىرلەش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈنىنىمۇ ئۆز ئەھمىيىتى بويىچە ياخشى قەدىرلىشى ۋە ئەزىزلىشى لازىم.تۈنۈگۈن دېمەك ئۆتمۇش دېمەكتۇر. تۈنۈگۈن دېمەك تارىخ دېمەكتۇر. دەرۋەقە ئۆتمۈش دېگەن ئۇزاق ئۆتمۈشنى، يېقىنقى ئۆتمۈشنى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە بار ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخ دېگەن قەدىمكى تارىخنى، يېقىنقى تارىخنى، ھازىرقى تارىخنى ۋە بۈگۈنكى تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ئەسلەيدۇ؟ ئەسلەپ ئويناش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۈگۈننى ئاشۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتمۈشتەك ياخشى قىلىش ياكى بۈگۈننى ھېلىقى مەنىسىز ئۆتمۈشتىن ياخشى ۋە ئەۋزەل قىلىش ئۈچۈن ئەسلەيدۇ. بىر مىللەت نېمە ئۈچۈن ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ؟ قىلغىلى ئىش تاپالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى تارىختىن ساۋاق ئېلىپ بۈگۈننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، بۈگۈنكى ھاياتنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. مۇشۇنداق زاكۇنلار ئاساسىدا ئېيتالايمىزكى، تۈنۈگۈن بەزەنلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چەك ياكى بېلەتكە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. جىددى بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسە بولمايدىغان بۇراق مالغا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. لىللاھ مەيداندا تۇرۇپ ئېيتقاندا، تۈنۈگۈن بىر خاسىيەتلىك ئەينەككە ئوخشايدۇكى، بۇ ئەينەك ئاشۇ ئۆتمۈشكە تەئەللۇق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خالىس ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بىر مۇكەممەل خاتىرىگە ئوخشايدۇكى، بۇ خاتىرىدە بۈگۈننىڭ تەۋەللۈت بولۇش جەريانى ئۇجۇر ـ بۇجۇرىگىچە خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. ھالبۇكى تۈنۈگۈندىن ئىبارەت بۇ خاتىرىنى ھەمىشە ۋاراقلاپ ئوقۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى تۇرمۇشنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەتىگە، كەلگۈسىگە تەئەللۇق ھايات قەدىمىنى مەزمۇت، ئاق يوللۇق ۋە نۇسرەتلىك ئېلىشتىمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك ۋە زۆرۈردۇر. تۈنۈگۈننى ئۇنتۇماسلىق، ئۆتمۇشنى ئەسلەپ، تارىخنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئاشۇ ئەھمىيەتلىك تۈنۈگۈنگە، ئاشۇ ئۇنتۇلماس ئۆتمۈشكە ۋە ئاشۇ شانلىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەجدادلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش، ئۆرنەك ئىش ـ ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ خاتىرىلەش ئارقىلىق كونكرېت ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەمدى ئەجدادلارنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش بولسا، ئەجدادلار ھەققىدە خاس كىتابلارنى پۈتۈش، ئۇلارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇشلۇق كىتابلارغا كىرگۈزۈپ ئەۋلادلارغا دەرس قىلىپ ئۆتۈش، ئەجدادلار ئۈچۈن خاس خاتىرە سارايلىرى بەرپا قىلىش، خاتىرە مۇنارلىرى تىكلەش، ھەيكەللىرىنى تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىلىرى ئىشلەپ تارقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسارى بىلەن پۇل يۈزلىرىنى بېزەش قاتارلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەجدادلارنى ئەسلەش، ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش ياكى ئەسلىمەسلىك، خاتىرىلىمەسلىك ھەتتا ئۇنتۇپ كېتىش كونكرېت بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئادەمىي ۋىجدانىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسا، شۇ مىللەتنىڭ ئەدەب ـ ئەخلاق مىزانىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مۇندىن چىقتىكى، ئۆزىنىڭ ياراملىق ئەجدادىنى ئەسلىمەيدىغان، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خاتىرىلىمەيدىغان ئادەم ۋىجدانسىز ئادەم قاتارىغا كىرىدۇ. ئۆزىنىڭ خەلقچىل ئەجدادىنى مۇناسىپ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئەتمەيدىغان، مۇۋاپىق ئىش ـ ھەرىكەتلەر بىلەن خاتىرىلىمەيدىغان مىللەت بولسا، ئەخلاقسىز مىللەت، نائەھلى مىللەت قاتارىغا تىزىلىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتى ئەسكە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان تۈنۈگۈنگە، ئۇنتۇلماس ئۆتمۇشكە ۋە ھەقىقىي شانلىق تارىخقا ئىگە مۇنەۋۋەر مىللەت. ئۇيغۇر مىللىتى مەيلى ھاكىمىيەت تىكلەپ جاھان سوراشتا بولسۇن، مەيلى پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ ئىنسانىيەتكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشتا بولسۇن، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر قەدىمىي ۋە مەدەنىي قەۋم بىلەن بويلىشالايدىغان مىللەت. بۇنىڭغا 8 ـ 9 ـ ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى، 10 ـ 13 ـ ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرى ۋە قارا خانىيلار دەۋرى، شۇنىڭدەك 16 ـ 17 ـ ئەسىرلەردىكى ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى قاتارلىقلار ھەر جەھەتتىن بېرەلەيدۇ شاھادەت!بۈگۈن ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو تارىخىغىمۇ قۇرۇق قول كىرىپ كەلگەن ئەمەس. جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئەبەدىيلىك مۇقىملاشتۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى كۆز چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئىپتىخارلىق بىر باب بولۇپ، بۇنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلار بىلمەيدۇ ئەمەس. جاھان ئەھلىنىڭ گويا تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە تۇرۇپتۇكى، ئەل سۆيەر ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا، ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرلىك سەرخىل ھەربى قوشۇن تەشكىللەپ، ئورگانلىرى مۇكەممەل بولغان ھاكىميەت ئورنىتىپ، شىمالىي شىنجياڭدا مۇنتىزىم ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ۋە ئاخىرىدا، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ـ تەڭ قوپۇپ، پۈتكۈل شىنجياڭنى تەڭ ئازات قىلىپ، شىنجياڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشقان. مانا بۇلار مۇبارەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر غايىبانە ئامەت ئەمەس، ياكى بىراۋ قىلغان سەدىقە، بەخشەندە مۇكاپاتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇيغۇر دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ تەبىئىي سەمەرىسى ۋە ئۇيغۇر مەنپەئەتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان شانلىق تارىخ!شۇنداق ئىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇنچىۋالا شانلىق تارىخىمىز بار ئىكەن، ئاشۇنچىۋالا ئىپتىخارلىق تۈنۈگۈنىمىز بار ئىكەن، بىز ئۇنى ھەرگىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز، بىز ئۇنى ھەمىشە ئەسلەپ تۇرۇشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئاشۇنداق شانلىق تارىخىمىز ۋە ئاشۇنداق ئىپتىخارلىق تۈنۈگۈنىمىزنى يارىتىشتا سەردار بولغان تاغ يۈرەك، خەلقپەرۋەر ئەجدادلىرىمىزنى ئۇنداق يادىمىزغا كەلگەندە، ناگان ـ ناگاندا، بۇلۇڭ ـ پۇچقاقتا ۋە ھاراق سورۇنىدا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە، ۋاقتى ـ ۋاقتىدا، رەسمىي سورۇندا ۋە تەنتەنىلىك قىلىپ خاتىرىلىشىمىز لازىم. ئەپسۇسكى ئەزىز قېرىندىشىم، بىز ئۇنداق قىلمىدۇق، بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق، بەلكى بارغانسېرى ئۇنداق قىلالماس بولۇپ كېتىۋاتىمىز. نېمىشقا؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ئەبگالىق كېسىلى بارغانسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقتىن، خۇسۇسەن بۈگۈننىلا بىلىش، كۆز ئالدىنىلا كۆرۈش، ئەپلەپ ـ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلاش، تۈنۈگۈننى بولسا، ئېسىگە ئېلىپمۇ قويماسلىقتىن ئىبارەت جاھاندارچىلىق، جانباقتىلىق ئىللىتىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە ئەدەب كېتىۋاتقانلىقىدىن.ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنى ئۇيغۇرنىڭ مەھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائى، موللا مۇسا سايرامى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، سۇلتان ئابدۇرەشدخان قاتارلىق ئالىم ۋە باھادىرلارنى خاتىرىلىشىنى مۇتلەق چەكلىمەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھېچقانداق بىر نىزامىدا، ئەھمەد جان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى، لوتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە دەۋر سەركەردىلىرىنى ئەسلەشنى، يادلاشنى ۋە خاس پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەشنى ھەرگىز مەنى قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر چەكلىمە ھۆججەت يوق. بىراق ئەلەملىك يېرى شۇكى، بۇنى پەقەت جاھاندارچى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى خاتىرىلىمەيدۇ. ھەتتا «خاتىرىلەيلى» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىنمۇ چىقىرالمايدۇ. نېمىشقا؟ بۇ گەپنى چىقىرىپ قالسام، يولداشلار «ھە، بۇنىڭ ئۇيغۇر غۇرۇرى بارىكەن» دەپ ماڭا چكىت قويۇپ قويىدۇ، مەنسەپ بەرمەيدۇ، ئەمىلىمنى ئۆستۈرمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. باشقىلار «خاتىرىلەيلى» دېسە ۋە مىڭبىر مۇشەققەتتە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرسا، ئۇ بۈيۈك ئەجدادلارنى خاتىرىلىگۈچىگە ھەر جەھەتتىن بىر ئۆمۈر يەتكىدەك قىلىپ زەربە بېرىدۇ. ئۆزى بولسا، بۇنىڭ بەدىلىگە «ئۇيغۇر غۇرۇرى يوق» دېگەن شەرمەندە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بەخىرامان ياشاپ كېتىۋېرىدۇ.دەردىما! نېمە دېسەك بولار. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ لىن زېشۇي، لۇشۇننى خاتىرىلىگىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى تۈرغۇزغۇسى كەلگىنىگە ئوخشاشلا، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭمۇ سادىر پالۋاننى، لوتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرىلىگىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ تۇرغۇزغۇمىز كېلىدۇ. چۈنكى بىزمۇ خۇددى خەنزۈلارغا ئوخشاشلا غۇرۇرلۇق ئىنسان. ئەگەر بىزنىمۇ ئۆز ئەجدادلىرىمىزنى پۇخادىن چىققۇدەك خاتىرىلىگىلى قويسا، ئۆز زېمىنىمىزدە باشقىلار بىلەن باراۋەر ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، سوتسىيالىزم بىلەن شۇغۇللىنىش ئىرادىمىز تېخىمۇ زورىيىدۇ. ئەكسىچە ئەجدادلىرىمىزنى مۇۋاپىق پائالىيەتلەر بىلەن ياد ئەتكىلى، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى مۇناسىپ ئىش ـ ھەرىكەتلەر بىلەن خاتىرىلىگىلى قويمىسا، تەبىئىيكى يۈرىكىمىز ئېغىر زەخمىلىنىدۇ، كۆڭلىمىز قاتتىق ئازار يەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نارازىلىق، ئاداۋەت ۋە ئۆچلۈك تۇيغۇمىز ئۇلغىيىدۇ. ۋاھالەنكى ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىمۇ يوق. ئۇ كادىر تاللاش ۋە مەنسەپ ئۆستۈرۈشتە، ھېلىقىدەك ئۇيغۇر يۈرىكى سۇغۇرىۋېتىلىپ، ئورنىغا باشقىلارنىڭ يۈرىكى سەپلەپ قويۇلغان، ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپ، «ئەمدى ئۇيغۇر دېگەن گەپنى قويۇپ، مىللىي دېگەن سۆزنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دەيدىغان مۇناپىقلارنى ئەۋرىشكە قىلىدىغان لەنەتلىك ئادەتكە كۆنۈپ كەتكەچ، كالىندارنىڭ ۋارىقىنى يىرتىۋېتىپلا «تۈنۈگۈن ئەمدى ئەھمىيەتسىز، چۈنكى ئۇ كەلمەسكە كەتتى» دەپ يۈرىۋېرىدۇ.بىراق ئى ئەزىز قېرىندىشىم! سەن، مەن ۋە ئۇ ــــ بىز ھەممىمىز بۈگۈنلا ئاسماندىن «توككىدە» چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ياكى زېمىندىن بۈگۈنلا «مىرتتىدە» ئۈنۈپ چىققانمۇ ئەمەس. بىز ھەممىمىز تۈنۈگۈندىن، ئۆتمۈشتىن، تارىختىن بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ كەلگەن. تۈنۈگۈن بەجايىكى بىزنى تۈغقان ئانا. تۈنۈگۈن ئەمەلىيەتتە بىزنى چوڭ قىلغان ئاتا. ھالبۇكى تۈنۈگۈننى ئۇنتۇش خۈددى ئاتا ـ ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانغا ئوخشاشلا گۇناھلىق ئىش؛ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش گويا ئەبا ـ ئەجدادنى خارلىغاندەكلا نومۇسلۇق ئىش. ئەگەر بۇ زاكۇننىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر چۆكسەڭ ۋە بۇ چۈشەنچىنىڭ چىنلىقىغا تەسلىم بولساڭ، بۇرۇلۇپ ئارقاڭغا قاراپ باق، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بۈيۈك ئىشلارنى بىر ـ بىرلەپ ساناپ باق. ئالدى بىلەن ئەقىل كۆزۈڭگە كۆرىنىدىغىنى 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بۇ ــ پۈتكۈل يەر شارىدا، تاھازىرغىچە بىردىنبىر بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنياغا كەلگەن كۈن. بۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئىرا باشلانغان كۈن. دەرۋەقە مەزكۇر 55 ـ يىل 1 ـ ئۆكتەبىر بۈگۈن ئۆتمۈشكە، تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. بىراق سەن ئاشۇ كۈننى ئېسىڭدە ھەمىشە مەھكەم ساقلىساڭ، ئاشۇ كۈننىڭ ئۆز زامانىسىدا سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق تولۇق ئاقلىساڭ، ئاندىن سەن ئۆزەڭ ياشاۋاتقان بۈگۈننىڭ نېقەدەر قەدىرلىك كۈن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسەن؛ ئاندىن بۈگۈنكى كۈننىڭ قىممەت مەنبەسىنى ھەقىقىي پەم ئېتىسەن ۋە ئويلايسەن: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرقى كۈنگىچە، سەن ئېرىشىشكە تېگىشلىك نېسىۋە ئاشۇ باشتا دېيىشكەندەك بارغانسېرى ئېشىۋاتامدۇ ياكى كېمىيىۋاتامدۇ؟ ئىدارىلاردىكى كادىرلار نىسبىتى، زاۋۇتلاردىكى ئىشچى ۋە تېخنىكلار قوشۇنى تۈزۈلمىسى، شەھەرلەردىكى نوپۇس سانى ۋە مەھەللە ـ كوي قۇرۇلمىسى….. قاتارلىقلاردا ساڭا تەئەللۇق ئۇلۇش يىلسېرى كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟ بىلگىنكى، بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بۈگۈنكى كۈنۈڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشتا، بۈگۈنكى تۇرمۇشۇڭنى تېخىمۇ ئەۋزەل قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ ئەسقاتىدۇ؛ بۇنىڭ ڭايدىسى سېنى جاھاندارچىلىق ۋە جانباقتىلىق ھاياتىنىڭ مەنىسىز قاينىمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئاناڭ بەرگەن سۈتنىڭ ئەجرىنى ۋە ئانا يەر بەرگەن تۇزنىڭ ھەققىنى ئاقلايدىغان ۋاپادار ئەۋلادلار قاتارىغا قاتىدۇ!پەقەت تارىخنى ئۇنتۇمىغان ۋە تۈنۈگۈنكى كۈرەشلەرنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن ھېلىقىدەك بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتمەي، ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي، بولۇر ـ كېتۇر كۈن ئۆتكۈزىدىغان، بىخۇدلۇق قىلىپ بۈگۈنگىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدىغان ئىللەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپقىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، «شىنجياڭ»، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋە «ئاپتونوم رايون» دېگەن ئاتالغۇلارنى بىر ـ بىرىگە بەدەل قىلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەنچىڭ زوزۇڭتاڭ زامانىسىدا، ئەزەلدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇر زېمىنى «شىنجياڭ» (يېڭى چېگرا) دېگەن سىياسىي نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان. پۈتكۈل گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ مۇشۇ نام قوللىنىلغان. ئەمدى جۇڭگودا دېمۇكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، «شىنجياڭ» ئاتلىق بۇ زېمىنغا كومپارتىيە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى چۈشۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، يەنى شۇندىن ئېتىبارەن بۇ زېمىنغا «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ يېڭى ئات قويۇلغان. ئازراقلا سىياسىي ئېڭى بار ئادەم ئۈچۈن خۇددى ئاسماندا پارلاپ تۇرغان كۈندەكلا روشەن ئىش شۇكى، «شىنجياڭ» بىلەن «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ئوخشاش بولمىغان پارتىيىلەر باسقان ئېنىق دەۋر تامغىسى بار سىياسىي ئاتالغۇلار بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ۋە ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە بەدەل قىلىپ ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى «شىنجياڭ» دېگەن ئىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بوزەك قىلىدىغان ۋە ئانىي تاپىدىغان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت قويغان نام. «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بولسا، مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تەرغىپ قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەتپەرۋەر جۇڭگو كومپارتىيىسى قويغان نام. بۇلارنى قانداقمۇ ئارىلاشتۇرىۋەتكىلى بولسۇن ۋە بىرسىنى يەنە بىرسىنىڭ ئورنىغا بەدەل قىلىپ ئىشلەتكىلى بولسۇن؟ ھالبۇكى 1935 ـ يىلى تەسىس قىلىنىپ «شىنجياڭ گېزىتى» ئاتالغان بۇ ئەكسىيەتچى شىنجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى، ئەگەر 1955 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قۇرۇلغان «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسا، شۈ كۈندىن ئېتىبارەن مەزكۇر گېزىتنىڭ باش بەت باش سىتون يۈزىنى «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى» دېگەن بەرھەق سۆز بىلەن بېزىگەندىن باشقا، گېزىت نامىنى جەزمەن «ش ئۇ ئا ر گېزىتى» گە ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى! ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «شىنجياڭ ياشلىرى»، «شىنجياڭ سەنئىتى»، «شىنجياڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ۋە «شىنجياڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دېگەندەك گېزىت ـ ژۇرنال ناملىرى، شۇنداقلا «شىنجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجياڭ خەلق نەشرىياتى»، شىنجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتارلىق ئىدارە ـ ئورگان ناملىرىنىڭ ھەممىسى خاتا. ئۇلار پەقەت «ش ئۇ ئا ر ياشلىرى»، «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى»، «ش ئۇ ئا ر ئاياللىرى»، «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى»، «ش ئۇ ئا ر سەنئىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ۋە «ش ئۇ ئا ر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ش ئۇ ئا ر خەلق نەشرىياتى»، «ش ئۇ ئا ر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»……… بولغاندىلا ئاندىن توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى جۇڭگودا «شىنجياڭ» دەيدىغان يەر يەر يوق. ئۇ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقالغان. ھازىر ئۇنىڭ ئورنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقىنى مۇبارەك «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (ش ئۇ ئا ر) دۇر. شۇڭا «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قىسقارتىڭ «شىنجياڭ» دەپ ئاتاش ئېغىر سىياسىي خاتالىق، قانۇنسىزلىق ھەتتا ئەكسىيەتچىلىك بولىدۇ!بىراق بۇنى تېخى ئاز دېگەندەك، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى تېخىمۇ غەلىتە قىسقارتىڭ «ئاپتونوم رايون» دەيدىغان ئىللەتلىك ئادەتنىڭ ئەدەب كېتىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! خەت ـ سۆزلەرنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «ئاپتونوم رايون» دېگەن گەپ «ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈلىدىغان رايون» دېگەن ئابىستىراكىت مەنىدىن باشقا، ھېچقانداق بىر كونكرېت جاي ئۇقۇمىنى يورۇتمايدىغان تومتاق ئاتالغۇ. ھالبۇكى شۇنداق تۇرۇقلۇق زادى نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېمەي، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش شۇنچە بازار تېپىپ كېتىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭدا مۇنداق تۆت خىل ئەھۋال بار. بىرىنچى، خېلى بىر بۆلەك كۆڭلى ساددا، پەمى كالتە كىشىلىرىمىز، بىز مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقاندىكىن، «ئاپتونوم رايون» دېسەكمۇ تەھقىق ھالدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى، ئېغىزىغا نېمىنى سېلىپ قويسا، ئاڭقارماي يەۋېرىدىغان گومۇش بالىدەك، سىياسىي ئاتالغۈلارنى باشقىلار نېمە دەپ قىسقارتىپ بەرسە، چۈشىنىپ ـ چۈشەنمەي، شاتۇتىدەك دوراپ دەۋېرىدىغان چالا ساۋات ئەبگا زىيالىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا، «مىللىي» دېگەن سۆز «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز بولىدۇ؛ «ئاپتونوم رايون» دېگەن سۆز بولسا، ھەرقانداق يەردە مەڭگۈ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئەگەر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ قانۇنىي ئاتالغۇدىن مەركىزىي سۆز بولغان «ئۇيغۇر» ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ دېيىلگەن تەقدىردە، بۇ بىر قىسىم غەيرى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك قىلىۋاتقان ئىشى. بۇخىل كىشىلەر تارىختىكى «شىنجياڭ» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئەسلىدىن ناقايىل. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھېلىھەم مەنچىڭ ۋە گومىنداڭنىڭ دەۋرىگە مايىل. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ سىياسىي تامغىسى بېسىلغان، كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۇرى جۇلالاپ تۇرىدىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆز بىلەن ئۇلارنىڭ زادىلا خوشى يوق. تۆتىنچى، يەنە بەزەن ساددا قېرىنداشلار بولسا، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېسەك، «بۇ زېمىن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولۇپ قېلىپ، بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز تازا گەۋدىلەنمەي قالىدىكەن دەپ قاراپ، «ئۇيغۇر» سۆزىنى قەستەن تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەتتا مۇشۇ خىل خاتا قاراشنى چىقىش نۈقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، «شىنجياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمۇ؟» دېگەندەك بىمەنە ۋە لاۋزا ماقالىلارنىمۇ يازدى.بىز بۇ يەردە خالىس نىيەت ۋە سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى، بۈگۈنكى دۇنيادا قازاق قېرىنداشلارنىڭ قازاقىستانى ۋە قىرغىز تۇغقانلارنىڭ قىرغىزىستانى بولسا، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق مىللەتلىرىدىن بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بار. بىز بۇنىڭ بىلەن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمىز! بىراق خۇددى قازاقىستاننى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئورۇس، نېمىس، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قازاقىستانى ئەمەس، «پەقەت قازاقلارنىڭلا قازاقىستانى» دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ بولغىنىدەك، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىمۇ «پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ زېمىندە ياشاۋاتقان خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ نام مۇشۇ زېمىندا ئەزەلدىن تارتىپ، ئاساسىي گەۋدە ھالىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بىلەن قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغانىكەن، ئۇنى ئەينەن ۋە تولۇق ئاتاش بۇ زېمىندە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇراق بۇرچى! ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دىن «ئۇيغۇر» نى تاشلىۋېتىپ، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش سېپى ئۆزىدىن بىمەنىلىك ۋە يامان غەرەزلىك!دەرۋەقە «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇ بىر ئۆز ئۇزۇن. بۇنىسى ئەمەلىيەت. شۇنداقىكەن بەزىدە ئۇنى قىسقارتىپ ئاتىساق بولمامدۇ؟ مېنىڭچە بولىدۇ. بىراق قىسقارتقاندا، خۇددى «ئىچكى موڭغۇل (نيىمىڭ ) ئاپتونوم رايونى» ۋە «شىزاڭ (غەربى زاڭ) ئاپتونوم رايونى» دېگەنلەردە، «موڭغۇل» (مېڭ) ۋە «زاپ» (زاڭ مىللىتى) دېگەن ناملار چۈشۈرۈپ قويۇلمىغانغا ئوخشاشلا، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن قىسقارتىلغان ئاتالغۇدىمۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ھەرگىزمۇ چۈشۈرۈپ قويۇلماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇنى قىسقارتىپ ئاتاشقا توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە موڭغۇلچىلاردا بىردەكلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ياكى «ش ئۇ ئا ر» دەپ ئاتىسا بولىدۇ.شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، تارىختىكى شىنجياڭدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈنۈگۈنكى ئەل سۆيەر بۈيۈك ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ئۆلمەس نەتىجىسى. شۇنداقلا كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇبارەك سەمەرىسى. ھالبۇكى ئۇنىڭ نامىنى تولۇق، ئەينەن ئاتاش ياكى چالا، ئۆزى بىلگەنچە ئاتاش ئەمەلىيەتتە، شۈ ئاتىغۇچىنىڭ كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى، چۈشەنچىسىنى ۋە تۈپ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا شۈ ئاتىغۇچىنىڭ تارىخقا، تۈنۈگۈنكى ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىگە ۋە بۈيۈك ئەجدادلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ۋە ۋاپا دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەممىمىز يۈكسەك سىياسىي ئېڭىمىز ۋە يوللۇق مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا تۈنۈگۈن بىلەن كارى بولماسلىق كېسىلى بىلەن قولتۈقلىشىپ كېلىۋاتقان ئىللەت ئەتىگە ئوبدان نەزەر سالماسلىق يەنى پىلانسىزلىق بولۇپ، بۇ ئىللەتنىڭ يامان تەسىرى شۇ تاپتا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى بارغانسېرى گۇڭگىلاشتۇرماقتا.شۇنداق تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا، ئاندىن بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈنكى ھەر بىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ ماڭغاندىلا، ئاندىن بۈگۈنكى نەتىجىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەتە بۈگۈندىنمۇ گۇزەل كۈننى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى تۈنۈگۈندىن ساۋاق ۋە زۆرۈر ئوزۈق ئېلىش، شۇنداقلا ئەتىكى يېڭى ھاياتقا تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا ھامىلدار قورىماس ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي مەنىلىك تۇرمۇش ۋە چىن لەززەتلىك ھايات بولىدۇ. ئىنساننى ئەتىگە تەلپۈندۈرىدىغان نەرسە يۈكسەك غايە. يۈكسەك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسە بولسا، ئىلمىي پىلان، جانلىق تەدبىر ۋە قەتئىي ئىرادە. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، پىلانلىق ھايات ئاكتىپ ھايات، تاتلىق ھايات؛ پىلانسىز ھايات بولسا، پاسسىپ ھايات، قاڭسىق ھاياتتۇر. ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ ئېيتساق، سەن پىلان بىلەن ئىش قىلىۋاتامسەن ياكى ھېچبىر پىلانىڭ يوق كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا بىلىۋاتامسەن، خەلق كالۋا ئەمەس، ھەممىنى بىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شاخماتنىڭ ئۇرۇقچىلىرىدەك تىزىلىپ كەتكەن راۋاقلار پىلان بىلەن قىلىنغان ئىش. سېنىڭ پىلانىڭ بولمىغاچ، قىرىق يىلنىڭ مابەينىدە، ئۈرۈمچىگە ئەقەللىسى مىڭ ئادەم دەلنەزى تۇرۇپ مېيىت نامىزى ئوقۇغىلى بولىدىغان بىرەر مەسجىدمۇ سالالمىدىڭ. تۇرۇپلا نەۋرۇز بايرىمى قىلدۇرمايدىغان بولىسەن. تۇرۇپلا رامىزان ھېيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولىسەن. خەلقىڭ ئاشۇنداق ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان مىللەت. سېنى ئۇ قاتاردىن چىقىپ كەتتىمىكىن دېسە، ھېيت بولسا، ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ، تۆرنىڭ كاللىسىغا مېنىپ ئولتۇرۇپ گۆش يەيسەن. بۇ پاسسىپلىقمۇ ياكى ئاكتىپلىقمۇ؟ ئۇيغۇرلار «شىخەنزە» دەپ ئاتايدىغان شېخىزى شەھىرى مۇشۇ يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە بىنا قىلىنغان يېپيېڭى بىر شەھەر. ئۇنىڭدا، «شىخېزى ئۇنىۋېرىستېتى» قۇرۇلۇپ بولدى. ئەمما ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار كاشغەردە بولسا، تا شۇ كۈنگىچە بىرمۇ ئۇنىۋېرىستېت يوق. خەق ئون ئىككى يىل سەرپ قىلىپ، نى نى ئارمانلار بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتسا، ۋاقتى كەلگەندە كىرىپ ئوقۇيدىغانغا ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تايىنى بولمىسا، ئۇلارنى موللاملارنىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇپ تالىپ قىلماي قانداق قىلىدۇ، ئەمدى؟!مۇنداق ئىشلارنى ساناپ كەلسەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ جىق. سەمىمىي ئۈمىد شۇكى، سەن خەلقنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرىسەن، ئۆزەڭ خىزمەت ئۆتەيدىغان ئاشۇ سەككىز ـ ئون يىلنى قورساق سېلىپ سەمىرىۋېلىشنىڭ، پارا ئېلىپ بېيىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى قىلماي، خەلقىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ بىر ـ ئىككى بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىشنى پىلان قىل. شۇ پىلانىڭنى خەلقىڭغە ئوچۇق ئېلان قىل. مانا شۇ چاغدا سەن كەلگۈسىدىن ئۈمىدلەنگەن خەلقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. پىلانىڭ ئەمەلگە ئاشقاندا بولسا، ئۆز ئىقبالىدىن سۆيۈنگەن خەلقىڭنىڭ ھەقىقىي ئېھتىرام ۋە چىن ھۆرمىتىنىڭ قاينىمىدا ھۇزۇرلىنىپ ئۈزىسەن.سەن بىر مەكتەپ باشلىقىسەن. مائارىپ ئىدارىسى چۈشۈرۈپ بەرگەن سان ـ سىفىرغا، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىلتىپاتىغا قاراپ ئولتۇرماي، ئۈچ يىللىق، بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق قىلىپ ئۆزەڭ پىلان تۈز. مەكتەپ باشلىقى دېگەن ئىزباسار ئەۋلاد تەربىيىلەيدىغان باش ئىنژېنېر دېگەن سۆز. ھالبۇكى سېنىڭ پىلانىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك، سېنىڭ تەدبىرىڭ ئەڭ كارامەتلىك. ئالدىڭدىكى ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان مەھمۇد كاشغەرى چىراي، ئاماننىساخان رۈخسار ئوغۇل ـ قىز ئەۋلادلارنى كۆر. ساھىبتەدبىر بولۇپ، ئۇلاردىكى ئارزۇ ـ تىلەكلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆل. ئەمەلىيەتتە 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خوجايىنلىرى سېنىڭ ئىزباسار يېتىشتۈرۈش ماھارىتىڭغا باغلىق. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەرىپەتلىك كەلگۈسى سېنىڭ باشچىلىق جاسارىتىڭغا باغلىق! سەن ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىسەن. كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىسەن. باشتىنلا پىلان بىلەن ياشاشنى ئۆگەن. ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئال، ۋەتەن ئۈچۈن تەشكىللەن، ئېھتىياتچان ئەزمىلەردىن ئىبرەت ئال. ئىجتىھادچان تەۋەككۈلچىلاردىن ئۆرنەك ئال. «سېكىرتارنى پالانى تۇغۇپ بېرىدۇ»، «مۇدىرنى، رەئىسنى پۇستانى يەردە ياساپ بېرىدۇ» دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماي، كىچىكىڭدىنلا ناھىيەڭگە ھاكىم، ۋىلايىتىڭگە ۋالىي ۋە ئۇيغۇر ئېلىڭگە رەئىس بولۇشنى كۆڭلۈڭگە مەھكەم پۈك. «چوڭ بولسام، چوقۇم ئەجدادىمدەك باشلامچى ئەزىمەت بولىمەن» دېگەن نىيەتنى قەلبىڭگە مەزمۇت پۈت. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر ئويلا، پىلان تۈز. ھايات قوينىدا ئۆمۈر بويى پىلان بويىچە، شىجائەت بىلەن ئالغا قاراپ ئۈز. غايىبانە بىر مۆجىزاتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرما. ئۆزەڭ قىلالايدىغان ئىشنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرما. ئىلىم بەيگىسىدە ئۆزۈڭلا چىقساڭ، ئىقبال سېنىڭكى. بىلىملىك بولۇپ يېتىلسەڭ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى چوقۇم سېنىڭكى!بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەرەققىياتتا ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان ساۋاقلاردىن قارىغاندىمۇ، شانلىق تارىخى بار، شۇنداقلا ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمىغان، تارىخىي ساۋاقلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بەرگەن مىللەتلەرنىڭ يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالىشىدىن ئۈمىد زور. ئىپتىخارلىق تارىخى بولسىمۇ، تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئەتە ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭىدىن يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ مېڭىشنى بىلمەيدىغان مىللەتتىن بولسا، تازا ئۈمىد يوقتۇر.يۇقىرىدا دېدۇق، ئۇيغۇر شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەت. بۇنىڭدا گەپ يوق. ئەمدى ئۇيغۇر يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالامدۇ ــ يوق؟ بۇ ــ پال باقىدىغان ئىش ئەمەس. پەقەت سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ھەممىمىز بىر نىيەتكە كېلىپ، ئوتتۇراق ئەمەلىيىتىمىز بىلەن جاۋاب بېرىدىغان ئىش. بوۋىمىز ئېيتقان «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ئۇدۇم ئاتا سۆزى بەشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىلىرى دالالەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئىلمىي پىلانلىق ۋە ئىلغار تەدبىرلىك بولساق، ئەل سۆيەر ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى باسساق، ئۆزىمىزنىلا، بۈگۈننىلا ئويلىماي، كەلگۈسىنى، ئەۋلادلارنىمۇ ئويلىساق، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشۇپ، نۈسرەت ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلىساق، مىللىتىمىز ئۇيغۇر چوقۇم ئۆتمۇشتىكىدىنمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتالايدۇ!سېنىڭچىچۇ؟ مۇشۇ قاراشنى ياقلاپ، ئويغانغان سەپكە قوشۇلامسەن ياكى «مەن يەنە قاراپ باقاي» دەپ، تىكىۋېتىپلا قۇتۇلامسەن ؟ ئويلان، ئەبگا!
8 ـ پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئەزمە ئويلانغىچە تەۋەكگۇلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى.ھەق ئۈچۈن، ھەقىقەت ئۈچۈن ۋە ھەق يول ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئەزىز جېنىنىمۇ بېغىشلاش پىداكارلىق دېيىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز كوللىكتىپىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ھەقلىق ھوقۇقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش جەڭگىۋارلىق بولىدۇ. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئاداققىي مەۋجۇدلۇقىنى ۋە ئاقىۋەت ئىستىقبالىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈكتۇر. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنى داغدام يوللۇق، ئۇزۇن قوللۇق، ئۆز رىزقىدىن ئۆزى بەھرىلىنەلەيدىغان، ئۆز ھوقۇقىدىن ئۆزى ھوزۇرلىنالايدىغان قىلىدىغان زۆرۈر روھىي قۇۋۋەتتۈر. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ پاكىتلىق ئەمەلىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ، مەۋجۇدلۇقنىڭ يولى پىداكارلىق بىلەن ئېچىلىدۇ. ئىستىقبالنىڭ يولى بولسا، جەڭگىۋارلىق بىلەن كېڭىيىدۇ. ھېكايە، «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق ئامېرىكا كىنو فىلىمىنى كۆرگەن ئادەملەر بىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇكى، ھازىرقى ئامېرىكا نېگىرلىرى مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇن، ئىنگلىز سودىگەرلىرى تەرىپىدىن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، مال ـ ئەشيا بازىرىدا، ئەركىن ھالدا ئېلىم ـ سېتىم قىلىنىدىغان قارا قۇللار ئىدى. خاس قۇل بازارلىرىدا، خېرىدارلار ئەركەك قۇللارنى خۇددى ئېشەك سېتىۋالغان چېغىدىكىدەكلا، كالپۇكلىرىنى يېرىپ تۇرۇپ چىشلىرىنى كۆرۈپ، بولجۇڭ گۆشلىرىنى مۇشتلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئايال قۇللارنى ئالىدىغان چاغدا بولسا، كۆپ تۇغۇپ بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز دەپ، كۆكسىلىرىنى خاھلىغانچە مۇجۇقلاپ، ساغرىلىرىنى سىلاپ، غېرىچلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئۆز زامانىسىدا، نېگىرلار ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە، كان ـ كارخانىلىرىدا، ئېكىنزارلىق قورۇقلاردا، ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى، ئىتنىڭ ئورنىدا خارلاپ ئۆلتۈرۈلەتتى. بۈگۈنچۈ؟ بۈگۈنكى ئامېرىكا نېگىرلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ نامزاتى بولالايدىغان بولدى.ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقانداق ساھەسى ۋە ھەرقانداق مەخپى ئورگانلىرىدا بەخىرامان ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. بۈگۈنكى ئامېرىكىدا، ھەربىي سەپتىكى بەش يۇلتۇزلۇق نېگىر گېنېراللار، سەنئەت كۆكىدە پارلاپ جۇلالاپ تۇرغان نېگىر چولپانلار، تەنتەربىيە مەيدانىنى قاپلاپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا قارا تۇلپاردەك چېپىپ كېتىۋاتقان نېگىر تەنھەرىكەتچىلەر، سوت مەھكىمىسىدە رەت ـ رېتى بىلەن قارا بۇركۇتتەك ئولتۇرغان نېگىر باش سودىيەلەر نېگىرلارنىڭ مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇنقى ھايۋان ئورنىدىكى مەھكۇملۇق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەقلىق خوجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا ۋە پۈتكۈل ئالەمگە جاكارلاپ تۇرۇپتۇ. روشەنكى بۇ ھېچبىر ئاسماندىن چۈشكەن غايىبانە ئامەتكە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبە! مانا بۇ ـــ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ بۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىباھا ئەنگۈشتەر ئىكەنلىكىگە شاھادەت بېرەلەيدىغان ئەڭ جانلىق نەمۇنە !ئەكسىچە، ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ياۋرۇپالىق بايۋەچچە سەيياھ ۋە تەۋەكگۈلچى كولۈمبۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىماستىن بۇرۇن، ئاشۇ بوز زېمىننىڭ ئاتا مىراس خوجايىنلىرى ئىدى. ئىندىئانلار ئۇزاق ئۆتمۇشتە، مايا مەدەنىيىتى قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مەدەنىي مىللەت ئىدى. بىراق ئۇلار كېيىنچە، بىپايان كەڭ زېمىندە كونا دەسمىنى يەپ ئېغىناپ يېتىۋەرگىنى، بىر كېچە، بىر كېچە ناخشا ئوقۇپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇسسۈل ئويناپ يۇرىۋەرگىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى پىداكارلىق روھىنى يۇتتۇرۇپ قويغىنى ۋە بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىق خىسلىتىنى ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ زېمىنىدىكى جەمئىيەتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىگە، ھەتتا كۆچمەنلەردىن نان تىلەپ يەيدىغان تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ ـــ يەر شارىدىكى قەدىمىي زېمىنلەردە، بىپەرۋالىق ناخشىسىنى سوزۈپ توۋلاپ ياتقان، يېڭى زامان، يېڭى تەرەققىيات قەدىمىگە كۆزىنى ئۇۋلىۋېتىپ نەزەر تاشلىمايۋاتقان، ئۇيقۈسىنى ئېچىپ، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى ئۇزۇل ـ كېسىل چۆرۇپ تاشلىمايۋاتقان يەرلىك ئاھالىلار ئۈچۈن تىرىك ئىبرەتنامە!!!مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ دىققەت نەزەرى غەربىي يېرىم شاردىكى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئاللىقاچان شەرقى يېرىم شاردىكى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا ئاغدۇرۈلدى. ئۇلار ھازىرقى دۇنيادا تېخى ئېچىلمىغان ئۇچ چوڭ رايوننىڭ بىرسى سانىلىدىغان تارىم ـ تەكلىماكان ۋادىسىغا سىناش نەزەرى بىلەن قاراپ تۈرغىلى خېلى بولدى. ئۇلارنىڭ قارا، كۆك، ساغۈچ، ھەتتا سەل قىزارغان كۆزلىرىنىڭ قارىشىدىن: «كىرىپ كېلىۋاتقان 21 ـ ئەسىردە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ قەدىمىي زېمىندە داۋاملىق قەد كۆتۈرۈپ، ئالغا تەرەققىي ئېتەمدۇ ياكى ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۇي ـ تېكىستلىرى بىلەن بىللە نىيە خارابىسىغا خوشنا بولۇپ، قۈملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئال ئوپئۇچۈق بىلىنىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى بىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرى نېمىلا قىلساق، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاھان ئەھلىنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ جاۋابىمىز «بىز ئۇيغۇرلار ئەجدادىمىز ياراتقان ئۇيغۇر تارىم مەدەنىيىتىنى 21 ـ ئەسىردە، ئۆز ئىقتىدارىمىز ۋە ئىجتىھادىمىز بىلەن زامانغا ماس كېلىدىغان يېڭى تەرەققىيات وەللىسىگە كۆتىرىمىز جەزمەن» دېگەن جاراڭلىق ۋە كەسكىن گەپ بولىدىكەن، بۇ ھالدا خېلى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا خېلى زامانلاردىن بېرى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى بىلەن قەتئىي ئادا ـ جۈدالىشىشقا توغرا كېلىدۇ.مېنىڭچە، ئەبگا ئۇيغۇر ۋۇجۇدىدىكى پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى ئەمەلىيەت ۋە چۇشەنچە تەرەپتىن بولۇپ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.بىرىنچى، ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەپ، ئىجادىي ياشاشتىن، باشقىلارغا يۆلىنىپ، تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۇش.مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي داھى ئورنىغا چىقىۋالغان ھېلىقى «ئەگەر يەنە بىر پەيغەمبەر كېلىش ۋاجىپ بولغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرىغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كەلگەن بولاتتى» دېگەن مۇناپىق زات ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسجىد ئىماملىرى ۋە شۈ زاماننىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىغا «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» ناملىق مۇنداق بىر مەسەلنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈندارچىلىق پەلسەپىسىنى ئاساسلايدىكەن. مەسەل: بۇرۇنقى زاماندا، تۇلكە يولۋاس بىلەن دوست بولۇپتۈ. بۇنى كۆرگەن ھايۋانلار ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۈ: «ئى تۇلكە! سەن بىر ئاجىز ھايۋان تۈرۈقلۇق، نېمە دەپ بۇ ئورماننىڭ پادىشاھى سانىلىدىغان ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن ئاغىنە بولدۇڭ، قورقمامسەن ئەجەبا؟!» تۇلكە جاۋاب بېرىپ: «ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولسام، ماڭا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پايدا بار. بىرسى، ماڭا بىراۋ ئالدىراپ چېقىلالمايدۇ. چۈنكى مەن يولۋاسنىڭ دوستى ــ دە! ئىككىنچىسى، ئاچ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىمەيمەن. بىلىپ تۇرۇپسىلەر، يولۋاس دېگەن بۇ ئورمان دۇنياسىدا ئەڭ كۈچلۈك ھايۋان. ئۇ ھېچبىر كۇچىمەيلا، ھەرقانداق ئوۋنى ئوۋلىيالايدۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ گېپىدىن چىقمىسام، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىسام، ئانچە ـ مۇنچە يۇگۇر ـ يېتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسەملا، ئۇنىڭدىن ئاشقان ـ تاشقان نەرسىلەرنى يەپمۇ قورسىقىم تويىدۇ، كۈنۇم ئۆتىدۇ» دەپتۈ.ناھايىتى ئېنىقكى، ھامان بىر كۈنى بۇرنىدىن ئىلىنىپ قالىدىغان ھىلىگەر تۇلكىنىڭ ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى سېپى ئۆزىدىن ھاماقەتلىك. چۈنكى ۋەھشى يولۋاس ئادەتتە، ساغرىسىنى سىلاپ، قىچىشقان يەرلىرىنى تاتىلاپ قويىدىغان بىرەر غالچىغا ھاجىتى چۇشكەندە، ئەڭ مۇھىمى، ئاپ ـ ئوۋلار خاھلىغان ۋاقىتتا ئوۋلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە كۆپ چاغدا، تۇلكىدەك مۇغەمبەرلەرنى «ھە، دوستۈم» دەپ قويغىنى بىلەن، ئوۋ تاپالماي، قورسىقى ئاچ قالغان چاغدا بولسا، خۈددى مۇشۇك ساچقاننى ئويناپ تۇرۇپ يېۋەتكەندەك، ئۇنى بوغۇپلا يېۋىتىشى ئابايامقى گەپ. بىراق مەزكۇر مەسەل تەشۋىق قىلغان «كۈچلۈك بىلەن دوست بولساڭ، باشقىلار ئالدىراپ ساڭا چېقىلالمايدۇ»، «كۈچلۈكنىڭ غالچىسى بولساڭ، ئۇ يەپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەكلەرنى غاجىساڭمۇ قورسىقىڭ تويىدۇ، كۈنۇڭ ئۆتىدۇ» دەيدىغان مەھكۈملۇققا رازى بولۇش پەلسەپىسى ئۆز زامانىسىدا، «بىر بولۈڭدا مەسجىد بولسا، نامىزىمنى ئوقۈغىلى قويسىلا مەيلى. بەش ۋاخ ناماز ئوقۈۋالساقلا، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىمىز» دەيدىغان مىڭلىغان ـ مىليونلىغان ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن ساۋاتسىز، ئىلىم مەرىپەتتىن خەۋەرسىز، ساددە دىل، نادان خەلقنى ئازدۇرغان. بۇ خىل جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى بېلى بوش ئۇششاق زىيالىلار ئارىسىدىمۇ بازار تېپىپ كېتىپ، ئەسلىدە «ئۆزى ئوۋلاپ يېگەن توشقاننىڭ گۆشى ئۆزگىچە» ، «باشقىلار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمايدۇ» دەيدىغان توغرا ئەقىدىلىك كىشىلەر جامائەتسىز، يېتىم بولۇپ قالغان. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» مەسەلى تەرغىپ قىلغان «جاننى خوراتماي، بىر كۈن بولسىمۇ جان باققان ئەلا» دەيدىغان ئەزمىلىك ۋە پاسسىپ تۈرمۇش قارىشى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېڭىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۈرماقتا. ئۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى خېلى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچبىر خىجىل بولماستىن «بىز ماشىنا ياسىيالمايمىز، ئايرۈپىلان ھەيدىيەلمەيمىز. بۇنى ئاشۇ يولداشلار قىلمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان ۋىجدانى مىسكىن قىلىپ قويماقتا. ئىككىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋە پىداكارلارنى قەدىرلىمەسلىك.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، قەدىمىي شەھەر كاشغەر دە سىيىت ئىسىملىك بىر نوچى ئۆتكەن.كەڭ ئامما ئىچىگە تارقالغان مەزكۇر خەلق نوچىسى ھەققىدىكى داستان «سىيىت نوچى» نى ئالىم ئابدۇكەرىم راھمان ئەپەندىم رەتلەپ ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇيغۇرنى چۇشەنگەن ۋە ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشەنگەن بىر ئادەم ئۇنى تارىخىي رومان قىلىپ يازسا، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىكۇچىلىكى بار. بىراق بىزدە چۇشەنچە زەئىپلىكىدىن، ئۇ رەھمەتلىك نوچىنى بىرەر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بىلەن ياد ئېتىپ، روھىغا مەدھىيە ئوقۇش ئەمەس، ئەكسىچە ماقالە يېزىپ، «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا ئاپىرىڭ بەرگەن بىر ساۋاتسىزنى نوچى دەپ پەخىرلىنىش ئاخماقلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەنلەر خېلى چىقتى.مېنىڭچە بىر ئادەم بىرەر پائالىيەتكە ئاڭلىق ـ ئاڭسىز قاتنىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدا تاسادىپەن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ پىداكار ھېسابلانمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ھازىرىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شۈ ئىشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاپلىق ئاتاش، ھەتتا شۈ ئاتاش ۋە شۈ بېغىشلاش بىلەن ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىدىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش ـــ مانا بۇ پىداكارلىق بولىدۇ. راست، سىيت نوچى ساۋاتسىز ئادەم ئىدى. كۈچاردىكى مەككار دارىن (غوجام) ئۇنىڭ جېنىنى قەستلەپ يېزىپ بەرگەن خەتنى (خەت مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى) بىلمەي، كاشغەرگە ئۆزى ئېلىپ بارغان. سىيتنىڭ نوچىلىقى شۈ يەردىكى، ئۇ كاشغەرگە بارغاندا، ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سىيىت ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە بۇيرۈلغان ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۆلۈمنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ رەڭگى تاتارماي، ئۆلۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كەينىگە يېنىپ قاچماي، ئەكسىچە ئىككى يۇزلىمىچى دارىننىڭ قانخورلۇقىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۆزىنىڭ نوچىلىق ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ، مەزكۇر ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى جاللاتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ئەكىرىپ بەرگەن. شەك يوقكى، ساۋاتسىزلىق باشقا گەپ، پىداكارلىق بولسا، يەنە باشقا گەپ. بۇ يەردە سىيىتنىڭ قىلغىنى يېتىك پىداكارلىق، ئۇنىڭ ئىپادىسى تىپىك جەڭگىۋارلىق ئىدى. شۇڭا سىيىتنىڭ بۇ خىل نوچىلىقى ئۆز زامانىسىدا، پۈتكۈل ئۇيغۇر زېمىنىنى زىلزىلىگە سالغانىدى. مىڭ ئەپسۇس، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا، ئاشۇ پىداكار ئەجدادنىڭ يا بىرەر نامايەندە قەبرىسى، يا بىرەر يادنامە ھەيكىلىمۇ يوق!ماقۇل، سىيىت نوچىنىغۇ «ساۋاتسىز نوچى» دەپ ياراتمايدىكەنمىز. ساۋاتلىق نوچىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە باھايىمىزنى كۆرۈپ باقايلى، ئەمىسە. مەسىلەن، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى. جاھان بىلىدۇ، لوتپۇللا مۇتەللىپتە بۈگۈنكى خېلى ـ خېلى ئۇيغۇردا يوق ساۋات، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھەم شائىر، ھەم يازغۈچى، ھەم كومپوزىتۇر، ھەم رەسسام ۋە ھەم سەھنىدە رول ئېلىپ ئوينىيالايدىغان سەنئەتكار ― ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە خېلى مۇكەممەل يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئېغىزىدا دېگىنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە، قەلىمى بىلەن يازغىنىنى ئۆز پائالىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان مىللەتپەۋرەر ۋە پىداكار ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇ پەقەت چىدىغۇسىز ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاتلىقىنى ئويلاش مەقسەت قىلىنغان ئىنقىلابىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغىنى ئۈچۈنلا، باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىشكە خوردا بولۇپ كەتكەن ياتلار تەرىپىدىن ھەبسىگە ئېلىنىپ، 1945 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. شۈ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ياپياش بىر بالا ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇنداق مەردانە، ئاشۇنداق نەۋقىران بىر پىداكار ئەجداد ھەققىدىمۇ «مۇتەللىپ دېگەن سويما»، «قارام ئىنقىلابچى»، «ئىنقىلاب قىلىمەن دەپ نېمە قىلىدۇ، سىڭگەن نېنىنى يەپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ شېئىر يېزىۋەرگەن بولسا، بۇ چاغقىچە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۈتمامتى؟» دەيدىغانلار ئاز ئەمەس.ئىنسان پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنى تەسلىمچىلىك ۋە جانباقتىلىق ئەرۋاھىغا تىگىشىۋەتسە، ئېغىزىدىن قانداق نائەھلى گەپلەر چىقمايدۇ ـــ ھە؟! ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بىرىنچى ئامىل ــــ دەل پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ئەگەر ھازىرقى دۇنيادا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنى تونۈيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار خېلى بار دېيىلسە، بۇ ئالدى بىلەن لوتپۇللا مۇتەللىپكە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىداكار ئەجدادلارغا مەنسۇپ! جاھان خەلقى لوتپۇللا مۇتەللىپنى ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ سىمۇۋلى دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يۈز توم كىتابقا تاۋاپ شاھ ئەسىرى «يىللارغا جاۋاب» شېئىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ، پارىژ مۇزىيىدا ئۆرنەك قىلىپ ساقلاۋاتىدۇ. (بو مەلۇمات شائىر مۇھەممەد جان سادىقنىڭ «شائىر بولسام، بولاي سېنىڭدەك» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىن ئېلىندى.) دەرىخا! لوتپۇللا مۇتەللىپ ھايات بولغان بولسا، بۇ يىل ناھايىتى يەتمىش تۆت ياشقا كىرگەن بولاتتى. بىراق شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ «تىڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى» دېگەن ياڭراق شۇئارى ۋە ئۆلمەس غەيۇر ئوبرازى بىلەن تىرىك ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر يەتمىش تۆت ياشلىق ئادەمدىن مەڭگۇ مۆھتەرەم ۋە ئەبەدىي ئۇلۇغدۇر! چۈنكى ئۇنىڭ روھى بۈگۈنمۇ خەلقنى پىداكارلىققا چىللاۋاتىدۇ.بىر مىللەت پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى چىن ھەقىقىتى بىلەن چۈشەنسە، ئاندىن پىداكارلارنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى دائىملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئامېرىكا نېگىرلىرى بۇ نۇقتىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاچ، ئۆزلىرىنىڭ پىداكار ئەجدادى، ئوتتۇز ئالتە ياش ۋاقتىدا سۈيىقەستكە ئۇچراپ قازا تاپقان، نېگىر ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى، مەشھۇر پوپ مارتىن لۇتېركىڭ (King Martin Luther) نى دۆلەت بويىچە، يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلەيدۇ. ھەر يىلقى خاتىرىلەش كۈنىدە، پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرمۇ، قارا تەنلىكلەرمۇ ئوخشاشلا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەشھۇر نۇتقى «مېنىڭ چۈشۈم» نىڭ ئاۋاز لىنتىسىنى ئېھتىرام بىلەن ئاڭلايدۇ. بىراق بىزدە ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى پىداكارلىق چۈشەنچىسى خۇنۇك، پىداكارنىڭ يۈزى يوق بولغاچ، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئون سەككىز پىداكار ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۈربان قىلغان 18 ـ سىنتەبىرنى ھېچكىم ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن ھەمىشە خاتىرىلىمەيدۇ.ئۈچىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالماسلىق. پىداكارلىق دېگەن «چوقۇم ھاياتىدىن ئايرىلىش، جەزمەن ئۆلۇپ بېرىش» دېگەن گەپ ئەمەس. جەڭگىۋارلىق دېگەنمۇ نوقۇل ھالدىكى «مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىش» دېگەن گەپمۇ ئەمەس. تۈپ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ بەرگەن ھۇشنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ھەق ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە ئىمكانىيىتىنى تەقدىم قىلىش ۋە بارلىق كۈچ ـ قۇدرىتىنى تەسەددۇق قىلىشمۇ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. دۇنيادا ئىنساننى پۇشايمانسىز ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ خاسىيەتلىك پائالىيەت ئۆگىنىشتۇر. كىم ئۆگىنىشكە ماھىر، شۇ ھەممىگە قادىر. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەت داستىخىنىنى تېگىشلىك نېمەتلەر بىلەن مول قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە ئۆزى يول قىلىشنى ئويلايدىكەن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن قانۇن ئۆگىنىشى، دۆلەت قانۇنىنىمۇ، ئاپتونوم رايون قانۇنىنىمۇ ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم. چۈنكى بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىدە، قانۇن بىر دۆلەت، بىر جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش ئىنتىزامىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوراللا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ دۆلەت ۋە شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قورالى بولماقتا. كىمىكى قانۇننى ياخشى بىلسە، نېمىنىڭ قانۇنلۇق ئىش ۋە نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىش ـ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ. بۇ ھالدا ئەگەر بىر كىم بوزەك ئەتسە، يۈرەكلىك زاكۇنلىشالايدۇ ۋە قانۇن ماددىلىرى ئاساسىدا ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. ئەكسىچە ئەگەر كىمىكى قانۇن بىلمىسە، تۈپ ـ تۈز يولدىمۇ يۈرەكلىك ماڭالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىدىن ئۆزى مۇتلەق بەھرىلىنەلمەيدۇ. ھېكايە، كاشغەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە، تولۇق ئوتتۈرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنگەن. دوختۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بىر قانچە خىل دورا يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر سەھەر تۇرۇپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلسا، بەدەن ئەزالىرىدىكى قان ئايلىنىش جانلىنىپ، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ نورماللىشىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە ھېلىقى بالا دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيدىغان بولغان. يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە كۈن بولغان بىر سەھەردە، ئۇ بالا يۈگۈرۈش مەيدانىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، توختىتىپ قويۇش ئورنىغا سولانغان. بىر ھەپتىگىچە ھەر كۈنى ئۇرۇپ قىيناپ، سوراققا تارتقان. سوئال بىرلا: «سەھەر تۈرۈپ يۈگۈرۈش دېگەن خەنزۇ خەلقىنىڭ ئادىتى. سەن ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرەيسەن، مەقسىتىڭ زادى نېمە؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ جاۋاب بەرسە، زادىلا ئىشەنمىگەن. ئاخىرىدا مەزكۇر ئوقۇغۇچى بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ھېلىقى دوختۇرنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىگە ئىسپات خېتى ئېلىپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار يەنە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل جەرىمانە ئېلىپ، ئاندىن ئۇ بىگۇناھ بالىنى قويىۋەتكەن.پۇتبۇل ئويناپ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى دېسە، پۇتبۇل مەيدانىغا سۇ قويۇپ بېرىپ، توپ ئوينايمىز دېگەنلەرنى «نېمە مەقسەت بىلەن توپ ئوينايسەن؟» دەپ تۇتساڭ، تۆت ئۇيغۇر ياش بىر يەردە گەپلىشىپ تۇرسا، «نېمە دەپ گەپلەشتىڭ ؟» دەپ تۇتساڭ، ئۆزەڭ بىكاردىن بىكارغا ئادەم تۇتۇپ، سولاپ، ئۇرۇپ قىيناپ بولۇپ، خاتا ئادەم تۇتقىنىڭ، بىگۇناھ ئادەمنى ئۇرغىنىڭ ئۈچۈن سەن كەچۇرۇم سورىماي، سەن تۆلەم تۆلىمەي، ئەكسىچە يەنە »ئىككى مىڭ يۈەندىن بەش مىڭ يۈەنگىچە پۇل تۆلىسەڭ ئاندىن قويۇپ بېرىمەن» دېسەڭ، سەندىكى قانۇن زادى قېنى؟! ئەمدى شۇنچىۋالا خارلىنىپمۇ «شۇكرە دېدىم، شۇكرە» دەپ يۈرسەڭ، قانۇن ماددىلىرى بويىچە، ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزەڭنى قوغدىيالمىساڭ، سېنىڭ بۇ زېمىندىكى قانۇنىي پۇقرالىقىڭ ۋە ئىنسانىي ھوقۇقۇڭ قېنى؟! روشەنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، قانۇن ۋە سىياسەت بىلىملىرى بويىچە يېتەرلىك سەۋىيە ياراتقاندىلا، ئاندىن يۇقىرىقىدەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىق سادىر بولۇشىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى ۋە تۈگەتكىلى بولىدۇ.ئاندىن پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى تولىمۇ ئېغىر. پىداكارلىق بولمىسا، ھۆددىسىدىن چىقماق ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. سەن بىر ئۇيغۇر ياشسەن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن مائارىپ كۆرمىسەڭ بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ***ڭ تىلى. ئاندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت تىلى، دۆلەت ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا تىلى. جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەنزۇچە بىلمىسەڭ، ئۆزگىنى چۈشەنمەيسەن، ئۆزگىلەر كۆزىدىكى ئۆزەڭنىمۇ چۈشەنمەيسەن. شۇڭا جۇڭگودا تۇرۇپ، خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى بىلمىگەن ئۇيغۇر زىيالىي ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي زىيالى سانالمايدۇ. ئاندىن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئىنگلىز تىلى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇچۇر تىلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخى بويى يەتمەيدۇ. خەنزۈ تىلىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىل زۆرۈر بولىدۇ. 95 ـ يىلى تىلشۇناسلىق ئىلمىنى مۇتلەق ئۆگىنىپ باقمىغان بىر ياخشى كۆڭۈللۇك چالا ساۋات ئادەم «21 ـ ئەسىردە ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ» دېسە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى دېگۈدەك شادىيانە ناغرسىنى ياڭرىتىپ، ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك ھاياجاندىن «بارىكاللاھ» ئېيتىپ، ئېتەك ئېچىپ، داستىخان سېلىپ، پۇل يىغىش قىلىپ، ئۇ بەشارەتچىنى مۇكاپاتلىدۇق. مۇشۇ ئەمەلىيىتىمىز بىلەن گويا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ راستتىن گۈمانلىنىش، لاپقا ئىشىنىش پىسخىكىسىنى ئوبدانلا نامايىش قىلدۇق. دەرۋەقە ياخشى كۆڭۈل يېرىم دۇنيا ئىنشائاللاھ! بىراق بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىلى بولۇش ئورنىمۇ ئېغىر تەھلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇ تاپتا رەھىمسىز رېئاللىق ئۇيغۇرنى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ، پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىشكە چاقىرىۋاتىدۇ: ئى ئۇيغۇر ياش! باشقىلار سەككىز سائەت ئۇخلىسا، سەن تۆت سائەتلا ئۇخلا، خەقنىڭ بالىلىرى بىر كۈن ئوينىسا، سەن يېرىم كۈنلا ئوينا. جان تىكىپ ئۆگەن! پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنسەڭ ئۇيغۇر تىلىنىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ قالىسەن. ئەگەر پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنمىسەڭ، تەھقىق ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن!ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. پىداكارلىق يالغۇز جەڭ ـ كۈرەشلەردىلا ئەسقاتىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاشۇ جەڭ ـ كۈرەشلەرنىڭ غەلىبىسىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قوشۇن ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈش، ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ بەك زۆرۈر. بىز پىداكارلىقنى مۇئەييەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەق يول ئۈچۈن ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاش دەپ چۈشىنىمىز ۋە چۈشەندۈرىمىز. ئەمدى مۇشۇ خىل بېغىشلاش ۋە ئاتاشنى ئەمەلىيەتكە، رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، بىرىنچى بولۇپ دۇچ كېلىدىغان نەرسە شەخسى مەنپەئەت، ئۆز نەپسى ۋە «مەن» نىڭ ئۆزىدۇر. پەقەت ئۆزىنى يېڭەلىگەن، ئۆز نەپسىدىن كېچەلىگەن، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئۆزى رازى ـ رىزالىق بىلەن قۇربان قىلىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەن ئادەملا پىداكار بولالايدۇ. شۇڭا جاھان مۇتەپەككۇرلىرى، مەيلى پەننىي ئىلىم ئالىملىرى بولسۇن ياكى دىنىي ئىلىم سەردارلىرى بولسۇن، ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش، ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پىداكارلىقىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئۆتكۈر تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالايلۇق، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان مۇبارەك ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا، ئۆزى ئىشتىراكچى ۋە سەردار بولغان ئۇھۇد جېڭى قاتارلىق بىر قاتار جىھاد (مۇقەددەس جەڭ) لارنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ساھابىلىرى ۋە پۈتكۈل مۆمىنلەرگە تولىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «بىز ھازىر پەقەت كىچىك جىھادلاردا يېڭىپ چىقتۇق. چوڭ جىھاد تېخى ئالدىمىزدا، ئۇ بولسىمۇ جىھادۇننەفس (ئۆزىنى ئۆزى يېڭىش جېڭى، ئۆز نەپسىنى يېڭىش جېڭى) دۇر» دېگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بارلىق «مەن» لەر پەقەت ئۆزىنى يېڭىپ، ئۆز نەپسىنى يېڭىپ چىقالىغاندىلا، ئاندىن «بىز» دېگەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئۇيۇشالايدۇ. ئۇ پەقەت شەخسى غەرەزلەرنى، خۇسۇسىي مۇددىئالارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنى ئاشۇ «بىزۆ ئاتلىق گەۋدىگە پىدا قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ مەزكۇر «بىز» نىڭ بېشى بولامدۇ ياكى قۇيرۇقى بولۇپ قالامدۇ ھەرگىز ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ۋە «بىز» نىڭ بېشى بولالمىغانلىقى ئۈچۈنلا دەرھال خائىنلىق قىلىپ، «بىز» نىڭ مەنپەئەتنى دۈشمەنلەرگە سېتىۋېتىدىغان ئىشنى مۇتلەق قىلمايدۇ.مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتى 20 ـ ئەسىردىكى پۈتكۈل يۈز يىللىق تارىخىنى ئەستايىدىل خۇلاسە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەچچە ئەسىرلىك غەپلەت ئۇيقۇسىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ ئويغانغىنى راست. بىراق ئۇتۇق ۋە ئۇتتۇرۇقلىرىنى بىرمۇ بىر تىزىپ كەلسە، ئۇتقىنىدىن ئۇتتۇرغانلىرى يەنىلا كۆپ. نېمىشقا؟ سەۋەب ئۇيغۇرنىڭ مىللەت سەرخىللىرى ھالقىلىق پەيتلەردە «مەن» نى يېڭىپ، «بىز» بولۇپ ئۇيۇشالمىغان. گەرچە بەزىدە مىڭبىر مۇشەققەتتە «بىز» بولۇپ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشقان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ «مەن» نىڭ ئېزىتقۇلۇقىغا تاقابىل تۇرالماي، «بىز» گەۋدىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرالمىغان. ئالايلۇق، مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ 40 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇردىن چىققان خوجانىياز ھاجى، مەھمۇد مۇھىتى، تۆمۈر قاسىم، مەسئۇد سەبرى، ئىيسا يۇسۇپ، ئەھمەد جان قاسىمى قاتارلىق شىجائەت ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇرنى باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇ ـ ئارمانى بار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس ئۇلار ئۆزىنى يېڭەلمىگىنى، ئۆز نەپسىنى يېڭەلمىگىنى ئۈچۈنلا، بىر ـ بىرىنى ئېتىراپ قىلىشالمىغان. ھەر قايسىسى ئۆزى سەردار، «بىز» نىڭ بېشى بولۇشنى ئويلىغىنى ئۈچۈنلا، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشالمىغان. ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا ئارقا تىرەك خوجايىن تۇتۇپ، ئايرىم شايكا توپلاپ، ئايرىم گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ كۆتىنى ئېچىشىڭ، بىر ـ بىرىگە ئورا كولىشىپ يۈرگىنى ئۈچۈنلا، ئاقىۋەتتە بىر ـ بىرلەپ تار ـ مار بولۇپ كەتكەن. پىداكارلىق بىلەن ئۆز نەپسىنى يېڭىپ ئىتتىپاقلىشالمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاخىرىدا ئارمانىنى ئارمانلىقتا، دەردىنى دەرمانلىقتا قالدۇرۇپ، كەينى ـ كەينىدىن ئۇ ئالەمگە كەتكەن. ئەمدى بۈگۈنكىلەرگە قاراپ باقايلى: بۈگۈنكى ئىناۋەت ئىگىلىرىمىز ئۆتمۇشتىن ئىبرەت ئېلىۋاتامدۇ ياكى ئۆتمۇشنى ئۆرنەك قىلىۋاتامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ھەتتا ئولتۇرۇشلىرىدا دۇتار چېلىپ بېرىدىغان دۇتارچىلاردىن تارتىپ ئايرىم قىلىپ، ئايرىم سورۇن تۈزەپ، كونا دەسمىنىڭ قالدۇقلىرىنى زاكۇسكا قىلىپ يەپ ـ ئىچىپ، پىداكارلىق بىلەن قورساق سېلىۋاتامدۇ ياكى خەلقنى ۋە ئەۋلادنى ئانچە ـ مۇنچە ئېسىگىمۇ ئېلىپ قويىۋاتامدۇ؟راست گەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن ھېچبىر ئوتتۇراقلىقى يوق، پىسخىكا، تۇرمۇش ئادىتى ۋە تىل تەرەپتىن ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوق ئىككى مىللەتنىڭ بىللە ياشىمىقى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى تەس. بىراق ئۆمۈر ـ ئۆمۈرلەپ يالغان گەپ قىلىپ ئۆتۈشمۇ ئىش ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇلى، ئاساسى بولغان باراۋەرلىك ھەققىدىمۇ گەپ قىلىش، گەپ قىلغاندىمۇ راست گەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر راست گەپ قىلساڭ، ساڭا كەمچىلىك بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ، شۇنچىلىك كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشكە پىداكارلىق بىلەن جۈرئەت قىل ئاۋۋال. چۈنكى ئاداققىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يالغان گەپ قىلىپ، بىر ئۆمۈر تېشىڭ پۈتۈن ئىچىڭ تۈتۈن ئۆتكىنىڭدىن، راست گەپ قىلىپ، روھىي ئازاتلىققا ۋە ۋىجدان ساۋاپلىقىغا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. ئالايلۇق، تۇرپان ـــ ئەزەلدىن ئەبەتكە ئۇيغۇر شەھىرى. ئۇزاق ئۆتمۇشتە، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، مەزكۇر شەھەر نامىنىڭ بىرىنچى بوغۇمى خەنزۇچە «تۈكۈرۈش، تۈكۈرۈك» مەنىسىدىكى خەت بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلىنغانكى، مەزكۇر خەتتىن ئېنىق ھالدىكى تۇرپاننى پەس كۆرۈش، تۇرپانلىقنى ئۆچ كۆرۈش ئۇقۇمى چىقىپ تۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو ۋە چەتئەلدە تۇجيا مىللىتى، تۇنىس ۋە تۈركمەن دېگەنگە ئوخشاش «تۇ» بوغۇملۇق مىللەت ۋە يەر ـ جاي ئىسىملرى بار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىدا، «تۈكۈرۈك» خېتى ئىشلىتىلمەيدۇ. نېمىشقا؟ دۇنيادا ھېچبىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆز زېمىنىنىڭ ئىسمىنى «تۈكۈرۈك» مەنىلىك خەت بىلەن يېزىشنى ئەبەدىي راۋا كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى تۇرپان شەھىرىمىزنىڭ نامىنىڭ ھازىرمۇ «تۈكۈرۈك» خېتى بىلەن يېزىلىشى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدۇ. ئەمدى «تۇرپان شەھىرى» دېگەننى «تۈكۈرۈك شەھىرى» قىلىپ يازسا، گاراخ ئادەمدەك ھىجىيىپ ئولتۇرما. گەپ قىلىپ، ئۇنى جەزمەن ئۆزگەرتتۈر. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە پىداكارلىق كېتىدۇ. شىجائەت قىلساڭ، سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ. يەنە مەسىلەن، يەنە شۇ تۇرپاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەپسانىسىدىكى سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۇڭگۇزلارنىڭ ھەيكەللىرى قەد كۆتۈرۈپ كەتكىلى خېلى زامان بولدى. بىر ئۇيغۇر كادىر چىقىپ، بىزمۇ پىداكار ئەجداد ئابدۇخالىق ئابدۇراھمان ئۇيغۇرىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، تۈرغۇزۇپ قويايلى دېمىدى. ئەمەلىيەتتە سۇنۋۇكۇڭ مايمۇن بىلەن جۇباجيە تۈڭگۇزلار بىرىنچىدىن، ئەپسانىۋى مەخلۇقلار، ئىككىنچىدىن ئۆز زامانىسىدا، «بۇ تۇرپان دېگەن بەجايىكى ئوت يۇرتى ئىكەن، كۆتىمىز كۆيۈپ كەتتىيەي، بۇرنىمىز ئۆرتىلىپ كەتتىيەي» دەپ قېچىپ كەتكەن نەرسىلەر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا، ئەلمىساقتىن تارتىپ، تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننى ئېچىپ، سۇ بولمىسا، كارىز قېزىپ سۇ چىقىرىپ، سالقىن بولمىسا، تەك تىكىپ جانغا راھەت بوستان چىمەنزار ئەھيا قىلىپ، ئوت يۇرتىدا ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلغان يەرلىك مىللەت ئۇيغۇردىن چىققان مۆھتەرەم ۋەتەنپەرۋەر. ھالبۇكى يىلدا بىر قېتىم ئۈزۈم بايرىمى قىلىپ، خەلقئارا دوستلارغىمۇ داستىخان سېلىۋاتقان تۇرپاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۈرسا، ھەقلىق ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە!دېمەك، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، ئۇنى شۇئار ھالەتتىن ئەمەلىي پائالىيەت ۋە ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرۈش دەۋرنىڭ تەلىپى، زاماننىڭ تەقەززاسى. بۇنى ئوبدان چۈشەنگەي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى!پىداكار ۋە جەڭگىۋارلىق ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلى بىلەن سۆيۈشنى قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئۆز مىللىتىنى، ئۆز خەلقىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى چىن دىلىدىن سۆيۈش ھەمىشە ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزاق ئۆتمۈشكە سېغىنىپ، قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە لاپ ئېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى رېئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىش، بۈگۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىن باشلاپ، يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا، ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، سەن بىر پىداكار ۋە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئەۋلاد بولۇشنى دىلىڭغا مەھكەم پۈككەن ئىكەنسەن، ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغىنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلان. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ شەرەپ نامغا داغ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلان. ھەرقانداق شارائىتتا، ئۆزەڭنىڭ ئۇيغۇرلۇقىڭدىن تانما. «ئۇيغۇر» دېمەي، «مىللىي» ياكى «مۇسۇلمان» دېسىمۇ ئوخشاش دېگەن گەپكە ھەرگىز ئالدانما. ناۋادا سەن بىر ئاشخانا ئاچساڭمۇ، ئۇنداق «مۇسۇلمان ئاشخانىسى» دېمە. ئېنىق قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دە. چۈنكى بۇ دۇنيادا تۇڭگان مۇسۇلمانمۇ بار، مالاي مۇسۇلمانمۇ بار، ھىندى مۇسۇلمانمۇ بار. سەن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى مۇبارەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانسەن. ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» دېسەڭ، مەزكۇر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن ھېچكىم گۇمانلانمىغىنىدىن باشقا، ئۇنىڭ جاھان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاشخانا ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ، خېرىدارنى ئوچۇق مەلۇماتلىق قىلىدۇ. «ئاش ـ تائاملار دەپتىرى» دىكى «شىنجياڭ سەي» ، «شىنجياڭ تامىقى» دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئۇنىڭ كونكرېت ئىگىسىنى روشەن قىلىپ، «ئۇيغۇر قورۇمىسى»، «ئۇيغۇر تامىقى» دەپ ئېنىق ياز. چەتئەللەرگە چىقساڭ، ۋەتەن چېگرىسىدىن چىقىۋېلىپلا ھېلىقىدەك «سەن قەيەرلىك» دەپ سورىسا، قازاقىستانغا قاراشلىق تۈركىستان شەھىرىنىڭ نامى بىلەن «مەن تۈركىستانلىق بىر نېمە» دەيدىغان ئاخماقانە ۋە يالغان گەپنى ئەمدى ئەبەدىي تاشلىۋەت. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېنىق قىلىپ، «مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلىق، ئۇيغۇر ئېلىلىق ئۇيغۇرمەن» دېيىشنى قىل ئادەت. بىلگىنكى، ئى قېرىندىشىم ئۇيغۇر! ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئىسمى مەڭگۇ «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ياڭراق ۋە مەغرۇر! بۇ ھەقىقەتنى ئالدى بىلەن ئۆزەڭ ئۇق، ئاندىن جاھان ئەھلىگىمۇ ئۇقتۈۇ!پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، بىر مىللەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزلۈكسىز روناق تېپىشىنىمۇ ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان روھىي تۈرتكىدۇر. ھازىرقى دۇنيادا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى قۇرمىقى بەسى مۈشكۈل. ئوخشاشلا بۈگۈنكى جاھاندا، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق قىلىپ قوغداپ قېلىشى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىمۇ مۈشكۈلدىن مۈشكۈل. بۇنىڭغا پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى مىسال بولالايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، پەلەستىنلىكلەر 1993 ـ يىلى دۇنياغا كەلگەن پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۈشى ئۈچۈن ئاجايىپ زور پىداكارلىق كۆرسەتتى، ئاجايىپ زور بەدەل بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار پەلەستىن ئاپتونوم رايونىنى قوغداش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا، داۋاملىق پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بىلمەك كېرەككى، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق پىداكارلىق كۆرسەتكەن. دەرۋەقە سەن ــ بىزمۇ بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىمىزچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىراق مەسىلە ئاز ئەمەس، يېتىشسىزلىك ئاز ئەمەس. ھەممىدىن يېتىشسىزلىك قىلىۋاتقىنى پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق. ھالبۇكى «ئۇيغۇرنىڭ يەتتە مىڭ يىللىق تارىخى بار، سەككىز مىڭ يىللىق سەرگۈزەشتىسى بار» دېگەننى ئۆتە قوغلىشىپ كەتمە. يەرنىڭ ئاستىنى كولاش، كونا كىتابلارنى ۋاراقلاش بىلەن پۈتۈن ئۆمرۇڭنى ئۆتكۈزىۋەتمە. چۈنكى دۇنيادا تارىخى ئۇزۇنلارنى بىرەر پارچە زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدىغان قائىدىمۇ يوق. يەرشارىنى سوراپ يەۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخى تېخى ئۇچ يۈز يىلغىمۇ يەتكىنى يوق. 1955 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ۋە ئۇنىڭدىكى رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى تەتقىقاتىڭنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىل. بۈگۈنكى ياشلارنى، ئۇيغۇر ئەۋلادلارنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ كۆپ ۋاقتىڭنى سەرپ قىل. ئاپتونوم رايون دېگەن جاھاندا ئەندىزىسى يوق، قۇرۇلما رامكىسى يوق نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى غەربىي زاڭ (شىزاڭ) ئاپتونوم رايونى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇڭنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاپتونوم رايونلار بىلەن، ئالاھىدە رايونلار بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىل. تەتقىق قىلىپ، توغرا يول تاپ. توغرا يول ئۈچۈن بارلىقىڭنى بېغىشلا، ئۆزەڭنى ئات. گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرى شۇكى، سەن ــ بىز ئەگەر تەتقىقاتنى ئەمەلىيەتكە چەمبەرچەس باغلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قوغداپ، ئۇنى ئىسمىغا مۇناسىپ لاياقىتى ۋە ئېپى سېپىدە ھالىتى بىلەن ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىسەك، نەۋرىلەر بىزنى «نان قېپى ئەجداد، مۇناپىق ئەجداد» دەپ تىللايدۇ ۋە قەبرىمىزگە تۈكۈرىدۇ. بۇنى ئوبدان قىياس قىل ۋە ئويلان، ئەبگا!
خاتىمە

ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىش يۈزىسىدىن «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق بۇ تەنقىدىي رېئالىزىم ئەسىرىمنى يۇقىرىقى ئىخچام ئون باب بىلەن تاماملىدىم. خاتا دېگەن بولسام، ئەستەغپىرۇللاھ. توغرا دېگەن بولسام ئويلاپ بېقىڭلار.
مەلۇمكى مۇئەييەن بىر شەخسنىڭ كەمچىلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش جىق ئاسان ئىش. بىراق بىر مىللەتنىڭ يېتىشسىزلىك ۋە نۇقسان تەرەپلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۇنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىش ۋە بۇخىل خۇلاسىنى شۇ مىللەتنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈش بولسا، ئېغىزدا دەپ قويۇش ئاسان، ئەمما قەغەز يۈزىگە ئېلىپ، ئەسەر قىلىپ پۈتۈپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش.
بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئالدى ـ ئارقىسىنى ئويلىسام، گەپنى 1984 ـ يىلى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان باغدات سەپىرىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى 4 ـ ئايدا، ئەرەب تىلى ئۆگەنگەنلىكىمنىڭ شاراپىتىدىن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەسىرلەر بويى تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر «مىڭ بىر كېچە» قىسسىسىنىڭ ھېكايە مەيدانى باغدات شەھىرىگە باردىم. ئەلۋەتتە خوشال بولدۇم، ھاياجانلاندىم. ئىراقتا جەمئىي ئون سەككىز ئاي تۇردۇم. بۇ جەرياندا پايتەخت باغدات شەھىرىدىن باشقا، ھىللە، كۇفە، نەجەف، كەربالا، بەسرە ۋە كەركوك قاتارلىق شەھەرلەردە بولدۇم. خىزمەت زۆرۈرىيىتى بىلەن، ئاددىي دېھقاندىن تارتىپ، نازىر، مىنىستىرغىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تارتىپ، ئۇنىۋېرىستېت پروفېسسورى، دوكتۇرلىرىغىچە ئارىلاشتىم. شەھەر قۇرۇلۇش مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىش ۋە قەدىمىي ئىزلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىر چاغدا، ئاشۇ قەدىمىي زېمىندە، يېڭى زامان، يېڭى دەۋر تۇرمۇشىنى كەچۈرىۋاتقان خەلقنى، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى، تۇرمۇش قارىشىنى ۋە ياشاش ئۇسلۇبىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتتىم. مەن ئۇلارنى ئۆزەم بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر قەۋمغە تەڭ قىلمايدىغان مىللىتىم ئۇيغۇر بىلەن سېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە بەزەن ئېنىق پەرقلەرنى سەزدىم. خۇسۇسەن تۇرمۇش پەلسەپىسىدىكى ئەمەلىيلىك ۋە ھايات ئەقىدىسىدىكى جانلىقلىق جەھەتتە، ئىراق ئەرەبلىرىنىڭ روشەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. سەزگەن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن بايقىغانلىرىم ئاساسىدا، «ئىراق تەسىراتلىرى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا نۇرغۇن خاتىرە يازدىم. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇردىكى نۇقسانلار» دېگەن تارماق تېمىدىكى خاتىرىلىرىممۇ خېلى سالماقنى ئىگىلىدى.
1985 ـ يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىراق تەسىراتلىرىنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمغا، دوستلىرىمغا ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردىم. ئۇلار بىلەن خاتىرە مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئەپسۇسكى ھېچكىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدىم. ھەممەيلەن خۇددى بۇرۇن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا: «ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ قىلىنغان تەنقىدنى خەلق كۆتۈرەلمەيدۇ» دېيىشتى. كۆپىنچەيلەننىڭ ئارقامدىن: «ئۆزىچە يوغان بىر ئىش قىلغاندەك، چەتئەلگە چىقتىم دەپ چوڭچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتىنىمۇ ياراتمايدىغان بولۇپ كېتىپتۈ» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ھەتتا بىر ئاغىنەمنىڭ «باغدات كاشغەرچىلىك بارمىكەن؟» دېگەن سوئالىغا: «بىزنىڭ كاشغەر شەھىرىمىز باغداتنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى بىر كوچىسىغا ئاران ـ ئاران باراۋەر كېلىدىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا دەشنام يېدىم. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خېرىدار قوبۇل كۆرمەيدىغان مالنى بازارغا سالماسلىق، خەلق ياقتۇرمايدىغان گەپنى ئۇلارغا دەپ ئولتۇرماسلىق قارىشى بىلەن، مەزكۇر «ئۇيغۇرلاردىكى نۇقسانلار» ماۋزۇلۇق خاتىرەمنى رەتلەپ ئېلان قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم. بىراق ئاشۇ خاتىرەم گېزى كېلىپ، بۈگۈنكى مۇشۇ «ئەبگا ئۇيغۇر» ماۋزۇلۇق ئەسىرىم ئۈچۈن خېلى قۇۋۋەتلىك خېمىرتۇرۇچ بولدى.
كېيىنچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مائارىپشۇناسلىق ئىلمى نەزەرىيىسى بىلەن پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. پىسخولوگىيە ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۆزەمنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ۋە مىللىتىم ئۇيغۇرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساسلارغا تەدبىقلاپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خېلى كۆپ پايدىلىق ئىلمىي ۋە ئەمەلىي چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدىم. خۇسۇسەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى سۇن يۇلەن خانىم يازغان «مىللەتلەر پىسخولوگىيىسى» ناملىق كىتاب مېنىڭ ئۇيغۇر پىسخولوگىيىسىنى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئىستىكىمنى ئويغاتتى. بۇ كىتابتىكى ئىنساننىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەدرىجى ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي تۈرمۇشتا مۇئەييەن ئىنكاس ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيە ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى ۋە مېنى كۆپ ئويلاتتى. نەتىجىدە بۇ خىل نەزەرىيىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىگە تەدبىقلاپ يۈرۈپ، بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى بايقىدىم ۋە بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىقات يۈزىسىدىن بولسىمۇ يېزىپ چىقىپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىشنى ئىلىم يولىدىكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارىدىم. مانا مۇشۇنداق ئۆگىنىش، تەسىرات ۋە ئويلار ئارقىسىدا، «ئەبگا ئۇيغۇرد» ماۋزۇلۇق بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن، 1994 ـ يىل 10 ـ ئايدا قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەزالىرى ئىچىدىكى ڭىسخىك نۈقسانلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ يېزىلغان ئەسەر جەزمەن ئىلمىي ئاساسلىق ۋە سەمىمىي پىكىرلىك بولغاندىن تاشقىرى، شۈ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە مۇتلەق كۆپچىلىك ئەزالىرى ئېتىراپ قىلغۈدەك دەرىجىدىكى ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇشى لازىم. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن بۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىلمىي ئەسەر بولالايدۇ. مۇشۇ چۇشەنچىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، مەن مەزكۇر ئەسەرنى بىر تەرەپتىن يېزىش، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىپ بولغان قىسمىنى ئىمكان بار ئوچۈق مۇھاكىمە قىلىش، مۇھاكىمىدىن ئۆتكەن ۋە بېرىلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا، قايتا ڭىششىقلاڭ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىشىكنى داغدام ئېچىپ قويۈڭ ئولتۇرۇپ يېزىش ئۇسۈلىنى قوللاندىم. ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئۇچ بابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، فوتو كوپىيە قىلىپ، ئۇنى تونۈش مۇھەررىرلەرگە، مەسلەكداش بۇرادەرلەرگە بىر نۈسخىدىن ئەۋەتىپ پىكىر ئالدىم. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىقىدا تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئەنجۈمەنى» نىڭ پائالىيەت كۈنلىرىدە، ياش ئەنجۈمەنداشلارغا ئوقۇپ بېرىپ، ئەسەر يورۈتماقچى بولغان مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە كۆپچىلىكنىڭ ئىلھامبەخش رىغبەتلەندۇرۇش پىكىرلىرىگە مۇشەررەپ بولغىنىمدىن باشقا، مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان سەمىمىي تەنقىد ۋە جىددىي تەكلىپ پىكىرلىرىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم. مانا بۇلار بۇ ئەسەرنىڭ نىسبەتەن قايىل قىلارلىق، قىزغىن ئالقىشلىق ۋە ئىجابىي تالاش ـ تارتىشلىق ئاكتىپ ئەسەر بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىنى ئاممىۋى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى بەش بابىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا يېزىپ تاماملىدىم. كېيىنكى بەش بابىنى بولسا، مىسىر قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۈغۈچىلار ياتاق قوروسى بولغان «ستودېنتلار شەھىرى» ( Students City ) ناملىق گۇزەل باغدا يېزىپ پۈتتۇردۇم. مىسىردا بولغان كۈنلىرىمدىمۇ، ئەسەرنىڭ پۈتكەن بابلىرىنى ئۇدۇللۇق كۆپەيتىپ بېسىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۈغۈچىلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقچىلىقى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن «مىسىر ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» سىنىپىدىكى يېڭى ئەنجۈمەنداشلارغا ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىسلام دىنى تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا مەن بىلەن ئوقۈۋاتقان بالام دېمەتلىك ساۋاقداشلىرىمغا ئوقۇپ بەردىم. ئەسەرنى ئۇلارنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىسىگە قويدۇم. نەتىجىدە ۋەتەندىن بەش يىل، ھەتتا ئون يىللاپ ئايرىلىپ، نىل دەرياسى ساھىلىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئانا ۋەتەننىڭ قەدرىنى نەق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق چوڭقۈر چۈشەنگەن، ۋەتەننى گۇللەندۇرۇش ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۈشنىڭ زۆرۈريىتى ۋە تەخىرسىزلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشەنگەن بۇ تالىبۇلئىلىم (ئىلىم تەلەبكارى) لارنىڭمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلىرىگە ۋە رىغبەتلىك دۇئالىرىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەردە مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلىپ پۈتۇشى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە سەمىمىي پىكىرلىرى ئارقىلىق قوللاپ قۈۋۋەتلىگەن چوڭ ـ كىچىك قېرىنداشلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنىڭ كەپ كىتابخانلار بىلەن ۋاقتىدا يۇز كۆرۇشۇشى ئۈچۈن ئەمەلىي مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن، تەھرىرلىكتە يېتىك ماھارەت، ئەسەرنى ئېلان قىلىشتا تەمكىن جاسارەت كۆرسەتكەن ژۈرنالىست «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى» ژۈرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قۈربان مامۇت ئەپەندىمگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن ۋە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن!
ئىنسان بۇ دۇنيادا تېخى ئىككى يۇز يىل ياشىغىدەك بولمىدى. ئادەمنىڭ ئەڭ ھاياتى كۇچكە ئىگە ئۆمرى ۋە تۆھپىكار ئالتۈن دەۋرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە ئون يىللا ئىكەنلىكى ھېلىھەم پاكىت بولۇپ كەلدى. شۇنداقىكەن ئىنسان ھەر بىر كۈن، ھەر بىر ئاي ۋە ھەر بىر يىلنى چوقۈم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مىنۈت، ھەر سائەتنىمۇ ئەزىزلەپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەمنۈنىيەت بىلەن ئەستايىدىل ياشىشى لازىم. بۇ ـــ مېنىڭ تۇپكى ھايات قارىشىم. ھالبۇكى مەن بۇ ئەسەرنى ھئلىقىدەك دەپ ئېيتىۋئلىش، سۆزلىۋئلىش ۋە قورسىقىمنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئانا سۇتىنىڭ قەرزى ۋە ئانا يەر تۈزىنىڭ بۇرچ ـ پەرزى ئۈچۈن، ئەستايىدىل ئويلىنىپ يازدىم. بۇ ئەسەر ھېچقانداق بىر كونكرېت شەخسكە قارىتىلمايدۇ. بىراق ئۆز نۆۋىتىدە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر بۇ ئەسەرنىڭ قاراتمىلىقى دائىرىسىدىن چەتتە قالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئالدى بىلەن مېنىڭ ئۆزەمنىڭ سۇرىتى، مەن ئۆزەمنى ئاشۇنداق تونۈدۇم. ئۆزەمدە ئاشۇنچىۋالا ئىللەت ۋە نۈقساننىڭ بارلىقىنى سەزدىم. مەسىلىنى سەزگەن ۋە تونىغان ئىكەنمەن، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرۇمدە، جەزمەن نۈقسانلارنى تۇزىتىپ، ئىللەتلەرنى تۇگىتىپ، ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ بىر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر بولۇپ ياشايمەن. ئەمدى شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، مەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ، شۈ جۇملىدىن، تەنقىد قىلىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقان، غەزەپ تاشقىنلىرى تېشىپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ، دەسلەپ بۇ ئەسەرنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ چىقىشىنى، بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىش ـ ئەمەللىرى ئاساسىدا، ئۆزى بىلەن ئۆزى ئەستايىدىل بىر مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشىنى، شۈ ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىنى چىرماپ تۇرغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىللەت ۋە نۈقسانلارنى تېز پۈرسەتتە تۇگىتىش ۋە تۇزىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۇمىد قىلىمەن.
ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىجادكارى بولغان ئۇيغۇر ئۇلۇغ مىللەت. بىراق ئاينىڭمۇ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا بار ئاشۇنداق بىر مۇنچە نۈقسان ۋە ئىللەت. ئەمدى ئەگەر بىز ھەممىمىز بىردەك ئېڭىمىزدا ئۇيغۇر ئەقىدىسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئۆز ئارا ـ ئىجىل ئىناق، بىر گەۋدە بولۇپ، بىر ـ بىرىمىزنى ھەقىقىي مەنىدىكى قېرىنداش تونۈپ، ھۇرۇنلۇقنى قەتئىي چۆرۇپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چىن يۇرەكتىن قەدىرلەپ، ئۆز ۋەتىنىمىزنى ئۆز پائالىيىتىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئەزىزلەپ، مەرىپەتلىك بولۇپ، پەزىلەتكە تولۈپ، بىر ـ بىرىمىزنى قېرىنداشلارچە سۆيۇپ، ئورتاق ئىشىمىزغا جان ـ دىلىمىز بىلەن كۆيۈپ، ئۇمىدسىزلىك ۋە خۈراپاتلىقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىدىغان، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنى بارلىق ئىشلىرىمىزغا باش بايراق قىلىدىغانلا بولساق، شەك يوقكى، ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ تاكامۇللاشقۈسى. يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى ئۇيغۇر زېمىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ياراتقان مۆجىزە ۋە كارامەتلەر بىلەن تولۈپ تاشقۈسى!
شۈ مۇرادىمنى مۇنۈ تۆت مىسراغا مۇجەسسەم قىلدىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسىرىمنى مۇكەممەل قىلدىم:
ئۇيغۇر بىز ― ئۇيۈشقاقتۈر بىزنىڭ ئەسلىمىز،
كۈرەش قىلساق بىرلىشىپ، گۇللەر نەسلىمىز.
نۈقسانلارنى تۇگەتسەك، ئىلىم ئۆگەنسەك،
كېلەر يەنە بىزنىڭكى پارلاق پەسلىمىز!

1997 ـ يىل 7 ـ ئاپرىل دۇشەنبە، قاھىرە

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇرشۈناسلىق تەتقىقات ئورنى.

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: مەنىۋىيىتىمىز
ئەڭ يېڭى يازمىلار