قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

يولۋاس مۇھەممەتئىمىن

مىلادىيە 1887-يىلى گېرمانىيە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەشھۇر جۇغراپىئون، شەرقشۇناس زىچ خوفىن دېڭىز يوللىرى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى غەرب بىلەن شەرقنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى قورۇقلۇق يولىنىڭ نامىنى ناھايىتى چىرايلىق نام بىلەن، يەنى «يىپەك يولى» دېگەن نام بىلەن ئاتىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەردىكى ھەر قايسى ئەللەرگىچە تۇتاشقان قۇرۇقلۇقتىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرى، شەھەرلەر، ئۆتەڭ-راباتلار، چازا-قۇرۇللار، قەلئەلەر، ئىز-خارابىلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئارخېئولوگ، ئېكسپېدىتسىيىچى، تەۋەككۈلچى، تەتقىقاتچىلار ئىنسانلار مەدەنىيەتلىرىنىڭ يىلتىزىنى، سىرىنى ئىزدەيدىغان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئۆز ئارا تەسىر قىلىش ۋە تارقىلىش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم بىر ئارخېئولوگىيىلىك، جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە «يىپەك يولى مەدەنىيىتى» دەپ ئاتالدى. بۇ نام كېيىنچە دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان كاتتا تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.

قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

دۇنيادىكى شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ شەرق مەدەنىيەتلىرىگە بولغان ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، كېڭىيىشى ۋە ئىنىچكىلىشىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارخېئولوگ، ئېكسپېدىتسىيىچى، تەۋەككۈلچىلىرىمۇ XIX-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن XX-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شەرق مەدەنىيەتلىرىنىڭ «تىلسىمات» لىرىنى ئېچىشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن قەدىمكى بوستانلىق قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، شەرق ئەللىرىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت سالونلىرىنى ۋە شەرقنىڭ مۆجىزاتلىرىنى ئۆز مەيلىچە زىيارەت قىلىشتى. ياراتقۇچىلىرىنىڭ ئەسلىرىدىن ئاللىبۇرۇن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن خارابە-ئىزنالاردا قىدىرىش، سىزىش، ئۆلچەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، غەرب ۋە شەرقتە ياشىغۇچى ئىنسانلارنىڭ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئالاقىلىرى، تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. «يىپەك يولى مەدەنىيىتى» ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى قەدىمكى بوستانلىق قەشقەرگە «خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئاچىلى» دېگەن نامنى بېرىشتى. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت شەھەر قەشقەر»نىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا تارىلىپ، قەشقەر توغرىسىدىكى تەتقىقات خەلقئارالىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.

قەشقەر رايونىنىڭ شەرق تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا؛ شەرقىي جەنۇب تەرىپى خوتەن رايونىغا، جەنۇب تەرىپى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئارقىلىق شىزاڭنىڭ ئالىي رايونىغا؛ غەربىي شىمال ۋە شىمال تەرىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا، شەرقىي شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەشقەر يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

قەشقەرنىڭ شىمالىنى تەڭرىتاغ تىزمىسى، غەربىنى پامىر ئېگىزلىكى، جەنۇبىنى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئوراپ تۇرىدۇ. پەقەت شەرقىلا نىسبەتەن ئوچۇق بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ. يەر شەكىلدىن ئېيتقاندا، قەشقەر رايونى جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش سوزۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىك، تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4000 مېتىر كېلىدۇ. قەشقەردە يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8611 مېتىر كېلىدىغان «چوگېر چوققىسى» ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7555 مېتىر كېلىدىغان «مۇز تاغ چوققىسى» قاتارلىق دۇنيادىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئېگىز قارلىق تاغ چوققىلىرى بار. قەشقەر رايونىنىڭ ئېگىزلىك رايونى %57 نى، تۈزلەڭلىك رايونى تەخمىنەن %24 نى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى قۇملۇق. بۇ خىل ئالاھىدە يەر شەكلى قۇرۇلمىسى قەشقەر رايونىنىڭ ئۆزگىچە كۆركەم مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.
جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابى «كېيىنكى خەننامە»نىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، قەشقەر تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا «سۇلى»(勒国疏) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئېنىقكى، مەزكۇر تارىخىي كىتابتا قەيت قىلىنغان نام پۈتكۈل قەشقەر بوستانلىقىنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى كونىشەھەر، يېڭىشەھەر ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ (ئېھتىمال بۇنىڭدىنمۇ كىچىك دائىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.) ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ نامىغىلا ۋەكىللىك قىلالايدىغان نام، شۇنداقلا «كېيىنكى خەننامە» دە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك دەپ تىزىمغا ئېلىنغان يۇرتلارنىڭ بىرىنىڭ نامى. ھازىر قەشقەر دائىرىسىدە تارىختا ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قەدىمكى كىچىك بەگلىكلەردىن ساكارائول (يەكەن) بەگلىكى (莎车国)، بۈگۈنكى قاغىلىقنىڭ جەنۇبىنى كۆرسىتىدىغان كۆكيار بەگلىكى (子合国)، تاشقورغاننىڭ قىسىمەن جايلىرىنى كۆرسىتىدىغان پۇلى بەگلىكى (国 黎蒲 )، پوسكام، قاغىلىق ۋە قاغىلىق ئەتراپىنى كۆرسىتىدىغان يولئېرىق بەگلىكى (西忟国) (بەزى مەنبەلەردە «چەكۇك بالىق» (朱驹国) دەپ ئېلىنغان)، يېڭىسار ناھىيىسى تەۋەسىنى كۆرسىتىدىغان ئىناي بەگلىكى (依耐国) (بەزى مەنبەلەردە «ئۇسار بالىق» (乌国) دەپ ئېلىنغان)، مارالبېشى ئەتراپىنى كۆرسىتىدىغان بارچۇق (巴楚) (بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا « سەپەرباي بەگلىكى »
(国头尉) دەپ ئېلىنغان) قاتارلىق پارچە-پارچە بوستانلىقلاردىن ھاسىل بولغان كىچىك بەگلىكلەرنىڭ بارلىقىمۇ يېزىلىغان. بۇ بەگلىكلەر تارىخىي تەرەققىياتلار داۋامىدا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى قوشۇۋېلىشى ياكى تەبىئىي قوشۇلۇش داۋامىدا يوقىلىپ، قىسمەنلەرنىڭ ناملىرىمۇ ئۆزگەرگەن. ئەڭ ئاخىرقىلىرى X ئەسىردە ئىسلام دىنى قەشقەرگە تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، قەشقەرنى ئاستانە قىلغان قاخانىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن توللۇق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.

«قەشقەر» دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى توغرىسىدا ئىلگىرىكى مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلار كۆپ خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە تا ھازىرغا قەدەر قايىل قىلارلىق بىرلىككە كەلگەن قاراش شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە توختالماي، پەقەت مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن «قەشقەر»دېگەن نام ئۈستىدىلا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. «قەشقەر» دېگەن نام ئەڭ بۇرۇن چاۋشيەن مىللىتىدىن بولغان راھىب خۇي چاۋنىڭ (؟-780) «ئەنەتكەك خاتىرىلىرى» (ھىندىستان خاتىرىسى) دېگەن كىتابىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇ ئۆز كىتابىدا قەشقەرنىڭ نامىنى «سۇلى» دەپ خاتىرىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇ يەرنى «قاشقارا» ياكى «قەشقىرى» (伽师低离) دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردە ياشىغان پىر خويلىننىڭ (斐(慧林 «بارچە نوملارنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئىزاھاتى» ( 一切经音义) دېگەن كىتابىدىمۇ «كاشغەرى» ( 黎 佶 伽师) دېگەن نامدا يېزىلغان. پارىژ دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان، XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پائول پىللىئوت دۈنخۇاڭدىن ئاچىقىپ كەتكەن P5538a نومۇرلۇق ئۇدۇن ساك تىلىدىكى X ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بىر پارچە مەكتۇپتىمۇ «7-ئايدا لەشكەرلەرنى باشلاپ khyesa kara غا يېتىپ كەلدۇق. مەزكۇر شەھەر ئاھالىسى ئەل بولماققا تەييار بولغان ئىكەن» دېگەن خاتىرە بار. بۇ نامنىڭمۇ ھازىرقى قەشقەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. قامۇسى ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۈگۈنكى نامغا ئوخشاش «قەشقەر» (喀什噶尔) دەپ خاتىرىلەنگەن. ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆز كىتابىدا يەنە «Kand» ئاتالغۇسىدا قەشقەرنىڭ تۆۋەن چىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، «كەند، شەھەر شۇنىڭدىن ئېلىنىپ كاشغەر دېيىلىدۇ. بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر دېگەنلىك. چۈنكى، بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئاپراسىياپ شۇ شەھەردە تۇرغان» دەيدۇ. يۇقىرىقىلار قەشقەرنىڭ ھازىرقى نامىنىڭ خېلى بۇرۇنقى زامانلاردىلا ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى ھەمدە قەشقەر بوستانلىقىدىكى مەركىزىي شەھەرنىڭ قەدىمدە «ئوردا كەند» دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خاتىرىلەردە قەشقەرنىڭ نامىنى «خاشغار» (喀实哈尔) دەپمۇ يېزىلغان. چىڭ سۇلالىسى خاتىرىلىرىدە «كاشغەر» (喀什噶尔) دەپ يېزىلغان. ھازىر قىسقارتىلىپ «قەشقەر» (喀什) دەپ ئاتالماقتا.
قەشقەر بوستانلىقى قەدىمدە «يىپەك يولى»نىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى جەنۇبىي يول بۆلىكى بولغان لوپنۇر، مىران، كروران، چەرچەن، خوتەن لىنىيىلىرى بىلەن ئوتتۇرا يول بۆلىكى بولغان تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا، ئاقسۇ لىنىيىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇلۇش تۈگۈنى بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئۆتۈپ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، كەشمىر، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە بارىدىغان كارۋان يولىنىڭ چوقۇم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان ئېغىزى ئىدى. غەرب ئەللىرىنىڭ سەيياھ، ئالاقىچىلىرى، سودىگەرلىرىمۇ ئالدى بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى تاغ ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈپ، داۋان ئېشىپ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى مەنزىلگاھلىرىغا يېتىپ بارالايتتى. بۇ خىل جۇغراپىيىلىك ئەۋەزەللىك قەشقەرنى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ سۈركىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ يەردە قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى، ھىندى بۇددا مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئويغۇرلارنىڭ يەرلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇشى بىلەن شەكىللەنگەن، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان ئالاھىدە سىنگىرتىك مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. جۈملىدىن بۇ يەردە قەدىمدىن باشلاپ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، تەبىئىي ھالدا كۆپ تەرەپلىك، كۆپ مەنبەلىك. كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ مەدەنىيەت گازارمىسى شەكىللەنگەن. شۇڭا، قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەممە يەردىن خۇددى كېچە ئاسمىنىغا چېچىلغان يۇلتۇزلاردەك قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەدىمىي شەھەر، قورغان، قەدىمىي قەبرە، بۇتخانا ئىزلىرى، بۇددا مۇنارلىرى، مازار-مەقبەرە، مەسچىت، مەدرىسە، ئۆتەڭ-رابات، قەدىمكى ئاتەشتۇر، سېپىل، غار، قەدىمكى ئىمارەت قاتارلىق تارىختىكى ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، قەشقەردىكى بۇ خىل مەدەنىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت گېنىزىيىسىنى يوقاتمىغان ئاساستا، ئالدىن بىلەن ھازىرقى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بولغان گرېك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كلاسسىك ئەسەرلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئاغزىدا رىۋايەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى IV-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان ئالىكساندىر ماكودونسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين) توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ بۇ يەردىكى خەلقلەرگە قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. گەرچە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى II-ئەسىرلەردە ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ سەركەردىسى قۇجۇلا كادفىس (Kujulakadphises) قۇرغان كۇشان (国霜贵) ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى ئىمپېراتور كانىشكا (Kaniska) خان زامانىسىدا خوتەن (ئۇدۇن) گە تارقىلىپ بولغان بۇددا دىنى ناھايىتى تىزلا قەشقەرگە تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك خەلقلەر بۇددا دىنى يەرلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن يۇنان مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىللىنزىم مەدەنىيىتىنى شەككىللەندۈرۈش ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرگەن، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ شۇ دەۋردىكى مەنىۋى مۇھىتىدا مەيلى ھۈنەر-سەنئەت، ناخشا-ئۇسۇل، مۇزىكا، نەققاشلىق ۋە بىناكارلىق جەھەتتە بولسۇن، خاراكتېر جەھەتتىن بۇددىزم مەدەنىيىتىدىن پەرقلىق ھالدىكى قەندىھار مەدەنىيىتىگە (بۈگۈنكى ئافغانىستانغا قاراشلىق قەندىھار رايوندىكى قەدىمكى مەدەنىيەت. ئا) ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزىگە خاس بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ياراتقان. بۇنى قەشقەر تەۋەسىدىكى «توققۇز ساراي قەدىمىي شەھىرى»، «تۇمشۇق بۇددىزم خارابىسى» ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بۇددىزم ئىبادەتخانىلىرىنىڭ خارابىلىرىدىن تېپىلغان بۇددىزم مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇددا دىنى قەشقەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان 1000 يىلغا يېقىن تارىخىي زامانلاردا ئۇيغۇرلارغا پارس مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ تارقىلىپ كىرگەن زوروئاستىر دىنى (销罗亚斯德教) ۋە مانى دىنى (摩尼教)لىرىمۇ شۇنىڭدەك دۇنيا خاراكتېرلىك ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان شامانزىم ئىشەنچىلىرى (萨满信仰) نىڭ چۆكمىلىرىمۇ قەشقەردە بۇددا دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. پەقەت مىلادىيە X –ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ بۇرۇن قەشقەرگە تارقىلىپ كىرىشى، ئىسلام دىنى ئىدىيىسىنىڭ تەقىب قىلىشى ۋە چەكلەش، ئىنكار قىلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان. ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى 1000 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بۇددىزم ئاساسىدىكى ئارلاشىما ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۆز تەسىرىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي قۇرۇلمىسىدا يېڭى بىر گارمونىك قاتلام ھاسىل قىلغان.

مىلادىيە 850-يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان قاراخانىيلار سۇلالىسى مىلادىيە 1211-يىلى خېشى رايونلىرىدا قارا كىدانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى كۈچلۈكنىڭ قولىدا ھالاك بولغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەردە گۈللەنگەن شانلىق ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى خرىستىئان دىنىنى تەرغىب قىلغۇچى نايمانلارنىڭ قولىدا بىر مەھەل ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان موغىلىستان ياكى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە يەنە قايتىدىن راۋاجلاندى. مىلادىيە 1514-يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇپ، مىلادىيە 1678-يىلى بۇ خانلىق جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر بولغان 164 يىللىق تارىختا گەرچە ئاپئاق خوجا قاتارلىق سوپى- ئىشانلارنىڭ خەلقنى بىخۇدلاشتۇرۇشى تەسىرىدە خەلق ئاممىسى بىر مەزگىل خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى قەشقەردە غەيرىي نورمال تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قەشقەردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلما جەھەتتىن يەنىلا ئىسلام دىنى ئىدېئولوگىيىسىنى مەركىزىي ئوق قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلدى.

جۇڭغارلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند خانلىقىدىن قەشقەرگە سىڭىپ كىرگەن مۇھەممەت ياقۇپبەگ تەرىپىدىن قەشقەرگە قۇرۇلغان «يەتتە شەھەر» قورچاق ھاكىمىيىتى مىلادىيە 1878-يىلى تولۇق ئاغدۇرۇلۇپ، چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈردى.
مىلادىيە 1884-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى رەسمىي ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلدى. بۇ مەزگىلدە قەشقەردە ئامبال مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، ھازىرقى قەشقەر تەۋەسىدىكى بارلىق ناھىيىلەر بىلەن خوتەن رايونى قەشقەر ئامبال مەھكىمىسىگە قاراشلىق بولدى. مىلادىيە 1912-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە شىنجاڭغا يان زىڭشىڭ ھۆكۈمران بولدى. بۇ مەزگىلىدە قەشقەر ئامبىلىغا يېڭىشەھەر، كونىشەھەر، مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، تاشقورغان(پۇلى) ، قاغىلىق، گۇما، يېڭىسار، خوتەن، لوپ، مەكىت، پوسكام، ئۇلۇغچات قاتارلىق زېمىنلار تەۋە بولدى. مىلادىيە 1929-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە شىنجاڭغا جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ مەزگىلدە قەشقەر ئامبال مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قەشقەر مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنىپ، مەمۇرىي ۋالىيلىق يولغان قۇيۇلدى. يېڭىشەھەر، كونىشەھەر، يېڭىسار، تاشقورغان، يەكەن، مارالبېشى، مەكىت، ئۇلۇغچات، يوپۇرغا، ئاتۇش قاتارلىق ناھىيىلەر قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قاراشلىق بولدى. 1943-يىلى قەشقەر مەمۇرىي رايونى قەشقەر ۋە يەكەندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتكە ئايرىلدى. بۇ ئىككى ۋىلايەتكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋالىيلار تەيىنلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ۋە مەكىت ناھىيىلىرى يەكەن ۋىلايىتىگە قارىغاندىن باشقا، ئاتۇش ۋە ئۇلۇغچاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قالغان ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولدى. 1949-يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىندى. قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، بۇرۇنقى ناھىيىلەرنى داۋاملىق باشقۇردى. 1952-يىلى 9-ئايدا قەشقەردە قەشقەر شەھىرى تەسىس قىلىندى. قەشقەر شەھىرىگە قەشقەر شەھەر رايونىدىن باشقا، يېڭىشەھەر بىلەن كونشەھەرمۇ قارايدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدە قەشقەر شەھىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايتتى. 1954-يىلى 8-ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ۋالىي مەھكىمىسى قەشقەر شەھىرىدە تەسىس قىلىندى. بۇرۇنقى قەشقەر ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بارلىق ناھىيىلەر جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن يەكەن ۋىلايىتى ۋە ۋالىي مەھكىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە قوشۇۋېتىلدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمە «قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي كومىتېت» دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1978-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى ۋالىي مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىگە قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر، كونىشەھەر، مارالبېشى، پەيزىۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار، مەكىت، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ناھىيىلىرى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قاراشلىق بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە 141 يېزا، 26 بازار، تۆت كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى 93 ئاھالىلەر كومىتېتى، 2188 كەنت-مەھەللەر كومىتېتلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر دائىرىسىدە يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى، پوسكام نېفىت ، تەبىئىي گاز بازىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دېۋىزىيىسى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بار.

قەدىمىي بوستانلىق قەشقەر ۋە «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» قەشقەر شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، نەپىس ھۈنەر –سەنئەتلىرى، ئالاھىدە تەبىئىي مەنزىرىلىرى، قەدىمىي ۋە مول بولغان تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن چەت ئەللىك سەيلە-ساياھەتچىلەرنى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە: بۇ ماقالە (ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي___ قەشقەر) دېگەن كىتابتىن ئىلىغان.

ئەسەر يوللىغۇچى: كۆكتۇغ

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * سىياسىي تارىخىمىز، * ماكان تارىخىمىز، * مەدەنىيەت تارىخىمىز
يېڭى يازمىلار