ﻳﯘﻟﺘﯘزلار ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪا …

يالقۇن روزى

   ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯚز ﺗﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘق ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭘﺎت – ﭘﺎت ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘلار ﻏﺎﻟﯩﺒلارلا ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﭘﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻣﯧﺪال ﺋﯧﺴﯩﭗ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪا ﮔﯜﻟﻠﻪرﻧﻰ ﭘﯘلاﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلارﻏﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮام ﺑﯩﻠﺪۈرﮔﻪﻧﺪە، ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰورﻏﺎ ﺗﻪﻗﻪززاﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎدﯨﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻏﺎﻟﯩﺒلارﻏﺎ ﺧﺎس ﺗﯘرﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯩﭻ – ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜپ، ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯩﺪۇ. ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﮬﻪرﻗﺎﭼﺎن ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻏﺎﻟﯩﺒﯩﻴﻪت ﺷﺎدﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻣﯩﻨﯘﺗلاردا ﻛﯩﻤﻤﯘ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧلاﻧﻤﯩﺴﯘن؟ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺑﯘ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﯨﻤﯩﺴﯘن؟ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎن، ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎن ﺧﯩﺮە ﻳﯘﻟﺘﯘز ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ۋاﻟﻠﯩﺪە ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﻐﺎن ﻧﯘراﻧﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘزﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە ﻛﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯚز ﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﺎش ﺋﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮى ﻟﯩﻐﯩﺮﻟﯩﻤﯩﺴﯘن؟ داﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﮬﻪم رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻛﺲ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ رﯦﭙﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻳﻪﯕﺪى» دەپ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە، ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮەپ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻤﻪي ﺗﯘرالاﻣﺪۇ؟! ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺷﺎدﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ ﻳﯜرەك ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜدەك ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن ﺑﯩﻠﻪن دۈﭘﯜﻟﺪﯨﻤﻪي ﻧﻮرﻣﺎل ﺳﻮﻗﺎلاﻣﺪۇ؟!

1997 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯩﺠﯩﺖ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻛﺲ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻰ» دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻛﻪﻣﻪرﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎس ﺷﺎن – ﺷﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرەن ﭼﻮڭ – ﭼﻮڭ ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﭘﻪﻗﻪت ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕلاﺷﻘﯩلا ﺋﺎدەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺧﻪۋﯨﺮى ﺋﯜزۈﻟﻤﻪي ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. 1999 – ﻳﯩﻠﻰ 10 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻛﺲ ﻟﻪۋﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪە ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨلا ﻗﺎﻧﺎت ﺋﯩﺴلاﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﺪﻧﯧﻲ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪاﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ، ﮬﻪر ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻣﯧﺪال ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻗﺎ – ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻛﯜزدە ﺷﻪﻧﺪۇﯕﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﻪن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 11 – ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﻗﺎﻧﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺘﯘرﺳﯘن ﭼﻮﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮاﻗلا ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلاردەك ﻛﯚرۈﻧﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن 1994 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن 15 ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋە ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪردە ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻣﯧﺪال ﺳﺎﻧﻰ 55 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮزﯨﺮ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪس ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺧﻪﻟﻖ ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎن، ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 15 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻏﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪن داﯕﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 11 – ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻣﯘﺧﺒﯩﺮلارﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﺑﻮﻛﺴﭽﯩلار ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻛﺲ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﭼﺎڭ ﺟﻴﺎﭘﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﺳﻪۋﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﺪى. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﺎﺗﯘر ﮬﻪم ﭼﯩﺪاﻣﻠﯩﻖ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﺮى ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﻛﯜچ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ زور ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﺪى.

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻣﺎﮬﺎرەت ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﮬﯩﻴﻠﻪ – ﻧﻪﻳﺮەﯕﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪ. ﻣﺎﮬﺎرەت ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺗﯜرﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻛﺲ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘق – ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﺳﻪﮬﻨﻪ. ﺑﯘ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪە ﻗﻪﻳﺴﻪر، ﭼﯩﺪاﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜن، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺗﯧﺰ، ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﯘراﻗﻠﯩﻖ، ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ، رەﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ۋەزﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯩﺶ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﯧﺘﯩﻚ، ﭼﻪﺑﺪەس ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺟﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻗﻮﺷﯘن ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ، ﺑﻮﻛﺲ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪر ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪدﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺑﻮﻛﺲ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﯩلا ﻗﺎراﻳﺪۇ، ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﯩﻨﯩلا ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن دەپ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪۇ.

«ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻰ» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺗﯚت ﻳﯩﻠﺪا ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا 1997 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2009 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯘدا ﺗﯚت ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﻣﯧﺪال ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﺎرەت ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن، ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﺎن، ﺋﯜﻣﯩﺪى ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى.

ﺋﺎۋام ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻨﯩلا ﺋﯧﺴﯩﺪە ﺳﺎﻗلاﻳﺪۇ. ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﯩﮕﯩلا ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺧﻪﻟﻖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. «ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ۋە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮرى ﻛﺎرﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯚزى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﺎﻛﻰ دەۋر ﺋﻪرزﯨﻤﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﮔﻪ ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪۇ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺗﺎرﯨﺨﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻳﺎرﯨﺘﯩﺪۇ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯚپ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ «ﺋﯩﻤﭙﻮرت» ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ «ﺋﯩﻤﭙﻮرت» ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺴﯧﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلار ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜچ – ﻗﯘۋۋەت ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ. ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻧﯘرﻟﯘق ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﻰ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎن – ﺷﻪرﯨﭙﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮى ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﻏﯘرۇرﻟﯘق ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، 1812 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮدە 33 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮن رۇﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻳﺎت – ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﭼﻮڭ ﺟﻪڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ: «ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﯖلار ﻣﻪﻏﺮۇر ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘزدا ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘﻗﯘﯕلار ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯘن!» دەپ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن.

ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯧﺮى ﺷﯘﻛﻰ، ﻛﯚپ ﮬﺎﻟﺪا ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﺎلاﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن رەﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪۋەس ﻗﻮزﻏﺎﻳﺪۇ. ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ ﭘﯘﭼﻪك، ﮔﻪپ – ﺳﯚزى ﺋﺎﻟﯩﺠﻮﻗﺎ، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻣﯩﺠﻪزى ﺗﯘﺗﯘرۇﻗﺴﯩﺰ ﺋﻪرزﯨﻤﻪس رەﻗﯩﺒﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋە ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ زاﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺑﺎﺗﯘر ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯘﻧلار ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪۋلاد ﺳﯘلاﻟﻪ – ﺧﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺷﻪددﯨﻲ رەﻗﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯘلاﻟﻪ – ﺧﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﮬﯘﻧلار ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺖ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻐﺎن. ﻣﯩﺴﺎل ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻟﺴﺎق، ﺋﯜچ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ دەۋرﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮن ﺳﺎۋ ﺳﺎۋ (155 − 220) ﻧﯩﯔ ﮬﯘﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎن: ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑلاردا ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎۋ ﺳﺎۋ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨلا زﯦﺮەك، ﭘﯘرﺳﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪن. ﻗﺎﺋﯩﺪە – ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﺎرى ﻳﻮق، ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪن. ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪن، ﺷﯧﺌﯩﺮ – ﻧﻪزم ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﮬﻮﻗﯘﻗﺪارلارﻧﻰ ﭘﯩﺴﻪﻧﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە رەﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ۋﯦﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺟﺎﮬﺎن ﺳﻮرﯨﻐﺎن. ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ۋﯦﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﮬﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﻪرﻛﻪردﯨﺴﻰ ﺳﺎۋ ﺳﺎۋﻧﯩﯔ ﮬﯘزۇرﯨﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎۋ ﺳﺎۋ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎزا ﻗﺎﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻳﺎﻳلاق ﺑﺎﺗﯘرﻟﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﻰ زور، ﻗﺎۋۇل، ﻛﯜﭼﺘﯜﯕﮕﯜر ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺗﯘرﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭼﯜﻛﯜﻧﻪم ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯧﮕﯩﺰ ۋە ﺳﺎلاﭘﻪﺗﻠﯩﻚ دﯨﯟاﻧﺒﯧﮕﻰ ﺳﯜي ﻳﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﮬﯘن ﺳﻪرﻛﻪردﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﭘﺘﯘ. ﺋﯚزى ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻪﺧﺘﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا دﯨﯟاﻧﺒﯧﮕﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ﮬﯘن ﺳﻪرﻛﻪردﯨﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯚرۈﺷﯜش ﺗﺎﻣﺎم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎۋ ﺳﺎۋﻧﯩﯔ ﮬﯘن ﺳﻪرﻛﻪردﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘزاﺗﻘﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋەزﯨﺮى ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ: «ﺟﺎﻧﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﺴﺎم، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻦ؟» دەپ ﺳﻮراﭘﺘﯘ. ﮬﯘن ﺳﻪرﻛﻪردﯨﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴلا: «ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﯩﯖلار ﻗﺎرﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺟﻪﺳﯘر ﻛﯚرۈﻧﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﭘﺎراﺳﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن. ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ دﯨﯟاﻧﺒﯧﮕﻰ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮات ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﻰ، ﻗﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن. ﺋﺎﺷﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلار ﻛﯧﻠﯩﺪۇ» دەپ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ۋەزﯨﺮ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﺎۋ ﺳﺎۋﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﺳﺎۋ ﺳﺎۋ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜم ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﮬﯘﻧلارﻏﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﭘﺎدﯨﺸﺎھ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﻛﯜﻧﯜﭘﺘﯘ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ رەﻗﯩﺒﯩﮕﻪ، رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺗﻪﺳﯩﺮات ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﻮرﺗﺎق ﺧﺎﮬﯩﺶ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.

ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﻟﻪرزﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﻪت. ﺑﯘﻟﺒﯘل ﭼﺎﯕﯩﻠﺪاپ ﺳﺎﻳﺮاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻮرﻧﻰ ﻳﻮق. ﺑﯜرﻛﯜت ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﻗﯘش ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﺎﺗﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﯧﻴﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪپ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪۋەس ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﺎﻳﺮاق ۋە ﮔﯧﺮﺑﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﺮى.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلار ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﮬﻨﻪ – ﺳﻮرۇﻧلارﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺘﻰ ۋە دەۋر ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪى. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺟﻪزﻣﻪن ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺟﺎن ﭘﯩﺪاﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺷﻪرت ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯘرۇش ﺋﻮﺗﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪﯨلا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺳﺎدام ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘلارﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺋﯧﺘﯩﭙﻤﯘ ﺋﯩﺮاﻗﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺪى، ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن زەﺋﯩﺪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﯩﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺮاﻗﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﻧﻮزۇﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪس ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺴﺎق ﻧﻮزۇﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﯩﺮ – ﭼﺎپ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜن ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎن دۈﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﯘﻧﺪاﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻧﻮزۇﮔﯘم ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﯘﺗﯘپ «ﺋﯘرۇش ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ» ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﺒﯧﻐﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘپ «ﺋﯩﭙﭙﻪت ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ» ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰ. ﻧﻮزۇﮔﯘﻣﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ دەرﯨﺠﯩﺪە ﻟﻪرزﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎن. دﯦﻤﻪك، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺳﻮرۇن ۋە ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎﺗﯘراﻧﻪ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻣﯩﻨﯘﺗلاردا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘلار ﺋﻪۋلادلار ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎدﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ − ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧلاق – ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻰ، ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ۋە ﺑﻪﺧﺘﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘرچ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺗﯚﮬﭙﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰدۇر؛ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺰﺗﯩﺮاپ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘرۇش؛ ﺋﯚز – ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺟﻪڭ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﺶ؛ ﮔﯜزەل ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻛﯩﻢ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك؟

19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﺎۋروﭘﺎدا ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﻧﻰ دوﺳﺘﺎﻧﻪ ﺳﻮرۇﻧلاردﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪى. رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ۋە ﺗﻪﻗﻪززاﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﯧﯖﻰ – ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلار ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلاردۇر. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺳﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن، ﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﯜزﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﻳﺎﻏﺪۇرﯨﻤﯩﺰ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﻪﺧلاق!

ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺑﻮﻛﺲ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺷﺎن – ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺟﻪرﻳﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﻮﻛﺲ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ، ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎن، ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪا، ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪردە ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ – ﺋﯘﺗﯘﻗلارﻏﺎ ﺋﯜزۈﻟﻤﻪي ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪە، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪرﭘﺎﭼﯩﺴﻰ، ﺟﺎن ﻛﯚﻳﻪر ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻧﻰ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ داﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﺸﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﺪۈرﮔﻪن ﺋﻪﺟﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ. ﺋﯘ 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺗﯘر ﺑﻮﻛﺴﭽﯩلارﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪپ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﺴﯩﺮاپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻳﻨﻰ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ زور ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن. ﻣﻪن ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﻮﻛﺲ ﺋﯜﭼﯜﻧلا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم. ﺋﯘ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﺎر، دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﭘﯩﺸﻘﺎن، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق، ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ روﺷﻪن، ﮔﻪپ – ﺳﯚزى ﺗﯜز، ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮى ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ، ﻣﯩﺠﻪزى ﻗﻮﭘﺎل، ﭼﯩﺮاي – ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎرﯨﻴﺎﻧلارﻏﺎ ﺧﺎس ﺋﻪزﯨﻤﻪت ﺳﯜﭘﻪت ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﯧﭙﻰ «ﺑﺎﮬﺎﻧﻪﯕﻨﻰ ﻗﻮي!» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﯚزدۇر. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩلا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﯚزﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﯚز ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮلار ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ (ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﭘﻮﻳﻨﺖ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ) ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﮬﻪم ﻣﯩﺰاﻧﻰ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﮔﻪپ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا «ﻣﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻓﯩﺮور ﻛﯧﻴﯩﭗ ﻳﺎزﻏﺎن <ﺑﺎﮬﺎﻧﻪﯕﻨﻰ ﻗﻮي>! دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ. 2004 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻢ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﺎدﻟﯩﯟاﻟﻐﯘدەك دەرﯨﺠﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن» دﯦﺪى. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى: «ﻣﻪن ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﻤﻪن. ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻳﯜرﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرﯨﻤﻪن. ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺑﯩﺮﻛﯜن ﺗﻪﻟﻪپ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﮬﯧﺴﺎب ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮاﻣﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻪر ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﯜردﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﯩﻘﺘﻪ ﺗﻪر ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜرﯨﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪرﻣﻪي ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﻪن ﺗﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪر ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ، ﻗﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎن ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ، دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﯩﯔ داۋاﻣﻰ. ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﻛﻪﺗﻜﯜزۈپ ﻗﻮﻳﯘش ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ ﺋﯘﻧﻰ – ﺑﯘﻧﻰ دەپ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘرۇﻧﺴﺎ، ﺑﺎﮬﺎﻧﻪﯕﻨﻰ ﻗﻮي! دەپ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻤﻪن. ﺳﻪن ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﭻ – ﺋﯩﭽﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ – ﻳﻮق؟ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻤﯘ – ﻳﻮق؟ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯘ – ﻳﻮق؟ دەپ ۋارﻗﯩﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪن. ﻣﺎﯕﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎن ﻛﯧﺮەك، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﯧﺮەك. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺗﻤﺎن ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ – ﺳﻪۋەﺑﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗلاﺷﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﺴﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰدا ﺑﯘﻧﺪاﻗلارﻏﺎ ﺋﻮرۇن ﻳﻮق! ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﭘﯩلان ﺗﯜزۈپ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك» دﯦﺪى.

ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ «ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﻰ» دﯦﮕﻪن ﻗﺎراﺷﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪۈرۈۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﺘﯩﻦ ﭘﺎرلاق ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎل ﻛﯜﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﻖ زاﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﻐﺎ ﭼﻮڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن «ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺷﺎن – ﺷﻪرﯨﭙﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪلا» دﯦﮕﻪن ﺷﻮﺋﺎر ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪۇ. ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎن – ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﻪﻣﻪس، دەل ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر روﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ. ﺷﺎن – ﺷﻪرەپ ﺋﯧﯖﻰ ﺗﯚۋەن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺮات، ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﯧﺮﯨﺶ روﮬﻰ ﺳﯘس ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى: «ﺷﻪرەپ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮔﻪپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ ﺷﺎن – ﺷﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﺗﯘرﻣﯘش، ﺋﺎلاﻗﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎزﯨﻨﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﺪۇ» دﯦﺪى.

ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ «ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن زاﯕﺎﻗﻠﯩﺮى ﻳﺎﻧﺠﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘرۇﻧﻠﯩﺮى ﻣﺎﻛﭽﯩﻴﯩﭗ، ﻳﯜز – ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ» دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﺎراﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﮔﻪپ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا «ﺑﻮﻛﺲ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺋﯩﺶ. ﺋﯘزاق ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯘرۇپ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﺪە ﻗﺎۋۇل ﺑﻪدەن، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻣﯘﺳﻜﯘل، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﯘﺷﺖ ﺑﻮﻟﺴﯩلا ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺳﻪۋرﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن زﯦﺮﯨﻜﻤﻪي ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدەت، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن دﯨﺖ، رەﻗﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪزﮔﯜر ﻛﺎﻟلا، ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﻖ، ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻣﯘﻧﺪاﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﮬﻪم ﺑﯚرە، ﮬﻪم ﺗﯜﻟﻜﻪ ﻣﯩﺠﻪز ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك» دﯦﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﻪپ – ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧلارﻏﺎ ﺧﺎس ﭘﺎراﺳﻪت ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎن، ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﯩﻨﻪﻧﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 11 – ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮى ﺗﯘرﺳﯘﻧﺠﺎن ﮬﺎﻣﯘت ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﺎرﻏﺎن 10 ﻣﺎﮬﯩﺮدﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘن، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻣﯜش، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺲ ﻣﯧﺪال ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻪك، ﺗﯚﺗﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ 5 – ﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﺘﻪك ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻛﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺋﯩﭻ – ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎرلاﻧﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش <ﻓﯩﻠﯩﻢ> ﯨﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪا <رﯦﮋﯨﺴﺴﻮر> ﻟﯘق ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺧﯘددى ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪەك، ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ – ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪەك ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻛﺴﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺳﻪۋﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪش ﻗﻮﻟﺪەك ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ، ﻗﺎﺑﯩﻞ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇﻟلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭘﯩﺸﻘﺎن، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش – ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﻪرەز ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﮬﯚﻛﯜم ﭼﯩﻘﯩﺮالاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻣﺎﺳلاﺷﺘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩلاﺗﺘﻰ.»

ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﺎﻛﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى: «ﻳﺎﻟﻘﯘن ﺋﯘﻛﺎم، ﻣﻪن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰراق. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﺮاﻗﻠﯩﻘﯩﻢ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﺳﯚزﻟﻪﺷﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن. ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﺳﺎﻟﺪۇق. ﺷﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﻨﺎدﯨﻦ راۋۇرۇس ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎي ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺳﻪن ﺋﻮﺑﺰورﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑلاردﯨﻦ ﺑﻪش – ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﻟلاپ ﺑﻪرﮔﯩﻦ. ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰدا 40 ﺗﻪك ﺋﺎدەم ﺑﺎر. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺪۈرﻣﯩﺴﻪم ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻣﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪن ﺑﻮﻛﺴﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﻪدەن ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘلار ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﻛﯩﺘﺎب – ژۇرﻧﺎل ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪس. ﻣﻪﻧﻐﯘ ﻗﻪﻳﻪرﮔﻪ ﻣﺎﯕﺴﺎق، ﺑﯩﺮەر ﻳﻪﺷﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﯩﻤﻪن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎب – ژۇرﻧﺎل ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻤﯩﺴﻪك ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺳﻪن ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﮕﻪ ﺋﻪﻗﯩﻞ، روﮬﯩﻐﺎ روھ ﻗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ ﺑﻪرﮔﯩﻦ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﭼﻮﻟﭙﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯜﭼﻪپ، روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ﺑﺎي، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت – ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﻰ روﺷﻪن، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﻜﻪ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﯘلار ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺟﺎۋاب ﻗﺎﻳﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪە ﻣﻪﮬﻜﻪم ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك» دﯦﺪى.

ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻛﺴﭽﻰ ﺑﻮﻛﺲ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪە ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﺎرﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﻪ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻣﻪﻏﺮۇرﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯚرﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪك، ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﻟﯩﺮى ۋاڭ – ﭼﯘﯕﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯘﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟلار داﺋﯩﻢ ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪڭ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دۇﻧﻴﺎدا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮى ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎرا ﮔﯘرۇﮬلارﻧﯩﯔ ﻗﻮراﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮى ﺳﺎﮬﯩﺒﺠﺎﻣﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻗﺎش – ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘن ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻪﺧلاﻗﺘﺎ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮى ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯘدﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺗﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘرۇن ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎزاﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاپ ﮬﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺋﺎز ﺋﻪﻣﻪس. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻮﻛﺲ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ، روﮬﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلام ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜش ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ زۆرۈر ﺋﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪت ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﺪا ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ دوﺳﺖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺘﺎب – ژۇرﻧﺎل ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە ﺷﻪك ﻳﻮق.

ﻳﯩﺮاﻗﻨﻰ ﻛﯚرەر ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪرﻛﻪردە ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﯩلا ﻛﯚرﻣﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚرۈﻟﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﺎﺧﺸﻰ – ﻳﺎﻣﺎن ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ، ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻛﺲ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ روﮬﯩﻴﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻗﻪدەر ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪۈردى. ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ «ﻛﯩﺘﺎب ۋە ﻛﯩﺘﺎب ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى: «ﭘﯘل ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪا ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚزﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﯩﻠﻪم ۋە زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺰﯨﮕﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺰﯨﮕﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻘﺘﯘر. ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪر ﺋﯚز ﻗﯩﺮاﺋﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلار روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺴﯧﺮى ﻛﯩﺘﺎب ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ۋە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﻛﯩﺘﺎب ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪا ﺋﯚﺳﯩﺪۇ، ﺋﯚرﻟﻪﻳﺪۇ. ﻗﺎلاق ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪر ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺗﺎم، رەﯕﺪار ﮔﯩﻠﻪم ۋە ﺋﯩﺸﺮەت ﺟﺎﮬﺎزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺰﯨﮕﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ﺧﯘﻧﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻣﻪﻏﺮۇر، ﺗﻪﻧﺘﻪك، ﭘﯘﻟﭙﻪز، ﺳﯚﻟﻪﺗﯟاز ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮى ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺗﯧﺰدﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﺗﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ!»

ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﯩلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯘرۇش ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺑﺎي ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜپ، ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺟﺎن – دﯨﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرۇﻧلاپ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﻪزﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ ﺑﻪردﯨﻢ.

ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن، ﺋﯘزاﻗﻨﻰ ﻛﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى: «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﭼﻮﻟﭙﺎن ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﻜﯩلا ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜپ، ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎر ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺷﻜﻪ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﺴﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﻪﮬﯘدﯨﻴلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺷﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪۇرﻏﺎﻧﺪا دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﻧﺪۇرﻏﺎن ﺷﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮرۇﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎزراﻗﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﺎر، ﻣﻪن ﮬﺎزﯨﺮ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇﻟﻠﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﻣﯩﺠﯩﺖ، ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻤلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎس ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇﻟلارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺷﻘﺎۋۇل ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﮬﯩﺮلارﻧﻰ ﻣﻪﺷﯩﻘﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎرەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺴﯩلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪم ﺑﻮﻛﺴﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرزۇ – ﺋﯩﺴﺘﻪك ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﺎﻧﺪۇرۇﺷﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.»

ﻣﻪن ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪن. ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻛﺲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا ﻳﯘﻟﺘﯘز ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘراﻧﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن.

2009 – ﻳﯩﻞ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ

خەتكۈچلەر: ، ، ،
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار
يېڭى يازمىلار