ئۇيغۇر دولان مۇقام – مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى

ھۈسەنجان نامان

ئۇيغۇر دولان مۇقام - مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى
ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ» دۇﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن، ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻛﯚزﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﯩﺮﯨﺪۇر.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت – ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﺘﺎﺟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎم» ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪن ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﯩﺮ – ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻏﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯩﯖﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»دﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮ – ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪۇ. ﺋﻪڭ ﺋﺎددﯨﻴﺴﻰ، دولان ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ دولان راۋاﺑﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎق، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻛﻮﻛﯘلا ﭼﯧﭽﯩﺪەك 13 ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ 21 ﺗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﮕﻪن ﺗﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ زەﺧﻤﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘق ﺑﯩﺮ ﭼﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰ، «دو، رەي، ﻣﻰ، ﻓﺎ، ﺳﻮ، لا، ﺷﻰ» دﯦﮕﻪن ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﮬﺎڭ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ دولان راۋاﺑﯩﻐﺎ 13 ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎر ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪا ﺗﻪﯕﺸﻪپ، دولان ﻣﯘﻗﺎﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪن زاﻣﺎﻧلاردا، دۇﻧﻴﺎدا «ﻧﻮﺗﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘم ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪا ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻏﯘم، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﻮﻏﯘم، ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺑﻮﻏﯘم، 12 ﺑﻮﻏﯘم … دﯦﮕﻪن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺳﺎن – ﺳﺎﻧﺎﻗلارﻣﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪرﻳﺎﻧلار ﮬﻪﻣﺪە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»دﯨﻜﻰ ﺳﺎن – ﺳﯩﻔﯩﺮلاردﯨﻦ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪن. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»دﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮل ۋارﯨﻴﺎﻧﺘﻠﯩﺮى، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ«ﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮ – ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮى ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻮل ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪرﮔﻪ ۋە ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ« ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘلاق! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ﺑﯘلاق ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎت – ﻗﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻪش ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪر، ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺳﯩﺮلار، ﺋﻪﺟﺪادلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﺳﯧﻴﻤﺎﺳﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘلاق. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎن »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ« ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗلار، ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﻛﯚز – ﻗﺎراﺷلار ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘلاﻗﻘﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘت ﻗﻪدەﻣﻠﻪر. ﺑﯘ ﺑﯘلاق زادى ﻧﻪدە؟ »ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ«ﻧﯩﯔ ﻗﺎت – ﻗﯧﺘﯩﺪا، ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﭘﯘق ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﺪا، ﺋﻪﺟﺪادلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا، دولان ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪە.
ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻏﻪرب ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ زەرﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاۋاﺗﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻘﺎ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎدەﺗﻠﻪر، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﯩﻐﺎن، ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﮕﻪ ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﺪى. ﻣﺎددﯨﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘش، ﻳﻪر ﺷﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺧﯩﺮﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﺎﻟﻐﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﻳﻪﻧﻰ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎۋﻏﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ» دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى»ﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﯜر ﺑﻮﻟﺪى. 2004 – ﻳﯩﻞ 29 – ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮدﯨﻦ 1 – ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ب د ت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ، ﭘﻪن – ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻤﯩﺖ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﺮى ﺋﺎلاﻳﯩﺘﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﻰ «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى»ﮔﻪ ﻳﻮﻟلاﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜردى. («ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» 2004 – ﻳﯩﻞ 13 – ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﺧﻪۋﯨﺮى). ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻠﻪردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ» 2005 – ﻳﯩﻠﻰ ب د ت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ، ﭘﻪن – ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻰ ﭘﺎرﯨﮋدﯨﻜﻰ ﺑﺎش ﺷﺘﺎﺑﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎن 3 – ﺗﯜرﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ 43 ﺧﯩﻞ «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى» ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮدى! («ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» 2005 – ﻳﯩﻞ 28 – ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﺧﻪۋﯨﺮى).
«ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﯩﯔ «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى»ﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﯜﺷﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯚﺟﯩﺰە ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﯘرﻟﯩﻨﯩﺪۇ. «ﺋﺎت ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘرﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪۇ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ» ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﻰ، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﯘرﻣﯘش، ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﮔﻪۋدﯨﻠﻪﺷﻜﻪن. دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، «21 ﺋﺎﻳﻐﺎ»، «21 ۋاخ، 42 ﺳﺎﺋﻪت» ۋە «563 ﻛﯜن»ﮔﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﺋﻪڭ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﮬﻪم ﺋﻪڭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪى زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﻣﯧﺘﻮد ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﭘﺎرلاﺷﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜرﻣﯩﮕﻪن ﻳﺎرﻗﯩﻦ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە دۇﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﺪۈرۈﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﺎﻣﺪﯨﻜﻰ دەﺳﻠﻪپ ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎن ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ «ﺗﺎڭ ﺳﻪﮬﻪر» ﻳﺎﻛﻰ «ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ» ﻳﺎﻛﻰ «ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ» دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، «ﭼﯩﻜﯩﺘﻤﻪ» ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎزﻧﻰ، «ﺳﻪﻧﻪم» ﻳﺎزﻧﻰ، «ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ» ﻛﯜزﻧﻰ، «ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ» ﻗﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دەﻟﯩﻠﻠﻪش.
ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ دەۋردە، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯜﭼﯜن «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﻗﺎم دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ. ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ راﺧﻤﺎن ﺑﯘﭼﯩﻨﯩﯔ «ﺑﯘلاق» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2004 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4 – ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ «<ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﻗﺎم>ۋە <ﺑﺎلا ﻣﯘﻗﺎم>لار ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘلاﮬﯩﺰە» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﻳﻮرۇﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلاردا: دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗلا ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘش ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى – ﻛﯧﻴﯩﻨﻠﯩﻚ ﺗﻪرﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن. «دولان ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»، «ﻗﯘﻣﯘل ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»، «ﺋﯩﻠﻰ – ﻳﺎرﻛﻪﻧﺖ ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»، «ﺗﯘرﭘﺎن – ﻛﯘﭼﺎ ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»، «ﺧﻮﺗﻪن – ﻗﺎراﻗﺎش ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»، «ﺗﻮﻗﺴﯘ – دەرداغ ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ» ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯘﻗﺎﻣلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﮔﻪۋدﯨﺴﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻣﯘزﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻓﻮﻟﻜﻠﻮر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﺪە ﻳﯘﻏﯘرۇﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن روﮬﯩﻲ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل، ﻣﯘزﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﯘزۇر ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪزﮔﯜﻣﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ دەرﮬﺎل ﭘﻪرەز ﻗﯩلالاﻳﻤﯩﺰ ۋە ﻣﯘﻗﯩﻤلاﺷﺘﯘرالاﻳﻤﯩﺰ. دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﯩﺖ، ﻣﺎراﻟﺒﯧﺸﻰ ۋە ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎۋات، ﺷﺎﻳﺎر ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﻛﯜي ۋە ﻣﯘﻗﯩﻤلاﺷﻘﺎن ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ۋە ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ. ﺋﯘ، ﺗﺎرﯨﻢ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎن ﺑﻮﺳﺘﺎن – ﺑﺎﻳﺎۋاﻧلارﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸلاﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﻐﺎن.
دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن دولاﻧﻠﯩﻘلار داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. دولاﻧﻠﯩﻘلار ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ دەۋرﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻪدەر ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘر راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪن ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺑﯩﺰﻧﻰ دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘﭼﻨﯩﯔ 3 – ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﭽﻪ ﺳﺎزەﻧﺪە (راۋاب، ﺗﻪﻣﺒﯜر، دۇﺗﺎر، ﺋﯩﺴﻜﯩﺮﯨﭙﻜﺎ ﭼﺎلاﺗﺘﯩﻢ) ﮬﻪم ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ دولان دﯨﻴﺎرﯨﺪا دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎت – ﭘﺎت ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻢ، ﻛﯚزﯨﺘﯩﺸﯩﻢ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘزاق ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ.
ﻣﯘزﯨﻜﺎ، ﺋﯘﺳﺴﯘل، ﺋﯘدار، رﯨﺘﯩﻢ، ﺋﺎﮬﺎڭ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻧﺎزۇك ﺳﻪزﮔﯜﻟﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﻪ، ﻣﻪزﻣﯘﻧلارﻧﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜرﯨﺪۇ. ﻣﯘزﯨﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯘﺳﺴﯘل- ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﻣﯘﻗﺎﻣلاردﯨﻜﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﯘرﻣﯘش ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﯘزۇرلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ.
دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ «ﻣﯘﻗﺎم»، «ﭼﯧﻜﯩﺘﻤﻪ»، «ﺳﻪﻧﻪم»، «ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ»، «ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻪش ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪۇ. «ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﻰ» ﺋﻪڭ دەﺳﻠﻪپ ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ دﯦﭙﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﯘﺗﯘپ، ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ دوﻟﻘﯘﻧﺴﯩﻤﺎن ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﻣﯘﻗﺎم ﺗﻮۋلاﻳﺪۇ. ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازى ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻘﺎ ﭼﯚل – ﺟﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮﻛﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎﻧﺪەك، ﻗﯘﺷﭽﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ «ﺋﯜﺷﻜﻪ ﮬﯘش!» دەپ ﺗﻮۋﻟﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻘﺎ، ﺗﺎڭ ﺳﻪﮬﻪردە ﺋﻪزان ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎن ﻣﻪزﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎڭ ﺳﻪﮬﻪر دەﺷﺖ – ﭼﯚﻟﻠﻪردە ﮬﯘۋﻟﯩﻐﺎن ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪردە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮۋلاﺷﻘﺎن ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﻰ، ﭘﺎدﯨﭽﻰ، ﻛﺎرۋاﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ زاﻣﺎﻧﺪا دولاﻧﻠﯩﻘلار ﭼﯚل – ﺟﻪزﯨﺮە، ﺑﺎﻳﺎۋاﻧلاردا ﻳﻮل ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎۋازﯨﻨﻰ ﺳﻮزۇپ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﺗﻮۋﻟﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎت، ﺗﯚﮔﻪ، ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻟﺪۇرﻣﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ – دﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن. دولاﻧﻠﯩﻘلار ﺗﺎڭ ﺳﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻪزان ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ، ﮬﻮﻳلا – ﺋﺎراﻣلارﻧﻰ ﺳﯜﭘﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯧﻐﯩﻞ – ﻗﻮﺗﺎﻧلارﻧﻰ ﻳﻮﻗلاﻳﺪۇ. ﻗﯩﺰارﻏﺎن ﺋﯘﭘﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎراپ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘدۇم دولان – ﻣﯘﻗﺎم ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، دەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ﻧﻪﻏﻤﻪ ﺗﻮۋلاپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷلاﺷﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﯘﻗﺎم (ﻧﻪﻏﻤﻪ)ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨلا «ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟارﻟﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ» دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ: «ﭼﯧﻜﯩﺘﻤﻪ» ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﺎش ﻣﯘﻗﺎم ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻘﺎن ﮬﺎﻣﺎن، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎل ﺟﯜپ – ﺟﯜپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻟﻪرزان ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺳﺎداﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﻪرداﻧﻪ ﻗﻪدەم ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ. ﺋﻪرﻟﻪر ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮڭ- ﺳﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺋﻮﯕﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ، ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻮﯕﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ۋاﻗﺘﯩﺪا، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮڭ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﯜچ ﻗﻪدەم ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪدەم ﺋﻮڭ ﭘﯘت ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮل ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪۇ – دە، ﺳﻮل ﭘﯘت دەرﮬﺎل ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮڭ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺮار داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻪردە ﭘﯘت ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﻛﺮار ﺋﯜچ ﻗﻪدەم ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺋﻪﺗﯩﻴﺎزدﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلار ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘلا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﯜپ ﺋﯩﺰدەﻳﺪۇ، ﺟﯜپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺋﻪﺗﯩﻴﺎز ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﺎر ﻗﯘﺷلارﻧﯩﯔ ﺟﯜپ ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ. ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﮬﻪم ﺋﯘﺳﺴﯘل رﯨﺘﯩﻤﯩﺪە ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﺎل ﺋﻪﺗﯩﻴﺎز ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ۋە ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪﯨلا ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﮬﺎر ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﭼﯧﻜﯩﺘﻤﯩﺪە ﭼﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﯘزﯨﻜﺎ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر، ﺳﺎزەﻧﺪە ۋە ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلاردﯨﻜﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺑﺎﮬﺎر ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ: «ﺳﻪﻧﻪم» ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﺳﺴﯘل رﯨﺘﯩﻤﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ، ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯧﭙﯩﻤﯘ ﺑﺎرﻏﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ، ﭼﻪﺑﺪەﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮڭ – ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻣﺎس ﻗﻪدەﻣﺪە ﺗﻮﻟﯘق ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺟﻪﻧﻨﻪت ﻳﺎزدﯨﻜﻰ ﺷﺎد – ﺧﯘراﻣﻠﯩﻘﻨﻰ، ﻳﺎزدا ﭘﯩﺸﻘﺎن ﻗﻮﻏﯘن – ﺗﺎۋۇز ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﻤﯩﺸﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﺷﺎدﻟﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﻪﺑﺪەﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪى- ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﺋﻮڭ – ﺳﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮى ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻦ، ﺋﺎزادە ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ، ﻛﯜﻧﺪۈزﻟﯜك ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪى – ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜرۈپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﺟﺎن – ﺟﺎﻧﻠﯩﻘلار ﻛﯜچ – ﻗﯘدرەت، لاﺗﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎزا ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮔﯜزەل ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﻪﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، «ﺳﻪﻧﻪم» ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ: «ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ» ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮەك ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮەك ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﯘلاق داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺳﯩﺰﯨﻘﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻛﯜزﻟﯜك ﻳﯩﻐﯩﻢ ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮل ﮬﻮﺳﯘﻟﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. دولاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻛﯜز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻧﺎق ﺳﻮﻳﯘش، ﻛﯜزﮔﻰ ﺑﯘﻏﺪاي ﺗﯧﺮﯨﺶ، ﻛﯧﯟەز ﭼﯚﻟﻪش ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، «ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ» ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯜز ﭘﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ.
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ: «ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ» ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلار ﻣﯘزﯨﻜﺎ رﯨﺘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﭼﻮڭ ﻳﯘﻣﯘلاق داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلار ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﭘﯩﺮﻗﯩﺮاپ ۋە ﭼﯚرﮔﯩﻠﻪپ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻛﯜزدە ﻣﻮل ﮬﻮﺳﯘل ﺋﺎﻟﻐﺎن دولاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪە ﻳﺎﻛﻰ داﻟﯩلاردا ﻗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻗﺸﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻜﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘزﯨﻜﺎ، ﺋﯘﺳﺴﯘل ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﺎﺳلاﺷﻘﺎن. ﺷﯘﯕﺎ، «ﺳﯩﻴﺮﯨﻠﻤﺎ» ﻗﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﻮﻳلاپ ﻛﯚرەﻳﻠﻰ، دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﯘﺳﺴﯘل ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪن ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮى ﺋﯜچ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪن؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ﻳﯜرۈش ﻣﯘﻗﺎﻣﺪا ﺗﺎڭ ﺳﻪﮬﻪر ﮬﻪم ﺗﯚت ﭘﻪﺳﯩﻞ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن روﺷﻪن ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ؟ ﺑﯘ دەل ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎراﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪۋﮬﯩﺮى.
دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯚت ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯚزﻗﺎراش ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘلار ﮬﻪم ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪت ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘل ۋە ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏلاﭘلا ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻮﻟﯘق ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺶ زاﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪا، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮدا – ﺳﯧﺘﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺳﯘ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﭼﯜش ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ، دولاﻧﻠﯩﻘلار ﻣﺎﻛﺎﻧلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋرﻟﻪردە ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﺎش ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪن، ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﻪۋزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪى. دولاﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ دەۋردەك ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﮬﺎﻳﯟاﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزى ﻗﻮﻏﺪاش ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ دۈﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚي ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﻮز ﻳﻪر ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ … ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﯩﺪى. ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ، دولاﻧﻠﯩﻘلار ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ دەۋردﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪك، ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪزﻣﯘن، ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ، ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەپ ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ. ﺋﺎۋۋاﻟﻘﻰ ﺧﺎس ﮬﺎﻳﯟان ﺋﻮﺑﺮازى ۋە ﮬﺎﻳﯟان ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎن ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜرەش ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ دﯨﻘﻘﻪت – ﻧﻪزﯨﺮى ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ۋە ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎڭ – ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪر ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎڭ – ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرۈپ، ﺋﺎۋۋاﻟﻘﻰ دەۋرﮔﻪ ﺧﺎس ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺋﺎددﯨﻲ، ﺋﺎزﻏﯩﻨﻪ ﺋﻮﻳﯘن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪزﻣﯘن ۋە ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ، ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ دەۋرﻟﻪردە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﺘﻰ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، دولان ﻣﯘﻗﺎم – ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺋﻮﺑﺮازﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺗﯚت ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﻮﺑﺮازى ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى.
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت، ﺳﻪزﮔﯜﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل دولان ﻣﯘﻗﺎم- ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯩﯖﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﺎﻣﺪﯨﻜﻰ «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن ﺑﻪش ﺧﯩﻞ ﭼﻮڭ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺋﻮﺑﺮازى ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن.

(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺋﺎۋات ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ 3 – ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ)

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: خەلق ئويۇنلىرى

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 64 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 841