ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى

ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل قومۇلى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرىدۇ .
« غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، ئادەتتە مىللەتلەر تىلى ، ئورۇنداش سەنئىتى ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ، خەلق مۇزىكىلىرى ، مۇراسىملار ، ئەنئەنىۋى بايراملار ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مىللىي ئەدەبىيات – سەنئەت ، مىللىي روھ ، بىر ئەلنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىلەش شەكلىدۇر . ئەگەر بىر مىللەتتە بۇ نەرسىلەر بولمىسا ، دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنى ۋە تەسىر كۈچىمۇ بولمايدۇ ، ھەتتا ئۇ مىللىي تىل ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ … ھازىرقى دۇنيا بارغانسىرى ماددىلاشماقتا . لېكىن ئىنساننىڭ ماھىيىتى غەيرى ماددى بولىدۇ .ماددىي تەرەققىيات سەۋىيىسى يوقىرلىغانسىرى ، ماددىي مەدەنىيەت قاتلىمىغا شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ . يەنى ماددىي تەرەققىيات مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە بولغان نەرسىلەرنى شۇنچە گەۋدىلەندۇرىدۇ . » ( « مىراس ژۇرنىلى » 2007-يىلى 3- سانىدىن ) .
2003-يىلى 10-ئايدا ماقۇللانغان « غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى » دا « شەخسلەر تەرىپىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى دەپ قارالغان ھەر خىل ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ، ئېتىقات قارىشىنى شەرھىلەش شەكلى ، بىلىم ، ئىقتىدار ۋە مۇناسىۋەتلىك قورال – سايمانلار ، ماددىي نەرسىلەر ، قول ھۇنەر بۇيۈملىرى ۋە مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى » غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرىدۇ دەپ تەبىر بەرگەن . « ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى » ناملىق بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرى « ئەھدىنامە » تەبىر بەرگەن بەزى مەزمۇنلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ .

بىرىنچى باب ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى توغرىسىدا

ئۇيغۇرلار تارىختا يالغۇز بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان . ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىھتىياجىغا ماس ھالدا باشقا ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى بىلەنمۇ شوغۇللانغان . قەبىلىلەر دەۋرىدە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسىپگە يانداشتۇرۇپ دېھقانچىلىق ، ئوۋچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللانغان . دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادى گەۋدىسىگە ئايلانغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا – تىجارەت بىلەنمۇ كەڭ شوغۇللىنىپ ھەر خىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان .
ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىنكى كەسىپ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن . بىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى جۈملىدىن ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، تارىختا بىر قانچە قېتىم خانىدانلىق دۆلەت قۇرۇپ ، سىياسىي ھاكىمىيەت ئىشلىرى ، ئىشلەپچىقىرىش – مالىيە ئىقتىساد ، سودا ، خارجى ۋە ھەربىي ئىشلار بىلەن ئەتراپلىق شوغۇللىنىپ گۈللەنگەن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىمىزكى ئۇيغۇرلارنى نوقۇل ھالدا دېھقان مىللەت ياكى چارۋىچى مىللەت ۋە ياكى ھۈنەرۋەن مىللەت دېيىشكە بولمايدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا – تىجارەت ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق بىر قانچە چوڭ-يىرىك كەسىپلەر ئۇيغۇرچە مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە ئومومىلىققا ، تارىخى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ تەرەققى قىلغان ، 21-ئەسىرگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ ۋە تەرەققى قىلىپ كەلگەن نەچچە يۈز خىل كەسىپ تۈرلىرىدىن بىر قانچىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ : مەسىلەن : دېھقانچىلىق ( ئومومەن تېرىقچىلىق ); ئورمانچىلىق ; باغۋەنچىلىك ; چارۋىچىلىق; سودىگەرچىلىك ; ئۇششاق تىجارەتچىلىك; ئاشپەزلىك; قاسساپچىلىق; باقمىچىلىق ؛ تۈگمەنچىلىك ؛ كاۋاپچىلىق ؛باقالچىلىق؛ لەنپۇڭ ؛ زاسۈيچىلىك ؛ سۈتچىلىك ؛ ماروژنا ؛ قەندالەتچىلىك ؛ مۇسەللەس ؛ مۇراببا ؛ھەسەلچىلىك ؛ تىبابەتچىلىك ؛ دورىگەرلىك ؛ ياغاچچىلىق ؛ تۆمۈرچىلىك ؛ نەقىشلىق پىچاقچىلىق ؛ تامچىلىق ؛ مىمارچىلىق ؛ نەقىشلىق ؛ خۇمدانچىلىق ؛ ساپال – كۇلالچىلىق ؛ كىگىزچىلىك ؛ گىلەمچىلىك ؛ يىپەكچىلىك ؛ كەشتىچىلىك ؛ بابكارچىلىق ( شايى ئەتلەس ؛ بەقەسسەم ، كىمخاپ – ئەتۇللا ، ماتا – چەكمەن ، شاتاۋا ( توقۇش ) ؛ چاچمىلىق ؛ تىكۈچىلىك ؛ موزدۇزچىلىق ؛ ياماقچىلىق ؛ كۆنچىلىك ؛ زەگەرچىلىك ؛ سائەتچىلىك ؛ سىرچىلىق ؛ بوياقچىلىق ؛ تېرىچىلىك ؛ جۇۋا – تۇماقچىلىق ؛ دۇپپا ، شەپكە ، دەلپەكچىلىك ؛ رىمونتچىلىق ؛ مىسكەرچىلىك ؛ ( چۆگۈن ، چەينەك ، ئاپتۇنە ، چىلاپچە ، قازان ، پەتنۇس قاتارلىق مىس جابدۇقلار ) . تۆنىكە – قاڭالتىرچىلىك ؛ قۇيمىچىلىق ؛ ( ھەرخىل چويۇن جاپدۇق – سايمانلار ) . ياغ بېسىش دۇكىنى (باسماق ، قىسماق ، يۇفاڭ ) خاراز –جۇۋازچىلىق ؛ ساتراچچىلىق ؛ پەردازچىلىق ؛ سەرراپچىلىق ؛ سوپۇنچىلىق ؛ دۇغاپچىلىق ؛ مېھمان سارايۋەنلىك ؛ كارۋانچىلىق ( تۆگە ، قېچىر ئىشەك ، ئاراپە بىلەن سودا – مال ، يۈك توشۇش ) كىراكەچلىك ؛ ( مەپە ، ئارابە ئۇلاق بىلەن ) ، ئوتۇنچىلىق ؛ چىۋىق ، قومۇش سىۋەت توقۇمچىلىق قاتارلىق 200 تۈرلۈككە يېقىن كەسىپلەر داۋاملىشىپ كەلگەن .
يوقۇرقى كەسىپ تۈرلىرى ئۇيغۇر دېھقانچىلىق جەمئىيىتىدە بارلىققا كېلىپ ، دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئايرىلمىغان ھالدا تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى بولۇپ ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەھەرلەشكەندىن كېيىن شەھەر ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان . شەھەردە ئولتۇراقلاشقان سودا ۋە باشقا ھۈنەر كەسىپ ئىگىلىرى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ كەسىپلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان ياكى يېرىم مۇستەقىل بولۇپ شەھەر ( بازار ) ئىگىلىكىگە مەنسۇپ بولغان . يېزىلاردا ، داۋاملىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس ، مەلۇم كەسىپنى قوشۇمچە قىلىپ ، ياكى يېرىم دېھقان ، يېرىم ھۈنەرۋەن – تىجارەتچى بولۇپ ياشاپ كەلگەن . شەھەرلەشكەندىن كېيىنكى دەۋرلەردە ، سودا – ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، مەخسۇس كەسىپلەر ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىپ ، يېزىلاردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا ئۇششاق – مەيدە تىجارەتچىلەر ئىگىلىكى ئانچە تەرەققى قىلالمىغان . ( بۇ ھەقتە ماقالىمىز تېما دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ) .
ھەممىگە مەلۇمكى دىنىي ئىتىقاد ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلدى . ئىنسانلار ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن . ئىنسانلار روھىيەت جەھەتتىن پۈتكۈل ھاياتىنى ، ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭرىنىڭ ھىمايە قىلىشقا ئىلتىجا قىلىپ كەلگەن . شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئىككى ئالەم قارىشى ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، ھايات – مامات ئېڭى ، پۈتكۈل تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى ۋە باشقىلىرى دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دىنىي تۈس ئالماي قالمىغان .بىخەتەرلىكىنى ، باي – گاداي بولۇشنى ، تەلىيىنى ،تەقدىرىنى ، پايدا – مەنپەئەتىنى ، بەخت – سائادىتىنى ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ، سودا – تىجارەتتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىلاھلاردىن تىلىگەن . بەزى دىنلاردا دۇنيادىكى چوڭ شەيئىلەرنىڭ ئىلاھىسى ، مالائىكى – مۇئەككىلى بار دېيىلىدۇ . مەسىلەن ئاسمان ئىلاھى ، قۇياش ئىلاھى ، يورۇقلۇق ئىلاھى ، قاراڭغۇلۇق ئىلاھى ، چاقماق ئىلاھى ، سۇ ئىلاھى ، ئوت ئىلاھى ، يامغۇر ئىلاھى ۋاھاكازالار . شۇنىڭدەك ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلەرنىڭمۇ ئەۋلىياسى ، پىرى – ئۇستازلىرى بولغان . ئۇلارغا ئاتاپ مەخسۇس بۇتخانە ، تاۋاپخانە ، سەيلىگاھلار ياساپ چوقۇنغان . يەر تەۋرەش ، تاغ گۈمۇرلۈش ، يانار تاغ پارتلاش ، كۈن – ئاي تۇتۇلۇش قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ۋە قۇرغاقچىلىق ، قەھەتچىلىك ، كەلكۈن بولغاندا تاۋاپخانىلارغا بېرىپ ئىبادەت قىلغان . مۇشۇنداق دىنىي قاراشلار ئاساسىدا ، ھەرخىل كەسىپلەرگە قائىدە – يوسۇن ، ئەخلاقى – نىزام ، رىسالىلەر پەيدا بولۇپ ، بۇ رىسالە – قوللانمىلارغا ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ قائىدە – يوسۇن ، ئۇسۇل – تەرتىپلىرى يېزىلغان . ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەنە شۇ رىسالە – قوللانمىلارغا ئەمەل قىلىپ ئىشلەش ئەمەلگە قويۇلغان .
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى مانى ، شامان ، بۇددا دىنى قاتارلىق بىر نەچچە دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان . ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋرلەردە ئىشلەپچىقىرىش ، ھۈنەر كەسىپ تىجارەتلىرىدە يوقۇرقىدەك دىنىي قائىدە –يوسۇن ، قوللانمىلارغا ئەمەل قىلغان .

ئىككىنجى باب ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ كەسپى قائىدە – نىزاملىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان . كېيىن بۇ ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ قائىدە – نىزاملىرى جەمئىيەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ ھەر خىل قانۇن – تۈزۈم ، نىزام – نەلگۈلىمە ، سىياسەتلىرىنى تۈزەشتە مۇئەييەن ئاساس ۋە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . مەسىلەن ھازىرقى ئىدارە ، جەمئىيەت ، مەكتەپ ،كارخانا ، سودا – تىجارەتچىلەرنىڭ خىزمەت ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپ قائىدىلىرى ئىلگىركى كونا قائىدىلەرنىڭ داۋامىدۇ .
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كەسپىي ھۈنەر – سەنئەت تەرجىمە ، تېخنىكىسىنى ، ئىش تۈرىنى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇل تەرتىپنى ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ، ئەۋلادلىرىغا قالدۇرغان ، ئۇنىڭ بەزىلىرى يازما خاتىرە ۋە رىۋايەتلىك تارىخلار كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ رەتلىنىپ ھۈنەر كەسىپ ئىگىلىرى رىئايە قىلىدىغان كەسىپ قوللانمىسى – رىسالىسى بولۇپ قالغان . كېيىن بۇ كەسپى قوللانما – دەستۇرلار دېھقانچىلىق قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرنىڭ ئىپتىدائىي كىتاپلىرى بولۇپ قالغان . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەپچە باشقا كىتاپلار كۆپلەپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كىرىش ۋە سودا ، دىنىي ئالاقىلار نەتىجىسىدە ، ئەرەپ مەدەنىيىتى يەنى ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە تەسىر قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى رىسالە – دەستۇرلىرىنىڭ مەزمۇن تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن تەردرىجىي ھالدا ، تېخىمۇ ئۇلۇغ دىنى نوپۇزغا ئىگە رىسالە دەستۇرلار مەيدانغا كەلگەن . دەستۇرى بار ، پىر – ئۇستازى بار كەسىپلەر تېخىمۇ مۇھىم ، ئۇلۇغ كەسىپلەر دەپ قارالغان. ئۇ رىسالىلارغا : – دېھقانچىلىقنىڭ پىرى ئادەم ئەلەيسالام ، بۇغداي ئۇلۇغ ، بۇغداينى ھاۋا ئانام بىھىشتىن ئېلىپ چۈشكەن ؛ چارۋىچىلىقنىڭ پىرى موسا ئەلەيسالام ، مۇزىكاچىلىكىنىڭ پىرى ، داۋۇت ئەلەيسالام قاتارلىق رىۋايەتلەر يېزىلغان .
ئۇيغۇر ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ رىسالىلىرىدا قويۇق دىنىي تۈسنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ، ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ،ھۈنەر ۋە كەسىپلەرنىڭ ئۆزلىرىدە ھازىرلاشقا تىگىشىلىك كەسپى ئەخلاق ئۆلچەملىرى ، ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولغان يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەر كۆپ نۇقتىلار بويىچە كۆرسىتىپ بېرىلگەن . ئۇيغۇرلار ھەرقايسى كەسىپ رىسالە – دەستۇرلىرىغا چىڭ ئەمەل قىلىپ ، ئۆز كەسىپلىرىنى رىسالە قائىدە –نىزاملىرى بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بولغان ، ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ روناق تاپقانلىقىنى ، رىسالىلارغا رىئايە قىلغانلىقىدىن بولغان دەپ ئىشەنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇن مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان .
مەسىلەن : ھۈنەر كەسىپ رىسالىسىدە : مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ « ئەلكەسبۇھەبىبۇللاھ » ( ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاللاھنىڭ دوستىدۇر ) دېگەن سۆزى ئارقىلىق ھۈنەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ياشاشنىڭ ، جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن . ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىش ، كەسىپنى سۆيۈش ، كەسىپلەرگە ئىخلاس قىلىش ، شاگىرىت تەربىيلەش يولى ئارقىلىق كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇش ، رىسالىنى ساقلاپ ئوقۇپ تۇرۇش ۋە شاگىرىتلارغا ئۆگىتىش تەكىتلەنگەن . رىسالىلەرنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۈنەر كەسىپ تەرەققىي قىلغان . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىكى ، « بىلىم – يېنىپ تۇرغان چىراق ، ھۈنەر – كەسىپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق » ، « ھۈنەر بولسا قولۇڭدا ، نان تېپىلار يولۇڭدا » ، « ھۈنەر ئۆلمەس ، ھۈنەرسىز كۈن كۆرەلمەس » . « بىر ئەرگە 72خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ » دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر كەسىپ سۆيەر مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ، « كەتمەننىڭ ساپىقىنى چىڭ تۇت » ، « ساپاننىڭ قۇلىقىنى چىڭ تۇت » ، « قامچاڭنى چىڭ تۇت » ، « مولامنىڭ پىشىگە ئېسىل » ، « بازغاننىڭ ساپىقىنى چىڭ تۇت » دېگەن تەمسىللارمۇ كەسىپنى چىڭ تۇت دېگەنلىك بولىدۇ . ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بالىلىرىنى ئوقۇشقا بېرىدۇ ، ھۈنەر ئۆگىنىشكە بېرىدۇ ، بولۇمسىز ، ھورۇن ئادەم بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نەچچە ئەۋلات ئاتا كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلار بار .
قول ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىلىرىدە كەسپى قائىدە –يوسۇنلار كۆپ تەكىتلەنگەن مەسىلەن « ناۋايلىق رىسالىسى » دەپ مۇنداق دېيىلگەن : « ناۋايلىق كەسپىدە بەش خىل ئىشنىقىلىش سۈننەتتۇر : بىرىنجى ئۆزىنى ھەر خىل ئىشلەردىن پاك تۇتۇش ؛ ئىككىنجى ، ئۇستازلار ئالدىدا ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن تۇرۇش ؛ ئۇچىنجى ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش باشقىلارنى يوقۇرى بىلىش ؛ تۆتىنجى ھاۋايى – ھەۋەستىن ئۆزىنى ساقلاش ؛ بەشىنجى ، تونۇر بېشىدا پىر – ئۇستازلىرىنى ياد قىلىپ ئاللاھتىن ياردەم سوراش » .
« كىگىزچىلىك رىسالىسى » دەپ : « رىسالە ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ھەم پەرز ھەم ۋاجىپتۇر . كەسىپلەر توغرا نىيەت بىلەن ھۈنىرىگە سادىق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلماي ، ساپ دىل ، سەمىمىي ھەم پاكىزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ئىككى ئالەمدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ قىيامەت كۈنى يۈزى بورۇق بولىدۇ ، بارلىق پىر –ئۇستازلىرى رازى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلماي ساختىپەزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ » دېيىلگەن .
« ساتىراشلىق رىسالىسى » دە يەتتە خىل ئىشنى ھارام دەپ بەلگىلىگەن : دۇكان ئىچىدە ناپاك يۈرۈش ، ئاللاھنى ئۇنتۇش ؛ ئاتا – ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلماسلىق ۋە ئۇرۇق تۇغقان ، قولۇم – خوشنىلىرىنى قاقشىتىش ؛ ھاراق – شاراپ ئىچىش ؛ نەشە – تاماكا چىكىش ؛ زىنا خورلۇق قىلىش ؛ لىۋاتەر ( ئەر –ئەر بىلەن زىنا قىلىش ) ؛
«ياغاچچىلىق رىسالىسى » دە شۇنداق دېيىلگەن ؛ « شاگىرتلار ھۈنەردە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە خىل يامان ئەخلاقتىن خالى بولۇش لازىم ؛ بىرىنجى شاگىرت ئۇستازىنى چاقىرىشتا ئىسمىنى ئاتىماسلىق ؛ ئىككىنجى شاگىرت ئۇستازى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىق ؛ ئۈچىنجى ، شاگىرت ئۇستازىغا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق ؛ تۆتىنجى شاگىرت ئۇستاز ئورنىدا تۇرۇپ بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىق ؛ بەشىنجى ، شاگىرت ئۇستازىنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ؛ ئالتىنجى ، شاگىرت ئۇستاز ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچماسلىق » . بۇ رىسالىدە ئاساسەن ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە رىئايە قىلىدىغان ئەخلاقى پىرىنسىپلار يېزىلغان .
« بوياقچىلىق رىسالىسى » دە : ئۇستازى شاگىرتىغا ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىش ؛ شاگىرتى ئۇستازىغا ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىش …. قاتارلىق ئون تۈرلۈك قائىدە –تەرتىپلەر كۆرسىتىلگەن .
مەن « ئۇيغۇر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قائىدە –يوسۇنلىرى » ناملىق بۇ ماقالەمنى يېزىش داۋامىدا ، بۇ تېمىنىڭ دائىرى ناھايىتى كەڭ – چوڭلۇقىنى ھېس قىلدىم . ھەممە كەسىپلەرنى بايان قىلىپ كېتىشكە قۇربېتىم يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ . چۈنكى ئىگلىگەن ماتېرىيال چەكلىك ، شۇنىڭدەك سەھىپە چەكلىك ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت سودىگەرچىلىك كەسپى ۋە دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كەسپ ئۈستىدىلا توختالماقچىمەن . بۇ ئىككى كەسىپنىڭ باشقا كەسىپلەر بىلەن چېتىشلىقى ۋە مەلۇم ئورتاقلىقى بارلىقىنى يوقۇرقى بايانلىرىمىزدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

بىرىنجى سودىگەرچىلىك كەسپىي قائىدىلىرى

« سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە : ئون ئىككى خىل ۋاجىپ ( زۆرۈر ئەمەل ) ئون ئىككى سۈننەت : توققۇز ھارام ( چەكلەنگەن – مەنئىي قىلىنغان ئىش ياكى نەرسە ) ؛ ئون خىل مەكروھ (يامان ئېلىندىغان قىلىق ) ؛ يەتتە خىل يامان ئىش ۋە بىجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك يىگىرمە ئىككى ئىشلار بېكىتىلگەن .
« ئۇيغۇرلار تارىختا سودا – تىجارەتكە ئىزچىل ئېتىبار بېرىپ كەلگەن ھەمدە يىپەك يولى سودا ئالاقىسىدا تىجارەتكە ماھىرلىقى بىلەن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن خەلقتۇر . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىچكى سودىغا ئېتىبار بېرىپ قالماستىن ، بەلكى تاشقى سودىغىمۇ ئېتىبار بەرگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستىك تەركىبى شەكىللەندۇرۈشكە قانناشقان سوغدىلار يىپەك يولى سودىسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىغان قوم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سودىغا ماھىرلىتەك ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇدۇم تەرزىدە مىراس بولۇپ قالغان . تارىخمىزدىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلڭلىك خانلىقلىرى ۋە غەربتىكى ھەر قايسى خانلىقلار بىلەن قىلغان چارۋا مال ، ئاشلىق ، يىپەك ، گەزمال ، مەتبە بۇيۇملىرى ، دورا –دەرمەك ، پار –فۇر بۇيۇملار ، قاشتېشى ….. ( چارۋا مەھسۇلاتلىرى – ئاپتور ) سودىسى ئىنتايىن جانلانغان . ئۇيغۇرلارنىڭ سودا – تىجارەت شەكلى يۇرت ئاتلاپ تىجارەت قىلىش ( كۆچمە تىجارەت ) قىلىش ۋە مۇقىم ئولتۇرۇپ دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىشتەك ئىككى خىل شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇرلار سودا – تىجارەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە تۇتىدىغان مۇھىم ئورنىغا ئاساسەن سودا تىجارەتنى ئۇلۇغ بىلىپ ئۆزىگە خاس تىجارەت ئەخلاقى ، تىجارەت مىزانى ، تىجارەت ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » ئەنە شۇ مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن دەستۇردۇر » « ئۇيغۇرلاردا سودا – تىجارەت مۇھىم كەسىپلەر قاتارىدا تونۇلىدۇ . شۇ سەۋەپتىن سودا –تىجارەتنىڭ پۈتۈن قائىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » بارلىققا كەلگەن . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » ئىسلامى تەركىپلەرنى ئۆزىگە سىڭدۇرگەنلىكىگە قارىماي ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ئەخلاقىنىڭ نىسبەتەن مۇكەممەل قوللانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . »
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سودا – تىجارەت ئەخلاقىدا ئىسلام ئەخلاقىنىڭ جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىكى سودا – تىجارەتكە ئائىت مىزانلار ، پەرھىزلەرنىڭ تەسىرى ۋە تۈسى بەكرەك قويۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىللىق ، ياخشىلىق ، مەردلىك … ( سەخلىق – ئاپتور ) تەك تۈپ ئەخلاقى ئېڭىنىڭ سودا – تىجارەتتىكى ئىزناسى بەك چوڭقۇردۇر . » ( « بۇلاق » ژۇرنىلى 2005-يىلى 2-سان 94-95 بەتلىرىدە )
ئۇيغۇر سودا – تىجارەتچىلىرى ئېسىل كەسپىي ئەخلاقى پەزىلەتلەرگە ئىگە :
1) خېرىدارلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدۇ ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە بايان قىلىنغان ئون ئىككى سۈننەتنىڭ بىرى – خۇشخۇي بولۇش ، بىجا كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئىشنىڭ توققۇزىنچىسى خېرىدارغا چىرايلىق سۆز قىلىش ، مۇلايىم بولۇشتۇر ». خەلق ماقال – تەمسىللىرى: « سودىگەر تىلى بىلەن بازار تاپىدۇ ، گىلەم قىلى بىلەن بازار تاپىدۇ . » دېيىلگەن .ئۇيغۇر سودا – تىجارەتچىلىرى خېرىدارلارغا ئوچۇق چىراي ، خۇشخۇيلۇق ، قىزغىن تەكەللۇپ ۋە تەۋەززۇ بىلەن ماللىرىنى ساتىدۇ . خېرىدارنى رازى قىلىدۇ .
2. جاپاغا چىداپ تىرىشىپ تىجارەت قىلىدۇ . مەلۇمكى ئۇزۇن سەپەر سودىگەرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى قەدىرلىك ھەم شەرەپلىك ، ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە قاتناش ۋاستىلىرى قالاق ، يوللار خەتەرلىك قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى يىراق مەملىكەت ، ئۆلكە ، شەھەرلەرگە سەپەر قىلىپ ، جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ مەملىكەت ،ئۆلكە ، شەھەرلەرگە سەپەر قىلىپ ، جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ سودا – تىجارەت ئىشلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ، بازارلارنى ئاۋات قىلىپ ئەل – يۇرتنى گۈللەندۈرگەن . ئەلشىر ناۋائى « مەھبۇبۇل قۇلۇپ » ناملىق ئەسىرىنىڭ « تىجارەتچى – سودىگەرلەر ھەققىدە » دىگەن بابىدا مۇنداق يازغان : « بۇنداق كىشى ( يەنە سودىگەر – تىجارەتچى ) نىڭ ئالدى بىلەن مەقسىتى توغرا بولۇشى ، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق مۇشەققەت تارتىشى ، سودا ئۈچۈن دەريا- دېڭىزغا كىمە سېلىشى ، گۆھەر ئۈچۈن لەھەڭنىڭ ئاغزىغا ئۆزىنى ئۇرۇشى ، پول – مالىنىڭ ھەشەمىتىگە سەۋەپ قىلىشى ، … ئېسىل ، نەپىس كىيىملىرىنى ئاياپ ، كونا ( ئاددى ) كىيىملەرنى كىيىشى ، لەزىز غىزالار ئورنىغا قۇرۇق ( قاتتىق ) نانلارنى يېيىشى لازىم . » دەرۋەقە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەلشىر ناۋائى يازغاندەك پەزىلەتلىك تەبىقەدۇر .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاتقۇبىلىك » داستانىدا شۇنداق يازغان :
بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەتچىدۇر ،
قىلىپ ئال – سات ئۇ تىنماي پايدا ئالۇر 4419
جاھاننى كېزەرلەر تىرىكلىك تىلەپ ،
ئەقىل ، كۆڭۈلنى بىر خۇداغا باغلاپ .
شەرقتىن غەربكە يۈرۈپ ئايلىنۇر ،
تىلەگىڭ نەرئەرسە ساڭا كەلتۈرۈر .
… … …
بىز بۇ نەزمىلەردىن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بۇ ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئائىلىسى ، يۇرتى ۋە مىللەتنىڭ ماددى ، مەنىۋى ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەككەن ، زور ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇپ يېتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز .
دەر ھەقىقەت ئۇيغۇر سودىگەرلىرى كارۋان بىلەن جاھان كىزىپ ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ، سودا ئالماشتۇرۇش تىخنىكا – تەجرىبىلىرىنى ، ئۇچۇر خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىلىگە ، ئۆز مىللىتىگە يەتكۈزۈپ ، مىللىي سودا – تىجارەت ، ھۈنەر سەنئەتنى گۈللەندۈرگۈچىلەردۇر . ئۇلار شەرقتىن چىنى ( جۇڭگو ) قەشقەر ، خوتەن ، ئەنجان ، ھىندىستان ، ئىران تاۋارلىرىنى غەربكە ،غەربتىن رىم ، يونان ، فرەڭ تاۋارلىرىنى شەرققە ئالماشتۇرغۇچىلار ، ئىقتىسادى ئالاقە قىلغۇچىلار بولۇپلا قالماستىن يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرغۇچىلاردۇر .
3) ئۇيغۇر سودىگەرلەر سودىنى ئادىل قىلىپ ، بىر – بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ . ئىسلام دىنىدا تىجارەت قىلغاندا جىڭ – تارازا ۋە باشقا ئۆلچەم سايمانلىرىنى توغرا – ئادىل ئىشلەتمەي ساختىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ھارام دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ . قۇرئاندا « ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بىرىڭلار ، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار ( نەرسىلەرنى ) توغرا تارازىدا تارتىڭلار ، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى ( يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى كەم بەرمەڭلەر . يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، پىتنە – پاسات تېرماڭلار . » دېيىلگەن . ئۇيغۇر سودىگەرلىرى « سودىگەرلەر رىسالىسى » غا ئەمەل قىلىدۇ . ئېلىم – سېتىمدا خېرىدارلارغا باھادا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ ، باي – گاداي ، مەيلى ھوقۇقدار ، ئەمەلدار بولسۇن ئوخشاش باھادا سېتىشقا ئېرىشىدۇ . ئالدامچىلىق ،ساختىلىق ، كاززاپلىق قىلمايدۇ . لەۋزىدە چىڭ تۇرۇپ ئىناۋەتكە ئېتىبار بىرىدۇ .
4) ئۇيغۇر سودىگەرلىرى جازانىخورلۇققا قارشى تۇرىدۇ . جازانىخورلۇق ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە يامان ئىش دەپ قارىلىپ ئەيىپلىنىدۇ . جازانىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇيغۇر خەلقى ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن قەرز ئېلىش – بىرىش قىلغاندا ئۆسۈم – جازانە ئالمايدۇ .
5) ئۇيغۇر سودىگەرلەر خەيرى – ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ . ئۇيغۇرلار خەير – ساخاۋەتچى مىللەت . ئۇيغۇر دېھقان – چارۋىچىلىرى ، سودىگەر ، ھۈنەرۋەنلىرى ئۇزاق تارىخى ئۆتمۈشتىن بۇيان خەير – ساخاۋەت بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئۆز ئارا غەمغۇرلۇق ۋە ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت مىللىي قائىدە – يوسۇننى شەكىللەندۇرگەن . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ قائىدە –يوسۇن مىللىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى كەسىپ رىسالىلىرىدە قارار تاپقان . « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە ، ئاجىز – مىسكىنلەرگە نەپىقە بىرىش ، ھەر يىلدىكى ئىككى ھېيت نامىزىدا خەير ساخاۋەت قىلىش ؛ يىتىم – يىسىرلارغا خەير – ساخاۋەت قىلىش ؛ تىلەمچى – دىۋانىلەرگە سەخى بولۇش ، ئۇلارنى قۇرۇق قول – نائۈمىد ياندۇرماسلىق قاتارلىق قائىدە – نىزام سۈننەتلەر يېزىلغان . ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سودىگەر – تىجارەتچىلەر قاتلىمى ئومۇمەن مال – دۇنياغا ئىگە پۇلدار باي قاتلام بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ساخاۋەتچىلەر كۆپ ، ئۇلار رىسالىگە ئەمەل قىلىپ ھەر يىلى مال – دۇنياسىدىن ئوشرە – زاكات ئاجىرىتىپ ، كەمبەغەل – نامراتلەرغا تارقىتىپ بىرىدۇ ، ئۇلارنى يۆلەيدۇ ؛ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇرۇزۇشقا ئاكتىپ ئىئانە قىلىدۇ ؛ ئىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىغا مەبلەغ توپلاپ ، مەكتەپ ، مەدرىسە ، خانىقا ، دوختۇرخانىلارنى بەرپا قىلغان ؛ ئاممىۋى چوڭ يوللارنى ، كۆۋرۈكلەرنى ياساتقان ؛ شەھەرلەردە مېھمان – ساراي ، ئۆرتەڭلەردە راۋات سالغان . تۈشكۈن ( دەن ) خوجايىنلىرى مىھمانخانىلىرىدە غېرىپ –مۇساپىرلارنى ھەقسىز قوندۇرۇپ ، خالىس تاماق بىرىپ ۋە يول راسخورى بىرىپ يۇرتىغا يولغا سالغان . تارىختا جەمئىيەتنىڭ ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ، ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ، تارىخ – تەزكىرىلەرگە نامى يېزىلىپ خاتىرىلەنگەن مەشھۇر ساخاۋەتچىلەر ، خەلقپەرۋەر ، مىللەت پەرۋەرلەر ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ نام ئاتاقلىرى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان مەكتەپ ، مەسچىد ، مەدرىسە ، كۆۋرۈكلىرى بىلەن ئاكتىپ ۋە يادلىنىپ كەلمەكتە . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بىرىپ ۋەتەننى قوغداش چاقىرىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ، ئۇيغۇر سودىگەر ، چارۋىچى ، تىجارەتچىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ناھايىتى نۇرغۇن ئىئانە توپلاپ قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلغان . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەير – ساخاۋەتچىلىك ئەنئەنىسى يېڭى دەۋرىمىزگىچە داۋام قىلىپ ، ھاللىق ، ئىناق ، مۇقىم جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينىماقتا . ئۇيغۇر سودا – سانائەتچىلەر ئىچىدىن ۋە ھەرساھىدىن نۇرغۇنلىغان خەير –ساخاۋەتچىلەر مەيدانغا كەلمەكتە . ئۇلار تارىختىكى كونا ساخاۋەتچىلەرنىڭ ۋارىسىلىرى سۈپىتىدە مەكتەپ ، دوختۇرخانا سالماقتا . نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىۋاتىدۇ . نامىراتلارنى يۆلەۋاتىدۇ . ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا قانتىشىدۇ ، ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ ۋە باشقىلار .
6) « سودىگەرچىلىك رىسالىسى » دە يەنە ، سودا – تىجارەت قىلغۇچىلار جىسمانى ۋە روھى – نىيەت مەقسەت جەھەتلەردىن پاك بولۇش ؛ كىيىم – كىچەك ، بەدەن بېشى ، تىجارەت دۇكانلىرىنىڭ ئىچى – تېشى ، پاكىز ، رەتلىك بولۇشى ، يامان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى ، زىناخورلۇق ، ئوغرىلىق قىلماسلىقى ، خىيانەت قىلماسلىقى ، قىمار ئوينىماسلىقى ، ھاراق – تاماكا ، نەشە چەكمەسلىكى ؛ ھارام نەرسىلەرنى ساتماسلىقى قاتارلىقلار بەلگۈلەنگەن . سودا – تىجارەت رىسالىلىرىدىكى بەلگىلىلەر ئۇيغۇر مىللىي سودا – نىجارەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان . بۇ ئەنئەنىلەر بۈگۈنكى يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي سودا تىجارەتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىدىمۇ مەنىۋى تۈرۈكلۈك رول ئوينىماقتا .
ئۈچىنچى باب ئۇيغۇر دېھقانچىلىق كەسپى قائىدىلىرى

دېھقانچىلىق رىسالىسىدە « دېھقانچىلىقنىڭ پىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر ، بارلىق دېھقانچىلىق قوراللىرىنى پەرىشتە جىبىرىئىل ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دېھقانچىلىقنى ئۆگىتىدىغان چاغدا ، جەننەتتىن ئېلىپ چىققان » دەپ يېزىلغان .
ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللانغان تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، تارىخى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، ئىنسانلار چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىق دەۋرىگە كۆچكەندىن كېيىنلا باشلانغان . قومۇلدا بۇنىڭدىن « 7000،8000يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلار چارۋىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان » ، « 4000يىل ئىلگىرى قومۇلدا تېرىقچىلىق قىلغان ئاساسلىقى بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق تېرىغان » ، « 2000يىل ئىلگىرىلا ئاققۇناق ، كۆممە قوناق تېرىغان » ، « خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا بۇغداي تېرىش قومۇل قاتارلىق جايلارنى ئاساس قىلغان » ، « 3000يىللىق تارىخقا ئىگە قارادۆۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن ئارپا دېنى پوستى بايقالدى » ، « قومۇل قوغۇننىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈشى تەخمىنەن 2000يىللىق تارىخقا ئىگە » ( « قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى » 410-414-415-416-435-بەتلەردىن ) . بۇ ئۇزۇن دېھقانچىلىق تارىخى پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولماي مۇمكىن ئەمەس . ئۇيغۇرلارنىڭ %70 دىن ئارتۇق نوپۇسى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن . دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چارۋىچىلىقتىن كېيىنكى ئاساسى ئانا كەسپى . ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىقنى ئاساس ، چارۋىچىلىقنى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ۋە سودا – تىجارەتنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ، نەچچە يۈز خىل كەسىپنى ئىجاد قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان . ئەنە شۇ ھەر خىل ھۈنەر كەسىپلەر كەڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بەرپا بولغان . موشۇ جەھەتتىن ئالغاندا ، دېھقانچىلىققا يانداش ھالدا بەرپا قىلىنغان باشقا كەسىپلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت كەشىپىياتىدۇر . دېھقانلار ئۇلۇغ خەلق ، دېھقانچىلىق ئۇلۇغ كەسىپ ، دېھقانلار جەمئىيەتنىڭ ئۇلى . دېھقانچلىق جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى . پۈتكۈل جەمئىيەت ، پۈتكۈل ھايات دېھقانلارنى ، دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلايدۇ ، قەدىرلەيدۇ . ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كەسىپ – دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئەمگەكچان ، چىداملىق ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئەخلاقى پەزىلەتلىك مىللەت قىلىپ تاۋلاپ چىققان . ئىسلام دىنى كىتاپلىرىدا ، ئۇيغۇر خەلق ئەل ئەدەبىياتىدا ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى – « تۈركى تىللار دىۋانى » ، « قۇتادقۇبىلىك » ، « ئەتە بوتۇلھاقايىق » ، ۋە ئەلشىر ناۋائى ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنى ، دېھقانچىلىق كەسىپنى ئۇلۇغلاپ يېزىلغان بايابلار داستانلار ناھايىتى كۆپ ، مەرمۇم روزى سايىت زامانىمىزنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ شېئىر يازغان شائىردۇر .
ئەلشىر ناۋائى « مەھبوبۇلقۇلۇپ » ناملىق ئەسىرىنىڭ « دېھقانلار ھەققىدە » دېگەن قىسمىدا دېھقانلارنى مۇنداق تەرىپلىگەن : «… بۇنداق دېھقانلار ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ۋارىسىدۇر ، بەلكى رىزقلانغۇچىلار دېھقانلارنىڭ پەررەنتلىرى بولۇپ ، دېھقاننىڭ ئۆزى ئادەم سەفىيوللادۇر ، كىمكى دېھقان بولىدىكەن ، باشقىلارغا نان بىرىش ئۇنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى . دېھقان ئالى مەرتىۋىسى بىلەن ئاەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى » . ناۋائى يەنە دېھقانلاردىكى باشقا ئەخلاقى سۈپەتلەرنى ئەڭ گۈزەل جۈملىلەر بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتكەن .
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېسىل كەسپى ئەخلاقى پەزىلىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت بىر نەچچە نۇقتىلار ئۈستىدىلا توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن .
1) ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دېھقانچىلىقنى مۇقەددەس كەسىپ دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلاش كۆز قارىشى قەدىمدىن بۇيان تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئەقىدىسىدۇر .
ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق كەسىپنى باشقا كەسىپلەردىن ئەلا ، ئۇلۇغ كەسىپ دەپ قارايدۇ . دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تۇرمۇشنىڭ ، ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى ، بايلىق يارىتىشنىڭ ئاساسلىق ۋاستىسى دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغلاش ، مۇقەددەس كەسىپ دەپ بىلىش ، قەدىرلەش ئېڭى ئىپتىدائي دېھقانچىلىقتىن باشلاپ ئۇزاق تارىخى ،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلەر جەريانىدا يىتىلگەن . ئۇيغۇرلار پەقەت دېھقانچىلىق ئارقىلىقلا ئېغىر تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاچارچىلىق ، قەھەتچىلىكنى يېڭىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان . دېھقانچىلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئىدىيىسى ئەينى دەۋرلەرگە نىسبەتەن ئىلغار ئىدىيە بولۇپلا قالماستىن ، ھازىرقى دەۋرىدىمۇ ئىلغار ئىدىيە . ئومۇمەن ئالغاندا ھەر قايسى ئەللەردە يېزا ئىگىلىكى ئومۇمىي خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلدى . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەر قايسى ئەللەردە %70-%80يېزا ئاھالىسىنىڭ يىمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن بۈگۈن شەھەر خەلقى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئارمىيەنى يىمەك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خەلقنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىشتۇر .
2) ئۇيغۇر دېھقانلار تېرىلغۇ يەرنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرى قەدىمدىن تارتىپ تېرىلغۇ يەرنى ئۇلۇغلاپ ، قەدىرلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدە « يەر ئالتۇن قوزۇق ، يېسەڭ تۈگمەس ئوزۇق » ، « يېرى بار ئاچ قالماس » ، « يەر تويدۇرار ، ئوت كۆيدۈرەر » ، « يەر تويمىغىچە ، ئەر تويماس » ، « سۇ دېھقاننىڭ قېنى ، يەر دېھقاننىڭ جېنى » ، « يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى ، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى » ، « يەرگە ئىشلەشتە ئايانما ، يوق ئاماتەتكە تايانما » … دىگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلىك سۆزلەر كۆپ يېزىلغان . دەر ھەقىقەت بۇ كەڭ تارىلىپ كەلگەن ماقال – تەمسىللەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرگە بولغان تەشنالىقىنى ، يەرگە بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى ، يەرنى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ، ئاساسلىق خۇسۇسىي مۇلۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرگە باغلىغان ئەقىدىسى بويىچە ئېرىق – ئۆستەڭ ، كارىز ، بولاقلارنى چېپىپ ، چۆل – دالارغا سۇ باشلاپ بوز يەرلەرنى ئېچىپ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان . ھەر خىل زىرائەتلەرنى تېپىپ ، دەل – دەرخ تىكىپ ، مىۋىلىك باغلارنى ، ئورمانلارنى ئەھيا قلىپ قۇملۇق – چۆللەردە بوستانلىقلارنى ، كەڭ مىللىي مەھەللە ، يېزا – كەنىتلەرنى بەرپا قىلغان . لېكىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرى تەڭ بەرابەر بولمىغانلىقتىن كۆپچۈلۈك دېھقان يەرگە ئىگە بولالمىغان . كونا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يېرىنىڭ بار – يوقلىقى ، يېرىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ سىنىي تەركىبلەرگە بۆلۈنۇپ ياشىغان . تېرىلغۇ يېرى يوق ئىجارىكەش دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن . شۇ تارىخى ئەمەلىيەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان تەشنالىقىنى يەرگە ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىشنى كۈچەيتكەن . يېرى يوقلار تىرىشىپ يەر سېتىۋالىدىغان ، يېرى بارلار مۇمكىن قەدەر يېرىنى سېتىۋەتمەيدىغان ئادەتلەر تىكلىگەن . ئەۋلاتلىرىغا يەر – زىمىن قالدۇرۇشنى مۇھىم بىلىش ، پەرزەنتلەرمۇ ئاتا – ئانىسىدىن مىراس قالغان يەر – زىمىنگە ۋارىسلىق قىلىشنى مۇھىم بىلىش قاتارلىق قائىدە – يوسۇنلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىلىك ، پىسخىك ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن .
ئۇيغۇردېھقانلار تېرىلغۇ يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن . كونا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مىراس يەرلىرىنىڭ دىنى ھاكىمىيەت ياكى مەمۇرى ھۆكۈمەت .. . تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىپ تىزىمغا ئېلىپ يېزىپ بەرگەن « يەر خېتى » بارئىدى . يەر خېتىگە يەرنىڭ موسانى ، ھودۇدى ( پاسلى ) غەربى ، شەرقىي ، شىمالى ، جەنۇبى تەرەپلىرى كىملەرنىڭ يەرلىرىگە چېتىلىدۇ چىگىرداش ، يەر خوشىنىلىرىنىڭ ئىسمى كىم ؛ مەزكۇر يەرگە قانداق ئىگە بولغان ؛ ئاتىسىدىن مىراس قالغان يەرمۇ ؛ مىراس قالدۇرۇلغان خېتى بارمۇ ؛ ياكى باشقىلاردىن سېتىۋالغانمۇ ، ئىسپاتلىق يەر خېتى بارمۇ ، گۇۋاھ شاھىتلار كىملەر ، ۋاقتى ( مىلادى ياكى ھىجىرىيىنىڭ ئاي ، كۈنى ) تەپسىلىي ، تولۇق يېزىلىدۇ ، شۇ زاماننىڭ يەر خەتلىرى مەھكىمە شەرىئەتنىڭ مەخسۇس خەتتاتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئۆلچەملىك نۇسخە قىلىپ خوتەن قەغىزى ياكى ئاق خەسىگە ۋە ياكى ئاق يىپەك خاسىۋالغا يېزىلاتتى . مەھكىمە شەرىئەتنىڭ مال – مۈلۈك ، يەر زىمىن ئىشلىرىغا مەسئول ئەمەلدار يېزىلغان يەر خېتىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن مۆھۈردار ئاخونۇم شەرىئەتنىڭ مۆھۈرىنى يەر خېتىغا بېسىپ بىرەتتى. بىزگە مەلۇم بولغان يەر خەت نۇسخىلىرىغا قارىغاندا ، مۆھۈر ( تامغا ) يەر خېتىنىڭ ئوڭ سول كانارىسىغا ھەم ئاياق قىسمىغا 2،3 يەرگە بېسىلغان . مەنە مۇنداق يەر خېتى يەرگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ يەر ھوقۇق ئىسپاتنامىسى بولۇپ ، بۇ ئىسپات خەت بىلەن مىراس يېرىنى قوغداپ قالاتتى . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ يەر ئىسلاھاتىدا يەر ئىگىلىرىنىڭ يەر خەتلىرى كۆيدۇرۇلۇپ ، يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ ، يەرسىز دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بىرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن يەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇنلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى .
3) ئۇيغۇر دېھقانلىرى سەخى – ساخاۋەتچى ، خالىس –توغرى نىيەت ، ئاقكۆڭۈل ، راستچىل ، مەرد ئادىل ئەخلاقى پەزىلىيەتلەرگە ئىگە .
دېھقانچىلىق رىسالىسىدە :دېھقانلار ئۆزىنىڭ رىزقى ئۈچۈنلا تېرىقچىلىق قىلىپ قالماستىن ، جەمى جان – جانىۋار ، ھايۋانات – ئۇچار قاناتلارنىمۇ رىزقلاندۇرۇش ، سەخى بولۇش ، بىخىل بولماستىن ؛ ئالغان ھوسۇلدىن ئوشرە – زاكات بىرىش ، غېرىپ – غۇربا ، ئاجىز مىسكەنلەرگە سەدىقە بىرىش ،نەزىر بىرىش ، خەيرى – ساخاۋەتچى بولۇش ؛ ساۋاپلىق ئىشلارنى ئادا قىلىش قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلۇق تەلىم ۋە تەشەببۇسلار يېزىلغان . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن مىڭ يىللاردىن بۇيان رىسالىنىڭ قائىدىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەن .
ئۇيغۇر دېھقانلار ھەر يىلى ئەتىيازدا تېرىقچىلىقنى باشلىغاندا ، بەزى قائىدە – يوسۇنلارنى قىلىدۇ ؛ ياخشى كۈننى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ .
دېقانلارنىڭ ئادىتى بويىچە يامان كۈن ، نەس كۈن بولارمىش ، ياخشى كۈننى تاللاپ ، ئاتا – بوۋرىلىرىنى ياد ئېتىپ جامائەتنى چىللاپ نەزىر قىلىپ ، بىر يىللىق تېرىقچىلىقنى باشلايدۇ . بۇغداي تېرىشنى باشلىغان كۈنى قوشنى ھەيداشتىن ئىلگىرى ساپاننى قىبلىگە قارىتىپ يەرگە سانجىپ قويۇپ ، تېرىشقا تەييارلىغان بۇغداي ئۇرۇققا قاراپ دۇئا قىلىدۇ . تەخمىنەن مەنىسى : ئەي خۇدا ۋەندە كېرەم ئۇشبۇ ئۇرۇقنى جەمئىي ئادىمزات – ھايۋانات ، جان – جانىۋار ئۇچار قانات ، قۇرۇت – قوڭغۇزلارنىڭ رىزقى ئۈچۈن ئاتاپ تېرىدىم . تېرىغان ئاشلىققا بەرىكەت بەرگەيسەن دېگەندەك مەزمۇنلاردا دۇئا قىلغاندىن كېيىن يەرگە ئۈرەننى چاچىدۇ . دېمەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر يىلى باش ئەتىيازدا تېرىقچىلىقنى شۇنداق قائىدە – يوسۇنلار بىلەن باشلىشى ئۇلارنىڭ ئومۇميەتچىل ، سەخى ، خالىس ، مەردانە ، توغرا نىيەت –مەقسەتلىرىنى نامايان قىلىشىدۇر . ئۇنىڭدىن باشقا نورۇز ،مەۋلۈد ، سارەخەتمە ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىمۇ دەل بۇغداي تېرىلغۇسى كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نىيەت – مەقسەتلىرى ، مەزمۇن شەكىللىرىمۇ قويۇق مىللىي – دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ ئاللادىن يۇرتىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەش ، ئىش – ئوقەت ، مەئىشەتلەرگە بەرىكەت ، ئاسايىشلىق تىلەشتىن ئىبارەت . ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېتىقاد ، ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ، نىيەت –مەقسەتلىرىنى ئشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ، ئالغان ھوسۇلىدىن ئوشرە – زاكات ئايرىپ ئاجىز –مېيىپ ، تۇل خوتۇن – يىتىم ئوغۇللارغا ، كەمبەغەل –يوقسۇل تۇغقانلىرىغا بىرىدۇ . مەسچىت ، مەدرىسلەرگە ئىئانە قىلىدۇ . كونا جەمئىيەتتە نۇرغۇن مەكتەپ ، مەسچىت ، مەدرىسە خانىقالار ، كۆبرۈك ، يوللار دېھقانلارنىڭ كۈچى بىلەن سېلىنغان ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ خالىس ئەمگەك كۈچى قانتاشقۇرۇلغان . ھەتتا بەزى دېھقانلار مىراسخورى يوق ئاياللار دىنى مەرىپەت ئۈچۈن مەسچىت ، مەدرىسلەرگە ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋەخپى قىلىپ بەرگەن . يەر ئىسلاھاتىدا ھۆكۈمەت يىغىۋالغان مىڭ – ئون مىڭ مو ۋەخپى يەرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلغان بەزى يەر خەتلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايمىزكى ، مەسچىت ، مەدرىسە ، خانىقا ، كۆبرۈكلەرنىڭ ۋەخپى يەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەزەلدە دېھقانلار تەرىپىدىن ئىمامچىلىققا ،مەزىىنچىلىككە ئاتاپ بىرىلگەن يەرلەر ئىكەن . قالغان قىسمى چوڭ يەر ئىگلىرى ، ۋاڭ ، بەگ ۋە تەقۋادار بەزى ئەمەلدارلار ئاتىغان يەرلەر ئىكەن . دېمەك ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئازغىنە يەرلىرىدىن بىر قىسمىنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ، مەرىپەت ئىشلىرىغا ئاتاپ ساۋاپ تاپقان .
دېھقانلار تىلەمچى – ھاجەتمەنلەرنى نائۈمىد قالدۇرمايدۇ . ئۆيىگە كەلگەن تىلەمچىلەرگە نان بىرىدۇ . خارمانغا كەلاگەنلىرىگە ئاشلىق بىرىدۇ ۋە قوغۇنلۇق ياكى باغقا كەلگەنلىرىگە قوغۇن ،مىۋە بىرىدۇ . كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە كەمبەغەل –يوقسۇل تۇغقانلىرىنىڭ ئېڭىزدىن باشاق تېرىۋىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . كۆكتات ، ئوت – سامان بىرىدۇ . ئومۇمەن رىسالىدە ئېيتىلغاندەك جەمئىي ئادىمزات ، خىش –ئەقرىبا ،ئۇچار قانات ، قۇرۇت –قوڭغۇزلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ ھەر خىل زىرائەتلىرىنى يەپ رىزقلىنىدۇ .
4) ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يەرگە ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ .زىرائەتنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ، مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىدۇ . ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىكى : « سەن يەرنى ئالدىساڭ ، يەر سېنى ئالدايدۇ » ، « ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن » ، « قۇلدەك ئىشلەپ ، بەگدەك يەپ – ئىچ » . « بىر كۈننىڭ ئىشى ئەتىگەندىن باشلىتار ، بىر يىلنىڭ ئىشى ەئەتىيازدىن » دېگەنگە ئوخشاش ھىكمەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىدۇر . دېھقانلار كۈز پەسلىدە يەرلىرىنى ياخشى ئاغدۇرۇپ توڭ سالىدۇ . قىش پەسلىدە ئوغۇت توپلايدۇ . ئەتيازدا يەرنى ئوغۇتلاپ تېرىيدۇ . ئېرىق – قىرلىرىنى ياخشى چاپىدۇ ، زىرائەتلىرىنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ پەرۋىش قىلىدۇ . زىيانداشتىن ، ئاپەتتىن ساقلىنىپ مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ . مەلۇمكى دېھقانلار تەبىئەت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلغۇچى ئەمگەكچىلەر بولۇپ ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانۇنىيەت – تەرتىپلىرىنى بىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ ، خىلاپلىق قىلسا زىيان تارتىدۇ . « ماڭلايدىن ئاقسىما تارام – تارام تەر ، كۆكەرمەس ھېچقانداق باھاردىمۇ يەر » ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )
5) ئۇيغۇر دېھقانلار شاپائەتچان ، رەھىمدىل ، ۋاپادار كېلىدۇ .
ئاتا- ئانا ، خوتۇن بالىلىرىغا ۋاپادارلىق ، مېھرىبانلىق بۇرچىنى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەتكۈزىدۇ ، قەدىرلەيدۇ ، ھۆرمەتلەيدۇ ، ئىززەتلەيدۇ ، ياخشى يېپىندۇرۇپ ، كەيدۇرۈشكە تىرىشىدۇ ، كىسىلىنى داۋالاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكەن سەۋەپ قىلىدۇ . تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ رازىلىقىنى دۇئاسىنى ئالىدۇ . ۋاپات بولسا ئۆلۈمىنى ئۇزۇتىدۇ . نەزىر قىلىپ قەبرىسىنى يوقلاپ خاتىرىلەيدۇ . ئاتا – ئانىسىدىن كېيىن قېلىپ ياخشى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەنلەرنى ، ئەل ئارىسىدا ، ئاتا –ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار دېيىشىدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلار ئىشلەپچىقىرش ھايۋانلىرىغا ، ئۆي ھايۋانلىرىغىمۇ رەھىمدىللىق قىلىدۇ . ھايۋانلىرىغا ، ئۆي قۇشلىرىغا دېھقانچىلىق ئاشلىقىدىن ئاشلىق ، دان ئايرىپ بوغۇز ، يەم – خەشەك قىلىپ ياخشى باقىدۇ ، ئۇلاقلىرىنى ئاسرايدۇ . قاتتىق ئۇرۇپ جازالاشنى « يامان بولىدۇ » دەيدۇ ، نورمىدىن ئارتۇق ئېغىر ئىشلەيمەيدۇ . ئارابىنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇپ كەتسە ئارايىكەش ئارابىنى تارتىشىپ ياردەم قىلىدۇ . چاق يېتىپ قالسا ، چاققا مۈرۈ قويۇپ ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ . ھايۋانلىرىنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتىدۇ . دېھقانلارنىڭ رەھىم شەپقەتچانلىق روھى ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ كەلدى .
6) ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆز ئارا ئىتتىپاق ، ئىناق ، ئۆم ياشاپ كەلگەن خەلق . ئىنسانشوناسلار ، مىللەتشوناس ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر دېگەننىڭ مەنىسى « ئۇيۇشقاق » ، « يېپىشقاق » ، « بىرلىشىش » « ئىتتىپاقلىشىش » ، « ئۇيۇش » دېمەكتۇر دەپ تەبىر بىرىدۇ . مەھمۇد قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا ، ئىسكەندەر زۇلقەرىيىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ « ئۇيغۇر » دېگەن سۆز « ئۆز ئۇرۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار » دېگەن مەنىگە ئىگە دەپ يازغان . بۇ تەبىرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدە ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلار ھەمكارلىق روھىغا باي . دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش – جىددىي پەسىللەردە ئۆز ئارا لاپقۇتلىشىدۇ . ئورما قىلىشىدۇ ، ھوسۇل يىغىشىدۇ ، ئەمگەك كۈچى يوق ، ئۇلاق – جابدۇقلىرى يوق ئائىلىلەرگە ، خوشنىلارغا ، تۇغقانلارغا ياردەملىشىپ تېرىشىپ بىرىدۇ ، ئاشلىقىقىنى يىغىپ بىرىدۇ ؛ ئاشلىق ياردەم قىلىدۇ ؛ ئۆي – ئىمارەت سالغاندا ،ئەمگەك كۈچى ، ياغاچ ، خىش – كېسەك ياردەم قىلىدۇ ؛ توي – تۆكۈن ، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىدا ئورتاق ھېسسىياتتا بولۇپ ، قىزغىن ياردەملىشىپ ، خوشاللىقىتا بىللە ، ماتەم – قايغۇنى تەڭ تارتىشىدۇ؛ بالا – قازا ، ھالىم – ھادىسلارغا ئۇچرىغاندا ، پىداكارلىق قىلىشىدۇ ؛ ئۆز – ئارا مېھمانغا چىللىشىدۇ ، توي – مەرىكىلەرگە قىزغىن قاتنىشىدۇ ، سوغا – سالام قىلىشىدۇ ؛ ئاغرىقلارنى ، تۇغقانلارنى ، دوس – يارەنلىرىنى يوقلىشىدۇ ؛ ئۇيغۇر ئاياللىرى خوشنىلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتىشىدۇ ، تاماق – غىزا سۇنىشىدۇ ، يىمەك – ئىچەك ، ئۇن – نان ، تۈز كەم – ئۆكسۈت قىلىشىدۇ ؛ ھەمكارمىلىشىپ نان يېقىشىدۇ ؛ تۈگمەنگە ئۇگۈت تەييارلىشىدۇ ، ئۇن ئەگلىشىدۇ ؛ تونۇر بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئىسسىق نان يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ؛ ناننى ئۇلۇغ بىلىدۇ ، يالغۇزلۇققا يولداش ، سەپەرگە ئوزۇق ۋە ھەمرا قىلىدۇ ، تىلەمچىلەرگە نان سەدىقە بىرىدۇ ؛ رامزاندا ، رەمزان ئېيتىپ كەلگەنلەرگە نان ياكى زورلۇق ئاشتىن بىرىدۇ ، ھېيت – ئايەمدە تۇپراق بېشى يوقلاشقا نان – چەلپەك تەييارلايدۇ .
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

قوشۇمچە

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خارمان ئەمگەك ئىشلىرىدە پەرھىز قىلىدىغان قائىدە – يوسۇنلار بار : خارمان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھوسۇلنى يىغىپ – توپلاپ ئالىدىغان ئەمگەك ئورنى . خارمان ئەمگەك تەرتىپى ئېتىز – قىر ئەمگەكلىرىگە ئوخشىمايدۇ .خارمانغا زىرائەت يىغىلىپ – توپلانغاندىن كېيىن ، دېھقانچىلىق ئاشلىقنى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرىدۇ ، دېھقانلار مول – ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ئاللادىن بەرىكەت تىلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھوسۇل ئىگىسى دىني ھىسسىيات ئىچىدە ئەمگەك قىلىدۇ . خارماندا ناماز ئوقۇيدۇ ، پاك- پاكىزلىكقا رىئايە قىلىدۇ . خارماندا ئىشلىگۈچى ئەر – خوتۇنلار بىللە ياتماسلىق ؛ غۇسلە قىلمىغانلار خارماندا ئەمگەك قىلماسلىق ؛ ئەركەك – چىشى ھايۋانلارنى خارماندا جۈپلەشتۇرمەسلىك ؛ خارماندا ئىشلىگۈچىلەر خارماننى ئوڭ ئايلىنىپ مېڭىش ، بۇغداي يانچىغاندا ( تەپكەندە ) تېپننى ئوڭدىن سولغا ئايلاندۇرۇپ ھەيدەش ؛ تېپىنگە قوشۇلغان ئۇلاقلار سىيىپ – تىزەكلەپ قويغاندا تىزىكىنى دەرھال ئېلىۋىتىش ، ياكى كېيىن شەك سەدىقە ئاشلىق ئارقىلىق ئاشلىقنىڭ پاكلىق شەرتىنى ئادا قىلىش ؛ بۇغداينى شامالغا سورىغاندا ،شەرقتىن چىققان شامالغا سورۇن ئۇسۇشقا تەييارلانغان ئاشلىقنى ئالدىن – ئالا كۆڭۈلدە مىقدار سان بەلگۈلەشكە بولمايدۇ ،بەركىتى ئازلاپ كېتىدۇ ؛ ( چۈنكى قانچلىك ھوسۇل چىقىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللا بىلەرمىش ) .
تاش تۇلۇق ، چاپچا ( ئادا ) گۈرجەك، سۈپۈرگە قاتارلىق خارمان جابدۇق – سايمانلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشكە ،دەپسەشكە ، ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ؛ ( باشقا كەتمەن ،گۈرجەك ، ئورغاق قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىمۇ شۇنداق ) ئۇنىڭدىن باشقا خارمان ئىلىشتىن بۇرۇنقى كۈنلەردە خارمانغا كەلگەن ياشانغان تىلەمچى كىشىلەرنى ياكى يات كىشىلەرنى ۋە ياكى ئىت- مۈشۈكلەرنىمۇ « خىزىر » ، «ئەۋلىيا » بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۇيلاپ ئۇلارغا ئەدەپ – ھۈرمەت بىلەن قارايدۇ ؛ ساماندىن ئايرىلىپ تازىلانغان چەشلەنگەن بۇغداينى « قىزىل » ئاتايدۇ « خامان قىزىرىپ قالدى » « ئىدەرلىك ۋاقىت » دەيدۇ . چەشلەنگەن بۇغداي ئايلانمىسى – دىئامېترى تەكشى ئاي – تۆرۈك شەكىلىدە توپلىنىپ ياغاچ چاپچا – ئادا ، گۈرجەك ، تارتقا قاتارلىق خارمان جابدۇقلىرى يۈز تەرىپى قىبلىگە قارىتىپ ساپلىرى چەشكە سانچىپ قويۇلىدۇ . كىگىزى بار دېھقانلار قىزىلغا كىگىز يېپىپ قويىدۇ . كونا جەمئىيەتتە قومۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم خارمان ئېلىشى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشى ئىدى . شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى خۇدادىن مول ھوسۇل تىلەپ ، ياغ پۇرۇتۇدۇ ، يەر خوشنىلىرىنى چاقىرىپ نەزىر قىلىدۇ . تاماق ، قوغۇن ، تاۋۇز يېيلىپ بولغاندىن كېيىن ، ھوسۇلغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ بولۇپ خارمان ئېلىشنى باشلايدۇ . قومۇلغا ئاشلىق چىڭ – تارازا بىلەن ئۆلچەملەنمەيتتى .كۈرە (تۆت بۈرجەكلىك ياغاچ پەن قاچا ) بىلەن كەملىنەتتى . بىر كۈرە بۇغداينىڭ ئېغىرلىقى 44جىڭ چىقاتتى . خارماندا چەشلەنگەن بۇغداينى كۈرە بىلەن تاغارغا ئۇسۇشقا باشلىغاندا ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئوشىرە ئايرىلىدۇ . خارمان ئىگىسىنىڭ ئىختىيارى بىلەن تاغارغا ئۇسۇشقا باشلىغاندا ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئوشىرە ئايرىلىدۇ . خارمان ئىگىسىنىڭ ئىختىيارى بىلەن 5 ياكى 10 كۈرە بۇغداي ئوشرە ئۈچۈن خارماننىڭ ئايرىم تەرىپىگە بۆلۈپ قويىلىدۇ. ئاندىن كېيىن « شەك سەدىقە » ئايرىلىدۇ . ( خارماندا بۇغداي تەپكەندە ( يانچىغاندا ) ئۇلاقلار سىيىپ ، تىزەكلەپ پاسكىنا قىلىپ قويغان بىر قىسىم ئاشلىق ئومۇمىي ئاشلىقنىڭ پاكلىقىغا شەك كەلتۈرۈپ قويغانلىقتىن ، دېھقانچىلىق رىسالىسىغا بىنائەن ، چەشلەنگەن ئاشلىقتىن ئاز مىقداردا سەدىقە ئايرىۋېتىش شەرتى بىلەن ئومۇمىي ئاشلىقنىڭ پاكلىقى ئادا قىلىنىدۇ . قومۇل دېھقانلىرى بۇ ئاشلىقنى ( شەك سەدىقە ) دەپ يوقسۇللارغا بېرىدۇ . ئاندىن كېيىن ئىككى دېھقان چەشنىڭ قىبلە تەرىپىگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بىسمىللانى ئوقۇپ كۈرە بىلەن ئاشلىقنى ئۇسۇشقا باشلايدۇ ،يەنە ئىككى دېھقان نۆۋەت بىلەن كۈرىدىكى ئاشلىقنى كۆتۈرۈپ چەشنى ئوڭ ئايلىنىپ تاغارغا ياكى سۈپۈرۈلگەن خارمانغا قۇيىدۇ . ھەربىر كۈرە ئاشلىقنى « غوجام بەرىكەت ! » دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۇسۇدۇ . چوڭلاردىن بىرەيلەن كۈرە سانىنى ساناپ 10 كۈرە بولغاندا،بىر تاغار دەپ توۋلايدۇ . ھەر بىر تاغار ئۇسۇپ بولغاندىن كېيىن چەش ئۇسقۇچىلار چەشنىڭ ئوڭ تەرەپكە يۆتكىلىپ دەۋر قىلىدۇ . ئاشلىق ئۇسۇلۇپ بولغاندا ، كۆپچۈلۈك دۇئا قىلىپ خارمان ئىگسىنى مۇبارەكلەيدۇ . « خۇدا بەركەت بەردى » ، « ئوبدان چىقىش قىلدى » ، « يىگىلى نىسىپ بولسۇن » …. دىيىشىپ تارقىلىدۇ . ئاشلىقنى كۆپ تېرىغان . ياخشى ئەشلىگەن ،ئاشلىقى ئوخشىغان دېھقانلار مول ھوسۇلغا ئىگە بولۇپ خوشاللىققا چۆمىدۇ ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالغان دېھقانلار خوشال بولالمايدۇ ، غەمگە چۆمىدۇ ، چۈنكى ئالغان ھوسۇلى چىقىملىرىغا ، قەرزلىرىگە يەتمەيدۇ .
يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى كوپىراتىپ – گۇڭشېلىشىش ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش يىللىرىدا « دېھقانچىلىق قائىدە – يوسۇنلىرى » يوقۇلۇشقا يۈزلەندى . تېرىلغۇ يەرلەر ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن بۇ يوقۇلۇپ كەتكەن قائىدە يوسۇن ، ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ بىر قىسمى يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
ئۇيغۇر دېھقانچىلىق تارىخى ئۇزۇن ، كۆپ خىل ئىگىلىك كەسىپلىرىنى ئۆز قوينىدا تەۋەللىت قىلىپ ، كۆپ كەسىپلىك ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئانا كەسىپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىك ھەرخىل ھۈنەر كەسىپلىرى ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلغان ، يەنى ماشىنلاشقان – ئاپتوماتلاشقان ، ئېلىكترلەشكەن ، كومپىيوتىرلاشقان ، ئۇچۇرلاشقان 21-ئەسىردىكى كەسكىن رىقابەت ، رەھىمسىز خىرىسلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ ، تېخىمۇ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلماقتا.
تۆتىنجى باب
خاتىمە ئورنىدا
ئىسلاھات – ئىچىۋېتىش يولىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ تۈرلىرى تېخىمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، زامانىۋىلىشىۋتىدۇ ، ئۇيغۇرلار يىرىك – چوڭ ئىگىلىكلەرنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ ؛ سودا –تىجارەت مىسلىسىز تەرەققىي قىلىپ كەتتى . ئەنئەنىلىك قالاق دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ ،تېخنىكلىشىپ ، ماشىنلىشىپ ،ئىلىكترلىشىپ ، كۆلەملىشىپ كەتتى . كىشىلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يېشىل مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ كەتتى ، ھەر تۈرلۈك مىللى شىركەتلەر ، پۇقراۋى مىللى كارخانىلار ، گۇرۇھلار ، زاۋۇتلار ، سودا سارايلار ، رېستۇرانلار ، ئاشخانىلار ، قۇشخانىلار ، پىرمىلار ، تىبابەتخانىلار ، دوراخانىلار ، خۇسۇسىي يەسىلى – مەكتەپلەر ، تىخنىك تەربىيلەش مەكتەپلىرى ، قاتناش –ترانسىپورت مۇلازىمىتى ، پوچتا – تىلىفون مۇلازىمىتى ، ئۆي –ئىمارەت مۇلازىمىتى ، تراكتور – كومبايىن مۇلازىمىتى ، يېزىلاردا ۋاكالىتەن سېتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك يېڭى زامانىۋى ۋە مەھەللىۋى كەسىپلەر بەريا قىلىندى ؛ مىللى ئىگىلىك گۈللەندى . ناھايىتى چوڭ بايلار ، مەبلەغ سالغۇچىلار ، زىمىندارلار ، بىنا ئۆي خوجايىنلىرى ، مۈلۈكدارلار ، مىللىئونىلار ، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا مەشھۇر باي سودىگەرلەر مەيدانغا كېلىپ ، دۆلەتكە ، جەمئىيەتكە ، خەلققە ، مىللەتكە مەنپەئەت يەتكۈزمەكتە . بىز شۇنداق قەيت قىلىپ ئېيتالايمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش تارىخىدا زامانىمىزدىكىدەك زور تەرەققىيات بولغان ئەمەس . ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بۈگۈندىكىدەك مىسلىسىز تەرەققىياتىنى پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ بولۇپمۇ بازار ئىگىلىكى سىياسىتىنىڭ مىللى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا بەرگەن مەدەت كۈچىدىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىسىدىكى ئەنئەنىلىك كەسىپچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە .
لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزدىكى ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن بولۇپمۇ ئىقتىساد سودا يەرشارىلاشقاندىن كېيىن ، جاھان ئۇچۇرلاشقاندىن كېيىن ، ھەر خىل دۇنياۋى مەدەنىيەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ كىرىپ كەلدى ، بۇمەدەنىيەتلەرنىڭ ئىلغار تۈرلىرى ئىجابى رول ئوينىغان بولسا ، ناچار ، يامان تۈرلىرى سەلبىي رول ئوينىدى . بۇيامان ئىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ، ياشاش ئۇسۇللىرىغا ( نىكاھ ، مۇھەببەت، قىممەت ، ئىستىمال قاراشلىرىغا ) ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىغا ، مىللىي مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات – سەنئەتكە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى . نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىك ، ئىجىتىمائىي ئەخلاقى ۋە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسىپى ئەخلاقى جىددى سىناققا دۇچ كەلدى ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئەخلاقى جىددى سىناققا دۇچ كەلدى ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش خېرىسقا ئۇچىرىدى . ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەنئەنىلىك مىللىي ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – مىزانلار ئۆزگىرىشكە باشلىدى ياكى نەزەردىن قېلىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلار ئىچىدە دۆلەتنىڭ قانۇن – ئىنتىزام ، سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپۈيۈپ قالدى . يەنى قانۇنسىزلار ، ئەتكەسچىلەر ، زەھەر چەككۈچىلەر ، زەھەر سانقۇچىلار ، بالا ساتقۇچىلار ، ئىپپەت ساتقۇچى ئەخلاقسىزلار ، ئوغرى – يانچۇقچىلار ، قىمارۋاز ، بىكار تەلەپ ھورۇن ئەبگالار ، دىۋانە – تىلەمچىلار ؛ ئۇندىن باشقا ئەسەبى مۇتەئەسسىپ روھانىلار كۆپۈيۈپ قالدى . بۇ قانۇنسىز ، ناتوغرى كەسىپلەر بىلەن شوغۇللانغۇچىلار ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە پەيدا بولغان ئىجتىمائىي توپ بولۇپ قالدى ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىتى بۇ ئىجتىمائىي رىئاللىققا دىققەت قىلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئاخبارات ، مەتبۇئات ، ئەدەبىيات ، سەنئەت ، نەشىرىيات ۋاستىلىرى بۇ ناچار ئىللەتلەرگە نىسبەتەن جىددىي ۋە ئىلمى پوزىتسىيە تۇتۇپ ، ئاكتىۋال تەھلىل ۋە تەشۇببۇسلارنى ئېلان قىلدى ، ئەدەبى سەنئەت ، گىزىت ، رادىئو – تىلىۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ ، توغرا جامائەت پىكرى قوزغىدى . بۇ پائالىيەت ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيىتى قوغداش يولىدا كۆتۈرۈلگەن بىرقېتىملىق كۈچلۈك چۇقان بولدى .
« غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە دۇنيا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى » دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان : « 1980-يىللىرىدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،مائارىپ ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىغاندا ، تېخىمۇ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ تەبىئى ياكى سۈنئى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپىنىڭ تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى . ئەگەر مۇناسىپ قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمىسا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى … دېمەك غەيرى ماددى مەدەنىيەت ئوقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداش بىر تارىخى مۇقەررەلىك . شۇنىڭدىن كېيىن 1989-يىلى 11-ئايدا « ئەنئەنىۋى ۋە خەلق مەدەنىيىتى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ » نى ماقۇللىدى » ( « مىراس » ژۇرنىلى 2007-يىلى 3-سان ) دىمەك مىللى مەدەنىيەتنى يەنى غەيرى ماددىي مەدەنىيەتنى قوغداش بىرتارىخى مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى .
تارىختا 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىر نەچچە قېتىم ئېغىر كرىزىسلارغا ئۇچىرىغان . ئۇيغۇر مىللىتى جىددى سىياسى داۋالغۇچ ۋە ئىجتىمائىي چايقىلىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . شۇنداق بولسىمۇ كۆپ خىل ئىگىلىكىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا كۆتۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان . دېمەك ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان .
بۇ ماقالىمىزدا « ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرى » نىڭ ئۇيغۇر غەيرى ماددى مەدەنىيەت قاتارىغا كىرىغانلىقىنى ؛ ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخى دەۋلەردە ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىنى گۈللەندۇرۈش ؛ مىللى ئالاھىدىلىكنى قوغداش ؛ ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ئىرادە قىلىش ؛ ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تىنىچ –ئىناق ، مۇقىم – باياشات بولۇشىغا مۇئەييەن تۆھپە قوشقان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىجابى جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈردۇق . لېكىن ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ تەركىبىدە ناچار ، قالاق ، پاسسىۋ ئامىللەرنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشمىز كېرەك ئەلۋەتتە . ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە –يوسۇنلارنىڭ ئىلغار ، ئاكتىپ ئەقىلغا مۇۋاپىق تەركىبلىرى مۇتلەق ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىن ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ؛ قالاق ، پاسسىپ ، مۇتەئەسسىپ ھەتتا ئەسەبى چىرىك تەركىبلىر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا – مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق ھەتتا بۇزغۇنچىلىق رول ئوينايدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپ تەركىپلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخنىڭ مۇرەككەپ جەريانى شەكىللەندۈرگەن . قىبدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيەلىك تىرىتۇرىيە جەھەتتىن نۇرغۇن باشقا قەبىلە ، مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق ئارىلىشىپ ياشىغان . ئۆز ئارا قوشۇلۇپ بىر- بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن ۋە يەنە ئايرىلىپ كەتكەن دەۋرلەرنىمۇ بېشىدىن كۆچۈرگەن . بۇ ئۇزاق مۇرەككەپ تارىخى جەريانىدا ، ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ، دېھقانچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، سودا – تىجارەت ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە يوسۇنلىرىنى ئۆز ئارا ئۆگەنگەن ، ئورتاقدىنلارغىمۇ ئېتىقاد قىلغان ، ئۇيغۇرلارغا قوشۇلغان ، ئاسمىلاتسىيە بولغان غەربىي قەبىلە ياكى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە بىللە ئىلىپ كىرىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئىسلام دىنى بىلەن بىللە ئىسلام مىللەتلەرنىڭ دىنى ۋە مىللى تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇنلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كىرىپ ئۆزلەشكەن . ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلغان ياكى ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقالغان بۇ غەيرى مىللەت دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ تەركىبىنى مۇرەككەشتۈرىۋەتكەن . بولۇپمۇ چەت مىللەرنىڭ قالاق ، پاسسىپ ، خۇراپى ، چىرىك ئۆرپ – ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ داۋام قىلىپ كەلگەن . سەھىپىمىزنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بايانمىزنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولىمىز . پەقەت ئىككى مەسىلىنى مىسال كەلتۈرەيلى :
(1) ئىسلام دىنىنىڭ تەركىبى دۇنياچىلىق ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرىئالوگىسىيگە چوڭقۇر سىڭگەن ۋە يىلتىز تارتقان . تەركىبى دۇنياچىلىق ، ئوقەت قىلماسلىقنى ؛ نامراتلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ . مال – دۇنيانى ھارام ، بايلىقنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ . تارىختا ئەسەبى جاھالەت پىرلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ، سوپى ئىشانلار مەزھەبى ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە تەركى دۇنيالىق ئىدىيىسىنى زوراۋانلىق بىلەن تەرغىپ قىلىپ ، بىكار تەلەپ ، ھورۇنلار قاتلىمىنى پەيدا قىلىپ ، جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان – ئوقەتچان ، كەسىپچانلىق ئادەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان . بۇ قالاق مۇتەئەسىپ ، چىرىك ئىدىيىنىڭ تەسىرى ، سوتسىيالىزىم دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . ئۇيغۇرچە جەمئىيىتىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئېقىپ يۈرگەن تەركى دۇنياچىلار ، كونا تەركى دۇنياچىلارنىڭ ۋارىسلىرى سۈپىتىدە تەركى دۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ . ئىناق ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .
(2) ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ نىكاھ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان . ئىسلام نىكاھ تۈزۈمىدە نۇرغۇن دىنى خۇراپىي ، ناچار ، قالاق ئىللەتلەر بار . مەسىلەن : ئىسلام دىنىدا ئەر –ئاياللار باراۋەر ئەمەس ، « ئەرلەر ئېزىز ، ئاياللار پەس » ، ئەرلەر خوجايىن ، ئاياللار قۇل ؛ ئەرلەر كۆپ خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت ؛ « ئەرلەر تۆت خوتۇن ئېلىش سۈننەت » ؛ ئاياللار ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن . نىكاھ ئەركىنلىكى يوق . نىكاھ قىزنىڭ ئاتىسى تەرىپىدىن تىزگىنلىدۇ ؛ ئايال ئەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنۇشى شەرت ؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مەنئىي قىلىنىدۇ ؛ ئاياللار پۈتۈن ئەزالىرىنى پۈركىگەن كىيىم كىيىشى كېرەك بولمىسا « نامەھرەم » بولىدۇ ؛ قىزلار 12ياشتا توي قىلىشى كېرەك بولمىسا گۇناھكار بولىدۇ ؛ ئەرلەر گۇناھسىز ئايالىغا گۇنا ئارىتىپ نىكاھدىن ئاجرىشىش خېتىنى بىرەلەيدۇ ؛ ھەتتا « ئۈچ تالاق » قىلىۋىتەلەيدۇ ؛ مىراس تەقسىم قىلىشتا قىز پەرزەنتىلەرگە يېرىم ھەسسە ، ئوغۇل پەرزەنتىگە پۈتۈن ھەسسە مۈلۈك تەقسىم قىلىنىدۇ ۋە باشقىلار
كونا جەمئىيەتتە ئىسلام دىنى شەرىئەت مەھكىمىسى يوقۇرقى قائىدە – ئادەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ ، ئىسلام دىنى نىكاھ تۈزۈمىنى قوغداپ كەلگەن . كونا دىنى نىكاھ قانۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تىكلىگەن خۇراپى ، ناچار قالاق ئۆرپ – ئادەتلەر ئېغىر – يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭى نىكاھ قانۇنى ئەمەلگە قويۇلۇپ ، كونا نىكاھ قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . كونا نىكاھ قائىدە – ئۆرپ – ئادەتلەر مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ ، كونا نىكاھ تۈزۈمنىڭ قالدۇق – ساقىندە تەسىرلىرى ئەل ئىچىدە ساقلىنىپ قالغانلىقتىن ، يېڭى نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ قانۇنسىز قىلمىشلار داۋام قىلىپ كەلدى . نىكاھ قانۇنىغا بوي سۇنمايدىغان ؛ نىكاھ رەسمىيىتى ئۆتمەستىن توي قىلىۋالىدىغان ؛ نىكاھدىن ئاجرىشىدىغان ؛ يوشۇرۇن – مەخپىي نىكاھ ئوقۇتىدىغان ؛ ئاجرىماستىن تۇرۇپ باشقا توي قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ مەۋجۇت .
قالاق ، چىرىك مىللى ، دىنى ئۆرپ – ئادەتلەر ئۇيغۇرجەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى پەن – مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق رول ئوينايدۇ . ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىچكى –تاشقى دۈشمەن كۈچلەر ، توپىلاڭچى ، تەپرىقىچى ، بۆلگۈنچى دىنى ئەسەبى كۈچلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناچار ، قالاق دىنى ، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغان ، مىللىتىمىز بۇ سەلبىي تارىخى ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك . بىز ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ ، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ، ئىلغار ، ئەنئەنىلىك مىللى مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىشىمىز ؛ قالاق ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگەرتىشىمىز ؛ چىرىك ، مۇتەئەسىپ ، سەلبىي يامان ئىللەتلەرگە قەتئىي قارىشى تۇرۇشىمىز ، ئۇنى يوقىتىشىمىز كېرەك .

2008-يىلى ئاپرىل قومۇل
پايدىلانغان ئاساسلىق ماتىرىياللار :
1) « بۇلاق » ژۇرنىلى 2005-يىلى 2-سان
2) « مىراس » ژۇرنىلى 2007-يىلى 3-سان
3) « قۇتادغۇبىلىك »
4) « قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى »
5) « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » 2003-يىل 3-سان 18-بەت .

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: تەبىئەت قارىشى، سودا-سانائەت، مىللىي كىملىك
ئەڭ يېڭى يازمىلار