ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى

مەزكۇر تەرجىمە ماقالىنى 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان ئىدىم، ئەينى چاغدا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۇنشىيەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بارلىق سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەر ھەممە تور بەتلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەزكۇر تەرجىمەمنى ئەينى چاغدا ئاز بىرقىسىم تورداشلارلا كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتىدىن ئوكيان تورىغا يوللىدىم. ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن ئوقۇپ چىققايسىز. (نەپرەت)

ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوغرىلىق،بۇلاڭچىلىق قىلىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان، رايون ھالقىغان ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ %90 ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتىكۆپرەكى ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، «لاۋدا» نىڭ قاتتىق ئۇرۇشى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلغان. چۈنكى مىللەت ۋە تىل مەسىلىسى بولغاچقا،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، پەردە ئارقىسىدا باشقۇرغۇچىغا ئائىت ئىسپاتقا ئېرىشەلمىگەچكە، قويۇپ بېرىشكە مەجبور بولغان. قاتتىق قىيناش ۋە ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار يۇرتى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىغا قايتىشنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىدۇ، ئۇلار ئۆيىدىن ئايرىلغان چاغدا يېشى تېخى بەك كىچىك بولغاچقا، قۇتقۇزىۋېلىغاندىن كېيىن كۆپ قىسىملىرى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئادىرىسى ۋە ئالاقىلىشىش شەكلىنى بىلمەيدۇ.

ئەنۋەر ئۆيىگە قايتتى

ئەگەر ئاچىسى ئۇنى مومىسىنىڭ ئۆيىنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا مەجبورلىمىغان بولسا،10ياشلىق ئەنۋەر ئېھتىمال ئاتا-ئانىسىنى مەڭگۈ تاپالمىغان بولاتتى.باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ئەنۋەر ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ،نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئۈچىنچى ئىدى،يەنە سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئىدى.

2005-يىلى4-ئاينىڭ27-كۈنى قاباھەت يېتىپ كەلدى.بىر تاكسى مەكتەپتىن قايتىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ ئالدىدا توختاپ،ئىچىدىن بىر ئەر كىشى چۈشۈپ ئەنۋەرگە بىر تال شاكىلات بەرگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭدىن قىزغىن ھال-ئەھۋال سوراپ كەتتى.ئەنۋەر شاكىلاتنى يېگەندىن كېيىن ئۆزىنى بىلەر-بىلمەيلا تاكسىغا چىقتى.كېيىن يەنە بىر ئاق رەڭلىك بولكىۋاي ماشىنىغا ئالماشتى.ئەنۋەر ئويغانغان چاغدا لەنجۇغا كېلىپ بولغان ئىدى.

كېيىن ئۇلار ئەنۋەرنى يۇرتىدىن 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇاڭجۇغا ئېلىپ كەلدى.ئاددىيغىنا بىر ئۆيدە ئەنۋەر ۋە باشقا يېڭىدىن كەلگەن 2ئوغۇل بالا قاتتىق نەزەربەنت قىلىندى.ئۇلارنى گۇڭجۇغا ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئەر كىشىنى بالىلار«لاۋدا»(خوجايىن)دېيىشى كېرەك ئىدى.

ئىككىنچى كۈنى،«لاۋدا» ئۈچ بالىنى بازارغا ئاپىرىپ«پىراكتىكا»قىلدۇردى.ئەنۋەر بۇ چاغدا ئاندىن ئۆزىنىڭ خىزمىتى«يانچۇقچىلىق»ئىكەنلىكىنى بىلدى.ئەنۋەر بۇ قىلمىشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ھەمدە ئاللاھمۇ ئوغرىلارنى جازالايتتى. «لاۋدا»ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇنىمىغان ئەنۋەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۇردى.

ئەنۋەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق«پراكتىكا»سى ئوڭۇشلۇق بولمىدى.سودا سارىيىدا بالىلاردىن بىرى ئوغرىلاپ كەلگەن يانفۇننى ئەنۋەرگە بېرىپ تېز قاچ دېدى،ئەنۋەر يانفۇننى ئېلىپ قېچىپ نەچچە ئون مېتىر يۈگۈرگەندە پۇتلىرى يۇمشاق بولۇپ قالدى. يانفۇن ئىگىسى ئەنۋەرنى تۇتۇۋېلىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى.ئۇ چاغدا ئەتراپتا ئىزچىل كۆزۈتۈپ تۇرغان «لاۋدا»ئەنۋەرنى«بۇلاپ» قايتۇرۇپ كەلدى.

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،«لاۋدا»ئەنۋەرنى قېچىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسەن دەپ قاتتىق نەچچە شاپىلاق سېلىۋەتتى.بىر ھەپتە«پراكتىكا»قىلغاندىن كېيىن،«لاۋدا»ئەنۋەرنى«خىزمەت»كە چىقىشقا بۇيرىدى،ئەنۋەر ئۇنۇمىۋىدى«لاۋدا»پوتىسىنى چىقىرىپ ئەنۋەرنىڭ پۇتىغا رەھىمسىزلەرچە ئۇردى،«پراكتىكا»ۋاقتىنى بىر ھەپتە ئۇزارىتتى.
ئىككى ھەپتىلىك «پراكتىكا» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئەنۋەر يولغا چىقتى،ئۇ ھازىر ئوغرى بولۇشتىن قورقمايدىغان بولدى،پەقەت ھېچنىمە ئوغۇرىلىيالماي تاياق يېيىشتىن قورقاتتى.تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا بىر خانىم نەرسە يېگەچ مېڭىپ كىتىۋاتقاندا،ئەنۋەر كەينىدىن ئەگىشىپ،خانىمنىڭ ئېسىۋالغان سومكىسىنىڭ سېرىتمىسىنى ئېچىپ ھەميانىنى ئېلىۋالدى. قائىدە بويىچە،ئەنۋەر ھەمياندىكى 650 يۈئەن خەلق پۇلى ۋە بانكا كارتىسىنى13ياشلىق ئوغۇل بالىغا بېرىپ«لاۋدا»غا يەتكۈزۈپ بەردى.بۇ ئەنۋەرنىڭ گۇاڭجۇغا كەلگەن 15 كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇۋاپىقىيەتلىك يانچۇقچىلىق قىلىشى ئىدى.

ئەنۋەر يېڭى تۇرمۇشقا تېزلا كۆنۈپ قالدى. ئەنۋەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ساقچىغا ئۆيىگە قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى،ئەمما ئاخىرى ساقچىخانىدىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنى يەنىلا«لاۋدا»ئىدى.

ئەنۋەر«لاۋدا»غا ئەگىشىپ جەنۇبىي جۇڭگودىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى،ئۆزىنىڭ قانچە قېتىم ئوغرىلىق قىلغىنى ئېسىدە يوق. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 ئادەمنىڭ ھەميانىنى ئوغرىلاپ 2400 يۈەن تاپتى.ئۇ قېتىم«لاۋدا»خوشاللىقىدىن ئەنۋەرگە 200 يۈەن مۇكاپات بەردى، ئەنۋەر 100 يۈەنگە يېڭى كىيىم سېتىۋالدى، 100يۈەنگە باغچىغا بېرىپ ئويناپ كەلدى. ئەنۋەر ساقچىنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقىمايدۇ.ئۇ ساقچىخانىغا قانچە قېتىم كىرگىنىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ، ھەر قېتىم تۇتۇلۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا قويۇپ بېرىلەتتى. ھەر قېتىم«لاۋدا» نىڭ ساقچىخانا ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتى. «لاۋدا» تەلىم بېرىپ ئۇلارنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلىكىنى، خەنزۇچە ئۇقمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالسىلا ساقچىنىڭ ئۇلارنى قويۇۋېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر ساقچى تونۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساقچىنى مۇلايىملىق بىلەن قويۇپ بەرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

بېيجىڭلىق ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ساقچى ئەمەلدارى ئاغرىنغان ھالدا:«يېشى جىنايى ئىشلار مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توشمايدۇ،ئوغۇرلىغان سوممىسىمۇ جازا بېرىشكە يەتمەيدۇ،خەنزۇچە سۆزلەشنى بىلىدىغىنىمۇ بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.بىر بالىنى تۇتۇۋالساق بىر توپ شىنجاڭلىق ئىش تېرىيدۇ،يەنە مىللىي مەسىلىمۇ بار،ئادەتتە شەكىلگە نەچچە سائەت قاماپ قويغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىمىز»دېدى.چۈنكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلىرىنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ ئومۇميۈزلىكىگە قارىتا قىيىن ئەھۋالدا قالغان،نەرسىسىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان كىشىلەر دەردىنى ھەمىشە بۇ بالىلاردىن چىقىراتتى.ئەنۋەرنى مال ئىگىسىمۇ ئۇردى،.«لاۋدا»مۇ ئۇردى.

پۈتۈن بەدىنىنى تارتۇق قاپلىغان ئەنۋەرگە نىسبەتەن تاياق يېيىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.نەچچە كۈن ئىلگىرى،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن مەغلۇپ بولغاندا،.«لاۋدا» ئەنۋەرنى يەردىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇردى.

2006-يىلى7-ئاينىڭ22-كۈنى ئەنۋەر يەنە بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قالدى.لېكىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش نەچچە سائەت قامىلىپلا قويۇپ بېرىلمىدى،بۇ قېتىم ئۇ ياش ئۇيغۇر ساقچى ھەسەنگە يولۇقتى.ھەسەن ئۇنىڭدىن تىنىچ-ئامانلىق سورىغاندىن كېيىن يەيدىغان،ئىچىدىغان نەرسىلەرنى بەردى،يەنە ئۆز ئۇكىسىدەك كۆرۈپ ياتىقىغا ئېلىپ كەلدى.ئەنۋەرنىڭ ھاياتلىق ئىستىكى يېنىپ،ھەسەنجان ساقىچىدىن ئۆزىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېتىشىنى ئۆتۈندى.

«ئەنۋەرمۇ؟ ھاياتمۇسەن قوزام؟»مومىسى تېلىفۇندا سۆزلىشىۋاتقان شۇ پەيتتە يىغلاپ كەتتى.سەھەر بىر يېرىمدا ئەنۋەرنىڭ ئانىسى ئايروپىلان بىلەن ساقچىخانىغا يېتىپ كېلىپ يوقاپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئوغلىنى باغرىغا باستى.

بىر بالا 5000 سوم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ%90كۆپرەكى ئالداپ كېتىلگەن،ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىن ئىكەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،2003- يىلى1-ئايدىن2005-يىلى12-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكىرى جايلاردىن3660 نەپەر سەرگەردان ئۆسمۈرنى قايتۇرۇپ كەلگەن، %90 كۆپرەكى جەنۇبتىن ئىكەن.

جۇڭگو خەلق ئىشلىرى مىنىستېرلىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارلىشىچە،قۇتقۇزىۋېلىنغان ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار بارلىق قۇتقۇزىۋېلىنغان بالىلارنىڭ%12.7نى ئىگەللەيدىكەن.ئۇيغۇر سەرگەندان بالىلىرى ناھايىتى كۆپ يەنە كېلىپ يىغىۋېلىش تەس بولغاچقا،مۇنداقچە ئېيتقاندا،بۇ سان ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار قوشونىنىڭ زورلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىكەن.يەنە بىر ئىسپات بولسا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ دېيىشىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە دائىملىق سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى4000كېلىدىكەن،خەلق ئارىسىدا ئېيتىلىپ يۈرگەن سان بۇ ساندىن خېلى يۇقىرى ئىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ سىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىق جىنايەتچىلەر سانىدىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى2000-يىلىدىكى%14.2تىن2005-يىلى%19.5كە ئۆرلىگەن.بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى توختىماي يۈز بەرگەن،2005-يىلى دېلو تۇرغۇزۇلۇش سانى2000-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورگىنىدىكى لى شىياۋشىيا(李晓霞)نىڭ قارىشىچە،جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا نىسبەتەن يۇقىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش،ئىشسىزلىق نىسبىتى،ئادەم كۆپ يەر ئاز بولۇش زىددىيىتى،ئېغىر نامراتلىق ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلىي چېچىلاڭغۇلۇق قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى سەرگەردان بالىلارنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.جەنۇبتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم نامرات نوپۇس مەركەزلەشكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى35 نامرات ناھىيەنىڭ23جەنۇبتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،ئىسلام ئەقىدىسى ئوغرىلىق قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ.80-يىللاردىن كېيىن پەيدا بولغان بىر قىسىم قورامىغا يەتكەن ئوغرىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ«تەرەققىي قىلغان»،كېيىن يەنە تەرەققىي قىلىپ كىچىك بالىلارنى قالقان قىلىپ ئوغرىلىق قىلىدىغان بولغان.1988-يىلدىن كېيىن،بەزىلەر بىۋاستە ئادەم تەشكىللەپ بالىلارنى كۆپ مىقداردا ئالداپ سېتىشقا باشلىغان،چوڭلار پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلغان.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئازاپلىنىپ:«ھازىر ئۇيغۇر ياشلار ئىسلام دىنىدىن بارغانسېرى ۋاز كېچىۋاتىدۇ،ئۇلار ھاراق ئىچىدىغان،ئوغرىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى،ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادەتنى قاتتىق بۇلغاپ تاشلىدى»دېدى.

ئاقسۇ رايونىدا«كۇلى»دەيدىغان يېڭى بىر ئۇيغۇرچە سۆز بار،مەخسۇس ئادەم بېدىكلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناتوغرا يولدا پۇل تاپقان كىشىلەرنى ئاتاشتا ئىشلىتىدۇ.يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇلىدىن بىزار،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ھەۋەس قىلىدۇ.

نەچچە بالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئاقسۇلۇق بىر زات:«مېنىڭ مەھەللەمدە بىر داچا بار،دەل ئادەم بىدىكىنىڭ.بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى باقالمىسا جاھانكەشتىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىپ،كاۋاپ سېتىشقا بۇيرۇيدۇ»دېدى.

خوتەن پوچتا ئىدارىسىنىڭ بىر پوچتىكەشى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا:«خۇددى خىزمەتچىلەر مۇئاش ئالغاندەك،خوتەن رايونىنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىگە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن پۇللار كېلىپ تۇرىدۇ»دېدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ شىڧا:«3ياشتىن16ياشقىچە بالىلارنىڭ ھەممىسى بار،ئاساسلىقى10ياشتىن13ياشقىچە،كىچىكلىرىنى قولىدا كۆتۈرىۋېلىپ كۆز بوياپ ئۆتۈپ كېتىدۇ،چوڭراقلىرى بىۋاستە ئوغرىلىق قىلىدۇ،ئوغرىلارغا تاماق قىلىپ بېرىدىغان قېرىلارمۇ بار،بەزى يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام ئەمەلدارلىرى كۆزىنى قىسىپ قويۇپ،ئوغرىلارنىڭ يەرلىككە كۆپرەك پۇل تېپىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ«دېدى.

قۇتقۇزىۋېلىنغان دەۋران ئىسىملىك بالا:«بىز 16 چوڭ ئادەم ۋە 4 كىچىك بالا بولۇپ،ناھايىتى تەستە تاپقىلى بولىدىغان جايدا تۇرىمىز،2چوڭ ئادەم ۋە 2كىچىك بالا بىر ئۆيدە تۇرىدۇ،4چوڭ ئادەم بىر بالىنىڭ ئوغرىلىق قىلىشىنى كۆزىتىدۇ.چوڭلارنىڭ يېنىدا پىچىقى بار،بىز ئوغرىلىق قىلغاندا قارشى تۇرغانلارغا تەھدىد سالىدۇ.ئۇلار مېنى قايناۋاتقان سۇدىن تەڭگە پۇلنى ئېلىشقا مەجبورلىدى،ئەگەر ئالالمىسام پوتىسى بىلەن ئۇرىدۇ.مەن بىلەن بىرگە تۇرىدىغان11 ياشلىق بالا بار،مەندىن بىر ئاي بۇرۇن ئالداپ كېلىنگەن.ئۇ بىر قېتىم قېچىپ باققان،تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن قاتتىق ئۇرۇپ تاسلا قالدى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى»دېدى،ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ھەربىر ئوغرى بالىنىڭ بىر مەزگىل ئازاپلىق«پىراكتىكا ۋاقتى»بار ئىكەن.

«لاۋدا» بالىلارغا ھەر كۈنى تاپشۇرىدىغان ئوغرىلىق سوممىسى(500-2000)نى بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ،ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغان ياكى قېچىشقا ئۇرۇنغانلار قاتتىق تاياق يەيدۇ.بالىلارنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن،بەزى خوجايىنلار بالىلارنى زەھەر چېكىشكە،قىمار ئويناشقا قىزىقتۇرىدۇ،قىزلار دائىم جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدۇ. قاچالىغانلىرى خوجايىنىدىن ئەمدى قۇتۇلۇپلا يەنە بىر خوجايىننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزغۇچى تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئېچىندۇرغىنى،قۇتقۇزىۋالغان بالىلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يېىشى بەك كىچىك بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بىلمەيدۇ.ئاقسۇلۇق بىر ئوت يۈرەك زات:«3بالىنى قايتۇرۇپ كەلدىم،ئەڭ كىچىكى3ياش،ئەڭ چوڭىمۇ8ياش،مۇنچە كىچىك بالا ئۆيىنىڭ ئالدىدا يەل-يېمىش ماگىزىنىنىڭ بارلىقىنى ئېسىدە تۇتالىشى مۇمكىن،ئەمما ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى ئۇقمايدۇ،ھازىر چېقىش بەك قاتتىق،ئۇ ماگىزىننى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ»دېدى،ئامالسىزلىقتىن بالىلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئاپىرىپ بەردى.

بۇ پىدائىينىڭ تونۇشتۇرىشىچە:«كېيىن بالىلار بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلىدۇ،ئۇلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز،ئۇلار بېقىۋېلىشنى ئامال بار قولغا كەلتۈرىدۇ،ئادەم بېدىكلىرى ئارىسىدىمۇ مۇناسىۋەت بار.نامى چىققان،ئوغرىلىققا ئۇستا بالا5000سومغا يارايدۇ،ئادەتتىكى يېڭىلىرىمۇ1000سومغا يارايدۇ»دېدى.

ئۆتۈنۈپ قالايلى، بالىلارغا قارا قولۇڭلارنى ئۇزارتماڭلار!

ئۇيغۇر بالىلارنى يىغىۋېلىشتا يېمەك-ئىچمەكنىڭ چوقۇم مۇسۇلمانچە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،بالىلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئامالسىز،باشقۇرماق ئىنتايىن قىيىن مەسىلە.قايتۇرۇپ كېتىش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.تىل بىلىشمىگەچكە،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلارنىڭ ئېنىق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىنمۇ ئىسپات ئالالمايدۇ،خوجايىنىنى بېكىتىشكە ئامالسىز.گەرچە ئۇزۇن مەزگىل ئىچكىرى ئۆلكىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالا بولسىمۇ،ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا تۇرغاچقا،خەنزۇلارنى ئوغرىلىق نىشانى قىلغاندىن باشقا،خەنزۇلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقە قىلىدۇ،ھەتتا خەنزۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا كۈشكۇرتىدۇ،بولۇپمۇ جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا،مۇبادا تۇتۇلۇپ قالسا،ئۆزىنى يارىلاندۇرۇش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.ھەتتا بەزى ساقچىخانىلار مەخسۇس ئۇيغۇر ساقچى تەكلىپ قىلىپ بۇ خىلدىكى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ،ئەمما ۋاقىتلىقلا ھەل قىلالايدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا،نۇرغۇن تارماقلار قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ بوشاپ قالىدۇ،ئۇيغۇر بالىلارنى يىغىۋالمايدۇ ياكى بىرەرسى تونىۋالسىلا دەرھال قويۇپ بېرىدۇ.شۇنداق قىلىپ،ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ ئالدى پۇتى ساقچىخانىغا كىرىپ بولغىچە ئالدى پۇتى چىقىپ بولىدۇ دە داۋاملىق ئوغرىلىق قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ «لاۋدا»سى ساقچىخانا دەرۋازىسىدا ئۇلارنى كۈتىۋالىدۇ.

چۈنكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلار ئەمەلىي باشقۇرۇش قىيىنچىلىقىغا يولۇققاچقا،ئامما ساقچىلار ئۇيغۇر سەرگەردان بارلىلار ئوغرىلىق شايكىسىنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى دەپ قارايدۇ،ئۇيغۇر قارا جەمئىيەت خوجايىنلىرىمۇ زىيادە غالجىرلاشقان.

ھەسەنجان ساقچى:«مەن ئەنۋەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئىككىنچى كۈنى،ئۇلار ماڭا تېلىفۇن قىلىپتۇ،تېلفۇندا ماڭا تەھدىد سالدى ھەم پۇل بېرىمىز دېدى،بۇ ئادەملەر ئەجەپ غالجىرلىشىپ كەتكىلى تۇردى»دېدى غەزەپلىنىپ تۇرۇپ.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىدىكى ئىقتىدارسىزلىقى ئاممىنىڭ ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارغا نەپرەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئېنتېرنېت تورىدا«شىنجاڭلىق ئوغرىلار»نىڭ ئەدەپ كېتىشىگە بولغان غەزەپلىك سادالىرى پەيدا بولدى،يەنە ئەل ئارىسىدىكى يانچۇقچىلارغا قارشى زاتلار شەھەر ئاھالىسىنى ئۆزلىكىدىن زوراۋانلىق ئارقىلىق يانچۇقچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان يوللانمىلارنى يوللىدى،تۇتۇۋېلىنغان ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى شەھەر ئاممىسىنىڭ زورلۇق بىلەن تەربىيە قىلغان قانلىق سۈرەتلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولاتتى.

جىياچۈئەن2ياشلىق قىزنىڭ ئاتىسى،خېنەن ئەنياڭ شەھىرىدىكى مائارىپ خزمەتچىسى،2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوغرىلارنىڭ كۈپكۈندۈزدە ئوغرىلىق قىلىشىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن،ئەنياڭ يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنى قۇرغان.جىياچۈئەننىڭ دېيىشىچە،شۇ جايدا9،8ئۇيغۇرلار ئاشخانىسى بولۇپ،ئوغرىلار بۇ ئاشخانىلارنى بازا قىلغان،بالىلار ئۈچتىن،تۆتتىن بىر توپ بولىدىكەن،بەزىدە 30،20گە يېتىدىكەن،ئۇلار ھەر كۈنى چىقىپ ئوغرىلىق قىلىدىكەن،ئوغرىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتى ئوخشاش بىر بالىنى بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم تۇتۇىۋالىدىغان ئەھۋالمۇ بار ئىكەن،ھەممىسى ئۇلارنى تۇتۇشتىن خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالغان.

بۇرۇن بۇ بالىلار بىلەن تونۇشمايدىغان بولۇپ،ھازىر ھەممىسى بىلەن تونۇش بولۇپ كەتتى،ئۇلاردىن تاماق يېدىڭمۇ دەپ سورىغاندا،ئۇلار بىر نەرسە ئوغرىلىيالمىساق يەيدىغان نەرسە يوق ياكى تاياق يەيمىز دېگەن.يېڭى كەلگەن بىر بالا ئوغرىلىق قىلىشتا ئازراقمۇ ئېپى يوق بولۇپ،بىز ئۇنى دائىم تۇتۇۋالىمىز،«لاۋدا»سىمۇ دائىم ئۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن،ئانىسى ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇققان،ئۇ ئوينىغىلى سىرىتقا چىقىپ باشقىلارغا ئەگىشىپ كەلگەن.بىرىنچى قېتىم تۇتۇۋالغاندا ئۇ راست گەپ قىلغان،ئەمما كېيىن تۇتۇۋالغاندا راست گەپ قىلمايدىغان بولغان،بىر قېتىم4كىچىك بالىنى،بىر چوڭىنى تۇتۇۋالغان،چوڭى ئېھتىمال خوجايىنىنىڭ تۇققىنى بولۇپ بالىلار ئارىسىدا نازارەت قىلىشى مۇمكىن،شۇڭا كىچىكلەر ئىقرار قىلىشقا پېتىنالمىدى.ئۇ بالىنى5-قېتىم تۇتۇۋالغاندا يەنىلا بۇرۇنقى تەنھەركەت كىيىمىنى كىيىۋالغان بولۇپ يىرتىق،مەينەت ئىدى.

ئۇلارنىڭ كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشى يوق،چوڭىدىن بىرى كىچىك بالىدىن بىرنى ئەگەشتۈرىۋېلىپ كوچىغا چىقىدۇ،خەقنىڭ ئارقىسىدىن قول سېلىشنى ساقلاپ تۇرىدۇ،كەچتە ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا قايتىپ كۈتكىچىلىك قىلىدۇ،كاۋاپ ساتىدۇ.نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر بالىنى تۇتۇۋالدۇق،يېشى بەك كىچىك بولغاچقا قويۇپ بەردۇق،ئىككىنچى كۈنى ئۇنى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا كاۋاپ سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،ئۇ مېنى كۆرۈپ ئازراق خىجىل بولدى،دەرھال مېنى كاۋاپ يېيىشكە چاقىردى.

ئۇلار ساقچىنى كۆرسە قاچمايدۇ،چۈنكى ساقچىنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ،تۇتۇۋالسىمۇ تېزلا قويۇپ بېرىدۇ،ئۇلار ساقچىلارغا ئەزەلدىن خەنزۇچە گەپ قىلمايدۇ،بىزگە ئازراق خەنزۇچە گەپ قىلىدۇ.بەزى كىچىك بالىلار تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن پارا بېرىشنى ئۇقىدۇ،تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ئوغرىلىغان يانفۇننى سوۋغا قىلىدۇ،بەزى بالىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساقچىغا ئاپارماقچى بولساق بىزدىن ساقچىلار كارى بولمىسا،ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ كارى بولمىسا،سىلەرگە نېمە كەلدى دەيدۇ،بىزگە قانۇننىڭ ماددىلىرىنى يادلاپ بېرىپ بىزدىن نېمىگە ئاساسەن ئادەم تۇتسىلەر دەپ سورايدۇ،ئېنىقكى ئۇلارغا چوڭلار ئۆگەتكەن.

بىر قېتىم،مەن بىر بالىنى تۇتۇۋالدىم،چاغاننىڭ7-كۈنى ئىدى،پەقەت بىر قۇر كۈزلۈك كىيىم ۋە تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان ئىدى.ساقچىخانىغا ئاپارغىنىمدا توڭلاپ بولالماي قالدى،بىرلا ئادەم بولغاندىكىن ساقچىخانىمۇ بەرىبىر قويۇپ بېرەتتى،بۇ بالا تۇرىدىغان جاي بىلەن ساقچىخانىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق ئىدى،ساقچىغا بولدىلا ئۇنى تۇرالغۇسىغا ئاپىرىپ قوياي دېدىم.مەن توكلۇق ۋېلىسىپىت مىنگەن ئىدىم،ئۇنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزىشىمغا پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى،كۆز ياشلىرى ئېقىۋاتاتتى.سىلاپ باقسام ئارانلا ئىككى قات كىيىمى بار ئىكەن،دەرھال بىر تاكسى چاقىرىپ،شوپۇرغا پۇل بېرىپ بالىنى تۇرالغۇسىغا ئاپىرىپ قويۇشىنى تاپىلىدىم.

جىياچۈئەن يانچۇقچىلارغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ دەسلەپتە زوراۋانلىق ئارقىلىق يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى.ئەمما ھازىر بۇ بالىلار توغۇرلۇق سۆز قىلسا خۇددى بالىلارنىڭ دادىسىغا ئوخشاش كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەن ئىدى.جىياچۈئەن ھەر قېتىم بۇ بالىلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەۋاتقان قىزىنى ئەسكە ئالاتتى،«ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلسە چوقۇم قاتتىق ئازابلىنىدۇ»دېدى.

جىياچۈئەنگە ئوخشاش ،بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى كىچىكىدىلا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر«ئوغرى»لارغا ئىچ ئاغرىتتى.
«بىر ئۇيغۇر بالا ئالداپ سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن شاڭخەيدە ئوغرىلىققا سېلىنغان،3بولغاندا ساقچىلار قايتۇرۇپ كەلگەن،ناۋادا بىرى قولىنى كۆتۈرسىلا بالا قورقۇپ يىغلايتتى،يوشۇرىنىۋالاتتى،قولىدا بىر تال پىرەنىك بولۇپ يېرىم كۈنگىچە يېمىدى،قورسىقى ئاچقاندا ئازراق چىشلەپ قوياتتى.ساقچىلار قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن كىيىم سېتىۋېلىپ كېلىپ ئالماشتۇرىدىغان چاغدا،ساقچىلار يىغلاپ كەتتى،10ياشقىمۇ بارمىغان بىر بالىنىڭ بەدىنىدە 200دىن كۆپ جاراھەت بار ئىدى.ھېلىقى ئۇيغۇر ئائىلىدە مىليونېر بار ئىدى، ئۇ ئائىلىدىكى بوۋاي كىچىككىنە بالىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يىغلىغىنىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى،ئېغىزى قاناپ كەتتى.ئۇ ئاخىرى ساقچىغا مەن سىلەرگە بىر مىليون بېرەي،ئادەم بېدىكلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئاتقىلى قويۇڭلار دېدى».شىنجاڭلىق بىر خەنزۇ تورداش توردا ئۈزلۈكسىز ماقالە ئېلان قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يانچۇقچىلارغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ قالايمىقان زورلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلدى.ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ«شىنجاڭلىق ئوغرى»نىڭ ئېچىنىشلىق تەغدىرىنى چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلدى.
ئۇ«ئۆتۈنۈپ قالاي،بالىلارغا قارا قولۇڭلارنى ئۇزارتماڭلار!»دەپ خىتاب قىلدى.

ھەر بىر بالا دۆلەتنىڭ قىممەتلىك گۆھىرى

ئۇيغۇر لىنىيىسى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئەل ئىچىدىكى تور بەت ئىدى،تور بەت مەخسۇس «سەرگەردان ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلەيلى»سەھىپىسى تەسسىس قىلغان بولۇپ،بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ«شىنجاڭلىق ئوغرىلار»غا بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى يوقاتسا،يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى ھەر خىل كۈچلەرگە بۇ بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

تور بەتنىڭ مەسئوللىرىدىن بىرى«ئۇلار ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى»دېدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوقۇغىلى يېڭى كەلگەندە،دەل ئوغرىلار مەسلىسى سەۋەبلىك،دائىم ئۇقۇشماسلىققا ئۇچرايدۇ.

ئۇ بىر قېتىملىق ئىشنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايدۇ:بىر قېتىم ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىققان چاغدا،ئادەم بەك كۆپ بولۇپ،تۇتۇۋالغۇدەك جاي يوق ئىدى،ئاپتوبۇس جىددىي تورمۇز قىسىۋىدى،ئۇ ئالدىغا سەنتۈرۈلۈپ كەتتى،قولى دەل ئالدىدىكى40نەچچە ياشلىق ئەرنىڭ يانچۇقىغا تېگىپ كەتتى،ھېلىقى ئەر دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ«نېمە قىلىسەن؟»دەپ ۋارقىرىدى.بىر ئاپتوبۇس ئادەم شۈبھىلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.ئۇ دەرھال ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كەتتى.

ئۇيغۇر لىنىيىسىنىڭ مەسئولى«تىنىچ ئۆيىدە ئولتۇرماي،بۇ يەرگە كېلىپ ئۆز مىللىتىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ»دەپ قايناپ كەتتى،ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ئۇيغۇر ئوغرىلارغا نەپرەتلىنەتتى،ئەمما نەچچە بالىنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن،ئۇ ھەربىر بالىنىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى بارلىقىنى بىلدى،ئۇ بارلىق كۈچى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر لىنىيىسى نۇرغۇن جايلاردىكى يانچۇقچىلارغا قارشى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشتى،مۇبادا ئۇيغۇر بالىسى تېپىۋالسىلا دەرھال بىر ئادەم تەرجىمان بولۇشقا مەسئول بولۇپ،بالىنىڭ ئائىلىسىنى ئىزدىدى.

«دەسلەپتە،نۇرغۇن جايلاردىكى كىشىلەر يانچۇقچىلارغا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇردى،ئۆلتۈردى،ئۇردى،بىز يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرىشىنى قوللايمىز،ئەمما قانۇنلۇق بولىشى كېرەك».ھازىر گۇيلىن،چوڭچىڭدىكى يانچۇقچىلارغا قارشى تەشكىلاتلار بالىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى،بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى ئاستا-ئاستا يوقىدى.

تور بەتكە مەسئول بولغان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى ئۇيغۇر لىنىيىسىدىن ئىبارەت بۇ بەتنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىدۇ.ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغاندىن سىرت،بىر تەرەپتىن سودا قىلىپ بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى،بىرلا ۋاقىتتا پايتەخىتتىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى،ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ھەر كۈنى تور بەتنى ئاسرىدى،ھەر قايسى جايلاردىكى يانچۇقچىلارغا قارشى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشتى،پىكىر ئالماشتۇردى.بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا ئۇدا نەچچە كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ ئارام ئالالمىدى.

ئىلھام توختى:«ھەربىر بالا دۆلەتنىڭ گۆھىرى،ھەممىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بار.ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن ئائىلىسى يوق.تايانچىسى يوق،ئەگەر ئىزچىل ئوغرىلىق قىلىدىغان بولسا مەڭگۈ ئوغرى بولۇپ قالىدۇ،چوڭ بولغاندىن كېيىن باشقا بالىلارنى ئالداپ ئوغرىلىققا سالىدۇ.ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا ئۆزگىرەيدۇ»دېدى.
جىياچۈئەن دەسلەپتە ئۇيغۇر لىنىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگەردان بالىلارنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.ئۇ شىنجاڭنىڭ بىر مۇنبىرىدە«بىز شىنجاڭلىق ئوغرىلارغا قانداق تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك»ناملىق تېما يوللىدى،جىياچۈئەن ئۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر لىنىيىسىدىن يۆتكەلگەن بىر ماقالىنى كۆردى.«ئەسلىدە ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنىڭ تەغدىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر توربەت بار ئىكەندە»ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.«مەن بىر خەنزۇ،خېنەن ئەنياڭدىن.مەن يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتىدىن،مەن بىر مائارىپچى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن،سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتا قىلىشنى خالايمەن.بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىز قول تۇتۇشايلى»دەپ خەت قالدۇردى.جىياچۈئەننىڭ ئۇيغۇر لىنىيىسىدىكى خېتىدىن نۇرغۇن كىشىلەر تەسىرلەندى.

جىيا چۈئەن ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ساقچىلارنى نانقېپى دەپ تىللىغان ئىدى،ھازىر ئۇلارنى بىر ئاز چۈشەندى،بىراق،بىر تەرەپ قىلمىغانچە بىر تەرەپ قىلىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىدۇ.ساقچىلار يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىشنى خالىمايدۇ،يىغىۋېلىش مەركىزىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،ھەمىشە خىراجەت كېتىدۇ،تاماق مەسىلىسى ئاۋارىچىلىق،باشقۇرۇش تەس دەيدۇ،ئەڭ ئاخىرىدىمۇ ئۇيغۇر لىنىيىسىدىكى دوستلارنى تەرجىمانلىققا تەكلىپ قىلىپ،بالىنىڭ ئائىلە باشلىقىنى ئىزدەشكە ياردەم بېرىدۇ.

ھازىر بالىلارنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلىكىنى چۈشەنگەن جىياچۈئەن ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى بالىنى قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئاپىرىپ بېرىپ،ئاندىن ئۇيغۇر لىنىيىسىدىكى دوستلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۇقتۇرىدۇ ياكى يەرلىك110غا تېلىفۇن قىلىدۇ.

جىياچۈئەن مەملىكەتتىكى يانچۇقچىلارغا قارشى ئەترەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش تورى تەشكىل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىنى بايقاپ قالسىلا دەرھال ئۇيغۇرلارغا ئۇچۇر قىلىپ،ئۇلارنىڭ بالىنىڭ ئائىلىسىنى ئىزدىشىنى تاپىلاش،ئەڭ ياخشىسى بالىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەسئول بولىشى كېرەك.ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ فوند قۇرۇپ بۇ بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى،ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ،پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بۇ بالىلارنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمۈت قىلدى.

نۇرگۈلنى قۇتقۇزۇش

كىچىك قىزچاق نۇرگۈل12ياشقا كىرگەن بولۇپ،ئالداپ سېتىۋېتىلگىنىگە بىر يىل بولغان،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا365كۈننىڭ ھەممىسى قاراچۈش ئىدى،ئېھتىمال يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئۆمۈرلۈك خورلۇق بولىشى مۇمكىن.2007-يىلىنىڭ بېشىدا،تەغدىر ئۇنىڭغا بۇ قاباھەتتىن قېچىپ قۇتۇلۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى،جىياچۈئەن يېقىندا تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق يانچۇقچىلارغا قارشى ھەركەتتە نۇرگۈلنى تۇتۇۋالدى.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ،نۇرگۈلنىڭ يەنە ئوغرىلار گۇرۇھى ئاتامانىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،نۇرگۈلنى دەرھال قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئاپىرىپ بەردى.يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتى بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇش پونكىتىغا نۇرگۈلنى تېزلىكتە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرسە،بىر تەرەپتىن ئىلھام توختى بىلەن ئالاقىلاشتى. 

يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا،نۇرگۈل بىلەن ئىلھام توختى تېلىفۇنلاشتى،نۇرگۈل ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىنى،ئانىسىنىڭ ماشىنا ھادىسىدە قازا قىلغانلىقىنى،ئۆگەي ئاتىسىنىڭ ئاقسۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.ئىلھام توختى قىزچاققا پەقەت راست گەپ قىلساڭلا ئۆگەي ئاتاڭ تېزلا كېلىپ سېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ دېدى.
ئىككىنچى كۈنى چۈشتە،ئەنياڭدىكى جىنايى ئىشلار ساقچىسى ۋە بىر ئۇيغۇر تەرجىمان قىزچاقنى ئىزدەپ كەلدى،قىزچاق ئۇلار بىلەن بىردەم سۆزلەشكەندىن كېيىن،جياچۈئەنگە گېپىنى ئۆزگەرتىپ،ئۆگەي ئاتىسىنىڭ ئاقسۇدا ئەمەس،بەلكى ئەنياڭدا ئىكەنلىكىنى،ئۆگەي ئاتىسى نۇرگۈلنى ئەنياڭغا باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.قايتا سورىغاندا،ئۇ يەنە گېپىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنى تاغىسى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دېدى،ئەڭ ئاخىرىدا ھاممىسىنىڭ ئېرى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى دېدى.

قىزچاقتىن ئېنىقلا«لاۋدا»دىن قورقۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،ئىلھام توختى قىزچاقنىڭ ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا تېزلىكتە ئىسپاتقا ئېرىشىشكە ئامالسىز قالدى،قويۇپ بېرىشكە بولمايتتى.جىددىي ئەھۋالدا،ئۇ بىر تەرەپتىن شىنجاڭ دىكى قىزچاقنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى سۈرۈشتۈرسە،بىر تەرەپتىن جىياچۈئەننىڭ قۇتقۇزۇش پونكىتىدىكى خىزمىتىنى قىلىشنى ئۈمۈد قىلدى،«ئادەمنى ھەرگىز قويۇپ بەرمەڭلار»دېدى.
كۆپ تەرەپلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق،ئىلھام توختى نۇرگۈلنىڭ بىرىنچى قېتىم ئېيتقان سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى،ئۆگەي ئاتىسى ئاقسۇدا ئىدى.بېيجىڭغا قايىتقان ئىلھام توختى جىياچۈئەن ئەۋەتكەن نۇرگۈلنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن:«ئۇ قاتتىق ئازاپ-ئوقۇبەت تارىتقان قىز ئىكەن،مەن ئەزەلدىن مۇنداق قېرى چىراي12ياشلىق قىزچاقنى كۆرۈپ باقمىغان،كۆز نۇرى نېمەدېگەن قايغۇلۇق»دېدى.

ئىككىنچى قېتىم تېلىفۇنلاشقاندا،ئىلھام نۇرگۈل بىلەن مۇڭداشتى.دەسلەپتە،قىزچاق توختىماي يىغلىدى،ھېچنىمە دېيەلمىدى.
«ھازىر قانۇن ئۆزگەردى،10ياش،12ياشلىق بالىلارمۇ نەرسە ئوغۇرلىسا تۈرمىگە كىرىدۇ،كېيىن قانداق ئەرگە تېگىسەن؟»دېدى ئىلھام توختى قىزچاقنى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشقا ئۈندەپ.
«سەن مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ؟»دېدى قىزچاقنىڭ سەل يۇمشىغانلىقىنى كۆرگەن ئىلھام توختى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ.
قىزچاق«مەن مۇسۇلمان»دېدى،ئۇ ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئادەمدىنمۇ قورقاتتى،سۆزلىرى تىترەپ چىقاتتى.

«سەن ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقمامسەن؟»ئىلھام توختى ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى قۇدرىتىنى بىلەتتى.

«قورقىمەن»قىزچاق ئاستا-ئاستا ئىقرار قىلىشقا باشلىدى.

ئىلھام توختى غەزىپىنى بېسىپ تۇرۇپ «ئۇلار(ئادەم بېدىكلىرى) ساڭا چېقىلدىمۇ؟» دېدى،ئىلھام نۇرغۇن سەرگەردان قىزلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
«چېقىلدى،تاغام مەن بىلەن بىرگە ئۇخلىدى»،12ياشلىق بىر قىزغا نىسبەتەن مۇنداق سەرگۈزەشىت مەڭگۈلۈك ئازاپ ئىدى.

«نۇرگۈلگە باسقۇنچىلىق قىلغان ھەمدە بىرلا ئادەم ئەمەس بىر مۇنچىسى…..»دېدى ئىلھام توختى تېلىفۇندا غەزىپىنى يوشۇرالماي،ئۇ جىياچۈئەنگە«ئۇنى ھەرگىز قويۇپ بەرمە»دەپ تاپىلىدى. ئىلھام توختىنىڭ نۇرگۈلدىن سەل چوڭ قىزى بار ئىدى،ئۆز مىللىتىنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ،ئۆزىنىڭ قىزىغا قاراشقا چولىسى تەگمەيۋاتاتتى.
ئۈچۈنچى كۈنى،شىنجاڭدىكى بىر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى نۇرگۈلنىڭ ئۆگەي ئاتىسىنى تېلىفۇننىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپاردى،ئۇ تېلىفۇندا ئىلھام توختى بىلەن سوقۇشۇپ كەتتى.نۇرگۈلنىڭ ئۆگەي ئاتىسى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئاز ئارىلاش،كىرا پۇلىغا چىقىش قىلالمايمەن ھەم بۇ بالىنى ھەرگىز بېقىپ بولالمايمەن دېدى.ئىلھام ئاچچىقلانغان ھالدا پۇلنى بىز چىقىرايلى،سەن كېلىپ ئېلىپ كەت،كېلەمسەن يوق؟دېدى.نۇرگۈلنىڭ ئۆگەي ئاتىسى كەچرەك تېلىفۇن قىلغىن،ھازىر مەن ئالدىراش دېدى.كېيىن بۇ ئادەمنى قايتا تاپالمىدى.

كېيىن ئون نەچچە ئۇيغۇر ئەنياڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ ئىشىكىنى توسىۋېلىپ يىغا-زار قىلىشقا باشلىدى،ئۇلار بىز نۇرگۈلنىڭ تۇققانلىرى دەپ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاپالمىغاچقا ،ساقچى ئامالسىزلىقتىن ئىسپات يېزىپ بېرىپ قويۇۋېتىشكە مەجبور بولدى.گەرچە جىياچۈئەن قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ يەنە ساقلاپ تۇرىشىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ،ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش پونكىتى چىداپ بولالمىدى،نۇرگۈلنى يەنە ئادەم بېدىكلىرى ئېلىپ كەتتى.

ئىلھام توختى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،ئاقسۇدىكى ساقچى دوستىدىن يەنە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى.ئەمما ئۈچ كۈن قاتتىق ئالدىراش بولغاندىن كېيىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى،ئۇ دوستى ئىلھام توختىغا تېلىفۇن قىلىپ:«مۇنداق بولسۇن،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەدەل تۆلىدى،ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭمۇ راسخوتى يوق ھەم بالىنى ئېلىپ كېتىش مەسئولىيىتى يوق،بىز زادى نۇرگۈلنى ئۆگەي ئاتىسى سېتىپ تاشلىدى دەپ گۇمانلىنىمىز»دېدى.

ئەنۋەر ئۆيىگە قايتتى، نۇرگۈلنى ئۆگەي ئاتىسى ئېلىپ كەتمىدى، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئۆيىنى تاپالمىدى. گۈلەندەم، قىز، قەشقەردىن، 12ياش بولۇپ، گۇيلىن يانچۇقچىلارغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن يەرلىك ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەردى. سۈرەتتە كىچىك قىزچاق ئاددىي، مەينەت كىيىم كىيىۋالغان، چوڭ كۆزلىرىدىن قورقۇنۇش، ۋەھىمە چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ساقچىغا ئۆزى ۋە باشقا 5 بالىنىڭ شىنجاڭدىن گۇيلىنغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، يانچۇقچىلىق قىلىشقا مەجبورلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. كىچىك قىزچاق ساقچىدىن ئۆزىنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۆيىنىڭ ئادرىسى يادىدا يوق ئىدى، ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش شەكلىنى ئۇقمايتتى. قائىدە بويىچە، ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغاچقا، ساقچىلار گۈلەندەمنى قويۇپ بەردى. گۈلەندەمنى ساقچىخانىنىڭ سىرتىدا ساقلاپ تۇرغان «لاۋدا» ئېلىپ كېتىپ كوچىدا يەنە ئوغرىلىققا سالدى، يەنە تۇتۇلدى، ئاندىن يەنە قويۇپ بېرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتقۇزۇش پونكىتى 93 نەپەر سەرگەردان بالا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى يوق ياكى ئانىسى يوق،ھەتتا ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسىلا يوق ئائىلىلەرنىڭ%17نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بايقىدى،يەنە تۆتتىن بىر قىسىم ئائىلە ئاتا-ئانىسى نىكاھتىن .ئاجراشقانلىقى ياكى بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك قايتا ئۆيلۈك بولغان.ئۇلار گەرچە قۇتقۇزىۋېلىنسىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا قايتىدىن سەرگەردان بولغان،ئوغرىلىقتىن باشقا ھېچقانداق جېنىنى باقىدىغان ھۈنىرى يوق،تۇتۇلۇپ قالسا يەنە قويۇپ بېرىلىدۇ،قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن،ئۇ بۇ كەسپنىڭ كىچىك ئاتامانى بولۇپ قالىدۇ،ھەتتا«لاۋدا»بولۇپ،قۇرامىغا يەتمىگەن باشقا بىر توپ بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوغرىلىق قىلىپ،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا ئايلىنىدۇ.
«ئۆيگە قايتقۇم بار،ئەمما ئۆيگە قايتىش يولىنى تاپالمىدىم».

ئالاھىدە ماقالە تەييارلىغۇچى:مۇزەپپەر قۇربان
مۇخبىر:دېڭ لى
مەنبە: سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.مەنبەنى توغرا بەرگەن ئاساستا باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: تەلىم-تەربىيە، مىللىي كىملىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 72 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 838