ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

خەرىتىگە قارىسىڭىز ئېلىمىزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل خېنەن ئۆلكىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زېمىنىنىڭ شەرقى يان بۆلىكى ئاساسەن پايانسىز تۈزلەڭلىك،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.بولۇپمۇ جېڭجۇ-كەپفېڭ-شاڭچيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ-شۈيچاڭ-پىڭدىڭشەن-نەنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.لېكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخت لوياڭ،گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.ئەتراپتىكى پاكار ،لېكىن ياپيېشىل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.جېڭجۇدىن ئابتوبۇس بىلەن غەرپكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز،تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە يىتىپ بارىسىز.

مىيەنچى ناھىيىسى مەمۇرىي جەھەتتىن خېنەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھرى سەنمېنشىياغا قارايدۇ.ناھىيىنىڭ سەنشى ئۆلكىسى بىلەن چىگرالاشقان جايىدىن ھەيۋەتلىك خۇاڭخې دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناھىيە جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇنغا جايلاشقان.قەدىمدە بۇ جاي سەنشى،شەنشى،خېنەن،سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان.مانا مۇشۇ سۈيى مول،تۇپرىقى مۇنبەت گۈزەل ناھىيىدە ‹‹غەربى خېنەن ئۇيغۇرلىرى››دەپ ئاتالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلارخېلى كۆپ،جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىزگە خېلىكۆپ تونۇشتۇرۇلدى،بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن ئارقىلىق خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.ئۇنىڭدىن باشقا گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدكى سېرىق ئۇيغۇر(يۇغۇر)لار بىلەن خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلار كۆپ.ھالبۇكى بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىلىدىغان ،ئىككى ئۇيغۇر مىللى كەنتى بار ئۇزاق تارىخقا ئىگە لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر توپ ھېسابلىنىدۇ.2006-يىلى مەن بىر قىسىم دوستلاردىن خېنەندە بىر قىسىم ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئىمكانىيىتىم يار بەرسە مۇشۇلار ھەققىدە بىرەر تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش ئويىغا كەلگەن ئىدىم.ئاخىر بۇ پۇرسەت يېتىپ كەلدى.مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدىم.مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىپ يۈرۈپ ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش،سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە قارىغاندا،1985-يىلى جۇڭگو مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلىدىكى ئەركىن قادىر ۋە ئارىسقان قاتارلىقلار مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان.1991-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس فىلىم بۆلۈمىدىن ئىسھاق ،يالقۇن،ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشى مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ،ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن.2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان.

مىلادىيە 1209-يىلى قۇجۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ قۇجۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ،چىڭگىزخانغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ.كىيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرىشىدۇ .چىڭگىزخان بارچۇق ئارتتېكىننى بەشىنچى ئوغلۇم دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بارچۇق ئارتتېكىن 10مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ.1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخانغا قارام بولغان غەربىي شىيا سۇلالىسى(تاڭغۇتلار)ئىسيان كۆتىرىدۇ.چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىدۇ.بۇ جازا يۈرىشىدىمۇ بارچۇق ئارتتېكىن ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىدۇ.1226-يىلى جەڭ ئاخىرلىشىدۇ.تاڭغۇتلار يېڭىلىدۇ.مانا مۇشۇ چاغدا بارچۈق ئارتتېكىننىڭ سەركەردىسى سىتەنقايا دىگەن كىشى چىڭگىزخان تەرىپىدىن غەربىي خېنەندىكى يوڭنىڭ،لىڭباۋ،شەنشىيەن،مىيەنچى،يىياڭ قاتارلىق بەش ناھىيىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە شۇيەردىكى چوڭ جەمەت بولغان ليۇ جەمەتى بىلەن قۇدىلىشىدۇ .سىتەنقايا خېنەن،گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولۇپ .ئاخىر تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل ۋە گۈزەل ،ھەربىي ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور مىيەنچى ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.ئارىدىن 100يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ ،تۆتىنچى ئەۋلات خۇدۇقايا دەۋرىگە كەلگەندە ،يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلىدۇ،1336-يىلى جۇ يۈئەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ غۇزچە (‹‹غۇز››،بۇ يەردە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ)كىيىملەرنى كىيىش،غۇزچە سۆزلەش ،غۇزچە ئۆرۈپ ئادەتتە بولۇشنى چەكلەيدۇ.مانا مۇشۇ ۋاقىتتا خۇدۇ قايا فامىلىسىنى مومىسىنىڭ فامىلىسى بولغان ليۇغا ئۆزگەرتىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن غەربىي خېنەندىكى ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جەمەتىنىڭ تارىخى رەسمى باشلىنىدۇ.ئارىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدۇ.بىر ئائىلىدىن تەرەققى قىلغان ليۇ جەمەتى نۇرغۇن شاخلارغا بۆلىنىدۇ.لېكىن،ئىزچىل ھالدا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ ماڭىدۇ.ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئويۇپ ئۇلۇغلىرىنىڭ قەبرىسىگە تىكلەيدۇ.

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 15-يىلى(1926-يىلى)فېڭ يۈشىياڭ خېنەننى باشقۇرغاندا مىيەنچى ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى يېزىلىدۇ.مانا شۇ چاغدا 16-17ياشقا كىرىپ قالغان ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ليۇ يۆبەي ئىسىملىك ياش تەزكىرە ئىشخانىسىغا كېلىپ نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار ۋە ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى ئارقىلىق ،ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ.ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ھاكىم ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت››دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ليۇ جەمەتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.1956-يىلى ئۇلار رەسمىي ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ ئىككى كەنتكە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىدۇ.ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2008-يىلى 3-ئايدا مىيەنچى ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ليۇ دوڭفاڭ،مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ رۇنشېڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى قول قويغان ئەڭ يىڭى ماتىرىيالدا غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (خېنەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە تەيۋەن،چەتئەللەرگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئومۇمىي سانى 2380نەپەر دەپ قەيت قىلىنغان.ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلىشىپ يەرلىك خەنزۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ كەلگەن،ئۇلار بىر فامىلىلىك قانداشلار ئارا ئۆيلىنىشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمىغان.قىزلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە ياتلىق قىلىپ ،ئۆزلىرى باشقا مىللەتلەردىن قىز ئىلىپ جەمەتىنى بۈگۈنگە قەدەر گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.

مىيەنچى ناھىيسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بىرىلگەن ئىككى كەنتىنىڭ بىرى،مىيەنچى ناھىيە بازىرى جايلاشقان گۇئەنچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى يىلىخې كەنتى.بۇ كەنىتكە رەسمى ئۇيغۇر كەنتى دەپ كەنت دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بىرىلگەن.بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 329نەپەر،ئومۇمىي كەنت ئاھالىسىنىڭ %33ىنى ئىگىلەيدۇ.كەنت باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ،ئىسىم-فامىلىسى ليۇ باۋجۈن.

يەنە بىر كەنىت ناھىيە بازىرىدىن بىرنەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېيچى كەنتى،بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 675نەپەر بولۇپ ئومومى نۇپوسنىڭ %35ىنى ئىگىلەيدۇ.

ليۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرگەن بىر توپ.بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش تىخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: مىللىي كىملىك

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 64 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 841