ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى

ھۈسەنجان نامان
ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى
*ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا ﺑﯘرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﺴﯩﺰ، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰ، ﺑﻮﺷﺎڭ، ﺋﯘرۇﺷﻘﺎق، ﭼﯩﺪﯨﻤﺎس … ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە«ﻣﻪﺷﺮەپ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن» ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪن دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﺑﺎر.

*******************

ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﭼﻤﻪس ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر 12 ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯘددا ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى … ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪۇر.
ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا ﺑﯘرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﻳﻮﺳﯘﻧﺴﯩﺰ، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰ، ﺑﻮﺷﺎڭ، ﺋﯘرۇﺷﻘﺎق، ﭼﯩﺪﯨﻤﺎس … ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە «ﻣﻪﺷﺮەپ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن» ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪن دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﺑﺎر.
ﭼﻮﯕﻘﯘر ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟى ﻣﻪزﻣﯘﻧﻐﺎ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎن ﺑﯘ ﺳﯚزﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺑﯩﺮەر ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪا ﺗﺎۋﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻛﯜچ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎۋام ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜرەك ﺳﯚزﯨﺪۇر.
ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚزدﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋە ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪس ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘ ﺳﯚزدە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ، ۋەزﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن. دﯦﻤﻪك، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى — ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎن ﺗﻮﻣﯘرى، ﺋﺎدەم ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ۋە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻧلار ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜرۈﻟﮕﻪن، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﮬﺎﻳﺎت ﻛﺎرﺗﯩﻨﯩﻠﯩﺮى ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜرۈﻟﮕﻪن. ﻣﻪﺷﺮەپ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ دەۋرﻟﻪردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘق ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ۋە ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﮬﺎن ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت – ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﺋﯚز ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺳﻪﻧﺌﻪت – ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋە ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﺪۇر، دﯦﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪەك ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻗﺎﻳﻨﺎق ﮬﯧﺲ – ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗلار ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﻮﻟﯘق ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘن ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻳﯜرۈش ﺗﻪرﺗﯩﭗ – ﺋﯩﻨﺘﯩﺰاﻣﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪڭ داﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯩﯖﺪۈرۈﻟﮕﻪن.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯜرۈش ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر ﻧﻮﻗﯘل ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯖلا ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﺗﯜزۈﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺧلاق ﻛﯚزﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪش روﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪپ ﻛﻪﻟﺪى. ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪرﭼﺎس ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﺗﯜزۈم، ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﻪردە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﻳﺎش ﺋﻪۋلادلارﻧﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ، ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰاﻣﭽﺎن، ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﺎن، ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎراﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ.
ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻮل ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮى ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪۈرۈپ ﺧﯘﺷﺎل ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪزى ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯚزﯨﺪە ﺗﺎلاي ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯧﻠﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﯩﺮاﻗلاپ ﺑﺎرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪڭ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن – ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎرى، ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت – ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ، ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺳﯘﺳلاپ، ﻧﻪ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﯟى ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻧﻪ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﻛﻪﻟﺴﻪ – ﻛﻪﻟﻤﻪس ﮬﺎراق ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، رﯦﺴﺘﻮران – ﺑﻪزﻣﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮرۇن ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪۇر.
ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن، ﺧﯘددى ﺗﺎرﯨﻢ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪردەم ﺗﻮﻏﺮاق، ﻳﯘﻟﻐﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ روﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎ ﻣﯩﺮاﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗلاﺷﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎس ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﭼﺎي – ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷلار، روﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﺮﺗﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘن – ﺗﺎﻣﺎﺷﯩلار ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ رودﯨﭙﺎﻳﺪەك ﭼﺎﭘلاﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪش ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ، روﮬﯩﻲ ﻣﻪدەﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻤﯩﺰدە ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺳﻮرۇن ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﻣﻪﺷﺮەپ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇپ، ﻳﺎﺷلارﻏﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺷﻪرت – ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎزا ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﻮق، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎدەم ﭼﯩﻘﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪى.
دﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﻪزى ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻪرم – ﮬﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎددﯨﻴﺴﻰ ﺳﺎلام – ﺳﻪﮬﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮق. ﮬﺎراﻗﻨﻰ ﺧﯘدﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪ دﯦﺴﯩلا ﮬﺎراق – ﺷﺎراﭘﻘﺎ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘرۇپ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ﺋﻪرﻟﯩﻚ ﺑﯘرﭼﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎدا ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﺪى.
ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ، ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ زەﺋﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯜرۈۋاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﻣﻪﻧﯩﯟى دورا ﺟﯩﺪدﯨﻲ زۆرۈر ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪۇرۇۋاﺗﯩﺪۇ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﺪدﯨﻲ رﯨﻘﺎﺑﻪت دەۋرﯨﺪە دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪش ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﺎﺷلار – ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﻧﯩﯟى ﭘﻪرۋﯨﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯜزۈﻟﮕﻪن ﻟﻪﮔﻠﻪﻛﺘﻪك ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯘﻣﯘ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜرﺳﻪك ۋۇﺟﯘدﯨﻤﯩﺰ ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮى ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪۋزەﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺷلار – ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﻰ ﺋﻪدەپ – ﺋﻪﺧلاق ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش، ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ روﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜردە ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى.
ﺑﯩﺰ ﮬﯧﻠﯩﮭﻪم ﻳﯧﺰا – ﻗﯩﺸلاق، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»، «ﻗﺎۋاﻗﺨﺎﻧﺎ»، «دﯦﺴﻜﻮﺧﺎﻧﺎ»، «رﯦﺴﺘﻮران ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﺪۇرۇپ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪﺧلاق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪپ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺳﺎﻏلام ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺋﺎۋات ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ 3 – ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ)
جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.3 – سانىدىن

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، خەلق ئويۇنلىرى، مەنىۋىيىتىمىز

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 97 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838