ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮒ ﺟﯩﻚ ﮬﻮﻧﺘﯧﺮ

ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ —ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﻮﻧﯩﻴﺎﺯ . ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﯘﭼﻰ—– ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﻗﻮﻳﭽﻰ( ﺷﯩﺨﻮ )<< ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ——- ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﺮﺍﺕ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺸﺘﻪﻙ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
1-ﺑﺎﭖ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﻗﺎ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻤﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ << ﺋﯧﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 70- ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺍﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺗﻪﺟﺮﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﯘﺧﯘﻟﻤﯩﻨﯩﺴﻜﻰ ، ﻛﯘﯕﺰﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ– ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ . << ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﯜﺯﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 8-10 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯚﻟﯜﻡ ، ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ . . . ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ 40 – 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ << ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺵ>> ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻣﯘ-ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﻠﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ . << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﯨﺘﻤﯩﺰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ << ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﭘﭙﯩﺴﻰ >> ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭙﺘﯘ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ —- ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ . . .
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

-ﺑﺎﭖ. ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ _ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ .
ﺑﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ << ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ << ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ، ﻛﯚﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ، ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭﮬﯩﺘﯩﺶ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺳﺎﻧﻠﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﭘﺎﻻﻗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ، ﺋﻮﻥ ، ﺋﻮﻧﺒﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ 20-25 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻝ ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻛﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻜﻨﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ << ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻜﻪ ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . . .
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺴﯘﻥ ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ — ﺩﻩ ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﮬﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﯘ ﻳﺎﺯ ﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﻪﻧﺒﻪ- ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ— ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﻣﯘﺵ ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭘﻜﻪ ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ … ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ .
ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﻮﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺴﺎ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ … ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ << ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ >> ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ – ﮬﻪ !؟
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻕ . ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻳﻮﻕ . ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

مەنبە:دىيارىم تورى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: تەلىم-تەربىيە
ئەڭ يېڭى يازمىلار