بايرام – ئالىدىكى ئۇيغۇرلار

مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا

بايرام - ئالىدىكى ئۇيغۇرلار

ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ ﺋﯩلاۋﯨﺴﻰ:

ﻣﻪزﻛﯘر ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت دوﻛﺘﻮرى ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟلاﻧﯩﯔ 2003-ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮدە ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎن «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺦ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ 3-ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ»دا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﮬﻪم ﺷﯘ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاﻧﻐﺎن ﺋﻮن ﭘﺎرﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن «ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ 1991-، 1997-، 1998 -ۋە 2001-ﻳﯩﻠلاردا ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪردە ﺑﻮﻟﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلاردا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎ ۋادﯨﺴﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷلارﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮى، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﭼﯜرﻣﯩﺸﻠﯩﺮى ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪردە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەردار ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﻣﯩﺪى ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﺪۇق. ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﻧﺎدﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺗﯘرۇﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن 2000 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜزﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎرﻏﺎن. ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﻰ ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺋﯩﺪى. ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ ﻳﯩﭙﻪك ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﺑﺎﺑﯩﻞ، ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﻪ، ﻛﺎۋﻛﺎز ۋە ﻳﯩﺮاق ﺷﻪرﻗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﮬﻪر »ﻣﻪرۋى« ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪا ﮔﯜﻟﻠﻪپ، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن. 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪر ﻣﯩلادﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 7-ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﭘلا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﺟﺎﻳلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ، ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﯩﺪا ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎزلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺟﯩﻠﻐﯩلار ﻗﺎﻏﺠﯩﺮاپ، ﺋﯧﻜﯩﻨﺰارﻟﯩﻖ ۋە ﺑﺎﻏﯟاراﻧﻠﯩﻘلار ﻗﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺗﺎﻛﻰ 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪدەر ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە، 2000 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﯘﻳﻐﯘر دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﯟارەن ﻣﻮرﻏﺎپ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن.
* * *
ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﻰ، ﻣﯧﺮۋ، ﻳﯘرﺗﺎن ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ راﻳﻮﻧلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. 1990-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺟﺎﻳلاردا 250 ﺋﯚﻳﻠﯜك ﺋﯘﻳﻐﯘر، 1392 ﻧﻮﭘﯘس ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ 90 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﭘلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﻪرﻟﻪردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ۋە ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯚرپ-ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ، ﺋﯚز ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن.
ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪۋەر دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ، 1960-ﻳﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا «ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰم ﺗﯘﻏﻰ» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪە ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن. 1962-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ دوﺗﺴﯧﻨﺘﻰ ﻧﯩﻜﯩﺮاﺳﻜﺎﻳﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎرﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎن. 1936-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻛﺎدﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺳﻪﺋﯩﺪۋاﻗﻘﺎﺳﻮف ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن. 1961-، 1964-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﯧﺴﻴﻮپ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن.

ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ

18-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ۋە ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪا ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ زۇﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﭼﯩﺪاپ ﺗﯘراﻟﻤﺎي ﻗﻮزﻏﯩلاڭ ﻛﯚﺗﯜرﮔﻪن. دﯦﮭﻘﺎﻧلار ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ، ۋەﮬﺸﯩﻴﺎﻧﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا ﺋﺎرﻗﺎ-ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﺶ دوﻟﻘﯘﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﮕﻪن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، 1830-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻗﻮﻗﻪﻧﺪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 10 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 12 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن؛ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ 70 ﻣﯩﯔ ﺋﺎدەم ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪن.1857-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ 15 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 20 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﻗﻪﻧﺪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ۋە 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪرﻏﺎﻧﻪ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن)ﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 85 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 120 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن. 1884-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ ۋﯦﺮﻧﺎ (ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎ) ﺋﻮﺑلاﺳﺘﯩﻐﺎ 45 ﻣﯩﯔ 373 ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن. 1881-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1883-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ۋە ﺗﯘﯕﮕﺎﻧلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎرﻛﻪﻧﺖ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻛﻪﺗﻤﻪن، ﻣﻪرۋى، ﻛﻮرام، ﻗﺎراﺳﯘ ﭘﯩﺸﭙﻪك (ﺑﯧﺸﻜﻪك) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺳﯩﺮ دەرﻳﺎ ﺋﻮﺑلاﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺟﺎﻣﺒﯘل، ﭘﻪرﻏﺎﻧﻪ ﺋﻮﺑلاﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺋﻮش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلاردا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﺎﻣﻤﺎل، ﮬﺎرۋﯨﻜﻪش(ﻣﻪﭘﯩﭽﻰ)، ﻛﺎﮬﯩﺸﭽﯩﻠﯩﻖ (ﺧﯘﻣﺪاﻧﭽﯩﻠﯩﻖ) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﯜن ﻛﻪﭼﯜرﮔﻪن.
ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا 194 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 215 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﺎزاب-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚپ ﺗﺎرﺗﻘﺎن، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ۋە ﺳﻮﻏﯘق دەﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮل ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮز ﻳﻪر ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﻮﻳلا-ﺋﺎراﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﻮﻗﺴﯘل، ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﺋﯚي ﺳﺎﻟﻐﯘدەك ﻗﯘرﺑﯩﺘﻰ ﻳﻮق ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪر ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠلاپ ﮔﻪﻣﯩﻠﻪردە ۋە ﻛﻪﭘﯩﻠﻪردە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪن. ﺷﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘلارﻏﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن ﻳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ، ﺳﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﯚل ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلار ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎن-ﺗﻪر ﺋﺎﻗﻘﯘزۇپ، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﭼﯚل-ﺟﻪزﯨﺮﯨﻠﻪرﻧﻰ ﮔﯜزەل ﺋﯧﻜﯩﻨﺰارﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن. ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚز ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘلار ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ-ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧلارﻏﺎ ﮬﯧﺴﺪاﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩلار ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎن. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ-ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮز ﻳﻪر ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن روﺳﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺋﻪرزان ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن.
ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ۋە ﺗﯩﺠﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘلارﻣﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن. 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎزﯨﻴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن.

ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘش

ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﻣﯩلادى 1883-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺳﯜﭘﺨﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﮔﯜﻟﺠﺎﻣﺎﻟﺨﺎن ﺳﺎﻳﻨﺖ ﭘﯧﺘﯧﺮﺑﯘرﮔﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻘﺎ ﺳﻮۋﻏﺎت ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪن ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺳﻮۋﻏﺎت ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﮬﻪدﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺑﯘ ﻳﻪر ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ زﯦﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. 1884-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎ ۋادﯨﺴﻰ روﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﯩﻤﭙﯧﺮاﺗﯘر ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯦﺮ Ⅲ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮى ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ روﺳﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﭘﯩلاﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜزۈﺷﻜﻪن.
ﭼﺎرروﺳﯩﻴﻪ داﺋﯩﺮﻟﯩﺮى ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ «دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﻏﯟەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ»ﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن 1890-ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻣﻮرﻏﺎپ ۋادﯨﺴﯩﻨﻰ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﻟﻮدﺳﻮف ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﺶ لاﻳﯩﮭﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ، ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن.
1889-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎردا، ﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﻟﻮدﺳﻮف ۋﯦﺮﻧﺎ (ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎ)ﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ زەﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘن، ﺋﯩﻤﯩﺮ ﮬﻪﻣﺰە ۋە ﻧﯘردۇﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﺎن. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ زەﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘن ﻣﻮرﻏﺎپ ۋادﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭼﺎرە-ﺋﺎﻣﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪن رﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ «ﻣﻮرﻏﺎپ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮى ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪت ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘ ﻳﻪردە ﺧﻮرﻣﯩلار ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﻪي ﺑﺎﻏلاپ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯧﮕﯩﺰرەك دۆڭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﯩلا، ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن؛ ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯕلار، ﮬﻪﻣﻤﯩﯖلار ﮬﺎﺟﻰ ﺑﻮلالاﻳﺴﯩﻠﻪر» دﯦﮕﻪن. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎرﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﯚﭼﯜرۈش ﭘﯩلاﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧلا ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪن. ﺋﯘلار ﭘﯩلاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﯜرﻟﯜك ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﯩﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎرﻏﺎن، ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜزۈﻛﺮەك ﻳﻪرﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﻣﻮرﻏﺎپ ۋادﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘرﻏﺎن.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﯜرﻛﯜم ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮى 1890-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎردا ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰى ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯚﭼﯜش ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 272 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ، 1303 ﺋﺎدەم (ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻳﺘﺎق ﻧﻪۋﻗﯩﺮان ﻳﺎﺷلار) ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎي ﻳﻮل ﻳﯜرۈپ ﺳﻪﻣﻪرﻗﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘلارﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺗﯘرۇپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرۈﺷﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎچ-ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ، ﺟﯘﻟﺪۇر ﻛﯩﭙﻪن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎي، ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪۋزەل ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. ﺋﯘلار ﺑﺎرار ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﻟﻮدﺳﻮﻓﻨﯩﯔ ﺋﻪرزان ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯘرﻏﺎن ﻗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻐﺎ دەﺳﺴﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪن. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎن ﺟﺎي ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﭼﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺗﻮﻣﯘز ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻨﯩﯔ دەردﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎرﺗﯩﺸﻘﺎن. ﺋﯘلار ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎن، ﺋﯚﺳﺘﻪڭ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺳﯘ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن، ﺑﻮز ﻳﻪر ﺋﯧﭽﯩﭗ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺧﯘﻣﺪاﻧﺪا ﺧﯩﺶ ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﺋﯚي ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯘرت-ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﻪﻳﯘزى، داداﻣﺘﯘ، ﺗﻮﻗﻘﯘزﺗﺎرا، ﭼﺎﭘﭽﺎل دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮى ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪۇر.
ﻳﯜز ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى، ﺑﺎﻳﺮام- ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﻳﻪرﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﯘرت-ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘرۇش ۋە ﻗﻮﻏﺪاش ﺋﯜﭼﯜن زور ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻗﺎﻧﺎل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎراﻗﯘم ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن. ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺗﻠﯩﺮى ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻪﺗﺨﺎن ﻏﺎزﯨﺘﻮپ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻦ 150 ﻧﻪۋﻗﯩﺮان ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘلاردﯨﻦ 53 ﻧﻪﭘﯩﺮى ﺋﯘرۇﺷﺘﺎ ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن.
ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘدرەت ﺗﺎﭘﻘﯘزۇش ﺋﯜﭼﯜن، ﭘﻪن-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن. 1990-ﻳﯩﻠلاردﯨﻜﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلاردﯨﻦ 49 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ، 73 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮم ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﯩﺮى ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات دوﻛﺘﻮرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن، 26 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮ-ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎن، 42 ﺋﺎدەم ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن، ﺋﯜچ ﺋﺎدەم ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪن.ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﺗﯩﺠﺎرەت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن.
1919-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭽﻰ ﻣﻪرۇپ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮف ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﺗﯜزۈﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺗﺎﻛﻰ 1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەر، ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﻪرۇپ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮف ﺋﺎﭼﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪرۇپ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮف ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸلار ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮى، رادﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋەزﯨﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﻗﯩﺰى ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر دوﻛﺘﻮرى، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات دوﻛﺘﻮرى، ﺗﺎرﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮى دوﻛﺘﻮرى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪرۇپ ﻣﻪﻣﻪﺗﻮﻓﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﭘﻪﺧﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن.
1990-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪا ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪرﯨﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯜپ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 100 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧلاردﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﺎﻳﺮام-ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﻪﭼﯜرﻣﯩﺸﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ داﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن.

(ﻳﻮﻟﯟاس ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪى)
جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004 – يىللىق 2- سانىدىن

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: نوپۇس-كۆچمەنلىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 64 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 841