مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى

كامال ھېسامىدىنۇف (قازاقىستان)
ئاپتۇرنىڭ 1993- يىلى نەشرى قىلىنغان «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابتىن تەييارلىغۇچى: ئابلىز ئۇرخۇن
كېچىك چاغلىرىم چوڭلارنىڭ قانداقلا ئىشلىرىنى خوراپاتلىق دەپ قارايدىغان دەۋىرلەردە ئۆتكەچكىمىكىن، مومامنىڭ ئاجايىپ ھېكمەتكە باري تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى كۆزگە ئىلماپتىكەنمەن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى رەھمەتلىك زۇنۇن قادىر ئاكىنىڭ بىر پارچە ماقالىسى ۋە قۇمۇل ئەدەبىياتىنىڭ قايسىبىر سانىغا بېسىلغان بىر ماقالىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ رەھمەتلىك شۇ مومامنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىغا ئەينى چاغدا ئىرەن قىلمىغانلىقىمغا قاتتىق ئۆكۈندۈم. بۇ يىلنىڭ بېشىدا مىراس ژۇرنىلىدا تۆۋەندىكى ماقالىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئېچىندىم. بىزنىڭ مومىلىرىمىز ئەسلىدە خوراپىي بولماستىن بەلكى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك كىشىلەردىن ئىكەندۇق. – تەييارلىغۇچىدىن

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (1)

خېنە

يېزىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھويلىسىدا، بەزىلەرنىڭ بېغىدا ئۆستۈرۈلىدىغان خېنە توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇ خەلق تېبابىتىدىمۇ ئانچە جىق قوللىنىلمايدۇ. بار-يوق خىسلىتى ئۇنى ئوسمىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قايناتما تەييارلاپ، باشنى يۇيسا كېپەكنى يوقىتىدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىنى توختىتىدۇ، ئاقارغان چاچ قارىيىدۇ. ئۇلارنى داۋالىمىسىمۇ ئادەم ياشاۋېرىدۇ. مېنى قولۇمغا قەلەم ئالغۇزغىنى خېنىنىڭ تاپاننىڭ قىزىشىنى يوقىتىپ، بارماقلار بېشىدىكى ئەتتىكەننى توختىتىشى بولدى.
تا ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قەدەر يېزا قىزلىرى قوللىرىغا خېنە قوياتتى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: خېنىغا زەمچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۆمۈر ھاۋانچىدا يۇمشاق سوقۇپ، ئاخشىمى خېنە بىلەن زەمچە ئارلاشمىسى ئالىقانغا سېلىنىدۇ ۋە بارماقلار يۇمۇلۇپ تىرناق ئۈستىگىمۇ قويۇلۇپ، قېرىقىز يوپۇرمىقى بىلەن ئورىلىپ ئۈستى ياغلىق بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ باغلاق ئەتىگەنلىكى يېشىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ياز بويى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىناتتى. خېنە بويىقى ئالقان ۋە بارماقلاردا يۇيسىمۇ چىقماي ئۇزاق ساقلىناتتى.
مومام مەريەمخاننڭ دېيىشچە خېنە قويغان قىزنىڭ بارماقلىرى ئەتتىكەن بولمايدۇ، قولى ئاغرىمايدۇ. بۇ تەرىپلەر مۇشۇ قۇرلار مۇئەللىپنىمۇ بىر نەچچە قېتىم خېنە قويۇشقا مەجبۇر قىلغان .بىراق خېنە تەركىبىدە قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى مومام نەدىن بىلەتتى دەيسىز. ئۇنىڭدىن بۈگۈنمۇ مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما قولى ئەتتىكەن قىزلار كۆپ. چۈنكى ھازىرقى زامان قىزلىرى خېنە قويمايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر قىزلىرى شۇ كونا ئادەتنى جانلاندۇرۇپ خېنە قويسا ئۆز قولىنى ئۆزى ئاسرىغان بولاتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە ياپياش قىزلارنىڭ قولۇم ئاغرىيدۇ دېگىننى ئاڭلىغىنىمدا قۇۋۇرغىلىرىم ئېگىلىپ كېتىدۇ. ج.ئىسىملىك خادىم نۆۋەتتىكى ئوتپوسكىدىن ئىشقا قايتتى. مېنى يېشى يېتىپ قالغان ئايالنىڭ قولىغا خېنە قويىۋالغىنى ئەجەبلەندۇردى.
– ياشلىقىڭىزنى ئەسلەپسىزدە، دەم ئېلىشتا يۈرۈپ ،- دەپ چېقىشتىم.
– ئۇ دېگىنىڭىز توغرا،- دېدى مىيىقىدا كۈلۈپ ،- بىراق ،ئاساسى نەرسە قوللىرىمنىڭ ئەتتىكەن بولىشى ئەمەس، كىيىنكى ۋاقىتلاردا تاپىنىم قىزىپ ئارامىمنى يوقىتىپ قويدۇم. مومام رەھمىتى « يادىڭدا بولسۇن ، مۇبادا تاپىنىڭ قىزىپ بىئارام قىلسا، دەررۇ قولۇڭغا خېنە قوي»،دەيتتى. مومامنىڭ شۇ تەلىمىنى ئەسلىۋىدىم، سەت كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟
– ياق، ئاتا-بوۋىلار ئەخمەق ئادەملەر ئەمەسقۇ. مېنىڭ تەخمىنىمچە، ئۇلار ئۇنى ھايات تارازىسىدا ئۆلچەپ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار بىزگە يېتىپ كەلگەن.
ئاڭلىغان قۇلاقتا نېمە ئەيىب بولسۇن! ج.نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانغا قەدەر «تاپىنىم قىزىيدۇ،- ئۇنىڭغا نېمە دورا؟»دېگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىغان . بەختكە قارشى ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ھەممىسى دورا تېپىۋالدىمۇ ،بىرەرسىنىمۇ ئۇچراتمىدىم.
ھە راسلا، بىر يىلى ئانام رەھمىتى بىزنىڭ ئۆيدە بەش-ئون كۈن بولۇپ، ئاندىن تاشتىقارىغا كېتىۋىدى.(ئۇ يەردە مېنىڭ قېرىندىشىم تۇرىدۇ). شۇ يەردە ئاپامنىڭ تاپىنى قىزىپ خېلى ئاۋارە قىلغان ئوخشايدۇ. كىيىن سىڭلىمدىن «قوينىڭ يېغى بارمۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ئانام سىڭلىم ئالدىغا كەلتۈرگەن ياغدىن قەلەي قوشۇققا ئېلىپ ، دوخوپكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى تاپىنىغا مايلاپتۇ .ئۇنى ئۇدا ئۈچ كۈن كېچىسى مايلىغان .
– بىرىنچى كېچىنىڭ ئۆزىلا ئارام ئېلىپ، شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەنكى، ئويغانسام ئۇششاق بالىلار مەكتەپكە كېتىپتۇ،-دەيدۇ ئانام،- ھازىر تاپىنىم جىم، بالام بۇنى قۇلىقىڭدا تۇت. كېرەك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
مەنغۇ ھازىرچە ئۇ ئاغرىققا دۇچار بولغىنىم يوق.ئەمما ئۇ ئادەم تاللىمايدۇ. بۈگۈنكى تاپچىلىق زاماندا قوينىڭ قۇيرىقىنى تېپىش ھەممىگە نېسىپ بولىۋەرمەس. خېنىنى تېرىپ قويسا قانداق ياخشى.

بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن چۈشۈشى

بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ، ئېھتىياتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل.لېكىن ئادەم قىلغاننى ئادەم نېمىشقا قىلالمايدۇ؟ دېگەن نەزەردىن قاراپ ئۇنى ھېكايە قىلماقچىمەن. چۈنكى تۇرمۇشتا بالىياتقۇسى ئورنىدىن قوزغىلىپ دەرت تارتىۋاتقان ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس.بۇ شۇلارغا قىلغان بىر ساۋابلىق ئىش بولسۇن،دېدىم. ئورنىدىن تامامەن چۈشۈپ، تېشىغا چىقىپ قالغان بالىياتقۇنى پەقەت كەسپى دوختۇرلار ئاغرىقخانىلاردا داۋالايدۇ.بۇ ئۇسۇلنى ماڭا ئا ئىسىملىك كىشى ئۆز ئاغزىدا ئېيتىپ بەردى.
– ئايالىمنىڭ ئىككى بىقىنى قىسىپ، قورسىقى تۆۋەن تارتىپ ئاغرىپ بولمىغاندىن كىيىن،- دەيدۇ ئا،- دوختۇرغا بارغانىدى.ئۇلار ئۆيدىكىلەرگە«بالىياتقۇڭ تۆۋەن چۈشۈپ كېتىپتۇ»،دەپ دىئاگنوز قۇيۇپ، جىققىدە دورىلارنى بېرىپتۇ.ئۇلارنى خېلى ئۇزاق ئىچتى. ئەمما،ئايالىم ئۇنىڭ بىلەن ياخشى بولۇپ كەتمىدى.كۈندىن-كۈنگە جۈدەپ قۇرۇشقا باشلىدى.شۇندا ئۆز ئانامنىڭ شۇنداق ئاغرىق بىلەن ئالدىغا كەلگەن (ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم) ئاياللارنى قانداق داۋالىغانلىقى يادىمغا چۈشتى. بۇنى مەن ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىپ، ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلەشتۇق.
شۇنىڭ بىلەن كەچقۇرۇنلۇقى ئايالىمنى يەردىكى گىلەم ئۈستىگە ياتقۇزدۇم ۋە ئىككى پۇتىنى تىزىنىڭ ئاستىدىن كۆتۈرۈپ سىپايىلىق بىلەن كەينىگە قارىتىپ، ئاستا سىلكىدىم. ئانام شۇنداق قىلاتتى ۋە تاپىنى بىلەن دوۋسۇنغا تېپىپ قوياتتى.مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ھېلىقى سىز بەرگەن قېلىن يوپۇرماقلىق تىكەن گۇلنىڭ(ئالوي) شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچكۈزدۈم. سىلكىشنى ئۇدا ئۈچ كۈن قىلدىم. بىراق شىرنىنى ئۇزاق ئىچتى. مۇشۇ كۈنلەردە ، خۇداغا شۈكۈر،ئايالىم ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىپ يۈرىدۇ.ئاغرىقنى ئاغزىغا ئالمايدۇ. يېزىلارنى ئارىلاپ كاماندۇرۇپكىدا يۇرگىنىمدە بىر ئۆيگە يىغىلىپ ، تۆت-بەش كۆڭلى يېقىن ئاغىنە ئولتۇراتتۇق. شۇندا«ئۆيگە كىشى كېلىپ قالدى» دەپ ئاغىنىلەرنىڭ بىرىنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ئەجەبلىنىپ كەتمىدى.ئۇنىڭ كەتكىننى مەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. ئەتىسى ئىككىمىز يەنە دىدار كۆرۈشتۇق.
– ئاخشام ئۆيۈڭلەرگە كىم كەپتىكەن؟ – دەپ سورىدىم.
– سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، ئورنىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئاشقازاننى كۆتۈرۈش ھۈنىرىم بار ئىدى، -دېدى ئاغىنىمىز، – ئاخشام قوشنا يېزىدىن بىر ئايال ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭغا سەۋەب قىلدىم.
– ناھايىتى ياخشى ھۈنىرىڭلار بار ئىكەن، ئاداش، ئۇنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز، يا مەخپىيەتمۇ؟
– ئۇنىڭ نېمىسى بار؟ بەرىبىر سىز مېنىڭ ھۈنىرىمنى تارتىپ ئالالمايسىز،- دېدى دوستىمىز ۋە ئورنىدىن قوزغالغان بالىياتقۇنى قانداق كۆتۈرىدىغانلىغىنى ئەينەن سۆزلەپ بەردى،- ئالدى بىلەن بىمارنىڭ قورسىقىنى كەينىگە ، يەنى تۆشى تەرەپكە ناھايىتى سىپايىلىق بىلەن سىيرىپ سىلايمەن. ئاندىن پۇتىنى كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپ ، يەنە سىپايىلىق بىلەن ئىككى- ئۈچ سىلكىپ يەرگە ئاستا چۈشۈرىمەن ۋە يۇمشاق يەرگە ئوڭدىسىغا ياتقۇزىمەن. بەش- ئون مىنۇت دەم ئېلىپ يېتىشى شەرت. بىر قېتىمدىلا ئىش پۈتمەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئاشقازىنى بىرىنچى قېتىمدىلا ئۆز ئورنىغا چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۈچ قېتىم ئۇدا كېلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئورگانىزىمى ئوخشاش ئەمەسقۇ. بىراق شۇنىڭدىن كىيىن بىمار كەم دېگەندە 15 كۈن ئۆزىنى قەتئىي ساقلىشى لازىم.
يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى خەلق ئارىسىدا ئاندا- ساندا ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۇنى بىلگەن بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر جىم. ئازاب چېكىۋاتقانلار قانچىلىك؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئاددىي، لېكىن نەتىجىسى يۇقىرى ئۇسۇلنى نېمىشقا تەرغىپ قىلمايمىز؟

سۈيدۈك تۇتۇلۇش

بىرەر ھەپتە كاماندۇرۇپكىدا بولۇپ كەلسەم، ئۆيدىكىلەر :
– چىۋىن قالتىس دورا ئىكەن،-دەپ،ماڭا يا ئاتام،يا ئانام ئاڭلاپ كۆرمىگەن يېڭىلىقنى تەخسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
– ئۆيدە ئولتۇرۇپ تاپقىنىڭ شۇمۇ؟ بەلكى تاشمۇ دورىدۇ!- دەپ تەنە قىلدىم،- مۇشۇ ئايال كىشى دېگەننىڭ تاپمايدىغىنى يوقتە!
– سىز تېرىكمەڭ،- دەيتتى ئۆيدىكىلەر سوغۇققانلىق بىلەن،- ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ھېلىقى موماي يەنە بىر كىتاب تېپىپ كەپتۇ، بىر ھەپتىگە سوراپ كەلگەن ئوخشايدۇ،«كامال خەيرلىك ئىشنى قولىغا ئالغان ئىكەن ئاخىرىغا چىقسۇن»دەيدۇ. ئاخشام كىرىپ چىقىپ كەتتى.
– ئە چۈشكىنە، نېمە كىتاب ئىكەن ئۇ، مەن كۆرەي،- دەپ بايىقىدىن سەل بوشىشىپ سۆزلىدىم.كىتابقا ئىشەنمەيدىغان ئۆيدىكىلەر مېنى ساقلاتمايلا كىتابنى كۆتۈرۈپ كىردى.
– سىزغۇ كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ، قولىڭىز بىلەن تۇتمىغىچە ئىشەنمەيدىغان ئادەم،- دەپ كىتابنى قولۇمغا بەردى.
م. ئا كوزلوپنىڭ «جىۋىئې ئورگانىزىمى- سىپۇتنىكى چېلاۋېكا»
دېگەن كىتابى بولۇپ ، كىتابتا تەكىتلىنىشىچە، چىۋىن سۈيدۈك
ماڭدۇرىدىغان دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن. ئاتاقلىق رۇس ۋراچ، پروفېسسور س. بوتكىنىڭ تەكلىپى بىلەن 1876-يىلى ئالىمنىڭ شاگىرتى ت. ئى . بوگامولوف چىۋىننىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا قىلىدىغان تەسىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن سۈيدۈك ماڭدۇرىدىغان دورا ئىشلىگەن. شۇنداق قىلىپ، چىۋىن دورا سۈپىتىدە ئىلمىي تىبابەتچىلىككە كىرگەن. لېكىن بۇ «- مەينەت» دورا دەپ ئۆتمەي ئەمەلدىن قالغان. بىراق بەزى دوختۇرلار بۇ دورىنى بۈگۈنمۇ جىددىي ئەھۋالدا باشقىلارغا سەزدۈرمەي قوللىنىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ.
دۇنياغا مەشھۇر س. پ. بوتكىن چىۋىننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىگە ئىقرار بولىۋاتقىنىدا، تۇرۇپلا خىيالىمغا چىۋىننى يىغىپ قۇرۇتۇپ قويۇش كەلدى. دورىخانىغا باردىم- دە چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان پالاق سېتىۋالدىم. ئاشخانىدا ئولتۇرىمەندە، چىققان چىۋىننى پالاق بىلەن ئاستا شاققىدە ئۇرۇپ، ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان سەرەڭگە قېپىغا سالىمەن. شۇنداق قىلىپ، بەش سەرەڭگە قېپى چىۋىنگە توشتى. كېرەك تاشنىڭ نېمە ئېغىرلىقى بار؟ كىيىن مەن تاشكەنتكە ئىشقا يۆتكەلدىم. بىراق تۇرار جايىم ئالمۇتا. چاقىرغاندا تاشكەنتكە بېرىپ قايتىمەن. بىر كۈنى كەلسەم:
– بىرى كۈندە دېگۈدەك تېلېفون بېرىپ بېشىمنى قاتۇرۇۋەتتى،- دەيدۇ ئۆيدىكىلەر،- كېرەك ئىدى دەيدۇ.
– كېرەك بولسام، ئىزدەپ يەنە تېلېفون قىلار،- دەپ ئولتۇرۇشۇمغا تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى.تۇرۇپكىنى ئالسام،غ.ئىسىملىك تۇنۇشۇم ئىكەن.
– ئاكا،سېنى تۇتۇش تەس بولۇپ كەتتى،- دېدى ئۇ سالام سائەتتىن كېيىن.
– گەپ بارمىدى؟
– ئايالىمنىڭ ھەدىسى ئاغرىق ئىدى. ھازىر سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ قېلىپ ناھايىتى قىينىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرسىكەن دەپ.
– قېرىندىشىم، ئىشەنچىڭگە رەھمەت، بىراق ھەدەڭ بىر، ئايالىڭ بىر دورىخانىنى باشقۇرىۋاتىدۇ،ھەممىسى ئالىي مەلۇماتلىق دوختۇرلار. سىلەرگە قانداق مەسلىھەت بېرىشىم مۇمكىن؟
– دورىخانىنى باشقۇرغىنى بىلەن قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيۋاتمامدۇ؟
– ئۇكا مۇنداق قىلايلى.سەن ئايالىڭ ياكى ھەدەڭ بىلەن مەسلىھەتلەش. مەن كوزلوف دېگەننىڭ كىتابىدىن ئالدى سۈيدۈكى تۇتۇلغانغا قۇرۇتۇلغان چىۋىننى ئىچىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتنى ئوقۇغان. ئەگەر ھەممىسى رازى بولسا ، قايتىدىن تېلېفون قىل، مەن ئۆيدە بولىمەن، شۇنى بېرەي.
ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتمەيلا غ.يەنە تېلېفون قىلدى. مەن ئوقۇغان كىتابنى ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئوقۇغان ئىكەن. لېكىن چىۋىننىڭ دەل شۇ ئاغرىققا دورىلىغىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. «شۇ دورىسىدىن بەرسۇن، بىز ھەققىنى تۆلەيلى» دېگۈدەك،ماڭا پۇل ئەمەس، ئادەم ھاياتىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتىم.
ئارىدىن ئىككى- ئۈچ ئاي ئۆتۈپ غ.نىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە بىر ئايال دورا سوراپ كەپتۇ. سىڭلىسى ئاغرىۋاتقان ئىكەن. قارىماققا بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش. ئامما قېرىندىشىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاپىرىن ئېيتتىم.
چىۋىننى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قۇرۇتۇلغان چىۋىننى تۆمۈر ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاش لازىم. ئاندىن ئۇنىڭدىن كىچىككىنە بىر چىمدىم ئېلىپ يا قايناقسۇدا ياكى سىنچايغا قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىش كېرەك. ئارقىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ، سۈيدۈك مېڭىشقا باشلايدۇ.
بىزنىڭ مىكرو رايوندا تۇرسۇن ئىسىملىك قوشنا بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق.ئايالى بۆرەك ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
– ئايالىمنىڭ سۈيدۈكى ماڭماي، كۈپتەك ئىششىپ كەتتى،- دېدى ئۇ پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ،- دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قايتۇرۇۋەتتى. نېمە قىلارىمنى بىلمەي بېشىم قېتىپ ئولتۇراتتىم. قوشنا بوۋاي ئەھۋال سوراپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن يوشۇرماي ئېيتتۇق.
– ئەگەر بۆرەك ساق بولسا،- دېدى ئۇ،- ئىششىقنىڭ كارى چاغلىق. زەي يەرگە كىرسەڭ ئېشەك قۇرتى بار. شۇنىڭدىن يەتتە تال تېرىپ، سەل سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇدا ئەزسەڭ، سۇ خۇددى سۈت قوشقاندەك بولىدۇ. ئۇنى داكىدا سۈزۈپ بىمارغا كەينى-كەينىدىن ئىچكۈز. ئۈچ-تۆت سائەتتىن كىيىن، سۈيدۈككە ئىگە بولالماي قالىسىلەر. مۇبادا بۆرەك تازا بولسا، ئايالىڭ ئەتىلا يەر دەسسەپ تۇرۇپ كېتىدۇ.
بوۋاينىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدۇق. بۇ دورا سۈيدۈكىنى شۇنچىلىك قوغلىدىكى، سۇنىڭ تۈگىمەي چىقىۋاتقىنىغا ھەيران قالدۇق. بىراق، بەختكە قارشى رەمىتىنىڭ ھەر ئىككى بۆرىكى كاردىن چىققانىكەن.
يۇقىرىدا سۇلۇق ئىششىقتا (ۋوديانكا) رۇسلارنىڭ چىۋىننى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېشەك قۇرتىنى (ئۇيغۇر ناھىيىسىدە بۇ زەي قۇرتى ھۈدېسىلىم دېيىلىدۇ) دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېكايە قىلىندى. راست، ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتمايدىغان نەرسىلەر. ئىلاج قانچە، ياماننىڭ دورىسى يامان دەيدىكەن.

بەل ئۈزۈش

مۇشۇ كۈنلەردە نەگىلا بارماڭ، ئىككىنىڭ بىرىدىن «بېلىم ئاغرىيدۇ» دېگەن شىكايەتلەرنى ئاڭلايسىز. بېلىگە تۆگە يۇڭىدىن ياكى ئىتنىڭ تېرىسىدىن ئىشلىگەن بەلدەمچە باغلاپ يۈرگەنلەر كۆپ، بىز بالا چاغلاردا ھېلىمۇ يادىمدا، پەقەت چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ بەزىلىرىلا بەل ئاغرىقى توغرىسىدا گەپ قىلاتتى. ھازىر بۇ ئاغرىق ھەتتا ياپياش بالىلاردىمۇ ئۇچرىشىپ يۈرىدۇ.
راست، بەل ئاغرىقىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى ۋە سەۋەبلىرى بار. ئۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەرنىڭ ئاغرىقى بۆرەكتىن، بەزىلەرنىڭ ئۇمۇرتقىغا تۇز يىغىلغاندىن، بەزىلەرنىڭ سوغۇق تەگكەندىن، يەنە بىرلىرىنىڭ جۇغىغا قارىماي ئېغىر يۈك كۆتۈرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەرقايسىسىغا ئۆز لايىقىدا ياندىشىپ داۋالاش ئىشىنى يۈرگۈزۈش لازىم.
ئۆتمۈشتە تۇخۇم سېرىقىغا تەرتەز يارمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن چاپلايتتى. يەنە بىر ئۇسۇلى، ئۇنى ھازىرقى ياشلار بىلمەيدۇ. چوڭلاردىن يادىدىن كۆتۈرۈلگەن. بىز بالا ۋاقتىمىزدا بېلى چىم بولۇپ قالغان ئادەم قاتتىقراق يەرگە دۈم ياتقۇزۇلاتتى. (بۇ مېنىڭچە بولغاندا ھازىرقى ماسساجنىڭ بىر تۈرى) ۋە بارماقلار بىلەن بەلنىڭ تېرىسى تارتىپ سوزۇلاتتى. ئاخىرىدا بىمارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىككى جەينىكىنى قوشۇپ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئۈچ – تۆت سىلكەتتى. شۇندا بەل غاس – غاس قىلىپ قالاتتى. كېيىن بىمار دەم ئالاتتى. ئاغرىق بىردەمدىن كېيىن بېسىلىپ، بىمار ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلاتتى. بېلىنى داۋاملىق ئۈچ كۈن بىر مەزگىلدە ئۈزگەن ياخشى.
كېيىنكى يىللىرى ئىش يۈزىدە بولغان يەرلىرىمىزدە خەلق تېبابىبىتىدە بار بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى يا ئەسلەۋاتقان ياكى قوللانغان ئادەمنى كۆرمىدىم ۋە ئاڭلىمىدىم. ئۇنىڭسىز ئاغرىقنىڭ ۋاقتى يېتىپ، بىمار ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
بەزىلەر «بەل چىم بولۇپ قالغاندا ئېغىر بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىسا چاپسان ساقىيىدۇ» دەپ رېتسىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ نەقەدەر ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان چاغدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى ئېغىر نەرسىنى تۇيۇقسىز كۆتۈرۈپ، باشتىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بەل ئومۇرتقىسىنى قايرىۋېلىش ياكى ئومۇرتقىنىڭ دەز كېتىشى ئېھتىمال، شۇنداق قىلىپ ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كۆرە دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىڭ. مېنىڭچە بولغاندا، ئىككىنچى ئۇسۇلغا نىسبەتەن بىرىنچى ئۇسۇل خەتەرسىز.

باشنىڭ تەڭ بولۇشى

كۈندە يېتىپ يۈرگەن ئورنىڭىز، كۈندە قويۇپ يۈرگەن ياستۇقىڭىز بولغىنىغا قارىماي، بەزىدە ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئېغىر ھېس قىلىپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىڭىز زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. سەل ھەرىكەت قىلسىڭىز، بېشىڭىزنىڭ ئىچىدە بىر يەر سانجىغاندەك قىلىدۇ ۋە ھەتتا كۆڭلىڭىزنىڭ ئېلىشىشىمۇ (بۇ تولىراق بالىلاردا كۆرۈلىدۇ) مۇمكىن. «يا ھاراق ئىچكىنىم يوق، بۇ نېمىشقا شۇنداق؟» دەپ ئەجەبلىنىسىز.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇ ئاغرىق ئادەمنىڭ جىسمانىي چارچىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھارغان ئادەم ئىشتىن كېلىپ ئاخشىمى ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. ھەتتا بېشىنىڭ ياستۇقتىن چۈشۈپ كەتكىنىنى ياكى ياستۇقتىن ساڭگىلاپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇخمايدۇ. يۇمشاق ياستۇققا يېتىپ نورمال ئۇخلاپ يۈرگەن ئادەم يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا قالغاندا بېشى قايسى ياققا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، شۇ تەرەپكە ساقىيىدۇ. ئاغرىقمۇ شۇ تەرەپتە سېزىلىدۇ ياكى نورمال يېتىپ ئۆگەنگەن ئادەم يېتىپ – قوپۇشتا سەل ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، باش ئاغرىقىنى چوقۇم ھېس قىلىدۇ. بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزمۇ سىناپ كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. بولمىسا، يىپ بىلەن باغلاپ قويغانغا باش ئاسانلا ساقىيىپ كەتمەيدۇ.
بۇ ئاغرىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ماڭا مومام مەريەمخانمۇ ئادەمنىڭ قاتتىق ھېرىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ چۈشەندۈرەتتى ۋە باش تەڭلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن قائىدە بويىچە ئادەمنىڭ بېشىغا بىمالال يەتكىدەك چوكا توملۇقىدا يىپ ئېلىنىپ ئوتتۇرىسىدىن چىگىلىدۇ. بىر قولىڭىزدا شۇ تۈگۈچنى، يەنە بىر قولىڭىزدا يىپنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، بىمارنىڭ بېشىنى تۆت تەرەپكە ئۆلچەڭ. مۇبادا باش تەڭ بولۇپ قالغان بولسا، يىپنى چىقارغاندا باشنىڭ ساقىغان تەرىپى بىلىنىدۇ. يەنە شۇ تەرەپتىكى يىپ ساڭگىلاپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ بېشىنى ئىككى ئالقىنىڭىز بىلەن تۇتۇپ ئۇياق، بۇ ياققا ئېغىتىڭ. ئاندىن بىر قولىڭىزنى مۇشت قىلىپ تۈگۈپ ئىككىنچى قولىڭىز بىلەن مۇشتنى ئاستا بىرنەچچە قېتىم ئۇرسىڭىز، تەڭ بولۇپ قالغان تەرەپ زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ بېشىنى يەنە ئىككى ئالقىنىڭىز ئارىسىغا ئېلىپ ئۇياقتىن بۇياققا سىلكىڭ ۋە پېشانىسىدىن چىمداپ ئۈزۈڭ. ئىككى قۇلاقتىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ تارتىڭ. ئاخىرىدا بېشىنى تەڭلىگەن يىپ بىلەن تارتىپ چىڭ قىلىپ باغلاڭ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈز يەرگە بەش مىنۇت ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇڭ. بەش مىنۇتتىن ئوشۇق بولسا، باشنىڭ قايتىدىن ئاغرىپ كېتىشى ئېھتىمال. كېيىن بىمار ئۆز ئورنىغا چىقىپ ئارام ئالسا بولىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا بىرەر سائەت كۆزىنى ئىلىۋالسا تېخىمۇ ياخشى.
بەزىلەرنىڭ «بۇنى يازمىسا نېمە بولاتتى. چۈنكى ئۇ ھەممە بىلىدىغان ئىشقۇ» دېيىشى مۇمكىن. بىراق ئارىمىزدا بۇ ئۇسۇلنى تۇخۇم چېكىش بىلەن چاتاشتۇرىدىغان يولداشلارمۇ بار ئىكەن تېخى. ھاياتتا تېخى شۇ ئاددىي ئۇسۇلنى بىلمەي خىمىيىۋى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئالدىرايدىغان يولداشلارمۇ كۆپ ئىكەن. خىمىيىۋى دورىلارنىڭ بىر يەرگە داۋا بولغىنى بىلەن ئىككىنچى يەرگە ئەكسىچە تەسىر قىلىدىغانلىقى ھازىر كۆپچىلىككە مەلۇم. شۇڭا دورا بىلەن ئورگانىزمنى زەھەرلىمەي باش ئاغرىغاندا مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىش لازىم.
تەتىلدە بىر كۈنى ئاكامنىڭ بۇرنى قاناپ، پەقەتلا توختىمىدى. قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈش، پاختا كۆيدۈرۈپ بېسىش دېگەندەك ئاماللار پەقەتلا كار قىلمىدى. ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن دەپ تىت-تىت بولۇپ تۇرغىنىمدا ئاپام كەلدى دە، دەرھال قارا قوڭغۇز تاپايلى دېدى، بىردەمگىچە ئۇنىمۇ تاپتۇق. ئاپام ئۇنى چوغنىڭ ئۈستىگە سىلىپ شۇنىڭدىن چىققان ئىسنى ئاكامغا « ئىچىڭگە سۈمۈر» دېدى… ئاجايىپ ئىش، شۇنداق قىلىپ قان توختىدى.

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (2)

تەسۋى

تېخى دىنىي ئىشلارغا كەڭچىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن چاغدا مەن ناماز ئوقۇشنىڭ سالامەتلىكنى مۇستەھكەملەشتە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ، تالاي – تالاي زامانداشلىرىمنى قايىل قىلغانىدىم. ھازىر ئۇ شۇ يولدىن قايتقىنىم يوق. چۈنكى بۇ بىرىنچىدىن، «تەن ھەرىكىتى». موسكۋادا نەشر قىلىنىدىغان «زدوروۋيې» (سالامەتلىك) «كرېستيانكا» (دېھقان ئايال)، «رابوتنىتسا» (ئايال ئىشچىلار) ژۇرناللىرى ۋە «سېميا» (ئائىلە) ناملىق گېزىتتە تازىلىقنىڭ ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا، قىزلار قانداق، ئوغۇللار قانداق يۇيۇنسا بولىدۇ، شۇ ھەقتە تۇراقلىق يېزىپ مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېيىنكى ئەۋلادتىن دەل شۇ كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلىۋاتقان ئادەمنى ھازىرغا قەدەر كۆرمىدىم. بۇ مەسىلىگە دىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. نامازغا تەييارلىق كۆرۈش قائىدىسىدە روشەن ئېيتىلغان. يەنى تەقۋادارلار كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق تەشۋىق ۋە كۆرسەتمە كېرەك ئەمەس. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى، يەنى سائەت ئالتىدىن ئون بەش، سائەت يەتتىدىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە مەخسۇس مۇزىكا چېلىنىپ، بىر ئادەم ئومۇمىي خەلقنى تەن ھەرىكىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ. تېلېۋىزوردىمۇ تەن ھەرىكىتى ئەستىن چىقىرىلغىنى يوق. مېنىڭچە بولغاندا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن بۇنىڭغىمۇ ئەمەل قىلىۋاتقانلار ساناقلىق بولسا كېرەك. بۈگۈن ھەممە ئىش جەريانلىرى مېخانىكىلاشتۇرۇلغان، ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان، ترانسپورتمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان دەۋردە ئىنسان ئۈچۈن تەن ھەرىكىتى ھاۋادەك لازىم. لېكىن ئۇنى ئويلاۋاتقان ئادەم يوق. ھەممە پەقەت تىرىكچىلىك كويىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئىشتا ئولتۇرۇپ ئىشلەيمىز، ئۆيگە كېلىپ تېلېۋىزور ئالدىدا قېقىپ قويغان قوزۇقتەك ئولتۇرىمىز. ھەتتا ئاش – تاماقنىمۇ شۇ تېلېۋىزورغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچىمىز. مېھمان كەلگەندىمۇ تېلېۋىزورىمىز سايراپ تۇرىدۇ. تەقۋادارلاردا يەنە تىنىم يوق. ئۇلار يۇيۇنۇپ – چايقىنىپ كۈنىگە بەش قېتىم قازا قىلماي ناماز ئوقۇيدۇ. ھەرىكەتلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭا؟ مۇشۇ كۈنلەردە مۇبادا دوختۇرخانىغا بارسىڭىز ناماز ئوقۇپ يۈرگەن چوڭلارغا نىسبەتەن ياشلار كۆپ. بىرىنىڭ ئۇ، بىرىنىڭ بۇ يېرى ئاغرىۋاتقان.
ئاساسىي ماۋزۇدىن سەل چەتنەپ كەتتىم، ئەمدى تەسۋى كېلەيلى. ۋەتەن ئۇرۇشىغىچە قەدەر ناماز ئوقۇيدىغان مويسىپىت بوۋايلارنىڭ تەسۋى تاشلىرىنى سانىغاندەك ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆپ كۆرگىلى بولاتتى. كېيىن ئۇ تىرىكچىلىك تۈپەيلى تامامەن ئەمەلدىن قالغان. دىنغا كەڭچىلىك بېرىلگەن بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇمۇ يەنە جانلاندى. مېنىڭچە بولغاندا، ئۇ تېخى دېگەندەك تەرەققىي ئەتمىدى. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال، ئەلۋەتتە. نېمىشقا دەيسىز دەڭ؟ مەن يۇقىرىدا ئادەم سالامەتلىكىنى مۇستەھكەملەشتە پاكىز يۈرۈشنىڭ، تەن ھەرىكىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدىم. بۇ جەھەتتىن تەسۋىمۇ كېيىن قالمايدۇ. مەسىلەن، كېيىنكى يىللىرى نېرۋىسى ئاجىز ۋە ئاغرىق كىشىلەرگە كەشتە بېسىش، تور توقۇش ئىشلىرىنى بىۋاسىتە تەكلىپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق داۋالاۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇلدا نېرۋا ئاجىزلىقىنى بىر تالمۇ دورا ئىستېمال قىلماي داۋالاشقا بولىدىغانلىقى ئىلمىي تەكشۈرۈرشلەر ئارقىلىق ئېنىقلاندى. بۇ ئۇسۇل جارى قىلىنمىغىنىدا بەل، پۇت ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىمارنىڭ ئىچ پۇشۇقىدا نېمە بولۇشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ كۆرۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ ئاخىرىغا چىققان ئادەمنىڭ ئاتىسىغا رەھمەت!
تور توقۇش ياكى كەشتە بېسىشنى مۇسۇلمان ئەرلەر پەقەت ئايال – قىزلارغىلا خاس تىرىكچىلىك دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنداق تور توقۇپ، كەشتە باسقۇسى كەلمەيدىغان بىمار ئەرلىرىمىزنىڭ نېرۋىسىنى نېمە بىلەن داۋالىشىمىز مۇمكىن؟ يا ئۇلار شۇ ئىلگىرىكىدەكلا قوپال، توڭ، سىركىسى سۇ كۆتۈرمەيدىغان، چېچىلاڭغۇ يۈرۈۋەرسۇنمۇ؟ ياق، دۇنيادا ئادەمدىن قىممەت ھېچنەرسە يوق. ئۇنداق بولسا تور توقۇشنى خالىمايدىغان ئەرلىرىمىزنىڭ نېرۋىسىنى قانداق مۇستەھكەملەش مۇمكىن؟ ئۇنىڭغا ئادەم ئورگانىزمىغا ئەكسىنچە تەسىر قىلمايدىغان دورا ياكى ھەرىكەت بارمۇ؟ بۇنىڭغا شەخسەن مەن «بار» دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن. بۇ بولسىمۇ تەقۋادارلىرىمىزنىڭ قولىدىكى تەسۋى.
تەسۋىنىڭ شىپالىق خىسلىتىنىڭ بارلىقىنى باشقىلاردىن مىسال ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، ئۆز ھاياتىمدىن ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.
مۇبادا خاتالاشمىسام بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرىغۇ دەيمەن، ئۆيدە ناھايىتى قاتتىق خاپا بولدۇم. نېمىشقا، ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن. ئۈستى – ئۈستىگە تاماكا چەكتىم. تالاغا چىقىمەن، ئۆيگە كىرىمەن. قوللىرىم، پۇتلىرىم غال – غال تىترەيتتى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۆيدە ماڭا بىرەرى لام دەپ ئېغىز ئاچتىمۇ بولدى، ئېغىز چىشىمغا ئېلىپ چاينىۋېتىشىم ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. تالادىن كىرىپ نېمىشقىدۇر پەس ئىشكاپنىڭ تارتمىسىنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئېچىپ يېپىۋاتىمەن. بىر تارتمىدا تەسۋى يېتىپتۇ. يۈز بىر دانە تېشى بار چوڭ تەسۋى. ئۇنى ئالدىم – دە، ياتاقخانىمىزغا كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالدىم. قولۇمدا تەسۋى، موللىلارنىڭ ئۇنىڭ ھەربىر تېشىنى نېمە دەپ سىيرىيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم! دېدىم – دە، ئاندىن تاشلارنى بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش دەپ ساناشقا باشلىدىم. خاتالاشمىسام ئون قېتىمغۇ دەيمەن، ساناقنى بىردىن باشلىدىم، ئاندىن كېيىن يۈزدىن تۆۋەنلىتىپ بىرگىچە، كېيىن يۈزدىن – بىرگىچە توختىماي ئۆتكۈزدۈم. يىگىرمە قېتىمدىن ئوشۇقراق قىلغان بولسام كېرەك، بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنداق تىڭشاپ كۆرسەم، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمدا بىر يېنىكچىلىك، تەمكىنلىك ھېس قىلدىم. بايا ۋۇجۇدۇمدا قاينىغان غەزەپ بېسىلىپ، نېرۋىلىرىم خۇددى ئورنىغا چۈشكەندەك كۆرۈنىدۇ. ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاپتىمەن، ئەتىگەنلىكى ئورنۇمدىن يېنىك تۇردۇم.
بۇ ئۇسۇلنى ئون كۈندە ئاخشىمى يالغۇز ئولتۇرۇپ داۋاملاشتۇردۇم ۋە دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم سورىدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىنى تۇتۇشقا، ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە چېچىلىشقا يول قويماسلىققا تىرىشىپ يۈرىمەن. سالامەتلىكىم يامان ئەمەس.
بۇنىڭغا ئوخشاش شىپابەخش تەسۋىنى ھەركىمنىڭ ئۆزى بىمالال ياسىۋىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كۈچ، ئەمگەك ۋە مەبلەغمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. تەسۋىنىڭ يۈز بىر تال بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن يوغان ئاددىي مۇنچاقتىن ئەللىك بىر تال كۇپايە. يىپقا ئۆتكۈزۈڭ – دە، پايدىلىنىڭ.
تەجرىبىدىن كۆرۈشىمىزچە، بۇ ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق زىيىنى يوق، پەقەت سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق ئۇسۇلدىن تۇراقلىق پايدىلىنىلسا، ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى ھايات ئىسپاتلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە نېرۋا جەھەتتىن تەلتۆكۈس ئادەمنى تېپىش ناھايىتى تەس. شۇڭا، بۇرادەرلەرگە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى ئېرىنمەي تەسۋى تارتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن..

قارا كىشمىش

كىمدۇر بىرى «خەلق – ئۇ بىر خەزىنە» دېگەنىكەن. لېكىن شۇ خەزىنىنى دەمال بىلىۋەرمەيمىز. ئادەملەر بىلەن پات – پاتلا ئۇچراشسىڭىز، سۆھبەتلەشسىڭىز ئېچىلمىغان ساندۇق، كۆمۈلۈپ ياتقان سىرنىڭ تولىلىقىغا كۆزىڭىز يېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نى – نى قىزىق، ئىبرەتلىك گەپلەرنى، ئىشلارنى ئاڭلايسىز. تېبابەتتىمۇ خۇددى شۇنداق. بىراق، ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، دەل بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنى تېرىپ تەپچىپ يېغىۋاتقان، توپلاپ كېيىنكى ئەۋلادقا قالدۇرۇش مەقسىتىدە تەر تۆكۈۋاتقان بىرەرىنى كۆرمەيسىز.
مەن تا كېيىنكى يىللارغا قەدەر كىشمىش دېگەن ئۆيگە پەقەت مېھمان كەلگەندە، توي – تۆكۈن، چايلاردا جوزىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە دەپ چۈشۈنەتتىم. ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقى ھەتتا چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن. ھەر نەرسىنى پەقەت بېشىڭغا كەلگەندىلا بىلىپ، قەدرىگە يېتەمسەن نېمە؟
يېقىندا تاشكەنسازغا مىسرەت ئىسىملىك شىرەم تۇغقان بىلەن بىللە باردۇق. خەلق تېبابەتچىلىكىدىن ئاز – تولا بىلگىنىم ئۈچۈن يەتمىشكە تاقاپ قالغان بۇ ئادەم مېنى گەپكە تۇتتى، ئاغرىق داۋالاشنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇللىرى، ئامىللىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. قېيناتا ئاغرىپ ياتاتتى. «باھانىدىن – باھانىغا سىز بىلەن بىللە بېرىپ بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قوياي. بىر ساۋابلىق ئىش بولسۇن» دېدى ئۇ.
– كامال مۇنۇ بوۋاينىڭ بېشىنى پۈركىۋېلىپ ھېچ نېمىنى ئېيتقۇسى كەلمەيدىكەن، – دېدى مىسرەت ئاكا مەن ئۇنى ئۇزىتىپ تالاغا چىققاندا، – ئەمما بايقىشىمچە ئۇنىڭ بېغىرى (جىگىرى) ئاغرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى مېنىڭمۇ بېغىرىم ئاغرىپ، ئاغىنىلەردىن بىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قارا كىشمىش قاينىتىپ ئىچىپ، ياخشى بولۇپ قېلىۋىدىم.
– نورمىسى، قاينىتىش تەرتىپى يادىڭىزدا بارمۇ؟!
– بولمايچۇ، بىر كىلوگرام كىشمىشقا بىر كىلوگرام سەۋزە، سوغۇق سۇدىن چاغلاپ ئالىسىز. ئەپلىكرەك بولسۇن دېسىڭىز يېرىم كىلوگرام كىشمىش بىلەن يېرىم كىلو سەۋزىنى بىر قاينىتىپ ئىچكۈزۈڭ. ئىچىش نورمىسىدا چەك يوق.
مىسرەت ئاكا كەتتى. مەن ئويلاشقا قالدىم. قارا كىشمىشمۇ، سەۋزىمۇ ئادەم يېسە ئۆلىدىغان نەرسە ئەمەس. ھەر ئىككىسى ئوزۇقلۇق مەھسۇلات. راست سەۋەب بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. سەۋزىغۇ ئۆيدە بار، بىر كىلوگرام كىشمىش دېگەن نېمە؟ ئالمۇتىنىڭ كۆكتات بازىرىدا كۆپ. ئەتە بېرىپ دەررۇ ئەۋەتىپ بېرەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا دېگەننىمۇ نورما بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئىچكەن ياخشى. ئۆيدىكىلەرگە شۇلارنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالاي.
يەكشەنبە كۈنى تاشكەنسازدىن ئۇتتۇر بازارغا كەلدىم-دە، بىر كىلوگىرام قارا كىشمىشنى ئېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرگە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ يولغا سالدىم. قارا كىشمىش بىلەن سەۋزە قايناتمىسىدىن كۈنىگە تۆت مەزگىل تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ۋە ئاخشىمى يېتىش ھارپىسىدا 75 گراملىق ئىستاكاندا بىر ئىستاكاندا بىر ئىستاكاندىن ئىچىشكە تىرىلىدۇ.مۇبادا ئۇسساپ قالدىم دېسە، سۇنىڭ ئورنىدا بەر. بوۋاي بەرىبىر كۆپ ئىچمەيدۇ.
ئومۇمەن سەۋزە بىلەن كىشمىشنىڭ ئادەمگە قۇۋۋەت بېرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن تاشقىرى قاننى تۈزەيدۇ، قاننىڭ پائالىيىتىنى ئوڭشاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ مېنىڭ چۈشەنچەم.ئىككىسى بىرلەشسە بېغىردىكى ، بۆرەكتىكى، سۈيدۈك يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ، سوغۇق تەگكەن يەرلەردىكى زەخمىنى قايتۇرسا كېرەك. شۇنداقلا ئادەم ئىچىنى بوشىتىش خۇسۇسىيتىمۇ بار. شۇڭا بۇ دورىغا كۆپ ئۈمىد باغلىدىم.
ئۆيدىكىلەر بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتتى. ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا بوۋاينىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرۈپتۇ. تالا-تۈزگە چىقىشىمۇ نورماللاشقان ئوخشايدۇ.
– قىزىم، مەن ياخشى، ئەمدى ئۆيىڭىزگە بېرىڭ، تىرىكچىلىكىڭىزگە ئىگە بۇلۇڭ، دەپ قايتۇرىۋەتتى، – دېدى ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋابەن، – ئۇنى ئۆزىمۇ سوراپ ئىچىۋاتىدۇ. يەنە بىر كىلوگىرام كىشمىش ئەۋەتىپ بەرسەم نېمە دەيسىز؟
– گەپمىكەن شۇ،ئەۋەت، بولمىسا ئۆزۈڭ ئاپىرىپ بېرىپ كەل.
بۇ يەردە مۇنداق بىر لەتىپە ئېسىمغا چۈشىۋاتىدۇ.ئۇنى دېمەي مۇمكىن ئەمەس. ئېيتىشلىرىغا قارىغاندا يەھۇدىيلار- مەن ئەتىگىچە ئاغرىپ قالىدىغاندەك قىلىۋاتىمەن. بۈگۈن دوختۇرغا باراي، دەپ كېتەرمىش. رۇسلار بولسا بۈگۈن ئاغرىپ قېلىۋىدىم، دەپ دوختۇرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولار ئىكەن. بىزنىڭ مۇسۇلمانلار دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئۆز ۋاقتىدا ئەمەس، ئاغرىق ئوبدان جاندىن ئۆتكەندىلا يۈگۈرەيدۇ. مۇبادا «بېغىرىڭىز قاچاندىن بېرى ئاغرىيتتى؟» دەپ سورىسىڭىز. بەزىلەر ئۈچ – تۆت كۈننىڭ، بەزىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئېيتىدۇ. «بۈگۈن بولمىسا ئەتە توختاپ قالار» دەپ ئاغرىقنى راسا كۈچەيتىۋالىمىز. «قانداق قىلىمىز تىرىكچىلىك!» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغۇسى كېلىدۇ. قېيناتىنىڭمۇ ئاغرىقى خۇددى شۇنداق ئۇزاق يىللىق ستاژغا ئىگە ئاغرىقلاردىن. شۇڭا قارا كىشمىش بىلەن سەۋزە قانچە يۆلەكچىلىك قىلسىمۇ، ئاغرىق بىلەن كۈچ ئېلىشىش تەس. كونىنىڭ كونىلىقى بار. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالانغاندا ئاغرىق ئۇنىڭ بوينىغا مۇنچىلىك مىنىۋالماس ئىدى..

ناسۋال

بەزىلەرنىڭ «بۇ ئادەم خىيالىغا كەلگەنلا نەرسىنى يېزىۋېرىپتۇ – دە!» دېيىشى مۇمكىن. بىراق، مەن خىيالىغا كەلگەننىلا قەغەزگە چۈشۈرۈشنى ئەمەس، ھېچبولمىغاندا بىرەر ئادەمنىڭ جېنى ئارام ئالسۇن، دېگەن پىكىردە بولدۇم. بەلكى يازغانلىرىمدىن بىرەر – يېرىمى بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىقىمۇ مۇمكىن.
ھاكىمجان ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ھەر ئىككى كۆزى كۆزگە ئاق چۈشۈش ئاغرىقى بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى. قەددى – قامىتى كېلىشكەن، قاۋۇل يىگىتنىڭ بۇ پاجىئەسى خېلى – خېلىسىنى ئېچىندۇردى. ئاغرىقخانىلاردا ياتتى. تېۋىپلارغا كۆرۈندى. لېكىن ھېچنەرسە داۋا بولمىدى. كېيىنكى يىللىرى موسكۋادا ئەنە شۇنداق بىمارلارنى داۋالاش بويىچە مەخسۇس كلىنىكىلىق ئاغرىقخانا ئېچىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ بىچارە ئۈمىد بىلەن موسكۋاغا قاراپ يول ئالدى. ھاكىمجانلار «موسكۋاغا بېرىپ كەپتۇ» دەپ ئاڭلاپ، ھال سوراش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق.
– دوختۇرلىرى تولىمۇ سىلىق، مېھرىبان ئادەملەردىن ئىكەن، – دەيدۇ ھاكىمجان مىننەتدارلىق بىلەن، – ناھايىتى جىددىي، ئېرىنمەي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزدى. مېنىڭ قان بېسىمىم يۇقىرى. شۇ باھانە بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
– باشقا دورا بەرمىدىمۇ؟
– كۈل ئىلەشتۈرۈلمىگەن ناسۋال بىلەن سۇمبۇل (ۋالېرىئانا) يىلتىزىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق ئېزىپ پۇرا، دېدى.
ھاكىمجان چوڭ ئۈمىد باغلىغان دوختۇرلارنىڭ گېپىنى دەسلەپ چۈشەنمىدىم. ئۆيگە كېلىپ ئۇزاق ئويلاندىم. ھەممە پەرەزلەر بىلەن تەخمىنلەرنى تەھلىل قىلدىم. ناسۋالمۇ، سۇمبۇلمۇ بۇرۇندىكى شىللىق پەردىگە يەتكەندە ئادەم مەجبۇرىي يوسۇندا چۈشكۈرىدۇ. ئادەم ئۇنىڭسىزمۇ چۈشكۈرىدىغۇ. كۆپ ئويلىدىم، ھەممىگە مەلۇمكى، چۈشكۈرگەندە ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئورگانىزىمى كۈچلىنىدۇ. قاتتىق چۈشكۈرۈش تۈپەيلى ھەتتا بەزىلەرنىڭ بۇرنىدىن قان چىقىپ كېتىشىمۇ ئېھتىمال. بەزىدە كۆزدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. دېمەك، گلائۇكۇما بىلەن ئاغرىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن بۇ جەريان پايدىلىق بولسا كېرەك. قاتتىق ۋە يېنىپ – يېنىپ چۈشكۈرگەندە قان تومۇرلىرى، كلېتكىلار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تومۇرلار ئېچىلىدۇ. ياش بولسا يوللاردىكى «ئەخلەتلەرنى» ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ، قېتىپ قالغان نېرۋا تالالىرى ھەرىكەتكە كېلىشى چوقۇم.
ئۇغۇ شۇنداق. بىراق كۈل ئارىلاشتۇرماي تەييارلىغان ناسۋال قانداق؟ زادى ئەقلىم يەتمەيدۇ. چۈنكى مەن بالا مەزگىلىمدە بوۋامنىڭ قازاق ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيىدە ناسۋال ياساش جەريانىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ئۇ بوۋايلار تاماكا يوپۇرمىقىنى ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، ئاندىن چاكاندىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ئارىلاشتۇراتتى. بۇ بىرىنچى سورتلۇق ناسۋال ھېسابلىناتتى. ئۇنداق بولسا كۈل ئارىلاشتۇرماي ياسالغان ناس قانداق بولىدۇ؟
نۇرغۇن پېشقەدەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتىم. كۆپچىلىكى ناسنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىكەن. ئاخىرى 50-يىللارنىڭ بېشىدا ئۆمۈرلۈك جۈپتى ناس ياساپ ساتقان بىر موماينى تاپتىم:
– ھەي ئۇكام، ئۇ ئاسانلا ئىشقۇ، – دېدى موماي مىيىقىدا كۈلۈپ، – تاماكىنى ھاك سۈيىگە چىلاپ، ئاندىن قۇرۇتۇپ سوقسا، ناسۋال تەييار بولىدىغۇ. مانا سىزگە كۈل ئارىلاشتۇرمىغان ناسۋال. ھاكىمجانغا مەن بۇ ئۇسۇلنى سۆزلەپ بەردىم. لېكىن شەھەردىن ناسقا كېرەكلىك ماتېرىيالنى تېپىپ بېرىش قولۇمدىن كەلمىدى. ئىككى كۆزى كۆرمىسە ئۆزى نەدىن تاپسۇن. ئەمدىلا 50 نىڭ قارىسىنى ئالغان ئادەم ئۆيگە يىپسىز باغلىنىپ ئولتۇرىدۇ..

توخۇ ۋە توخۇ تاشلىقى

توخۇ گۆشى بىلەن شورپىسىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا مەن كىتابلاردىن ئازدۇر – تولا ئوقۇغان. زامانىۋى ئىلمىي تېبابەتچىلىك بولسا، توخۇ گۆشى بىلەن شورپىسىنى سىڭىشلىق يېنىك غىزا، دەپ ھېسابلايدۇ. ئومۇمەن تۇرمۇشتا توخۇ شورپىسى تولىراق ئىچنى بوشىتىش، تازىلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۈگۈن تۇرمۇشىمىزدا شورپا قاينىتىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئاتا – بوۋىلار ئۇسۇلىغا ھېچ يانداشمايدىغانلىقىنىي تەكىتلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بەزىلەر «مەن توخۇ شورپىسى ئىچىپ بىر راھەتلەندىم» دېسە، ئىككىنچى بىرلىرى «مەن ئۆيدىكىلەرگە توخۇ شورپىسى قاينىتىپ قوي دېدىم. تاماكا تاشلىغانىدىم. شورپا بىلەن ئىچىمنى تازىلىماقچىمەن» دەپ ماختىنىدۇ. توغرا، نۇرغۇن مۆتىۋەرلەردىن ئاڭلىشىمغا، ئاتامدىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمگە قارىغاندا، بۈگۈن بىز قاينىتىۋاتقان شورپا ئۇ پەقەت غىزا ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىكى شىپالىق خۇسۇسىيىتى تۆۋەن. بىزنىڭ ئائىلىدە ئاتام ئۈچۈن توخۇ شورپىسى تۆۋەندىكىچە تەييارلىناتتى:
ئانام قازانغا سۇ قۇيۇپ، توخۇ گۆشىنى سالاتتى. كېيىن قازانغا قاسقىنى كۆيۈپ، ئۇۋىلىپ چۈشۈپ تۈگىگەن كونا جىمبىلنى قوياتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدە كىچىك چىنە بولاتتى. شۇ تەييارلىقتىن كېيىنلا ئوچاققا ئوت تۇتاشتۇرۇلاتتى. قازان ئاستا قاينايتتى. قازان قاينىغانسېرى ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلگەن ھور بېرىپ تۇۋاققا تېگىدۇ ۋە سۇ بولۇپ چىنىگە چۈشىدۇ. بىر توخۇ گۆشىدىن ئوتتۇرا چىنە شورپا ئېلىناتتى. بۇ شورپا ئادەمنىڭ ئىچىنى بوشىتىپلا قالماي، ئۆت خالتىسى، بۆرەك، دوۋسۇنىدا پەيدا بولغان تاشلارنىمۇ ئېرىتىپ سۈيدۈك بىلەن سىرتقا چىقىشنى چاپسانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازانغا قۇۋۋەت بېرىدۇ.
– بۇرۇنقى زاماندا داڭلىق بىر تېۋىپ قىز چىققان ئىكەن، – دەپ ئاتام سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە تا مۇشۇ كۈنگىچە يادىمدا، – ئۇ ساقايتالمايدىغان ئاغرىق يوق ئىكەن. بىر كۈنى قىزنىڭ دادىسى ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچىنى سېلىپ بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپتۇ. بىراق ئاتىسىغا قىلغان دورىسى ھېچ داۋا بولماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قىز ئەجەبلىنىپتۇ. ئاخىرى ئاتىسىنىڭ ئىچىنى يېرىپ، ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاپتۇ. ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئاتىسىنىڭ ئىچىدىن كىچىك تۇخۇم چوڭلىقىدا تاش دېسە تاش ئەمەس، گۆش دېسە گۆش ئەمەس، بىر نەرسە چىقىپتۇ.ئۇنى سۈتكە سالسا ئېرىمەپتۇ.پىچاق بىلەن كەسسە كېسىلمەپتۇ.بولقا بىلەن ئۇرسا ئېزىلمەپتۇ. قىزنىڭ بېشى قېتىپتۇ. ئاخىرى ئۇنى توخۇ شورپىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئەتىسى قارىسا، ھېلىقى نەرسە مىچچىدە ئېرىپ كېتىپتۇ. شۇندا قىز ئاتىسىغا توخۇ شورپىسىنى بەرمىگىنىگە ناھايىتى ئېچىنغان ئىكەن.
بۇ لەتىپە مەنتىقىغە توغرا كېلىدۇ. ئاتامغا تەييارلانغان شورپىدىن ئۆزۈممۇ ئىككى – ئۈچ قېتىم ئىچىپ كۆردۈم. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم ئۆزىنى ھەقىقەتەنمۇ يېنىك ھېس قىلىدىكەن.
كېيىنكى يىللىرى بەزىلەر ئۆت خالتىسىدا، بۆرەكتە ۋە دوۋسۇندا تاش پەيدا بولغاندا ئۇنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە توخۇ تاشلىقى ئىچىدىكى يۇپقا پەردىنى قاينىتىپ، ئىچىپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۆزۈممۇ باشقىلارغا شۇنى سىناپ كۆرۈشنى ئېيتتىم. ۋ. ئىسىملىك ئەللىكتىن ئەمدىلا ھالقىغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولغانلىقىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيىگە يات دەۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورقۇپ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. مەن بۇ ئۇسۇلنىڭ ئادەم ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۆتى ئوپېراتسىيە يولى بىلەن ئېلىۋېتىلگەن بەزىبىر تونۇشلىرىمنىڭ سەكسەن يىلدىن ئوشۇقراق ھايات كۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم. لېكىن ئۇ ئوپېراتسىيىگە زادى رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا قولۇمدىكى توخۇ تاشلىقىدىن بەردىم – دە، تۆت قېتىم قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ئوتتۇز گرامدىن ئىچىشنى چۈشەندۈردۈم.
– سىز دېگەندەك تۆت كۈنلا ئۇدا ئىچىۋىدىم، ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن توختىتىپ قويدۇم، – دېدى ئۇ بىر كۈنى.
مەن ئۇنىڭغا تاشنىڭ تېز پارچىلانمايدىغانلىقىنى ۋە ئاسان چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. تاش ئۇۋىلىنىپ سىرتقا قاراپ ماڭغاندا، ئەلۋەتتە ئادەمنى بىئارام قلىدۇ، ئاغرىيدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا سۇلۇ پاخىلى بولسا، ئۇنى قاينىتىپ ياكى ئاددىي سۇنىڭ ئۆزىنى قاينىتىپ ئىلمان ۋاننا (يېزىلاردا شەھەردىكىدەك ۋاننىسى يوق ئۆيلەردە تەڭنىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) ئېلىش كېرەك. ئۇ تاشنىڭ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ.
توخۇ تاشلىقى پەردىسى قايناتمىسى ئۆت خالتىسى، دوۋسۇن ۋە بۆرەكتىكى تاشنى ئۇۋىتىدۇ، ئېرىتىپ چىقىرىدۇ، دېيىشىمدىكى سەۋەب، توخۇ سويغاندا تاشلىقنى يارسىڭىز، ئىچىدىن قۇم ۋە ئەينەك پارچىلىرى چىقىدۇ. دېمەك، تاشلىق تاش قۇملارنى ئېرىتىپ ئۇلاردىن توخۇ ئورگانىزمىغا لازىملىق ماددىلارنى چىقىرىپ بېرىش تۈگمىنى. مۇبادا ئۇنىڭ توخۇغا بىرەر پايدىسى بولمىسا، توخۇ ئۇلارنى شۈبھىسىز ئىستېمال قىلماس ئىدى. يەنە بىر نەرسە توخۇلار دانلاپ بولۇپ، تام تۈۋىدە تۇرىدۇ – دە، بوينىنى سوزىدۇ ۋە ئۇياقتىن – بۇياققا تولغىنىدۇ. شۇندا توخۇ تاشلىقىدىكى تاشلارمۇ، ئەينەكلەرمۇ ئۇۋىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ مەن ئىشەنچلىك ھالدا ئۆت خالتىسىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى قاينىتىپ ئىچىشكە بەرگەنىدىم ۋە ھەر كۈنى بېلىنى بەش – ئون مىنۇت تولغاپ ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدىم.
مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، ئۇ تاشلىق پەردىسى قايناتمىسىنى ئىككىنچى قېتىم ئىچكەندىن كېيىن ئوڭ بىقىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىچىشنى توختاتقان ياكى ئۇ تاشلىق قايناتمىسىنى ئۆزىنى سەل ياخشى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىغا يەتكۈزمەي توختاتقان. چۈنكى، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ئۇ ئوڭ بىقىنىم يەنە ئاغرىپ تۇرىدۇ، دېگەنىدى. كەسپىي دوختۇرلارنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۆت خالتىسى، دوۋسۇن ياكى بۆرەكتىن كەتكەن تاش ئورنىدا يەنە تاش پەيدا بولار ئىمىش. شۇڭا دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلغان بىمارنى ئاغرىقخانىدىن ئۆيىگە چىقارغاندا شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىر يىلغا يېقىن سۈيدۈك كۆپەيتىدىغان شىپالىق گىياھلار قايناتمىسىنى ئىچىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ۋ. غا مەن ئۇنىمۇ ئېيتقانىدىم. ئەگەر ۋ. ئۇنىڭ ئوڭ بىقىنى يەنە ئاغرىپ يۈرگەن بولسا، ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان چارىلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ياخشى بولۇپ قالدىم دەپ ئاچچىق – چۈچۈكلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان.
بەزىلەر توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى ھەتتا ئاشقازان راكىغىمۇ ئىشلىتىپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە دانە توخۇ تاشلىقى پەردىسىنى قۇرۇتۇپ تۆمۈر ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، سەككىز قېتىم كاپ ئەتكۈدەك دورا ياساش لازىم. ئۇنى كۈنىگە بىر قېتىم، تاماقتىن بىر سائەت ئىلگىرى سەل سوۋۇغان قايناق سۇ بىلەن ئىچىش تەكلىپ قىلىنىدۇ.
بۇ ئۇسۇلنى ئاڭلىغىنىم بىلەن تۇرمۇشتا سىناپ كۆرمىدىم. پايدىلىنىپ سىناپ كۆرۈش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىقداردا ئىچسە، ئۇنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا زىيىنى يوق..

قازان قورۇمى

بىزدىكى تاماق (بوغۇز) ئاغرىغىغا ئىلمىي تېبابەتچىلىكتە ئانگىنا، تانزىلىت ياكى يۇقىرى نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ دېسەم لاپ بولماس بەلكى.چۈنكى ھەممىسىنىڭ تومۇرى بىر. سوغۇق تېگىشتىن يۈز بېرىدىغان ئاغرىقلار.ئۇ ھەممىگە مەلۇم. بۇلاردا شىپالىق گىياھلاردىن غاڭزىگۈل، تىكەنگۈل،ئېۋكالىپت دەملەنمىسى بىلەن غارغار قىلىپ داۋالانسىمۇ بولىدۇ.ئۇ توغرىسىدا«شىپالىق يۈز ئون گىياھ»دا خېلى تەپسىلىي يېزىلغانىدى. شۇڭا ئۇنى تەكرارلاپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمىدۇق.
بۇ يەردە پەقەت قازاننىڭ قۇرامى توغرىسىدا ھېكايە قىلىشنى كۆزدە تۇتتۇم. مېنىڭچە، بولغاندا ئانگىناغىمۇ،تانزىلىتقىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈ نۈملۈكرەك دورا يوقمىكىن دەپمۇ ئويلايمەن.ئۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە مۇنداق بىر پاكىتنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇنىڭدىن خېلى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى، بىر كۈنى كەچكى تاماقتىن كىيىن، گېزىت ئوقۇپ ئولتۇراتتىم،چوڭ قىزىم:
-دادا، ئوغلىڭىزنى سوراپمۇ قويمايسىزغۇ؟-دەيدۇ.
-ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇدەك؟-دېدىم.
-ئىككى كۈن بوپتۇ، بېشىنى كۆتۈرمەي ياتقىنىغا، بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمەپتۇ، ھەتتا پاراڭمۇ قىلالمايدۇ.
-توۋا!-دېدىم-دە، ئورنۇمدىن تۇردۇم،بالا-چاقا بىلەن ئۈچ ئېغىز ئۆيدە بىللە تۇرىمىز. ئوغلۇم بالا-چاقىسى بىلەن ئاشخانا يېنىدىكى بىر بۆلمىدە.ئاش-تامىقىمىز بىر.ئەمما مەن كەلگەندە ئۇ ئىشتا بولاتتى، مەن ئىشقا ماڭغاندا ئۇ ئۇخلايتتى.قانداق قىلىسەن، تىرىكچىلىك!
ئىككىنچى بۆلمىگە چىقسام، راست، ئوغلۇم بېشىنى پۈركەپ يېتىپتۇ.نېمە بولدۇڭ دېسەم، گەپ قىلالماي تامىقىنى كۆرسەتتى.تەرلەپ تۇرىدۇ. مېھمانخانىغا چىقتىم. بۇ يەردە ئۇنى-بۇنى قويىدىغان جاي بار ئىدى.قازاننىڭ قۇرامى سېلىنغان قۇتام شۇ يەردە تۇراتتى. ئۇنى تاپتىم-دە، ئوغلۇمنى باشلاپ ئاشخانىغا چىقتىم.قورۇمىدىن ئاق قەغەزگە ئازراق تۆكۈپ سەرەڭگە تۇتاشتۇردۇم.ئوغلۇم دېرىزە ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.كۆرسەتكۈچ بارمىقىم ۋە ئوتتۇرانچى قۇلۇمنىڭ بارمىقى بىلەن بېسىپ قۇرۇمنى ئەزدىم.بارماقلىرىم قاپقارا بويالدى. ئاندىن ئوغلۇمنىڭ شىلىملىشىپ تۇرغان ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ، تامىقىنى بارماقلىرىم بىلەن ئۈچ نۆۋەت كۆتۈردۈم.ھەر قانداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى مەلۇم. ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىدىن مونچاق-مونچاق تەر چىقىپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم ۋە مومامنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تامنى غۇلاچلاتتىم.ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرگۈزۈپ،ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويدۇم. ئارىدىن يېرىم سائەتتىن ۋاقىت ئۆتۈپ ئاشخانىغا چىقسام ئوغلۇم تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپتۇ.
-ئەھۋالىڭ قانداق؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ياخشى. تامىقىم خېلى قويۇپ بەردى.
-تاماكاڭنى سەل توختىتىپ تۇرساڭ بولاتتى بالام، ئاز جاپا تارتمىدىڭغۇ.
-ئۇنىڭ دورىسى ئاسان ئىكەنغۇ، بىلمەپتىمەن.ئەمدى ئۆزۈمگە ئۆزۈم دورا قىلىمەن،-دېدى كۈلۈپ.شۇنىڭدىن بۇيان ئۇزاق يىللار ئۆتتى،لېكىن ئوغلۇمنىڭ بوغۇزۇم ئاغرىۋاتىدۇ،دەپ ياتقىنىنى كۆرمىدىم. بەزىلەر يىرگىنەمدۇ،يا كۆزىگە ئىلغۇسى كەلمەمدۇ بىلمەيمەن،داۋالاشنىڭ بۇ ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلىدىن پايدىلانماي،دوختۇرغا يۈگۈرۈشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.دوختۇرنىڭ ئالدىغا بارما،دەپ ئېيتالمايمەن.ئاساسى نەرسە،ۋاقىت ئۆتكۈزمەي ئۆيدە چاپسانراق داۋالان، دېمەكچىمەن. بەزىلەر «بىز شەھەردە تۇرساق، قازاننىڭ قورۇمىنى نەدىن تاپىمىز؟…» دەپ بۇنى چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرىدۇ. مۇشۇ كۈندە شەھەر ئاھالىسىدىن يېزا بىلەن تامامەن مۇناسىۋىتى يوق بىرەر ئائىلىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس دېسەم لاپ بولماس، بەلكى. قەلەي چۆمۈچ بىلەن قازاننىڭ تۈۋىنى قىرساڭ قۇرۇم چۈشىدۇ، ئۇنى بىر قۇتىغا قۇيۇپ ئېلىپ قويساڭ تۇرىدۇ، سېنىڭدىن نانمۇ، چايمۇ سورىمايدۇ، خالىغان چاغدا ئىشلىتىسەن.
بەزىلەر: «بۇ ئىش پەقەت ئاتا – بوۋىسى شۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەملەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ئۇ ئۇدۇم تالىشىدۇ» دېگەن پەتىۋاسىنى ئېيتىشىدۇ. بىكار گەپ. ئۇنداق دېيىشىمگە سەۋەب، مومام رەھمىتى راست، داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىناتتى. لېكىن ئۇ تىل سېلىپ كۆزگە چۈشكەن ئەخلەتنى ئالمايتتى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ چوڭ قىزى تۈگمەن يېزىسىدا كۆزگە چۈشكەن ئەخلەتنى تىل سېلىپ ئالغۇچى بىردىنبىر ئادەم. قېنى ئۇدۇم تالاشقىنى؟
مېنىڭچە بولغاندا، ئادەم قىلغان ئىشنى ئادەم چوقۇم قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئادەمدە ھەۋەس، تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك.
مومام مەريەمخان رەھمىتى تامىقىغا قاپارتقۇ چىققان ئادەمنىمۇ داۋالايتتى. قولىنى يەنىلا شۇ قازان قۇرامى بىلەن مايلاپ قاپارتقۇنى يېرىپ، ئىچىدىكى قان – يېرىڭنى چىقىرىۋېتەتتى. بىراق ئۇنىڭغا ئوبدانراق سەپسېلىۋالمىدىممۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدىممۇ، ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.شۇڭا مۇبادا ئۇنداق ئاغرىقى بار بىمار ئالدىمغا كەلسە، ئېۋكالىپىت دەملەنمىسى بىلەن چايقاشنى تەكلىپ قىلىمەن. ئۇ تېپىلمىغان تەقدىردە، غاڭزىگۈل قايناتمىسى بىلەن چايقىسىمۇ بولىدۇ. يېقىندا بىر قىزىق ئىش بولدى. قوشنىمىز كىرىپ:
¬- ئوغلۇمنىڭ (ئۈچ يېرىم ياشتا) تامىقى ئاغرىپ، دوختۇر بەرگەن دورىنى ئىچىپ، تامىقىنى چايقىغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. سىزدە بۇنىڭغا دورا يوقمۇ؟ – دەيدۇ. مەن قازاننىڭ قۇرۇمىدىن ئازراق بېرىپ، مومامنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئەتىسى قوشنىمىز:
– ئاكا، دورىڭىز ئاجايىپكەن، ئوغلۇمنىڭ تامىقىدىكى قاپارتقۇنى بېسىۋىدىم، ئىچىدىن يېرىڭ دېگەن ئېتىلىپ چىقتى. جېنىم بالام، شۇنىڭدىن كېيىن ياخشى، – دەپ رەھمىتىنى ئېيتتى.
خەلق ئارىسىدا ئانگىنا، تانزىلىت ئومۇمەن بوغۇز ئاغرىقىنى زەمچە دەملەنمىسى بىلەن چايقاش ئادىتى بار. مەن ئۇنىمۇ سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ كۆردۈم. ئەمما بۇ كۈنلەردە ئۇنى تېپىش تەس. زەمچىدىن دەملەنمە تەييارلاش ئۇسۇلى: ئارا چىنىدە ئوتتۇرا قايناق سۇ ئېلىپ، زەمچىنى شۇنىڭغا سالىمىز ۋە قوشۇق بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. تاماقنى كۈنىگە تۆت – بەش قېتىم چايقايمىز.
بەزىلەر «تاماق ئاغرىسا يىلان شورپىسى بىلەن بوغۇزنى چايقىسىمۇ ياخشى تەسىر قىلغۇدەكقۇ. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، تەجرىبىدە كۆرۈلۈشىچە تاماق ئاغرىقىدا ئۇمۇ ياخشى تەسىر قىلىدىكەن. تامىقىڭىزدا چايقىغان شورپىنى يۇتۇۋالسىڭىزمۇ زىيىنى يوق. ئۇ بوغۇزنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن سوغۇق تەگكەن يەرلەرگىمۇ، ئىچىڭىزدىكى باشقا ئاغرىقلارغىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ. لېكىن، يىلاننى مۇشۇ كۈنلەردە شەھەردە تۇرماق يېزىدا تېپىشمۇ تەس.
ماگىزىنلاردا ئالما سىركىسى سېتىلىپ تۇردى. ئۇنى ھەركىمنىڭ ئۆزىمۇ ياسىۋېلىشى مۇمكىن. مۇبادا قازان قۇرۇمىغا مىلانغان قولىڭىزنى ئاغزىڭىزغا سېلىشقا كۆڭلىڭىز تارتمىسا، بوغۇزىڭىزنى شۇ سىركە بىلەن داۋالىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىستاكان قايناق سۇغا (ئېغىز كۆيمىگۈدەك) چاي قوشۇقتا بىر قوشۇق ئالما سىركىسى ۋە بىر قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ تاماق چايقىسىڭىز. تاماق چايقالغان دورىنىڭ ھەممىسىنى بولمىسىمۇ، يېرىمىنى ئېچىۋېتىڭ. ئۇ قىزىلئۆڭگەچتىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىمۇ داۋالاپ، ئۈگىلەرگە يىغىلىپ قالغان تۇزنى ئېرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە….

تۇخۇم

تۇخۇمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭ – كىچىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىۋەرمىسە كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
تۇخۇم پەقەت مومام مەريەمخان ئىشلەتكەن دورا ئەمەس. ئومۇمەن ھەممە ئىشلىتىپ يۈرگەن نەرسە. مەسىلەن، بالىلىق ئانىلار يىراق سەپەرگە ماڭسا، بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قەغەزگە تۆكۈپ، نارەسىدىنىڭ بېشىنى چېكىلەيدۇ. بۇ بالىنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتمىسۇن، دېگەنلىك. ياكى بالا يىقىلىپ چۈشسىمۇ تەجرىبىلىك ئانىلار بالىسىنىڭ بېشىنى تۇخۇم بىلەن چېكىلەيدۇ. چۈنكى بۇمۇ بالا مېڭىسىنىڭ چايقىلىپ كېتىشىگە قارشى دورا، ھەممىسى توغرا. بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىز ھەم زىيىنى يوق ئادەتلەر.
ياكى مەسىلەن، بەزىدە ئۆزىڭىز بىپەرۋالىق قىلىپ پۇتىڭىزغا قايناق سۇنى تۆكۈۋالدىڭىز دەيلى. ئۇنى دەرھال داۋالىغۇدەك دورىمۇ يوق، شۇنداقتا نېمە قىلىش كېرەك؟ دەررۇ بىر تۇخۇم چېقىپ ئۇنىڭ ئېقىنى ساقىتىۋېتىپ، سېرىقىنى كۆيگەن يەرگە سۈركەڭ. ئاغرىق چاپسان بېسىلىدۇ ۋە چاپسان ساقىيىدۇ.
باش ئاغرىقى دەيمىز. ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا ئانالگىن ياكى تسىترامون ئىزدەيمىز. بۇ توغرا ئەمەس. باش ئاغرىغاندا، ئۇنىڭ تېگى – تەكتىنى ئىزدەپ تېپىش لازىم. بەزىدە باش قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىشى ئېھتىمال. دوختۇرغا بارسىڭىز ئۇنى بىردەمدىلا ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يېزىلارنىڭ بىرىگە بارسام، خېلىلا ياشانغان بىر ئادەمنى قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ دېيىشتى. سالام بەرگەچ ھالىدىن خەۋەر ئالاي، دەپ ئۆيىگە باردىم. قان بېسىمى 220گە يېتىپ، دوختۇرخانىدا يىقىلغىلى تاستاماس قاپتۇ. ئوكۇل سالدۇرۇپ، ئۆيىگە تېخى يېڭىلا كېلىپ ياتقانىكەن.
– تۇخۇم بارمۇ؟ – دەپ سورىدىم بىرىدىن.
– بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق نەرسە يوق. ئۆيدىكىلەرنىڭ چۈشلۈك تاماققا كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. شۇ كەلگەندە قوشنىلاردىن ئېلىپ چىقمىسا، – دېدى ئۇ. شۇ گەپلەرنى ئېيتىشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن نەقەدەر مۈشكۈل بولۇۋاتقانلىقى چىرايىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئورنىدىن قوزغالماسلىقىنى ئۆتۈندىم. مەن ئالدىرىماي ھەممىنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ئاغىنىنىڭ ئايالى چۈشلۈك تاماققا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
– كەڭلىكى تۆت – بەش سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى باش ئورىغىدەك لاتا ئېلىڭدە، بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى شۇنىڭغا سۈركەڭ، دۇكاننىڭكىگە قارىغاندا، ئۆينىڭ تۇخۇمى ياخشىراق. ئاندىن لاتىنى مانا مۇنداق: قاشنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ باشقا ئوراڭ. بىر قېتىمدىلا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، باش ئاغرىقى توختايدۇ. ئەمما ئۇنى ئۈچ كۈن ئۇدا تەكرارلاش كېرەك.
ئارىدىن ئىككى – ئۈچ ئاي ئۆتۈپ، بۇ يېزىغا يەنە يولۇم چۈشۈپ قالدى – دە، ئاغىنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە بېرىشقا توغرا كەلدى.
– مەسلىھەتىڭگە ئاپىرىن، – دېدى ئۇ.
– نېمە بولدى؟
– شۇ كۈنىگىچە بىز ئەخمەقلەر تۇخۇمنىڭ قۇدرىتىگە كۆز يۇمۇپ يۈرۈپتىمىز، – دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ، – ئۇنى پەقەت ئوزۇق قاتارىدا بىلىپ، شىپالىق خۇسۇسىيىتى يوق، دەپ يۈرۈپتىمىز. سەن دېگەندەك بىرىنچى كۈننىڭ ئەتىسىلا ئەسلىمگە كەلدىم. شۇنىڭدىن بۇيان مانا ئىككى ئايدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئۆتتى. قان بېسىمىم ئۆرلىمىدى. خۇدايىم، بىر جېنىڭغا مىڭ جان بەرسۇن.
بۇ تاسادىپىي نەرسە ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۇسۇل بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز جېنىغا ئارام تاپتى.
تۇخۇم توغرىسىدا سۆزلىگەندە خېلى گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ، بېلىنى چىم قىلىۋالغاندىمۇ تۇخۇم سېرىقى ياردەم بېرىدۇ. بەزىلەر تەرتىزنى ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاپ، بىر قوشۇق تالقاننى بىر تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەلگە چاپلايدۇ. بەزىلەر قارىمۇچ بىلەن ھەسەل، تۇخۇم ئۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن. قارىمۇچ بىلەن تۇخۇم سېرىقى ئارىلاشتۇرۇپ بەلگە چاپلىغاندا، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: تۇخۇم سېرىقى، قارىمۇچ(چوڭ قوشۇقتا سىيپاپ بىر قوشۇق) ھەسەل(بىر قوشۇق) بىلەن ئارىلاشمىسىنى تۆت قاتلانغان قول ياغلىققا مايلاپ، بەلنىڭ دەل ئاغرىيدىغان يېرىگە قويىمىز ۋە ئۈستىنى بىر نەرسە بىلەن تارتىپ باغلىۋالىمىز. بۇ ئۇسۇل كېچىسى يېتىش ئالدىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭغاندا ئۇنى ئېلىۋېتىمىز. دەسلەپكى ئۈچ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئادەم ئۆزىنى تېتىك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا داۋالاشنى ئۈزۈلدۈرمەي بىر ھەپتە قىلغان ياخشى. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ كېتىش كېرەككى، داۋالانغان ئادەم بىر ئاي ئۆزىنى ئېغىر ئىشلاردىن تارتمىقى لازىم.
تۇخۇم يېغى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىدە غاز، ئۆردەككە قارىغاندا، توخۇ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تېبابىتىمىزدە كۆپرەك توخۇ تۇخۇمى ئىشلىتىلىدۇ. تۇخۇم يېغىمۇ مانا شۇ توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۇنى مومام مەريەمخاننىڭ ياساۋاتقىنىنى تالاي قېتىم كۆرگەنمەن. ھېلىمۇ يادىمدا، تۇخۇم يېغى چىقىرىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى پۈتۈن پېتى قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئاندىن تازىلىنىپ سېرىقى ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئاستا كۆيۈۋاتقان ئوتقا قويسا ئېرىپ، مايغا ئايلىنىدۇ. ئۇ كۆيگەن يەرگە، ھۆل تەمرەتكىگە داۋا.
ھېلىمۇ يادىمدا، مومام رەھمىتى ئالدىغا قورسىقى ئاغرىپ، ئىچى توختىماي ماغدۇرى ئۈزۈلگەن بالىنى ئېلىپ كەلسە، بىر پارچە كىگىزگە(تولىراق قارا قوينىڭ كىگىزى ئىشلىتىلەتتى) بىر تال تۇخۇمنى چېقىپ قۇيۇپ، ئاغرىق نارەسىدىنىڭ ئىشتىنىنى يەشكۈزۈپ شۇنىڭغا ئولتۇرغۇزاتتى. 10-15 مىنۇتتىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ ئالاتتى. شۇندا قارىغۇدەك بولسىڭىز، تۇخۇمنىڭ ياكى سېرىقى، ياكى ئېقى يوق بولۇپ چىقاتتى. مەن ھەيران بولۇپ بىردەم كىگىزگە، بىردەم مومامغا قارايتتىم.
– بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان ھېچ نېمىسى يوق، – دەپ چۈشەندۈرەتتى مومام، – مۇبادا نارەسىدىنىڭ قورسىقى سوغۇقتىن ئاغرىسا، تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى، ئىسسىقتىن ئاغرىسا، ئېقىنى بالىنىڭ ئىچى شۈمۈرىۋالىدۇ ۋە ئۇ داۋا تاپىدۇ. مانا كۆردۈڭمۇ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى يوق، دېمەك بالىنىڭ ئىچى سوغۇقتىن ئاغرىغان.
تۇخۇمدا نارەسىدىنى قانچە كۈن ئولتۇرغۇزىدىغانلىقىمۇ يادىمدا، ئۈچ كۈن ئاخشىمى ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. شۇندىلا بالىنىڭ ئىچى ئۆتۈش توختايتتى. ئانىلار مومامغا سوۋغا – سالاملىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.
نارەسىدىلەر ئارىسىدىكى مۇنداق قورساق ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتىكى بۇ ئاددىي ئۇسۇل ھازىر تامامەن ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ ئەمەلدىن قالغان. مۇبادا بالىمىزنىڭ ئىچى ئۆتۈپ قالسا، دەررۇ دوختۇرغا يۈگۈرەيمىز. دوختۇرلارنىڭ دورىسى بولسىغۇ كاشكى. دوختۇردا بەزىلەرنىڭ ئىچى ئۆتۈش توختىسا، بەزىلەرگە ھېچنەرسە كار قىلمايدۇ. ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە بەزى تونۇشلارنىڭ بالىلىرىدىنمۇ كۆرۈپ، ئۆز دورامنى ياساشقا مەجبۇر بولغانمەن.
بۇ يەردە تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئەھۋالنىمۇ ئەسلەپ ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ. مۇبادا گېموروي تېشىغا چىقىۋالسا، ئۈچ كۈن ئۇدا، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ، بىر پاكىز لاتىغا قويۇڭ – دە، ئۈستىدە 10-15 مىنۇت ئولتۇرۇڭ. يارا ئۈچ كۈندە ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن توخۇ يېغىدا بەش كۈن داكا بىلەن تېڭىڭ..

يىلان

بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئۆزبېك تىلىدا چىقىدىغان «سائادەت» ژۇرنىلىدىمۇ ياكى «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىمۇ بىر ئالىمنىڭ يىلان توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئالىم ماقالىسىدە يىلاننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتى بارلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى «بىمەنە گەپ»دەپ،يوققا چىقىرىدۇ. مەن شۇندا ئۇ ئالىمنىڭ ئۆزىنى بىمەنە گەپ قىلىدىغان ئادەم ئىكەن دېدىم. چۈنكى مەن ئۇ توغرىسىدا سەل كېيىنرەك ھېكايە قىلىمەن. يىلاننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەممەن.كېيىنكى يىللىرى تۇغقان يوقلاش مەقسىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا بارغىنىمدا ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر ۋە خوتەن بازارلىرىدا تىرىك،قۇرۇتۇلغان،بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان يىلانلارنىمۇ(ئەپسۇس بۇ جانىۋارنىڭ قانداق ئاغرىقلارغا قوللىنىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەپتىمەن)ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.بۇ پاكىتلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە يىلاننىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئورنى بارلىقىنى ئىسپاتلىسا كېرەك.
تەپسىلاتقا بېرىلمەي،ئېنىق پاكىتلارغا تايىنىپ كۆرەيلى.
1946-يىلى ئالدىدا ئىسسىق قوتۇرغا مۇپتىلا بولغانىدىم.كىيىن ئۇ تۇرۇپلا سوغ قوتۇرغا ئايلىنىپ كەتتى.پۇت-قوللىرىمنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىمۇ،پۈتكۈل بەدىنىمدىمۇ شەلۋەرەپ،قىچىشىپ ئارامىمنى قويمىدى.ئولتۇرۇپ-قوپۇش مېنىڭ ئۈچۈن مۈشكۈل ئىش بولدى. ئۆزىمىز يىپ ئېگىرىپ توقۇپ، كىيىۋالغان ئىشتان-كۆڭلەككە چاپلىشىپ قالاتتى-دە،ئورنۇمدىن تۇرساملا جېنىم قاقشاپ كېتەتتى.چۈنكى بىر پارچە يەرنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ چىقاتتى.دوختۇرغا كۆرۈنۈۋىدىم.سېسىقتىن-سېسىق دورا بەردى.قانچە ئىخلاس قىلىپ ئىشلەتسەممۇ،ئۇنىڭدىن بىر تىيىنلىق پايدا بولمىدى.
ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن دەرستە پارتىغا جەينەك تىرەپ ئولتۇرسام،رۇس تىلى مۇئەللىمى ئولتۇر،دەپ بۇيرۇق بەردى.ئولتۇرىۋاتىمەن،مۇئەللىم،دېدىم.لېكىن ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ تۇرىۋالدى.ساۋاقداشلار ئالدىدا ھەممىنى ئوچۇق ئېيتىش مۇمكىن ئەمەستە.چۈنكى سەككىزىنچى سىنىپتا ئۆزۈمنى يىگىت ھېسابلاپ يۈرگەن بالىلارنىڭ بىرىمەن.سىنىپتا قىزلار ئولتۇرىدۇ.شۇڭا خۇددى سوغۇق سۇدا يۇغۇرۇلغان خام ناندەك بېزىرىپ تۇرىۋالدىم.مۇئەللىم مېنى سىنىپتىن چىق دېدى. ئىلاج قانچە،چىقىشقا توغرا كەلدى.تەنەپپۇستا بالىلار مېنى ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىزدەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزدى.رۇس تىلى مۇئەللىمى دەرستىن كېيىن ئىلمىي مۇدىرغا مېنىڭ «تەرتىپسىزلىكىمنى» ئېيتىپ شىكايەت قىلغانىكەن. ئۇمۇ ئەر، مەنمۇ ئەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى يوشۇرماي ئوچۇق ئېيتتىم.
– بۇ يامان بوپتۇغۇ، – دېدى ئۇ مېنىڭ ھالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، – بىرەر موماي، بوۋايلاردىن مەسلىھەت سوراپ كۆرمىدىڭمۇ؟ مۇنداق يۈرگىنىڭ بولمايدۇ. ئۆزۈڭگە نېمىشقا ئىچىڭ ئاغرىمايدۇ، – دېدى ئىلمىي مۇدىر.
شۇ دەقىقىدە بىردىن بوۋام رەھمىتى ھايات چاغدا ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاپئاق ساقىلى تۆشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئەرشىدىن ئىسىملىك بوۋاي يادىمغا كەلدى، ئۇ كىشى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى شۇ يىللاردىكى چوڭ گۆش دۇكىنىنى تۇتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆيى مەكتەپ ياتاقخانىسىغا يېقىن ئىدى. شۇ بوۋاينىڭ ئالدىغا كىردىم ۋە ئەھۋالىمنى ئېيتتىم. بۇ ياز ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى.
– ئوغلۇم، بىر يىلان تۇتقىن – دە، بېشىنى كېسىۋال، بوتۇلكىغا قاچىلاپ يەرگە كۆم. ئون كۈن بولغاندا ئاچساڭ، يىلان ئېرىپ مايغا ئايلىنىدۇ، شۇ مايدا بەدىنىڭنى ئۇدا بەش كۈن مايلاپ، ئاندىن مۇنچىغا چۈش، ئاغرىقىڭ مۇنچىدا قالىدۇ، – دەپ مەسلىھەت بەردى ئەرشىدىن بوۋاي. يىلان ئېرىپ چىققان ماي سېسىق بولغىنى ئۈچۈن دەرستىن كېيىن ياتاقخانىمىز نېرىسىدىكى ئەسكى تام ئىچىگە كىرەتتىم – دە، پۈتكۈل كىيىم – كېچىكىمنى يېشىۋېتىپ مايلايتتىم ۋە دەرس تەييارلاپ ئولتۇراتتىم.
ئالتىنچى كۈنى كەچ مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ قايتتىم. ئەتىسى قارىسام بەدىنىمدە بىئارام قىلغۇدەك نەرسە قالماپتۇ.
قىسقىسى،شۇنىڭ بىلەن قوتۇردىن مەڭگۈ خوشلاشتىم. ئەرشىدىن بوۋاينىڭ ياتقان جايى ئىلاھىم جەننەتتە بولسۇن! يېقىندا قوشنىمىز مەخسۇت دېگەن كىشى كىرىپ كەپتۇ. چاي ئۈستىدە قىلمىغان گېپىمىز قالمىدى. مەن ئەرشىدىن بوۋاينىڭ دورىسى بىلەن قانداق ساقايغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم.
– توغرا ئېيتىسىز،-دېدى ئۇ بىردىن سۆزۈمنى قۇۋۋەتلەپ،- بۇنىڭدىن خىلى يىل ئىلگىرى ئاغرىقخانىغا چۈشۈپ قالدىم. مېنى ئورۇنلاشتۇرغان بۆلمىدە چوڭ ياشتىكى بىر كىشىمۇ بار ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە تەمرەتكىدەك قىچىشقاق يارا بار ئىكەن. ئوكۇل ئۈستىگە ئوكۇل، دورا ئۈستىگە دورا ئېلىۋاتىمىز. بىراق، قىلغان دورىلار ئۇ كىشىگە ھېچ تەسىر قىلمىدى. مېنى ئاغرىقخانىدىن چىقىرىدىغان بولدى. شۇندا ھېلىقى كىشى:
– ئۇكا، سەن ئۆيۈڭگە چىقىپ كېتىپ بارىسەن، گېپىڭگە قارىغاندا يېزا بىلەن ئالاقەڭ خېلى چىڭ ئوخشايدۇ. ئوغۇل بالىلىق قىلىپ، ماڭا ئىككى تال يىلان تېپىپ بەرگىن. خىزمىتىڭ بىكارغا كەتمەيدۇ، ماڭا ئوخشاش ئاغرىقى بار بىر كىشى بۇ كاساپەت كېسەلدىن شۇ يىلاننىڭ گۆشىنى يەپ ساقىيىپ كېتىپتۇ، – دەپ نالە قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن ئاتام دېمەتلىك بۇ چوڭ ياشلىق كىشىنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم. رەھمىتى تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرگەنلا يەردە رەھمەت ئېيتىپ، مۈرەمگە قاقاتتى. چۈنكى يارىسى شۇ يىلان گۆشىنى يېگەندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىپتۇ.
يىلاننىڭ پەقەت مېيىلا ئەمەس، شۇنداقلا گۆشىنىڭ قىچىشقاققا شىپالىق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ئىككى پاكىت ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، دەرد تارتىۋاتقانلار ئاڭلاپ قالسۇن، دېگەن ئويدا يەنە بەزى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە قارار قىلدىم.
بەزىلەر يىلاننى تىرىكلا بوتۇلكىغا سولاپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ياز بويى ئاپتاپقا قاقلاپ قويىدىكەن. جانلىق نەرسە بولغىنى ئۈچۈن يىلان بوتۇلكا ئىچىدە ھاۋا يېتىشمەي، ئالدىدا كۆپۈپ، ئاندىن يېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياش نۇرىدا پەيدىنپەي ئېرىپ ماي ھاسىل بولىدىكەن. يىلاننىڭ بۇ مېيى ئاساسىەن بەل ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. يىلاننىڭ بېشى كېسىلمىگەنلىكتىن ماي زەھەرلىك بولۇپ، ئېچىشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن پەلكۈچ ياساپ، ئۇنى قويۇق سۈركىمەي، بەلكى ئىككى ياكى ئۈچ سىزىقچە تارتىپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىكەن. ئادەم چىدالماي قالىدۇ، دەيدۇ بىلگەنلەر. چونجا ئاپتوبۇس پاركى شوپۇرلىرىنىڭ بىرى بىلەن يولدا يولداش بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى ھېكايە قىلىپ بەردى.
ئۇنىڭ 8- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئىنىسى زىققا بىلەن ئاغرىپتۇ. ئوقۇشنىمۇ تاشلاپتۇ. ياتمىغان ئاغرىقخانىسى، يېمىگەن دورىسى، سالمىغان ئوكۇلى قالمىغان. ئاخىر ئۇ مېنىڭ ئەرشىدىن بىر ئاقساقال بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ – دە، سۆزىدىن سۆز چىقىپ قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
– بىر پارچە يېڭى كالا گۆشىنى تاپ، – دەپتۇ ئۇ، -ئۇنى بىر تال يىلان گۆشىگە ئارىلاشتۇرۇپ، راسا چاناپ، بىر ئاپقۇر چۆچۈرە ئەتكۈزۈپ ئىنىڭغا ئىچكۈز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئېسىل دورىنى تاپالمايسەن. شوپۇر بۇرادەر بوۋاينىڭ دېگىنىنى ئىشلەپتۇ. شۇ كېچىسى ئىنىسى دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاپتۇ. راسا تەرلىگەن بولسا كېرەك. ئەتىسى يۆتەلمۇ كەسكىن ئازىيىپتۇ. بالا ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى ئوبدانلا ھېس قىلىپتۇ. كىيىن بىمار ئاكىسىدىن نېمە بەرگىننى سوراپتۇ.ئاكىسى «گۆشكە بىر موللا بوۋايغا دۇئا قىلدۇرغانىدىم،خالاس»دەپ تىرەجەپ تۇرىۋاپتۇ. ئەمما،بۇ جاۋاب بالىنى قانائەتلەندۈرەلمەپتۇ:
– ئاكا،سەن ئوچۇقىنى ئېيتقىن،جېنىمغا ئارام بېرىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن يىرگەنگىنىم يوق؟قورقما!-دەپتۇ بىمار. بىمار ئەتىسى قوشنىسىنىڭ ئېشىكىنى سوراپ مىنىپ،باھار يېزىسى تەرەپكە بېرىپ،ئۆز قولى بىلەن يەنە بىر يىلان تۇتۇپ چۆچۈرە ئەتكۈزۈپ يەپتۇ.
– شۇنىڭ بىلەن ئىنىم سەللىمازا ساقايدى.ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تۈگەتتى.ئارمىيگىمۇ بېرىپ قايتتى.مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى،-دەپ شوپۇر ھېكايىسىنى ئاياغلاشتۇردى.
مۇشۇلارنى ھېكايە قىلىۋاتقاندا خىيالىمغا رېئاللىققا يېقىن بىر رىۋايەت كەلدى.ئۇنى قاچان،كىمدىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق.بىر كىشىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ،ئۇ زىققا بىلەن ئاغرىۋاتقان ئىكەن.ئاتىنىڭ ئوغلىنى ئاپارمىغان يېرى قالمىغان بولسا كېرەك.يېقىنلىرىدىن بىرى پالانچى مەھەللىدە قالتىس بىر تېۋىپ باركەن.ئۇ زىققىنى ئاسانلا ساقايتار ئىمىش،دەپتۇ.ئاتھارۋىنى قوشۇپتۇ-دە،سەپەرگە چىقىپتۇ.ئاتا-بالا ئۇزاق يول مېڭىپتۇ.بىر يەرگە كەلگەندە،كۈن ئولتۇرۇشقا يېقىنلىشىپتۇ.يول چۆلدىن ئۆتىدىكەن.يول بويىدا يالغۇز ئۆي بولۇپ،ئۇنىڭدا بىر بوۋاي ياشايدىكەن.بوۋاي مېھمانلارنى ئىللىق قارشى ئېلىپ،ئۆيىگە باشلاپتۇ.
ساھىبخان كۆپنى كۆرگەن ئادەم ئىكەن.‹كەلگۈچە مېھمان،كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ئۇيىلىدۇ›غۇ.ساھىبخان قەدىر ئەھۋال ياشايدىكەن.مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك ھېچنەرسىسى يوق.دۇنيالىقتا يالغۇز ئۆچكىسى ئىكەن.ئۇنى سويماي دېسە،مۇنۇ مېھمانلار ئالدىدا سەت،سوياي دېسە،ئۇ قورسىقىنى شۇ ئۆچكىنىڭ سۈتى بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى ئويلاپتۇ.ساھىبخان ئاخىر مېھمانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاپتۇ-دە،تىرىكچىلىكتىكى يالغۇز ئۆچكىسىنى سويۇپ،پارچىلاپ قازانغا ساپتۇ. بوۋاينىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر تۈپ چېقىر جۈجەم دەرىخى بولۇپ،ئوچاق شۇنىڭ ئاستىدا ئىكەن.ئۆچكە گۆشى خۇددى شۇ ئوچاقتىكى قازاندا قاينايدۇ.ساھىبخان قازان قاينىغاندا،ئۈستىدىكى كۆپۈكنى ئېلىپ،تۇۋاقنى قىيا ئوچۇق قويۇپ مېھمانلىرى ئالدىغا كىرىدۇ.گۆشنى قازاندىن ئۇسۇش مەقسىتىدە ئاخىرقى قېتىم چىقىپ تۇۋاقنى شۇنداقلا كۆتۈرسە،قازان ئىچىدە ئارغامچا كېسىمى ياتقۇدەك.ساھىبخان ئۇنى تاياققا ئېلىپ چىقىرىپ قارىسا،يىلان،ساھىبخان نېمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭ بېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ.چۈنكى گۆش بىلەن شورپىنى تۆكىۋىتەي دېسە مېھمانلارغا بەرگۈدەك ھېچ نەرسە يوق.كۆزنى يۇمۇپ گۆشنى مېھمانلار ئالدىغا قوياي دېسە،مۇنۇ ئەھۋال.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆچكىنى سويۇپ قازانغا سالغاننى مېھمانلار كۆردى.ئەگەر ھەق گەپنى ئېيتسا،مېھمانلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.ھەتتا ساھىبخاننى «بۇ راسا پىخسىق ئادەم ئىكەن»دېيىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
– بۇمۇ خۇدايىمنىڭ بىر بۇيرۇقىدۇر، – دەپ، ساھىبخان گۆشنى قازاندىن چىقىرىپ، مېھمانلارغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئۇزاق يولدىن ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەن ئاتا – بالا مېھمان گۆش يەپ، شورپا ئىچىپ قورساقلىرىنى ئوبدان تويغۇزۇپ راھەتلىنىدۇ. بىراق، تاڭ ئاتقۇچە تالاغا يۈگۈرەيدىغان بالا ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. ئاتىمۇ، بالىمۇ بۇ يولدا ھېرىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تېۋىپ بالىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ:
– بالىڭىزنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئاغرىقى يوق. مېنى ئەخمەق قىلغىلى كەلدىڭلارمۇ؟ – دەپ ناھايىتى خاپا بولىدۇ.
بالىنىڭ ئاتىسى ئاللا نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ – دە، ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنمۇ بالا خۇددى ھېچقاچان ئاغرىمىغان ئادەمدەك يۈرىدۇ. خۇدانىڭ بۇ كارامىتى ئاتىنىمۇ، بالىنىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ.
– دادا، – دەيدۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل، – تا ھېلىقى چۆلدىكى بوۋاينىڭ ئۆيىگە يەتكۈچىلىك مەن ئاغرىق ئىدىم. شۇ بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونغان كۈنىدىن باشلاپ خاتىرجەم ئۇخلىدىم. تېۋىپ توغرا تاپتى. ھازىر مېنىڭدە ھېچقانداق ئاغرىق يوق. شۇ بوۋاي ماڭا دورا بېرىپ ساقايتتى. شۇ كىشىنىڭ ئالدىغا بارماي زادى بولمايدۇ.
– ئوغلۇم ئىككىمىزنىڭ ئويى بىر يەردىن چىقىۋاتىدۇ. ئەتە ئاناڭ نان ياقسۇن. ئۆگۈنلۈككە يولغا چىقايلى.
ساھىبخان ئالدىدا ئىللا – بىللا مەن ھېچنەرسە بەرمىدىم، دەپ يېقىن كەلمەيدۇ. ئەمما ئاتا – بالا مېھمانلار قادىلىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ساھىبخان بولغان ۋەقەنى باشتىن – ئاخىر تەپسىلىي ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ.
– قېرىنداش، – دەيدۇ ئاخىرىدا بالىنىڭ ئاتىسى، – ھەر ھالدا پېشانەمگە پۈتكەن يالغۇز ئوغلۇم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە داۋا تاپتى. مۇنۇ ئىككى ئۆچكە سىزگە قىلغان سوۋغىمىز بولسۇن، بوپتۇ دېسىڭىز يۇرتىمىزغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، ئۆي – جايلىق قىلىشمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.
– شۇنداق قىلىپ، چۆلدە ياشاۋاتقان بوۋاي ئويلىمىغان يەردىن تۇغقان تېپىپ، ئادەملەرگە كېلىپ قوشۇلغانىكەن.
بۇغۇ رىۋايەت، ئەمدى ئۆز تەجرىبەم توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ. ئېغىر زىققىنى ساقايتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابىمنىڭ «غەندىغەرە» قىسمىدىنمۇ ئاز – تولا گەپ قىلغانىدىم. زىققىغا بېرىلىدىغان دورىنى مۇنداق تەييارلىدىم: ئوتتۇز گرام ياۋايى غەندىغەرە يىلتىزىنى يېرىم لىتىردىن كۆپرەك سۇدا ئاستا كۆيۈۋاتقان ئوتتا ئون مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن غەندىغەرە يىلتىزى قايناتمىدىن چىقىرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرۇتۇلغان يىلاننىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سېلىنىپ، قاينىتىلىدۇ. بۇ قايناتما زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمگە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن يىلمان بېرىلىدۇ. ئىچكەندە ھاپلا قىلىپ كۆتۈرۈۋەتمەي ئاز – ئازدىن ئىچكەن مەقسەتكە مۇۋاپىق، ئۇ قىزىلئۆڭگەچنى يۇيىدۇ.
قايناتما ئاغزى بۇراپ ئېتىلىدىغان بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.
بەزىلەر ئىككى، بەزىلەرگە تۆت بوتۇلكا قايناتما لازىم بولىدۇ.
بىرسىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك، ئادەم ئۈچۈن دورىغا يىلان تۇتقاندا سۇ يىلىنى ئەمەس، بوز يىلىنى لازىم. چۈنكى سۇ يىلىنى شورپىسى بوز يىلىنى شورپىسىغا نىسبەتەن قۇۋۋەت جەھەتتىن تۆۋەن. بۇ مېنىڭ پىكىرىم، سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى..

كىندىك لاتا ۋە بەش تىيىن

ئۇيغۇر خەلق تېبابىتى توغرىسىدا يېزىۋاتقىنىمغا قاراپ بەزىلەرگە ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيادەك كۆرۈنىۋاتقاندىمەن. لېكىن ئۇنداق ئەمەس. ياراتقان ئىگەم، ھەر ھالدا ماڭا خېلىلا پۇختا ئاڭلاش، كۆرۈش، تەھلىل قىلىش، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇ تۈپەيلى پەقەت ئويلىغانلىرىمنى خاتىرلەپ، ئاز – تولا تەجرىبەمنىلا ئاق قەغەزگە چۈشۈرۈۋاتىمەن. قىسقىسى مېنىڭدە ھېچقانداق ئەۋلىيالىق يوق دېمەكچىمەن. مۇبادا ئەۋلىيالىق بولغىنىدا، بىر ياش ئانىنىڭ «قۇچىقىمدىكى بالا ئۈچ ئايلىق بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ كىندىكى پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرەلەمسىز؟» دەپ مۇراجىئەت قىلغىنىدا، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ، يەرگە قاراپ ئولتۇرماس ئىدىم، راستقۇ؟
بىلمىگەن نەرسىنى بىلىمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇش ئەخمەقنىڭ ئىشى. ياش ئانىنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋابنى مۇشۇ يېقىندا ئويلىمىغانلا يەردىن تاپقاندەك بولدۇم.
قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ تاشتىقارا يېزىسىغا بارغانىدىم. گەپتىن – گەپ چىقىپ يەنە شۇ خەلق تېبابەتچىلىكى توغرىسىدا سۆز بولۇپ قالدى – دە، يېشى ئاتمىشقا ئۇلىشىپ قالغان سىڭلىم جەننەتبۈۋىگە:
– قېرىنداش سەن ئالتە – يەتتە بالىنىڭ ئانىسى، ئون بەشكە يېقىن نەۋرىنىڭ مومىسى بولغان ئانسەن. تۇرمۇشتا كىندىكى چىقىپ قالغان نارەسىدىنى كۆردۈڭمۇ؟ – دەپ سورىدىم.
– نېمىشقا ئۇچراشمىسۇن؟ – دېدى ئۇ، – مەسىلەن، تۇنجى ئوغلۇم (سىڭلىمنىڭ بۇ ئوغلى ھازىر قىرىقنىڭ بوسۇغىسىغا باراي دەپ قالدى) ئىككىمىزنى تۇغۇتخانىدىن ئۆيگە ئېلىپ چىقتى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپلا ئۇنىڭ ئىچى سانجىغاندەك قىلىپ يىغلايدۇ، بىئارام بولىدۇ. قېينانام دەم سالاتتى، ئاشلايتتى، بىراق، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. كېيىن قېيناتام ئۆرنەكتە تۇرىدىغان تۈركمۇ، ئەزەربەيجانمۇ، ھازىر يادىمدا يوق، بىر موللا مومايغا ئېلىپ بېرىڭلار، دېدى. ئۇ موماي بىر ئاي داۋالىدى. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەت بولمىدى. شۇ ئارىدا ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن ئۆزۈمنىڭ تۇغقان ئانام كېلىپ قالدى. ئۇ بالامنى كۆرۈپ:
– ۋاي، ئەخمەق قىز، بۇنىڭغا كىندىك لاتا تۇتماپسەنغۇ، – دېدى.
قېينانام بىلمىگەن نەرسىنى ياش، تەجرىبىسىز مەن نەدىن بىلەي؟ ئاپام ئۇنى ئۆز ئاپىسىدىنمۇ ياكى قېينانىسىدىن ئۆگەندىمۇ بىلمەيمەن، ھەر ھالدا نەۋرىسىگە كىندىك لاتا تەييارلاتتى. بىر قوشۇق كالىنىڭ تازا سېرىق يېغىنى تەلەپ قىلدى. بۆشۈكنى تەييارلاپ قويۇپ بالىنى قۇچىقىدا ئوڭدا ياتقۇزۇپ قوشۇقتىكى سېرىق ياغدىن كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئېلىپ، نەۋرىسىنىڭ كىندىكىنى مايلىدى ھەم ئۇۋۇلىدى.
ئاخىرىدا بۆشۈككە ياتقۇزۇپ، پۇتلىرىنى باغلىغاندىن كېيىن بالىنىڭ كىندىكىنى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئاستا بېسىۋىدى كىندىك «غىچ» قىلىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. شۇندا ئاپام يانچۇقىدىن مىستىن ياسالغان بىر دانە بەش تىيىننى ئېلىپ كىندىك ئۈستىگە قويۇپ كىندىك لاتا بىلەن چىڭ قىلىپ باغلاپ، ئوراپ، بالىنى بۆلىدى. بۇ ئۇسۇل ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇلدى. تىيىننى ئىشلەتمىگىنىم بىلەن كىندىك لاتىنى بالا تا بىر ياشقا تولغىچە تاشلىمىدىم. ئەۋزىلى مۇشۇ كۈنلەردە كېلىنلىرىممۇ، قىزلىرىممۇ بالىنى بۆشۈككە سالغاندا كىندىك لاتىنى ئەستىن چىقارمايدۇ.
قېرىندىشىمنىڭ ھېكايىسىدىن كېيىن مەن ئويلىنىپ قالدىم. چۈنكى، بۈگۈنكى ياش ئانىلار ئىپارخان، نۇزۇگۇم، گۈلەمخان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئارزۇلۇق قىزلىرىمىز چوڭ بولغان ئۇيغۇر بۆشۈكىنى بالىمىز مايتۇق – سايتۇق ئۆسىدۇ، دەپ مەنسىتمەي، بالا ھارۋىسىدا بېقىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بالا ھارۋىسىدا باققان بالىدا نەدىن كىندىك لاتا بولسۇن! كىندىك لاتا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇ بۆشۈكتىكىدەك چىڭ تۇتمايدۇ، توختىمايدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى نارەسىدىلەر ئارىسىدا گرىجا كۆپ. كىندىك پولتىيىپ چىقىپ قالغىنى كىندىك چىقىش ئىكەن. شۇ تۈپەيلى ياش ئانىلار ئوقۇشنى بىلىدىغان رۇس مومايلارنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرىدۇ. بۆشۈك، بىرىنچىدىن، ئانىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈشۈۋالىدىغان نەرسە. بۆشۈكتە ياتقان بالىلار ئارىسىدا ئۆپكىسىگە سوغ تېگىش ئاغرىقى بۆشۈكتە ياتمىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۆشۈكتە ياتقان بالىغا كىندىك لاتا لازىم بولىدۇ – دە، كىندىك چىقىش ئاغرىقىغا يېقىن بولمايدۇ.
بوپتۇ، بۆشۈكنىڭ، كىندىك لاتىنىڭ شۇنداق مۇھىم ۋەزىپىسى بار دەيلى. خەلق تېبابەتچىلىكىدە سېرىق ياغ ئىسسىقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىنىدۇ. ئۇمۇ توغرا. دېمەك، كىندىك چىقىش سوغدىن بولىدىغان ئاغرىق. سېرىق ياغ، بىرىنچىدىن، كىندىكنى يۇمشاتسا، ئىككىنچىدىن، سوغ تەگكەن كىندىكنى داۋالاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مىستىن ئىشلەنگەن بەش تىيىنچۇ؟ بۇ مېنىڭ بېشىمنى ئوبدان قاتۇردى. شۇ ئارىدا 1946- يىلىنىڭ كەچ كۈزدە يۈز بەرگەن بىر ۋاقىئە يادىمغا چۈشتى.
ئاتامنىڭ ئېلى ئىسىملىك ئاغىنىسى بولۇپ، ئۇ ئىككى ئوغلىنى بىللە خەتنە قىلدۇرۇپتۇ. ئاقسۇدىن كەلسەم ئانام كاۋا، ياڭيۇ، كىچىك چىنىدە بىر قورۇلغان كۆممىقۇناق بەردى – دە، شۇ بالىلارنى مۇبارەكلەپ قايتىشىمنى تاپشۇردى. ئېلى ئاكىلارنىڭ ئۆيى ئالدىدا يوغان قارا ئىت ياتاتتى. مەن ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بارغاندا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ياقتۇرمايۋاتقان ھالدا ئۈنچۇقمىغان. قايتقىنىمدا مېنى ئېلى ئاكىنىڭ جىيەنى ئۇزىتىپ چىقتى. شۇنداقلا مېڭىشىمغا قارا ئىت يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى مېنىڭ ئوڭ تېقىمىمغا ئېغىز سالدى. چىشلىگەن يەر كۆيۈشۈپ قالغانلىقتىن سەل قان چىقىپ تۇراتتى. ئالدىدا ئانچە بىلىنمىگەن، بارا – بارا پۇتۇمغا بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى، جېنىمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىم.
بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرگەن مومام ئىككى سىڭلىمنى قوشنىلارغا بەش تىيىنلىق پۇل بولسا تېپىپ كېلىڭلار، دەپ يۈگۈرتتى. ئەتىمالىم، شۇ يىللىرىمۇ بۈگۈنكىدەك پارچە تىيىن ئەتىۋار بولسا كېرەك. ئىزدەپ قويسا ئۇمۇ تېپىلمايدىكەن. سىڭىللار ئىككى ۋە ئۈچ تىيىندىن بىر قانچىسىنى تېپىپ كىرىپتۇ. مومامنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتنىڭ چىشى پاتقان يەرگە مىستىن ئىشلەنگەن تىيىننى قويسا، زەھەرنى تارتار ئىمىش، تىيىنلار ياردەم بەردىمۇ، ھەرھالدا پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى چاپسان بېسىلىپ، جاراھەت تېز ساقايغان. شۇنداق قىلىپ، مىس تىيىنلار ئىت چىشى زەھىرىنى تارتىدىكەن. چۈشەنچىمدە ئۇيغۇرلار كىندىك چىقىشتىمۇ زەھەر بار، دەپ ھېسابلىسا كېرەك. شەخسەن مەن مىستىن ئىشلىگەن تىيىنلار تەركىبىدە ئىت چىشلىگەن بەدەندىكى زەھەرنى تارتىدىغان قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ زەھەر تارتىش كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئادەممەن.
پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان كىندىكنى كىندىك لاتىسى ۋە بەش تىيىن بىلەن قانداق داۋالاش-ئاساسەن ياش ئانىلار قۇلىقىدا تۇرىدىغان بىر مەسلىھەت. ….

جان تاتلىق

ج. ئارمىستروڭنىڭ «جىۋايا ۋودا» (جانلىق سۇ) ناملىق كىتابى قولۇمغا چۈشكەنگە قەدەر مەن بۇ بابنى ئاللىقاچان يېزىپ بولغانىدىم. كىتابنى ئوقۇپ كۆزۈم تېخىمۇ ئېچىلدى. چۈنكى شۇ كۈنگە قەدەر مەن سۈيدۈكنىڭ كۆيدۈرۈلگەن خىشنى ئۇۋىتىشنى ۋە ھەرخىل تاشقى ئىششىق، زەخمىلەرگە داۋا بولىشىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ تەركىبىدە كىسلاتانىڭ، ھەرخىل تۇزلارنىڭ بولۇشىدىن، دەپ تەخمىن قىلىپ يۈرەتتىم. يەنە بىر نەرسە، ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە ئۇنىڭغا ئانچىلا چوڭ ئورۇن بېرىلمىگەن. ئوقىغان كىتابلىرىمنىڭ كۆپچىلىكىدە ھەتتا ئۇنىڭ نامىمۇ ئاتالمايتتى. ئەمەلدە بەزى-بەزىدە ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى ئىشلىتىلەتتى.
ج. ئارمىستروڭنىڭ تەكىتلىشىچە، سۈيدۈك ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ تېبابىتىدە قەدىمدىن ئىشلىتىلىپ، ئۇ ھەتتا ئۇرىنىتېراپېيا دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. شۇنداقلا سۈيدۈك تەركىبىدە مەن بىلىدىغانلاردىن تاشقىرى گورمونمۇ مەۋجۇت ئوخشايدۇ. ياۋروپادا بىزدىكىگە ئوخشاش پەقەت ئوغۇل بالىنىڭلا ئەمەس. شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرنىڭ، ھەتتا كالىنىڭمۇ سۈيدۈكى ئىشلىتىلىدىكەن.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ بارلىقى ج. ئارمىستروڭنىڭ «جىۋا ياۋودا» كىتابىنى ئوقۇغىنى يوق. شۇڭا ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بېرىش زىيانلىق بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ج. ئارمىستروڭ كىتابىدا ئاغرىقنى تاماق يېمەي، سۈيدۈك ۋە سوغ سۇ ئىچىش يولى بىلەن ياكى ھەركۈنى ئەتىگەنلىكى ۋە كۈن بويى يەنە بىر قېتىم سۈيدۈك ئېچىش بىلەن داۋالاش ئىدىيىسىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئاپتور كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيىدە نەشر قىلىنغان «تىسياچا زامېتېلنىخ ۋېششېي» (ئاجايىپ – غارايىپ مىڭ نەرسە) ناملىق كىتابتىن تۆۋەندىكى پارچىلارنى كەلتۈرىدۇ.
تاشقى ۋە ئىچكى ئاغرىقلارنى داۋالىغاندا ئەڭ ئۇنىۋېرسال ۋە ئالىي دورا – ئون كۈن ئۇدا ئەتىگەنلىكى ئۆزۈڭنىڭ سۈيدۈكۈڭنى ئىچ، ئۇ كۆك – قۇياننى داۋالايدۇ، بەدەننى يېنىك ۋە خۇشخۇي قىلىدۇ؛
ئۇ سۇلۇق ئىششىقلارنى (ۋوديانكا)، سېرىق ئاغرىقنى داۋالاشتا ياخشى نەتىجە بېرىدۇ، خۇددى يۇقىرىدا تەكىتلىگەندەك ئىچ؛ ئىسسىق سۈيدۈك بىلەن قۇلىقىڭنى يۇ، ئۇ قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى، غوڭۇلدىشىنى ۋە قۇلاق ئەتراپىدا بولىدىغان ئاغرىقلارنى داۋالايدۇ.
كۆزۈڭنى (سۈيدۈكۈڭ) بىلەن يۇ، ئۇ كۆزدىكى ئاغرىقنى ساقايتىدۇ، كۆزنى تازىلايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن قولۇڭنى يۇ ۋە ئۇۋۇلا، تارتىشىشنى يوقىتىدۇ. تېرىنىڭ يېرىلغان، سۈرۈلگەن يەرلىرىنى ساقايتىدۇ، ئۈگىلەرنى تۈزەيدۇ.
بەدەندىكى ھەرقانداق كېپەكلىشىپ تۇرغان يەرنى يۇساڭ، قىچىشىشنى باسىدۇ.
بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنى يۇساڭ گېموروي ۋە باشقا يارىلار ساقىيىدۇ، مۇئەللىپ شۇنداقلا 1695- يىلى نەشر قىلىنغان بىر كىتابتىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆچۈرگەن:
ئۇرىن (سۈيدۈك) ئادەملەردىن، بولۇپمۇ تولاراق تۆت پۇتلۇق ھايۋانلاردىن ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ۋراچلار ۋە ئاپتېكىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۇرىنى ئىسسىق، شىلىمشىق ئەمەس، ئېرىتىش، تازىلاش، چىرىتمەسلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇ بېغىردىكى، تالدىكى، ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئاياللاردىكى ھەيزنىڭ توختاپ قېلىش، ۋابا ۋە باشقا خەتەرلىك تىترىمە ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىق ۋە يېڭى سۈيدۈك تاشقىرىدىن ئىشلەتكەندە تېرىدىكى زەھەرلەنگەن يارىلارنى تازىلايدۇ. داۋالايدۇ ۋە قۇرۇتىدۇ. باشتىكى كېپەكنى يوقىتىدۇ. تومۇرغا باغلانسا، بىمارنىڭ ھارارىتىنى چۈشۈرىدۇ. تىترىمە، قېتىپ قېلىش، پالەچ ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى، تال ئۈستىگە كومپرېسىس قىلسا تالدىكى ئاغرىقنى باسىدۇ.
بۇ ج. ئارمىستروڭ كونا مەنبەلەردىن كەلتۈرگەن پاكىتلار، ئۇنىڭ زىققا، راك ۋە سىل (توبېركىليۇز) ۋە باشقا ئاغرىقلارنى داۋالاشتىكى ئۆز تەجرىبىسىمۇ دىققەتكە سازاۋەر. راست، ئىلمىي تېبابەتچىلىكتە، شىپالىق گىياھلار بىلەن داۋالاش تەجرىبىسىدە، ئېكستراسېئانستا ئىخلاس مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنى ئۆز زامانىسىدا ھەتتا ئەبۇ ئەلى ئىبن سىنامۇ تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆز ئالدىغا نىجاتلىق سوراپ كەلگەن بىمارغا، مەسىلەن: «سەن كىم تەرەپ؟ مۇبادا سەن ئاغرىق تەرەپتە بولساڭ، مېنىڭ ئاغرىقنى يەڭمىكىم تەس. ئەگەر سەن مەن تەرەپتە بولساڭ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىز بىرلىشىپ ئاغرىقنى يېڭەلەيمىز» دېگەن. ئۇلۇغ ئۆلىمانىڭ ھەقلىقىنى بىزمۇ تۇرمۇشتا ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، قولىمىز بىلەن تۇتۇپ يۈرىمىز. ئەمما سۈيدۈك بىلەن داۋالاش خىزمىتى، تەسىرى تامامەن باشقىچە ئىكەن. مۇبادا ج. ئارمىستروڭ تەكىتلىگىنىدەك يىرگەنمەي قائىدە بويىچە ئىچىدىغان بولساڭ، ئىچىڭدىكى جىمىكى ئاغرىقلارغا، جۈملىدىن بۆرەك، دوۋسۇندا پەيدا بولغان تاشلارغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىدىكەن. جاننىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئارامى كېرەكقۇ، يا مەمەدانلىق كېرەكمۇ؟ بىراق، ئۇنىڭ سالامەتلىكنى مۇستەھكەملەش مۇمكىن ئەمەس.
سۆز نۆۋىتى كەلگەندە مۇنداق بىر پاكىتنىمۇ ئەسلەپ ئۆتكىنىم ئارتۇقلۇق قىلمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە بولغاندا، دۇنيادا ئادەمدەك جاھىل، تەرسا نەرسە يوق بولسا كېرەك. مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، مېنىڭ ئالدىمغا نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ گۈزەل، پەرى چوكان ۋە جۇگانلار كەلدى. بىرىنىڭ ئۇ، بىرىنىڭ بۇ يېرى ئاغرىيدۇ. مەن ساق دەپ كەلگىنىنىڭ سەپراسى ئۈستۈن. كۆپچىلىك سوغ تېگىش بالاسىغا گىرىپتار بولغان. مەن ئۇلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىي رەختلەردىن كىيىم كىيىشنى، سۈنئىي، ۋال – ۋۇل نەرسىلەردىن قېچىشنى ئېيتتىم. چۈنكى سۈنئىي نەرسىلەردىن تىكىلگەن ۋال – ۋۇل كىيىملەردىن بىرىنچىدىن، ئىسسىق تۇتالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق ئىشقىلايدۇ. سۆھبەتداشلىرىم مېنىڭ دېگەنلىرىمگە قايىل بولۇپ ئالدىمدىن كېتىشتى. ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە يەنە ۋال – ۋۇل كىيىنىپ كېلىپ مېنىڭ كۆزلىرىمنى قاماشتۇردى. بەزىلىرىگە تەنە قىلدىم، بەزىلىرىگە ئويۇمدىكىنى ئېيتتىم. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز يولىدىن قايتماي، تا شۇ كۈنگىچە ئاغرىقنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاغرىقنى خۇدايىم ئەكىلىپ بىزنىڭ بەدىنىمىزگە تىقىپ قويمايدۇ. ئۇنى تاپىدىغانمۇ، ئەدىتىۋېتىغانمۇ، ئالەمدىن ئۆتۈشىمىزگە زامىن بولىدىغانمۇ ئۆزىمىز.
ئىككى ياش ئايالنىڭ تۇغقانلىرىغا، قېرىنداشلىرىغا سۈيدۈكنى ئىچىشنى ئېيتىڭلار، دەپ ئىچىشنىڭ يوللىرىنى قايتا – قايتا چۈشەندۈردۈم. لېكىن ھەر ئىككىسى «زەھەرنىمۇ ئېغىزغا ئېلىشقا بولامدۇ» دەپ تەرسالىق قىلىپ ياپياشلا ئالەمدىن ئۆتتى. ياماننىڭ دورىسى يامانغۇ. بەزىلەر تەرسالىق قىلىپ ھەتتا سۈيدۈك بىلەن كومپرېس قىلىشقىمۇ ئۇنىمايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇنداق جاھىللار پەقەت ئۆزىگە قىلىدۇ.
تۇرمۇشتا ھاراقكەشلەرگە نىسبەتەن غەزەپنى ئىپادىلەيدىغان «زەرىڭنى ئىچكۈز» دېگەن ئىبارە بار. بۇ يەردە زەر – زەھەر بولۇپ، سۈيدۈك كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. زەھەر دېگەن سۆز نەدىن چىقتى. سۈيدۈك نېمىشقا شۇنداق ئاتالدى؟ ئۇنىڭ تېگىنى تەكشۈرۈش تىلشۇناسلارنىڭ ئىشى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئادەم بەدىنى، كالىنىڭ تۇيىقى، ئاتنىڭ دولىسى، تۇيىقىدىكى ئىششىقلارنىڭ شۇ زەھەرلىك سۇيۇقلۇق بىلەن يېتىشىنى ھېكايە قىلىش. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز ئاساسەن سۈيدۈكنى شىپالىق سۇيۇقلۇق دەپ تونۇيمىز ۋە كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەكچىمىز. چۈنكى بۈگۈنكى تاپچىللىق، قىممەتچىلىك زاماندا شۇ ئەۋزەلرەك.
مەن سۈيدۈكنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى بارلىقىنى بەش – ئالتە يېشىمدا ئاڭلىغان دېسەم لاپ بولمايدۇ. سەۋەبى، 30- يىللىرى ئاپام بۆشۈكتىكى نارەسىدىسى بىلەن ئېتىزدا يېتىپ – قوپۇپ ئىشلەيتتى. مېنى بۆشۈك يېنىدا بولىدۇ دەپ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتەتتى. ھېلىمۇ يادىمدا، بىر كۈنى كىمدۇر بىرى قازان بېشىدىن قايناقسۇ ئېلىپ كېلىۋاتسا، ئۈچ – تۆت ياشلىق قىز ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپتۇ – دە، قايناق سۇ قىزنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلۈپ كۆيۈپ قاپتۇ. چوڭلار شۇ ھامان خۇددى ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە جاراھەتنى يۇغان ئىدى. جاراھىتى ئانچە شەلۋەرەپ كەتمەي، چاپسان ساقايغانىدى.
40- يىللارنىڭ باشلىرىدا ماڭا ئوخشاش ئون بىر ياشلاردىكى بالىلار ئات سوقىسىنىڭ، لابوگرېيىكنىڭ، ئورۇش ماشىنىسىنىڭ ۋە تۇلۇقنىڭ ئاتلىرىنى مىنىپ بېرەتتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا تېخنىكا يېتىشمەيتى، ئۇنىڭ ئەمدىلا دەم تۇرۇۋاتقان ۋاقتى ئىدى. جاۋەن – بوغۇتنىڭ قوپاللىقىدىن پات – پاتلا ئاتلارنىڭ دولىسى كىچىك بالىنىڭ بېشىدەك ئىششىپ كېتەتتى….
مەنبە: «مىراس» ژورنىلى 2005- يىللىق 2 – سانى

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (3)

دۈشەنبە كۈنى ئا. كىرىپ كەپتۇ.
– كامال ئاكا، رەھمەت سىزگە، دەيدۇ – ئۇ كۈلۈپ، – ئىششىق تامامەن قايتتى.
– ئۈچ كۈن ئۇدا قىلدىڭما؟
– شەنبە كۈنى ئىششىق تامامەن قايتقاندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى توختاتتىم.
– ئەتتەڭەي، يەكشەنبە كۈنى داۋانى توختاتقىنىڭ بولماپتۇ – دە، ئۈچ كۈن ئۇدا كومپرېس قىلغىنىڭدا جەينىكىڭدىكى جىمىكى زەخىملەر تۈگەپ كېتەتتى. سېنىڭ ئۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىدىغىنىڭ خىيالىمغا كەلمەپتۇ. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات.
شۇنىڭدىن بۇيان تۆت – بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئا. بارغان – تۇرغان يېرىدە مېنىڭ ھەقىقىي تېۋىپلىقىمنى ماختاپ يۈرگۈدەكمىش.
سۈيدۈكنىڭ ئاجايىپ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى خىلمۇخىل ئاغرىقلاردا سىناپ كۆرۈشكە توغرا كەلدى. بۇنىڭغا مېنى ھايات مەجبۇر قىلدى. ئالدىڭغا نىجات تىلەپ كەلگەن ئادەمنى قانداق قوغلاپ چىقىرىسەن؟
تۇغۇلغان يۇرتۇم تۈگمەنگە بارغانىدىم. كۈن چۈشتىن ئېگىلىپ قالغان مەزگىل ئىدى. دېرىزىدىن شۇنداقلا قارىسام، ئارقا تەرەپكە ئادەملەر ئوپۇر – توپۇر كېتىشىۋېتىپتۇ.
– ئاپا، نېمە گەپ؟ – دەپ سورىدىم.
– تۇغقىنىڭنىڭ ئوغلى بىر پۇتىنى ئىششىتىۋاپتۇ. چونجىغا دوختۇرغا ئاپارسا، ئاغرىقخانىغا ئالماپتۇ. يۇرتداشلار شۇ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كېتىپ بارغاندۇ تايىنلىق.
– دېمەك، ئاغرىقخانا ئالمىغان بولسا، ئاغرىقى خېلى بار ئىكەندە؟ – دېدىم مەن، – ئۇنداق بولسا، مەنمۇ باراي.
تۇغقىنىمنىڭ 14-15 ياشلاردىكى ئوغلى خ. راسكلادۇشكىدا ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ. راست، ئوڭ پۇتىنىڭ ئۆزلۈكى تا ھوشۇقىغىچە ئىششىپ كېتىپتۇ. شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ دوختۇرلارنىڭ بىمارنى ئاغرىقخانىغا ئالمىغىنىغا ئەجەبلەندىم. ئۆيدە لىق ئولتۇرغان ئاياللار ئىچىمنى پۇشۇردى.
– ئىمكانىيەت بولسا ئۆينى بوشاتساڭلار، – دېدىم ئاياللارغا سىپايىلىق بىلەن، – بالىنىڭ پۇتىنى داۋالاپ كۆرسەك.
خ. مېنىڭ «ئاغىنىلىرىڭ بىلەن پۇتبول ئويناۋېتىپ پۇتۇڭنى قايرىۋالدىڭمۇ، تەنتەربىيە دەرسىدە يۈگۈرۈپ كېتىپ بېرىپ پۇتلىشىپ يىقىلغانمىدىڭ، يە ۋېلىسىپىتتىن يىقىلدىڭمۇ؟» دېگەن سوئاللىرىمغا پەقەت ياق دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن چەكلەندى. ھەقىقىي ۋەقەنى ئېيتقۇسى كەلمەيتتى. ئۇ يوشۇرغىنى بىلەن پۇتىنى يە قايرىۋالغان ياكى سەكرەيمەن دەپ ئاغرىتىۋالغان. بولمىسا ياپياش بالىنىڭ پۇتى مۇنداق بىكاردىن بىكار ئىششىپ كېتەمدۇ؟ قانداق قىلسا شۇنداق قىلسۇن، بۇنىڭ پۇتىدىكى ئىششىق پەقەت ئۆز سۈيدۈكى بىلەن قايتىدۇ، دېگەن قارارغا كەلدىم.
– بۇنىڭ ئالدىغا داس قويۇپ، كونا كۆڭلەكتىن بىرنى بېرىڭ، – دېدىم خ. نىڭ ئانىسىغا، – بۇ ئۆيگە ھېچكىم كىرمىسۇن. ئەگەر بايىقىدەكلا قالايمىقانچىلىق بولسا، كېلىن ئىككىمىزنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەن ئەتە ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا كىرىمەن، شۇڭغىچە كوپرېسنى توختاتمىسۇن.
ئەتىگەنلىكى سائەت توققۇزدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە كىرسەم خ. ئانىسىغا «مەن تالاغا چىقاتتىم» دەپ جېدەل قىلىۋېتىپتۇ. مېنى كۆرۈپ جىم بولدى. «مانا چوڭ داداڭنىڭ ئۆزى كىردى، ئېيتە ئەمدى دەردىڭنى. تالاغا چىقامسەن، تاغقا چىقامسەن ئۆزى رۇخسەت بەرسۇن. بىز سېنىڭ ئەمەس، مۇشۇ ئادەمنىڭ گېپىنى قۇلاققا ئالىمىز»، دەپ كېلىن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندەك بولدى.
ئەتە مەن كىرگىچە بەش قېتىم كومپرېس قىلىسەن دەپ، ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ ئېيتقان. پۇتنىڭ ئىششىقى، راست خېلىلا يېنىپتۇ. لېكىن كۈتكەن نەتىجە مەن ئويلىغان دەرىجىدە ئەمەس. شۇڭا خ. دىن:
– نەچچە قېتىم كومپرېس قىلدىڭ؟ – دەپ سورىدىم.
– ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك بەش قېتىم، – دېدى خ. بېشىنى كۆتۈرمەي.
– بالام، ئاتاڭ بىلەن ئاپاڭنى ئالدىغىنىڭ بىلەن بۇ ئىشتا مېنى ئالدىيالمايسەن، – دېدىم، – خۇددى مېنىڭ ئىشىمنى قىلىۋاتقاندەك دەۋاتقىنىڭنى قارا. ئاران ئۈچ قېتىملا كومپرېس قىپسەن. مېنى ئالدىماقچى بولغىنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئۆيدىن چىقماي كومپرېسنى داۋاملاشتۇرىسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
ئۇ بېشىنى ئىرغىتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن مېنىڭ ئالدىمغا ئۆزى كىرىپتۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ يوليورۇقىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەقلى شۇنچىلىكمۇ بىلمىدىم، رەھمەت ئېيتتى. ئەۋزىلى ئۇنىڭ پۇتىنى ئايىماي يەر دەسسەپ كوچىغا چىقىشى بولدى. ئىككى – ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئۇنى كوچىدا ئاغىنىلىرى بىلەن كۆرۈپ قولۇم – قوشنىلارمۇ ھەيران قېلىشتى.
– تۈنۈگۈن ئۆيدە بىر نەرسە ياساۋېتىپ قولۇمنى بولقا بىلەن شۇنداق ئۇرۇۋالدىمكى، كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى، – دەپ كىرىپ كەلدى ش. ئىسىملىك خادىم، – ئاغرىق تېخىچىلا بېسىلمايۋاتىدۇ. قولۇم سەينۈگە بولۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ.
– ھېچ نەرسە بولمايدۇ، – دەپ مەسلىھەت بەردىم ئۇنىڭغا، – ھازىر ئۇتتۇر ھاجەتخانىغا كىر – دە، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ دورا قىل، يىرگىنىدىغان نېمىسى بار، ئۆيۈڭگە بارغاندا سوپۇنداپ يۇيۇۋېتەرسەن. بىراق، ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدىغان نەرسە، دورىدىن كېيىن قولۇڭ بىر ئىككى مىنۇت تازىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. قولۇڭ سەينۈگىمۇ بولمايدۇ. تىرنىقىڭمۇ چىقمايدۇ.
ش. ئەتىسى ئەتىگەن تېخى ئىشقا كىرىشمەي تۇرۇپ ئالدىمغا كىردى.
– ۋاي ئاكا، رەھمەت، مۇشۇنداق ئاددىي نەرسىدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق ئىكەندە، توۋا! راست، سىز دېگەندەك دورىدىن كېيىن شۇنچىلىك ئېچىشىپ ئاغرىدىكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
مېنىڭ ئالدىمغا مۇنداق دەردىگە داۋا ئىزدىگۈچىلەر كۆپ كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ساناي. مەن پەقەت ئاساسلىق دېگەنلىرىمنىلا مىسال تەرىقىسىدە ئېلىپ يېزىۋاتىمەن. بىز ئادەم بالىسىغۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا ئۇچرىمايدىغان ئىشلار يوق. ئېيتقانلىرىم بىرىگە بولمىسىمۇ، بىرىنىڭ دەردىگە داۋا بولۇشىدا شۈبھە يوق. ئۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل. كۈنلەردىن بىر كۈنى ن ئىسىملىك قىرىقنىڭ ئەتراپىدىكى، ئۆزىنى ھەمىشە پاكىز تۇتۇپ، زامانىۋى يۈرۈشنى ئىزدەيدىغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
– دوختۇرلار ئۆز ۋاقتىدا ئۈزۈل – كېسىل داۋالانمىساڭ، يە بىر قولۇڭ تۇتماس، بىر پۇتۇڭ باسماس، كۆزۈڭنىڭ ئەلەس بولۇپ قېلىشى ياكى سۆزلەپ كوچىغا چىقىپ كېتىشىڭ مۇمكىن دەيدۇ. مېنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن، ئۇنداق ھالنى خالىمايمەن. ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل.
– ئاغرىقنىڭ ئېتى قانداق ئىكەن؟
– ئاراخنوئىدىت
– مۇنداق ئاغرىقنى ئاڭلىماپتىكەنمەن…. مېنىنگىتقۇ بار. ئاراخنوئىدىت! بىلمىدىم. لۇغەتكە قاراپ ئاۋۋال ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەيلى.
– بېشىمنىڭ كەينى، يۇلۇننىڭ ئۈستى ئاغرىيدۇ. باش ئاغرىقى بېسىمراق. كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. بەزىدە كۆزلىرىم تورلىشىپ، ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي قالىمەن.
توغرا، لۇغەتتىمۇ خۇددى شۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن. مېنىنگىت ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ. ئۇنىڭدىمۇ يۇلۇن ۋە باش ئاغرىيدۇ. شۇنداق تۇرۇپ بۇ خېنىمنى ئاغرىقخانىغا ياتقۇزمىغىنىغا ئەجەبلەندىم. ئاغرىقنى ئېيتىش بىر باشقا، داۋالاش تامامەن باشقا نەرسە.
– ئىشلەۋاتامسىز؟ دەپ سورىدىم ن . دىن.
– ئىشلەۋاتىمەن. نېمە بولدى؟
– ئوتپۇسكىغا چىقىپ سەھرادىكى بىرەر ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەتسىڭىز، – دېدىم مەن.
– دەم ئېلىشقىغۇ تېخى چىقمىغان. خالىسام ئەتە بولسىمۇ چىقىشىم مۇمكىن.
– ئۇنداق بولسا، ئوتپۇسكىغا چىقىڭ. ھەممىنى تاشلاپ يۇرتىڭىزغا كېتىڭ. ئون كۈن، كۈنىگە قانچە بولسا مەيلى، ياش ئوغۇل بالىنىڭ ئالدى تەرىتى بىلەن گەجگىڭىزگە كومپرېس قىلىڭ. ئەمما ئېھتىيات قىلىدىغان نەرسە، سۆزنەككە ئۇرۇنۇپ قالماڭ. شامالدا تالاغا چىقماڭ. بېشىڭىزنى ئۈچ كۈندە بىر يۇيۇڭ. بىراق، يەنە جېكىيمەنكى، ئۆزىڭىزنى ئاۋايلاڭ. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا سىزنىڭ بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ن. مېنىڭ مەسلىھەتىم بىلەن ئون كۈن قىمىر قىلماي داۋالىنىدىغان بولدى.
ن. ئوتپۇسكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قايتىپ كەپتۇ – دە، بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئومۇمەن ھازىر سالامەتلىكىمنىڭ ياخشىلىقى، يۇلۇن ۋە باش ئاغرىقىنىڭ ساقايغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
– كومپرېسنى نەچچە كۈن توختاتماي قىلدىڭىز؟
– سىز تاپشۇرغاندەك ئون كۈنگە چىدىمىدىم، – دېدى ئۇ راستىنى ئېيتىپ، – ئالتە كۈن ئاران چىدىدىم، يامان سېسىق بولىدىكەنغۇ؟
– مەن سىزگە ئىپار پۇرايدىغان دورىنى نەدىن تېپىپ بېرىشىم مۇمكىن؟ ئۇنداق چىدىماسلىق قىلىدىغان ئادەم، مېنىڭ ۋاقتىمنى ئالمىسىڭىز بولاتتى. ئون كۈن دېگەن بىر داۋالاش كۇرسى. ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ ياخشى بىلىسىز، – دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ن:
– بېشىم يەنە ئاز – ئازدىن ئاغرىيدىغان قىلىق چىقىرىۋاتىدۇ. ھېلىقى دورىدىن يەنە پايدىلانسام نېمە دەيسىز؟ – دەپ كىرىپ كەپتۇ.
– ئىختىيار ئۆزىڭىزدە، – دېدىم سوغۇق قانلىق بىلەن. بىمار ن. ئۇ دورىنى يەنە ئىشلەتتىمۇ، يە ئىشلەتمىدىمۇ ئېيتالمايمەن. ئەمما سالامەتلىكى ياخشى، گۈلدەك ياسىنىپ يۈرىدۇ. ئاغرىپ ئۆيدە يېتىپتۇدەك، دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىدىم. ئىلاھىم ھېچكىمنىڭ جېنى قاقشىمىسۇن! ھەممىگە ئامانلىق تىلەيمەن.
گېمۇرروي، مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئاغرىقنىڭ دەردىنى تارتماي يۈرگەن ئادەم ئازمىكىن دەپ ئويلايمەن. چوڭلاردىمۇ، ياشلاردىمۇ، ئەرلەردىمۇ، ئاياللاردىمۇ بار بۇ كاساپەت، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى نېمە؟ ئۇ تەرەپلىرى ھېچكىمنى قىزىقتۇرمىسا كېرەك. بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى نۇرغۇن. يەنە كېلىپ، ھەركىمدە ھەرقانداق، شۇڭا بىردىن ئۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ كۆرەي.
بىر كۈنى يالغۇز ئولتۇرسام يا. ئىسىملىك بىر يىگىت كىرىپ كەلدى:
– ئاكا، سىزگە بىر ئىش بىلەن كېلىۋېدىم، – دېدى ئۇ، – ئەگەر سىر ساقلاشنى بىلسىڭىز ئېيتىمەن، بولمىسا لام دېمەي چىقىپ كېتىمەن، – دەپ شەرت قويدى. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا خاپا بولدۇم، بىر تۇرۇپ «بارى شۇدۇر، بۇنىڭ» دەپ ئۆزۈمنى باستىم. ئەگەر ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا مۇناسىۋەت مەدەنىيىتىنى بىلگىنىدە، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەتتى؟
– ئۇكا، مەنمىچۇ ئۆزۈمنى ئەر چاغلاپ يۈرگەن خوخەنزىلەردىن، ئۇ نېمىدېگىنىڭ؟ بۇ قورساقتا نېمىلەر يوق؟ – دەپ ماختىنىپ قورسىقىمغا ئالىقىنىم بىلەن شاپىلاقداپ ئۇرۇپ قويدۇم، – ئېيتساڭمۇ، ئېيتمىساڭمۇ ئۆزۈڭ بىل. مەن سېنىڭ ئالدىڭغا ھال ئېيتىپ كىرگىنىم يوق.
– ئاكا، خاپا بولماڭ، سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، گېمۇرروي بولۇپ قېلىۋېدىم، – دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭدىن «مېنىڭدىن ۋەدە ئالماقچى بولغىنىڭغا قارىغاندا، بۇ خېلى ئىنچىكە ئاغرىققا داخىل بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىۋېدىم، ئەمما، ئۇ نەدىكى بىر گېمۇرروينىڭ گېپى بىلەن مېنىڭ قىزىقىشىمنى يوقاتتى.
– بۇ كاساپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر ئىلاجى بارمۇ، دەپ مەسلىھەتلەشكىلى كىرىۋېدىم، – دېدى يا، – دوختۇرغا باراي دەپ نەچچە تەمشەلدىم. بىراق بۇ كاساپەت ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يەنە ئۆسەرمىشقۇ.
گېمۇرروينىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كېچىكمەي قايتىدىن ئۈنىدىغانلىقىنى مەنمۇ تالاي كىشىلەردىن ئاڭلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يا. نىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ، بېشىمنى لىڭشىتتىم.
– مەن بىلىدىغان بىر ئاسان يولى بار، ئەگەر خالىساڭ … – دېدىم سەل سۈكۈتتىن كېيىن.
– داۋا بولسىلا، – دېدى يا.
– ئۇ ئۆزۈڭنىڭ سۈيدۈكىڭ.
– راستمۇ؟
– راست بولمايچۇ! ئاغرىق مەسىلىسىدە چاقچاققا ئورۇن يوق. سەن يېزىدا تۇرۇۋاتقان ئادەم. بىزگە ئوخشاش شارائىتىڭ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ھاجەتخانىغا كۇرۇشكىدەك بىر قاچا ئەكىرىپ قوي – دە، ھەر كىرگىنىڭدە يۇيغىن. ئايىما، كۈنىگە نەچچە قېتىم كىرسەڭ، شۇنچە يۇيغىن. ھازىر كۈن ئىسسىق، سالقىن تارتقاندا توختىتارسەن.
– ئاسانلا ئىشكەنغۇ.
– بىراق، بەرداشلىق كېرەك.
– بۇ، دېگىنىڭىزغۇ توغرا.
ئىش بىلەن بولۇپ يا. غا بەرگەن مەسلىھەتىم يادىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. يالغۇز ئولتۇرغان بىر كۈنى ئۇ ئاستا كۈلۈپ كىرىپ كەلدى.
– خەپ ئاكا، سەل كېيىنرەك تۇتۇش قىلىپ قاپتىمەندە! – دېدى ئۇ سالام – سائەتتىن كېيىن ئۆكۈنۈپ، – ئالدىڭىزغا نېمىشقا بۇرۇنراق كىرمىدىم دېسەم، ئۆزۈمگە ئۆزۈم خاپا بولىمەن. مۇبادا ئىلگىرىرەك مەسلىھەت سورىغىنىمدا بۇ كاساپەتتىن بالدۇرلا تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەتتىمكەن.
«ئالدىرىغاننىڭ ھوشۇقى تايىدۇ»، تاقەت قىلساڭ، يەنە ياز كېلىدۇ.
يەنە ياز كەلدى. يا. گېمورويدىن قۇتۇلدى. ئەمما، مېنىڭ ئالدىمغا گېمۇرويدىن قۇتۇلۇش يولىنى سوراپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق. كېيىنكى يىللىرى ئۇ كېسەلدىن ئوندىن ئوشۇقراق ئادەم قۇتۇلدى. بىراق، ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ قولىنى «بۇلغاشنى» خالىمىغانلار تېخىچىلا گېمۇرروينىڭ جاپاسىنى تارتىپ يۈرىدۇ.
يەنە بىر مىسال، ياركەنتكە كاماندىروپكىغا بارغانىدىم. قەرەللىك كۈن ئاياغلىشىپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن. شۇ ئارىدا ئاغىنەم تۇرداخۇن مەشرەپوۋنىڭ بازار تەرەپتە ئىشى چىقىپ قالدى. بىللە بېرىپ كەلمەكچى بولدۇق. ئىشىكتىن شۇنداقلا چىقساق، شامال چىقىۋېتىپتۇ. بىز بازارغا يېتىپ بارغۇچە ئۇ ئوبدانلا كۈچىيىپ، بورانغا ئايلاندى. مەن ياركەنتتە نۇرغۇن قېتىم بولغان، لېكىن مۇنچىلىك قاتتىق بوراننى كۆرمىگەن.
ماگزىنغا كىرىپ خېلى كۈتتۈق، بىراق بوراننىڭ توختايدىغان تۈرى يوق ئىدى. كوچىغا ئىلاجسىز چىقتۇق. دەرەخلەرنىڭ ئۇچى غاراسلاپ سۇنۇپ چۈشۈۋاتىدۇ. ئۈستى قەلەي بىلەن يېپىلغان ئۆيلەر غاراسلاۋاتىدۇ. بوران كوچىغا تاشلانغان قەغەز، گېزىتلەرنى، ئومۇمەن ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ كۈن پېتىشقا – ئۆسەككە ئۇچۇرتۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئۆي چېدىردىكى قەلەينى يۇلۇپ داراڭلاتسا، شىفىرلانغان ئۆيلەر چېدىرغا دەھشەت سالاتتى. ئۆيلەرنىڭمۇ، دەرەخلەرنىڭمۇ دالدىسىدا تۇرۇش خەتەرلىك ئىدى. تۇرداخۇن ئىككىمىز كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. ئۆيگە ئاران دېگەندە يېقىنلاشتۇق. ئىشىكنى شۇنداقلا ئېچىشىمىزغا بىزنى مەرۋانەم قارشى ئالدى. ئۆڭسۈلى يوق.
– قىزىمنىڭ ئۈستىگە دەرەخنىڭ سۇنغان شېخى چۈشۈپ كېتىپتۇ، – دېدى ئۇ بىردىن.
– ئىشقىلىپ ئامانمۇ؟ – دېدىم ئالدىراش.
– ئامان. بىراق جېنىنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش چاقىراي دېسەم ھېچ ئۇنىمايدۇ. ئەتە ئىشتىن قالىدىغان بولدۇم، دەپ يىغلاۋاتىدۇ.
ئازاد تۇرداخۇنلارنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى. شۇ مەزگىللەردە ئۇ يە تۆتىنچى، يە بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتى.
– بولدى، قىزغا ھازىر دورا قىلىمىز، – دېدىم ئىشەنچلىك ھالدا ئانىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، سۈيدۈككە مەرۋانەم بەرگەن ياغلىقنى چىلاپ قويدۇم.
– مەرۋانەم سىز ئانىغۇ، مۇنۇ ياغلىقنى سەل سىقىۋېتىپ، قىزنىڭ شۇ ياغاچ تەگكەن مۈرىسىگە مەھكەم باغلاپ قويۇڭ، – دەپ بانكىغا تۇتقازدىم.
ئەتىگەنلىكى ھويلىدا تاماكا چېكىپ تۇرسام تۇرداخۇننىڭ شۇ قىزى ئۆيدىن سومكىسىنى مۈرىسىگە سالغان ھالدا چىقىپ كەلدى.
– ھوي، قىزىم نەگە؟ – دەپ سورىدىم.
– ئىشقا
– مۈرىڭىز قانداق؟
– ياخشى، چوڭ دادا.
– بۈگۈنچە سورىنىپ ئىشتىن قالسىڭىزمىغۇ، قىزىم. ئاخشامقى دورىنى بۈگۈن يەنە بىر – ئىككى تەكرارلىغىنىڭلار ياخشى بولاتتى.
– سىزگە رەھمەت، چوڭ دادا. قولۇم ياخشى، ئىشتىن قالماي. دورىنى ئاخشاملىققا چوقۇم تەكرارلايمىز.
– ۋاي بىر جېنىڭىزغا مىڭ جان بەرسۇن، – دېدى مەن يولغا چىققىلىۋاتقاندا مەرۋانەم، – چوڭ ئاپام سىزنى بىز ئۈچۈنلا تۇغۇپ قويغان ئىكەنغۇ، ئىگەكىم. بىزدىن قايتمىسا، خۇدادىن قايتار، كۆپ رەھمەت.
بەزىلەرنىڭ ئاغرىقنى بەجايىكى ئاسماندىن چۈشكەن بىر نەرسىدەك كۆرۈشى مېنى تالاي ئەجەبلەندۈردى. ھېچقانداق ئاغرىقنىڭ تاشقىرىنىڭ تەسىرسىز ئۆزى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق ئاغرىقنىڭ سەۋەبى بار. كۆپچىلىك ئاغرىق پەقەت سوغدىن، بۈگۈنكى كۈندە نېرۋىدىن بولىدۇ. ئاغرىققا دىئاگنوز قويغاندا، داۋالىغاندا شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. بۇ ھاياتتا ھەر بىر ئادەم ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى كەچۈرىدىكەن. كۆپىنچىسى ئۆزۈڭنىڭ مەيلى ئەمەس. مەسىلەن، ئۆزۈمنىلا ئېيتسام، كەنجى بالىمىزنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن، دوختۇرلار ھاۋا ئالماشتۇرۇپ كۆرسەڭلار بولامدىكىن، دەپ مەسلىھەت بەردى. «بىر چوڭنىڭ، بىر كىچىكنىڭ سۆزىگە كىر» دېگەندەك، دوختۇرلارنىڭ سۆزىگە كىرمەسلىككە بولمىدى. ئۆيدىكىلەر قىزنى ئېلىپ چونجىغا كەتتى – دە، ئۈچ يىل شۇ يەردە تۇردى. مەن ھەر ئىككى ھەپتىدە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم.

يەنە پۇت ھەققىدە

بالا – چاقىنى يەنە بىر نۆۋەت يوقلاپ كەلگىنىمدە ئۆيدىكىلەر:
– مۇنۇ ئۇدۇل قوشنىنىڭ پۇتى ئىششىپ ئۆيدىن چىقالماي ئولتۇرۇپ قالدى، – دېدى.
– نېمە بوپتۇدەك؟
– بىلمەيمەن، ئۇ كىشىنىڭ يۈرىكى ئاغراتتىكەن. يۈرىكىڭىزنىڭ كېسىلى پۇتىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دېسەم كۈلىدۇ.
– ھەر ئىككى پۇتى تەڭلا ئىششىپتىمۇ، ياكى بىرىمۇ؟
– بىرى، پۇتىنىڭ يۈزلۈكى، ھوشۇقى.
– پۇت يۈرەك ئاغرىقىدىمۇ ئىششىيدۇ. بىراق، سېنىڭ گېپىڭگە قارىغاندا م. نىڭ پۇتى يۈرىكىدىن ئەمەس، باشقا بىر سەۋەبتىن ئىششىغان. كىرىپ ھالىنى سوراپ چىقاي، – دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم.
م. پۇتىنى كونا ياغلىق بىلەن ئوراپ، دىۋاندا يېتىپتۇ. مېنى كۆرۈش بىلەن ئورنىدىن تۇردى.
– قارىساڭ ئاداش، مۇنۇ پۇتنىڭ ئەلىمىنى!
– نېمە بولغان؟
– بىر كېچە ئىچىدىلا ئىششىپ كەتتى…
– ئۆزلۈكىدىن بولىدىغان ئىش يوق، ئاداش، – دېدىم – دە مەن ئۆز تەخمىنلىرىمنى ئېيتتىم ۋە شۇ توغرىسىدا ئويلاشنى سورىدىم.
ئادەملەر قىزىق، مېنىڭ ئاغرىقىمنى ئۆزۈمدىن سورىغىچە، دوختۇر بولغاندىن كېيىن ئۆزى تاپمامدۇ، دەپ دوق قىلىدۇ. ئاغرىقنى سوراپ بىلىش تېبابەتنىڭ بىرىنچى شەرتى. چۈنكى سوراش جەريانىدا ھەممە نەرسە ئېنىقلىنىدۇ.
-يە پۇتلاشقىنىم، يە يىقىلغىنىم يادىمدا يوق.كىم بىلىدۇ، تىرىك بەندە بولغاندىكىن، بەلكى…ئايالى، «يۈرىكىڭىزنىڭ ئاغرىقى پۇتىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ»دەيدۇ.يە شۇنداقمۇ؟
-يۈرەكتىن بولغاندا پۇتۇڭ پاقالچاقلىرىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئىششىيدۇ. سېنىڭ پۇتۇڭدىكى ئىششىق تامامەن باشقا، سەن ئوبدانراق ئويلا. قىزىمنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتى بولدى. مەن كەچتە كىرىمەن، – دېدىم
م. نىڭ ئۆيىگە كەچكى غىزادىن كېيىن كىردىم.
– بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى سارتوقايدا ئۈچ – تۆتىمىز يوغان بىر كۆتەكنى دۈگىلىتىپ كېتىپ باراتتۇق. نېمە سەۋەب بولدى، بىلمەيمەن، كۆتەك كەينىگە ياندى. شۇنداق قاچىمەن دەپ، مۇنۇ پۇتۇمنى قايرىۋالغان، – دەپ م. ئۆز تارىخىنى سۆزلەشكە باشلىدى، – ئۇنىڭدىن كېيىن تالاي يىللار ئۆتتى. شۇنىڭ دەردى ئەمدى چىقىشى مۇمكىنمۇ؟
– ھە، مانا سەن تېخى ئۆز – ئۆزىدىنلا ئىششىپ كەتتى دەيسەنا، – دېدىم، – ئۇ ۋاقىتتا سەن ياشراق ئىدىڭ. بۈگۈن بولسا يېشىڭ ئەللىك. كونىلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ. شۇندا ئۆلگەن كلېتكىلار ئەمدى ئۆزىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى مۇنداق قىل: ئاۋۇ تۆتىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇڭنى بىر قاچىغا سىيگۈز – دە، مۇنۇ پۇتۇڭدىكى ياغلىقنى چىلاپ تېڭىۋال. ياتقىچە ئىككى قېتىم قىلساڭ، ياخشى بولاتتى. ئەتىگىچە ئۆزۈڭنى خېلىلا ياخشى ھېس قىلىسەن.
– ئوڭايلا بىر نەرسىنى دېدىڭغۇ، – دەپ كۈلدى م. ئۆز ئادىتىچە، – بولدى، تۆت قېتىم بولسىمۇ قىلىمەن. بۇنى دوختۇرلار بىلمەيدىكەندە، بالىلىرىم شىپاخانىغا ئاپىرىۋېدى. ۋىشنېۋىسكىي ماز دېگىنىنى بەردى. ئۈچ كۈندىن بېرى سۈركەۋاتىمەن، بىر تىيىنلىق پايدىسى يوق.
– ئىككى قېتىم كۇپايە. مەن ئەتىگەن كىرىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمەن، – دەپ چىقىپ كەتتىم.
ئەتىگەنلىكى كىرسەم م. نىڭ ئايالى ھويلىسىنى سۈپۈرۈۋېتىپتۇ.
– سىلەرنىڭ ئۆيگە كىرىمەن دەۋاتاتتى، چىقمىدىما؟
– ئۇنداق بولسا، نەگە كېتىدۇ. يىراققىغۇ كەتمىدى. يە باغقا چىقتىمىكىنتاڭ، – دەپ ئايال باغ تەرەپنى بويلىدى، – ئەنە دېدىمغۇ يىراققا كەتمىدى دەپ، ئۈزۈملىرىگە قاراپ يۈرۈپتۇ – دە.
م. ھاسا تاياق بىلەن كېلىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
– ئاداش، ئىششىق تۈنۈگۈنكىگە نىسبەتەن خېلىلا قايتتى، – دېدى ئۇ سالام – سائەتتىن كېيىن، – سېنىڭ بۇ دوراڭنىڭ راستلا جېنى بار ئوخشايدۇ.
– بىكار تالاغا چىقىپسەندە، زورۇقتۇرۇپ قويۇشىڭ مۇمكىنغۇ، بۈگۈنگىچە ئۆيدىن چىقماي دورا قىلغىنا!
– زېرىكتىم، ئاداش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇم مەكتەپكە كەتتى، چىقىپ سېنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دەپ …
ھەر ھالدا مەن ئالمۇتىغا قايتقىچە م. نىڭ پۇتىدىكى ئىششىق تولۇق دېگۈدەك يېنىپ بولغانىدى. ئاڭلىشىمغا قارىغاندا م. مۇبادا نەۋرىلىرىدىن بىرەرسى سۈرۈلۈپ يىقىلىپ قالسا ياكى باشقا بىر سەۋەب بىلەن زەخىملەنسە، دەررۇ سۈيدۈكنى دورا قىلىپ يۈرگىدەك. ئۇنىڭدا تۇرغان نېمە بار. ئاساسىي گەپ بالا – چاقا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بەزى – بەزىدە قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە نۆۋەت بىلەن كىرىپ ئەھۋال سوراش ئادىتىم بار. بۇ ئادىتىم ياخشىمۇ، يامانمۇ بىلمەيمەن. لېكىن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قۇدرىتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرمىسەم ئۇلارمۇ:
– يوقاپ كەتتىڭىزغۇ، كۆرۈنمەيسىزغۇ، – دەپ خاپا بولغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇ يېقىندا ب. ئىسىملىك يەنە بىر قوشنىنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ھەمىشە سەرەمجان تۇرىدىغان بۇ ئۆي بوسۇغىسىنى ئاتلىشىم بىلەن كۆڭلۈم بىر تۈرلۈك بولۇپ قالدى. ئايال كىشىنىڭ قولى تەگمىگەنلىكى بوسۇغىدىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ب. نىڭ چىرايىنىڭ سۇنۇقلۇقى، ئەتتەڭ، نېمىشقىمۇ كىرگەندىمەن، دېدىم.
– سىڭىل كۆرۈنمەيدىغۇ؟ – دېدىم ساھىبخانغا شۈبھىلىك قاراپ. چۈنكى بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا نېرى ئولتۇر، بېرى ئولتۇر پات – پاتلا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشقۇ.
– قاراڭ ئاكا، بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ئاشقازىنى ئاغرىپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي ياتىدۇ، – دېدى ب. سولغۇن قىياپەتتە.
– دوختۇر چاقىرمىدىڭلارمۇ؟
– چاقىردىم. دورىلارنى يېزىپ بەردى. بىراق كېلىنىڭىز ھېچ ئۇنىمايدۇ. كۆڭلى ئاختۇرۇلۇپ، ھېلىدىن ھېلى كۆپۈك قۇسۇۋاتىدۇ.
– ئەجەب ئىش قىپسىلەردە ئۇكا، يېزىپ بەرگەن دورىنى ئالماي، رېتسىپلىرى قېنى، مەن كۆرەيچۇ.
ب. سېرۋانت ئۈستىدىن ئۈچ پارچە قەغەزنى ئېلىپ ماڭا بەردى. ئوكۇل، تابلېتكا دورىلار، ئالماگېل، سېۋمۇسېتىن، مېتىلراسېن. بەزىلىرىنى بىلىمەن، بەزىلىرىنى ئاڭلاپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن. س. غا ئۇلارنىڭ قايسىسى ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
– كېلىننىڭ مېھمانخانىغا چىققۇدەك ئەھۋالى باردۇ؟ – دېدىم ب. نىڭ كۆزلىرىگە تىك قاراپ.
– چىقار، – دەپ غۇدۇڭشىدى ب، – مەن كىرىپ دەپ كۆرەي.
ب. كۆپ كېچىكمەي ئىچكەركى بۆلمىدىن قىرىقلارغا ئۇلىشىپ قالغان ئايالى س. نى باشلاپ چىقتى. بىچارە ئايالنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، چىرايى بەجايىكى، پاتلانغان قېرىنغىلا ئوخشاپ كېتىپتۇ. كۆرسە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.
– بۇ دورىلارنى ئىچىپ كۆرگەنمەن، – دېدى س. مېنىڭ قولۇمدىكى رېتسىپلارغا قاراپ، – ئوكۇلنىمۇ ئالغان. بىراق، پايدىسىنى كۆرەلمىدىم. ئورگانىزمىمنى زەھەرلىگەندىن باشقا ھېچ نەرسە بولمايۋاتىدۇ.
س. نىڭ گەپ قىلغىدەك خۇشىمۇ، ماغدۇرىمۇ يوق. ئىلاجىسىزلىقتىن ئالدىمغا چىقىپ ئۆزىنى مەجبۇرلاپ سۆزلەۋاتاتتى.
– بىر دورا بۇيرۇسام ئىچەمسىزكىنتاڭ؟ – دېدىم ئېھتىياتچانلىق بىلەن.
– كۆكتات دورىمۇ؟
– ياق.
– يەنە قانداق دورا باركىنتاڭ، – دېدى ئۇ قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ.
بىردىن ئېيتىشقا ئاغزىم بارماي، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ سەل تۇرۇپ قالدىم. كېيىن ئاستا يىراقتىن ئەگىتىپ ئېيتتىم. ئۇنداق بولغىنى تۇغقانلاردىن بىرى يېڭى كىرگەن كېلىنى بۆرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ، دېسە، ئاۋۇ يەردە ئالما سىركىسى بار ئىچ دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان كېلىن ئەگەر – توقۇمىنى قارنىغا ئارتىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپتۇ.
يەنە بىر – بىرىمىزنى چۈشەنمەي، ئەنە شۇنداق كۆڭۈل ئاغرىقى چىقمىسىۇن، دېگەنىدىم.
– ھېچبولمىغاندا ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر قېتىم، كەچقۇرۇن يېتىش ئالدىدا بىر قېتىم.
– ئاشقازاننىڭ ئاغرىغىننى ئاز دەپ تۇمۇ تەگسە كېرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى ئۆپكەمگە سوغ تىگىۋىدى.ھەممىسىنى قوزغىۋەتمىسە.
گېپىگە قارىغاندا س.سۈيدۈكنى ئىچىشكە تەييار.مېنى خۇشال قىلىشىمۇ شۇ.بۇ ئۆز جېنىغا ئېچىنىدىغان، ھاياتنى سۆيىدىغان، بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش ئىشتىياقىدىكى ئادەمنىڭ ئىشەنچىسى ئىدى.ئۇ ماڭا خۇددى«ئەگەر داۋا بولىدىغانلا ئىش بولسا، ئىبلىسنىڭ سۈتىنى ئىچىشكىمۇ تەييار»دەيدىغاندەك كۆرۈندى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمدى ئىشەنچلىك سۆزلەشكە باشلىدىم:
-بىر ئاغىنەم ئۆپكىسىگە سوغ تەگكەندە شۇنىڭ بىلەن كومپرېس ياساپ، چاپسان ساقىيىپ كەتكەنىكەن.يەنە بىر مىسال، 50-يىللىرى مۇشۇ ئالمۇتىدا بويى ئىككى مېتىردىن ئېگىز ۋاسيا دېگەن بىر چېچەن يىگىتى بار ئىدى.تۇنىغانلار شۇ ۋاسىيانى سىل كېسەل ئىكەن، ھازىر ياش ئوغۇل بالىنىڭ ئالدى تەرىتىنى ئىچىۋىتىپتۇ دەيتتى.دېمەك، بۇ سىزگە ھەممە جەھەتتىن باپ دورا چىقتى.مېنىڭ گېپىمگە كىرىپ بۈگۈندىن باشلاپ، قېرىندىشىم، سىزنىڭ `ھاياتىڭىزغا قەست قىلىدىغان مەن كىم شۇنچە؟
– زەھەرلىنىپ قالمىساملا…!
– ياق.
– ئۆزىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، ماڭا ئىشىنىڭ.
– نەچچە كۈن ئىچسەم بولار؟
– بۈگۈن ئۇنى كېسىپ ئېيتىشقا ئاجىزمەن. چۈنكى تا بۈگۈنگىچە بۇ ئىش توغرىسىدا بىرەر كىتابتىمۇ يېزىلمىغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر يوشۇرۇپ ئېيتقىلى ئۇنىمايدۇ، نومۇس قىلىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، نەچچە كۈن ئىچىشىڭىزنى ھايات بەلگىلەيدۇ. كۆز قورققاق، قول باتۇر، سىز دېگەن ئۇششاق بالىلىق ئانا، سالامەت بولۇشىڭىز كېرەك.
س. قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ، بېشىنى ئىرغاتتى.
– قىلسىڭىز ئەنە، قىلمىسىڭىز ئەنە، ماڭا نېمە؟
بۇ ئۆيدە يەنە ئولتۇرۇشنى ئورۇنسىز كۆردۈم – دە، خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم.
ب. نىڭ ئايالىدىن خەۋەر بولمىدى. ھالىنى سوراپ قوياي، نېمە قىلىۋاتىدىكىنە دەپ، يۈزى قېلىنلىق قىلىپ باردىم. بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆز كۆزۈمگە ئۆزۈم ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى س. نىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇراتتى.
– سىز بويرۇغان دورىنى ئىچىۋاتىمەن، ئاكا. راست، دەسلەپ بىر تۈرلۈك ئوڭايسىز كۆرۈنىۋېدى. كېيىن ئۆگىنىپ كەتتىم. كەينىدىنلا زاكۇسكىغا سوغۇق سۇ ئىچىۋاتىمەن.
بىر ئاغىنىنىڭ كۈندە ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، كولونكىدىن مۇزدەك سۇ چىقىرىپ ئىچىپ، ئاشقازىنىمنى داۋالىۋالدىم، دېگەن گېپى يادىمغا كېلىپ، س. نىڭ «زاكۇسكىغا سوغۇق سۇ ئىچىۋاتىمەن» دېگىنىگە قارشىلىق بىلدۈرمىدىم.
– كۈنىگە قانچە قېتىم بولۇۋاتىدۇ؟
ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن؟ – دەپ س. مىيىقىدا كۈلدى، – سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، ھەممىسىنى زايە قىلماي ئىچىۋاتىمەن، دېسەم ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمەن. ھازىر ئوبدان ئۆگىنىپ كەتتىم. 20 كۈن ئىچىشكە قارار قىلدىم. كېيىنكىسىنى سىز دېگەندەك ھايات بەلگىلەر بەلكى. تۇمۇمۇ كەتتى. ئۆپكەمدە بىر يەر سانجىغاندەك قىلاتتى، ئۇمۇ بېسىلدى. راست ئىككى كۈن ئىچىمدىن شۇنداق خەپرۈك ياندى – دە. قىسقىسى ئاكا، سىزگە بىر لەڭمەن قەرز بولۇۋاتىمەن.
– بىر لەڭمەن بىلەنلا ئاسان قۇتۇلماقچىمۇسەن؟ – دەپ چېقىشىپ كۈلدى ب.
– لەڭمەننىڭ چېغى چاغلىق قېرىندىشىم. سالامەتلىكىڭىزنىڭ تۈزۈلۈۋاتقانلىقى خۇشاللىق.
شۇنىڭدىن بۇيان ئۈچ يىل ئۆتتى. س. نىڭ چىرايى باشقىچىلا ياشىرىپ كەتتى. دوختۇرغا ماڭغىنىنىمۇ كۆرمەيسەن. ئۆزى ئېيتمايدۇ، لېكىن ئىچىشنى ھېلىغىچە توختاتمىدىغۇ دەيمەن.
مەدەت تىلەپ ئالدىمغا كەلمىگەن تونۇش – بىلىشلەر قالمىغان بولسا كېرەك. ھ. ئىسىملىك ئوتتۇزدىن ئېشىپ قالغان بىر تونۇشۇم كەپتۇ. بۇ ئايالنىڭ گەدىنىگە قىچىشقاق چىقىپتۇ. ئۇنىڭغا قەرىقىز يىلتىزىدىن ياسالغان ماي بەردىم. بەختكە قارشى بۇ ماي قىچىشقاقنى قاتۇرغىنى بىلەن ساقايتالمىدى. يەنە ئەدەپ ئايالنىڭ ئارامىنى بۇزدى. بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى كىمدۇر بىرىدىن قولغا چىققان تەمرەتكە شەكلىدىكى قىچىشقاقنى ئايدىڭدا ئولتۇرۇپ، ئالدى سۈيدۈك بىلەن يۇسا ناھايىتى پايدا قىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ ئايالغا شۇنى ئېيتىشقا تەمشىلىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. چۈنكى ئايال كىشى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ئۆزىنى سىيلاپ – سىيپاپ يۈرىدىغان، سەللا ئىشتىن بوغۇزى چۈشۈپ قالىدىغان ئادىتى بار.
– سىڭلىم ئۆيۈڭلەردە ھەدىڭىزنىڭ يا سىڭلىڭىزنىڭ نارەسىدە ئوغلى بارمۇ؟ – دەپ سورىدىم.
– نېمە بولدى؟ دەپ چەكچىيىپ قارىدى.
– مۇشۇ جاھىل قىچىشقاقنى ئوغۇل بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىدە بىر – ئىككى قېتىم يۇيۇپ باقامسىزكىن، دېمەكچى ئىدىم.
ھ. شۈككىدە بولۇپ قالدى.
– بۇنىڭ نېمە يامىنى بار، ئاخشىمى بىر – ئىككى قېتىم يۇيسىڭىز ئەتىگەنلىكى ئىشقا ئۆزىڭىزنى تۈزەپ كەلمەمسىز.
ئۇ يە ماقۇل، يە ياق دېمىدى. بىراق، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۆيگە تېلېفون قىپتۇ.
– سىڭلىمنىڭ بوۋاق ئوغلىنىڭ ئالدى تەرىتى بىلەن ئىككى قېتىم يۇيۇۋېدىم. قىچىشقاقنى تۆكۈۋەتتى. شۇ چاغدا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ، – دېدى.
– ئۇ ۋاقىتتا ئارتۇقچە گەپمۇ بولمىدى، بىراق يېڭىلىقنى خەۋەر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، – دېدىم.
ئالدى سۈيدۈك توغرىسىدىكى باپ بەك ئۇزىراپ كەتتى. بىرنى يازسام يەنە بىر پاكىت قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇنۇ – مۇنۇ ئاغرىقلارغا سۈيدۈكنى ئىشلەتكىن، دەپ ئېيتمىساڭ، ئۆزلىرى ئىجادىي ئىنتىلىپ ئىشلىمەي يەنە قانداق ئاغرىقلارغا دورا دەپ سورايدۇ. شۇڭا بەزى مۇھىم دېگەن نەرسىلەرگە تەپسىلىيرەك توختالماي ئىلاج بولمىدى.
سۈيدۈكنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا گەپ قىلغاندا، ئىختىيارسىز مۇنداق بىر ۋەقەنىمۇ سۆزلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر كۈنى ئۆيگە ر. ئىسىملىك ئوتتۇز بەش ياشلاردىكى بىر تونۇش ئايال كىرىپ كەپتۇ.
– تۆت ياشلىق قىزىمنىڭ قۇلىقى ئاقىدۇ، سانجىپ ئاغرىيدۇ، – دېدى ئۇ سەل سۈكۈتتىن كېيىن، – تۆت كۈن بولدى، نېمە قىلارىمنى بىلمەيمەن، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كىردىم.
دوختۇرغا بارمىدىڭىزمۇ؟
– بارمامدىغان، جېنىم ئاكا، بالامنىڭ جېنى قاقشاۋاتسا، دورا يېزىپ بەردى، شۇنى تېمىت دەيدۇ. ھاراق بىلەن كومپرېس قىل، دېدى، ھەممىسىنى قىلىۋاتىمەن. ئەمما ھېچبىر كارغا يارىمايۋاتىدۇ. ئەمدىكى ئۈمىد پەقەت سىزدە.
ئىلمىي تېبابەتتىن بىلىمى يوق ئادەمنىڭ، ئۆزىڭىز بىلىسىز، كۆز، قۇلاققا ئوخشاش ئادەمنىڭ نازۇك جايلىرى بىلەن ئوينىشىش مېنىڭچە بولغاندا جىنايەت، تاشقى ئاغرىقلار بولسا، باشقا گەپ.
– ئاقىدۇ دېدىڭىزما؟ – دېدىم سەل جىمجىتلىقتىن كېيىن.
– ئاقمامدىغان! ھەممىدىن سانجىشىدىغىنى جېنىم قىزىمنىڭ جېنىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، سانجىغاندا بىچارە قىزنىڭ ئونى چىقىپ كېتىدۇ.
– باش پىيازنى تېركىدىن ئۆتكۈزۈپ مىجىپ ئېلىنغان شىرىسىنى تامچىلىتىپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئۇمۇ ئاققان قۇلاقنى تازىلايتتى.
– جېنىم ئاكا، بورنىي ئىسپىرت قۇيۇپ يۇمران بالىنىڭ قۇلىقىنىڭ پەردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بولدۇم. ئەمدى ئۇنىڭغا ئاچچىق پىياز شىرنىسىنى قۇيسام نېمە بولماقچى؟
ئانىنىڭ تەشۋىش – ئەندىشىسىنى ياخشى چۈشىنىمەن. بورنىي ئىسپىرتنى نورما بىلەن قۇيسىغۇ قىزنىڭ قۇلاق پەردىلىرى كۆيۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئانا ئويلىغاندەك قۇلاق پەردىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بولسا، ئۇنى نېمىشقا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، دوختۇرلار نېمىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ؟
بورنىي ئىسپىرتىمۇ، پىياز شىرنىسىمۇ بالا قۇلىقىغا سەلبىي تەسىر قىلمايتتى. پىياز شىرنىسى ئاغرىقنى باساتتى. مۇبادا ئىششىق بولسا چاپسان ئېغىز ئالدۇراتتى. قۇلاق تازىلىناتتى. پىياز شىرنىسىنى قۇلاققا چېلەكلەپ قۇيمىغاندىن كېيىن.
لېكىن ر. نىڭ ھازىر ھېچ نەرسىنى چۈشەنگۈسى، ھېچنىمىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنى ئۇنىڭغا سىلىقىدا سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى.
– بۇ قىزىڭىزدىن چوڭ بالىڭىز باردۇ؟ – دېدىم.
– بار، ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نېمىسىنى سوراۋاتىسىز؟
– مانا شۇ ئوغلىڭىزنى ئىستاكان قاتارلىق بىر پاكىز قاچىغا توسۇڭ. ئۆيۈڭلاردا دورا تېمىتىدىغان پېپىتكا باردۇ؟ پېپىتكا بىلەن ئىسسىق سۈيدۈكتىن قىزىڭىزنىڭ ئاغرىۋاتقان قۇلىقىغا، ھەر ئىككىسى ئاغرىسا ھەر ئىككىسىگە ئىككى تامچىدىن تېمىتىڭ – دە، پاختا تىقىپ قويۇڭ ۋە ياغلىقنى تاڭدۇرۇپ قويۇڭ.
– بولامدۇ؟
بولمايدىغان ئىشنى تەكلىپ قىلاتتىممۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپلا ياتقىچە ئىككى قېتىم تېمىتىڭ. سۈيدۈك يېڭى بولسۇن. ئىشەنچىم كامىلكى، قىزىڭىز ئەتىگىچە ياخشى بولىدۇ. يەنە بىر ئېيتىپ قويىدىغان نەرسە، قىز ناھايىتى قاتتىق ئۇخلايدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ.
ر. باشقا باھانە – سەۋەبلەرنى ئېيتىپ مېنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ ئولتۇرمىدى. ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭاي دەپ تەييارلىنىۋاتسام، تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى. تۇرۇپكىنى ئالسام:
– ئاكا كەچۈرىسىز، ۋاقتىڭىزنى ئېلىۋاتىمەن. قىز تېخىچە ئۇخلاۋاتىدۇ، – دېدى.
– تۆت كۈن ئۇخلىمىغان بالىنى ئۇخلاتماي نېمە قىلىسىز، تەگمەڭ، – دېدىم جىددىي، – ئۇيقۇسى قانغاندا ئۆزىلا تۇرىدۇ. بىراق بۈگۈنمۇ شۇ دورىدىن ئۇنتۇماي ئۈچ – تۆت قېتىم تېمىتىڭ. چۈشەندىڭىزمۇ؟ كەچقۇرۇن ماڭا تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇماڭ
– چۈشەندىم، ئاكا…
كەچكى غىزادىن كېيىن تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى.
– ئاكا، قايسى كۈنلىرى ۋاقتىڭىز بولار؟ دېدى ر. مەن ئۇنى ياخشى چۈشەندىم.
– ھېچ ئاۋارە بولماڭلار، قېرىنداش، – دېدىم سىلىقىدا، – سىلەرنىڭ بالاڭلار كىم، مېنىڭ بالام كىم؟ مېنىڭ ئۈچۈن ھەممە بالىلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئەلا.
– شۇندىمۇ ئاكا، قىزىمغا بىر مىنۇت بولسىمۇ ئاراملىق تىلەپ ئالدىڭىزغا كىرگىنىمدە، چىرايلىق گېپىڭىز بىلەن يولغا سالدىڭىز. مەسلىھىتىڭىزنى ئايىمىغىنىڭىز ئۈچۈن بېشىمىزدا كۆتەرگۈدەك بولۇۋاتىمىز. كىرىپ ھېچبولمىغاندا قىزىمىزنىڭ خاتىرجەم ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقىپ كەتسىڭىزمىغۇ.
– بۇ باشقا گەپ، ھازىر ھەدەڭلار ئىككىيلەن كىرىمىز. بىراق، ھېچ نەرسىگە ئاۋارە بولماڭ.
كىرسەك قىز ھەقىقەتەنمۇ خاتىرجەم ئويناۋېتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ خۇددى لاتارېيىدىن چوڭ نەرسە ئۇتۇۋالغاندەك خۇشال بولدۇم.
– ئۇنتۇماي، داۋالاشنى يەنە ئىككى – ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇڭ، – دېدىم خوشلىشىۋېتىپ، – قۇلاق ئىچىدىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەسلىگە كەلسۇن.
– دېگىنىڭىزدەك بولىدۇ ئاكا، ھەممىسى ئۆزىمىز ئۈچۈنغۇ.
ئەرزىمەس دورا بۇيرۇپ، يەنە بىر ئائىلىدە چوڭ ئابرۇي قازاندىم. خۇدايىمنىڭ شۇ دەرىجىدە يەتكۈزگىنىگە رەھمەت.
بىر كۈنى، تېخى ئىش ئورنۇمدا ئىدىم. بۆلۈمگە 25-26 ياشلاردىكى ز. ئىسىملىك بىزنىڭ سابىق خادىمىمىز كىرىپ كەلدى. يۈزى ئىششىغان بولۇپ، كۆزلىرى كىرتەيگەن، سالاملىشىپ بەرگەن قوللىرىدىن ئوت چىقىپ تۇراتتى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى بولۇپ، بەدىنىنى بۇججىدە تەر بېسىپ تۇراتتى. سۆز قىلغىدەك ئەھۋالى يوق.
– نېمە بولدى؟ – دەپ سورىدىم.
ئۇ تامىقىنى ئىشارە قىلغان ھالدا ئاران «ئاغرىۋاتىدۇ» دېدى. ئىككى كۈندىن بېرى يە بىر يۇتۇم چاي ئىچىپ، يە بىر چىشلەم نان يېمىگەن. ھەتتا تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشنىڭ قانچىلىك ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردى. كۆڭلى يېقىن ئۈچۈن مەدەت سوراپ ئالدىمغا كەلگەن. لېكىن ئىش ئورنىدا ئۇنىڭغا مېنىڭ نېمە بېرىشىم مۇمكىن؟ ئىمكانىيىتىڭ بولسا غاڭزىگۈل، چوشقا ياڭىقى قوۋزىقى ياكى ئېۋكالىپت تېپىپ قاينىتىپ ئىسسىق – ئىسسىق چايقا، دەپ مەسلىھەت بەردىم، ھېچبولمىغاندا قازان قۇرامى بىلەن تامىقىڭنى كۆتەرگۈزگىن دېدىم.
ئەمما، دەل شۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ بۇ مەسلىھەتلىرىم ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپ ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپتىن كۆرە، جېنىغا چاپسان ئەسقاتىدىغان دورا كېرەك. ئىشنى تاشلاپ ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كېتىشكە يەنە بولمايتتى. چۈنكى تەرتىپ دېگەن تەرتىپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاق قار، كۆك مۇزدا ئۇ مەن ئېيتقان شىپالىق گىياھلارنى نەدىن تاپىدۇ؟ شۇ خىل ئىككى تاش ئوتتۇرىسىدا قېلىپ خىيال چېكىۋاتقاندا يادىمغا سۈيدۈك كەلدى.
– سېنىڭ بۇ يەردە ئۆيۈڭمۇ يوق، يامان بوپتۇ، – دېدىم ئۇنىڭغا خەيرخاھلىق بىلدۈرۈپ، – بىر دورا ئېيتسام، كۆڭلۈڭ تارتامدىكىنتاڭ؟
– ئاكا، نېمىلا بولسا مەن تەييار! – دېدى ئۇ ، – بۇ ئاغرىق جېنىمدىن يامان ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. مېنى توغرا چۈشىنىڭ، قاراڭا، بويۇن – قۇلاقلىرىمغىچە قوشۇلۇپ ئاغرىۋاتىدۇ. تىلىمنىڭ چۆرىسى خۇددى ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاپ قالدى.
– شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا جىددىي بىر دورا تەكلىپ قىلماقچىمەن. ھازىر ئۇتتۇر چۈشكەن ئۆيۈڭگە باردە، بىر ئىستاكانغا سۈيدۈكىڭنى ئېلىپ ئاغزىڭنى چايقا، ئىچ، ئەگەر پېپىتكا بولسا، قۇلىقىڭغا ئىككى – ئۈچ تامچە تېمىتىۋەتسەڭ تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر سۇ ئىچكۈڭ كەلسە مەيلى، بىراق تاماق يېمە. ئەتىگەنلىكى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ يەنە ئىچ، – دېدىم.
– ئەگەر دەردىمگە داۋا بولسىلا، – دەپ چىقىپ كەتتى. مەن ز. نى شۇنىڭ بىلەنلا قارىسىنى يوقىتىدۇ، دەپ خاتا ئويلاپتىمەن. ئۇ ئىككىنچى كۈنى مىيىقىدا كۈلۈپ كىرىپ كەلدى.
مەن بىردىن ز. نىڭ كۆزلىرىگە، چىرايىغا تىكىلدىم. سەۋەبى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، يۈزى ئىششىغاندەك كۆرۈنىۋېدى. كالپۇكلىرىنى گەز باغلاپ تۇراتتى. بۈگۈن پەقەت ئۇلارنىڭ يېرىم – يارتىسىلا قاپتۇ.
– نېمە قىلدىڭ، ئېيتقىنا ئەمدى؟ – دەپ سورىدىم.
– قايىلمەن، – دېدى ئۇ ئادەتتىكىدەك چاڭىلداپ سۆزلەپ ۋە قولۇمنى قاتتىق سىلكىدى، – سۈيدۈكنىڭ دورىلىقى توغرىسىدا ئىلگىرى مەنمۇ ئاڭلىغان. لېكىن ئۇنىڭ مۇنچىلىك كۈچلۈك دورىلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن. تۈنۈگۈن ئۆيگە يەتكىچە كۆزۈم تۆت بولدى. سەۋەبى ئاغزىمدىن قويۇق شۆلگەي ئېقىپ، ئاپتوبۇستا ناھايىتى خىجالەتچىلىكتە قالدىم. پولغا تۈكۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. سىز ئېيتقاندەك، ئۆيگە كىرىپلا بىر ئىستاكاننى يانچۇقۇمغا ئېلىپ باغقا چىقتىم. تەلىيىمگە ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئازلا يېرىم بىر ئىستاكان چىقتى. پاكىز پاختىنى چىلاپ قۇلىقىمغا تىقتىم – دە، قالغىنىنى كۆتۈرۈپ ئېچىۋەتىم. چاي ئۆتمىگەن گېلىمدىن ئۇ سىلىق ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيگە كىردىم – دە. بېشىمنى پۈركەپ يېتىۋالدىم. ئارىدىن 15-20 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزۈمنى تەڭشەپ كۆردۈم. ئۆزۈمدە خېلىلا يېنىكچىلىك سەزدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، چاي ئېتىپ، بىر ئاپقۇرنى ئىچىۋېتىپ ياتتىم. سىز دېگەندەك ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا يەنە تالاغا چىقىپ، يەنە بىر ئىستاكان ئىچىپ كىردىم. ئەتىگەنلىكى ئەتىگەن ئويغىنىپ كەتتىم – دە، يەنە بىر ئىستاكان ئىچىپ كىرىپ ياتتىم. سائەت سەككىزگىچىلا ئۇخلاپتىمەن. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كوچىغا چىقىش ئالدىدا، يېرىم ئىستاكاندەك بولدىغۇ دەيمەن، كۆتۈرۈۋېتىپ كەينىدىن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچتىم. ھاراقتىنمۇ ئاچچىقمۇ نېمە؟
– ئاچچىقىنى نېمە قىلىسەن، ئەھۋالىڭنى ئېيتساڭچۇ؟
– شۇنى ئېيتىۋاتىمەنغۇ، مەسلىھەتىڭىزگە رەھمەت، ئاكا. كېلىپ كۆك بازارنىڭ ئاشخانىسىغا كىردىم – دە، ئىككى تەخسە لەڭمەننى يەپ، بۇ يەرگە كېلىشىم.
– بىراق، ئاچچىق – چۈچۈكتىن ئۆزۈڭنى تارت ماقۇلمۇ؟ يەنە بىر ئېيتىدىغان نەرسە، ئىشنى شۇنىڭ بىلەنلا پۈتتى قىلماي ئۆيۈڭگە بارغاندا يەنە داۋاملاشتۇر. ئېغىزىڭدىكى، قىزىل ئۆڭگەچتىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىڭ بارلىقى ئەسلىگە كەلسۇن، ماقۇلمۇ؟
– ئىچىۋەرسەمچۇ؟
– مېنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك.
– ئاكا، بىر قىزىقى، قولدا بار نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز – دە، سىز ئېيتمىسىڭىز، يەنە نەچچە كۈن ئازابلىناتتىم؟ ئېيتقانلىرىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن. گېمورويدىنمۇ سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىز بىلەن خوشلىشىۋېدىم. بۇنىڭ بىلەنمۇ خوشلىشىمەن. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ئىجادىڭىزنىڭ تېخىمۇ كامال تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ باپ پىلانىمدىن خېلىلا ئۇزىراپ كەتتى. بىراق، بىر پاكىتنى ئېيتسام ئىككىنچىسى تېخىمۇ مۇھىمدەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. مەقسەت بىرىگە بولمىسىمۇ بىرىگە سەۋەب بولۇپ قالار دەپ ئويلىدىم. ئىنسان ھاياتىدا نېمىلەر ئۇچراشمايدۇ؟
قوشنام ت. قىرىقتىن ئاشقان ئادەم. قايسىدۇر بىر ئاۋاتو بازىنىڭ تۆمۈرچىلىك سېخىدا ئىشلەيدۇ. ئىشتىمۇ، ئۆيدىمۇ تىنچىمايدۇ، مېھماندوست. ئائىلىسىگە ياخشى غەمخورچى. كۆڭلۈمگە بىر ياقمايدىغان يېرى، يۈرىكى چىلاشقىچە ئىچمىسە، كۆڭلى ئەمىن تاپمايدۇ. نەچچە قېتىم مەسلىھەت بېرىپ كۆردۈم. ۋەدىسى ناھايىتى ياخشى. ئەمما بىر كۈنى ئاخشىمى ئايالى تېلېفون بېرىپتۇ.
– كامالىدىن ئاكا، ئىنىڭىزنىڭ قولى ئاغرىۋاتاتتى. بۈگۈن ئاغرىق كۈچىيىپ كەتتى. سىزنى كىرىپ كۆرۈپ باقامدىكىن دەيدۇ.
بىر تەرەپتىن قوشنا، ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆز ئىنىمدەك كۆرۈپ يۈرگەن ئادەم. كىرسەم بولاتتى. لېكىن، ئاغرىپ قالغان كۆڭلى يېقىن كىشىلەرنى كېچىسى تۇرماق چۈشتىن كېيىن يوقلاش ئادىتىم يوق. ئۇنداق ئادەملەر ھالىدىن پەقەت چۈشكىچە خەۋەر ئالاتتىم. ئىككىنچىدىن، ت نى «ئاغرىقنى باھانە قىىلىپ، ئالدىغا بىر بوتۇلكا تىكلەپ قويۇپ مېنى كۈتۈۋاتىدۇ تايىنلىق» دەپ گۇمانلاندىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىغا:
– كەچۈرىسىز، يېرىم كېچىدە ئاغرىق ئادەمنىڭ ئالدىغا كىرىش ئادىتىم يوق ئىدى. ئەتىگە كىرەي، – دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردىم. يېڭىلمەيدىغان ئادەم، پۇتلاشمايدىغان تۇياق بولماس» راستتىنلا جېنى قاقشاپ چاقىرتقۇزغان ئىكەن؟ يېرىم كېچىدە «جىددىي قۇتقۇزۇش» ئېلىپ كېتىپتۇ. قوشنا ئالدىدا قۇلايسىز ئەھۋالدا قاپتىمەن. كەمچىلىكىمنى چۈشەندىم. ئەمما، ئىككى كۈن ئاغرىقخانىغا يېتەلمىدىم. پەقەت ئۈچىنچى كۈنى ئالمۇتىنىڭ شەھەرلىك 12- ئاغرىقخانىسىنىڭ خىرۇرگىيا بۆلۈمىگە بېرىپ، قوشنام ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. ھەقىقەتەنمۇ قوشنامنىڭ ھالى خاراب ئىكەن. ئوڭ قولىنىڭ يۈزلۈكىدىن تارتىپ تا جەينىكىنىڭ ئۈستىگىچە پۈۋلەپ قويغاندەك ئىششىپ كېتىپتۇ. خۇددى كۆيگەندەك قاپقارا. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىپىلداپ سۇ چىقىپ تۇراتتى. كونا بىنتنى تېخى يېڭىلا ئېلىۋېتىپ، يېڭىلاشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىكەن. بىرسى چاقىرىۋاتىدۇ دېگەندىن كېيىن ھەمشىرىدىن ئۆزرە سوراپ چىقىپتۇ.
– بۇ قولىڭىزغا نېمە بولغانىدى؟ – دەپ سورىدىم.
– تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئاغرىپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، – دەپ تارىخنى سۆزلەشكە باشلىدى قوشنام، – كېيىنكى كۈنلىرى يەنە ئاغرىپ بولمىغاندىن كېيىن كارخانىنىڭ دوختۇرخانىسىغا مۇراجىئەت قېلىۋېدىم، ئۇلار ۋىشنېۋىسكىي دېگەن ماينى ياغلاپ، ئۈستىگە ئۇندەك ئاق دورىنى سېپىپ، ئۆيگە قايتۇرۇۋېۋىدى، شۇ كۈنى كېچىسىلا قولۇم ھۈپپىدە ئىششىپ، ئىككى – ئۈچ يېرىدىن تېشىلدى – دە، سۇ ئېقىشقا باشلىدى. ئاغرىققا چىدىماي يەنە دوختۇرغا يۈگۈردۈم. دوختۇر كۆرۈپ كۋارتس قويۇشنى بۇيرۇدى. ئەتىسى ئەھۋالىم تېخىمۇ بەتتەر بولدى. قولۇمنىڭ ئاستىغا داس قويۇپ ئولتۇردۇم. سىزگە تېلېفون قىلغاندا جېنىمنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتىم، «جىددىي قۇتقۇزۇش» مۇشۇ يەرگە ئەكېلىپ تاپشۇردى. ئوكۇل سېلىۋاتىدۇ. پرىموچكا قىلىۋاتىدۇ. بىراق پايدىسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
– دىئاگنوزىنى نېمە دېدى؟
– سوغۇق ئۆتكەن دەيدۇ. تۈنۈگۈن ۋراچ «سىزنى تېرە كېسەللىرى ئاغرىقخانىسىغا ئەۋەتىمىزمىكىن» دەيدۇ.
– بوپتۇ، سىز ھازىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قولىدىكى ئادەم، شۇلار ئاخىرىغا چىقارسۇن، ئۇلار ھېچ نەرسە قىلالمىسا مەن بار.
ئاغرىقخانىغا ئەتىسى يەنە كېلىپ قوشنامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بىچارە تاڭنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزغانلىقىنى ئېيتىپ زارلاندى. بېنت بىلەن تېڭىلغان قولىدىن خۇددى سۈزمە خالتىسىدەك سېرىق سۇ تېمىۋاتىدۇ. كۆزۈم يەتتى. كەسپىي دوختۇرلارنىڭ بۇ دورىسى بىلەن ت. نىڭ قولى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ. بىرىنچىدىن، كۋارتس بىلەن قول ئوبدان كۆيگەن. ئىككىنچىدىن، ت. نىڭ بۇ قولىغا راست سوغۇق تەگكەن. ئۇنى ھەممە كۆرۈپ بىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇزاق يىللار بولقا تۇتۇپ ئىشلەيدىغان، ئۆزىنىڭ كونا ماشىنىسىنى ئارا – چولىلا رېمونتلاپ زورۇققان قولنى ھېچكىم چۈشەنمەيۋاتاتتى.
ئاغرىق ئۇستىخاندىن باشلىنىدۇ. بىر نەچچە ئاغرىق بىرلەشمىسىنى پەقەت مۇرەككەپ يەرلىك دورا بىلەنلا داۋالىغىلى بولىدۇ. دۆلەت ئاغرىقخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كەسپىي دوختۇرلار ماڭا ئوخشاش ئاددىي بىر تېۋىپنى«بارە، ئىشىڭنى قىل» دېيىشى تۇرغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوشنامنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قايتىشقا توغرا كەلدى.
ئارىدىن ئىككى – ئۈچ كۈن ئۆتۈپ شەنبە كەلدى. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ئاغرىقخانىغا ئاپىرىدىغان نەرسىلىرىمنى تەييارلاۋاتاتتى. تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، ت. نىڭ ئايالى:
– كامالىدىن ئاكا، سىزنى ئاۋارە بولۇپ يەنە ئاغرىقخانىغا بېرىپ يۈرمىسۇن، دەپ تېلېفون قىلىۋاتىمەن، – دېدى ئۇ، – ئىنىڭىز ئاخشام ئۆيگە يېنىپ كەلدى.
– چىقىرىۋېتىپتىمۇ، يە ئۆزى كەپتىمۇ؟
– چىقىرىۋېتىپتۇ.
– رەھمەت، قېرىندىشىم، مەن ھازىر كىرىمەن.
پەمىمچە بىرىنچى نۆۋەتتە ت. نىڭ قولىدىكى كۆيۈك ئەكسىنى پەسەيتىش، جاراھەتنى كۆرۈپ سۇ تېمىتىشنى توختىتىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم يازدا قېرىقىز يىلتىزىدىن قاينىتىپ ياسىغان مايدىن (بۇ دورا كۆيۈكتە بىر نەچچە قېتىم سىنالغان) بىر قۇتا ئېلىپ كىردىم. ت. نىڭ قولىنى كۆرۈپ ئىككى ھەپتىدىن ئوشۇقراق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، دېگەنگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. چۈنكى قولىدىكى ئىششىق شۇ پېتى، سۇ خۇددى پىشىۋاتقان كاۋاپتەك ئېقىپ تۇراتتى.
12- ئاغرىقخانا خادىملىرى ئۇنى تېرە كېسەللىرى ئاغرىقخانىسىغا ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار دورا سۈركەپ، ئورۇنسىز باھانىسى بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپتۇ. ئېلىپ كىرگەن دورامنى ئېرىنمەي، يىرگەنمەي، ئۇنىڭ قولىنى يۈزلۈكىدىن تارتىپ تا قولتۇقىغىچە دېگۈدەك مايلىدىم، جاراھەت شەلۋەرەپ، چىپىلداپ ئېقىپ تۇراتتى. جاراھەتنىڭ چۆرىسى خۇددى مۇنچاق تزىپ قويغاندەك بۆرۈتمىلەر بىلەن قورشالغان. بۇنىڭدەك ئاغرىقنى ئىلگىرى كۆرمىگەنلىكتىن بىر تۇرۇپ ئۆز دورامغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئىششىققا تەسىر قىلارمۇ، كۆيۈكنى ياندۇرالامدۇ، دەيمەن. ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان جاراھەتنى مېنىڭدەك بىر ئاددىي تېۋىپنىڭ قايتۇرۇشى تەس ئىش.
– جاراھەت ئەمدى كەچ كىرگۈچە ئوچۇق تۇرسۇن، تاڭماڭ، – دېدىم مايلاپ ئولتۇرغاندا، – دورىنى ئاخشاملىققا يېتىش ئالدىدا يەنە مايلاپ، ماي سىڭدىغۇ، دېگەندە تېڭىپ كېتىڭ، ئورۇن – كۆرپىنى بۇلغىمىسۇن، ئەتىگەن كىرىپ كۆرىمەن.
ت. نىڭ قولىدىن تەپچىرەپ ئېقىۋاتقان سۇ خېلىلا ئازىيىپتۇ. جاراھەتنىڭ چەت – چۆرىسى قېتىشقاندەك كۆرۈندى. يەنە مايلىدىم. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەن كىرسەم، قوشنام قولىنىڭ پەقەت ئىككى يېرىدىلا كۆز يېشىدەك مۆلدۈرلەپ سۇ چىقىپ تۇرۇپتۇ. قوشنامنىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرگەن. كۆزۈمگە ت. نىڭ قولىدىكى ئىششىقنىڭ خېلىلا چېكىنگەنلىكى چېلىقتى.
– ئۇكا، كۆرۈۋاتىمەن ئاغرىق ئىلگىرىكىگە نىسبەتەن خېلىلا بېسىلدى. كۆيۈكمۇ قايتتى. بىراق، مېنىڭچە بولغاندا قولنىڭ زەخمىسى چوڭقۇرىدا، ئۇنى پەقەت مۇنۇ دورا بىلەن يېڭىش تەس. پەمىمچە قولىڭىزدا ئۇزاق يىل تۇتقان بولقىنىڭ، سوغۇق تۆمۈرنىڭ زەخمىسى ئېغىرراق. مۇشۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلساق، ئاز كۈن ئۆتمەي قولىڭىزنىڭ يەنە ئاغرىشى تۇرغان گەپ.
ت. مېنى نېمە دەركىن دېگەندەك قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ شۈك ئولتۇرىدۇ. ئايالىنىڭ قۇلىقىمۇ دىڭ.
– ئۆزىڭىز بىلىسىز، ھەركىمنىڭ سالامەتلىكى پەقەت ئۆزى ئۈچۈن قىممەت، – دەپ ئاستا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم، – مېنىڭ تەكلىپىم، ئەمدى ئاۋۇ بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇڭلارنىڭ سۈيدۈكىنى بوتۇلكىدەك بىر قاچىغا يىغىپ، سەل ئىللىتىپ چىت قاتارلىق لاتىدا تېڭىڭ، ھازىرچە كۈنىگە ئىككى قېتىم يېتىدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ۋە چۈشتىن كېيىن بىر قېتىم ئىچىڭىزدىن چۈشكەن ئىلمان سۇنى تولۇق ئىچىسىز. پەقەت شۇنداق ئىككى تەرەپلىمە دورا قىلغاندىلا بۇ ئاغرىقنى يېڭىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ت. نىڭ چىرايى بىر تۈرلۈك بولۇپ كەتتى.
– قانداق؟
– ئىچىش شەرتما ئاكا؟
– مەن پەقەت بولىدىغان ئىشنى ئېيتىۋاتىمەن. ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. ساقىيىش نىيىتىڭىز بولسا، مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇندىشىڭىز شەرت.
– بولىدۇ! – دېدى سەل سۈكۈتتىن كېيىن، – كۈنىگە ئىككى قېتىمغۇ؟
– توپتوغرا!
ئەتىسى ئەتىگەن كىرسەم ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ چىرايى ئوچۇق، ئادەتتىكىدەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئىللىق قارشى ئېلىشتى. مېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقانىكەن. ت. نىڭ قولىدىكى ئىششىق سېزىلەرلىك دەرىجىدە قايتىپتۇ. ياخشى ئۇخلىغان.
ھەر ھالدا ئىككى ھەپتىدىن ئوشۇقراق ئاغرىقخانىدا داۋالىنىپ ئىلگىرى باسمىغان ئىش، بىر كېچىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بېرىپتۇ. ھەر ھالدا بىر ھەپتىدىن كېيىن ت. نىڭ ئىشقا چىقىشىغا بولاتتى.
– ئاخىرقى تەلەپ، – دېدىم تىراپىۋتقا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ت. غا. ئۇ يەنە نېمە، دېگەندەك لاپپىدە قىلىپ كۆزۈمگە قارىدى.
– بىر يىل ھاراق – شارابتىن نېرى بولىسىز، بولمىسا ئاغرىق يەنە چوقۇم قوزغىلىدۇ. يەنە بىر گەپ، ئوبدانراق بىلىدىغان بىر موللىغا بېرىپ ئوقۇتىۋېتىڭ.
– ئاكا، ھەممىسى ئۆزۈم ئۈچۈنغۇ، دېگىنىڭىزنى قىلىمەن، – دېدى ت جىددىي ئاھاڭدا.
ئاخشىمى ت. بىزنىڭ ئۆيگە ئىككى پاچكا تاماكا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ:
– ئاكا، تىراپېۋت داۋالىنىش ۋاقتىمنى يەنە بىر ھەپتە ئۇزارتىپ بەردى. سىز دېگەندەك موللىغا باردىم. كۆرسىتىۋېدىم. «بۇ يۇمۇر يارىسىغۇ، بىلىدىغان بىرى داۋالاپتۇ – دە، دېدى. سىزنى ئېيتتىم، راست بىلىدىغان ئادەم ئىكەن. مەن ئوقۇپ دەپ سېلىپ قوياي، تېگىدىكى زەخىملەر تېخىمۇ چاپسان ساقايسۇن» دەپ خۇددى سىز ئېيتقانلارنى تەكرارلىدى.
مەن يەنە بىر مۇسۇلمان بەندىسىگە ساۋابلىق ئىش قىلغىنىم ئۈچۈن خۇشال بولۇپ ت. بەرگەن «قازاقىستان» سىگارتىنى ئاچتىم.

مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سان.

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى (4)

ئىسلاپ داۋالاش

ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە بەزى يەل – يارىلارنى ئىسلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار. لېكىن ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا قانداق داۋالايدىغانلىقىنى، ئىسلاش ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ لازىملىقىنى كۆرگىنىممۇ، ئاڭلىغىنىممۇ يوق دېسەم خاتالاشمايمەن. خېلى – خېلىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۈم. ئەمما يۈرىكىم ئۇسسۇزلۇقى قانغۇدەك بىر نەرسە ئاڭلىيالمىدىم. ھەممىگە مەلۇمكى، كۆرمىگەن، بىلمىگەن نەرسە توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش ياكى بىمارلارغا تەكلىپ قىلىش مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە تا شۇ كۈنگىچە ئېغىز ئاچماي كەلگەنىدىم.
مۇشۇ يېقىندا بېشى 40 نىڭ ئەتراپىغا بېرىپ قالغان، ئوتتۇرا بوي، ئاق سېرىق، چىرايى ئىللىق، ھەر نەرسىنى دىققەت بىلەن تىڭشاشنى بىلىدىغان، خۇش پېئىل بىمار جۇۋان ئالدىمغا كەلدى. ئىلمىي مېدىتسىنادىن خەۋىرى بار مەزكۇر بىمار بىلەن ئۇزاق بىللە ئولتۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالدىم. گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇ تا بۇ يىلقى ئەتىياز پەسلىگە قەدەر ئۆزىنىڭ بۇرۇن ياللۇغىدىن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
– ئەتىياز كېلىپ گىياھلار ئۆسۈشكە باشلىشى بىلەنلا ھالىم خارابلىشاتتى، – دەيدۇ ئۇ، – چۈشكۈرىمەن، بۇرنۇمدىن سۇ ئاقىدۇ. ئەسنەپ ئېزىلىمەندە، يورۇق دۇنيا ماڭا قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئىلمىي تېبابەت ئاساسىدا جىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتتۈم. زامانىۋى تېخنىكا، دورا – دەرمەكلەردىن پايدىلىنىپ داۋالاندىم. شۇ ساھەنىڭ ئادىمى بولغىنىم ئۈچۈن جىق تىرىشتىم. بەختكە قارشى زامانىۋى لور مېنىڭ ئاغرىقىم بىلەن كۈچ ئېلىشالمىدى. ئۆزىڭىز تەكىتلىگەندەك، دىئاگنوز توغرا قويۇلمىسا، ھەممىسى بىر تىيىن. قىشلىقى ياخشى، باھار كېلىشى بىلەن يەنە ماشىلدىغىنىم ماشىلدىغان، چۈشكۈرگۈنۈم، چۈشكۈرگەن. خۇددى پاختا تىقىپ قويغاندەك دىمىقىم پۈتەتتى. بەزىدە ھەتتا بۇ جاندىن تويغانمۇ كۈنلىرىم بولدى، نېمىسىنى يوشۇراي. چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىكى ھارغىنلىق بەدىنىمدىكى ئېزىلەڭگۈلۈك قىينايتتى. مېنىڭ ئەھۋالىمنى پەقەت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭلا چۈشىنىشى مۇمكىن. ھازىر ياخشىمەن.
– ئۆز – ئۆزىدىن ياخشى بولدىمۇ، يا بىر نەرسە سەۋەب بولدىمۇ؟
– دۇنيادا ئۆزىدىن ئۆزى بولىدىغان نېمە بار؟ ئويلىمىغانلا يەردىن ھايات تەجرىبىسى مول بىر ئاق چاچلىق موماي بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا سېرىق ھەرىنىڭ كونا ئۇۋىسىنى كۆيدۈرۈپ، شۇنىڭ ئىسىنى پۇراشنى تەكلىپ قىلدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئارىدىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتتى، ياخشىمەن. ئەتىمالىم، پەسىللىك قوزغىلىدىغان بۇرۇن ياللۇغىغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دورا بولمىسا كېرەك. بۇ سىزنىڭمۇ يادىڭىزدا بولىدىغان نەرسە. ئۇنداق دېگىنىمدىكى سەۋەب، ھازىر مەدەت سوراپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلگۈچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
– ئۇ دېگىنىڭىز توغرا. بىراق مەن بۇ دورىنى بىرىگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈم سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. ئەمما، بىرىنچىدىن، ھازىرغا قەدەر مېنىڭدە ئۇنداق ئاغرىق يوق؛ ئىككىنچىدىن، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىشىم كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دورىنى خېلى ئۇزاقتىن كېيىن سىناقتىن ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن.
– سىناق دېگەن مانا مەنغۇ، كامالىدىن ئاكا؟ شۇ دورا بىلەن دىمىقىم ئېچىلدى، بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىش توختىدى، ئېزىلەڭگۈلۈك قالدى. يەنە نېمە كېرەك؟ گۇۋاھچى ئالدىڭىزدا تۇرسا، سىناق مەيدانىنى ئىزدەپ نەگە باراتتىڭىز؟
– گۈلجاھاننىڭ تەلىپىمۇ، مەسلىھەتىمۇ ئورۇنلۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىچىمدە ئۆز ئادىتىمنى بۇزغۇم كەلمىدى. ئىشتىن ئۆيگە قايتتىم. لېكىن گۈلجاھاننىڭ ھېكايىسى بېشىمدىن ھېچ نېرى كېتىدىغاندەك ئەمەس. ھېلىدىن ھېلى پەقەت شۇ يادىمغا كېلەتتى. راست، بۈگۈنكى ئاتموسفېرا ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان مۇھىت ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە بۇلغانغان بىر مەزگىلدە زېمىندا بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بەندىلەر ئاز ئەمەس. گۈلجاھان خېنىمنىڭ ئۇسۇلى شۇلارنىڭ بىرىگە بولمىسىمۇ بىرىگە يېقىپ قالسا نۇر ئۈستىگە نۇر بولمامدۇ؟
شۇ ھەقتە ئويلاپ ئولتۇرۇپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ئىسلاپ داۋالاش پەقەت بۇرۇن بىلەنلا پۈتمەيدۇ. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە تاماقنى، بالىياتقۇنى ئىسلاپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ بار. بىلىدىغان گېزىتخانىلار ئېرىنمەي بۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ تۇرسا ئالەم گۈلىستان بولغان بولاتتى.

بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق

يۇقىرىدىكى بابلاردا باش ئاغرىقىنى داۋالاش ئۈچۈن نېمە قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا ئۆزىمىز بىلىدىغان ۋە ئاڭلىغان بەزى كونكرېت ئۇسۇللار ھەققىدە ھېكايە قىلىۋېدۇق. شۇنىڭ بىلەن چەكلەنسەك بولاتتى. لېكىن بۇ ئاغرىقنىڭ كۆپلۈكى، ئۇنىڭدىن دەرد تارتىۋاتقان بىمارلارنىڭ ھەر قەدەمدە دېگۈدەك ئۇچرىشىپ ھال ئېيتىشى داۋالاشنىڭ بۇ ئۇسۇلى توغرىسىدا يەنىمۇ باشقا يېڭى ئۇسۇللارنىڭ بارلىقىنى ھېكايە قىلىشىمىزغا مەجبۇرلىدى.
ھەممىگە مەلۇمكى ياز ئايلىرى قېرىقىز ئۆسمەيدىغان يەر يوق. بىراق ئۇنىڭ باش ئاغرىقىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىكەن. دورا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆسۈپ تۇرغان يوپۇرمىقى ئۈزۈپ ئېلىنىدۇ ھەمدە شىرە – ئۈستەل دېگەندەك تەكشى نەرسىگە قويۇلۇپ ئۈستىدىن سېكىلەك خېمىر يايغاندەك يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇ يوپۇرماقتىكى تومۇرلار ئېزىلىپ، باشقا ئەنە شۇ تومۇرى ئېزىلىپ كۈن تەگمىگەن تەرىپى قويۇلىدۇ. ئەرلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتىدىن تىكىلگەن شەپكىنى (ئۇ بولمىسا ياغلىق تېڭىۋالسىمۇ بولىدۇ) بېشىغا كىيىدۇ. ئاياللار ئادەتتىكىدەك ياغلىق تېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يېتىش كېرەك. سەلدىن كېيىن ئادەم ئېزىلىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.
قېرىقىز يوپۇرمىقىنى ئېرىنمەسىتىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم يېڭىلىغان ياخشى. شۇندىلا باش ئاغرىقى قويۇپ بېرىدۇ. بىمارنىڭ كەيپىياتى ئوڭشىلىدۇ.
ئۇزاققا سوزۇلغان باش ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ بۇ ئاددىي چارىسىنى مېنىڭ ئالدىمغا مەدەت سوراپ كەلگەن گۈلجاھان ئىسىملىك بىر جۇۋان سۆزلەپ بەردى.
– بېشىم ئاغرىپ كۆزۈمنى ئاچالمايتتىم، – دەيدۇ ئۇ، – ئاپام رەھمىتىنىڭ نەدىن ۋە كىمدىن ئەكەلگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئۇ ۋاقىتتا مەن ياش، ئىككىنچىدىن، باش ئاغرىقى دەردىدە ئۇنى سورىۋالمىغان ئىكەنمەن. ئاپام چىغىرتماق گۈلى ئۆسۈپ تۇرغان يەرنىڭ توپىسىنى ئېلىپ كەلدى – دە، خېمىر قىلىپ بېشىمغا، پېشانەمگە چاپلاپ ياتقۇزۇپ قويدى. خاتالاشمىسام 10-15 مىنۇت ياتقاندىمەن. ئەجەبلىنەرلىكى، شۇ ۋاقىتقىچە باشقا دورىلار كار قىلمىغان بېشىمنىڭ ئاغرىقى چىغىرتماق گۈلى تۈۋىدىن ئېلىنغان توپىنى بىر قېتىم چاپلاش بىلەنلا ساقايدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. ئەمما بېشىمنىڭ ئاغرىغىنىنى بىلمەيمەن.
ئىشەنچىم كامىلكى، بۇمۇ خەلق تېبابىتىدە ئۇزاق يىللار بويى ھايات سىناقلىرىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇسۇل. كېيىنكى يىللىرى سۈنئىي ئۇسۇللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇمۇ كىشىلەر خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. يەر قوينىدا ئىنساننىڭ ئېغىرىنى يېنىكلەشتۈرىدىغان يەنە قانداق نېمىلەر بار. لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس. بىلىدىغانلار ئاللىقاچان ھاياتتىن ئۆتكەن.
گۈلجاھان ئېيتىپ بەرگەن بۇ دورىنىڭ باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئېغىرىنى يېنىكلەشتۈرۈشىدە شەك يوق. ئانا يەرنىڭ بىزنى نائۈمىد قويمايدىغانلىقى ئېنىق.

باش ئاغرىقىنى داۋالاش توغرىسىدا ئېنىق گەپ

بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەرھۇم قەلەمداش ئاغىنىمىز ھېزمەت ئابدۇللىن: «مۇشۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلار قىزىق خەق، بىر نەرسىنىڭ ئۇجۇر – بۇجۇرىنى قويماي ئېيتىپ بەرمىسەڭ، ئۆزى بىلىپ بىر ئىشنى ئاخىرىغا چىقىرالمايدۇ» دەپ ناھايىتى ۋايسىغانلىقى يادىمدا. بۈگۈن شۇ گەپنى مېنىڭ تەكرارلىشىمغا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغىنى: شىپالىق گىياھلار ھەققىدە ھېكايە قىلغىنىمدا، باش ئاغرىقىدا قانداق گىياھلارنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى، مىقدارى توغرىسىدا ئېيتقانىدىم. شۇنىڭغا قارىماي بەزىلەر: «باش ئاغرىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېمىدىڭىز، يا يادىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ قالدىمۇ؟» دەپ مېنى خاۋاتىر قىلىدۇ. راست مەن بۇ ئاغرىق توغرىسىدا ئالاھىدە بىر ماۋزۇدا توختالمىساممۇ، گىياھلار توغرىسىدا ئۇ ھەقتە گەپ قىلغانىدىم. كېيىنرەك باش ئاغرىقىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى مەخسۇس بىر بابتا ھېكايە قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
مال يېمەس(مىلىسسا) چۆپتىن 15 گرام ئېلىپ، ئۇنى بىر ئىستاكان قايناق سۇدا دەملەڭ. دەملىگەندە ئۇ قاچىنى لۆڭگە قاتارلىق نەرسە بىلەن ئوراپ قويۇڭ، دورا ئاستا ۋە كۆڭۈلدىكىدەك دەملىنىدۇ. 30 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن سۈزۈپ، تىرىپىنى تاشلىۋېتىپ، سۈيىنى بوتۇلكا قاچىغا ئېلىۋېلىڭ. ئۇنى كۈنىگە بەش – ئالتە قېتىم، خالىسىڭىز بىر، خالىسىڭىز چوڭ قوشۇقتا ئىككى قوشۇق ئىچىڭ. ئەكسىچە تەسىرىمۇ يوق. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ پەقەت باش ئاغرىقىنى توختىتىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرەك، بېغىر ئاغرىغاندا، يۈرەك قاتتىق سوققاندا، ئۇيقۇسىزلىققا، كىندىك (ئىچ) مۇجۇغاندا، ئۈچەي كۆپكەندە، بۆرەك ئاغرىغاندا، باش قايغاندا، قۇلاق غوڭۇلدىغاندا، قان ئازلىقتا، ئەسەبنى بېسىش مەقسىتىدە ئىشلەتسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
بىز « شىپالىق يۈز ئون گىياھ»تا باش ئاغرىقىنى كېيىك ئوت قايناتمىسى بىلەن يۇيۇپ داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېكايە قىلغان. يەنە تەكرارلايمەن. بۇ قايناتما بىلەن باشنى يۇيغاندىن كېيىن باشنى ياغلىق بىلەن ئوراپ تېڭىۋېلىش كېرەك. شۇنىڭدا باش تەرلەپ ساقىيىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى ئېغىر كۆرسىڭىز چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇق كېيىك ئوتىنى يېرىم لىتىر سۇدا 30 مىنۇت ئوراپ دەملەڭ. بۇ دەملەنمە كۈنىگە ئىككى – ئۈچ قېتىم يېرىم ياكى بىر ئىستاكاندىن ئىچىلىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدىغان نەرسە بۇ دەملەنمىنى ھامىلىدار ئاياللار ئىچىشكە مۇتلەق بولمايدۇ.
مۇبادا بېشىڭىز بۇنىڭدىمۇ توختىمىسا كۆك ياكى قارا چايدىن ئاچچىق دەملەپ، ئۇنىڭغا بىر چىمدىم يالپۇز سېلىپ سەل تۇرغۇزۇپ ئارا چىنىدە بىر ياكى بىر ئىستاكان ئىچىۋېتىڭ. 15-20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن باش يېنىكلىشىدۇ.
«شىپالىق يۈز ئون گىياھ»تا تەكىتلىگىنىمىزدەك نۇرغۇن كىشىلەر باش ئاغرىغاندا ياش كاپۇستىنىڭ پوستىنى سويۇۋېلىپ باشقا قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ياغلىق تاڭىدۇ، ئەرلەر باش كىيىمى كىيىۋالىدۇ.

زىققىنى مۇمىيا بىلەن داۋالاش

ماڭا ھېكايە قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ گېپى راست بولسا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قايناتمىسىغا دەملىگەن مۇمىيا زىققىغا ئەڭ ياخشى دورا ئىمىش. بۇنىڭ ئۈچۈن 500 مىللىگرام چۈچۈكبۇيا قايناتمىسىدا 0.5 گرام مۇمىيانى دەملەش لازىم. بۇ دەملەنمىدىن چوڭلار 20 مىللىگرام (كىچىكلەر، سەككىز ياشتىن تۆۋەندىكى بالىلار، نورمىسى ئۇنىڭدىن ئازراق) ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى بىر قېتىم ئىچىشى شەرت. دەملەنمە توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.

ماگنىت

بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا تۇغقان يوقلاش مەقسىتىدە بارغان بۇرادەرلەر قان بېسىمى يۇقىرى قېرىنداشلىرىغا ياپوننىڭ ماگنىتلىق سائىتىنى سوۋغا قىلىپ بېشىنى كۆككە يەتكۈزگەنىدى. ھەتتا بازاردا ئۇنىڭ باھاسىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋىدى. كېيىن ئۆزىمىزدە ئۇنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ كەشپ قىلىنغان. ھەتتا قۇلاققا قىسىدىغان ماگنىتلىق كلىپسلارمۇ چىققانىدى. مۇشۇ قۇرلارنىڭ يازغۇچىسىمۇ ماگنىتلىق سائەت، كلىپستىنمۇ پايدىلىنىپ كۆرگەن. بەختكە قارشى ئۇلار ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەن قان بېسىمى بىلەن كۈچ ئېلىشالمىدى. ئۇنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلدى.
كېيىنكى كۈنلەردە يۈرىكىم بەزىدە سانجىپ ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى. ئاخىر ئويلاپ – ئويلاپ ماگنىت يادىمغا كەلدى. بىر پارچە ماگنىتنى ئېلىپ كۆڭلىكىمنىڭ تۆش يانچۇقىغا سېلىپ يۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدىم. دەسلەپكى كۈنىلا ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى دەپ ئېيتالمايمەن. تۇراقلىق يوسۇندا ئېسىپ يۈرسە يۈرەك پائالىيىتى بىر ئىزىغا چۈشىدىكەن. ياخشى يېرى يۈرەكنىڭ سانجىشى، گۈپۈلدىشى يوقالدى. بۇنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا بىرەر ئەكس تەسىرىمۇ كۆرۈلمىدى.
ئويلىنىپ قالدىم، ھاياتتا سۈيدۈك بەزلىرىگە، بۆرەككە سوغ تېگىپ دەرد تارتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. جىنسىي ئاغرىقلارغا ئۇچرىغان ئاياللارمۇ كۆپ. مېنىڭچە بولغاندا شۇنداق بىمارلار كىچىككىنە خالتا تىكىپ ئىچىگە ماگنىت پارچىسىدىن سېلىپ ئىچ كىيىمىنىڭ بىر يېرىگە، قەيەر ئاغرىسا شۇ يەرگە توغرا كەلتۈرۈپ تەنگە يېقىپ تىكىۋالسا جېنىنى قىيناۋاتقان ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشى ئېھتىمال. خالتىنىڭ بەدەنگە يېقىن بولۇشى ماگنىتنىڭ بەدەنگە سۈركۈلۈشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇسۇلدىن ھامىلدار ئاياللار، قېنى قويۇق كىشىلەر پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

قېرىلاردا بولىدىغان ماغدۇرسىزلىق

بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماي ئېيىدا يىغىشتۇرۇلغان ئورۇس چاققىقى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن 200 گرام چاققاق يوپۇرمىقى، يېرىم لىتىر 50-60 گرادۇسلۇق ئىسپىرتتا دەملىنىدۇ. بۇتۇلكىنىڭ ئاغزى داكا بىلەن باغلىنىدۇ. مەزكۇر دەملەنمە بىرىنچى كۈنى دېرىزىدە تۇرىدۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ، يەنى سەككىز كۈن قاراڭغۇ ئىشكاپتا ساقلىنىدۇ. كېيىن ئۇنى سۈزۈپ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم غىزا – تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى، چاي قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئىچىدۇ. شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئاخشىمى ئورۇنغا كىرىش ئالدىدىمۇ بىر چاي قوشۇق ئىچىلىدۇ. دورىنى تۈگىگىچە ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ دورىدىن كېيىن چوڭ ياشتىكى ئادەم ئۆزىنى ساغلام، تېمەن ھېس قىلىدۇ. يۈرەك پائالىيىتى ياخشىلىنىپ، قان تەركىبى ئوڭشىلىدۇ، ھەرىكەت يېنىكلىشىدۇ، ئۇنتۇغاقلىق يوقايدۇ.

ئۈنۈمى يۇقىرى دورا

مۇشۇ يېقىندا تۇغقان يوقلاش مەقسىتىدە يۇرتقا بارغانىدىم. شۇندا ئاغىنىلەردىن بىرى قىزىق ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. يۇرتداشلاردىن بىرىنىڭ سەككىز – توققۇز ياشلاردىكى قىزى سېرىق ئاغرىق بىلەن ئاغرىپ ئاغرىقخانىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ ئاغرىقنى داۋالاشنىڭ خەلق ئارىسىدا باشقىمۇ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار: يۇرتداش ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئىناۋەتكە ئالماي، تۇخۇم كاسا يىلتىزىدىن قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن يېرىم لىتىرلىق قاچىدا قىزىغا يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىز ئۇنى تۇراقلىق ئاز – ئازدىن ئىچىپ تۇرۇپتۇ. خۇدا شىپالىق بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى بۇ قىزنىڭ پۈتكۈل بەدىنىگە تاراپ كەتكەن ئۆت سۇيۇقلۇقى قايتىدىن ئۆز خالتىسىغا چۈشۈپ بىمارنىڭ چىراي شەكلى ئەسلىگە كەپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن دوختۇر ‹ساڭا ئەمدى ئاغرىقخانىدا ئىش يوق› دەپ بىمارنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نەشر قىلىنغان تېبابەت كىتابلىرىدا كاسىنە، قازاقىستاندا بولسا تۇخۇم كاسا دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر گىياھ سېرىق ئاغرىقىدا ئەنە شۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە. «كېرىكىڭنى كۈندە يىغ، ئايدا خىجالەت بولمايسەن» دېگەندەك مەزكۇر گىياھ يىلتىزىنى ياز ئايلىرى كولاپ قۇرۇتۇپ ئېلىپ قويسىڭىز،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق. كۆزگە ئىلمايدىغان گىياھ قېرى قىزنىڭ ئىنسان سالامەتلىكىنى مۇستەھكەملەشتىكى رولى، شىپالىق خۇسۇسىيىتى ھەققىدە «شىپالىق يۈز ئون گىياھ»دىمۇ، «سالامەتلىك ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ يۇقىرىقى بابلىرىدىمۇ خېلى سۆز بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن گەپنى پۈتتى قىلسام بولاتتى، لېكىن مۇشۇ يېقىندا چونجا يېزىسىنىڭ تۇرغىنى، 60 ياشلىق شېريازدان ئامانوف دېگەن كىشىنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىسى قەلەمنى قولۇمغا ئېلىشىمغا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.
سول پۇتۇمنىڭ ئوتتۇرانچىلىقىنىڭ ئۇرچۇقلۇق بىلەن تۇتاشقان يېرى ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. دوختۇرلار «ۋىشنېۋسكايا ماز» دېگىنىنى بەردى. ئوكۇل سالدى. ھېچ بولمىغاندا جېنىمغا ئارام بەرسىچۇ. ھەتتا ھاجەت ئۈچۈن تالاغا چىقىشتىن مەھرۇم بولدۇم. شۇ كۈنلەردە چونجىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە يېقىن ئارىلىشىپ يۈرگەن بىر ئاغىنە كەنجى ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىغا چاقىرىپتۇ. ئۆيدىكىلەرگە: «سەن بولساڭمۇ بېرىپ كەل»، دېدىم. ئۇ تويدىن بىر قۇچاق قېرىقىز يوپۇرمىقىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئەجەبلىنىپ سورىدىم. ئاغىنەمنىڭ ئانىسى مېنى سورىغانىكەن، ئۆيدىكىلەر ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. شۇندا مىڭ ياشىغۇر موماي بېغىغا كىرىپ قېرىقىز يوپۇرمىقىنى يۇلۇپ چىقىپ، تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. قېرىقىز يۇپۇرمىقىنىڭ تومۇرلىرىنى موماي ئېيتقاندەك سېكىلەك بىلەن ئېزىپ، چاچتىن تا ئوشۇققىچە چاپلاپ لاتا بىلەن ئوراپ ياتتىم. دورىنى ئاخشىمى ئىشلەتكەن. بىر ئاز دەم ئېلىپ ياتاي، ئاندىن يېشىۋېتەي دېگەنىدىم. بەختكە يارىشا كۆزۈم ئىلىنىپ كېتىپتۇ. ئىككى – ئۈچ كۈن پۇت ئاغرىقىنىڭ دەردىدە كىرپىك قاقمىغان ئادەم قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. ئەتىگەندە بىرلا ئويغاندىم. ئويغىنىپ ئۆزۈمنى تىڭشاپ كۆرسەم، پۇتۇمدا ئاغرىق سېزىلمەيدۇ. ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۆزۈمنى ئاغرىق كۆرمىگەن ئادەمدەك سەزدىم. ئاندىن لاتىنى يېشىپ يۇپۇرماقلارنى ئېلىپ كۆردۇق. ئاغرىۋاتقان يەرگە قويۇلغان قېرىقىز يوپۇرمىقى قاپقارا بولۇپ پۇچۇلۇنۇپ كېتىپتۇ. باشقا يەرلىرىگە تېڭىلغان يۇپۇرماقلار بولسا، يېشىل پېتى تۇرۇپتۇ. مانا شۇنىڭدىن بۇيان خېلى يىللار ئۆتتى،پۇت ئاغرىقى دېگەننى بىلمەيمەن. قىسقىسى، كامالىدىن ئاكا، ھېچكىم كۆزىگە ئىلمايدىغان نەرسە بىلەن جېنىم ئارام تاپتى.
– قېرىقىز يوپۇرمىقىنى قانچە كۈن تارتتىڭلار؟
– ئۈچ كېچە، دەسلەپكى كۈننىڭ ئۆزىدىلا ياخشى بولدى. شۇندىمۇ ئۈچ كۈن ئۇدا تارتتۇق. مۇشۇ كۈنلەردە بېغىمىزنىڭ چۆرىسىدە قېرىقىز ئۆسۈپ تۇرىدۇ.
– يەنە كېرەك بولۇپ قالارمىكىن دەپسىزدە؟
– كېرەك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
– ئۇ دېگىنىڭىز توغرا. يوپۇرماقنى قۇرۇتۇپ، يوپۇچلاپ (ئۇۋىتىپ) قىشقا ئېلىپ قويغاننىڭمۇ زىينى يوق. ئاغرىق دېگەن پەقەت يازلىقى قوزغالمايدىغۇ. قۇرۇق يوپۇرماقنى ئىلمان سۇدا ئېۋىتىپ ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ، – دېدىم.

تۈكەرتمە

چېليابىنسىكىدىكى «چېلوۋىك» بىرلەشمىسى نەشرى قىلغان «خەلق تېبابىتى» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭدا گانگرېنا ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلى توغرىسىدا ھېكايە قىلىنىدۇ. يەنى رۇس خەلق تېبابىتىدە گانگرېنا قارا بۇغدايدىن پىشۇرۇلغان ئىسسىق ناننى چايناپ چاپلاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق ناندىن بىر بۇردا ئېلىنىدىكەندە، ئۇنى ئۇزاق چايناپ ئاندىن ئاغرىق بەلگە بېرىۋاتقان جايغا چاپلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق چاپسان بېسىلارمىش. بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئالىم تەجىرىبىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ نەتىجىدارلىقى ئالىمنى قايىل قىلالمىغان. ئالىم كىيىن قارا بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان ئىسسىق نانغا باشقا خىمىيۋى دورىلاردىن ئارلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرگەن. بەختكە قارشى بۇ دورا بىمارغا قىلچە تەسىر قىلمىغان. بۇنىڭغا ھەيران قالغان ئالىم ئىسسىق ناننى ئېغىزدا ئوبدان ئېزىلگەنگە قەدەر چايناپ، ئاندىن ئاغرىۋاتقان يەرگە تارتىپ كۆرگەن. ئاغرىق بىردىن بېسىلغان. لېكىن ئالىم تۈكۈرۈكتە گانگرېنىنى باسىدىغان قانداق خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىيالماي ئالەمدىن ئۆتكەن ئوخشايدۇ.
گەپ ئالىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىدە ئەمەس، قارا بۇغدايدىن پىشۇرۇلغان ئىسسىق ناننىڭ، ئادەم تۈكۈرىكىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىدە.
تۈكۈرۈك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئۇيغۇر تېبابىتىدىمۇ خاس ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالايمەن. يۇقىرىدىكى بابلاردا ھېكايە قىلىنغىنىدەك مومام مەريەمخاننىڭ ئالدىغا ئېغىز – بۇرنىنى سېرىق قاقاش بېسىپ كەتكەن نارەسىدە بالىلارنىمۇ ئېلىپ كېلەتتى. مومام ئۇلارنى كۆرۈپ دەم سالاتتى. ۋە بىمارنىڭ يارىلىرىغا تۈف – تۈف دەپ ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈپ قوياتتى. ھېلىمۇ يادىمدا، ئۈچ كۈندە بالىنىڭ يارىلىرى قارا قوماچ بولۇپ تۆكۈلۈپ كېتەتتى.
سېرىق ھەرە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھاشاراتلار چېقىۋالغاندا ئولتۇرۇپ تۈكۈرۈكىنى سۈركەۋاتقان بالىلارنى نۇرغۇن كۆرگەن. شەخسەن مېنىڭ پىكىرىمچە، موللىنىڭ تۈكۈركى شىپالىق بولۇپلا قالماي، باشقىلارنىڭ تۈكۈرۈكىمۇ بۇ خۇسۇسىيەتتىن يىراق ئەمەس.
بۇ يەردە پەقەت ئىخلاس چوڭ رول ئويناۋاتامدىكىن، دەپ ئويلايمەن.

پوقاق

بۇ ئاغرىقنى سۇ ۋە ئوزۇق – تۈلۈك زىرائەتلىرىدە يودنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلى يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۈرەككە، ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىش يوللىرىغا ئەكس تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن.
ھەممىدىن ئىلگىرى دەيدىغان گەپ پوقاقنى داۋالاش ئۈچۈن تەركىبىدە يود ماددىسى بار گىياھلار تاللاپ ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسەن مامكاپ، قوي بۆلجۈرگىنى، قارا ئەندىز، چېچىت دەرىخىنىڭ گۈلى، زىرە، گرېك ياڭىقى يوپۇرمىقى، ياۋايى جەمبىل قاتارلىق كۆكتاتلار ئىشلىتىلىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىشىم مۇمكىنكى، بۇ شىپالىق گىياھلار ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بارلىق يەرلەردە دېگىدەك ئۆسىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇلى: ھەر گىياھدىن چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئېلىپ، يېرىم لىتىر سوغۇق سۇدا تۆت – بەش مىنۇت ئاستا قاينىتىلىدۇ. قايناتما ئاغزى يېپىق ھالدا سوۋۇتۇلىدۇ ۋە سۈزۈلۈپ ئاغزى بۇراپ ئېتىلىدىغان بوتۇلكىغا ئېلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. ئىچىش نورمىسى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، بىراق ھەر قېتىملىق ئىچىش نورمىسى 30 گرام، بەزىلەر ئۇنى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچىشىمۇ مۇمكىن.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىشىم مۇمكىنكى، بۇ دورىنى تۆت – بەش كۈن ئىچىش بىلەنلا دەردىڭىزگە داۋا تېپىشىڭىز زادى مۇمكىن ئەمەس. ئورگانىزمىدا ئادەم ھاياتىغا كېرەكلىك يود ماددىسىنى توپلاش ئۈچۈن ئۇنى خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىش لازىم. پەقەت شۇنداق تۈزۈمچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئۆز سالامەتلىكىڭىزنى ئوڭشىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئىلمىي مېدىتسىنادا تەكىتلىگىنىگە قارىغاندا، كۈنىگە بىر – ئىككى يود تالقىنىنى ئىچىش لازىم ئىكەن. بۇ ئۇسۇلمۇ پەقەت ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىنلا ئۆز نەتىجىسىنى بېرىدۇ.

نائۈمىد قالمايسىز

چېلەكتە تۇرىدىغان تۇغقانلار كېلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر قىز بار ئىدى. تەخمىنىمچە 24-25 ياشلاردا. مەن ئۇنى، ئەتىمالىم، تۇغقانلارنىڭ مەن بىلمەيدىغان يېقىنلىرىنىڭ قىزى بولسا كېرەك، باھانىدىن باھانىغا ئويناپ كېلەي دەپ كەپتۇ – دە، دەپ ئويلىدىم. مېھرىبان ئايال كىشىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن تىنچلىق – ئامانلىق سورىشىپ، بىرەر چىنىدىن چاي ئىچكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇمدە، ئىككىنچى بۆلۈمىگە چىقىپ ئىش ئۈستىلىمگە ئولتۇردۇم. بىر ۋاقىتتا بۆلۈمگە ھېلىقى قىز تارتىنىپ كىرىپ كەلدى ۋە مېنىڭدىن بىر مېتىردەك نېرىدا تۇرۇپ:
– چوڭ دادا، مەن سىزگە كېلىۋېدىم، – دېدى ئاستا،
– مەرھەمەت، كېلىڭ، مۇنۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ.
– ياق، تۇرۇۋېرەي، – دېدى ئۇ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس تارتىنچاقلىق بىلەن، – دوۋسۇنۇمغا سوغۇق تېگىپ ئاغرىپ تېخى يېقىندىلا ئاغرىقخانىدىن چىقتىم. مۇنۇ ھەدەملەر بىلەن قوشنا. بۇلار ماڭغانىكەن، باھانىدىن باھانىغا بىللە كەلدىم.
– ئاغرىقخانىدا ياتتىم دەمسىز؟
ياتتىم، بىراق دوختۇرلارنىڭ دورىسى كار قىلمىدى. شۇڭا ئۈمىد بىلەن ئالدىڭىزغا كەلدىم.
مەن ئۇنىڭ ئاغرىقىنى ياخشىلاپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن بىر ۋاراق قەغەز ئالدىمدە: قۇشقاچ تىلى، كۆكتىكەن يوپۇرمىقى، قىرىق بوغۇم، قاشقى بېدە، ئىگىر، كۆممىقوناقنىڭ پۆپۈكى ۋە قارىقات يوپۇرمىقىدىن بىر چىمدىمدىن ئېلىپ، بىر بۇتۇلكا سۇدا بەش مىنۇت قاينىتىپ، شۇ قايناتمىدىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىلمان ئىچىڭ، دەپ يېزىپ بەردىم ۋە ئۆزۈممۇ ئورنۇمدىن تۇردۇمدە، ئۆيدىكى شىپالىق گىياھلاردىن ئېلىپ قايناتتىم ۋە سەل كۈتۈپ ۋاقىتنىڭ ئاللىمەھەل بولغىنىغا قارىماي قىزغا 30 گرام ئىچكۈزدۈم. ئەتىگەنلىكى ئىشقا مېڭىش ئالدىدا يەنە ئىچكۈزۈپ، دورا قاچىلانغان بوتۇلكىنى، يەنە بىر قايناتقىدەك شىپالىق گىياھنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى. ئىش بابى بىلەن چېلەك ناھىيىسىگە بېرىپ قالدىم. چېلەك يېزىسىنىڭ چېتىدىكى ئاپتوبازا يېنىدا بېكەت بار ئىكەن. ئاپتوبۇس شۇ يەرگە توختىۋىدى، ھامىلدار بىر جۇۋان كىرىپ كەلدى. ئۇ مېنى كۆرۈش بىلەن سالام بەردى.
– سىز مېنى تونۇمايۋاتىسىزغۇ دەيمەن، چوڭ دادا؟ – دەپ مۇراجىئەت قىلدى ئۇ يېنىمدىكى بوش ئورۇنغا ئولتۇرۇۋېتىپ.
– تونۇۋاتىمەن، بىراق يادىمغا چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن.
– دورىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن، ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى، ئوغلۇم ئۈچ ياشقا كىرىپ قالدى، مانا يەنە ھامىلدارمەن… ئالدىڭىزغا بېرىپ رەھمەت ئېيتىپ كېلەي دەپ نەچچە تەمشەلدىم، بىراق ھېچ يولى بولمايۋاتىدۇ.
ناھايىتى خۇشال بولدۇم. خۇشال بولمايچۇ، مەن دورا بەرگەن بىمارنىڭ سالامەتلىكى تۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ئىككىنچىدىن، «تۇغماس» گۇناھىدىن قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئائىلىسى مۇستەھكەملىنىپتۇ. ئاغرىقنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
‹ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا›. نەق شۇنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ، ئاغرىقنى ئۆز ۋاقتىدا، ئوچۇقىنى ئېيتىپ داۋالانمىساڭ كىچىك ئاغرىقنىڭ يوغىنىشى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ چوڭ دەرد تاتقۇزىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. قىسقىسى ئۇ چاغدا ئاغرىقىڭىز بىلەن يا تېۋىپ، يا كەسپىي دوختۇرلارنىڭ كۈچ ئېلىشالمايدىغانلىقى شۈبھىسىز.
بىر كۈنى 27 ياشلىق بىر شوپۇر:
– جان يېرىم قىزىرىپ، قىچىشىپ كۆيۈپ ئاغرىپ، ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. دوختۇرخانىغا بارمىدىم. ئوپېراتسىيە قىلىپ كاردىن چىقىرامدىكىن دەپ قورقتۇم. پۈتكۈل ئۈمىدىم سىزدە، – دېدى.
– يىگىتنىڭ ئاغرىغىنىغا بىر ھەپتە بوپتۇ. ئۇنىڭ سۆرۈلۈپ، بىپەرۋالىق بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمىگىنىگە بىر تەرەپتىن خۇشال بولدۇم. خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كەتسە ئالەمچە ئىش بولغان بولاتتى. بەختكە قارشى، بۇ مېنىڭ چارەك ئەسىردىن بۇيان دەسلەپ كۆرۈۋاتقان ئاغرىقىم ئىدى.
راست، ئەۋرەتنىڭ بوغۇمىدىن سەل يۇقىرىراق ئىككى يەردە بىر تىيىننىڭ چوڭلىغىدەك ئىككى يەر قىزىرىپ تۇراتتى. يىگىتنى بىئارام قىلىۋاتقان مانا شۇ جاراھەت ئىكەن، ئۇنىڭ تومۇرى پەقەت تېرىدە بولماي، گۆشتىن باشلىنىشىمۇ ئېھتىمال. سوغۇق تەگكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
يىگىتكە كۆرسىتىپ تۇرۇپ يوغانراق بىر چىمدىم غاڭزىگۈل چېچىكىدىن ئېلىپ يېرىم لىتىر قايناق سۇدا دەملەپ، لۆڭگە بىلەن ئوراپ قويدۇم.
بىز بىر چىنىدىن چاي ئىچىشكەن ئارىلىقتا دەملەنمە تەييار بولدى. دەملەنمىنى سۈزۈپ بىر بوتۇلكىغا قاچىلاپ تۇتقۇزدۇم. يىگىت 75 گراملىق ئىستاكاندىكى ئىلمان دەملەنمىگە ئەۋرەتنى چىلاپ 15-20 مىنۇت ئولتۇرىدىغان بولدى. غاڭزىگۈل چېچىكى ياز بولغىنى ئۈچۈن بىر ئىستاكان دەملەپ كۈنىگە تۆت – بەش قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولاتتى. قىش كۈنلىرى ئۇنداق گۈلنى نەدىن تېپىش مۇمكىن؟
يىگىت مېنى توغرا چۈشەندى. تۆتىنچى كۈنى يىگىت تېلېفون ئارقىلىق ئۆز ھالىدىن خەۋەر بەردى. ئاغرىق بېسىلغان، قىزىرىپ تۇرغان يەر ئۆز ئەسلىگە كېلىۋېتىپتۇ. يىگىت غاڭزىگۈل چېچىكىدىن ئازراق تېپىپتۇ، داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى.
شۇنىڭدىن بۇيان ئارىدىن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئۇنى ئارى – چولىدا بىر كۆرۈپ قالىمەن. ئالدىمغا كۈلۈپ كېلىپ كونا تونۇشلاردەك سالام بېرىدۇ. ئۈچ پەرزەنتى بار. ئۇ ھالىنى ئېيتمىغىنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئوخشايدۇ.

سۈت قېتىشى

– بىزنىڭ ئادىتىمىز ناھايىتى قاتتىق. مېنى توغرا چۈشىنىڭ، مەن ئۇنى يامانلاۋاتمايمەن، – دەيدۇ بوتا كۆز ئىسىملىك 30 ياشلىق ئايال، – يېڭىلا تۇغۇتخانىدىن چىقىپ ئولتۇرسام قېينانام ئالەمدىن ئۆتتى، دېگەن خەۋەر كېلىپ قالدى. بارمىسام يەنە بولمايتتى. كەچ كۈز بولغىنى ئۈچۈن پات – پاتلا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ھاۋارايى سالقىن. شۇنىڭغا قارىماي، ئانىمىزنىڭ ھازىسىغا كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغىمۇ ئۈزۈلمەيتتى، كىرگەن – چىققانلارغا چاي تارتىشىم كېرەك. بالامنى ئېمىتىشكىمۇ ئىمكانىيىتىم بولمايتتى. ئۇ چاغدا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولارىنى ئويلىغىدەك ۋاقىت بولدى دەمسىز. قىسقىسى، ئۆلۈم ئۇزىتىشنىڭ جىمىكى قائىدىلىرىنى ئۆتەپ، ئالمۇتاغا كەتتۇق. كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. يىل ئۆتكەنسېرى كۆكسۈمدە قاتتىقلىق پەيدا بولدى. كېچىلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنسەم كۆكسىڭىزدە سۈت قېتىۋاپتۇ، ئوكۇل سالدۇرۇڭ، ئۆزىڭىزمۇ قاراپ ئولتۇرماي ئۇۋىلاپ بېرىڭ، دەپ يول كۆرسەتتى. قانچە تىرىشقان بىلەنمۇ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. بىر ياردىمى تېگەمدىكىن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدىم. بىزمۇ مۇسۇلمان بەندىسىغۇ، بىلگىنىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.
سىز ھازىرچە ماڭا 600 گرامدەك ئۆسۈملۈك مېيى ئەكىلىپ بېرىڭ، دالاغا بېرىپ كېرەكلىك شىپالىق ئۆسۈملۈكنى ئۆزۈم تېپىپ كېلىمەن، – دېدىم.
ئىككىمىز كېلىشتۇق، ئەتىسى ئېتىزدىن كەلسەم بوتا كۆز ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ. قېرىقىز يىلتىزىنى ئالدىدا كىيىم چوتكىسىدا، كېيىن لاتا بىلەن تازىلىدىم. ئاندىن ئۇنى تەركىدىن (ئەلگەك) ئۆتكۈزۈپ بېسىپ، بىر ئاپقۇر قېرىقىز قىرىندىسىنى 300 گرام ئۆسۈملۈك مېيىدا قىيامىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ، بىمارنىڭ نېمە قىلىشى لازىملىقىنى چۈشەندۈردۈم.
– بوتا كۆز، بۇ ئۈچ – تۆت كۈنلۈك نورما، ھەركۈنى ئاخشىمى ئورۇنغا كىرىش ئالدىدا مۇنۇ ئۆمۈچۈك تورىنى كۆكسىڭىزنىڭ ئىششىق بار يېرىگە قويىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر شۇنداق دېيىشكە بولسا مۇنۇ قېرىقىز يوپۇرمىقىدىن ئىككى چوڭ قوشۇق يېيىتىپ، رومالدەك نەرسە بىلەن ئوراپ باغلاپ كېتىڭ. سوتكىسىغا ئىككى قېتىم قىلسىڭىزمۇ بولاتتى، لېكىن ئىشلەۋاتقان ئادەم ئىكەنسىز. ئۇنى ئەتىگەنلىكى ئېلىۋېتىپ، ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ. ئەمما سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنىڭ. ھاراق – شارابتىن نېرى بولۇڭ. تۆتىنچى كۈنى يەنە بىر كېلىپ كېتىڭ.
ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ بوتا كۆز ئەھۋالىنىڭ خېلىلا ئوڭشىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى. مەن يەنە دورا ياساپ بەردىم. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ دورىنى توختاتتۇق، چۈنكى بىمار سەل دەم ئېلىشى لازىم ئىدى. كەلگۈسىدە بوتا كۆز يەنە بىر ئاي داۋالىنىشى كېرەك. مەن ئۆيدە يوق چاغدا ئۇ تېلېفون بېرىپتۇ: «بىز ئالمۇتادىن كۆچۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئاغاينىڭ دورىسىنى بارغان يېرىمىزدە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن» دەپتۇدەك.
شۇنىڭدىن بۇيان ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى. لېكىن بوتا كۆزدىن خەۋەر بولمىدى. ئۇنى ماڭا ئېلىپ كەلگەن دوستىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بوتاكۆز ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.
ئاياللارنىڭ كۆكسىدە قېتىۋالغان سۈتنى ئېرىتىش ئۈچۈن قېرىقىز يىلتىزىنى يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تېپىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئىشەنچىم كامىلكى، بۇ ماقالىنى ئوقۇغان بەزى ئۆزىگە پىششىق ئاياللارنىڭ ئۇنى ياز ئايلىرىدا تەييارلاپ، يېرىم لىتىرلىق ئەينەك شىشىلەرگە قاچىلىۋېلىشى مۇمكىن. مۇبادا ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى تامامەن بولماي قالسىچۇ؟
ئۆمۈچۈك تورى يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تېپىلىدىغان نەرسە. شىپالىق گىياھلاردىن غاڭزىگۈل، كۆكتىكەن يوپۇرمىقى، پاقا يوپۇرمىقى، چاققاق، ئاغىچا كۆكى – بۇ بەشىدىن چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئېلىپ، يېرىم لىتىر سۇدا ئۈچ – تۆت مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بۇ قايناتما سوۋۇغاندا سۈزۈلۈپ شامىسى ئايرىم ئېلىنىدۇ ۋە سۈيى بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. ئىچىش نورمىسى 30 گرام، كۈنىگە ئۈچ قېتىم تاماقتىن 15-20 مىنۇت ئىلگىرى كۆكسىگە سۇ قايناتما بىلەن تاڭىدۇ. ياكى ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا ئاغرىق سېزىلىدىغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئۆمۈچۈك تورى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناتمىنىڭ شامىسى ئىسسىق ھالدا قويۇلۇپ، ئاندىن قايناتمىغا چىلانغان لۆڭگە يېپىلىپ پروستىنيا بىلەن ئوراپ تېڭىلىدۇ. بۇ دورىنى مېنىڭچە بولغاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، يەنى ئەتىگەنلىكى سائەت 10دا ئىشلەتسە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئاياللاردا بولىدىغان بەزى ئاغرىقلار

تۇرمۇشتا بېلىم ئاغرىيدۇ دەپ بېلىنى رومىلى ياكى بەلدەمچە بىلەن باغلاپ يۈرۈيدىغان ئاياللار پات – پاتلا ئۇچرىشىدۇ. ئۇلار ياش جەھەتتىنمۇ ھەر خىل. ھالىنى سوراپ قالساڭ، ھەممىسىلا مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك «نېرىپ ياللۇغى بار ئىدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەڭ، يۈز ئايالدىن بىرى ياكى مىڭدىن بىرىنىڭ راست بېلى ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ھەقتە ئۇزاق يىللار يېزا شىپاخانىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر كەسپىي دوختۇرغا ئېيتقىنىمدا، ئۇ مېنىڭ پىكىرىمنى بىردىنلا قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. بۇ ئاياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بېلى بۆرەك تۈپەيلى، كۆپچىلىكىنىڭ جىنسىي ئەزالىرىغا سوغۇق تېگىش سەۋەبلىك ئاغرىيدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ بوينىغا، بالىياتقۇ قىنىغا، ئۇرۇقدانغا سوغۇق تېگىپ ئاغرىيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەروزىياسى يەنە بار. مۇشۇلارنىڭ قايسىسىغا دەخلى يەتكەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ چوقۇم بېلى ئاغرىيدۇ.
تۆۋەندە ئاياللارنىڭ ئەنە شۇ خىل ئاغرىقلىرىدا ئۆزىمىز تەكلىپ قىلىپ يۈرگەن گىياھلار تىزىمىنى بېرىمىز. ئۇلار قىرىق بوغۇم، ياۋا چوشقا ياڭىقى قوۋزىقى، چاققاق يوپۇرمىقى، قويكۆكى، كېيىك ئوتى (بۇ گىياھنى ھامىلدار ئاياللار ئىشلەتمەسلىكى كېرەك)، قارەندىز، مايچېچەك، غاڭزىگۈل، چايكوكات، قاشقا بېدە، يالىقتوغاچ، ئىگىر، قەلەمپۇر، مانا شۇ شىپالىق گىياھلاردىن ئەھۋالغا قاراپ بەشىنى ياكى يەتتىسىنى تېپىپ، ھەر بىرىدىن چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئېلىپ، يېرىم لىتىر سوغۇق سۇدا بەش – ئالتە مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ، بۇنىڭدىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن (تاماقتىن 15-20 مىنۇت ئىلگىرى) ئىلمان ئىچىلىدۇ. داۋالىنىش قەرەلى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئومۇمەن بەزى ئاياللار ئۈچۈن بىرت ئاي، بەزىلىرى ئۈچۈن ھەتتا ئىككى – ئۈچ ئاي تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە كۆرۈنۈشىچە، ئايرىم ئاياللارنىڭ ئاغرىقلىرى پەقەت شىپالىق گىياھلاردىن تەييارلانغان قايناتما ياكى دەملەنمىنى ئىچىش بىلەنلا داۋا تاپىدىكەن. بەزىلىرى ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، قايناتمىنى ياكى دەملەنمىنى ئىچىش؛ ئىككىنچىدىن، شۇ خىل دەملەنمە ياكى قايناتما بىلەن ھەمەل ياكى سىپرىنسېۋانىيە قىلىش شەرت ئىكەن. ئوچۇقىراق قىلىپ ئېيتساق، مۇبادا ئۇرۇقدانغا سوغۇق تەگسە ياكى ئېروزىيا دېگەن دىئاگنوزى بولسا ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن غاڭزىگۈل ياكى قىياشتىن دەملەنمە تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئالدىدا پاكىز يۇيۇنۇپ، ئاندىن سىپرىنسېۋانىيا قىلىش لازىم. دورا تەييارلاش ئۇسۇلى: قۇرۇتۇلغان (ياش كوكاتمۇ بولىۋېرىدۇ) ياكى مۇبادا ئۆيدە غاڭزىگۈل چېچىكدىن قۇرۇتۇلغان بولسا بىر يېرىم چوڭ قوشۇق، ئەگەر ئۇ بولماي قىلىياش تېپىلسا، ئۇنىڭدىن يوغان بىر چىمدىم ئېلىپ يېرىم لىتىر قايناق سۇدا دەملىنىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنى كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندا سۈزۈلۈپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر ئۆيدە قىلىياشمۇ، غاڭزىگۈلمۇ بولمىسىچۇ؟ مۇنداق ئەھۋالدا ئىشەنچلىك ھالدا قاشقىبېدە بىلەن يۆتەلوتتىن چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئېلىپ، يېرىم لىتىر قايناق سۇدا دەملەپ، كۈنىگە تۆت – ئالتە قېتىم ئىلمان ئىچىش لازىم. داۋالىنىش قەرەلى ئىككى – ئۈچ ھەپتە. شۇنىڭدا ئۇرۇقدان سەللىمازا ساقىيىدۇ.
يەنە بىر مەسلىھەت: بالىياتقۇ بوينىغا، ئۇرۇقدانغا سوغۇق تېگىپ ئاغرىغاندا مايچېچەك گۈلىدىن قايناتما تەييارلاپ ھەمەل قىلغان پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ قوشۇقتا بىر يېرىم قوشۇق مايچېچەك گۈلى يېرىم لىتىر سوغۇق سۇدا ئاستا كۆيۈۋاتقان ئوتتا ئۈچ – تۆت مىنۇت چىم – چىم قاينىتىلىدۇ. كېيىن ئوتتىن ئېلىنىپ، لۆڭگە قاتارلىق نەرسە بىلەن ئوراپ تاشلىنىدۇ. ئۇ ياخشى دەملىنىپ، ئىشقا يارىغىچە بىمار ئىلمان سۇدا سوپۇنداپ يۇيۇنۇپ، ئۆزىنى تەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاندىن قايناتما سۈزۈلۈپ ھەمەلچىگە ئېلىنىدۇ ۋە ئادەتتىكىچە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بىرىنچى قېتىمدا ئىش ئەپلەشمىسە، دەرھال ئىككىنچىسىنى تەييارلاش لازىم. ئىمكانىيەت بولسا، بۇ ئۇسۇلنى كۈنىگە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

خۇننىڭ قاتتىق ئاغرىتىپ كېلىشى ياكى كۆپ كېلىشى

ھېلىمۇ يادىمدا، پەرھات ئىسىملىك بىر قەدىناسنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، دائىم ئايالى ھېمىدەمنىڭ ياتقىنىنى كۆرەتتىم. ئۇنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ ھەيران بولاتتىم، بىر تۇرۇپ پەرھاتقا ئىچىم ئاغرىيتتى. ئاخىرقى بىر بارغىنىمدا ھېمىدەم ئىللىق كۈلۈپ قارشى ئالدى.
– ھېمىدەم، قېرىنداش، بىر يېرىڭىز ئوبدانلا ئاغرىسا كېرەك، – دېدىمۇ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم. چۈنكى ئايال كىشىدىن نەرىڭ ئاغرىيدۇ دەپ ئەر كىشىنىڭ ئوسماقچىلاپ سورىشى سەت ئىشقۇ.
– ئاغرىق دېگىدەكقۇ ئاغرىقىم يوق، – دېدى ئۇ كۆزلىرىنى مېنىڭدىن قاچۇرغان ھالدا قىزىرىپ، – گېپىڭىزگە قارىغاندا ئۆزىڭىزمۇ سېزىپ يۈرگەن ئوخشايسىز. بىز ئاياللاردا قانداق ئاغرىقلار يوقكىنتاڭ. ھەر ئاينىڭ ئاخىرى ئۈچ – تۆت كۈن ئەنە شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرەلمەي يېتىپ قالىمەن.
– ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلايلى، قېرىنداش. سىزنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە قاتناپ تۇرۇڭ، مۇبادا ئۆيدە ئۆزۈم بولمىسام، تەييارلاپ قويغان دورىنى ھەدىڭىزدىن ئالىسىز.
– بولىدۇ، – دېدى ئۇ.
ئۆيگە كېلىپ ئارپىبەدىيان، مايچېچەك، قويكۆكى، چايكوكات، چاققاق، ئاشكۆكى، قاشقىبېدە گۈلىدىن مەخسۇس قايناتما تەييارلىدىم. ئەتىسى ئىشتىن قايتقان ھېمىدەم دورىنى ئېلىپ كېتىپتۇ.
ھېمىدەمگە تەييارلىغان دورىنىڭ رېتسىپى: يۇقىرىدا ناملىرى ئاتالغان شىپالىق گىياھلارنىڭ ھەر بىرىدىن چوڭ قوشۇقتا بىردىن ئېلىپ، ئۇنى سىرلىق قاچىدا يېرىم لىتىردىن سەل كۆپرەك سوغۇق سۇدا بەش – ئالتە مىنۇت ئاستا قايناتتىم. ئىچىش نورمىسى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن 20 مىنۇت ئىلگىرى 30 گرامدىن ئىچىلىدۇ. قايناتما سوۋۇغاندا سۈزۈلۈپ، ئاغزى بۇراپ ئېتىلىدىغان بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ، توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.
بارلىق ئاياللارغا ياخشى مەلۇمكى، بۇ خىل دورىنىڭ نەتىجىسى تۆت – بەش كۈندە كۆرۈنمەيدۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، ھېمىدەم تېلېفون بەردى. بۇ قېتىمقى ئايلىق ھەر ھالدا ئىلگىرىكىلەرگە نىسبەتەن يېنىك ئۆتكەن؛ ئىككىنچى ئايمۇ ياخشى ئۆتۈپتۇ. كېيىن ھېمىدەم يۇقىرىدا ناملىرى زىكرى قىلىنغان شىپالىق گىياھلارنى ئۆزى تېپىپ، ماڭا خىجالىتى چۈشمىدى.
ھېمىدەمنىڭ بۇ دورىنى قانچە ۋاقىت تۇراقلىق ئىچكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتالمايمەن، ئەمما ئۇ بەش – ئالتە يىلدىن بۇيان ھەر ئاينىڭ ئاخىرى كۆزىنى ئاچالماي يېتىش كېسىلىدىن تامامەن قۇتۇلدى.
بەزى ئاياللار خۇننىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ كېلىشىمۇ قىينايدۇ. بۇ خىل ئاياللارغا تۇراقلىق يوسۇندا كېيىك ئوتى، چاققاق، كۆرتە يىلتىزى (باغنىڭ)، قۇشقاچ تىلى، كۆممىقۇناق پۆپۈكىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەزكۇر گىياھلار قاننى قويۇلدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى چاپسان ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
ئاق خۇن توغرىسىدا گەپ قىلغاندا بەزى ئاياللاردا بولىدىغان ئاق خۇننىمۇ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭدا ئاياللار ئاغرىپ يېتىپ قالمايدۇ، ئاۋارە بولمايدۇ، يۇقمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ ھىدى يېقىمسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئايال ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چاپسان قۇتۇلسام دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ خىل ئاياللارغا تۆۋەندىكى رېتسىپنى تەكلىپ قىلىمىز. بۇ كېسەلدىن قۇتۇلدۇرىدىغان نەرسىلەر چوشقا ياڭىقىنىڭ قوۋزىقى، زەمچە، يانتاق يىلتىزى، ئاپتاپپەرەس غولى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئايرىم – ئايرىم ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: چوشقا ياڭىقىنىڭ قوۋزىقى دەملىنىدۇ، ئاپتاپپەرەس غوزىكى، يانتاق يىلتىزى ئايرىم ھالدا قاينىتىلىدۇ. قايناتما سپرىنتسېۋانىيا ياكى ھەمەل قىلىنىدۇ.

شىپالىق ماي

«ئارگۇمېنتى ئى فاكتى» ناملىق ھەپتىلىك گېزىتنىڭ 1994-يىلى 7-سانىدىن «راكنى يېڭىش مۇمكىنمۇ؟ سىناق قىلىپ كۆرۈش كېرەك» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ «دۇنيادا كۆڭۈلدىن ئۇلۇغ نەرسە يوق» دېگەن گەپ يادىمغا چۈشتى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئون يىل ئىلگىرىغۇ دەيمەن. قېيناتا ئىككى قېتىم پالەچ بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ تىرىشىشى تۈپەيلى ئوڭشىلىپ قېلىۋېدى، تۇرۇپلا يەنە پۇتىنى سۆرەپ قالدى. ئولتۇرۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ دەپ ناھايىتى قورقتۇق. ئالمۇتىنىڭ دوختۇرلىرىغا كۆرسەتتۇق. ئوكۇل بويرۇدى. پۇتىغا سۈركەيدىغان دورا يېزىپ بەردى.
بىر كۈنى «مۇشۇ ئادەم نېمە قىلىۋاتىدۇ، بىر قاراپ كۆرمەيمەنمۇ» دەپ، يېنىغا كەلدىم. قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي، دورا رېئاكسىيە بېرىپ پاقالچاققا يوغان بۆرتمە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇنى ئاز كۆرگەندەك پالەچ بولغان پۇت كۆزۈمگە سوغىلىشقا تايىن تاپقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ناھايىتى قورقتۇم. بوۋاي مەن يېنىغا كەلگەندە دورىنى مايلاپ بولاي دەپ قالغانىكەن.
– بۇ دورىنى ئۈزۈل – كېسىل توختىتايلى، – دېدىم جىددىي. بۇ پىكىرنى ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئېيتتىم. ئەتىگەنلىكى كېلىن مېنى ئىشقا ماڭدۇرۇپ بولۇپ، بوۋىسىنى دوختۇرغا ئاپارغانىكەن. ئۇلارمۇ مايلايدىغان دورىنى توختات دەپتۇ ۋە باشقا دورىلارنى يېزىپ بېرىپتۇ.
– ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ قىلمايمىز، – دېدىم قەتئىي، – دوختۇرلار شۇ كۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىشتى. ئەمدىكى نۆۋەت مېنىڭ.
خەلق تېبابىتىگە ئائىت بىر كىتابتىن پالەچ بولۇپ ئاغرىغاندا پۇتقا، قولغا، مايماق چىققان يۈزگە ئۆسۈملۈك مېيىدا قارىمۇچنى قىزىتىپ مايلىسا ياخشى، دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇغانىدىم. پاختىمۇ، ئاپتاپپەرەسمۇ، قىچىمۇ ئۆسۈملۈك. لېكىن كىتابتا شۇلارنىڭ بىرىنى ئاتىماي، پەقەت ئۆسۈملۈك مېيى دەپتۇ. شۇڭا مېنىڭ يادىمغا بىردىن ئاپتاپپەرەس مېيى چۈشتى. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چايكوكاتنى خۇددى شۇ ماي بىلەن تىندۇرۇپ ماي قايناتقان. ئەتىمالىم، خۇدايىم دىلىمغا شۇنى سالسا بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدىكىلەردىن:
– ئۆيدە ئاپتاپپەرەس مېيى بارمۇ؟ دەپ سورىدىم.
ئۇ يىللىرى ئاپتاپپەرەس مېيى چۈچۈتكەندە كۆپۈكلىشىپ كۆۋرەپ كېتىدۇ، دەپ ياقتۇرماي، پاختا مېيى ئەتىۋارلىق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىمۇ يوق بولۇپ چىقتى.
– خەپ، ئاپتاپپەرەس مېيى بولغىنىدا، – دېدىم پۇچۇلۇنۇپ، – خەيرىيەت، بۈگۈنگىچە پاختا مېيى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقاي. بىراق ئەتە ھېچبولمىغاندا يېرىم لىتىر بولسىمۇ تاپ.
چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇق قارىمۇچ تالقىنىنى ئاپتاپپەرەس مېيىدا مەلھەم ياساپ مايلىدىم.
ھەر ھالدا ئاپتاپپەرەس مېيىدىن ياسالغان دورا يۇقىرىدىكى بابلاردا ھېكايە قىلىنغىنىدەك قېيناتىغا ناھايىتى باب كەلدىدە، ئۇ يەر دەسسەپ كەتتى.
– بۇ دورىڭىز ياخشىكەن، – دېدى ئۇ.
كېيىنكى يىللىرى ئاپتاپپەرەس مېيىنى قېرىقىز يىلتىزىغا دەملەپ قاينىتىپ قېرىقىز مېيى تەييارلاپ يۈرۈيمەن. بۇ ماي بولۇپمۇ كۆيۈكتە كېسىلگەن يەرلەرنى، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى جاراھەتلەرنى، تەمرەتكىنى داۋالاشتا تەڭدىشى يوق دورا بولۇپ قالماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى يازدا يېرىم، بەزىدە بىر لىتىر شۇ مايدىن تەييارلاپ يۈرۈيمەن. ھازىر يادىمدا يوق، بىر كىشى ئىچى قاتقان ئادەمنى ئاپتاپپەرەس مېيى بىلەن ھەمەل قىلسا، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
يېقىندا قوشنىلاردىن بىرىنىڭ تۇرمۇشقا چىققان قىزى يېنىكلىنىۋاپتۇ، دەپ ئاڭلىۋېدىم. كېيىن ئۇ قىزنىڭ كۆكسى ئاغرىپ كېتىپتۇ. دوختۇرلارنىڭ ئېيتقىنىنىمۇ، خەقتىن ئاڭلىغانلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈپتۇ. بىراق، نەتىجە بەرمەپتۇ. ياش ئانا تۇنجىسىنى ئېمىتەلمەي غۇنجۇن ئازابىنى كۆرۈۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ كەنجى قىز كىرىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆيدىن يېرىم فلاكون ماينى ئەپچىقىپ بېرىپتۇ. بۇلاردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. بىر كۈنى كەچكى تاماقنى ئىچىۋاتسام تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى:
– دادا، سىزنى سوراۋاتىدۇ، – دېدى قىزىم.
تۇرۇپكىنى ئالدىم.
– كامالىدىن ئاكا، بۇ مەنغۇ، – دەپ قوشنا سالام – سائەتتىن كېيىن، يېقىندا سىلەرنىڭ قىز دادام ياسىغان دەپ ئازراق دورا بېرىۋېدى. شۇنى مايلاپ قىزىمنىڭ كۆكسى ياخشى بولۇپ قېلىۋېدى. بىراق ئۇ تۈگەپ قالدى. ھەققىنى تۆلەي، شۇنىڭدىن يەنە ئازراق بەرسىڭىز، – دېدى.
قوشنىنىڭ ياش تۇغۇتلۇق قىزىنىڭ كۆكسى شۇنىڭ بىلەن ياخشى بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتاپپەرەس مېيىدا قانداق خىسلەت باردۇر؟ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم، «ئارگۇمېنتى ئى فاكتى» ناملىق ھەپتىلىك گېزىتىنى ئوقۇپ كۆزلىرىم پاللىدە ئېچىلىپ كەتكەندەك بولدى. چۈنكى ماقالىدە راك ئاغرىقىغا ئاپتاپپەرەس مېيى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى يېزىلىپتۇ.
ئاپتاپپەرەس مېيى لىنول كىسلاتاسىغا باي (60 پىرسەنتكە يېقىن) بولغىنى ئۈچۈن يۇقىرى شىپالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەن. راك ئاغرىقىغا ئۇچرىغان ئادەم كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ئاچ قورساققا 30-40 مىللىلىتىر ئاپتاپپەرەس مېيىنى شۇنچىلىك مىقداردىكى ھاراق بىلەن (ھاراق كەم بولسا بولسۇن، ئوشۇق بولمىسۇن) ئىستاكاندا قوشۇق بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، توختاتماي دەررۇ ئىچىلىشى لازىم. ھاراق ماينى ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ناھايىتى ئۇششاق پارچىلارغا پارچىلاپ چېچىپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىلىرىنىڭ ماينى ئۆزىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن ۋە شىپالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىدىكەن.
شۇنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم كېرەككى، ماي تازىلانمىغان، ئانچە كۈچلۈك پۇراققا ئىگە بولماسلىقى كېرەك.
دوختۇرنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، بۇ دورىسى بىلەن ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى راك ئاغرىقىدىن قۇتۇلدۇرغان. جۈملىدىن، ياش تۇغۇتلۇق ئانىلارنىڭ كۆكسىگە چۈشكەن يارىنىمۇ داۋالىغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمچەكتىكى يارا ياكى ئېغىزى ئېلىپ تېشىلگەن يەرگە داكىنى مايغا چىلاپ تاڭغان.
دورىنى ئىچكى ئاغرىقلارغا بېرىش ئۇسۇلى: مەزكۇر دورىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تاماقتىن 15-20 مىنۇت ئىلگىرى ئاچ قورساققا ئىچكۈزىدۇ. ئون كۈن ئىچىپ، بەش كۈن دەم ئالىدۇ. شۇ تەرىقىدە ئۈچ، بەش، ئون كۈن، بەزى ئېغىر ئاغرىقلار ئۇنىڭدىنمۇ سەل ئۇزاقراق ۋاقىت ئىچىپ داۋالانسا راك ئاغرىقىدىن تامامەن قۇتۇلىدۇ. بۇ دورىنى ئىچىۋاتقاندا ۋە كېيىن بىمار بىر يىلغىچە ئۆزىنى ھاراق – شارابتىن تۇتۇشى شەرت.
گېپىمنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا دەيدىغىنىم، سەللىمازا ساقىيىپ كېتىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق، تاقەت، تۈزۈمچانلىق ۋە ئىرادە كېرەك. ئۇنىڭسىز مۇراد ھاسىل بولمايدۇ.

مۇھىمى ئاغرىقنى ئېنىقلاش

1993-يىلى، ئۆكتەبىر. كەنجى ئىنىم سەككىز ياشلىق قىزىنى ئېلىپ كەپتۇ. شۇ كۈنگىچە يۇرتتىن كەلگەن يېقىنلاردىن ئىنىمنىڭ قىزىنىڭ مەكتەپ ئالدىدىكى گۈلخان چۆرىسىگە قويۇلغان قۇيما ئۇزۇن تاش ئۈستىدە مېڭىپ ئويناۋېتىپ يىقىلغانلىقىنى، پۇتىنىڭ ئىششىپ چۇنجىدا ئاغرىقخانىدا ياتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىشكەنىدى. تېڭىقچى كۆرۈپ پۇتىنىڭ سۇنمىغانلىقى ياكى چىقمىغانلىقى، پەقەت گۆشىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كېيىن قىزىنىڭ پۇتى ئىششىپ ماڭالماي قالغاندا ئاغرىقخانىغا ئېلىپ بارغانىكەن، دوختۇر كۆرۈپ «سۇنغان» دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ. رېنتگېننىڭ كۆرسىتىشىچە سۇنمىغان.
قىسقىسى، ئېنىق بىر توختامغا كېلەلمەي ۋىلايەتلىك كلىنىكىلىق بالىلار ئاغرىقخانىسىغا يوللاپتۇ. بولغان ۋەقەنى تەپسىلىي تىڭشىدىم ۋە تېڭىقچى پىكرىگە قوشۇلدۇم. قىزنىڭ پۇتى سۇنمىغان، چىقمىغان، قىزچاق ئورۇق، پۇتلىرى نازۇك ئىدى. يىقىلغاندا قاتتىق چۈشۈپ، پۇت گۆشىنى ئاغرىتىۋالغان. ئىششىق پەقەت شۇنىڭدىن. چوڭقۇر ئويلاپ ئاۋۋال كەسپىي دوختۇرلار، مۇتەخەسسىسلەر كۆرۈپ ئېنىقلىسۇن، ئاندىن مەن كۆرەرمەن، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئاغرىقخانىغا باردىم ۋە قىزىمنى داۋالاتقان دوختۇر بىلەن سۆزلەشتىم.
– بۈگۈنكى تاپچىللىقنىمۇ، كېرەكلىك دورىلارنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن. قىزىمنىڭ پەقەت دىئاگنوزىنى قويۇپ بەرسەڭلار بولدى، قالغىنىنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن، – دېدىم مېنى ئوچۇق چىراي قارشى ئالغان دوختۇرغا.
– رېنتگېننىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا، قىزنىڭ پۇتى سۇنمىغان. ئانالىز ئېلىپ تەكشۈرۈۋاتىمىز، يېقىن كۈنلەردە ھەممىسى مەلۇم بولىدۇ، – دېدى.
ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتتى. ئىنىم ھەر كۈنى ئاغرىقخانىغا بېرىپ، كەچ كىرگىچە قىزىنىڭ يېنىدا بولاتتى. دوختۇرلار تېخىچىلا بىر توختامغا كېلەلمەپتۇدەك. ئوكۇل سېلىۋاتقۇدەك. ئاغرىقخانىغا يەنە بېرىپ قىزىمىزنى داۋالاۋاتقان دوختۇر بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ھەر ئىككىسى ئانالىز ئېلىۋاتقانلىقى، ئاغرىقنى چوقۇم تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى چۈشەندۈردى. بىراق، نېمىسىنى يوشۇراي، مېنىڭ ئۇلاردىن كۆڭلۈم ئوبدانلا سوۋۇدى.
كېيىنكى شەنبىدە ئىنىم قىزىنى «چۆمۈلدۈرۈپ، ئەتە ئەكېلىپ بېرىمەن» دەپ ئېلىپ كەپتۇ. پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈمنى بىر سىناپ كۆرمەكچى بولدۇم. ئۇنداق بولغىنى قىزىمىزنىڭ پۇتىدىكى ئىششىق شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.
بىر تۇتام ئەمەننى يوغان بىر ئوچۇم قارا تىكەن، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ توختىتىپ قويدۇم. قىزنى چۆمۈلدۈرگەندىن كېيىن، ۋاننىغا قايناتمىنى سۈزۈپ قۇيۇپ، سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇ چۈشۈرۈپ تەڭشىدىم. قىزنى شۇ قايناتمىغا ئون مىنۇت ئولتۇرغۇزۇپ ئۈستىنى سۈرتۈپ كىيىندۈرۈپ، ئوراپ ياتقۇزۇپ قويدۇم. ئەتىسى ئەتىگەن قارىسام قىز ئورنىدىن يەر تايىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىششىق كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قايتمىسىمۇ، ئاغرىق خېلىلا بېسىلغان. كېيىنكى شەنبىدە يەنە بىر قېتىم داۋالىدىم.
ئاخىر دوختۇرلار قىزنى ئۆيگە چىقىرىۋەتتى. ئۆيى، بالا – چاقىسى، مال – ۋارىنىغا ئالدىراۋاتقان ئىنىم يۇرتقا قايتماقچى.
– ئۆيگە بېرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ قىزىڭنى مانا شۇنداق داۋالا. قانچىلىك ئەمەن، قانچىلىك تۇز سېلىشنىڭ، قانچىلىك قاينىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆزۈڭ كۆردۈڭ.
ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتۈپ بىر ئىش بىلەن يۇرتقا باردىم. قىزنىڭ پۇتى ئوبدان ساقىيىپ كېتىپتۇ، مەكتەپتىن قالماي ئوقۇۋېتىپتۇ. چىراي شەكلى ياخشى. ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
ئەمەن ئۆزى ئاچچىق گىياھ! ئىشەنچىم كامىلكى، ھايات بار ئىكەن، ئۇ نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ چوقۇم دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولىدۇ.

ئۆپكىگە سوغۇق تېگىش

ھېچكىمگە يېڭىلىق ئەمەسكى، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ ئاغرىش تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرىشىدۇ. دورا – دەرمەك باياشات مەزگىللەردە بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقخانىغا چۈشكەن بالىلار كۆپ ئىدى. بۇنىڭ پەقەت كىچىك بالىلاردىلا ئۇچرىمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ يېنىپ – يېنىپ ئاغرىقخانىدا داۋالىنىپ يۈرگەن چوڭلارمۇ كۆپ. بۇ ئاغرىق بىلەن مۇشۇ قۇرلار مۇئەللىپىمۇ ئۆز ۋاقتىدا دەرد تارتىپ، ئاغرىقخانىنىڭ «دۆلىتىنى» بىر نەچچە قېتىم كۆرگەنىدىم. شۇندا، بىر كۈنى ئۆزۈمنى داۋالاۋاتقان دوختۇرىدىن:
– مۇشۇ ئاغرىقنى سەللىمازا ساقايتقىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىدىم.
– سەللىمازا ساقايتىش ھۆددىسىنى ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ساقىيىش كۆپ جەھەتتىن بىمار ئۆزىگە باغلىق. بىز پەقەت ياردەم بېرىمىز. ئاغرىقخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى مۇمكىنقەدەر ئىسسىق تۇتۇڭ، سوغۇققا ئۇرۇنماڭ، – مەسلىھەت بەردى.
لېۋىمنى چىشلەپ قالدىم. توۋا! دېمەسلىككە ئىلاجىم بولمىدى. شۇنچە يىل ئوقۇغان، دورا – دەرمىكى قولىدا دوختۇرلار بۇنىڭ ئىلاجىسىنى قىلالمىسا، بۇ ئادەم ھاياتىغا تىكىلىپ كەلگەن ئاغرىق ئىكەندە، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. مەن ئادەم بالىسى، ياشاش ئۈچۈن، بالا – چاقىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشقا بېرىشىم، ئىدارىگە يەتكىچە كوچىدا ئاپتوبۇس كۈتۈشۈم كېرەك. كۈندە توي ئەمەس دېگەندەك، خۇدايىمنىڭ كۈنلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ياز كۈنلىرى بەزىدە يامغۇر چېلەكلەپ قۇيۇۋاتقاندا ئىشقا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. قىش كۈنلىرى غاچىلداپ تۇرغان سوغۇقتا ياكى شىۋىرغاندا ئاپتوبۇس كۈتۈپ بېكەتتە تۇرىسەن. ئىشلەۋاتقان ئادەم قانداق قىلىپ ئۆزىنى ساقلىسۇن؟ توغرا، ساقلىقتا خورلۇق يوق. لېكىن ئاغرىقخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەشتۈردۈم. كىچىك ئانامدا بىر كېسىم قۇرۇتۇۋالغان يىلان بار ئىكەن. «شۇنى قاينىتىپ بەرسەم ئىچەمسەن؟» دەيدۇ ئۇ غەمخورلۇق قىلىپ. يىلاننىڭ شورپىسىنى ئىچكەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئوبدانلا يېنىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. دەم ئېلىش ئاياغلىشىپ، يەنە ئىشقا كەلدىم. بۇ يانۋار ئېيى ئىدى. بىزنىڭ ئىدارە ئورۇنلاشقان بىنا خادىملىرى خىيالىغا بىنانى شاماللىتىش كەپتۇ. نەتىجىدە ئەتىسى يەنە ئاغرىپ قالدىم. ۋاننىغا تۇز تاشلاپ، ئىسسىق سۇدا دۈم ياتتىم. دۈمبەمگە گورچىشنىك، شىشىگە قويدۇق، ئارپىبەدىيان بىلەن قارەندىزدىن قايناتما تەييارلاپ ئىچتىم. شۇنىڭ بىلەن خېلى ياخشى بولدۇم. تەجرىبىدە كۆرۈنۈشىچە مايچېچەك (روماشكا)، لىپا دەرىخىنىڭ چېچىكى، غەندىغەرە (مالىنا) يوپۇرمىقى، گۈلبىنەپشە، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، قارەندىز، پاقا يوپۇرمىقى قاتارلىق شىپالىق گىياھلاردىن قايناتما تەييارلاپ داۋالاندىم.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ كېتىشىم كېرەككى، ئەمەلىيەتتە ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ ئاغرىغاندا يۇقىرىدا ناملىرى ئاتالغان شىپالىق گىياھلاردىن پەقەت بىرىنى قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ. خەلق تېبابىتىگە ئائىت كىتابلاردىمۇ خۇددى شۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن. ئەمەلدە ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى يامان بولمايدىكەن. لېكىن، ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭ، بىر ئادەم قىلىدىغان ئىشنى ئۈچ ياكى بەش ئادەم قىلسا قانداق، ياكى شۇ ئىشنى ئۈچ، بولمىسا بەش ئادەم بىرلىكتە قىلسا قانداق؟ شۇ نوقتىدىن قاراپ مەن چوڭلارغا دورا ياسىغاندا بەش ياكى يەتتە، بەزىدە ھەتتا توققۇز شىپالىق گىياھنى بىرلەشتۈرۈپ دورا ياساپ يۈرۈيمەن.
يۇقىرىدا تەكىتلىگەنلىرىم پەقەت چوڭ ياشتىكى بىمارلار ئۈچۈن. نارەسىدىلەر ئۈچۈن يا بىر گىياھتىن، ياكى ئۈچ گىياھتىن دورا ياسىغان مەقسەتكە مۇۋاپىق. بالىلارغا پەقەت قارەندىزنى قاينىتىپ كۈنىگە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر چاي قوشۇقىدا يېشىغا قاراپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان دورىغا ئازراق ھەسەل ياكى قەنت ئارىلاشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى قارەندىز قايناتمىسى ئىچىشكە قېرىقراق.
قارەندىز يىلتىزى، غەندىغەرە يوپۇرمىقى، مايچېچەك ئۇچىدىن تەييارلانغان قايناتما ھەم ئاغرىقنى قايتۇرىدۇ، ھەم ھارارەتنى چۈشۈرىدۇ.
كېيىنكى يىللاردىكى تەجرىبىگە قارىغاندا ئۆپكىگە سوغۇق تېگىپ ئاغرىغاندا مەيلى چوڭ ياشتىكى ئادەم، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىتىنى ئىچسە ياخشى نەتىجە بېرىدۇ، بىرىنچىدىن، ئاغرىق چاپسان بېسىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھارارەت تېز چۈشىدۇ. بۇ دورىنى بىر نەچچە كۈن ئۇدا ئۈزمەي ئىچكەن ياخشى.

چاچنىڭ چۈشۈشى

چاچنىڭ چۈشۈشى ئادەمنىڭ ھارارىتىنىمۇ كۆتۈرمەيدۇ. جاننى قاقشىتىپ بىئاراممۇ قىلمايدۇ. بىراق كىمنىڭ ياشلا تاقىر باش بولۇپ قالغۇسى كېلىدۇ دەيسىز. بۇمۇ بىر ئەندىشە ئىكەن. بۇ بولۇپمۇ قىز بالىلارنى تەشۋىش ئەندىشىگە سېلىپ قويىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇچراشقانلا يەردە، ئۇلار بىرىنچى نۆۋەتتە «چاچنىڭ تۆكۈلۈشىگە نېمە دورا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟» دېگەن سوئالنى بېرىدۇ. تەلىيىمگە مەن شەخسەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپ يۈرۈيمەن. سىزمۇ ئاڭلاپ قويسىڭىز يامان بولماس.
بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان يۇرتۇم تۈگمەن يېزىسىغا باردىم. ئەتىگەنلىكى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ساقال – بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ، يۈزۈمنى يۇيۇۋاتاتتىم. بېشىمنى تاراۋاتقاندا تاغاققا چىققان چاچنى كۆرۈپ دادام:
– ئوغلۇم، ياشلا تاقىر باش بولۇپ قالساڭ كېرەك، – دېدى.
مەن گەپ قىلمىدىم…
بۇ ۋاقىتتا چېچىمنىڭ تۆكۈلۈشىنى ئاز كۆرگەندەك بېشىمدىكى ئاقمۇ كۆپىيىپ كېتىپ باراتتى. دادامنىڭ گېپى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيگە كېلىپلا، ئەتىسى چوغلۇقگۈلى، قېرىقىز يىلتىزى، يۆتەلوت، چاققاق ۋە ئىگىر يىلتىزىدىن ئېلىپ يېرىم لىتىر قايناتما تەييارلىدىم. ھەر كۈنى ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا 75 گراملىق ئىستاكاندا بىرنى ئۆلچەپ ئالدىمدە، ئۇنى سەل ئىلمان قىلىپ چېچىمنى ئېرىنمەي مايلىدىم ۋە تېگى – تېگىگە ئۆتسۇن دەپ تارىدىم. لاتىدىن تىكىلگەن شەپكەمنى كىيىپ يېتىپ قالدىم.
يېرىم لىتىر دورا توپتوغرا بىر ھەپتىگە يېتىدىكەن. بىر ھەپتە دەم ئېلىپ، يەنە بىر ھەپتە داۋالاندىم. ئاندىن ئالتە ئايدىن كېيىن دورىنى يەنە تەكرارلىدىم. شۇنىڭ بىلەن چېچىمنىڭ تۆكۈلۈشى پەيدىنپەي ئازايدى. چېچىم مايلىغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان بولدى.
ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ بېشىم شۇنچىلىك قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئىشتا ئولتۇرۇپ نېمىشقىدۇ چېچىمنىڭ ئارىسىغا بارماقلىرىمنى تىقتىمدە، ئۆپكىسى بىلەن سىلىدىم. تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ھەيران بولدۇم. چۈنكى بېشىمدا يېڭى چاچ چىقىپ كېتىۋېتىپتۇ. ئۆيگە كېلىپ قىزلىرىمغا كۆرسىتىۋېدىم، ئۇلارمۇ ھەيران بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن چاچنىڭ تۆكۈلۈشىمۇ، ئاقمۇ توختىدى.
بۇ ناھايىتى كۈچلۈك دورا.چاچنىڭ تۆكۈلۈشىنى،باشتىكى كېپەكنى يوقىتىش مەقسىتىدە يۇقىرىدا ناملىرى زىكىر قىلىنغان بەش خىل شىپالىق گىياھنىڭ ھەممىسىنى ئىزدەپ تېپىش شەرت ئەمەس.خەلق تېبابىتىگە ئائىت كىتابلاردا تەكىتلىگىنىگە قارىغاندا،مەزكۇر گىياھلارنىڭ بىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇلى:قېرىقىز،ئىگىر،چوغلۇقگۈلى يىلتىزىدىن(قۇرۇتۇپ ئۇۋۇتۇلغان بولسا چوڭ قوشۇقتىن بىر قوشۇق)چاققاق بىلەن يۆتەلوتتىن يوغان بىر چىمدىمدىن ئېلىپ يېرىم لىتىردىن سەل كۆپرەك سۇدا ئالتە-يەتتە مىنۇت ئاستا قاينىتىلىدۇ.ئاغزى يېپىق ھالدا سۇۋۇتىلىدۇ،سۈزىلىدۇ ۋە ئاغزى بۇراپ يېپىلىدىغان بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ توڭلاتقۇدا ساقلىندۇ.ئىشلىتىلىشى:كۈنىگە بىر قېتىم،ئاخشىمى ئورۇنغا كىرىش ئالدىدا 75 گراملىق ئىستاكاندا بىر ئىستاكان قايناتما ئىللىتىپ،باشقا ئىرىنمەي چېپىلىدۇ ۋە ياغلىقنى ئوراپ تېڭىۋالىدۇ.

يەل تۇرۇپ قېلىش

قايسى كىتابتىن ئوقۇدۇم ياكى كىمدىن ئاڭلىدىم،ھازىر يادىمدا يوق.مۇشۇ يېقىندا ئۈستىلىمنى تەرتىپكە كەلتۈرەي دەپ يىغىشتۇرىۋاتسام قولۇمغا بىر ۋاراق قەغەز چىقتى.ئۇنىڭغا بويۇنغا يەل تۇرۇپ قالغاندا داۋالاشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلى يېزىپ قويۇلغانىكەن . ھەر ھالدا بۇ ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە بىمارنى داۋالاش بويىچە ئاددىي ئۇسۇلى يېزىپ قويۇلغانىكەن.ھەر ھالدا بۇ ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە بىمارنى داۋالاش بويىچە ئاددىي،شۇنىڭ بىلەن بىللە،نەتىجىدارلىقى يۇقىرى ئۇسۇل.بۇنى ئەينەن كۆچۈرۈپ،خەلققە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلدىم.ئۇنداق بولغىنى ئاخشىمى ساپساقلا يېتىپ قېلىپ،ئەتىسى بوينىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمەي دەرت تارتىپ يۈرگەن ئادەملەر تۇرمۇشتا ئاز ئۇچرىمايدۇ.بەزى كىشىلەر ئاخشىمى يېتىپ قېلىپ،ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندا بوينىنىڭ ياكى قولىنىڭ يەل تۇرۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە ئۇ ياقققا،يا بۇ ياققا بۇرۇلالماي جىلى بولىدۇ.مۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر يا چېقىشامدۇ،راستىنلا شۇنداق ئادەت بارمۇ بىلمىدىم،بىمارغا:«بوينى قاتتىق ئادەمگە تەزىم قىل»دېسە،ئىككىنچى بىرى«ھالى چوڭ خانىمغا تەزىم قىل»دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.
ئادەتتە بۇ ئاغرىق بىلەن ئادەم بەش – ئالتە كۈن چوقۇم گالۋاڭ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن چاپسان قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش شەرت. ئۇنىڭ ئۈچۈن توملىقى ئوخشاش، يەتتە – سەككىز دانە چوكا ئېلىپ، ئۇنى يەل تۇرۇپ قالغان يەردە (ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن) ئۇياقتىن بۇياققا يېنىك ۋە ئاستا دۈگىلىتىدۇ. ئارىدىن بەش – ئالتە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەل تۇرۇپ قالغان يەر قىزىرىشقا باشلايدۇ. شۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندە چوكىلارنى دۈگىلىتىش توختىتىلىدۇ.
بىرىنچى قېتىمنىڭ ئۆزىدىلا يەل تۇرۇپ قالغان يەردىكى تارتىشىش خېلىلا يېنىكلىشىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي چوكا دۈگىلىتىشنى ئېرىنمەي شۇ كۈنى چوقۇم ئىككى – ئۈچ قېتىم تەكرارلاش لازىم. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا يەل تۇرۇپ قالغان يەردىكى ئۇششاق قان تومۇرلىرىدىن قان يۈرۈپ بويۇن، غولدىكى ئاغرىق بېسىلىدۇ.

مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان.

كىرگۈزگۈچى: تۇغچى (tughchi)
كىرگۈزگۈچىدىن ئەسكەرتىش:
مەن بۇ ئەسەرنى 2005- يىلى مىراس ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىگە تېلېفۇن قىلىپ، ئىجازىتىنى ئېلىپ، 2005 -يىللىق سانلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدىن باشلاپ، بىلىك، ئىزدىنىش ۋە بىلىۋاللارغا ئۇدۇللۇق يوللاپ ماڭغان ئىدىم، ئەپسۇس، بىلىكنىڭ كونا مۇنبىرىدە ئۇنىڭ ئوتتۇرلۇقتىكى ئازراقلا قىسملىرى(2-، 3-، 4-سانلىرىدىكى)نىلا تاپالىدىم، باشقا قىسىملىرى(1-، 5-، 6- سانلىرىدىكى)نى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم، ئەينى چاغدا ساقلاپ قويغانلار بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
بۇ ئەسەر ئىلقۇت تورىدىن ئېلىندى
http://ilqut.com/makala/article/525.aspx
خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئەنئەنە-ئۆرپ-ئادەت، تىبابەت، مەدەنىي مىراسلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار