ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى

يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ. بەلكىم باشقىلار بۇنداق كۈچەتنى تاپالمىغان بولسا يۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قايتا يەنى بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قۇيۇپتۇ.قارىسا ئەتىسى بۇ كۈچەتمۇ يۇلۇپ تاشلاپ قۇيۇلۇپتۇ.بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئىشىمىدۇ دەپ ئويلاپ، قايتىلەتتىن ئۆز ئورنىغا كۈچۈرۈپ قۇيۇپ،سىرتتىن نازارەت قىلىپتۇ. قارىسا ،ئەسلىدە خېلى كېلىشكەن بىر خەنزۇ يولداش مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن.بېرىپ ئۇنىڭدىن،- بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن ؟ دەپ سورىسا،-ئۈژمە دەرىخى نامراتلىقىنى چىللامىش ھەم كىشىلەرنىڭ ئۈلىمىنى تىلەرمىش.دەپتۇ.ئەسلىدە ئۇ شۇ مەخسەتتە يۇلۇپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاغىينەم؛-يوغان ئۈژمە بولسا خېلى يىراق يەرلەردىن كېلىپ ، ئۈژمىنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ يەيدىكەنسىلەر بۇ ئەجەپ ئۆلۈمنى تىلىمەيدىكەن دەپ ئازراق كايىپ قۇيۇپتۇ-دە ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىلى ئۈژمە دەرىخىنى قۇيالماپتۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى
ئىشىك ئالدىغا ئۈجمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دەۋردىكى دەرەخ تۇتىمى بىلەن دەرەخنى ئۇلۇغلاش قارىشىدىن شەكىللىنىپ بارلىققا كەلگەن خاس ئادەت. بۇ خىل ئادەتنى ھازىرمۇ يېزا شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەجدادلار ئولتۇراق ئۆي ياساپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ئادىتىگە كۆچكەندىن باشلاپ، ئۆينى سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق – ئۆستەڭ بويىغا سېلىش، ئۈژمە دەرىخى تىكىپ ئىشىك ئالدىنى كۆكەرتىشنى ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرغان.
ئۈژمە دەرىخى باراقسان ئۆسىدىغان، ئۆمرى ئۇزۇن مىۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ مىۋىسى ياز پەسلىنىڭ بېشىدا، باشقا مىۋىلەر پىشىشتىن بۇرۇن پىشىدىغان، يۇمران ئەتلىك، سۇلۇق، شىرىن مىۋە. ئۇنىڭ تۈرلىرى ئاق ئۈژمە، قارا قىزىل رەڭلىك ئۈجمە ۋە چېقىر ئۈجمە دېگەندەك ئۈچ خىل بولىدۇ. ئاق ئۈژمە دەرىخى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ. مىۋىسى ئىنتايىن شىرىن ھەم شىپالىق.
ئۈژمە خاسىيەتلىك دەرەخ. ئۇ كىشىلەر كۈزدە تەييارلىۋالغان ھۆل، قۇرۇق يەل – يىمىشلەر ئاخىرلاشقان، ئاشلىق تۈگەپ قالغان سېرىقتال مەزگىلدە پىشىپ، ئىنساننىڭ مىۋە يىيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قۈۋەت تولۇقلايدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈجمە دەرىخىنى ئىشىك ئالدىغا تىكىشىدە يەنە ساۋاپ تېپىش قارىشىمۇ بار. ئۈژمە پىشقاندا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن غېرىپ – غۇرۋالار، يولۇچىلار، بالىلار ئۈژمىنى ئېرغىتىپ يېسە ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ. ئۈژمە يېگەنلەر ئۈژمە دەرىخى تىككۈچىگە “قولى دەرت كۆرمىسۇن، نازۇ – نېمەتلىرى مول بولسۇن” دېگەندەك ياخشى تېلەكلەرنى تېلەيدۇ. “تۈركى تىللار دىۋانى”دا، ئۈژمە دەرىخى بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە دەرەخ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈژمە پىشقاندا ئۈجمە دەرىخى بار ئادەملەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا مەھەللىدىكىلەر كېلىپ ئۈژمە يېيىشىدۇ، شەھەرلەردىن كىشىلەر توپلىشىپ يېزىلارغا چىقىپ “ئۈژمە سەيلىسى” قىلىپ، ئۈژمە يەپ، ئۈژمىنىڭ خاسىيىتىدىن بەھرە ئالىدۇ.

ئۈژمىنىڭ شىپالىق رولى
ئۈژمىنىڭ جىگەر، مېڭىنى قۈۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمرەتكىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق روللىرى بار. ئاقىل ئەجدادلار ئۈژمە ئىككىنچى قېتىم پىشقاندا ئۇنىڭدىن “ئۈژمە شىرنىسى” ياساپ، قىش پەسلىدە ئەتتىگەنلىك غىزادا 1 ~ 2 قوشۇقتىن ئىچىشنى ئادەتلەندۈرگەن. ئۈژمىنى قۇرۇتۇپ “ۋاسالغۇ” قىلىپ، ئىستىمال قىلىشنىمۇ غىزالىنىش ئادىتى قىلغان.

ئۈژمە شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:
پىشقان ئۈژمىنى داستىخانغا ئېرغىتىپ، بىللە چۈشكەن يوپۇرماق، شاخچىلارنى ئېلىۋېتىپ، قازانغا تۆكىمىز. قۇرۇق سۆگەت چىۋىقىنى يېقىلغۇ قىلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. ئۈژمە تېرىپىدىن ئايرىلغاندا چىۋىق چويلا بىلەن (چويلا ھۆل سېلىنمىسۇن) تېرىپىنى سۈزىۋېتىپ، ئۈژمە سۈيى قارامتۇل رەڭگە كىرگۈچە قاينىتىمىز. شىرنە تەييار بولغاندا قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ ساقلىساق بولىدۇ. شىرنىنىڭ قۈۋىتى كۈچلۈك، شىپالىق رولى چوڭ بولىدۇ.
ۋاسالغۇمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈژمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ پىلە بېقىش ۋە پىلىدىن يىپەك چىقىرىپ”ئەتلەس” ، “شايى تاۋار” قاتارلىق نەپىس رەختلەرنى توقۇپ، ئۇنىڭدىن خاس كىيىملەرنى تىكىپ كىيىشكە ئاساس سالغان.
ئۈژمە دەرىخى ياغىچى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ياغاچ. ئۇنىڭ ياغىچى چىڭ، چىداملىق، ئويۇش، يونۇشقا ئەپلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تەڭنە، ئاياق، قوشۇق ئويۇلىدۇ. چالغۇ ئەسۋاپلاردىن تەمبۇر، راۋاپ، دۇتتار، داپ چەمبىرىكى، سۇناي دەستىسى، ناغرا قاتارلىقلارنى ياسىسا كۆركەم بولىدۇ.

مەنبە: “ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر” دىن

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت

Fatal error: Allowed memory size of 134217728 bytes exhausted (tried to allocate 64 bytes) in /home/uygurbiz/public_html/Medeniyet/wp-includes/meta.php on line 841