ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

تۇرسۇن پىداقۇل

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقات نەتىجىلىرى خېلى ئۇتۇقلۇق بولغان.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تارىخى ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىق تەتقىقات پائالىيتىنى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تۈركىيلىك سىناس تېكىن ۋە روبېرت دانكوف، ل. كلارك، سابنى تىرنجاك قاتارلىق ئالىم تەتقىقاتچىلار ئېلىپ بارغان. بۇلاردىن سىناس تېكىننى ئامېرىكا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بۇلىدۇ. ئۇ ھازىر خارۋارد ئونۋېرستىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى بولۇپمۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلغان. ئۇ دوكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىشتىمۇ «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئالتۇن يارۇق› 5-جىلىدنىڭ 9-، 10- بۆلەكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ئىلمى ماقالىنى يازغان؛ 1961-يىلى، «‹ئالتۇن يارۇق›2- جىلىدتىكى ‹ئايرىم ئۈچ بۇددالىق ›3-بۆلەك» نى تەتقىق قىلىپ يازغان ماقالىسىنى «ئورال-ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى» نىڭ 33-جىلىدتا ئېلان قىلدۇرغان؛ 1960-يىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى شەپقەتكار بۇدساتۋا «پۇمىن بۆلىكى» نى تەتقىق قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان؛ 1970-يىلى، «گېرمانىيە شەرقشۇناسلىق تەتقىقات خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ 16-سانىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايترى-سىمىت» نىڭ كىتاب قىلىنغان يىل دەۋرى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. ئاپتۇر بۇ ماقالىسدە، «مايترى-سىمىت» نىڭ كىتاب قىلىنغان دەۋرىنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى دەپ ھېساپلىغان. 1980-يىلى، ئۇ يەنە گېرمانىيلىك شەرقشۇناس لېكوكنىڭ تۇرپاننىڭ سىڭگىمدىن قولغا چۈشۈرگەن ۋە گېرمانىيىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايترى-سىمىت» (جەمئىي 227 ياپراقچە بولۇپ، تەخمىنەن پۈتۈن كىتابنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ) ناملىق چوڭ تىپتىكى 27پەردىلىك سەھنە ئەسىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. سىناس تىكىن يەنە 1970-يىلى بۈيۈك برىتانىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان Or,8212 – 75A/75B دەپ نۇمۇر سېلىنغان كىتابچىنىڭ 2-جىلدتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئەبىدەرمە كۇشەشاستىرەنىڭ ستىرەنىڭ ستىرەمەتى شەرھى» نىڭ پاكسىمىل نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. كىتابنىڭ ئالدىغا پەقەت بىر پارچە قىسقىچە كىرىش سۆز يازغاندىن تاشقىرى، ۋەسىقىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان.

1980-يىلى، سىناس تېكىن ئۆزىنىڭ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا ۋەسىقىلىرى» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، 1980-يىلى گېرمانىينىڭ ۋىسبادېن شەھىرىدە «ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 63-جىلىدتا جەمئىي 383بەت، 42 پارچە رەسىم بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتىكى ئۇ دۇنخۇاڭدىن قولغا چۈشۈرگەن ئىككى پارچە ئەسەرنىڭ بىر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان. بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان «سىن كۆڭۈل تۆرىن ئۇچىتتاچى نۇم بىتىك» بولۇپ، Or,8212-108 دەپ نومۇر سېلىنغان. جەمئىي 38 ياپراقچىدىن تەركىپ تاپقان كىتابچىنى تەتقىق قىلغان. بۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا پەلسەپە ئەسىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدۇر. يەنە بىر پارچىسى فرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان، فرانسىيلىك مەشھۇر شەرقشۇناس پېللىئوت 4521 دەپ نۇمۇر سالغان نۇسخا بولۇپ، بۇ «سەدەپرارۇدىتا ۋەدەرمودگاتا ھەققىدە قىسسە»(جەمئىي 30 ياپراق) نىڭ تېكىست ئارىلىقىغا خەنزۇچە خەتلەر قىستۇرۇلۇپ يېزىلغان تارىخى داستان بولۇپ، ئاخىرىقى بىر بەتكە ۋە ئارقا مۇقاۋىسىغا تۈبۈتچە يېزىقتىكى مۆھۈر بېسىلغان. بۇ خەنزۇچە يېزىقتىكى «پراجىنىيە پارەمىتا» نىڭ 88-بېتىدىكى «ساداپىرارۇدىتا پارىسى» ۋە 89-بەتنىڭ يۈزىدىكى «درامودگاتا» پارچىسىدىكى ئىككى بۇدساتۋا قىسسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. خەنزۇچىسى نەسرىي شەكلىدە، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى باش تەرىپى قاپىيداش كەلگەن تۆت مىسرالىق نەزم شەكلىدە يېزىلغان. بۇ ئىككى پارچە ۋەسىقىنىڭ ئىككىلىسىنى دۇنخۇاڭ مىڭئۆيدىكى 464- غاردىن قولغا چۈشۈرگەن (پېللىئوت بۇنىڭغا 181-غار دەپ نومۇر سالغان). بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى بىر پارچىنى ئالدىنقىلار تەتقىق قىلغان. يەنى تۈركىيلىك ئۇيغۇرشۇناس رەشىد رەھمەتى ئارات 1965-يىلى ئەنقەرەدە نەشىر قىلدۇرغان «قەدىمكى تۈركچە نەزملەر» نىڭ 161-163-بەتلىرىدە ئېلان قىلدۇرغان. ياپۇنىيلىك ئۇيغۇرشۇناس قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نومى تەتقىقاتى مۇتەخەسىسى شوگائىتو ماساخىرو بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان Or,8212-108 دەپ نومۇر سېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىنى 1976-يىلى توكيودا «شەرقى ئوكيان ئىلمى ژۇرنىلى» نىڭ 57-جىلد 1-،2- سانىنىڭ 017-035 بەتلىرىدە ئېلان قىلدۇرغان. ئەمما كېيىنكى بىر پارچىنى سىناس تېكىن تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدۇرغان.

ل.كلارك ھازىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن «13-،14-ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىندىن خالىي خەت-ئالاقىلىرى» دېگەن تېمىدىكى كىتابنى يېزىپ چىققان. كىتاب جەمئىي 6بابقا بۆلۈپ يېزىلغان. 1-باب «تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش»، 2-باب «دىندىن خالىي خەت-ئالاقىلەرنىڭ بايقىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى»، 3-باب «دىندىن خالىي خەت-ئالاقىلەرنىڭ يىل دەۋرى»، 4- باب «دىندىن خالىي خەت-ئالاقىلەرنىڭ مۇنتىزىم تىپى»، 5-باب «قانۇنلۇق ئامىللىرى»، 6-باب «دىندىن خالىي خەت-ئالاقىلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە بايان قىلىنىشى» قاتارلىقلار. بۇ كىتابتا ئاساسلىقى تەخمىنەن 141 پارچە خەت-ئالاقە تۇنۇشتۇرۇلغان. بۇ كىتابنىڭ 3-بابىدا خەت-ئالاقىلەرنىڭ يىل دەۋرىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئالاقىدار مەزمۇنلاردا بىر مۇنچە يېڭى قاراشلار بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «شىنجاڭدا بايقالغان بالباللار ‹قەدىمكى تۈركچە بالباللار› (تاش ھەيكەللەر)» ناملىق ئەسىرىنى 1978-يىللىق «ئورال-ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلدۇرغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدىكى روبېرت دانكوف ئاساسلىق قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركچە ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1982-يىلى جامىس كېلىر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ توملۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى 1985-يىلىغىچە ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، خارۋارد ئونىۋېرسىتىتىدا نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ يەنە 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق يىرىك داستاننى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان ھەم مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرغان.
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسلاردىن سابنى تىرنجاك خانىم ئاساسلىق ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقامى» نى تەتقىق قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تىل- يېزىقنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئۇ «ئۇيغۇر دولان مۇقامى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ دىسسېرتاتسىيسىنى ياقلىغان. ئۇ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ «ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق يىرىك ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، 1991-يىلى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتىدا نەشىر قىلدۇرغان. «ئۇيغۇر مۇزىكىسى – ھەقىقى خەلق مۇزىكىسىدۇر» دېگەن چوڭ ھەجىملىك ماقالىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ يەنە قەشقەر ھەققىدە يازغان ساياھەت خاتىرىلىرى «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن ماقالىلەر توپلىمىغا (پارىژ 1992-يىلى) غا كىرگۈزۈلگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس ئوۋېن لاتتىمڭر ۋە يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسىسى، ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناسى دوكتور بىمارد جوخولونلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقان.

خەتكۈچلەر: ، ، ، ، ، ،
تەۋەلىك: ئۇيغۇرشۇناسلار

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838