ئۇيغۇرلار

ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺋﻪﻟﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ)، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺭﻭﺳﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺳﺘﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ.

2007-يىلى 10-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ دۆلەت ئىچىدىكى جەمى نوپۇسى 10مىلىيۇن78مىڭ بولغان بولۇپ جۇڭگۇدىكى جۇاڭزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ مىللەتلىرىدىن كېيىن نوپۇسى 10مىلىيۇندىن ئاشقان 4-چوڭ مىللەت بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ 99% ئۆز ئانا تىلىدا ئالاقە قىلىدۇ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئۇيغۇرلانىڭ ھەممىسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ10-ئەسىرنىڭ بېشىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبى ھەنەفىيا فىقھىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە.
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﯧﺘﯩﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ-ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ 3000-2000 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻧﻮﯞ-ﻣﻨﻮﺳﯧﻨﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻯ (ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ) ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﭼﻪ ﺋﺎﻕ ﺟﯩﻨﯩﺴﻠﯩﻖ (ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ) ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻯ، ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﻰ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺳﻪﻳﻠﻪ-ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ “ﺋﺎﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ” ﺑﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ “ﺋﯘﻟﯘﻏﺨﻮﺭ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ -2000ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 6 ،5 ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻏﻪﺭﺏ، ﺟﻪﻧﯘﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﺎﻛﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺳﺎﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻮﺧﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻻ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻨﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻠﯘﺋﯩﺪ (ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﺮﻗﻰ) ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﻨﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺷﯘﻟﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻏﺨﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ -2ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ-ﺗﯜﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘ (ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺩﯗﺱ ﺋﻮﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻳﻔﺎﯓ، ﺩﻯ-ﺯﻩﻱ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ (ﺩﻩﻧﻠﻪﻥ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﮕﯩﭽﻪ، ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎﮬﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺟﻴﯥ، ﺋﯘﺧﯘ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ-ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﯘﺳﯩﻴﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﺑﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﻼﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯ، كۆپ خىل ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ.
ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻙ، ﺗﻮﺧﺎﺭ، ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻙ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮەﻥ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺩﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ “ﺋﺎﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ” ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﻴﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ-ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﻮﺗﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ (ﺋﺎﺧﻤﺎﻧﻰ) ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻮﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻙ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻮﺭﺧﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭﻻﺭ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﺩﯨﺰﻻﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﭼﯘ، ﻛﯜﺳﻪﻥ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺳﯘﻳﺎﺏ-ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﻗﺎﻟﻘﺎﻟﯘﺧﺎﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺩﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎ ﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﻩ ﮔﻪﻧﺠﯘ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﯟﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﻮﻧﯩﻤﻰ (ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ) ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﯘ ﺋﯧﺘﻨﻮﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺧﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﮔﻪﻧﺠﯘ، ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺷﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯜﮔﯘ- ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ.
” ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ” ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ “ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ، ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎﻕ” ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻪﻥ ﺧﺎﺗﯜﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﯩﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ-ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﺑﯘﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻱ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ (ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯜﯞﻯ ﭘﺎﺗﯩﻤﯩﮕﻪ) ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺳﯜﻳﻰ، ﺋﺎﺕ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ، ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻳﻰ، ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﺗﻨﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯜﻧﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺗﻮﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﭼﺎﻳﻠﯩﺮﻯ، ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ، ﻳﯩﮕﯩﺖ-ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﻗﯘﺩﯨﻼﺭ ﭼﯩﻠﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﻪﺭﺧﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ يۇيۇپ ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﻪﺵ، ﮬﺎﺯﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﻕ ﺭﻭﻣﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻕ ﺑﻪﻟﯟﺍﻍ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻳﯩﻐﺎ-ﺯﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯧﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﺒﻠﻪ (ﻏﻪﺭﺏ) ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﺋﯩﭻ ﮔﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺗﺎﺵ ﮔﻮﺭﻧﻰ ﺗﯘﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜﺵ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ تەرىپىگە ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺗﯧﺸﻰ-ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ، ﻗﯩﺮﯨﻖ، ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺯﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﯧﻴﺖ ﺳﯚﯕﻜﯩﻨﻰ ﻛﺎﮬﯩﺶ (ﺳﺎﭘﺎﻝ) ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﯘﻳﯘﺵ، ﻣﯧﻴﺘﻨﻰ ﺗﺎﺵ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻛﯜﻣﯜﺵ، ﻣﯧﻴﺘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺷﺎﺩﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﻗﯘﻡ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻛﯚﻣﯜﺵ، ﺷﺎﻡ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﮬﯧﻴﺖ-ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﻪﻗﯟﯨﻢ (ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭ) ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. “ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ” (ﻧﻮﺭﯗﺯ) ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، “ﻛﯚﻙ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ”، “ﺳﯘ ﻣﯜﻟﻪﻙ” ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺭ-ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ “ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯜﻝ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ”، “ﻗﻮﻏﯘﻥ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ” ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ-ﻛﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ “ﺑﯘﺭﮬﺎﻥ (ﺑﯘﺕ) ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ” ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ، ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ (ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ) ﻗﻮﺭﯗ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺩەﺭﻩﺧﻠﻪﺭ، ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺳﯘﻻﺭ، ﺋﯚﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻮﺭﯗﻻﺭﻣﯘ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﺎﻍ، ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺭﯗﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩەﺭﯞﺍﺯﻩ، ﭘﯧﺸﺎﻳﯟﺍﻥ، ﺋﺎﻳﯟﺍﻥ-ﺳﺎﺭﺍﻱ، ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ، ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻮﺭﯗﻻﺭ ﺑﺎﻟﺨﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﮔﻪﺟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﺳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ جۈﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﻪﻗﻪﺷﻠﯩﻚ ﻣﯧﮭﺮﺍﺏ (ﻣﻪﺭەﭖ) ، ﺗﻪﻛﭽﻪ ﯞﻩ ﻣﻮﺭﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭ، ﻣﯩﻠﯩﺲ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ-ﺳﻪﻧﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻣﯩﻠﯩﺲ-ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﺴﻰ “ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ” ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ-ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، “ﺑﯚﺭﻩ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ”، “ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻧﺎﻣﻪ”، “ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ”، “ﭼﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﻙ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ”، “ﺩﻩﺩﻩ ﻗﻮﺭﻗﯘﺕ”، “ﺗﯘﻣﺎﺭﺱ”، “ﻏﯧﺮﯨﺐ-ﺳﻪﻧﻪﻡ” ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﯘﺷﺎﻗﻼﺭ، ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﻰ “ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ” ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ، ﺩﯨﻨﯩﻲ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻲ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯜﺳﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻱ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻴﺎﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻜﯩﭗ، ﺑﺎﻟﺒﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺵ ﭘﯜﺗﯜﻙ (ﺋﺎﺑﯩﺪﻩ) ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻣﯩﺲ- ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺯﯨﺒﯘ-ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﻛﺎﮬﯩﺶ، ﻗﺎﺵ (ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ) ﺗﯩﻦ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ، ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﺘﯩﺮﺍﺷﻠﯩﻖ، ﺗﺎﻡ ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻘﻰ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻮﻳﻤﺎ، ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺳﯩﺰﻣﺎ، ﻣﯧﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭﻭ ﺋﺎﺳﺘﯧﺮ (ﺋﺎﺗﻪﺷﭙﻪﺭﻩﺳﺘﯩﻠﯩﻚ)، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ: ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯩﭽﺎﻗﺘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻤﻪ (ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ) ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﭘﻪ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ، ﺩەﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ، ﺋﯚﭘﻜﻪ، ﮬﯧﺴﯩﭗ، ﭘﯧﺘﯩﺮ ﻣﺎﻧﺘﺎ ﯞﻩ ﻩﯗﺭﺍﺑﺒﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﭘﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﻳﺰﺍﺏ ﯞﻩ ﮬﺎﺭﺍﻗﻼﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﯓ ﺗﻪﻳﺰﯛﯕﻨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻪﻟﯟﯦﻐﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﺍﻧﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﻪﺭﻕ-ﻏﻪﺭﺏ ﺧﻪﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻖ، ﻗﺎﺭﺍﺳﯘﻕ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻗﻪﻟﺌﻪ، ﻛﻮﻧﺎ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯙﯞﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ- ﺳﺎﻙ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻡ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﺟﻪﯓ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﮬﻪﺗﺘﺎ مانىنىزىملىق (ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﯞﺍﺯﻟﯩﻖ) ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﺎﯞﻟﯩﻦ ﯞﺍﯕﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﯓ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ “ﺧﯘﺭﻛﯩﻴﻤﻰ” ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﻴﻨﯩﺶ، ﺯﯨﺒﯘ-ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ، ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﺯ- ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﺎﺋﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﺎﺩﺍ-ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﻜﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ-ﺗﯚﮔﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﮬﺎﻧﻜﻪﺷﺘﯩﻠﻚ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﺎﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﯞﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﺪﺍﻕ ﺳﻮﺩﺍ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ “ﮬﻪﺗﺘﺎﺭ” ﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺭﺍﻳﻮﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺯﺩﻯ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ-ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻗﭽﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﯛﺵ، ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﺕ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، ﺋﺎﺕ ﺗﻮﭖ (چاۋغان ﺗﻮﭖ)، ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ، ﺳﺎﻏﺎﺭﺩﻯ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﺩﺍﺭﯞﺍﺯﻟﯩﻖ، ﺳﯧﮭﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻣﻮﻟﻼﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﻗﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﺷﺎﮬﻤﺎﺗﯟﺍﺯﻟﯩﻖ، ﮔﺎﮔﺎ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ، ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻣﺎﮬﺎﺭەﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ .

——–بۇ تېما مەرھۇم ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ نىڭ يازمىسى ئاساسىدا قىسمەن يېڭىلاندى.

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: مىللىي كىملىك
يېڭى يازمىلار