ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر

ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكى
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﺪە ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪۇر.
ﺑﯘددا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى – ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ، ﻗﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺶ – ﺑﯧﺰەﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻤﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﻪڭ ﺑﯘرۇن ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن.
ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەرﻳﺎ – ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﻛﯜﻧﺪە ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن.
دەرﻳﺎ – ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮى ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻛﯜﺳﻪن ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻗﯩﺶ – ﻳﺎز ﺳﯘ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞ – ﻣﯘزﺋﺎرت دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن. ﻗﯘﻣﺘﯘرا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﺋﯚﮔﻪن دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻐﺎ، ﻣﺎزارﺑﺎغ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎر دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻘﺎﻏﺎ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﻛﯘﭼﺎر ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ۋە ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗلارﻏﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎن.
دﯦﻤﻪك، ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ، ﺑﯧﺰەش، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردە ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘددا ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘد ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯘددا ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺧﯩﻠﯟەت ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺳﯘدﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ روﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘرۇﻧلا ﻳﻪر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜش ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن.
ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻛﯜﺳﻪن ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯘﻳﻐﯘر راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺗﻮﻏﺮاﻗﺌﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺗﻮﻗﺴﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮاﻗﺌﯧﻘﯩﻦ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﭘﯩﭽﺎن ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﯘق ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺗﯘﻳﯘق ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ، ﺋﺎﺗﯘش ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﺌﺎﺗﯘش ﻳﯧﺰا ﭼﺎﻗﻤﺎق دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن «ﺋﯜچ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯜك ﺋﯚﯕﻜﯜر»ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار. ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯧﻜﺴﭙﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﺘﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە:«ﮔﯘﻣﺎت – ﻗﺎراﻗﺎش دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﺎﻣﻰ. ﮔﯘﻣﺎت ﺋﯩﺒﺎدەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﯘ دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺳﺎﻗلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ» دەپ ﻳﺎزﯨﺪۇ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺧﯩﻠﯟەت، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳلاردﯨﻜﻰ ﺗﺎغ ﻗﺎﭘﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﺴﻪك ۋە ﺗﻮﭘﺎ – ﺗﺎﺷلاردﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘرۇپ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺰەﻛﻠﯩﻚ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش. ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮى، ﻛﯧﺴﻪك، ﻛﺎﮬﯩﺶ، ﺗﺎش، ﻳﺎﻏﺎچ، ﺧﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﯘددا ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﮔﻪج، ﻣﯩﺲ، ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﻳﯩﻠﯩﻢ، ﺳﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ زﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪش ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮى ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرﭼﯩﻠﯩﺮى، ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺋﯧﮭﺮاﻣﻠﯩﺮى، ﺑﯘددا ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮى ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﭘﯩلار ۋە ﺗﻪﻛﭽﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﻣﻪرﮬﯘم ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ: »ﮬﺎزﯨﺮ ﻛﯘﭼﺎر، ﺑﺎي ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە، ﺗﯘرﭘﺎن، ﭘﯩﭽﺎن ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﻪر )ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر( ﺋﻪﻳﻨﻰ زاﻣﺎﻧﺪا ﺗﺎغ – ﺳﯘﻟﯘق، ﺧﯩﻠﯟەت ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺑﯘددا ﺋﯩﺒﺎدەﺗﮕﺎﮬﻠﯩﺮى ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘددا ﻣﯘﻧﺎرﻟﯩﺮى، ﻧﻪزەرﮔﺎھ ﺗﯘرﻟﯩﺮى، ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرﻟﯩﺮى، ﺑﺎغ – ﺋﺎراﻣﮕﺎھ، ﻳﻮل – ﻛﯚۋرۈﻛﻠﯩﺮى، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘلارﺳﯩﺰ ﻧﻮﻗﯘل ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ )ﻣﯩﯖﺌﯚي(ﻟﻪردە ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠلاپ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻧﻮﻗﯘل ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ )ﻣﯩﯖﺌﯚي(ﻟﻪر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪﻳﻠﻪر، ۋادەﻛﻠﯩﻚ دەﮬﻠﯩﺰ – ﻛﺎرﯨﺪورلار، ﺋﯩﺸﯩﻚ – دﯦﺮﯨﺰە ، ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪا ﮔﻪپ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى«.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرى ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺘﭽﻪ sarira دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎنﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا راﮬﯩﺐ، ﺑﯩﻜﯩﺴﯘ ﺑﯩﻜﯩﺸﯘلارﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. رﯨﯟاﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﻛﻴﺎﻣﯘﻧﻰ ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪۈرۈﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﻪرۋاﻳﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ دۆﻟﻪت ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻰ ﺗﻪۋەررۈك ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎدەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯘددﯨﺴﺘلارﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚﻳﺪۈرۈﻟﯜپ ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ دەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎر «ﺟﻪﺳﻪت ﻛﯜﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎرى» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﻧﺎرلار ﻛﺎﮬﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻏﺎﭼلاردﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن.
ﺋﯧﮭﺮاﻣلار – ﺑﯘددا ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﯩﺮى ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ ۋە ﺑﯘددا دﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ۋەز – ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺒﺎدەت ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﯘﺟﺮا ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن.
ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪت ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى- راﮬﯩﺒلارﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎق ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى، ﺋﯧﺘﻜﺎﭘﺨﺎﻧﯩلار، ﺑﯩﻜﯩﺸﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلاردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯧﻤﯩﺮﻟﻪردە ﺗﺎم ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﺋﯘرۇن – ﺗﯚﺷﻪك ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎپ ﺋﻮرﻧﻰ، ﻳﺎن ﺋﻮﭼﺎق ۋە ﻗﺎزﻧﺎﻗلار ﺋﻮﻳﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎن.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯘرۇﻟﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى »ﭼﺎﻳﺘﺎ« دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﮬﯘﺟﺮﯨلار ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﯘﺟﺮﯨلاردا ﺗﯜۋرۈك )ﻗﺎزﻏﺎﻧﺪا ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯜۋرۈك( ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﯜۋرۈﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﯟاﻧلار ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺒﺎدەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى »ۋﯨﺨﺎرا« دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﯘﺟﺮﯨلار ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺗﯜۋرۈك ﻳﻮق، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺳﻮزۇﻧﭽﺎق، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەرﺳﺨﺎﻧﺎ، ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ۋە راﮬﯩﺐ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮى ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.
ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺳﻮزۇﻧﭽﺎق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﺑﯘرﺟﻪك ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﯩلاق ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﭘﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻗﯧﺰﯨﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎددﯨﻲ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ روﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻳﺎز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜردە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻧﻪﻗﯩﺶ، ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە زﯨﻨﻨﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯧﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﮬﯘﺟﺮا ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻧﯘرﻏﯘن ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ، ﻗﺎرا ﺳﯘۋاق ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻣﺎن، ﺗﻮزﻏﺎق، ﻳﯘڭ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﺎﻧﺎپ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن لاي ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘۋاق ﺑﻪرﮔﻪن؛ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺧﯘم ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻳﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻪردازﻟﯩﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻪج ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻳﻤﺎ، ﻗﺎﭘﺎرﺗﻤﺎ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن؛ ﻳﺎﻏﺎچ دﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ رەﯕﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪا ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺗﺎم ﺳﯩﺰﻣﺎ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪردە ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﺎق، ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯚك، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﺑﯧﻐﯩﺮەڭ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ رەﯕﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن.
ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋە ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻘﯩﺪا ﺋﯚي – ﺋﯩﻤﺎرەﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺗﺎر ﺗﻪﻛﭽﻪ ۋە ﻣﻪرەﭘﻠﻪر؛ ﻣﺎزار – ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪردە ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯜﻣﺒﻪز ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻧﯘﺳﺨﯩلار؛ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ – ﻣﻪدرﯨﺴﻠﻪردە ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺑﯘرﺟﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر؛ ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘدۇل ﻣﻮرﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺎﻗلار ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻞ – ﻧﯘﺳﺨﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚز ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن.
ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﺶ – ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە زﯨﻨﻨﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘددﯨﺰم رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ «ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ»ﻧﻰ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮازلارﻧﯩﯔ »ﻗﻪﺑﯩﮭﻠﯩﻜﻰ«ﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﻪ، ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ۋە ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ زور ﻳﺎردﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن.
ﻣﯩﯖﺌﯚي ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى، ﻧﻪﻗﯩﺶ – ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪر ۋە ﻛﯚرﻛﻪم ﺋﻪۋرﯨﺸﯩﻢ ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﮔﯜل ﻧﯘﺳﺨﯩلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪﯨﻘﯩﻨﻰ «ﮔﯜزەل» دەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ؛ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ؛ ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩلاردﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘرۇﻧلا ﺑﯘددا دﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘددا ﺳﺎﯕﺮاﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘددا ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪا ﺑﯧﺰەﺷﻜﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﺎﯕﺮام ۋە ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪر ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ، ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ، ﮬﺎۋا ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ، ﮔﯚﻣﯜرۈﻟﯜپ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ۋە ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘرۇپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇﻟﯘش ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن.
ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻏﺎﻳﻪت زور ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎغ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﺶ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯘددﯨﺰﻣﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﺋﯩﻤﺎرەت ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى، ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﺳﺎ، ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎدەم ﻛﯜﭼﻰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻛﯜچ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﻪش ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﻪس. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﯖﺌﯚي ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﯩﻘﻠﯩﻢ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘددا ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻏﺎﻳﻪت زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن، دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻤﯩﺰ.

ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلار:
ﻗﯘرﺑﺎن ۋەﻟﻰ: «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚي رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1985 – ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى، 120 – ، 121 – ﺑﻪﺗﻠﻪر.
ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺋﯩﻤﯩﻦ: «ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻳﯘرت ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1988 – ﻳﯩﻞ 8 – ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 188 – ﺑﻪت.
ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘت، ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﻪﺧﺴﯘت: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000 – ﻳﯩﻞ 12 – ﺋﺎي ﻧﻪﺷﺮى، 173 – ، 176 – ، 177 – ﺑﻪﺗﻠﻪر.
ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﺳﺎﻳﺮاﻣﻰ:«ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 1995 – ﻳﯩﻞ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ، 4 – ﺑﻪت.

جۇڭگۇ مىللەتلەر ژۇرنىلى 2004 – يىللىق 1- سانىدىن

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: بىناكارلىق، مەدەنىي مىراسلار

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838