«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

1. ئامېرىكىدا كىم “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟

«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدائۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى مەندىن سورىمىدى. ئاۋام ياپۇنلارلا ئەمەس، ئالى مەكتەپلەردە پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياپۇنىيەلىكلەردىنمۇ “ مىللىتىمنىڭ مۇنداق نۇقسانى بار“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ”شەرقى ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز“ دەپ نىقاپلىنىپ تەيۋەن ۋە شىمالى جۇڭگۇ خەلقىگە قىلغان ئاسمىلاتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارچە ياپۇنلار جوڭگۇغا زامانىۋىيلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنمىش، ياپۇن تىلىدا مائارىپ يۈرگۈزۈپ خەنزۇلارنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە تۈرۈتكە بولغانمىش، پەقەت ئەينى دەۋردە خەنزۇ خەلقى قالاق بولغاچقا بۇ ئىلتىپاتنى چۈشەنمەي، تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىك دەپ ئاتاۋالغانمىش.

”بىزدىكى نۇقسانلار“، ”بىزدىكى ئەبگالىق“ دېگەندەك تېمىلاردىكى ئەسەرلەر بازارلىق بولغان يىللاردا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ لەرنى تەنقىد قىلغان بىرەيلەن ”ئامېرىكىلىقلار ‘بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار’ دېگەن كىتابنى ئەسايىدىل ئوقۇيدىكەن، ئەيپلىرىنى تۈزۈتىشكە دائىم تەييار تۇرىدىكەن، ئاپتۇرىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن“ دەپ يازغان ئېدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كىتاپخانىلاردىن ئۇنداق بىر كىتاپنى تاپالمىدىم. ”بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار“ دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باققان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى ئۇچراتمىدىم. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئىجابى ئېدى. پەقەت بىر ئۇيغۇرشۇناس پروپېسسور ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق ستۇدېنتلار ھەققىدىكى پاراڭدا تاسادىپى ”سىلەردىن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتقاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ، ئىتىبار قىلىنىپ مەجروھ قىلىنىدۇ، بىزدىن جوڭگۇغا بارغانلار چوڭ كۆرۈلۈپ، چوقۇنۇلۇپ ھاكاۋۇر قىلىۋېتىلىدۇ“ دېدى. يەنە بىر مۇئەللىم دەرس ئارىلىقىدا ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەبىئى چوڭ بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبكارىنىڭ مائارىپ تىجارەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھەممە نەرسىنىڭ تىجارەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا سودىگەرلەر پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، ئىنساننىڭ پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىغا ئورتاق بولغان تەبىئى يېتىلىش جەريانىغا سۈنئىي ئارىلىشىۋالىدىكەن. بىر قېتىملىق دالا تامىقىدا بىر ئامېرىكىلىق دېھقان دوستۇم، “ بىز ئامېرىكىلىقلار ماشىنىللاشتۇرۇمىز دەپ ئىنساننىڭ ئىجاتكار بىر جۈپ قولىنى ناكار قىلدۇق. ھەممە نەرسە زاۋۇتلاشتۇرۇلۇپ تەبئىي مەھسۇلاتلار ئازلاپ كەتتى. ھۆكۈمەت بىزنى قوغۇدايدۇ دەپ ئۆزىمىزنى قوغۇداش ھوقۇقىمزىنى ساقچىغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بالىلىرىمزنى مەكتەپكە، ماشىنىمىزنى رىمنۇتچىغا تاشلاپ بېرىپ ئىجاتچانلىقىمىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. “ دەپ سۆزلەپ كەتتى. باشقىلار بۇ گەپلەرگە ئانچە قىزىقمىدى. كېيىن ئۇقسام بۇ ئادەمنىڭ ئىكىنزارلىقى تۈگەشكەن بولغاچقا ئاشۇنداق گەپلەرنى قېيداپ تولا دەيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلىرىمدە شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ، سوراشتۇرۇپمۇ ”بىزدە مۇنداق ئىللەتلەر بار“ دەپ بوينىغا ئالغان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى كۆرمۈدۈم.

ئامېرىكىدا ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتتتىن بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىمۇ، مەمۇرمۇ، مۇئەللىممۇ ئىشقىلىپ جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تېپىلىدۇ. ھەيران قالغىنىم ھىچ بىر كىشى ”مىللىتىمدە مۇنداق ئىللەت بار“ دېگەن گەپنى دەپ باقمىدى. مەن بىر قىسىم مىللەتلەردىكى ”ئىللەتلەر“ ھەققىدە بەزىلەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى ئوقۇغانلىرىمنى شۇ مىللەت كىشىلىرى ئالدىدا تىلغا ئالغىنىمدا، ”بۇنداق ئىش بىزدەك تارىخى ۋە رىيال قىسمەتكە مۇپتىلا ھەرقانداق مىللەتتە بار، بۇنى بىر مىللەتكە خاس كەمچىللىك دېيىشكە بولمايدۇ“ دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. بايقىشىمچە مۇستەبىت دۆلەت ئىران، سۈرىيە، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە سىياسىيغا زىيادە سەزگۈلۈك، ئاشقۇن مىللەتچىلىك، تەبىقىچىلىك قاتارلىق ”ئىللەت“ لەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. رۇسسىيە ۋە بۇرۇنقى سوۋېىت ئىمپىرىيىسىگە مەنسۇپ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، قۇلچىلىق، مۇناپىقلىق، پارىخورلۇق، نەيرەڭۋازلىق، ئېرقچىلىق، چوڭ مىللەتچىلىك قاتارلىق كەيپىياتلار ئومۇمىيكەن. ئامېرىكىدا مەن ئۇچراتقان زىيالىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇلارنى شۇ دۆلەتلەردىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ بىر خەلقنىڭ ”ئىللەت“ لىرى ھىساپلانمايدىكەن. غەيۋەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك قاتارلىقلار پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق پىسخىك مەسىلىلەر بولۇپ كونكىرىت بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا ”مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئىللەت، بۇنداق نۇقسان بار“ دېگەن سۆزلەنمىلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىنلا ئاڭلىدىم.

2. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ؟

مەن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار ماڭا ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە دادلاپ بېرىشتى. كېيىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن “ ئۇيغۇرلار راستىنلا شۇنداق ئىللەتلىكمىدۇ؟ سىز مىللىتىڭىزدىكى ئىللەتلەر سەۋەبلىك ئامېرىكىدا باشقىلار ئالدىدا قىسىلدىڭىزمۇ؟“ دەپ سوراپ، پاراڭلىشىپ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن چىقىپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاق ياقىلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھىچ قايسىسى ئۇيغۇرنىڭ بىرەر“ مىللىي ئىللىتى“ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىققا چۈشۈپ قالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇردا ئىللەتنىڭ كۆپلىكىگە قايىل ئىكەن. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەتلىك سانايدۇ؟

ئىللەت سانالغان پەزىلەت

بىر كۈنى تاسادىپى ”2011-يىللىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسى“ نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرىگە كۆزۈم چۈشتى. سەۋەبى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتى نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسىگە توغرا كېلىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نورۇزنى قۇتلاش سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇ خەۋەر چاپلانغان مۇنبەردە بىرەيلەن ھاپلا شاپىلا ”زادى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىمىز يوق. ھىسسىياتىمىزىنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويىمىز. بىر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى نەزىرگە ئۆزگەرتىپ قويسا بولامدۇ؟“ دەپ سۇئال تاشلاپ قاقشاپ كېتىپتۇ. بۇ خەۋەرگە ئىككى كىشى مەسىلىنى ئۇيغۇرلاردىكى ”ئىللەت“ كە تارتىپ مولاھىزە قىغاندىن باشقا ھىچ كىم نارازى بولماپتۇ. مەنچە بۇنىڭدا ئەقىل بىلەن ئويلىسا ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى ئەمەس پەزىلىتى ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى بايرام كېلىپ بولغىچە سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئويناش بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز ئەنئەنىمىزدە نورۇز سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنمۇ ئەمەس. ھازىر بىزدىكى بايراملارنى سەنئەت كېچىلىكى بىلەن تەبرىكلەش بېيجىڭدا يىلدا بىر تەشكىللىنىدىغان ”چاغاننى تەبىرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى“نىڭ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن شەكلى. ئامېرىكىدا مەيلى مىلاد بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى ياكى دۆلەت بايرىمى بولسۇن ھىچ قايسىسى بايرام تېلۋىزورلاردىكى سەنئەت كۆرىكى بىلەن تەبرىكلەنمەيدۇ. بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئالماشسا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ تىن قاقاشاپ كېتىشى مىللەتنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش خاھىشىنىڭ كىشىلىرىمزىنىڭ كاللىسىغا نەقەردەر چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە ئامېرىكدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام مۇسۇبەتكە توغرا كېلىپ قالغان ۋاقىتتا بايرام بولسىلا تاراڭشىتىپ داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناشنى قويۇپ قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇشى، شېھىتلەرنى ياد ئېتىشى پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى. ھېيىت بايرامدا تۇپراق بېشىنى يوقلاش، شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، قۇرئان خەتمە قىلىپ ھاياتنىڭ چېكى، قىممىتى، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سىر ئەسرارلارغا قۇلاق سېلىش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇبارەك ئەنئەنە. ئەمەئىيەتتە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئورنىغا نەزىرنىڭ ئالمىشىشى ئەسلى ئۇيغۇر كىملىكىگە يېقىنلاشقانلىقتۇر. بۇ مىسالدىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ”ئىللەت“ دەپ قاقشاپ كېتىۋاتقىنى ئەسلى ئۇيغۇردىكى پەزىلەتتۇر. پەزىلەتنىڭ ئىللەت سانىلىشى زىيالىلىرىمىزنىڭ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەت كۆزەينىكىدە كۆزەتكەنلىكىدىن بولغان. نەتىجىدە كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك مىللەت دەپ مۇقۇملاشتۇرۇۋالغان.

خۇدۇكسىرەشنىڭ سەۋەبلىرى

ۋاشىڭتوندا تۇرىدىغان بىرسىدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ بىر دوستى ۋەتەندىن كەپتۇ. ساھىپخان يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇس دەپ خۇدۇك ئالىدىغان بولغاچقا دوستىنى ھىچكىم بىلەن ئۇچراشتۇرماپتۇ. ھەتتا دوستى كەلگەن كۈنلەردە ئۆيىگە مىھمانمۇ چاقىرماپتۇ. بىر مەھەللىدە بىللە تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر قوشنىسى بار تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ تىنماپتۇ. مەن ئىچكىرىدە تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ئوغرىمىدۇ، ئاقچىمىدۇ…دەپ گۇمان قىلىشتاتتى. مەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ”جاسۇسمىدۇ“ دەپ گۇمان قىلىشىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ نۇقسانى دەپ تونۇيدىكەن. ئامېرىكىدەك باشقىلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قانۇنغا خىلاپ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇققا مەشغۇل دەپ گۇمان قىلغان ۋەتەنداشلىرىنى قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلماي توختىماي گۇمان قىلىشىدىكەن.

ئامېرىكىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇس ئاتىلىپ قېلىشىدىكى پاكىتلار ئاجايىپ ئاددى. بىرسىنىڭ جاسۇس ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ كىشىنىڭ رەسىم تارتىشقا ئامراقلىقى، ئەمما تارتقان رەسىملەرنى ئىۋەرتىپ بەرمىگىنى ئىكەن، يەنە بىرسىنىڭ بولسا پات-پات ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇشى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ ئىللىتى دەپ تونۇشى يېڭىلىق ئەمەس، ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ئەمەس. مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن ”قەشقەردە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تارقىلىپ كېتىپتۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىر بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇنداق بىر بىرىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان قىلىقلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەئۇدىلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئىرانلىقلاردىمۇ خېلى يايغىنكەن. بىر كۈنى بىر جۈمەدە خاتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى. جۈمەدىن كېيىن بىر پاكىستانلىق خۇتبە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ۋەھمىە يىگۈدەك ھىچ بىر گەپ بولۇنمىغان ئېدى. ئۇنداقتا بۇ پاكىستانلىق نېمىشقا قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇ پاكىستاندىن يېڭى كەلگەن، ئامېرىكىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆنۈپ بولالمىغان ئېدى. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ئەلدە ياشىغان كىشىلەردە ھۆرلۈكتىن خۇدۇكسىرەش، قورقۇش كېسىلى ئومۇمىيۈزلۈك بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ھادىسە ۋە كىشىدىن خۇدۇكسىرىشىدىكەن. يەنە بىر مىسال. 2010-يىلى ئەتىياز ئايلىرىدا مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتىن كۆپ ۋايىم يىدۇق. ئاخىرىدا مەھەللىدىكى بىر قانچە كىشى ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى نارازىلىق نامايىش قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىشىپتۇ. نامايىش ۋاقتى يېقىنلاشقان كۈنلەردە بۇ ئىشىنى باشقا بىر شىتاتتا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ھەمشىرىمزىگە دەپ بەردىم. ”نېمە، نامايىشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ نېمە كارىڭىز، خەق نامايىش قىلسا قىلمامدۇ؟ نېمە قىلىسىز ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ؟ بىر ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟“ . بىر مۇنچە ۋەھىمىلىك ئەسكەرتىشلەردىن كېيىن نامايىشقا قاتناشماسلىققا قارار بەردىم. ھاياتىمدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ بېقىش ئىستىكىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى خەلقى ئەمەس، ئاللىقاچان ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم خۇدۇكسىرەش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق توسۇپ قويدى. نامايىشقا قاتنىشىپ كۆنمىگەن، نامايىش ئىمكانىيتى بولمىغان موھىتتا چوڭ بولغان كىشىلەر نامايىشتىن خۇدۇكسىرەيدۇ. بۇنداق خۇدۇكسىرەشتىن نامايىش مۇتلەق قانۇنلۇق دۆلەتكە كېلىپ ياشاۋېتىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ بىر دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ ئۇنى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مىللىتىدىكى ئىللەت دەپ تونۇش ئىلمىيسىزلىكلا ئەمەس، ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئامېرىكىغا ئەمەس، نەگىلا بارسا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ. بۇ ”ئىللەت“ لەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىدۇر، يەنە بەزىلىرى بەلگىلىك دەۋردىكى بەلگىلىك شارائىت كەلتۈۈرپ چىقارغان ئىجتىمائى كەيپىيات بولۇپ مىللىتىمىزدىكى ”نۇقسان“ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ ”ئىللەت“ لىرىدىن كەمسىنىش ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى كۆرۈلمەيدىكەن. بەلكىم بۇ ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك ساناشنىڭ ئىجتىمائى سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئۈندەيدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

3. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىللەتلىكمۇ؟

مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت

مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مارگارىت ئىسىملىك بىر پروپېسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئايال مۇسۇلمانلاردىكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) تەرىقىتىنى تەتقىق قىلىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپلۇشۇپ ياشايدىغان شەھەرلەرنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە ئارتۇچ قاتارلىق بوستانلىقلاردا بىر قانچە ھەپتە ساياھەتتە بولۇپتۇ. پروپېسسورنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولۇپتۇكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاكىزلىقى، كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىلىقلىقى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى، قەشقەر ئۇيغۇرلىنىڭ ئىشچانلىقى سېلىشتۇرغۇسىز ئىكەن. مەن ۋەتەندە كۆنگەن خىيالىم بويىچە “ ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىللەت بار ئىكەن؟ ئۇيغۇرلار قايسى ئىللەتلىرى سەۋەبلىك خاراپ بولۇشى مۇمكىن؟“ دەپ سورۇدۇم. سۇئالىمغا ئۇ تولىمۇ ھەيران قالدى. “ ئىللەت دېگەن شەخستە بولىدۇ، مىللەتتە بولمايدۇ، مىللەتنىڭ خاراپ بولۇشىدىكى بىرىنجى ئامىل ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىش“ دەپ جاۋاپ بەردى. مەكتىپىمىزدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيەدە بۇ ئايال غەرپتە ئىستانبولدىن يولغا چىقىپ پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ دىيارىمىزغىچە كەلگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش، پەقەت ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىلا تىرىكچىلىك بامدات بىلەن باشلىنىدىكەن. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە بامداتتىن كېيىن ئاشخانىلاردىن تاماق، دۇككانلاردىن لازىملىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ لېكسىيەسىنى خۇلاسىلاپ“ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ سەھەرچى مىللەت. ئۇلار ھاياتنى ئەڭ قىزغىن سۆيىدۇ. شۇڭا دۇنيادا يورۇق تاڭنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن، ئەڭ بالدۇر كۈتىۋالغۇچى مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر“ دېدى.

مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان مىللەت

2009 يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەلەر دۇنيانىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتمىغان ئاخبارات قالمىدى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرى ھەققىدىكى دۇنياۋىي بەس مۇنازىرە ئەمەس، ئامېرىكىدىكى بىر تېلقانىلى تارقاتقان ”مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان ئۇيغۇرلار“ ناملىق خەۋەر بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكىدىكى بىر شىتاتقا بەش ئۇيغۇر ماكانلاشقانىكەن. ئۇلار بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەتداندىن بىر قوتۇر مۈشۈكنى تېپىۋاپتۇ. ئىچى ئاغىرىپ ئۆيىدە بېقىپتۇ. قوتۇرىنى مايلاپ ساقايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ مۈشۈك بىر قورۇدا ياشايدىغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئالتىنجى دوستىغا ئايلىنىپتۇ. ئامېرىكىلىق مۇخبىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ قىممەت قوي گۆشىگە ئامراقلىقىنى دەپ كېلىپ “ بۇ ئۇيغۇرلار تاماق ئەتسە مۈشۈكنىڭ ھەققىنى قوشۇپ ئالتە كىشىلىك تاماق ئېتىدىكەن، گۆش پۇشۇرسا مۇشۇكنىڭ نىسىۋىسىنى قوشۇپ سالىدىكەن“ دەپ تونۇشتۇردى. غەرپلىك مۇخبىرنىڭ ھەيران قالغىنى بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ مۈشۈكنى ھايۋانات دوختۇرخانىسىغا ئاپارمايلا ئۆزلىرى داۋالاپ ساقايتىۋەتكىنى بولۇپتۇ. مۇخبىر يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوي سويۇش، تاماق ئېتىش، تام قوپۇرۇش، يەر تېرىش قاتارلىق غەرپتە مەخسۇس مەكتەپتە ئۆگىتىلىدىغان ھۈنەرلەردىن خەۋەردارلىقىنى تەئەججۈپ ئىچىدە بايان قىلدى. خەۋەرنىڭ تۈگەنجىسىدە مۇخبىر كۆرۈرمەنلەرگە مۇنداق خىتاب قىلدى، “ ئامېركىلىقلار قىلىشىنى خالىمايدىغان تۆۋەن كىرىملىك، جاپالىق ئىشنى قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئەمەس مۈشۈكنىڭمۇ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، ئىنسانغا ئەمەس ھايۋانغىمۇ ئازار بەرمەيدۇ، كىشىلەرگە ئەمەس ھەرقانداق جانلىققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزلەرچە ئۇلارنىڭ نىداسىغا دۇنيانىڭ ئۈنسىز قاراپ تۇرۇشى نېمە ئۈچۈن؟“

ئامېرىكىدا تۇرۇرش جەريانىدا مەيلى تەتقىقاتچى زىيالىلار بولسۇن ياكى ئاخباراتچى بولسۇن ھىچ كىمدىن ”ئۇيغۇرنىڭ مۇنداق ئىللىتى باركەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ئامېركىلىقلاردىنلا ئەمەس جۇڭگۇدىن كەلمىگەن ھىچ بىر مىللەتتىن ئۇيغۇرنىڭ نۇقسانلىرى ھەققىدە باھالارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت قارىمايدىن كەلگەن بىر قازاق ئايال مەندىن رەنجىپ يېقىن شىتاتتا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلاردىن ئالاقىنى ئۈزدى. بىزنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى ”سىلەر ئۇيغۇرلار ناچار خەق بولغاچقا دۆلىتىڭلار يوق!“ دېگىنى بولدى. دېمەك ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر“ ئەپسانىسى ئامېرىكىدا ياكى ئامېركىلىقلاردا ئەمەس، پەقەت جۇڭگۇدا ۋە جۇڭگۇدىن كەلگەنلەردىلا بازارلىق ئىكەن.

تۈگەنجە

يۇقارقى ھىكايەتلەردىن مەلۇمكى ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىك سانىلىشى تاشقى دۇنيادا ھەقىقەت ئەمەس ئەپسانىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئىللەتلىك سانىشى ئىككى سەۋەبتىن، بىرى ئايرۇپىلانلىقلار بىلەن ھارۋىلىقلارنىڭ رىقابىتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇردىكى مىللىي كەمسىنىش يەنە بىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى سۆكۈپ يازغان ناباپ ئەسەرلىرى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە ئىللەتلىك سانايدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ تېنى يىراق قىرلاردا ياشاۋاتقان بىلەن ھىسسىياتى ۋە تەپەككۇرى يەنىلا چۆچەكچە ۋەيا تۇرپانچە بولىدۇ، يۇرتتىكى كەچۈرمىشلەرنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرى چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلىقىدا ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر ھەققىدىكى تونۇشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 1993-يىللاردىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى گېزىت ژورناللارنى قاپلاپ، ناخشا بولۇپ سەھنىلەردە ئوقۇلۇپ، ئۈنلىنتىسى قىلىنىپ ئۆي-ئۆيلەرگىچە تارقىتىلغاچقا ئۇيغۇرنىڭ قەدىمى نەگە يەتسە ”ئۇيغۇردا ئىللەت كۆپ“ دېگەن ئەپسانە شۇ يەرلەردە ئېقىپ يۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ”ئىللەت“ دەپ داتلاۋاتقان ھادىسىلەر ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىجتىمائى موھىتتا ياشايدىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەخسۇس ماركىسى ئەمەس.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، مەنىۋىيىتىمىز

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 95 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838